نۆۋەتتىكى تېما : يوقاتقان ئەڭگۈشتەرنى ئىزدەش يولىدا تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 386ـ كۆرۈرمىنى
ghemkin

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 4284
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە1دانە
شۆھرىتى: 3 نومۇر
پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-09-12
ئاخىرقى : 2008-09-12

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 يوقاتقان ئەڭگۈشتەرنى ئىزدەش يولىدا

بۇ يازمىغا TuranTekin دىن تەكلىپ - پىكىر غا يۆتكەلدى (2008-09-13)

 

يوقاتقان ئەڭگۈشتەرنى ئىزدەش يولىدا


يار مۇھەممەت تاھىر تۇغلۇقنىڭ« يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئائىلە تەربىيىسى » ناملىق كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسى ئورنىدىكى ماقالە


          تورغا يوللىغۇچىنىڭ قىستۇرمىسى:
     مەن بۇ ماقالىنى ئوقۇپ، مىللەت ھەققىدە ئۇزۇندىن بېرى ھېس قىلىپ كېلىۋاتقان، قەلبىمنى تۈگىمەس ئىزتىراپقا سېلىۋاتقان نۇرغۇن گۇڭگا سوئاللارغا جاۋاب تېپىپ، كۆز ئالدىم پاللىدە يورۇپ كەتكەندەك بولدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ ماقالىنى نەچچە كۈن ۋاقتىمنى سەرپ قىلىپ ئۇرۇپ چىقىپ، ئاپتورنىڭ رۇخسىتىسىز تورغا يوللىدىم. بۇ ماقالە ئوقۇرمەنلەرنىڭ روھىي ئالىمىدىكى پەرزەنت تەربىيىسى، مىللەتنىڭ ئەتىسى ھەققىدىكى بىر قىسىم تۈگۈنلەرگە جاۋاب بېرەلىسە، ئاپتورنىڭ ئىجادىيەت ئەجرى مېنىڭ خەت ئۇرۇش ئەجرىم ھاسىل بولاردەيمەن، شۇڭا ئاپتور ۋە باشقا ھەقدارلار نارازى بولماس دېگەن ئۈمىدتىمەن.
     ئىملاسى خاتا خەت يېزىش ئۆز مىللىتىنىڭ تىل يېزىقىغا قىلىنغان زور مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە شۇ مىللەتنىڭ تىل يېزىقىغا قىلىنغان چوڭ ھۆرمەتسىزلىك دەپ قارايمەن. زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولساممۇ، يەنىلا ئىملا خاتالىقلىرىدىن ساقلىنالماسلىقىم تەبىئىي، تۈزىتىپ ئوقۇشىڭلارنى ۋە كۆرسىتىپ قويۇشىڭلارنى سورايمەن.

     مۇھەممەت مۇستاپا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق بىر مەشھۇر گەپنى قىلغان: « موئمىن ئۆزى يوقىتىپ قويغان ھېكمەت گۆھىرىنى قەيەردىن تاپالىسا، تېپىشقا ھەقلىق ». مەن بۇ ھېكىمەتلىك سۆزنىڭ ئىلىھامى بىلەن پارلاق ھەم خۇنۈك، يارقىن ھەم جاھالەتلىك، كومېدىيىلىك ھەم تراگېدىيىلىك، مۇۋەپپەقىيەتىلىك ھەم مەغلۇبىيەتلىك، كۈلكىلىك ھەم ئازابلىق، سائادەتلىك ھەم قاباھەتلىك تارىخىمىزنىڭ يىراق ئۆتمۇشىگە نەزەر سالدىم. بىز زادى قانداق ھېكمەت گۆھىرىنى يوقىتىپ قويغانىدۇق، دېگەن مەسىلە ئۈستىدە خېلى كۆپ ئويلاندىم. ئىنسانىيەت تارىخىدا شۇنچە شانلىق مەدەنىيەت ئۇرۇقلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن، دۇنيانىڭ شەرقىدە شەرق بىلەن غەربنى بىر – بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان ئالتۇن كۆۋرۈك بولۇپ رول ئوينىغان، «قاچان ئۇنى ئۇيغۇر دەپ تونۇسا، ئۇلۇغلۇق شۇنىڭغىلا تېگىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقىسىغا ئاشمايدۇ » ( مەھمۇد قەشقەرىي ) دەپ قەدىرلىنىپ، ئۇلۇغلۇق تاجىنى كىيگەن مۇنەۋۋەر مىللەت 13- ئەسىردىن تاكى 20- ئەسىرگە قەدەر بولغان سەككىز ئەسىر مۇساپىدە نېمە ئۈچۈن بارا – بارا قەددى پۈكۈلۈپ، زەئىپلىشىپ، دۇنيادىكى مەدەنىيەتلىك مىللەتلەر قاتارىدىن شاللىنىپ كەتكەندۇ، دەپ ئويلىنىپ قالدىم. بىر قىسىم تەتقىقات ئەسەرلىرىدە قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيادىن ئۆتىدىغان خەلقئارا كارۋان يولىنىڭ دېڭىزغا يۆتكىلىشى بىلەن بۇ چوڭ قۇرۇقلۇق چۆلدەرەپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار دۇنيا مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولۇپ قالدى، دەپ باھا بېرىلدى. بىراق مېنىڭ رايىم بۇ خىل يەكۈنگە قوشۇلمايىتتى. ئەجەبا ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتقا، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ قەدىمىگە ماسىلىشىش ئىقتىدارى يوق مىللەتمۇ، ئەگەر ئۇلاردا ھەر خىل تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشىش ئىقتىدارى بولمىسا، شۇنچە ئۇلۇغ مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرەلەيىتتىمۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلار مىلادىيىدىن خېلى بۇرۇنلا كېمىنى ئىختىرا قىلىپ، دېڭىز قاتنىشىنى باشلىغان ئىدى. شۇنداق ئەۋزەللىككە ئىگە تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن قۇرۇقلۇقتىن ئۈزۈلۈپ قالغان مەدەنىيەت رىشتىسىنى دېڭىز يولى ئارقىلىق ئۇلىيالمىدى؟ يەنە بەزى مۇلاھىزىلەردە ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلغانلىقى سەۋەبلىك مەدەنىيەت جەھەتتە ئارقىدا قالدى، دېگەن پىكىرنىمۇ قىلىشتى. ئەگەر مەسىلگە شۇنداق قارايدىغان بولساق، ھالىقىلىق نوقتىدا خاتا يەكۈن چىقارغان بولىمىز. ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن جاھالەتتە قالغان قالاق، مەدەنىيەتسىز، خاراكتېرى تولىمۇ تۇتۇرۇقسىز، بەدىۋىي ئەرەبلەرنى مەدەنىيەتلىك، پەزىلەتلىك مىللەتكە ئايلاندۇرغان روھ ئىسلام ئىتىقادى ئەمەسمىدى!؟ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئەرەب يېرىم ئارىلى بۆلۈنۈش، پارچىلىنىش ھالىتىدا تۇرغان. ئۇ پۈتۈنلەي ئۇرۇش _ جىدەل بولۇپ تۇرىدىغان، قىز بۇۋاقلىرىنى تىرىك كۆمىدىغان، ئاتىسى ئالغان ئايالنى خوتۇنلۇققا ئېلىشتىن ھايا قىلمايدىغان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىنسانلىققا يات بولغان نۇرغۇن قەبىھ قىلمىشلارغا ئىگە بىر خەلق ئىدى. قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، قۇلدارلار قۇللارنى ئادەم ئورنىدا كۆرمەيىتتى، ئىسلەم دىنى بۇ ئۇرۇشقاق مىللەتنى بىر بايراق ئاستىغا ئۇيۇشتۇردى، بۇرۇنقى بەدىۋىي، ناچار ئادەتلەرنى تۈگىتىپ، پەزىلەتلىك، بىر – بىرىگە ياردەم بېرىدىغان، مېھرىبان بىر مىللەتكە ئايلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، نۇرغۇن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى قۇرۇلۇپ، دۇنياغا مەشھۇر ئالىملارنى يېتىشتۈردى. شۇنداق قىلىپ ئەەبلەر نەچچە ئەسىر دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتكەن ئىدى.
     ئۇيغۇرلار مىلادىيە 950- يىللىرى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى. ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت دەرىجىسىنى بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈردى. مانا شۇ ئىسلام دىنىنىڭ مەنىۋىي تۈرتكىسىدىن ئۇيغۇرلار 11- ئەسىردىكى ئەدەبىي ئويغىنىش دەۋرىنى كۈتۈۋالدى. مىللەت سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە يۈكسەلدى. خەلقنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىدا زور يۈكسىلىش بولدى. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققى قىلدى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىدىمۇ زور يېڭىلىنىش بولدى، بىز « تۈركىي تىللار دىۋانى » دىن ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي مەدەنىيەت جەھەتتىكى نەتىجىلىرىنىڭ سېيماسىنى كۆرسەك، « قۇتادغۇبىلىك » تىن مەنىۋىي مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز پارلاق بىلىش نەتىجىلىرىدىن ۋاقىپ بولالايمىز. دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىدا كەم ئۇچرايدىغان مۇنداق بۈيۈك مەدەنىيەت ئۇتۇقلىرىنىڭ قانداق مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى بارلىقىدىن ھەيران قالىمىز، مەھمۇد قەشقەرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ روھى، خاراكتېرى ۋە ئەقىدىسىنى كۆرگەندەك بولىمىز. ئۇ بىر ھاياتى كۈچكە، ئۈمىدۋارلىققا توشقان روھ، تەۋرەنمەس ئىرادە، يۈكسەك مىللىي غورۇر بىلەن سۇغۇرۇلغان خاراكتېر، پاك، ئالىيجاناپ ئەقىدە بىلەن يۇغۇرۇلغان ئىنسان تەبىئىتى ئىدى.
     مىللەت خاراكتېرىنىڭ زەئىپلىشىشى، روھىنىڭ ئۆلۈشىگە ئۇلارنىڭ سىياسىي ئورنىدىن مەھرۇم بولۇشى بىلەن ئىقتىسادىي نامراتلىق سەۋەپ بولغانمۇ؟ بۇ ھايات قانۇنيىتىگە ئۇيغۇن ئەمەس، چۈنكى ھاكىمىيەت ۋە ئىقتىسادىي ئامىل مىللەتنىڭ خاراكتېرىگە، مىللى روھىغا تەسىر قىلىدىغان ماھىيەتلىك ئامىل بولالمايدۇ. ئەكىسچە خاراكتېرىنىڭ زەئىپلىشىشى ۋە روھنىڭ ئۆلۈشى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئورنىدىن مەھرۇم بولۇشنىڭ ئاساسىي ئامىلى بولىدۇ. سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى نامراتلىقنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇش ئوڭاي.، بىراق مەنىۋىي نامراتلىقنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلماق تولىمۇ تەس، ئەگەر روھى نامراتلىق بىلەن خاراكتېر زەئىپلىكى بولمىغاندا ، مەركىزىي ئاسىيادىن ئىبارەت شۇنچە مۇنبەت، باي تۇپراقتا نامراتلىققا چۈشۈپ قېلىشنى ئەقىل قۇبۇل قىلالالمايدۇ.
     ئۇنداق بولسا بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز 800 يىل داۋامىدا قولدىن بېرىپ قويغان ئەڭ قىممەتلىك ئەڭگۈشتەر نېمە؟ ئۇلار شۇنچە ئۇزۇنغا سوزۇلغان روھى قۇللۇق ئىسكەنجىسىدە تۇرۇپ يەنىلا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالغان كۈچ نەدىن كەلدى؟ بۇنى ئومۇملاشتۇرغاندا مۇنداق ئىككى سۆزگە مەركەزلەشتۈرۈپ بايان قىلىش مۇمكىن. بىرى، مىللەت تەربىيىلىنىش پۇرستىدىن ئاساسەن مەھرۇم بولدى، مىللەتنى تەشكىل قىلغان مۇتلەق كۆپ قىسمى نەچچە ئەسىر ساۋاتسىز، ئاڭسىز قېلىشتەك مەنىۋىي تراگېدىيىگە يولۇقتى. يەنە بىرى، قىسمەن تەلىم – تەربىيە يۆنىلىشى ۋە مەزمۇنىمۇ خاتا بولدى. تەربىيىسىزلىكتىنمۇ كۆرە، ھاياتنىڭ قانۇنىيىتىگە مۇخالىپ خاتا تەربىيىلىنىپ قېلىشنىڭ كەلتۈرىدىغان زىيىنى ئىنتايىن دەھشەتلىك ۋە قورقۇنچلىق بولىدۇ، شۇڭا مىللەت ئالدىغا ئەمەس، بەلكى ئىزچىل كەينىگە، دەۋرنىڭ قارشى يۆنىلىشىگە قاراپ ماڭدى ياكى چېكىندى. ئەقىل نۇرىمۇ بارا – بارا خىرەلەشتى، روھى ئۆلدى، مىللىي خاراكتېرمۇ زەئىپلەشتى. قانۇنىيەت شۇكى، ئەقىلمۇ، روھمۇ پەرۋىش قىلىنىشتىن نۇرلىنىدۇ، خاراكتېرىمۇ پەرۋىش قىلىنىشتىن كۆكلەيدۇ ۋە زورىيىدۇ، تەربىيىسىز قالسا ئەقىلمۇ تەرەققى قىلمايدۇ، روھ ئۆلىدۇ، خاراكتېرمۇ سۇسلىشىدۇ. خاتا تەربىيىچۇ؟ ئۇ خۇددى قاغجىراپ يامغۇرغا تەشنا بولۇۋاتقان دەرەخنى سۇ بىلەن سۇغارمىغاننىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ يىلتىزىغا تۇز كىسلاتاسى قۇيغاندەكلا قۇرۇپ قاقشال بولۇپ قالىدۇ.
     يۈسۈپ خاس ھاجىپ 11- ئەسىردىلا تەلىم – تەربىيە بىلەن ئىنساني كامالەتنىڭ، بىلىم بىلەن ئەقىلنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىنتايىن ئىلمىي ئاساستا يورۇتۇپ بەرگەن. خاتا تەربىيىنىڭ كەلتۈرىدىغان ئاپىتىنمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ئىدى. ئۇ تەربىيىسىز قالغان ئادەمنى « تىرىك ئۆلۈك »، « كېسەلمەن زەئىپ »، « ھايۋان » دېگەنگە ئوخشاش سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىگەن. « تىرىك ئۆلۈك » دېگىنى روھى ئۆلگەن تىرىك جەسەت دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى، خاراكتېرسىز گەۋدىنى « كېسەلمەن زەئىپ » ئادەمگە ئوخشاتقان ئىدى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ يەنە ئىنساننىڭ ئۇلۇغلۇقى ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا ئەقىل ئاتا قىلغانلىقىدا، دەپ قارايدۇ. بىراق مانا شۇ ئەقىل چىرىغىنىمۇ بىلىمسىز يورۇتالمايدىغانلىقىنى يەكۈنلەيدۇ، يەنى : « ئەقىل بەدەندىن ئىبارەت قاراڭغۇ ئۆيدىكى چىراغ، بىراق ئەقىل چىرىغى ھەرگىز بىلىمسىز يورۇماس ( 1840- نەزمە ) ». ئەپسۇسكى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئەقىلنىڭ رولىغا ئىتىبار بېرىلمىدى، ئەقىلنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈسىتىدە ئىزدىنىش ئاز بولدى. مەن شۇنىڭدىن تولىمۇ ئەجەپلىنىمەنكى، ئىسلام دىنىمۇ ئەقىلگە يۇقىرى ئىمىتياز ئاتا قىلغان، ئەقىلگە يۈكسەك قەدىر – قىممەت نەسەبىنى بەرگەن دىن. ئەقىلنى ئاللاھ تائالا ئات قىلغان نېمەت دەپ تونۇيدىغان، ئۇنى ئوقۇپ بىلىم ئېلىش، ئەتراپلىق تەربىيىلىنىش ئارقىلىقلا، تاكامۇللاشتۇرغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا روشەن دەۋەت ۋە بىشارەتلەرگە ئىگە بولۇپ تۇرۇقلۇقمۇ، يەنىلا ئەقىل چىرىغىنى يورۇتۇشقا كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىنى ئويلاپ يەتكىلى بولمايدۇ. بۇنىڭدىنمۇ ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ كېيىنكى دەۋرلەردە ئىنتايىن خاتا، ئازغۇن بىر تەربىيىنىڭ دامىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ.

     « قۇرئان كەرىم » ئاللاھ ياراتقان كىشىلىك ھاياتنىڭ ياشاش قانۇنىيەتلىرى يوچۇقسىز، ئىۋەنسىز بايان قىلىنغان كىتاب. شۇنداق تۇرۇقلۇق مىللەت ئەسلى قانۇنيەتكە مۇخالىپ يول تۇتقانلىقىنى، « قۇرئان كەرىم » كىشىلەر تەرىپىدىن خاتا شەرھىلەنگەنلىكىدىن بولغان دەپ قاراشقا بولىدۇ. خۇددى سۈرە راھمان 33- ئايەتنىڭ مەزمۇنىنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى تەرجىمىسى بىلەن ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسىدە ئاسمان – زېمىن ماھىيەتلىك پەرق كېلىپ چىققان. مۇھەممەد مۇجىيەن تەرجىمە قىلغان « قۇرئان كەرىم » نىڭ خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخسىدىن « جۇڭگو موسۇلمانلىرى ژۇرنىلىنىڭ 2000- يىللىق 4- سانىدا مالىيەن يازغان « ئىسلام دىنى ئىلىم – پەننى تەشەببۇس قىلىپ، خۇراپاتىلىققا قارشى تۇرىدىغان دىن » دېگەن ماقالىگە ئالغان مەزكۇر ئايەتنىڭ تەرجىمىسىنى : « ئەگەر سىلەر ئاسمانلارنىڭ چېگرالىرىدىن ئۆتۈپ كېتەلىسەڭلار، ئۆتۈپ كېتىڭلار، سىلەر پەقەت قۇۋۋەت بىلەن ئۆتۈپ كېتەلەيسىلەر »، ( 55- سۈرە 33- ئايەت ) دەپ ئالغان بولسا، مۇھەممەت سالىھ تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسىدە : « ... ئەگەر سىلەر ( ئاللاھنىڭ قازاسىدىن قېچىپ ) ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ چېگرالىرىدىن ئۆتۈپ كېتەلىسەڭلار، ئۆتۈپ كېتىڭلار، سىلەر پەقەت قۇۋۋەت بىلەن ئۆتۈپ كېتەلەيسىلەر ( لېكىن سىلەرگە مۇنداق قۇۋۋەت قەيەردىن كەلگەن ). » دېيىلگەن.
     ئەسىلىدە بۇ ئايەتنىڭ بېشىدىكى ۋە ئاخىرىدىكى ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىدا ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان بۈيۈك نېمەتلىرى توغرىسىدا گەپ بولۇۋاتاتتى، يەنى 55- سۈرىنىڭ 32- ئايىتىدە : « سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلسىلەر » دېگەن بولسا، 34- ئايىتىدە يەنە تەكىتلەپ، يۇقىرىقى كەلىمە ( ئەرەبچە مەنىسى سۆز _ ماقالىنى ئۇرغۇچىدىن ئىزاھلاندى ) نى قايتا تەكرارلايدۇ. ئەگەردە ئۇ ئايەتنىڭ مەنىسىنى ئۇيغۈر تىلىدا تەرجىمە قىلىنغاندەك مەزمۇندا ئالغاندا، قانداقمۇ مەنتىقىلىق مەزمۇن بولسۇن؟! بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، يۇقىرىقى ئايەتنىڭ مەنىسىدىنمۇ ئىنسانلارغا ئاتا قىلىنغان كۈچ – قۇۋۋەت ۋە بۇ كۈچ – قۇۋۋەتكە ئىگە قىلىدىغان ۋاستىلەردىن بىشارەت بېرىۋاتاتتى، يەنى قۇۋۋەت ئارقىلىق ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ چېگىراسىنى ئۆتۈپ كېتەلەيسىلەر دەپ ئىلىھام قىلىۋاتاتتى. بۇ ئايەتنى : « تۆمۈرنى ياراتتۇق ( تۆمۈردىن ئۇرۇش قۇراللىرى ياسىلىدىغانلىقى ئۈچۈن )، تۆمۈر كۈچ – قۇۋۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. تۆمۈردە ئىنسانلار ئۈچۈن نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بار » دېگەن ئايەتتىكى « تۆمۈر كۈچ – قۇۋۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان » دېگەن ئىبارە ئىنسانلارغا ئۆلۈمنى ئەسلىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پەن – تېخنىكا ئارقىلىق ئاسمانلارغا چىقىپ، ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان ھېكمەتلەرنىڭ سىرىنى ئېچىشقا دەۋەت قىلىۋاتقانلىقىنى پەم قىلغىلى بولاتتى. يۇقىرىقى ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياشىغان 11- ئەسىرلەردە ناھايىتى ياخشى چۈشەنگەن، شۇڭا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىلىم – پەنگە تايانغاندا ئاسمانغا يول ئالغىلى بولىدۇ، دېگەن ئىلمىي تەسەۋۋۇرنى ئىشەنچ بىلەن دۇنياغا جاكارلىغان. بىراق كېيىن ئوتتۇرا ئەسىرلەرگە كەلگەندە، بۇ ئايەت يۇقىرقىدەك خاتا شەرھىلىنىپ، ئىلىم – پەن ۋە تەرەققىياتقا ئىلىھام بېرىۋاتقان، كۈچ – قۇۋۋەتكە دەۋەت قىلىۋاتقان ئايەت پۈتۈنلەي ئەكسىچە ئۆلۈم ۋەھىمىسى مەنىسىدە تەپسىر قىلىنغان. ئەگەر يۇقىرىقى ئايەت تەپسىلى شەرھىلىنىدىغان بولسا، نەچچە كىتاب يېزىش مۇمكىن ئىدى. بىراق ئۇ دەۋرلەردە ئىلىم – پەننىڭ رولىغا ئەھمىيەت بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، كىشىلەر ئاسمانغا چىقىش ھەققىدىكى بىشارەتنى تەسەۋۋۇرغا سىڭدۈرەلمىگەن. نەتىجىدە تۇنجى بولۇپ ئىلىم – پەنگە تايىنىپ ئاسمانغا چىقىشقا بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىلمىي تەسەۋۋۇرنى 11- ئەسىردىلا دۇنياغا جاكارلىغان مىللەت، غەرب دۇنياسى ئاللابۇرۇن ئىنسانلاردا رېئاللىققا ئايلاندۇرغان چاغلاردا، بۇ زېمىندىكى بەندىلەر تېخچىلا قوتۇر ئېشەككە باغلىنىپ ياشاۋاتاتتى. بىز بۇنىمۇ خاتا تەربىيىنىڭ كاساپىتى دەپ قارايمىز. بىز ھازىر ئىلىم – پەننىڭ يۈكسەك تەرەققىيات تۈرتكىسىدە، ئىنسانلارنىڭ ئاسمانلارنىڭ چېگراسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەندە، ئاندىن يۇقىرىقى بىشارەتلەرنىڭ ھەقىقىتىنى ھېس قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق.
     يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياشىغان ۋە تەربىيىلەنگەن 11- ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تۈزۈمى ۋە ئائىلە تەربىيىسى ھەر قانداق دەۋردىكىدىن ئىلغار ۋە ئىلمىي بولغانلىقىنى بىز « قۇتادغۇبىلىك » ئۆز ئىچىگە ئالغان ئائىلە تەربىيىسى ئىدىيىسىدىن روشەن كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. ئۇنداق بولسا ئۇيغۇر خەلق قاراخانىيلاردىن كېيىن نېمە ئۈچۈن يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرىدەك دۇنياۋىي ئالىملارنى، شۇنداق مۇكەممەل ۋە كامالەتلىك ئىنساننى تەربىيىلەپ چىققان ئائىلە تەربىيىسى ئەنئەنىسىدىن جۇدا بولۇپ قالغان بولغىيدى؟ بىز ئەڭ ئەجەپلىنىدىغان ئىشنىڭ بىرى، ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ سىياسىي تارىخى ۋە مەدەنىيەت تارىخىدا بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك يۈكسىلىشكە تۈرتكە بولغان ئىككى بۈيۈك ئالىم تۇرغۇزۇپ بەرگەن، لايھىلەپ بەرگەن مائارىپ ئەندىزىسىدىن تامامەن يىراقلىشىپ كېتىپلا قالماي، بەلكى بۇ ئىككى ئالىمنىمۇ پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتكەندەك تۇرىدۇ. بىز قاراخانىيلاردىن كېيىنكى سەككىز ئەسىرلىك تارىخى مۇساپىدە، بىرەر تارىخى كىتابلاردا ياكى ئەدەبىي ئەسەرلەردە بولسۇن، بۇ ئىككى بۈيۈك زاتقا تېگىشلىك ئورۇن بېرىلمىگەنلىكىنى، مائارىپ، تەلىم- تەربىيە دەرسلىكلىرىدىن بۇ ئىككى ئالىمنىڭ ئۇلۇغ ئىدىيىسى تامامەن بوش قالدۇرۇلغانلىقىنى كۆردۇق. ئەسلىدە ئۇيغۇر ئىدېئولوگىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ ئىككى ئەسەرنىڭ مائارىپ سەھنىسىدە مۆتىۋەر ئورۇنغا ئىگە بولالماسلىقى ئۇيغۇر ئىدېئولوگىيە تارىخىدىكى، جۈملىدىن مائارىپ تارىخىدىكى كەچۈرگىلى بولمايدىغان زور خاتالىق ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەگەر ئۇيغۇر خەلقى « قۇتادغۇبىلىك » ئەنئەنىسى ۋە روھىدىن جۇدا بولۇپ قالمىغان بولسا، شۇنداق ئۇلۇغ بىر ئەڭگۈشتەرنى قولدىن بېرىپ قويماي، ئۇنىڭغا ئىزچىل ۋارىسلىق قىلغان بولسا، سەككىز ئەسىرلىك روھى نامراتلىقنىڭ ئاسارىتىدە ئۇنداق تېنەپ – تەمتىرەپ، نىشانىنى يوقىتىپ قويمىغان بولاتتى، دەپ ئەپسۇسلىنمىز.
     بىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ « قۇتادغۇبىلىك » بىلەن « تۈركىي تىللار دىۋانى » دۇنياغا كەلگەن دەۋردىن توققۇز ئەسىر كېيىنكى بىر تارىخى باسقۇچتا ياشاۋاتقان ئەۋلادلىرى، دۇنيا ئۇ دەۋرلەرگە قارىغاندا ئاجايىپ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. پەن - تېخنىكا ئىنسانىيەتنى زامانىۋىي ئۇچۇر دەۋرىگە ئېلىپ كىردى. قانداقلا بولمىسۇن، ھازىرقى مەدەنىيەت دۇنياسىنى 11- ئەسىرگە ھەرگىزمۇ سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. بىراق بىز بىلەن تەرەققى قىلغان دۇنيانىڭ ئوتتۇرۇسىدا ئاسمان – زېمىن پەرق بار. ئۇلار ئاسماندا بولسا، بىز تېخى يەردە، ئۇلار بۈگۈنگە ۋە كەلگۈسىگە مەنسۇپ بولسا، بىز تېخى تۈنۈگۈنگە مەنسۇپ. بىز ھەقىقى بۈگۈنىمىزنى قۇرۇپ چىقىشقا ئاجىزلىق قىلدۇق ۋە تېخى ئۈلگۈرمىدۇق.
     « قۇتادغۇبىلىك » بىلەن « تۈركىي تىللار دىۋانى » ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا ئالىملىرىمىزنىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن قايتىدىن تۇغۇلغاندەك ئۇيغۇر جەمىئىيىتى بىلەن يۈز كۆرۈشتى، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئەسەر توغرىسىدا خېلى كۆپ تەتقىقات ئەسەرلىرى مەيدانغا كەلدى. بىز بۇ ئەسەرلەرگە سىڭدۈرۈلگەن مەزمۇنلارنى كۆرگەندە ئۇنىڭ 11- ئەسىردە مەيدانغا كەلگەنلىكىگە ئىشەنگۈمىز كەلمىدى، چۈنكى ئۇنىڭدىكى ئاڭ ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېڭىدىن خېلىلا يۇقىرى ئىدى، چۈنكى ئۇ ئىككى ئالىم ئەسەرلىرىنى ئۆز دەۋرى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئەۋلادلىرى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك قىممەتكە ئىگە بولۇشىغا چۇڭقۇر ئىشەنگەن ئىدى. مەھمۇد قەشقەرى مۇنداق تىلەكلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: « ئەبەدىي يادىكارلىق ۋە پۈتمەس – تۈگىمەس بىر بايلىق بولۇپ قالسۇن دەپ ئاللاھقا سېغىنىپ، بۇ كىتابى تۈزۈپ چىقتىم »، « مەن ئىشنى يىنىكلىتىش ۋە كىتابنى ئىخچام قىلىش ئۈچۈن، بۇ ئەسەرنى مەندىن بۇرۇن ھېچكىم ئىشلەتمىگەن ۋە ھېچكىمگە مەلۇم بولمىغان ئالاھىدە بىر تەرتىپتە تۈزۈپ چىقتىم. بۇ يازغان ئەسرىم تەلەپكە ئۇيغۇن بولسۇن، پايدىلانغۇچىلارغا قوللانما بولغۇدەك بىر قىممەتكە ئىگە بولسۇن دېگەن نىيەت بىلەن بىر مۇنچە قائىدىلەرنى تۈزۈپ، يېڭى – يېڭى ئۆلچەملەرنى قويدۇم ... ئىلگىرلەشنى خالىغۇچىلارغا توغرا نىشان كۆرسىتىپ كەڭ يول ئېچىپ بېرىش، يۈكسىلىش تىلىكىدە بولغۇچىلارغا شوتا قويۇپ بېرىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىم. جۈملىدىن تۈرك خەلقلىرىنىڭ كۆرگەن – بىلگەنلىرىنى ئىپادىلەيدىغان شېئىر ۋە قوشاقلىرىدىن، قايغۇلۇق ۋە خۇشھاللىق كۈنلىرىدە ئېيىتقان چۇڭقۇر مەنىلىق ماقال – تەمسىللىرىدىن مىساللار كەلتۈردۈم. تاكى بۇنىڭدىن پايدىلانغۇچىلار كېيىنكىلەرگە، ئۇلار ئۆزىدىن كېيىنكىلەرگە يەتكۈزسۇن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە بىر مۇنچە قائىدىلەرنى كىرگۈزدۈم، شۇنداق قىلىپ، بۇ كىتاب يېڭىلىقلار بېرىشتە قىيامىغا، قىممەت ۋە گۈزەللىكتە پايانىغا يەتتى. » مانا شۇ ئىشەنچ ۋە ئۇلۇغۋار ئارزۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇنداق تەۋىسىيە قىلىدۇكى: « تىلىكىم سۆزلىرىمنى كېيىنكىلەرگە يادىكار قالدۇرۇش ئىدى. »، « ئەسىرىمگە < قۇتادغۇبىلىك > دەپ ئات قويدۇم، مەقسىدىم ئوقۇغۇچىنىڭ قولىدىن تۇتۇپ، بەخت يولىغا يېتەكىلسۇن دېگەن نىيەت » ( 30- بېيىتنىڭ مەزمۇنى ). ئەمدى بىز ئۆزىمىزگە سوئال قويۇپ باقساق بولىدۇ، ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇتقان يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرى ھەقىقەتەن بىزنىڭ بوۋىلىرىمىزمۇ؟ ئەگەر بۇنى ئىتىراپ قىلساق، بىز ئۇ بوۋىلىرىمىزنى قانچىلىك چۈشىنىمىز؟ ئۆزىمىزنىڭ ھازىرقى بىلىش سەۋىيىمىزنى بۇنىڭدىن مىڭ يىل بۇرۇن ياشىغان بوۋىلىرىمىزنىڭ بىلىش سەۋىيسىگە سېلىشتۇرساق، كىم ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغاندۇ؟ ئۇلار بىزنىڭ تەقدىر – ئىستىقبالىمىزغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆمۈر بويى ئىزدىنىپ، شۇنچە قىممەتلىك يادىكارلىقلارنى قالدۇرۇپ كېتىپتۇ، ئۇنداقتا بىز ئۇلارنىڭ ئىرادىسىگە قانچىلىك ۋارىسلىق قىلدۇق؟ شۇنچە ئۇزۇن ئەسىر يوقىتىپ قويغان دانىشمەن بوۋىلىرىمىزنى تېپىۋالغاندا، ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغان بولسىڭىز سىز قانداق ئەۋلاد؟
     مەن دەۋرىمىزدىن مىڭ يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تەربىيىسى ئەندىزىسىنى 21- ئەسىردە كۆتۈرۈپ چىقسام، كىشىلەر بۇنىڭدىن ئەجەپلىنىشى مۇمكىن. ھازىرقى زامان شۇنداق تەرەققىي قىلغان تۇرسا، 11- ئەسىردىكى ئائىلە تەربىيىسى ئەندىزىسىنى ھازىرقى زاماندا ئۆرنەك قىلىشقا بولامدۇ، دېيىشى، ھەتتا يەنە بەزى غەربپەرەسلەر چەتئەللىكلەرنىڭ پەرزەنت تەربىيىلەشكە ئائىت شۇنچە مەشھۇر كىتابلىرى نەشىر قىلىنىپ چىقتى، شۇنداق كىتابلار تۇرغان يەردە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پەرزەنت تەربىيىلەش ئۇسۇلى قانچىلىك رول ئوينار دېيىشى مۇمكىن.
     ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرىمىز ئەلىشىر نەۋئىي مۇنداق دېگەن: « سەن ئاجايىپ – غارايىباتلارغا يول تاپىمەن دەپ ئارزۇ قىلىسەن، ئاگاھ ۋە دانا بولغىنكى، ئاجايىپ – غارايىباتلارنىڭ ھەممىسى ئۆزۈڭدە، نېمە ئىزدىمەكچى بولساڭ ئۆزۈڭدىن ئىزدە، نېمە تاپماقچى بولساڭ ئۆزۈڭدىن تاپ – دە، توغرا يولغا قەدەم قوي.» ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ھاياتلىق ۋە مەدەنىيەت تارىخىدا ئۆزلىكىسز ئىزدىنىپ مۇۋەپپەقىيەت يولىنى ئېچىپ، ياشاش قابىلىيىتى ۋە ياشاش شارائىتىنى ياخشىلاپ، گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىنىمسىز ئىزدىنىشتى. گەرچە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم نەرسىلەر ئۆزگەرگەن بىلەن، بىر نەرسە ھەرگىزمۇ ئۆزگەرگىنى يوق، ئۇ بولسىمۇ ھاياتنىڭ قانۇنىيىتى. مانا شۇ قانۇنىيەت ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن، ھېس قىلغان، تەجرىبىدىن ئۆتكەن، تارىخ ئەمەلىيىتى ئىسپاتلىغان نۇرغۇن – نۇرغۇن بىلىش نەتىجىلىرى يىغىلىپ ھازىرقى تۇرمۇش ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن، مانا شۇ ئەندىزە ئىنسانىيەت تۇرمۇشىنىڭ ئاساسلىق ئۇلى بولۇپ، بۇرۇنقىلار يارىتىپ بەرگەن تەييار داستىخان ئۈستىدە ياشاۋاتىدۇ، ئادەم يەنىلا مەڭگۈ ئادەم، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ماھىيىتى ئۆزگىرىپ قالمايدۇ، ئادەم تەربىيىلىنىشكە مۇھتاج مەخلۇق، ئەمما پەرزەنت تەربىيىسىنىڭمۇ قانۇنىيىتى بار. بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ قانۇنىيىتىنى زاماننىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگەرتمەيدۇ، دەۋر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ بارىدىغىنى قانۇنىيەت ئەمەس، بەلكى ئۇسۇل. مەسىلەن، بۇرۇنقى تونۇر بېشىدا ھېكايە ئېيتىپ بېرىش ئارقىلىق تەربىيىلەش ئۇسۇلى ۋە ئورنى ھازىرقى زامانىۋىي ياشاش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگەردى. ھازىر تونۇر بېشى ھېكايىلىرىنىڭ ئورنىنى تېلېۋىزوردىكى كارتون فىلىملەر ئىگىلىدى، بىراق باشقىلارنىڭ ھەر خىل تۇرمۇش ھېكايىلىرىنى ئاڭلاشقا مۇھتاجلىقىنى بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەپەككۇرىنى ۋە ھاياتقا قاتنىشىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت قانۇنىيەت ئۆزگەرگىنى يوق. دېمەك، ئادەم زاماننىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئۆزىنىڭ ماھىيىتىنى يوقىتىپ، باشقا مەخلۇققا ئايلىنىپ قالمايدۇ.
     ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ تۇرمۇش شارائىتى، ئۆرپ – ئادىتى ۋە ياشاش ئۇسۇلىغا ماس ھالدا ئائىلە تەربىيىسى تۈزۈمى بارلىققا كەلگەن، ئۇنىڭ خەلق ئۆزىنىڭ تەبىئىتى ۋە ياشاش شارائىتىغا ئاساسەن تاللىغان ۋە بارا – بارا مۇكەممەللەشتۈرگەن. چۈنكى ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ۋە تەبىئىتىگە ماس كەلمىگەن تەربىيە ئۇسۇلى گەرچە قانچە ئىلغار بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈنۈمىنىۇ ياخشى بولمايدىغانلىقى ناھايىتى ئېىنىق.
     جەمىئىيىتىمىزدە بىر تۈركۈم چەتئەل پېداگوگلىرىنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىگە دائىر كىتابلىرى نەشىر قىلىنىۋېدى، بىزنىڭ بەزى ئادەملىرىمىز گۆھەر تېپىۋالغاندەك ئۆزىنى ئۇنىڭغا ئۇرۇشتى، بىراق ئوقۇپ كۆرگەندىن كېيىن، بىر قىسىم ئىلمىي تەربىيىلەش ئۇسۇللىرىنى قوبۇل قىلىشقا بولسىمۇ، باشقا خېلى كۆپ تەرەپلەرنىڭ بىزنىڭ تۇرمۇش شارائىتىمىز، مەدەنىيەت ساپايىمىز، قىممەت قارىشىمىز، ئۆرپ – ئادەتلىرىمىزگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىشتى. ئومۇمەن ئۇ كىتابلاردا كۆرسىتىلگەن خېلى كۆپ ئۆرنەكلەرنى تۇرمۇشىمىزدا قوللىنىش ئىمكانىيىتىمىز يوق. مەسىلەن، يېقىندا « كارىل ۋېتىرنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى »، دېگەن كىتاب بىلەن « ستېنا خانىمنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى » دېگەن كىتابلار ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى. ئەمەلىيەتتە ستېنا خانىممۇ، كارىل ۋېتىرمۇ ئادەتتىكى ئائىلە باشلىقلىرى ئەمەس، بەلكى ئۇلار بالىلار پىسخولوگىيە مۇتەخەسىسى ۋە مەشھۇر پېداگوگلار، ئۇلارنىڭ بالىلىرىمۇ ئادەتتىكى نۇرمال تۇرمۇش شارائىتىدا تەربىيىلەنگەن بالىلار بولماستىن، ئالاھىدە تۇرمۇش مۇھىتىدا تەجرىبە ئوبيېكتى قىلىنغان بالىلار. ستېنا خانىمنىڭ قىزىنىڭ ئاڭلاش، كۆرۈش ئىقتىدارى ۋە مۇزىكا سېزىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن كۆپ گەپ قىلىپ بەرگەنلىكى، تاملارغا ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ رەسىمىنى سىزىپ بەرگەنلىكى، پىئانىنو چېلىپ بېرىپ، نوتا ئۆگىتىپ، مۇزىكا سېزىمىنى يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكى توغرىسىدا تەجرىبىسىنى سۆزلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ئادىتى ۋە تۇرمۇش شارائىتىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، يۇقىرىقى بىر قاتار ئىقتىدارلارنى يېتىلدۈرۈشتە سۈنئىي ۋاستىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. تەبىئىي ۋاستىلارنىڭ ھەممىسى تۇرمۇشىمىزدا بار، بىزنىڭ بالىلىرىمىز كىچىكىدىن باشلاپلا ھەر خىل ھايۋانلارنى كۆرۈپ، ئۇلار بىلەن بىرگە ئويناپ چوڭ بولىدۇ، پىئانىنو سېتىۋېلىپ، بالىلارنىڭ مۇزىكا سېزىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ۋاستىسى قىلىشنىڭمۇ قىلچە زۆرۈرىيىتى يوق. بىزنىڭ يېزا – قىشلاقلىرىمىزدىكى بالىلار قەدىمدىن تارتىپ سەنئەت ئىچىدە چوڭ بولىدۇ، توي _ تۆكۈندىكى ئەلنەغمىلەر، مەشرەپلەردە ئورۇنلىنىدىغان مۇقاملار ، ئانىلارنىڭ مۇڭلۇق ئەللەي ناخشىلىرى، خامان ناخشىلىرى، ئورما ناخشىلىرى ۋە باشقا تەبىئىي ھالدا پەرزەنتلىرىمىزنىڭ تەربىيىلىنىش ئېھتىياجىنى ئەڭ مۇكەممەل يۇسۇندا قامدايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە مىڭلىغان گۈزەل خەلق ناخشىلىرىنى مانا موشۇنداق مۇھىتتا چوڭ بولغان ئۇيغۇر خەلق ناخشىچىلىرى ئىجاد قىلغان، پىئانىنو بىلەن تەربىيىلەنگەن شۇنچە كۆپ چەتئەللىك بالىلارنڭ مۇزىكا سېزىمى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مۇزىكا سېزىمى ئالدىدا يىپ ئېشەلمەيدۇ، بۇ ئىشلار چەتئەللىك بالىلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ، بۇ جەھەتتە ئۆزىمىزگە تەمەننا قويساق ئەرزىيىدۇ. ئۇيغۇر بالىلىرىدا يېتىلگەن مۇنداق يۇقىرى مۇزىكا سېزىمى ھەرگىزمۇ توغما ئەمەس، بەلكى ئۇنى تۇرمۇش شارائىتىمىز، ياشاش ئۇسۇلىمىز يېتىلدۈرگەن. ئەمدى ئاساسىي مەسىلە ھازىرقى شەھەرلىشىش دولقۇنىدا ئاتا – ئانىلارنىڭ پەرزەنتىگە ئاشۇ قايناق تۇرمۇش قوينىدا ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىنى بېرىش – بەرمەسلىكىدە. بەزى ئاتا – ئانىلار چەتئەل ئاقسۆڭەكلىرىنى دوراپ، بالىلىرىغا پىئانىنو ئېلىپ بەردى. بىزنىڭ مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرىمىز دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماس كەلمىدىمۇ؟ بالىلارنىڭ مۇزىكا ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىدىمۇ؟ ياق! بىزنىڭ چالغۇلىرىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن، شوخ خاراكتېرىگە ماسلاشتۇرۇلغان نامايەندىلەر، ئۇيغۇرلار ئۇ چالغۇلارنى تاغدىمۇ، باغدىمۇ، چۆللەردىمۇ، مەشرەپلەردىمۇ، توي – تۆكۈنلەردىمۇ ئەركىن – ئازادە چالالايدۇ، ئۇنىڭدىنمۇ ھەر قانداق چاغدا ئەركىن بەھرە ئالغىلى بولىدۇ. بىز يۇقىرىدا ئەسكەرتكىنىمىزدەك، يۇقىرىقى ئاپتۇرلار ئادەتتىكى ئائىلە باشلىقلىرى ئەمەس، بەلكى مۇتەخەسىس، ئۇلارنىڭ ئۆزى بىر نەچچە خىل چەتئەل تىلىنى بىلىدۇ، پەقەت ئۇلار بىر تەجرىبە ئۈلگىسى، ئەگەر بۇلارنىڭ تەربىيىلەش ئۇسۇلى پۈتۈن غەرب دۇنياسىدا ئومۇملاشقان، ھەممە ئادەمنىڭ تۇرمۇش شارائىتىغا ماسلاشقان ئىلمىي قانۇنىيەت بولدىغان بولسا، چەتئەللىك باشقا بالىلار نېمىشقا ئۇنداق ئىقتىدارنى ھازىرلىيالمىدى، بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزدىكى ئاتا – ئانىلاردىن بىر قانچە چەتئەل تىلىنى بىلىدىغانلاردىن قانچىسى باردۇر، ئىلمىي ئوزۇقلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشتا قايسىمىزنىڭ تۇرمۇش شارائىتىمىزدا بالا تۆت ئايلىق بولغاندا، ئاۋۋال ئازراق ئاپېلىسىن سۈيى، ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن شورپا، سۇدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم ۋە ياڭيۇنى بېرىشكە، كالا سۈتى، قوي سۈتى، گۈرۈچ، ئۈن، سېرىق پۇرچاق قاتارلىقلاردىن ياسالغان ھەر خىل سۈتلۈك يېمەكلىكلەرنى بېرىشكە، بالا بىر ئايلىقتىن ئۈچ ئايلىققىچە بوغلان ئارىلىقتا ئاپېلىسىن، پەمىدۇر، سەۋزە، پالەك، قاتارلىق مېۋە سۈيىنى ۋە كۆكتات سۈيىنى بېرىشكە، ئالتە ئايىلىققچە بولغان ئارىلىقتا بانان، ياڭيۇ، سەۋزە، تۇخۇم سېرىقى قاتارلىقلارنىڭ قىيامى، بېلىق شورپىسى، چىڭسەي شورپىسى ... يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆز قەرەلىدە يەتكۈزۈپ، ئوزۇقلاندۇرۇش ئىمكانىيىتى بارلاردىن بىرەرسى بارمۇ؟ ئەلۋەتتە يوق. ئەگەر شۇنداق ئىمكانىيەت بار دېيىلگەندە، يۇقىرىقىدەك ئۇسۇل بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ ئىمكانىيىتى بارمۇ؟ مېنىڭچە ئۇنىڭمۇ ئانچە زۆرۈرىيىتى يوق، بىزنىڭ تۇرمۇش ئادىتىمىزدە شۇنداق بىر تەبىئىي ئەركىنلىكىمىز باركى، بىزنىڭ نۇرغۇن بالىلىرىمىز جەننەتتەك باغلاردا چوڭ بولىدۇ، مېۋە ئارقىلىق تولۇقلايدىغان ئوزۇقلۇق شۇنىڭ بىلەن بولىدۇ، يېزىلىرىمىزدىكى ھەممە ئائىلىدە دېگۈدەك قوي، كالا دېگەندىن ئاز دېگەندە بىر قانچە توياقتىن بار، ئۇلاردىن سۈت ئالىدۇ، قېتىق ئۇيۇتىدۇ، قايماق چىقىرىدۇ، ئۆزىدىن ئېشىپ قالسا قوشنىلارغا بېرىدۇ، ساتىدۇ. بۇ جەھەتتىمۇ بالىلارنىڭ ئوزۇقلىنىشى تەبىئىي ھالدا كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ، بىزدىكى بىر ئاجىزلىق شۇكى، شۇنچە مول يېمەكلىلەرنى بالىلىرىمىزنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ بېرىشكە تازا دىققەت قىلمايمىز، بەزى بالىلار كۆپ يېۋېلىپ، ئاشقازىنىنى بۇزۇۋالىدۇ، ئىچى سۈرىدۇ، قۇرسىقى ئاغرىيدۇ – دە، ھەرەج تارتىدۇ. بەزى بالىلار ئويۇن بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئەتتىگەندىن كەچكىچە ئوزۇقلىنالمايدۇ.
     ئومۇمەن بىزدە بار نۇرغۇن ئەۋزەللىكلەر چەتئەللەردە يوق، چەتئەللەردە بار بەزى ئەۋزەللىكلەر بىزدە يوق. بىز ئۆزىمىزدە بار بولغان ئىمكانىيەتلەردىن، ئەۋزەللىكلىرىمىزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانساقلا ياراملىق، ئەقىللىق بالىلارنى تەربىيىلەپ چىقىشىمىزدا گەپ يوق، گەپ موشۇ ئىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشتا. ھەر قانداق ئىشقا بىلمەي، چۈشەنمەي تۇرۇپ قەدەم باسسا، نەتىجىسى ياخشى بولمايدۇ، بولۇپمۇ پەرزەنت تەربىيىسى ئىشىدا قارىغۇلارچە ئاڭسىز ئىش تۇتۇشقا قەتئىي بولمايدۇ.
     « قۇتادغۇبىلىك » نىڭ روھى ساپ، ساغلام ئۇيغۇر روھى. ئۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك، مەھمۇد قەشقەرىدەك ئەقىللىق، خاراكتېرلىك ئەزىمەتلەرنى تەربىيىلەپ ئۆستۈرگەن روھ. « قۇتادغۇبىلىك » تىكى تەلىم – تەربىيە تەلىپى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەۋلاد تەربىيىسىگە قويغان يۇقىرى تەلەپلىرىنىڭ مەھسۇلى، يەنە بىر نوقتىدىن « قۇتادغۇبىلىك » روشەن خاسلىققا ئىگە پېداگوگىكىلىق ئەسەر، يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ مەشھۇر پېداگوگ، ئۇنىڭدا تەلەپ قىلىنغان پرىنسىپلىق قانۇنيەت، ئىلمىي تەلەپ ۋە تەۋسىيىلەر مەڭگۈ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يوقاتمايلا قالماستىن، بەلكى بىزنىڭ تەبىئىتىمىزگە شۇنداق يارىشىدىغان مەنىۋىي لىباس.
     ھازىر نەشىر قىلىنىۋاتقان پەرزەنت تەربىيىسىگە ئائىت ئەسەرلەردە دېگەندەك بىر تەرەپكە ئېغىپ كېتىش خاھىشى ناھايىتى ئېغىر بولۇۋاتىدۇ، بۇلاردا كۆپىنچە بالىلارنىڭ بىلىملىك، ئالىم پروفېسسور بولۇشىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، پەرزەنتلەرنىڭ ئەقىللىق، ئەقىدىلىك، خاراكتېرلىك ئادەم بولۇشىغا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈنمىگەن، ھەتتا بۇ نوقتا ئاق قالدۇرۇلغان دېسەكمۇ بولىدۇ. « قۇتادغۇبىلىك » نىڭ پېداگوگىكىلىق ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ ئەقىل بىلەن بىلىمنىڭ رولىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىلىش بىلەن بىرگە، پەرزەنتلەرنىڭ ئەقىدىلىك، پەزىلەتلىك، خاراكتېرلىك ئادەم بولۇشىغا زور كۈچ سەرپ قىلىنغان. مېنىڭ قارىشىمچە، پەرزەنتلەرنىڭ كۆپ خىل تىل بىلىشى، ئەستە تۇتۇش، تەسەۋۋۇر قىلىش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش ئەڭ ئاخىرىدا كاتتا ئالىم بولۇشنى مەقسەت قىلىش تەلىم – تەربىيە ئىشىدا ھەممە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم پېداگوگىكلىق تەلەپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ پېداگوگىكىنىڭ بىردىنبىر مەقسىدى قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. بىزدە : « ئالىم بولماق ئوڭاي، ئادەم بولماق تەس » دېگەن گەپ بار. ئادەم دوختۇر، ئىنژېنىر، گېنېرال، ئالىم، ئوقۇتقۇچى ... قاتارلىقلار بولۇشتىن كۆرە، ئۇ ئالدى بىلەن مۇكەممەلرەك ئادەم بولۇشى كېرەك. چەتئەللەتنىڭ ساپا مائارىپى تەلىپىدە ئەمدى بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغان. بىر ماقالىدە مۇنداق بىر مەزمۇن بايان قىلىنىدۇ: بىز ئاتا – ئانىلار بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن پەرزەنتلەرنىڭ نېمە بولۇشىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلىمىز، بالىلىرىمىزدىن « سەن چوڭ بولساڭ نېمە بولىسەن؟ » دەپ سوراپ كېتىمىز، ئۇ « دوختۇر بولىمەن، ئوقۇتقۇچى بولىمەن، ئىنژېنىر بولمەن » دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بىز بۇنىڭدىن سۆيۈنۈپ كېتىمىز. ئەمەلىيەتتە ئادەم تۇغۇلغاندىن كېيىن ئادەم بولۇشى كېرەك ئىدى، شىر ئارىسلىنىمۇ شىر بولىدۇ، ئىت كۈچۈكى ئىت بولىدۇ، چوشقا كۈچۈكى چوشقا بولىدۇ، ئادەم بالىسى ئادەم بولماي باشقا نەرسە بولۇپ قالسا بولامدۇ؟ ئادەمنىڭ ئەسكەر بولۇشى، دوختۇر بولۇشى، دوكتۇر بولۇشى ياخشى ئىش، بىراق ئادەم بولماسىلىقى يامان دەپ مۇھاكىمە قىلىدۇ، يۇقىرىقى مۇلاھىزە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيىدۇ، بىزگە خاراكتېرلىك، ئەقىللىق، ئەقىدىلىك، مەسئۇلىيەتچان، قەيسەر ئادەم كېرەكمۇ ياكى ئەقىلسىز، ئەقىدىسىز، مەۋقەسىز، خاراكتېرسىز، فورما – تېئورمىلارغا غەرق بولۇپ كەتكەن، ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان، ئەمەلدارلىق مەنسىپىگىلا باغلىنىپ قالغان، باشقا ھېچقانداق ئىشقا مەسئۇل ئېڭى بولمىغان، ئالىملار، ئەمەلدارلار كېرەكمۇ؟ ھازىرقى جەمئىيەتتە بىزنىڭ ئاتا – ئانىمىز بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە، ئىمتىھاندىن ئالغان نومۇرىغا، ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش – ئۆتەلمەسلىكىگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇ بالىنىڭ تۇراقلىق بىر ئەقىدىگە ئىگە خاراكتېرلىك ئادەم بولۇشىغا ئانچە ئېتىبار بەرمەيدۇ. شۇڭا پۇزىتسىيە ئوچۇق بولمىغان، يۈرەكسىز، مەيدانسىز، مەسئۇلىيەتسىز، خاراكتېرى زەئىپ بالىلار كۆپىيىپ كېتىپ بارىدۇ. بۇ بالىلار ھەر قانچە چەتئەللەردە ئوقۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، جەمئىيەتكە قانچىلىك مەنپەئەت ئېلىپ كېلەر، ئۇنداق ئادەم كىچىككىنە زەربىگمۇ بەرداشلىق بېرەلمەي، تېزلا شاللىنىپ كېتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن قارىساق، بىز پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى ئالىم قىلىشنى مەقسەت قىلمايمىز، ئالىملارنىڭ كۆپ بولغانلىقىلا شۇ مىللەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى بولالمايدۇ. ئەڭ مۇھىم بىر ئۆلچىمى شۇكى، ئالدى بىلەن ئەڭ ئىلغارلاشقان بولۇشى، خاراكتېرى تۇراقلىق، مەسئۇلىيەتچان، ئەقىدىلىك، ئىرادىلىك، ئۈمىدۋار، ئۆزىنى پىدا قىلىش روھىغا باي، نومۇس تۇيغۇسى يۇقىرى، تىرىشچان، قەيسەر ئادەملەرنىڭ كۆپرەك بولۇشىدا، ئەقىدىسىز، خاراكتېرسىز تەربىيىلەنگەن بالىلارنىڭ ھەممىسى گەرچە ئالىم بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۇ مىللەت يەنىلا ساپاسىز، زەئىپ مىللەت ھېسابلىنىدۇ، ئەقىدە بىلەن خاراكتېرى ئۆلگەن مىللەتنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۆلۈك ھېسابلاشقا بولىدۇ.
     ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا ۋە كۆرەش تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ رول ئوينىغان، ئىنسانىيەتكە نۇرلۇق مەشئەل بولۇپ بەرگەن ئۇلۇغ ئادەملەر پەقەت ئىلىم نوپۇزلىقلىرىلا بولماستىن، بەلكى قەتئىي، تىز پۈكمەس، يېڭىلمەس، ئىرادىلىك، ھەققانىيەتچى، ئىنسانپەرۋەر، تەرەققىيپەرۋەر گىگانت ئادەملەر ئىدى. شۇڭا بىز خاراكتېرلىك ئەزىمەتلەرنى ئۆز دەۋرىنىڭ ۋىجدانى دەپ ئاتايمىز. ئەقىدىسىز، خاراكتېرسىز ئىلىم نوپۇزلىقلىرىنى باشقىلارنىڭ ئويۇنچۇقى ۋە پايدىلىنىش قۇرالى دەپ ئاتايمىز. شۇڭا پەرزەنت تەربىيىسىدە خاراكتېر يېتىلدۈرۈش تەربىيىسى بىلەن ئىلىم مەرىپەتلىك بولۇش تەربىيىسىگە ئوخشاش ئېتىبار بېرىش كېرەك.

     تامام

[ بۇ يازما TuranTekin تەرىپىدىن 2008-09-13 10:05 دە ]
yol
| ۋاقتى : 2008-09-12 23:51 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 386ـ كۆرۈرمىنى
toghrak

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 2723
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 54
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە54دانە
شۆھرىتى: 55 نومۇر
پۇلى: 540 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :25(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-06-14
ئاخىرقى : 2008-09-16

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ناھايىتى ياخشى يېزىلغان ماقالە ئىكەن رەھمەت سىزگە!
ئۈزىمىزنىڭ ئورنىنىڭ نەدە،  نىمىنى يۇقۇتۇپ قويغانلىقىمىزنى چۇڭقۇر ئويلۇنۇش ئىچىدە ھىس قىلدىم.
دىمىسىمۇ بىزنىڭ يۇقاتقىنىمىز ئىرىشكىنىمىزدىن كۆپ بۇلۇپ كەلدى.
| ۋاقتى : 2008-09-13 12:15 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 386ـ كۆرۈرمىنى
tughrul

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 4018
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە9دانە
شۆھرىتى: 10 نومۇر
پۇلى: 90 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :2(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-09-01
ئاخىرقى : 2008-09-17

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بىز ھازىرغىچە نىمىنى يۇقۇتۇپ، نىمىگە ئىرىشتۇق!!! ھەممىمىز چۇڭقۇر ئويلۇنۇش ئىچىدە مۇلاھىزە قىلىپ كۆرسەك بولغۇدەك!
| ۋاقتى : 2008-09-13 18:54 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 386ـ كۆرۈرمىنى
freeidea

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 592
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-08-09
ئاخىرقى : 1970-01-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئەلۋەتتە ئاللاھ كاللىنى ياراتقانىكەن شۇ كاللا بىلەن تەپەككۈر قىلىش كېرەك.يار مۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ئەپەندى شۈبھىسىزكى مىللەتنىڭ تۈنۈگۈنى ۋە بۈگۈنىدىكى رىياللىق ھەم ئىككى زامان ئارىسىدىكى سەۋەپ نەتىجە مىۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى تەپەككۈردە زور ئەجىر قىلغان،ئاپتۇرنىڭ تەپەككۈر ئەمگىكى قەلبىمىزدىكى تۈگۈنلەرنى يېشىشكە ئىلھام ھەم ئامال بولغۇسى.
yol
| ۋاقتى : 2008-09-13 22:35 3 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 386ـ كۆرۈرمىنى
nakis

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 4117
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 18
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە18دانە
شۆھرىتى: 19 نومۇر
پۇلى: 180 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :3(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-09-05
ئاخىرقى : 2008-09-18

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇ ھەقىيقەتەن ئادەمنى ئويغا سالغۇدەك ماقالە ئىكەن .بارلىق ئۇيغۇر پەرزەنىتلىرى بۇ ماقالىنى ئوقۇپ ئوبدان بىر ئويلانسا ،تەرەققىياتىمىزغا قاراپ زور بىر قەدەم تاشلانغان بولاتتى.
yol
| ۋاقتى : 2008-09-15 17:16 4 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 386ـ كۆرۈرمىنى
Ulughbek

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 2068
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 135
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە135دانە
شۆھرىتى: 149 نومۇر
پۇلى: 1360 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :92(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-04-21
ئاخىرقى : 2008-09-19

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنىڭ "ئۇيغۇرلاردا فەرزەند تەربىيەسى"دېگەن كىتابىنى ئۇقۇپ بۇلاي دەپ قالدىم. مەنمۇ بۇ كىتابدىن نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولۇۋاتىمەن. ئۇقۇغان ۋاقتىمدىكى ھېسسىيادىم ۋە ئۇقۇشقا ئىنتىلىشىم "قابۇسنامە"كەبى فەندى- نەسىھەت خارەكتىرلىك كىتابلاردىن كام ئەمەس.
| ۋاقتى : 2008-09-17 16:27 5 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 386ـ كۆرۈرمىنى
tohmak

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 2182
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 74
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە74دانە
شۆھرىتى: 75 نومۇر
پۇلى: 740 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :206(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-05-17
ئاخىرقى : 2008-09-14

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ھەقىقەتەن ياخشى ماقالە ئىكەن تىما ئىگىسىگە كۇپرەھمەت .
بىز مۇسۇلمانلارغا قارىسابۇلەكچە قۇرئانىكېرىم غاقارىسا بۇلەكچە مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلامغا ھىرا غارىدا ئاللاھ تائالا تەرەپىدىن تۇنجىقېتىم كەلگەن ئايەت مۇنداق .<<ئىقرائ بىسمىراببىكەللەزى خەلەق خەلەقەل ئىنسانە مىنئەلەق ئىقرائ ۋەراببىكەلئەكرەمۇللەزى ئەللەمەبىلقەلەمى ئەللەمەل ئىنسانە مالەم يەئ لەم>>  مەدرىسچە تەرجىمىسى.
ئۇقۇغىن ياراتقۇچى ئىگەڭ نىڭ نامى بىلەنكى ياراتتى <ھېچقانداق ئىزناسى يۇقيەردىن پەيداقىلدى> ياراتتى ئىنساننى ئابىمەنىدىن  ئۇقۇغىن ۋەسىنىڭ ياراتقۇچى ئىگەڭنىڭ نامىبىلەنكى ھۇرمەتلىدى ئۇئانداغ زاتكى بىلدۇردى قەلەم بىلەن بىلدۇردىئ ئىنسانغا بىرنەرسىلەرنىكى بىلمەيدۇرئۇنەرسىلەرنى.
بۇئايەتتىن ئىنسانلارغا ئۇقۇشنىڭ پەرىز ئىكەنلىكى چىقىدۇ يەنە ئاللاتائالا نىڭ قەلەم بىلەن ئىنسانلارغا ئىنسانلار بىلمەيدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى يەنى غايەت زۇر تەرەققىياتلارنى بىلدۇرىدىغانلىقى چىقىدۇ . چۇنكى ئىسلام دىنىغا ئەقىل ئىشلىتىپ قۇشۇۋېلىشقا ياكى كەمەي تىۋېلىشقا بۇلمايدۇ بارنى ئۇقۇپ ئاڭلاپ بىلىۋالغىلى بۇلۇدۇ .
تەلەبۇل ئىلمەپەرىزەتۇن ئەلاكۇللى مۇسلىمىن ۋەمۇسلىمەتۇن. بۇھەدىسنىڭ تەرجىمىسى  ئىلىم تەلەپ قىلىش مۇسۇلمان ئەر مۇسۇلمان ئاياللارغا پەرىز قىلىندى.
ئۇتلۇبۇل ئىلمەۋەلەۋ بىسسىين . بۇھەدىس نىڭتەرجىمىسى. بىلىمنى ھەرقانچە يىراق جۇڭگۇدا بۇلسىمۇ تەلەپ قىلىڭلار.
يەنە بىر ئايەتتە  <<ھەل يەستەۋىللەزىنە يەئ لەمۇنە ۋەللەزىنە لايەئ لەمۇن>> تەرجىمىسى . بىلگەنلەر بىلەن بىلمىگەنلەر ھەگىزمۇ بارابەر بۇلالمايدۇ.
ئىسلام دىينى ئۇگۇنىشكە بىلىشكە بۇيرۇيدۇ شۇڭا جىمى ئۇڭۇشسىز لىقنى ئىسلام دىنىدىن كۇرۇپ سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاندىن ئاغرىنىپ يۇرسەكمۇ مەسەلە ھەل بۇلمايدۇ  چۇنكى قۇرئاندا يەنەمۇنداق ئايەتبار <<ئىننەللاھە لايۇغەييىرۇ مابىقەۋمىن ھەتتايۇغەييىرۇ مابىئەنپۇسىھىم >> تەرجىمىسى. چۇقۇم ئاللاھ ئۇزگەرتىپ قۇيمايدۇ بىرقەۋمنى ھەتتاكى ئۇزلىرى ئۇزلىرىنى ئۇزگەرت مىگىچىلىك .
مانا بۇئايەتتىن ھەممە مەسئۇلىيەت نىڭ ئۇزىمىزدە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بۇلۇدۇ . مىنىڭچە بىرخىل ئەقىدىگەھەممەيلەن كىلىپ ھەممەيلەن بىر ئېغىز دىن چىققاندەك گەپ قىلالىساق ئەۋلاتلارنى تۇغرايۇلغا باشلىغىلى بۇلۇدۇ
[ بۇ يازما tohmak تەرىپىدىن 2008-09-18 14:17 دە قايت ]
1som
| ۋاقتى : 2008-09-18 13:52 6 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.080810(s) query 4, Time now is:09-19 12:36, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation