ئورخۇننى قوللامسىز؟ | مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر | مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى | Munber hetni Nurmal Korelmigenler |
Nazimi
نازىمى
دەرىجىسى :شەرەپلىك ئەزا |
|
---|
ئالاھىدە خۇش خەۋەر! «بىلىۋال» تور بېتى (Biliwal.com) خەۋىرى: مەھمۇد قەشقەرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقى شۇنداقلا «مەھمۇد قەشقەرى» يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيە كاگوشىما (Kagoshima) خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىدا «تۈنجى ئۇيغۇر دۇنيا خەرىتىسى ۋە ئۇنىڭدىكى 'ياپونىيە' ئاتالغۇسى» دېگەن تېمىدا كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن ئۆزىنىڭ تەتقىقات ماقالىسى ئوقۇيدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەنە ياپونلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئوخشاشلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەيدۇ. لېكسىيە ياپونچە ۋە ئىنگلىزچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. لېكسىيە ۋاقتى: 10-ئاينىڭ 16-كۈنى (پەيشەنبە) سائەت 16:30 ![]() ئەسكەرتىش: مەزكۇر تېما گۈلىستان ئۇيغۇر تور سالونىنىڭ ھەمكارلاشقۇچى تور بېتى بولغان ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدىكى «يۇلتۇزلار يۇرتى» تور تۇراسىدىن يۆتكەلدى. تورغا يوللىغۇچى: Bash Elqhi (باش ئەلچى) ئەپەندى ئەسلى مەنبەنىڭ تور ئۇلىنىش مەنزىلى: http://karamet.5d6d.com/thread-1138-1-1.html |
||
![]() |
kariz
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
TarimDadxah
دەرىجىسى :شەرەپلىك ئەزا |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
erdewil
دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
kutbilig
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
armani
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
kelpin
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
TuranTekin
دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
samran
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
zirek
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
nakis
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
Nazimi
نازىمى
دەرىجىسى :شەرەپلىك ئەزا |
|
---|
ياپونىيىدە «تۈنجى ئۇيغۇر دۇنيا خەرىتىسى ۋە ئۇنىڭدىكى 'ياپونىيە' ئاتالغۇسى» ناملىق ئىلمىي دوكلات مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى بىلىۋال تور بېتى (biliwal.com) خەۋىرى: كاگوشىما(Kagoshima) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئالاھىدە تەكلىب بىلەن مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ خەلقئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزىدە 10-ئاينىڭ 16-كۈنى «تۈنجى ئۇيغۇر دۇنيا خەرىتىسى ۋە ئۇنىڭدىكى 'ياپونىيە' ئاتالغۇسى» دېگەن تېمىدا ئىلمىي دوكلات بەردى. دوكلات يىغىنىغا تەكلىپ بويىچە كاگوشىما شەھىرىدىكى ئالىي مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن ياپونىيىلىك ۋە چەت ئەللىك ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە تەتقىقكاتچىلار بولۇپ 250 كە يېقىن كىشى قاتناشتى. دوكلات يىغىنىدا دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلار بويىچە تەرتىپلىك بايان قىلدى: 1. ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىيلار 2. ئىسلام دۇنياسىدىكى تۈنجى مەدرىسە «ساجىيە مەدرىسىسى» 3. مەھمۇد قەشقەرى ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى» 4. مەھمۇد ۋەتىنىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ۋە تارىخىي رولى 5. مەھمۇد قەشقەرى ۋە ماركو پولونىڭ ياپونىيە ھەققىدىكى مەلۇماتلىرى 6. ماركو پولودىن ئىلگىرى مەھمۇد قەشقەرى ياپونىيە خەرىتىسىنى سىزغان 7. ئۇيغۇر، ياپون تىللىرىنىڭ گرامماتىكىلىق ئوخشاشلىقى ۋە پەرقى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرىنىڭ 90 مىنۇتلۇق دوكلاتىدىن كېيىن، ئۇ ئۆزى كىرىشتۈرۈپ ئىشلىگەن «قەشقەردىن ئىستانبۇلغىچە» ناملىق DVD كۆرسىتىلدى. قىزغىن كەيپىياتتا داۋاملاشقان دوكلاتتىن كېيىن، يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھەر خىل سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويدى. سوئال-جۋاب 40 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملاشتى. كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، پروفېسسور نىشىخارا (Nishihara) دوكلات يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «مەن مەكتەپ نامىدىن دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن شۇنداقلا دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرىنىڭ كېلەر يىلدىن باشلاپ مەكتىپىمىزدە ھەر ھەپتىدە ئىككى سائەتتىن ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى توغرىسىدا دەرس ئۆتۈپ بېرىشكە قوشۇلغانلىقىغا، مەكتىپىمىز بۇ يىل 12-ئايدىن باشلاپ ئىشلەشنى پىلانلىغان خەلقئارالىق تېمىلار گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىپ، تېمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت تەتقىقاتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقىغا كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر بىلدۈرىمەن».
[ بۇ يازما Nazimi تەرىپىدىن 2008-10-22 14:22 دە قايت ] |
||
![]() |
Nazimi
نازىمى
دەرىجىسى :شەرەپلىك ئەزا |
|
---|
![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() مەنبە: يۇقۇرقى بىلەن ئوخشاش |
||
![]() |
halipjan
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
osal
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|