ئورخۇننى قوللامسىز؟ | مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر | مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى | Munber hetni Nurmal Korelmigenler |
tohmak
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
---|
ئۇششاق تالدىكى ھەيران قالارلىق جەڭ ئاقىۋەتنى ئويلايدىغان يارەنلەر ، دەۋرىدىن ئەندىشە قىلغۇچى بۇرادەرلەرنىڭ كۇڭۇل ۋە كۇزلىرىدىن مەخپى قالمىغايكى مۇنداق قىسسە- ھىكايە ۋە نەقىللەگە قارىغاندا ، راشىدىن خان غازى خۇجام تەختى ئورنىدا ئولتۇرۇپ ، مەشرىق تەرەپتىكى قاراشەھەر ، تۇرپان قاتارلىق جايلار دىكى كاپىر لار دىن ئەندىشە قىلىپ جارسېلىپ، خۇدا ۋە رەسۇلۇللانىڭ ھەق يۇلىدا جېنىنى پىدا ۋە تەقدىم قىلىپ كاپىر- دىنسىر ۋەمۇشرىك زالىملار بىلەن غازات قىلىپ ، غازىلىق مەرتىۋىسىنى خۇش كۇرىدىغان ۋە شاھادەتلىك دەرىجىسىنى ئىزدىگەن بىر مەرت - باھادۇر بارمىكىن ؟ ،، دىگەن چاغدا ، تۇختى مۇھەممەد يۇزبېشى دىگەن بىر ئادەم كىلىپ ، ؛؛مەن بۇلىمەن ، ئۇشبۇ خىز مەتنى بەجا كەلتۇرۇپ ، بۇ دەرىجەلەرنى ئارزۇھەۋەس قىلغان ئىدىم ،، دەپ ئوتتۇرىغا چىقتى . خان خۇجام ئىلتىپات قىلىپ ، يۇز ئادەم تەيىنلەپ ، باھاۋىددىن خۇجام بىلەن ئايدىن خۇجامنى باش قىلىپ ، كاپىرلار بىلەن قىلىدىغان ئۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىققا يارلىق قىلدى . بۇلار بۇگۇرگە بېرىپ ، ئۇجايدىكى يۇزگە يېقىن كاپىرنى ئۇلتۇردى ۋە ئۇجايدىن بىرمۇنچە ئادەم ئېلىپ كۇرلىغا ماڭدى . بۇچاغدا بۇگۇردە سۇمۇللا دىگەن بىر تۇڭگان بارئىدى . ئۇتۇڭگانىيلارغا باش بۇلدى . خان خۇجام ئۇلار نىڭ كەينىدىن خۇجا ئىسھاق خۇجام يەنە سىدىق دادخۋا، مەمۇر خەلىپىلەر باشلىق بىريۇز ئەللىك ئادەم ماڭدۇردى . بۇگۇرلۇك دۇئايى خەلىپە يەنە بۇگۇردىن يۇز ئادەم ئالدى. بۇلار نىڭ ھەممىسى ئىتتىپاق بۇلۇپ كۇرلىنى بېسىۋالدى ، ئۇلار يەنە كۇرلىدىنمۇ ئادەم ئېلىپ ، سانىنى كۇپەيتىپ ، قارا شەھەرگە قاراپ قەدەم تاشلاپ راۋان بۇلدى . نەتىجىدە تۇغ-بايراق، ئەلەم، دەھۇل- دۇمباق، ئوقيا- ساغداق، زەمبىرەك، مىلتىق، قۇرال-ياراق،كاناي، سۇناي ۋە داقا- دۇمباق لارنىڭ ياڭرىغان ساداسى بىلەن لەشكەركەشلىك دەبدەبىسى ۋەپادىشالىق داغ دۇغىسى مەيداندا ياڭرىدى . ھەممە ئادەم خۇشال- خۇراملىق بىلەن بىلىنى مەھكەم باغلاپ ، غازات نى نىيەت قىلىپ ، مەقسەت تەرىپىگە قاراپ دەريالىۋىگە باردى . بۇچاغدا كاپىرلار دەريادىكى كىمىلەرنى چىقىرىۋېلىپ زەمبىرەك ، مىلتىقلاردىن ئوق ئېتىپ ، ئۇلارنى ئۇتكىلى قۇيمىدى . ئۇلار ئامالسىز بۇلۇپ تۇرغان بىر ھالەتتە، كۇرلا باتۇرلىرىدىن ئىسلام خەلىپە دىگەن ئادەم ؛؛ بۇچۇڭ يۇل بىلەن قارا شەھەرگە كىرگىلى بۇلمايدىغاندەك ، شۇڭلاشقا باغراش كۇلىنىڭ ئايىغى بىلەن ئايلىنىپ ئۇتۇپ ، ئۇششاق تالغا بېرىپ، ئاندىن ئارقىمىزغا يېنىپ قارا شەھەرنى ئالساق؛؛ دەپ خۇددى ھەقتەئالا ئىلھام بەرگەندەك ، ناھايتى ياخشى ۋە نۇرغۇن مەسلىھەت- كىڭەشلەرنى كۇرسەتتى . بۇكىڭەشنى ھەممەئادەم ماقۇل تۇتۇپ قۇبۇل قىلىپ ، كۇرلىغا يېنىپ كىلىپ ، باغراش كۇلىنىڭ ئايىغى بىلەن ئايلىنىپ ، تۇققۇز كۇندە ئۇششاق تالغابارسا ، بۇ يەردە ئۇرۇمچىدىن كىلىپ ياتقان ئون سەككىز مىڭ خىتاي چىرىگى بار ئىكەن . شۇكۇنى يامغۇر يېغىپ چىرىكلەرنىڭ ھەممە ئەسۋاپلىرى ھۇل بۇلۇپ كەتكەنلىكى ئۇچۇن ئۇلار زەمبىرەك، مىلتىق-ياراقلىرىمىزمۇ ھۇل بۇلمىسۇن دەپ ئۇلارنى قۇمغا كۇمۇپ بىپرۋا ياتقان ئىكەن . غازاتچىلار بارغان ھامان جەڭ باشلاندى . كۇپ ئۇرۇش بۇلدى . ئىلگىرى خۇجا جاھانگىر تۇرەم بۇيەتتە شەھەرنى ئالغاندا بىجىن تەرەپتىن كەلگەن چىرىكلەرنىڭ باشلىغى ئاي جاڭجۇن دىگەن ئادەم بۇشەھەرلەرنى تۇرەمدىن تارتىۋالغان خىزمىتى ئۇچۇن ، خاقان ئۇنى بۇ شەھەر نىڭ تەربىيەت گەردىسى ۋەساقلايدىغان ئىگىسى دەپ، ئۇنىڭ نامىغا بېغىشلاپ، بۇ يەردە بىر كاتتا بۇت خانا تەييار لاپ ، ئۇنىڭ سۇرەتلىىر نى قۇيۇپ، ئەقىدە قىلىدىغان بىر بۇتخانىسى بارئىكەن - ئۇلار نىڭ ئاغزىغا تاش ساپال ۋەقاراتۇپراق تۇلسۇن . بۇقېتىم كاپىرلار شۇبۇتخانىنىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىپ كۇپ ئورۇش قىلدى. ئاقىۋەت ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا قاتتىق مەغلۇپ بۇلۇپ تىغ سىياسەتتىن ئۇتۇپ سەرەنجام تاپتى. بىجىن تەرەپكە بىرەر كاپىر مۇ قاچالمىدى، ئاز قىسمى ئوزىنى قارا شەھەرگە ئالدى. بۇچاغدا تۇرپان تەرەپتىن ئىككى نەپەر ئاتلىق خىتاي بىپەرۋا ۋەبىغەم چىقىپ كەلدى. قالماقلار بۇنى تۇتۇپ كىلىپ خۇجاملارنىڭ ھۇزۇرىغاكەلتۇردى. تەكشۇرۇپ كۇرسە، ئۇلار نىڭ يېنىدىن خەت چىقىپ قالدى. بۇخەت قارا شەھەر ئامبانىغا بىرىلىدىغان خەت ئىكەن. خەتتە بىرقانچە كاتتا مەنسەبدارنىڭ نام- نەسەب لىرىنى يېزىپ، ؛بىز ئۇلۇغ خاننىڭ يارلىغى بىلەن سىزلەرگە يار ۋە مەدەت بۇلۇش ئۇچۇن يىگىرمە تۇت مىڭ چىرىك ، تۇت يۇز يەتمىش زەمبىرەك، ئىككى يۇز ھارۋىدا ئوق- دۇرا ۋەقۇرال ياراغ بىلەن كەلدۇق . يەنە ئۇچ كۇندىن كىيىن ئۇششاق تالغا بارىمىز . بىزگە كەڭرى ئۇزۇق ۋە ئوت بۇغۇز چىقارسۇن ،، دىگەن مەزمۇن دىكى خەت ئىكەن . خۇجاملار بۇ ئەھۋالنى ھەممە ئادەمگە ئىلان قىلىپ ، ئۇلاردىن ۋاقىپ بۇل، ھازىر بۇل،، دەپتۇرغان بىر پەيتتە ، ئۇتەرەپتىن تۇغلار نامايان بۇلدى . تۇغ ئىچىدىن قاراچىرىكلەرنىڭ قارىسى كۇرۇندى. ئىسلام لەشكەر لىرى بۇچاغدا چۇلنىڭ ئاغزىنى ۋە سۇنىڭ ياقىسىنى قولدا تۇتۇپ ياتقان ئىدى. مەزكۇر چىرىكلەر بىپەرۋا ، بىخەۋەر ھالدا ؛؛ بىزنىڭ ئالدىمىزغا ئۇزۇق ئېلىپ چىققان ئادەملەر ئوخشايدۇ؛؛ دەپ تېخىمۇ يېقىن كەلدى. بۇ چاغدا خۇددى ئاللا نىڭ بالا-قازاسى كەلگندەك، بىرتەرەپتىن ئىسھاق خۇجام ۋەتۇختى مۇھەممەد خەلىپىلەر، بىرتەرەپتىن باھاۋىدىن خۇجام ، مەمۇر خەلىپىلەر ۋە يەنە بىر تەرەپتىن ئايدىن خۇجام دۇئايى خەلىپە سۇمۇللىلار يۇقۇرى ئاۋاز بىلەن ؛؛ئاللاھۇئەكبەر ؛؛ دەپ تەكبىر ئېيتىپ ، ئات چاپتۇرۇپ قىرغىنچىلىققا ئوتتى. لىكىن، تۇساتتىن قارا چىرىكلەر ئايدىن خۇجامنى كەينىگە چىكىندۇردى . ئىش ئەكسى نەتىجىگە قاراپ ماڭدى. بۇئەھۋال ئاستىدا ئىسھاق خۇجام دۇئاغا قۇلىنى كۇتۇرۇپ ، ئاللاھ دەرگاھىغا ئاجىز لىقىنى بىلدۇرۇپ شىپا تىلەپ لەشكەر لىرىگە قاراپ ، ئۇلارنى جەڭ غازاتقا تەرغىب قىلىپ رىغبەت قىلدى . ئۇلار نىڭ ھەممىسى بىردىنلا يىغا-زارىلەرنى قىلىپ ، ؛؛ئاللاغا تەۋەككۇل ؛؛ جان-دىلى بىلەن ئۇرۇش ۋەسۇقۇش قاتۇردى. ئوڭ قاناتنى سۇل قاناتقا ، سول قاناتنى ئوڭ قاناتقا يۇتكەپ ، ئەتىگەندىن كەچكىچە ۋەكەچتىن تاڭ ئاتقىچە ھەتتا چۇشتىن پىشىنگىچە بۇلغان ئارلىقتا چاپ-چاپ دىگەن ئاۋازلار ، ؛؛ھازىر بۇل ؛؛ ۋاقىپ بۇل ؛؛ دىەەن سادالار ۋەتوپ- زەمبىرەكلەرنىڭ پەرياد- پىغانى يۇلتۇز پەلەكتىن ئورلىدى. ئاقىبەت پەتھى زەپەر ئىشىگى ئىسھاق خۇجام تەرەپ تىن ئېچىلدى. داۋامى بار، |
||
![]() |
gazibag
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
azizrosulkam
دەرىجىسى :ياساۋۇل |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
tohmak
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
niyazdixan
دەرىجىسى :كۇلۇب باشلىقى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
tohmak
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
arkim
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
tohmak
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
TuranTekin
دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
tohmak
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
tohmak
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|