بۇ بەتتىكى يازما : ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺷۆﮬﺮﻩﺕ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳۆﮬﺒﻪﺕ بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

Erdewil
ئورخۇن نازارەتچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-23
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺷۆﮬﺮﻩﺕ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳۆﮬﺒﻪﺕ

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺷۆﮬﺮﻩﺕ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳۆﮬﺒﻪﺕ

سوئال تەييارلىغۇچىلار: ئاپتاپ، تاشپولات روزى
ئۇيغۇرچە سوئاللارنى ئىنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلغۇچى ۋە ئىنگلىزچە جاۋابلارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى قەيسەر مىجىت.


1. بىلىۋال تورى سىزنى ۋەتەندىكى خەلقىمىزگە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، سىزدەك بىر ئۇيغۇر ئالىمىنىڭ بارلىقىدىن پەخىرلەندى، بولۇپمۇ يېقىندا دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا سىز توغرىلىق ئېلان قىلىنغان خوش خەۋەرلەردىن تېخىمۇ خوش بولدى. ئالدى بىلەن ئۆتۈنىدىغىنىمىز: ئاددىي تىل ئارقىلىق خەلقىمىزگە ئۆز خىزمىتىڭىزدىن ئازراق چۈشەنچە بەرسىڭىز.
جاۋاب: ئۇيغۇرلىرىمنىڭ مېنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىمگە بولغان يۇقىرى باھاسىنى كۆرۈپ مەن ھەم شادلاندىم ھەم پەخىرلەندىم. بىلىشىڭلار مۇمكىن، مەن بىر بىئولوگىيەچى بولۇپ تەتقىق قىلىدىغىنىم ھامىلىنىڭ دەسلەپكى يېتىلىشى ۋە غول ھۈجەيرىدىن ئىبارەت بولۇپ ئاساسلىق قىزىقىدىغىنىم غول ھۈجەيرىنىڭ ئىنسانلاردىكى كېسەللەرنى داۋالاشتىكى يوشۇرۇن كۈچى ھەققىدىدۇر.
.
2. سىدنىيدىكى يىغىندا بەزىلەر سىزنى "يېتىلدۈرۈلگەن ES نىڭ نورمال تۆرەلمە ھۈجەيرىسى (embryo cell) بىلەن بولغان بىرىكىش ئىقتىدارىنى سىناپ كۆرمىگەن"، دېگەن. بۇ يەردە ئېيتىلغان "سىناق" توغرۇلۇق ئازراق چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز.

جاۋاب: تۆرەلمە ھالەتتىكى غول ھۈجەيرىنى نورمال ھالەتتىكى تۆرەلمە بىلەن بىرلەشتۈرگەندە،chimera نى شەكىللەندۈرۈش ئىقتىدارى - پەقەت چاشقانلارغىلا خاس. چاشقاندا بولىدىغان ES ۈجەيرىسىنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى ئادەتتە باش غول ھۈجەيرىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى سىناشتا ئىشلىتىلىدۇ. مەن ھازىرغىچە باشقا جانلىقلاردىكى ES ھۈجەيرىسىنىڭ chimera پەيدا قىلالايدىغان قابىلىيىتىنىڭ بارلىقى ھەققىدە ماقالە كۆرمىدىم. شۇڭا ھازىرچە، chimera تەجرىبىسىنى قوللىنىپ ئادەم ۋە مايمۇنلارنىڭ ئەس ھۈجەيرىسىنى سىناق قىلىشقا بولمايدۇ دەپ قارايمەن.

3. سىزنىڭ قارىشىڭىزچە يېتىلدۈرۈلگەن تۆرەلمە غول ھۈجەيرىلىرىنى ئەمىلى داۋالاشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن يەنە قانچىلىك ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن؟ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك يەنە قانداق مەسىلىلەر بار؟
جاۋاب: مۇشۇ يېقىن كەلگۈسىدىكى 5-10 يىل ئىچىدە بىز ھايۋانلارنىڭ تېنىدە غول ھۈجەيرە ئاساسىدىكى ئاددىي داۋالاش ۋە باھالاشلارنى ئېلىپ بارالايمىز دەپ ئىشىنىمەن. مۇبادا ئۇنىڭ نەتىجىسى كىشىنى قايىل قىلارلىق بولسا، كىلىنكىلىك سىناقلار ئۇزاققا قالمايلا ئىلىپ بېرىلىدۇ.

4. ھازىر "كلونلاش" دېگىنىمىز، بىر ھۈجەيرىنىڭ يادروسىنى ئېلىپ، يادروسىزلانغان باشقا بىر ھۈجەيرىنىڭ ئىچىگە جايلاشتۇرۇش ئارقىلىق بولىدۇ. ئەمما، ھۈجەيرە پلازمىسىنىڭمۇ ئىرسىيەتلىك ئىكەنلىكى مەلۇم. ئۇنداقتا پلازما ئىرسىيىتى كلوننىڭ نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ-يوق؟ ئەگەر تەسىر كۆرسەتسە، كلونلىنىپ چىققان يېڭى جانلىق (ياكى ئەزا)نىڭ ئەسلىدىكى (يادرو تەمىنلىگەن) جانلىق بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش بولۇشى مۇمكىنمۇ؟

جاۋاب: كتوپلاسمىلىقDNA بولسا mitochondria دىن كېلىدۇ، شۇڭا كلونلانغان ھۈجەيرە ياكى ئورگانىزمدىكى مىتوچوندرىئا لىق دنا نىڭ ھەممىسىنى دېمىگەندىمۇ كۆپىنچىسى تۇخۇمدىن كېلىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، كلونلار ئەسلىدىكى كلون قىلىنغان يادرولۇق ئورگانىزمدىن پەرقلىنىدۇ.

5. بۇ تېخنىكا بىر قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن "ئادەم كلونلاش" ئۈچۈن ئىشلىتىلىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى. بۇنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىشنىڭ تېخنىكىلىق تەدبىرى بارمۇ؟ سىزچە، ئەگەر ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنمىسا قانداق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن؟

6. بەزىلەردە "كلون تېخنىكىسى ئارقىلىق ھىتلېرگە ئوخشاشلار كلونلاپ چىقىلىشى مۇمكىن"، دەيدىغان ئەندىشىلەر مەۋجۇد. بۇ ئىش تېخنىكا جەھەتتىن مۇمكىنمۇ؟

7. كلون تېخنىكىسى ئىنسانلارنىڭ ئەخلاق قارىشى، دىنىي ئېتىقادى قاتارلىقلارغا قانداق تەسىرلەر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟

جاۋاب: قايتا كۆپىيىش خاراكتېرلىك كلونلاش تېخنىكىسىنىڭ قانۇنلۇق ئىشلىتىلىشىگە قارىتا، نۇرغۇن دۆلەتلەردە كەسكىن بەس-مۇنازىرىلەر بار. ئادەملەردە قايتا كۆپىيىش خاراكتېرلىك كلونلاش ئېلىپ بېرىشنىڭ سەۋەبلىرى دائىم بەزى دىنى ئادەملەر ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن بۇرمىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، نېمىشقا بەزى ئادەملەرنىڭ كلونغا ئېھتىياج ئىكەنلىگىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. بۇنىڭغا ئېھتىياجلىق ئادەملەر توپى - ئۆز پۇشتىدىن بالا ئېلىشنى ئويلايدىغان لېكىن ئالالمايدىغان "تۇغماس"لار، ئوخشاش جىنسلىقلار، بويتاق كىشىلەر، ھەمدە يېشى چوڭىيىپ كەتكەن لېكىن ئىئانە قىلىنغان ئىسپىرمىدىن بالا ئىلىشنى خالىمايدىغان ئاياللار، ئەجەللىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان پەرزەنتى ۋە ياكى ئۆلۈپ كەتكەن پەرزەنتىنىڭ ئوتىدا قايغۇرۇۋاتقان، شۇڭا قايتا پەرزەنتلىك بولۇش ئويىدىكى ئاتا-ئانىلار، ھەمدە ئائىلىسىدىكى مەلۇم بىر ئەزاسىدا تەرتىپسىز گېن كېسىلى بولغان ۋە ياكى ئەجەللىك كېسەللىكلەرنىڭ گېنىنى ئېلىپ يۈرگەنلەرگە قارىتا مېدىتسىنا جەھەتتە داۋا تېپىشنى ئويلايدىغان ئاتا-ئانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇنىڭدىن كۆرۈپ يىتەلەيسىزكى، قايتا كۆپىيىش خاراكتېرلىك كلونلاشنى ھىتلېرگە ئوخشاش ئادەملەرنى كلونلاشقا باغلاش ھاجەتسىز، گەرچە ئۇ "مېڭىسىدىن ئازغان" بەزى ئالىملارنىڭ قولىدا خەتەرلىك تېخنىكىغا ئايلىنىپ قېلىش مۇمكىن بولسىمۇ. يادرو قوراللىرىغا نىسبەتەنمۇ شۇنداق مۇمكىنچىلىك بارغۇ؟.

ئىنسانلارنى كلونلاش مەسىلىسىنى نۆۋەتتە باشقا جانلىقلاردىن ئېرىشىلگەن نەتىجىدىن چىقىش قىلىپ ئويلاشسا مۇۋاپىق بولىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئالىملار كەڭ دائىرىلىك نۇرغۇن قېتىم سىناقلارنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ئەمما، كلون ئارقىلىق يارىتىلغان ئەۋلادلاردا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە غەيرىي نورمال ئۆسۈپ يېتىلىش مەسىلىسىدەك قىيىنچىلىق مەۋجۇد، بولۇپمۇ چاشقان ۋە كالىلاردا بۇ مەسىلە گەۋدىلىك. بىزنىڭ مايمۇنغا قارىتا ئىشلىگەن سىناق تەجرىبىمىزگە ئاساسلانغاندا، سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردا ئىشلىتىلىدىغان تەجرىبە دۇچ كەلگەن تېخنىكىلىق قىيىنچىلىق ئويلىغىنىمىزدىكىدىنمۇ مۇشەققەتلىك بولۇپ چىقتى. شۇڭا بىزنىڭ "قايتا كۆپىيىش خاراكتېرلىك كلونلاشنى ئادەملەردە ئېلىپ بارالامسىلەر ۋە قوللىنامسىلەر؟ دېگەن سوئالغا بېرىدىغان جاۋابىمىز كېسىپ ئېيتقاندا بىرلا - ياق! چۈنكى، ئۇنىڭ مۈمكىنچىلىكى تۆۋەن، ھامىلىگە نىسبەتەن خەۋپ-خەتەر قوبۇل قىلغۇسىز دەرىجىدە يۇقىرى، ھەممىدىن مۇھىمى، ئادەملەرنى كلونلاشقا نىسبەتەن قايىل بولغۇدەك سەۋەب يوق. يۇقۇرىدىكى جاۋابلار تەبىئىي ھالدا بىزنى قايتا كۆپىيىش خاراكتېرلىك كلونلاش كلىنىكا جەھەتتىن ئەھمىيەتلىك ئەمەس، ھەمدە ئۇنداق قىلىش پات يېقىندا مۇمكىنمۇ ئەمەس دېگەن خۇلاسىگە باشلايدۇ، خالاس.

ئەمدى بىزنى سىزدىن بەزى خۇسۇسى سوئاللارنى سوراشقا يول قويغايسىز، خۇسۇسىيلىق ھوقۇقى قانۇنىغا خىلاپلىق قىلماسلىققا ۋەدە بىرىمىز. خەلقىمىز بىلىۋال تورى ئارقىلىق سىزنىڭ تاتلىق ۋە گۈزەل چوڭ بولۇۋاتقان لىندا، نەرگىز ۋە سۆيۈملۈك ئوغلىڭىز پائۇل لارنىڭ بارلىقىنى بىلدى. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، سىزنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىڭىز بالىلىرىڭىزنىڭ ئىسمىنىڭ ئۇيغۇرچە ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىشنى خالايدۇ، بۇ ھەقتە سۆزلەپ بېرەلەمسىز؟

جاۋاب: مىنىڭ ئوغلۇمنىڭ بىرىنچى ئىسمى - پائۇل، ئەمما ئۇيغۇرچە ئىسمى (ئوتتۇرانچى ئىسمى) - ئادىل. ئۇ ھازىر 6 ياشتا. نارگىز ھازىر 9 ياشتا بولۇپ ئۇنىڭ ئوتتۇرانچى ئىسمى -دانىيال.

چوڭ قىزىم لىندا بەختكە قارشى 2004-يىلى 16 يېشىدا قازا قىلدى.


9. ۋەتەندىكى ئالىي مەكتەپلەردە خىمىيە ۋە بىئولوگىيە كەسىپلىرىنى ياخشى ئوقۇپ پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرى خېلى كوپ. سىزنىڭ ۋەتەندىكى بۇ ياخشى ئوقۇغان قېرىنداشلىرىڭىز ئىچىدىن ئامېرىكىغا تەكلىپ قىلىپ ئوقۇتۇش پىلانىڭىز بارمۇ؟

جاۋاب: ئەلۋەتتە مەن ئۇيغۇرۇمدىن بولغان ئىرادىلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ USA غا كېلىپ ئىلىم تەھسىل قىلىشىغا خۇشاللىق بىلەن ياردەم قىلىشنى خالايمەن.

10. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇيغۇرلار ھەممە قىتئەگە ئورۇنلىشىپتۇ. مۇشۇ ئاممىۋى سورۇن ئارقىلىق ئۇلارغا بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلارغا دەيدىغان سوزىڭىز بارمۇ؟

جاۋاب: مەن شۇ كەمگىچە ۋەتىنىمگە بېرىپ باقمىدىم، ھەتتا ئانا تىلىم - ئۇيغۇر تىلىنى سىستېمىلىق ئۆگىنىدىغان پۇرسەتمۇ بولمىدى (ئەينى چاغدا روسلارنىڭ چوڭ مىللەتچىلىك سىياسىتى تۈپەيلىدىن، كىچىكىدىن رۇسچە ئوقۇشقا مەجبۇرلانغان - ئىزاھات) لېكىن بىر نۇقتا ئېنىق: - مەن ئۇيغۇر بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن ھەمدە بۇ خەلقنىڭ بىر ئەزاسى بولغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى بەختلىك ھېس قىلىمەن، شۇڭا مەن ھەر دائىم بالىلىرىمغا ئۆزىمىزنىڭ ئۇلۇغ مەدەنىيىتى ۋە شانلىق تارىخىنى ئۆگىتىشكە تېرىشىمەن!

بىلىۋال تورى تەييارلىدى.
نەشىر ھوقۇقى www.biliwal.com تورىغا مەنسۇپ
مەن ئۇيغۇر مەڭگۈ سۆيىمەن ئۇيغۇرنى!
Posted: 2007-11-23 10:57 | [ئاپتور]
TuranTekin
مۇنبەر ئالىي نازارەتچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-24
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

ئالىمنىڭ مەرھۇم قىزى لىندانىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي!
نادانلىق _ زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى!!!
Posted: 2007-11-23 20:01 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۇيغۇرلاردىكى مەشھۇر شەخسلەر

Total 0.076830(s) query 4, Time now is:01-12 21:43, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation