بۇ بەتتىكى يازما : < تۈركىي تىللار دىۋانى > نىڭ يېزىلغان ۋاقتى ھەققىدە يىڭىچە قاراش بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

Erdewil
ئورخۇن نازارەتچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-23
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 < تۈركىي تىللار دىۋانى > نىڭ يېزىلغان ۋاقتى ھەققىدە يىڭىچە قاراش

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا Yawuz دىن رىۋايەتلەردىكى تارىخ غا يۆتكەلدى (2007-11-18)
< تۈركىي تىللار دىۋانى > نىڭ يېزىلغان ۋاقتى ھەققىدە يىڭىچە قاراش


    < تۈركىي تىللار دىۋانى > 1981 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدا نەشىر قىلىندى . بۇ كىتابنىڭ << ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرى ۋە ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى < تۈركىي تىللار دىۋانى  >      >> ناملىق كىرىش سۆز قىسمىدا مۇنداق دىيىلگەن : << مەھمۇد قەشقەرىنىڭ < تۈركىي تىللار دىۋانى  > نى يېزىشقا كىرىشكەنلىكى ھەققىدە كىسىپ ئېيتىش تەس . ئاپتۇر < تۈركىي تىللار دىۋانى  > نىڭ Ⅰ- تومىدا ، تۈرك مۆچەل يىللىرىنى ئىزاھلىغاندا : بۇ كىتاپنى يازغان يىلىمىز 466-يىلىنىڭ مۇھەررەم ئېيى بولۇپ ، يىلان يىلى كىرگەن ئىدى . . . دەپ يازغان . بۇ سۆزگە قارىغاندا ، مەھمۇد قەشقەرى ئۆز كىتابىنى ھىجىرىيە 466- يىلىدىن بۇرۇنراق يېزىشقا باشلىغان . بۇ كىتابنى ئاپتۇرنىڭ قول يازمىسىدىن كۆچۈرگەن كاتىپ مۇھەممەت ئىبنى ئەبى بەكرى مۇنداق يازغان :  < ئاخىرىدىكى جۈملىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ قويدۇم ، كىتاپ 464-يىلى جامادىل ئەۋۋەلنىڭ باشلىرىدا يېزىلىشقا باشلاپ ، تۆت قېتىم تۈزىتىلىپ ۋە تەھرىرلىنىپ 466- يىلى جامادىل ئاخىرىنىڭ 10- كۈنى دۈشەنبە تامام بولدى . . . >  .  دىمەك ، بىزنىڭ تەخمىنىمىزچە ، مەھمۇد قەشقەرى < تۈركىي تىللار دىۋانى > نىڭ بىرىنچى نۇسخىسىنى ھىجىرىيە 464 ~466 -يىللىرى ( مىلادى 1072 ~1074 -يىللىرى )  يېزىپ ، تەھرىرلەپ بولۇپ ، ھىجىرىيە 467-يىلى (مىلادى 1075 - يىلى ) دا قايتا تولۇقلاپ چىققان >> ~ ~~~~<< مەھمۇد قەشقەرىنىڭ < تۈركىي تىللار دىۋانى  >  نى يېزىشقا قايسى يىلى كىرىشكەنلىكى ھەققىدە كىسىپ ئېيتىش تەس  >> دىگەن پىكىر بەكمۇ  ئىلمىي ، ئىزدىنىش يولىدىكى كىشىلەرگە  ئىلھام بېرىدىغان ، دىققەتنى ئۆزىگە تارتىدىغان ، ھۆرمەتلىنىشكە لايىق كۆز قاراشتۇر . بۇ پىكىرگە  < تۈركىي تىللار دىۋانى > نىڭ قول  يازمىسىنى كۆچۈرگەن كاتىپ مۇھەممەت ئىبنى ئەبى بەكرىنىڭ يازغانلىرى ئاساس بولغان .  ھالبۇكى  << ھىجىرىيە 467 - يىلى ( مىلادى 1075-يىلى ) دا قايتا تولۇقلاپ چىققان >> دىگەن  مۆلچەرگە سەۋەپ كۆرۈسۈتەلمىگەن . مۇشۇ  مەسىلە بۇ ھەقتە قايتا-قايتا ئىزدىنىشكە سوئال تۈگۈچى بولىدۇ . مەھمۇد قەشقەرى <  تۈركىي تىللار دىۋانى  >  نىڭ Ⅱتوم 213- بېتىدە تۈرك مۆچەل  يىللىرىنى ئىزاھلاپ كىلىپ : << nek - تىمساق ،nek yilam -ئەجدىھا ، nek yili - لەھەڭ يىلى ، تۈرك خەلقلىرىنىڭ 12 مۆچەل يىللىىرىدىن بىرىنىڭ نامى . بۇ كىتاپنى يازغان ۋاقتىمىز تۆت يۈز ئاتمىش توققۇزىنچى يىلى - nek yilam  دۇر >> دەپ چۈشەندۈرگەن .
      مىنىڭ قارىشىمچە ، < تۈركىي تىللار دىۋانى  >  ھىجرىيە 464- يىلىدىن 469- يىلىغىچە بولغان ئالتە يىل ئىچىدە  ، رەتلەش ، تولۇقلاش ، تەھرىرلەش ، قايتا تولۇقلاپ تەھرىرلەش قاتارلىق باسقۇچلارنى بېشىدىن  ئۆتكۈزگەن .

~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~

             
  < تۈركىيي تىللار دىۋانى  >  نىڭ كىمگە ، قاچان تەقدىم قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئىزدىنىش


      مەھمۇد قەشقەرى < تۈركىي تىللار دىۋانى  >  نىڭ مۇقەددىمىسىدە : << بۇ كىتابنى ھاشىم ئۇرىقىدىن چىقىپ ، ئابباسلار سۇلالىسىدە يولباشچى بولغان . . . مۆمىنلەرنىڭ  ئەمرى ۋە تەڭرى تەيىنلىگەن خەلىپە مۇھەممەت ئوغلى ئوبۇلقاسىم مۇقتەدى بىئەمرۇللا ھەزرەتلىرىگە ئارمىقان قىلدىم >> دىگەن .
    << خەلىپە مۇھەممەت ئوغلى ئوبۇلقاسىم مۇقتەدى بىئەمرۇللا  ھىجرىيە 467~488 - يىللىرى  ( مىلادى 1075~1094 - يىللىرى  ) غىچە 19 يىلدىن ئارتۇق خەلىپىلىك تەختىدە ئولتۇرغان  >> ، خەلىپىنىڭ دادىسى  << خەلىپە قائىم بىئەمرۇللا  (مىلادى 1035~ 1075- يىللىرىغىچە خەلىپىلىك تەختىدە ئولتۇرغان ) مىلادىيە 1055- يىلى 18- دىكابىردا باغداد شەھىرىنىڭ سىرتىغا چىقىپ ، كاتتا كۈتىۋېلىش ، ھاردۇق سوراش مۇراسىمى  ئۆتكۈزۈپ ، ئوغۇز ئۇرۇقىدىن بولغان سالجوقىيلار سولتانىنى كۈتىۋالدى . خەلىپە قائىم بىئەمرۇللا مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ مۇبارەك پەرىجىسىنى كىيىپ ، ھاسىسىنى تاينىپ ، ئىززەت-ئېكرام بىلەن سالجوقىيلار سولتانىنىڭ ئالدىغا باردى . سالجوقىيلار سولتانى باغدادتا تۇرمىدى . مىلادى 1091 - يىلى قىش پەسلىدە . . . سالجوقىيلار سولتانى ئاندىن خەلىپە تۇرىدىغان پايتەخت باغدادقا كۆچۈپ كىردى  . . . مىلادى 1087- يىلى سولتان مەلىكشاھنىڭ قىزىنى خەلىپە مۇقتەدى خانىشلىققا ئالدى . مەلىكشاھ خەلىپىدىن تۆرەلگەن نەۋرىسىنىڭ كەلگۈسىدە ، خەلىپە ھەم سولتان بولىشىنى تىلىگەن ئىدى >> ، << مەلىكشاھ دەۋرى ( مىلادىيە 1072~1092 - يىللىرى ) سالجوقىيلار خانلىقىنىڭ ئاجايىپ گۈللەنگەن دەۋرى ئىدى >> . مەلىكىشاھقا كۈيئوغۇل بولغان خەلىپىنىڭ خانىشى -- مەرتىۋە جەھەتتىن ئاجايىپ ئۈستۈن ، ھوقوق جەھەتتىن ئاجايىپ كاتتا تۈركەن خاتون ئىدى . مۇشۇ تۈركەن خاتوننىڭ ھۆكۈمرانلىقى دەل مەھمۇد قەشقەرىنىڭ  <تۈركىي تىللار دىۋانى  > نى يېزىپ مەردانىلىق بىلەن ، ئەرەپ تىلى بىلەن تۈركىي تىللارنى باراۋەر بەيگىگە سېلىشقا  ئوبدان ئىجتىمائىي مۇھىت ، ئىسلام پەلسەپىسى مۇھىتى ، روھىي ئازاتلىق ، دادىل تەتقىقات ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەرگەن .  < تۈركىي تىللار دىۋانى  > دا تۈرك تىلى بىلەن ئەرەپ تىلىنىڭ يانمۇيان ، باراۋەر قويىلىشى دەل جۈمە خۇتبىسىنىڭ خەلىپە بىلەن  سالجوقىيلار سولتانىنىڭ نامىنىڭ ئوقۇلىشى ئىدى ھەم شۇنىڭدىن دېرەك بېرەتتى . مەھمۇد قەشقەرى ئايال پادىشاھنىڭ ئېھسانلىرىنى تەرىپلەپ : << ئۇنىڭ ساخاۋەت بۇلۇتىدىن ساپ ئالتۇن ياغىدۇ ، ئەگەر ئۇنىڭ سەل-ئېقىنى بىزگە قاراپ كەلسە ، شادلىقىم تېشىپ ، تەشنالىقىم قاناتتى >> دەپ ، ئايال پادىشاھنىڭ ئېھسانىغا  بولغان ئۆزىنىڭ ساپ لىرىك ھېسياتىنى ، سەمىمىي تىلىكىنى بىلدۈرگەن . ئۇ يەنە ئېھتىرام بىلەن سالام قوشىقى توقۇپ مۇنداق دىگەن : << [ تۈركەن خاتون قېشىغا مەندىن قوشاق يەتكۈز ، سىزنىڭ خىزمەتچىڭىز يىڭى خىزمەت ئۆتىنىدۇ ، دىگىن  ] >> .
    يوقۇرىقى قوشاقلاردىكى  < ئايال پادىشاھ > بىلەن < تۈركەن خاتون > بىر كىشى . قەسىدە تۈسىدىكى بۇ قوشاقلارنىڭ < تۈركى تىللار دىۋانى  > غا كىرگۈزىلىشى بىلەن <تۈركىي تىللار دىۋانى  > نىڭ يېزىلغان ۋاقتى زىچ باغلىنىشلىق . بۇنىڭغا ئاساسەن مەھمۇد قەشقەرى مىلادى 1087-يىلىدىن كىيىن ، يەنى سولتاننىڭ ئارزۇلۇق قىزىنى خەلىپە خانىشلىققا ئالغاندىن كىيىن ، ئاندىن <تۈركىي تىللار دىۋانى  > نى خەلىپە مۇقتەدى بىئەمرۇللاغا تەقدىم قىلغان دىيىشكە ھەقلىقمىز .

~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~


           
مەھمۇد قەشقەرى قايسى ۋاقىتتا بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشقان ؟


    < تۈركى تىللار دىۋانى  > نىڭ كىرىش سۆزىدىكى :  <<    < تۈركىي تىللار دىۋانى  >نىڭ پۈتكەن ۋاقتىغا قاراپ ، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ 11-ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا ۋاپات بولغان دەپ تەخمىن قىلىش مۇمكىن >> دىگەن سۆزنىڭ دۇرۇس بولمىغان تەرەپلىرى بار :
  1) < تۈركىي تىللار دىۋانى  > ھىجرىيە 464~469- يىللىرى ( مىلادىيە 1072 ~ 1077 - يىللار ) غىچە يېزىلغان . شۇ سەۋەپتىن < تۈركىي تىللار دىۋانى  > نى خەلىپە مۇقتەدى بىئەمرۇللاغا تەقدىم قىلغان ۋاقىتنىمۇ تۈزەشكە توغرا كىلىدۇ .
    2) سالجوقىيلار سولتانى مەلىكشاھ بىلەن خەلىپە مۇقتەدى بىئەمرۇللا قېيناتا - كۈيئوغۇل بولۇشقاندىن كىيىن ، مەھمۇد قەشقەرى مىلادىيە 1087- يىلدىن كىيىن < تۈركىي تىللار دىۋانى  > نى خەلىپىگە تەقدىم قىلغان .
    3)مەھمۇد قەشقەرى ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ : << بۇ كىتاپ ئۆمرۈمنى ئاخىرىغا يەتكۈزدى >> ، << بىلىكىم كۈچەندى ، ئىلىم - ھېكمەت ھەققىدە نۇرغۇن نەرسىلەر يازغىنىم ئۈچۈن ئۇ زورۇقتى ؛ ئەمدى ئىلىم -ھېكمەتتە مۇرادىم يېقىنلاشتى ، كۆكسۈمدە ئىلىم - ھېكمەت بۇلاقلىرى ئېچىلدى ، زامان مىنى مۇشۇ يەرگە يەتكۈزگەندە ، ئۆمرۈممۇ ئاخىرلىشىۋاتىدۇ >> دىگەن . مەھمۇد قەشقەرى << ئىلىم - ھېكمەت >> ئىبارەت مەقسەت تۈگىنىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ ، << ئىلىم - ھېكمەت >> سۆزىنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىغان . بۇنداق تەكرارلاش مەقسەت تۈگىنىنى تېخىمۇ پەللىگە كۆتۈرگەن ، پىكىرنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرگەن . مەسىلەن ، << تۈرۈكلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەنلىرىدىن ، پىكىرنى ئەڭ روشەن بايان قىلالايدىغانلىرىدىن ، ئەڭ زېرەكلىرىدىن >> سانالغان مەھمۇد قەشقەرى 15 يىل ئىچىدە تۈركى قەبىلە - ئۇرۇقلار ئورۇنلاشقان بىپايان << شەھەر ۋە سەھرالارنى باشتىن - ئاياغ كىزىپ >> ، << ھەر بىرىنىڭ تىلى >> نى << پۇختا رەتلەپ ، ئوبدان تەرتىپكە سېلىپ >> ، << ئىلىم - ھېكمەت ھەققىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى يازغىنى >> ئۈچۈن ، بىلىكى كۈچەنگەن ، زورۇققان . بۇ بىرىنچى << ئىلىم -ھېكمەت >> بايانى ، << ئەدىبى يادىكارلىق ۋە پۈتمەس -تۈگىمەس بىر بايلىق بولۇپ قالسۇن ، ئۇلۇغ تەڭرىگە سېغىنىپ ، بۇ كىتاپنى تۈزۈپ >> چىققانلىقتىن << ئىلىم - ھېكمەتتە مۇرادى يېقىنلاشقان >> ، بۇ ئىككىنچى << ئىلىم -ھېكمەت >> بايانى . << تۈرك ، تۈركمەن ، ئوغۇز ، چىگىل ، ياغنا ، قىرغىز قەبىلىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى خاتىرلەپ چىقىپ ، ئۇلاردىن پايدىلاندى . شۇنىڭ بىلەن بۇ قەبىلىلەرنىڭ تىلى مىنىڭ دىلىمغا ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتتى >>  . نەتىجىدە ئالىم << كۆكسىدىكى ئىلىم -ھېكمەت بولاقلىرىمۇ  ئېچىغان >> ، ئىجادىيەتتە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىپ ، تىلىكى ئىشقا ئاشقان ، مانا بۇ ئۈچىنچى << ئىلىم -ھېكمەت >> بايانى .
      يوقۇرقى ئۈچ قېتىملىق << ئىلىم -ھېكمەت >> تىن كىيىن  ، << ئۆمرۈممۇ ئاخىرلىشىۋاتىدۇ >> دەپ پۇشۇنغان . بۇنىڭدىن ئالىم ياشىنىپ قاپتۇ ، دىگەن قاراشقا كېلىمىز  . يۈسۈپ خاس ھاجىپ : << ئەگەر تولسا ئاتمىشقا ئادەم يېشى ، كىتىپ زەۋق ، ئۇنىڭ يازى بولۇر  قىشى >> دەپ تۇغرا ئېيتقان .
      مىنىڭچە  ، مەھمۇد قەشقەرى سولتان مەلكشاھ سەلتەنىتى ( مىلادىيە 1072~1092 - يىلى ) ئاخىرلىشىش مەزگىلىدە باغداد شەھىرىدىن سوقاق ( يىپەك ) يولى ئارقىلىق قەشقەرگە قايتىپ كىلىپ << سەككىز يىلدىن كىيىن ، 97 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن >> ۋە ئانا يۇرتى ئوپالغا دەپنە قىلىنغان .

~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~



       
< تۈركىي تىللار دىۋانى  > نىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكلىرى



    < تۈركىي تىللار دىۋانى  > نىڭ مۇئەللىپى مەھمۇد قەشقەرى Ⅶ ئەسىردىن Ⅹ ئەسىرلەردە ئۆتكەن قاراخانىيلار سولالىسىدىكى ئىقتىساد گۈللەنگەن ۋە مەدەنىيەت يۈكسەلگەن دەۋرنىڭ پەيلاسوپى ئىدى . << ھەر قانداق ھەقىقى پەلسەپە ئۆز دەۋر روھىنىڭ جەۋھىرىدۇر >> . قاراخانىيلار دەۋرىنىڭ روھى بولسا ، تۈركلەرنىڭ << يولىنى مەھكەم تۇتۇش . . . تۈركلەرگە يېقىش ئۈچۈن تۈرك تىلىدا سۆزلىشىش >> تىن ئىبارەت ئىدى . بىراق ئەرەپلەر بولسا ، ئەرەپ بولمىغان مۇسۇلمان ئەللىرىدە ئىسلام دىنى ئىتقاد بىرلىكىنى تەكىتلەپ ئەرەپ تىلى مەدەنىيىتىنى تىكلەش دولقىنىنى ئەۋج ئالدۇرۋاتقان ئىدى . نەتىجىدە يەر ناملىرىنى ئەرەپچە ئاتاش  ، بەدىئىي ، تارىخى ئەسەرلەرنى ئەرەپ -پارس تىلىدا يېزىش ، تۈركى تىلىنى كەمسىتىش ، ئەرەپ تىلىنى مۇقەددەس بىلىش كۈچىيىۋاتاتتى . مەھمۇد قەشقەرى : << ئىشەنچلىك بىر بۇخارالىق ئالىم بىلەن نىشاپورلۇق باشقا بىر ئالىمنىڭ تەڭرى ئەزىز كۆرگەن پەيغەمبىرىمىزدىن دەلىل كەلتۈرۈپ ئېيتقان تۆۋەندىكى سۆزلىرىنى ئىنىق ئاڭلىغان ئىدىم . پەيغەمبىرىمىز  قىيامەت بەلگىلىرىنى ، ئاخىر زامان پىتنىلىرىنى ۋە ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ مەيدانغا چىقىدىغانلىقىنى سۆزلىگەندە : < تۈرك تىلىنى ئۈگۈنۈڭلار ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۇزاق داۋام قىلىدۇ > دىگەن ئىكەن  . . . بۇ ھەدىس راست بولسا ، تۈرك تىلىنى ئۈگۈنۈش ۋاجىپ بولىدۇ . راست بولمىغان تەقدىردىمۇ ، تۈرك تىلىنى ئۈگۈنۈش زۆرۆلىكىنى ئەقىل تەقەززا قىلىدۇ >> دىگەن . دىمەك ، مەھمۇد قەشقەرى قاراخانىيلار دەۋرىدە ، تۈركىي تىلىنى ئۈگۈنۈشنىڭ ناھايىتى زۆرۆر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان . شۇڭا ، سەككىزمىڭ ساپ تۈركىي تىل سۆزلىكىنى ئەرەپ تىل يېزىقى ئارقىلىق ئىخلاس قويۇپ ئىزاھلاپ چۈشەندۈرگەن . < تۈركىي تىللار دىۋانى > دا تۈركىي تىللارنىڭ قۇرۇلمىسى ، ئىقتىدارى ، تارىخى تەرەققىياتى ، ماھىيىتى ، مەۋجۈتلىقى ، دەۋر ئالاھىدىلىكى چۈشەندۈرۈلۈپ ، تۈركىي تىلىنى ئۈگۈنۈشنىڭ زۆرۆرلىكىدىن ئىبارەت ئاشۇ << دەۋر روھىنىڭ جەۋھىرى >> نامايەن قىلىنغان . شۇڭا ، < تۈركىي تىللار دىۋانى  > نى قاراخانىيلار دەۋرىنىڭ قامۇسى دەيمىز .
    < تۈركىي تىللار دىۋانى  > ئۆزگىچە يول بىلەن << پايدىلانغۇچىلارغا قوللانما بولغۇدەك بىر قىممەتكە ئىگە >> . . . << بىرمۇنچە قائىدىلەرنى تۈزۈپ ، يىڭى-يىڭى ئۆلچەملەرنى قويۇپ >> يېزىلغان . << قوللانما -- نىسپەتەن مۇكەممەل توپلانغان ماتىرىياللار ئالاھىدە ئۇسۇلدا رەتلىنىپ ، قىيىن تۈگۈچلەر يىشىلىپ ، گۇمانلار ئىزاھلىنىپ دەلىللەنگەن كىتاب . كىشىلەر بۇ قوللانمىدىن پايدىلىنىپ ، بىلمەكچى بولغان بىلىملەرنى ، ھۆججەتلەرنى ياكى ئىزدىمەكچى بولغان ماتىرىياللارنىڭ  يىپ ئۇچىنى تېزلا تېپىۋالىدۇ >>  .  <تۈركىي تىللار دىۋانى  >  يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن بويان ، ئەرەپ دۇنياسىدىكى كۆپلىگەن كاتتا ئالىملار بۇ كىتابتىن  قوللانما سۈپىتىدە پايدىلانغان . مەسىلەن ، مىسىر قازىسى ، مەشھۇر تارىخشۇناس بەدرىدىن مەھمۇد ئىبنى ئەھمەد ئىبنى مۇسا ئەيىنى -- ئەنتەبى ( مىلادىيە 1360 -يىلى ۋاپات بولغان ) << زامان ئەھلىنىڭ تارىخىدىن ھەقىقى ئۈنچىلەر >> دىگەن كىتابىدا ، تۈركى خەلىقلەر توغرىسىدا توختىلىپ ، ئوغۇزلارنىڭ ھەرخىل قەبىلىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تامغىلىرى ، تۈركىي تىللار ۋە ئۇيغۇر يېزىقى ، ھەتتا تۈركمەن سۆزىنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئىغچام مەلۇمات بەرگەن ۋە بۇنى << مەھمۇد قەشقەرىنىڭ دىۋانىدا كۆردۈم >> دىگەن . يەنە مىسىردىكى << باي بارسىيە >> خانىقاسىنىڭ شەيخلىرىدىن ئالىم ئىبنى مۇھەممەد قەشقەرى مىلادىيە 1363-يىلى تۈزگەن << سائادەت تاجلىرى ۋە ھاكىمىيەت ئۈنۋانلىرى >> دىگەن ئەسىرىدە ، < تۈركى تىللار دىۋانى  > دىن بەزى ئۈزۈندىلەرنى نەقىل كەلتۈرگەن . مۇستەفا ئىبنى ئابدۇللا << كاتىپ چەلەبى >> (1591~1656 ) ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى << گۇمانلاش ئېچىش >> تا < تۈركىي تىللار دىۋانى  > دىن پايدىلانغان . << ئەرەپ تىلشۇناسلىرىدىن جامالىدىن ئىبنى مۇھەننا ئۆزىنى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ شاگىرتى ھىساپلاپ ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن توپلىغان ماتىرىياللىرى ، تۈركۈلوگىيىگە دائىر << چىرايلىق تىل ۋە گۈزەل بايانلار >> دىگەن كىتابىنى يازغان .
      << سۆزلۈكلەرگە شۇنچە باي ۋە بىر سۆزنىڭ ئاللىقانچە مەنىسى بولغان ئەرەپ تىلىمۇ <تۈركىي تىل >دىكى پىئېل دەرىجىللىرىنى ئىزاھلاشقا يىتىشسىزلىك قىلغان >> ، << تۈركىي تىلنىڭ تۈزۈلۈشى ئەرەپ تىلىنىڭ تۈزۈلۈشىگە ئوخشىمايدۇ . ئەرەپ تىلىدا پىئېلنىڭ ئۆتكەن زامان ، كەلگۈسى زامان ، مەستەر شەكىللىرى بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ . . . . . . . >> دىمەك ، ئەرەپ تىلىدا ھەممە پىئېللارنىڭ ئۆتكەن زامان ، كەلگۈسى زامان ۋە مەستەر شەكىللىرى بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ . تۈركىي تىللاردا بۇنداق ئەمەس ، ھەممە پېئىللار بىر قائىدىگە بويسۇنىدۇ ، يەنى ئىككى ، ئۈچ ، تۆت ، بەش ۋە ئۇنىڭدىن كۆپ ھەرىپلىك پېئىللارنىڭ ئۆتكەن زامان ، كەلگۈسى زامان ۋە مەستەر شەكىللىرى بىر خىل قائىدە بويىچە كىلىدۇ >> . شۇ سەۋەپتىن < تۈركىي تىللار دىۋانى  > دا ، تۈركىي تىللارنىڭ پېئىل دەرىجىلىرىنى  << ئەرەپ تىل گىرامماتىكىسى ئاتالغۇللىرى بىلەن چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ، ئەرەپ تىل گىرامماتىكىسىدا بولمىغان قائىدە ۋە ناملارنى ياساشقا مەجبۇر بولغان >> لىقىدەك ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى ئىپادىلەنگەن .
      < تۈركىي تىللار دىۋانى  > ئۆز دەۋرىدە << ئىلگىرلەشنى خالىغۇچىلارغا توغرا نىشان كۆرسىتىپ بېرىپ ، كەڭ يول ئېچىپ بېرىش >> تەك خاسىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلغان . ئىلگىرلەشنى خالىغۇچىلار -- دەل << تۈركلەرنىڭ ئوقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، ئۇلارنىڭ يولىنى مەھكەم تۇتۇش >> قا نىيەت قىلغان ، << تۈركلەرگە يېقش ئۈچۈن تۈرك تىلىدا سۆزلىشىشتىن ياخشىراق يول يوق >> ئىكەنلىكىنى بىلگەن ، << تۈرك تىلىنى ئۈگۈنۈش زۆرۆلىكىنى ئەقىل تەقەززا قىلىدۇ >> غانلىقىنى ئوبدان چۈشەنگەنلەردۇر .
      مەھمۇد قەشقەرى ياشىغان دەۋردە ، تۈرك تىلىنى ئۈگۈنۈش ئارقىلىق خەلىپە ، سولتان ھوزورىدا ئۆز تالانتىنى نامايەن قىلغىلى بولاتتى شۇڭا ، مەھمۇد قەشقەرى ئىلىم-پەن ئۆگزىسى ( پەللىسى ) گە چىققۇچىلارغا شوتا قويۇپ بېرىش ئۇلۇغ نىيتىدە بولغان . ئۆگزە -- ھەرقانداق ئىمارەتنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىنىڭ تۆپىسىنى كۆرسىتىدۇ . بۇ سۆز تۈركىي تىلدىكى << ئۆگە + زە >> دىن ياسالغان . تۈپ سۆز << ئۆگە >> -- << بىلىملىك ، ئاقىل  ، دانىشمەن>> دىگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ . ئۇ ، ئىلىم-پەن يولىدا ئىزدىنىپ ،  << ئۈگە >> بولۇشقا نىيەت قىلغانلارنىڭ تېخىمۇ يوقىرىغا چىقىشىغا ئىلھام ، مەدەت ، خالىس قوللۇغۇچى بولدىغانلىقى ، ئالىيجاناپ پەزىلىتىنى نامايەن قىلغان .
    < تۈركىي تىللار دىۋانى  > ئاشۇ دەۋردە << تۈرك تىلىنى ئۈگۈنۈش زۆرۆرلىكىنى ئەقىل بىلەن چۈشەنگەن >> كىشىلەر ئۈچۈن << يىڭىلىق بېرىشتەك قىيامىغا ، قىممەت ۋە گۈزەللىكتە پايانىغا يەتكەن >> ئۇلۇغ ئەسەردۇر . مەھمۇد قەشقەرى ئاجايىپ يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈپ : << بۇرۇن ھېچكىم ئىشلەتمىگەن ۋە ھېچكىمگە مەلۇم بولمىغان ئالاھىدە بىر تەرتىپتە >>  < تۈركىيي تىللار دىۋانى  >  نى تۈزۈپ ، يىڭىلىق يارتىشتا قىيامىغا يەتكۈزگەن . << قىممەت ۋە گۈزەللىكتە پايانىغا يەتكەن >> دىگەن بۇ باھا دەۋر ئىتىۋارى جەھەتتىن  ، پەلسەپە جەھەتتىن بولسۇن ئىنتايىىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . قىممەت گۈزەللىكى -- ئېستېتىك ئوبىكتىنىڭ ئۆزىدىكى كىشىلەرنىڭ ئېستېتىك بەھىرلىنىشىنى قانائەتلەندۈردىغان قىممەتتۇر . ئۇ ، ئوبىكتىپ جەھەتتىن كىشىلەرنىڭ ئېستېتىك تەسىرلىنىشىنىڭ يۆنىلىشىنى ، مەزمونىنى ، دەرىجىسىنى بىكىتىدۇ . دېمەك ، < تۈركى تىللار دىۋانى  > قاراخانىيلار سولالىسى دەۋرىدە << تۈرك تىلنى ئۈگۈنۈش ۋاجىپ >> دەپ بىلگەن ئىستىتىك ئوبېيكىت  -- تۈرك تىللىرىنى ئۈگۈنۈش ئارقىلىق يۈكسېلىش ئارزۇ-تىلىكىدە بولىۋاتقانلارنىڭ ئېستېتىك تەسىرلىنىشىنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىش ، قايسى مەزمۇننى قايسى دەرىجىدە ئۈگۈنۈش يولىنى پايانىغا يەتكۈزۈپ كۆرسۈتۈپ بېرىش جەھەتتە ئاجايىپ زور ئېستېتىك قىممەتكە ئىگە ئالەمشۇمۇل ئەسەر .

~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~

مەنبە : مۇھەممەترېھىم ھاجى تۇرسۇننىڭ <<    < تۈركىي تىللار دىۋانى > دىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىن تەرمىلەر  > ناملىق كىتابىدىن
مەن ئۇيغۇر مەڭگۈ سۆيىمەن ئۇيغۇرنى!
Posted: 2007-11-18 12:32 | [ئاپتور]
Erdewil
ئورخۇن نازارەتچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-23
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

بولىدىكەن!
مەن ئۇيغۇر مەڭگۈ سۆيىمەن ئۇيغۇرنى!
Posted: 2007-11-18 14:54 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » كونا - يېڭى كىتاپلار

Total 0.071657(s) query 4, Time now is:12-04 13:37, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation