نۆۋەتتىكى تېما : مىلدرېد كابلىنىڭ قۇمۇلغا ساياھىتى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 371ـ كۆرۈرمىنى
afrasyap

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 311
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-05-17
ئاخىرقى : 1970-01-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 مىلدرېد كابلىنىڭ قۇمۇلغا ساياھىتى

مىلدرېد كابلىنىڭ قۇمۇلغا ساياھىتى


  سۈي يەنخۇ

  ئەنگلىيىلىك ئايال مىسسىئونېر مىلدرېد كابلى 15 يىل ئىچىدە قۇمۇلغا كۆپ قېتىم كەلگەن. ئۇ بىرىنچى قېتىم ئىككى ھەمراھى بىلەن دۇنخۇاڭنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن، ئەنشىگە كېلىپ، بىر كىچىك مېھمانخانىدا بىر نەچچە كۈن دەم ئالىدۇ، ئاندىن بىر ئات ھارۋىسىنى كىرا قىلىپ، چۆللۈكنى كېزىپ شىنجاڭغا كېلىشكە تەييارلىق قىلىدۇ. ھارۋىكەش سۇلىخېدىن كەلگەن يىگىت بولۇپ، ئۇ يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى كابلىغا سەپەرگە لازىملىق ئۇن، گۈرۈچ، تېرىق، قۇرۇق لازا ۋە ھەرخىل تۇزلۇق سەيلەرنى تەييارلاپ بېرىدۇ. يەنە ئۇ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆزىنىڭ ئېتى ئۈچۈن بىر چوڭ تاغارغا ئوت - چۆپ ۋە دورىلارنىمۇ تەييارلايدۇ، كابلى ئۇنىڭدىن نېمىشقا بۇ ئوت - چۆپ، دورىلارنى ئېلىۋالىسەن، دەپ سورىغاندا ئۇ ئارقىغا بۇرۇلۇپ كابلىغا قاراپ قويۇپ: — «سەن بىلمەيسەن، چۆللۈكتە كۈنلىرىمىز جاپالىق ئۆتۈشى مۇمكىن، سۈيىمۇ ئوخشىمايدۇ. بەزىلىرى ئاچچىق، بەزىلىرى بەك سوغاق بولۇپ، سۇ ئالماشقاندا ھايۋانغا بىر ئاز ئوت بىلەن دورىنى ئارىلاشتۇرۇپ بېرىش كېرەك، بىز چوڭ باياۋان چۆللۈككە كىرگەندىن كېيىن، 20 نەچچە كۈن ماڭىمىز، مۇشۇنداق يەرلىك ئۇسۇللىرىمىزغا تايانمىساق، چۆللۈكتىن مېڭىپ چىقىپ كېتەلمەيمىز» دەيدۇ.
چۆل - باياۋانغا سەپەر
ئەنشىدىن چىقىپ، كابلى ئۇنىڭغا چەكسىز تەسەۋۋۇر ئاتا قىلغان كەڭ زېمىندىن پەقەت كۆز ئۈزەلمەيدۇ. يىراقتا چەكسىز چۆل - باياۋان، ئاياغ ئاستىدا تاش - شېغىل ساھىلى، بېشىدا ئوتتەك قۇياش . . . بۇلار ئۇنى تولىمۇ ھاياجانلاندۇرىدۇ. ھايات بۇ جايدا باشقىچە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. ئاجىز ۋە جانسىز چۆل ئۆسۈملۈكلىرى ئاندا - مۇندا كۆزگە چېلىقاتتى، ئۇلار خۇددى ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلىدىغاندەك كۆرۈنەتتى، كەچتە ئەمدىلا سالقىن چۈشكەن چۆللۈكتە ئولتۇرۇپ، كۆكتىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئاجايىپ يورۇقلۇقىنى، سانىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپلىكىنى، يەنە كېلىپ بۇ «ئىنجىل»دىكى ئاللانىڭ چوڭ زېمىن، يۇلتۇزلارنى يارىتىش جەريانى ھەققىدىكى تەسۋىرلەرنى يادىغا ئېلىپ، يۇلتۇزلار كۆچۈپ قۇتۇپنىڭ ئايلىنىشى، ئادەم دېگەننىڭ كىچىككىنە ئەرزىمەس نەرسە ئىكەنلىكى ۋە ئۆز بۇرچىنىڭ جىددىيلىكىنى ھېس قىلىدۇ.
كابلى يول بويى تەبىئەتتىن تەسىرات ئېلىپلا قالماستىن، بەلكى كەڭ چۆل - باياۋاندا سەپەر قىلىشنىڭ تەمىنى تېتىيدۇ. ئۇ چۆل - باياۋانلاردا ئادەملەرنىڭ ئۆز ئارا تاسادىپىي ئۇچرىشىشى ئادەتتىن تاشقىرى قەدىرلىك بولىدىغانلىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە چۈشىنىدۇ، ھەر تەرەپتىن كەلگەن كارۋانلا ئۇچراشقان چاغدا، ئۆز ئارا گەپ سوراشلىرى ئالاھىدە مەنىلىك بولۇپ، ئومۇمەن: — «سىلەر قەيەردىن كەلدىڭلار؟»، «قەيەرگە بارىسىلەر؟» دەپ سورىشىدۇ. «قەيەر» دېگەن سۆز ھەرگىز يۇقىرىقى  ئۆتەڭنى ياكى يېتىپ بارماقچى بولغان تۆۋەنكى چۈشكۈننى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى ئەڭ باشتا يولغا چىققان يۇرتنى ۋە بارماقچى بولغان ئەڭ ئاخىرقى شەھەرنى كۆرسىتىدۇ. ئارا يۇلتۇزدىن ئايرىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي كابلى سەپەرداشلىرى بىلەن بىر ئۇزۇن كارۋانغا ئۇچرايدۇ. تۆگە كارۋان، يۈك باسقان ئات ھارۋا يەنە كابلىلارنىكىگە ئوخشاش ئات ھارۋىلارمۇ بار ئىدى. تۆگىلەرگە ھەرخىل يۈكلەر ئارتىلغان، ھارۋىلارغا لىقمۇ لىق يۈك بېسىلغان يىراقتىن كەلگەن كارۋانلار ئىدى. كارۋانلاردىن ئاۋۋال كابلىنىڭ ھارۋىكىشى ۋارقىراپ: «سىلەر قەيەردىن كەلدىڭلار!؟» دەپ سورايدۇ. ئۇ: «قەشقەردىن كېلىۋاتىمىز» دەپ جاۋاب بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئاۋازىنى چۆل شامىلى ئۇچۇرۇپ كېلىدۇ، كابلىنىڭ ھارۋىكىشى ئارقىغا بۇرۇلۇپ كابلىغا ئۇنىڭ جاۋابىنى پەس ئاۋازدا يەتكۈزىدۇ ۋە قەشقەردىن ئۇلار بۇ يەرگە ئۈچ ئايدا كېلەلەيدۇ، دەيدۇ. ئاندىن كېيىن ئۇ يەنە كېكىرتىكىنى قىرىپ: «ھەي! نەگە بارىسىلەر؟!» دەپ ۋارقىراپ سورايدۇ. ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كارۋان ئىچىدىن بىرسى ۋارقىراپ: «بىز لوياڭغا بارىمىز!» دەپ جاۋاب بېرىدۇ، ھارۋىكەش يەنە كابلىغا چۈشەندۈرىدۇ، كابلى دەرھال ئۇلار بارماقچى بولغان مۇساپىنى ھېسابلاپ چىقىپ، لوياڭ جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى مۇھىم شەھىرى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ھارۋا بىلەن ئىككى ئايدا يېتىپ بارغىلى بولىدىكەن، قەشقەردىن لوياڭغىچە ئاز دېگەندە بەش ئاي ۋاقىت كېتىدىكەن، بۇ ئادەملەر مانا شۇنداق بىرقەدەم - بىرقەدەم مېڭىپ، 10 مىڭ چاقىرىم يولغا يېقىن مۇساپىنى تاماملايدىكەن... دېگەنلەرنى ئويلاپ، ئارقىغا بۇرۇلۇپ، يىراقلاپ كېتىۋاتقان كارۋانلارغا قارايدۇ. ئۇنىڭ قەلبى بىر خىل ھۆرمەت ھېسسىياتىغا تولغان ھالدا، يوھان باميان «ساما يولى مۇساپىسى» ناملىق رومانىدا تەسۋىرلىگەن بىر ئابزاسنى خىيالىغا كەلتۈرىدۇ: - خرىستىئانلار مەيلى قەيەرگە بارمىسۇن، ئۇچراشقان كىشىلەردىن ئورتاق بىرلا سوئالنى سورايدۇ: «سەن نەدىن كەلدىڭ، نەگە بارىسەن؟» خرىستىئاننىڭ جاۋابىمۇ ئەزەلدىن بىر خىل: «مەن دوزاق شەھىرىدىن كەلدىم، بېھىش شەھىرىگە بارىمەن» دېگەندىن ئىبارەت. كابلى: خرىستىئان دىنىنىڭ بارلىق ھەقىقىتى مۇشۇ بىر جۈملە سۆزدە بولۇپ، خرىستىئان مۇرىتلىرى بىر باشلىنىش نۇقتىسىدىن چىقىپ ئەڭ ئاخىرىدا بىر ئاخىرلىشىش نۇقتىسىغا يېتىپ بارىدۇ، يول ئۈستىدە ئۇچرىغان ئۆتەڭلەر پەقەت بىر تاسادىپىيلىقتىن ئىبارەت. ئەنە شۇ Ⅹ Ⅹئەسىرنىڭ بۈگۈنكى كۈنلىرىدە، بۇ چەكسىز باياۋاندا، كارۋان يىگىتلەرنىڭ سوئال - جاۋابلىرىدىن ئوخشاشلا بىر مەنىلىك چۈشەنچە ھاسىل قىلىدۇ: — نىشاننى بەلگىلەپ، نىشانغا چوقۇم يېتىش كېرەك، يول بويى بېسىپ ئۆتكەن مەيلى تۈزلەڭلىك، بوستانلىق، تاغ تىزمىلىرى بولسۇن، يەنە ھەرخىل كىچىك بازارلار ھەتتا چوڭ شەھەرلەر بولسۇن، ئۇلارنىڭ بارلىقى پەقەت بۇ مۇساپىدىكى تاسادىپىيلىق بولۇپ، بۇلار باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئاخىرلىشىش نۇقتىسىغا يېتىپ بارغىچە تاسادىپىي ئۇچرايدىغان نەرسىلەر خالاس... كابلى شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئۆزىنىڭ چۆل - باياۋانغا بولغان تەلپۈنۈشىنىڭ، ئۆز ھاياتىدىكى بىر مەنزىل «ساما يولى مۇساپىسى» بولۇپ قالىدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ، چۈنكى ئۇ خرىستىئان مۇخلىسىغا خاس روھى تىلەك بىلەن، چۆلدىكى مۈشكۈل سەپەردىن يۈكسەكلىككە ئېرىشكەنىدى.
قۇمۇل بوستانلىقىغا يېتىپ كېلىش
20 كۈندىن ئارتۇق يول يۈرگەندىن كېيىن، بىپايان چۆللۈك ئاستا - ئاستا ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا قالىدۇ، ناھايىتى يىراقتا بىر نەچچە تۈپ دەرەخ ۋە ئارىلىقى بەك يىراق يالغۇز كېسەك تام ئۆيلەر كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ، ئاندىن تۇتاش كەتكەن بوستانلىق، ئاق تېرەك، قاراياغاچلارنىڭ سايىسىدىكى قاتار - قاتار توپا رەڭ دېھقان ئۆيلىرى كۆرۈنىدۇ. ھەممە يەرنى قاپلىغان ئېتىزلار، يېشىللىق چۆللۈكنىڭ كۈلرەڭ ئورنىنى ئالغانىدى. كابلىلار قۇمۇلغا كەلگەن چاغ باش كەچكۈز مەزگىلى بولۇپ، ئېتىزلاردا مول ھوسۇلنىڭ ئالتۇن رەڭلىك مەنزىرىسى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ھارۋىكەش بېشىنى كەينىگە بۇراپ خۇشال ھالدا: «قۇمۇلغا يېتىپ كەلدۇق!» دەپ ۋارقىرايدۇ. ھارۋىنى سۆرەپ كېلىۋاتقان ئاتلارمۇ تەسىرلەنگەندەك، بۇرۇنقى كۈنلەردىكى ھارغىن بىچارە قىياپەتلىرىنى يوقىتىپ، قەدىمىنى تېزلىتىدۇ.
كابلى قۇمۇلنىڭ ئۆز تەسەۋۋۇرىدىكىدەك شەھەر تۈزۈلۈشىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا شەھەر، بازارلىرىنىڭ تىپىك شەكلىگە ئوخشايدىغانلىقىنى؛ كىشىلەر ئۆزىنىڭ مىللىي، دىنىي ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىگە ئاساسەن بىر يەرگە ئولتۇراقلاشقانلىقىنى، ئوخشاشمىغان مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىي تەۋەلىكى بويىچە ئوخشاشمىغان رايونلارغا ئورۇنلاشقانلىقىنى، ئۆز ئارا دەخلى قىلىشمايدىغانلىقىنى كۆرىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنى تۆت ئەتراپى سېپىل بىلەن قورشالغان كىچىك شەھەر ئىچىدە بولۇپ، ئەمەلدارلىرى جۇڭگونىڭ ئەنئەنىسى بويىچە بازارلارنى باشقۇرىدىكەن. بۇ شەھەرنىڭ تەخمىنەن ئىككى كىلومېتىر نېرىسىدا ئۇيغۇر ۋاڭ ئوردىسى بولۇپ، بۇ كۆپ قەۋەتلىك، قىياپىتى ئۆزگىچە ئىمارەتلەر توپلىرىدىن ئىبارەت ئىكەن. كابلى ئەڭ ئاۋۋال بۇ ئىمارەتلەرنىڭ تەرتىپى بىردەك بولمىغان دېرىزە شەكىللىرىگە دىققەت قىلىدۇ. بۇلار ئۇنىڭغا ئىنتايىن يېڭىلىق تۇيۇلىدۇ، ئۇيغۇر ۋاڭ ئوردىسىدىكى كەڭ - كۇشادە، يورۇق قوبۇلخانىسى ۋە پوسۇنى بىر - بىرىدىن پەرقلىنىدىغان خانىلار بىلەن ئەتراپىدىكى پاكار كېسەك تاملىق ئۆيلەر ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل بولغانىدى. كابلى كېسەك تاملىق ئۆيلەرگە كىرىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى كۆزىتىدۇ، ئۇلار كابلىغا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋاڭ ئوردىسىنىڭ قۇللىرى ئىكەنلىكىنى، ھەممىسىنىڭ ئېنىق ئىش تەقسىماتى بولۇپ، ئۆز كەسىپلىرى بويىچە ۋاڭ ئوردىسىغا خىزمەت قىلىدىغانلىقلىرىنى دەپ بېرىدۇ، بۇ ئۆيلەرنىڭ ئارىلىقىدا بىر ئاز بوش يەر بولۇپ، ئۇششاق بالىلار بۇ جايغا يىغىلىپ توپ - توپ بولۇپ ھەرخىل ئويۇنلارنى ئويناپ، ۋارقىراپ - جارقىراپ قۇلاقنى يەيدىكەن. ۋاڭ ئوردىسىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا بىر بازار بولۇپ، بازاردىكى ئېلىپ - ساتارلارنىڭ ئاۋازلىرى بىر كۆتۈرۈلۈپ، بىر پەسىيىپ ئۈزۈلمەيدىكەن. ئۇيغۇر، خەنزۇ، تۇڭگان سودىگەرلەر، ھەر قايسىسى بىر پارچە جاينى ئىگىلەپ، ھەر خىل ماللىرىنى دۆۋە قىلىپ قاتمۇ قات رەتلەپ قويىدىكەن. كابلى ئوتتۇرا ئاسىيا پۇرىقىنى ئالغان بۇ مال بازىرىنى سەيلە قىلىپ مېھرىنى ئۈزەلمىگەن ھالدا قايتىدۇ. بىر ھادىسە كابلىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ، ئۇ بولسىمۇ بۇ يەر گەرچە ئۇيغۇر ۋاڭ ئوردىسىنىڭ مەركىزى بولسىمۇ، لېكىن ھەقىقىي بازار تىجارىتى قىلىدىغانلار تۇڭگان سودىگەرلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ يەردە خېلى زور ئىناۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئىدى. بازارنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى چوڭ ئاشخانىلار ناھايىتى كۆركەم بولۇپ كۆپىنچىسىنى تۇڭگانلار ئاچقانىكەن.
بازاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىيگەن كىيىملىرىدىن ئۇلارنىڭ ئورنىنىڭ ۋە بايلىقىنىڭ پەرقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى، پۇلدار بايلارنىڭ كۆپچىلىكى يىپەك يولىنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر، ئاتۇش ۋە ئاقسۇدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ سودا ماللىرىمۇ شۇ جايلاردىن كېلىدىكەن. كەمبەغەلرەك ئۇيغۇر سودىگەرلىرى بولسا يەرلىك تۇرپان، قۇمۇللۇقلار بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى يەرلىك چوڭ سودىگەرلەرنىڭ يۈكىنى توشۇپ، سودا ماللىرىنى تەقسىم قىلىپ ساقلاپ بېرىدىكەن. باي سودىگەرلەر، رەڭگارەڭ چاقناپ، كۆزنى قاماشتۇرۇپ، كىشىنى جەلپ قىلىدىغان سودا ماللىرىنى سۇپىلىرىغا يېپىپ قويۇپ، گىلەم ئۈستىدە پۈتلىرىنى ئالماپ ئولتۇرۇپ ناس چېكىدىكەن. «ناس» چىرايلىق كىچىك قاپاققا قاچىلىنىپ، بەلۋاغقا ئېسىۋېلىنىدىكەن. بازاردىكى خەنزۇ سودىگەرلەر ئاساسەن سەرراپخانا خوجايىنلىرى، گۆرۈخانا خوجايىنلىرى، دوراخانا خوجايىنلىرى، يەنە بەزى ئاشپەزلەر، كۆكتات ساتقۇچىلاردىن ئىبارەت ئىكەن. ئايرىم نەچچە ئائىلىلىك باي، چىرايلىق زىبۇ زىننەت بۇيۇم دۇكانلىرىنى ئاچقانىكەن، كابلى بۇ يەردە سېتىلىدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ بېيجىڭدىن كەلگەنلىكىنى كۆرىدۇ.
ۋاڭ ئوردىسىدا مېھمان بولۇش
ئۇلار بىرىنچى قېتىم قۇمۇلغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، بىر كىچىك مېھمانخانىغا چۈشىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئوردىنىڭ ئايال غوجىدارى (ئاغچا ئاپپاق - ت) بۇ مېھمانخانىغا كېلىپ، ئۇلارنى ۋاڭ ئوردىسىغا بېرىپ مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ، بۇ ئايال غوجىدارنىڭ بويى ناھايىتى ئېگىز بولۇپ، ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن كېلىشكەن، سالاپەتلىك، قاۋۇل ئىكەن. ئىككى تال ئۇزۇن بوز چېچى تىزىدىن تۆۋەن چۈشۈپ تۇرىدىكەن، كوچىدىكى كىشىلەر ۋە ئوردىدىكى خىزمەتچىلەر ئۇنى كۆرسە بەك ھۆرمەت قىلىدىكەن. ئايال غوجىدار كابلىنى ھەمراھلىرى بىلەن بىللە ئاۋۋال ۋاڭنىڭ ئەڭ ئامراق ئايالىنىڭ قېشىغا ئېلىپ كىرىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن قىسقىچە سالاملاشقاندىن كېيىن، ئۇلارنى ۋاڭنىڭ باشقا بىر خوتۇنىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بارىدۇ، شۇنداق قىلىپ يەنە قانچە ئايال ساھىبخاننىڭ ئۆيىگە بارغانلىقىنى كابلى ئۆزىمۇ بىلەلمەي قالىدۇ، لېكىن ئۇ ۋاڭنىڭ ھەر بىر ئايالىنىڭ ھوجىرلىرىغا قويۇلغان بىسات - سەرەمجانلار ئومۇمەن ئوخشاش ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىدۇ، ھەممىسى خوتەندىن كەلتۈرۈلگەن يىپەك گىلەم، ياقۇت كۆزلۈك، ئالتۇن گۈللەر بىلەن نەقىشلەنگەن ساندۇقلار، گۈل كەشتىلىك گىلەملەر... پاكار سۇپىغا چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش شىرەلەر قويۇلغان بولۇپ، ئايال ساھىبخان شىرەنىڭ قېشىدا ئولتۇرىدىكەن، ئۇنىڭ كەينىدە دېدەكلەر تىك تۇرىدىكەن. مېھمانلار ئۈچۈن شىرەگە ئۆرۈك، قۇرۇق مېۋە، قەنت - گېزەك، ئۈزۈم، قوغۇن، ئالما قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى تولدۇرۇپ تىزىۋېتىپتۇ، كابلى ئۇلارنىڭ ئادىتى بويىچە پۇتلىرىنى ئالماشتۇرۇپ (باداشقان قۇرۇپ - ت) گىلەم ئۈستىدە ئولتۇرىدۇ، كۈتكۈچىلەر ھۆرمەت بىلەن تۇتقان چاي چىنىلىرىنى قولىغا ئېلىپ چاي ئىچكەچ ئايال ساھىبخان ئۆز قولى بىلەن سۇندۇرۇپ بەرگەن توقاچنى يەيدۇ. كابلى دەرھال شۇنىڭغا دىققەت قىلدىكى، ۋاڭ ئوردىسىدىكى ئايال ساھىبخاننىڭ بۇ چېيى بىلەن ئۇلار قۇمۇلغا كېلىپ باشقا يەرلەردە ئىچكەن چايلار ئوخشىمايتتى. چاي يۈزىدە بىر قەۋەت ئاقچاي گۈللىرى لەيلەپ خۇش پۇراق چېچىپ تۇرىدىكەن. بىردەمدىن كېيىن زىياپەت تائاملىرى — ھەرخىل توقاچ - نانلار، ياغدا پىشۇرۇلغان ھەرخىل شېكەر توقاچلار، پولو، يەنە كابلىلار باشقا جايدا كۆرۈپ باقمىغان يېمەكلىكلەر كەلتۈرۈلىدۇ.
ئۇلار شاھ مەخسۇت ۋاڭنى كۆرەلمىگەن، چۈنكى ئۇ چاغدا ۋاڭ كېسەل بولۇپ ئاجىزلاپ قالغان. لېكىن ۋاڭ كابلىنى كۈتۈۋېلىشقا سەمىمىي كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ئۇلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.
كېيىن كابلى يەنە قۇمۇلغا كەلگەن. قۇمۇل ۋاڭنىڭ كېسىلى يەنىلا ياخشى بولۇپ كەتمىگەنىدى. لېكىن ئوردا ئەمەلدارلىرى كابلىنى ئوردىغا تەكلىپ قىلىپ مېھمان قىلغان. شۇ چاغدا كىشىلەر ئارىسىدا: — ۋاڭنىڭ لۈكچۈندە تۇرۇۋاتقان ئوغلى ئەقلى - ھۇشىنى يوقىتىپ پالەچ بولۇپ قالغانىكەن. لۈكچۈن ۋاڭ ئوردىسنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى ئۆيلەردە كۈتۈنۈۋېتىپتۇ دېگەن گەپلەر تارقالغان. لۈكچۈننىڭ ئادەتتىكى پۇقرالىرىمۇ بەزىدە بۇ «بەگزادە» نىڭ ئوردىنىڭ پېشايۋانىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرغان، لېكىن ئەتراپىدا ھامان قول ئاستىدىكى بىر توپ ئادەملىرى تىك تۇرىدىكەن. ئوردىنىڭ ئىشلىرىنى قول ئاستىدىكى ياردەمچىلىرى بىر تەرەپ قىلىدىكەن. كابلى شۇنى ئېنىق ھېس قىلدىكى، بۇ ئۇيغۇر پۇقرالىرى ۋاڭ ۋە ئۇنىڭ ئوغلىنى ھەيران قالغۇدەك دەرىجىدە ھۆرمەتلەيدىكەن. شۇنداق بولغانلىقتىن، ۋاڭنىڭ ئوغلى دەلدۈش بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئۇ لۈكچۈندە مەۋجۇتلا بولۇپ تۇرىدىكەن، كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر ۋاڭغا بولغان ساداقەتمەنلىكى ساقلىنىپ تۇرىۋىرىدىكەن.
يەرلىك خەلق كابلىغا بىر مۇنچە ئەھۋاللارنى ئېيتىپ بەرگەن: قۇمۇل ۋاڭى ياش ۋاقىتلىرىدا ئالتە يىلدا بىر قېتىم بېيجىڭغا بېرىپ مانجۇ خاندانلىقىنىڭ خانىنى تاۋاپ قىلاتتى، شۇنداقلا بېيجىڭدا 40 كۈن تۇرۇپ، پادىشاھقا ساداقىتىنى بىلدۈرەتتى. قۇمۇل ۋاڭى ھەر يىلى چىڭ ئوردىسىغا سوۋغا تەقدىم قىلاتتى، ئەڭ مۇھىم سوۋغا قۇمۇل قوغۇنى ئىدى. قۇمۇل قوغۇنى پۇراقلىق، تاتلىق بولۇپ، ساقلىغىلى، بېيجىڭغا ئېلىپ بارغىلىمۇ بولىدۇ... ئەينى يىللاردىكى قۇمۇللۇقلار بىرقانچە يىللار بۇرۇن بېيجىڭدا تارقالغان بىر جۈملە قوشاقنى يادىدا ساقلاپ كەلگەن:
«شەرقىي دېڭىزنىڭ قىسقۇچ پاقىسى، غەربىي دېڭىزدىكى شىيا،
تەڭ بولالماس تۇرپان ئۈزۈمى بىلەن قۇمۇل قوغۇنىغا»
كابلى ھەمراھلىرى بىلەن قۇمۇل ۋاڭنىڭ ئوغلىنىڭ ئوردىسىدىمۇ ①مېھمان بولۇپ، ۋاڭ ئوردىسىدىكىگە ئوخشاش ئىززەت - ھۆرمەتلەرگە سازاۋەر بولغان. ۋاڭنىڭ نەۋرىسىنىڭ② ئەڭ ئامراق خوتۇنى ۋە باشقا خوتۇنلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ئۇلارنىڭ ئېرى ھوجرىغا كىرىپ قالىدۇ، بۇ ياش يىگىت كابلى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ بارلىق ئەھۋاللىرىغا قىزىقىدۇ، سورىغان مەسىلىلىرى كۆپ بولۇپ، كابلىنىڭ دىنى، ئۆرپ ئادىتى قاتارلىقلارغىچە سورايدۇ، ۋاڭ نەۋرىسى ھوجرىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئامراق خوتۇنىدىن باشقا، ھوجرىدىكى بارلىق ئاياللار ھەمدە ئۇنىڭ باشقا ئاياللىرىنىڭ ھەممىسى ھوجرىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ، كابلى ھوجرىدىن چىقىپ كېتىۋاتقان ئاياللارنىڭ چىرايىدىكى خاپىغانلىق ئالامەتلىرىگە دىققەت قىلىدۇ ھەم ۋاڭ نەۋرىسىنىڭ قىممەتلىك مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش شان - شەرىپىنى ئامراق خوتۇنىغا مەنسۇپ قىلماقچى بولغانلىقىنى پەرەز قىلىدۇ. ئۇيغۇر ۋاڭنىڭ نەۋرىسى ھوجرىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ھېلىقى خۇشال - خۇرام بولالمىغان ئاياللار دەرھال ھوجرىغا قايتىپ كىرىپ، كابلىنى چۆرىدەپ پۈتۈن بىر كۈننى بىللە ئۆتكۈزىدۇ.
ۋاڭنىڭ كەڭ - كۇشادە مېھمانخانىسىدا، كابلى ئۆتمۈشتە كۆرۈپ باقمىغان، كەم ئۇچرايدىغان نۇرغۇن ئېسىل نەرسىلەرنى كۆرىدۇ. بۇ نەرسىلەر نەچچە ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ چىڭ ئوردىسىغا سادىق خىزمەت قىلغانلىقىنىڭ دەلىل - ئىسپاتى بولۇپ، ۋاڭنىڭ چىڭ ئوردىسىنىڭ ئېتىبارىغا ۋە ئىلتىپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرەتتى، ئۇنىڭ ئىچىدە كابلى ئالاھىدە قىزىققىنى  چىڭ خاندانلىقى پادىشاھلىرىنىڭ بېغىشلىمىلىرى پۈتۈلگەن شەرەپ تاختىسى ئىدى. بۇ بېغىشلىمىلارنىڭ بىر پارچىسى سىشى تەيخۇنىڭ قولى بىلەن يېزىلغان، ئۇنىڭ ئەجەپلىنەرلىك يېرى شۇكى، بېغىشلىمىنىڭ خەتلىرى تەرتىپلىك، پاساھەتلىك بولۇپ، بۇ «پېشقەدەم بۇددىس»نىڭ ھەقىقەتەن خەتتاتلىق تالانتى بارلىقىنى كۆرسىتەتتى. مېھمانخانا زالىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، كابلى ھەمراھلىرى بىلەن بىللە ئوردا باغچىسىغا باشلىنىدۇ. كابلى بۇ باغدا ھەيران قالارلىق نەرسىلەرنى كۆرىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىنىڭ باغلىرىدا دائىم كۆرۈپ تۇرغان مېۋىلىك باغلاردىن باشقا، بۇ يەردە بېيجىڭ خان جەمەتى باغچىسىدىكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر مەنزىرە بار ئىكەن: — بىر نېلۇپەر كۆلى بولۇپ، كۆلدە نېلۇپەر گۈللىرى ئېچىلىپتۇ، يوپۇرماقلىرىنى توپا - توزان باسقان بولسىمۇ، لېكىن ھەممىلا يېرىدە بېيجىڭ باغلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىكەن، بولۇپمۇ بىر نەچچە يەردىكى كىچىك كۆۋرۈكلەرنىڭ سۇغا چىلىشىپ تۇرغانلىقى، ئەگرى - توقاي چىغىر يوللارنىڭ ئۆزگىچىلىكى ... قىزىقارلىق ئىدى. توز ئايلىنىپ مېڭىپ، گۈزەل قانات - قۇيرۇقلىرىنى پات - پات كەڭ يېيىپ، بىر خىل ھەيۋە بىلەن چىرايلىق ھۆسن - جامالىنى كۆرسىتەتتى. بۇ باغ بېيجىڭدىكى خان جەمەتى باغچىسىغا تەقلىد قىلىپ ياسالغانىكەن. ئۇ تىك چۆللۈكتىكى بۇ بوستانلىقتا مۇنداق قويۇق خەنزۇچە تۈسكە ئىگە باغنى كۆرگەنلىكىگە زادى ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ، ئەمما ئەشۇ ئەگرى - توقاي تار كارىدورنىڭ ئىككى قاسنىقىدا ئېچىلغان گۈللەرنىڭ نۇرغۇن سورتلىرى بېيجىڭدىن كەلتۈرۈلگەن، جەنۇبىي جۇڭگو باغلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە ھېلىقى تار يول ۋە ئەگمە كۆۋرۈكلەر بۆلەكچىلا چىرايلىق بولۇپ، كابلىنىڭ كۆز ئالدىدا جانلىق نامايان بولۇپ تۇراتتى.
قۇمۇل ۋاڭنىڭ يازلىق داچىسىغا بېرىش
قۇمۇلغا كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، كابلى ئاچا - سىڭىللىرى بىلەن بىللە كەمبەغەللەرنى خالىس دۋالاشنى باشلايدۇ. ئۇلار نۇرغۇن كېسەللەرنى قوبۇل قىلىپ، دىئاگنوز قويۇپ، داۋالاپ، دورا بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلارنىڭ نامى شەھەرنىڭ ئىچى - تېشىغا تارقىلىپ، ئۇلارنى ئىزدەيدىغان كېسەللەر ئايىقى ئۈزۈلمەي كەلگىلى تۇرىدۇ، ئۇلار ئەنە شۇنداق كېچە - كۈندۈزلەپ خىزمەت قىلىدۇ.
كابلى يەنە بىر قېتىم قۇمۇلغا كەلگەندە قۇمۇلۋاڭنىڭ كېسىلى كۈنسايىن ئېغىرلاپ قالغانىدى. ئۆتمۈشتە ھەيۋىسى سۈرلۈك بولغان «چۆل ۋاڭى» ئەمدى كۈندىلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلالمايدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئوردا ھەر كۈنى يېڭى دوختۇر تېپىپ كېلىپ ئۇنىڭ كېسىلىنى كۆرسىتىپ تۇرغان. لېكىن كابلىغا چۈشىنىكسىز بولغىنى شۇكى، ھېچكىم ئۇنى ۋاڭنىڭ كېسىلىنى كۆرۈپ قويۇشقا تەكلىپ قىلمىغان. تېۋىپلارنىڭ نېمە دېيىشىدىن قەتئىينەزەر، ئوردا جاكارچىلىرى ھامان —: ۋاڭنىڭ كېسىلى ئېغىر ئەمەس، چوڭ چاتاق يوق، ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ كېسىلى تېزلا ساقىيىپ كېتىدۇ -، دېيىشتى.
كابلى يەنە بىرقېتىم قۇمۇلغا كەلگەندە، شۇ چاغدىكى قۇمۇلنىڭ سىياسىي ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق شەخس يولبارس بىلەن تەسادىپىي تونۇشۇپ قالىدۇ. يولبارسنىڭ كابلى چۈشكەن ساراينىڭ خوجايىنى بىلەن بىنورمال سودا مۇناسىۋىتى بولۇپ، دائىم سارايغا كېلىپ خوجايىن بىلەن مەخپىي سۆھبەتلىشىدىكەن. دەل ئاشۇ قۇمۇل ۋاڭنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ قالغان ئەنسىز زاماندا، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مەخپىي  سۆھبەت تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەن. مەخپىي خانە ئىچىدە ياكى ھويلىنىڭ خالىي جايلىرىدا ئۇلار ئۇزۇن سۆزلىشىدۇ. بەزىدە يولبارس كابلى تۇرغان ئۆيگە كېلىپ سالام قىلىشىپ قويىدۇ، بىر كۈنى كەچقۇرۇن كابلىلار ئەمدىلا تاماق يەپ بولۇپ تۇرۇشىغا يولبارس يەنە ئۆيگە كىرىپ كېلىدۇ. ئۇ بۇ ئۆيگە ئازراقمۇ شامال كىرمەيدىغانلىقىنى بايقاپ: «ھازىر قۇمۇلنىڭ ئەڭ ئىسسىق پەسلى، سىلەر چىدىيالمايۋاتساڭلار كېرەك» دەيدۇ. كابلى راست ئىسسىقكەن، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. يولبارس: «سىلەر تاغدىكى داچىغا چىقىپ ھاردۇق ئالساڭلار بولىدۇ، مۇنداق ئىسسىق كۈنلەردە بۇ ئۆيلەردە كېسەل كۆرسەڭلەر ئالدىراش بولۇپ كېتىسىلەر» دەيدۇ. كابلى يولبارستىن: «ئۇنداقتا تاغقا قانداق چىققىلى بولىدۇ، قەيەردە تۇرىمىز؟» دەپ سورايدۇ. يولبارس «ئەگەر سىلەر تاغقا چىقىشنى خالىساڭلار مەن ئامالىنى قىلاي» دەيدۇ.
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ساراينىڭ خوجايىنى ۋاڭنىڭ بۇ يىل قۇمۇل شەھىرىدىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى، ئەگەر كابلى خالىسا، ئۆزىنىڭ ئارتام باغدىكى داچىسىنى ئۇلارنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىشكە ماقۇل بولغانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتىنى ئېلىپ كېلىدۇ. كابلى ھەمراھلىرى بىلەن بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىدۇ. ئۈچ كۈندىن كېيىن يولبارس بىر مۇھاپىزەتچى ئەسكىرىنى ئەۋەتىپ ئۇلارنى يولغا سالىدۇ. ئۇلار ئات ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ، ئەگرى - توقاي يېزا يوللىرىنى بويلاپ، شەرق تەرەپتىكى چوڭ تاغقا قاراپ ماڭىدۇ. كەچ بولغاندا ئۇلار بىر كەنتكە يېتىپ كېلىدۇ. ئۇ يەردە ئۇلارنى ئالدىن ساقلاپ تۇرغانلار ئۇلارغا تاماق، ئىسسىق چاي، (ياتاق) تەييارلاپ قويغانىكەن. ئەتىسى تاڭ يورۇمايلا، بۇ خەقلەر كابلىلارغا ئەتتىگەنلىك غىزا ۋە يولدا يەيدىغان ئوزۇق تەييارلاپ بېرىدۇ. بۇ كەنت قۇمۇل بوستانلىقىنىڭ بىر چېتى بولۇپ، بۇ كەنتتىن چىقسىلا تاش - شېغىللىق جاڭگالغا كىرىپ كېتىدىكەن. سەھەرنىڭ سالقىنىنى بىردەمدىلا ئىسسىغان چۆل يۇتۇپ كېتىدۇ، چۆل خۇددى قۇياش چاچقان ھارارەتنى پۈتۈنلەي يىغىۋالغاندەك، كەڭ زېمىن قىززىپ ئادەمنى چىدىغۇسىز قىلىۋېتىدۇ. ئەمما مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلەر ھېچ بىر ئىش بولمىغاندەك، قېلىن ھەربىي كىيىملىرىگە ئورالغان ھالدا مېڭىۋېرىدۇ، چۈشتىن كېيىن يىراقتىكى تاغ باغرىدا، بىر پارچە يېشىللىق ئوچۇق كۆرۈنىدۇ، مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلەر مەغرۇرلانغان ھالدا قامچىسىنى قېقىپ، ئالدىنقى تەرەپنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، «قاراڭلار، ئەنە ئارتام دەرەخلىرى!» دەيدۇ. كابلىلارمۇ روھلىنىپ نىشانغا يېتىشكە ئاز قالغانلىقىنى بىلىدۇ. بىراق، ئۇ يېشىللىققا بىر نەچچە سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ، قاراڭغۇ چۈشكەندە ئاندىن يېتىپ بارىدۇ. بۇ يەردىمۇ ئەتتىگەندىن بۇيان مېھمانلارنى ساقلاپ تۇرغان كىشىلەر بار بولۇپ، ئۇلار ھارۋا يېتىپ كەلگەندە، بىر نەچچە ئەر خەقنى ھارۋىنى ئەكىرىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلار ئاتنى توسۇپ ئاۋايلاپ ھارۋىنى يېتىلەپ تار كۆۋرۈكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىق ياقىسىغا توختىتىدۇ. بەزىلەر «ۋاڭ غوجامنىڭ مېھمانلىرى كەلدى! ۋاڭ غوجامنىڭ مېھمانلىرى كەلدى!» دەپ ئۈنلۈك توۋلايدۇ. بەزىلەر بۇ خەۋەرنى بىۋاسىتە ئۆيمۇ ئۆيلەرگە تارقىتىدۇ. بىردەمدىلا بېشىغا لېچەك سالغان ئاياللار يۈگۈرۈشۈپ ھارۋىنىڭ يېنىغا كېلىدۇ. ھارۋا توختىغاندىن كېيىن بىر نەچچە كىشى مۇھاپىزەتچى ئەسكەردىن ۋاڭنىڭ كېسىلىنى سورايدۇ. مۇھاپىزەتچىلەر — ۋاڭ ھازىر بىر ئاز ياخشى بولۇپ قالدى، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. كابلى توپلانغان ئادەملەرنىڭ ۋاراڭ - چۇرۇڭ سۆزلەشكەنلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى ئۇزۇندىن بېرى  ساقلاۋاتقان خۇش خەۋەرگە ئېرىشكەن ئوخشايدۇ، دەپ ئويلايدۇ.
قورۇقنىڭ ئادەملىرى مېھمانلارنى غوجىدارنىڭ ئۆيىگە باشلاپ كىرىدۇ. كابلىلار ئۇلارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى بويىچە ئاياغلىرىنى سېلىپ، پايپاق بىلەن كەڭ - كۇشادە گىلەم ئۈستىگە چىقىپ ئولتۇرىدۇ، بۇرۇنلا تەييارلاپ قويۇلغان ياستۇقلارغا يۆلىنىدۇ. بىرسى شىرەنى ئېلىپ كىرىپ ئۈستىگە داستىخان سېلىپ، ھەرخىل ھۆل - قۇرۇق مېۋە ۋە نان قويىدۇ، يەنە تۇزلانغان مۇزدەك ئۇسسۇزلۇق قۇيىدۇ. كابلى ئەتراپىدىكى ئالدىراپ - تېنەپ يۈرگەن كۈتكۈچىلەرگە قاراپ قويىدۇ ھەم مۇھاپىزەتچى ئەسكەرنىڭ قوينىدىن ئېھتىيات بىلەن قارىماققا ناھايىتى مۇھىم بىر يارلىقنى ئېلىپ تامغا چاپلىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. ئەسلىدە ۋاڭ ئۆزى قول قويغان يارلىق بولۇپ: — يول ياقىسىدىكى كەنتلەر كابلى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى ياخشى كۈتۈۋالسۇن! بولۇپمۇ ھەربىر جايغا يېتىپ بارغاندا، يېڭى قوي گۆشى بىلەن تەمىنلەنسۇن! دېگەن مەزمۇندا ئىدى. كابلى كېيىن بۇ قۇمۇل ۋاڭنىڭ ئارتامدىكى خەلققە چۈشۈرگەن ئەڭ ئاخىرقى يارلىقى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىدۇ.
ئەتىسى ئەتتىگەن، كابلى ئۆيدىن چىقىپ، تۆت ئەتراپقا نەزەر تاشلاپ، ياپيېشىل دەرەخلەر بىلەن ئورالغان بۇ قورۇقنى كۈلرەڭ چۆللۈكنىڭ قورشاپ تۇرغانلىقىنى، نەچچە ئېنگلىز چاقىرىم سىرتىدا يەنە بىر چوڭ باغنىڭ بارلىقىنى، باغنىڭ كەينىدە ئېگىز تاغ، تاغنىڭ تېگى قېنىق قىزىل گرانت تاشلاردىن تەركىب تاپقانلىقىنى بايقايدۇ. ئەتراپىدىكى نەۋكەرلەر كابلىغا: — ۋاڭ غوجام ھەر قايسى يۇرتلارغا ساياھەتكە بارغاندا، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ھەرخىل دەل - دەرەخ كۆچەتلىرىنى ئېلىپ كەلگەن، شۇڭا بۇ باغدا نۇرغۇن كەم ئۇچرايدىغان دەرەخلەر بار دەپ سۆزلەپ بېرىدۇ، ئارتام بوستانلىقىنىڭ مەركىزىدىن سۈيى سۈزۈك بىر ئۇلۇغ ئۆستەڭ ئېقىپ ئۆتىدىكەن. بۇ سۇ باغداش تېغىدىن شىددەت بىلەن گرانت تاشلارغا ئۇرۈلۈپ - سوقۇلۇپ ئېقىپ كېلىدىكەن. شىددەتلىك بۇژغۇندىن چىققان شاۋقۇن ئاۋازلىرى بۇ جاينىڭ گۈزەل مەنزىرىسىگە ھاياتلىق مىلودىيىسىنى بەخش ئەتكەن ھەم ئۆتمۈشتىكى ۋاڭ ئەۋلادلىرىنىڭ بۇ يەردىكى داچىسىغا مىسلىسىز گۈزەللىك ئاتا قىلغانىدى. كابلى قۇمۇلدىكى چاغدىلا باشقىلارنىڭ ئارتام باغنىڭ ھەرخىل گۈزەل مەنزىرىلىرىنى تەسۋىرلەپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغان. ھازىر ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى ھەقىقەتەن ئۆز تەسەۋۋۇرىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. قورۇقنىڭ تاملىرى توققۇز خىل بولۇپ ھەربىر قورشاۋ تام ئارىلىقىدىكى مەنزىرىلەرمۇ بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىكەن. ياسىلىش شەكلى ئۆزگىچە تاملار ۋە سۈڭگۈچلەر؛ ئەگرى - توقاي تار كىچىك يوللارنىڭ ئىككى ياقىسىدا، شاخلىرى گىرەلىشىپ كەتكەن بۈك - باراقسان سايىۋەن دەرەخلەر بولۇپ، بۇ دەرەخلەرنىڭ سورتلىرىمۇ ئوخشىمايتتى. لېكىن ھەربىر تۈپ دەرەخ كىشىلەر تەرىپىدىن كۆڭۈل قويۇپ مۇۋاپىق ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇرۇلغاندەك قىلاتتى، بەزى دەرەخلەرنىڭ مېۋىلىرى چاڭگال - چاڭگال ئوخشىغان، بەزى دەرەخلەرنىڭ گۈللىرى كىمخاپتەك ئېچىلغان بولۇپ، بۇ باغقا ئانچە يىراق بولمىغان چېتى يوق قاقاسلىق بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ تۇراتتى. كابلى بۇ شېرىن مېۋىلەرنى يەنە - يەنە ئاغزىغا سېلىپ تېتىپ كۆرۈپ، —  بۇ باغدىكى ھەممە نەرسىلەر ئادەمگە بىر خىل ئاراملىق، شۇنداقلا مەسخۇشلۇق بەخش ئېتىدىكەن — دېگەن ھېسسىياتقا كېلىدۇ. كابلى قانداقتۇ ئاللا قاچانقى ئىشلارنى ئويلىغاندەك ھەيرانلىق ھېسسىياتى بىلەن، بۈگۈن ئۆزىنى خۇددى «ئەيلىس ساياھەت خاتىرىسى»دە تەسۋىرلەنگەن تىلسىماتقا كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ. كابلى بۇ قېتىمقى ساياھىتى توغرىسىدا يازغان كىتابىدا، 1891 - يىلى ستەيىننىڭ ئارتام باغقا كەلگەنلىكىنى، كېيىن ستەيىن يازغان كىتابىدا مەخسۇس ئارتام باغنى تەسۋىرلىگەنلىكىنى مۇنداق يازىدۇ: — «بىز بىر ئېنگلىز چاقىرىمدىن كۆپرەك مېڭىپ، بىر قويۇق ئالمىلىق، نەشپۈتزارلىق ۋە ياڭاقزارلىققا يېتىپ كەلدۇق. ياڭاق دەرەخلىرىنىڭ يوپۇرماقلىرى بىر ئاز سارغىيىپ قالغانىدى، ...... يىراقتىكى ئېرلاندىيىدە باغ مۇتەخەسسىسلىرى مۇشۇنداق چىرايلىق گۈزەل مەنزىرىنى لايىھىلەشكە قادىر بولالمىغان، بىرەرمۇ باغۋەنچىلىك ئالىمى كۆچەت سورتلىرىنى مۇشۇنداق رەتلىك، كۆركەم ماھىرلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرالىغان ئەمەس. مەن كېزىپ ئۆتكەن نىيە دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى ئورماندىن باشلاپ بۈگۈنگە قەدەر، ئۇ يەرلەردىكى مەنزىرىلەر مېنىڭ كۆزۈمنى بۇ يەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدەك جەلپ قىلالىغان ئەمەس».
ئارتام باغنىڭ ئارقىسىدا، بىر كىچىك يول بولۇپ، ئون نەچچە ئېنگلىز مىلى سىرتىدىكى بىر تاغقا تۇتىشىدىكەن. بۇ قۇمتاش يارداڭلىقتا بىر ئۆڭكۈر، ئۆڭكۈرنىڭ تېمىغا سىزىلغان تام رەسىملىرىنىڭ ئىزى، يەنە بىر نەچچە خاراب بولغان بۇد بار ئىكەن. ئەمما بۇتنىڭ كۆرۈنۈشى سۈرلۈك بولۇپ، ئۇسلۇبى دۇنخۇاڭ مىڭ ئۆيلىرىدىكى بۇددا رەسىملىرىنىڭ ئۇسلۇبىغا ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.
ئارتام قورۇقىدا تۇرغان نەچچە ھەپتە ئىچىدە، ھەر ئاخشىمى، بۇ يەرنىڭ ساھىپخانلىرى چىرايلىق جابدۇلغان كىگىز ئۆيلىرىدە كابلى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئۈچۈن زىياپەت ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ، بىر توپ چوكانلار ھەرخىل يېمەكلىكلەرنى پەتنۇسلارغا سېلىپ، ئارىلىقلاردىن ئىلدام مېڭىپ ئۆتۈپ، كىگىز ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شىرەنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان داستىخانغا تىزىدۇ، ئاندىن كېيىن سىلىق - سىپايە يېنىك قەدەملىرى بىلەن كىگىز ئۆينىڭ ئىشىكىگە بېرىپ يېرىم يۇمىلاق شەكىلدە تىزىلىپ جىم تۇرىدۇ. يەنە بىر گۇرۇپپا قىزلار كىگىز ئۆيگە كىرىپ نەغمىچىلەرنىڭ مۇزىكا - سازلىرىنىڭ ئاھاڭلىرىغا ئەگىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ پەرۋاز قىلىدۇ. مۇزىكىچىلارنىڭ داپ ۋە غىجەكلىرى كابلىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالىدۇ. ئۇ نېمىشقا بۇ ئىككى سازنىڭ تەڭكەش قىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. قىزغىن قاينام - تاشقىنلىق بىلەن ئەۋجىگە چىققان ناخشا - مۇزىكىلار، قىزلارنىڭ ئۇسسۇل قەدەملىرى، داپنىڭ ماس رېتىملىق چېلىنىشى، ئىنتايىن تەبىئىي مۇكەممەللىكى، كىشى كۆرۈپ ئۆلگۈرەلمەيدىغانلىقى مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى كابلى ھەقىقەتەن ئاجايىپ ماھارەت دەپ ھېس قىلىدۇ.
كابلىلار ئارتام باغنى سەيلە قىلىپ قايتقاندا، قۇمۇل ۋاڭنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى كېلىدۇ. بىرنەچچە يىلدىن كېيىن كابلىلار يەنە بىر قېتىم قۇمۇلغا كېلىدۇ. ئۇلار يەرلىك خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن مۇنداق بىر گەپنى ئاڭلايدۇ: — قۇمۇل ۋاڭ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئارتام باغقا ھېچكىم كۆڭۈل بولمەيدىغان، پەرۋىش قىلمايدىغان بولۇپتۇ، شۇنچە كاتتا گۈزەل باغ ئامالسىز خارابلىشىپ كەتكەن، شۇنداق بولۇپلا قالماستىن، داڭلىق قۇمۇل قوغۇنىنىڭ سۈپىتىمۇ كۈنسايىن چېكىنىپ كەتكەن. چۈنكى ئەمدى جۇڭگودا پادىشاھ يوق، قۇمۇلدا ۋاڭ يوق بولغاچقا، سوۋغات مەھسۇلاتى بولغان قۇمۇل قوغۇنى نەزەردىن چۈشۈپ، كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەممۇ قالمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن قوغۇنچى دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقى يوقىلىپ، ئۆز قوغۇنىنى سوۋغاتلىققا يارىتىش ئۈچۈن ئۆزئارا رىقابەتلىشىپ جاپا تارتىشنىڭ ئورنىمۇ قالمىغان.
قۇمۇلنى كۆپ قېتىم ساياھەت قىلىش كابلىدا نۇرغۇن گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرىدۇ. ئۇ ئەنگىلىيىگە ئۇدۇل قايتقاندىن كېيىن، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يازغان ئەسىرىدە «قۇمۇل» دېگەن سۆزنى ئەڭ كۆپ ئىشلەتكەن. كابلى ئەڭ ئاخىرى تاماملىغان كىتابى «مەقسەتلىك سەپەر»دە مۇنداق يازغان: «جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىياسىدىكى قۇمۇل بوستانلىقى چوڭ چۆل - باياۋان ساياھەتچىلىرىنىڭ ياخشى پاناھ جايى بولۇپ، مۈشكۈل چۆل باياۋان سەپىرىدە ھايات قالغان كىشىلەرگە بۇ جاي مەردانە، سېخىلەرچە مېھماندوستلۇق ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ».
«يىپەك يولى ساياھىتى» (خەنزۇچە) ژۇرنىلىنىڭ 2000 - يىللىق 3 - سانىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئابلىز ئىسمائىل
تەرجىمە مۇھەررىرى: ئابلىز ئورخۇن
 ① قۇمۇل ۋاڭى شاھ مەخسۇتنىڭ ئوغلى نەزەر بولۇشى مۇمكىن.
② قۇمۇل ۋاڭى شاھ مەخسۇتنىڭ نەۋرىسى بېشىر بولۇشى مۇمكىن (ت)
③ئەسلى تېكستتە سۇناي دېيىلگەن، مېنىڭچە غىجەك بولۇشى مۇمكىن.

"شىنجاڭ تەزكىرچىلىكى" ژۇرنىلى 2001-يىل 4-سانىدىن
[ بۇ يازما afrasyap تەرىپىدىن 2008-09-19 22:47 دە قا ]
1som
| ۋاقتى : 2008-09-19 16:30 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 371ـ كۆرۈرمىنى
iwirgul

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 4480
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە9دانە
شۆھرىتى: 10 نومۇر
پۇلى: 90 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :6(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-09-21
ئاخىرقى : 2008-10-24

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

قومۇل قوغۇنى بىلەن ئارىتام باغلىرى ھەققىدىكى مۇلاھىزە تولىمۇ  ئالدىراقسانلىق بىلەن چىقىرىلىپتۇ. شامەخسۇت ۋاپاتىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي تۈگىمەس يېغىلارنىڭ دەستىدىن بۇ ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلگىدەك ئادەم چىقمىغان.ۋەزىيەت تىنجىغاندىن كېيىن بۇ ئىشلار خېلى ياخششىلانغان .بىراق مەدەنىيەت ئىنقىلانى قوغۇن سورتىنىڭ ناچارلىشىشدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل بولۇپ قالغان........
| ۋاقتى : 2008-10-20 21:16 1 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.114485(s) query 4, Time now is:10-26 08:08, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation