نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبلىرىنىڭ
تولۇق تىزىملىكى (7)
( 1960-يىللار )
تەييارلىغۇچى: نازىمى
1. 1961-يىلى:
(سابىق يۇگوسلاۋىيە، خورۋات مىللىتىدىن)
ئىۋو ئاندرىچ Ivo Andrić
( 1889 - 1975 )
مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلۈش سەۋەبى:
«ئۆز ئېلىنىڭ تارىخى بىلەن باغلىق بولغان ئىنسان تەقدىرى ۋە مەسىلىلىرىنى بىر پۈتۈنلىكتە ئېچىپ بېرەلىگەن نەسرىي ژانىردىكى ئىستىداتلىق قابىلىيىتى ئۈچۈن.»
2. 1962-يىلى:
(ئا ق ش)
جون ئېرنست ستېينبېك
John Ernst Steinbeck
(1902 - 1968)
مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلۈش سەۋەبى:
«يېنىك يۇمۇر، كەسكىن ئىجتىمائىي قاراشلىرىنى بىرلەشتۈرۈشنى بىلگەن رىيال شېئىرىي تەقدىملىرى ئۈچۈن.»
3. 1963-يىلى:
(گرېتسىيە)
يورگوس سېفېرىس
Γιώργος Σεφεрιάδης
( 1890 - 1971 )
مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلۈش سەۋەبى:
"قەدىم ئەلنىڭ سىرتقى دۇنيانى قايىل قىلالىغان گۈزەل لىرىك ئەسەرلىرى ئۈچۈن."
4. 1964-يىلى:
(فرانسىيە، مۇكاپاتنى رەت قىلغان)
ژان-پول سارتر
Jean-Paul Sartre
( 1905 - 1980 )
مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلۈش سەۋەبى:
«ئۆز دەۋرىگە زور تەسر كۆرسىتەلىگەن ئەركىنلىك روھى بىلەن ئىجادىيەتلىرىدە ئىزدەنگەن سەمىمىيىتى تولۇپ تاشقان باي ئىدىيىسى ئۈچۈن.»
5. 1965-يىلى:
مىخائىل شولوخوف
(سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى)
مىخائىل ئالېكساندروۋىچ شولوخوف
Михаил Александрович Шолохов
( 1905 - 1984 )
مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلۈش سەۋەبى:
«روسسىيىنىڭ دەۋر ئالمىشىش شارائىتىدىكى دون كازاكلىرىنىڭ شەجەرىسىنى ئىپادىلەشتىكى بەدىئىي تالانتى ئۈچۈن.»
6. 1966-يىلى:
(مۇشۇ يىلى ئىككى كىشىگە بېرىلگەنىكەن)
(ئىسرائىلىيە)
شمۇئېل يوسېف ئاگنون
שמואל יוסף עגנון
( 1887 - 1970 )
مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلۈش سەۋەبى:
«يەھۇدىي خەلق موتىفلىرىگە باي چوڭقۇر مەنالىق نەسرىي ئەسەرلىرى ئۈچۈن.»
(شۋېدسىيە تەۋەلىكىدىكى گېرمانىيىلىك)
نېللى زاكس Nelly Sachs
(1891 - 1970)
مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلۈش سەۋەبى:
«يەھۇدى خەلقىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئىزدەنگەن كۆرۈنەرلىك لىرىك ھەم دراما ئەسەرلىرى ئۈچۈن.»
7. 1967-يىلى:
مىگېل ئانخېل ئاستۇرىئاس
(گۋاتىمالا)
(1899 - 1974)
مىگېل ئانخېل ئاستۇرىئاس
Miguel Ángel Asturias
مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلۈش سەۋەبى:
«ئەسەرلىرىدە لاتىن ئامېرىكىسى ئىندىئانلىرىنىڭ ئۆرۈپ-ئادەت ۋە ئەنئەنىلىرىگە كۆيۈنىش تۇيغۇسىدىكى يارقىن ئىجادىي مۇۋاپىقىيەتلىرى ئۈچۈن.»
8. 1968-يىلى:
(ياپونىيە)
ياسۇنارى كاۋاباتا
かわばた やすなり 川端 康成
(1899 - 1972)
مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلۈش سەۋەبى:
«ياپونلۇقلارنىڭ روھى ماھىيىتىنى سۈرەتلەپ بېرەلىگەن يېزىقچىلىق قابىلىيىتى ئۈچۈن.»
9. 1969-يىلى:
(ئىرلاندىيە)
سېميۇئېل بېككېت Samuel Beckett
(1906 -1989)
مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلۈش سەۋەبى:
«زامانىمىز ئىنسانلىرىنىڭ پاجىئەلىرى ۋە روھى ئىزتىراپلىرىدىن غالىپ كېلىشىگە ئىلھام بېرەلەيدىغان يېڭىچە نەسرىي ۋە دراما ئەسەرلىرى ئۈچۈن.»
10. 1970-يىلى:
ئالېكساندر ئىسايېۋىچ سولژېنىتسىن
(سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى)
سولژېنىتسىن 1994-يىلى روسسىيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئالېكساندر ئىسايېۋىچ سولژېنىتسىن
Александр Исаевич Солженицын
(1918 - 2008)
مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلۈش سەۋەبى:
«رۇس ئەدەبىياتى ئەنئەنىلىرىنى ئۆز ئەسەرلىرىدە قەيت قىلىپ ئۆتۈش يۇلىدىكى بەدىئىي كۈچى ئۈچۈن.»
ئىنتېرنەتتىكى رۇسچە مەنبەلەر ئاساسىدا تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: نازىمى
تېما ئىگىسىدىن رۇخسەتسىز، باشقا مۇنبەرلەرگە ۋە نەشرياتلارغا كۆچۈرۈپ پايدىلىنىش رەت قىلىنىدۇ!
[ بۇ يازما Nazimi تەرىپىدىن 2008-09-12 18:39 دە قايت ]