نۆۋەتتىكى تېما : ]«كۆچ – كۆچ قوشاقلىرى» ۋە ئۇ بارلىققا كەلگەن  تارىخىي شارائىت تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 230ـ كۆرۈرمىنى
TuranTekin

دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1797
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 195
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە195دانە
شۆھرىتى: 202 نومۇر
پۇلى: 2020 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :187(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-04-14
ئاخىرقى : 2008-09-19

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ]«كۆچ – كۆچ قوشاقلىرى» ۋە ئۇ بارلىققا كەلگەن  تارىخىي شارائىت

«كۆچ – كۆچ قوشاقلىرى» ۋە ئۇ بارلىققا كەلگەن
تارىخىي شارائىت


      خەلق قوشاقلىرىنىڭ مەزمۇنىدىن ئېيتقاندا، ئۇ خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتقا بولغان كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا خەلق قوشاقلىرى كۈچلۈك ئىدىيىۋىلىككە، جەڭگىۋارلىققا ۋە رېئاللىققا ئىگە.
      خەلق ئەدەبىياتىمىزدا ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ، ھازىرغىچە بىر قەدەر مۇكەممەل ساقلىنىپ كېلىۋاتقان، ھازىرمۇ كىشىلەر سۈيۈنۈپ ئېيتىدىغان «كۆچ – كۆچ قوشاقلىرى» ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىيات بىلەن سۇغۇرۇلغان تارىخىي قىممەتكە ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە خەلق ئەدەبىيات – سەنئىتىدۇر.
      «كۆچ – كۆچ قوشاقلىرى» نڭ سىياسىۋىيلىكى كۈچلۈك بولۇپ ، ئۇنىڭدا چار رۇسىيىنىڭ ۋەتىنىمىزنى بۆلىۋېلىشقا ئورۇنغان جىنايەتلىرى ۋە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك جاھانگىرلارغا تېز پۈككەنلىكى، نەتىجىدە ئىلى ئۇيغۇرلىرى ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ باشقا يۇرتتا نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەت تارتقانلىقى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ۋەتىنىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى كۈچلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. 
      19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن يەنى 1840- يىلدىكى ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن، چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تەسلىمچىلىكى تۈپەيلىدىن، خەلقئارادىكى جاھانگىر دۆلەتلەر تەرەپ-تەرەپتىن بېسىپ كىرىپ ۋەتىنىمىزنى بېسىۋېلىشقا ئورۇندى . 1865- يىلى ئەنگلىيە ياقۇببەگنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى بېسىۋالدى. چىرىكلەشكەن چىڭ ھۆكۈمىتى بىر قاتار تەڭسىز شەرتنامىلەرگە ئىمزا قويدى. مانا بۇنىڭغا قارشى مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە قارشى خەلق قوزغىلاڭلىرى ۋە ئىسيانلىرى كۆتۈرۈلدى.
      ئىلى خەلقىمۇ ئۆزلىرىنىڭ 1864- يىلى ساتقىن چىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ھەم چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇپ، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ يەتتىسۇغا كۆچۈشكە باشلىدى. يەتتىسۇغا ئەڭ بۇرۇن چاررۇسىيە چېگراسىغا يېقىن بولغان چاپچال ناھىيىسىنىڭ خۇنخاي مازىرىدىكى ئۇيغۇرلار كۆچتى. خۇنخاي مازىرىدىكى ئۇيغۇرلار دەسلەپتە ئارلىقنىڭ يېقىنلىقىدىن يەتتىسۇغا قانداق تېز كۆچۈپ چىققان بولسا، كېيىن چاررۇسىيىنىڭ زۇلمىغا چىدىماي ئۆز ماكانلىرىغا شۇنداق تېز قايتىپ كەلدى.
      «كۆچ – كۆچ قوشاقلىرى» 19- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا چاررۇسىيە جۇڭگو زېمىنىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ بېسىۋېلىشنى قەستلەپ، ئىبلىس قۇلىنى ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالدىكى ئىلى رايونىغا سوزغاندا مەيدانغا كەلگەن. چاررۇسىيە «رۇسىيە چېگراسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش» دېگەننى باھانە قىلىپ، 1871- يىلى 6- ئايدا ئەسكەر چىقىرىپ ئىلىنى بېسىۋالغان ھەمدە «ئىلى مەڭگۈ رۇسىيە قارمىقىدا بولىدۇ » دەپ جاكارلىغان. ھەم خەلقلەرنى كۆچۈشكە مەجبۇرلىغان. لېكىن شۇنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتۈش ھاجەتكى، يەتتىسۇغا كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپچىلىكى نامرات دېھقانلار بولغاچقا، ئۇلار كۆچۈش داۋامىدا نۇرغۇنلىغان جاپالارنى چەككەن، كۆچۈشنى خالىمىغانلار قامچا يېگەن ، ئاھۇ-زار ھەممىلا يەرنى قاپلاپ كەتكەن. ئەنە شۇ چاغدا يەتتىسۇغا كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي سانى 45 مىڭ 373 كىشىگە يەتكەن.
      چاررۇسىيە ئىلىنى بېسىپ ياتقان ئون يىل ئىچىدە (1871ـ1881) خەلقىمىزنى كۆپ قېتىم ئەسكەر بولۇشقا زورلىغان، تەھدىت ئاستىدا رۇسىيە تەۋەسىگە كۆچكەن جۇڭگو دېھقانلىرى، چارۋىچىلىرى ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ سەرسانلىق، سەرگەردانلىق ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان. 1881- يىلى «جۇڭگو -رۇسىيە ئىلى شەرتنامىسى» ئىمزالىنىپ، چاررۇسىيە ئىلىنى قايتۇرۇپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگونىڭ قورغاس دەرياسىنىڭ غەربىدىكى زېمىنىنى يولسىزلارچە بۆلىۋالغان ھەمدە توققۇز مىليون رۇبلى پۇلنى قاقتى-سوقتى قىلغان. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، رۇسىيە سودىگەرلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم شەھەرلىرىدە ئەركىن سودا قىلىشىغا يول قويۇشىنى ، ئۇلاردىن ۋاقتىنچە باج ئالماسلىقنى يولسىزلىق بىلەن تەلەپ قىلىپ، «قوغداش» نامى ئاستىدا ئېلىمىزدىكى ھەرمىللەت خەلقىنى مەجبۇرى كۆچۈرمەكچى بولغان. كۆچۈشكە ئۇنىمىغانلارنى ۋەھشىلىك بىلەن قامچىلىغان. «كۆچ – كۆچ قوشاقلىرى» دا ئەينى ۋاقىتتىكى چاررۇسىيىنىڭ جىنايەتلىرى پاش قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلقنىڭ چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ساتقىنلىقىغا بولغان ئۆچمەنلىكى، ئۆز يۇرتىدىن قىلىچ-نەيزە ئاستىدا مەجبۇرىي ئايرىلىش ئاۋازى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئانا يۇرتقا بولغان مۇھەببىتى چوڭقۇر ئوبرازلىق قىلىپ ئىپادىلەنگەن.
      چاررۇسىيىنىڭ ئىلى خەلقىنى مەجبۇرى كۆچۈرۈشى ۋە ئۇلارنى ئېغىر دەرىجىدە تالان-تاراج قىلىشى ئارقىسىدا ئىلى رايونى چۆلدەرىگەن، ئادىمى ئاز، باغ-ۋارانلىرى ۋەيران بولغان خارابلىققا ئايلانغان، «كۆچ – كۆچ قوشاقلىرى» ئەنە شۇ ئەلەملىك كۈنلەرنىڭ يالدامىسىدۇر.
      «كۆچ – كۆچ قوشاقلىرى» نىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى شۇنىڭدىكى، ئۇنىڭدا ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈيى ئالاھىدە جاراڭلايدۇ، چاررۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ ئىلى خەلقنى قىلىچ-نەيزە ئاستىدا يەتتىسۇغا مەجبۇرىي كۆچۈرگەنلىكىدىن ئىبارەت زوراۋانلىقى بىۋاسىتە پاش قىلىنىدۇ:
ئاق پادىشاھ لەشكەرلىرى،
ئالتۇن كولاپ تاش كەستى.
دېھقانلارنى كۆچ-كۆچ دەپ،
قىلىچ بىرلە باش كەستى.
     
      «كۆچ – كۆچ قوشاقلىرى» نىڭ كۆپ قىسمى خەلقىمىزنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا يۇرتىدىن ئايرىلىش ئەلىمىگە بېغىشلانغان:
مىڭ جاپا بىلەن سالغان،
قالدى باغۇ بوستانلار.
يۇرتىمىزدىن ئايرىلىپ،
دىلدا قالدى ئارمانلار.

بىز ئىلىدىن كۆچكەندە،
ئالتىنچى ئاي روزىدى.
بۇنداق ئېغىر كۈنلەردە،
ئاتا-ئانا بولسىدى.

ئىلىدىن كۆچۈپ چىقىپ،
يان بۇلاقتىن ئايرىلدۇق.
تۇغۇلۇپ ئۆسكەن جايلاردىن،
ئۆلمەي تىرىك ئايرىلدۇق.
...............................

      «كۆچ – كۆچ قوشاقلىرى» نىڭ بىر قىسمى كۆچمەنلەرنىڭ يولدا تارتقان جاپا- مۇشەققەتلىرىگە بېغىشلانغان بولۇپ ، بۇ كۆچمەنلەر ئېيتقاندەك «دەرد ئۈستىگە دەرد » كۈيىدۇر:
خۇنخاي يولىدا تاللار،
شاخ شېخىدا مارجانلار.
يوللاردا جاپا تارتىپ،
ئېقىپ كەتتى بۇ جانلار.

      چاررۇسىيە تەرىپىدىن زورلاپ ئېلىپ كېتىلگەن ئىلى ئاھالىسى ئۆي، يەر، چارۋا، مۈلۈكلىرىدىن ئايرىلىپ، ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ئەھۋالدا قالغان. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىگە بۆلۈپ بېرىلگەن يەرنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ، دېھقانچىلىق بېجى تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. نۇرغۇن كىشىلەر خانىۋەيران بولۇپ چاررۇسىيە پومېشچىك، كاپىتالىستلىرىنىڭ ياللانمىسىغا ئايلىنىپ قالغان:

يېڭى مايۇر يەر بەرمەس،
يول ئۈستىنى تەردۇرمەس.
باشقا قاتتىق كۈن چۈشتى،
بەش خولۇقتىن يەر تەگمەس.

ئۆسەككە بارارمىز دەپ،
ئەسكى تام ئارا ياتتۇق.
ئۆز جايىمىز پۈتكىچە،
تۇپراق تۆپىدە ياتتۇق.

ئۆسەككە بارغان خەلقلەر،
ئەسكى تامنى ئۆي قىلدى.
ئۇندا خوتۇن ئالغانلار،
ئەسكى تامدا توي قىلدى.

ئاشپۇزۇلدا ئولتۇرسام،
چىن تەخسىدە ئاش كەلدى.
ئىلىنى خىيال قىلسام،
قارا كۆزۈمگە ياش كەلدى.

      مانا بۇ چىن يۈرەكتىن قايناپ چىققان ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتتۇر. ھازىرقى شارائىتتا ئەنە شۇ تارىختىكى ۋەتەندىن ئايرىلىشنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان خەلقىمىزدىن مىراس قالغان بۇ قوشاقلارنىڭ تارىخى ۋە رېئال ئەھمىيىتىنى تىلغا ئېلىش تولىمۇ زۆرۈردۇر .

      مەنبە: «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى
نادانلىق - زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى !!!
| ۋاقتى : 2008-09-13 12:24 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 230ـ كۆرۈرمىنى
niyazdixan

دەرىجىسى :كۇلۇب باشلىقى


UID نۇمۇرى : 1760
نادىر تېما : -5
يازما سانى : 237
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە237دانە
شۆھرىتى: 1107 نومۇر
پۇلى: 2300 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :109(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-01-21
ئاخىرقى : 2008-09-19

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

چار روسىيە قىلىچ نەيزە بىلەن ئىلى خەلقىنى مەجبۇرى كۆچۈرگەنمۇ ؟ ياكى ئىلى خەلقى مانجۇلارنىڭ يەنە كېلىپ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇپ كۆچكەنمۇ ؟
1som
| ۋاقتى : 2008-09-13 15:14 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 230ـ كۆرۈرمىنى
Awral

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 4207
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە8دانە
شۆھرىتى: 9 نومۇر
پۇلى: 80 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :14(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-09-09
ئاخىرقى : 2008-09-18

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

كۆچ- كۆچ قوشاقلىرى

ئاق پادىشا لەشكىرى ،
ئالتۇن كولاپ ، تاش كەستى .
دىھقانلارنى كۆچ - كۆچ دەپ ،
قىلىچ بىلەن باش كەستى .

ئوقنى ئاتتى يۈرەككە ،
يىنىپ تەگدى بىلەككە .
ئاق پادىشانىڭ قىلغىنى ،
ئورناپ كەتتى يۈرەككە .

ئالمۇتۇغا كۆچ دەيدۇ ،
بارار يىرىمىز قۇملۇق .
راس گىپىنى قىلمايدۇ ،
كۆزى كۆك بېشى يۇقلۇق .

قارا خان بىلەن ئاق خان ،
ئىتىپاق ئىكەن باشتا .
كۆچۈشنى خىيال ئەيلەپ ،
كىمە ياسىدۇق قاشتا  .

كەتمەيمىز دىگەن بىلەن ،
بۇ ئىشقا نىمە چارە .
غۇلجىنى بىسىپ ئالدى ،
دىلىمىز سۇنۇق پارە .

ئىلىدىن چىققان كۈنى ،
يان بۇلاقتىن ئايرىلدۇق .
تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتلاردىن ،
ئۆلمەي تىرىك ئايرىلدۇق .

كۆچۈپ ماڭغان كۆچمەنلەر ،
قىبلىگە قاراپ ماڭدى ،
كۆچمەي قالغان ئادەملەر .
مانجۇغۇ قاراپ قالدى .

توققۇزتارادىن ئۆتكەندە ،
ياماتۇنىڭ تاشلىرى .
كۆچۈپ بارغان خەلىقنىڭ ،
قۇرىمايدۇ ياشلىرى .

كۆچمەنلەر كۆچۈپ ماڭدۇق ،
بالا - چاقا پىيادە .
يامان دىمەڭلار بىزنى ،
تەقدىر بىلەن ئىرادە .

كۆچ - كۆچ دىسە بىلمەيدۇ ،
كۆچۈپ كۆرمىگەن ئەللەر .
ئۆز يۇرتىغا يىتەمدۇ ،
بىرىپ كۆرمىگەن يەرلەر .

قوپسام سەھەر بولۇپتۇ ،
ئىچىم غەمگە تولۇپتۇ .
بۇ كۆچ- كۆچنىڭ دەردىدە ،
يۇرتۇم ۋەيران بولۇپتۇ .

بىرنىڭ ئاتىسى ئۆلگەن ،
بىرنىڭ ئانىسى  ئۆلگەن .
نەچچە ئاتىلار ئۆلۈپ ،
بۇ ئىشلارنى كىم كۆرگەن .

غۇلجا دىگەن شەرىمىز ،
ئىسىمىزدىن كەتمەيدۇ .
غۇلجىدىكى دوسلاردىن ،
نىمىشقا خەت كەلمەيدۇ .

يەركەتنىڭ يولى دەيدۇ ،
بىلەتسىز ئۆتەلمەيدۇ .
غۇلجىدا قالغان سىڭلىڭىز ،
غىرىپلىقتىن كىتەل مەيدۇ .

بىرىپ كۆرمىگەن ئەلنى ،
بارماي تۇرۇپ بىلمەيمىز .
خۇدا نىسىپ قىلسۇن ،
بىر ئاللادىن تىلەيمىز .

ۋەلى باينى باي دەيدۇ ،
باي قىلسا خۇدا قىلغان .
ئاتمىشمىڭ تارانچىنى ،
ئىلىدىن جۇدا قىلغان .

كەتمەيمىز دىگەن بىلەن ،
بۇ ئىشقا نىمە چارە .
زالىملارنىڭ دەردىدە ،
يۈرەكلىرىمىز سەكپارە .

يەركەتنىڭ يولى دەيدۇ ،
كۆۋرىكىدە يوغان تاش .
بىزنى يۇرتتىن ھەيدىگەن ،
نىكۇلاي دىگەن باغرى تاش .
| ۋاقتى : 2008-09-13 17:24 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 230ـ كۆرۈرمىنى
TuranTekin

دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1797
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 195
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە195دانە
شۆھرىتى: 202 نومۇر
پۇلى: 2020 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :187(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-04-14
ئاخىرقى : 2008-09-19

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 Re:]«كۆچ – كۆچ قوشاقلىرى» ۋە ئۇ بارلىققا كەلگەن  تارىخىي شارائىت

Quote:
1 - قەۋەتتىكى niyazdixan 2008-09-13 15:14 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
چار روسىيە قىلىچ نەيزە بىلەن ئىلى خەلقىنى مەجبۇرى كۆچۈرگەنمۇ ؟ ياكى ئىلى خەلقى مانجۇلارنىڭ يەنە كېلىپ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇپ كۆچكەنمۇ ؟


چارروسىيە ئىلى خەلقىنى ئىلىدىن كۆچۈرۈش ئۈچۈن چېگرادىن چىققۇچە بولغان ئارلىقتا ئالدى بىلەن، مانجۇلارنىڭ قاتتىق ئۆچ ئالىدىغانلىقى ھەتتا پۈتكۈل ئۇرۇق-ئەۋلاتلىرىنى قىرىپ تاشلايدىغانلىقى ھەققىدە ھەممە ياققا داۋراڭ سالغان، شۇنداقلا كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىن چېگرادىن ئۆتۈپ بولغاندىن كىيىن قاتتىق نازارەت ئاستىدا بولغان .......................................
yol
نادانلىق - زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى !!!
| ۋاقتى : 2008-09-13 20:09 3 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 230ـ كۆرۈرمىنى
TuranTekin

دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1797
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 195
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە195دانە
شۆھرىتى: 202 نومۇر
پۇلى: 2020 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :187(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-04-14
ئاخىرقى : 2008-09-19

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

Awral ئەپەندى، كۆچ-كۆچ قۇشاقلىرى بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت.
بىزنىڭ يۇرتتا ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن بىرقانچە ياشلار بۇلۇپ، ئۇلار بۇ قېتىم تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن يۇرتىغا قايتىپ كەپتۇ. كۈرۈشۈش جەريانىدا ئۇلارنىڭ ۋايساشلىرىنى ئاڭلاپ، ئىلگىرى كۆرگەن ئەشۇ "كۆچ-كۆچ" قوشاقلىرى ھەققىدىكى ھېكايىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدىم. سىز قالدۇرغان بۇ قوشاقلار تېخىمۇ ئەتراپلىق بولۇپتۇ. بۇ قوشاقلارنى ئۇلارنىڭ چېكىسىگە قىستۇرۇپ قۇياي! ئۇلارنىڭ دەرت-ئەھۋالىغا بەك باپ كىلىدىكەن. (مەقسىدىم ھەل بولدى)
نادانلىق - زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى !!!
| ۋاقتى : 2008-09-13 20:17 4 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 230ـ كۆرۈرمىنى
udun

دەرىجىسى :باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1168
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 437
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە437دانە
شۆھرىتى: 445 نومۇر
پۇلى: 4440 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :226(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-12-27
ئاخىرقى : 2008-09-19

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپ نازىمنىڭ كۆچ-كۆچ ۋاقتىدا يازغان نۇرغۇن قوشاقلىرى بۇ خەلق قوشاقلىرىغا قوشۇلۇپ ، خەلق قوشىقىغا ئايلىنىپ كەتكەنىكەن.
1som
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
| ۋاقتى : 2008-09-14 19:34 5 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.136541(s) query 4, Time now is:09-19 12:36, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation