ئورخۇننى قوللامسىز؟ مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى Munber hetni Nurmal Korelmigenler
قورال ئىشىلتىش ئادرېسىنى كۆچۈرۈش | ساقلىۋېلىش | پىرىنتىرلاش
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 1140
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 287
شۆھرىتى: 399 نومۇر
پۇلى: 125 سوم
تۆھپىسى: 59 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 430(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-12-22
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
باش يازما  يوللانغان ۋاقتى: 2008-10-07 18:54

 ﺋﺎﭘﭙﺎﻕ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﭘﺘﻰ -ﺑﻪﺷﯩﺮﺳﻰ

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى: بۇ يازمىغا Yawuz دىن تاغدىن - باغدىن غا يۆتكەلدى (2008-10-08)
                   ﺋﺎﭘﭙﺎﻕ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﭘﺘﻰ -ﺑﻪﺷﯩﺮىسى
                               ﻣﯘﺧﺘﺎﺭ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﮬﻮﻧﺰﺍﺩﻩ

ﺑﯩﺰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻤﯩﺰﻧﻰ ﯞﺍﺭﺍﻗﻠﺎﭖ ﻛﯚﺭﮔﯧﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ئوغوزخان،باتۇر،كۆلبىلگە،ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ،ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ، ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﭼﻮﻟﭙﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺗﯚﮬﭙﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﻪﺧﺮﻟﻪﻧﺴﻪﻙ،ﻣﻪﺧﺪﯗﻡ ﺋﻪﺯﻩﻡ،ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﺧﻮﺟﯩا(ﺋﺎﭘﺌﺎﻕﺧﻮﺟﯩنىڭ تىگى -تەكتى ئۇيغۇر ئەمەس ) ﻠﺎﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺟﺎﮬﺎﻟﻪﺕ ﭘﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﻤﯩﺶ-ﺋﻪﺗﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﺳﯩﺰ ﻏﻪﺯﻩﭘﻠﯩﻨﯩﻤﯩﺰ.ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﭘﺘﯩﻦ،ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﯩﻠﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﺵ ﻗﺎﻧﭽﯩﻜﻰ ﺯﯛﺭﯨﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎ،ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ ﺋﯚﺗﯜﺷﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻠﺎ ﺯﯛﺭﯨﺮ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ.ﭼﯜﻧﻜﻰ،ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﻟﻪﻧﻪﺕ ﺗﯜﯞﺭﯨﻜﯩﮕﻪ ﻣﯩﺨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺳﺎﯞﺍﻕ ﯞﻩ ﺳﻪﻟﺒﯩﻲ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ.
ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻠﺎﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﺎﻧﻐﺎﻧﺪﺍ،ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ 370ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﺍ ﺳﻮﭘﯩﺰﯨﻢ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.ﺋﯘ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ،18ﻳﯧﺸﯩﻐﯩﭽﻪ ﺳﻮﭘﯩﻠﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ.ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﻮﻗﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﻠﺎﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ زەھەرلەپ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﭼﻜﻪ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﯩﺘﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ،"ﺋﯩﺸﻘﯩﻴﻪ"ﺳﯜﻟﯩﻜﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ "ﭘﯩﺮ"ﻟﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ.ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﻳﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻠﺎﺭﻧﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﺷﻪﺩﺩﯨﻲ ﺟﺎﻟﻠﺎﺕ،ﺩﯨﻨﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻖ ﮬﯩﺪﺍﻳﺘﯘﻟﻠﺎ (ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ) ﺧﻮﺟﺎ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ،ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﺘﯩﺮﻭﻟﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﺋﯩﺴﺴﻤﺎﻳﯩﻠﺨﺎﻥ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﯩﺪﻯ.ﺳﻮﭘﯩﺰﯨﻤﻨﯩﯔ "ﺋﯩﺸﺎﻗﯩﻴﻪ"ﺳﯜﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺧﺎﻥ ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﺧﻮﺟﯩﻠﺎﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ "ﺋﯩﺸﻘﯩﻴﻪ" ﺳﯜﻟﯩﻜﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﭖ،ﻣﯩﻠﺎﺩﻯ 1671-ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﺯﺩﺍ ﺋﯘﻟﺎﺭﻧﻰ ﭼﯧﮕﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏﻠﺎﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ(ئىسمايىلخانﺋﯩﺸﺎﻗﯩﻴﻪ ﺳﯜﻟﯩﻜﯩﮕﻪمايىل بولغاچقا چوڭ تىكىننىڭﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﺧﻮﺟنى ئۆلتۆرۇش تەلپىنى رەت قىلغان. ).ﻗﻮﻏﻠﺎﻧﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﺧﻮﺟﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﺭﯨﺘﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻛﻪﺷﻤﯩﺮﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ،ﺋﯘ ﻳﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﯩﻐﺎ ﻳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﺍ،ﺷﯩﺰﺍﯕﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﻟﺎﻱ ﻟﺎﻣﺎ(ﯞ)ﻏﺎ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ.ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯩﺴﻠﺎﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺧﻠﯩﺴﻰ،ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﺧﻮﺟﺎﻡ،ﭘﯩﺸﯩﯟﺍ ﮬﻪﺯﺭﻩﺕ،ﭘﯩﺮ ﺋﯩﺸﺎﻥ،ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ 27-ﻧﻪﯞﺭﯨﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﮬﯩﺪﺍﻳﺘﯘﻟﻠﺎ ﺧﻮﺟﺎ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻟﺎﻣﺎ ﺩﺍﮬﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯩﺰﻟﯩﻨﯩﭗ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﻪﻛﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﯚﻳﯜﭖ،ﺯﺍﺭ-ﺯﺍﺭ ﻳﯩﻐﻠﺎﭖچاتراقلىرىدىن ئۆمىلەپ ئۆتۆپ،ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﯩﻠﺨﺎﻥ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ "ﺸﯩﻜﺎﻳﻪﺕ"ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺩﺍﻟﺎﻱ ﻟﺎﻣﺎ(ﯞ) ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻛﯚﺯﯨﻨﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﺗﯩﻜﯩﭗﺗﯘﺭﻏﺎﭼﻘﺎھەمدە سەئىدىيە خانلىقىدا بۇرۇن قىپقالغان قانلىق ؟ۆچى بولغاچقا ،ﮬﯩﺪﺍﻳﺘﯘﻟﻠﺎﺭﻏﺎ "ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ"(ﺯﺍﯕﺰﯗﭼﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻗﺎﺗﻠﺎﻣﺪﯨﻜﻰ ﺭﺍﮬﯩﭙﻠﺎﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻧﯟﺍﻥ) ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ "ﺋﺎﺗﺎ" ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺟﻮﯕﻐﺎﺭ(ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ)ﻟﺎﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻏﺎﻟﺪﺍﻥ ﻗﯘﻧﺘﻪﻳﺠﯩﮕﻪ(ﻏﺎﻟﺪﺍﻥسىرىن) ﻟﺎﻣﺎ ﺩﯨﻨﻰ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ.ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﺧﻮﺟﺎ ﺑﯘ "ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ"ﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ،ﭼﯩﯖﺨﻪﻱ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﯘﻣﯘﻟﻐﺎ،ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺟﻮﯕﻐﺎﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﺳﯩﭽﯘﺋﻪﻥ،ﭼﯩﯖﺨﻪﻱ،ﻧﯩﯖﺸﯩﻴﺎ ﺧﯘﻳﺰﯗﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ "ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﯞﻟﺎﺩﻯ ﭼﯩﯖﺨﻪﻳﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ..."ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ.ﻏﺎﻟﺪﺍﻥ ﻗﯘﻧﺘﻪﻳﺠﻰ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ،ﻟﺎﻣﺎ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺩﺍﻟﺎﻱ ﻟﺎﻣﺎ(ﯞ)ﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﻛﯚﺭﻩﺗﺘﻰ.ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ،ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﺧﻮﺟﺎ ﺟﻮﯕﻐﺎﺭﻟﺎﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﭽﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ،ﻳﻪﻛﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ،170ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺕ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﭼﯜﺭﯛﭖ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ.
ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﺧﻮﺟﺎ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﻗﻮﺭﭼﺎﻕ "ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ" ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ،ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺳﻮﭘﯩﺰﯨﻢ ﻣﯘﺭﯨﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﻪﺗﺴﻪ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻳﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯩﺮﻟﯩﻚ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ.ﺋﯘ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﻣﯚﺗﯩﯟﻩﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ 81ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﭘﯧﺘﻰ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻨﻰ ﺳﯘﻏﯘﺭﯗﭖ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ.ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘﺭﯗﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯧﻘﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ.ﻧﺎﺧﺸﺎ-ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﺎﺭﻧﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﭖ،ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ،ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﻛﯩﺘﺎﭘﻠﺎﺭﻧﻰ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﮔﻪﻥ.ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻮﺗﯘﻥ-ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ،ﺟﻮﯕﻐﺎﺭﻟﺎﺭﻏﺎ ﺳﻮﯞﻏﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﯩﻠﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻗﯩﺰﯨﻨﻰ ﻗﺎﻳﻨﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﺎﻏﻘﺎ ﺗﺎﺷﻠﺎﭖ،ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ "ﺋﯩﺸﺎﻗﯩﻴﻪ"ﭼﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯘﺧﯘﻣﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﯗﺗﯘﺵ "ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﻰ"ﻧﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ.ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺑﺎﺑﺎ ﺭﻩﮬﯩﻢ ﻣﻪﺷﺮﻩﭘﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ "ﺩﻩﮬﺮﻯ"ﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﻪﻳﯩﭙﻠﻪﭖ،ﺑﻪﻟﻐﺘﻪ ﺩﺍﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺘﯘﺭﻏﺎﻥ.ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ،ﺋﺎﺷﯩﻘﻠﯩﻖ،ﻣﺎﺯﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻖ،ﻣﯚﻣﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﭗ،ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﭼﻪﺗﻨﯩﮕﻪﻥ ﺳﻮﭘﯩﺰﯨﻤﻨﻰ ﺋﻪﯞﺝ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ،ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻠﺎﺭﻧﯩﯔ "ﺩﺍﮬﯩﺴﻰ" ﺩﻩﯞﺍﻟﻐﺎﻥ.
ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺋﻪﻗﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯﺩﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﯟﻯ ﺋﻪﭘﺴﯘﻧﻰ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭽﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﻟﯩﮕﯜﺳﯩﺰ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﺎﺭﻧﻰ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺟﺎﮬﺎﻟﻪﺕ ﭘﯩﺮﻯ ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﺧﻮﺟﺎ 68ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﭼﯧﻐﯩﺪﺍ (1694-ﻳﯩﻠﻰ) ﻳﻪﻛﻪﻥ ﺷﻪﮬﺮﯨﺪﻩ "ﺋﯩﺸﺎﻗﯩﻴﻪ ﺳﯜﻟﯜﻛﻰ" ﺗﻪﺭﻩﭘﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺯﻩﮬﻪﺭﻟﻪﭖ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ.ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﺎﭘﺎﻙ ﺟﻪﺳﯩﺪﻯ ﺋﯘ ﺋﯚﻟﯜﺷﺘﯩﻦ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﻱ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻳﺎﺳﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ "ﻣﺎﺯﺍﺭﻯ ﺷﺎﮬﺎﻥ"(ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﮬﻪﺯﺭﻩﺕ) ﮔﻪ ﺩﻩﭘﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ،ﭼﻮﯓ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻳﻪﮬﻴﺎ ﺧﻮﺟﺎ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﮔﯜﻣﺒﻪﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ.ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﯟﺍﺭﻩﻥ،ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﯔ ﺧﻮﺗﺘﯘﻥ-ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﻪﺧﺖ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﭗ،ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻣﯚﮬﺘﯩﺮﻩﻡ ﺧﯧﻨﯩﻢ (ﭘﺎﺷﺎ ﺧﯧﻨﯩﻢ) ﺋﯘﺗﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯜﭺ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ 20 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭖ،"ﺟﺎﻟﻠﺎﺕ ﺧﯧﻨﯩﻢ"ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﭼﻘﺎ،1699-ﻳﯩﻠﻰ ﺩﻭﻟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺳﻮﭘﯩﻠﺎﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﭘﯩﭽﺎﻗﻠﺎﭖ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ.
ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﺧﻮﺟﺎ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ(1678-1699)ﺳﻮﭘﯩﺰﯨﻤﻨﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﯞﻩ ﺋﻪﺧﻠﺎﻕ ﻣﯩﺰﺍﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﭼﻘﺎ،ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﻰ ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺗﻠﯩﻖ،ﺯﯗﻟﯘﻡ،ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻖ،ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻖ،ﺟﻪﯕﮕﻰ-ﺟﯩﺪﻩﻝ،ﺋﺎﭼﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﭘﻠﺎﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ.ﺑﯘ ﮬﺎﻝ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﭼﯧﻜﯩﻨﺪﯛﺭﯨﯟﯦﺘﯩﺸﻜﻪ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﺵ ﺋﺎﺳﯩﻴﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﭘﺌﺎﻕ ﺧﻮﺟﺎ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﭘﻰ-ﺋﯩﺸﺎﻧﻠﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﭘﺘﻰ-ﺑﻪﺷﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻠﺎﺭﺩﯨﻠﺎ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﻪﺗﺘﻰ ﯞﻩ ﻳﻪﺗﻤﻪﻛﺘﻪ.ﺑﯘ ﺋﻪﻗﯩﻞ-ﺋﯩﺪﺭﯨﻜﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ،ﺳﺎﭘﺎﻳﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﺳﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﮬﺴﯘﻟﻰ.ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ،ﺋﻪﺷﯘ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ساۋاقلىرى ئۈستىدىن دائىم پىكىر يۈرگۈزۈپ تۇرۇشىمىز كېرەك.


 ﺋﯩﺰﺍﮪ:ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﺎﻧﻐﺎﻥ ﻣﺎﺗﯩﺮﻳﺎﻟﻠﺎﺭ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﻠﺪﻯ
ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ "ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻧﯧﻔﯩﺖ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ"ﻧﯩﯔ 1995-ﻳﯩﻠﻰ 7-ﺋﯩﻴﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ

[ بۇ يازما udun تەرىپىدىن 2008-12-13 04:48 دە قايتا ]
دەرىجىسى: *
UIDنومۇرى: 2220
جەۋھەر يازمىسى: *
يوللىغان يازمىسى: *
شۆھرىتى: * نومۇر
پۇلى: * سوم
تۆھپىسى: * نومۇر
توردىكى ۋاقتى: (سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: *
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: *
1-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-10-08 13:24
اپپاق غوجا چيانلۇڭ پاديشانىڭ  خەنىمى ئىپارخاننىڭ دادىسىدۇ؟
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 4646
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 13
شۆھرىتى: 15 نومۇر
پۇلى: 150 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-09-28
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-01-13
2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-10-08 13:36
qoute
1 - قەۋەتتىكى hazebay 2008-10-08 13:24 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
اپپاق غوجا چيانلۇڭ پاديشانىڭ  خەنىمى ئىپارخاننىڭ دادىسىدۇ؟


ما غازىباي باشلانغۇچ مەكتەپنىمۇ ئۇقۇماپتۇ مىنىڭچە،بىلىپ قوي ئاپاق خوجا بىلەن ئىپارخاننىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتى يوق
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 4207
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 135
شۆھرىتى: 185 نومۇر
پۇلى: 1355 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 212(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-09-09
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-10-08 13:38
غاز باي ئىپارخان ئاپپاق خوجىنىڭ قىزى ئەمەس . ئۇ مانجۇلارغا قاشى قوزغىلاڭدا ئەسىرگە چۈشكەن ئايال قەھرىمان . تاكى ھاياتى ئاخىرلاشقىچە چەنلۇڭغا باش ئەگمىگەن .
Körgülükni körgülük ya Tarim Dadxah Ölgülük
دەرىجىسى: شەرەپلىك ئەزا
UIDنومۇرى: 29
جەۋھەر يازمىسى:
يوللىغان يازمىسى:
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-27
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 1970-01-01
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-10-08 13:47
                      ئاپاق خوجا توغرىسىدا

ئۇرغىلى بولماس خوجىنى،
تىللىغىلى بولماس خوجىنى.
مۇسۇلماننى خار قىلغان.
خۇدا ئۇرسۇن خوجىنى.
 
                       ____ (تارىخ قوشاقلىرىدىن)

                                 ئاپاق خوجا كىم؟

  بىزنىڭ كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر تارىخىمىزدا ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە سەلبىي قىلمىشلىرى بىلەن نام قالدۇرۇپ ئۆتكەن چوڭ خوجا - ئىشانلارنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن بىرى - ئاپئاق خوجا (ھىدايتۇللا خوجا) دۇر.
  ئاپئاق خوجا - خوجا مەخدۇم ئەزەمنىڭ پەر نەۋرىسى - (مۇھەممەد يۈسۈپ خوجىنىڭ ئوغلى) بولۇپ، مىلادى 1626- يىلى قۇمۇلدا قەشقەرلىك سەىد جېلىل قەشقىرى دېگەن كىشىنىڭ قىزى زۇلەيخا بىكىم (بىكىم بېگىم مەنىسىدە - ئا) دېگەن خاتۇندىن تۇغۇلغان. 1633- يىلى دادىسى بىلەن سوپىلىق قىلىپ قەشقەرگە پەيدا بولغان. 1660-يىلى 34- يېشىدا يەكەندە مەكىتلىك ئوبۇل ھادى بەگنىڭ قىزىغا ئۆيلەنگەن. 1678- يىلدىن 1694- يىلغىچە 16 يىل قەشقەرىيە (ھازىرقى جەنۇبىي شىنجاڭ) گە «خان» لىق قىلغان. ئۆمرىدە «ئەۋلادى پەيغەمبەر خوجا» - «ئەۋلىيا خوجام»( )، «ئاپئاق خوجا»، «ئىشان نۇر ئاللاھ»()«ئىشان ئەلەيھى»، «ئاللاھ خوجام»( )، «پېشىۋاھى ھەزرەت»، «ئاباخ خوجا»( ). «تورلوك ئاباخ»() دېگەندەك ناملارنى قوللانغان ياكى قوبۇل قىلغان. 1693- يىلى يازدا ئوغلى (شۇ چاغدىكى قەشقەرنىڭ باش ھۆكۈمرانى) يەھيا خوجا (خان خوجا دەپ ئاتىلىدۇ) غا: «... ئەي قەدىرلىك پەرزەنت، مۇشۇ يەر ھەممە يەرلەردىن ئوبدانراق ئىكەن. بۇ يەرگە ئېگىز بىر گۈمبەز قىلىڭ، ئۇ - تا قىيامەتكىچە بۇزۇلمىسۇن....» (ئاپئاق خوجا تەزكىرىسى كۆچۈرۈلمە نۇسخا 41- بەت) دېگەن بۇيرۇقنى بېرىپ، دادىسى مۇھەممەد يۈسۈپ خوجىنىڭ قەبرىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا ھازىرقى ئاپئاق خوجا مازىرىنىڭ ئەسلىنى ياساتقان ھەم ئۇنىڭغا دەسلەپتە «مازارى شاھان» (مازارلار شاھى) دەپ نام قويغان. ھىجرىيە 1115- پەلەڭ يىلى يەنى يولبارس يىلى ماھى سەپەر ئېيىنىڭ 16- كۈنى (مىلادى 1694- يىلى 2-ئاينىڭ 10- كۈنى) ئۆزىنىڭ تاغىسى خوجا ئىشاق ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن ھوقۇق، ئىنتىقام ئاداۋىتى بىلەن يەكەن شەھىرىدە 68 يېشىدا زەھەرلەپ مەخپىي ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. جەسىتى شۇ يىلى قەشقەر شەھىرىگە يۆتكىلىپ كېلىنىپ، ئۆزى ئۆلۈشتىن يەتتە ئاي بورۇن ياستىپ قويغان «مازارى شاھان» غا دەپنە قىلىنغان. ئاپئاق خوجىنىڭ چوڭ ئوغلى خوجايەھيا شۇ يىلى دادىسىنىڭ قەبرىسىنى چوڭ گۈمبەز ئىچىگە ئالدۇرۇپ، گۈمبەزنىڭ ئۈستىگە پارىسچە «ئاپئاق خوجا خۇدانىڭ ئاشىقى ئىدى»، «يەككە - يېگانە مەشۇق ئىدى» دېگەن خەتنى يازغۇزۇپ، بۇ يەرنىڭ نامىنى «مەزرىنى ئاپئاق مازىرى» قىلىپ بېكىتكەن.

                               ئاپاق خوجىنىڭ باش كۆتۈرۈشى

  ئاپئاق خوجا مىلادى 1640- يىللار ئەتراپىدا دادىسىنىڭ سوپىلىقنى ئۆگىنىپ قەشقەردە مۇرەتتەپ (پىششىق) سوپى ھەم تونۇلغان ۋاىز (مەدداھ) لاردىن بولۇپ قالغان. 1644- يىللىرى دادىسى مۇھەممەد يۈسۈپ خوجا ئۆزىنىڭ بىر نەۋرە ئىنىسى (خوجا ئىشاقنى ۋەلىنىڭ نەۋرىسى) خوجا ئابدۇللا ئىشان تەرىپىدىن دىنىي ھوقۇق، ئىمتىياز تالىشىش ئاداۋىتى بىلەن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇ دەرھال دادىسىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ، ئۆزىنى «پىر» ئېلان قىلغان ھەم دادىسى يۈرگۈزۈپ كەلگەن «ئىشقىيە سۈلۈكى» گە ۋە بۇ «سۈلۈك» مۇرىتلىرىنىڭ ئومۇمىي ھەرىكەلىرىگە باشچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى قولغا ئالغان. ئاپئاق خوجا ئوتتۇرىغا چىققان بۇ چاغ - قەشقەرىيدە بىر - بىرىگە قارىمۇ - قارشى مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىككى چوڭ سوپىلىق سېپى - «ئىشقىيە» چىلەر سېپى بىلەن «ئىشاقىيە» چىلەر سەپلىرىنىڭ ئىچكى كۈرەشلىرى ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ تۇرغان يامان چاغقا توغرا كەلگەن() مۇشۇنداق كەسكىن كۈرەش ئىچىدە باش كۆتۈرگەن ئاپئاق خوجا يەنىلا ئۆز رەقىبى بولغان «ئىشاقىيە» چىلەرگە قارشى كۈرەشتە غەلىبە قىلىش، ئاخىرى بېرىپ پۈتۈن قەشقەرىيىنىڭ بىردىنبىرى چوڭ دىنى ھۆكۈمرانى بولۇپ مەيدانغا چىقىشنىڭ بىر يۈرۈش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، ئىجرا قىلىشقا كىرىشكەن:
  1. ئۆزىنى «سەىد» ئاتاپ («مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ 27- ئەۋلاد نەۋرىسىمەن» دەپ ئېلان قىلىپ) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «ۋارس» لىك قىلىۋاتقان «ئۇلۇغ زات» قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، تۇنجى قېتىم قەشقەردە ئەتراپىغا ئادەم يىغىش، مۇرىت كۆپەيتىش ۋە ئۇلار ئارقىلىق قەشقەرىيىدە ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تۇرغۇزۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن. يەنى ئۆز يېقىنلىرى ئارقىلىق قەشقەر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا «... خوجام دەرگاھىغا كېلىپ مۇرىت بولغۇچىلارنىڭ ھەر قانچە ئېغىر گۇناھلىرى بولسىمۇ گۇناھىدىن ساقىت بولىدۇ...»، «ئىنسان سۈلۈككە كىرسە (خوجامغا مۇرىت بولسا دېمەكچى - ئا) ئۇرنى بارغانسېرى ئاشىدۇ. ئاللاھنىڭ زاتىغا ئۇلىشىدۇ ۋە ئەبەدىلىشىدۇ. مۇشۇ يول بىلەنلا خۇداغا يېقىنلىشىش مۇمكىن... »، « ... خوجام (ئاپئاق خوجىنى دېمەكچى - ئا) ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن مۆمىنلەرگە ، بولۇش ئۈچۈن كەلگەن دۇر... »، «ئەيغەمبەر بىلەن ئوخشاشتۇر...»، «... بىرەر كىشى ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتىپ دىننىڭ پۈتۈن ئەركانلىرىنى ئورۇنلىغان تەقدىردىمۇ، ئەگەر ، غا قول بەرمەيدىكەن، ئىشەنمەيدىكەن گۇناھكار بولىدۇ. قىلغان ئىبادەتلىرى قوبۇل بولمايدۇ...» («تەزكىرپىر ياران» دىن) دېگەندەك تەشۋىقاتلارنى ئەۋج ئالدۇرغان. ئاپئاق خوجىمۇ بۇ خىل تەشۋىقاتنى ئۆزىنىڭ تاللانغان، سۆزمەن، تەشۋىقاتچىلىقتا چېنىققان، ئەل ئىچىدە تونۇلغا مەدداھلىرى ئارقىلىق كەڭ داىرىلەر، يىراق جايلار بويىچە ئۈزۈلدۈرمەي خېلى يىللار داۋاملاشتۇرغىنى ئۈچۈن، پۈتۈن قەشقەرىيىدە ناھايىتى تېزلىكتە نامى چىقىشقا باشلىغان. ۋەھالەنكى، بۇ خىل تەشۋىقاتلار پۈتۈنلەي ئويدۇرما ۋە ئالدامچىلىق ئۈچۈنلا توقۇپ چىقىرىلغان بولۇپ، ئەمەلىيەتە ئۇنىڭدا ھېچقانداق بىرەر تارىخ ياكى ئىسلام تەلىماتى، ئەقىدە پىرىنسىپلىرىدا تەكىتلەنگەن بىرەرمۇ پاكىت - ئاساس يوقتۇر. دېمەك ئاپئاق خوجا تەشۋىقاتچىلىرى (مۇرىتلىرى) مۇشۇنداق بىر شەخسىنى ئادەتتىن تاشقىرى سۈپەتلەر بىلەن ماختاپ (ئۇنىڭ غايىبىنى بىلىدىغانلىقىنى، «ئۇلۇغ» لىقىنى تەرىپلەپ، «خوداغا رام» لىقى بىلەن ئاخىرىدا ئۇنى قەشقەردە «ئىسلام دىنىنىڭ ئەۋلىياسى»، «ئۇلۇغ پېشۋاسى»، «سەىد» دېگەن تاج ئاستىغا ئېلىپ) ئەجدادلىرىمىزنىڭ يەلكىسىگە مىندۈرۈشكىچە بېرىپ يەتكەن.
  2. خۇددى «تارىخىمىزدىكى ئىسلامىيەت» دە كۆرستىلگەندەك: «... بۇ زات ھەر يىلى مازار - ماشايىقلارنى تاۋاپ قىلىپ، قەدىم جايلارنى يوقلاپ، شەھەرلەرنى كۆرۈپ، يۇرتلارنى ئارىلاپ، ئەل - خالايىققا كۆرۈنۈپ، دۇا بېرىپ، مۈشكۈللىرىگە ئاسايىشلىق تىلەپ، باشلىرىنى سىلاپ، سايىۋەن بولۇپ تۇرۇش» نى زادىلا قولدىن بەرمىگەن. يەنە شۇ كىتابتا: «... بۇ زات ئۈچتۇرپانغا بارغاندا خالايىق دەپ ئەقىدىلىرىنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن ئاتلىرىنى يىلقىسى (بايتىلى) بىلەن، قويلىرىنى قوتىنى بىلەن، كالىلىرىنى ئېغىلى بىلەن ھەدىيە قىلىپ بېرىپ دۇاسىنى ئالدىلەر...» دېيىلگىنىدەك، ئاپئاق خوجا قۇمۇلدىن تارتىپ خوتەنگىچە بولغان شەھەر، بازارلارنى، قەدىم جايلارنى بىر نەچچە قېتىمدىن زىيارەت قىلىپ، بۇ جايلاردىن مۇرىت توپلاپ، «ئۇلۇغ» لاردىن «دۇا» ئېلىپ، كىشىلەرگە «دۇا» بېرىپ تاپاۋەت تېپىپ، ئۆزىنىڭ ئىجتىماىي ئۇلىنى چىڭىتىپ بارغان. «تەزكىرە پىر ياران» دا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپئاق خوجا مىلادى 1635- يىلدىن 1677- يىلغىچە قۇمۇل، تۇرپان، قارا شەھەر، كوچا، ئاقسۇ، قەشقەر، يەكەن، خوتەن، ئۈچتۇرپان، يېڭسار، سېرىققۇل، بەدەخشان (ئافغانىستان)، كەشمىر، كاسان، پەرغان، ئىلى، راجىدان (جاممۇ) قاتارلىق جايلاردا مازاركەزدىلىك، ئىشانلىق سەپىرىدە يۈرۈپ، ئىرشاتنامە تارقىتىپ، نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنى سوپىلىققا ئالغان. مۇرىت كۆپەيتكەن. ئاقسۇدىكى «قۇرمىش ئاتام»، تۇرپاندىكى «ئەشابول كەەب»، يەكەندىكى «ئالتۇنلىرىم»، ئاتۇشتىكى «سۇلتانوم»، كۇچادىكى «مەۋلانا ئەرشىدىن ۋەلئوللا»، خوتەن - ئىلچىدىكى «ئىمام زەينۇل ئابىدىن»، نىيە ناھىيىسى تەۋەسىدىكى «ئىمام جەپەر سادىق»، قارىقاشتىكى «ئىمام مۇھەممەد ھەسەن ئەسكىرى»، چىرىيىدىكى «ئىمام جەپەر تەيران»، قاغىلىقتىكى «زۇنلان»، «جەمجۇم» قاتارلىق 30 نەچچە مازارنى كېزىپ ۋە بەزىلىرىنىڭ پەخرىي شېيخلىق دەرىجىلىرىنى قوشۇمچە قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ تەرەپتىكى تەسىرى ئاساسىنىمۇ كېڭەيتكەن. مۇرىت، شېرىك، يارانلارنى ئاۋۇتقان. مىلادى 1669- يىلىغا كەلگەندە خۇددى «يەكەن تارىخى» 38- بېتىدە كۆرسىتىلگەندەك: «... ھىدايتۇللا ئاپئاق بىر قېتىملىق ئۇچرىشىشىتا ئىسماىلخاندىن ئۆزىنىڭ مۇرىتلىرىدىن سېلىق ئالماسىلىقىنى تەلەپ قىلغان. ئىسماىلخان بۇنى سەل چاغلاپ ماقۇل بولغان. شۇنىڭ بىلەن بۇنى ئاڭلىغان خەلق خوجا ھىدايتۇللاغا كۆپلەپ مۇرىت بولۇپ، پەقەت بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچدىلا 30 مىڭغا يېقىن كىشىگە يېتىپ»، قەشقەرىيىنىڭ خېلى بىر قىسىم جايلىرىدىكى ئاھالىلەر ئارىسىدا ئاپئاق خوجا تەرىقىتىنىڭ «ئىشىقيە» سۈلۈكى بىر خىل يېڭى دىنىي ئىدىيە سۈپىتىدە تارقىلىشقا باشلىغان. مىلادى 1666- يىللار ئەتراپىدا قەشقەرىيىدە ئاپئاق خوجا باشچىلىقىدىكى «ئىشقىيە» چى سوپىلار بىلەن ئەبەيدۇللا خوجا باشچىلىقىدىكى «ئىشاقىيە» چى سوپىلار ئوتتۇرىسىدا ئۆز سەپلىرىنى تەرتىپكە سېلىش، كۈچەيتىش ھەرىكىتى كۆتۈرۈلگەن. ئاپئاق خوجا ئۆز مۇرىتلىرىنى «ئىشاقىيە» تەرەپدارلىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ھەم ئۆز سېپىنىڭ چېگرىسىنى ئېنىق قىلىپ بەلگىلەش ئۈچۈن، ئۆز مۇرىتلىرىنى ئاق تەقى (ئاق تۇماق - ئاق دوپپا) كىيىشكە بۇيرۇغان ھەم بۇ شەرتلىك بەلگىنى «ئىشقىيە» لەر سېپىنىڭ مۇقىم بەلگىسى قىلىپ بېكىتكەن. ئەبەيدۇللا خوجىمۇ ئۆز مۇرىتلىرىنى «ئىشقىيە» تەرەپدارلىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن قارا تەقى (قارا تۇماق) كىيىشىكە بۇيرۇغان ھەم بۇ شەرتلىك بەلگىنى «ئىشاقىيە» لەر سېپىنىڭ مۇقىم بەلگىسى قىلىپ بېكىتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئاپئاق خوجىنىڭ تەسىرى چوڭراق بولغان («ئىشقىيە» چىلەر جىقراق بولغان) ھازىرىقى قەشقەر شەھىرىدىن تۇرپانغىچە بولغان جايلارنىڭ خەلقلىرى ئاق تەقىلىقلارنىڭ تەرەپدارلىرى قىلىپ قويۇلغان. ئەبەيدۇللا خوجا («ئىشاقىيە» چىلەر) نىڭ تەسىرى چوڭراق بولغان يەكەن، قاغلىق، خوتەن تەۋەلىرىگە قاراشلىق جايلارنىڭ خەلقى قارا تەقىلىقلەرنىڭ تەرەپدارلىرى قىلىپ قويۇلغان. بۇنىڭ بىلەن ئەمەلدارلاردىن تارتىپ تاكى ئاددىي پۇقرالارغىچە ئىككى قاشقا بۆلۈنۈپ، ئىككى خوجىنىڭ كەتمىنىنى چاپىدىغان ئاق تەقىلىقلەر، قارا تەقىلىقلەر كۈرىشى ئەۋجىگە چىققان («ئاق تەقى»، «قارا تەقى» ئاتالغۇسى يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاھاڭ ئۆزگىرىش خۇسۇسىيىتى بويىچە «ئاق تاغلىق»، «قارا تاغلىق» دېيىلىپ كەلمەكتە). گەرچە ئۇلارنىڭ تۈپ ماھىيەتلىرى بىر - بىرىدىن پەرق قىلمىسىمۇ قەشقەرىيىنىڭ سىياسىي ھاكىمىيىتى يەنىلا سەىدىيە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ داۋامچىلىرىدىن بولغان ئىسماىلخاننىڭ قولىدا بولغانلىقى سەۋەبىدىن بۇ ئىككى گۇرۇڭنىڭ باشلىقلىرى دىن ۋە دىنىي ئىشلارنىڭ ھوقۇقىنى ئۆز قوللىرىغا مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزئارا قانلىق كۈرەشلەرنى زادىلا توختاتماي، ئىسماىلخان ھاكىمىيىتىڭ مۇقىم، تىنچ ئىتتىپاق بولۇشىغا خەۋپ يەتكۈزۈشكە باشلىغان. مەسىلەن: «بورقۇم ئەۋلىيا» دېگەن قوليازمىدا كۆرسىتىلىشىچە: ئاپئاق خوجىنىڭ «ئاق تاغلىق» سوپىلىرى 1670- يىلى بىر ئىچىدىلا يېڭىسار، مەكىت مارالبېشى، پەيزىۋات، يەكەن، قاغلىق قاتارلىق جايلاردا «قارا تاغلىق»، «پىر» سوپىلاردىن 80 نەچچىنى تۇتۇۋېلىپ مەخپىي ئۆلتۈرۈۋەتكەن. 40 نەچچە «سوپى» نىڭ پېيىنى قىرقىپ، قول، پۇتىنى كېسىپ، ئاختا قىلىپ (ئەرلىك تۇخۇمىنى ئېلىۋېتىپ) «كېرەكسىز مۇردا» ھالەتكە ئەكېلىپ، «قارا تاغلىق» لاردىن «ئۆچ» ئالغان. «ئىشاقىيە» چى «قارا تاغلىق» سوپىلارمۇ قەشقەرىيىنىڭ خوتەن، يەكەن تەۋەلىرى (ھازىرقى كېرىيە، چىرىيە، لوپ، ئىلچى، قاراقاش، گۇما، قاغلىق، مەكىت، يەكەن، پوسكام ناھىيىلىرى تەۋەلىرى) دە «قىلمىشلىرى ئېغىر»، «ئاق تاغلىق»، «پىر»، «سوپى»، ئىشانلاردىن بەزىلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، مەخپىي ھالدا قول - پوتىنى باغلاپ چىقالمايدىان چۆللەرگە ئاپىرىپ تاشلىۋېتىپ ياكى قول، قۇلاقلىرىنى كېسىۋېلىپ (ئەن سېلىپ قويۇپ) ھەيدىۋېتىپ، ياكى گاچا - گاس قىلىپ تاشلاپ، بەدەل ھېسابىدا ئۆچ ئېلىپ تۇرغان. 1671- يىلى ئاپئاق خوجا سوپىلىرى ئىسماىلخان ئەمەلدارلىرىنىڭ نەسىھەت، توسۇشلىرىغا بوي بەرمەي يەكەندە «قارا تاغلىق خوجىلار» نىڭ ئەدىپىنى يەنىمۇ قاتتىقراق بېرىشكە كىرىشكەن. بۇ ئەمەلىيەتتە ئىسماىلخانغا قىلىنىۋاتقان بىر خىل خىرىس ئىدى. ئىسماىلخان بۇنى سېرىپ قېلىپ، شۇ يىلى يازدا ئاپئاق خوجىنى بىر نەچچە چوڭ شېرىكى بىلەن قوشۇپ قەشقەرىيدىن زورلۇق كۈچ بىلەن ھەيدەپ چىقارغان. ئۇنىڭ زوراۋان «سوپى» لىرىدىن، قاتىل «پىر» لاردىن بىر نەچچىنى جازالاپ، قالغانلىرىنى تىنچ پۇقرادارچىلىق قىلىشقا بۇيرۇغان. قارا تاغلىق خوجا ئىشانلارمۇ خانلىقنىڭ تېگىشلىك قانۇن، چەكلىمىلىرى ئىچىدە پۇقرادارچىلىق قىلىشقا بۇيرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن قەشقەرىيىدە «ئاق تاغلىق»، «قارا تاغلىق» لار ماجىرالىرى بىر مەھەل پەسىيىپ جەمئىيەت تىنجىغان. ئىسماىلخان 17- ئەسىرىنىڭ باشلىرىدا جۇڭغارلار بېسىپ ئالغان شىمالدىكى ئۇيغۇر رايونلىرى (ئۈرۈمچى، ئىلى، قۇمۇل، ئالتاي رايونلىرى) نى قايتۇرۇۋېلىش تەييارلىقىغا كىرىشكەن.
[ بۇ يازما udun تەرىپىدىن 2008-12-13 04:52 دە قايتا ]
Körgülükni körgülük ya Tarim Dadxah Ölgülük
دەرىجىسى: شەرەپلىك ئەزا
UIDنومۇرى: 29
جەۋھەر يازمىسى:
يوللىغان يازمىسى:
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-27
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 1970-01-01
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-10-08 13:48
            ئاپاق خوجىنىڭ دالاي لامادىن تىزلىنىپ مەدەت تىلىشى


ئاپاق خوجا قەشقەرىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بىر نەچچە شېرىكى بىلەن قوغلاندىلىق سەپىرىنى باشلاپ، ئاخىرى سېرىقۇل (تاشقورغان) دىكى مىڭ تىكە، كۆكتۈرك داۋىنىدىن ئافغانىستان تەۋەسىگە ئېشىپ، شۇ يىلى 9- ئايدا بەدەخشان شەھىرىگە بېرىۋالغان. خۇددى «تەزكىرە بىر ياران» دا كۆرسىتىلگەندەك: «... بۇ زات بەدەخشان دىيارىدا خۇدايى مۇساپىر، خودايى ساھىل ...» بولۇپ قالغان. يەنى بەدەخشاندا ھەم تىلەپ، ھەم «دۇا» قىلىپ يەيدىغان خۇدايى گادايلاردىن بولۇپ كۈن ئۆتكۈزۈش ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان. مىلادى 1676- يىلغىچە بەدەخشاننى چۆرىدەپ كەشمىر، رەجىدان، ۋاخان، پەرغانە، كاسان، ئىلى، تىبەت، ھىرات قاتارلىق جايلاردا دۇا كويلۇق بىلەن سوپىلىق قىلىپ يۈرۈپ، ئاخىرى 1677- يىلى كۈزدە ئۈچ ھەمراھى بىلەن شىنجاڭنىڭ جۇڭغارىيە قىسمىدا شۇ چاغدا ياشىغان تورغۇۋۇت موڭغۇل قەبىلىسىنىڭ 27- خوپۇسى (لاماسى) شىڭ جىڭ خوپۇنىڭ دالاينى تاۋاپ قىلغۇچى ھەمراھلىرىغا قوشۇلۇپ، تىبەتنىڭ لخاسا شەھىرىگە بېرىپ، مىڭ تەسلىكتە شۇلارنىڭ تەركىبىي ھېسابىدىن دالاي لاما 5 (ئەسلى ئىسمى دوبىدون سېرىن جامبول لاما) نىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولغان. «بورقۇم ئەۋلىيا» دېگەن قوليازمىنىڭ «سوقىچى ئارخون» دېگەن بابىدا يېزىلىشىچە: ئاپئاق خوجا دالاي ئىبادەتخانىسىغا ئون قېرىن - ئون چارەك سېرىق ياغ ئالغاچ كىرىپ، بۇدقا باش ئۇرغان، دۈم يېتىپ دۇا قىلغان. لامانىڭ پەشلىرىنى سۆيۈپ، ئىتەكلىرىگە تاۋاپ قىلىپ، يىغلاپ مەدەت تىلىگەن. دېمەك، بۇ زاتنى ئۇلۇغ تەڭرى ئەنە شۇ چاغدا ئۆز قۇدرىتى بىلەن بۇ خىل رەزىل قىلمىشقا دۇچار قىلىپ، جاھاننىڭ ئىسسىق - سوغۇقلىرىدا قىيناپ، جاپا - مۇشەققەتنىڭ ئاچچىق - چۈچۈكلىرىگە ئۇچرىتىپ، ئاھۇ نادامەتنىڭ لايلىرىغا يۇمۇلۇتۇپ، پۇشايمان ئوچاقلىرىدا كۆيدۈرۈپ، خارلىق ۋە ئېتىبارسىزلىقنىڭ كوچىلىرىدا ئايلاندۇرۇپ يۈرۈپ، ئاخىرىدا ئۇنى ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمەنلىرىگە كۈچۈكلىپ باش قويىدىغان، خەلق، مىللەت ۋە ئىسلام دىنىغا ئاسىيلىق قىلىدىغان تارىخىي خاىن، لەنىتى ئىنسان، دەۋزىخى مۇسۇلمان دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ قويغانلىقىدا شەك يوقتۇر. خۇددى ئىت ئۆز ئىگىسىنى «خودا» دەپ بىلگەندەك، ئاپئاق خوجىمۇ دالاي لامانى بىردىنبىر قۇتقۇزغۇچى ئەۋلىيا سۈپىتىدە تونۇپ، ئىسماىل خان ئۈستىدىن دەردىنى تۆككەن، ئەرز قىلغان ھەم ئۇنىڭدىن ئىسماىل خان ھاكىمىيىتى (قەشقەرىيە ئۇيغۇر خانلىقى) نى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ھەربىي ياردەم بېرىشنى ئىلتىجا قىلغان. بۇ توغرىسىدا «تارىخىي نادىرىيە» دە مۇنداق يېزىلىدۇ: «... مەن مۇسۇلمانلار پىرقىسىنىڭ خوجىسىدۇرمەن. ياركىند، كاشغىر مېنىڭ مۇرىت - مۇخلىسلىرىمدۇر. ھالا بىراۋ كېلىپ مەندىن سويۇپ ئېلىپ مېنى قوغلاپ چىقاردىلەر. سىزدىن تىلەيدۇرمەنكى، كىشى بۇيرۇپ مېنىڭ يۇرتۇمنى قولۇمغا ئېلىپ بەرگەيسىز...»«بىراھمان - بۇد شېيخى (دالاي لاما 5) ئەيتپدۇركى: « بۇ يەردىن ئۇ يەرگە كىشى بارمىفى بىسىيار دىشۋاردۇر» دەپ ئىلىدىكى قالماقلار تۆرەسى (غالدان قۇنتەيجىگە دېمەكچى - ئا) گە نامە پۈتتىكى: «... ئەي! بۇشۇدىخان خوجا ئاباخ بىسىيار ئۇلۇغ كىشى ئىكەن. ياركىند، كاشغىرنىڭ خوجىسى ئىكەن. بۇنىڭ يۇرتىنى ئىسماىلخان سويۇپ ئېلىپ، بۇ قوغلاپ چىقىرىپتۇر. كېرەككى ئەسكەر بۇيرۇپ يۇرتىنى قولىغا ئېلىپ بەرگەيسىز. ۋاللاھ ئىشى كامال بولغۇسىدۇر. نامە - تامام...»ئاپئاق خوجا دالاي لامانىڭ قېشىدا بىر ھەپتىدەك تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن قەشقەرىيە خەلقىنىڭ ئەھۋالى، ئىسماىل خاننىڭ كۈچ قۇۋۋىتى، ئىچكى ماجرالار، تىبەت - قەشقەرىيە چېگرىسىدىكى تاغ، داۋان، يول، جوداق (بۇتخانا) لار توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن. شۇ زامانلاردىن بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ياكى شۇ زامانلار توغرىسىدا كېيىنرەك يېزىپ قالدۇرۇلغان بەزى ئۇيغۇرچە، تاجىكچە يازما خاتىرىلەردە مەسىلەن: «بورقۇم ئەۋلىيا»، «لەنىتى رەھمەت» دېگەندەك قوليازمىلاردا كۆرسىتىلىشىچە: دالاي لاما ئاپئاق خوجىغا ئۆز يەرلىرىنى ئىسمايىلخاندىن قايتۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئۆزىگە داىم ھۆرمەت بىجا كەلتۈرۈپ، گېپىگە كىرىپ، ئادەملىرى بىلەن بىرلىشىپ، لامالارغا دۇا قىلىپ، دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى شۇلار دېگەندەك قىلىپ تۇرۇشنى تاپىلاپ، مىلادى 1677- يىلى 10- ئاينىڭ 8- كۈنى (دالاي لاما 5 نىڭ لامالىققا ئولتۇرغان 1- كۈنىنى ئەسلەش ئىبادىتى بولغان كۈنى) ئاخىرقى دۇاسىنى بېرىپ «ئەركتە» (مەخسۇس لاما ھارىقى) تۇتۇپ مېھمان قىلىپ ئاخىرىدا يەنىلا شۇ شىڭ جىڭ خوپۇلاما بىلەن قوشۇپ 15 قوتاز بېرىپ، غالدان قۇنتەيجى ھۇزۇرىغا - غۇلجىغا يولغا سېلىۋەتكەن. ئاپئاق خوجا كۆككۈل (چىڭخەي) ئارقىلىق قۇمۇلغا كېلىپ قىشلاپ، 1678- يىلى باش ئەتىيازدا ئىلىغا كېلىپ، دالاي 5 نىڭ خېتىنى غالدان قۇنتەيجىگە تاپشۇرغان. بۇ چاغلاردا لخاسا شەھىرىدىكى دالاي لاما ئىبادەتخانىسى پۈتۈن ئاسىيادىكى بۇددىستلارنىڭ تاۋاپ قىلىدىغان دىنىي مەركىزى بولۇپ، ئۇلارنىڭ دالاي لاماغا بولغان دىنىي ئېتىقادى ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى. دالايغا چوقۇناتتى، ئەمرىدىن چىقمايتتى.غالدان قۇنتەيجى مۇشۇ خەتنىڭ مەزمۇنى بويىچە ئاپئاق خوجىنى كاتتا ئىززەت - ھۆرمەتلەر بىلەن كۈتۈۋېلىپ، ئۇنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلاش (قەشقەرىيە خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ ئۆزىنىڭ «بۈيۈك جۇڭغار» دۆلىتىنى كېڭەيتىش) تەييارلىقىغا كىرىشىپ كەتكەن. ئاپئاق خوجىمۇ قەشقەرىيە تەۋەسىدىكى بەزى شېرىك، مۇرىتلىرى بىلەن مەخپىي ئالاقىلەرنى ئورنىتىپ، ئىسماىل خاننى ئىچكى جەھەتتىن ئاغدۇرۇپ تاشلاشنىڭ چارىلىرىنى ئىزدىگەن. ئاپئاق خوجا قىرغىنچىلقتااپئاق خوجا 1678- يىلى 6- ئايدا غالدان قۇنتەيجى قوشۇپ بەرگەن، غالداننىڭ ئوغلى سېرىن رابدان قوماندانلىق قىلىدىغان 12 مىڭ كىشىلىك جۇڭغار قوشۇنىنى ئەگەشتۈرۈپ، قەشقەر تەۋەسىگە بېسىپ كىرىپ، ئىچكى جەھەتتە بىر قىسىم «ئاق تاغلىق» خوجىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، قاتتىق جەڭلەر ئارقىلىق، قەشقەر ھاكىمى - ئىسماىل خاننىڭ ئوغلى باباق سولتان باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر سەركەردىلىرىنى تامامەن قىرىپ تاشلاپ، قەشقەرنى بېسىۋالغان. شۇ يىلى 8- ئايدا يەكەنگە ھۇجۇم قىلىپ، 40 كۈن سوقۇشۇپ ئاران دېگەندە يەكەن شەھىرىنلا ئالغان. «بورقۇم ئەۋلىيا» دا كۆرسىتىلىشىچە: ئىسماىلخان مۇسۇلمانلار قانلىرىنىڭ بىھۇدە، ناھەق، ئورۇنسىز ئېقىشىدىن ساقلىنىپ قېلىش، ئىشلارنى گەپ - سۆز بىلەن، مادارا، مۇرەسسە يولى ئارقىلىق ھەل قىلىش نىيىتىدە ئۇلارغا شەھەر دەرۋازىسىنى قارشىلىقسىز ئاچقۇزپ بەرگەن. لېكىن ئاپئاق خوجا كۈچلىرى شەھەرگە كىرىۋالغاندىن كېيىنلا، ئىنتايىن چوڭ قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە، شەھەرنى ۋەيران قىلىپ تاشلاشقا باشلىغان. يەكەن مۆتىۋەرلىرىدىن قولغا چۈشكەن ھەۋەزبېك قاتارلىق 81 چوڭ ئەربابنى قاتار باغلاپ، بىر باشتىن تىرىك تۇرغۇزۇپ يۈرىكىنى ئېلىپ ئۆلتۈرۈپ، يۈرەك قېنىنى غالدان ئەسكەرلىرىنىڭ قىلىچلىرىغا سۈرتۈپ، قان سۈرتۈلگەن قىلىچلارنى كۆتۈرگەن ئەسكەرلەرنى كوچىلارنى «تەكشۈرۈش»، «تىنچىتىش»، جازالاش ئىشلىرىغا قويۇۋەتكەن. بۇ خىل «تىنجىتقۇچى» قاتىللار يەكەن شەھەر ئىچىدە چوڭ قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن. ئوت قويۇپ شەھەرنىڭ بىر قىسمىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن. قىرغىندىن قېچىپ شەھەر ئىچىدىكى ئالتۇن مەدرىسگە كىرىپ ئىبادەت قىلغۇچىلار سۈپىتىدە جىم ئولتۇرۇۋالغان مىڭدىن ئارتۇق بىگۇناھ كىشىنى مەدەرسنىڭ 360 خانىلىق ھۇجىرىسى ۋە پۈتۈن مەدرىسە بىناسى بىلەن قوشۇپ بىراقلا كۆيدۈرۈۋەتكەن. يەكەن شەھەر ئىچىدە ئەنە شۇ زامانلاردىن بېرى «جىن مەدرىسە» نامى بىلەن يادلىنىپ كېلىۋاتقان بۇ ئورۇن - شۇ چاغلاردا ھەزرىتى ئاپئاق خوجا «ئىلتىپاتى» بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىلگەن 1000 دىن ئارتۇق بىگۇناھ ئۇيغۇرنىڭ «جىن» لىرى (روھىناتلىرى) ساقلىنىپ تۇرغان تارىخىي ئورۇندۇر. شۇنداق قىلىپ ئاپئاق خوجا يېتەكچىلىكىدىكى رەھمسىز جۇڭغار قوشۇنلىرى يەكەن ئەھلىنى - «قارا تاغلىق» لار نامى بىلەن دەھشەتلىك قىرغان. نۇرغۇن كوچا، مەھەللىلەرنى كۆيدۈرگەن، مىڭلىغان ئۇيغۇر خوتۇن - قىزلىرىنى دەپسەندە، ئاياق - ئاستى قىلغان. ئۇيغۇر خانى ئىسماىلخاننىمۇ ئەسىر ئېلىپ پۈتۈن ئۇرۇق - ئەۋلادى بىلەن قوشۇپ («بوز قۇم ئەۋلىيا» دا ...... «67 كىشىنى ....» دېيىلگەن) ھەممە تۇخۇمىنى بىراقلا قۇرۇتۇۋېتىش ھۆكۈمى بىلەن ئىلى جۇڭغار خانلىقىنىڭ ئىختىيارىغا ئەۋەتىپ بەرگەن. قەشقەرىيىنىڭ ھەممە جايلىرىدا جۇڭغار ئىدارىچىلىق تۈزۈمى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ «يېڭى مەجبۇرىيەت» لىرى ئورنىتىلغان. پۈتۈن خەلق ئۇلارغا شەرتسىز بىردەك ئىتاەت قىلىشقا، قۇل بولۇشقا مەجبۇر قىلىنغان. تېگىشلىك مۇھىم شەھەر، بازار، يۇرتلارنىڭ ھەممىسىدە جۇڭغار قىسىملىرىنىڭ مۇقىم تۇرالغۇ - باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش ئورۇنلىرى تەسىس قىلىنىپ «دەخلىسىزلىكى» تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلگەن. بەزى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا ئاپئاق خوجا شۇ يىلى قەشقەرىيىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇرۇشىدا قولغا چۈشكەن «ئەسىر»لەردىن بىر قېتىمدىلا 120 ئورۇندا 400 دىن ئارتۇق «قارا تاغلىق» «چوڭ ئۇرۇش جىنايەتچىسى» نى ئۆلتۈرگەن. 300 «ئىشاقىيە» چى خوجا، ئىشاننى «ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى» سۈپىتىدە باغلاپ، چاتاپ ماڭغۇزۇپ. ئىلىغا - غالداننىڭ جازالىشىغا ئەۋەتىپ بەرگەن. ئاپئاق خوجا ئەمەلدارلىرىمۇ قەشقەرىيىدىن شۇ قېتىمدا نەچچە مىڭلىغان «تۇتقۇن» خوتۇن - قىزلارنى جۇڭغار ئەسكەرلىرىنىڭ خوتۇن قىلىشى، ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەتلىك «غالجا» لىققا تۇتۇپ بېرىشىپ ھەم بىر بۆلۈم خوتۇن - قىزلارنى يىغىپ غۇلجىدىكى جۇڭغار ئەمەلدارلىرىغا «سوۋغات» ھېسابىدا يوللاپ بېرىشكەن. غالدان سېرىن قەشقەردىن ئىلىغا (دادىسى ئالدىغا) قايتماقچى بولغاندا، ئاپئاق خوجا: «... ئەھلى مەملىكەتنىڭ مەشھۇرىيىتى بىلەن قۇرۇق قايتمىغايلەر» دەپ 4000 ياقا ئېسىل تون، سەرپاي، 400 مىڭ سەر كۈمۈش تەڭگە...» («تارىخىي نادىرىيە» دىن) يوللۇق تۇتۇپ ھەم شۇ چاغدىن كېيىن ھەر يىلى يەنە 400 مىڭ سەردىن كۈمۈش تەڭگە بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى مەجبۇرىيەت ۋەدىسى قىلىپ، گەشتۈرۈپ ماڭغان «غالجا» لىرى قوشۇپ (ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇر خوتۇن - قىزلىرى ئىدى) تولۇق قۇللۇق بىجا كەلتۈرۈپ، رازى قىلىپ ئۇزىتىپ قويغان. پاك، پاكىز، باكىر، گۈزەل مۇسۇلمان قىزلىرىنى ئابرۇيى ئۈچۈن ئەڭ ياۋۇز، قانخور، ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئەشەددى دۈشمەنلىرى ھېسابلىنىدىان بىر بۆلۈم قارابىس زالىملارنىڭ قولىغا «تۆھپە»، «ئولجا»، «غەنىمەت» قىلىپ «تەقدىم» قىلىش، تۇتۇپ بېرىش - مۇھتەرەم ئاپئاق خوجا ئىدىيىسىنىڭ ئەڭ يىرگىنچلىك خاسىيىتىدۇر. ئاپئاق خوجا «خان» لىق تەختتە ئاپئاق خوجا يۇقىرىدىكى چوڭ تۆھپىلىرى بىلەن غالدان قۇنتەيجى ئوردىسىدىن ئىسماىلخاننىڭ «ئورنى» نى ئېلىپ مىلادى 1678- يىلى 10- ئايدىن ئېتىبارەن قەشقەرىيىگە «خان» لىق قىلىشقا باشلىغان. لېكىن قەشقەرىيە خەلقى ئاپئاق خوجىنىڭ بۇ خىل رەزىل «ھاكىمىيىتى» گە قارشى كۈرەشنى زادىلا توختاتمىغان. 1679- يىلى ئەتىيازدا ئىسماىلخاننىڭ ئىنىسى - ئۈچتۇرپان ھاكىمى مۇھەممەد ئىمىنخان (ئىمىرخان) باشچىلىقىدا ئۈچتۇرپان خەلقى ئاپئاق خوجا بىلەن ھامىلىقىدىكى جۇڭغار كۈچلىرىگە قارشى كۆتۈرۈلۈپ، ئاخىرى تاجاۋۇزچىلارنى ئاپئاق خوجا بىلەن قوشۇپ قەشقەرىيە تەۋەسىدىن تەلتۆكۈس قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن. 30 مىڭىنى تۇتۇۋېلىپ توۋا قىلدۇرغان. لېكىن ئاپئاق خوجا بۇ مەغلۇبىيەتكە تەن بەرمەي. ئىچكى جەھەتتىن قەشقەرىيە تەۋەسىدىكى «ئاق تاغلىق» شېرىكلىرىنى، مۇرىت - سوپىلىرىنى قۇترىتىپ، تاشقى جەھەتتىن غالدان قۇنتەيجىنىڭ يەنە 15 مىڭ كىشىلىك تاللانغان ئاتلىق قوشۇنىنى ئىشقا سېلىپ (كۈچ كۆرسىتىپ) 1679 –يىلى كۈدە مۇھەممەد ئىمىن خاننىڭ قان تۆكۈشنى توختىتىش شەرتىگە قول قويۇپ سۇلھىلىشىپ، مۇھەممەد ئىمىن خانغا كۈيئوغۇل بولۇپ، قەشقەرىيىدە شېرىك «خان» لىق ئورنىغا ئىگە بولۇۋالغان. بىر نەچچە ئايدىن كېيىنلا سۇلھىنى بۇزۇپ مۇھەممەد ئىمىن خاننى سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈپ، «خان» لىقنى تولۇق ئىگىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن 1514- يىلىدىن 1679- يىلىغىچە 165 يىل داۋام قىلغان سەىدىيە ئۇيغۇر خانلىقى ئاخىرىلىشىپ، قەشقەرىيىدە ئاپئاق خوجا ۋاستىچىلىقىدىكى جۇڭغار (قالماق) لار ھۆكۈمرانلىقى باشلانغان. يەنى قەشقەرىيە جۇڭغار ھەربىيى فېودال خانلىقىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ، ئۇيغۇر خەلقى جۇڭغار زالىملىرىنىڭ قۇللۇق ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا چۈشۈپ كەتكەن.غالدان ئاپئاق خوجىنى قەشقەرىيىگە «خان» قىلىپ تەيىنلىگەندىن كېيىن، ئىلىنى پايتەخت قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭغا بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى پەۋقۇلئاددە ياۋۇزلۇق بىلەن داۋاملاشتۇرغان. بۇ توغرىدا «تارىخىي ھەمىدىيە» دە مۇنداق دېيىلىدۇ: «قالماقلار خوجاملار بىلەن بىرلىشىپ شېرىكلىك بىلەن يۇرتنى سورايدىغان بولدىلەر. بىر تورەنج (بىر نەسەب) قالماقلار بىر شەھەردە تۇرىدىغان بولدى. خوجاملار باج - خىراج ئورنىدا ھەر يىلدا ئىلىغا ماتا، پۇل چىقىرىپ تۇردىلەر... خوجاملارمۇ قۇنتەيجى پەرمان - ئىتاىتىگە بويسۇنۇپ، ھەر يىلدا بىر ۋە يا ئىككى نۆۋەت تارتىق - پېش - كەش بىلەن چىقىپ كۆرۈنۈش قىلىپ، جاۋاب بولغانلىرىدا يېنىپ كېلىپ ھەر قايسىلىرى ئۆز جايلىرىدا بەر قارار بولۇر ئىكەنلەر...»بىزنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىمىزدا پەيدا بولغان تۇنجى قورچاق «ھاكىمىيەت» - ئەنە شۇ ئاپئاق خوجا «خان» لىقىدۇر. بۇ خانلىقنىڭ ھىمايىسىدىكى جۇڭغار ھۆكۈمرانلىرى ئەنە شۇ چاغلاردا قەشقەرىيىدىن مىڭ - مىڭلاپ گۈزەل ئۇيغۇر خوتۇن - قىزلىرىنى، ماھىر ھۈنەرۋەن، ئالىم، سەنئەتكار، يازغۇچى، دۇختۇر، ئولىما، مۇدەررىسلەرنى «ئەسىر» قىلىپ تۇتوپ ئېلىپ كېتىشكەن. قەشقەرىيە خەلقىدىن ھەر يىلى سانسىزلىغان ئېغىر سېلىقلار (ئالتۇن، كۈمۈش، يىپەك، يىپەك توقۇلما، قول ھۈنەر بويۇملىرى، تۇرمۇش ۋاسىتىلىرى قاتارلىقلار) نى ئۈزۈلدۈرمەي ئېلىپ تۇرغان. بۇ خىل سېلىق توغرىسىدا «تارىخىي نادىرىيە» دە مۇنداق دېيىلىدۇ: «... ئەھلى بىدئەتلەر (تۆۋەن قاتلام نامراتلا دېمەكچى - ئا) ... ساەتەن بىساەتەن (ھەر ۋاقىت، ۋاقىتىسز - ئا) زىيارە قىلىپ (نارازىلىق بىلدۈرۈپ - ئا) ... پەقىرلەر باشتىن خالى بولماي (نامراتلارنىڭ باش ئاغرىتىشى تۈگىمەي - ئا) ئارانلىقتا ھەر يىلدا 400 مىڭ سەر تەڭگىگە توختىدىلەر...»ئاپئاق خوجا بولسا، خۇددى «تەزكىرە پىر ياران» نىڭ تەرىپات بابىدا تەرىپلەنگەندەك: «تەخت - سەلتەنەتتە ئولتۇرۇپ، ھەمىشە مەسنىۋى شىرىپ ئوقۇپ، رەىيەگە (پۇقرالارغا) تەرىقەت، مەرىپەت، شەرىەت بابىدا شېكەردەك سۆزلەرنى چېچىپ، ئاللاھتىن بەندىلەرگە «دىيانەت، ئىنساپ - تەۋپىق، ئىمان، شۈكرە - قاناەت تىلەپ ۋە ئۇلارنى ساھىب كامال قىلىپ، ياخشى ئىستىقبالغا باشلاپ...» تۇرغان. دەرۋەقە ئاپئاق خوجا «تەخت - سەلتەنەت» كە چىققاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بارلىق ھوقۇق، كۈچ - ئىمتىيازلىرىنى ئەجدادلىرىمىزنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش روھىنى سۇندۇرۇپ، كۈچ، مادارىدىن تولۇق كەتكۈزۈشكە ھەم ئۇلارنى تاجاۋۇزچىلارنىڭ قانلىق ھۆكۈمرانلىقىنى قارشىلىقسىز، شەرتىسز، تەخىرسىز، داىم، تولۇق، ياۋاشلىق بىلەن قوبۇل قىلىدىغان «مۆمىن» مەھكۇملاردىن قىلىپ تۇتۇشقا ۋە بۇ خىل ھالەتنى ئەجدادلىرىمىز ئېڭىغا «تەقدىر» ئۇقۇمى بىلەن سىڭىدۈرۈش (پەقەت بويسۇنۇشقا «يارىتىلغان» لىقىغا تەن بەرگۈزۈشكە، قارشىلىق قىلالمايدىغان قىلىۋېتىش) كە سەرپ قىلغان. بۇ بىزگە تارىختا تۇنجى قېتىم تېڭىلغان ئاپئاق خوجاچە «ئىستىقبال» دۇر. شۇنداقلا بۇ، بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز تارىختا تۇنجى قېتىم باسقان پۇشايمانلىق خاتا قەدەمدۇر. دېمەك، ئاپئاق خوجا زامانىنى ئەجدادلىرىمىز ئالدانغان، جاھالەت پاتقىقىغا پاتقان، شىنجاڭنىڭ ئىستىقبالى بۇزۇلغان لەنىتى جاھان دەپ قاراشقا تامامەن ھەقلىقمىز.ئاپئاق خوجا «تەخت»كە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ «ئىشقىيە» سۈلۈكىنى ئاساس قىلغان سوپىزمنى ئۆز «خانلىقى» نىڭ «دۆلەت» دىنىي ۋە «دۆلەت» تەلىماتى قىلىپ جاكالاپ، باش قانۇن سۈپىتىدە ئىجرا قىلغان، يۈرگۈزگەن. 300 مىڭدىن ئارتۇق مۇرىت قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ «سوپىلىق يولى» نى پۈتۈن شىنجاڭغا ھەتتا پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدىغا كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىشقا سەپەرۋەر قىلغان. قەشقەردە «خان خوجا ئوردىسى» يەكەندە «ئالتۇنلىرىم» (ئالتۇن مازىرى)، تۇرپاندا «ئەشابۇل كەەب»، كوچادا «مەۋلانە ئەرشىدىن ۋەلىوللا»، ئاقسۇدىكى «قۇرمىش ئاتام» قاتارلىق مازارلارنى تاللاپ ياكى «مازار» قىلىپ تىكلەپ ھەم بۇ ئورۇنلارنى سوپىزمنى تارقىتىدىغان. كېڭەيتىدىغان مەركەزلەرگە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق، پۈتۈن شىنجاڭدا سوپىلىق ھەرىكىتىنى يەنى ئىسلام دىنىينىڭ «شىە»، «سۈننىي» مەژەپلىرىگە ياكى بۇ مەژەپلەرنىڭ ھەر قانداق تارماق، بۆلەكلىرىگە تۈپتىن ئوخشمايدىغان، «ئۇلۇغ ئىسلام دىنىي» شوارى ئېگىز كۆتۈرۈلگەن «تەرىقەت»، «شەرىەت»، «مەرىپەت»، «ھەقىقەت» ماركىلىرىنىڭ ھەممىسىلا چاپلانغان، پەقەت چوڭ پىر، خوجا، ئىشانلارنىلا دىنىي مەركەز، دىنىي يېتەكچى قىلىۋالغان، ھەددىدىن زىيادە زۇلمەتلىك ئاپئاق خوجاچە سوپىزم ئىستىبداتلىقىنى جانلاندۇرۇۋەتكەن. نەتىجىدە پۈتۈن قەشقەرىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قەۋەت ھالقىلىق ساپايە، كۆپ پۇتاق كۆزلۈك سوتا (خاسلا سوپى كالتىكى) كۆتۈرۈۋالغان، تىكىشى يوق يوغان يەنجە (قەلەندەر خالتىسى) يۈدۈۋالغان، بېشىغا ئۇزۇن كۇلا، ئۇچىسىغا يەڭسىز، ياقىسىز «سوپىچە كىيىم» لىرىنى كىيىشىۋالغان رەھىمسىز، ئەسەبىي، نادان، بەدقىلىق «تىلەمچى» ئەمەلىيەتتە بۇلاڭچى سوپىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى جەمئىيەتكە ئايلىنىپ كەتكەن. بۇ سوپى، مۇرىتلار ئەمەلىيەتتە ئاپئاق خوجىچىلار تەرىپىدىن ئاپئاق خوجىغا سادىق بولۇشقا، ئۇنىڭ «ئىشقىيە» يولىدا ئۆزلىرىنى قۇربان قىلىشقا، ئۇنىڭ بۇيرۇق، تەلىم، چاقىرىقلىرىنى قەتئىي، شەرتىسىز، قارىغۇلارچە ئورۇنلاشقا، خوجا ئۈچۈن ئادەم ئۆلتۈرۈشكە. ھەر قانداق ئىشتىن يانماسلىققا، ئۆلۈمدىن قورقماسلىققا، سىر ساقلاشقا، «ئاللاھ ئاتا قىلغان» بارلىق «مەىشەت» لەردىن قانغۇدەك پايدىلىنىپ تۇرۇشقا ئۆگىتىلگەن دىنىي چىرىكلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ سۆزلەيدىغان ۋە ئىجرا قىلىدىغىنى: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرە، چەۋرىلىرىدىن بولغان ئاپئاق خوجا ھەزرىتى مۇھەممەد پەيغەمبەر ئىلىمنىڭ ۋارىسى، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي، سىياسىي داھىيسى، پۈتۈن ئەھلى ئىسلامنىڭ ئەڭ ئالىي يېتەكچى، ئۇنىڭغا شەك كەلتۈرگەن، قارشى چىققانلار بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىمىز، ئۆلتۈرىمىز ياكى ئۆلىمىز دېگەندەك ئەڭ ئەسەبىي شوار ھەم پاالىيەتلەر ئىدى. «... پىرلەرنىڭ غەزىپىدىن - زۇلۇمدىن، زاماننىڭ خېيىم - خەتىرىدىن، كۈندۈزنىڭ قازاسىدىن، كېچىنىڭ بالاسىدىن، قۇرۇق سۆز، قۇرۇق تۆھمەتتىن، زەخمەتلىك سوال - سوراقتىن، بالادىن قازادىن، دەردتىن - ئەلەمدىن، كۆزى ياماننىڭ كۆزىدىن، تىلى ياماننىڭ تىلىدىن، دىلى ياماننىڭ دىلىدىن، ئىبادەتسىز دۇادىن، لەنىتى رەھمەتتىن، نەپسى يامان ئىشان پىشكەل سوپىدىن، خۇنخورنىڭ كۈلكىسىدىن، ئىنساپسىز خوجىدىن، ئاغرىقتىن - سلاقتىن پاناھ بېرىڭ خۇدايىم .... ()» دېگەن ئىلتىجالىق دۇا - تىلەكلەر ئاپئاق خوجا زامانىسىدا ياشىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن كېچىرمىش نامىلىرىدۇر. بىز بۇ دۇا - تىلەكلەر قۇرۇلمىسىدىن ئاپئاق خوجا جەمئىيىتىنىڭ ئىچكى ھالىتىنى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ تارتقان زۇلۇم، كۆرگەن دەرد - ئەلەملىرىنىڭ نەقەدەر ئېغىر بولغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىز، ئەلۋەتتە.دېمەك، ئاپئاق خوجا زامانى - قەشقەرىيىنى پۈتۈنلەي زۇلۇم، خۇراپات، نامراتلىق، ۋەھىمە، جەڭگى - جېدەل، خۇنخورلۇق، قاچ - قاچ راسا قاپلىغان ۋە قان پۇراپ تۇرغان زاماندۇر. چىداشقا «تەقدىر» پەتىۋاسى بىلەن ئەنە شۇنداق «كۆندۈرۈلگەن» ئۇيغۇر خەلقى تىرىكچىلىك، ئىنسانچىلىق قىزغىنلىقلىرىدىن بوشاپ، ئەۋھا پەرەسلىكنىڭ (دىنىي، روھىي ۋەھىمەنىڭ) دەردىدە چىرايلىرى توپا - تەرەت، ئۈستى - بېشى جۇلجۇل، جەندە، كۇلالىق سوپىلار، دەرۋىشلەر، شېيخلار، قەلەندەرلەر، ھەر شەكىلدىكى تەركىي دۇنيا ئىبادەتچىلەرنىڭ توپلىرىغا ئەگىشىپ، جاننىمۇ، جاھاننىمۇ ئۇنتۇپ، «ئۇ دۇنيالىقنىلا ئويلاپ» ئىمانى كامىللىققا يەنى ئاتالمىش «ئاخىرەت» نىڭ غېمىنى قىلىشقا بەند قىلىنغان. شۇڭا ئۇ جەمئىيەتتىن سانسىزلىغان مۇسۇلمان ئەجدادلىرىمىز ياشاش، كۈن ئېلىش ئۈمىدى بىلەن ئۆي - ماكان، پەرزەنت، ئاتا - ئانىلىرىنى تاشلاپ قۇرۇق قول، غەيرىي يۇرت، چەت ئەللەرگە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ تۇرغان.ئاپئاق خوجا ۋە ئاپئاق خوجىچىلار زامانىسىدا قەشقەرىيىدە مەدەنىيەت، ماارىپ، ئىلىم - پەن، ئەدەبىيات - سەنئەت، مۇزىكا، ناخشا، ئۇسسۇل، گۈزەل سەنئەت، تىياتىر، سېرىكچىلىك، تېبابەتچىلىك، مەتبەچىلىك، تەرجىمە، خەتتاتلىق.... تەك بارلىق ئىلمىي پاالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى قەتئىي مەنئى قىلىۋېتىلگەن. بۇنداق ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار «كاپىر»، «جادۇگەر»، «مۇرتەد» لەر ھېسابلىنىپ جازاغا تارتىلىپ تۇرغان، ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. ھەتتا خەت يېزىشنى ئۆگىنىش، ساز ئۆگىنىش، ياساش، مەشرەپ ئويناش، ئويۇن - كۈلكە، خوتۇن - قىزلار پەرەنجىسىز، ئاشكارا يۈرۈش قاتارلىق ئادەتتىكى ئىجتىماىي ئىنسانچىلىق خىسلەتلىرىمۇ قەتئىي مەنئى قىلىۋېتىلگەن. پۈتۈن جەمئىيەتتە قۇرئان ۋە ھەپتىيەكتىن باشقا بارلىق يېزىلما ئەسەرلەر، بولۇپمۇ مىللىي ئەسەرلەر، خاتىرە، نەمۇنىلا كۆيدۈرۈۋېتىلگەن، يوق قىلىپ تاشلانغان. ئىلىم - مەرىپە ئورۇنلىرى بۇزۇۋېتىلگەن، چەكلەنگەن. ئۇلارنىڭ ئورنىغا زىكرى - سۆھبەت خانىقالىرى، گۈلەخ، سازايى ھەمىدانلار (توۋا قىلدۇرۇش ئورۇنلىرى)، خوجا، ئىشانلار تۇرالغۇ جايلىرى، ئەمەلدار بىنالىرى دەسستىلگەن. پۈتۈ جەمئىيەتتە دۇا - تالاۋەت، خەتمەن ئىستىقپار ئوقۇش (ئاللاھتىن «گۇناھ» ئىنى تىلەپ تۇرۇش) ئاممىۋى ئىجتىماىي مەشغۇلاتقا ئايلاندۇرۇلغان.
[ بۇ يازما udun تەرىپىدىن 2008-12-13 04:54 دە قايتا ]
ئەركەم تورى
Körgülükni körgülük ya Tarim Dadxah Ölgülük
دەرىجىسى: شەرەپلىك ئەزا
UIDنومۇرى: 29
جەۋھەر يازمىسى:
يوللىغان يازمىسى:
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-27
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 1970-01-01
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-10-08 13:50
                    ئاپاق خوجا «ھاكىمىيىتى» نىڭ يىمىرىلىشى
 ئاپاق خوجا 1694- يىلى 2- ئاينىڭ 10- كۈنى ئۆزىنىڭ تاغىسى خوجا ئىشاقنىڭ كۈكۈن نەۋرىسى (ئابدۇللا خوجىنىڭ ئوغلى) شۇ ئەيپ خوجىنىڭ قاتىلى سۈپىتى بىلەن ئابدۇللا خوجا جەمەتلىرى تەرىپىدىن يەكەندە مەخپىي زەھەر بېرىپ ئۆلتۈرۈلگەن. چۈنكى ئاپئاق خوجىمۇ ئۆز ۋاقتىدا «تەخت» كە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۆزى بىلەن بولغان كۈرەشتە يېڭىلىپ كەشمىرگە قېچىپ كېتىۋالغان «قارا تاغلىق» «ئىشاقىيە» چىلەرنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى - تۆتىنچى ئەۋلاد تۇغقىنى شۇەيىب خوجىنى كەشمىرگە خەت يېزىپ ئالداپ ئەكەلگۈزۈپ تىزناپ بويىدا سوپىلىرىغا ئۇرۇپ ئۆلتۈرگۈرۈۋەتكەنىدى. بۇ بەدەل ھېسابىغا ئاپئاق خوجا ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ خوتۇن، بالا - چاقىلىرى ئارىسىدا تەخت تالىشىش جىدىلى كۆتۈرلگەن. ئاپئاق خوجىنىڭ كىچىك خوتۇنى مۆھتىرىم خېنىم ئۆزىنى «خانىم پادىشاھ» ئېلان قىلىپ، ئوغلى خوجا مەھدىنى «تەخت»كە ئولتۇرغۇزۇپ، «پادىشاھ ئىشان» لىق تونىنى كېيگۈزگەن. بۇنىڭغا نارازى بولغان خوجا يەھيا (ئاپئاق خوجىنىڭ مەكىتلىك چوڭ خوتۇنىدىن بولغان، مۇھتىرەم خېنىم ئۆگەي چوڭ ئوغلى) «تەخت» تالىشىپ ئوردىدا ئۇرۇشىنى قوزغىغان. نەتىجىدە «ھاكىمىيەت» نىڭ نۇقتىسى تۇتۇۋالغان «خانىم پادىشاھ» ئۆز ئەتراپىدىكى كۈچلىرى بىلەن خوجا يەھيانى ئىككى ئوغلى بىلەن قوشۇپ ئۆلتۈرگۈرۈۋەتكەن. ئۇنىڭ تەرەپدارى قەشقەر ھاكىمى ئىمىن بەگ قاتارلىق بىر مۇنچە چوڭ ئەربابلارمۇ يەنىلا «خانىم پادىشاھ» تەرىپىدىن قىزغىن قىلىنغان. «تارىخىي نادىرىيە» دە خانىم پادىشاھ توغرىسىدا مۇنداق يېزىلغان: «... خېنىم پادىشاھ ۋاقتىدا شۇنداق خۇنرىزلىق (خۇنخۇرلۇق - ئا) يولىدىكى ئىككى كىشى ئۇرۇشۇپ كىرسە، ھەر ئىككىسىنىلا ئۆلتۈرەر ئەردىلەر. ئۆزىنىڭ بىر سىڭلىسى بولۇپ خ خ خېنىم دەرئەردىلەر. بىسيار ساھىبجامال (بەك چىرايلىق - ئا)، تۇغمىغان ئەردى. ئۇنى ھەم رېشىكتىن (كېچىرگىسىز گۇناھكار دەپ - ئا) قايناق ياغقا تاشلاپ ياغدا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈردىلەر. ھەممە خەلق ئۇنىڭدىن ۋەھشە تىناك (ۋەھشىلىكتە سەسكىنىپ - ئا) بولۇپ، ئۇنى «جاللات خېنىم» دەپ ئاتىدىلەر( )...» جاللات خېنىم 1697- يىلىغىچە «خان» لىق قىلىپ، شۇ يىلى كۈزدە يەكەندە مەكىتلىك سوپىلار (ئاپئاق خوجىنىڭ چوڭ خوتۇنىنىڭ تۇغقانلىرى تەرىپىدىن خوجا يەھيانىڭ قىساسى ئۈچۈن) تەرىپىدىن يوشۇرۇن پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەن. شۇ يىلى ئۈچتۇرپان تەرەپتىن مۇھەممەد ئىمىن خاننىڭ ئىنىسى جاللات خېنىمنىڭ ئاكىسى ئاقباش ئىشان (ئارسلانخان) يەكەنگە كېلىپ سىڭلىسىنىڭ «قىساسى» ئۈچۈن خۇددى «تارىخىي نادىرىيە» دە: «... سوپىلارنىڭ چوڭلىرىدىن 1000 كىشىنى تۇتقۇزۇپ، بىرىنى بىرىگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ، قويدەك بوغۇزلاپ قېنىدا تۈگمەن چۆرۈتۈپ، ئۇن تارتىپ يېدىلەر...» دېيىلگىنىدەك چوڭ قىرغىنچىلىق پەيدا قىلغان. قەشقەر سوپىلىرى خوجا يەھيانىڭ ئۈچىنچى ئوغلى خوجا ئەھمەدنى قەشقەرگە «خان» قىلىپ، جاللات خېنىم تەرىپىدىن قەشقەرگە قويۇلغان ھاكىم موللا شەۋقى خوجىنى ئۇرۇپ، ئۆلتۈرۈۋەتكەن. خوجا مەھدىمۇ مۇرىت، مۇخلىسلىرىنى يىغىپ «قارا تاغلىق» لارنىڭ يېتەكچىلىرىدىن خوجا مەخسۇد باشلىق بىر قانچىسىنى «چالما كېسەك» قىلىپ ئۆلتۈرۈپ، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئاخىرى يەنىلا خوجا ئىشاقچىلار تەرىپىدىن سەپەر ئۈستىدە زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. شۇنداق قىلىپ 1678- يىلىدىن 1697- يىلىغىچە قەشقەرىيىدە 19 يىل داۋام قىلغان ئاپئاق خوجا «خان» لىقى ئاخىرى ئەنە شۇنداق پاجىەلىك ئاقىۋەتلەر بىلەن ئىشاقىيە خوجىلىرى («قارا تاغلىق» خوجىلار) نىڭ يېتەكچىسى - دانيال خوجا تەرىپىدىن تەلتۆكۈس ئاغدۇرۇپ تاشلانغان.


                                  دانيال خوجا ھەققىدە


خوجىنىڭ غوجىسى بار،
چامغۇرنىڭ ئورىسى.
                           
____ ( خەلق ماقالى)

مىلادى 1690- يىللاردىن 1780- يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا قەشقەرىيە خەلقىنىڭ دىنىي، سىياسىي، ئىجتىماىي ھاياتىدا چوڭ - چوڭ ئىشلارنى پەيدا قىلغان. تەۋرەتكەن يەنى بىر قىسىم ئەجدادلىرىمىز ئارىسىدا جاھالەت ئۇرۇقى - «ئىشاقىيە سوپى» لىقىنى چاپقان، كېڭەيتكەن ۋە قەشقەرىيىنىڭ بىر مەھەل «خان» لىق تەختىنى ئىگىلىگەن، چوڭ يېتەكچى سىياسىي سوپىلارنىڭ بىرى - دانيال خوجىدۇر.

تارىخىي خاتىرىلەردىن بىلىشىمىزچە، دانيال خوجا مىلادى 1659- يىلى ھازىرقى سوۋېت ئۆزبېكىستاننىڭ خوجەنت رايونىدا (خوجا ئىشاقى ۋەلىنىڭ ئوغلى - چوڭ سوپى - خوجا ئابدۇللا ئاىلىسىدە) دۇنياغا كەلگەن. 1683- يىللىرى ئەتراپىدا دادىسى خوجا ئابدۇللا ئىشانغا ئەگىشىپ يەكەندە پەيدا بولغان. مەلۇم ۋاقىتلاردىن كېيىن، بىر مەزگىل يەكەن، قاغىلىق، گۇما، خوتەن، كېرىيە، چەرچەن، ئاقسۇ، كورلا، كوچا، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا دەرۋىشلىك، «قۇرئىلىق» (پالچىلىق)، «ئاشىق» لىق «ھەرىكەت» لىرىدە يۈرۈپ، جاھاندارچىلىق قىلغان، «ئىش ئۆگەنگەن»، 1690- يىللار ئەتراپىدا دادىسىدىن سوپىلىقنى ئۆگىنىپ (ئېرشاتنامە ئېلىپ) «ئىشاقىيە» سوپىلىقى بويىچە «پىر» لىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. يەكەن، قاغىلىق، گۇمىلاردا خاتىپ، قازى رەىس، قازى، قازى كالان، مۇدەررىس بولغان، كېيىنرەك «ئىشاقىيە» سوپىلىر ئارىسىدا (يەكەندە) ئۆزىنى «سەىد»، «ۋەلى»، «دىنىي يېتەكچى»، «بالا گەردان پىر» (بالا - قازاغا مۇەككىل پىر) ئېلان قىلغان ياكى بۇ خىل ناملارنى قوبۇل قىلغان. قوللانغان. 1693- يىللىرى ئەتراپىدا «ئىشاقىيە» سۈلۈكىنىڭ باش «داھى» لىقىنى، «قارا تاغلىق» لارنىڭ يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى، يەكەن، خوتەنلەرنىڭ بىر قىسىم دىنىي ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن. يەكەندە بىر مەھەل «ئامان خوجا» (ئامانلىق ساقلىغۇچى باش ھۆكۈمران) بولغان. 1694- يىلى يەكەندە ئاپئاق خوجىنى مەخپىي زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىنى پىلانلىغان، ئۇيۇشتۇرغان ۋە ئاخىرى پۈتۈن «ئىشاقىيە
» سوپىلىرىنى تەشكىللەپ، باشلاپ، 1697- يىلى ئاپئاق خوجا «خان» لىقىنىڭ كېيىنكى داۋامى ھېسابلىنىدىغان خانىم پادىشاھ يەنى «جاللات خېنىم» (ئەسلى ئىسمى - مۆھتەرەم جېنىم. ئۈچتۇرپانلىق - ئا) «ھاكىمىيىتى» نى چوڭ قىرغىنچىلىق بىلە ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، يەنىلا جۇڭغارلارنى ئارقا تېرەك قىلغان قەشقەرىيە دانيال خوجا «خان» لىقىنى قۇرغان. 1734- يىلغىچە بۇ «خان» لىقنىڭ «خانى»، بەزىدە گۆرەدىى «خانى» ياكى «تۈلەكتىكى خان» (جۇڭغار خانلىقى ئالدىدىن كېتەلمەيدىغان نەزەربەند قورچاق «خان» بولۇپ، 1734- يىلى قىشتا تۇيۇقسىزلا يەكەندە ئۆلۈپ قالغان. جەسىتى يەكەندىكى «ئالتۇن مازار» غا دەپنە قىلىنغان.

دانيال خوجا يەكەندە «خان» لىق تەختىگە چىققاندىن كېيىن، قەشقەرىيىنىڭ شۇ چاغلاردىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە زادىلا بولمىغان. ئاپئاق خوجىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى خوجا مەھدى، قىلىچ بۇرھان خوجا، ھەسەن خوجا، ئابدۇسەمەت خوجا قاتارلىق ئاپئاق خوجىنىڭ ئەڭ يېقىن شېرىكلىرى بىلەن بىرلىشىپ قەشقەردە دانيال خوجىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ، دانيال خوجىنىڭ يېقىنلىرىدىن مەخسۇت ئىشان باشلىق ئون نەچچە «قارا تاغلىق» چوڭ خوجىنى قەشقەردە چالما كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. خانىم پادىشاھنىڭ ئاكىسى ئارسلانخان (ئاقباش خان) مۇ قەشقەردە كۈچ توپلاپ دانيال خوجىغا قارشى ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت باشلىغان. يەكەن، ئاقسۇ، خوتەنلەردىمۇ جۇڭغار خانلىقىنىڭ جۈملىدىن جۇڭغارلارغا تايانغان ھۆكۈمران خوجىلارنىڭ زۇلۇم - زۇرلۇقلىرىغا، مىللىي ساتقۇنلۇققا، مۇنقەرزلىككە قارشى خەلق ھەرىكەتلىرى كۆتۈرۈلگەن. «ئاق تاغلىق»، «قارا تاغلىق» سوپىلارنىڭ ئۆزئارا زىددىيەت - سۈركىلىشلىرىمۇ راسا ئەۋجىگە چىققان. بۇ خىل ۋەزىيەتتىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغان خوجا ئەھمەت ئىشان (ئاپئاق خوجىنىڭ نەۋرىسى يەنى خوجا يەھيانىڭ ئۈچىنچى ئوغلى) دانيال خوجىغا قارىشى ئىسيان كۆتۈرۈپ، قەشقەر، ئاتۇشلارنى ئاساس قىلغان قەشقەرىيە خوجا ئەھمەدخان «خان» لىقىنى قۇرۇۋالغان. نەتىجىدە قەشقەرىيىدە بىر مەزگىل ئىككى «خان»، ئىككى «ھاكىمىيەت» ۋە ئىككى «سەپ» توقۇنۇشى پەيدا بولغان. 3- «سەپ» ئېچىپ بىر پۈتۈن قەشقەرىيە «خان» لىقى «قۇرۇش» ھەرىكىتىنى قوزغىغان ئارسلانخانمۇ ھىندىستاندىن ياردەم سوراش سەپىرىگە ئاتلىنىپ، ئاخىرى ئۆز ھەمراھلىرى بىلەن پامىر - مىڭ تېكە ئەتراپلىرىدا قارا ئاپىتىگە يولۇقۇپ تۈگىشىپ كەتكەن.

شۇنداق قىلىپ جۇڭغارلارنىڭ ھامىلىقى بىلەن پەيدا بولغان قەشقەرىيە دانيال خوجا «ھاكىمىيىتى» ئاخىرى بېرىپ جۇڭغار خانلىقىنىڭ دېگەن يېرىدىن چىقالمايدىغان (ھەر يىلى تۆلەپ تۇرۇشقا تېگىشلىك 100 مىڭ سەرلىگەن كۈمۈشلۈك سېلىقىنى ۋاقتىدا تۆلەپ تۇرالمايدىغان، 1000 تۆگىلىك ئەتىۋارلىق كىيىم - جابدۇق، بىساتلارنى ھەم ئۇنىڭغا «چاكار چوكان»( )، غۇلچا (غالچا) لارنى قوشۇپ ھەر يىلى ئىلىدىكى قالماق چوڭلىرىغا «سوۋغا» قىلىپ چىقىرىپ تۇرالمايدىغان، ھەتتاكى قەشقەرىيە تەۋەسىدىكى «خان قالماق» لارنىڭ «ئامانلىقى» نىمۇ قوغدىيالمايدىغان)، جۇڭغار خانلىقىغا پايدىسىز «ھاكىمىيەت» كە، دانيال خوجا بولسا تەدبىرسىز «خان»، ھۆرمەتسىز پىداكارلارغا ئايلىنىپ قالغان.

قەشقەرىيىىنىڭ بۇ خىل ۋەزىيىتىنى جۇڭغار خانلىقىنىڭ پايدىسى ھېسابىغا ئۆزگەرتىپ (قەشقەرىيىدىكى جۇڭغار ھۆكۈمرانلىقىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن قايتىدىن تولۇق تىكلەپ)، بۇ يەرنى جۇڭغارلارنىڭ «مەڭگۈلۈك زېمىنى» ھەم زاپاس كۈچ - قورغىنى قىلىپ تۇتۇش ئۈچۈن، جۇڭغار خانلىقىنىڭ شۇ چاغلاردىكى باش ھۆكۈمرانى سېۋان رابدان (تولۇق ئىسمى - سېۋىن ئاربىد - ئا) 1716- يىلى قەشقەرىيىگە چوڭ قوشۇن بىلەن يەنە بىر قېتىم ھەربىي يۈرۈش باشلاپ، قەشقەرىيىنى قايتا يويسۇندۇرۇش، خەلقنى «توۋا قىلدۇرۇش» ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغان. يەكەندىن دانيال خوجىنى، قەشقەردىن ئەھمەتخان خوجىنى ۋە بۇ ئىككى «خان» نىڭ بارلىق ۋەزىر - ئەززەم، ئەل جەمەت، تۇغقان - يارانلىرىدىن يۈردىن ئارتۇق كىشىنى ئىلىغا ھەيدەپ كەتكەن ھەم ئۇلارنى ئىلىدا گۆرەدىكى «خان»، گۆرەدىكى «چوڭلار» قىلىپ تۇتۇپ (ئانىسىنى تۇتۇۋېلىپ، بالىلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى قوللىنىلىپ)، قەشقەرىيىدە «ۋەقە چىقماس» لىقنىڭ دەسمايىسى قىلىۋالغان. بىر پۈتۈن قەشقەرىيىىنى بولسا، مەمۇرىي جەھەتتىن ئالتە شەھەر، 13 كىچىك شەھەر( )، 16ئايماق، 16 مىڭ كەنت (يېزىغا تەڭ مەمۇرىي بىرلىك) كە بۆلۈپ، ئالتە شەھەرنىڭ ھەر بىرىگە ئۆزىنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن ئىنىلىرىدىن بىردىن قالماقنى «ئېركەخان» (دوتەي - ۋالىي - ئا)، 13 كىچىك شەھەرگە ئۆز پۇشتىلىرىدىن 13 قالماقنى «ئامبۇن» (ئامبال - ئا) قىلىپ تەيىنلەپ، قەشقەرىيىنى سېپى ئۆزىدىن قالماقلار قولى بىلەن تۇتۇشقا، ئىدراە قىلىشقا باشلىغان. مانا بۇ بىزدىكى«ئالتە شەھەر» سۆزىنىڭ تارىختا تۇنجى قېتىم پەيدا بولۇش جەريانىدۇر. 1727- يىللىرىنىڭ ئالدى - كەينىدە جۇڭغار ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھوقۇق تالىشىش (بىر - بىرىنى ئۆلتۈرۈش، جىمقتۇرۇش) كۈرىشى كېلىپ چىقىپ، ئاخىرى جۇڭغار خانلىقىنىڭ تەختىدە غالدان سىرىن ئولتۇرغان. ئۇ خانلىققا ئولتۇرغان چاغ - قەشقەرىيە ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىنلەشكەن («ئاق تاغلىق»، «قارا تاغلىق» لار ئارىسىدىكى جەڭگى - جېدەل بەكمۇ ئۇلغايغان ۋە ئەڭ مۇھىم قەشقەرىيە خەلقىنىڭ خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى مىللىي ئازادلىق كۈرىشى ئەۋج ئالغان) بىر چاغقا توغرا كەلگەن. بۇ چاغدا يەنە بىر تەرەپتىن جۇڭغارىيىدە (ئاساسەن قۇمۇل، ئۈرۈمچى، جىمسار، گۇچۇڭ، مورى ئەتراپلىرىدا) جۇڭغار خانلىقى بىلەن مانجۇ خانلىقى (غالدان سىرىن قوشۇنلىرى بىلەن چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى) ئۇرۇشى قوزغالغان. بۇ خىل ۋەزىيەت ئاستىدا جۇڭغار خانلىقى قەشقەرىيە خەلقىنى يەنىلا خوجا - ئىشانلارنىڭ قولى (ئۆز يېغى بىلەن ئۆزىنى قورۇش چارىسى) بىلەن تۇتۇش يولىغا ئۆتكەن. دانيال خوجىنى گۆرەدىكى «خان» لىقتىن چىقىرىپ قەشقەرىيىىنىڭ باش «خان»، «دىنىي داھىيسى»، «ئۇلۇغ خوجا» ئېلان قىلىپ، يەنە بىر قېتىم قەشقەرىيىد دانيال خوجا «خانلىقى» نى كۈچەيتكەن. قەشقەرىيىدە چاتاق چىقماسلىققا مەڭگۈ كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە يەنىلا دانيال خوجىنىڭ ئوغلى جاھان خوجا (ئەسلى ئىسمى ياقۇپ خوجا - ئا) باشلىق قەشقەرىيىلىك چوڭ خوجا - ئىشانلاردىن 48 كىشىنى «مىرزا قاماق» (نەزەر بەند) قىلىپ، ئىلىدا تۇتۇپ تۇرۇپ، قەشقەرىيە خەلقىنىڭ مەڭگۈ «ياۋاش» بولۇشىغا «دۇا - تەكىبر» قىلغۇزۇپ تۇرغان. يەنى چوڭلىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، كىچىكلىرىنى غىڭ قىلدۇرماسلىق تاكتىكىسى بىلەن ئىش كۆرۈپ تۇرغان. 1734- يىلى دانيال خوجا يەكەندە ئۆز ئۆيىدە تۇيۇقىسزلا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، جۇڭغار خانلىقى ئىلىدا «مىرزا قاماق» تا ياتقان خوجىلار دىن دانيال خوجىنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ ئوغلى ياقۇپ خوجىنى (جاھان خوجا) «خان» قىلىپ بېكىتكەن. دانيال خوجىنىڭ ئىنىلىرىدىن يۇسۇپ خوجىنى قەشقەرگە، ئەييۇپ خوجىنى ئاقسۇغا، ئابدۇللا خوجىنى خوتەنگە كىچىك «خان» (ۋالىي - ئا) قىلىپ بەلگىلەپ (ئۆزى بىلەن ئۆزىنى باپلاش تاكتىكىسى قوللىنىپ)، بۇ ھالەتنى تاكى 1745- يىلى - غالدان سىرىن ئۆلگۈچە بولغان يېرىم ئەسىر ۋاقىت داۋام ئەتكۈزگەن.

دانيال خوجا - تارىخىتا زالىملىق، جاھالەتپەرسلىك ۋە دىنىي ئالدامچىلىق بىلەن داڭ چىقارغان مەشھۇر سىياسىي شەخسىدۇر. دانيال خوجا ۋە دانيال خوجىلارنىڭ تارىختا بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزغا قىلغان ئاسىيلىقلىرى بىلەن دۈشمەنلىك قىلمىشلىرىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلار بويىچە قىسقىچە كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ:

.1دانيال خوجا بىلەن ئۇنىڭ بىر بۆلۈم زالىم شېرىكلىرى قەشقەرىيىدە «ھاكىمىيەت» نى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئەڭ ئالدى بىلەن پۈتۈن قەشقەرىيىدە، جۈملىدىن شىنجاڭدىكى باشقا مۇسۇلمانلار رايونلىرىدا «ئىشاقىيە» سوپىلىقىنى «بىردىنبىر شەكسىز، ئانا قانۇن»، «خانلىق» نىڭ دىنىي دەستۇرى، «مۇسۇلمانچىلىق مىزانى» ھەم «مۇسۇلمانلار ئادەت قىبلىنامىسى» ئېلان قىلىپ، ئۇنى «خان» لىقنىڭ دىنىي، مەمۇرىي، ھەربىي، ئىجتىماىي زورلاش كۈچى ۋە «ھاكىمىيەت» بېسىمى بىلەن يولغان قويۇشقا كىرىشكەن. يەنى «ئىشاقىيە» چىلەر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يېرىم ئەسىرلىك تەقدىرىنى سوپىلىق تەرىقىتى بېكىمچىلىكى ئىچىدە، مۇسۇلمان ئەجدادلىرىمىزنى بولسا، خوجا، ئىشان، سوپىلار «مۇرىتلىقى» ئاسارىتىدە - ياۋاشلىق ئۈلگىلىرى، پەقەت بويسۇنۇشنىلا بىلىدىغان «خۇدايى قۇل» لار ئورنىدا تۇتۇپ، ئىدارە قىلغان. «خانلىق» نىڭ «خەۋپلىرى» نى «تازىلاش تۇرۇش»، «جەمئىيەت پاكلىقىنى قوغداش» دېگەندەك ئويدۇرما سەۋەبلەر بىلەن داىما دېگۈدەك «جىدىت» لەر، «مۇرتەدلەر»، «داستارلار»، «ئاسىي» لار، «ئازغۇن»، «مۇناپىق»، «خاىن»، «دىنىدىن چىققان»، «تۇزكور»، «لەنەتگەردى»، «دۇاسى بەند» ۋەھاكازا دېگەندەك دەككىلەنگۈچى «دۈشمەن» لەرنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ، كاردىن چىقىرىپ تۇرۇشنى زادىلا توختىمىغان. «تارىخىمىزدىكى ئىسلامىيەت» تە كۆرسىتىلىشىچە، دانيال خوجا «تەخت» كە چىقىپ، قەشقەرىيىدە «قارا تاغلىق» خوجىلار باش كۆتۈرگەن يىللار جەريانىدا دانيال خوجىچىلار تەرىپىدىن پەقەت قەشقەرىيىدىلا چەت ئەللەرگە قېچىپ كېتىشىكە مەجبۇرى قىلىنغان، ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن، ھەر خىل ۋەھشىي ئۇسۇللار بىلەن قول - پۇتسىز، كۆزسىز، تىلسىز (كېرەكسىز تەن) قىلىپ تاشلانغان، پىچىۋېتىلگەن ئەر - يىگىت «دۈشمەن»، «داستار» لار بىلەن «جىدىت» لەرنىڭ سانى بىر تۈمەندىن جىقراق بولغان، سۈرگۈن، تۇتقۇن ۋە پالاندى قىلىنغان «دۈشمەن جەمەتلىرى»، «چاكار چوكان»، «غۇلجا گەردەنكەش» لەرنىڭ سانىمۇ يىلمۇ - يىل ئۆرلەپ تۇرغان. كورلا، ئاقسۇ، كوچا، يېڭىسار، قۇمۇل، ئىلى، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىكى «داستار»لار بىنالىرى، «جىدىت» لەر سورۇنلىرى (ئەمەلىيەتتە بۇرۇن «ئاق تاغلىق» ئىشان، سوپىلار پەيدا قىلغان مەسجىت، تۈنەكخانا، «قەدەم جاي»، «مازار»، زاراتلىقلار، «جىدىت» لەر (يېڭىلىقچىلار) پەيدا قىلغان ياكى باشقۇرغان مەكتەپ، ئىجتىماىي پاالىيەت ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسى) «ھۆددىگەر ھامىيلىرى» بىلەن قوشۇپ بۇزۇۋېتىلگەن، يوق قىلىۋېتىلگەن. مەسىلەن: بەزىبىر تارىخىي خاتىرىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، كورلىنىڭ بوستان دېگەن يېرىدە 1695-1696- يىللىرى ئەتراپىدا «داستارلار» تەرىپىدىن ياسالغان ئاتالمىش «ئاپئاق خوجا مازىرى» 1702- ۋە 1703- يىللىرى ئەتراپىدا دانيال خوجىچىلار تەرىپىدىن چېقىۋېتىلىپ، مازار ھامىيلىرى (ئېھتىمال شېيخلار بولسا كېرەك - ئا) دىن بىر قانچە كىشىنىڭ كۆزى ئويۇپ تاشلانغان. قارشىلىق قىلغان ئون نەچچە كورلىلىق مۆتىۋەر «داستار مۇرتەد» دېگەندەك تۆھمەتلەر بىلەن تۇتۇلۇپ ھەم يەكەنگە پىيادە ھەيدەپ كېتىلىپ، دانيال خوجا «پايتەخت» نىڭ «كوربەندە» لەر ھەپسىلىرى (زىندانلىرى) دا «كور» لۇق (ھەقىقىي «پىر» نى «تونۇمىغان» لىق) «ئەيىبلىرى» بىلەن «توۋا» قىلدۇرۇلغان ھەم ئاخىرى ئۇلارنىڭ بەزىلىرى «ئەلگە ئىبرەت» ھۆكمى بىلەن «چالما - كېسەك» قىلىپ يەرگە كۆمۈۋېتىلگەن.

دانيال خوجا ۋە ئۇنىڭ ياندىماچ شېرىكلىرى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ۋاقىت جەريانىنى ئۇزارتىش، جاھالەت ئۇرۇقى - «ئىشاقىيە» سوپىلىقنىڭ تەسىرىنى يەنىمۇ يىراقلارغىچە كېڭەيتىش ئۈمىدى بىلەن قۇمۇلغا ئەجدىھا نىياز سوپى باشچىلىقىدىكى «پىر ياران» لار توپى (گۇرۇھى) نى ئىلىغا راھمان قۇلى، پەرمان قۇلى، ئابدۇرېھىم قاتارلىق «خۇدا قۇلى»، «خەلىپە» (ئىز باسار) لارنى، قازاق، قىپچاق دالالىرىغا مەكىتلىك توختار خوجا، ئابدۇللا بەگ ئىشان باشلىق «خۇدايى ھىجرەتچى» پىداىلارنى، تۇرپان - ئەشابىلىرىم تەۋەسىگە ئۇرۇش زەخمىدارى - رەھمىتۇللا توكۇر ئىشاننى ئەۋەتىپ ياكى تەيىنلەپ تۇرغۇزۇپ، قۇمۇلدا قارا ئۆتۈك، ئاستانە، ئىلىدا قاش، قاينۇق، تۇرپاندا قاراغوجا، قازاق، قىرغىز دالالىرىدا «خۇدايى جولى» سۈلۈك مەركەزلىرىنى پەيدا قىلىپ يۇقىرىقى جايلاردىمۇ «ئىشاقىيە سوپىلىقى يولى» نى كېڭەيتىشكەن، سوپىلىق «تەرتىپلىرى» نى تۇرغۇزۇشقان، «ئاق تاغلىق داستارلار»، «جىدىت» لەر، «ئاسيى»لار، «دىندىن چىققان» لارنىڭ «ئەدىپى» نى بېرىشنى قانات يايدۇرغان.

2 دانيال خوجا ۋە ئۇنىڭ «ئەڭ ئالىي ئۆلىما» لىرىنىڭ بىزنىڭ مۇسۇلمان ئەجدادلىرىمىز ئارىسىدا ئۆز نۆۋىتىدە تارقاتقان، جارى قىلدۇرغان «دىنىي نۇقتىىنەزەرلىرى»، «تەلىم»، «پرىنسىپ» لىرى تېگى - تەكتىدىن ئالغاندا، ئىسلامىيەت چۈشەنچىلىرى (قۇرئان ۋە قۇرئان تەپسىرى) گە زىد، ھەتتا پۈتۈنلەي قارشى، يامان غەرەز، ئالدامچىلىق مەنبە قىلىنغان ئويدۇرمىلاردۇر. مەسىلەن: خوجىلار زامانىدا ئۆزىنى دانيال خوجا «ئالىي ئۆلىما» سى - رىيازەتكار، يېتىشكەن سوپى، پىرى دانيالنىڭ تىلى، ۋەكىلى، دوستى ھېسابلىغان يەكەن كاچۇڭلۇق خوجا جەڭگىزخان (جەڭگىزخان خوجا) تەرىپىدىن 1891- يىلى يەكەندە يېزىپ قالدۇرۇلغان «تەربىيەتنامە» دە دانيال خوجا توغرۇلۇق مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇلۇغ پىر ھەزرىتى دانيال ۋەلىيگە، خوجا ئىشاقى ۋەلىيۇللا نەسەبلىرىگە قول بەرمەي (مۇرىت بولماي) ئۆلگەن ھەرقانداق ئەھلى ئۈممەت دوزىخىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلى، ۋەكىل بولغان بۇ < Zat > لارغا بەيئەت قىلمىغان (بويسۇنمىغان ياكى بويۇن تاۋلىق قىلغان) ھەر قانداق كىشىنىڭ ئىككىلا ئالەملىك قارادۇر. پىرلار - مۇسۇلمان ئۈممەتلەرنى < Jennet>، قا < Ayrighuchi > لاردۇر. پىرلار < Kelimehulla > يەنى ئاللاھ بىلەن < Sözleshküchi > لەردۇر. پىرلار ئاللاھنىڭ تىلى، ئۆزى ۋە جامالىدۇر. پىرلار قىيامەت كۈنى بەندىلەرنى سوراق - سوال قىلغۇچىلاردۇر.... ئىنسان بەخت (جەننەت) كە ئېرىشىش ئۈچۈن پىرى دانيالغا، پىرى ئىشاقىيلەرگە قول بېرىش شەرتتۇر... مۆمىنلەر پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ھارام دۇنيا، ئازغۇن ئالەم ۋەسۋەسىلىرىدىن خالى تۇتۇپ، پۈتۈن مېھرىنى پىرى - ئۇلۇغلار ئىختىيارلىرىغا ئاتاشلىرى، ئۇلارنىڭ مۇبارەك < Telim > لىرىدىن ئايرىلماسلىقلىرى ۋاجىبدۇر...»

بۇ رىياكار سوپى ئاپتورنىڭ دانيال ۋە دانيال خوجىنى مەركەز قىلغان «ئىشاقىيە» چى «پىر» لارغا بەرگەن تەرىپ - تەسۋىرى تېگى - تەكتىدىن ئالغاندا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ تەلىمى بىلەن پۈتۈنلەي زىدتۇر. يەنى: «بارچە مەدھىيە ئاللاھقىلا خاستۇر، ئاللاھنى مەدھىيلەيمىز، ئاللاھتىن مەدەت تىلەيمىز. ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەمنى ئازدۇرغىلى بولمايدۇ، ئاللاھ ئازدۇرغان ئادەمنى ھىدايەت قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا گۇۋاھلىق بېرىمەنكى: يالغۇز بىر ئاللاھتى باشقا ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقتۇر... مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر...» («مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تەرجىمىھالى» 443- بەت) دېگەن تەلىمى بىلەن پۈتۈنلەي زىدتۇر. بۇ خىل «تەربىيەتنامە» نىڭ ئاپتورلىرى بىلەن دانيال خوجىچىلارنىڭ يېتەكچىلىرى ئەمەلىيەتتە مۇقەددەس «قۇرئان كەرىم» چۈشەنچىسىگە، ئىسلام يولى، ئىسلام ئەقىدىسىگە خىلاپەن يول تۇتقان، يەنى تارىختا ئىسلام دىنىنى ئۆز مەقسەتلىرى يولىدا خالىغانچە خاتا بۇرمىلاپ پايدىلانغان، ھەتتا دىننى زالىملارنىڭ، ئانتى ئىسلام (ئىسلامغا قارشى) كۈچلەرنىڭ مۇسۇلمانلارنى قىرىش، چېپىش، بۇلاش، ئېزىش، خورلاش، ۋەتېنىدىن ئايرىپ تاشلاشتەك تارىخىي جىنايەتلىرى ئۈچۈن يوپۇق - «قىسمەت»، «تەقدىر»، «پەتىۋاسى» سۈپىتىدە پايدىلىنىدىغان قورالىغا ئايلاندۇرۇپ بەرگەن ۋە تارىختا خەلقىمىزنىڭ، شىنجاڭنىڭ تەقدىرىنى بۇزغان ئاسىيلار تۈركۈمىگە تەۋە لەنەتكار «زات» لاردۇر. ئۇلارغا «ئەگەشكەن»، «ئېتىقاد قىلغان»، «مۇرىت»، «ياران» بولغان بىر قىسىم ئەجدادلىرىمىز بولسا، پەقەت تارىختا ئىز قالدۇرۇپ كەتكەن مەنبەسىز ئېتىقادچىلار ياكى جاھالەتنى، نادانلىقنى ئېتىقاد مەنبەسى قىلغان، «خۇدايى قۇل» چىلىققا ئادەتلەنگەن، گۆدەكلەرچە ئىشنىۋېرىشكە ئۆگىتىلگەن جاھالەت قۇربانلىرىدۇر. بۇ - تارىخىمىزنىڭ سەلبىي تەرىپىدۇر.
http://karamet.5d6d.com/thread-140-1-1.html
[ بۇ يازما udun تەرىپىدىن 2008-12-13 04:59 دە قايتا ]
yol
Körgülükni körgülük ya Tarim Dadxah Ölgülük
دەرىجىسى: شەرەپلىك ئەزا
UIDنومۇرى: 29
جەۋھەر يازمىسى:
يوللىغان يازمىسى:
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-27
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 1970-01-01
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-10-08 13:56
بۇ جەننەت ماكان ئىزچى ئەپەندىنىڭ  بىرىنچىقول ماتېرىيالدىن يازغان تارىخىي ئوچېرىكى ئىدى، بۇ يەرگە قىسمەن چاپلاپ قويدۇم. پايدىلانغايسىزلەر.
yol
دەرىجىسى: ياساۋۇل
UIDنومۇرى: 4783
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 30
شۆھرىتى: 34 نومۇر
پۇلى: 330 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 19(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-10-04
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-01-11
8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-10-08 15:57
ئاپپاق خوجىنىڭ قەبرىسىنى ئىچكىردىن چققانلار ئايىغى ئۈزۈلمەي تاۋاپ قىلىپ تۇرىدۇ . ئاپپاق خوجىنىڭ قەبىرىسى قەشقەردىكى
ئاۋات سەيلىگاھلارنىڭ بىرى تىخى
yol
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 110
جەۋھەر يازمىسى:
يوللىغان يازمىسى:
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-03-15
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 1970-01-01
9-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-10-08 17:49
ئاپپاق خوجىنىڭ غالدان تەلۋىلىرىنى باشلاپ كىلىپ 164 يىللىق يەكەندىكى سەلتەنەتلىك خاندانلىقنى ۋەيران قىلغان جىنايىتى ئۇچۇن قانچىلىك تىللىساق بولىدۇ. بىراق ئۇنىڭ نامى "ئاپپاق" تىبەتلەرنىڭ ئۇنۋان بىرىشى بىلەن پەيدا بولمىغان .بۇ ماقالىدا خاتا كەتكەن تەرەپ. ئۇنىڭ بۇ نامى ئۇ تىبەتكە بىرىشتىن بۇرۇن بار ئىدى. بۇ نڭقتا ھەققىدە ئايرىم تىما يوللايمەن.
دەرىجىسى: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
UIDنومۇرى: 1774
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 241
شۆھرىتى: 781 نومۇر
پۇلى: 2490 سوم
تۆھپىسى: 25 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 123(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
10-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-10-13 20:06
داڭلىق مەدرىسلەرنى كۆيدۈرگەنلىكى ئۇنىڭ ...............    بۇ كاساپەت پەقەت ئادەمنىڭ ئىسىمى بىلەن ئاتالغان <<؟؟؟؟نەرسە>> خالاس!
سۆيىمەن ئۇيغۇرنى مەڭگۈ!
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !