كونا مۇنبەرگە توردىشىمىز Nazimi نىڭ قالدۇرغان ئىنكاسىQuote:
1 - قەۋەتتىكى Nazimi 2007-9-16 18:07:47 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش :
قازاقىستانلىق ئۇيغۇر تارىخچىمىز دوكتور ئابلەت كامالوف ئەپەندىم ئۆزىنىڭ <<ئۇيغۇر خاقانلىقىنىڭ ئېپىگرافىيىلىك يادىكارلىقلىرى>> ناملىق ئىلمىي ئەمگىكىدە مەزكۇر مەڭگۈ تاش ھەققىدە مۇنداق قۇرلارنى يازغان:
موغۇن شىنە ئۇسۇدىن تېپىلغان يېزىق مەزكۇر يادىكارلىق فىنلاندىيە ئالىمى گ.رامستېد 1909-يىلى تېپىپ، ئۇنى "سېلىنگا تېشى" دەپ ئاتىغان. تاش پۈتۈك 759--760-يىللىرى ئەلئەتمىش بىلگە خاقان قەبرىگە قويۇلغان يادىكارلىقنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ھېساپلىنىدۇ. گ.رامستېد مەزكۇر يېزىقنىڭ تەرجىمىسىنى نېمىسچە (1913) ۋە رۇسچە (1914) تىللاردا نەشر قىلدۇردى. رۇسچە نەشرى س.مالوفنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، 1959-يىلىن نەشر قىلىنغان <موڭغۇلىيە ۋە قىرغىزىستاندىكى قەدىمىي تۈرك يادىكارلىقلىرى> كىتاەۋىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ كىتابتا مەزكۇر يېزىق "مويۇن چۇر يادىكارلىقى" دەپ بېرىلگەن. "مويۇن چۇر" -- ئەلئەتمىش خاقاننىڭ تەىتكە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرىكى ئىسمىنىڭ ئېنىق ئەمەس تىكلىنىشى بولۇپ، خەنزۇچە مەنبەلەردە "مويان" شەكلىدە ساقلىنىپ قالغان. ئۇنىڭدىكى "جو" سكزىنىڭ تۈركچە تەلەپبۇزى "چۇر" ئېنىقىراقى "چور" (ئۇيغۇرچە ئۇنۋان نامى) بىرىنچى قىسمى "مويان" مەزكۇر كىتابتا ھىچ ئۆزگۈرۈشسىز ئېلىنغان. ج.ھامىلتون بولسا مەزكۇر ئىسىمنى ئىلمىي ئاساستا "بايان چور" شەكلىدە بېكىتتى. شۇڭلاشقا بايان چور شەكلى كېيىنكى ۋاقىتلاردا كەڭ قوللىنىلماقتا.