نۆۋەتتىكى تېما : ئەڭ چوڭ ئىمپىراتۇر <چىڭگىزخان> ھەققىدە ... تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 558ـ كۆرۈرمىنى
تورپاق

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 5199
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە8دانە
شۆھرىتى: 12 نومۇر
پۇلى: 110 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :3(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-10-17
ئاخىرقى : 2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ئەڭ چوڭ ئىمپىراتۇر <چىڭگىزخان> ھەققىدە ...

بۇ يازمىغا TuranTekin دىن ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇرلار غا يۆتكەلدى (2008-10-18)

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار! بۇ مېنىڭ تۇنجى تېما يوللىشىم، بۇ ماقالىنى شەبنەم مۇنبىرىدە كۆرۈپ ئورخۇن مۇنبىرىگە خاس ئىكەن دەپ ئويلاپ كۆچۈرۈپ ئەچىقتىم، قىممىتى بولغانلىقى ئۈچۈن ھەم مەنبەسىنى ئەسكەرتكەنلىكىم ئۈچۈن كۆچۈرمىكەشلىك بولماس دەپ قارايمەن. ناۋادا بۇ ماقالە ئورخۇن مۇنبىرىدە بېرىلىپ بولغان بولسا، ئۆچۈرۈۋەتسىمۇ بولىدۇ...

چىڭگىزخان




XII - ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ XIII - ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﻥ، ﺋﯘﻧﯘﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ﺋﻮﺯ ﺋﺎﺭﺍ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﮕﻪﻥ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﺷﺎﻳﺘﺘﻰ. ﺑﺎﻳﻘﺎﻝ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺗﺎﺗﺎﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ، ﺗﻮﻏﻼﺭ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺋﺎﻟﺘﺎﻳﺪﺍ ﻛﯩﺮﻩﻳﻠﻪﺭ، ﻧﺎﻳﻤﺎﻧﻼﺭ، ﻣﻪﺭﻛﯩﺘﻠﻪﺭ(ﺑﯘﻻﺭ ﺗﯘﺭﻛﯩﻲ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﺪﻯ)ﻳﺎﺷﺎﻳﺘﺘﻰ. ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﻮﺯ ﺋﺎﺭﺍ ﺋﯘﺭﯗﺷﯘﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﻮﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﻥ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﻮﭖ، ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﻛﯩﻲ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ- ﺗﺎﺗﺎﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ <<ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭ >>ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﺗﯘﻕ- ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻥ ﻓﯧﺌﻮﺩﺍﻟﻠﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﺷﺎﻳﺘﺘﻰ. ﻣﯩﻼﺩﻯ 1156- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻧﯘﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭼﯩﻴﻴﺎﻥ ﺑﻮﺭﻯ ﺗﯧﮕﯩﻦ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯘﺭﯗﻗﻨﯩﯔ ﺧﺎﻧﻰ ﺳﻴﯘﻛﻪﻱ ﺑﺎﺗﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺗﯘﻏﺪﻯ، ﺋﻮﻏﯘﻟﻐﺎ ﺗﻮﻣﯘﺭﭼﻰ(ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ﺗﯧﻤﯘﭼﯩﻦ ﺩﯨﻴﯩﺸﯩﺪﯗ) ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺕ ﻗﻮﻳﺪﻯ، ﺗﻮﻣﯘﺭﭼﻰ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻗﺎﯞﯗﻝ، ﭼﺎﻗﻘﺎﻥ، ﺑﻪﻛﻤﯘ ﮬﻮﺷﻴﺎﺭ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺋﯩﺪﻯ. 1167- ﻳﯩﻠﻰ ﺳﻴﯘﻛﻪﻱ ﺑﺎﺗﯘﺭﻧﻰ ﺗﺎﺗﺎﺭﺧﺎﻧﻰ ﺗﯘﻏﺮﯗﻟﺨﺎﻥ ﺯﻩﮬﻪﺭﻟﻪﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﻯ. ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﭼﻰ ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﺎﻧﺪﺍ ﭘﯘﺗﯩﻐﺎ ﭼﯧﺘﯩﻖ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﭘﯧﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻗﯘﻝ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺪﻯ. ﺗﻮﻣﯘﺭﭼﻰ ﻗﯘﻟﻠﯘﻗﺘﯩﻦ ﻗﺎﭼﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﻮﺯ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺧﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﯘ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯘﺭﺩﻯ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﯩﻼﺩﻯ 1202- ﻳﯩﻠﻰ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﻣﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﻤﯘ ﮬﻮﻛﯘﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﻯ. 1204- ﻳﯩﻠﻰ ﻧﺎﻳﻤﺎﻥ ﺧﺎﻧﻰ ﺗﺎﻳﺎﻧﺨﺎﻧﻨﻰ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﻯ. ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻧﺎﻳﻤﺎﻧﻼﺭ ﻛﯘﭼﻠﯘﻛﺨﺎﻥ(ﺗﺎﻳﺎﻧﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ)ﻧﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﻳﻪﺗﺘﯩﺴﯘﻏﺎ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻗﺎﺭﺍﻗﯩﺘﺎﻥ ﺧﺎﻧﻰ ﭼﻮﺭﻭﻗﺘﯩﻦ ﭘﺎﻧﺎﮪ ﺗﯩﻠﯩﺪﻯ. ﺗﺎﻳﺎﻧﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﺎﻣﻐﯩﭽﯩﺴﻰ ﺗﺎﺗﺎﺗﯘﯕﺎ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻮﻣﯘﺭﭼﯩﮕﻪ ﺑﺎﺵ ﯞﻩﺯﯨﺮ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ﻣﯩﻼﺩﻯ 1206- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻧﯘﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ 5000ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﯓ ﭼﯧﺪﯨﺮ ﺗﯩﻜﯩﭗ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻱ ﭼﺎﻗﯩﺮﺩﻯ. ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻱ ﺗﻮﻣﯘﺭﭼﯩﻨﻨﻰ <<ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ>>ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﭖ، ﺋﺎﻕ ﻛﯩﮕﯩﺰﮔﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﯘﺯﯗﭖ ﺧﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯩﻜﻠﯩﺪﻯ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺩﻭﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﺧﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﻮﺯﯨﮕﻪ ﺧﻮﺷﻨﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻗﯘﻣﯘﺷﻠﯘﻕ ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﯞﻩ ﻣﻪﻣﯘﺭﻯ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﺪﻯ؛ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﻧﻐﺎﻥ، ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ، ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﺪﻯ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﻛﯧﯖﻪﻳﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﻯ. 1207- ﻳﯩﻠﻰ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺟﯘﺟﯩﺨﺎﻥ ﻳﯩﻨﺴﻪﻱ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭﻧﻰ، ﺑﯘﺭﻳﺎﺗﻼﺭﻧﻰ، ﺑﺎﻳﻘﺎﻝ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﺘﺎﻳﺪﻛﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﺩﻯ. ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﺪﻩ ﺑﺎﺵ ﻛﻮﺗﯘﺭﮔﻪﻥ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﻧﻰ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺷﻮﮬﺮﯨﺘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻗﺎﻧﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﯘﺷﺘﻪﻙ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﺎﺭﺍﻟﺪﻯ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺕ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ(850- 1335)ﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﯩﺘﺎﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﯧﻘﯩﻨﺪﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺕ ﺧﺎﻧﻰ ﺑﺎﺋﯘﺭﭼﯘﻕ ﺋﺎﺭﺕ ﺗﯧﮕﯩﻦ (1209- 1235)ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﻳﯘﺯ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﻩﻗﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯘﻧﯘﻣﻠﯘﻙ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﻪﻝ ﺑﺎﻏﻠﯩﺪﻯ. 1209- ﻳﯩﻠﻰ ﺑﺎﺵ ﯞﻩﺯﯨﺮ ﺗﺎﺭﻗﺎﻥ ﺑﯩﻠﮕﻪ ﺑﯘﻗﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺳﻠﻪﮬﻪﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﻯ. ﺑﺎﺋﯘﺭﭼﯘﻕ ﺋﺎﺭﺕ ﺗﯧﮕﯩﻦ 1211- ﻳﯩﻠﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ، ﺋﯘﻧﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺑﺎﺋﯘﺭﭼﯘﻕ ﺋﺎﺭﺕ ﺗﯧﮕﯩﻨﻨﻰ ﺋﯩﺰﺯﻩﺗﻠﻪﭖ <<5- ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ>>ﺩﯦﺪﻯ. ﺑﻮﺭﺗﺎ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﻪﺩﯨﻨﺎﺱ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺟﯘﺟﯩﺨﺎﻥ، ﺋﻮﻛﺘﺎﻳﺨﺎﻥ، ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻳﺨﺎﻥ، ﺗﻮﻟﯩﺨﺎﻥ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺗﻮﺕ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﺎﺋﯘﺭﭼﯘﻕ ﺋﺎﺭﺕ ﺗﯧﮕﯩﻦ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﭼﯩﯖﮕﺨﺰﺧﺎﻥ ﺋﻮﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﺯﯗﻟﯘﻕ ﻗﯩﺰﻯ ﺋﻘﺎﻝ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ (ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺑﯩﻜﻪ)ﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯗﺭﺩﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﻝ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺭﻩﺳﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﺎﺋﯘﺭﭼﯘﻕ ﺋﺎﺭ ﺗﯧﮕﯩﻨﮕﻪ ﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﻮﺗﺘﻰ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺕ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯩﻨﭻ ﻳﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﭼﯘﺷﯘﺭﯗﯞﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺷﻪﺭﻗﻘﻪ- ﺟﯘﯕﮕﯘﻏﺎ ﻳﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﺪﻯ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﺟﯘﯕﮕﯘﻏﺎ ﺟﯘﺭﺟﯩﺘﻼﺭ(1115- ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1134- ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﮬﻮﻛﯘﻡ ﺳﯘﺭﮔﻪﻥ)، ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﺟﯘﯕﮕﯘﻏﺎ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﺳﯘﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ (1127- ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ 1279- ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ)ﮬﻮﻛﯘﻣﺮﺍﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺟﯘﺭﺟﯩﺖ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﻣﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ، ﺋﺎﯞﺍﻝ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﺪﯨﺸﻰ ﺗﺎﯕﻐﯘﺕ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﺩﻯ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺋﻮﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺷﻪﺩﺩﻯ ﺩﯗﺷﻤﯩﻨﻰ ﺟﯘﺭﺟﯩﺖ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ 1211- ﻳﯩﻠﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، 200ﻣﯩﯔ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺧﯧﺒﯩﻲ ﺋﻮﻟﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩﻧﭽﯘﻩﻥ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺟﯘﺭﺟﯩﺖ ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩﯨﺴﻰ ﻏﯩﻴﯩﺸﻼ، ﻏﻮﺷﺎﯞﯗﺭ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ 300ﻣﯩﯔ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺟﯘﺭﺟﯩﺖ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﻣﺎﺭ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﺩﻯ. ﺑﯘ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺟﯘﺭﺟﯩﺖ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻪﺭﺧﯩﻠﻠﯩﺮﻯ، ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩﯨﻠﯩﺮﻯ ﺩﯨﮕﯘﺩﻩﻙ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺧﯧﺒﯩﻲ، ﺧﯧﻨﻪﻥ ﺋﻮﻟﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ، ﺳﻪﻧﺸﻰ، ﺳﻪﻧﺪﯗﯓ ﺋﻮﻟﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﻮﭖ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﯟﺍﻟﺪﻯ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ 1215- ﻳﯩﻠﻰ ﺟﯘﺭﺟﯩﺖ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﮬﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﮬﯘﺟﯘﻣﺪﺍ ﺟﯘﺭﺟﯩﺖ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﻳﻔﯧﯖﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﯟﺍﻟﺪﻯ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺟﯘﺭﺟﯩﺖ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺮﯨﺘﻮﺭﯨﻴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺩﯨﮕﯘﺩﻩﻙ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﺭﯨﺘﻮﺭﺭﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷﯘﯞﺍﻟﺪﻯ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺟﯘﯕﮕﯘ ﺗﺮﯨﺘﻮﺭﺭﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺟﺎﻻﻳﯩﺮ ﻗﻪﺑﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻮﻏﺎﻟﻰ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩﯨﻨﻰ ﺧﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﺪﻯ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ 1218- ﻳﯩﻠﻰ ﺟﺮﺟﯩﺘﻼﺭ ﺋﯘﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮﯓ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭺ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﻮﭖ ﺋﻮﻟﺠﺎ- ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﯞﻩ ﻛﯘﻣﯘﺵ ﺗﺎﯞﺍﻗﻼﺭ، ﺷﺎﻳﻰ- ﺋﻪﺗﻠﻪﺱ ﻣﺎﻟﻼﺭ، ﻗﯘﻟﻼﺭ، ﺩﯦﺪﻩﻛﻠﻪﺭ ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺧﻪﺍﻧﺰﯗﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﻮﭖ ﻗﻮﺭﺍﻝ - ﻳﺎﺭﺍﻏﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻣﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﻮﺭﺍﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﺳﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻪﻥ ﻗﺌﯘ ﺗﯧﺰ ﺋﺎﺭﯨﺪﺍ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺯ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻪﻥ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﻧﺪﯗﺭﺩﻯ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ 1215- ﻳﯩﻠﻰ ﺟﯘﺭﺟﺨﺘﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﺟﻪﻟﻠﯩﻚ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻳﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﺪﻯ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺕ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ 1209- ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﭼﯩﯖﯩﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻐﺎ ﺑﯧﻘﯩﻨﺪﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻳﯘﺭﯗﺷﻰ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺩﺍﻏﺪﺍﻡ ﻳﻮﻝ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﻰ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﺎﻳﻤﺎﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ 1211- ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1218= ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﮬﻮﻛﯘﻡ ﺳﯘﺭﮔﻪﻥ) ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻐﺎ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﺗﻮﺳﻘﯘﺏ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯗﺷﻤﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﺎﺷﺘﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺋﻮﺗﻜﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩﻙ 1204- ﻳﯩﻠﻰ ﭼﯩﯖﮕﺨﺰﺧﺎﻥ ﺋﺎﻟﺘﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﻳﻤﺎﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﻣﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻧﺎﻳﻤﺎﻥ ﺧﺎﻧﺰﺍﺩﯨﺴﻰ ﻛﯘﭼﻠﯘﻛﺨﺎﻥ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ- ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻧﻐﺎ ﻛﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ. 1211- ﻳﯩﻠﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﺎﺭﺍﻗﯩﺘﺎﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ (1125- 1211)ﻧﯩﯔ ﺧﺎﻧﻰ ﭼﻮﺭﯗﻕ (1178- ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ 1211- ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺧﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ) ﺧﺎﺭﻩﺯﯨﻢ ﺷﺎﮬﻼﺭ ﺩﻭﻟﯩﺘﻰ( 1231- 1157) ﻧﯩﯔ ﺷﺎﮬﻰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﻗﺎﻧﻰ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻥ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻛﯘﭼﻠﯘﻛﺨﺎﻥ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﻏﻪﻧﯩﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﯩﭗ، ﻗﺎﺭﺍﻗﯩﺘﺎﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﯗﭖ، ﻧﺎﻳﻤﺎﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﯞﺍﺩﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﻣﺎﯞﺭﺍﺋﯘﻧﻨﻪﮬﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻛﯩﺮﻩﺗﺘﻰ. ﻛﯘﭼﻠﯘﻛﺨﺎﻥ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺟﺎﮬﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺧﺮﺳﺘﯩﺌﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻧﯩﺴﺘﯘﺭﯨﻴﺎﻥ ﻣﻪﺯﮬﯩﭙﯩﺪﻩ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﯩﻞ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﻮﺯ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺋﻮﺯ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﻐﺎ ﻣﺎﺳﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻜﯩﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ. ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﺍﺭﻏﺎ ﺋﯧﺴﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﮔﻪﻧﯩﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﯘﻥ، ﻛﯘﭼﻠﯘﻛﺨﺎﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻟﻪﻧﻪﺕ - ﻧﻪﭘﺮﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﻧﺎﻳﻤﺎﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ 1218- ﻳﯩﻠﻰ ﺟﺎﺑﺎ ﻧﯘﻳﺎﻥ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ 20ﻣﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺳﺎﻟﺪﻯ. ﺟﺎﺑﺎﻧﯘﻳﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺋﺎﺗﻘﯩﻠﯩﻖ ﻳﻪﺗﺘﯩﺴﯘﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﯨﻪﯞﻩﺭ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﻛﯘﭼﻠﯘﻛﺨﺎﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻜﻮﻟﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ﻧﺎﻳﻤﺎﻥ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺭﯗﭖ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ﺑﯩﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﺩﻯ. ﻛﯘﭼﻠﯘﻛﺨﺎﻥ ﺟﺎﺑﺎ ﻧﯘﻳﺎﻥ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﻣﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﺎﭼﺘﻰ. ﺟﺎﺑﺎ ﻧﯘﻳﺎﻥ ﺩﯨﻨﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﻼ ﻳﯧﺮﯨﺪﻩ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﻳﯘﺭﮔﯘﺯﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻯ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯘﻧﯘﻡ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﭖ، ﻛﯘﭼﻠﯘﻛﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﻼ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﻯ. ﻛﯘﭼﻠﯘﻛﺨﺎﻥ ﺳﯧﺮﯨﻘﻘﯘﻟﻐﺎ ﻗﺎﭼﻘﺎﻧﺪﺍ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗﯘﯞﯦﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﻟﺪﻯ. ﻧﺎﻳﻤﺎﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺯﯨﻤﯩﻨﯩﻨﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﯨﻤﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﻮﺷﯘﯞﺍﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﺎﯕﻼﻱ ﺳﻮﻳﻪﺭ ﺩﻭﻏﯩﻼﺗﻨﻰ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﺪﻯ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﻧﺎﻳﻤﺎﻥ ﯨﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، 1219- ﻳﯩﻠﻰ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ- ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺧﺎﺭﻩﺯﯨﻢ ﺷﺎﮬﻼﺭ ﺩﻭﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﻳﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺧﺎﺭﻩﺯﯨﻢ ﺷﺎﮬﻼﺭ ﺩﻭﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﺮﯨﺘﻮﺭﺭﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻣﺎﯞﺭﺍﺋﯘﻧﻨﻪﮬﺮ، ﺧﻮﺭﺍﺳﺎﻥ، ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ ﻛﯩﺮﻩﺗﺘﻰ. ﺧﺎﺭﻩﺯﯨﻢ ﺷﺎﮬﻼﺭ ﺩﻭﻟﯩﺘﻰ (1157- 1227)ﺑﺎﻱ، ﻛﯘﭼﻠﯘﻙ ﺩﻭﻟﻪﺕ ﺋﯩﺪﻯ. 400-ﻣﯩﯔ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ.ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ 1219- ﻳﯩﻠﻰ(ﻳﯩﻼﻥ ﻳﯩﻠﻰ) ﻛﯘﺯﺩﻩ 210ﻣﯩﯔ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻐﺎ ﺋﻮﺯﻯ ﺑﺎﺵ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻣﺎﯕﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻳﯘﺭﯗﺷﯩﮕﻪ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯩﺴﺘﯩﺮﺍﺗﯧﮕﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﺭﺍ ﻗﺎﭘﺎ، ﺑﯘﻻ ﻗﺎﭘﺎ ﯞﻩ ﺋﻮﺯ ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﺟﯘﺟﻰ، ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ، ﺋﻮﻛﺘﺎﻱ، ﺗﻮﻟﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﯞﻩ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﯘﺑﯘﺗﺎﻱ ﺑﺎﺗﯘﺭ، ﺟﺎﭘﺎ ﻧﯘﻳﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﮬﻪﻣﺮﺍ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺧﺎﺭﻩﺯﯨﻢ ﺷﺎﮬﻰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﺎﻛﺘﯩﻜﺎ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﻛﯧﯖﻪﺵ ﭼﺎﻗﯩﺮﺩﻯ. ﻛﯧﯖﻪﺷﺘﻪ، ﺷﺎﮬﺎﺑﯩﺪﯨﻦ ﺧﯟﺍﻛﻰ: <<ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮﯓ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺗﻮﭘﻼﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯘ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺋﻮﺯﯨﮕﻪ ﺋﻪﭘﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻳﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﭖ ﯞﻩ ﺋﻪﭘﻠﯩﻚ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﭘﺎﻳﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻛﯘﭼﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﻛﯩﺮﺳﯘﻥ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﻣﺎﺭ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﭼﯩﮕﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﮬﻪﻳﺪﻩﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﺍﻻﻳﺪﯗ>> ﺩﯦﮕﻪﻥ. ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺑﯘ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻜﻪ ﻗﯘﻻﻕ ﺳﺎﻟﻤﺎﻱ، ﺧﺎﺭﻩﺯﯨﻢ ﺷﺎﮬﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﺎﻻﻛﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﺎﺗﺎ ﺗﺎﻛﺘﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﺧﺎﺭﻩﺯﯨﻢ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺑﻮﻟﻪﻛﻜﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺷﺎﮬﻰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺧﺎﺗﺎ، ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﺎﻛﺘﯩﻜﺎ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﯧﭙﯩﭗ، ﺷﯩﺪﺩﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﯘﺟﯘﻡ ﺑﺎﺷﻼﭖ، ﺧﺎﺭﻩﺯﯨﻢ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﻟﻪﭖ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﭖ، 1221-ﻳﯩﻠﻰ ﺧﺎﺭﻩﺯﯨﻢ ﺷﺎﮬﻼﺭ ﺩﻭﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺮﯨﺘﻮﺭﺭﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﭘﯘﺗﯘﻧﻠﻪﻱ ﺑﯧﺴﯩﯟﺍﻟﺪﻯ. ﺧﺎﺭﻩﺯﯨﻢ ﺷﺎﮬﻰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﭘﺎﻧﺎﮪ ﺑﻮﻟﻐﯘﺩﻩﻙ ﻳﻪﺭ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻱ، ﻛﺎﺳﭙﻰ ﺩﯦﯖﯩﺰﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﺧﺎﯞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎﺭﺍﻟﻐﺎ ﻗﯧﯩﭽﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺧﺎﺭ- ﺯﺍﺭﻟﯩﻘﺘﺎ ﺋﻮﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﯞﺍﺭﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺟﺎﻻﻟﯩﺪﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻱ، 1231- ﻳﯩﻠﻰ ﻛﺎﯞﻛﺎﺯﺩﺍ ﺋﻮﻟﺪﻯ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺧﺎﺭﻩﺯﯨﻢ ﺷﺎﮬﻼﺭ ﺩﻭﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺳﯘﺑﯘﺗﺎﻱ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﺑﺎ ﻧﯘﻳﺎﻥ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ 200ﻣﯩﯔ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﻰ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻣﺎﯕﺪﯗﺭﺩﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻦ ﻛﺎﺳﭙﻰ ﺩﯦﯖﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﻼﭖ(ﺋﯩﺮﺍﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ) ﻛﺎﯞﻛﺎﺯﻏﺎ ﺋﻮﺗﯘﭖ، ﺋﻪﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﮔﺮﻭﺯﯨﻨﻼﺭﻧﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻣﺎﯕﺪﻯ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﻛﯘﭼﻠﯘﻙ ﺭﯗﺱ ﺩﻭﻟﯩﺘﻰ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺭﯗﺳﻼﺭ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ- ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ، ﻛﯘﭼﺴﯩﺰ ﻛﯧﻨﻪﺯﻟﯩﻜﻠﻪﺭ(ﺑﻪﮔﻠﯩﻜﻠﻪﺭ) ﻧﯩﯔ ﮬﻮﻛﯘﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﯩﺪﻯ. ﺳﯘﺑﯘﺗﺎﻱ ﺑﺎﺗﯘﺭ 1223- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺯﯗﯞ ﺩﯦﯖﯩﺰﯨﻐﺎ ﻗﯘﻳﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﻟﻘﺎ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﻗﯩﭙﭽﺎﻗﻼﺭﻧﻰ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺭﯗﺱ ﻛﯧﻨﻪﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﻣﺎﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺳﯘﺑﯘﺗﺎﻱ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﻗﺎﻟﻘﺎ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ﺋﻪﺳﺮﮔﻪ ﭼﯘﺷﻜﻪﻥ ﺋﻮﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺭﯗﺱ ﻛﯧﻨﻪﺯﻟﯩﺮﻯ (ﺑﻪﮔﻠﯩﺮﻯ)ﻧﯩﯔ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ- ﻛﯘﻣﯘﺷﻨﻰ ﻏﻪﻧﯩﻴﻤﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ- ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ( ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺗﺎﻻﺱ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ﺋﯩﺪﻯ) ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﻣﯩﻼﺩﻯ 1227- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻦ ﺷﻪﺭﻗﻘﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ، ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺩﯨﻨﭙﯩﺮ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺗﯘﺗﺎﺷﻘﺎﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﻨﺎﺱ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﻮﺭﺗﺎﺩﯨﻦ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﯞﻩﺳﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ: <<ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﻮﻗﻴﺎﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺴﯩﻠﻪﺭ، ﺗﻮﺕ ﺗﺎﻝ ﺑﺎﺷﺎﻗﻨﻰ ﺟﯘﭘﻠﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﮬﯩﭽﻜﯩﺸﻰ ﺳﯘﻧﺪﯗﺭﯗﯞﯦﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﺎﺷﺎﻗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼﻧﺴﺎ، ﺋﯘﭺ ﺗﺎﻝ ﺑﺎﺷﺎﻗﻨﻰ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺮﯨﭗ ﺳﯘﻧﺪﯗﺭﯗﯞﯦﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﻮﺕ ﺑﯩﺮﺗﯘﻗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻗﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺵ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﻮﺗﯘﯕﻼﺭ. ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﯕﻼﺭ>> ﺩﯦﮕﻪﻥ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺋﻮﺯ ﯞﻩﺳﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯘﭼﯩﻨﭽﻰ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﻮﻛﺘﺎﻳﻨﻰ ﺋﻮﺯﯨﻨﯩﯔ ﯞﺍﺭﯨﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻛﺘﺎﻳﻐﺎ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯘﺷﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﯩﻠﯩﻐﺎﻥ. ﺧﯧﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ <<ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﯞﺍﺭﺱ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻣﺎﯕﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ >>ﺩﻩﭖ ﻳﯘﺭﮔﻪﻥ ﺟﯘﺟﯩﺨﺎﻥ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻛﺘﺎﻳﻨﻰ ﯞﺍﺭﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻧﺎﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ 1225- ﻳﯩﻠﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﭼﯘ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﻛﯧﯖﻪﺵ ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﺎﻧﺪﺍ ﺟﯘﺟﯩﺨﺎﻥ: ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﻢ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﺎﮬﺎﻧﯩﻨﻰ ﻛﻮﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ. ﺟﯘﺟﯩﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺟﺎﺳﯘﺳﻠﯩﺮﻯ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﺋﻮﯞﺩﯨﻦ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺧﺎﻧﻐﺎ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺟﯘﺟﯩﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﯩﻴﺪﺍﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﮔﯘﺯﮔﻪﻥ. ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، 1176- ﻳﯩﻠﻰ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺑﻮﺭﺗﺎﻏﺎ ﺋﻮﻳﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺘﻠﻪﺭ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﮬﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﻮﺭﺗﺎﻧﻰ ﺑﯘﻻﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺑﯘ ﯞﻩﻗﻪ ﻳﯘﺯ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﻮﻥ ﺋﺎﻱ ﺋﻮﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻐﺎ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺭﻛﯩﺖ ﺑﯧﮕﻰ ﺑﻮﺭﺗﺎﻧﻰ ﺋﯘﺷﺘﯘﻣﺘﯘﺗﻼ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻐﺎ ﺳﺎﻻﻣﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺑﻮﺭﺗﺎ ﺷﯘ ﻛﯘﻧﻰ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺗﯘﻗﻘﺎﻥ. ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ﺑﯘ ﺋﻮﻏﯘﻟﻐﺎ ﺟﯘﺟﯩﺨﺎﻥ (ﻣﯩﮭﻤﺎﻥ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺪﻩ) ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺕ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﻮﺭﻩﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﭼﯘﺷﻜﻪﻥ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﮔﯘﻣﺎﻧﺨﻮﺭ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺗﻤﯩﺶ- ﻳﻪﺗﻤﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻤﯘ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﯨﻦ ﺧﺎﻟﻰ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺟﯘﺟﯩﺨﺎﻧﻨﻰ ﺋﻮﺯﯨﮕﻪ ﯞﺍﺭﺱ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ: ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺟﯘﺟﯩﺨﺎﻧﻨﻰ ﯞﺍﺭﺱ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ، ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﻮﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﮔﯘﻣﺎﻧﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻳﯘﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭ ﻏﻮﯞﻏﺎ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩﻗﻪ ﺗﯘﻏﯘﻟﯩﺪﯗ، ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﭖ، ﺧﯧﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺋﻮﻛﺘﺎﻳﻨﻰ ﯞﺍﺭﺱ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، 1227- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻧﯩﯖﺸﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﻳﯩﯖﭽﯘﻩﻥ ﺷﻪﮬﺮﻯ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ 70 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ (1156- 1227) ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﻮﺗﻜﻪﻥ.

بىر قىسىم رەسىملەر:






ئوغۇزخاننىڭ ئىنكاسى:

چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ خان جەمەتىدىكىلەرنىڭ قەۋرىگاھى ھەققىدە


چىڭگىزخان مىلادىيەنىڭ 1164-يىلىدىن 1227-يىلغىچە ياشاپ ئۆتكەن دۇنياۋى مەشھۇر شەخس بولۇپ ، ئۇ كۆپ مىللەتلىك يۇەن سۇلالىسى ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ "بوز قىر"مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تارىتىپ، دۇنياۋى مەدەنىيەت ئالمىشىش ۋە يىپەك يولى ئالاقىلىرىنىڭ قايتا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى، ئەينى دەۋر يۇەن سۇلالىسى تارىخى كۆپ قىرلىق،كۆپ قاتلاملىق تەتقىقاتلار ئارقىسىدا خىلىلا مۇكەممەل يورۇتۇپ بىرىلگەن بولسىمۇ، ئەپسۇسكى بۇ مەشھۇر شەخسنىڭ دەپنىگاھى تا ھازىرغىچە دۇنياغا سىر بولۇپ تۇرماقتا.جۇڭگو،ياپونىيە ، تاشقى موڭغۇلىيە ئالىملىرى 1992-يىلىدىن بۇيان بۇ ساھەدە ئىزلىنىشلەر ئىلىپ بارغان بولسىمۇ تا ھازىرغىچە بىرەر ئىلمىي بايقاشنى قولغا كەلتۇرگەنلىگى نامەلۇم.مەن 1987 يىلىدىن باشلاپ بۇ سىرلىق ئادەمنىڭ قەبرىگاھى توغرىسىدا قىزىقىشلىق ئىزلىنىشلىرىمنى باشلىغان ئىدىم.تۆۋەندە ئۆز بايقاشلىرىم ئاساسىدا كۆز قاراشلىرىمنى يۈزەكى بولسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇشنى لايىق تاپتىم.ئۇمۇدۇم شۇكى دۇنيا ئېلىم ساھەسصنىڭ مۇشۇ ئاددىي كۆزنەكتە تارقاتقان ئۇچۇرۇمغا دىققەت قصىلىپ،بۇ ساھەدىكى ئىزلىنىشلىرىنى توغرا نىشان ئاساسىدا قايتا باشلىغۇسى.....

مەلۇمكى چىڭگىزخاننىڭ 1227-يىلى تاڭغۇتلارغا قارشى جازا يۇرىشىدە ئولگەنلىكى، ئۇرۇشنىڭ ئىھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ چىڭگىزخاننىڭ ئۆلۇمىگە ئالاقىدار بارلىق تەپسىلاتلارنىڭ سىرتقى دۇنيادىن سىر تۇتۇلغانلىقى،كىيىنچە ئۇنىڭ جەسىدىنى "قارا قۇرۇم"دىكى "ئونۇن دەرياسى" بىلەن "قۇرۇلۇن دەرياسى"نىڭ قوشۇلغان جايىدىكى "بۇرھان خالدۇن" دېگەن جايغا دەپنە قىلىنغانلىقى، بۇ يەردە "بىر تۇپ ياڭاق دەرىخى"نىڭ بارلىغى،بۇ جاينى ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئۆزى تاللىغانلىقىنى بىلىمىز، ئۇنداقتا بۇ جاي ھازىر نەدە؟موڭغۇل تارىخىنى ئۇگەنگەن ھەرقانداق ئادەم شەكسىزكى بۇ جاينى تاشقى موڭغۇلىيەدە دەپلا جاۋاپ بىرىدۇ ،لېكىن مىنىڭ ئىزلىنىشلىرىمگە كۆرە بۇ نامدا ئاتالغان جايدىن ئىككىسى بار!خەرىتىگە قارايدىغان بولساق "قارا قۇرۇم " تىغىدىن تاشقىي موڭغۇلىيەدە بىرسى،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدا بىرسى بارلىغى ئايان بولىدۇ ،يەنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا قارا قۇرۇم تاغ تىزمىسى سوزۇلۇپ ياتىدۇ، كوئىنلۇن تاغ تىزمىسى دەل مۇشۇ "قارا قۇرۇم " دېگەن نامنىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسىدىن ئىبارەت،ئەسلى نامى "قارا قۇرۇلۇن" بولۇشى كېرەك،(بۇ ھەقتە تەپسىلى ماتېرىيال كورمەكچى بولسىڭىز "شىنجاڭ گىزىتى"نىڭ 1998-يىلى 08-ئاينىڭ 4-كۇنىدىكى شىرىن قۇربان يازغان " قارا قۇرۇم ۋە كوئىنلۇن" ئصلمىي ماقالىسىگە دىققەت قىلىڭ) قارا قۇرۇم تاغ سىستېمىسى بىلەن كوئىنلۇن تېغىنىڭ قوشۇلىشىدىن شەكىللەنگەن كوئىنلۇن تېغى سىستېمىسى ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىدىكى ھىمالايا تاغ سىستېمىسى ، ھىندىقۇش تاغ سىستېمىسى ، ۋە تەڭرى تاغ سىستېمىسىدىن تۇزۇلگەن غايەت زور تاغلار سىستېمىسى پامىر ئىگىزلىگىدە ئوز-ئارا قوشۇلۇپ غايەت زور تاغلار ئومۇرتقىسىنى تەشكىل قىلىپ "دۇنيانىڭ ئوگزىسى" "تاغلار ئومۇرتقىسى" دەپ تەرىپلەنمەكتە ،كوئىنلۇن تصغىنىڭ غەربىي ئۇچى "ۋاخان كارىدورى"دىن باشلىنىپ "ھىندىقۇش تاغ تىزمىسى"بىلەن تۇتىشىدۇ ، كوئىنلۇن تصغى غەرىپتە پامىر ئىگىزلىگىدىن باشلىنىپ شىنجاڭ-شىزاڭ چېگرا لىنىيەسىنى بويلاپ شەرققە سوزۇلۇپ تاكى چىڭخەي ، سىچۇەن ئولكىلىرىگە قەدەر بارىدۇ ،كوئىنلۇن تصغىنىڭ ئومۇمى ئۇزۇنلىغى 2500 كىلومىتىر كەڭلىكى 150-350 كىلومىتىر كېلىدۇ ، بۇنىڭ ئىچىدە يۇرتىمىز شىنجاڭ ئىچىدىكى ئومۇمى ئۇزۇنلىغى 1700 كىلومىتىر كېلىدۇ ، كوئىنلۇن تىغى غەرپتىن شەرىققە قاراپ تەدرىجى پەسىيىپ بارىدۇ ،شىنجاڭ تەۋەسىدىكى قىسمى ئوز ئىچىدىن "غەربىي كوئىنلۇن" تېغى "ئوتتۇرا كوئىنلۇن"تېغى ۋە "شەرقىي كوئىنلۇن"تېغى دەپ 3 قىسىمغا بولىنىدۇ ،ئادەتتە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسى بىلەن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسى ص تەۋەسىدىكى قىسمى "غەربىي كوئىنلۇن" دەپ ئاتىلىدۇ ،"غەربىي كوئىنلۇن" نامىدىكى قارا قۇرۇم تەغىنىڭ ئومۇمى ئۇزۇنلىغى تەخمىنەن 800 كىلومىتىر ، كەڭلىكى 240 كىلومىتىر ئەتراپىدا بولۇپ دېڭىز يۇزىدىن 5000 مېتىر ئوتتۇرىچە ئىگىزلىككە جايلاشقان ، يۇرتىمىز تەۋەسىدصكى قارا قۇرۇم تصغى شەرقتىن شىمالغا قاراپ سوزۇلىدۇ ، بۇ تەۋەلىكتىكى تاغلارنىڭ جىلغىلىرى چوڭقۇر ۋە خەتەرلىك ، دەريا-ئېصقىنلىرىنىڭ ئېصقىشى تىز ۋە مۇرەككەپ بولۇپ ئۈزۇلمەس سۇ مەنبەسىدۇر، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا تىمپۇراتۇرىسى نىسبەتەن تۆۋەن ،بىز دىققەت نەزىرىمىزنى ئاغدۇرماقچى بولغان "قارا قۇرۇم تېصغى" دەل مۇشۇ ياۋرۇ-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىغىنىڭ ئاساسىي ئومۇرتقىسىنىڭ بىرقىسمى بولغان يۇرتىمىزنىڭ قەشقەر قاغىلىق ناھىيەسى بىلەن تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى ۋە كەشمىر ئوتتۇرىسىدىكى كەڭ زىمىننى كۆرسىتىدۇ.

ھەممىمىزگە مەلۇمكى چىڭگىزخان خارازىم شاھى سۇلتان مۇھەممەدكە(بۇ ۋەقە موللا مىرسالاھ كاشغەرىنىڭ قوليازمىسى ئاساسىدا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشىر قىلغان "چىڭگىزنامە" ئەسىرىنىڭ26-32 بەتلىرىدە تەپسىلى بايان قىلىنغان) قارشى جازا يۇرىشىنى باھانە قىلىپ ياۋرو-ئاسىيا قىتئەسىگە قىلغان ئىستىلاچىلىق ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشىدا سۇلتان مۇھەممەت ئۇرۇشتا يىڭىلىپ قاچىدۇ.سۇلتان مۇھەممەدنىڭ جەسۇر ۋە باھادىر ئوغلانى بولمىش "سۇلتان جالالىددىن" ئۇرۇشتا تەسلىمچىلىكنى خالىماي چىڭگىزخان بىلەن قانلىق ئۇرۇش قىلغاچ ھىندىستانغا چىكىنىدۇ، چىڭگىزخان جالالىدىننى قوغلاپ تۇتۇش ئۇچۇن شەخسەن ئوزى ئاتلانغان بولۇپ ئۇ تاكى "ھىندى دەرياسى"غىچە ئۇنى قوغلاپ بارغان ئىدى ،ئەينى دەۋردىن بىزگە يەتكەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا چىڭگىزخان جالالىددىنى تۇتۇش ئۇچۇن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ زور تەۋەككۇلچىلىككە يول قويغىچە ئۇنىڭدىنمۇ پايدىلىق بولغان ئوتتۇرا يولدىن ھۇجۇم قىلىشنى تاللىغان بولىشى كېرەك؟(بۇ تەپسىلات "چىڭگىزنامە"نىڭ 33-34-بەتلىرى بايان قىلنغان)شۇڭا ئۇ زور قوشۇننى باشلاپ پامىر ئىگىزلىكىدىن تاشقورغاننىڭ "بۇرامسال" تاغلىق يىزىسى ئارقىلىق قاغىلىقنىڭ "چوخشى"(چوخسى دېمەك چوخسۇ دصمەكلىك بولسا چوقۇمكى بۇ سوزنىڭ مەناسى زور قوشۇن،كوپ ئارمىيە دىگەنلىك بولىدۇ) تاغلىق يىزىسنى ئايلىنىپ "كەشمىر"گە ئوتۇپ ھىندىستانغا قارشى جازا يۇرىشى قىلغان بولۇشى ئىھتىمالغا بەكمۇ يصقىن (موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى "شىنجاڭ خەلق نەشصرياتى 256- 260-بەتلەر) ،شۇ قصتىملىق ھەربىي يۇرۇشتە ئېگىز تاغ ۋە شالاڭ ھاۋاغا ناچار مۇھىتقا بەرداشلىق بىرەلمىگەن موڭغۇل قوشۇنى زور تالاپەتكە ئۇچرىغان ۋە چىڭگىزخانمۇ ئوزىنىڭ ئامراق خوتۇنى "قۇلان قاتۇن"دىن ئايرىلغان ۋە ئۇنى " شىۋرىغان ئۇزۇلمەي چىقىپ تۇرىدىغان ،ھاۋاسى شالاڭ،يىل بويى قار-مۇز كەتمەيدىغان بىر زصمىندىكى مۇز قاپلىغان شىددەتلىك ئېقىنلىق دەرياغا دەپنە قىلغان "ئىدى.بۇ تەپسىلاتقا تولىمۇ ئۇيغۇن كىلىدىغان جاي پەقەتلا قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ چوخشى يىزىسى بىلەن كەشمىر ئارىسىدىكى قارا قۇرۇم تاغلىرى ۋادىسىدىن ئىبارەت خالاس .چىڭگىزخان ئەينى دەۋر ھەربى ئۇرۇشنىڭ ۋەزىيىتىگە( موڭغۇل قوشۇنى ئەينى دەۋردە 3 يولغا بولۇنۇپ ھەركەتلىنىپ بىر قىسمى ياۋروپادا،بىر قىسمى ئوتتۇرا ئاسىيادا،بىر قىسمى "جىن سۇلالىسى"گە قارشى ھەربىي يۇرۇشتە ئىدى 265-257-بەتلەر)كورە ھىندىستانغا قارشى يۇرەكلىك ھالدا جازا يۇرۇشى قىلىشقا پىتىنالمىغان ۋە ئوزىمۇ "ئوۋ ئوۋلاۋصتىپ ئاتتىن يىقىلىپ كەتكەنلىگى ئۇچۇن ئاغرىپ قالغان " ئىدى...شۇ سەۋەپلەرگە كورە چىڭگىزخان مىلادىيەنىڭ 1222-يىلى ھازىرقى ئوزبىكىستاننىڭ "سەمەرقەند" بىلەن ئافغانىستاننىڭ "غەزنە" شەھەرلىرى ئارىلىغىدا تۇرۇپ قالغان ۋە "شەندوڭ"لۇق كاتتا تىۋىپ شىڭ شىن جىن رىن دېگەن زاتنىڭ داۋالىشىنى قوبۇل قىلغان،تارىخىي يازمىلاردا خاتىرىلىنىشىچە بۇ ۋەقە "ئولمەسلىكنىڭ دورىسىنى ئىزلەش" دەپ ئاتالغان ئىدى.مەزكۇر تىۋىپ چىڭگىزخانغا ئولمەسلىكنىڭ دورىسىنى تاپالمىغاندىن كىيىن يەنى چىڭگىزخاننىڭ ئىغىرلىشىپ سەكراتقا چۇشۇپ قالغان ھاياتىنى ساقلاپ قالالمايدىغانلىقى ئايان بولغاندىن كىيىن تىۋىپنى يولغا سىلىپ قويغان ئىدى.ئەمەلىيەتتە دەل شۇ ۋەقە يۇز بەرگەن ۋاقىتتا چىڭگىزخان ئەجەللىك كىسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇشى ۋەياكى ئولگەن بولۇشى مۇقەررەرلىكتۇر.( چىڭگىزنامە 34-بەتلەر)چۈنكى چىڭگىزخاننىڭ ھەربىي يۇرۇشلىرىنىڭ ئەڭ جىددىي پەيتىدە ئوغلى "جۇجىخان" چىڭگىزخاننىڭ يارلىغىغا پىسەنت قىلماي "قىپچاق دالاسىدىن" چاقىرتىلغاندىمۇ كەلگىلى ئۇنىمىغان ئىدى.(چىڭگىزخان دەل شۇ ۋاقىتلاردا ئولگەن ۋە بۇ "سىر" ئۇنىڭ ئوغلى "جۇجى"غا ئايان بولغان ئىدى.شۇڭا ئۇ ئۆزى پەرمانغا بويسۇنۇپ قايتىپ كەلسە شەكسىزكى "ساپ موڭگۇل نەسلى"دىن بولمىغان چوڭ ئوغۇل جۇجىنىڭ تەقدىرى تەخت تالىشىش كۇرەشلىرىدە ئىنتايىن پاجىئەلىك بولغان بولاتتى.( موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى 244-245-بەتلەر)
ئۇنداقتا چىڭگىزخان ئولگەندىن كىيىن نىمىشكە تاشقىي موڭغۇلىيەگە ئەمەس بەلكى قاغىلىق ناھىيەسى تەۋەسىگە دەپنە قىلىنغان؟مصنىڭ بۇ بايانىمنى قايىل قىلارلىق ئىسپاتلىشىم ئۇچۇن توۋەندىكىلەرگە دىققەت نەزىرىمىزنى ئاغدۇرايلى:

