بۇ بەتتىكى تېما:تارىخى داستان ــــ زەپەرنامە | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما قېتىم كۆرۈلدى
Yawuz
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى

UID نۇمۇرى: 1787
نادىر تىمىسى : 6
يازما سانى : 519
ئۈنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە519دانە
شۆھرىتى: 1458 نومۇر
پۇلى: 4840 سوم
تۆھپىسى: 100 نومۇر
ۋاقتى :991(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 تارىخى داستان ــــ زەپەرنامە

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىغا admin تەرىپىدىن نادىرلاندى (2007-11-18)
[size=
3]يوللىغۇچىدىن: ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى ۋە تارىخچىسى موللا شاكىر ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات ۋە تارىخ سەھىپىسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن تۆھپىسى بار شائىرلاردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

موللا شاكىر 1802- يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ۋاپاتى توغرىلىق ئېنىق مەلۇمات يوق، " زەپەرنامە " ئاپتورنىڭ يىرىك ئەمگەكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ئەسەرنىڭ بىرنەچچە خىل قوليازما نۇسخىسى ساقلانماقتا. بۇ داستاندا ئاقسۇ خەلقىنىڭ مانجۇ ئىستىبداتلىرىنىڭ زۇلمىغا قارشى كۆرىشى ۋە باتۇرلارچە ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، بىز بۇ قېتىم بۇ ئەسەرنىڭ " ئاقسۇ ئەدەبىياتى " ژۇرنىلىنىڭ 1981- ۋە 1982- يىللىق سانلىرىدا تونۇشتۇرۇلغان نۇسخىسى ئاساسىدا تور بېتىمىزگە يوللىدۇق. بۇ نۇسخىدا ئەسلى ئەسەرنىڭ تىلىغا سادىق بولۇش ئاساسىدا بۇرۇنقى ئۇيغۇر ئېلىپبەسىگە كىرگۈزۈلمىگەن " ئۆ، ئۈ " ھەرپلىرى ھازىرقى ئىملا قايدىسى بويىچە قوشۇلغاندىن سىرت، ئەسلى ئەسەردە ئىزاھات بېرىلگەن سۆزلەر قىزىل رەڭ بىلەن بېرىلىپ يان تەرىپىگە ئىزاھاتى بېرىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا سۆز ئىبارىلەر ئۆزگەرتىلمەي ئەينى بويىچە بېرىلدى.


                                                                                                  ھۆرمەت بىلەن: ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور بېتى

ئەسەرنىڭ ULY يېزىقىدىكى نۇسخىسى: http://www.biliwal.com/GoogleTap_SG_post_t_1524.html

سىرىلىك USY يېزىقىدىكى نۇسخىسى: http://emeren.narod.ru/Molla_Shakir_zepername.html



زەپەرنامە


موللا  شاكىر


موللا شاكىر ئۆز زامانىسىدا ئۆتكەن مۇئەللىپلەر ۋە شەرق يازغۇچىلىرىنىڭ ئادىتى بويىچە " زەپەرنامە " داستانىنى باشلاشتىن ئىلگىرى " ھەمد " ۋە " نائىتلەر "نى يازغاندىن كېيىن داستاننىڭ بىر بۆلۈمىنى قوزغىلاڭغا باشچىلىق قىلغان خوجىلارنىڭ تارىخىغا بېغىشلاپ شۇنداق يازىدۇ:

مۇبارەك ئاتى ئاتى خۇاجە سەييد جاما،

ئولەر قۇتبى ئەقتاپ ساھىپ كامال.                                      ئۇلۇغ كىشى مەنىسىدە

بەشارەت بېرىپ ئەردى خەيرى بەشەر،                                  ئادەمنىڭ ياخشىسى

دىدى چىنى ماچىنغا ئەيلەڭ سەپەر.

بار ئەرمىش بۇ ماچىندا شەھرى كېتەك،

قىرىق شەھەر دېدى بەزىلەر قىرىق يەك.

دۇئا بىلەن ئەيلەڭ ئۇلارنى ھالاك،

ھەممە قەۋمى بەد قاغۇسى زىرى خاك.                              توپا ئاستىدا

بارۇرسىز مازار تاغ بىلە ئەردەۋىل،                                  ئاقسۇنىڭ بۇرۇنقى نامى

ئۆتەر ئۆمرىڭىز دەۋرى ئون ئىككى يىل.

كى ئاباد ئېتىپ ئەيلەڭىز خانىقاھ،

...............................................

بولۇر ئول زەمىن مەنزىلى تەكيەگاھ.

.................................................

ئاتا ئەيلىمىگەي ھەق ساڭا بىر ئوغۇل،

كۆڭۈل بولماغاي شادلىقتىن مۇلۇل.

مۇبارەك ئاتى مەۋلەۋى ئەرشىدىن،

ئۆزى قۇتپدۇر مۇرشىدى راھىدىن.                                            دىن يولىغا باشلىغۇچى

مۇسۇلمان بولۇر تاغدا تۇغلۇق تۆمۈر،

بولۇپ ئەھلى ئىسلامدا ئەتكەي ئۆمۈر.

ئىلە شەھرىنى دىنى ئىسلام ئاچىپ،

جەھان سەپھەسىغە جاۋاھىر ساچىپ.

ئىلەنىڭ ئاتى ئەردىكى بولغۇسۇن،

بايان ئەيلەيىن مەخپى سۆز قالماسۇن.

ئۇلار مەنزىلى بولدى بولدى شەھىرى كۈسەند،

بولۇپ مەخپى سۆزلەردىن ئاگاھسەن.

كۈسەندنىڭ ئاتى بولدى ئاندىن كۇچا،

كۇچادا بولۇر مەنزىلى تەكيەگاھ.                                              تايانج بازا، قورغان، قەلئە

كۇچا شەھرىنىڭ چۆرەسى تاشدۇر،

خوجام مەنزىلى كىم چاھار باغدۇر.

كۇچا شەھرىدە شاھى ئالىي جاناپ،

تولۇق قىلدى مەشرىقدا ئول ئاپتاپ.

گەھى ئەيتۇر ئەردى خالايىققا دەرس،

مۇرىد تەربىيەت ئەيلەدى ئەلغەرەز.                                                سۆزنىڭ قىسقىسى

بۈگۈر، كورلا ۋۇ شەھرى تۇرپان، قۇمۇل،

قىلىپ جانۇ دىل بەيئەتىنى قوبۇل.

كۇچا شەھرىنى ئەيلەدى پايتەخت.

قىلىپ پادىشاھلىقنى ئولنىڭ بەخت.

يانا كاشىغەر، ياركەندۇ، خوتەن،

تۇتۇپ يارلىقنى ھەممە جانۇ تەن.

يانا شەھرى بەر -بەر بىلەن ئەردەۋىل،              خەلق رىۋايەتلىرىگە ئاساسلانغاندا ئۈچتۇرپاننىڭ ئەرەپچە ئىسمى

تۇرۇپ خىزمەتىدە ھەممە جانۇ دىل.

**************************************************************

كەل ئى ۋەئىزگۇي بىر سۇخەن ساز قىل،

قىلىپ قىسسە كۆتە سۆزۈڭ ئاز قىل.                                      قىسقا

كى يۈز يەتمىش ئۈچ يىل سەككىز شەھەر،

خەلق ئۈستىدە تاپتى مەنچىڭ زەپەر.

بۇ مۇددەتتە مەنچىڭلار، قالماق سوراپ،

رەئىيەتنى قىلدى ئۇلار بەك خاراپ.                                        پۇقرا، خەلق

كېتىپ ئىلگىدىن شۇنچە مۇددەت ئۆتۈپ،

خوجاملارغا كەلدى پەلەك چۆرگۈلۈپ.

كېتىپ ئاتمىش بەشتە قالماق تامام،

كى يۈز سەككىزىدە بۇ مەنچىڭ مودام.

جاھانگىر كېلىپ ئەيلەدى جەڭگى سەخت،                                قاتتىق جەڭ

بۇل كاشىغەردە قالدى ھەممە تاغۇ - تەخت.

يانا قىلدۇرۇپ كاللا بىلەن مۇنار،

بۇ كاشىغەر زېمىنىغا كېلىپ ئۈچ قاتار.

قاچىپ كەتتىلەر يايداغ ئاتقا مېنىپ،

بۇ ئالتۇن، كۈمۈشنى مەنچىڭغا بېرىپ.

*************************************************************************

پېقىرغا دېدى بىرنەچچە يارى خاس،

نەچە ئەھلى بەزمى جاۋاھىر شۇناس.

قىلىنسا بۇ جەڭنامىنى بىر كىتاب،

ئوقۇغان ئىشتكەنلەر تاپقاي ساۋاپ.

ئۆمۈردە باقى يوق، بۇ پانى جاھان،

قالۇر دەھردە ئۇشبۇ نام - نىشان.                                      دۇنيا

ئۆزۈم ھەم قېرى، ئاجىزۇ - بى قوبۇل،

مىزاجىم زەئىپ ئەردى تەبىئىم مولۇل.

بۇ سۆز نەزىم قىلغۇنچە يوقتۇر جامال،

بۇ زېھنىم پارامۇش ئۆزۈم كەنگ لال.            پارامۇش = ئۇنتۇتقاق.    كەنگ =  گاچا.      لال = تىلى كالۋالاشماق

سۆزۈمدە گەر بولسا سەھۋۇ، خاتا،

بولۇپتۇ كەرەم بىرلە قىلغىل ئاتا.

كىتابىمغا قويدۇم " زەپەر " نامە ئات،

تىزىم نەزمىگە سۆزنى بائىشقات.

***********************************************************************

كەل ئى ۋەئىزىگۇي ئەيلىگىل راۋىيان،                      نەسىھەت قىلغۇچى.            رىۋايەت قىلغۇچى

قىلىپ ئاقسۇدىن بىر داستان.

بۇزۇلمىش بىر ۋاقتىدا شەھيار، كۇچا،

كۇچاردىن خۇرۇج ئەيلەدى بىر خوجا.                                    قارشى چىقماق

بۇ ئامبان ئىشىتتى بىر يەڭلىغ خەبەر،                                  شۇ چاغدىكى مەنچىڭنىڭ بىر ئامبىلى

ئىچىگە توشتى ئۇنىڭ بىر شۇرى شەر.                                    تەشۋىش

ھېكىم بەگنى قىچقىر، دېدى شۇل زامان،

قاراڭغۇ كۆزىگە بۇ روشەن جاھان.

دىدى، ئى سايىد بەگ ئىلاجىنى قىل،

بايان ئەيلە بىزلەرگە روشەن دەلىل.

چىقىپتۇ شۇ كۈنلەردە بىر شىرى نەر،                                    ئەركەك شىر، باتۇر مەنىسىدە

بارابەر بولۇرغا قېنى ياخشى ئەر.

مابادا چىقىپ باي ۋە سايرامىغا،

كېلۇر ئاقسۇغا سۈبھىدىن شامىغا.

يىغىلدى ھەممە ئەھلى سەردارى چىن،

كېڭەش - مەسلىھەتلەر قىلدىلەر ئانچۇنىن.

كى دارىن غالداي دالۇيەسى،

فىيە، چىڭشا يۈن، زۇڭيا ۋۇ شويەسى.

ھېكىم ئىشىكئاغا، غەزىنىچى، شاڭ بېگى،

بۇ ئىشغۇلۇ دىۋان، مىراب مىڭ بېگى.

كېلىپ بىر تەرەپتىن چېرىك ئامبانى،

بۇ سۆز چىن مۇدۇر، بارمۇدۇر يالغانى.

بۇ ئامبان دالۇيە چېررىك خۇمەس،

بۇ تاشلاڭ بولۇپتۇ ھېلى نان يىمەس.

كېلىپ باي سايرامدا چېرىك يىغار،

ئۇلار پاشا ئەردى بولۇپ ئەمدى مار.

بۇ ئونباش بىلەن قوشتاي يانجىدىن،

بۇ نەيپۇت، دابانچى، شاختۇرا كانچىدىن.            يۇقارقىلار باي ناھيىسىدىكى يەر ناملىرى ــــ تاييارلىغۇچىدىن

دېدى خۇنرىزلەر كەلسە لەشكەر يىغىپ،

بارابەر بولۇر ئالدىغا كىم چىقىپ.

دېدى سايىد بەگ ئىلاجى نەدۇر؟

بۇ ئەيغان سۆزۈڭنىڭ جاۋابى نەدۇر؟

بۇ قۇربان بىلەن ئەيباۋاڭ - ئەييۇپ قېنى؟

بۇ زىۋازىلەر يوق قىلىپتۇر ئېنى.

بۇ تۇنگان بىلەن چەنتۇ بولدى شېرىك،

ئۇلار ئەمدى قويمايدۇ بىزنى تىرىك.

ئەگەر ئاقسۇدا بولسا ئەيۋاڭ ھايات،

قىلۇر ئەردى بىزنى غەمدىن نەجات .......

بۇ نەنلۇ ۋە باچىڭدا جۇڭۋاڭ ئىدى،                                    جەنۇپتىكى ئالتە شەھەر.              سەككىز شەھەر

بىلىشلىك ئەجەپ تۇرپە دانا ئىدى.                                    ئاجايىپ

بېجىنگە بېرىپ خاننى كۆرگەن ئۆزى،

كى تۇپراققا ئاغۇشتە ئايدەك يۈزى.                                      بۇلغانماق

ئۇلۇغ خاننىڭ ئالدىدا كۆپ ئىئىتىبار،

كى چىن كۆڭلى بىرلە ئىدى بىزگە يار.

بېجىندە بولۇپ جۇڭشى خان قىلدى ياد،

كى دۇۋاڭ ئاكا ئەيلەگەن ئىلتىپات.

كى شاڭيۇڭ ئەنى تۇتقان ئەردى ئەرز،

ئىدى ساھىبۇل ئەقىل ساھىپ تەمىز.      ساھىبۇل ئەقىل = ئەقىل ئىگىسى  ساھىپ تەمىز = پەرق قىلغۇچى دانا

كى خاندىن كېلىپ خالتە ساۋغەسى،

كېلىپ يانبۇدىن ئوتتۇز ئالتىسى.

كىيىملىك كىلۇر خانغا كۇچۇڭ تاۋار،

كى چوڭ ۋاڭلىغى پىسسە ۋۇ تاجىدار.

بۇ تۇڭچى ئۇنىڭ قەددەنى بىلمەدى،

بۇ چانتۇ دېدى، كۆزىگە ئىلمادى.

كى خان قاشىدا ئەردى دانا ۋەزىر،

بۇ مەنسەپ بېگىگە ئىدى دەستىگىر.

بۇ كەلگەن خەتنى ئوقۇپ ئاشكار،

بۇلار ھەممىسى يىغلاشىپ زار- زار.

بولۇپ جەمئىي ئۇلار باردى بۇتخانەگە،

سىرىن ئەيتمامادى بەلكى ھەمخانەگە.

ھەممە ئۇشبۇ ماتەمدە تۇتتى ئازا،

بۇ غەم - قايغۇ ئەندىشە بولدى غىزا.

ھەممە بۇز ئىگىن بىلەن ماتەم تۇتۇپ،

ساما سالدى گوياكى ئىتتەك ھۇلۇپ.

بۇ ئۆلگەنلەر ھەققىدە پوجاڭ ئاتىپ،

بۇ دارىنلەرنىڭ ئەمدى باشى قاتىپ.

ئەزىز خان بىلەن چاڭلۇڭ جانىن قېنى،

بۇ دۇۋاڭ بىلە شاڭخۇڭ، تۇڭچى قېنى.

بۇ ئۆتكەنلەرنى يىغلاشىپ قىلدى ياد،

مىسالى بۇ كوھنە جاھاندۇر رابات.

ئەزەلدىن دېدى بۇ جاھان بىۋاپا،

بۇ ئۆمرۈمدە دۆلەتتە يوقتۇر ۋاپا.

نەدۇر يىغلاماقتىن بىزلەرگە سود،                                            پايدا

جاھاندا ھەممە بولدىيۇ ھەم نەبۇد.                                        بولمىدى

كى ئەيۋاڭغا قىلىپ ئەردى ئادەم سېنى،

تاپىپ تاجلىق ئالدىڭىز تەختىنى.

بولۇپ ئەردى كاشىغەرگە قۇتلۇق ھەكىم،

بۇ يەڭلىغ بولالىغان ئەمەس ھىچكىم.

بۇ دۆلەتنى ئەيۋاڭغا خىزمەت قىلىپ،

دېدى تاپتىڭىز ماڭا ئىززەت قىلىپ.

ئۇلۇغلارغا خىزمەتنى قىلغان كىشى،

بۇ يەڭلىغ بولۇپتۇر ئىنىڭ كاج ئىشى.

بۇ ئامبان ھېكىم بەككە قىلدى سوئال،

سورايمەن دېدى ئەيتىڭىز بىمالال.

دېدى ئى ھېكىم بەگ ئاتاڭ كىم ئىدى،

نە يەردىن بۇ مەنسەپنى تاپقان ئىدى.

ھېكىم بەگ ئاتاسىن قىلالماي بايان،

جاۋابىن بېرەلمەي باقىپ ھەر قايان.

باشىن ئىرغاتىپ قاشىن تەۋرەتىپ،

بۇ ئامبان كۈلۈپ ئۇل زامان سۆز قاتىپ،

دېدى ئى سايىد راستىنى ئاڭلادىم،

ھېكىملىقنى باشتىن ساڭا شاڭلادىم.

دېدى ھېكىم بەگ خۇدانىڭ ئىشى،

ھەجەپ كاجگۇندۇر پەلەك گەردىشى.

بۇ دارىن ھېكىمنى قىلىپ ئىمتىھان،

بىلۇرمەن دېدى راستىن قىل ئايان.

**************************************************

كۇچاردا ئاتام ئەردى شەيخى مازار،

قەلەندەرچىلىكتە يۈرۈپ خارۇ - زار.

ۋە لېكىن سەھەرلەردە بىدار ئىدى،

ھەمىشە مازارلاردا يىغلار ئىدى.

ھۈنەر يوق، ئاتام ئەردى بىر نامۇراد،                                  بەختسىز

مىنەرگە تاپالماي ئېشەك بىرلە ئات.

تېرىلغۇ قىلۇرغا قېنى يەرۇ، سۇ،

كۇلانى كىيىپ دەر ئىدى ھويى ھو.

كى ئارام ئالالماس ئىدى بىر سەلىم،

قولىدا ھاسىسى يېنىدا چىلىم.

ئىشى دايىما بەڭ، تاماكۇ چېكىپ،

قولىدا راۋابىنى ناخۇن چېكىپ.                                            تىرناق بىلەن چېكىپ

ئوقۇر ئەردىلەر ئاشىقانە غەزەل،

بۇ يەڭلىغ ياراتمىشىن ئانى لەم يەزەل.                                خۇدا

باشىدا كۇلاھى قولىدا سوتا،

كۆڭۈلدە خۇداغا قىلىپ ئاھۇ ۋاھ.

بۇ دارىنغا ئەينى ئاتامغا يوق ئىش،

كى مېھنەت بىلەن ئۆتكۈزۈپ يازۇ - قىش.

سايىد بەگ قىلىپ سۆزىنىڭ راستىنى،

يوشۇرماي كۆرۈپ ئەردى جان دوستىنى.

بۇ ئامبان كۈلۈپ بارچە تۇرغان سىپاي،

تىزىغا قاقىپ ئەيدىلەر ھاي - ھاي.

كى بىزلەرگە قىلدى ھېكىم راستلىق،

دېدى راستلىق مەردى شاھبازلىق.                                      يۈرەكلىك، باتۇر

خۇدايىم پادىشاھنى گادا،

گادا گاھىدا ئەيلىگەي پادىشا.

*****************************************

كەل ئى نوكتەدان بىر سۇخەن ساز قىل،                            نوكتەدان = زېرەك، ئەقىللىق              سۇخەن = سۆز

قىلىپ دەستان قىسسە ئاغاز قىل.                                        باشلىماق

ئاتاسى سايىدنىڭ ئىدى توختى شاھ،

مەمەت تاجى بەككە ئىدى ئول تاغا.

كۇلانى قويۇپ كەيدىلەر موزانى،

كۆرۈڭكىم بۇ بەد ئەسلى مەي گوزانى.

ئاناسىنىڭ ئاتى بى بى رابىيەدۇر،

تەلەيدىن ئۆزى مەقسىدى كەئىبەدۇر.

ئۆزى پەنچى ۋاقىت دائىما سەۋم ئىدى،                        پەنج ۋاقىت = بەش ۋاق، نامازدىن كىنايە                                سەۋم = روزا

كېچىلەردە بىدارۇ بىنەۋم ئىدى.                                              نەۋم = ئۇيقۇ

ئاتانىڭ دۇئاسىنى قىلدى قوبۇل،

خۇدايىم ئاتا قىلدى ئىككى ئوغۇل.

قۇتلۇق بەگ، سايىد بەگ بۇ ئىككى ھېكىم،

بولۇپ شاھلىق تەختىدە مۇستەقىم.

ئاتاسى بولۇپ كاشىغەردە ۋاپات،

ئاناسى يۈرۈپ ئەردى ئۆلمەي ھايات.

كى ھاكىم بولۇپ ئاقسۇغا شاھ سايىد،

ىۇدادىن بولۇپ بەخەبە شۇم پەلىدە.

ئىچىپ كەر كۈنى ئوردا ئىچرە ئاراق،

كى مەيخادەلىق بىرلە توم - تاراق.                                                                          ھاراقكەشلىك

زىناۋۇ زالالەتدە پىسقۇ پۇجۇر،                                      زالالەت = ئازغۇنلۇق            پىسقۇ پۇجۇر = ئەخلاقسىزلىق، بۇزۇقچىلىق

يېتىشتى ئاخىرى دەۋلەتكە پۇتۇر.                                                زىيان

تاپىپ ھەر كۈنى ئوردا ئىچرە جالاپ،

جالاپ بىلەن يەيدۇ تائامۇ كاباپ.

نامازۇ نىياز بىرلە يوقتۇر ئىشى،

بولۇپ زۇلمى ناھەق ئىنىڭ قىلىمىشى.

قىلىپ ئاشكارە بۇ پىسقۇ پاساد،

ماتائىي شەرىئەتنى قىلدى كاساد.

بۇ شەرئىي سەرىبىگە بويۇن تولغادى،

ئەزىزانە ئاقسۇ ئۇنى قوغلادى.

ئاناسى نەسىھەت قىلىپ يىغلادى،

دىگەن سۆزلەرىنى قوبۇل تۇتمادى.

يوق ئەردى ھېكىم بەگدە دەستۇرخان،

رېزادۇر ئەگەر نان ئۈچۈن چىقسا جان.

ئۆزى تۈندە خۇي پاسىقۇ ھەم بېخىل،                                خۇيى يامان

خۇيى پەيلى مانەندى ئەبۇ جەھىل.                                مانەندى = ئوخشاش، ئەبۇ جەھىل = يامان بىلەن نام  چىقارغان ئادەم

نەسىھەت قوبۇل قىلمادى شاھ سايىد،

بولۇپ ئالى مەرۋان ئالى يەزد،                                      قەدىمدىكى زالىم پادىشاھلارنىڭ ئىسمى

ئەيتىپ بى ھايا سەگ خوجىلارغا ئوق،                            ئىش

بۇ تەھقىق بىلىڭدىن - ئىمانى يوق.

كەل ئى موكتەدان ئۈگە سۆزلەرنى قوي،

كېڭەش مەسلىھەتكە قىلىپ جوستە جوي.

دىدى جۇڭشى بولدى ئىلاجى نەدۇر،

ئەگەر خوجا كەلسە ئۇرۇشماق كېرەك.

بۇ جاننىڭ بارىچە ئۇرۇشماق كېرەك.

ھېكىم بەگ دېدى ئۆزۈم جەڭچىمەن،

يېغى بولسا رۇستەم ۋەيا تەھىمىتىدىن.                                                        دۈشمەن

قاراپ ئەيدى ئامبانغا سىز غەم يېمەڭ،

ئالۇر ئاقسۇنى ئۇشبۇ ئىشىڭىزدىن دېمەڭ.

بۇ شەھيار، كۇچا كىچىك بىر قەلئەدۇر،

ئۇنىڭدىن نە ئەندىشە نە ۋەھىمىدۇر.

بۇ ئاز خەلقىنىكى جۇغى قانچەدۇر،

كېلەدۇر بۇ يەرگە جانى نەچچەدۇر.

تاغام كاشىغەر تەختىدە ھۆكۈمران،

ئكزۈم ئاقسۇغا پادىشاھى زامان.

تاپىپ خۇجانى مەن ئۆزۈم جەڭ قىلاي،

جاۋابىن بېرىپ مەن ئۇنى تەڭ قىلاي.

ھەممە كاشىغەر، ياركەندۇ، خوتەن،

بۇ خان يارلىقىنى تۇتار جانۇ - تەن.

ئۇلار يارلىشىپ بەرسە بىزگە  چېرىك،

بۇ دۈشمەنلەرنىڭ بىرسى قالماس تېرىك.

ئىلەدىن يېتىپ كەلسە قالماق سولۇن،

سۇ ئۈستىدە بولغاي ئۇلار بىر قۇيۇن.

بېجىنگە يېتىپ بارسا ئۇشبۇ خەبەر،

ئۇ يەردىن يېتىپ كەلسە چېرىك ئەگەر.

ئەگەر چېرىك كەلسە بۇ لەنجۇ، شىجۇ،

دېدىلەر يېغى بىر تەرەپكە قاچۇ.

يېغىلسا ئەگەر لەشكىرى بى گاران،                                                    ناھايىتى كۆپ

قۇتۇلماس بۇلاردىن قاچىپ ھېچقاچان.

بۇ تۇرپان قارا شەھەر، ئۈرۈمچى ماناس،

بۇ يەردە چېرىك ھەددىدىن بېقىياس.                                                سان - ساناقسىز

خەبەر ئاڭلىسا بىزگە لەشكەر كېلۇر،

بۇ شەھيار كۇچالىق نە يەرگە بارۇر.

سايىد بەگ دېدى ھۆددەنى مەن ئالاي،

بۇ دۈشمەنلەرنىڭ جانىغا ئوت قالاي.

بۇ دارىن تىزىگە سوقۇپ شۇل زامان،

بولۇپ مانجۇلار خۇدەمۇ شادىمان.

دېدى ئۇ ھېكىم بەگكە تۇتقىل ھاراق،

ئىچىپ بادە مەست بولدى تومتۇم قاراق.

بۇ ماتەم ئىشىن ئارقىغا تاشلىدى،

بۇلار قايتى باشىدىن ئويۇن باشلادى.

بۇ ئامبان قولىغا ئالىپ بادەنى،                                                ھاراق

كى تانلاپ ھېكىم بەگ دىگەن سادەنى.

بۇ دارىن ھېكىم بەگكە تۇتتى ھاراق،

سايىد بەگ دېدى ماڭا كۆزۈ قاراق.

سېنىڭ بار ئىكەن مۇنچىلىك ھىممەتىڭ،

شىجائەت بىلەن بار ئىكەن غەيرەتىڭ.

ئۆزۈڭ سەن ئۇلۇغ خانغا لايىق كىشى،

بارابەر بولالماس ساڭا ھېچ كىشى.

بۇ ئامبان قىلىپ دەمبە دەم ئىلتىپات،

يېتىپ خىزمەتىڭ، خانغا ھەم خانەزات.

ھېكىم بەگ قوپۇپ ئانچىنان مۈركىدى،

ئايغىن قۇچۇپ خوش بولۇپ يىغلادى.

ھېكىم بەگ ئۆزى مەردى شەھبازدۇر،

چېرىك نەيىسىگە كۈمۈش ئازدۇر.

بۇ ساڭلاردا ئاشلىق قالىپتۇر ساسىپ،

يېغى كەلسە بىزنى مۇبادا باسىپ.

كۆكەردى بۇ ئاشلىققا، تۈشدى مېتە،

بۇ كەلگەن چېرىكلەرگە قانداق يېتە.

ساسىپ اردىن چىقتى ئاشلىق ئەرىق،

يېمەك تۆھپە بولغاي قىرىقتىن - قىرىق.

ھېكىم بەگ دېدى يۇرتدا ئاشلىق تولا،

تولادۇر بۇ ئاقسۇدا قوي ۋە كالا.

چېرىك جەلبەسى يامبۇدىن يەك ھازار،                                                      بىر مىڭ

ئىنىڭ كورلاڭى بولسۇن ئون مىڭ تاغار.

بېرەي ئىككى مىڭ ئات، بەش مىڭ كالا،

بۇ جۇڭشى دىگەن يۇرتقا كەلگەن بالا.

كى مىڭ مىلتىقۇ يەتتە يۈز ئوق يانا،

تۆكۈپ خانىدانىنى ئول بى ھايا.

كى بىر مىڭ قىلىچ، ئالتە يۈز نەيزىسى،

پەقىرنىڭ ئۇلۇغ خانغا دۇر جۇڭلەسى.                          ساداقەتلىك. قارىغاندا خەنزۇچىدىكى 忠 خېتىغا تەققاس قىلىنغان ئوخشايدۇ (يوللىغۇچىدىن)

بۇ تەيپو بىلەن ئالتىمىش زەمبىرەك،                                توپ - زەمبىرەك

خەزىنەمدەدۇر ھەرنە بولسا كېرەك.

بېرەي يەتتە مىڭ مال، بەش يۈر شۇتۇر،                        تۆگە

كى بىر مىڭ ئېشەك، تاپقانىم ئۇبۇدۇر.

چېرىكنىڭ ئەگەر بولسا ھەر كەم كۇسى،

بېرەر سايىد ھېكىم دوزەخ گۇندىسى.

ھېكىم بەگ بۇ سۆزلەرنى ئېيتقان ھامان،

بۇ ئامبان بولۇپ خۇررەمۇ شادمان.

خەت ئەيلەپ سېنى ئاقسۇغا ۋاڭ قىلاي،

يەنە بەيسەۋۇ تاجىلىق شاڭ قىلاي.

ساڭا ئاقسۇنىڭ مۈلكى بولسۇن جاساق،                                                بىرەر شەھەر ياكى رايوننى بىرەر كىشىنىڭ نامىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش

قىلالماي ئۆتۈپ ئەردى ئەھمەد ئىزاق.

قىسارسەن لەئەل جۇڭسى مارجانىدىن،

كى كەيشەك تاپارسەن ئۇلۇغ خاندىن.

قىلىشتى بۇلار ئانچىنۇن كوپتىگۇي،

ھېكىم بەگ دېدى ئاقسۇنىڭ شەھىرى ئوي.

شەھەر پەستەدۇر ئۇشبۇ دەريا ئېگىز،

نىچۈكتۇر بۇ ئىشنى خىيال ئەتسەڭىز.

قويارلار يېغى كەلسە سۇنى ئاچىپ،

شەھەردە تۇرۇپ بەرسە قىلغاي قەبەل،                                  قامال

چېرىكنى ئالىپ مەن چىقاي دەرمەھەل.

چېرىك بىرلە سايرام، قىزىلدا ياتاي،

كى تاڭشىن قىلىپ يولارنى باغلاتاي.                            بۇ بەلكىم خاتىرجەم قىلاي دىگەندىكى 放心 دىگەن سۆز بولۇشى مۈمكىن، ئەسلى ئەسەردە تاڭشىن دەپ ئېلىنغان.

يېقىپ خۇيزانى باي، سايرامدىن،

توسۇپ ئالدىنى شالدىراڭ تاغدىن.

يېغىنى ئالۇرمىز سۇنى بەرمەسەك،

كى تاڭشىن قويۇپ ئارقىدىن ئەپلەسەك.

قىلۇرمىز ئانى تەشنەلىكتە ھىلاك،

تومۇز كۈنلىرى بولغۇسى سىنە چاك.

ھېكىم بەگ قىلىپ سۆزلىرىنى ئادا،

بۇ تەئىزىم تاۋازۇئىنى قىلدى بىجا.

بۇ ئامبان تۇرۇپ ئىرغىتىپ باشىنى،

تۆكۈپ ئەبىر باران كۆز ياشىنى.

سېنىڭدىن كېلۇر بىزگە كۆپ ياخشىلىق،

دېگەن سۆزلىرىڭ ياغۇ - سۈتتىن ئىللىق.

بۇ ئامبان دېدى بارما مەندىن يىراق،

جۇدالىق ئوتىدا چېكىپ ئىشتىياق.

بۇ بەگلەردە يوق سەندىكى ئېتىقاد،

بۇ تۇنگان خۇنرىزى بى ئېتىماد.                      خۇنرىز = قان تۆككۈچى          بى ئېتىماد = ئىشەنچسىز

چېرىكنى ئالىپ بارما سايرام سىيان،

ۋە لېكىن ئارامىزدا تۇنگان يامان.

ئېرۇرسەن مېنىڭ تەن ئارا قۇۋۋەتىم،

كى غەم كۈنلىرى مۇنسىم ئولپەتىم.

ئىرۇرسەن تېنىم ئىچرە ئارام جان،

بۇزۇق كۈلبەم ئىچرە يېڭى مېھمان.                                      كىچىك ئۆي

جاھان باغى ئىچرە ئاچىلغان گۈلۈم،

قەپەس ئىچرە سايرىغان بۇلبۇلۇم.

*******************************************

دېدى سىز بارىڭ ئەمدى ئىشلەنچى خام،

تۇرۇپدۇر قىلۇر ئىشلىرىڭ ناتامام.

ئىككى يول توغامىدا يولدا ياتىپ،

توسۇپ ئالدىنى كەلگەننى ئاتىپ.

سايىد بەگ ئۇرۇپ ئانچۇنان لاپو قاپ،

بۇ ئامبان قىلىپ چەشمەسىنى سىراپ.                                              بۇلاق

بۇ ئامبان دېدى شەھەردە تۇنگانى بار،

ئەگەر بولسا شوخەيزە تۇنگانغا يار.

بۇزۇلسا شەھەر بىزگە دىشۋار سەخت،                                                بەك قىيىن

كېتۇر ئىلكىمىزدىن دېدى تاجۇ - تەخت.

بۇلار ئەيلەدىلەر چېرىكنى شۇمار،                                                        ساناق

بۇ قالماق، مەنچىڭ دۇسەد يەكھازار.                                                      ئىككى يۈز مىڭ

مۇساپىر، مۇجاۋىر ئىدى يەتتە يۈز،

بۇ خەيلى سىپاھ ئەردىلەر ئىككى يۈز.

مىراخور، باكاۋۇل، بۇرچى، ئۆيچىسى،                                                            ئاشپەز

يەنە ناغرا، كارناي - سۇنايچىسى.

كۆتەرتىپ بۇ كۈنلۈك تۇغ ۋە ئەلەم،

چالىپ ئالدىدا ناغرا ناققارا ھەم.

بۇ پەرراش ئوتۇنچى بىلەن چايچىسى،                                              كۆرپىچى

ھاپىزلار كېلىپ بىر توققۇز نەغمىسى.

ھەممە ھۆرپەگەر خەلقى ئەھلى بازار،                                                ھۈنەرۋەن

بولۇپ مانجۇ، يەرلىك بازى سەھازار.                                                ئۈچ مىڭ

چېرىكى ئانىڭ مىڭدىن ئوشۇق،

ئۇنىڭ ئارقىسىدىن توشۇبدۇر توشۇق.

بۇ سۈكۈ قىماربازنى يىغدى تامان،

كىيەرگە ئىگىن جابدۇقى ئەردى كام.

تۆمۈرچىگە نەيزە قىلىچ ئەتتۈرۈپ،

ئەگەر ئەتمىسە باشىغا تەپتۈرۈپ.

ھۆكۈم قىلدى بەرگىل تۆمۈر يا كۆمۈر،

دېدى ئۇستالار زايە ئەتتى ئۆمۈر.

قازانچىغا قۇيدۇردى قىرلىق چوماق،

ھەممە جابدۇغى پۈتتى يوق ئات - ئۇلاق.

ھېكىم بەگ دېدى دىۋانغا ئات چاپىڭ،

ئەگەر بەرمەسە گەردەنىگە ياپىڭ.

نە يەردىكى ئات بولسا ئالدى تالاپ،

يۈرۈپ دوغىلار ئۆيمۇ - ئۆينى بۇلاپ.

شەھەر ئىچرە ھېچكىمدە ئات قويمادى،

ھارامزادە سەگ پۇل ئېلىپ تويمادى.                                                    ئىت

قىماربازلارغا بەردى ئاتنى ئالىپ،

خالايىقلارنى يىغلاتىپ قاخشاتىپ.

يامانلارنى يىغدۇردى، كەتتى يامان،

يامانلار كېتىپ بولدى ئاقسۇ ئامان.

دېدى ئاقسۇنى بەرمەگەيمەن قويۇپ،

تۇرۇپمەن بۇ ۋاقىتلاردا جاندىن تويۇپ.

ئەگەر بۇ بۇلۇق كەلسا شەھيار كۇچار،

مېنىڭ لەشكىرىم باردۇر سەدھازار.                                                              يۈزمىڭ

بۇ ئامبان دېدى شەھەردە تۇڭگان تولا،

بېرىكىپ يوق ئەتسەك مونى ئەۋۋەلا.

بۇ خۇي - خۇيلارنىڭ ھەر بىرى شىرى نەر،

بىرى قانچە خەلقنى قىلۇر زىر - زەبەر.                                                  ئاستىن - ئۈستۈن

دېدى شەھەر ئىچىنى بىسەرەمجان ئېتىپ،

چېرىك بىلەن جامغا يۈرۈڭ ئەزىم ئېتىپ.                                              قەست

سايىدبەگ بۇ ئىشقا نە تەدبىردۇر،

بىلالمام نە چارە، نە تەقدىردۇر.

ھېكىمغا دېدى كۆرسەتىڭ مەسلىھەت،

قايۇ ئىشتا بولغاي ماڭا ئەمىنىيەت.                                                    تىنچلىق

بۇ ئامبان دېدى ئايلانبىدۇر باشىم،

خىيال ئەيلەسەم كۆزدە تۇرماس ياشىم.

كېچە بولسا ئەمدى ماڭا ئۇيقۇ يوق،

بۇ سىنچاي، تاماكۇ بۆلەك تۆھمە يوق.

كىكىرتەكتىن ئۆتمەيدۇ ئەمدى غىزا،

تىرىك يۈرگەنىمگە بولۇپ نارىزا.

كۆڭۈل خوشلۇقى ئۈچ بالام، تەتىيىم،

كى بۇنداق كېلىبدۇر مېنىڭ تەلەيىم.

بۇ دارىن بۇ سۆزنى دېدى يىغلادى،

ئۆلۈمگە ئۆزىنىڭ بېلىنى باغلادى.

ھېكىم بەگ دېدى ئەيلەدىم بىر خىيال،

بۇ خۇيخۇينى ئەمدى يوق ئەتمەك ماھال.

بۇ ۋاقتىدا چېرىك بىزدە بەك ئازدۇر،

بۇ تۇنگانىلار مەردى شاھبازدۇر.

ھېكىم بەگ دېدى نەچچە كۈن سەبىر ئېتىڭ،

جاھان تىنچلىقتۇر شەھەردە ياتىڭ.

دېدى ئەيلىگەيمەن بۇ ئىشقا ئىلاج،

مۇڭا سەرپ ئېتەي قانچە بولسا خىراج.

سانايلى بۇ تۇڭگانلار قانچە بار،

بۇ مەنچىڭلىنى ئەيلىگەيلەر شۇمار.                                        سانىماق

بۇلاردىن ئالىپ ھىيلە بىرلە ئەدەد،

كى بىزلەر تۇرۇپ سىزگە قورقماق نەھەد.

بۇ شاڭلۇ ئىمامىغا قىلدى جاكا،

ياشنى ئۇكام دەپ قېرىنى ئاكا.

ساناپ ئۆتكۈزۈڭ خەلقىڭىز نەچچە بار،

كى بىر - بىر ئانى ئەيلەدىلەر شۇمار،

بۇ توققۇز يۈز ئوتتۇز يەتتە ئەردى كۇبار.                                                    چوڭ ئەر كىشى

ھېكىم بەگ دېدى ئامبانغا سىز شۈك تۇرۇڭ،

كى ھىممەت قىلىپ بوشۇماي بەك تۇرۇڭ.

دېدى بۇ شەھەردە ئۇرۇشماق يامان،

بولۇرمىز دېدى يا ئۇيان، يا بۇيان.

دېدى مۇندا باردۇر بالا - بارقامىز،

بۇ تۇڭگان بىلەن سۈلھى قىلساق بولۇر،

ئاڭا ياخشى ئەيتىپ ياراشساق بولۇر.

دېدى ئۇشبۇ نەۋبەت سۆزۈمگە كىرىڭ،

بۇ تۇڭگان بىلەن ئەھدى پەيمان قىلىڭ.

دېدى سۈلھى قىلساق بولۇرسىز ئامان،

بۇ ئىشدا دېدى يوقتۇر ھىچبىر زىيان.

ئىلىدىن يېتەر بىزگە نۇرغۇن كۆمەك،

نەچچە كۈن دېدى سەبرى قىلماق كېرەك.

غەنىمەت تۇرۇر نەچچە كۈن بىزگە جان،

تاپىلغاي ھايات بولسا يۈزمىڭ جاھان.

بۇ دارىن دېدى سەن ئاتا، مەن بالا،

كى بولغىل دېدى مەن ئىنە، سەن ئاغا.

ئىشىتتى بۇ ئامباندىن ئۇشبۇ جاۋاپ،

كېلىپ قاش ئاتىپ تۇردى باشىن سىلاپ.

ھەرنى ئىشنى قىلۇرسەن ئۈزەڭ بىل دېدى.

ئۆزەڭنىڭ خىيالىچە قىلغىل دېدى.

بۇ شاڭلۇ ئىمامىغا بۇ سۆز دېدى،

بۇ سۈلھى قىلىشماقنى مەققۇل دېدى.

بۇ دارىن قۇيۇپ بەرسە سىزلەرگە چاي،

دېدى سۈلھى قىلساق بولۇر ھاي - ھاي.

كېڭەشتى بۇ تۇڭگانى بەردى جاۋاپ،

ئۇرۇشسا ئىكوۋ سۈلھى قىلماق ساۋاپ.

بېجىن خەلقى خۇيخۇيلار بولسا ياراش،

ئەزەلدىن ئىكۇلان ئىرۇرمىز قاياش.

شەھەر ئوتراسىدا دېدى بۇ مازا،

بۇ شىڭرىن ئۆزى ئەيلىگەن خانىقا.

كى سىزنىڭ ئۈچۈن نەزرىنى مەن بېرەي،

تۈنەي بىر كېچە خانىقاغا كىرەي.

ئاتامدىن قىرىق مالۇ، سەككىز كالا،

دېدى رەد بولۇر باشقا كەلگەن بالا.

كى مىڭ جىڭ گۈرۈج، جەمئىي يۈز جىڭچە ياغ،

قالارغا ئوتۇنى يىگىرمە ئۇلاغ.

نانى ئىككى مىڭ، بەش تاغار سەبزەسى،

پەقىرنىڭ بۇدۇر ئاتاغان نەزرەسى.

ئۇلۇغ داشقا سالسۇن كالا بىرلە قوي،

بۇ پوكشكالۇ قۇيماق بىلەن يېدى بوي.

يىغىلدى بۇ تۇڭگانىلار خاسۇئام،

بۇ شاڭلۇمۇ ئەززىنلىرى ھەم ئىمام.

بۇ ئەئىلەم بىلەن مۇپتىيۇ ھەم خەتىپ،

بۇ قازى مۇدەررىس بىلەن مۇھتەسىپ.

بۇ ئىشان خەلىپە مۇئەززىن، ئىمام،

ھەممە چوڭ - كىچىك ئەھلى قوۋمى تەمام.

يىغىلىپ ھەممە جەمئىي خەيلى سۇپاھ،

بۇ سۈلھى ئىشىغا دېدى مەرھابا.

كى سورۇن قىلىپ تارتتىلار ئابۇ - ئاش،

ئۇ دۇخەيلى بىر - بىرىگە بولدى ياراش.                                    دۈشمەن گۇرۇھى

سىپارە ئوقۇشتى ھەممە قارىلار،

ھەممە پازىلۇ مۇتتەقى ھاجىلار.                                              پازىل = بىلىمدان                مۇتتەقى = ئۆزىنى پاك تۇتقۇچى

تىلاۋەت قىلىپ بەئىدى خەتمە دۇئا،                                      دۇئانى تۈگەتكەندىن كېيىن

تۇتۇپ ئەھدى قىلدى كالامى خۇدا.

بۇ تۇڭگانلار بىلەن مانجۇ قىلدى ئەھد،

قۇتۇلدى بۇ غەمدىن ھەمە ئەھلى دەرد.

بۇ قارى ئالىپ نەزرى يۈز سەر كۈمۈش،

كۈمۈشتىن خوش بولۇپ قىلدى جۇش.

بۇ ئامبان يۈرۈپ ئەمدى بۇدخانەگە،

يېتىپ باردى يەرلىك سەتەمخانەگە.                                      بۇتخانا

بۇ غالدا يۇ دالۇيە بىرلە نىيۇن،

پىچىرچى، پىيە، زۇڭياۋۇ، چىڭشايۈن.

چېرىك ئامبانى بىرلە دالۇيەسى،

يەنە باشقا شويا ۋە ما لۇيەسى.

باردى بۇتنىڭ ئالدىغا تۇردى قاتار،

دېدى ئەپۇ ئېتىڭ بىزدىن ئۆتسە خاتا.

كى بۇت ئىرۇر ھەمە  بۇتدىن ئەزىز،

يىكەن ئۈستىگە چاپلاغان بىر سېغىز.

بۇ تەخت ئۈستىدە ھەممەسىدىن بەلەند،

ئىدى قەددى سۈرەتدە ھەم سەربەلەند.                                        بېشى ئېگىز

باشى ئەردى گۈنبەز، ئانىڭ ئاغزى غار،

ئىككى بازۇسى ئەردى شاخى چىنار.                                              بېلەك

سالىنغان قوساقى ئانىڭ يامىدەك،

مىسالى ئىككى كۆزى جامىدەك.

تاۋانا ئۆزى، يۈزلارىدۇر قىزىل،

قىزىللىق ئىرۇر سىرلاغان ئابۇ گىل.

باشىغا قويۇپ ئەردى زەررىنە تاج،                                                                ئالتۇن

بۇ بۇت بى ماجال ئولتۇرۇپ نائىلاج.                                                              كۈچسىز

ئاڭا تەبىئەت ئەيلەگەن بىر ساقال،

تۇرار نەچچە بۇت ئالدىدا پايىمال.

بۇ بۇتلار تۇرۇبدۇر بۇ ئۆيلەردە زىچ،

تېگىگە ئانىڭ تىزغالى پۇختە خىش.

مۇنى سىرلاغان ئۆگزەسىدۇر ئېگىز،

بۇ ئۆي يوق زىلچە يا كېگىز.

بۇ ئۆيلەرنىڭ ئىچىدە ئېگىز - پەس سۇپا،

يانا تۆت تەرەپتە ئېگىز كۇرسى با.

قويۇبدۇر سۇپا ئۈستىدە كاتتا تەخت،

تۇرۇبدۇر بۇ تەخت ئۈستىدە يېرىم تەخت.

ئو شۇل بۇت ئىرۇر ھەممە بۇتتىن يوغان،

بۇ گۈنبەز مەسەللىك ئىرۇر نەۋ جاۋان.                                                          ياش

نەچەسى ئانىڭ ئولتۇرۇپ كۇرسىدا،

نەچەسى يانا يانداشىپ يانىدا.

بىرىگە بىرى ئوخشاماس ياڭزاسى،

قولىدا تاماكۇ بىلەن غاڭزاسى.

بەرەھمەن قويۇپتۇر، بۇ بۇتنى باقار،                                                              بۇتخانا شەيىخى

قېنى باققانى ئاچ قويۇبدۇر باكار.

تۇرۇپ ئالدىدا، بەئىزىسىدۇر ئۆرە،

بۇ چوڭ بۇت دېدىم ھەممىسىگە تۆرە.

ھەممە بۇت دېدىم قانچەدۇر ئى تاغا،

دېدى سى شى چى يا دېدى سى شى با.                سى شى چى = 47،      سى شى با = 48

بۇ بۇتلار تۇرۇبدۇر ھەممە تەشنە، ئاچ،

بەدھىنە ئىگىن يوق ھەممە يالاڭاچ.

كى ھىچ تۈھمە يوق ساڭزا، جىڭ موماسى،

كى يوقتۇر كېگىز، يوتقان - كۆرپەسى.

كۆرۈنمەي ئۆيدە چۆگۈن يە قازان،

بۇ ئاشلىق بىلەن رەڭگى بولمىش خازان.

يوق ئىركەن ئۇنى، ياغۇ ئاشلىق تۈلۈك،

ھەممە قوشنىدۇر يوق ئۆزىدە مۈلۈك،

زىمىستان سوغۇق بۇتلار قانداق قىلۇر.

نەچەسى ئۆز ئورنىدا توڭلاپ قالۇر.

بۇلار چوڭ - كىچىك بۇتقا يىغلار ئىكەن،

باقالماي بۇ بۇتلارنى قىينار ئىكەن.

پۇتىدا ئۇنىڭ ئەردى زەرىن كەپىش،

قويۇپ ئالدىغا نەچچە تۈرلۈك يېمىش.

بۇ نۇقلى پاتازا بۇ قەندى گېزەك،                          شېكەردىن ياسالغان يېمەكلىكلەر، مەنپەسىلەر

تۇرار كۇرسى ئۈستىدە ئۇ بىر كىسەك.

بىرسى زېمىستاندا يالغۇپ ياتار،

بىرسى قوپالماي تالغۇپ تۇرار.

بۇلۇبدۇر دىدىم ئۇشبۇ بۇت نان يىمەس،

بۇ مانجۇلىغا تىش يارىپ سۆزلىمەس.

يىمىشكە قاراپ باقمىدى بىر قىيا،

ئۇياتچانمىكىن قىلدى ئەلدىن ھايا.

بۇ قاتتىق يىمىشكە تىشى ئۆتمىدى،

دىدىم بۇ جەھەتتىن قاراپ باقمادى.

بۇ نۇقلى نابات بىرلە قويدى ئۈرۈك،

ئانى ھەم يىمەي ئولتۇرار بۇ ئۆلۈك.

ئۆلۈكتۇر دىسە ئولتۇرادۇر قاراپ،

يەنە بىر قولىدا يۈزىنى سىلاپ.

ئانىڭدىن بۆلەك باردۇر نەچچەسى،

بۇ بۇتنىڭ ئىرۇر ئەبرى ۋە نەبرەسى.

بۇ بۇتدىن يىراق ئولتۇرۇپتۇر بىرى،

بۇ دەججالنىڭ زىشتى رۇيدۇر تۈرى.                                                    يۈزى سەت

قۇچاغىدا دۇر سۈت ئېمىتكەن بالا،

مۇنىڭدىن بۆلەك ئۆزگە بۇتلار تولا.

بېلى خەم بولۇپ ھەم ئارقامىش باشى،                                              پۈكۈلۈپ

كى يىغلاپ تۇرادۇر ئاقادۇر ياشى.

بۇ بۇت خاتۇندۇر يا ۋە يا دەللىسى،

قېرىنىڭ يانىدا تۇرار پەللەسى.

بۇ چوڭ بۇت ئولتۇرۇپدۇر قاراپ،

ولىدا بالاسى بېشىنى سىلاپ.

بىكاردىن بىكار يىغلاماس بۇ خاتۇن،

سالارغا كىگىز يوق، قالارغا ئوتۇن.

دىدىم ئۇشبۇ بۇت نامرات بۇت ئىكەن،

مۇڭا گۆر كىبەنلىك ئىككى ئات ئىكەن.

.اتىغا تاپالمايدۇر ئارپا - بېدە،

كى توڭلاپ قالىبدۇر تۇرار ئورنىدە.

يىمەيدۇ بۇ ئات ئوت، سامان يا بوغۇز،

ۋە يا ئورنىدىن تەبرىمەيدۇ ھونۇز.

بۇ بۇتنىڭ يىمەككە يوق ئەركەن ئاشى،

ئۆلۈبدۇر بۇ خىزمەتتە تۇرغان كىشى.

بۇ بۇتتا كۆرۈنمەيدۇ بۇيى ساپا،

قىلالماس دىدىم ھىچ كىشىگە ۋاپا.

جۇلۇسىدا تۇرغان بۇ ئىككى سىيىز،

كىيەرگە ئىگىن يوق، سالارغا كىگىز.

ئانىڭ رەڭگىدىن ئاش يىگەن تەرى يوق،

تۇرادۇر ئۆرە مۇردە بار، قەبرى يوق.                                                      ئۆلۈك

بۇراۋ ئەيتادۇر ئۇشبۇ بۇت رەنجىدۇر،

يۇرت مۇنجى لەقۋاۋۇ پالەنجىدۇر.

قۇلاغى ئىشتمەيدۇر، كۆزى بەسىر.                                                          قارىغۇ

تەبىبكە ھىلى ئولتۇرادۇر مۇنتەزىر.

كى ئىشىدە بولۇپتۇر ھىلى بۇ كېسەل،

كەبۇتەر كابابى، بۇيۇردى ئەسەل.

تەبىبنىڭ ئۆزى مەردى دانا كېرەك،

دىدى موللا سىدىق تاۋازۇ كېرەك.

بۇ بۇتنىڭ ئۇشۇللار جازاسىن بېرۇر،

كېلىپ شەربەتتىن كى مۇكاسىن بېرۇر.

ئېغىز بۇرنىغا ئۆمۈچۈك تور كىرىپ،

بۇرۇن - ئاغزىدىن جانۇ- جانىۋار كىرىپ.

تۇتۇپ باشىدا قارلىغاچ ئاشىيان،                                            ئۇۋا

ھايا قىلمايىن باشىغا ساڭقاغان.

بولۇپ باش - كۆزى جانۇ - جانىۋار پوقى،

بۇ - ئاجىزلىقى، قۇۋۋەتىنىڭ يوقلىقى.

تۇرار دەرۋازىسىدا ئىككى ياساۋۇل،                                        خىزمەتكار

بۇ ھەيبەت بىلەن چاغلاماڭ سىز ئۇسۇل.

كۆرەرسىز ئومۇدىنى تەڭلەپ تۇرار،

سورابراق كىرىڭ باشىڭىزغا ئۇرار.




تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2007-11-18 17:24 |
Yawuz
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى

UID نۇمۇرى: 1787
نادىر تىمىسى : 6
يازما سانى : 519
ئۈنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە519دانە
شۆھرىتى: 1458 نومۇر
پۇلى: 4840 سوم
تۆھپىسى: 100 نومۇر
ۋاقتى :991(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
كەل ئى ئوكتەدان دەي بۇ ئەپسانەنى،

بۇ ئامبانلارنىڭ ئەھدۇ پەيمانەنى.

قويۇپ جوزانى جوزا ئۈستىدا كات،

ئاڭا نەچە قۇر تىزدى نۇقىلە - نايات.

نەچە ئاتۇ  قويلارنى كەلدى تاپىپ،

سويۇپ چاۋاسىن قوي باشىغا يايىپ.

بەرەھمەن تۇرۇپ قىچقىرىپ ۋاڭ - ۋاڭ،

ياغاچنى بۇ چاڭغا ئۇرۇپ جاڭ- جاڭ.

ئوقىدى ئۆزى رەسىمىچە بىر غەزەل،

كى يىغلاپ بۇ ئامبان دىگەن لاي غەزەل.

بۇ جاڭدىن چىقىپ نەچچە تۈرلۈك سادا،

بۇ مەنچىڭلار كۆپ يىغلىشىپ بى ئىبا.                                                      تارتىنماي

پويۇپ پىڭزانى جوزا ئۆزرە قاتار،                                                          كوزا

تىزىپ جۇڭزانى قويدى نەچچە قاتار.                                                    رۇمكا

قويۇپ پىڭزانى جۇڭزاسىغا شاراپ،

تىزىپ جوزاغا قويدى نۇقلە كاباب.

بۇ كاغەزنى كۆيدۈردى پوجاڭ ئاتىپ،

بۇ بۇت ئالدىدا يىغلادى دۈم ياتىپ.

ھەممە تۇردى باشىدىن كۇلاسىن ئالىپ،

قاراپ تۇردى سائەتچە باشىنى سالىپ.

ئالىپ بۇتنىڭ ئالدىن ئىچتى ئاراق،

ئانىڭ ئەھدۇ پەيمانى بۇدۇر ساياق.

بۇ غەم - قەيغۇدىن كۆڭلى دىلجەمئى بولۇپ،

تاۋازۇ بىلەن گەردەنى خەم بولۇپ.                                                                            ئېگىلىپ

بۇلار بولدىلار خۇدەمۇ شادىمان،

نەچچە بۇلار ياتتى ئەمنۇ - ئامان.

بۇ ئامبان ھېكىم بەگكە سۆز باشلادى،

دېدى ھالىتىنى، كۆزىنى ياشلادى.

دېدى ئى سايىد بەگ قىلاي سىزگە ئەرز،

تۇرۇپتۇر ماڭا يەتتە يۈز يامبۇ قەرز.

ھەي ئايدا ئىككى يامبۇدۇر لىي چەنى،                                                              ئۆسۈمى

نىچۈك ئەيلەيىن كەلسە مەي - مەي  چىنى،

بۇ مەنسەپ ئۈچۈن پۇل ئالىپ خەرجلەدىم،

بۇ جىڭشى بولارىنى مەن بىلمەدىم.

مېنى ھەر كۈنى يامبۇنى دەپ تۇتۇپ،

خىيالى مېنى كەتكۈسى خام يۇتۇپ.

پۇل ئالدىم ئانى بولمادى سوققانى،

كى ئامبان قويۇبدۇر ئانى باققانى.

بۇ تاپقان پۇلۇم يامبۇنىڭ لېچىنى،

تېخىچە تۇرۇبدۇ ئانىڭ بىڭچىنى.                                                      دەسمايىسى

ئۇرۇق - تۇققانىم ماڭا بۇرېن بولۇپ،

بۇ مەي - مەيچى ئالدىدا كۇرىن بولۇپ.                                        مېھمان

كۆڭۈل خوشلۇقى تەتىيىم ئۈچ بالا،

بالا ئۈستىگە ئەمدى كەلدى بالا.

بۇ دەردىمنى كىملەرگە ئىزھار ئېتەي،

دىسەم باش ئالىپ بىر تەرەپكە كېتەي.

سايىد بەگ دىدى قەرزدىن غەم يىمەڭ،

ماڭا دىدىڭىز ھىچ كىشىگە دىمەڭ.

ھاكىملىققا مىڭ يامبۇ بەردىم پەقىر،

كى سىزگە بولۇرمەن يەنە دەستىگىر.                                                  ياردەمچى

بېرۇرمەن بۇ شەھيار، كۇچادىن ئالىپ،

بېرۇرمەن دېدى ئاقسۇلۇققا سالىپ.

يىغىنى يوق كەتسەڭ بولۇر ئەۋۋەلا،

كۇچاردا خەزىنەم، دەپىنەم تولا.

ئەددەدىن تولا ۋاڭ بېگىمنىڭ پۇلى،

ئىرۇر شاھ ئول، مەن ئانىڭ بىر قۇلى.

بۇ غەم - قايغۇ ئەندىشە قىلغان بىكار،

دىدى قەرزىڭىز بىر بۇلۇڭدىن چىقار.

بۇ ئىشتىن يېمەڭ زەررە ئەندىشە -غەم،

ماڭا ئەيتۇرۇڭ بولسا بىر نەرسە كەم.

قىلالى بۇشىڭرىن بىلەن ئەمدى جەڭ،

كى ھەرنەرسە تاپساق ئارىمىزدا تەڭ.

بۇ ئامباننىڭ ئاغزى قۇلاققا يېتىپ،

يەنە بۇرنى ماڭلايىدىن ئاشىپ.

ئۇلۇق خاننىڭ ئالدىدا بار ئابروي،

بۇ جۇڭشى ئىشغە قىلىپ جۇستۇجۇي.                                                          ئىستەك - سوراق

بۇ جامدىن ئېرىىمەي خەت ئەيلەپ تۇرۇڭ،

بۇ تاڭشىندا تۇتقانى باغلاپ تۇرۇڭ.

بۇ دالويە بولدى ساڭا ھەم سەپەر،

زېرىكمەي بارۇرسىز بۇ نارى سەقەر.                                                            دوزاق ئوتى

دىيىشمەي ئىكوۋ ھىچ سۆز قالمىدى،

باشىدىن جۇلاسى ئالىپ مۈڭگۈدى.

قىلىشنى بۇ ئامبان بىلەن خەيرىياد،

بۇ يامۇن ئىچىدىن چىقىپ خەيرىباد.                                                          ياخشى بولسۇن

چالىبان تەبەل ناغرا نەققارەنى،

بەجا كەلتۈرۈپ رەسمى شاھەنەنى.

توشۇپ ئالدىغا مەنچىڭ لەشكىرى،

ئۆزىن چاغلاشىپ شىردەك ھەر بىرى،

بۇلار كەينىدىن يۈردى قالماق، سولۇن.

ئاتىشماق، چاپىشماق ئاڭا بىر ئويۇن.

يۈرۈپ كەينىدىن ئەندىجان، كاشغىرى،

بۇ قىلغان ئىشى شەرئىدىن تاشقىرى.

مۇسۇلمان ئەگەر بولسا دۈشمەنگە يار،

جەھەننەمدە بولغاي ئانىڭ ئورنى نار.

بۇ ئاخۇنۇ، ئەشرەپ، خەلپە، ئىمام،

ھەممە بەگ بىلەن جۈملە ئەھلى كىرام.

قىلىپ نەغمىچى نەغمىنى ئۈچ قاتار،

بۇ نەخشى غەزەلنى ئوقۇپ نەچچە بار.

چىقىپ يار باشىغە ھەممە ئامۇ  خاس،

شەھەردە كىشى قالماي ھازەلقىياس.                                                                  شۇ يوسۇندا، شۇنداق

ئەلەم، تۇغۇ، بايراقۇ كۈنلۈك تۇتۇپ،

سايىد بەگ بارۇر غەم بىلەن قان يۇتۇپ.

بۇ شاھنىڭ باشىغا يېتىپ بۇ ئەلەم،                                                                    دەرت

ئەلەمدىن پۇلەم ئەللىگ ئالتى ئەلەم.                                                              بايراق

بۇ يەڭلىغ قىلىپ دەبدەبە ۋە ئەسئەسە،                                                              داغدۇغا

مۇرادى ئانىڭ ئاقسۇنى خام يىسە.

چىقىپ يار باشىغا ھەمە دوستۇر يار،

قولىدا تۇتۇپ يارىنى كەتتى يار.

قىلىپ ئەلۋىدا جايىغا ياندى يار،

پىراقىدا ئەيتۇر ئىدى يار- يار.

" كۆڭۈل ئۈزمەيىن ياردىن كەتتى يار،

سەپەرگە بارىپ كەلمەدى يار - يار.

كۆڭۈلدە پىراقۇ ئوتۇڭ بار - بار،

كويۇڭدا نېتەي يىغلاماي زار- زار"

چىقىپ ئاقسۇدىن يەتتىلار جامغا،

تۇرۇشتى ئويۇن كۈلكە ھەڭگامغا.                                                    بىر ئىشنى باشلىماق، سوقۇشماق.

بۇ جاڭپاڭ قويۇپ چۆرەسىن قاڭ سوقۇپ،

جىسەكچى جىسەپ جىڭ بىلەن جاڭ سوقۇپ.

پۇ تۈشكۈن قونالغۇ ئانىڭ غەۋغاسى،

بىر ئادەمنى ھايداپ ئىككى دوغاسى.

يىغىپ ھۆرپەگەرلەرنى قىلدى بازار،

ئىككى داۋزانىڭ ئالدىدا ئىككى دار.

بۇ سۇكۇ قىمارۋازيۈرۈيدۇ سۇلاپ،

يۈرۈيدۇ ئۆيمۇ - ئۆي كەلدى ئەلنى بۇلاپ.

ئېغىللاپ كالانى، قوتان بىرلە قوي،

قىمارۋاز جالاپلارغا ھەر كۈندە توي.

كى تاڭشىن قىلىپ بارغانى ھەر قايان،

كى باشقۇنچىلىق قىلسا قىزۇ - جۇۋان.

قويۇپ ئارپا - بۇغدايغا لەشكەرلەر ئات،

ئانىڭ ئەرزىگە يەتمەي قىلسا دات.

سۈرۈك بىلە ئىلقىنى كەلدى سۈرۈپ،

تالاشسا ئانى باغلاتىپ ئۆلتۈرۈپ.

كى داد ئەيلىگەننى ئاسىپ دارغا،

ئانى يەم قىلىپ قارغاۋۇ - سارغا.

بوغۇم تۇتمىغان مايسىلارنى ئورۇپ،

ئاتىغا بېرىپ ئاتنى باغلاتتۇرۇپ.

ئانىڭ ئوينىشى ھەر كۈندۇر قىمار،

كېچە - كۈندۈز ئالدىغا نەغمە- نىگار.

ئەگەر بار بولسا ھەر جايدا لولى جالاپ،

ئانى كەلتۈرۈپ ئىچتى جامى شاراپ.

بۇ تاڭشىن مۇسۇلماننى كەلسە  تۇتۇپ،

بۇ مەنچىڭغا باغلاتىپ ئۆلتۈرۈپ.

ھەم ئەپيۇن چېكىپ بەڭ بىلەن بوزەنى،

جالاپنى قويۇپ، تاپتى مەيگۇزەنى.

بۇ بەتبەخت لەئىن شەرئىنى تۇتمادى،

چاقلىغان تۆشۈك يەر يۇتمادى،

بۇ تاڭشىن قىلىپ ئىككى يولغا قاراپ،

سايىد بەگ بۇ جاڭپاڭدا ياتتى ماراپ.

+++++++++++++++++++++++++++

يىلى مار ئەردى ماھى ئوشۇر،                                          يىلان يىلى ھوشۇر ئېيى

دىدى ئەمدى پەيمانە تولسا تاشۇر.

خوجامغا بەشارەت بولۇپ ئول زامان،

بولۇپ چوڭ - كىچىك خۇررەمۇ شادىمان.

كى يارلىغ تۈشۈپ راشىدىن خاندىن،

كۇچاردىن چىقىپ سەيد بۇرھانىدىن.

بەشارەت خوجاملارغا مەغرىپ سارى،

ئۇلۇغ پىشەنىڭ شىرلىرى ھەر بىرى.

بۇ شەھيار، كۇچاردىن يىغىلسۇن تامام،

غازاتقا بارادۇر ھەممە خاسۇ - ئام.

بۇ نۆبەت ئۆيدە كىشى قالماسۇن،

كىشى نۆبىتىگە كىشى بارماسۇن.

يىغىلدى بۇ لەشكەرلەر ھەدىدىن پۇزۇن،

ھەممە زەۋۋقۇ - شەۋق بىلەن بىلە مەستۇ جۇنۇن.                                      بۇ يەردە كۈچكە تولۇپ مەنىسىدە

مازارغا يىغىلدى ھەممە چوڭ - كىچىك،

ھېسابلاپ ئانى قىلدىلەر بىر پىتىك.

سەيد راشىدىن خانغا ھەم تاجۇ - تەخت،

كۇچار شەھىرى بولدى ئاڭا پايتەخت.

بۇلار مەشۋەرەت قىلدىلار ئانچۈنىن،

كى پىكىر ئەيلەدىلەر بەسەرۇ يەسىن.                                      ئوڭ - سول

قارا شەھەر تۇرپاندا مەنچىڭ تولا،

بۇ ئاقسۇ تەرەپتە مۇسۇلمان تولا.

دېدى ئاقسۇنى دەستىگىر ئەيلىسەك،                                      تايانچ، پاناھ، بازا

مۇزاتتىن بۇ مەنچىڭغا يول بەرمىسەك.

دىدى ئاقسۇنى بىز ئالارمىز ئاسان،

دىدى ئۆزگىلەر بارغۇسىدۇر قايان.

بۇ لەشكەرلەر بۆلۇندى بولۇپ سۇلسىگىر،                              ئۈچتىن بىر

ئىككى كوھنا تۇرپان، بىرى ئەردەۋىل.

ھېسابىدا لەشكەرنى قىلدى ئەدەد،

يانا مىڭ باش سەد باشى پان سەد.

بۇ پىنجاھ بىلەن ئونبېشى، قۇر باشى،

مىراخور، دىۋان، دورغا ۋە توپ باشى.

ئانىڭ ئۈستىگە دادخاھ خەلپەسى،

جاھاننى ئالىبدۇر ئانىڭ غەلبەسى.

يەنە پادى شەپ قويدى ئاندىن تۇرە،

سەپەرگە بارىپ تالە ئىدىن كۆرە.

بۆلۈندى كۇچار لەشكىرى ئىككى توپ،

بۈگۈر، كورلا ۋە تاكى سەرھەدى لوپ.                                                      چېگرا

ئالىپ بىر تۈمەن لەشكەرى بىگاران،

باھادۇر سەيد غازى ئىسھاقخان،

بۇ تاھىر خوجا خاجائى ۋاھىدىن،

سەيىد ۋالىدىن، خوجا باھا ئىدىن.

بولۇپ ھەم سەەر خۇقائى دانىئال،

ئۇزاتتى ھەمەخشۇ ئەھلى ئايال.

بېرىپ غەزنەدىن نەچچە بايراق تۇغ،

بۇ لەشكەرلەر ئۆز ئىخلاسىدىن قىل قۇيرۇغ.

بۇلارغا بېرىپ نەچچە تۈرلۈك ئەلەم،

ياراغ جابدۇغى قالمىدى ھىچ كەم.

بېرىپ غەزنەدىن چىپۇۋۇ زەمبەرەك،

نەچچە تىۋەگە ئوق دورى غەم مەرگ.                                                ئۆلۈم

قېلىچ، نەيزە بىرلە مىلتىق - ئوقيا،

ئۇلۇغلارغا كەيدۇرۇپ سەرۇپا.

پېقىر نامراتلارغا ھەم بەردى ئات،

ئاق ئۆي چادىرۇ بارىگاھ بىرلە كات.

بۇ لەشكەر بولۇپ مىسلى بىر كۆك تۆمۈر،

نە دۆلەت غازات بىرلە ئۆتسە ئۆمۈر.

غوجام ئالدىدا نەچچە خەلپە تۆرە،

دوبۇلغا كىيىپ ئولپاقۇ ھەم زىرە.

چالىپ نەچچە جۈپ ناغرا نەققارەنى،

سەپىد موھرە كارناي سۇرنايىنى.

بۇلار يۈردىلار تەبىل شادى چالىپ،

بارۇيادى ھەق بىرلە ئاللا سالىپ.

ئۇزاتتى ھەمە خىشۇ قەۋمى قاياش،

مازار باغىدا بەردىلەر ئابۇ- ئاش.

قىلىپ بەردى بەئىداز خەتمە قۇرئان،                                              كېيىن

سەيد راشىدىن خان ساھىپقىران.

بۇ لەشكەر ئىشىنى قىلىپ جا - بەجا،

دۇئا قىلدىلەر خان غوجام پادىشا.

ئۆزى سەيھە تارتىپ مۇناجات ئوقۇپ،

ھەممە يىغلاشىپ نەۋھە پەرياد ئۇرۇپ.

يىغى زار بولدى چۇ ئەبرى باھار،                                        باھار يامغۇرى

قىيامەت بولۇپ ئول كۈنى ئاشكار.

ئاتاۋۇ - ئاناسى ئوغۇلدىن جۇدا،

يانا ئايرىلىپ مېھرىبان كەت خۇدا.                                  يېڭى ئۆيلەنگەنلەر

بۇ قوۋمى قېرىنداش، ئىگىچە - سىڭىل،

رىزالىق ئالىپ بىر - بىرىدىن بەھىل.

ھەممە يارۇ - دوست قىلدىلار ئەلۋىدا،

دىدىلەر خۇدا يولىدا جان پىدا.

ئى ئاخىر ئۆلەرمىز شەھىد، ئۆلمەسەك،

يىگەي قارغا - قۇزغۇن ئەگەر كۆممەسەك.

ئەگەر تاپسا ئىمانىنى باكدۇرۇر،

دىدى ئەسلىمىز خاكدۇرۇر.

شەھىدنى دىدى مۇردە ئەمەس ھايات،

بېرىلگەي جاۋاھىردىن ئىككى قانات.



مۇشۇ يەردە بۇ داستاننىڭ ئاقسۇ ئەدەبىياتى ژورنىلىنىڭ 1981- يىللىق 3- سانىغا بېرىلگەن قىسمى ئاخىرلىشىدۇ، بۇ قىسمى بۇ ژورنالنىڭ 1981- يىللىق 3- سانىنىڭ 48- بېتىدىن 62- بېتىگىچە بولغان مەزمۇنىدىن ئېلىندى.

1som
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-11-18 21:05 |
Yawuz
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى

UID نۇمۇرى: 1787
نادىر تىمىسى : 6
يازما سانى : 519
ئۈنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە519دانە
شۆھرىتى: 1458 نومۇر
پۇلى: 4840 سوم
تۆھپىسى: 100 نومۇر
ۋاقتى :991(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كەل ئى ۋەئىزىگۇي ئەيلەگىل داۋىيان،

بۇ خاتىپ خوجامىدىنكى بىر داستان.

ھەممە لاۋۇ - لەشكەر بۇ خەيلى سىپاھ،

كېلىپ قۇتلۇق ئوردا تىكىپ بارىگاھ.

چالىپ شادى تەبلى نەققارەنى،

سەپىد مۇرى، كارناي، سۇرنايىنى.

چېكىپ دۇمبا - دۇمباڭغا سەۋتۇ - سادا،

ھەممە چوڭ - كىچىك دىدىلەر مەرھابا.

مۇبارەز ئەرەنلەر پىغانى تاشىپ،                                          كۈرەشچان ئەرلەر

بۇ لەشكەرلەرنىڭ ياتسەيىن  تاپشۇرۇپ.

بۇلار كەم - كۇسىن راستلاتىپ تاپشۇرۇپ.

بۇلارغا بېرىپ نەچچە تۇغلۇق ئەلەم،

بۇلارنى ئەدەد قىلدى سۈردى قەلەم.

بۇ لەشكەرى ئىدى ئىككى مىڭ يەتتە يۈز،

ئۆزىدىن ئىشتىپ دېدىم ئۇشبۇ سۆز.

ئۇزارتىپ چىقىپ خان خوجام پادىشا،

باقىپ قىبلىگە قىلدى ئاندىن دۇئا.

ھەممە چوڭ - كىچىك يىغلاشىپ زار - زار،

مۇسىبەتتە بولغان كەبى ھازادار.

ئۇلار قىلدى بەئىداز خەتمە دۇئا،

ھەمە چوڭ - كىچىك يىغلاشىپ ئەلۋىدا.

دوبۇلغا قۇياق، جوببە ھەم ئوق ياراق،

بۇلار كۆك تۆمۈر بولدى باشتىن - ئاياق.

بۇ لەشكەرگە مەنسەبنى تەيىنلەدى،

كى ھەر كۈن ھېسابىنى ئالغىن دېدى.

بۇ لەشكەرگە خاتىپ جوجامدۇر ئېمىر،

كى ساھقا ئوسام ئاخۇندۇر ۋەزىر.

بۇ تالى مىراپ بولدىلار دادخاھ،

ھەمە لاۋۇ - لەشكەر قىلىپ ئەزمى راھ.                                                          يول

مۆھۈرنى موللا مۇسا قارى ئاسىپ،

بۇلار ئارقادىن كەلدى بىر - بىر باسىپ.

بولۇپ پىشى لەشكەر بۇ روزى تۆرە.                                                            تۇرشاۋۇل قوشۇن، ئالدىن يۈرگۈچى قوشۇن

شەھىد بولدى ئەجرىنى ئاندىن كۆرە.

كىيىپ جۇببە - جەۋشەن بۇ روزى قىمار،                                                      ساۋۇت، تۆمۈر كىيىم

بولۇپ كۆك تۆمۈر يولدا دىڭما بولار.

بۇ سايرامدىن موللا مۇسا خاتىپ،

بېرۇر يول خېتى خەلقنى باجلاتىپ.

كېلۇر ئارقادىن خەلقنىڭ ئاۋازەسى،

كى ئاللا دىبان قىچقىرۇر بارچاسى.

قاتىلدى بۇ لەشكەر خوجامغا كېلىپ،

سوراپ ھال - ئەھۋال پۇرسىش قىلىپ.                                                            ئېسەنلەشمەك

بۇ شەھيار، كۇچارنىڭ سەھراسىدىن،

كېلىمىز دىدى سىدقى ئىخلاسىدىن.

بۇلار ئەزىم ئېتىپ يۈردىلەر شالدىراڭ،

يۈرۈڭ يول ئۆزرە تېز بولۇپ ئالدىراڭ.

كۇچاردىن چىقىپ يۈردىلەر چاشتىگاھ،

بۇ سۈرئەت بىلەن ئەيلەدى ئەزىم راھ.

قۇياشقا بولۇپ بۇ قۇياش راھبەر،

قۇياش كەينىدىن يۈردى ئەھلى سەپەر.

قۇياش بولدى مەۈرىپ سارىغا ناھان

قىزىلغا يېتىپ باردىلەر ئول زامان.

كۈن ئولتۇردى مەغرىپ سارىدا قىزىل،

قىزىللىق ئىچىدىن كۆرۈندى قىزىل.

دېدىلەر بۇ يۇرتنىڭ ئاتىدۇر قىزىل،

ئىمارەتنىڭ تۇپراغىدۇر قىزىل.

لى دەريا ئاقادۇر، ئاتىدۇر قىزىل،

يانا ئابۇجارى ئاقادۇر قىزىل.                                                      شاۋقۇن، دولقۇنلاش

بۇ قىز ھەم جۇۋانلار سالاھى قىزىل،                                                كىيىم - كېچەك

بۇ قىزلار قارادۇر، ئىچىدۇر قىزىل.

قىزىلنىڭ ئىچىدىن چىقىبدۇر قىزىل،

قىزىلنىڭ بۇ تۇرغان يېرىدۇر قىزىل.

ئانى يۈرگۈدۈم بىر ماتائى قىزىل،

قىزىلغا بۇ ۋاقىتتا كۆرۈندى قىزىل.

قىزىل كەتدى ئالەم كۆزۈمگە قىزىل،

ئانىڭ ھىجرىدە كۆزدە ياشىم قىزىل.

قىزىل  ئاقتى ئەتراپى بولدى قىزىل،

قىزىللىق قىزىلدۇر سەرەشكىم قىزىل.

قىزىلغا تۈشۈپ تىكتىلەر بارىگاھ،

ھەممە لاۋۇ - لەشكەر بۇ خەيلى سىپاھ.

بۇ سايرامغا ئاڭلاندى ئاۋازەسى،

بۇ سايرام ئىرۇر ئاقسۇ دەرۋازەسى.

قىزىلدا يار ئەركەن ئۇلۇغ بىر بۇزرۇكۋار،

قىلىچ بۇغراخان غازى ئاتلىق مازار.

قوشۇلدى قىزىل كەنتنىڭ جەمئىسى،

بۇ شەيخۇ، ئىمام باشلىغان مەھەللىسى.

يانا نان - توقاچ، سۈت - قېتىغ، ئوت، ئوتۇن،

بالا - بارقاسى ھەمە ئەرۇ - خوتۇن.

ئەلىپ كەلدى نەزرى كالا بىرلە قوي،

ئانى داشقا سالدى قىلىپ يېدى بوي.

سالىپ سەھنىگە زىلچە بىرلە كىگىز،

ئالىپ كەلدى نەزرى يەنە نەچچە قىز.

دۇئا قىلدىلار قىزلارغا باقمادى،

سەپەر ئۈستىدە قىزلار خوش ياقمادى.

قىرمىس بۇلاق خەلقى ھەم پىش باز،                                                  ئالدىغا چىقماق، قارشى ئالماق

ئالىپ كەلدى ھالىچە نەزرى - نىياز.

يايلاقلارغا نەزرى ئالىپ كەلگەن ئات،

بۇ جابدۇق بىلە ئەيلىدى ئىلتىپات.

خالايىقلەر قىلدى خوجامنى تاۋاپ،

بولۇپ بى گۇناھ، تاپتى بولغاي ساۋاپ.

تاۋابىدىن كېيىن بەئىداز خەتمى قۇرئان،

خوجام ئىختىيار ئەتتى سايرام سىيان.

بار ئەردى شەھەر ئالدىدا لەنگەرى،                                                        بېكەت

ھېكىم بەگ ئىشىگە يۇرت سەردارلىرى.

بۇ ئاخۇنۇ - ئەشرەپ، خەلىپە - ئىمام،

ھەمە چوڭ - كىچىك يۇرت خەلقى تامام.

كېلۇر ھەر تەرەپتىن بۇ نەزرى - نىياز،

باشى ئات، كالا، قوي، چامغۇر - پىياز.

زىيارەت قىلىپ دەستى بەيئەت بېرىپ،                                                ئىتتىپاققا كىرمەك، تەۋەلىك بىلدۈرمەك

قىلىپ ھال پۇرسىش نەسىھەت قىلىپ.

چالىپ ناغرە، نەققارە شاديانەنى،

نەچچە داشلارغا دۈملەدى شادەنى.

ھەمە چوڭ - كىچىككە بېرىپ ئابۇ - ئاش،

ۋىدا قىلدى مەغرىپ سارىغا قۇياش.

تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-11-18 21:12 |
Yawuz
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى

UID نۇمۇرى: 1787
نادىر تىمىسى : 6
يازما سانى : 519
ئۈنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە519دانە
شۆھرىتى: 1458 نومۇر
پۇلى: 4840 سوم
تۆھپىسى: 100 نومۇر
ۋاقتى :991(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
كونا مۇنبەردىكى ئىنكاسلار:

نەقىل
2 - قەۋەتتىكى TuranTekin 2007-7-24 1:53:33 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :

ياۋۇز ئەپەندى، مەن يېقىندا ئەزىزى نامىدىكى «ھىدايەت نۇرى» دىگەن كىتاپنى كۈرۈۋېتىپ، «زەپەرنامە» دىكى ئوغۇزخانغا دائىر تەپسىلاتلار ماۋزۇلۇق بىر پارچە ئەسەرنى ئۇقۇپ قالدىم. مەزمۇنىدىن قارىغاندا سىز دەۋاتقان «زەپەرنامە» گە ئوخشىمايدىكەن. ئىككىسى ئىككى گەپمىدۇ قانداق؟
.......


نەقىل
2 - قەۋەتتىكى Yawuz 2007-7-24 1:53:33 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :

مېنىڭ بىلىشىمچە "زەپەرنامە" ناملىق ئەسەردىن ئىككىسى بولۇپ، بىرسى مۇشۇ مەن يوللاۋاتقىنى يەنە بىرسى شەرىپىدىن ئەلى يەزدىنىڭ " زەپەرنامە " ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئەسىرى، جەڭ خاتىرىلىرى ھەققىدە " زەپەرنامە " نامىدا ئەسەر يېزىش ئوتتۇرا ئەسىردىكى تۈركى -  پارىس خەلقلىرىدە خېلى ئومۇملاشقان بولۇپ، بۇلاردىن باشقا يەنە قانداق " زەپەرنامە "لەرنىڭ يېزىلغانلىقىنى مەن ئۇقمايدىكەنمەن، بەلكىم ئۇ شەرىپىدىن ئەلى يەزدى ياكى باشقا ئاپتورلار تەرىپىدىن يېزىلغان " زەپەرنامە " بولسا كېرەك.

.......

terjime guruppisi
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-11-18 21:39 |
Yawuz
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى

UID نۇمۇرى: 1787
نادىر تىمىسى : 6
يازما سانى : 519
ئۈنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە519دانە
شۆھرىتى: 1458 نومۇر
پۇلى: 4840 سوم
تۆھپىسى: 100 نومۇر
ۋاقتى :991(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ مېھمانلارغا تۇتتىلەر سىن چاي،

دېدى بارىكاللا بىلەن ھاي - ھاي.

نەچە توپ بولۇپ قىلدى نەغمە نىگار،

بۇ سۇرناي، قالۇن، راۋابى، ساتار.

ھەمە مەست بولۇپ قىلدى رەقسى ساما،

نە ياش - قېرى بىرلە باباۋۇ - ماما،

+++++++++++++++++++++++++++++++++++++

بۇ دۈشمەن كۇچاردىن خەبەر ئاڭلاشىپ،

بۇ زىخۇيۇ مەيمەيچى كەتتى قاچىپ.

بۇ قالغانلىرى  ئىككى يۈزدىن ئوشۇق،

كۆچۈپ ئۆيدىن - ئۆيگە توشۇيدۇ توشۇق.                                      يۈك

كېلىپ ئالدىدا پەھلىۋانلار ئاتىپ،

چوماق، نەيزەچى كەلدى ئەمدى يېتىپ.

يېتىپ كەلدىلەر زەمبىرەك بىرلە پور،

بۇ مەنچىڭلارغا لازىم بولۇپ ئەمدى گۆر.

بۇزۇپ ئوت قويۇپ داڭ بىلەن جاڭزانى،

تامام ئۆلتۈرۈپ ئالدى كاللاڭزانى.

.....................................................................................

بۇ باي شەھىرىنى قىلدىلەر جا بەجا،

بۇ ئاقسۇ سارىغا قىلىپ ئەزمى راھ.

قويۇپ دادى خاھ بىرلە قازى كالان،

دېدى قىلماسۇن بىر - بىرىڭ تالاڭ.

كىشىنىڭ مالىنى كىشى ئالماسۇن،

كىشىنىڭ دىلىنى كىشى چەگمەسۇن.

بۇلار ئەزىم ئېتىپ يۈردى ئاقسۇ سىيان،

باھادۇر سەيىد غازى ساھىپ قىران.

..........................................................

خوجام ئاتلانىپ قۇش تامىدىن يۈرۈپ،

كېلىپ مار ئاقچى لەبىگە تۈشۈپ.

ئاقىپ ئابى دارياۋۇ ئابى مۇزئارت،

تىكىڭلەر دېدى بارگاھ بىرلە كات.

بۇ يايلاق ئېرۇركىم چۈمەنزارلىق،

كى بۇلبۇللار سايراپ خۇش ئاۋازلىق.

بۇ چەشمى زۇلالغا ھەريان ئاقىپ،                                    سۈپ - سۈزۈك سۇ

كۆڭۈللەرگە تۈرپە ھەجەپ خوش ياقىپ.

بۇ دەريا سۈيى ئەردى مۇزدىن ساۋۇق،

ئانىڭ رەڭگى ئاق ۋە ئەسەلدىن پۈچەك.

يۈرۈر ئويناشىپ قوينىڭ قوزەسى،

يۈرۈر تىۋەلەر بۇزەلەر تودەسى.

سېپىل ئۈستىنى قىلدى ناغراخانە،

بۇ دەريا لەبىنى قىلىپ چايخانە.

مۇزات دىمىگىل بەلكى ئابى ھايات،

بۇ تومۇز كۈنلىرى تەشنالەرگە نەجات.

ھارىپ تەشنالەپ كەلسەلەر ئات - ئۇلاق،

قونۇپ يايلاسا بولغۇسىدۇر، بىراق.

بۇ يەردە تۇرۇپ ئەمدى بەش - ئالتە كۈن،

ھەمەدەم ئالىپ، ئات -ئۇلۇق تىنجىسۇن.

دېدى مۇز دابانغا كىشى ماڭدۇرۇڭ،

بۇ ئۆرتەو قاراۋۇلنى قويماي بۇزۇڭ.

ئىلەدىن ئەگەر كەلسە نۇرغۇن چېرىك،

ئاراغا ئالىپ بىزنى قويماس تېرىك.

كى يول توسقالى قويدى بەش يۈز كىشى،

نەيەرگە يېتۇر بۇ پەلەك گەردىشى.

+++++++++++++++++++++++++++++++++

كەل ئى خوشەچىن ئەيلەگىل داۋىيان،                                  باش تەرگۈچى

قىلىپ ئاقسۇدىن شەمئى سۆزى بايان.                                  بايان شامنى ياندۇرماق

خوجاملار قىلىپ مەسلىھەت ئانچۇنىن،

خىيال ئەيلەدىلەر يەسەرۇ - يەمىن.

دېدى نەچچە كۈن مۇنداق بولساق ھايال،

دۈشمەن لەشكىرى كەلگۈسى ئېھتىمال.

ئانىڭ بىرلە بىز ئەيلەسەك كار - زار،

ئەگەر بەرسە نۇسرەتنى پەرۋەردىگار.

بۇ دۈشمەن قولىدىن بولۇرمىز ئامان،

يېغى كۈچ كېلىپ ئالسا بىزگە يامان.

بۇ تاغ دامنى بولغۇسى شۇرى شەر،

مۇسۇلمانلارنى ئەيلەگەي دەربەدەر.                                  ئىشىكمۇ - ئىشىك

ئىلە يولىنى ئالسا بىزدىن توسۇپ،

كېتۇر باي، سايرام سارى قول قويۇپ،

بۇ مەنچىڭ كېلۇر مۇز داباننى ئاچىپ،

دېدى بىز بارۇرمىز قايەرگە قاچىپ.

يېغى لەشكەر مۇندا كەلمەستەراق،

بارالى ئانىڭ ئالدىغا تېزراق.

كى ئىلدام بارالى، كىشى تۇيماسۇن،

تۇيقسىزلا دۈشمەن كېلىپ قالماسۇن.

يېغى لەشكەر مۇزداباندىن تۈشۈپ،

ۋە يا ئالسا يۇلغۇن راباتتىن تۈشۈپ.

دېدىلەر بۇ ۋەقتىدا تومۇزدا ھاۋا،

بولۇر تاغ ئىچى سانئى كەربالا.                                                      ئىككىنچى

بۇ مەنچىڭ ئالۇر بىزنى چۆلگە قاۋاپ،

بولۇرمىز دېدى تەشنەلىكتىن خاراپ.

پېشىندىن كېيىنراق نامازى دىگەر،

بۇ چارلامچىلار يولغا كىردى بەدەر.

ئىدى نىسپى شەب قارا يۇلغۇن يېتىپ،

ھەمە ئۇيقۇدا مۇردە يەڭلىغ يېتىپ.

بۇ لەڭگەردە دۈشمەندىن يوق ھېچ ئەسەر،

بۇلاردىن ئالالماي يەردىن خەبەر.

تېرەكنىڭ يۈۋىدە ياتۇر ئون كىشى،

دېدىلەر بۇ تاڭشىنغا كەلگەن كىشى.

تۇرار ھەر بىرىنىڭ يېنىدا چوماق،

بولۇپ تەكىيە ئورنىدا ئىككى قۇلاق.

پۇتىدا چورۇق، خالتىسىدا نورەك،                                        ئوزۇق

خورەك تارتىشىپ مىسلى بىر زەمبىرەك.

دىدىلەر بۇ پاۋانلار ئوڭدا ياتۇر،

تۈشىدە كۆرۈپ ئەمدى بىزنى تۇتۇر.

ئىنىڭدىن ئۆتۈپ تاپتى بىر خالەنى،

بۇ موللا پۈتۈپ بىر پارچە نامەنى.

دېدى: چارلىدۇق بىز بۇ يۇلغۇن قارا،

بۇ يەر تىنچلىق يوقتۇر ھىچ ماجارا.

بۇ يەرگە غەلەتتۇر يېغى كەلگەنى،

ئامانلىق دېدى كۆرسۈتۈڭ بەلگەنى.

ئىككۇلەن ياتىپ شاختۇرا ئەزم ئېيتىپ،                                        يەر نامى

بۇ سەككىز كىشى جامغا كەلدى يېتىپ.

ياۋۇق يەتتى مەھەللىگە ئول زامان،

بۇ ئۆرتەڭ ئىچرە ھەم تىنچ - ئامان.

كى بىر - بىر باسىپ كەلدىلەر ۋەھىمناك،                                        قورقۇنچ بىلەن

بۇ ئۈچ جىڭغا جىڭچى چىقىپ ئۇرار تاك - تاك.                              جاڭ ئۇرىدىغان جىسەكچى

بۇ ئات تاۋۇشىدىن ئىت خەبەر ئېلىپ ئاڭلاشىپ،

ئىشەك ھاڭراشىپ ھەم قاچىر ماڭلاشىپ.

بۇ ئىتلار قاباشىپ سالىشتى غۇرۇ،

خەبەر ئالماسۇن دېدى بىزدىن بىرۇ.

بۇ جاڭگال سارىغا بولار ئەزم ئېتىپ،

تۇپۇرلاپ بۇلار كەلدى سۇغا يېتىپ.

دۇبە ئۈستىگە چىقتىلار قاراشىپ،

تاۋۇش قىلمايىن بىر - بىردىن ماراشىپ.

كۆرەركىم بۇ يىڭفاڭدا ئوتلار كۆيۈپ،                                                                ئەسكەرخانە، گازارما

سېپىل ئۈستىدىن تۇغ - ئەلەم بەلگۈرۈپ.

ئاق ئۆي ئالدىدا شەمئە پانۇسلارى،

يۈرۈپتۇر جىسەم نەچچە جاسۇسلىرى.

ئانىڭ بەئىزىسى جىڭ بىلەن جاڭ سوقۇپ،

يۈرۈر بەزىسى تەبىل بىلەن دۇمباق سوقۇپ.                                              ناغرا

كى تاڭ - تاڭ قىلىپ لەشكىرىنى جىساپ،

قىلىپ بەزىسى ياتقاننى ھىساپ.

بۇ يىڭفاڭ ئويۇپ چۆرىسى لاي سېپىل،

قارا ۋە قىزىل سىرلانغان نەچچە خىل.

بۈگۈن - ئەرتە بويىغى تەبرە مەس،

كى مۇندىن تولا تۇرماقىم خوپ ئەمەس.

بۇ ئات يورتۇشۇپ يولغا كەتتى بەدەر،

مابادا بولۇر ئەمدى خەپۇ - خەتەر.

بولۇپ بادى سەر - سەر مەسەللىك ئاتى،                                                        ئىتتىك شامال

قاباشىپ تۇرار جورغا تىڭنىڭ ئېتى.

كېلىپ جورغادىن ئىچتىلەر ئىچتىلەر ئابى پاك،

بۇ سۇ جورغادىن جورقىراپ سۈيى خاك.                                                        تۇپراق

بۇ مەشرىق سارى بەردى سۈبھى نىشان،         

مۇنەۋۋەر بولۇپ ئەمدى روشەن جاھان.

بۇ سۇدا تاھارەت قىلىپ تېز - تېز،

قوپۇپ يولغا كىردى دەستا خىز.

كېلۇر مەھەللىدىن شەۋتى بانگى ناماز،

ئوقۇشتى بۇلار تاغ ئۈزە تاڭ ناماز.

نامازدىن يانىپ يولغا بولدى راۋان،

جاناپ سەيد غازى ساھىپ قىران.

كېلىپ بارىگاھ ئىچرە بەردى سالام.

خوجام بەردى ئاندىن جاۋابى سالام.

بۇ مەنچىڭ دېدى بۇ مەھەل قايدادۇر،

بۇلار ئەيدىلار جامدا يىڭفاڭدادۇر.

++++++++++++++++++++++++++++++++++

كەل ئى ۋەئىزىگۇي ئەيلەگىل داۋىبان،

بۇ سايىد ھېكىمدىن كى بىر داستان.

بار ئەردى بۇ ئاقسۇدا بىر نابىكار،

ئىتاچى دىگەن كەنتىدە جايى بار.

ئانىڭ ئاتىدۇر ئەنجانلىق قۇزى،

كى داڭداردۇر پىشەنىڭ توڭگۇزى.

ئىدى ئىككى يۈز ئەندىجان لەشكىرى،

كى تەييار ئىسلامغا ئوق ئاتقالى.

بۇ لەشكەر باشى باي مۇھەممەت ئىدى،

قۇزى ھەم ئانىڭ بىرلە بارغان ئىدى.

قالىپ داغۇلى، زەرقىدىن بىر ئۇرۇق،                                      ئابا مۇسلىم داستانىدىكى ھەييارلارنىڭ نامى

كېتىپ دىنۇ ئىمانى قالدى قۇرۇق.

سۈكەندىن چۈشۈپ خامپاسىدىن پۈتۈن،

ئانىڭ ئاغزىدىن ئوت مەقئەدىدىن تۈتۈن.

ئۆزى سۆزگە بۇررا ۋە ئەردى ھەرىب،                                          بۇررا = ئۇستا، ھەرىب = دۈشمەن رەقىپ

شاياتۇن ئاڭا كۈن ئالۇر يالبارىپ.

بۇ شەيتان قۇزى قاشىغا كەلمىگەي،

مۇبادا ئۇنىڭدىن زىيان يەتمىگەي.

بۇ ئاخۇن ئەشەرەپكە ھەم يارۇ دوست،

بۇ ئىشان خەلىپە ئاڭا مەغزى پۇست.

بۇ ئەھلى سىپاھ، چوڭ - كىچىك بەگ - بىگەت،

كېلىڭ قۇزى باي دىمەيىن نارى كەت.

بۇ سوكۇ قىماربازغا ئۇلپەت ئىدى،

بۇ لولى سەتەڭلەرگە چۆپقەت ئىدى.

ئاڭا يوق ئىدى ھىچ ئۆيى بارماغان،

ئاڭا قالمىدى ھىچ ھۈنەر قالماغان.

يالاپ تەشمىگەن قالمادى مىس تاباق،

تالاڭغا كېتىپ قالمادى ئات - ئۇلاق.

تۇغۇلغان يېرى بار باشى يول ئېرىق،

يامانلىق قىلىپ ئېلىگە بولدى قىزىق.

ئارادا بولۇپ ئەل ئۇنى خاھلاماي،

كى بولماس مۇنى بىر سىيان پالاماي.                                              تەرەپ

ياتىپ تىڭىزدا قالمادى نەرسەسى،

يانا بەڭ، تاماكۇ، چولاق غاڭزاسى.

ئانىڭ باشىغا كەلمىگەن يوق ھىچ ئىش،

بۇ غۇربەت بىلەن ئۆتكۈزۈپ يازۇ - قىش.

كېلىشەڭگۈ ھەم ئۆزى كالتەك ئىدى،

بۇ قىلغان ئىشى بەلكى تەمتەك ئىدى.

بىلۇر ئەردى بولمىسا ئىلمى مائاش،                                              تىرىكلىك ئىلمى

بۇ خۇشخۇيلىغىدىن ئىدى ھال سوراش.

ئاتاسى ئۇنىڭ ئەردى شاھ سالى باي،

بايان ئەيلەيىن مەخپىي سۆز قالمايغاي.

ئېغىلدا كالاسى قوتان بىرلە قوي،

يەنە يەرۇ - سۇ ئەردى با ئابروي.

بېرىپ پۇل مالىدىن ئوشۇر ھەم زاكات،

ئىشىكىدە تۇرغان نەچچە ئاختا ئات.

ئۆزى پەنج ۋاقىت ئەردى داخىل تەرىق،

ئاتاسى ئۆلۈپ گۆرگە قويدى ئەرىق.

يامانغا نە مۈلكۈ، نە پال، نە مال،

نە ئەھلى ئايال، نە ھەرەم، نا ھالال.

ئوغۇل كىم ئەگەر بولسا بەدكاردۇر،                                              يامانلىق قىلغۇچى

دىمەنكىم بۇ ئوغۇلغا دەركاردۇر.

يىگىل، ئىچكىلۇ ئەيلە خەيرۇ - ساخا،

بۇ ئۆمۈر - يۇ، دۆلەتتە يوقتۇر ۋاپا.

زېمىن بولسا قويماي ئانى ۋەخپە قىل،

قوبۇل قىلسا شايەد خۇدايى جەلىل.

بۇ قۇزى ئىدىكىم يىتىم سوداگەر،

يۈرۈر تاغمۇ - تاغ، كەنتمۇ - كەنت دەربەدەر.

ماتائى، خاتۇنلارغا ئەڭلىك - ئۇپپا،

كېچە خالى قالسا چىقىپ شە سۇپا.

بۇ تاغ خەلقىگە ئەردىلەر ئاشىنا،

كىشى يوق ئىدى ئاڭا نا ئاشىنا.

ئەگەر ھەر كىشى كۆرسىلەر قۇزىنى،

قىلىپ باش ئۇچى، قۇزىغا قۇزىنى.

تىغىن ۋاقتىدا بارسا تاغقا ھارىپ،

بۇ مېھمان ھارىپ كەلدى ئۆيدە ياتۇر،

بۇ ئۆي ئىگىسى  خىرمانىغا كېتۇر.

قۇزى باي بۈگۈن كېچە ئۆي ساقلاسۇن،

ئاتىنى بىدە، ئارپاغا باغلاسۇن.

بۇ مېھمانغا ئورۇن تۆشەكنى سالىپ،

دىدى ئەندەكى ئىستىراھەت قىلىپ.

قۇزىغا يىغىپ ھەم سالىپ كۆرپەنى،

كۆڭۈل خوش قىلىپ قىلدى ئەل ھۆرپەنى،                                  ھۈنەر

نەچچە كۈن بۇلار ياتتىلار جامدا،

كى ھەر كۈن ئويۇن كۈلكە ھاڭگا مادا.

بۇ تاڭشىنغا ھەر كۈن كىشى ماڭغۇزۇپ،

كى قويماي بارادۇر ئارانى بۇزۇپ.

بۇ ھەر كۈندە تاڭشىنچى بارىپ كېلۇر،

قاراسىنى كۆردىلەر قاچىپ كېلۇر.

كىشى بولسا ئانىڭ ئىچىگە كىرۇر،

يىغىلغان چېرىكى ئانىڭ قانچەدۇر.

بۇ تاڭشىنچىلار تولا يالغانچىدۇر.

بارىپ كەلگەنى لاپ ئۇرۇپ داڭلاشىپ،

كۆزى بىلەن كۆرسۇن ئانى چاغلاشىپ.

قۇزى ئەردى سايىد ھېكىمگە ئىناغ،

بۇ ئىشقا مەن باراي - مەن سىناغ.

قۇزى ئەيدى تاڭشىن بارۇمەن دىدى،

بۇ ئىشنى قىلىپ ئوخشاتۇرمەن دىدى.

يەنە بارماغىم، كەلمەگىم ئىككى كۈن،

خوجامنىڭ قاشىدا تۇراي ئىككى كۈن.

بۇ مۆھلەت بىلەن قۇزى كەتتى بەدەر،

بارىپ ئاق بۇلۇڭغا سەگى بى پەدەر.                                          ئىت

بىراۋدىن سورادى خوجام قايدادۇر،

زىيارەت قىلۇرمەن جانىم تەندەدۇر.

بۇ كۈندە خوجام مەنزىلى چارقچى،

كېڭەشتۇك بۇ يۇرت خەلقى بارماقچى.

ياراشىپ ئىدۇك ئالدىغا پىش باز،

دېدى قىلمادۇق ھىچ نەزرى - نىياز.

بارادۇر بۇ يۇرت خەلقى نەزرى ئالىپ،

خوجام پادىشاھنى زىيارەت قىلىپ.

دېدى تاپقانى ئات، قويۇ، كالا،

دېدى نان، توقاچ، سۈت - قايماق تولا.

قىلىپ ھەر كىشى قۇۋۋەتچە نىياز،

باشى تىۋەدۇر، ئاخىرىدۇر خوراز.                                                          تۆگە

ئانى تاپماغان يۇداسىن ئوتۇن،

كىشى قالمايىن ماڭدىلار ئەر - خوتۇن.

قۇزى ھەم سېمىز قوينى قىلدى ئۇچا،

ئۇچا خان - تۇقاچ بىرلە باردى دۇچا.

كىيىپ ئەڭنىگە ئەندىجانچە لىباس،

قوتانچە قىلىپ سەللەسىنى ئاساس.

پۇتىغا كىيىپ مۇزائى ھەككە دار،                                          گۈللۈك، گۈل چەككەن

بېلىگە ئاسىپ خەنجەرى ئابىدار.                                          ئۆتكۈر، پارقىراق

ئىچىگە كىيىم نىمچەئى بەقەسەم،

قىلىپ بىز تەرەپ ۋەھىمى ئەندىشە ھەم.

تىزىپ خۇنغە كەلدى ئۇچا بىرلە نان،

جانابى سەيىد غازى ساھىپ قىران.

كېلىپ بارىگاھ ئىچرە بەردى سالام،

خوجام بەردى ئاندىن جاۋابى سالام.

سوراپ ئىستەدى قىلدى ئاندىن دۇئا،

قۇزى گىريە ئەيلەپ قىلىپ ئاھ - ۋاھ.                                                يىغا

كېلىپسىز بۇ يەرگە نە يەردىن دېدى،

دېدى زاتىڭىز قايسى شەھەردىن دېدى.

دادامىز كېلىپ ئەردى شەھرى بۇخار،

ئۆزى سوداگەر ئەردى ئەھلى تۇجار.

كى بولغان ئىكەن ئاقسۇدا جايىدار،

مېنىڭدىن بۆلەك ئىككى پەرزەندى بار.

دادام ئالتە يىل بولدى قىلدى ۋاپات،

ئانامىز بۇ ۋاقىتلاردا باردۇر ھايات.

بۇ ئۆيدە نەچە ئەبرە ۋە نەبىرەسى،

ئۆزۈمنىڭ بەش - ئالتە بالا بارقەسى.

دېدى تاققا كەلدىم تىجارەت ئۈچۈن،

كېلىپ ھەزرىتىڭگە زىيارەت ئۈچۈن.

كۇچادىن خوجام چىقتى ئىسلام ئاچىپ،

جاھاندىن ھەممە كۇپرۇ زۇلمەت قاچىپ.

كېلىپ باي ۋە سايرامنى ئالدى تامام،

تۇرۇپ خىزمىتىدە ھەمە خاسۇ ئام.

دېدى خۇش خەبەرنى پەقىر ئاڭلادىم،

غازاتقا پەقىر ئەمدى بەل باغلادىم.

جانابىڭغا كەلدىم كەلدىم پەقىر قوللارى،

باقۇرمەن ئەگەر بولسا دۇلدۇللارى.

مېنىڭكى مۇرادىم ئىرۇر سۈبھى - شام،

بەھەم بولسا خىزمەتتە تۇرسام مادام.                                        بەھەم = بىرلىكتە،  مادام = ھەمىشە

مۇسۇلمانى كامىل ئىكەن قۇزى باي،

مۇڭا ئاش قويۇڭ بەئىدازان سىن چاي.

يۈرۈپ ئىككى كۈن باردى ھەر قايان،

بۇ لەشكەر بىلەن خۇرەمۇ - شادىمان.

تامام ئۇقتى ئۇ سىررى ئەسرارىنى،

دىيىشتى بۇلار رازى پىنھاننى.

ئارادا دىمەي ھىچ سۆز قالمادى،

بۇ جاسۇسلىغىن ھىچ كىشى بىلمەدى.

ئىرادە قاچان ئاقسۇغا ماڭغالى،

ھەمىشە مۇسۇلمانلار ككز تۇتقالى.

ھېكىم چېرىك بىلەن جامدا ياتۇر،

بۇ جامدىن بۇيان مىدىرغاننى تۇتۇر.

بۇ يىڭفاڭنىڭ ئالدىدا قۇردۇردى دار،

ئاسىغلىق ئۆلۈكلەر تۇرادۇر قاتار.

ئۆلۈبدۇر دېدى يۈزدىن ئارتۇق كىشى،

قەپەسىدە تۇرادۇر كېسىلگەن باشى.

تىلەپ ھەزرەتىڭنى ھەمە چوڭ - كىچىك،

ئۆتەرگە يولى يوق، كېچەرگە كېچىك.

بۇ يەردىن ھايال بولمايىن ماڭسالار،

خوجام بىر بېرىپ ئاشۇنى ئالسالار.

ھەمە چوڭ - كىچىك ئەيلەشىپ ئارزۇ،

كى ھەزرەتلىرىنىڭ دېدى ئاقسۇ.

قاراپ يولغا يولغا بولدى ھەممە مۇنتەزىر،

يېقىندۇر كۆزى ئەمدى بولغاي بەسىر.                                      قارىغۇ

خوجامغا بۇ سۆزنى بىر - بىر دېدى،

بۇ تەدبىرنى ھەرگىز كىشى بىلمەدى.

نامازشام بىلەن بۇ سەگى بىپەدەر،

كېلىپ ئاق بۇلۇڭ يولىغا كەتتى بەدەر.

ئۆتۈپ ئۇشبۇ قوچقار پاتماسىدىن،                                                    ئاقسۇدىكى يەر نامى

يۈرۈپ سائەتى ئۆتدى ئوغراقىدىن.                                                  ئاقسۇدىكى يەر نامى

ناماز ۋاقتىدا قارا يۇلغۇن كېلىپ،

ياتىپ سائەتى ئەندەك ئارام ئېلىپ.

بۇ تۆرتىنچى كۈن تۈش بىلەن جامغا.

يېتىپ كەلدىلەر ئۇشبۇ يىڭفاڭغا.

چادىردا ھېكىم بەككە تەئىزىم قىلىپ،

بۇ ھارماڭ دېدى قۇزىغا سۆز قاتىپ.

دېدى قىلدىڭىزمۇ خۇجامنى تاۋاپ،

كېلىپسىز قارارىدا كايىپ - جاۋاپ.

بۇ ۋاقتا دېدى خوجالار قاندادۇر،

چېرىكى دېدى قانچىلىك باردۇر.

ئىككى مىڭدىن ئازدۇر، مىڭدىن ئوشۇق،

بۇ چېرىكنىڭ ئالدىدا ئول بىر قوشۇق.

ئانىڭ ئاتلىقى ئاز، تولاسى ياياق،

يانا بىر تۇلۇم ئوزۇقى، بىر تاياق.

بۇ ئەل ئەسكەرى باي - سايرامدىن،

كېلىپتۇ بۇلار جاڭگالۇ - تاغدىن.

بۇ شەھيار، كۇچار كەتدى كورلا، بۈگۈر،

ئانىڭ ئازراقى بۇ تەرەپكە كېلۇر.

بۇ مىلتىقۇ - ئوقياسى بەش يۈزچە بار،

ئانىڭدىن بۆلەك كەلگەندۇر ھاشار.

ياتار مەنزىلىدۇر ھېلى شاختۇرا،

بۈگۈن ياكىلۇر ئەرتە يۇلغۇن قارا

تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-11-18 21:45 |
Yawuz
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى

UID نۇمۇرى: 1787
نادىر تىمىسى : 6
يازما سانى : 519
ئۈنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە519دانە
شۆھرىتى: 1458 نومۇر
پۇلى: 4840 سوم
تۆھپىسى: 100 نومۇر
ۋاقتى :991(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
بۇ ۋاقىتتا نوخشا دىگەن تاغدا،

يادا قىلدۇرۇپ ئوت قۇرۇش چاغدا.

بۇ قۇربان دىگەن ھەمەنىڭ ئۇستاسى،

ھەمە مالچىلانىڭ گۈل دەستىسى.

يادا قىلۇر مالچىلار مال بېرىپ،

ئانى ھەم ئالۇر ئۆز مالىنى باقىپ.

ئۆزى ئەھلى دۆلەت ئىرۇر ئەغنىيا،

خىيالىم ئالىپ كەلسە قىلغاي يادا.

ھاۋانى تۇتۇپ قالسا ناگاھ جۇدۇن،

سۇ ئۈستىدە بولغاي بۇلار بىر قۇيۇن.

ئۇلارنىڭ ئىگىن - ئايغى ھۆل بولۇر،

قىيانلار كېلىپ چۆللەر ھەم كۆل بولۇر.

چىقۇر كاردى ھەمە جابدۇق - ياراق،

ئۇلار ھۆل بولۇر  ھەمە باشتىن - ئاياق.

پاناقاپ كىرەر ھەممىسى دالداغا،

شەبى خۇن ئۇرالى سالىپ كاللاغا.                                              قانلىق كېچە، كېچىلىك ھۇجۇم

بۇ سۆزنى ئىشتىپ سايىد بەگ كۈلۈپ،

يانا قايتا باشتىن تىرىلدى ئۆلۈپ.

كېڭەشلىك ئىكەنتۇق بۇ باي قۇزى،

دېدى زەرقى داغۇلنىڭ نەق ئۆزى.

يېغى كەلمەدى ئۆرتەدى ۋەھمەسى،

بۇ تاغنىڭ ئۇزاقراق دېدى پەللەسى.

ئىبەرسە بېگىم دورغا يا كاھىنى،

سۈرۈپ كەلتۈرۈر ئۇشبۇ غەممازەنى.                                                        چېقىمچى

بۇ ماڭغان كىشى نىسبى شەبدە بارۇر،

ھايال بولماسا تۈش پېشىنگە كېلۇر.

ھېكىم بەگ ئەبەردى ئاڭا كاھىنى،

كى تەبىس قىلىپ بەردى دىڭماۋسىنى.

ئۇچار قۇش كەبى يۈردىلەر تېز - تېز،

تاڭ ئاتقۇنچە باردى قىلىپ دەستا خىز.

ياداچىغا يەتكۈردى كاھى ھۆكۈم،

توقۇڭ ئاتىڭىزنى بارۇسىز چوقۇم.

كى ئانداغ يۈرۈپ تېز سۈرئەت بىلە،

بۇ جامغا تۈشتى پېشىن بىرلە.

كىرىپ كاھ بىلەن تۇردى تەئىزىم ئېتىپ،

ئەجەپ كەلدىڭىز ياخشى ۋاقىتتا يېتىپ.

دېدى قىل ھۈنەرنى ئىشىڭ ئوخشاسۇن،

مابادا قىلىپ ئوخشاماي قالماسۇن.

قىلۇرمەن دېدى ساڭا كۆپ ئىلتىپات،

بۇ شۇڭقار، لاچىن، سېمىز يورغا ئات.

كېلىپ غۇسىل ئەۋۋەل تاھارەت قىلىپ،

ياداچى چۇقۇر سۇغا كىردى بارىپ.                                            يامغۇر ياغقۇزغۇچى سېھىرگەر

قولىغا ياداچى ئالىپ تاشنى،

مۇناجات ئوقۇپ تۆكتى كۆز ياشىنى.

ياداچى يادا تاشنى چۆرۈپ تۇرۇپ،

ئوقۇپ ئايەتنى ئاسمانغا ھۈرۈپ.

كى بىر سائەت ئىچرە تۇتۇلدى ھاۋا،

بۇلۇت گۈكىرەپ بولدى سۈيى ساما.                                                        ئاسمان تەرەپ

كۆكەردى ھاۋا ھەم بولۇپ نىل گۇن،                                                    نىل رەڭ

كى كۈندۈزكى كۈن گويا تېرە تۈن.                                                        قاراڭغۇ كېچە

ھاۋا ئۆزرە چاچماق چاقادۇر چاقنى،

كى دەريايى شۇردۇر گويا ھەر ئاقنى.

خوجام ئول كۈنى چۆلگە كىرگەن ئىدى،

ھاۋا بولدى سۈرۈپ كېتەرمىز دېدى.

خوجام پادىشا ئول كۈنى مەھپەدە،

ھەمە لاۋۇ - لەشكەر ئۇزۇن ۋەقپەدە.                                                جاي ئىسمى

بۇ باشتىن ئاياغى ھەمە بولدى ھۆل،

ھەمە دەشتى چۆل سۇ تۈرۈپ كۆلۇ - كۆل.

نامازشام ۋاقتى بىلەن تۈشتى يولغا رابات،

ئۆز ھالىچە قالدى قايان قالدى ئات.

بۇلار ھەر بىرى تاپتى بىر خانەنى،

ئانى تاپماغان تاپدى بىر خانەنى.

بۇ كېچە مۇسۇلمانلار ئاراپ ئالىپ،

تۇرادۇر تاڭ ئاتقۇچى يامغۇر سالىپ.

تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2007-11-18 22:05 |
palwan
دەرىجىسى : يۈز بېشى


UID نۇمۇرى: 1287
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 171
ئۈنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە171دانە
شۆھرىتى: 356 نومۇر
پۇلى: 1670 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :100(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كۇلۇپ باشلىقى ياۋۇزنىڭ يوللانمىسىغا قارىغاندا، ئاتاقلىق ئۇيغۇر تارىخچىسى، كىلاستىك شائىر موللا شاكىرنىڭ "زةةةةەپەرنامە" ئەسىرى ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى نەمۇنە خارەكتىرلىك ئەسەر دىيىشكە بولىدۇ. ئەمما مەن مۇشۇ يېقىندا ''مىللەتلەر نەشىرياتى'' تەرىپىندىن 2007-يىلى 7-ئايدا 1-قېتىم نەشىر قىلغان ئېران يازغۇچىسى شەرىپىدىن ئەلى يەزدىنىڭ ''زەپەرنامە'' دىگەن كىتابىنى كۆرۇشكە مۇيەسسەر بولدۇم، شۇ ئان مەندە مۇنداق تەسەۋۇر پەيدا بولدى، بۇ ئىككى كىتاپنىڭ يېزىلغان يىلىدا تۆت بەش ئەسىر پەرىق باركەن، ئەمما كىتاپ ئىسىمى ئوخشاش شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ ''زەپەرنامە'' دىگەن ئىسىمنىڭ كىلىپ چىقىشى ،نىمە ئۇچۇن يۇقارقى ئىككى كىتاپقا ئوخشاش ئىسىم قويۇلغانلىقىنى تەھلىل قىلىپ كۆرۇشكە ئەرزىمدۇ يوق ئويلىنىپ باقساق. دوسلار بىلەن پىكىر ئورتاقلىقىغا كېلىش مېنىڭ ئارزۇيۇم.

چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-01-29 17:23 |
kokbora7411
دەرىجىسى : يۈز بېشى


UID نۇمۇرى: 1202
نادىر تىمىسى : 1
يازما سانى : 56
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە56دانە
شۆھرىتى: 70 نومۇر
پۇلى: 615 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :64(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەمىر تۆمۈر كوراگان ھەققىدە قىسسە بىلەن زەفەرنامىنىڭ مەزمۇنى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاشمۇ؟ بۇنى كۆرگەنلەر دەپ باقساڭلار.
بۇ كىتاپنى (ئەمىر تكمۈر كوراگان ھەققىدە قىسسە) كۆرگەنلەر بارمۇ؟

چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-01-31 18:15 |
Yawuz
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى

UID نۇمۇرى: 1787
نادىر تىمىسى : 6
يازما سانى : 519
ئۈنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە519دانە
شۆھرىتى: 1458 نومۇر
پۇلى: 4840 سوم
تۆھپىسى: 100 نومۇر
ۋاقتى :991(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

داۋامى بار، پات يېقىندا يوللىنىدۇ.

تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-09 23:43 |
Yawuz
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى

UID نۇمۇرى: 1787
نادىر تىمىسى : 6
يازما سانى : 519
ئۈنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە519دانە
شۆھرىتى: 1458 نومۇر
پۇلى: 4840 سوم
تۆھپىسى: 100 نومۇر
ۋاقتى :991(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

زەپەرنامە
(داستان)
موللا شاكىر
 

بۇمەنچىڭ يېتىپ كەلدى پونى ئاتىپ،
بوغۇلدىن مۇسۇلمانلار بىردىن قاچىپ،
ھاكىم بەگ دىدى ئەمدى قاچتى يېغى،
جېدەللەپ ئانىڭ ئارقىسىدىن تېخى،
كى بىر-بىر ئاتىڭ مىلتىقۇ-زەمبىرەك،
ئىرانلارغا بۇ ۋاقتىدا ھىممەت كېرەك.
تۇتۇندىن كۆكەردى ھاۋا ئىس بولۇپ،
 بوتەيپو قېزىپ قىپ-قىزىل مىس بولۇپ.
تۇتۇن بىرلە تۇپراق ھاۋا بولدى چاڭ،
بۇ مەنچىڭ تۇرۇپ ھاڭ بېقىپ قالدى داڭ.
ئېلىپ چورەنى قىلدى ئۇي مۈڭگۈزى،
بۇ مەنچىڭلەر بولدى ئۈزۈكنىڭ كۆزى.
غوجام پادىشاھلار قىلدى بىر دۇئا،
يېغى-زارى بولدى قىلىپ ئاھۇ-ۋاھ.
كى تەكبىر ئوقۇپ ئۇردىلەر  ئۆزىنى،
ھەممە قول تۇتۇپ ئولتۇرۇپ كۇپرىنى.
مۇسۇلمانلار قورشاپ ئالىپ نەچچە قات،
بۇ ئادەم قاچالمايدۇ يا قاچقان ئات.
بۇ جەڭ بولدى گوياكى سوت ئورلەمى،
بۇ مەنچىڭ ئۆلۈپ قالمىدى ھېچكىمى.
جاچا-جاپا خەنجەر، شاپ-شاپ تىغ،
بولۇپ جەڭ بازارى بىھەد ئىسسىغ.
تاراققۇ-تۇرۇققۇ بۇ تېخى سىناق
جاھان بولدى بازارى ئاھەڭگاران
بولۇپ يەر يۈزى قان بىلەن لالەرەڭ،
ئۈلۈكلەر ياتۇر كۈشتەدىن پۇشتەلەر،
ياتۇر نىمجان پۇت سۇنۇق بەزىلەر.
ياتۇر تېنىدىن جۇدا نەچچە باش،
مۇسۇلمان كاپىر بىلەن ئارىلاش .
ياتۇر بەزىسى موددە يەڭلىغ بوكۇپ،
ياتار بەزىسى قانغا پاتمىش چۆكۈپ.
كېسىلگەن قولى بەئىزىنىڭ بازۇدىن،
ئۇتۇپ يا ئوقى بەئىزىنىڭ دولادىن.
كى نەچچە باتۇر، نەچچەسى نىم خىز،
قوپاي دەپ قوپالماي بولۇپ دەستەخىز.
ياتۇر بەزىسىنىڭ باشى ئىككى پۇچۇق،
ياتۇر بەزى مۇردە بە رەھنە ئوچۇق.
سايىد بەگ قاراپ كۆردى ئىش ئۆزىگىچە،
قاچان بىر تەرەپتە تۇرۇپ ئۆلگىچە.
چىقىپ ئەترادىن قاچتى كەتتى بەدەر،
بۇ كاشىغەر سادى ئول سى كەبى پەدەر.
كى سوت ئورلەمى قالمادى ھىچ جان،
بۇ مەنچىڭ چىرىكىدە نامى- نىشان.
خىتايچە ئىدى نەچچەنىڭ سۇرىتى،
ئۆلۈپ سايدا قالدى ئانىڭ قۇر باشى،
بۇ سوكۇ، قىمار بازلار ئۆلدى تامام،
باشىغا چىقىپ تورت ئوشۇق مەردى كام.
دۈشمەن ئاخىر ئۆلدىلەر ھەممىسى،
سايىد بەگكە ھەمرا قاچىپ ئالتىسى.
ئۇلارغا بولۇپ بەزى ھەمسەپەر،
بۇدۈشمەن بىلسە باردى نارى سەقەر،
يانىپ ئاقسۇغا چۈشتىلەر بەزىلەر،
يىدى ناشتىلىققا تونۇر كاۋىسى.
كۇچارلىقلار دەر بىز خوجامغا ئۇرۇق،
بۇ لەشكەر بولۇپ كەلدىلەر قىل قۇرۇق.
ناماز ۋاقتىدىن تا بولۇپ چاشكا،
بۇ مەنچىڭ سەپەر قىلدى تەھتە سەرا.
كى ئاۋال چىقىپ داڭغا شەھپالىق،
قىلىپ ئاخىرىدا كۆڭۈل قارارلىق.
خوجاملار كېلىپ چۈشتى يىڭپاڭغا،
تۇرۇشتى ھەممە ئولجە ۋۇمالىغا.
بۇ سايىد ھاكىم بەگ چادىرو خەيمەسى،
تۇرۇبدۇر ساندۇقىدا كۈمۈش يامبۇسى.
تۇرۇبدۇر ياشىل مەھپە توغى ئەلەم،
ھاكىم بەگ قىلىپ قۇيرۇغىنى قەلەم.
ئولۇپ چىڭشا يۇن زۇڭيا، دالويەسى،
پەچىرچى بىلەن بوشىغا مالۇيەسى.
بۇ ئىگىن-ئاياغ مەھپە ۋە ئات-خىچىر،
بار مىسىلى گويا ساپال ۋە ھىجىر.
قىزىل پول كونۇش خانىقاغا بارىب،
بۇ نۇرغۇن چۇلۇق بەزى كەتتى سالىپ.
ھاكىم بەگ قايان باردى ئىزدەپ تاپىڭ،
قاچىبدۇر مەگەر ئارقىسىدىن چاپىڭ.
تۇتۇپ كەلگەنى قوغلادى ئات چاپىپ،
يېتەلمەي نەچچىسى يۇدۇر ئىزدەشىپ.
شەھەردىن ئوتۈپ تاكى كەپتەرخانە،
بۇ مەنچىڭ قاچىپ ئوتتىلەر ئازغىنا.
بۇ قالماق كېلەدۇر كوزى ئارقادا،
چىرىك بىلەن قاچىپ نەچچە جەڭگۇدا.
قاچىپ نەچچە قالماق خىتاي شەرىگە،
بۇ كۈن ئۇچرادۇق بورە يا شىرگە.
بۇ مەنچىڭ تامام دابزاسىدىن چاپلاشىپ،
تۇرار سېپىل ئۈستىدىن قايلاشىپ.
شەھەرگە كىرەرگە تاپالماي ئىلاج،
بىر ئارقان بىرىڭ بولسا نەچچە غۇلاچ.
بۇ ئارغامچا بىرلە بىلىڭ باغلادى،
سېپىل ئۈستىگە چىققىلى چاغلادى.
بۇقالماق خىتاينى سېپىلدىن سۇنۇپ،
كىلۇر دەپ يېغى ئولتۇرۇر ئويغۇنۇپ.
سېپىلنىڭ توپىدە قالىپ ئات-ياراق،
شەھەرگە كىرىپ بىر باش ئىككى قۇلاق.
سېپىل ئۈستىگە داڭدا قالغان چىرىك،
قالىپ داڭلاردا ئاش-ئۇزۇق، قوي ئېرىك.
مۇئەكىلگە مولجىدار بىر چوڭ خىتاي،
كېيىپ ئەڭلىگە كەيمەگەن سەرۇپاي.
بۇ قالغان چىرىكلەر دابزا باقىپ،
كېچە ئۇخلاماستىن تەبلى، دومباق قاقىپ.
بۇ ئامبال كىرىپ ئەمدى بۇتخانىغا،
كېلىپ يالبىرۇر ئەمدى تۇڭگانىغە.
يۇرۇيدۇ بۇ مەيمىچىلار يىغلاشىپ،
بۇ تۇڭگان بىلەن بەزىسى يارلاشىپ.
خىتايلار بۇ ئاقسۇ بىلەن بەڭ چىكىپ،
يۇرۇيدۇ تامام ساختىلىق جىڭ چىكىپ.
خۇجاملار بولۇپ خوررە شادىمان،
ھەممە لاۋۇ لەشكەر بىلەن ئەل ئامان.
بۇ جامدىن غوجاملار يۇردىلەر ئاقسۇغا،
ھەمە ئارزۇلۇقلار قانىپ ئارزۇغا.
ئالىپ بىر تۈمەن لەشكەر بىگاران،
سەيىد غازى بۇدھان ساھىبقىران.
مەي نۇش ئەتكەن ئەزەل جامىدىن،
شەھنىشاھى غازى سەيىد ھامىدىن.
يىگىتلار بىلەن بىر شەھى نەۋ جاۋان،
باھادىر سەيىد غازى مەھمۇدخان.
چالىپ ناغرا-ناققا رەئى شادىيان،
خوجام كەلدى دەپ چوڭ-كىچىك شادىمان.
مىراپ مىڭ بېگى جەمئى خەيلى سوپاھ،
ھەممە مپتى ئەنلەم مۇدەررىس، خەتىپ.
يەنە ھازى ۋە خەلپە ھەم موھتەسىپ.
بۇ ئاخۇن ئەشرەپ مۇ ئەززىن ئىمام.
چىقىپ پىش ياز ئاقسۇ خەلقى تامام،
...........................................
چىقىپ ئورداغا چالدى نەققارنى،
قولغا ئالىپ مۇلكۇ مىراسىنى.
كۇچاردا ئۇلار قىلدى مەنزىل ماكان،
ھەمنە دەسىت بەيئەت بىرىپ ئول زامان،
يەنە ئاقسۇنى ئىلياسخان سوراپ،
ئۇلارمۇ ئاخىر بولدى خاكى توراپ.
بۇ خانلىق قىلۇر ئەردى ھەر كۈنى شىكار،
تاماشا قىلىپ سۈنئى پەرىۋەردىگار.
بۇ كەشمىردىن بىر ئۇلۇغ سو داگەر،
ئۆزى ئەغنىيا ئەردى مالى گۆھەر.
ئانىڭ خاتنى ئەردى ساھىپ جامال،
پەرىلار ئانىڭ ئالدىدا كەنگۇ-لال.
ئاڭا رەشلىك ئولۇر كورسە ھورى پەرى،
جامالى ئانىڭ ماھ ۋە يامۇشتەرى.
....................................
قارار ئولتۇرۇر ئەردى پەنجىرەدىن،
كى قەيد ئەتكەلى زولپى زەنجىرەدىن.
قىلۇر ئەردى بۇخان بۇكۇنى شىكار،
بورۇزەندە تۇرمىش بۇمېھرى نىگار.
بۇ خان ھەم ئانى كوردى ئۇتتۇر قاراپ،
ئانىڭ ئىشقىدا بولدى باغرى كاباپ.
شىكاردىن يانىپ چۈشتى ئاشىپتە ھال،
بۇ ئاشىققا مەشۇق ئۇمىدى ۋىسال.
..........................................
سالىپ خاناغە رەڭگى تۈرلۈك بىسات،
تىزىپ ئالدىدا قويدى نوقلى كاباپ،
ئالىپ كەلدى ئاندىن تائامى كاباب،
ئىچەر ئەردى لىق-لىق قەدەھدىن شاراپ.
ئوشول زەن بىلەن قىلدى مەيخاەلىك،
ئانىڭ كەيپىدىن ئوتتى بەدكارەلىق.
................................................
كىرىپ ئەردىۋىل شەھرىگە بىر ۋابا،
بۇرەڭ كەلگەن ئەركەنكى قاتتىق بالا.
قالىپ ئويمۇ-ئويدە خالايىق ئولۇپ،
ھەممە ھالى-ئەھۋالى قالدى تۇرۇپ.
قورول ئۈستىدە ئەردى توڭگۇر كىرىش،
شەھەر چوڭ قالىپ ئوتتى يازۇ-قىش.
بۇ شەھەر سەھرا ئەھلى زىرى توراپ.
بولۇپ ئەرداۋىل شەھرى، خالى توراپ.
قاچىپ كەتتىلەر بايى-سايرام كوسەن،
ۋە بەزى قاچىپ باردى يەركەن، خوتەن،
ۋە بەزى قاچىپ باردىلەر كاشىغەر،
كىلىپ شەھرى بەر-بەر بولۇپ دەر-
بەدەر.
فانى ئەردىۋىل شەھرى يوق ئوندا جان،
ۋابادىن ئولۇپ كەتتىلەر ھەر قايان.
شەھرى چول قالىپ ئەردى ئون ئالتە يىل،
بولۇپ ئەردەۋىل شەھرى ۋەيران شۇ خىل.
شەھەر نىسبىنى كەتتى دەريا ئالىپ،
كىشى قالمىدى، ئەردىۋىل چول قالىپ.
بۇ قورغاس ئىدى شەھرى تۇغلۇق تومۇر،
كى ئون يىل بۇ ئىسلامدا ئوتتى ئومۇر.
ئاتا ئورنىدا بولدىلار خىزىرخان،
شەمەر قەند، قوقەند ھەم ئەندىجان.
ئولار تابەنى ئەردى قىرغىز، قازاق،
بۇ تاشكەند، سايرام مۇلكى جازاق.
بۇ كاشىغەر، ياركەند، يىڭىسار، خوتەن،
بۇ خان يارلىغىنى تۇتۇپ جانۇ-تەن.
يەنە شەھرى بەر-بەر بىلەن ئەردىۋىل،
قىلىپ پادىشا خىزمىتىنى جانۇ-دىل.
يانا باي، سايرام، شەھيار، كۇچار،
قىلىپ پادىشاھ ئەمرىگە جان پىدا.
بۇگۇر، كورلا بىرلە قىرىق سان چىلىش،
ئىتائەت قىلىپ ئەردىلەر يازۇ-قىش.
ئانىڭ تابەئىدە بۇ تۇرپان، قۇمۇل،
تومۇرخاندىن قالدى ئىككى ئوغۇل.
كى بىر كۈن خىيال ئەيلىدى خىزىرخان،
دىدى دەھ گۇزەر ئۇشبۇ پان جاھان.
................................................
دىدىلەر بىر ئىقلىم خاقانى چىن،
ھەممە زۇلۇمدا ئوتدىلەر ئانچۇنىن.
كۇچۇم يەتسە تۇز يولغا ئانى سالاي،
ئانى ياخشى ئىشقا دالالەت قىلاي.
ئەجەل يەتتى ئاخىر بولۇرمەن شەھىد،
كى شايەر بولۇرمەنكى ئەھلى سەئىد.
............................................
دىبان ئويلۇنۇپ ئول زامان خىزىرخان،
قىلىپ نامە سىن يۇرت-يۇرتقا رۋان.
كى بىر نامە يازى شاھى بۇخار،
كى بىزدىن تەھيات ھازاران-ھازار.
غازاتقا نىيەت ئەيلەدۇق بۇ سەپەر،
ئىجازەت نۇچۇكدۇر بۇدۇر كاد خەير.
سەمەر قەندغا بۇنامەنى ياز دىدى،
غازاتقا ئانى بۇسەپەر ئىندەدى.
كورۇپ نامەنى ئول زامان بولدى خوش،
بۇ دەريا دىل مەسەللىك ئوردى جۇش.
قىلىپ خىزىرخان سۆزلەر قوبۇل.
مەدەتكار بولغاى خۇدايو-رۇسۇل.
.................................................
ئىلاغا يىغلىدى ھەممە خاسو ئام،
كىشى قالمايىن جەمئى بولدى تامام،
بو يارلىغ چىقىپ ئەردى ئۇچ ئايدا،
ماڭىپ ئۇچ كىشى قالمادى ئۇچ ئايدا،
ماڭىپ ئۇچ كىشى قالمادى جايىدا.
بۇلەشكەر يىغلىدى ھازاران –ھازار،
قىلىپ يارلىغىن ئەيلەدىلەر شۇمار.
يىغلىغان خالايىقنى قىلدى ئەدەد،
سەككىز تۇمەن ئالتە لەك ھەپتە سەد.
................................................
بۇ قورغاستىن ئەيلەدى ئەزمى راھ،
كېلىپ تاجۇ ۋۇلۇشكۇن بىلەن تاغ ئارا.
يۇرۇپ ئالتە كۈن يەتتى كۇھى قىياس،
بۇ يايلاق ئىرۇر ھەددىدىن بى قىياس.
ئۈرۈمچى دابان بىرلە توخسۇن چۈشۈپ،
بۇ سۈرئەت بىلەن يۈردىلەر ئوشۇقۇپ.
..............................................
قۇمۇل خەلقى ھەم چىقىدىلەر پىشىباز،
ئالىپ خانغا تارتۇق غوجامغا نىياز.
قومۇل ھاكىمى ئەردىلەر ئەركە تاي.
توشۇدى غوجاملارنى ئالتۇن ساراي.
............................................
قۇمۇلدىن يۈرۈپ يەتتى قىزىل ئاقىن،
بۇ ئاقىن كىلەدۇر قىزىل تاغدىن،
بۇ يەتتالى غازى قىلىپ خانىقاھ،
بۇ تاغدا قىلىپ مەنزىلۇ تەكيەگاھ
تۇرادۇر بۇ تاغ ئۈستىدە بىر مازار،
شەھىدىلار بۇ ئەتراپىدا چىھىل ھازار.
............................................
ئوقۇپ شۇندا تەزكىرانى خىزىرخان،
تائامدىن بولدى يولغا راۋان،
بېجىن سارىغا ئەيلەدى ئەزمى راھ،
يۇرۇپ خىزىرخان غوجام پادىشاھ.
بىسىپ ئالتى كۈن يەتتىلار ئەنشىگە،
دىدى خىزىرخان نامە ياز مۇنشىگە.
بۇ مۇنشى يازىپ روقئەيى نامەنى
ئىشتىسۇن ئوقويىن نامەنى،
.............................................
شائىر خىزىرخاننىڭ تەييارگەرلىك بىلەن چىن مۈلكىگە قارشى سوقۇش باشلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ كېلىپ، چىن شاھى بىلەن ئىككى ئوتتۇرىدا بولغان ئۇرۇشلەرغا ئوز داستانىنىڭ چوڭ بىر بابىنى بېغىشلايدۇ، بۇ باپتا خىزىرخان قوشۇنلىرىنىڭ جايىگۇەن، سۇيجۇ، ساجۇ، لەنجۇنى قولغا ئېلىپ خانبانلىقنى قامال قىلغانلىقى، خىزىرخانغە ئوق تىگىپ شېھىت بولغانلىقى، ئەسكەرلەرنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقى، بۇ ئۇرۇشتىن قايتىپ چىققان ئەسكەرلەرنىڭ ئاقسۇ شەھىرىنى بىنا قىلغانلىقىنى يازىدۇ.
بىشارەت بېرىپ لەۋ لەۋى ئەرشىدىن،
دىدى ئۇ پوسەر خوجەئى پەتھىدىن.
قالىبدۇر دىدى ئەردەۋىل شەھرى چول،
بارىپ ئانى قىلغىل گۇلۇستان-گۇل.
تامام ئەردەۋىل خەلقى كەتتى تاراپ،
كىشى قالمايىن بولدى خاكى-توراپ.
بىشارەت تايىپ ئەردى ۋاقتى مەھەل
بۇ بەش يۈز كىشىنى ئالىپ دەرھەل.
خوجام ئەردەۋىلغە قىلىپ ئەزمى راھ،
بۇ مەنزىل ماراھىل يىتىپ ئاقسۇغا.
بۇ يار ئوستى دەشتى بىپايان ئىرۇر،
بۇ يار ئاستىدا بەھرى ئامھان ئىرۇر.
تەرەددۇت قىلىپ ئول زامان بوزروكۋار
بىناي شەھرىگە نوچوك ئورنى بار.
ئەزەل قىسمىتىدۇ دىدى كىردىكار،
دىدى ئى ئوغۇل بۇ تەرەددۇتىنى قوي.
بىناي شەھرىگە قىلىڭ جوستۇجۇي،
چۈشىدە بۇ سۆزنى دىدى ئول زامان،
جاۋابىغا ئەيدى ئول بولپەتھى خان.
بۇ يار ئۇسى دامەنى كوھى رىشىت،
ئو يار ئاستى دەريايى بەھرى گۇزەشت
شەھەرگە مۇناسىپ ئىمەسىدۇر بۇ يەر،
نوچوك ئەيلەيىن بىلمەدىم ئى پەدەر.
خۇدا ئىزنە بىرلە دىدى ئى ئوغۇل،
تەرەدود بىلە بولغايسىز مولۇل.
بۇ دەريانى مەغرۇپ سارىغا ئېيتىپ،
كى ئاۋۋەل ئانىڭ توغلىرىنى بەركىتىپ.
سالىك يارنىڭ ئاستىغا شەھرىنى،
بۇ يەر ئۈستىگە ئورداۋۇ قەسرىنى.
شەھەرگە مۇناسىپ بۇ قاينام توقاي،
بۇ ئەسرارىدىن مەخپى سوز قالمىغاي.
.................................................
بۇ دەريا سۇيى يۇردى مەغرىپ سارى،
بۇ تۇغ توختادى قالدى ئاندىن بىرى.
غوجام بولدىلەر خوررا موماى شادىمان،
بۇ يەردىن بۇلۇپ ئەرداۋىلغا راۋان.
كىلىپ يۇردىلەر دامانى قومغا،
بارىپ چۇشتىلەر ئاقسۇنىڭ بوغزىغا.
ئالىپ چىقتىلەر يۇرتقا ئادەمكى بار،
سۇنى باغلاپ تىپ قىلدىلەر بىر ناھار،
بار ئەردى بىر موللا بىر موغال،
بۇ دەريا سۇيى توغتىماغلىق ماھال.
موغال دەر ئىدى رەنىج چەككەن بىكار،
بۇ تۇغ توختىماس دەر ئىدى نا بىكار.
خوجامغا ئوزى دەسىت بەيئەت قىلىپ،
كۇڭۇلدە بۇ ئىنكار غەييەت قىلىپ.
بۇ موللا غوجاملارغا ئەردى مۇرىد،
مۇسۇلمان كامىل ئىدى موئىنتقىد.
موغال بىرلە موللا بۇسۇغا كىرىپ،
سۇنىڭ ئورتاسىدا ئىككۇيلەن ئاقىپ.
غوجامغا ئىككۇيلەننى ئاقتى دىدى،
تۇتۇڭ موللانى موغال ئاقسۇن دىدى.
بۇلار ئالدى موللانى سۇدىن تۇتۇپ،
موغال كەتتى ھەسرەت بىلەن سۇ يوتۇپ.
خوجام ئەردەۋىل ئاقسۇ بولسۇن دىدى،
بۇ ئاقسۇ لەقەپ ئول زامان توختىدى.
................................................
غوجامنىڭ قاشىدا نەچچە يارى خاس،
بىنايى شەھەرگە قىلىڭ ئولنى راس.
ھاسا بىلەن كۆرسەتتى ئولنى سىزىپ،
ئانى تۇزلەدىەلر ھولنى ئاچىپ.
غوجام كۆرسۇتۇپ ياندىلەر قەسىرگە.
بۇيارەنلەر ھەم ئەيلىدى ئىقتىدا،
نامازدىن يانىپ ئول غوجام پادىشاھ.
سوراپ تۇپراغنى نەيەردىن ئالىپ،
بىنايى سېپىلگە دىدى باشلادۇق.
بۇ سۆزنى ئىشتىدى ئو بولبەتھى خان،
باش تەۋرەتىپدىدىلەر ئول زامان.
مۇساپىر بولۇر ئاقسۇدا بارىۋاج
تاپۇر نامۇرادا بولسا خەرجۇ-خاراج،
سېپىل تۇپراغنى تاشتىن ئالىپ،
سورار ئاقسۇنى غەيرى شەھەردىن كېلىپ.
خوجام ئاقسۇ شەھرىنى ئاباد ئېتىپ،
تارالغان خالايىقلارنى جەمئى ئىتىپ.
كېلىپ ئاقسۇغا بەزى ئۆز ئىختىيار،
كېلىپ شەھرى سەھراغا تاپدى قارار.
ۋە بەئزەن كېلىپ شاھ قورقۇنچىدىن،
يىغلىدى تامام كونچىدىن، بوزچىدىن.
مۇساپىر مۇجاۋىر يىغلىدى تامام،
كېلىپ ھەر تەرەپتىن ھەمە سوئام.
يىغلىغان خەلقنى قىلدى ئەدەد،
مىڭ ئويلۇك يانا ئۈستىدە چارىسەد.
خوجام ئاقسۇ شەھرىنى ئاباد ئېتىپ،
يانا ئوردادا قەسرى نونياد ئېتىپ.
خالايىقلەر ھەم قىلدىلەر ئوي ۋە جاي،
سالىپ مەسچىدۇ-مەدرس، كارۋان ساراي.
ئاپتۇر ئاقسۇنىڭ ئاۋات قىلىنىشى توغرۇلۇق راۋايەتلەرنى كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئاقسۇ قومباشقا كاۋىچى دېگەن لەقەمنىڭ يېزىلىشىنى تۆۋەندىكىچە يازىدۇ:
.................................................
بۇ قومباش دېگەن كەنتىدە بىر دېھقان،
تېرىلغۇ زىرائەت قىلىپ ئولزامان.
تىرىپ ئەردىلەر بىر ئېتىزغا قوغۇن،
ئاڭا تەربىيەت ئەيلىدى تۇنى-كۈن.
توشۇبدۇر ئېتىزدا ئىككى كار بازۇر،
ۋەيا گۇرزى رۇستەم ۋە يالەندۇھور.
خالايىق ئاڭا ئەيلىدى ئاڭا ئاپىرىن،
تەئەججۇپ قىلىپ ئەردى بويارەدىن.
كۇمۇپ كارۋانى ئەيلەدىلەر كاباپ،
مونى توھپە ئەيلەپ خوجامنى تاۋاپ.
كوشۇككە سالىپ يوكلەدى بىر بەقەر،
يۇرۇپ مەردى دېھقان بو سۇيى شەھەر.
يىغلىدى خالايىق تاماشا ئۈچۈن ،
ئوقۇپ ئاپىرىن مەردى دىھقان ئۈچۈن.
كىلۇر ئارقادىن ئاقسۇ خەلقى تامام،
چىقىپ خانىقاغا ھەمەخاسو ئام.
بۇ ئويدىن ئالىپ سالدى زەمبىلگەباز،
كوتەردى ئۇنى تورت ئادەم پىش بار.
بۇ ئالتۇن سارايدا خوجام پادىشاھ،
بو ئاخونو-ئەشرەپ، خەلىپە سۇپاھ.
ئالىپ باردى شاھ ئالدىغا توھپەنى،
تەئەججۇپ قىلىپ سونئە ھەڭگامەنى.
سوراپ ئىستەدى بەندە قىلدى دۇئا،
نەيەردىن كىلورسەن دىدى ئى بابا.
كىلورمەن دىدىن كەنتى قومباشىدىن،
يېڭىلىق توتاي دەپ يېڭى ئاشىدىن.
دىدى ئول بابا، شاھى ئالى ماقام،
جامالىڭنى كورمەك ئىدى موددەئام.
دىدى ئاقسۇنىڭ شەھرى بولدى بىنا،
يانا قەسىرى ئالى بىلەن خانىقاھ.
پەقىر قۇللىرى موپلىسو نامۇراد،
كورۇنۇشكە تىۋە بىرلە ئات.
يوق ئەردى پەقىرنىڭ قويۇم-پاقلانىم،
جانابىڭغا ئەكەلدىم بۇدۇر تاپقانىم.
تاپالماي جابىڭغا ھىچ توھپەنى،
كومۇپ كەلتۇرۇمەن ئىككى كارۋانى.
كۇلۇپ خەند ئەيلەپ خوجام پادىشاھ،
بۇسۇرۇن كۇنى ئەردى ئەل جاباجا.
جاكاۋۇ دىدى كارۋانى كېسىڭ،
تامامى بۇ مېھمانىلىغا تارقىتىڭ.
يىغىلغان خالايىققا يەتتى تامام،
ئاشىپ قالمادى خەلقىدىن يابىرسى كام.
ئەجەپ زوركەن ئاقسۇنىڭ كاۋىسى،
لەزىزىدۇر دىدى تەئىمى يوشرەسى.
كۇلۇشىدى ھەم چوڭ-كىچىكلەر تامام،
قويۇلدى بو قومباشقا ئوشبونام.
بو دىھقانغا ھەم ئەيلەدى ئىلتىپات،
باش-ئاياق سەرۇپا بىلەن ياخشى ئات.
بىرىلدى ئامانلىققا ئالتۇن نىشان،
بالادىن بالاسىغا يۇردى ئامان.
ئاپتور ئاقسۇ بىلەن ئۈچتۇرپان شەھەرلىرىنىڭ ئىشغال قىلىنىشىنى تەپسىلى بايان قىلىپ ئوز داستانىدىن ئىككى بابنى بۇ ۋەقەلەرنىڭ ئوتمۇشىگە بېغىشلايدۇ. بو خۇسۇستا 400 مىسراغا يېقىن سۆز يازغاندىن كېيىن، ئاقسۇ تەۋەسىدىكى ئۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ كۈنلىرى ئۇستىدە توختۇلۇپ يازىدۇ.

.................................................
كوتەرىپ كىلور نەچچە بايراق ۋە تۇغ،
بۇ لەشكەرلەر ئىككى تومەندىن ئوشۇغ،
كوتەرتىپ ئەلەم ئۇستىگە ئەلەم،
ئايەتلەر ئۇستىگە قىلغىلىق رەقەم.
كىلۇر ناتوغرا ناققاراشادى چالىپ،
بۇ سەۋتو سادادىن جاھان قوزغالىپ.
سەپىدمۇرى بۇ يىل تەبىل جانگو نەپەر،
يىتىپ غولغۇلەزىر ھەپتوم سەقەر،
خوجام ئاقسۇدىن چىقتى دىگەن زامان،
خەلپەم ئاچا تاققا بولدى راۋان.
بۇ بۇتخانە ئورتەڭ بىلەن ئوت قويۇپ،
بۇ ئەئلەم ھاكىم بەگنى ئالدى تۇتۇپ.
بۇ ئۇچ شەھەرنىڭ زۇبدە سەردارلىرى،
ئۇلارنى ئالىپ يۇردى ئاقسۇ سارى.
خەلپەم يوگورتۇپ كىشى جانىپ ئۇچ.
موسۇلمان كېلىپ ئەمدى كاپىرغا كۇچ.
شەھەرگە كېلىپ قويدى ئورتەڭگە ئوت،
بۇ ئوت شۇئلەسى سانمانغا سۇ ئود.
بۇ لەشكەر كىلىپ بۇزدى بۇتخانەنى،
ئالىپ داڭزىغا ئولجەۋۋمالنى.
بۇ مەنچىڭ تامام تاغ باشىغا چىقىپ،
ھەمەسى تۇرادۇر قورۇل قاراشىپ.
پىراق ئوتىدا شەمئى يەڭلىغ يانىپ،
بۇ ھەسرەت نادامەت بىلەن ئورتانىپ.
............................................
بۇ نۇرغۇن ئەزىمەت ئالالا بىلەن،
ھەمە قىچقىرىپ ئاللا-ئاللا بىلەن.
مۇسۇلمانلارنىڭ ھەددى پايانى يوق،
مىسالى بۇ ساغداقدىكى تۇرغان ئوق.
بۇ ئادەم ماڭۇر تىگىشمەيدۇ يول،
بۇ مەشرىقۇ-مەغرىپ بىلەن ئوڭۇ-سول.
بۇ مەنچىڭ سېپىلىدىن ئاتۇر زەمبىرەك،
يېقىن بارغىلى ئالى ھىممەت كېرەك.
ھەمە لاۋۇ-لەشكەر شەھەرنى قابان،
ئور ئىخلاسىدىن كەلگەن ئەل بىھىساپ.
بۇ مەنچىڭ سېپىل ئۈستىدىن جەڭگى سەخىت،
پاناقاپ مۇسۇلمانلار تامۇ دەرەخت.
سېپىل ئۈستىدىن بۇ توبارتىن ئاتار،
كېچە ھەم باسىلمايدۇ مىلتىق ئۇنى،
بۇ ئۇچ كۈن ئاتىشتى تۇنى ھەم كۈنى.
................................................
بۇ مەنچىڭ پۈتۈن چىقتى تاغ باشىغا،
بۇ بۇتخانىسىگە سەنەم قاشىغا.
ھەمە ئاق كىيىم كەيدى تۇتدى ئازا،
مەدە ئەيلەگىل بىزگە كەلدى قازا.
ئانى كەيرۇپ كاغەزىدۇر سارىغ،
ھەمە ئەپسۇس ئەيلەپ دىدى ئاھ دەرىغ.
ھەمە يىغلاشىپ ئۇردى بۇ بۇتقا باش،
بۇ بۇتتىن بولدىلەر نا ئۇمىد،
تۇتۇپ ئەردى ئاندىن نەچچە نە ئۇمىد.
بۇ تاغ ئۈستىدە كاتتا دۇراخانە،
يىغىلدى بالا بارغا بىرلە يانا.
بۇ ئۆيگە قويۇپ تۇڭ بىلەن دورانى،
قۇرۇپ جاڭ-جۇڭ ئاتلىق تەيپۇدانى.
قۇرۇپ نەچچە توپ، پو بىلەن زەمبىرەك،
ئېرىق چەنتولارنى يوقاتماق كېرەك.
دورى ئۇستىگە سالدىلەر نەچچە تاش،
ھاۋادىن چۈشۈپ يەنچىلور نەچچە باش.
قىلۇرمىز تامام خويزەلەرنى ھالەك،
بۇ ئوتتىن پتۇشمەس تېخى بىزگە پاك.
ھەمە ئامبونودا لويە بىلەن نويۇن
بوغالداي چىرىك ئامبانى چىڭ شايۇن.
يىغىلدى تامامى پەچىرچى پىيالە،
ھەمە شويى، تەتەي بالا ئەقرىبا
كېيىپ ئگگنىگە كەيمىگەن جامانى،
ھەممە كەيپى مەست نوش ئىچىپ بادەنى،
بىساتىدىكى ھەممە رەختۇر-ماتا،
سالىبدۇر ئۈستىگە ئەھلى خىتا.
سالىپ جىنىس دۇنيا ھەمە پۇلۇ-مال،
چىقىپ ئۈستىگە خىش ئەھلۇ ئايال،
ياغاچچى نەچچە شوتانى قىلدى راس،
شەھەرگە يۇگۇرگەي نەچچە يارۇ-خاس.
تاشىدىن سېپىلدىن تۇراردۇر ئاتىپ،
تۇشۇكدىن نەچچە كۇپرىنى قەتىل ئېتىپ.
................................................
شوتى بىلەن بىرگە يۇگۇردى تامام،
بۇمولجا تەرەپتىن ھەمە خاسۇ-ئام.
بۇ مەنچىڭلەر مولجا تەرەپتىن قاچىپ،
شەھەرگە يېغى كەلدى دەپ قىچقىرىپ.
سوران بىرلە قىقاس مەغلۇبەسى،
ئوت ئالماي پىلتەدىن دارىسى.
بۇلەر ئالدىراپ ئاغزىدىن ئوت ياقىپ،
نورى ئويدۇلۇپ ئارقىغا باقىپ
قويۇپ ئەردىلەر نەچچە تۇڭ دارى،
ئوت ئالدى تەيپو-جاڭجو پورى.
بىراق گۇكىرەپ تەبرەدى جاھان،
تۇتۇن بىرلە ئوت پۇرقىراپ ئاسمان.
بۇ مەنچىڭلاردىن قالمادى ھىچ ئەسەر،
ھەمەسى جەھەننەمگە قىلدى سەپەر.
بۇ دۇشمەن مۇسۇلمانغا قازدى چوقۇر،
ئورى تۇشتى ئاخىر جازاسىنى تاپۇر.
ھاۋادىن توشەر غاقىراپ نەچچە تاش،
ياغۇر ئاسماندىن بۇ تاش بىرلە باش.
توشەر مۇز كەبى پارە-پارە سوڭەك،
ھەممە ئورتانىپ ئوتتا كويگەن كوتەك.
چىقىپ ئاسمانغا بۇلۇتتەك تۇتۇن،
چۇشەر پارە-پارە ھەممەسى بىر پۇتۈن.
ھاۋادىن چۇشەر نەچچىسى نىمجان،
بۇ يان قوش تاغى، مەھەللە ئەندىجان.
بۇ دۇلدۇل ئوقۇر نەزىسى تاش ئارا،
پۇتى يوق، قولى يوق سەكەللەر تولا.
يەنە ئاق مازاردا سوگەتلىك بۇتى،
تۇرار كەپشەسى بىرلە ئىككى پۇتى.
بۇ قولتۇق بىرلەن مەھەللە سوقاتى،
بۇ جىنى مازار بىر قول ياتادۇر تىقى
بۇ دۇشەمبە دىن تاكى ئاف ئورداسى،
بۇ مەنچىڭ باشى بىرلە بىر دانەسى.
بۇ مەرجاڭ تەرەپتە قار باغ يولى،
ياتۇر دۇمبەسى بىرلە ئىككى قولى.
ناماز ۋاقتىدىن تار بولۇپ چاشىنگاھ،
شەھەرنىڭ ئىشىن ئەيلەدى جابەجا.
شائىر ئاقسۇدىكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرىنى قىسقىچە تەسۋىرلىگەندىن كېيىن، خەلقلەرنىڭ ئور قوراللىق كۇچلىرىنى قانداق سۇيگەنلىكى، ئۇلارغا قانداق ياردەملەردە بولغانلىقى توغرىلىقمۇ توختۇلىدۇ. شۇندىن كېيىن بۇ كىتاپنى نەزىم قىلىشنىڭ سەۋەپلىرى ھەققىدە تۆۋەندىكىچە يازىدۇ:
غوجام ئالدىغا چىقتىلار پىش باز،
ئالىپ كەلدى ھالىچە نەزور-نىياز.
ئالىپ كەلدى ئاتو، كالا بىرلە قوي،
ھەمەدىن ئىشىگە قىلىپ جوستوجۇى.
ئالىپ كەلدىلەر سۇت، قاتتىق نان، توقاچ،
تويۇپ ھەرگورۇسنە ۋە بولسا ئاچ.
بولۇپ يورت ئامانلىق خۇدايا شۇكۇر،
نە خوش يۇرت تىنچ بولۇپ ئوتسە ئومۇر.
زاماندا بولمىش خالايىق ئامان،
بولۇشتى خوردەمو شادىمان.
.......................................................
بولۇپ خانىقاھ مەسچىدۇ مەدرىسە،
تۇگۇمەس ئەگەر نەچچە ۋەسىپىن دىسە.
تىلىمنى ئەگەر ئەيلىسەم مىڭ تىلىم،
تۇگۇمەس سىپاتى بايانىغا كىم.
سىپتىن بايان ئەيلىسەم ماھو-سال
تىلىم قاسىر ئەقلىم ئولۇپ كەڭكىگو-لال،
بۇ دۇشەنبىدە قاينىپ نەچچە داش،
خالايىققا بەردى بۇ يەم ئابو-ئاش.
ئىبەرتىپ مازالارغا نەزرە-نورۇز،
يانا مال-كالا نەچچە ئاتو شوتۇر
تامامى شەھەلانى قىلدى ئەدەد،
ئىككى يۇز ئون ئىككى ئەردى جەمئى مەرد.
شەھىدلەرنى دەپىن ئەتتى، قىلدى ناماز،
قىلىپ ھەر بىرى ئانچە نەزرو-نىياز.
شەھىدلەرنى بولۇپ ھەر بىرى بىر مازار،
خۇدا رەخمەت ئەتسۇن ھازاران-ھازار.
بېرىپ ئابو-ئاش بەئدى خەتمى قۇران،
سەئىد غازى بۇرھان ساھىپ قىران.
نە خوش تېچ-ئامانلىقىدا ئوتسە ئومۇر،
نىشانە ئىمام مەھدى ئاخىر كىلۇر.
بەش ئاي نەزمىگە ۋاقتىنى ئەيلەپ مادام،
كىتابى زەپەر نامىغا سۇبھى شام.
كى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئىدى سەكسەن ئۈچ،
سوۋۇت مەۋزەئى بولدى شەھرى ئۇچ.
جامادىيەل ئەۋۋەلدىن بولدى تامام،
يىلى قوى يەكشەنبە ئۇشبۇ كالام.
قىلىپ موللا شاكىر بۇ سوزلەرنى نەزم،
ئوقۇتۇپ ئىشتىسە نەڭچە ئەھلى بەزم.
بۇ سوزلەردە گەر بولسا سەھۋۇ خاتا،
ساخاۋۇ كەرەم بىرلە قىلغىل ئاتا.
ئوزەم ھەم قارى ئاجىزو بى قوبۇل.
مىزاجىم زەئىپ ئەردى تەبىئىتىم مۇلۇل.
ئومۇردە باقا يوق بو پانى جاھان،
قالۇر دەھرىدە ئۇشبۇ نامە-نىشان.
قىلىپ قىرىق يىل مەن سۇخەنۋەرچىلىك
قىلىپ ئەمرى مەئرۇپ جاھان كەشتىلىك.
يىتىپ ئاتمىش بىر ئەمدى قارىپ،
بۇ ئۇچتۇرپاندا مۇساپىر غەرىپ.
قىلىپ دەھرىدە بىزلەردىن يادىگار،
ھەمىشە دۇئادىن بىز ئۇمىتۋار.
تۈگىدى

تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-09 23:45 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » كونا - يېڭى كىتاپلار
?!---->
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !