Erdewil
ئورخۇن نازارەتچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-23
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 جاللات شىڭ شىسەينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى

شىنجاڭ پادىشاھى شېڭ شىسەينىڭ ئاخىرىقى كۈنلىرى

  سەي جىن سوڭ



1949- يىلى شېڭ شىسەي گومىنداڭ بىلەن بىللە تەيۋەنگە كىتىپ «دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكى» دە شاڭ جياڭ دەرىجىلىك مەسلىھەتچى، «مەمۇرى پالاتانىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقنى قايتۇرىۋېلىشنى پىلانلاش كومىتىتى» غا ئەزا بولدى. ئۇ بىر مەزگىل سودىگەرچىلىك قىلىپ موگو، بېلىق سودىسى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ باقتى، بولكىخانا ئاچتى، لىكىن ھېچقايسىسىدا سودىسىنى ئاقتۇرالماي، ئاخىر ئۈيىدە كومپارتىيىگە قارشى ماقالىلەرنى يېزىپ ئولتۇردى.

ئۇنىڭ گۇمانخورلۇقى، باشقىلارنى قەستلەيدىغان مىجەزى شۇ چاغلاردىمۇ تۈگۈمەي، شىنجاڭدا ئىشلەپ تەيۋەنگە قېچىپ كىلىۋالغان ئادەملەرنى بۇ كومىنىست، دەپ يۇقىرىغا چېقىپ يۈرۈپ كىشىلەرنىڭ غەزىۋىگە قالدى. 1953- يىلى گۇاڭ لۇ، گۇ گېڭيى، سوڭ نيەنسى، لىن جىيۇڭ قاتارلىق 15 ئادەم جياڭ جېشىغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى جىنايەتلىرىنى پاش قىلدى. شۇ يىلى 3- ئايدا تەيۋەندىكى ئەبەيدۇللا  قاتارلىق 114 كىشى ئەرىز سۇنۇپ، شېڭ شىسەينىڭ شىنجاڭدىكى جىنايەتلىرىنى پاش قىلدى. 23- كۈنى شېڭ شىسەي ئۇلارغا رەددىيە بىرىپ: مەن دۆلەتنىڭ ئالدىدا يەرگە قارايدىغان ھېچقانداق ئىش قىلمىدىم دەپ ئۈزىنى ئاقلىدى ۋە يازغان نەرسىسىنى ۋەكىللەرگە تارقىتىپ بەردى. ئۇ مۇشۇنداق نارازىلىقلارنىڭ ئىچىدە يەنە جياڭ جېشىنىڭ قوغدىشى بىلەن ئامان-ئېسەن ئۈتۈپ كەتتى. ئۇ بۇنىڭ بىلەنلا قالماي يەنە خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە بىرىلىدىغان بىرىنچى، ئىككىنچى دەرىجىلىك ئوردېنلارغا، قۇرۇقلۇق، ھاۋا، دېڭىز ئارمىيە ئوردېنىغا ئىرىشتى.

شېڭ شىسەي تەيۋەنگە بارغاندىن كىيىن، «شىنجاڭدا ئۆتكەن ئون يىلدىن ئەسلىمە»، «قانداق قىلغاندا چوڭ قۇرۇقلۇقنى قايتۇرۋېلىش بۇرچىمىزنى ئۇڭۇشلۇق ئۇرۇندىغىلى بۇلىدۇ»، «كومىنىزىم ۋە كاپىتالىزىم دەۋرىنىڭ ئۆتمىشى، دىموكراتىيە ئەسىرىنىڭ يىتىپ كەلگەنلىكى» قاتارلىق كىتاپلارنى يازدى. ئۇ تەپ تارتماستىن: ‹  «ئەسلىمە» ئىنتايىن مۇھىم كىتاپ، شىنجاڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغانلار بۇ كىتاپنى چۇقۇم ئۇقۇپ چىقىشلىرى كېرەك، ئۇ مىنىڭ سىتالىن ۋە ماۋ زېدوڭ بىلەن قىلغان بىۋاستە كۈرەشلىرىمنىڭ تارىخى› دىدى. ئەينى ۋاقىتتا شېڭ شىسەينىڭ كىتاپ يېزىپ، ماقالە يېزىپ كومىنىزىمغا قارشى تۇرۇش، چوڭ قۇرۇقلۇقنى قايتۇرىۋېلىشنى تەرغىپ قىلىشتىن باشقا قىلغۇدەك ئىشى يوق ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئىچى بەكمۇ پۇشاتتى.

ئۇنىڭ ئەمدى ئۇنداق چوڭ ئىشلارنى قىلغۇدەك ئەھۋالى يوق ئىدى، قۇلىدىنمۇ كەلمەيتتى، ئۈرۈمچىدىكى بوغدا چوققىسىنى ئەسلەپ، سائەتلەپ ئولتۇرۇپ كىتەتتى. ئۇ ئۇزۇندىن بىرى مۇستەققىل پادىشا بۇلۇپ ياشىغان ئىدى. ھەربى دەرىجىسى قۇرۇقلۇق ئارمىيە شاڭ جياڭى بولسىمۇ ، لىكىن خۇڭ پۇ ھەربى مەكتىۋىدە ئۇقۇمىغان. ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدار بولسىمۇ، لىكىن مەركەزدىكى ئەمەلدارلار سورۇنى بىلەن ئاز باردى-كەلدى قىلغان ئىدى. شۇڭا تەيبېيگە كەلگەندىن كىيىن كۆپ ئادەملەر بىلەن بېرىش-كىلىش قىلالمىدى. ئۇنىڭ بىلەن يېقىنلىشىپ بېرىش-كىلىش قىلغان ئادەملەرمۇ ئۇزۇنغا قالماي ئۇنىڭدىن قاچتى. شۇ سەۋەپلەردىنمۇ ئۇنىڭ ئۆمرىدە يېقىن ئۈتۈدىغان بىرمۇ دوس-بۇرادەرلىرى  بولمىدى.

بۇ دۇنيادىن دېرەكسىز يۇقاپ كىتىۋاتقاندەك ياشاۋاتقان تۇرمۇش ئۇنى تېخىمۇ غەمكىن، خەقلەردىن تېخىمۇ قاچىدىغان قىلىپ قويغاچقا، چەت بىر يەردىن ئۆي ئېلىپ، ئاخىرىقى ئۆمرىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزدى. ئۇنىڭغا ھەمرا بۇلىۋاتقىنى خۇتۇنى بىلەن ئەسلىمىسىلا ئىدى. ئۇندىن باشقا كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىپ كىتىۋاتقان يۇقىرى قان بېسىم كىسىلى ئىدى. ئۇنىڭ توختىماي بېشى ئاغرىيتتى، يۈرىكى سالاتتى، پۇت-قوللىرى كۈيىشەتتى. بىر قېتىم قىسقا ۋاقىت كۈزى كۆرمەسمۇ بۇلۇپ قالغان ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى قان – تۇمۇر كىسەللىكىنىڭ ئالامەتلىرى ئىدى. دوختۇر ئۇنىڭغا دۇرا بىلەن داۋالىنىشتىن باشقا ئۈزىنى بىر خىلى تۇتۇشنى، بۇرۇنقى ئىشلارنى ئويلىماسلىقنى ئېيتتى.

شېڭ شىسەينىڭ تەيۋەندە تۇققانلىرى يوق ئىدى. ئانىسى بىلەن سىڭلىسى چوڭ قۇرۇقلۇقتا قالغان ئىدى. تەيۋەنگە بىللە ئېلىپ كەلگىنى ئىككىنچى ئىنىسى شېڭ شىيىڭ، بەشىنچى ئىنىسى شېڭ شىجىلا  ئىدى. چوڭ ئوغلى كې جىڭ، ئوتتۇرانچى ئوغلى كې چېڭ يېنىدا ئىدى. چوڭ قىزى كې چىن، كەنجى ئوغلى كې ۋىن ئامىرىكىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئىدى. شېڭ شىسەي ئىنىللىرى بىلەنمۇ كۆپ باردى-كەلدى قىلىشمايتتى. ئۆز ۋاختىدىكى «ئاۋام گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى چېن جىيىڭ بىلەن يىلدا بىر – ئىككى قېتىم كۈرۈشۈپ قالاتتى. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئورتاق بىر پىكىر بار ئىدى. چېن جىيىڭ ئۈرۈمچىگە ئۈچ قېتىم كەلگەن. شىنجاڭنىڭ 1938- يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئەھۋاللار يېزىلغان، قىممىتى بار «شىنجاڭدا كۆرگەنلىرىم» ناملىق كىتاپنى يازغان. بۇ كىتاپ شۇ چاغدا خېلى چوڭ تەسىر قوزغىغان ئىدى.

1970- يىلى 7- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شېڭ شىسەي ئۆز ئۈيىدە تۇيۇقسىز يۈرەك كىسىلى قوزغۇلۇپ، تەيبېي شەھىرىدىكى ھاۋا ئارمىيە دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلدى. چۈشتىن كىيىن سائەت 5 تىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە جىددى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي 76 يېشىدا ئۆلدى. شۇ چاغدا يېنىدا خۇتۇنى چيۇ يۈفاڭ، ئوتتۇرانچى ئوغلى كې چىڭلار بار ئىدى. ئەتىسى ئۇنىڭ جەسىدى ئامىرىكىدىكى قىزى كەلگۈچە تەيبېي شەھىرى مىنچۇەن كوچىسىدىكى جەسەتخانىغا قۇيۇپ تۇرۇلدى.

8- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 دە ئائىلىسىنىڭ، سائەت 9 دا دەپنە كومىتىتىنىڭ دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. جياڭ جېشى گۈلچەنبىرەك ئىبەرتتى. سابىق غەرىبىي شىمال ئارمىيە-ھۈكۈمەت ئەمەلدارلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋېن باشلىقى گو جى چياۋ  قاتارلىقلار  ئۇنىڭ جەسىدى ئۈستىگە دۆلەت بايرىقى ياپتى. ئۇنىڭ ئالدىدا يەنى 7- ئاينىڭ 31- كۈنى «زوڭتۇڭ» جياڭ جېشى بىلەن «مەمۇرى پالاتا» باشلىقى يەن جياگەن «ساداقەت مۇكاپاتى» بىلەن ئۇنى مۇكاپاتلىغان ئىدى. شېڭ شىسەينىڭ جەسىدى تەيبېي شەھىرى شىمالىي ياڭ مىڭشەن تېغىدىكى 1- ئۇمۇمى قەبرىستانلىقنىڭ 12- رايۇنىغا كۈمۈلدى. 16 يىلدىن كىيىن خۇتۇنى چيۇ يۈفاڭ نيۇ يوركتا ئۆلدى.
مەن ئۇيغۇر مەڭگۈ سۆيىمەن ئۇيغۇرنى!
Posted: 2007-11-22 17:50 | [ئاپتور]
Erdewil
ئورخۇن نازارەتچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-23
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

مانا  بۇ ھاراملىق
مەن ئۇيغۇر مەڭگۈ سۆيىمەن ئۇيغۇرنى!
Posted: 2007-11-22 17:53 | 1 -قەۋەت
aliptekin
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 4
شۆھرىتى: 5 نومۇر
پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-15
ئاخىرقى كىرگىنى : 2007-12-27

 

باشىقىلارغا يامانلىق قىلغانلارنىڭ اقىۋىتى مانا مۇشۇنداق بولىدۇ.بۇ جاللات ۇيغۇرلارغا از ەسكسلىك قىلدىمۇ؟ۋۇ قانخور جاللات.
Posted: 2007-12-20 17:43 | 2 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » جۇڭگو تارىخى

Total 0.051022(s) query 4, Time now is:01-12 22:41, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation