تەس مەڭگۈ تېشى
(بۆكۈ قاغان مەڭگۈ تېشى)
تەس مەڭگۈ تېشىنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تۈركولوگى س. گ . كىلياشتورنىي 1976- يىلى ھازىرقى موڭغۇلىيەنىڭ خۇبسۇغۇل ئايمىقىدىكى تەس دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىنىنىڭ سول قىرغىقىغا جايلاشقان نوغون وتلغوي دەپ ئاتىلىدىغان بىر تۆپىلىكتىن تاپقان. بۇ مەڭگۈ تاشنىڭ يېرىمىلا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، قىزىل رەڭلىك گىرانىت تاشتىن ياسالغان بولۇپ، ھازىر ئۇلانباتوردىكى موڭغۇلىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تارىخ تەتقىقات ئورنىدا ساقلىنىۋاتىدۇ.
بۇ مەڭگۈ تاش مويۇنچۇر قاغاننىڭ ئوغلى بۆكۈ قاغاننى خاتىرىلەش ئۈچۈن تىكلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا بۆكۈ قاغاننىڭ تەختكە چىققانلىقى ۋە دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىش ئىزلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، توققۇز بۇيرۇق ۋە « ئۇيغۇرلۇرۇم »نىڭ مەرىكىگە قاتناشقانلىقىغا دائىر ئەھۋاللار ھەققىدە توختالغان. بۇ ھەقتىكى ئەڭ دەسلەپكى تەتقىقاتنى موڭغۇلىيە ئالىملىرىدىن چارزائۇباي بىلەن م . شىنېخۇ باشلىغان. ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى موڭغۇلىيەدىكى يۇقۇرى دەرىجىلىك ئىلمىي تەتقىقات ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىنغان.
تەس مەڭگۈ تېشىنىڭ مەزمۇنى
1. (بۇ قۇر پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ كەتكەن)
2. ..... يىلى .....
3. ...... كۆتىرىلدى (كىگىزدە، يەنى تەختكە كۆتۈرۈلدى)
4. ...... كۆتىرىلدى (كىگىزدە) ئۇيغۇر خانىم (ئەل) تۇتقاندا ..... توخۇ يىلى
5. ...... ئەل ئەتمىش خانىم ئۆلۈپ، (ئۇنىڭ) جېنى ئۇچۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئوغلى، مېنىڭ يابغۇم قاغان بولدى.
6. ..... (تەختكە) ئولتۇردى، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن (بىرى) تاردۇشلارغا يابغۇ، (يەنە بىرى) تۆلىسلەرگە شاد بولدى. خانىم ئەلنى باشقۇردى (ياكى خانىم ئەل تۇتمىش)
7. ..... ئۆتكەن زامانلاردا يارالغان (ياكى بارلىققا كەلگەن) ....... ئۇيغۇر قاغانلىرى تەختكە ئولتۇردى، (ئۇلار) دانىشمەن ۋە ئۇلۇغ قاغانلار (ئىدى)
8. ...... ئۇلار تەختتە ئولتۇردى. ئۈچ يۈز يىلغىچە كۆپلەپ (سۆزمۇ – سۆز تەرجىمىسى: مىڭلاپ) ئۆز ئەللىرىنى باشقۇردى. كېيىن ئۇلارنىڭ خەلقى بەربات بولدى،
9. (ئۇلارنىڭ خەلقى ؟) بۇزۇق باشلىقلىرىنىڭ (يامان يولغا باشلىشى بىلەن) يۈز ئۆرۈپ باربات بولدى، بولمىغۇر كۈلنىڭ ۋە ئىككى مۆتىۋەرنىڭ (قۇتراتقۇلۇق قىلىشى بىلەن) بەربات بولدى.
10. ..... بەدى بەرسىل ۋە قادىر قاسار شۇ ۋاقىتتا قۇربان بولدى. شۇ خەلقىم ئۆزئارا كۆپ جاڭجاللاشتى.
11. ...... ئۆتكەن ۋاقىتلاردا (ئۇلار) تابغاچلارغا قارشى تۇرۇپ مەغلۇپ بولغان ئىدى. ئۇيغۇر قاغان ئون يىل تەختتە ئولتۇردى. (ئاندىن) يەنە يەتمىش يىل ئۆتتى.
12. ....... تەڭرىدىن يارالغان ئەل ئەتمىش ئۇيغۇر قاغانى تەختتە ئولتۇردى.
13. ..... ئىدى. قاغان ..... ئىككى (؟) ئىدى. ئاندىن كېيىن ئۆد كەنچ قاغان بولدى.
14. ...... ئۈچۈن ئوتتۇز ...... ئەلنى سورىدى. ئاندىن ۋاپات بولدى.
15. .... تەڭرىدىن يارالغان ئەل ئەتمىش قاغانىم تەختتە ئولتۇردى، ئەلنى سورىدى.
16. ..... ئۆز بەلگىسىنىڭ (شۆھرىتى) ئۈچۈن قاغانىم ئالدى تەرەپتىكى، كۈن چىقىش تەرەپتىكى خەلقلەرگە (يۈرۈش قىلدى ؟)
17. ....... مەدھىيە ئوقۇپ ئۇنى، (ئەلگە) باشلىق قىلىپ ئولتۇرغۇزدى.
18. ...... كۈل بەگ بىلگە قاغان ....
19. .... ئۇ قارسا قورۇغدا تۇرۇپ قالدى، سېپىل سوقتۇردى، تەخت ياساتتى. (شۇ يەردە) يازلىدى.
20. ...... شەرقتە ئەلسەردە (؟) تۇرۇپ قالدى. بەلگىسىنى، پۈتۈكىنى چەكتۈردى، ئورناتقۇزدى.
21. ..... توققۇز بۇيرۇق .... ئۇيغۇرۇم، قاي .......
22. (بۇ قۇر پۈتۈنلەي بۇزۇلغان)