بىر نەچچە كۆڭۈل ئەينىگى بىلەن يىراقنى كۆرەلەيدىغان، دانا ۋە ئىشەنچىلىك كىشلەرنىڭ رىۋايەتلىرىگە قارىغاندا، ئىلگىرى خاقانى چىنى بۇ يەتتە شەھەرنى تەسەررۇف قىلىپ، شەھەر- شەھەر ئادەملىرىنى ھىساپلاپ، ئۇلارنىڭ سانىنى ئالغان چاغدا، ياركەنتتە ئىشقا يارايدىغان تىمەن ياش ئەر كىشلەر ئوتتۇز مىڭ، ئاقسۇدا ئالتە مىڭ، كۇچاردا ئۈچ مىڭ، قەشقەردە ئون ئالتە مىڭ، خوتەندە يىگىرىمە ئىككى مىڭ ئىكەن دەپ دەپتەرگە ئېلىنغان ئىكەن. ياركەنتتىكى خىتايلارمۇ ئوتتۇز ئىككى مىڭ مۇسۇلماننى، بەلكى بۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك ئادەمنى يوق قىلىپ، ئاندۇن ئۆزى يوق بولغان ئىكەن دەيدىكەن. خۇدا ھەققى بەلكى بۇ راست گەپتۇر.
گەپنىڭ ھاسىلى شۇكى، ياركەنتنى پەتھى قىلىش مەقسىدى ئەنە شۇنداق قىيىن يوللار بىلەن ھەل بولدى. شەھەردىكى نەچچە ساڭ ئاشلىق، قورال-ياراق، ئوق-دورا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا چۈشتى. مۇبارەك بادلىق ساداسى ۋە ناغرا، كاناي ئاۋازى ئاسمان- پەلەككە يەتتى. لېكىن بۇ چاغدا، بىر تەرەپتىن تۇڭگانلار بىلەن مۇرەسسە پۈتمەي، يەنە بىر تەرەپتىن ئابدۇل راخمان ھەزرىتىم ۋە يەنە بىر تەرەپتىن قاغىلىقتىكى جامالىدىن خوجا، ھەتتا ياركەنتتىكى ھەممە ھەزرەت ئىشان ۋە ساھىپجاماللارنىڭ ھەر قايسىسى باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، ياركەنت ھۆكۈمرانلىغىدىن تەمە قىلىپ، ئۆز- ئارا ئىتتىپاق بولالمىدى. ھەتتا ياركەنتى ئۆزىلىرىنىڭ ئىلكىدە تۇتالمىدى ۋە ئېھتىيات قىلىپ ساقلىيالمىدى. مۇشۇنداق ۋەزىيەت ئاستىدا خېتىپ خوجام ئىشان مىرغىياسىددىننىڭ نەۋرىسى مىرزا جاننى پىرزادەم دەپ، ئۇنى باشقا ھەزرەتلەردىن قاچۇرۇپ، ئۈچتۇرپانغا مەخپى ئەۋەتتى. ئەگەر بۇنداق قىلمىغان بولسا، يەنە بىر مۇنچە ناھەق قان تۆكۈلگەن بولار ئىدى. يەنە بۇ چاغدا مۇھەمەت ئەلى خاننىڭ (بۇرۇن بايان قىلىنغان قوقان خانلىغىنىڭ پادىشاسى – ت) ئوغلى مۇزەپپەر خان كەشمىردىن ياركەنتكە كەلدى. بۇ ئىلگىرى كوھىستان 145] تەرەپتە ياشايدىكەن. بۇ چاغدا ئۇ بۇ تەرەپتىكى جىدەل- ماجرالارنى ئاڭلاپ ۋاقىتنى غەنىمەت بىلىپ، تىبەت داۋىنى ئارقىلىق ياركەنتكە كەلدى. ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىگىنى ۋە نام- نەسەپلىرىنى ئىزھار قىلدى. خېتىپ خوجام ئۇنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى بەجا كەلتۈرۈپ، مۇناسىپ جاي- ماكانغا چۈشۈرۈپ، ئۆز لايىغىدا مائاش- تەمىنات بەلگىلىدى. لېكىن، بۇنىڭ ھەركەت- تەرەددۇتى باشقىچە ئىكەنلىگىنى بىلىپ،”بىزنىڭ ئۇلۇغىمىز كۇچاردا، شۇڭلاشا كۇچارغا بېرىپ يارلىغىنى قۇبۇل قىلسىلا “دەپ ئادەم قوشۇپ، كۇچارغا يولغا سالدى. كۇچاردىكى خان خوجاممۇ ئۇنىڭ ئىززىتىنى قىلىپ، تېگىشلىك تەمىنات بەلگىلەپ، مۇۋاپىق يەردىن خوتۇن ئېلىپ بەردى. شۇڭلاشقا، ئۇ كوڭلى خاتىرجەم بولۇپ تىنجىپ، ئۆزى خالىغان يەردە سەيلى- تاماشا قىلىپ، بۇ جايدا بىر نەچچە ۋاقىت ئىستىقامەت قىلىپ ياتتى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە كورلىغا بارسام رۇخسەت بىلەن كورلىغا باردى. ياقۇپ بېك غازى كۇچارنى ئالغان چاغدا تۇرپان تەرەپكە سەپەر قىلدى. بۇنىڭ ۋەقەسى كېيىنكى داستاندا بايان قىلىنىدۇ. (ئاللاسەۋىر قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر!) خېتىپ خوجام يەنە مەزكۈر جامالىدىن خوجامنى كۇچارغا ماڭدۇردى. ئاقىۋەت خوجاملار تۇڭگان بىلەن ئىتتىپاق بولالماي، ياركەنتنىمۇ قولىدا تۇتۇپ مۇھاپىزەت قىلالماي، ئۆز ۋەتەن- يۇرتىغا قايتتى. بۇلارنىڭ يۇرتىغا يانمىغىنىدا يەنە بىر قانچە سەۋەپ بار. بۇنىڭ بىرى شۇكى، تۇڭگانلارنىڭ سانى يىگىرىمە بەش مىڭ بولۇپ، قورال- ياراقلىرىمۇ كۆپ ئىكەن. شۇڭلاشقا، خوجاملار ئاز ئادەم بىلەن كەلگەن ئىكەنمىز، ئېغىر جابدۇق قىلىپ كەلگىنىمىز تۈزۈك ئىكەن دەپ يانغان ئىدى. يەنە بىرى، نەزەرىددىن شەيخ خوجامنىڭ مىجەزى مۇقىم ۋە تۇراقلىق ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ گويا ئۆزىنى ئىككىنچى ئەمىر كىبىر تېمۇر كوراگانى دەپ چاغلاپ، ياركەنتتىكى كاتتا ھەزرەت ئىشانلارنى، تۇڭگانى ئىماملىرى باش يۇرت ئىسىلزادىلىرىنى ئادەم ئورنىدا كۆرمىدى. بۇ ئۇلار بىلەن ئىتتپاقلاشماسلىققا سەۋەپ بولدى. لېكىن سەئىد خېتىپ خوجام بولسا مىجەز- شېرىپلىرى نەپىس ۋە خۇش خۇي، خۇش پىئېللىق، خۇش مۇئامىلىلىك كىشى ئىدى. ياقۇپ بېك قۇشبېگى بىلەنمۇ ئوبدان كۆرۈشۈپ، ئۆز- ئارا مۇھەببەت ۋە يېقىن مۇناسىۋەت يىپىنى باغلىدى ۋە ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئەسەر- نەتىجىسىنى كۆردى.
نەزىم:
ئەگەر پادىشا بولسا مۇلايىم سۇخەن،
كى مۈشكۈلنى ئاسان ئەلىگەى ھاپىزى ھەي.
.
8
سەئىد جاملىددىن خوجام پادىشانىڭ يار كەنت ۋە كاشىغەرنى ئېلىش ئارزۇ – تەقەززاسى بىلەن بىر سەپەردە ئىككى شەھەرنى ئېلىش تەمەنناسىنى يەنى ئىككى كىيىكنى ئوۋلاش قەستىدە داقا – دۇمباق ئۇرۇپ مەغرۇرلىنىپ ئات چاپقىنى ، بىرىنى ئوۋلاش يەنە بىرىنى ئوۋلاپ يەنە بىرىنى قەستلەپ ئات چاپتۇرۇپ ، ھەر ئىككى كىيىكتىن خالاسلىق دۆلىتىنى ھاسىل قىلىپ ، بىردىنلا ئىگىزدە پەرۋاز قىلىپ ئۇچۇۋاتقان يامان بۈركۈتنىڭ يىرتقۇچ چاڭگىلىغا گىرىپتار بولغىنى ۋە ھەر ئىككى كىيىك مەشۇغىدىن مەھرۇم قېلىپ كۆڭلى مالال ۋە يېرىم بۇلۇپ ئۆزىنىڭ گۈزەل ۋە شادى – خورام
ۋەتەن – يۇرتىغا قايتىشى قاتارلىق ۋەقەلەر
ئاق كۆڭۈللۈك دوستلار ۋە چوڭقۇر بىلىملىك ئەرباپلارغا مەخپى ۋە يېپىق قالمىغايكى ، نەقىل ۋە ھىكايىلەرگە ئاساسلانغاندا ، شەيخ نەزەرىددىن خوجاملار يار كەنتنى مۇھاپىزەت قىلىپ تۇتۇپ تۇرالماي يېنىپ كەلگەندىن كېيىن ، ئاقسۇ ھاكىمى جامالىددىن خوجام پادىشانىڭ ھىممەت ۋە جۈرئىتى جۇش ئۇرۇپ ، غەيرەت ۋە شىجائىتى قوزغىلىپ ”ئۆزەم ئاتلىنىپ چىقىپ يار كەنت ۋە كاشىغەرنى پەتھى ۋە تەسەررۇف قىلىپ ، قۇشبېگى دىگەننى تىرىك تۇتۇپ باغلاپ قۇل ئەسىر قىلىپ ، ئۇنى ئىنسان گۇرۇھى كۆرمىگەن خارلىق ۋە زارلىقلارغا يەتكۈزۈپ ، ئېتىمنىڭ ئالدىدا پىيادە ھەيدەپ ھەيۋىسىنى يوقاتمىسام ، نىزامىددىن خوجا شەيخنىڭ ئوغلى بولماي قالاي ۋە سەيىتلگىممۇ بىكار بولسۇن “دەپ چوڭ گەپلەرنى قىلىپ ، ئاچچىق سۆزلەر بىلەن قەسەم ئىچتى . ئۇنىڭ ھەممە دۆلەت ئەركانلىرى ۋە خۇشامەتچى تۇزكۇرلارمۇ ”ئەلۋەتتە شۇنداق، ئۆز يۇرتىدىن قېچىپ كەلگەن ئىگىز ئادەملەرنىڭ نىمە ئېتىۋارى بولسۇن“دەپ ھەددىدىن ئارتۇق خۇشامەت سۆزلەرنى قىلىدى . پۈتۈن قىش بويى قورال – ياراقلارنىڭ تەرەددۇتى ۋە ئات – ئۇلاقلارنىڭ غېمىنى قىلىپ باھارغا ئۇلاشتى . يەر يۈزىدىن ئوت – گىيالار بىخ ئۇرۇپ باش كۆتىرىپ چىققان باھار پەسلى كەلگەندە ، ئۆز ئىنىسى جالالىدىن خوجامنى ئۇرنىغا ئولتۇرغۇزۇپ ، ۋاكالىتەن ئاقسۇ زىمىنىنى باشقۇرۇشقا قويۇپ تەييار بولدى . بۇ چاغدا كۇچار خوجىلىرىنىڭ بۇرۇنقى ئەلىمى ۋە سەئىدلەرنىڭ ئۇلۇغ پىشۋاسى بولغان ئاخۇن خوجام ئەلەم دىگەن بىر كىشى بار ئىدى . بۇ كىشى ئەللىك يىل ئەلەملىك مەنسىۋىنى ئۆتەپ ، شەرىئەت شېرىپىنى راۋاجلاندۇرغان ۋە خاس ئاممىنىڭ مۇراجىئەتچىسى بولغان بىر مويسىپىت كىشى ئىدى . بۇ كىشى باش بولۇپ كۇچار ، شەھيار لەشكەرلىرىنى باشلاپ كەلدى . سەئىد خېتىپ خوجام ۋە ھامىددىن خوجاملار ئۈچتۈرپان ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ كەلدى .
سەئىد جامالىددىن خوجام پادىشا سائادەتلىك زامان ۋە شەرەپلىك دەۋراندا ، غەلىبە ئۈزەڭگىسىگە ئاياق قويۇپ ، ئاقسۇدىن موللا ئابدۇل باقى مۇپتى ئاخۇنۇم ، قاسىم قازى بېك ، باقىش مىراپ بېك ۋە مۇھەممەت شېرىپ بېكلەرنى ، كۇچار بەگلىرىدىن ھەججى غەزنىچى بېك ، ياقۇپ دىۋان بېك ، موللاش مىراپ ، ئاقمۇللا مىراپلارنى ، ئۈچتۈرپان بەگلىرىدىن ئاق بېك ، مۇسا بېك ، قۇربان مىراپ ، ئىبراھىم مىڭ بېگى قاتارلىق كارغا يارايدىغان ۋە ئىشنىڭ ئەھدىسىدىن چىقالايدىغان ، ۋۇجۇدىدا ھىممەت ۋە غەيرىتى بار بەگ ۋە بەگزادىلەرنى ھەمرا قىلىپ يار كەنتكە ئاتلاندى . ئەسكەرلەرنىڭ سانىنى يىگىرمە ئالتە مىڭ دەپ دەپتەرگە ئالدى . بازارچى ، پىلىترچى ، قۇشچىلار بۇ ھىساپنىڭ سىرتىدا ئىدى . بۇلار دۆلەت دەبدەبېسى ۋە سۆلىتى بىلەن يوللارنى بېسىپ ، يار كەنتكە ئۈچ مەنزىل قالغاندا ، ياركەنتنىڭ ۋالى ۋە ئاھالىلىرى ، ھەزرەت ئىشانلار ، تۇڭگانى ئىماملىرى قاتارلىق چوڭ – كىچىك ئۇلۇغلار ، مۆتىۋەر زاتلار توپ – توپ ، گۇرۇھ – گۇرۇھ بولۇپ ، سوغا – سالاملارنى ئېلىپ ئالدىغا چىقىپ ، زەپەر ئۈزەڭگىلىرىگە يۈزىنى سۈرتۈپ ، قوللىرىنى كۆتىرىپ ، ئاللا دەرگاھىنىڭ ئالدىدا ئاجىز ۋە سۇنۇقلۇغىنى ئىپادىلەپ دۇئا قىلىشىپ ، پەتھى ئايەتلىرىنى ئوقۇپ ، خوجاملارنىڭ ئۆمۈر دۆلەتلىرىگە دۇئالارنى قىلىپ ، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ، خىجالەتنىڭ قارا تەرلىرىگە غەرق بولۇپ ، ئىلگىرى قىلغان ئىشلىرىغا پۇشايمان قىلىپ تۇردى . خوجاملار بۇنى بىلىپ شاھانە ئىنئام ۋە پادىشالارچە مەرھەمەتلەر بىلەن ئۇلارنىڭ گۇنالىرىنى كەچۈرۈپ ، دىل – كۆڭلىنى كۆتىرىپ ، ئاللا دەرگاھىنىڭ ئالدىدا ئاجىز ۋە سۇنۇقلۇغىنى ئىپادىلەپ دۇئا قىلىشىپ ، پەتھى ئايەتلىرىنى ئوقۇپ ، خوجاملارنىڭ ئۆمۈر دۆلەتلىرىگە دۇئالارنى قىلىپ ، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ، خىجالەتنىڭ قارا تەرلىرىگە غەرق بولۇپ ، ئىلگىرى قىلغان ئىشلىرىغا پۇشايمان قىلىپ تۇردى . خوجاملار بۇنى بىلىپ شاھانە ئىنئام ۋە پادىشالارچە مەرھەمەتلەر بىلەن ئۇلارنىڭ گۇنالىرىنى كەچۈرۈپ ، دىل – كۆڭلىنى كۆتىرىپ ، ھەممىسىنى خوش قىلىپ ئۇلۇغلاپ ، دەبدەبە ۋە داغدۇغىلارنى قىلىپ ، خوشاللىق بىلەن يار كەنت پايتەختىگە كېلىپ ئورۇنلاشتى ، مەيلى تۇڭگانلار بولسۇن ياكى ھەزرەت ئىشانلار بولسۇن ، ئومۇمەن ھىچقانداق ئادەمنىڭ كۆڭلىدە خوجاملارغا نىسبەتەن بىرەر غەيرى ئويلارنى ئويلاشقا كۈچ – قۇۋۋەت ياكى مادار يوق ئىدى . ھەممە ئەئيانى ئەشرەپلەر ئىتائەت بەلۋىغىنى مەھكەم باغلاپ ، خوجاملارنى قۇت – مۇبارەكلەپ ، شاھانە ناغرا ، كانايلىرىنى ۋە سۇناي ، دۇمباقلىرىنى چېلىپ ، شادىيانە سادا ئاۋازلىرىنى ياڭراتتى . ھەر قايسى يۇرتلاردىن توپ – توپ بولۇپ مۇبارەكلەشكە كەلگەن خالايقنىڭ شاۋقۇن ئاۋازى بۇ خۇددى كۆك گۈمبەزدەك ئاسمان راۋىقىغا چىرماشتى . خوجاملار ئىنئام ئىشىگىنى ئېچىپ ، ئادالەت كىگىزىنى يايدى . قوي بىلەن بۆرە بىر كۆلچەكتە سۇ ئىچتى . لاچىن بىلەن كەپتەر بىر تاكچە ئۇۋىدا چۈجە چىقاردى . ئىنسان گۇرۇھى ۋە بەلكى ھەممە مەخلۇقات ئارىسىدىكى دۈشمەنلىك ۋە ئاداۋەت مەدەن – جىسىملارنىڭ كەينىگە يۇشۇرنۇپ يوقالدى. ئۈلپەت ۋە مۇھەببەت قائىدە – يۇسۇنلىرى خۇددى قۇياش ئاپتىۋىدەك نۇر چاچتى . خوجاملارنىڭ ھالى رەۋىشلىرى يۇقۇرى ئۆرلەپ ، خالايىققا كۆپتىن - كۆپ ئىنئام ۋە ئېھسانلارنى قىلىپ ، ھۆكۈمرانلىق ئورنىدا خاتىرجەم ئولتۇردى .
سۆزنىڭ ھاسىلى شۇكى، ئەمدى ئۇلارنىڭ ئارۇز ۋە مەقسەتلىرى قەشقەرنى پەتھى قىلىش ئىدى. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، ئۇزۇق- تۈلۈك تەييارلاش، لەشكەر، قورال- ياراق راسلاش ئىشلىرىنىڭ ئارۇز ۋە ئىشتىياقى ئۇلارنىڭ دىل ئەينەكلىرىگە چۈشتى. ياركەنت تەۋەسىدىن كۆپ ئەسكەرنى يىغىپ، شەرەپلىك دەۋران ۋە سائادەتلىك زاماندا قەشقەرگە يۈرۈشنى پىلانلىدى. ياركەنت ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر ئەلەم ئاخۇن غوجامغا تاپشۇرۇپ، مەملىكەتنىڭ بارلىق ئىشىدا ئۇنى ھاكىم مۇتلەق قىلىپ بەلگىلىدى. لەشكەرلەرنىڭ سانىنى ھېساپلىدى. قۇشچى، پىلتىرچى، بازارچى، مىراخورلاردىن باشقا يەتمىش ئىككى مىڭ مۇسۇلمان ۋە تۇڭگانلارنى دەپتەرگە ئالدى. ئەسكەرلەرنىڭ كۆپلىكىدىن پوش-پوش دىگەن ئاۋازلار، كوچا- بازارلادا تاماشا قىلىپ چۆرىدەپ ساقلاپ تۇرغۇچىلار ۋە ئەسكەرگە ماڭغۇچىلارنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرنىڭ” يول بولسۇن“ دېگەن پاتىھە ساداسى، كاناي- سۇناي، داقا- دۇمباقلارنىڭ پەريات ئاۋازى، مۇغەننىلەرنىڭ ئايرىلىش ئالدىدا ئوقۇغان ئاھ-نالە جان سۆزلىرى ۋە ئوتلۇق غەزەل، مۇقام جىگەر سۆزلىرى، يەنە بىر تەرەپتىن لەشكەرلەرنىڭ ئات ئاياقلىردىن چىققان چاڭ-تۇزانلار بولسا بۇ چاڭ- تۇپراق ئالەمىدىن ئاسمانى پەلەككە ئۆرلىدى. بۇ ھال گويا كۆرگۈچىلەرنىڭ كۆزىنى كور ، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قۇلاقلىرىنى گاس قىلدى ، ئەقىل – ئىدرەك ھىسسىياتلىرى ئۆزىنىڭ ھىسسى قۇۋۋەتلىرىدىن ئاجراپ چىقىپ توختاپ قالدى ، گۇياكى قىيامەت كۈنىدىكى يىغىلىش مەيدانىدىن بىر نەمۇنە ۋە ئەرسات غەۋغالىرىدىن بىر نىشانە ئاشكارە پەيدا بولغاندەك بولدى .
تارىخ ھىجرى بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن ئۈچىنچى يىلى جامادىيەل ئاۋالنىڭ ئىككىنچى كۈنى ( مىلادى 1866- يىل 9- ئاينىڭ 12- كۈنى – ت ) ئىدى . خوجاملار قورال – ياراقتىن باشقا يەنە ئىككى يۈز ھارۋىدا غول زەنجىر كىشەنلەرنى ئېلىپ”كاشىغەرگە بارىمىز ۋە بۇ جاينى ئالىمىز ، قىپچاق ، ئەنجانلىقلارنى قۇل ئەسىر قىلىپ ، غول زەنجىرلەر بىلەن مەھكەم باغلاپ ئېلىپ كېلىمىز“دەپ خام تامالارنى ئوت ياقمىغان قازانغا سېلىپ تەييارلاپ پىشۇرۇپ، چىشى يوق قۇرۇق ئاغزىدا چايناپ لەززەتلىنىپ، خوش بولۇپ ماڭغان ئىدى . ئەمما خوجاملار ھۆكۈمرانىلىق قىلغان ھەر قانداق دەۋر ۋە زاماندا ، بۇنداق كۆپ ئەسكەر توپلىنىپ ئاتلانغان ئەمەس ئىدى. ھەتتا بۇ ئەھۋال كېيىنكى كۈنلەردىمۇ بولۇپ باقمىدى. ئالەمنى ياراتقان ھىممەتلىك ئاللانىڭ فەزىل ئىنايىتى بىلەن سەئىد جامالىددىن خوجام پادىشا رەڭمۇ – رەڭ شاھانىلىق كىيىمنى ئۇچىسىغا كىيىپ ، شاھى تاجىسىنى بېشىغا قويدى ۋە ئىسپان قىلىچىنى قۇۋۋەتلىك بېلىگە باغلىدى. ياخشى ئاتقا مىنىپ، چوڭ سۆلەت ۋە تەكەببۇرلۇق بىلەن جابدۇنۇپ تەييارلىنىپ، يولغا تىكىلگەن ئۆي زەربگاھ ۋە چېدىر – بارگاھلىرىغا چۈشتى . بۇ يەردە ئىككى كۈن ئارام ئېلىپ . چوڭ – كىچىك ئەسكەرلەرگە ئۆز لايىغىدا خراجەت ۋە تون – كىيىملەرنى بېرىپ ، ئۈچىنچى كۈنى ئارزۇ ۋە مەقسەت تەرەپكە قەدەم تاشلاپ ، ئاستا – ئاستا يۈرۈپ خانېرىق تەۋەسىگە پادىشاھانە بارگاھىنى تىكلەپ، ئەسكەرلەرنىڭ ئارقا ۋە ئالدىنى رەتلەپ مۇلاھىزە قىلىپ ”ئەگەر ياقۇپ بېك قۇشبېگى بۇنچىلىك نۇرغۇن ئەسكەرنىڭ كەلگىننى بىلسە ، ئىختىيارسىز كاشىغەردە تۇرالماي ئۆزىنى تاغنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئېلىشى ۋە كاشىغەر ئەھلى ئاتنىڭ ئايىغىدا قېلىشى ئېھتىمالى بار “دەپ، ئەسكەرنىڭ كۆپلۈگىنى تەكيە – يۈلەنچۈك قىلدى . لېكىن ، مۈلۈك ئىگىسى بولغان خۇداۋەندەكېرىمنىڭ كامالەت – قۇدرىتىنى تەكيە قىلىشنى ئۇنتۇپ قالدى . ھەتتا بۇ پەلەكنىڭ خىلمۇ – خىل خىيالىنى ئويلاپمۇ قويمىدى. بۇ ئەڭ بۈيۈك ئالەم ئىگىسىنىڭ زاۋال ئاقىۋەتكە يەتكۈزۈشىدىن تامامەن خەۋەرسىز ئىدى .
دەل مۇشۇنداق چاغدا يېڭى ھىسار تەرەپتىن بىر تۇغ نامايان بولدى . تۇغ ئىچىدىن ھەر خىل ئەلەم – بايراقلار كۆرۈندى . سەپسېلىپ قاراپ تۇرسا ، كۆرۈنگەن بۇ تۇغ ئەلەملەرنىڭ ئىچىدىن قۇشبېگىنىڭ قوشۇنى ئايان ۋە ئاشكارا بولدى ، ھەر تەرەپكە قويغان ئىراۋۇلچى ۋە قاراۋۇلچىلار يېتىپ كېلىپ كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرىنى مەلۇم قىلدى ، جامالىددىن خوجام”قۇشبېگىنىڭ يىگىتى ئاز، بىز بولساق كۆپ“دەپ لەشكەرلىرىنى ئوڭ ۋە سولغا بۇيرۇپ ” ئىككى تەرەپتىن خۇددى ئەجدىھادەك باش تارتىپ ، قۇشبېگىنىڭ يىگىتلىرىنى ئوتتۇرغا ئېلىپ ، ئۇلارنى تاش سېپلىدەك مۇھاسىرىگە ئېلىپ سەپنى ئۇيۇشتۇرۇڭلار ، ھەر كىم قولغا چۈشسە تىرىك ئېلىپ كېلىڭلار “دەپ پەرمان ۋە ھۆكۈم قىلىپ ، ئۆزى ئوتتۇرىدا خاتىرجەم تۇردى . دەرۋەقە بۇ قوشۇنغا قارايدىغان بولسا ، قۇشبېگىنىڭ يىگىتلىرى گويا ئاسماندىكى بىر توپ فەرۋىن ( ئۇكەر – ت ) يۇلتۇزغا ئوخشايتتى . خوجاملارنىڭ يىگىتى بولسا يەتتە قات ئاسماندىكى ھەممە يۇلتۇزنىڭ سانى باراۋىرىدەك كۆپ ئىدى . شۇ كۈنلەردە گولاپنىڭ ئۇلۇغى ھەمراخان دىگەن ئىككى يۈز ئەللىك كۈچلۈك جەڭگىۋار ئادىمى بىلەن خوجاملارغا ياردەمگە كەلگەن ئىدى . خوجاملار”بىزگە غەيرى يۇرتلارنىڭ ئادىمى كېرەك ئەمەس“ دەپ چەتكە قاقتى . ھەمراخان نائۈمىت بولۇپ قۇشبېگىگە ياردەم قىلىپ ، نۇرغۇن ئىشنى قىلىدى .
لېكىن ، قۇشبېگى خوجاملارنىڭ يىگىتىنىڭ كۆپلۈگىگە قاراپ ئەندىشە قىلىپ ، ئۆز ئادەملىرنىڭ ئازلىغنى ، پەملەپ ، ئاللا دەرگاھىغا تەۋەككۈل قىلىپ ، يىگىتلىرىنى توپ – توپ قىلىپ ھەر تەرەپكە قۇشلىدى . ئابدۇللا ناملىق بىر پانسەت باھادۇرلىرىنى باشلاپ ، خۇددى بالا – قازا ياغدۇرىدىغان قىياپەتتە كېلىپ ، خوجاملارنىڭ لەشكىرىگە ئۆزىنى ئۇردى . خوجاملارنىڭ ئىككى قانات قوشۇنلىرى ئارلىغىدا توپ – زەمبىرەكلەر بىلەن توپلىشىپ تۇرغان تۇڭگانلارنىڭ يېنىغا كىلىپ ، يەنە كەينىگە ياندى . يەنە بىر تەرەپتىن غازىبېك پانسەت ، ئەزىز بېك جاللاتلار چەپ تەرەپتىن ئات ئوينىتىپ كېلىپ ئۇرۇش مەيدانىدىكى جەڭ ۋە قىرغىنچىلىق مەرىكىسىنى ئەۋجىگە يەتكۈزدى . ئابدۇللا پانسەت ئىككى – ئۈچ نۆۋەت جەۋلانبازلىق قىلىپ ئارقىغا چېكىنىپ تۇرغان بىر ھالەتتە ، خوجاملارنىڭ لەشكەرلىرى چەپ قول تەرەپتىن زەربىگە ئۇچراپ ئارقىغا چېكىندى . بۇ ئارىلىقتا بىر مۇنچە ئادەم ھالاك بولغانلىغى ئۈچۈن ”ئارقىغا يېنىڭلار“دىگەن ئاۋازنىڭ ساداسى كەلدى . خوجاملار ئىلاجسىز بۇلۇپ ۋە «ھەدىس شېرىپ» تە كۆرسەتكەن ”كۈچى يەتمەي چىداشلىق بېرەلمىگەن چاغدا، قاچماقلىق بولسا پەيغەمبەرنىڭ يولىدۇر“ دىگەن سۆزىنى ئۆزلىرىگە لازىم ۋە ۋاجىپ دەپ ھىساپلاپ، قوش پىلتىرلىق قورال-جابدۇقلار ھەم چېدىر-بارگاھ ۋە باشقا قورال-ياراقلىرى، يىمەك-ئىچمەكلىرى، مال-دۇنيا غەزىنە قاتارلىق خىلمۇ-خىل ئەشيالىرىغا قارىماي، ئات قامچىسنى مەغلۇبىيەتكە ئۇرۇپ، ئاقسۇ يولىغا قاراپ مېڭىشنى ئىختىيار قىلدى.
نەزىم:
پاراكەندە لەشكەرلەر قولدىن ئىش كەلمەگەي،
ئىككى يۈز مەردانە جېڭى ياخشىراق يۈز مىڭدىن.
بۇ ھال ئاللانىڭ قۇرئانى كېرىمىدە يېزىلغان« ئاللانىڭ ياردىمى ئاستىدا ئاز سانلىق قۇشۇن ھامان ئۆزىدىن كۆپ سانلىق بولغان قۇشۇننى يېڭەلەيدۇ» دىگەن ئايىتى مەزمۇنىغا بەكمۇ مۇۋاپىق كېلدۇ. غوجاملار ئىككى يىل ئىچىدە ئاقسۇ، كۇچار، ياركەنت، ئۈچتۇرپان ۋە كورلىغىچە بولغان يۇرتلارنىڭ خىراجىتى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ پۇل ھەم جېنى بىلەن تەييارلانغان ئۈسكۈنە ۋە قورال-ياراقلارغا ئىگە بۇلۇپ تۇرۇپ، ئەقەللى ئىككى سائەتمۇ باراۋەرلىك قىلالماي،
خۇددى چاڭ-تۇزاڭدەك تۇزۇپ كەتتى. قىتئە:
خۇدايكىم ئىرۇرلەر مالىكۇل مۈلك،
كى ھەركىمگە بەرسە تۇتىۇل مۈلك.
نەھەددى بولغاي كىشىغە مۈلك ئالماق،
شەھىنشاھىكى ئولدۇر تەنزۇلمۈلك.
غوجاملار قۇشبېگى ھەققىدە ھەر خىل گەپلەرنى قىلغان ئىدى. بۇ قايرىلىپ ئۆزلىرنىڭ بېشىغا كەلدى.«ھەدىس شېرىپ»تە يېزىلغان”بىر تۇغقان بۇرادىرىگە ئورا كولىغان ئادەم، ئاخىرى بۇ ئورىغا ئۆزى چۈشىدۇ “دىگەن سۆز دەل بۇلارنىڭ ئەھۋالىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. غوجاملارنىڭ ئىچىدە بىر قانچە ياخشى ئادەم بىھۆدە ئۆلۈپ كەتتى. بىر مۇنچىسى ئەسىرگە چۈشتى، بىر مۇنچىسى ئات-ئۇلاقلىرى، كىيىم-كىچەكلىردىن ئايرىلىپ يالىڭاچ بۇلۇپ، يە تائام ۋە يە سۇ تاپالماي ئاچ قېلىپ، چۆل-جەزىرىلەردە يوقاپ كەتتى. بەزىلىرى يېرىم جان بۇلۇپ، ئۆزنىڭ ئەسلى يۇرتىغا قايتىپ كەلدى. مەغلۇبىيەت كۈنى گويا ئۇلارغا قىيامەت قايىم بولغاندەك بولدى. ”مەن ۋە مەندىن غەيرى ئادەم يوق“ دەپ ناغرا چالغان غوجاملار بولسا ئۆز جېنىدىن بىزار بۇلۇپ، بەزىدە ھوشغا كېلىپ، بەزىدە ھوشنى يوقىتىپ، بىخۇت بولۇپ، چۈش كۆردۈممۇ ياكى شۇنداق بىر خىيال بۇ ئەھۋاللارنى ماڭا كۆرسەتتىمۇ؟ مېنىڭدە قانداق ئەھۋاللار يۈز بەردى؟ مەن نېمە بولدۇم دەپ نەششە چېكىپ كاللىسى ئايلانغان بەڭگىلەردەك، ياكى ئەپىيۇن چېكىپ كۆڭلى خىيالغا چۈشۈپ كەتكەن ئەپىيۇنكەشلەردەك، كۆڭلى ئايلىنىپ، تىلى كالۋالىشىپ، جېنى چىققۇدەك بۇلۇپ ياكى يېرىم جان بۇلۇپ، نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتچىلىك ۋە ئاۋارىچىلىق بىلەن ئاران دىگەندە تۇرماقچى بولغان ئارامگاھقا كېلۋالدى. ئېھتىمال بۇ كۆك ئاسمان ۋە كاج شۈم پەلەك ئۆزىنىڭ سېھىرلىك ئۇيۇنلىرىنى كۆرسەتتى بولغاي.
بۇ چاغدا ياركەنت پايتەختىدە تۇرغان سەئىد ئەلەم ئاخۇن خوجام خانئېرىقتىن قېچىپ كەلگەنلەردىن بۇ ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ، تاقىتى تاق بولۇپ ئولتۇرالماي،”مەن كاشىغەرگە بارىدىغان بولۇپ قالدىم“دىگەن بانا بىلەن ئۆزىنى ياركەنتتىن قۇتۇلدۇرۇپ ئاقسۇ تەرەپكە راۋان بولدى. دىمەك، خوجاملار شۇنداق قىلىپ بىر دودا ئىككى شەھەرگە ئاياق تاشلىدى. كاشىغەرنى ئالىمەن دەپ ياركەنتىنمۇ قۇرۇق قالدى. نەتىجىدە ئۇلار ئاران دىگەندە ھۇشىغا كېلىپ، كاشىغەر بىلەن ياركەنتتىن تەمە قىلىپ، بۇ جايلارنى زادىلا كۆڭلىمىزدە تۇتمايلى، ئۇ تەرەپنى ھەرگىزمۇ ئارزۇ ۋە ھەۋەس قىلمايلى دىيىشتى. ئۇلار كېيىن دەرۋەقە بۇ جايلارغا كېلەلمىدى. ئۇلارنىڭ ئاغىزىدىن نىمە چىققان بولسا ئۆزلىرىمۇ نەتىجىنى كۆردى.
نەزىم:
خۇدا بەرگەن سەن ھەرگىز ئۆچەشمە،
ئاتا ئەيلەپ ئۆزى بەردى خۇداۋاندە.
لېكىن بۇ چاغدا تۇڭگانىلار ئون ئىككى مىڭ كىشىدىن ئارتۇق ئىدى. ئۇلار گۇيا ئۈكەر يۇلتۇزدەك توپ بولۇپ، توپلىرىنى پىلتىرلاپ، نۇرغۇن ئادەمنى زەخمە قىلىپ تاكى نامازشامغىچە قۇشبېگىنىڭ يىگىتلىرىنى يېقىن كەلتۈرمىدى. قۇش بېگى بولسا يوتىسىغا ئوق تېگىپ دەرمانسىزلاندى. ئاقىۋەت تۇڭگانىلار بىلەن سۈلھى شەرتلىرىنى تۈزۈپ، ئۇلارنى توپ ۋە توپ خانلىرى بىلەن بىللە كاشىغەرگە ئاپىرىپ، ھەر بىرىگە ئۆز مەرتىۋىسى بويىچە مۇۋاپىق ئىنئام ۋە ئېھسانلارنى قىلىپ، ھەر خىل ۋەدە- قەسەملەرنى بېرىپ، داغدۇغا قىلىپ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلدى. قورال- ياراقلىرىنى ئېلىۋېلىپ، تون كىيدۈرۈپ، ھەر خىل ئەمەل- مەنسەپلىرىنى بېرىپ، ئۇلارنى ئۆزىگە رام ۋە قۇش قۇشلايدىغان قىلىۋالدى
9
سەئىد خېتىپ خوجامنىڭ ۋۇجۇت باغىستانىنىڭ غۇنچە نەۋ باھارى ۋە قەلبى سەدەپلىرىنىڭ تېپىلماس گۆھىرى، يەنى مەھمۇدىن خوجام پادىشانىڭ ھۆكۈمرانلىغى ۋە مەنكى كەمىنە بۇ ئەسەر ئىگىسى موللا مۇسانىڭ سەرگۈزەشتە ماقالاتلىرى، بىر قانچە سۈرلۈك پىرقەلىرىنىڭ ئېتىقادى قاتارلىق ئەھۋاللار بايانلى
ھۆرمەتكە ئىگە يارەنلەر، پەملىك بۇرادەرلەرنىڭ ئالى مۇقام زېھىنلىرىگە مەخپى ۋە ئېلانسىز قالمىغايكى، سەئىد بۇرھانىدن خېتىپ خوجام كىچىك ئوغلى مەھمۇت خوجامنى ئۆز يۇرتىغا ۋەكىل قىلىپ ئۈچتۇرپان مەمىلكىتىنىڭ ھۆكۈمرانى قىلىپ، ئۈچتۇرپان ھاكىمى توختى بېك ۋە كۇچارلىق تەلەي دادخۋانى ئۇنىڭ خىزمىتىگە بەلگىلەپ غازاتقا ئاتلانغان ئىدى. بۇ پادىشا خوجام ئۈچتۇرپان مەمىلكىتىنىڭ ئالى ھۆكۈمرانى بولغاندىن كېيىن، «ھەدىس شېرىپ» تە يېزىلغان” ئىسلام دىنى ئۆزىدىن بۇرۇنقى ھەممىنى يوق قىلىدۇ – ت)“دىگەن مەزمۇن بويىچە، ئىلگىركى مەنساپدار كاپىرلار، زالىم جەۋرىكەشلەرنىڭ رەسمىىيەت- يوسۇنلىرىنى يوق قىلىپ، سەلتەنەت رەۋىشى ۋە يۇردارلىق ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى شەرىئەتنىڭ ئىنچكە ھۆكۈملىرى بويىچە ئۆلچەپ بىر تەرەپ قىلدى. شەھەردىكى چوڭ بۇتخانىنى بۇزۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا بىر كاتتا مەسچىت جامە بىنا قىلىپ، ئۇنىڭغا ۋەخپە ۋە باشقا مال- مۈلۈكلەرنى تەيىنلىدى. بۇ خوجامنىڭ ئومۇمەن ئۈچ يىل بىر ئايدەك ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرىدە، ھىچقانداق ئادم ئۇنىڭ ئىشلىرىغا دەخلى قىلىپ ئارىلىشالمىدى. چۈنكى، بۇ خوجام گەرچە باشقا خوجاملاردىن كىچىك بولسىمۇ، لېكىن پەم- پاراسەتلىك ۋە ئىلىم- دىيانەت، پەزىل- كامالەتتە ھەممىدىن چوڭ ئىدى. ئۇزۇن مۇددەتتىن بۇيان، كاپىرلارنىڭ قائىدە- يوسۇنلىرى ۋە زۇلۇم- جاپالىرى، قەدىمقى بەگلەرنىڭ ئۆزىچە پەيدا قىلغان رەسمىيەت- تۈزۈملىرى ۋە ئەسكى ئىشلىرى يولغا قويۇلۇپ كەلگەن بۇ شەھەرلەردە، مەزكۈر خوجام «ھەدىس شېرىپ» تە ئېيتىلغان”سۆھبەتداشلىق تەسىر قىلىدۇ - ت“دىگەن مۆجىزىلىك ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا ئەمەل قىلىپ ۋە ئۆزىنىڭ خۇي- مىجەزىنىمۇ بۇنىڭغا توغرىلاپ، خالايىقنىڭ دىل- كۆڭلىگە ئورناپ مۇقىملىشىپ كەتكەن ۋە ياماننى ياخشىدىن ئايرىمايدىغان ئەسكى مېرەز ۋە بىدئەت ئىشلارنى قىلىش ۋە نەيزە ئۇچى بىلەن يوق قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا پەيغەمبەرنىڭ شەرىئەت- سۈننەتلىرى ۋە ھۆرمەت پەزىلەتلىرىنى تۇرغۇزۇپ، ئۇنى سىياسەت شەمشىرىنىڭ سۈيى ۋە تۇپرىغى بىلە پەرۋىش قىلىپ كۆكەرتىپ، پۇراقلىق مايسا رەيھان گۈلىنى ئۆستۈردى. چۈنكى، «ھەدىس شېرىپ»تىمۇ ”جەننەت قىلىچىنىڭ سىياسى ئاستىدا“دەپ كۆرسىتىلگەن مەزمۇن بۇ ئىشلارغا گۇۋالىق بېرىپ تۇرىدۇ.
مەھمۇدىن خوجام يەنە شەھەر، سەھرالاردىكى مەسچىت، خانىقالارغا ئىمام، مۇئەززىنلەرنى توختىتىپ، بەش ۋاقىت نامازنى جامائەت بىلەن ئۆتەشنى بەرپا قىلدۇردى. شەرىئەتنىڭ ھەممە قائىدە- يوسۇنلىرىنى رەسۇلىللانىڭ سۈننەت كىتاۋىغا (ھەدىسىگە – ت) ۋە توغرا يوللۇق ئۆلىمالارنىڭ سۆز- پىكىرلىرىگە ئاساسلىنىپ ھۆكۈم قىلدى. ئۇلۇغ شەرىئەت قائىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، شەرىئەتتىن چىققان ھىچقانداق ئادەمگە يۈز- خاتىرە قىلماي، ھۆكۈم جارى قىلدى. ھەتتاكى، قىمارۋاز، كەپتەرۋاز، كەكلىكۋاز، توخۇمباز قاتارلىق ھەممە بازارلارغا قەتئىي ئەدەپ بېرىپ يوق قىلدى. لېكىن، ئۆزى شاخماتچى ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئۇلۇغ شەرىئەتنىڭ قائىدىلىرىنى مەھكەم ھىمايە قىلىپ، خالايىقنىڭ غەم- ئەندىشە ۋە راھىتىنى ئىستىگەنلىكتىن، چوڭ ۋە كىچىكلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن رازى ۋە خوشال ئىدى.
بۇ ئەسەرگە قەلەم تەۋرەتكەن مەنكى، كەمىنە مۇسا مەزكۈر خوجام پادىشانىڭ ھوزۇرىدا ئۈلپەتداش ۋە سۆھبەتداش ئىدىم. مەيلى بىرەر ئۆلىما ياكى پازىللار بولسۇن ۋە ياكى ھاكىم ھەم دادخوۋالار بولسۇن، مەندىن مەسلىەتسىز بىرەر ئىشنى قىلالماس ئىدى. چۈنكى، مەن بۇ خوجام پادىشا بىلەن كۇچاردا يەتتە يىل مىقدارى بىر مەدرىس ۋە بىر ھۇجىرىدا بىللە تۇرۇپ، ساۋاقداش، قۇرداش ۋە دوست- ئاداش بولۇپ كەلگەن ئىدىم. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۈچتۇرپانلىق باي مۇھەممەت قازىبېك مەن پېقىرنى ئىپتارغا تەكلىپ قىلدى ۋە ”ئىپتار قىلىپ، قونۇپ قۇنۇپ ئەتە كىرسىلە، پادىشا خوجامدىن مۇشۇنداق دەپ رۇخسەت ئېلىپ چىقسىلا“دەپ تەكىد قىلدى. چۈنكى، ئۇ كىشىنىڭ ھويلىسى شەھەرنىڭ تېشىدا ئىدى. مەن بولسام بىرەر كىچىمۇ خوجام پادىشادىن بىجاۋاپ باشقا يەرگە بارماس ئىدىم. چۈنكى، مەن خوجام پادىشا قاتنىشىغان بەش ۋاقىت نامازغا ئىمام ۋە مەسچىت جامەگە خېتىپ ئىدىم. مەخپى گەپ- سۆز ۋە خەتلەرگە سىرداش ئىدىم. توققۇز قاراۋۇلدىن كىرگەن ۋە چىققان ئادەملەرگە مەن مەسئۇل ئىدىم. قاراۋۇللارنىڭ يول خېتىمۇ مېنىڭ قولۇمدا ئىدى.ھىچقانداق كىشى مەندىن بىجاۋاپ قاراۋۇلدىن زادى ئۆتەلمەيتى.
[ بۇ يازما Ghunche تەرىپىدىن 2007-12-07 01:30 دە قاي ]