ئورخۇننى قوللامسىز؟ | مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر | مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى | Munber hetni Nurmal Korelmigenler |
سىز بۇ تېمىنىڭ 432ـ كۆرۈرمىنى
Kulbilge
دەرىجىسى :شەرەپلىك ئەزا |
|
---|
ئورال تىللىق خەلقلەر توپلاپ رەتلىگۇچى: كۇلبىلگە ئورال تىللىق خەلقلەر دىگىنىمىز ئالتاي-ئورال تىل سىستىمىسىنىڭ ئورال تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان مىللەت ۋە ئىتنىك گۇرۇپلارنىڭ ئومومى ئاتىلىشى بولۇپ، بۇ خەلقلەر ئاساسلىقى ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قورۇقلىقىنى تۇتاشتۇردىغان ئورال تاغلىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا شەرقى شىمالى ياۋروپا، غەربى شىمالى ئاسىيا ۋە شىمالى ئاسىيانىڭ سىبىرىيە رايونلىرىغا تارالغان. ئومومى نوپۇسى 20مىليوندىن ئارتۇق. ئورال تىللىرى ئۆز ئىچىدىن ئۇچ چوڭ تارماق، 20نەچچە تىلغا بۇلۇنىدۇ. تۆۋەندە ئورال تىللىرىنىڭ تۇرلەرگە ئايرىلىشنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئورال مىللەتلىرىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى. ئورال تىللىرى چوڭ جەھەتتىن فىن تىللىرى ئائىلىس، ئۇگۇر تىللىرى ئائىلىس، سامۇيىد تىللىرى ئائىلىس دەپ ئۇچ چوڭ تارماققا ئايرىلىدۇ. بەزىدە فىن تىللىرى بىلەن ئۇگۇر تىللىرى قوشۇلۇپ فىن-ئۇگۇر تىللىرى ئائىلىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. A. فىن تىللىرى ئائىلىسى 1. بالتىق فىنىكلىرى: 1) فىنلار(Finish)- سۇمىلار(Suomi) دەپمۇ ئاتىلىدۇ، فىنلاندىيە جۇمھۆرىيىتىدىكى ئاساسلىق مىللەت، ئومومى نوپۇسى 6 مىليوندىن ئارتۇق،ئورال خەلقلىرى ئىچىدە نوپۇسى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. فىنلاندىيەنىڭ ئىلىكترون سانائىتى دۇنيا بۇيىچە ئالدىنقى ئورۇندا بۇلۇپ،دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يانفون شىركىتى ھىساپلانغان Nokia شىركىتى دەل مۇشۇ دۆلەتتىن چىققان. 2) ئىستىلار(Eesti) – ئومومى نوپۇسى 1مىليون 200مىڭدىن ئارتۇق، ئىستونىيە جۇمھۆرىيىتىنىڭ ئاساسلىق مىللىتى. 3) كارىلىئانلار(Karelian) – ئومومى نوپۇسى 120مىڭدىن ئارتۇق، روسىيە كارىلىئان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى. 4) ۋورۇلار(Voro) – ئومومى نوپۇسى 70مىڭدىن ئارتۇق، ئاساسلىقى ئىستونيە جۇمھۆرىيىتىنىڭ ۋورو ئۆلكىسىگە ماكانلاشقان. 5) ۋېپسلار(Veps) – ئومومى نوپۇسى 12500دىن ئارتۇق، ئاساسلىقى روسىيە ۋىپس ئاپتۇنۇم ئوبلاستىغا ماكانلاشقان. 6) سىتولار(Seto) – ئومومى نوپۇسى 5000دىن ئارتۇق، ئاساسلىقى ئىستونىيەنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى سىتوما يىزىسىغا ماكانلاشقان. يوقۇرقىلاردىن باشقا يەنە ئىنگىرىيانلار(Ingrian)،لىۋولار(Livo)،ۋوتىكلار(Votic) قاتارلىق ئىنتىك گۇرۇپلارمۇ بار بولۇپ، بۇلار ئاساسلىقى روسىيەنىڭ غەربى شىمالىدىكى رايونلارغا تارقالغان. (سابىق سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ مىللەت ئايرىش سىياسىتىنىڭ زىيانكەشلىگە ئۇچراپ مىللەت ئاتىلىپ قالغانلار) 2. ۋولگا(ئىدىل) فىنىكلىرى 1) مارىلار(Mari) – ئومومى نوپۇسى 600مىڭدىن ئارتۇق، روسىيە مارى ئاپتۇنۇم جۇمھۆرىيىتىنىڭ ئاساسلىق مىللىتى. 2) ئېرزىئالار(Erzya) – ئومومى نوپۇسى 520مىڭدىن ئارتۇق،روسىيە موردوۋىيە جۇمھۆرىيىتىنىڭ ئاساسلىق مىللىتى. 3) موكشالار(Moksha) – ئومومى نوپۇسى 500مىڭدىن ئارتۇق، روسىيە موردۇۋىيە جۇمھۆرىيىتىنىڭ ئاساسلىق مىللىتى. (موردۇۋىيە جۇمھۆرىيتى ئېرزىئالار بىلەن موكشۇلارنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان جۇمھۆرىيەت بولۇپ، بۇ ئىككى مىللەتمۇ سابىق سۆۋىتنىڭ مىللەت ئايرىش سىياسىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان.) يوقۇرقىلاردىن باشقا يەنە مىريالار(Merya)،مىشچىرلار(Meshcher)،مۇرۇملار(Murum) قاتارلىق ئىتنىك گۇرۇپلار مەۋجۇد بولۇپ، روسىيەنىڭ غەربى جەنۇبىدىكى رايونلارغا تارالغان. 3. پېرمىكلار(Permic) 1) ئۇدمۇرتلار(Udmurt) – ئومومى نوپۇسى 550 مىڭدىن ئارتۇق، ئاساسلىقى روسىيە ئودمۇرت جۇمھۆرىيىتىگە ماكانلاشقان. 2) كومىلار(Komi) – ئومومى نوپۇسى 300 مىڭدىن ئارتۇق، ئاساسلىقى روسىيە كومى جۇمھۆرىيىتگە ماكانلاشقان. 3) پىرمياكلار(Permyak) – ئومومى نوپۇسى 120 مىڭدىن ئارتۇق، ئاساسلىقى روسىيە كومى-پىرمياك ئوبلاستىغا ماكانلاشقان. 4. سامىلار(Samilar) 1) داۋۋى سامىلار(davviSami) – ئومومى نوپۇسى 20 مىڭدىن ئارتۇق، ئاساسلىقى نۇرۋىگىيە، شىۋىتسىيەلەرنىڭ شىمالى قسىملىرىغا تارقالغان. 2) لۇل سامىلىرى(LuleSami) – ئومومى نوپۇسى 2000دىن ئارتۇق، ئاساسلىقى شىۋىتسىيە، نۇرۋىگىيەلەرگە تارقالغان. بۇلاردىن باشقا يەنە يەنە روسىيەنىڭ شەرقى شىمالى، نۇرۋىگيە، شىۋىتسىيەلارنىڭ شەرقى شىمالى قىسىملىرىغا تارقاق ئورۇنلاشقان كېمى سامىلىرى(KemiSami)،كىلدىم سامىلىرى(KildemSami)، پىتا سامىلىرى(PitaSami)،جەنۇپ سامىلىرى(NorshernSami)، تېر سامىلىرى(TerSami)، ئۇم سامىلىرى(UmeSami) قاتارلىق ئىنتىك گۇرۇپلارمۇ مەۋجۇد. B. ئۇگۇر تىللىرى ئائىلىس 1) ھونگارلار(ماجالار دەپمۇ ئاتىلىدۇ، Magyar) – ئومومى نوپۇسى 15 مىليوندىن ئارتۇق، ۋىنگىرىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسلىق مىللىتى. ئورال خەلقلىرى ئىچىدە نوپۇسى ئەڭ كۆپ مىللەت. 2) خانتىلار(Khanty) – ئومومى نوپۇسى 12 مىڭدىن ئارتۇق، ئاساسلىقى روسىيە خانتى-مانىس ئاپتونۇم ئوبلاستىغا ماكانلاشقان. 3) مانسىلار(Mansi) – ئومومى نوپۇسى 3200دىن ئارتۇق، ئاساسلىقى روسىيە خانتى-مانىس ئاپتۇنۇم ئوبلاستىغا ماكانلاشقان. C. سامۇيىد تىللىرى ئائىلىسى سامۇيىدلار ئاساسلىقى روسىيەنىڭ سىبىرىيە رايونىغا، يىنسەي دەرياسىنىڭ يوقۇرى ئىقىنلىرىغا ماكانلاشقان بولۇپ،ئومومى نوپۇسى 35مىڭدىن ئارتۇقراق. سامۇيىد تىللىرى ئۆز ئىچىدىن يەنە شىمالى سامۇيىد تىللىرى ۋە جەنۇبى سامويىد تىللىرى دەپ ئىككى چوڭ تارماققا ئايرىلىدۇ. 1. شىمالى سامويىدلار 1) نىنتىسلار(Nenets) – ئومومى نوپۇسى 31مىڭدىن ئارتۇق، ئاساسلىقى روسىيە نىنتىس ئاپتۇنوم ئوبلاستىغا ماكانلاشقان. 2) ڭاناسانلار(Nganasan) – ئومومى نوپۇسى 1000دىن ئارتۇقراق، روسىيەنىڭ سىبىرىيە رايونىغا ماكانلاشقان. يوقۇرقىلاردىن باشقا يەنە يىنتىسلار(Yenets)، يۇراتلار(Yurat) قاتارلىق ئىتنىك گۇرۇپلار بار، ئاساسلىقى يىنسەي دەرياسىنىڭ يوقۇرى ئىقىنى ۋە سىبىرىيەگە تارالغان. 2. جەنۇب سامۇيىدلىرى 1)سىلكاپلار(Selkap) – ئومومى نوپۇسى 1500دىن ئارتۇق، روسىيە يىنسەي دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارغا ماكانلاشقان. يەنە كاماسلار(Kamas)، ماتورلار(Mator)،كويباللار(Koybal) قاتارلىق ئىنتىك گۇرۇپلارمۇ مەۋجۇد. ئەمما بۇلارنىڭ نوپۇسى ئىنتاين ئاز بولۇپ، بەزىلىرى يوقۇلۇش گىردابىغا بىرىپ قالغان. قوشۇمچە: يوقۇرقىلاردىن باشقا روسىيەنىڭ يىراق شەرق رايونىدىكى ياقۇت(خاكاس) جۇمھۆرىيىتىنىڭ كولىما دەرياسىنىڭ بويلىرىدا يۇكاگىرلار(Yukagirs) دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر ئىتنىك گۇرۇپ بولۇپ، ئومومى نوپۇسى 2000غا يىقىن. بەزى تىلشۇناسلار مۇشۇ خەلقنىمۇ ئورال تىللىق خەلقلەر بىلەن باغلىنىشلىق دەپ قارايدۇ. [ بۇ يازما Kulbilge تەرىپىدىن 2008-09-12 14:35 دە قا ] |
||
![]() |
سىز بۇ تېمىنىڭ 432ـ كۆرۈرمىنى
zirek
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 432ـ كۆرۈرمىنى
kisek
دەرىجىسى :باشقۇرغۇچى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 432ـ كۆرۈرمىنى
MARSHALL
دەرىجىسى :ياساۋۇل |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 432ـ كۆرۈرمىنى
kisek
دەرىجىسى :باشقۇرغۇچى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 432ـ كۆرۈرمىنى
Kulbilge
دەرىجىسى :شەرەپلىك ئەزا |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 432ـ كۆرۈرمىنى
udun
دەرىجىسى :باشقۇرغۇچى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
سىز بۇ تېمىنىڭ 432ـ كۆرۈرمىنى
udun
دەرىجىسى :باشقۇرغۇچى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
![]() |