1)قۇرۇلۇن دېگەن نام توغرىسىدا .
كۆپ خىل يازما ماتىرياللاردا بۇ نام كىلۇرەن ،كىلۇرۇن ، كىرۇرۇن ، قۇرۇلۇن ،قۇرۇلەن دېگەن ناملاردا ئۇچرايدۇ(چىڭگىزنامە ،موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى ۋە "شىنجاڭ گىزىتى"نىڭ 1998-يىلى 08-ئاينىڭ 4-كۇنىدىكى شىرىن قۇربان يازغان " قارا قۇرۇم ۋە كوئىنلۇن" ئەلمىي ماقالىسىگە دىققەت قىلىڭ )، ھالبۇكى بۇ نام دەل ھازىرقى قارا-قۇرۇمنى كورسىتىدۇ ، ئۇنداقتا چىڭگىزخاننىڭ ئوردىسى جايلاشقان موڭگۇل دالاسىدىكى "قارا قۇرۇم" نېمە سەۋەپتىن يۇرتىمىزغا "كوچۇپ" كەلگەن؟
مېنىڭچە بولغاندا بۇنى پەقەتلا ھونلارنىڭ كوچمەن تۇرمىشى ۋە قەدىمقى زاماندىكى ھون-ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى موڭگۇل دالاسى بولمىش "ئوردۇس يايلىغى بىلەن يىلتىزداشلىققا ئىگە تارىخلىرى ئارقىلىق چۇشىنىش مۇمكىن ،شۇنداقلا "ھىندى دەرياسى" نامىدا ئاتالغان قەدىمقى دەريانىڭ ئاتىلىرىمىزنىڭ يازمىلىرىدا (تۇركى تىللار دىۋانى 1-توم 40-بەتدەسلەپكى دۇنيا خەرىتىسى ھىند ۋە سىند بولىگىدە)سەيھون دەرياسى دېمەك دەل ھونلارنىڭ سۇيى دىمەكلىكتۇر.بۇ دەريا ئەرتىش ياكى ئامۇر دەريالىرىنى كورسەتسە كېرەك."جەيھون..ياكى جەيھۇن..ھونلارنىڭ جايى نامىدا ئاتالغانلىقى ۋە مۇشۇ دەريا ۋادىلىرىنىمۇ ئوزلىرىنىڭ سىياسى مەركىزى بولغان "ئوتتۇكەند" ئەتراپلىرىغا باغلاپ قارا قۇرۇم دەپ ئاتىغان بولىشى ئىھتىمالغا بەكلا يصقىن.
2)قۇرۇلۇن دەرياسى دېگەن نام توغرىسىدا .
چىڭگىزخان ئونۇن دەرياسى بىلەن قۇرۇلۇن دەرياسى قوشۇلغان جايدا دەپنە قىلىنغان ( ھالبۇكى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ شىخشۇ(چوخشى) تاغلىق يىزىسىنىڭ ئارقا تەرىپىدە "كوكارت" ، "كىچىك ئارت" ، " قۇلان باغلار" داۋانلىرى باشلانغان جايدا بىر دەريا بولۇپ كونكىرتنى ئىسىم قويۇلمىغان بولسىمۇ لېكىن بۇ دەريانى تەبىئىي توساق بولۇپ توسۇۋالغان تاغنىڭ يول ئىغىزى "قۇلان باغلار داۋان" دەپ ئاتىلىدۇ..ھەمدە مۇشۇ ئەتراپتىكى "رەسكەم"ئارقىلىق كەشمىرگە ئوتۇشتىكى تاغ جىلغىسىنىڭ نامىمۇ "قۇلۇن ئاغۇ ،قۇنناغۇ " دەپ ئاتىلىدۇ ، ئۇيغۇر تىلىدا "قۇلۇن ئاغۇ" دىمەكلىك دەل قۇلۇن جىلغىسى دىمەكلىكتۇر!...مەيلى قۇلان باغلار داۋىنى بولسۇن مەيلى قۇلۇن ئارغۇ جىلغىسى بولسۇن ھەممىسى دەل "قۇلان دەرياسى"دېگەن نامدىكى دەريانىڭ ۋاستىلىق ئىسپاتى خالاس!...بۇ دەرياغا "قۇلان دەرياسى"دېگەن نامنىڭ قويۇلماسلىغىدىكى سىر بەلكىم ناھايىتىمۇ مۇھىم بولۇشى مۇمكىندۇر ،
چۈنكى چىڭگىزخان دەپنە قىلىنغاندا بارلىق دەلىل-ئىسپاتلار..ئادەم ۋە جانلىق ھايۋانلارغىچە ھەممىسى ئولتۇرۇۋەتىلگەندۇر.
3)بۇرھان خالدۇن ئاتالغۇسى توغرىسىدا.
تارىخىي يازمىلاردا بۇ جاي "بۇرھان خالدۇن" "بۇرقان قالدۇن ، بۇرقان ئالدۇن " شەكلىدە ئۇچرايدۇ ،بۇ بولسا چىڭگىزخان دەپنە قىلىنغان جاينىڭ كونكىرتنى نامى بولۇپ (چىڭگىزنامىنىڭ 36-بەتىدە مۇنداق دىيىلگەن "چىڭگىزخان بىر كۇن سەير ئۇچۇن ئاتلانىپ ئىدى...بىر سەھنە يەردە بىر تۇپ دەرخت كوردى..خوش كەلدى..تۇۋىدە ئولتاردى..قاشىدىكى ئومەرالارغە ئەيتتىكى : ئەگەردە مەن ئولسەم مصنى شۇبۇ دەرەخ تۇۋىدە دەپنە قىلىڭلار،بۇ يەردە مەن فەرھ تاپتىم دەپ ،ئۇل يەرنىڭ ئاتىنى "بەرقان قالدۇن" دەر ئەردىلەر، چىڭگىزنامە دېگەن قوليازمىدىمۇ بۇ نام توغرىسىدا ئوخشىمىغان جايدا ئوخشىمىغان خاتىرىلەر ئۇچرايدۇ.مەسىلەن : 45-بەتتە تولىخاننىڭ ئۆلۈمى سەۋەبىدىن باياندا مۇنداق دىيىلگەن : رەنجۇر بولۇپ بىر تەرەپ بولدى..ئانى بۇرقان ئالدۇندا دەفن قىلدىلار...، 43-بەتتە ئوكتاينىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا مۇنداق دىيىلگەن : قەدىمۇلئەييام پايتەختى موغۇلىستان -قارا قۇرۇم ئىدى چىڭگىزخان ۋاپات بولۇپ 15يىلدىن كىيىن ئوكتايخان ئالەمدىن ئوتتى ، چىڭگىزخاننىڭ قاشىدا بۇرقان ئالدۇندا دەفن قىلدىلار ، تولى ھەم ئالدۇن دا ياتتىلار.) قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ چوخشى يىزىسى چۆپ كەنتىنىڭ ئاياغ چۆپ كەنتىدە بىر "مۇقەددەس مازار"لىق بولۇپ يەرلىك كىشىلەر بۇ مازارنى "دىۋانى بۇرقۇم" ،"ھەزرىتى بۇرقۇم" ، "بۇرقۇم ئەۋلىيا " دىگەندەك ناملاردا ئاتايدۇ ،بۇ مازارنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى يەركەند دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئەقىنى بىلەن "قۇرۇلۇن دەرياسى"نىڭ يەركەن دەرياسىغا قوشۇلۇش ئورنىنىڭ سەل باش تەرىپىگە جايلاشقان!بۇ مازار توغرىلىق خەلق ئارىسىدا ئادەم ئىشەنگۇسىز سىرلىق رىۋايەتلەر تارقىلىپ يۇرۇيدۇ.مازارلىق جايلاشقان دەريا قصرىنىڭ بويىدىكى قىيا تاشتا قارا رەڭلىك سىزىقچىلار بولۇپ ، يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئصيتىشىچە: كۆزىگە سۇرمە تارقان،دۇبۇلغا-ساۋۇت كەيگەن،ئوقياسىنىڭ كىرىچىنى تارتىپ تۇرغان ھالەتتىكى ئاق ئاتقا مىنگەن بۇرقۇم ئەۋلىيانىڭ خاسىيەتلىك سىماسىنى كورگەنلىكىنى، بۇ ئامەتنىڭ پەقەتلا ئىمانى كۇچلۇك ، بۇرقۇم ئەۋلىياغا يامان نىيەتتە بولمىغان ،ساداقەتمەن بەندىلەرگىلا نېسىپ بولىدىغانلىقىنى،ئەگەردە بۇرقۇم ئەۋلىياغا يامان كوزدە قارىغۇچىلار بولسا مۇبارەك ھەزرىتى بۇرقۇمنىڭ جامالىنى كورەلمەيلا قالماستىن بەلكى بۇ جايغا يصقىنلاشسا دەرھاللا قان قۇسۇپ ئولىدىغانلىقىنى،ھەمدە يصقىندا يۇزبەرگەن ۋەقەلەر ئارقىلىق دىنسىز ياكى تاھارەتسىز ئادەملەرنىڭ بۇرقۇم ئەۋلىياغا يصقىنلاشسا ئىنتايىن يامان ئاقىۋەتتە قالىدىغانلىقى توغرىسىدا زوق-شوق بىلەن سوزلىشىدۇ.
ھەتتا چۆپ كەنتىدە يۇز بەرگەن ئومۇمىيۇزلۇك بولغان ئەرسىي كۆز كىسەللىگىنىمۇ (ئەلۋەتتە بۇ كىسەللىك جۇغراپىيەلىك بىكىنمىچىلىك سەۋەبىدىن يصقىن تۇققانلار ئارىسىدا نىكاھلىنىشنىڭ ئۇزۇلمەي داۋاملىشىشىدىن شەكىللەنگەن) بۇرقۇم ئەۋلىيانىڭ مۇبارەك نۇرلۇق جامالىغا تولا قاراۋەرگەچكە بۇرقۇم ئەۋلىيانىڭ جامالىدىن چىققان كۇچلۇك نۇر كوزىمىزنى چصقىپ شۇنداق قىلىۋەتكەن دەپ بىلىدۇ.
4) خاسىيەتلىك ياڭاق دەرىخى توغرىسىدا .
چىڭگىزخان دەپنە قىلىنغان جايدا بىر تۇپ ياڭاق دەرىخىنىڭ بولغانلىغى ۋە بۇ دەرەخنىڭ چىڭگىزخان دەپنە قىلىنغاندىن كىيىنكى زامانلاردا بارغانسېرى كوپىيىپ زور ئورمانلىققا ئايلىنىپ كەتكەنلىگىنى بىلىمىز.بىراق بۇرقۇم ئەۋلىيا جايلاشقان تاغ باغرىدىمۇ خۇددى شۇڭغا ئوخشاش سىرلىق ياڭاق دەرىخى بار.ھالبۇكى بۇ جايدىكى ياڭاق دەرىخى زور ئورمان ھاسىل قىلالمىغان بولۇپ پەقەتلا بىر تۇپلا ئىدى.مصنىڭ ئۇ ياڭاق دەرىخى بار جايغا چىقىشىم بەلكىم ئاي شارىغا چىقىشتىنمۇ قصيىن بولسا كېرەك.چۈنكى شۇ جايدىكى قانۇنلاشقان ئورپە-ئادەتلەر سەۋەبىدىن بۇ ياڭاق دەرىخى بار جايغا پەقەت ۋە پەقەتلا بۇرقۇم ئەۋلىيانىڭ شەيىخى بولغان موتىۋەر زاتلا يىلدا بىر قصتىم پەقەت بىر قىتىملا چىقىپ ئۇ جايدىكى تۇغ-شەددىلەرنى(مازار جايلاشقان تاغ چوققىسىغا قادالغان ئاق،كوك،قىزىل رەڭلىك بايراقچصلەر)ئالماشتۇرۇپ كىرىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولالايدىكەن.بۇ ياڭاق دەرىخىنىڭ مىۋىسى سوقاچاق بولۇپ باشقا ياڭاقلارنىڭ مىۋىسىگە ئوخشىمايدىكەن.بۇرقۇم ئەۋلىيانىڭ شەيىخى بولغان كىشىگە بۇ ياڭاقنىڭ مىۋىسىدىن بۇرۇنلاردا بىر دانە ئۇچرىغان بولۇپ.بۇ مېۋە كەلگەنلا ئادەمگە ئۇچراۋەرمەيدىكەن.پەقەتلا بۇرقۇم ئەۋلىيا ياقتۇرغان ئادەملەرگىلا ئومرىدە بىرەر قەتىم ئۇچراپ قالىدىكەن.بۇ مىۋىنىڭ خاسىيىتى شۇنداق كاتتا ئىكەنكى ھەرقانداق ئاغرىپ قالغان ساقايماس كىسەل مۇشۇ مىۋىنى سۇركەپ قويسىلا ساقىيىپ كىتەرمىش.ئاڭلىشىمچە بۇرقۇم ئەۋلىيا ھازىرمۇ تىرىك بولۇپ تا قصيامەتكىچە پۇتكۇل ئىنسانىيەت ئولسىمۇ ئەيسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەزىرىتى بۇرقۇم ئەۋلىيالا ھايات تۇرارمىش.(نەئۇزۇبىللاھھھھ!!!)بۇرقۇم ئەۋلىيا ھايات ۋاقتىدا "مۇسا" ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇستۇنلۇك-ئۇلۇغلۇق تالىشىپ قصلىپ مۇشۇ تاغقا ئۇچۇپ چىقىشنى بەسلىشىپتۇ.مۇسا ئەلەيھىسسالام 4قصتىم موللاق ئصتىپ ئاراندا بۇ تاغنىڭ ئۇستىگە چىقىپتۇ.بۇرقۇم ئەۋلىيا بولسا بىر موللاق ئصتېشى بىلەنلا تاغنىڭ يەرىمىغا بىرىپتۇ شۇندا ئاللاھ ئۇنىڭغا: ئەي..بۇرقۇم...سەن پەيغەمبىرىم مۇسادىنمۇ كۇچ-قۇدرەتتە ئىشىپ كەتمەكچىمۇ؟سەن مۇشۇ جايدا تا قىيامەتكىچە تۇر! دەپتۇ شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى بۇرقۇم مۇشۇ تاغدا(تۇر تاغى) تۇرۇپ قالغان ئىكەن.ئۇ كىشىلەر نەزىرىدە "ئاللاھنىڭ ئەركىسى" دەپ ئاتالغان ئىكەن.بۇرۇنلاردا ھەر يىلى قۇربان ھصيتتا جاھاننىڭ تۇرلۇك ئىقلىملىرىدىن ئادەملەر كىلىپ "بۇرقۇم ئەۋلىيا سەيلىسى" ئصلىپ باراكەنمىش ھازىرمۇ بۇ مازارغا چوقۇنىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۇزۇلمەي كىلىپ تاۋاپ قىلىپ كىتىشىدىكەن ھەتتاكى يەرلىك ئادەملەرنىڭ نەزىرىدە ھەرەمگە ھەجگە بارغۇچە مۇشۇ مازارنى تاۋاپ قىلسا ساۋابى ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بولارمىش.
5) ئىراندىكى شەھرى سۇلتانىيەدىكى "دىۋانى بۇرقۇم" مازىرى توغرىسىدا .
ئاڭلىشىمچە ئىراننىڭ سۇلتانىيە شەھرىدە "بۇرقۇم ئەۋلىيا"نامىدا بىر كاتتا مازارلىق بار.ھالبۇكى "چىڭگىزنامە" دېگەن كىتاپنىڭ 58-بەتلىرىدە مۇنداق بىر ۋەقە خاتىرلەنگەن:خان بولۇپ بىر يىلدىن كىيىن "شەھرى سۇلتانىيە"نى بىناھ قىلىپ تەختىگاھ ئەتىپ ئوزى ياتقان ئىمارەتى ئالىي ئەتىپ شۇ ئىمارەتتە دەفن قىلىندىلار....غازانخان نەۋۋەرە قەبردىن ئىلگىرى ئىراندا موڭغۇللارنىڭ مەقبەرىسى مەلۇم ئىرمەس ئىدى،
ئۇنداقتا ئىراندىكى "بۇرقۇم ئەۋلىيا" بىلەن قاغىلىقنىڭ چۆپ كەنتىدىكى "بۇرقۇم ئەۋلىيا"نىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟بۇنىڭغا بىرەلەيدىغان جاۋابىمىز بىرلا بولۇشى مۇمكىن.ئۇ بولسىمۇ ئىراندىكى"بۇرقۇم ئەۋلىيا"دا چىڭگىزخاننىڭ چوڭ ئوغلى جۇجىخان ياتىدۇ.چۈنكى چىڭگىزخان جەمەتىدە پەقەت جۇجىخانلا چىڭگىزخان بىلەن بىر جايدا دەپنە قىلىنمىغاندۇر.ئۇ قىپچاق دالاسىنىڭ خانى ئىدى ،چوپتىكى "بۇرقۇم ئەۋلىيا"دا بولسا دەل چىڭگىزخان ياتىدۇ.
6) ئۇۋەيسىم مازىرى توغرىسىدا .
شىخشۇ(چوخشى) يىزىسىنىڭ قارا باققۇ دېگەن يايلىغىدىكى تاغ چوققىسىدا بىر مازارلىق بولۇپ يەرلىك كىشىلەر بۇ جاينى "سۇلتان ئۇۋەيسىم" ياكى "ۋەيسىم" دەپ ئاتايدۇ، بۇ جاينىڭ ئەتراپىغا يەنە "سەرىق ساقال خوجا ئابدۇرەخمانىي".."قوچقار ئاتا" ۋە "يەتتە قىزلىرىم" مازارلىرى جايلاشقاندۇر.
رىۋايەتلەرگە كورە "سۇلتان ئۇۋەيسىم" ھەزرىتى بۇرقۇم بىلەن بەسلىشىپ قاپتۇ.ئىككىسى بىر بىرىگە قارىتىپ تاش ئصتىپتۇ.ئۇۋەيسىم قارا باققۇدىن ئاتقان تاش ئۇچۇپ كىلىپ "قۇلان باغلار داۋان"نىڭ ئايىغىدىكى "شالاخشى" دېگەن جايغا چۇشۇپتۇ (چۆپ كەنتىدە شالاقشى ،بالاقشى ،شۇلاقشى، سىپانلاقشى ، سوغانلاقشى،ھونلاقشى،يەكەلاقشى ،لەۋلاقشى ..قاتارلىق 9 لاقشى بولۇپ مصنىڭچە بۇ ناملارنىڭ كېلىش مەنبەسى موڭغۇلچە بولۇش ئېھتىمالى زور)بۇرقۇم ئەۋلىيا ئاياغ چوپتىكى ئوزى تۇرغان جايدىن ئاتقان تاش ئۇچۇپ كىلىپ دەل ئۇۋەيسىم مازىرىغا كىرىدىغان جىلغا ئاغزى ئىككى بەلدۇگە(ئىككى بەلدۇ تاغنىڭ ئىككىگە بولۇنگەن جايى) چۇشۇپتۇ.شۇنىڭ بىلەن سۇلتان ئۇۋەيسىم ھەزرىتى بۇرقۇم ئەۋلىياغا باش قويۇپ ئۇنىڭ ئوزىدىنممۇ كاتتا ۋە ئۇلۇغلىغىنى تەن ئالغان ئىكەن"شالاقشى"دېگەن جايغا چۇشكەن تاش ھازىرمۇ بار بولۇپ"ئىككى بەلدۇ"گە چۇشكەن تاش ئازاتلىقتىن كىيىنكى يىللاردا نامەلۇم سەۋەپلەرگە كورە يوقاپ كەتكەن.ئاڭلىشىمچە بۇ يىزىدا بۇرۇنلاردا بىر ئادەت بولۇپ ، يۇرتتىكى پالۋانلارنى مۇشۇ تاشنى كوتۇرگۇزۇپ كىم ئۇزاق كوتۇرەلىسە شۇنى باتۇر پەلۋان دەپ نام بىلەن ئاتايدىكەنمىش.شۇ سەۋەپتىن بۇ تاشنىڭ نامىنى ھازىرمۇ "پەلۋان تاش" دەپ ئاتايدىكەن ،بۇ رىۋايەتتە بۇرقۇم ئەۋلىيا-چىڭگىزخان بىلەن سۇلتان ئۇۋەيسخان-ئۇنىڭ نەۋرىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇلۇغلۇقنىڭ كۇچ سىنىشىشى ئوز ئىپادىسىنى تاپقان ئەلۋەتتە.لېكىن سۇلتان ئۇۋەيسىمنىڭ مەقبەرىسىنىڭ غۇلجىدىن بۇ جايغا قانداقلارچە "كوچۇپ" كەلگەنلىكى مصنى ئەجەپلەندۇرىدۇ.بەلكىم غۇلجىدىكى "ساختا" قەۋرىگاھمىدۇر يە؟..ۋە بەلكىم چىڭگىزخان قەۋرىگاھىنىڭ سىرلىرىنى ساقلاپ قصلىش ئۇچۇن ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى شۇنداق ساختا دەپنە مۇراسىملىرىنى ئىزچىل ئوتكۇزۇپ كەلگەنمىدۇر يە؟...
7) سۇلتان سادىق پاشايىم مازىرى .
چوخشى يىزىسىنىڭ باش چۆپ كەنتى سوتكەش مەھەللىسىنىڭ ئاخىرىدا سۇلتان سادىق پاشايىم نامىدا بىر مازار بار.مازاردا ئالاھىدە ئالامەتلەر يوق،بىر مەسچىت ۋە دەريانىڭ قارشىسىدا ساقلىنىپ قالغان ئىككى تۇپ ئارچا دەرىخى بار.لېكىن بۇ مازارنىڭ سەل توۋەن تەرىپىدە تاغ جىلغىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تىك كەتكەن قورام تاشلىق قىيالىقتا تەخمىنەن 200مېتىر ئىگىزلىكتە بىر ئوڭكۇر بار، ئالاھىدە ئۈسكىنىلەر بولمىسا بۇ ئوڭكۇرگە كىرىش مۇمكىن ئەمەس.ئەجەپلىنەرلىگى شۇكى ئوڭكۇرنىڭ كىرىش ئىغىزنىڭ توۋەن تەرىپىگە ياغاچ قوزۇقلار قىقىلغان بولۇپ قاتتىق تاش قاتلىمىدىن 1-2مىتىرچە سىرتقا چىقىپ تۇرىدۇ.بىر قاراپلا بۇنىڭ ئادەملەر تەرىپىدىن مەلۇم ئىھتىياجلار سەۋەبىدىن قىقىلغان ياغاچ قوزۇقلار ئىكەنلىگىنى بىلگىلى بولىدۇ.ئۇنداقتا بۇ ئوڭكۇر سۇنئىي ئۇسۇلدا قىزىلغانمۇ؟شۇنداق بولۇپ قالسا نېمە ئىھتىياجدىن شۇنداق خەتەرلىك ئورۇنغا بۇ ئوڭكۇر قىزىلغان؟بۇ مەسىلىنى ئصلمىي ئۇسۇلدا ئارخىلوگىيەلىك تەكشۇرۇشلەر ئاساسىدىلا ئاندىن ئىنىقلىغىلى بولۇشى مۇمكىن.
8)مىرزا ئابابەكرى قورغىنى.
قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ كوكيار تاغلىق يىزىسىنىڭ مومۇق كەنتىدە بىر ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان تارىخىي ئورۇن بولۇپ بۇ جاينىڭ قۇرۇلىشى ھەققىدە تارىخىي يازمىلاردا شۇنداق دىيىلگەن: مىرزا ئابابەكرى چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىلىرىدىن بولۇپ ئەينى دەۋردە خوتەندە مىرزىلىق قىلغان ئىكەن.كىيىنكى دەۋرلەردە يەركەند سەئىدىيلەر خانلىقى بىلەن بولغان ھاكىمىيەت تالىشىش ئۇرۇشلىرىدا سۇلتان سەئىدخاندىن يىڭىلىپ تىبەتكە قاچقان ئىكەن.ئۇ ئاشۇ قاچقۇنلۇق سەپىرىدە بىر قورغان سالدۇرغان بولۇپ پەقەت 7كۇن ئىچىدىلا بۇ غايەت زور قۇرۇلۇشنى پۇتتۇرگەن ئىكەن يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئصيتىشىچە ئەينى دەۋردە مىرزا ئابابەكرى ھەتتاكى قورسىقىدا بالىسى بار ئاياللارغصمۇ ئەمگەك ئالۋىڭى سالغان بولۇپ،ھەتتاكى ئۇلارغا 2 ئادەملىك ئەمگەك ۋەزىپىسى بولگەن ئىكەن سەۋەبى،قورسىقىدىكى بوۋاققىمۇ ئەمگەك ۋەزىپىسى قويغان ئىكەن.بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى ئەھمىيىتىدىن كورە مېنىڭچە مەخپىي پۇتتۇرۇلگەن قەۋرىگاھ بولۇشى ياكى قەۋرىگاھ قۇرۇش ئىھتىياجلىرىنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇشى ئېھتىمالى ئىنتايىن زور!
(بۇ ۋەقە توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات ئالماقچى بولسىڭىز شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلىنىڭ 2001-يىلى 05-سان 20-بەتلەرنى كورگەيسىز)
چۈنكى سۇلتان سەئىدخان ۋە مىرزا ئابابەكىرلەر چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىلىرىدىن بولۇپ،مصنىڭ گۇمانىمچە چىڭگىزخاننىڭ تەخ ۋارىسلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئوز بوۋىلىرىنىڭ قەۋرىگاھىنىڭ نەدىلىگى توغرىسىدا ئىزچىل سىرلار ساقلانغان ۋە بۇ مەخپىيەتلىكنى ۋارىسلىرىغا مىراس قالدۇرغان بولۇشى مۇمكىن.قارا شەھەر موڭغۇللىرىنىڭ 1944-يىلى قەشقەردىن بىر سىرلىق قاچىنى ئىزلەپ كىلىشىمۇ مەلۇم جەھەتتىن ئالغاندا مۇشۇ "سىر"لىق مەخپىيەتلىككە چىتىلىشى مۇمكىن.
9) باشقا ئۇچۇرلار .
ئافغانىستاندىكى بامىيان بۇدداھ ھەيكەللەرى جايلاشقان ئورۇنلار ئەتراپىدا ھازىرمۇ "ھەززارىلىقلار" نامىدىكى موڭگۇل ئەرقىدىكى قەبىلىلەر توپى ياشايدۇ...دەل مۇشۇ ئەتراپتا چىڭگىزخان ئوماق نەۋرىسى "مامۇكەي"نىڭ ئولىمنى ئۇزاتقان ئىدى.
ئەنگىلىيەنىڭ 1944-يىللاردىكى قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلىنىڭ خانىمى بولمىش دىئاننا سىپتوننىڭ "قەدىمىي ماكان" ناملىق كىتاۋىنىڭ 310-326-بەتلەردە مۇنداق ۋەقەلىك بايان قىلىنغان:
مەن ئاجايىپ قىزىق بىر نەرسىنى بايقىدىم،دەپ جاكارلىدى ماڭا فرانسىيە مۇخبىرى سالىۋارى ئەپەندى ھاياجان بىلەن.
سالىۋارى ئەپەندى قەشقەر ۋالىيسىنىڭ ئىشخانىسىدا (ۋالىي قەشقەرنىڭ شۇ چاغدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ، بۇ ۋەزىپىنى ئۇيغۇر ئوتەيتتى . ئۇنىڭ مۇئاۋىنى بىر خەنزۇ ئىدى ) تولىمۇ قىزىقارلىق بىر ۋەقەنى ئاڭلاپتۇ : قارا شەھەر ( قارا شەھەر شۇ چاغلاردا بىر قانچە ناھىيىنى ئوز ئىچىگە ئالغان ۋىلايەت بولۇپ ، خىجىڭ ناھىيىسىنىڭ تۇرغۇت ، خوشۇت ناھىيەسىنىڭ خوشۇت موڭغۇل قەبىلىسى مۇشۇ رايۇنغا تەۋە ئىدى . مۇئەللىپتىن) رايۇنىدىكى موڭغۇللار خىلى زامانلار ئىلگىرىلا قەشقەرگە يصقىن جايدا موڭغۇللارنىڭ بىر قەبرىستانلىغى بار.دەپ ئاڭلىغان ئىكەن
ئصيتىشلارغا قارىغاندا ئۇلارنىڭ قولىدا بۇ قەبرىستانلىقنىڭ خەرىتىسىمۇ بارمىش.ئۇلار يەرلىك سودىگەرلەرنىڭ سالا قىلىشى بىلەن قەشقەرنىڭ يەرلىك دائىرىلىرىگە بۇ قەبرىستانلىقنى قىزىپ بىقىش.ئەڭ مۇھىمى قەبرىستانلىقتىن ناھايىتىمۇ ئەتىۋارلىق بولغان بىر قاچىنى ئىزلەيدىغانلىقى تەلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ،ئۇلار بۇ قاچىنىڭ شۇ قەبرىستانلىققا كومۇلگەنلىگىگە ئىشىنىدىكەن ، بۇ قەبرىستانلىقتا قىممەت باھالىق بايلىقلار كوپ بولۇشى مۇمكىن بولسىمۇ ئوزلىرىنىڭ پەقەتلا شۇ قاچىنى ئالسىلا قانائەت قىلىدىغانلىقىنى دىيىشىپتۇ... ۋاھالەنكى قەشقەر ۋالىيسى بۇ قەدىمىي قەبرىستانلىقنىڭ نەدىلىكىنى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدۇمۇ يەنىلا ئۇنى ئصكسپىدىتسىيە قىلىش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ بەردى،سالۋارى ئەپەندى بۇ ھەركەتكە تەكلىپ قىلىندى.ئارايىك مەن ۋە باش كونسۇلخانا دوختۇرى بۇ پالائىيەتكە ئوزىمىز خالاپ قاتنىشىش نىيىتىگە كەلدۇق ، ۋە ياڭ ئەپەندىمنىمۇ بىرگە بىرىپ تەرجىمانلىق قىلىپ بىرىشكە تەكلىپ قىلدۇق ، مەنى قاتتىق تەئەججۇپلەندۇرگەن بىر ئىش.ياڭ ئەپەندىمنىڭ خانىمىمۇ بىز بىلەن بىرگە بارماقچى بولدى....
بۇ ۋەقەدىن شۇنى ھېس قىلالايمىزكى مەيلى ئۇ قەبرىگاھتىن نېمە چىققان بولمىسۇن.موڭغۇللارنىڭ مەلۇم ساندىكى ئادەملىرى قەشقەر ئەتراپىدا ئوزلىرىنىڭ ئەجداتلىرىنىڭ ناھايىتىمۇ كاتتا قەبرىستانلىقى بارلىغىنى بىلىدۇ.ھەتتاكى بۇ قەبرىستانلىقتا ناھايىتىمۇ قىممەتلىك بىر قاچىنىڭ بارلىغىنىمۇ بىلىدۇ.بۇ قاچا بولسا چىڭگىزخان بىلەن بىللە دەپنە قىلىنغان ئالتۇن تۇۋۇت ئىچىدىكى ئالتۇن ئوقيا،ئالتۇن قصلىچ،ئالتۇن نەيزە،ئالتۇن بۇيۇملار ئىچىدىكى ئەڭ قىممەتلىك بۇيۇم بولغان چىڭگىزخاننىڭ ئۇ ئالەمدىكى تاماق يەيدىغان قاچىسى.گۆھەرلەر بىلەن بىزەلگەن يىگانە قاچا ئىدى.موڭغۇللار دەل شۇ سەۋەپتىن پەقەت مۇشۇ قاچىغىلا قىزىققان ئىدى.مۇشۇ قاچا بولمايدىكەن چوقۇمكى ئۇ چىڭگىزخاننىڭ قەبرىگاھى بولمىغان بولاتتى.بۇ ۋەقە بىزگە ناھايىتىمۇ نازۇك بىر "سىر"دىن يەنى چىڭگىزخان دەپنە قىلىنغان جاينىڭ ئەمىلى ئورنىدىن بىشارەت بىرەلمەسمۇ؟
قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ نامىنى تەھلىل قىلساقمۇ ئوخشاشلا چىڭگىزخان بىلەن مەلۇم باغلىنىشلىققا ئىگە يەنى قاغانلىق دېمەك دەل پادىشالىق جاي دىمەكلىكتۇر.
قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ سۇ مەنبەسى بولغان خالاستان دەرياسىنىڭ نامىنى ئىنچىكە كۇزەتسەك ئۇنىڭمۇ چىڭگىزخانغا باغلىنىدىغانلىقىنى كۆرۇمىز.خالاستان دىمەكلىك دەل خالدۇن ئاستان ياكى قالدۇن ئاستاندۇر.يەنى چىڭگىزخان دەپنە قىلىنغان "بۇرقان قالدۇن" ياكى "بۇرخان خالدۇن" دېگەن ئىسىمدىكى خالدۇندۇر.يەنە باشقىچە تەھلىل قىلساقمۇ نەتىجە ئوخشاش.خالاستان دېمەك ئاستانىنىڭ خالى دىمەكتۇر،ئاستانە دېمەك ئوردا دىمەكتۇر.خالاستان دەرياسى ۋادىسىدا ئاقاز داۋاننىڭ ئىچىدە جىلغا بويىدا "يولۋاس تاش" نامىدا بىر جاي بار بولۇپ بۇ يەردە ئۆڭكۇرسىمان كامار ئىچىدە باشقىلار تەرىپىدىن ئورنىتىلغانلىقى ئصنىق بولغان بىر ھەيكەل بار.(توغراق.خىلۇببس.چوم ...مۇقەددەس بۆرە سىماسى..دېگەن رەسىمنى كورۇڭ..)بۇ ھەيكەلنىڭ ياسىلىش شەكلى(يول ياسىغۇچىلارنىڭ بۇزغۇنچىلىغى سەۋەبىدىن قىزىل بوياقلار بىلەن بويىۋىتىلگەن ۋە بەزى جايلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان لېكىن ھازىرمۇ ئۇنىڭدىكى كۆك سىزىقچىلارنى ۋە ئوڭ تەرپتىكى كوزىنىڭ ئىنچىكە تەسۋىرلىرىنى ئېنىق كورگىلى بولىدۇ) بۆرىگىلا ئوخشايدۇ قەدىمقى ئۇيغۇر-تۇرك تىللىرىدا بۆرىنى يولبارس دەپمۇ ئاتىغان.بۇ تاش ھەيكەلنىڭ ئالدى تەرىپى چوخشى يىزىسىنىڭ "كۇرتلۇغۇن"داۋىنىغا قاراپ تۇرىدۇ.ھالبۇكى كورتلىغۇن داۋان دەل "بۇرقۇم ئەۋلىياغا بىرىشتىكى مۇھىم ئوتكەلدۇر. "كۇرت" دىمەكلىك موڭغۇل ۋە تۇركي تىللاردا "بۆرە" دىمەكلىكتۇر.بۆرە دەل ئۇيغۇر ۋە موڭگۇل ئصرقىدىكى مىللەتلەرنىڭ توتۇم قىلغان ئىلاھىي ھايۋىنىدۇر.چىڭگىزخانمۇ ئومۇر بويى ئوزىنىڭ كوكبۆرە ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاش ئۇچۇن كۇرەشكەندۇر.
بۇ تاش ھەيكەلگە ئىشلىتىلگەن تاشنىڭ ماتىريالىمۇ دەل "شالاقشى" دىكى "پەلۋان تاش" بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگەدۇر.مۇشۇ تاش كورسەتكەن يولۇنىڭنىڭ قارشىسى-شىزاڭ يولىنى بويلاپ ماڭغاندا چوقۇمكى "كۇدە" دېگەن جاي ئارقىلىق "جوداق"تىن ئوتۇپ "سەرق داۋان"دىن ئوتۇپ،ئاندىن "مازار"غا بارىمىز بۇ ئاتالغۇلارنىڭمۇ چىڭگىزخان بىلەن بىۋاستە باغلىنىشى بار ئەلۋەتتە. "كۇدە" دىمەكلىك موڭگۇل تىلىدا گۈزەل يايلاق دىمەكلىكتۇر"جوداق" دىمەكلىك بولسا تاۋاپگاھ..مۇقەددەس جاي دىمەكلىكتۇر....ئۇنداقتا چوقۇمكى "مازار" دىكى مازاردا ياتقان جەسەت ياكى سۇلتان سەئىدخانغا ياكى چىڭگىزخاننىڭ ئامراق ئايالى بولمىش "قۇلان خاتۇن"غا ئالاقىدار بولۇش ئېھتىمالى ئىنتايىن زور بولىدۇ.مازار ھازىرمۇ بۇ جايدىن كەشمىرگە ئوتۇشتىكى بىردىن بىر يولدۇر....
چىڭگىزخاننىڭ دەپنەگاھىنى بۇ ئەتراپتا تاللىشىنىڭ نۇرغۇن ئىھتىماللىقى بار ئىدى..
تارىخىي ئۇچۇرلارغا كورە چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى جۇجىخاننىڭ تومۇرىدىكى قان تۈركىي مىللەتنىڭ ئصنىقىنى قىلىپ ئەيتقاندا مەكرىيەت تورىسى توقابەگ(ئىسمىدىنلا ئۇنىڭ تۇركي مىللەت ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ..) ۋە ئۇنىڭ تۇققانلىرىدىن بىرىنىڭ قەنى ئىدى.چىڭگىزخان كەسكىن ھاكىمىيەت كۇرەشلىرىدە بۇ نۇقتىنى ئىزچىل ئىنكار قىلغان بىلەن لېكىن ئوزىنىڭ ئاتىسىغا بولغان ئىچكى تەلپۇنىشىنى يوشۇرۇپ قالالمىغان.ئۇنىڭ قۇلان خاتۇن(مەكرىيەت تورىسىنىڭ قىزى)غا ئامراقلىقى بۇ سەۋەپتىن بولۇشى مۇمكىن...ۋە يەنە ئۇنىڭ ئوزىنىڭ ئاخىرەتلىك ياتىدىغان جايىنى يەركەند دەرياسى بىلەن قۇرۇلۇن دەرياسىنىڭ قوشۇلۇش ئىغىزىدا بىنا قىلىشىمۇ تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا ھازىرقى مەكرىيەت-مەكىت ناھىيەسى بىلەن مەلۇم جەھەتتىن باغلىنىشلىق بولۇشى مۇمكىندۇر..
(كەرىيەت، مەكرىيەت دېگەن ناملار ھازىرقى مەكىت نەھىيەسى ۋە كىرە ناھىيەسى بىلەن باغلىنىشلىقتۇر...چىڭگىزخاننىڭ 18-بەتتە " شۇل ۋەقتىدە كەرەيەتنىڭ تورەسى ئوڭخاندىن ئۇلۇغ پادىشا يوق ئىدى "19-بەتلىرىدە مۇنداق بايانلار بار :خوتەن بىلەن تۇبۇتنىڭ ئاراسىندا . شول شەۋكەت ۋە ئەزەمەت بىلە كەرەيەتنىڭ دەۋلەتى ئاخىر بولدى ....،چىڭگىزنامە 20-بەتلەرجوراس ئايماقىنىڭ تورەسى جامۇقە جىجاڭ ،مەكرەيەت ئايماقىنىڭ ئۇلۇغى توقابەگ ، كەرەيەت ئايماقىنىڭ ئۇلۇغى ئەلىن تايشى يەنە ھەم بەسى ئايماق تاياڭخانگە ئىتائەت قىلىپ ئىدىلەر....)
چۈنكى ياركەند دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئەقىنى مەكىت ناھىيەسىنى كىسىپ ئوتىدۇ...مەكىت ناھىيىسى بولسا ئەينى دەۋردىكى چىڭگىزخاننىڭ قىساسكارلىق قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغان توقابەگنىڭ كىيىنكى ئەۋلاتلىرىڭ ياشىغان جايى بولۇشى ھەم مۇكىندۇر ("ئادىل تۇران"نىڭ بۇ توغرىسىدا مەخسۇس تەتقىقات ماقالىسىمۇ بار..)ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇنداق سەۋەپلەردىنمۇ بۇ ئىشنى چۇشەندۇرۇش مۇنكىندۇر:
1-چىڭگىزخان كىسەل بولۇپ قالغاندا ئاساسلىق قوشۇنى يىراق جايلاردا ھەربىي يۇرۇشتە ئىدى...جىن سۇلالىسىدىن تىۋىپ چاقىرىشنىڭ ئوزىدىنمۇ شۇنداق يەكۇنگە كېلىش مۇمكىنكى چىڭگىزخان ئوزىنىڭ ئىستىلاچىلىق ئۇرۇشىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى نەزەرگە ئەلىپ كىسىلىنى ناھايىتىمۇ مەخپىي تۇتقان...ۋەياكى ئۇنىڭ بالىلىرى ھاكىمىيەتكە كىمنىڭ ۋارىسلىق قىلىشتىن ئىبارەت كەسكىن تاللاش ئالدىدا ۋە بىسىۋىلىنغان..بىسىۋىلىنىش ئالدىدا تۇرغان جايلاردىكى تۇراقسىز ۋەزىيەتلەرنىڭ بىسىمىنى كوزدە تۇتۇپ...چىڭگىزخاننىڭ ئولگەنلىگىنى ئەينى ۋاقىتتا سىرتقا ئاشكارىلىمىغان...ھەمدە چىڭگىزخان ئولۇپ كەتكەن قارا قۇرۇم تاغلىرىنىڭ ئەتراپىغا ئامالسىزلىقتىن دەپنە قىلىۋەتكەن ...پەقەتلا ئوزىنىڭ ھەربىي مەقسىدى تولۇق ئىشقا ئاشقاندىن كىيىنلا ئاندىن ئۇنىڭ تەخت ۋارىسلىرى چىڭگىزخاننىڭ ئولۇمنى ئاندىن جاھانغا ئاشكارىلغان....
2-ئامراق ئايالى قۇلان خاتۇن ۋە ئارزۇلۇق نەۋرىسى مامۇكەي باتۇرنىڭ ئولۇپ كەتكەن جايىنى ئوزىنىڭ دەپنەگاھى قىلىپ تاللىشى ھەم مۇمكىندۇر...ئەينى دەۋردە بۇ ئەتراپتا بۇدداھ دىنىنىڭ تەسىرىدىن مىڭ ئويلەرنى قىزىپ-ياساش...تاغ مىمارچىلىقى كامالەتكە يەتكەن ۋە ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىدە بۇ ھۇنەر كىرىزىسقا پاتقان دەۋرلەر ئىدى.دېمەك ئەينى دەۋر جەمىيىتىدە بۇ ھۇنەرگە ۋارسلىق قىلغان ئۇستىلار بار ئىدى تاغ ئىچىدە بىناكارلىق قىلالىغۇدەك ئۇستىكارلار ۋە شۇنىڭغا لايىق تەجرىبىلەر بار ئىدى.موڭغۇللارنىڭ شامان ئەتىقادى بويىچە بولغاندا تاغ، سۇ ئورمان،ئىلاھىي نەرسىلەر ئىدى.شۇڭا ئۇلار ئوز قەۋرىگاھلىرىنى دەل مۇشۇنداق سىرلىق جايلارغا كۇن چىقىش يولۇنىشىدىكى ئاستىدىن سۇ ئصقىپ تۇرغان خەتەرلىك تاغ باغرىغا ياسىغان ئىدى.مەن بايقىغان نۇرغۇن ئىزلاردىن شۇنى بايقىدىمكى تاغ ئىچىدىكى قەبرىگاھلارنىڭ كۆپىنچىسى خەتەرلىك قىيالار شاۋقۇنلۇق دەريالار ئېگىز ۋە مەنزىرىلىك تاغلارنىڭ كۇن چۇشۇپ تۇرىدىغان شەرقي يانباغلىرىدۇر.شۇنداقلا ئادەمنىڭ بىرىپ-كىلىشى ئۇچۇنمۇ ئىنتايىن كوپ تەبىئىي توساقلار شەكىللەنگەن پىنھان تاغ جىلغىلىرىدۇر!...چىڭگىزخان بەلكىم بۇ ئەتراپتىكى بۇدداھ ئىبادەتخانىلىرىدىن ئىلھام ئەلىپ ئوزىگە ئاخىرەتلىك مىھمان-ساراي سالدۇرغان بولۇشى ھەم مۇمكىندۇر...چۈنكى ئۇ پەقەت مۇشۇ جاينىڭلا ئوزىگە مەڭگۇلۇك ئاراملىق بىرەلەيدىغان...دۇنيادىن تولىمۇ يىراقتىكى ھەقىقىي پىنھان جايلىغىنى بايقىغاندۇ؟..ياكى كوئىنلۇن تاغلىرىنىڭ خۇددى "مۇتىئانزى تەزكىرىسى"دە بايان قىلىنغىنىدەك "ئىلاھ"لارنىڭ ماكانى ئىكەنلىگىگە ئىشىنىدىغاندۇ؟...شۇڭلاشقا ئوزى ياتقان مۇشۇ مۇقەدددەس زىمىننى قوغداش ۋەزىپىسىنى چاغاتايخانغا مىراس قالدۇرۇپ..ئۇنى بۇ زەمىننىڭ پاسىبانلىقىغا تەيىنلىگەندۇ؟...(چۈنكى چىڭگىزخان تەخت ۋارىسىنى چوڭ ئوغلى جۇجىغىمۇ بەرمىگەن..چاغاتايغىمۇ بەرمىگەن..بۇ بولسا نورمالسىز ۋارىسلىق مۇناسىۋىتى ئىدى...)
ئاخىرقى يەكۈن شۇكى : چىڭگىزخان ، ئوكتايخان ،تولىخان ،قۇلان خاتۇن ، ئۇۋەيسخان ،مىرزا ئابابەكرى ، سۇلتان سەئىدخان ، بۇراقشاھ...لارنىڭ قەبرىسى دەل قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ چوخشى (شىخشۇ) كوكيار ، ئۇششارباش ، يېزىلىرىدا..ۋە تاشقورغان تاجىك ناھىيىسىنىڭ تاغلىرى ئارىسىدىكى سىرلىق مازارلاردا كومۇلۇپ ياتماقتا!....چىغاتاينىڭ قەۋرىسىمۇ مۇشۇ بۇرقۇم ئەۋلىيالاردا..ياكى ناھايىتىمۇ ئاز ئىھتىماللىق چىڭگىل ناھىيەسىدە بولۇشى مۇمكىن!...جۇجىخاننىڭ قەبرىسى بولسا ئىراننىڭ سۇلتانىيە شەھرىدىكى "بۇرقۇم ئەۋلىيا" نامىدىكى مازارلىقلاردا ئوز ئەۋلاتلىرى بىلەن بىرگە مەڭگۇلۇك ئۇيقۇدا ياتماقتا!....ئالاھىيە تەكىتلەيدىغىنىم قەشقەر ، خوتەن ، تاشقورغان تەۋەسىدكى بارلىق مازارلىقلارنى چوقۇم ئىلمىي ئۇسۇلدا ئەتراپلىق..سىستىمىلىق ھالدا تەكشۇرۇپ چىقىش كېرەك...ئىشىنىمەنكى بۇ جايلارنىڭ تەكشۇرۇسلىشىدىن چىققان نەتىجە چوقۇمكى چىڭگىزخان جەمەتىنىڭ ئىچىلمىغان سىرلىق چۇمپەردىسىنى جاھانغا نامايان قىلغۇسى!.....
(بەلكىم باشقا تىللاردىكى يازما مەنبەلەردە بۇنىڭدىنمۇ تەپسىلىيرەك..ئۇچۇرلار باردۇر..لېكىن مېنىڭ سەۋىيەم چەكلىك بولۇشى سەۋەبىدىن باشقا تىللاردىكى ماتىرياللارنى كورۇش ئىمكانىم بولمىدى..ئەپسۇسسسس...)



1987-يىلى...2001-يىللار...قاغىلىق...تۇرھون توختى توغراق
(خاتىمە ئورنىدا شۇنى قوشۇمچە قىلاي..مەن ئەسلىدە بۇ تېما ئۇستىدە يەنىمۇ ئەتراپلىقراق...تىخىمۇ تەپسىلىيرەك..توختالغۇم..تىخىمۇ ئىنچىكە تەكشۇرۇپ..ماتېرىيال توپلىغۇم بار ئىدى...ئەپسۇسكى ئەتراپىمدىكى بىر قىسىم گۇمانخور ئەبلەخلەرنىڭ ئىزىمغا چۇشۇۋەلىشى...مەنىڭ تاغقا بولغان تەكشۇرۇشلىرىمنى بۇرمىلاپ چەتئەلگە قاچماقچى..دېگەن گۇمانلار بىلەن مەنى نازارەت قىلىشى ئارقىسىدا بۇ مۇمكىنچىلىك ئىشقا ئاشمىدى!...
1999-يىلدىن بىرى ئاپتونوم رايونلۇق موزىيى ۋە ئالاقىدار ئارخىئولوگىيە تارماقلىرىغا خەت يازغان...ۋە بايقاشلىرىمنى ئۇلارغا ئەۋەرتكەن..ھەتتاكى ئوزۇم بىرىپ ئۇلار بىلەن كورۇشۇپ بۇ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغان بولساممۇ ئۇلارنىڭ سەمىمىي مۇئامىلىسگە ئەرىشەلمىدىم!...
كىيىنچە تور ئارقىلىق بۇ ساھادىكى ئەلىم ئىگىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ...ئورتاق ئىزلىنىش ئۇمۇدىدە بولغان بولساممۇ ئەپسۇسكى يەنىلا شۇ ئاتالمىش گۇمانخور ئەبلەخلەر تورغىمۇ ئۇسسۇپ كىردى...بۇ مۇمكىنچىلىككىمۇ سايە ئەگەشتى!...مەنى نازارەت قىلىشنى...بوغۇشنى كۇچەيتتى!...ھەتتاكى دولەتنىڭ مەخپىيەتلىگىنى چەتئەلگە ساتقان بولىشى مۇمكىن..دېگەن گۇمانلاردىمۇ بولۇشتى..توۋائائا....ئۇلار نېمە دېگەن گۇمانخور ۋە قارا نىيەتتۇر ھە؟...بىلمەمدىغاندۇ؟...مەنىڭ ئىزچىل ھالدا بۇ مەسىلە ئۇستىدە سىرتقى دۇنيا بىلەن يىپىق ھالدا ئالاقىدە بولۇۋاتقىنىمنى؟..ئەكسىچە ھەر دەرجىلىك ھوكىمەت تارماقلىرى بىلەن بولسا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقانلىغىمنى؟....مانا بۈگۈن ئاخىرىدا تېخى تولۇق ئىشلەنمىگەن...يۇزەكى بايقاشلىرىمنى تاشقى دۇنياغا ئوچۇق ئاشكارىلىدىم!...بەلكىم ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىلوگىيە ئورۇنلىرى مەن تاپشۇرۇپ بەرگەن يازمىلىرىمنى ئەخلەتخانىغا چورۇۋەتكەن بولىشى...ۋەياكى..ئەينى دەۋردە بىر باشلىق تەكەببۇرلۇق بىلەن ئەيتقاندەك "بۇ ساھەگە ھەۋەس قىلىپ قاپسىز...ھەۋىسىڭىز تولىمۇ قىزىقارلىق ئىكەن..."دىيىشى ھەم مۇمكىندۇر!!!...مەن دۇنياۋى مەشھۇر بۇ ۋەقەنىڭ سىرلىق چۇمپەردىسىنى ئىچىش ئۇچۇن ئىزلىنىۋاتقان سانسىزلىغان ئىنسانلار ئىچىدكى پەقەتلا بىرسى خالاس!...بەلكىم ئىزلىنىشلىرىم تولىمۇ ئىپتىدائىي ئۇسۇلدا...تولىمۇ نادانلارچە...تولىمۇ...ناچار شارائىتلاردا ئەلىپ بىرىلغاندۇ؟.....شۇنداقتىمۇ مەن ئوزۇم بايقىغان بۇ تەپسىلاتلارنى ھېچبىر ئەھمىيەتسىز نەرسىلەر دەپ قارىمايمەن!....



1987-يىلى...2001-يىللىرى،قاغىلىق

دوستۇم خاتىرىسىدىن

تۇغ

2007-7-9 كۈنى


چىڭگىزخان قەبرىسى ھەققىدە رىۋايەت



راستلا تارىختا ئۆچمەس نام قالدۇرۇپ كەتكەن، ھايات ياشاپ ئۆلگەن بۇ زاتىنىڭ قەبرىسى زادى نەدىدۇ؟
تارىخچىلارنىڭ مۇشۇنداق ئاختۇرۇپ، جىم ياتقىلى قويماي قېزىپ چىقىرىپ قايتا سۇئال-سوراق قىلىشىنى ئالدىدىن پەملىگەن چىڭگىزخان (مېنىڭ ئاڭلىشىمچە) تاڭغۇتلارغا قارشى جازا يۈرىشىدە ئۆلگەنلىكى، ئۇرۇشنىڭ ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ چىڭگىزخاننىڭ ئۆلۈمىگە ئالاقىدار بارلىق تەپسىلاتلارنىڭ سىرتقى دۇنيادىن سىر تۇتۇلغانلىقى، چىڭگىزخان خان جەمەتىدىكىلەرگە ۋە ۋەزىر، سەرۋاز-سەركەردىلىرىگە ۋەسيەت قىلىپ "مەن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن چوڭ ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزمەڭلار! ئەلدە قىرغىنچىلىق يۈز بېرىدۇ. چوڭ ئوغلۇم مىنىڭ ئورنۇمغا ئولتۇرۇپ، ھىچ ئىش بولمىغاندەك ئەلنى ئىدارە قىلسۇن. قوغدىغۇچى قىسىمنىڭ مۇھاپىزىتىدە، تىنچقىنا مەن تەييارلىتىپ قويغان جايغا مېنى دەپنە قىلساڭلار مەن مەڭگۈ خاتىرجەم ياتىمەن“دېگەن.ئارىدىن ھىچ كىم ئۇ جاينى سوراشقا پېتىنالماپتۇ.چىڭگىزخان قوغدىغۇچى قىسىم سەركەردىسىنى ئېلىپ قېلىپ باشقىلارنى ئوردىدىن قايتۇرۇۋەتكەن، ھەتتا مەھرەم بىگىنىمۇ چىقىرىۋېتىپ، بىر مەخپى بۇيرۇقنى قوغدىغۇچى قىسىم سەركەردىسىگە بەرگەن.بۇنى ئۆزىدىن باشقا ھىچ كىمگە تىنماسلىقنى تاپىلىغان. سەركەردە بۇيرۇقنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشىگە، مەھرەم بىگىنى چاقىرىپ دەرھال قوغدىغۇچى سەركەردە تونۇمايدىغان ياراملىق ئىككى ئەزىمەتنى قوغدىغۇچى سەركەردىنى نازارەت قىلىشقا ئەۋەتىشكە بۇيرىغان. شۇنداقلا مەھرەم بىگىگىمۇ بىر مەخپى پۈتۈك بېرىپ، «دەپنە ئىشلىرى» تۈگىگەندە ئىچىشنى ئۇقتۇرغان. ئوردا مۇلازىمەتچىسىنى چاقىرىپ « دەپنە ئىشلىرى تۈگىگەندە مەھرەم بېگىگە، قوغدىغۇچى قىسىم سەركەردىسىگە مېنىڭ ئېسىل شارابىمدا قانغىچە مېھمان قىلىپ، رازى بولغۇدەك خەج-خىراجەت بېرىپ يۇرتىغا يولغا سېلىپ قويۇڭلار» دەپ بۇيرۇق بەرگەن. بىرقانچە كۈندىن كىيىن چىڭگىزخان ئالەمدىن ئۆتكەن، ئوردىدىكىلەر جىددى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى ۋە مەرھۇم خاننىڭ بۇيرۇقى بۇيىچە مىڭ كىشىلىك قوغدىغۇچى قىسىمنى قوغدىغۇچى قىسىم سەركەردىسىگە تاپشۇرۇپ خاننى ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بۇيىچە دەپنە قىلىۋېتىپ كېلىشكە بۇيرىغان. قوغدىغۇچى قىسىم سەركەردىسى خاننىڭ بۇيرۇقىنى مەخپى ئاچسا ئىچىدىن ئىككى پۈكلەپ قويغان يارلىق چىققان، سىرتىدىكى بىرىنچى يارلىق دېگەننى ئېچىپ قارىسا خان ئۆزى يېتىش ئۈچۈن تەييارلىغان قەبرىگاھىنىڭ ئورنى كۆرسىتىلگەنمىش، ئاخىرىغا «ئىككىنچى يارلىق دەپنىدىن كىيىن ئىجرا قىلىنسۇن» دەپ يېزىلغانمىش.. قوغدىغۇچى قىسىم سەركەردىسى يارلىقتىكى كۆرسەتمە بويىچە ئۇزۇن ئەگرى - بۈگرى تاغ يوللىرىنى بېسىپ بېرىپ ئاللا بۇرۇن تەييارلاپ قويغان يەر ئاستى قەبرىگاھقا جەسەتنى دەپنە قىلىپ، ئېغىزىنى ھىم ئەتكەندىن كېيىن ئۈستىنى تۈزلەپ ھەرخىل دەرەخلەرنى تېكىپ، ئات-ئۇلاغلارغا دەسسىتىپ چىڭدىغاندىن كىيىن، ئۈستىگە سۇ قۇيۇپ ئوت-چۆپ تېرىغان ھەم 15، 20كۈن تىنىچ ھازا ئاچقانمىش، ئوت-چۆپلەر ئۈنگەندىن كېيىن قوغدىغۇچى قىسىم سەركەردىسى ئىككىنچى يارلىقنى ئېچىپ قارىسا «قەبرىگاھتىن يەتتە چاقىرىم نېرىدىكى جىلغىغا بېرىپ ئەسكەرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ يەتتە كۈن تىنىچ ھازا ئېچىپ بۇلۇپ، ئۈزۈڭ يالغۇز تاغ ئۈستىدىكى توسمىنىڭ تىزگىنىنى كېسىۋېتىپ، قەبرەمنى بىر يوقلىۋېتىپ، ئەسكەرلىرىنى تاشلاپ ئوردىغا قايتىپ يارلىقنى مەھرەم بېگىگە بەر» دېيىلگەنمىش. قوغدىغۇچى قىسىم سەركەردىسى يارلىق بۇيىچە جىلغىغا چۈشسە چوڭ- كىچىك 3- 4 يۈز قەبرە ۋە بىرمۇنچە تەييار گەمە قونالغۇ باركەن. ئەسەرلەرنى گەمىلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ يەتتە كۈن ھازا ئېچىپ بۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى تاغ قاپتىلىدىكى توسما بويىغا بېرىپ قارىسا، قەبرىگاھقا سۇ باشلىنىدىغان چوڭ ئىر ئېقىننى توسۇپ تۇرغان بىر قورام تاشنىڭ بىر توشۇڭ بىلەن تارتىلغانلىقىنى كۆرۈپتۇ-دە، ئىچىدە «بۇ خان قەبرىستانلىقىنى سۇ بىلەن تەمىنلەپ تۇرىغان ئېقىن ئوخشايدۇ»دەپ ئويلاپ، تىزگىنىنى كېسىپ تاشلاپتۇ.خۇددى چوڭ تاغ ئۆرۈلۈپ چۈشكەندەك قورام تاشنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى بىلەن توسۇۋالغىلى بولمىغۇدەك چوڭ بىر دەريا ئېقىن بويلاپ ئېقىپ چۈشۈپتۇ. خان قەبرىسىنى بىر قېتىم تەپسىلى ئايلىنىپ چىققاندىن كىيىن ۋىدالىشىش تازىمىنى بىجا كەلتۈرۈپ بۇلۇپ،ئەسكەرلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلسە، بۇ جاي ئاللا بۇرۇن چوڭ بىر كۆلگە ئايلىنىپ كېتىپتۇ.بىرمۇ تىرىك ئادەم قالماپتۇ.شۇندىلا قوغدىغۇچى قىسىم سەركەردىسى مەرھۇم خاننىڭ «ئەسكەرلىرىنى تاشلاپ ئوردىغا قايتىپ يارلىقنى مەھرەم بېگىگە بەر، » دېگەن يارلىقىنى چۈشۈنۈپ يىتىپ، بۇ خارابە بىلەن ۋىدالىشىپ ئوردىغا قايتىپ خان يارلىقنى مەھرەم بېگىگە تاپشۇرۇپتۇ، مەھرەم بىگى ئۇنى نازارەتچىلىككە بۇيرىغان ئادەملىرى بىلەن نەزەربەنت قىلىپتۇ، خاننىڭ بالىلىرى قوغدىغۇچى قىسىم سەركەردىسى بىلەن كۆرۈشكىلى، قەبرىنىڭ نەدىلىكىنى سورىغىلى كېلىپ كۆرۈشەلمەپتۇ. چۈنكى ئۇنىڭغا بەرگەن يارلىقتا ئۇرۇش تۈگىگەندە بۇ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارلاش، سەركەردە ئېلىپ كەلگەن يارلىقلارنى كۆرمەيلا كۆيدۈرۈۋېتىش يېزىلغانىكەن. ئۈچ كۈندىن كىيىن ئوردا مۇلازىمەتچىسى بۇلارغا مەرھۇم خان ھەدىيە قىلغان ئېسىل شارابنى بېرىپتۇ ۋە ھەر بىرىنىڭ دېگىنى بۇيىچە رازى قىلىپ مەرھۇم خاننى خاتىرجەم قىلىپتۇ، بۇلار بۇ ئېسىل مەينى كۆزى قىيمىغان ھالدا قانغۇدەك ئىچىشىپ مەرھۇم خانغا بولغان ساداقىتىنى بىلدۈرۈشۈپ خان قەبرىسى توغرىسىدىكى مەخپىيەتلىكنى ئېلىشى مەڭگۈلۈك ئۇيقىغا كېتىشىپتۇ، قالغان ئۇلۇق - ئۇششاق پۇخرالار تا بۈگۈنگىچە بۇ سىرنى ئېچىش غېمىدە پەرۋانە بولۇشۇپ يۈرەرمىش.


ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇل ئىمپېرىيىسىدە ئوينىغان رولى

ﺗﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﻟﻤﺎﺱ


ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 1206– ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1227– ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪﻗﺎﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ) ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﻛﺘﺎﻱ ﺧﺎﻥ (1228–1241)، ﮔﻮﻳﯘﻙ ﺧﺎﻥ ()1246–1248) ﻣﯘﻧﯩﻜﻰ ﺧﺎﻥ (1251–1259)ﻧﯩﯔﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 1206–1259– ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ) ﺷﻪﺭﻗﺘﻪﺗﯩﻨﭻ ﺋﻮﻛﻴﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻏﻪﺭﺑﺘﻪ ﺩﯗﻧﺎﻱ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔﺩﯦﯖﯩﺰﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﯞﻩ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﺍ ﺳﯩﺒﯩﺮﯨﻴﻪ ﺩﺍﻻﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺟﻪﻧﯘﺑﺘﺎ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﭖ، ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﻣﯩﺴﻠﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﯞﯗﺟﯘﺩﻗﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﻯ.
ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﻨﻰﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﻗﺎﻻﻕ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﺩﺍﻻﻟﯩﺮﯨﺪﺍ، ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ، ﭼﯚﻟﻠﯩﺮﯨﺪﻩﻳﺎﺷﺎﻳﯩﺘﺘﻰ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭ ﻳﺎﻳﻼﻕ ﯞﻩ ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﻠﯩﻖﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﯞﻩ ﺗﺎﻳﺎﻧﭻﺟﺎﻳﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﻣﯘﻧﯩﻜﻰ ﺧﺎﻥ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪﻗﺎﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﯩﭽﻪ (1251– ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ) ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﺎﻻﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ، ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺧﯩﺴﻠﻪﺗﻜﻪ ﯞﻩﺑﻪﻛﻤﯘ ﭼﯩﯔ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﻣﻐﺎ ﺷﻪﺭﺗﺴﯩﺰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﺪﻯ. ﺩﺍﻟﯩﺪﺍ، ﭼﯚﻝ – ﺑﺎﻳﺎﯞﺍﻧﺪﺍ، ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﻫﺎﻳﺎﺕ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﺵ، ﭼﺎﺭﯞﺍ – ﻣﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺋﺎﭘﻪﺗﻠﻪﺭ (ﻗﺎﺭﻧﯩﯔﻗﯧﻠﯩﻦ ﻳﯧﻐﯩﺸﻰ، ﻗﯘﺭﻏﺎﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ، ﺋﻮﺕ – ﭼﯚﭖ ﺋﯜﻧﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ)، ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﯘﺟﯘﻣﻠﯩﺮﻯ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﭼﯩﺪﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﻣﻐﺎ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﺗﻜﻪﺋﯚﮔﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭﺩﺍ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﯟﻯ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﺪﻩﻙﺳﺎﯞﺍﺗﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ، ﻫﯘﺷﻴﺎﺭ، ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻫﯩﻠﯩﮕﻪﺭ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻦﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ، ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﺪﻯ.
ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﻪﻝﺑﺎﻏﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ، ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ، ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ، ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﺗﻮﭘﻼﺷﻘﺎ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﯞﯗﺟﯘﺩﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺩﻩﻝ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺷﻪﺭﻕ ﯞﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺋﺎﻟﺘﺎﻳﻠﯩﻖ، ﺑﻪﺷﺒﺎﻟﯩﻘﻠﯩﻖ، ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻠﯩﻖ، ﻗﺎﺭﺍ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﻚ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻟﯩﻚ، ﺧﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﻳﯜﺯﻟﯩﮕﻪﻥ، ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﻗﺎﺑﯩﻞ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔﺋﯩﭽﻜﻰ، ﺗﺎﺷﻘﻰ ﭼﻮﯓ، ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥﺋﯩﺪﻯ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚﺑﺎﺵ ﯞﻩﺯﯨﺮﻯ ﻗﯩﺘﺎﻥ ﺷﺎﻫﺰﺍﺩﯨﺴﻰ ﻳﯩﻠﻮﭼﯘﺳﺎﻱ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻐﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ: «ﺋﻮﻗﺘﺎ ﻳﺎﺳﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﺳﺘﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺟﺎﻫﺎﻧﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﺳﺘﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ» (ﭼﯩﻴﻮﺷﯘﺳﯩﯔ «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻫﯧﻜﺎﻳﯩﻠﯩﺮﻯ» ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ 11– ﺑﻪﺕ).
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩﻚ ﺳﯩﻴﺎﺳﻴﻮﻧﻼﺭ، ﻫﯘﺷﻴﺎﺭ، ﺋﯘﺳﺘﺎ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﻼﺭ، ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﺳﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲﺳﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩﻠﻪﺭ، ﺗﺎﻛﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ، ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﻼﺭ، ﭼﯩﺪﺍﻣﻠﯩﻖ، ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ ﺳﻪﻳﻴﺎﻫﻠﻪﺭ، ﺩﯦﯖﯩﺰﭼﯩﻼﺭ، ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺋﯩﻨﮋﯦﻨﯧﺮﻟﯩﺮﻯ، ﺋﯩﻠﯩﻢ – ﭘﻪﻧﮕﻪ ﺗﻮﺷﯘﻕ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ، ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯩﻠﻤﺎﭼﻼﺭ، ﺷﺎﺋﯧﺮﻻﺭ، ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﻼﺭ، ﺧﻪﺗﺘﺎﺗﻼﺭ، ﺭﻩﺳﺴﺎﻣﻼﺭ، ﻣﯘﺯﯨﻜﺎﻧﺘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﺪﻯ.
ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﻛﯜﭺ ﺗﻮﭘﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻝ (ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺳﯩﺒﯧﺮﯨﻴﻪ) ﯞﻩ ﻏﻪﺭﺏ (ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ)ﺩﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰﺑﯘﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﻣﯩﻼﺩﻯ 1204– ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻟﺘﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﻳﻤﺎﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﻧﺎﻳﻤﺎﻥ ﺧﺎﻧﻰ ﺋﯩﻨﺎﻧﭻ ﺑﯩﻠﮕﻪ ﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰﺗﺎﻳﺎﻧﺨﺎﻥ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺗﺎﻳﺎﻧﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ ﯞﻩ ﺗﺎﻣﻐﯩﭽﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺗﺎﺗﯘﯕﺎ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ.
ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺗﺎﺗﺎﺗﯘﯕﺎﻧﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻜﯩﺘﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭﺩﺍ ﻳﯧﺰﯨﻖ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺑﻪﮔﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻰﺯﯙﺭﯛﺭ ﺷﻪﺭﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ. ﺗﺎﺗﺎﺗﯘﯕﺎ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﺪﻯ. ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯩﺮﻯ، ﻳﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﺪﻯ. ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﺨﺎﻧﯩﻼﺭ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 1258– ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1335– ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ)ﻧﯩﯔ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺮﻯﺋﯘﻳﻐﯘﺭ، ﭘﺎﺭﯨﺴﭽﻪ ﻳﯧﺰﯨﻘﺘﺎ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ (1231– 1370) ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋﻮﺭﺩﺍ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ (1227–1502)ﺩﺍﺑﻮﻟﺴﺎ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﯩﻠﻰ، ﻳﯧﺰﯨﻘﻰﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋﻮﺭﺩﺍ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ، ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭ، ﻗﯩﭙﭽﺎﻗﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺳﺴﯩﻤﻼﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺗﯜﺭﻛﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺧﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺗﯩﻞ، ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺑﻪﮔﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺗﯩﻞ، ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲﺋﺎﻻﻗﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯩﻞ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺕ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔﺧﺎﻧﻰ ﺑﺎﺋﻮﺭﭼﻮﻕ ﺋﺎﺭﺗﯩﻜﯩﻦ ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 1210– ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﻐﺎﺑﯧﺮﯨﭗ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﻪﺷﺒﺎﻟﯩﻘﻠﯩﻖ (ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺟﯩﻤﺴﺎﺭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ) ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ.
ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﻣﯩﻼﺩﻯ 1206– ﻳﯩﻠﻰ ﻗﺎﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯﭼﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﺗﻮﭘﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻨﯩﯔﻣﯩﻼﺩﻯ 1215– ﻳﯩﻠﻰ ﺟﻮﺭﺟﯩﺖ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ (1115– 1234)ﻏﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯜﺭﯛﺷﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﻰﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ، ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﯩﻼﺩﻯ 1219– ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1225– ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻏﻪﺭﺏ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻗﻘﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯜﺭﯛﺷﻠﯩﺮﯨﮕﯩﻤﯘﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﻯ، ﻧﻪﯞﺭﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎﻥﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ.
ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻏﻪﺑﻜﻪﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭﻗﯩﻲ ﻳﯜﺭﯛﺷﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﻪﯓ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﺭﺍﻗﺎﻳﺎ، ﺑﯘﻻﺩﻗﺎﻳﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ.
ﺗﻮﺭﺍﻗﺎﻳﺎ ﺑﻪﺷﺒﺎﻟﯩﻘﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺳﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺗﺎﻛﺘﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯘﺳﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ. ﺗﻮﺭﺍﻗﺎﻳﺎ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺧﺎﺭﺯﯨﻢ ﺷﺎﻫ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯜﺭﯛﺷﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘﻻﺩﻗﺎﻳﺎ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯜﺭﯛﺷﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ. ﺋﯘ ﻛﯧﻴﯩﻦﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻳﻮﻟﯩﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﻧﺒﺎﺳﺎﺭﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺑﻪﺷﺒﺎﻟﯩﻘﻠﯩﻖ ﺑﯘﻻﺩﻗﺎﻳﺎ، ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 1215– ﻳﯩﻞ ﺑﯧﺴﯩﭗﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺟﯘﯕﺪﻭ (ﺟﻮﺭﺟﯩﺖ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ)ﻏﺎ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩﻫﻮﻗﯘﻗﻠﯘﻕ ﺋﻪﻟﭽﻰ ﯞﻩ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺗﭽﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﮕﻪﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 1215– ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1223– ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ) ﺟﯘﯕﺪﻭﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﺵ ﯞﺍﻟﯩﻲ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩﯨﺴﻰ ﻣﻮﻏﺎﻟﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻮﻏﺎﻟﻰ ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 1223– ﻳﯩﻞ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺟﯘﯕﺪﻭﻏﺎ ﺑﯘﻻﺩﻗﺎﻳﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﮕﻪﻥ. ﺑﯘﻻﺩﻗﺎﻳﺎ ﺟﯘﯕﺪﻭﺩﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲﺟﯘﯕﮕﻮﻏﺎ ﻣﯜﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻦ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺳﯘﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ (1227– 1279)ﻧﯩﯔ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﯩﺪﻯ.
ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ﻣﯩﻼﺩﻯ 1279– ﻳﯩﻠﻰ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺳﯘﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﯗﭖ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺗﻮﻟﯩﻴﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻗﻮﺑﻼﻳﺨﺎﻥ 87 ﻳﯩﻞ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥﻳﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ (1279–1368)ﻧﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﻳﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻫﻮﻗﯘﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﭖ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ.
ﻗﻮﺑﻼﻳﺨﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﺮﻯ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ (1279–1368) ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦﻟﻪﻧﺸﺸﻪﻥ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 1231– ﻳﯩﻞ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ، 1280 – ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ)، ﺳﺎﯕﮕﺎ (؟–1291)، ﺋﻪﻫﻤﻪﺕ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 1282– ﻳﯩﻠﻰﺋﻪﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ)، ﺋﻪﻝ ﻳﯩﻐﻤﯩﺶ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 1320– ﻳﯩﻠﻰﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ)، ﻣﻪﯕﮕﻮﺗﯩﻜﯩﻦ (13– ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ)، ﺷﯩﻴﺒﺎﻥ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 1197– ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ، 1276– ﻳﯩﻠﻰﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ)، ﻣﻮﯕﺴﯘﺭ (13– ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ)، ﺋﻪﺧﺘﻪﺭﯨﺪﺩﯨﻦ (13– ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺧﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻘﺘﺎ (ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ) ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺗﯩﮕﻪﻥ.
ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺩﺩﯨﻴﻠﯩﻘﻰ، ﻛﻪﻣﺘﻪﺭﻟﯩﻜﻰ، ﺧﻪﻟﻘﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻜﻰ، ﻗﺎﺑﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥﻟﻪﻧﺸﺸﻪﻥ، ﻣﻮﯕﺴﯘﺭ، ﻣﻪﯕﮕﻮﺗﯩﻜﯩﻦ، ﺷﯩﻴﺒﺎﻥ، ﺋﻪﻝ ﻳﯩﻐﻤﯩﺶ، ﺋﻪﺧﺘﻪﺭﯨﺪﺩﯨﻦ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﻟﻪﻧﺸﺸﻪﻥ ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 1231– ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺕ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺑﻪﺷﺒﺎﻟﯩﻘﺘﺎ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻮﺑﻼﻳﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﯩﺴﻰﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 1259– ﻳﯩﻠﻰ ﻣﯘﻧﻜﻰ ﻗﺎﻏﺎﻥ ﺋﻪﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ، ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯘﺭﯗﻣﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺷﻘﺎ ﺗﻪﻳﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻎ ﺑﻮﻗﺎ (ﻗﻮﺑﻼﻳﺨﺎﻧﻨﯩﯔﺋﯘﻛﯩﺴﻰ) ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﺘﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯘﺭﯗﻣﺪﺍ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻱ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ، ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻏﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗﺋﺎﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺟﻪﺩﺩﯨﻴﻠﻪﺷﻜﻪﻧﺪﻩ، ﻗﻮﺑﻼﺧﺎﻥ ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 1260– ﻳﯩﻠﻰﻟﻪﻧﺸﺸﻪﻧﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﯩﺴﯩﮕﻪﺑﯩﻨﺎﺋﻪﻥ ﻗﺎﻏﺎﻥ ﺳﺎﻳﻼﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﯩﮕﻪ ﺧﯩﻼﭖ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻛﻪﻳﻔﯩﻨﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻏﺎﻧﻰ ﺩﻩﭖﺟﺎﻛﺎﺭﻻﻳﺪﯗ.
ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻗﻮﺑﻼﻳﺨﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﯨﻎ ﺑﻮﻗﺎ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯘﺭﯗﺷﻼﺭ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﻗﻮﺑﻼﻳﺨﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻎ ﺑﻮﻗﺎﻧﻰﺗﺎﺭ – ﻣﺎﺭ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ، ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯘﺭﯗﻣﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﭖ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ، ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 1264– ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺭﯨﻎ ﺑﻮﻗﺎ ﻗﻮﺑﻼﻳﺨﺎﻧﻐﺎ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ﻣﯩﻼﺩﻯ 1279– ﻳﯩﻠﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻗﻮﺑﻼﻳﺨﺎﻥ ﻳﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻐﺎ ﺧﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﻨﻰﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻟﻪﻧﺸﺸﻪﻥ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖﺋﯚﻣﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﻗﻮﺑﻼﻳﺨﺎﻧﻐﺎ ﺑﺎﺵ ﯞﻩﺯﯨﺮ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻣﻪﯕﺴﯘﺭ ﻗﻮﺑﻼﻳﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﻘﯩﻦﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ. ﻗﻮﺑﻼﻳﺨﺎﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﺎﺵ ﯞﻩﺯﯨﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻳﻪﺗﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺑﺎﺵ ﯞﻩﺯﯨﺮﻟﯩﻜﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ. ﻣﻪﯕﺴﯘﺭﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ، ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﺪﻯ.
ﻣﻪﯕﮕﯘﺗﯩﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﻮﺑﻼﻳﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ ﺋﯩﺪﻯ، ﻗﻮﺑﻼﻳﺨﺎﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ، ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﭽﻪ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ، ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ، ﺗﯩﺒﻪﺗﭽﻪ ﺗﯩﻠﻼﺭﻧﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯩﻠﯩﻢﺋﻪﻫﻠﯩﻨﻰ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﻪﺧﺲ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﻜﻪﻥ.
ﺷﯩﻴﺒﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ، ﺋﯘﺳﺘﺎﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺕ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻮﺑﻼﻳﺨﺎﻧﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯜﺭﯛﺵ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗﺑﺎﺭﻏﺎﻥ، ﺷﯩﻴﺒﺎﻥ ﺋﻮﻛﺘﺎﻳﺨﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺑﻼﻳﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺋﯘ ﻣﯩﻼﺩﻯ 1276– ﻳﯩﻠﻰ 79 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦﺋﯚﺗﻜﻪﻥ.
ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺧﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻫﻤﻪﺕ ﻗﻮﺑﻼﻳﺨﺎﻧﻐﺎ ﯞﻩﺯﯨﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﺎﺑﯩﻞﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﺎﺵ ﯞﻩﺯﯨﺮﮔﻪ ﺗﻪﯓ ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﺪﻯ.
ﻳﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﺑﻼﻳﺨﺎﻥ، ﺗﯚﻣﯜﺭﺧﺎﻥ، ﺋﯩﺴﻪﻧﺨﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ (ﻣﯩﻼﺩﻯ 1270– ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1320– ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ) ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺳﺎﻳﺎﻫﻪﺗﭽﯩﺴﻰ، ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺕ ﺋﻪﻝ ﻳﯩﻐﻤﯩﺶ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻫﯩﻨﺪﻯ ﺋﻮﻛﻴﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﻮﻛﻴﺎﻧﯩﻴﯩﮕﻪﺑﺎﺭﻏﺎﻥ. ﺋﻪﻝ ﻳﯩﻐﻤﯩﺶﻣﯩﻼﺩﻯ 1272– ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻫﯩﻨﺪﻯ ﺋﻮﻛﻴﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﻮﻛﻴﺎﻧﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻪﻟﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ. ﺋﻪﻝ ﻳﯩﻐﻤﯩﺶ ﺩﯦﯖﯩﺰﺋﻮﻛﻴﺎﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺳﯧﺮﯨﻼﻧﻜﺎ، ﻣﺎﯞﺭﯨﻴﻴﻪ (ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﺍ)، ﻫﯩﻨﺪﻯ ﭼﯩﻨﻰ، ﻫﯩﻨﺪﻭﻧﻮﺯﯨﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﯩﺪﺍ ﭼﻪﻝ ﺋﻪﻝ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﯞﻩ ﺷﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥﺩﻭﺭﺍ – ﺩﻩﺭﻣﻪﻛﻠﻪﺭﻧﻰﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.
ﻗﻮﺑﻼﻳﺨﺎﻧﯩﯔ ﺋﻪﻝ ﻳﯩﻐﻤﯩﺸﻨﻰ ﺷﻪﻗﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ (ﻫﯩﻨﺪﯨﭽﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﯞﻩﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻐﺎ)، ﻫﯩﻨﺪﯨﻨﻮﺯﯨﻴﻪﮔﻪ ﺋﻪﻟﭽﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺸﻰ ﺷﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯩﺪﻯ. ﭼﯜﻧﻜﻰﻗﻮﺑﻼﻳﺨﺎﻥ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﯞﻩ ﻫﯩﻨﺪﻭﻧﻮﺯﯨﻴﯩﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﺯﯗﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻗﻮﺑﻼﻳﺨﺎﻥ ﻣﯩﻼﺩﻯ 1279– ﻳﯩﻠﻰ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺳﯘﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺷﻪﺭﻗﻘﻪ — ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﮕﻪ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ، ﻫﯩﻨﺪﻭﻧﻮﺯﯨﻴﯩﮕﻪ ﻛﻪﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ.
ﻗﻮﺑﻼﻳﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﯩﻼﺩﻯ 1280– ﻳﯩﻠﻰ ﻳﯜﺯﻟﯩﮕﻪﻥ، ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯧﻤﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ 165 ﻣﯩﯔ ﺟﻪﯕﭽﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﭼﻮﯓ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﻰ (ﺑﯘﻧﯩﯔ 120 ﻣﯩﯖﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﯞﻩ ﻛﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﻪﯕﭽﻰ) ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﮕﻪ ﻣﺎﯕﺪﯛﺭﺩﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦﺑﯘ ﭼﻮﯓ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯﭼﻰﻗﻮﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻰ ﺗﯩﻨﭻ ﺋﻮﻛﻴﺎﻧﺪﺍ ﺑﻮﺭﺍﻧﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﻏﻪﺭﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﻣﻮﯕﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥﻳﯜﺭﯛﺷﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
ﻗﻮﺑﻼﻳﺨﺎﻥ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﮕﻪﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯜﺭﯛﺷﯩﺪﻩ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، 1283– ﻳﯩﻠﻰ ﻫﯩﻨﺪﯨﭽﯩﻨﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﯞﻳﯧﺘﻨﺎﻡ، ﻣﺎﻻﻳﻴﺎ، ﺑﯧﺮﻣﺎ، ﻛﺎﻣﺒﻮﺩﮊﺍ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺋﻪﻝ ﻳﯩﻐﯩﻤﯩﺶ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﯩﻨﺪﯨﭽﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯜﺭﯛﺷﯩﮕﻪﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ، ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ 1293– ﻳﯩﻠﻰ ﻫﯩﻨﺪﻭﻧﻮﺯﯨﻴﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯜﺭﯛﺷﯩﮕﯩﻤﯘ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ. ﺋﻪﻝ ﻳﯩﻐﻤﯩﺶ ﻗﻮﺑﻼﻳﻨﯩﯔ ﻫﯩﻨﺪﻭﻧﻮﺯﯨﻴﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥﻳﯜﺭﯛﺷﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ (ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ﺋﻮﻛﻴﺎﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻫﺎﯞﺍ ﻛﯧﻠﯩﻤﺎﺗﯩﻐﺎ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﺎﻟﻤﺎﻱ ﺋﯩﭻ ﺋﯚﺗﻜﯜ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪﻣﻮﭘﺘﯩﻼ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ) ﺧﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺑﺎﺵ ﯞﻩﺯﯨﺮ ﺋﻮﺭﯗﻧﺒﺎﺳﺎﺭﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻣﯩﻼﺩﻯ 1320– ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦﺋﯚﺗﻜﻪﻥ.
ﻗﻮﺑﻼﻳﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ، ﺋﻪﺧﺘﻪﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻨﮋﯦﻨﯩﺮ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﻪﺧﺘﻪﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﺩﺍ ﯞﻩ ﺷﻪﻫﻪﺭﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥﭼﺎﺩﯨﺮ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ.
ﺋﻪﺧﺘﻪﺭﯨﺪﯨﻨﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰﺗﯚﻫﭙﯩﺴﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻨﻰ ﻻﻳﯩﻬﯩﻠﻪﭖ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﺍ.
ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ، ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ — «ﻳﯩﻠﻨﺎﻣﻪ ﺩﻩﯞﺭﻯ» (ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ 770– ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﭼﺎﻏﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ 475– ﻳﯩﻞﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﭼﺎﻏﻘﯩﭽﻪ)، «ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎﻕ ﺑﻪﮔﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺩﻩﯞﺭﻯ» (ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ 475– ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﭼﺎﻏﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ 221– ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﭼﺎﻏﻘﯩﭽﻪ)ﺩﯨﻜﻰﻳﻪﻥ ﺑﻪﮔﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺟﯩﭽﯩﯔ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﭼﯧﻦ ﺷﯩﺨﯘﺍﯓ ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ 221 ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺟﯩﭽﯩﯔ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯﭼﯧﮕﺮﺍ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺷﻪﻫﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ. ﺟﯩﭽﯩﯔ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ (ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ 207 – ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﭼﺎﻏﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗﻣﯩﻼﺩﻯ 220– ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ)، ﺳﯜﻱ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ (581–618)، ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ (618–907) ﺩﻩﯞﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﻪﻫﻪﺭﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺳﯘﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ (960–1279) ﺟﯩﭽﯩﯔ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯩﻼﺩﻯ 960– ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺟﻮﺭﺟﯩﺖﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ (1115–1234)، ﻳﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ (1368–1279)، ﻣﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ (1368–1644)، ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ (1644–1911) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯚﺕ ﺳﯘﻻﻟﻪ ﺟﯩﭽﯩﯔ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻗﯩﺘﺎﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ (916–1125) ﻣﯩﻼﺩﻯ 1053– ﻳﯩﻠﻰ ﺟﯩﭽﯩﯔ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ 800 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺋﯩﮕﻪ.
ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﺭﺗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ (168–907) ﻳﯘﺟﯘ، ﻗﯩﺘﺎﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ (916–1125) ﭘﯩﺪﯗ، ﻳﻪﻧﺠﯩﯔ، ﺟﻮﺭﺟﯩﺖ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ (1115–1234) ﺟﯘﯕﺪﻭ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﻳﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ (1279–1368) ﺧﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻖ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﭼﯩﯔﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻼ (1644–1911) ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ.
ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻳﻪﻥ ﺑﻪﮔﻠﯩﻜﻰ (ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ 7 ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺑﯘﺭﯗﻥ)ﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺟﯩﭽﯩﯔ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻤﯘﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲﻗﯩﺘﺎﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺟﻮﺭﺟﯩﺖ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﻧﭽﯩﯔ، ﺟﯘﯕﺪﻭ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥﺧﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻖ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻫﺎﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.
ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﻣﯩﻼﺩﻯ 1251– ﻳﯩﻠﻰ ﭼﯘﯕﮕﯘﻏﺎ 2– ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﺪﻩ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺟﻮﺭﺟﯩﺖ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰﺟﯘﯕﺪﻭﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺷﻪﻫﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺕ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻛﯜﻟﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﯞﻩﺗﻜﻪﻥ. ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺟﯘﯕﺪﻭ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﯚﻳﯜﭖ، ﻗﯘﺭﻗﯘﻧﭽﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﺰﺍﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ.
ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﯞﻩﻗﻪﺩﯨﻦ 52 ﻳﯩﻞ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 1268–ﻳﯩﻠﻰ) ﻗﻮﺑﻼﻳﺨﺎﻥﺟﯘﯕﺪﻭ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﺴﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ، ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﺭﺍﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.
ﺋﻪﺧﺘﻪﺭﯨﺪﯨﻦ ﻗﻮﺑﻼﻳﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻗﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻨﯩﯔ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﭼﻮﯓ، ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﻻﻳﯩﻬﯩﺴﯩﻨﻰﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥﯞﻩ ﺷﯘ ﻻﻳﯩﻬﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ «ﺧﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻖ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻨﻰ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ (1279–1368)ﻧﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺧﺎﻧﻰ ﻗﻮﺑﻼﻳﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺧﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻘﻨﯩﯔﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
«ﺋﻪﺧﺘﻪﺭﯨﺪﯨﻨﻨﯩﯔ ﻻﻳﯩﻬﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩ ﻳﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻴﭙﺎﺵ ﺷﻪﻛﻠﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ، ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﻗﺎﻧﺎﻟﯩﺰﺍﺗﺴﯩﻴﯩﺴﻰﻳﺎﺳﯩﻠﯩﭗ ﺳﯘﺋﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﺎﭘﺎﻝ ﻧﻮﻛﻪﺷﻠﻪﺭ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﺪﻩ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩ، ﺧﺎﻧﻼﺭ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﺩﯨﻼﺭ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﺴﻰ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺋﻪﺧﺘﻪﺭﯨﺪﯨﻨﻨﯩﯔ ﻻﻳﯩﻬﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ، ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺟﯘﯕﻨﻪﻧﺨﻪﻱ، ﯞﻩ ﺑﯧﻴﺨﻪﻱ ﻛﯚﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺧﺎﻥﺋﻮﺭﺩﯨﻠﯩﺮﻯ ﺷﯘ ﻛﯚﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﻘﯩﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺟﯩﯖﺸﻪﻥ ﺑﺎﻏﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﺧﺎﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺗﻼﺭ ﺑﺎﻏﭽﯩﺴﻰ ﺑﯩﻨﺎﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ» (ﻟﻴﻴﯘﯞﻳﺠﯜﻥ: «ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺩﯨﻴﺎﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﺴﺴﻪ» ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ 1– ﻛﯩﺘﺎﺏ، 122– ﺑﻪﺕ).
ﺧﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻘﻨﯩﯔ «ﻛﯜﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﭼﻮﯓ ﻛﻮﭼﺎ، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻛﻮﭼﺎ ﯞﻩ ﺧﯘﺗﯘﯓ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﻛﻮﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ...... ﭼﻮﯓ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ 24 ﻗﻪﺩﻩﻡ، ﻛﯩﭽﯩﻚﻛﻮﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ 12 ﻗﻪﺩﻩﻡ ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﻪﻫﻪﺭﮔﻪ 364 ﭼﻮﯓ ﯞﻩ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻛﻮﭼﺎ، 2009 ﺧﯘﺗﯘﯓ ﻳﺎﺳﺎﻟﺪﻯ ...... ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﻮﯓ – ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﻰ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻨﯩﯔﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺗﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ. ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﭼﻮﯓ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ 40 ﻣﯧﺘﯩﺮ، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ 20 ﻣﯧﺘﯩﺮ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ» (ﻟﻴﻴﯘﯞﻳﺠﯜﻥ: «ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺩﯨﻴﺎﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﺴﺴﻪ» ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ 7– ﻛﯩﺘﺎﺏ، 124– ﺑﻪﺕ).
ﺧﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﺭﺩﯨﻼﺭ، ﻛﯚﻟﻠﻪﺭ، ﺑﺎﻏﭽﯩﻼﺭ، ﻛﯚﯞﺭﯛﻛﻠﻪﺭ، ﻛﻮﭼﯩﻼﺭ، ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﻠﯩﺮﻯ، ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﻗﺎﻧﺎﻟﯩﺰﺍﺗﺴﯩﻴﯩﺴﻰ «ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ، ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﺕ – ﺷﺎﺋﯩﺘﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﺒﯩﺮﻯ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ» (ﻟﻴﻴﯘﯞﻳﺠﯜﻥ: «ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺩﯨﻴﺎﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﺴﺴﻪ» ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ 1– ﻛﯩﺘﺎﺏ، 122– ﺑﻪﺕ).
ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻦﺗﺎﺭﺗﯩﭗ (ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ 5000 ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺑﯘﺭﯗﻥ) ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﯚﻫﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰﻗﻮﺷﻘﺎﻥ. ﺋﻪﺧﺘﻪﺭﯨﺪﯨﻨﻨﯩﯔ ﺧﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻘﻨﻰ (ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﻨﻰ) ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ، ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﯚﻫﭙﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﻣﯚﻻﺟﯩﺰﻩ.

ﻣﻪﻧﺒﻪ: «ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ» ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﻰ 1988– ﻳﯩﻞ 4– ﺳﺎﻧﻰ


| ۋاقتى : 2008-10-17 22:34 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 558ـ كۆرۈرمىنى
kokjal

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 2995
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 45
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە45دانە
شۆھرىتى: 46 نومۇر
پۇلى: 450 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :16(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-06-28
ئاخىرقى : 2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

شىڭغىسخاندى تاريخ ساخىناسىنا شىغارۋغا دەم بەرگەن ادام اكەسىنىڭ انداسى كەرەي خانى تۇغىرىل ەدى. وكىنەرلىگى، تۇغرىل وزىنىڭ اندا بالاسىنان ويران بولىپ، ۋاپات بولارىن سەزبەدى.
1som
| ۋاقتى : 2008-10-18 18:35 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 558ـ كۆرۈرمىنى
niyazdixan

دەرىجىسى :كۇلۇب باشلىقى


UID نۇمۇرى : 1760
نادىر تېما : -5
يازما سانى : 268
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە268دانە
شۆھرىتى: 1141 نومۇر
پۇلى: 2640 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :163(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-01-21
ئاخىرقى : 2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى دېگەن كىتاپتا توغرۇلخان ئانداملىققا خىلاپلىق قىلىپ چىڭگىزخاننى قەستلىمەكچى بولغان دەپ يېزىلغانكەن .
| ۋاقتى : 2008-10-19 01:11 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 558ـ كۆرۈرمىنى
sadik_0117

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 4766
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە3دانە
شۆھرىتى: 4 نومۇر
پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-10-03
ئاخىرقى : 2008-10-19

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بىز  كېنولاردا كۆرىدىغان چىڭگىزخان ۋەقەلىكىنىڭ قانچە پىرسەنتى راستۇ ھە؟
1som
| ۋاقتى : 2008-10-19 17:46 3 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 558ـ كۆرۈرمىنى
erdewil

دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1774
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 168
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە168دانە
شۆھرىتى: 841 نومۇر
پۇلى: 1870 سوم
تۆھپىسى: 25 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :53(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-01-21
ئاخىرقى : 2008-10-23

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

نەقىل:
بىز  كېنولاردا كۆرىدىغان چىڭگىزخان ۋەقەلىكىنىڭ قانچە پىرسەنتى راستۇ ھە؟

ھېچكىم بىلمەيدۇ.....   شۇڭا تارىخ-دە بۇ....
yol
سۆيىمەن ئۇيغۇرنى مەڭگۈ!
| ۋاقتى : 2008-10-21 01:01 4 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.144814(s) query 4, Time now is:10-26 08:13, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation