دەرىجىسى؛ شەرەپلىك ئەزا
UID: 29
نادىرتىمىسى؛
تىمىسى؛
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى؛ 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى؛ 2007-01-27
ئاخىرقى مەشغۇلاتى؛1970-01-01

 فرانسىيىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىشلەنگەن `ئاتا` فىلىمى ھەققىدە سۆھبەت

فرانسىيىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىشلەنگەن `ئاتا` فىلىمى ھەققىدە سۆھبەت
2008-07-23

دۇنيانىڭ كۆزىدىن ئۇزاق ھالدا ئۈن - تىنسىز ھاياتلىق كۈرىشىنى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ئاستا - ئاستا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ - ئادەتلىرى، ناخشا - ئۇسۇللىرى، يېمەك - ئىچمەكلىرى دۇنيانىڭ قىزىقىشىنى قوزغىسا، ئۇلار دۇچار بولۇۋاتقان سانسىز  قىسمەتلەرمۇ ھەم دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

فىلىم ئاپتورى :چاغلا زەنجىرجى خانىم تەمىنلىدى.

فىلىم ئاپتورى چاغلا زەنجىرجى خانىم بىلەن فىلىم قەھرىمانى ئەھەت ئېلى ئەپەندىنىڭ فىلىمدىكى كۆرۈنۈشى.

بۈگۈنگىچە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىملەر، ماقالىلەر، كىتابلار  ئوقۇرمەنلەرنىڭ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇپ، دۇنيانىڭ ئۇنتۇلغان بۇلۇڭىدا ياشاۋاتقان بۇ خەلقنى بايقىغان ۋە بىلىدىغان كىشىلەر بارغانسېرى كۆپىيىپ ماڭماقتا. يېقىندا فرانسىيىدە ئىشلەنگەن "ئاتا" ناملىق فىلىممۇ مانا بۇلارنىڭ بىرى.

فرانسىيىدە ياشايدىغان تۈرك سەنئەتكارى چاغلا زەنجىرجى خانىم ئىشلىگەن بۇ فىلىم فرانسىيىدىكى تۈرلۈك فېسىتىۋاللاردا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ تاماشىبىنلارنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىغان. ئۆزىنىڭ بۇ فىلىمنى ئىشلەشتىكى مەقسىتىنىڭ ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇتۇش، ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقا ئازراق بولسىمۇ ياردەم قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان چاغلا زەنجىرجى خانىم مەقسىتىگە ئۇلاشقانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ «مەن فرانسىيىدە بۇندىن 5 يىل ئاۋۋال ئەھەتجان ئەپەندىم بىلەن تونۇشۇپ قالدىم، ئۇ بىزگە ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ پارىژغا كېلىپ قالغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى، بىز بۇنىڭغا ئىنتايىن قىزىقتۇق. چۈنكى ئەھەت ئەپەندىم ئۆزىمۇ ئىنتايىن ھۆرمەتكە سازاۋەر ۋە قىزىقارلىق ئادەم. شۇنىڭ بىلەن بىز كېيىن ئۇنىڭ ھاياتىنى ئۆرنەك ئېلىپ تۇرۇپ بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەشنى ئويلاشتۇق، ئەمما كېيىن بۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئۇلىشىشى ئۈچۈن بىر ھېكايە فىلىم قىلىپ ئىشلەپ چىقتۇق» دەيدۇ چاغلا خانىم ۋە داۋاملىق تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ :  «ھېكايە ئەسلىدە تۈركىيىدىن پارىژغا كەلگەن بىر تۈرك قىزىنىڭ ھېكايىسىدىن باشلىنىدۇ. بۇ قىز بۇرۇن ئۆزى تونۇشقان بىرىسگە ئەگىشىپ پارىژغا كەلگەن بولۇپ، بۇ يەردە ئۆزىگە يېڭى بىر ھايات قۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى. لېكىن ئۇ بۇ يەردە ئىنتايىن يالغۇزلۇق ھېس قىلىدۇ. ئۇ بىر كۈنى دېرىزىسىنىڭ ئالدىدىكى يەردە بولۇۋاتقان قۇرۇلۇشقا قاراپ تۇرۇۋاتقىنىدا قۇرۇلۇشتىكى بىر كىشىنىڭ گەرچە چىراي شەكلى ئۆزىگە ئوخشىمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۆزىدەك تۈرك تىلىدا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايال ئۇ كىشى بىلەن تونۇشۇش جەريانىدا ئۇ كىشىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ بۇيەرگە كەلگىنىگە 5 يىل بولغانلىقىنى بىلىدۇ. فىلىمدە يات بىر دۆلەتتە يالغۇز ياشاش، يات بىر دۆلەتتە ھايات مۇجادىلىسى بېرىش بۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى ۋەقەلىكلەر ئارقىلىق بايان قىلىنىدۇ. گەرچە ئۇلار بىر - بىرىنى تونۇمىسىمۇ، ئۇلارنى ئوخشاش بىر تىل يېقىنلاشتۇرۇۋاتقان ئىدى، ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ تىلىنىڭ بىر - بىرىگە قانچىلىك ئوخشايدىغانلىقىنى تونۇشقانسېرى ھېس قىلىدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ فرانسىيىگە كېلىش سەۋەبلىرى، ھاياتى بىر - بىرىدىن ناھايىتى پەرقلىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئوخشاش بىر تىلدا سۆزلىشىشى ئۇلارنى بارا - بارا دادا بىلەن قىزىغا ئوخشاش يېقىنلاشتۇرىدۇ » «مەن 5 يىل بۇرۇن فرانسىيىگە كەلگىنىمدە فرانسۇزچە بىلگىنىمگە ۋە كۆرۈنۈش جەھەتتىن فرانسۇزلارغا ئوخشىغانلىقىمغا قارىماي، بۇ يەرگە كۆنەلمەي جاپا تارتقان ئىدىم. ئەھەتجان ئەپەندىم بولسا فرانسۇزچىنى ياخشى بىلمەيتتى، كۆرۈنۈش جەھەتتىنمۇ فرانسۇزلاردىن پەرقلىق ئىدى، يەنى بىر قاراشقىلا ئۇنىڭ چەتئەللىك ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇ كىشىنىڭمۇ ئوخشاش قىيىنچىلىقلارنى تارتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۆز دۆلىتىڭىزدە بولمىسىڭىز قانداقلا بولمىسۇن بىر كۆنۈش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرىسىز. مەن بۇنى دېمەكچى. فىلىمدىكى قىزنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق مەسىلىلىرى بار، ئەھەت ئەپەندىمنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق  مەسىلىلىرى بار. لېكىن مەن بۇلارنى فىلىمدە بەك ئالدىغا چىقىرىۋەتمەي بەلكى ئۇلارنى فىلىمنىڭ بىر زىننىتى قىلىپ تۇرۇپ ئىشلەتتىم. مەيلى سىز قايسى مەدەنىيەتتىن كەلگەن بولۇڭ، يات بىر دۆلەتكە كەلگىنىڭىزدە چوقۇم ئۇ يەرگە كۆنۈۋالغۇچە جاپا تارتىسىز، ھەممىمىز شۇنداق. مەن كىنودا فرانسىيىدە چەتئەللىك بولۇش قانداق بىر تۇيغۇ، قانداق باسقۇچلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ، بۇنى قانداق قىلغاندا يېڭىپ چىققىلى بولىدۇ، دېگەننى ئاساس قىلدىم »
«ئەلۋەتتە تۈركلەرنىڭ ياۋروپاغا بېرىش تارىخى ئۇيغۇرلاردىن كۆپ بالدۇر. ياۋروپادىكى تۈرك نوپۇسىمۇ سەل قارىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە جىق. ئەمما ئۇيغۇرلار بولسا تېخى يېقىنقى يىللاردىن بېرى چەتئەللەرگە چىقىشقا باشلىدى . مەن مەيلى ياۋروپادىكى، مەيلى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بولسۇن بارغانلىكى دۆلىتىدە تۈرك جامائىتى بىلەن ئارىلىشىدىغانلىقىنى كۆردۈم. گەرچە ئىككى تۇغقان مىللەت بىر - بىرىدىن مىڭلارچە چاقىرىم ئۇزاقتا ياشاۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا چەتەللەردە بىر - بىرى بىلەن ناھايىتى تېز چىقىشىپ ياشىماقتا. سىز بۇنى نېمىگە باغلايسىز؟ » دېگەن سوئالىمىزغا چاغلا خانىم مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەن ئەھەت ئەپەندىم ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دوستلىرى بىلەن سۆزلەشكەندە ئۇنىڭ گېپىنى يۈزدە يۈز چۈشىنىپ كېتەلمىسىەممۇ، ئەمما ئاساسى جەھەتتىن نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلەلەيمەن. تەخمىنىمچە ئۈرۈمچىگە بارسام 3 ئاي ئىچىدە مەن ئۇيغۇرچىنى تولۇق چۈشىنەلەيدىغان بولۇپ چىقىمەن. مانا بۇ تىل بىزنى يېقىنلاشتۇرۇۋاتقان بىر ئامىل. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزمۇ ئوخشاش. ئەسلىدە مەن ئەھەتجان ئەپەندىم بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن بىزنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلدىم. چۈنكى ئارىدىن يىللار ئۆتە - ئۆتە بىز تىلىمىزنى نېمىشقا بۇنداق ئىشلىتىدىغانلىقىمىزنى، ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىمىز. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مەن ئەھەت ئەپەندىم بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن ئۆزىمىزنىڭ ئۆتمۈشىگە بىر سەپەر قىلدىم دېسەممۇ بولىدۇ. مېنىڭ ئەھەتجان ئەپەندىم ھەققىدە كىنو ئىشلەش خىيالىغا كېلىپ قېلىشىممۇ، مېنىڭ ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنىڭ ئۆتمۈشۈمگە ئائىت نەرسىلەرنى ئۆگەڭەنلىكىمدىن بولدى. ئۇيغۇر تۈركلىرى ماڭا ئوخشاش تۈركىيىدىن كەلگەن تۈركىيە تۈركلىرى ئۈچۈن ھەركۈن كۆرۈپ تۇرىدىغان نەرسە ئەمەس، بىز ئۇنى پەقەت تارىخ دەرسلىرىدىلا كۆرىمىز. ئۇنى بىردىنلا ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرگىنىڭىزدە ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا ئىنتايىن قىزىقىسز. مەن بۇ يېقىنلىشىشىمىزنىڭ سەۋەبىنى تىل دەپ قارايمەن، ئەلۋەتتە مەدەنىيىتىمىزمۇ بىر - بىرىگە شۇنداق ئوخشايدۇ»


« سىزنىڭ بۇ فىلىمىڭىز مۇكاپاتقا ئېرىشىپتۇ، بۇ ھەقتە بىزگە تېخىمۇ تولۇق مەلۇمات بەرگەن بولسىڭىز؟ » دېگەن  سوئالىمىزغا ئۇ  مۇنداق جاۋاب بەردى « بىز بۇ فىلىمنى 2007 -يىلى 12 -ئايدا  ئىشلەپ تاماملىدۇق ،  كىنونى فېستىۋاللارغا 2008 - يىلى1 - ئايدا قاتناشتۇردۇق. ئەڭ مۇھىمى فىلىمىمىز كلەغموڭفېيغاڭ  قىسقا فىلىم فېستىۋالىغا قاتناشتۇرۇلدى. بۇ فېستىۋال ئىنتايىن مۇھىم بىر فېستىۋال بولۇپ، ئۇ يەردە ھەم فىلىمنىڭ، ھەم فىلىم بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئىسمىنىڭ تىلغا ئېلىنىشى ناھايىتى ياخشى بولدى. چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر كېلىپ بىزگە "ئۇ يەردە بۇنداق بىر خەلقنىڭ ياشايدىغانلىقىنى بىز پەقەتلا بىلمەيتتۇق، بۇ فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن بىلدۇق"، دېدى. بىزنىڭ ئەسلى مەقسىتىمىزمۇ مانا شۇ ئىدى. يەنى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ئۇلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش ئىدى. مەقسىتىمىزگە ئۇلاشقان بولدۇق. ئىككىنچى بولۇپ، كېرىتىريەس ئاياللار فىلىملىرى فېستىۋالىدا كۆرسىتىلدى. ئۇ فېستىۋالدا بىزنىڭ بۇ فىلىمىمىز مۇكاپاتلاندى. ئالغان مۇكاپاتىمىز ئىنتايىن مۇھىم بىر مۇكاپات، چۈنكى ئۇ فېستىۋالغا قاتناشتۇرۇلغان فىلىملەرنىڭ ئارىسىدىن خەلق ئۆزى باھالاش ئارقىلىق خەلق تەرىپىدىن بېرىلىدىغان مۇكاپات. باھالىغۇچىلار تەرىپىدىن ئەمەس، خەلق تەرىپىدىن بېرىلگەن بىر مۇكاپات، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز بۇ مۇكاپاتنى ناھايىتى يۇقىرى بىر پەرق بىلەن ئالدۇق. بىزنىڭ بۇ فىلىمىمىز يەنە فرانسىيىدىكى مونوپولىيە فىلىم فېستىۋالىدا گرانپىل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇمۇ فىلىمنىڭ تارتىلىشىغا، رېژىسسورلۇقىغا بېرىلگەن مۇكاپات. بىز بۇلاردىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇق."

چاغلا خانىم، " سىز ياۋروپادىكى فىلىم فېسىتىۋاللاردا ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپسىز. بۇندىن كېيىنمۇ باشقا پىلانلىرىڭىز بارمۇ؟ " دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: "بۇندىن كېيىنكى پىلانىمدا مەن گىيىمى جونىتتى بىلەن بىرلىكتە پاكىستاندا ئۇزۇن بىر كىنو ئىشلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتىمىز. بۇنى 9 - ئايدا باشلايمىز. بىلىشىمچە، پاكىستاندىمۇ ئۇيغۇر تۈركلىرى بار، ئۇلارنى قەشقەرىيلەر دەپ ئاتايدىكەن. ئۇلار قەشقەردىن كېلىپ پاكىستاندا چوڭ تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىكەن. ھازىرچە تولۇق مەزمۇنىنى دەپ بېرەلمىسەممۇ، فىلىمىمىزدە يەنىلا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەزمۇنلار ئۆتىدۇ."
1som
دەرىجىسى؛ لەشكەر
UID: 3724
نادىرتىمىسى؛ 0
تىمىسى؛ 16
شۆھرىتى: 26 نومۇر
پۇلى: 160 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى؛ 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى؛ 2008-07-21
ئاخىرقى مەشغۇلاتى؛2009-01-23
مەن ئۇزۇندىن بىرى چەتئەللەردە مانا مۇشۇنداق ئويغۇرلارنڭ ئجتمائي-سياسى تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۇرۇلگەن .دۇنياغا  ئويغۇر دەپ ئاتلدىغان بىر مللەتنڭ ياشاۋاتقانلقنى بلدۇردىغان بىر فلمنڭ مەيدانغا كلشگە تەقەززا بۇلۇپ كەلگەنئدىم .بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ بەكلا ھاياجانلاندىم..  بۇ فلمىنى بالدۇرراق كۆرۇشكەتەقەززامەن.
دەرىجىسى؛ لەشكەر
UID: 1351
نادىرتىمىسى؛ 0
تىمىسى؛ 5
شۆھرىتى: 6 نومۇر
پۇلى: 50 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى؛ 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى؛ 2008-02-01
ئاخىرقى مەشغۇلاتى؛2009-01-16
بۇ فىلىمنى قايسى توربەتتىن تاپقىلى بولار؟ مەنمۇ كۆرۈشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم.
دەرىجىسى؛ لەشكەر
UID: 212
نادىرتىمىسى؛
تىمىسى؛
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى؛ 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى؛ 2007-04-24
ئاخىرقى مەشغۇلاتى؛1970-01-01
ياخشى  خەۋەركەن.  دۇنيانىڭ  بىز  ئۇيغۇرلارنى  تېخىمۇ  ياخشىراق  چۈشۈنىشىنى  ئۈمۈت  قىلىمەن.
yol
دەرىجىسى؛ لەشكەر
UID: 3765
نادىرتىمىسى؛ 0
تىمىسى؛ 4
شۆھرىتى: 5 نومۇر
پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى؛ 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى؛ 2008-08-26
ئاخىرقى مەشغۇلاتى؛2008-10-02
ناھايتى ياخشى ئىش بولۇپتۇ . بىز بۇ فىلىمنى قايسى ئادىرىستىن كۆرەلەيمىز؟
yol
دەرىجىسى؛ ياساۋۇل
UID: 1725
نادىرتىمىسى؛ 0
تىمىسى؛ 38
شۆھرىتى: 41 نومۇر
پۇلى: 390 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى؛ 42(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى؛ 2008-03-31
ئاخىرقى مەشغۇلاتى؛2009-01-11
ئۇ فىلىم بۇ ئادرېستا باركەن.

http://en.con-can.com/watch/preview.php?id=20081194
دەرىجىسى؛ ياساۋۇل
UID: 1824
نادىرتىمىسى؛ 0
تىمىسى؛ 32
شۆھرىتى: 34 نومۇر
پۇلى: 330 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى؛ 13(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى؛ 2008-04-18
ئاخىرقى مەشغۇلاتى؛2008-12-31
بۇ كېنونى چۈشۈرۈپ كۆرۈشكە بولمامدۇ؟
دەرىجىسى؛ لەشكەر
UID: 4772
نادىرتىمىسى؛ 0
تىمىسى؛ 3
شۆھرىتى: 4 نومۇر
پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى؛ 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى؛ 2008-10-04
ئاخىرقى مەشغۇلاتى؛2008-12-12
بۇ فىلىمنىڭ ئىشلەنگنلىكى ناھايىتى ياخشى ئىش بوپتۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى ئورنى ئەسلى يۇقىرى بولسا بولاتتى، ھەممىمىز بىلىمىز سۆزلىسەك گەپ تولا، نۇرغۇن تارىخىي سەپ تۈپىيلى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى ئورنى تۆۋەن بوپ كەلگەن ئىدى. لىكىن ھازىر نۇرغۇن  ئۇيغۇر ئىختىساسلىق ياشلىرىمىزنىڭ چىقىشى ھەم چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئالىملارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن شان-شەرەپلىرى ئاساسىدا ھەم مۇشۇنداق فىلىملەرنىڭ كۆپلەپ ئىشلىنىشى ئاساسىدا ئۇيغۇرلار ئاستا-ئاستا تونىلىۋاتىدۇ ، ھەم بۇندىن كىيىنمۇ تونۇلغۇسى.
tax
دەرىجىسى؛ ياساۋۇل
UID: 2839
نادىرتىمىسى؛ 0
تىمىسى؛ 42
شۆھرىتى: 62 نومۇر
پۇلى: 430 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى؛ 11(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى؛ 2008-06-19
ئاخىرقى مەشغۇلاتى؛2009-01-23
بۇ فىلىمنىڭ چۈشەندۈرلىشىنى تولا ئوقۇپ بىر كۆرەي دەپ شۇنچە ئىزدەپمۇ تاپالمىغانتىم.توردىشىمىز ئۈگدۈلمىشنىڭ فىلىم ئادىرىسىنى ئەۋەتكەنلىكىگە رەھمەت.
دەرىجىسى؛ يۈز بېشى
UID: 4138
نادىرتىمىسى؛ 0
تىمىسى؛ 55
شۆھرىتى: 58 نومۇر
پۇلى: 570 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى؛ 92(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى؛ 2008-09-06
ئاخىرقى مەشغۇلاتى؛2009-01-16
Rehmet dostum chushuruwaldim!     
yol
دەرىجىسى؛ شەرەپلىك ئەزا
UID: 29
نادىرتىمىسى؛
تىمىسى؛
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى؛ 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى؛ 2007-01-27
ئاخىرقى مەشغۇلاتى؛1970-01-01
مەن تېخىچە كۆرەلمەي يۈرىمەن ، قانداق چۈشۈرىدىكەن ئۇكىلار ؟
دەرىجىسى؛ لەشكەر
UID: 740
نادىرتىمىسى؛
تىمىسى؛
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى؛ 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى؛ 2007-10-05
ئاخىرقى مەشغۇلاتى؛1970-01-01
بەك ياخشى بوپتۇ جۇمۇ.........مەن بىر چۇشۇرۋالاي......
1som
دەرىجىسى؛ كۇلۇب باشلىقى
UID: 1787
نادىرتىمىسى؛ 5
تىمىسى؛ 371
شۆھرىتى: 182 نومۇر
پۇلى: 3900 سوم
تۆھپىسى: 100 نومۇر
توردىكى ۋاقتى؛ 651(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى؛ 2007-01-21
ئاخىرقى مەشغۇلاتى؛2009-01-24
بۇ فىلىم ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ يېقىندا ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ ئېلان قىلىنىدۇ.
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
دەرىجىسى؛ شەرەپلىك ئەزا
UID: 29
نادىرتىمىسى؛
تىمىسى؛
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى؛ 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى؛ 2007-01-27
ئاخىرقى مەشغۇلاتى؛1970-01-01
بۇزۇرگۋارىم ، مېنى غەپلەتتە قالدۇرمىغايلا !
yol
دەرىجىسى؛ ياساۋۇل
UID: 4636
نادىرتىمىسى؛ 0
تىمىسى؛ 25
شۆھرىتى: 26 نومۇر
پۇلى: 250 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى؛ 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى؛ 2008-09-28
ئاخىرقى مەشغۇلاتى؛2009-01-06
بەك ياخشى بوپتۇ مەن ھاياجانلانغانلىقىمدىن نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم . بىز ئۇيغۇرلارغىمۇ مۇشۇنداق پۇرسەت كېلىدىكەن ھە...  كۇرۇشكە بەك تەقەززا مەن.