burkut
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-09-28
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 سىيىت ھۆججەت كىم؟




سىيىت ھۆججەت كىم؟



[1946-يىلى باھاردا،ئېلىخان تۆرنىڭ يېنىدا سىيىت ھۆججەت ئىسىملىك بىر ئادەم پەيدا بۇلۇپ قالدى، ئۇ ۋاقىتلىق ھۈكۈمەتنىڭ قوروسىدا تۇراتتى. ئۇ ئېلخان تۆرە بىلەن ئەركىن كۈرۈشۈش شارائىتىغا ئىگە ئىددى . ئاڭلىشىمىزچە، شۇ كۈنلەردە مۇڭغۇل كۈرەدىكى كۆرۈك يېنىدا ئۇچىسىغا گىمناستۇركا، پۇتىغا يېپيېڭى خۇرۇم ئۈتۈك كىيگەن بىر كىشى پەيدا بولغان، ئۇ "مەن بۇخارا ئەمىرنىڭ شاھزادىسى بولمەن، ئىلگىرى ئافغانىستاندا تۇراتتىم، ئىسمىم سىيىت ھۆجەت، مەن غۇلجىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇريىتى قۇرۇلغانلىغىنى ئاڭلاپ، بۇ يەردە خىزمەت قىلاي دىگەن نىيەتتە جەنۇبى شىنجاڭغا كىلىپ، ئاندىن مۇزداۋان ئارقىلىق مىڭ بىر جاپادا ئىلىغا قېچىپ كەلدىم" دەپتۇ. سىرتتىكى كىشلەر بۇ ئادەمنىڭ ئىسمىنى بىلمىسمۇ، "بىر ئافغان كەپتۇ "دىيشەتتى. سىيىت ھۆججەتنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىدىن قارغاندا، ئۇ مەخسۇس تەربىلەنگەن ئادەم بۇلۇپ، سىياسى، ھەربى تېخنىكا ئىشلىرغا ماھىر بۇلۇپ، بىر نەچچە خىل تىلنى بىلدىغان، بۇلۇپمۇ ئەرەپ، پارىس تىللىرنى ياخشى بىلدىغانلىغى مەلۇم. ئۇ ئېلخان تۆرە بىلەن كۈرۈشكەندىن كىيىنلا، ئېلخان تۆرنىڭ قۇلدا قۇرئان تۇتۇپ ئۆرە تۇرغان رەسىمىنى تەخمىنەن ئىگىزلىگىنى بىر يېرىم مىتىر، كەڭلىكى 80سانتامىتىر قىلىپ ماي بوياقتا سىزىپ چىققان ھەم ئۇنى ئېلخان تۆرگە تەغدىم قىلغان. دەل شۇ كۈنلەردە ئېلخان تۆرنىڭ رادىئو قۇبۇللۇغۇچى بۇزلۇپ، رىمنۇتچى تاپالماي تۇرغاندا، ئۇنى تىزلا ياساپ بەرگەن، ئاپتۇموبىللارنى رىمنۇت قىلىپ، ماشىنلارنى قورو ئىچىدە ھايداپ ئۈزنىڭ تېخنىكا ماھارىتىنى نامايەن قىلغان. ۋاقىتلىق ھۈكۈمەت قوروسىدىكى ھەربىلەرگە، جۈملىدىن ئېلخان تۆرنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرگە ھەربى قوراللارنى ئىشلىتىشنى ئۆگەتكەن ۋە ئۇلارنى ھەربى مەشىق قىلدۇرغان. دىمەك، سىيىت ھۆججەت ئۇستا رەسسام، يۇقۇرى ماھارەتلىك تېخنىك، شوپۇر ھەم تەربىيە كۆرگەن يۇقۇرى دەرجىلىك كەسپى ھەربى ئىددى.
ئىككى ئايچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن، ئېلخان تۆرە ئۆزبېك مەسچىتىدىكى بىر قېتىملىق جۈمە نامىزدىن كىيىن ، خەلىققە"سىيىت ھۆججەت جاھانگىرلارنىڭ ئىشپىيونى ئىكەن" دەپ سۆزلىگەن، شۇ ئاردا ساقچى ئۇرۇنلىرى سىيىت ھۆججەتنى تۇتۇپ كەتكەن، بىر نەچچە كۈندىن كىيىنلا ئۇنى سوۋېت ئىتپاقىغا ئاچىقىپ كەتكەنلىگى مەلۇم بولغان. بىراق كۆپ كىشلەر بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەرسىز ئىدى. تېخى كىيىنكى يىللاردا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان بەزى كادىرلار ئۈچ ۋىلايەتتىكى بەزى مەسىللەرنى، جۈملىدىن سىيىت ھۆججەتنىڭ زادى قانداق ئادەم ئىكەنلىگىنى مەندىن سورغان ئىدى.
سىيىت ھۆججەت زادى قانداق ئادەم؟ دىگەن سۇئالغا شۇ چاغدىكى ئىلى باش ساقچى ئىدارىسىنىڭ سوۋېت ئىتپاقلىق مەسلىھەتچىسى (پولكاۋنىك دەرجىلىك) ك گ ب ئوپىتسىرى ئېلى ئەپەندى ئېنىق جاۋاپ بېرەلىشى مۇمكىن.
ئەينى چاغدىمۇ سوۋېت ئىتپاقى ئېلخان تۆرگە ئىشەنمەيتى، شۇڭا ئۇلار كۈزتىش ئۈچۈن سىيىت ھۆججەتنى مەخسۇس ئەۋەتكەن، سىيىت ھۆججەت تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنى ئۇرۇنلاپ بوغاندىن كىيىن ئەكېتىلئگەن، دەپ قارايدىغانلار بولغان. مەن سىيىت ھۆججەتنىڭ بۇخارا ئەمىرنىڭ شاھزادىسى ئىكەنلىگىگە، جەنۇبى شىنجاڭدىن قېچىپ كەلگەنلىگىگە ئىشەنمىگەن. چۇنكى ئۇ چاغلاردا ئادەم ئەمەس ئۇچار قۇشمۇ ئۇچۇپ ئۆتەلمەيدىغان مۇز داۋاندىن ئۈتۈش، يەنە كىلىپ پىيادە ئۈتۈش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. جەنۇبى شىنجاڭدىن شۇنچە ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ، تاغ ئاتلاپ قېچىپ كەلگەن ئادەم مۇڭغۇلكۈرەگە يېڭى خۇرۇم ئۈتۈك، يېڭى كىيىملەر بىلەن كېلەلەمدۇ؟ ئافغاندىن كەلگەن "شاھزاادە" ئۈچ ۋىلايەت دائىرسىگە كىرىشى بىلەن تۈرمىگە كىرىشى كېرەك ئىدى. ئەمما سىيىت ھۆججەت ئۇدۇل ئېلخان تۆرنىڭ بېقىنغا ئۇرۇنلىشىپ، ھۆرمەتكە سازاۋەر مېھمان سۈپىتىدە كۈتۈلگەن. مانا مۇشۇنداق ئەھۋاللارغا قاراپ سىيىت ھۆججەتنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىگىنى ھەممە ئادەم پەرەز قىلالىسا كېرەك، شۇنداقلا بۇنداق ئۇرۇنلاشتۇرۇشتىن غەلىتىلىك ھىس قىلماي قالمىسا كېرەك.



سەيدۇللا سەيپۇللايوف " مەن شاھىت بولغان ئىشلار" دىگەن كىتاپتىن.
Posted: 2007-11-23 00:11 | [ئاپتور]
UyghurQizi
تۈنۈگۈن- تارىخ، ئەتە-كەلگۈسى، بۈگۈننى قەدىرلە.
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-05
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

دېمەك سېيىت ھۆججەت دېگەن كىشى سوۋېتنىڭ كىرگۈزگەن ئىشپىيونىكەندە.
Posted: 2007-11-25 12:17 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى

Total 0.079252(s) query 4, Time now is:01-13 00:56, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation