niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 شېرزىمان ئوسمان ئوغلى توغرىسىدا

شېرزىمان ئوسمان ئوغلى توغرىسىدا
زەيناۋۇدۇن يۈسۈپ
« شىنجاڭ تارىخ ماتىرياللىرى » نىڭ 29 – سانىدا يولداش پاتىخان سۇگۇربايوۋ « ئوسمان زادى قانداق ئادەم » دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلدى . ئوسماننىڭ ئەمەلىي ئىش – ھەرىكەتلىرى ، ھەر بىر نۇقتىلىق مەسىلىلەردە ۋە ھەل قىلغۇچ پەيتلەردىكى مەيدانى ، كۆز قارىشى ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ھەمدە ئۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ئاقىۋەت نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى بىرقەدەر تەپسىلى ، ئىزچىلراق بايان قىلىپ ، كەڭ كىتابخانلارنىڭ شۇنداقلا جامائەتچىلىكنىڭ بۇ نامى پۇر كەتكەن شەخسنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى توغرا تونۇشى ، چۈشىنىشى ئۈچۈن خېلى تولۇق ماتىرىيال بىلەن تەمىنلىدى .
يولداش پاتىخان سۇگۇربايوۋ ماقالىسىدا ئوسماننىڭ چوڭ ئوغلى ۋە 1951 – يىلنىڭ بېشىدا ئوسمان ئەسىرگە چۈشكەندىن كېيىنمۇ شىنجاڭغا قېچىپ كېلىپ داۋاملىق باندىتلىق قىلغان ھەمدە 1952 – يىلى 9 – ئايدا تەسلىم بولغاندىن كېيىن تاكى 1970 – يىلى 4 – ئايدا ۋاپات بولغىچە 18 يىل ئۆمۈر شېرزىمان( "شېرزىمان" ئەرەبچە "شىر مان" يەنى " " ھەرىپى بىلەن يېزىلىدۇ . بۇ " " ھەرىپى ئۇيغۇرچە "ز " ھەرپ تەلەپپۇزىغا مايىلراق بولغاچقا " شېرزىمان " دەپ ئوقۇش ۋە يېزىش كېرەك . شېرزىمان ئۆزىمۇ شۇنداق يازاتتى ۋە شۇنداق ئاتايتتى . ئەمما بەزىلەر " شېردىمان " دەپ خاتا ئاتاپ كەلمەكتە _ ئاپتور )  توغرىسىدا ناھايىتى قىسقىلا بايان قىلىپ « شېرزىمان ، نېغمەتۇللا ، نەبىلەر 1941 – يىلىدىن تارتىپ ئوسماننىڭ قېشىدا بىللە بولۇپ ، 1951 – يىلنىڭ بېشىدا ئوسمان گەنسۇنىڭ خەيزى دېگەن يېرىدە خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى تەرىپىدىن قولغا چۈشكەندىن كېيىن شىنجاڭغا قېچىپ كېلىپ ، بۇرۇنقى ھەمراھلىرىنى توپلاپ ، ئالتاي ، بۇغدا تاغلىرى ئارىلىقىدا باندىتلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ . 1952 – يىلى 9 – ئايدا پارتىيىنىڭ سىياسىي خىزمەت ئىشلىشى نەتىجىسىدە قورال تاپشۇرۇپ تەسلىم بولۇپ ، 1969 – يىلى تۈرمىدە ۋاپات بولىدۇ » دەپ يازدى .
شۇڭلاشقا ، شېرزىماننىڭ تەسلىم بولۇپ ئۆتكەندىن كېيىنكى ئەھۋالى توغرىسىدا بۇ ماقالىنى يېزىپ كىتابخانلارغا تونۇشتۇرۇشنى لايىق كۆردۈم .
دەرۋەقە شېرزىماننىڭ 1952 – يىلى 9 – ئايدا تەسلىم بولغىچە ئۆتكەن ھاياتى ، ئوي – پىكرى ، مەقسەت مۇددىئاسى ۋە قىلمىش ئەتمىشى ئاتىسى ئوسمان بىلەن ئوخشاش دېگۈدەك . ئوسماننىڭ پۈتۈن ئىش ھەرىكىتى شېرزىماننىڭ مەسلىھەتى ، ياردىمى ، پىلانلىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان . شۇڭلاشقا ئاتىسى ئوسمان بىلەن ئوخشاش نامى چىققان شەخسدۇر .
لېكىن شېرزىماننىڭ ئاتىسى ئوسماندىن كەسكىن پەرقى شۇكى ، ئوسمان بولسا ، ئەكسىيەتچىلىك يولىدىن قايتماي خەلق بىلەن ، پارتىيە بىلەن ئاخىرىقى نەپسىگىچە قارشىلىشىپ كەلگەچكە ، جىنايى قىلمىشىغا يارىشا قانۇن تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا تارتىلغان . شېرزىمان بولسا ئاخىرىقى ھېسابتا پارتىيە سىياسىتىنىڭ تەسىرى بىلەن ئويغۇنۇپ ، جىنايەت يولىدىن قايتىپ قورال تاپشۇرۇپ تەسلىم بولغان . خەلق تەرەپكە ئۆتۈپ ئۆزگىرىپ يېڭى ئادەم بولۇش يولىدا ماڭغان . ئۆزى پەرزەنتلىرىنىڭ ، شۇنداقلا ئوسمان ، شېرزىمانلار ئەگەشتۈرۈپ يۈرگەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۇيۇق يولدىن قايتىپ ، خەلق قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ ، توغرا ھايات يولىغا مېڭىشىدا تېگىشلىك خىزمەت كۆرسەتكەن . شۇڭلاشقا شېرزىماننىڭ كېيىنكى ھاياتىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ۋە بىۋاستە ئاڭلىغان ۋەقەلەر ئارقىلىق تۆۋەندىكىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن .
مەن 1963 – يىلى ئىلى ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشكە خىزمەتكە يۆتكىلىپ كەلگەن چاغدا ، شېرزىمان سىياسىي كېڭەش ئىشخانىسنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىكەن . شۇندىن باشلاپ مەن شېرزىمان بىلەن تۇنۇشتۇم ھەمدە ئۇنىڭ كېيىنكى ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئىشلارغا ھەغدا قاتناشتىم .
شېرزىمان ئوسماننىڭ چوڭ ئوغلى ، ئوتتۇرا بوي ، ئاق سېرىق ، شالاڭ ئىنچىكە بۇرۇتلۇق ، كۈچلۈك ، 90 كىلوگىرامدىن ئېغىرراق ، زېھنى ئۆتكۈر ، ئىرادىسى قاتتىق ، ئۆزىگە تەلەپچان ، سەزگۈر ۋە قورقۇشنى بىلمەيدىغان ئادەم ئېدى . كىتاب – ماتىرىياللاردىن تولۇق پايدىلىناتتى .
1950 – يىلنىڭ ئاخىرىدا گەنسۇنىڭ خەيزى دېگەن يېرىدە ئوسمان خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغاندىن كېيىن ، شېرزىمان ئىنىلىرى نېغمەتۇللا ، نەبىلەر بىلەن شىنجاڭغا قېچىپ كېلىپ ، شېرىكلىرىنى توپلاپ ئالتاي ، بۇغدا تاغلىرى ئارىلىقىدا داۋاملىق باندىتلىق قىلىپ يۈرگەن . 1952 – يىلى 9 – ئايدا ۋەزىيەتنىڭ قىستىشى ، ئۆزىنىڭ ھەر جەھەتتىن مەدەتسىز قېلىشى ۋە بولۇپمۇ پارتىيە ۋەكىل ئەۋەتىپ سىياسەتنى قايتا – قايتا چۈشەندۈرىشى ئارقىسىدا قورال تاشلاپ تەسلىم بولغان . شۇ چاغدىكى سىياسەت بويىچە شېرزىماننىڭ ئۆتمۈش تارىخى سۈرۈشتۈرۇلمىگەن شېرزىمانغا ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىق كىشىلىرىگە قانۇنىي جازا بېرىلمىگەن بەلكى ھەر قايسىسىنىڭ كونكېرت ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان . شېرزىمان شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن 1954 – يىلى 6 – ئايدا ئالتاي ۋالى مەھكىمىسى دېھقانچىلىق – چارۋىچىلىق بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىق ۋەزىپىسىگە تەينلەنگەن .
شېرزىمان ئالتاي ۋالىي مەھكىمىسىدە ئىشلەپ يۈرگەن مەزگىللەردە ئۆگىنىش ۋە ئىجتىمائىي  خىزمەتلەرگە قاتنىشىش ئارقىلىق بىرىنچىدىن پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ توغرىلىقى ،خەلق ئاممىسى ئۈچۈن نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ، قازاق ئەمگەكچىلىرى پارتىيە رەھبەرلىكىدە كۈندىن – كۈنگە ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىدىيىۋى تونۇشىنى ئۆستۈرگەن بولسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزى بىلەن ئالاقىسى بولغان كىشىلەرگىمۇ ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن . 1958 – يىللىرى كۆكتوقايدا كۆتۈرۈلگەن توپىلاڭنى تىنجىتىشتا ، شېرزىمان مۇھىم رول ئوينىغانلىقى مەلۇم . يەنى ھۆكۈمەتنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن توپىلاڭچىلار ئارىسىغا ئۆزى بېرىپ ئۇلارنى قايتۇرۇپ كەلگەن .
ئالتاي رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە شېرزىماننىڭ داۋاملىق ئۆزگىرىپ ياخشى ئادەم بولۇشىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىش مەقىسىتىدە 1960 – يىلى 10 – ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى شېرزىماننى ئىلى ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش ئىشخانىسىغا مۇئاۋىن مۇدىر قىلىپ يۆتكىدى . بۇ چاغدا شېرزىمان مەمۇرى ي 16 – دەرىجىلىك خادىم ئىدى ( شۇ چاغدا 136.25 يۈەن مائاش ئالاتتى . 1962 – يىلى 10 – ئايدا ئاپپاراتلارنى ئىخچاملاشتا ، ئوپكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ تەستىقى بىلەن شېرزىماننىڭ شتاتلىق مائاشىنى بىرلىكسەپ كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش پۇلىغا ئۆزگەرتىۋەتكەن ، ئەمما بۇرۇنقى 136.25 يۈەن بويىچە بەرگەن ) شېرزىمان ئايالى ماپاش ، ئۆگەي ئانىسى دەمىلە ، قىزى مۇبىنا ئوغلى نۇسرەت ئاقاتلارنى ئېلىپ 60 – يىلى 10 – ئايدا ئالتايدىن غۇلجىغا كۆچۈپ كېلىپ ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى قورۇسىدىكى ئائىلىكلەر قورۇسىغا ئورۇنلاشقاندى .
شېرزىمان ئىلى ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشكە خىزمەتكە كەلگەن مەزگىللەردە سىياسىي كېڭەش بىلەن سىياسىي مەكتەپتە تۇرۇپ ئىشلەيدىغان 30 – 40 چە كېڭەش ئەزاسى ۋە بىرلىك سەپ ئەزاسى بار ئىدى . شېرزىمان شۇ كىشىلەر بىلەن ئۆگىنىش ، ئەمگەك ۋە باشقا پائالىيەتلەردە ھەر دائىم بىللە بولاتتى . ھەپتىدە بىر كۈن ئۆتكۈزىلىدىغان ئۆگىنىشلەرگە قاتنىشىپ ھۆججەت ، ماتىرىياللارنى ئۆگىنەتتى . يىغىن ۋە باشقا پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ تۇراتتى . 60 – يىللاردا دۇچ كەلگەن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق شارائىتىدا ، باشقىلار بىلەن بىرلىكتە جاپاغا چىداپ ، ئاددى – ساددى تۇرمۇش كۆچۈرۈپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئۆتكەندى .
شېرزىماننىڭ ئائىلىۋى خۇسۇسى مال – مۈلكىمۇ يوق دېيەرلىك ئىدى . تۈزۈكرەك ئۆي – جاھازلىرىمۇ ۋە باشقا پۇللۇق بۇيۇملىرىمۇ يوق ناھايىتى ئاددىي ئائىلە ئىدى . شېرزىماننىڭ ئۆيىگە كىرسىڭىز ( مەن بىرقانچە قېتىم كىرگەندىم ) ئالاھىدە كۆزگە چېلىققىدۇدەك بىردىن بىر نەرسە – شېرزىمان ئاستىغا سېلىپ ئولتۇرىدىغان بىر دانە قوڭۇر ئېيىقنىڭ تېرىسى بار ئىدى .
ئىسيانچىلار شېرزىماننى تۈرمىگە تاشلاپ بەرگەندىن كېيىن ئۆيىنى ئاقتۇرغاندا قولغا چىققۇدەك ھېچنەرسە تاپالماي ، ماپاشنىڭ ياش ۋاقتىدا كىيگەن بىر دانە كىيمەچەك ( چۆرىسىگە ئالتۇن سۈيى يالىتىلغان كۈمۈچ تەڭگە تاقالغان قازاق ئاياللىرىنىڭ باش كىيىمى ) شېرزىماننىڭ « رومېر » ماركىلىق قول سائىتىنى ئېلىپ چىققاندى .
1960 – 1965 – يىللاردا بىرلىكسەپ ساھەسىدىكى كىشىلەر ئارىسىدا ئىدىيە ئۆزگىرىش چىڭ تۇتۇلغان ، سىياسىي ھەرىكەتلەر ۋە سىياسىي ئۆگىنىشلەر ئۈزۈلمەي داۋاملىىشىپ تۇرغان مەزگىل ئىدى . ئىلى ئوبلاستلىق سىياسىي مەكتەپ قۇرۇلۇپ ئالتاي ، تارباغاتاي بورتالا ۋە ئىلى ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت ھەر ساھە بىرلىكسەپ كىشىلىرى نۆۋەت بىلەن تەربىيىلىنەتتى ، ھەر نۆۋىتى ئاز بولسا بەش ئاي ، بەزى نۆۋەتلىرى بىر يىل داۋام قىلغاندى . ئادەم سانى ئاز بولغاندا 1000 كىشى ، 8 - ، 9 – قارارلىرىدا 200 – 300 كىشى يېتىپ ئوقۇغاندى . ئۇندىن باشقا سىياسىي كېڭەشتە ھەپتىدە بىر كۈن مۇقىم ئۆگىنىش بولۇپ ، بۇنىڭغا غۇلجا شەھىرىدە تۇرۇشلۇق كېڭەش ئەزالىرى بىلەن سىياسىي كېڭەشتە تۇرۇشلۇق كېڭەش ئەزالىرى تولۇق قاتنىشاتتى . شېرزىمان مۇشۇ ئۆگىنىش ۋە كۇرسلارغا دائىم ئاكتىپ قاتنىشىپ ، ئۆزىنىڭ جانلىق ئىدىيىسىگە تەدبىقلەپ ئاكتىپ پىكىر بايان قىلاتتى . قورقۇش ، گۇمان ، ئەندىشىدە بولۇش ( ئۇ چاغدا بىرلىكسەپ ساھەسىدىكى خېلى كۆپ كىشىلەر ئۆز ئىستىقبالىنىڭ قانداق بولۇشىدىن ئەنسىرەيتتى ) ئەمەس ، بەلكى : « مەن بارلىقىمنى پارتىيىگە تاپشۇردۇم ، پارتىيە ئېيتقان سۆزنى قەتئىي ئاڭلاپ ، پارتىيە بۇيرۇغان ئىشنى ئشىلەپ ، ئۆزگىرىپ يېڭى ئادەم بولۇش يولىغا تەۋرەنمەي ماڭىمەن . بۇ بىردىن بىر توغرا يول . ئۆز ئىستىقبالىمنى تاپىدىغان ، خەلىققە سوتىسيالىزىمغا پايدىلىق ئىش قىلىدىغان يول ، پارتىيە بىزگە ئىشىنىپ يېڭى ئادەم بولۇشقا پۇرسەت بېرىۋاتسا ، بىزنىڭ گۇمان – ئەندىشە قىلىشىمىز ، بۇ سىياسىي جەھەتتىكى نادانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس » دەپ زور ئىشەنچ بىلەن پىكىر بايان قىلاتتى ۋە ئۆگىنىشكە قاتناشقانلارغا زور تەسىر كۆرسىتەتتى . شۇڭلاشقا ، شېرزىماننىڭ ئەمەلىي ئىپادىلىرىگە قاراپ ، شۇ چاغدىكى ئىلى ئوبلاستلىق پارتىكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چېن شىخۇا ئۆگىنىش يىغىنىدا : « شېرزىماننىڭ ئۆگىنىش ، ئۆزىنى ئۆزگەرتىش پوزىتسىيەسى توغرا ، سىياسىي ، نەزەرىيە ۋە پارتىيە سىياسەتلىرىنى ئۆگىنىش ، ئىدىيە ئۆزگەرتىش جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئالغا باستى ... » دەپ بىر قانچە قېتىم ئالاھىدە كۆرسەتكەندى ( بۇ كۇرس ، ئۆگىنىش ۋە يىغىنلارنىڭ ھەممىسىگە مەن بىۋاستە قاتنىشاتتىم ) .
يەنە بىر مىسال ، ئالتايدىن بولۇپمۇ چىڭگىل ، كۆكتوقاي ، بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىرىدىن كۇرسقا كەلگەنلەر ئىچىدە شېرزىماننىڭ قەبىلىداشلىرى ، شېرزىمان ، ئوسمانلار بىلەن بارىكۆل ، گەنسۇ ، چىڭخەيلەرگىچە بېرىپ شېرزىمان تەسلىم بولغاندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ كەلگەنلەر بولۇپ  ، سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ، ئۆز ئىستىقبالىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلار بار ئىدى . شۇڭلاشقا ئۇلار سىياسىي مەكتەپكە كېلىشى بىلەن شېرزىماننى يوقلاپ ئۆيىگە باراتتى . ئىشخانىسىغا كىرىپ سۆزلىشەتتى . شېرزىمان بۇ كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ توغرا تونۇشى ، ھازىرقى ئەھۋالى قاتارلىق جانلىق پاكىتلار ئارقىلىق ، پارتىيە سۆزىنى ئاڭلاپ ، پارتىيە كۆرسەتكەن يولدا ماڭسىلا توغرا ئىستىقبالغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ تۇرغان . شېرزىماندىكى بۇ زور ئىدىيىۋى بۇرۇلۇش بۇ كىشىلەرگە ناھايىتى زور ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەنىدى . چىڭگىل ، كۆكتوقايلىق ئەشۇ كىشىلەردىن بىرقانچىسى بۇ ھەقتە ماڭا سۆزلەپ بەرگەنىدى . شېرزىمان كۆپ قېتىملىق ئۆگىنىش يىغىنلىرىدا : « كومپارتىيەنىڭ كېسەلنى داۋالاپ ئادەمنى قۇتقۇزۇش سىياسىتى بەكمۇ ئۇلۇغ سىياسەت ئىكەن ، خاتا يولدىن قايتىپ توغرا يولغا ماڭساڭ ، پارتىيە ھەقىقەتەن قارشى ئېلىپ ياردەم قولىنى سۇنىدىكەن . مېنىڭ ئەھۋالىم بۇنىڭ جانلىق مىسالىدۇر » دەپ ئۆز ھېسياتلىرىنى سۆزلەيتتى . يىغىپ ئېيتقاندا شېرزىماننىڭ شۇ چاغدىكى ئەمەلىي سۆز – ھەرىكەتلىرىدىن ، ئۇنىڭ ئۆتمۇشىگە تۆۋە قىلىپ ، تەقدىردىن ئەندىشە قىلماي ، ئۈزۈل – كېسىل ئۆزگىرىپ ياخشى ئادەم بولۇش يولىغا قاراپ ماڭغانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى .
شېرزىماندەك ئەكسىيەتچىلىك پاتقىقىغا پېتىپ كەتكەن ، زور جىنايەت ئۆتكۈزگەن شەخسكە قارىتا « قولغا كەلتۈرۈش ، ئىتتىپاقلىشىش ، ئۆزگەرتىش » سىياسىتىنى قوللىنىپ ، بىرنەچچە يىل تەربىيىلەش ئارقىسىدا ، يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىزدەك زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغانلىقىغا قاراپ ، بىرلىكسەپ سىياسىتىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى چوڭقۇر ھېس قىلغانىدىم . يۇقۇرقىلار مەن 1963 – يىلدىن باشلاپ شېرزىمان بىلەن بىر ئورگاندا بىللە ئىشلەش جەريانىدا ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان ئەمەلىي پاكىتلاردۇر .
شېرزىماننىڭ تۈرمىگە كىرىشى
1966 – يىلى 5 – ئايدا « مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » باشلاندى . قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ھەرقايسى ئورۇنلاردا « ئىسيانچىلار » ۋە « ئىسيانچى » تەشكىلاتلار خۇددى ئاسماندىن چۈشكەندەك پەيدا بولدى ۋە يەر جاھاننى ئاستىن – ئۈستىن قىلىپ ، پۈتۈن سەپلەر بويىچە شىددەتلىك ھۇجۇمغا ئۆتتى . بۇلار ئىلگىرىلەپ ھەر دەرىجىلىك مەسئۇل كادىرلارنى « كاپىتالىزىم يولىغا ماڭغان ھوقۇقدارلار » دەپ بىر – بىرلەپ تارتىپ چىقاردى . ئارقىدىن « پارتكوملارنى توپقا تۇتۇش » باشلاندى . بۇ ھال شۇ چاغدىكى پارتىيىگە ، سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ۋە قۇرۇلۇش ئىشىغا ئەقىدە باغلىغان مىليونلىغان كىشىلەرنى گاڭگىرىتىپ قويدى . بۇ « ئىسيانچىلارنىڭ نېمىگە قارشى تۇرۇپ ، نېمىنى ھېمايە قىلىشىنى بىلگىلى بولمىدى . ھەرىكەت بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ ، ھوقۇق تارىۋېلىش يولىغا ماڭدى . ئىلى ئوبلاست دەرىجىلىك ئورگانلار ئىچىدە ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش « قارا گېزەندىلەر ئۇۋىسى » سانىلىپ ئەڭ دەھشەتلىك پىپەن قىلىندى ، شۇنىڭدەك بۇ ئورۇننىڭ ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشنى مۇھىم كۈنتەرتىپكە كىرگۈزدى .
1967 – يىلى 1 – ئاينىڭ 13 – كۈنى بىزنىڭ سىياسىي كېڭەش ۋە سىياسىي مەكتەپتىكى « ئىسيانچىلار » ئەتراپلىق پىلانلىغان بىر چوڭ جەڭنى باشلىۋەتتى : بىرلىكسەپ ساھەسىدىكى « تەسلىمچىلىك » ، « شۇجېڭجيىلىق » نى پىپەن قىلىپ ، « كاپىتالىزىم يولىغا ماڭغان ھوقۇقدارلار»ھوقۇق تارتىۋېلىش مەقسىدىدە جامەئەت پىكرى توپلاش ئۈچۈن ، سىياسىي مەكتەپنىڭ چوڭ يىغىن زالىدا ئىنتايىن ھەيۋەتلىك – سۈرلۈك پىپەن يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى .
بۇ يىغىنغا ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش ۋە سىياسىي مەكتەپتىكى بارلىق كادىرلار ، ئىشچىلار ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە بىرلىكسەپ كىشىلىرى ئىلى ئوبلاستلىق پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمى ، مىللىي ،دىنىي ئىشلار تارماقلىرىدىكى خادىملار ، شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش ، بىرلىكسەپ بۆلۈمىدىكى كادىرلار ، كېڭەش ئەزالىرى ، ئوبلاست دەرىجىلىك چوڭ « ئىسيانچى » تەشكىلاتلارنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى قاتناشتۇرۇلدى . بۇ يىغىن شۇ كەمگىچە ئوبلاست دەرىجىلىك ئورگانلاردا ئۆتكۈزۈلگەن كۆلىمى كەڭ ، ھەيۋىسى چوڭ ۋە ئەتراپقا قاتتىق تەسىر كۆرسەتكەن بىر يىغىن بولغاندى .
يىغىندا ئاساسلىقى ئىلى ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ بىرلىكسەپتە  « تەسلىمچىلىك » ، « شۇجېڭجيىلىق » لۇشيەن يۈرگۈزگەنلىكى ، بۇرژۇئا ئۇنسۇرلار ، گومىنداڭچىلار ، باندىتلار ، پومېشچىكلار ۋە ئىشپيون – جاسۇسلارنى قانات ئاستىغا ئېلىپ سىياسىي كېڭەشنى « قارا ئۇۋا » ، ئېكسپىلاتاتورلارنىڭ پانا جايى » قىلىۋەتكەنلىكىنى « نەق پاكىتلار » ئارقىلىق ئىسپاتلاپ بەرمەكچى ئىدى . شۇڭلاشقا ئۇلار ئوبلاستلىق پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ( ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ قوشۇمچە مۇئاۋىن رەئىسى ۋە باش كاتىپى ) چېن شىخۇئا ، سىياسىي كېڭەشنىڭ تۇراقلىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرېھىم ھەسەنوپلارنى سەھنىگە سۆرەپ چىقىپ ، بېشىنى ئېگىپ تۇرغۇزدى . ئۇلاردىن تۆۋەنرەك يەرگە شېرزىمان ، سانجىندوڭ ( گومىنداڭنىڭ سابىق گېنېرال دەرىجىلىك ئەمەلدارى ) قاتارلىق بىرنەچچە كىشى قاتار تىزىپ تۇرغۇزۇلدى . باشلىرىغا ئۇزۇن قەغەز قالپاقلار كىيگۈزۈلدى .
يىغىن زالى شۇ چاغدىكى ئېقىم بويىچە ئىنتايىن سۈرلۈك تۈس ئالغاندى . « بىرلىكسەپتىكى تەسلىمچىلىك  ،  شۇجېڭجيىلىق لۇشيەنىنى ئۈزۈل – كېسىل پىپەن قىلايلى ! » ، « ئوبلاستىمىزدىكى تەسلىمچىلىك لۇشيەنىنىڭ باش ئاتامانى چېن شىخۇئانى پىپەن قىلىپ سېسىتايلى ! » ، سىياسىي كېڭەشكە ، بىرلىكسەپ ئىچىگە يوشۇرىنىۋالغان باندىتلار ، گومىنداڭچىلار ، پومېشچىكلار ، ئىشپىيون – جاسۇسلارنى تارتىپ چىقىرايلى ! » ، « .... چېن شىخۇئادىن ھېساب ئالايلى ! » دېگەنگە ئوخشاش پىلاكات ، لوزۇنكىلار پۈتۈن يىغىن مەيدانىنى ، ھەتتا سىياسىي مەكتەپ قوراسىنىڭ تاملىرىنىمۇ قاپلاپ كەتكەن . قىزىل بەلگە تاقىغان « ئىسيانچىلار » ھەممىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتكۈدەك ھەيۋە بىلەن ئارقا – ئارقىدىن توختىماي شوئار توۋلاپ تۇراتتى .
يىغىندا يىغىن رىياسەتچىسى - « يۈيگوڭ جەڭگىۋار دۈيى » نىڭ باشلىقى ليۇ پوۋاڭ ئىلىدىكى كاپىتالىزىم يولىغا ماڭغان ھوقۇقدار ۋە ئۇلارنىڭ « تەسلىمچىلىك » ، « شۇجېڭجيىلىق » لۇشيەن يۈرگۈزگەن « جىنايى قىلمىشلىرى » ئۈستىدە تەپسىلى سۆزلەپ ئۆتتى . ئارقىدىن ۋاڭ يوڭخۇئا قاتارلىق بىرقانچە كىشىلەر غەزەپ بىلەن پىپەن قىلدى . ......
ئۇلار ھەر بىر مۇھىم نۇقتىلىق مەسىلىدە چېن شىخۇئاغا سوئال قويۇپ ۋە بەرگەن ئېنىق جاۋابلىرىغا دەرھال قاتتىق رەددىيە بېرەتتى . شوئارلار توۋلايتتى . چېن شىخۇئادىن « ...... مىڭلىغان بىگۇناھ خەلقنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلىپ ۋەيران قىلغان پارتىيە ، خەلق بىلەن قوراللىق دۈشمەنلىشىپ كەلگەن چوڭ باندىت شېرزىماننى قانات ئاستىغا ئېلىپ ، ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشكە مۇھىم خىزمەتكە قويۇپ ، ئەتىۋارلاپ ئىشلەتتىڭ ۋە ئۆزگىرىش ئىپادىسى ياخشى ، زور دەرىجىدە ئالغا باستى ، پارتىيەگە ئەگىشىپ سوتىسيالىزىم يولىغا مېڭىشنى خالايدۇ ، دەپ ئوچۇقتىن – ئوچۇق كۆككە كۆتۈرۈپ ماختاپ كەلدىڭ . بۇ قانداق مەيدان ؟ سەن باندىتلار ، گومىنداڭچىلار ، ئىشپيونلارغا باش پاناھ بولۇپ ، شۇلار ئۈچۈن سۆزلىگەنلىكىڭ ئەمەسمۇ ؟! » دەپ سوراققا تارتقاندا ، چېن شېخۇائا : « شېرزىماننى مەن ياكى ئوبلاستلىق پارتكوم يۆتكەپ كەلگەن ئەمەس ، بەلكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەت ئالتاي ۋالى مەھكىمە دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق بۆلۈمىدىن يۆتكەپ ، ئىلى ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىكىگە تەيىنلىگەن . مېنىڭ بىلىشىمچە . مېنىڭ بىلىشىمچە ، بۇ شۇ چاغدىكى ئالتاي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ، شېرزىمان ئۆزىگە ۋە ئومۇمىي ۋەزىيەتكە پايدىلىق بولۇش كۆزدە تۇتۇلغان ..... ئىلى ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشكە كەلگەندىن كېيىن ، بىز يۇقۇرىنىڭ تاپشۇرۇقى ۋە بەلگىلىمىسى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ مۇئامىلە قىلدۇق ..... شېرزىمان ئىلىغا كەلگەندىن كېيىنكى ئۆگىنىش ، ئۆزگىرىش ئىپادىلىرى بىر قەدەر ياخشى ئىدى... » دەپ جاۋاپ بەرگەندى .
شۇ يىغىندا شېرزىمانمۇ سوراققا تارتىلدى . شېرزىمان ھېچ ئالاقزادە بولماي تۇراتتى . بېشىغا قەغىز قالپاق كىيدۈرگەندە قاتتىق نارازىلىق قىلغان بولسىمۇ ، ئىسيانچىلار زورلۇق بىلەن كىيگۈزدى . « ئىسيانچىلار » قويغان سوراققا شېرزىمان مۇنداق دەپ جاۋاپ بەردى : « مېنىڭ ئۆتمۈشتە ئۆتكۈزگەن جىنايى قىلمىشلىرىم ناھايىتى كۆپ ... بۇ قىلمىشلىرىم پارتىيىگە ، ھۆكۈمەتكە پۈتۈن خەلققە ئايان پاكىت . لېكىن پارتىيە توغرا سىياسەت قوللىنىپ ، جىنايەت يولىدىن قايتىپ خەلق تەرەپكە ئۆتۈشكە نەسىھەت قىلدى . ئۆتمۈش گۈناھلىرىمنى سۈرۈشتە قىلمايدىغانلىقىنى ، خاتالىقنى تۈزۈتۈپ ياخشى ئادەم بولۇشۇمغا پۇرسەت بېرىدىغانلىقىنى ، ھەتتا ماڭا ۋە مېنى ئەگەشكەن ھەمراھلىرىمنىڭ ھېچ قايسىسىغا قانۇنىي جازا بەرمەي ، بەلكى مۇۋاپىق خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتى بېرىشكە ۋەدە قىلدى . شۇنىڭ بىلەن مەن پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ ، كېلىشىمگە ئىمزا قويۇپ ، قورال تاپشۇرۇپ ، ھەمراھلىرىمنى باشلاپ خەلق تەرەپكە ئۆتكەنىدىم . كومپارتىيە ھەقىقەتەن قىلغان ۋەدىسى بويىچە ئىش قىلدى . مېنى ھۆكۈمەت خىزمىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ مائاش بەردى . ئۆگىنىش ، ئۆزگىرىش پۇرسىتى بەردى . ماڭا ئەگەشكەن چارۋىچىلارنى ئۆز يۇرت – ماكانلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ مال – چارۋە بېرىپ تىرىكچىلىك قىلىش شارائىتى ھازىرلاپ بەردى .
مەن ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئىتائەت قىلىپ ، ئالتايدىن ئىلى ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشكە كەلدىم . ...

بۇ يەردە دائىملىق ئۆگىنىشلەرگە ۋە باشقا ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە بىۋاستە قاتنىشىش ئارقىلىق ، پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى كۈندىن – كۈنگە چوڭقۇر چۈشەندىم . ئىستىقبالغا قارىتا ئىشەنچىم تېخىمۇ كۈچەيدى . گۇمان – ئەندىشىلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ پارتىيە كۆرسەتكەن يولغا تەۋرەنمەي ماڭدىم . شۇڭلاشقا پارتىيەنىڭ ماڭا قوللانغان سىياسىتىنى مەن خاتا دەپ ئېيتالمايمەن . بۇ يەردە شۇنى ئوچۇق ئېيتىمەنكى ، ئەگەر پارتىيە بۈگۈن مېنى جىنايىتىڭ ئۈچۈن جازاليمىز دېسىمۇ مەن ئۇنىڭغا رازى . مەن تەسلىم بولۇپ ئۆتكەندىن تارتىپ ھازىرغىچە پارتىيىگە ، سوتىسيالىزمغا قارشى سۆز ھەرىكەتلەردە بولمىدىم . ئۇنداق قىلىش نىيىتىممۇ يوق ....... باشقا سەۋەنلىكلىرىم بولسا تۈزىتىشنى خالايمەن . .. » دەپ جاۋاپ بەردى . تەرەپ – تەرەپتىن توۋلىغان شوئارلار شېرزىماننىڭ سۆزىنى نەچچە قېتىم ئۈزىۋەتتى .
چېن شىخۇئا ، ھەسەنوپلارنىڭ « جىنايىتى » دەپ قويۇلغان مەسىلىلەر ئاساسلىقى بىرلىكسەپ سىياسىتىگە تاقىلىدىغان مەسىلىلەر بولغاچقا ، بۇ يىغىننىڭ كەيپىياتى ، يىغىنغا قاتناشتۇرۇلغان كېڭەش ئەزالىرى بىلەن بىرلىكسەپ كىشىلىرىنى قاتتىق چۆچۈتىۋەتتى . چوڭقۇر تەشۋىشكە سېلىپ قويدى . يىغىن ئاخىرلىشاي دېگەندە « ئىسيانچىلار » ھۇررا – چۇقان كۆتۈرۈپ ، شېرزىماننى ج خ ئورگىنىغا تاپشۇرۇپ بېرىش ھەققىدە قارار ماقۇللىدى . ۋە يىغىن ئاخىرلىشىش بىلەنلا شېرزىماننى يىغىن زالىدىن ئېلىپ چىقىپ غۇلجا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىگە ئېلىپ باردى . بىراق شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار كىشىلەر : « بىز ئوبلاستلىق ئورگانلارنىڭ كىشىلىرىنى قوبۇل قىلالمايمىز » دەپ ئالغىلى ئۇنىمىدى . « ئىسيانچىلار » ھەرقانچە داۋلى سۆزلەپمۇ ماقۇل كەلتۈرەلمىدى . كەچ بولدى . ئاخىرى ئامال بولمىغاندا ، شۇ كېچىسى شېرزىماننى « تۇتۇپ تۇرۇش» قا ئەتىسى ئۆزلىرى كېلىپ ئېلىپ كېتىشكە كېلىشىپ شېرزىماننى تاشلاپ بېرىپ قايتتى .
1967 – يىلى 1 – ئاينىڭ 14 – كۈنى « ئىسيانچىلار » ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسىگە بېرىپ شېرزىماننى قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلدى . بۇ چاغدا ئوبلاستلىق پارتكوم سىياسىي قانۇن كومېتىتىنىڭ شۇجىسى ، قوشۇمچە ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خۇ جۈيجاڭ ئىدارىدە يوق ئىكەن . باشقا مەسئۇل كىشىلەر : « بىرىنچىدىن ، نەق جىنايەت پاكىتى بولمىسا قولغا ئېلىشقا بولمايدۇ . ئىككىنچىدىن ، خو جۈيجاڭ شۇجى تەستىقلىمىسە بىز قولغا ئالالمايمىز . سىزلەر ئوبلاستلىق پارتكوم شۇجىلىرغا تەستىقلىتىپ كېلىڭلار » دەپ قايتۇردى . بۇ ھال ئويلىمىغان يەردىن « ئىسيانچىلار » نى ناھايىتى پاسسىپ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى . كۆپ تاكاللىشىپ ، داۋلى سۆزلەپ كۆرگەن بىلەنمۇ بولمىدى . ئاندىن ئۇلار قايتىپ كېلىپ مۇزاكىرە قىلدى . « ئىسيانچىلار » نىڭ باشلىقلىرى ۋە بىرقانچە ئەزالىرى ئوبلاستلىق پارتكومغا بېرىپ جاڭ شىگۇڭنى ئۇياق – بۇياقتىن ئىزدەپ تاپالماي تۇراتتى . جاڭ شىگۇڭ شۇجى ئوبكوم دەرۋازىسىدىن كىرىپ كېلىشىگىلا تۇتۇۋالدى . ( جاڭ شۇجى باشقا « ئىسيانچىلار » نىڭ مۇنازىرە مەيدانىدىن ئەندىلا قايتىپ كەلگەنىكەن ) . « ئىسيانچىلار » نىڭ باشلىقى ليۇ پوۋاڭ ، ۋاڭ يوڭخۇئالار « شېرزىماننى قولغا ئېلىش توغرىسىدىكى قارار » نى جاڭ شىگۇڭغا تەڭلەپ  ئىمزا قويۇشقا قىستىدى . جاڭ شىگۇڭ بولسا شەخسەن ئۆزى قارار قىلالمايدىغانلىقىنى ، كوللېكتىپ مۇزاكىرە قويۇپ جاۋاپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى . بۇ ئارىلىقتا قىزىل بەلگە تاقىغان « ئىسيانچىلار »  تەرەپ – تەرەپتىن كېلىپ كۆپىيىپ جاڭ شىگۇڭنى قىمىر قىلدۇرماي ئارىغا ئېلىۋالدى . جاڭ شىگۇڭ ھېچ ئامال بولمىغاندا ھېلىقى « قارار » نىڭ بۇرجىكىگە « ئوبلاستىلق ج خ ئىدارىىسى ئۆزى ئويلىشىپ بىر تەرەپ قىلسۇن » دەپ ئىمزا قويۇپ بەردى ( بۇ چاغدا ئوبكومنىڭ رەھبەرلىكى تازا يۈرۈشمەيدىغان ، يېرىم پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالغاندى . جاڭ شىگۇڭ ئوخشاش رەھبەرلەرنى « ئىسيانچىلار » ھەرتەرەپكە سۆرەپ ئارام بەرمەيدىغان بولۇپ قالغاندى ) . مۇشۇ « تەستىق » نى ئالغاندىن كېيىن « ئىسيانچىلار » شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىدىن شېرزىماننى ئېلىپ ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسىگە ئېلىپ باردى . ئۇلار جاڭ شىگۇڭنىڭ تەستىقىنى كۆرۈپ ، شۇنىڭدەك شېرزىماننىڭ ئەسلىدە چوڭ باندىت ئىكەنلىكىنى ھېسابقا ئېلىپ ئېھتىيات ئۈچۈن « توختىتىپ تۇرۇش » قا قوبۇل قىلىپ ئالدى .
دېمەك ، شېرزىمان 1967 – يىلى 1 – ئاينىڭ 14 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسىگە زومۇ زور تاپشۇرپ بېرىلدى . يۇقۇرىدا بايان قىلىنغان ئەھۋاللاردىن بىز شېرزىمان ھەقىقەتكە قايتقاندىن كېيىن بولۇپمۇ مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئالدى كەينىلىرىدە نەق جىنايەت ئۆتكۈزۈپ ، قانۇن تەرتىپى بويىچە تۈرمىگە ئېلىنغان ئەمەس بەلكى « ئىسيانچىلار » نىڭ شۇ چاغدىكى ئەشەددى سولچىل ھەرىكەتلىرى ۋە ھوقۇقنى ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىش ئېھتىياجلىرى تۈپەيلىدىن تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى روشەن كۆرۈۋالالايمىز .
شېرزىماننى ج خ ئىدارىىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىۋەتكەندىن كېيىن « ئىسيانچىلار » ئوبلاستلىق پارتكومنى « تەسلىمچىلىك » ، شىجېڭجۇيىلىق » لۇشيەنى يۇرگۈزگەن ، دەپ ئەيبلەشكە چوڭ ئاساس دەسمايە قىلدى .
مەن ئۆز ئورگىنىمىزدىكى « ئىسيانچىلار » دىن ۋە شېرزىماننىڭ جەسىدىنى ئالغىلى بارغاندا ، ئوبلاستلىق ج خ ئىدارسىنىڭ تۈرمە خادىمىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋالغا قارىغاندا ، شېرزىمانغا دەسلەپتە « ۋاقتىنچە تۇتۇپ تۇرۇش قاتارىدا مۇئامىلە قىلغان . رەسمى سوراق قىلىنمىغان . ئەمما شېرزىمان ج خ ئىدارىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىنى ناھەق دەپ قاراپ ، مەسىلىسىنى دەرھال ئېنىقلاپ ئوچۇق بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلغانىكەن . شۇنداقلا « ئىسيانچىلار » مۇ شېرزىماننى تۈرمىگە تاشلىۋەتكەندىن كېيىن شېرزىمان توغرىسىدا ھېچقانداق يېڭى جىنايەت پاكىتلىق ماتىرىيال تېپىپ بېرەلمىگەن . كېيىنچە ( 1968 – يىلنىڭ ئاخىرى 1969 – يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ) ئالتايدىكى « ئىسيانچىلار » ئالتايدا « پاش قىلىنغان باندىتلىق ھەرىكەتلەر » نىڭ شېرزىمانغا مۇناسىۋىتى ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتى ( بۇنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى ھەربىي باشقۇرۇش كومىتېتى ئالتايغا تېلېگرامما ئەۋەتكەنىكەن ) شېرزىماننى ئىككى – ئۈچ نۆۋەت سوراق قىلغان . شېرزىمان قويۇلغان مەسىلىلەرنى تۆھمەت دەپ قاراپ رەت قىلغان . شۇ چاغدىكى كۈندىن كۈنگە كەسكىنلىشىپ كەتكەن سول لۇشيەن تۈپەيلىدىن ج خ ئىدارىسى شېرزىمانغا قاتتىق مۇئامىلە قىلغان . شېرزىمان بۇ مۇئامىلىگە تېخىمۇ نارازى بولغان . پارتىيە سىياسىتىنىڭ مۇنداق ئۆزگىرىپ كېتىشىگە ئىشەنمىگەن . بولۇپمۇ تۈرمىگە كىرگەندىن كېيىن تاكى ئالەمدىن ئۆتكىچە بالا – چاقىلىرى بىلەن بىر قېتىممۇ كۆرۈشتۇرمىگەنلىكىگە قاتتىق ھەسرەت چېكىپ ئارماندا كەتكەن .
1som
Posted: 2007-11-24 20:20 | [ئاپتور]
niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

شېرزىماننىڭ ئۆلۈشى ۋە دەپن قىلىنىش ئەھۋالى
شېرزىمان 1967 – يىلى 1 – ئاينىڭ 14 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسىنىڭ تۈرمىسىگە كىرىپ ، ئۈچ يىل ئۈچ ئاي ياتقاندىن كېيىن ، 1970 – يىلى 4 – ئاينىڭ 30 – كۈنى كەچتە ئالەمدىن ئۆتتى . بۇ شېرزىماننىڭ مۆچەل يىلى بولۇپ 51 ياشقا چىققانىكەن .
1970 – يىلى 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ئەتىگەندە ئىدارىگە كېلىشىمگىلا ( بۇ چاغدا رىجىم ئاستىدا تۇرغاچقا دەم ئالماي ئىشلەيتتىم ) « ئىسيانچىلار » دىن بىرسى : « سېنى باشلىق چاقىرىدۇ » دەپ مېنى باشلاپ ئىشخانىغا ئېلىپ كىردى . ئىشخانىدا باشلىقلاردىن ليۇ پوۋاڭ ، شامەشرەپ ، ئوسمانجان قاتارلىق تۆت كىشى بار ئىكەن ( بۇلار 1967 – يىلى 4 – ئاينىڭ 22 – كۈنى سىياسىي كېڭەشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، سىياسىي مەكتەپ ھېسابىدا پۈتۈن ھوقۇقنى تارتىۋېلىپ « ھوقۇق تارتىۋېلىش كومىتېتى » قۇرغان ۋە مەخسۇس « ھوقۇق تارتىۋېلىش كومىتېتى » نىڭ تامغىسىنى ئويدۇرۇپ ئىشلەتكەن . بۇ رەھبەرلىك « بەنزە » نى كىم ، قايسى ئورۇن تەستىقلىگەنلىكى نامەلۇم ) . ئۇلار : « شېرزىمان تۈنۈگۈن كەچ تۈرمىدە ئۆلۈپتۇ ، بىزگە تېلېفوندا ئۇقتۇردى . سەن مۇھەممەت كامال ئىككىڭلار ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى تۇرمىسىگە بېرىپ ، شېرزىماننىڭ جەسىدىنى ئەپچىقىپ ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىڭلار » دەپ بۇيرۇدى .
مەن سەل ئارىسالدى بولۇپ تۇرۇپ قالدىمدە ، ئاندىن : « سىزلەردىن بىرەر مەسئۇل كىشى بېرىپ  جەسەتنى تاپشۇرۇپ ئېلىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرمىسەڭلار ، مېنىڭ بۇ رەسمىيەتنى بېجىرىشكە سالاھىيىتىم توغرا كەلمەس ..» دېدىم . شامەشرەپ « ئىنقىلابى ئاممىدىن ئادەم ئەۋەتمەيمىز ، سىزلەر بارساڭلار بولدى ... » دەپ گەپنى ئۈزىۋەتتى .
بۇ چاغلاردا ئورگىنىمىزدا « ئىسيانچىلار » تارتىپ چىقىرىپ نەزەربەنت قىلغان ۋە ئاممىۋى دېكتاتۇرا ئاستىدا ئىشلەيدىغان « قارا گېزەندىلەردىن ساجىندوڭ ، گوكۇڭلىن ، ئابابەكرى ئەلىيوپ ، رەخىمجان سابىر ھاجىيوۋ ، مۇھەممەت ئىمىن كېرىموۋ ، ھاجى قارى قاتارلىق خېلى كۆپ كىشىلەر بار ئىدى . لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدە « يەرلىك مىللەتچى » قالپىقى بار ، ھەر ئىككى پەيدىكى « ئىسيانچىلار » ئورتاق دۈشمەن دەپ قارايدىغان ۋە « مەدەنىيەت ئىنقىلابى » باشلىنىش بىلەنلا خىزمەتتىن توختىتىپ رىجىمگە ئېلىنغان « سىنىپىي دۈشمەن » مۇھەممەت كامال مەخسۇم ئىككىمىز ئىدۇق . مۇھەممەت كامال ماخودا ئات باقاتتى . مەن ھارۋىكەش – خاڭدىن كۆمۈر توشۇيتتىم .
« ئىسيانچىلار » ج خ ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىپ ، شېرزىماندەك « چوڭ باندىت » نىڭ جەسىدىگە يېقىن يولاشنى ئۆزلىرىنىڭ ئىنقىلابىي شەنىگە مۇناسىپ كۆرمەي « سىنىپىي دۇشمەننىڭ جەسىدىنى سىنىپىي دۈشمەنلەر كۆتۈرۈپ چىقسۇن » دەپ سىنىپىي چېگرىنى قەتئىي ئايرىغانلىقتىن ، بۇ ئىشقا بىزنى بۇيرىغانكەن . مەن ئۇلارنىڭ غەرىزىنى چۈشەنگەندىن كېيىن ، « ئەڭ بولمغاندا ھوقۇق تارتىۋېلىش كومىتېتى نامىدا تۈرمىگە قارىتىپ بىر پارچە ئالاقە يېزىپ بېرىڭلار .. دېدىم . ئۇلار : « ج خ ئىدارە تۈرمىسىگە : شېرزىماننىڭ جەسىدىنى ئېلىپ كېلىشكە زەيناۋۇدۇن يۈسۈپنى ئەۋەتتۇق . ۋاقىپ بولۇپ تاپشۇرۇپ بېرەرسىزلەر » دەپ يېزىپ تامغا بېسىپ بەردى .
مەن بۇيرۇقنى ئالغانىدىن كېيىن ئەتىگەن سائەت سەككىز يېرىمدا ماخوغا چىقىپ ، مۇھەممەت كامال مەخسۇمگە شېرزىماننىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ جەسىدىنى تۈرمىدىن ئېلىپ چىقىپ ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىش ۋەزىپىسى ئىككىمىزگە تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردۇم – دە ، دەرھال ھارۋىنى قوشتۇم . ماخودىن بىر دانە بورا ، بىر پارچە كىگىز ئېلىپ ھارۋىغا سالدۇق – تە تۈرمىگە ماڭدۇق . يولدا كېتىۋېتىپ ئەرلى ئاخۇننى تېپىپ ( ئەرلى ئاخۇن ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومېتىتېنىڭ كېڭەشتە تۇرۇشلۇق ئەزاسى ، ئىلىدىكى چوڭ ئۆلىما ، شېرزىمان ئىككىسى بىر قورادا ئىدى ) ئۇ كىشىگە : « شېرزىمان تۈرمىدە ئۆلۈپتۇ . جەسىدىنى ئېلىپ چىقىشنى ماڭا تاپشۇردى . شۇ يەرگە ماڭدۇق . شېرزىماننىڭ بالىلىرى كىچىك ، ئىگە بولغىدەك ئۇرۇق تۇغقانلىرى يوق . ئۇنى دەپن قىلىشقا ئىدارىدىن ھېچكىم قاتناشمايدۇ ، بىزگە قالدى . شۇڭا ئائىلىسىگە خەۋەر قىلىپ قويۇپ ، گۆر قېزىش ۋە دەپن قىلىش ئىشلىرىنى مەھەللىدىكى مەزىن ۋە بىرقانچە چوڭلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ تۇرسىڭىز . بۈگۈنلا دەپنە قىلىۋېتەيلى » دېدىم . ئەرلى ئاخۇن ئۆيىگە كەتتى . بىز تۈرمىگە ماڭدۇق .
ئوبلاستلىق ج خ ئىدارە تۈرمىسىگە بېرىپ ، تۈرمە ئىشخانىسىدىن بىر خىزمەتچىنى تېپىپ ، قولۇمدىكى ئالاقىنى كۆرسەتتىم . ئۇنى كۆرۈپ : « سىلەر ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشتىنمۇ ؟ » دەپ سورىدى . « شۇنداق » دېدىم . ئۇ تۈرمە قوراسى ئىچىدىن ئىككى كىشىنى چاقىرىپ ، شېرزىماننىڭ جەسىدىنى ئېلىپ چىقىشنى تاپشۇردى . مەن ھارۋىدىكى كىگىزنى ھېلىقى ئىككى كىشىگە بەردىم . ئۇلار كىرىپ كەتكەندە ، تۈرمە خادىمىدىن ( خەنزۇ ) « شېرزىمان كېسەل بولۇپ ئۆلدىمۇ ؟! » دەپ سورىدىم ( ئادەتتە تۈرمىدە ئېغىر كېسەل بولغان جىنايەتچىلەرنى ئائىلىدە داۋالىنىشقا رۇخسەت قىلاتتى . شېرزىماننى ئۇنداق قىلماپتۇ . سەل گۇمانلاندىم ) . ئۇ : « شېرزىمان تۈرمىدە كۆپ سوراققا تارتىلمىغان . كېيىنكى كۈنلەردە 3 – 4 قېتىم سوراق قىلىنغان . يېتىپ قالغۇدەك كېسەلمۇ بولمىغان . تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشنى بىرقانچە قېتىم قاتتىق تەلەپ قىلغان .... مۇشۇ بىر – ئىككى ئايدىن بېرى كۆپ سۆز قىلمايدىغان ۋە تاماق يېيىشتىن باش تارتىدىغان ، داۋالىنىشقىمۇ ئۇنىمايدىغان بولۇۋالدى . كۈندىن – كۈنگە ئاجىزلىشىپ كەتتى ... ئاخىرى تۈنۈگۈن كەچتە ئۆلدى » دېدى .
ھېلىقى كىشى شېرزماننى كىيىملىرى بىلەنلا كىگىزگە ئوراپ ئېلىپ چىقتى . ئارقىدىن بىر بوپا ( كىيىم – كېچەكلىرى بولسا كېرەك ) نى ئەچىقىپ ھارۋىغا تاشلىدى . ئېيتقاندەك شېرزىمان ئورۇقلاپ بىر سۆڭەك ، بىر تېرە بولۇپ قاپتۇ . مەن بىلىدىغان ئوتتۇرا بوي ، ئۇيۇل تاشتەك تەمبەل – قاۋۇل ، ئېغىرلىقى 90 كىلودىن ئاشىدىغان شېرزىمان ، بەئەينى 10 – 11 ياشلاردىكى بالىدەك كىچىكلەپ يېنىكلەپ كېتىپتۇ .
جەسەتنى ھارۋا بىلەن سائەت 11 گە يېقىن ئۆيىگە ئېلىپ كەلدۇق . ئەرلى ئاخۇنۇم مەھەللىدىكى 4 – 5 ئاقساقاللارنى چاقىرىپ ، قەبرە كولاشقا 5 – 6 ياش بالىلارنى ئەۋەتىپ ، ئۆزلىرى دەپنە قىلىش ئىشىنى مەسلىھەتلىشىپ ئولتۇرغانكەن .
بۇ چاغلاردا مەسچىتلەر تاقالغان ، دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتتىق چەك قويۇلغان ، ھېيت ، جۈمە نامازلىرىنى قەبرىستانلىقلاردا ، يارساي بويلىرىدا يوشۇرۇنچە ئوقۇيتتى . مۇردا نامىزىمۇ قورۇ ئىچىدە ياكى قەبرىستاندا ئوقۇيتتى . مۇنداق تەشۋىشلىك پەيتتە شېرزىماندەك « چوڭ دۈشمەن » نىڭ مۇردا نامىزىنى ئوقۇشقا ئىماملارمۇ ئاسان جۈرئەت قىلالمايتتى . لېكىن تەقدىر شېرزىمان ئۈچۈن كۈتمىگەن بىر پۇرسەتنى ئاتا قىلدى : ئىدارىدىكى « ئىسيانچىلار » شېرزىماننىڭ جەسىدىگە يېقىن يولىمىدى . ئۇنى يەرلەش ئىشى ماڭا ، مۇھەممەت كامال مەخسۇمگە ۋە ئەرلى ئاخۇنغا قالدى . ئۇلاردىن بىرەر كىشى نازارەت قىلىپ تۇرغان بولسا ، شېرزىماننى مۇسۇلمانچىلىق قائىدە – يوسۇنى بىلەن دەپن قىلىش ، بىزگە تۈگىمەس ئاۋارىچىلىقلارنى كەلتۈرەتتى . مۇشۇ شارائىتتىن پايدىلىنىپ بىز ئىشنى ئۆز خالىنىغىنىمىزچە قىلىشقا كېلىشتۇق .
چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتلەردە ياشلار گۆرنى كولاپ پۈتكۈزدى . شېرزىماننى مەھەللە ئاقساقاللىرى يۇدى ، كېپەنلىدى . جىنازىغا غېرىب يوپۇقى ( بۇنداق يوپۇق جامائەتتە بر ئىدى ) يېپىپ تاۋۇتقا سېلىپ ياشلار كۆتۈرۈپ ماڭدى . بىز ئون نەچچە كىشى ، شېرزىماننىڭ ئايالى ماپاش ، ئۆگەي ئانىسى دەمىلە ، قىزى موبىنا ، ئوغلى نۇسرەت ، ئاقات ۋە سەمەت ، كەنجە قىزى قارپىيالار بىرلىكتە جىنازىغا ئەگىشىپ خۇمدان مەھەللىنىڭ ساي قۇيۇلىشى – دەريا بويىدىكى قەبرىستانلىققا چىقىپ ، شۇ يەردە جىنازا نامىزى ئوقۇدۇق . ئەرلى ئاخۇن ئىمام بولدى . يەرلەپ دۇئا – تەگبىر ئوقۇپ قايتتۇق . شۇنداق قىلىپ شېرزىمان دۇنيانىڭ پۈتۈن ئاۋارىچىلىقلىرىدىن بىراقلا قۇتۇلدى . ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىي گىرۋىكىدىكى يار بويىدا دەريا شاۋقۇنىنى تىڭشاپ مەڭگۇ ئارام ئېلىپ ياتتى . 1980 – يىلى 10 – ئايدا قەبرىستان يۆتكەلگەندە ، بايانداينىڭ « تېجاڭگو » غولىنىڭ غەربىي يار بويىدىكى يېڭى قەبرىستانلىققا يۆتكەپ دەپن قىلىندى .
شېرزىماننى دەپنە قىلىپ قايتقاندىن كېيىن مەن خاتىرە دەپتىرىمگە « ھەي ئىنسان ! ئۆزەڭنىڭ قاچان قەيەردە ۋە قانداق ھالەتتە ئۆلىدىغانلىقىڭنى شۇنىڭدەك قانداق يوسۇندا ، كىملەرنىڭ قولىدا قارا يەرنىڭ قەھرىگە كىرىشىڭنى ئەسلا بىلەلمەيسەن . شېرزىمان سەن بىر چاغلاردا جاھانغا پاتماي يۈرگەن ، يامان نامىڭ پۇر كەتكەن ئادەم ئىدىڭ . شۇ يامانلىقلىرىڭ ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلىنىش ياكى قانۇنىي جازاغا تارتىلىشدىن تەقدىر سېنى ساقلاپ قالغاندى . ساڭا تىرىكچىلىكنىڭ توغرا يولىنى كۆرسەتكەن ۋە سەنمۇ يامان پەيلىڭدىن قايتىپ ، گۇناھىڭغا تۆۋە قىلىپ ئىشەنچ ۋە ئۈمىد بىلەن ئون نەچچە يىلنى ئۆتكۈزدۈڭ . بىراق يەنە شۇ تەقدىر چاقچاق قىلغاندەك ، سېنىڭ جېنىڭنى تۈرمىدە ئۆتكۈزدى ئالدى ۋە سېنى دەپىن قىلىشنى ماڭا تاپشۇردى . بۇ ھەقىقەتەن تەسادىپىي ھادىسە ! سېنى يەرگە قويغىچە رەڭگى روھىڭنى ئاخىرقى قېتىم يەنە بىر كۆردۈم . مۇشۇنداق تەشۋىشلىك . ھەر كىم ئۆز غېمى بىلەن يۈرگەن ۋەزىيەتتە ، ئىلى بويىچە ئاتاقلىق موللا ئەرلى ئاخۇن ( خۇيزۇ ، مايەنمىن ) نامىزىڭغا ئىمام بولۇپ ، ئىلىدا مەشھۇر زات مۇتائالى خەلپەمنىڭ ئوغلى مۇھەممەت كامالى ، مەھەللە ئاقساقللىرى بولۇپ 15 نەپەر مۆتىۋەر جىنازا نامىزىڭنى ئوقۇپ غۇلجا شەھىرىنىڭ ئىلى دەرياسى ياقىسىغا قەبرەڭنى تۇرغۇزدى . بۇ تەقدىر ساڭا ئاخىرىقى قېتىم ئاتا قىلغان ھىممەتتۇر ..... » دەپ يېزىپ قويغانىدىم .
شېرزىمان ئۆلگەندىن كېيىنكى ئىشلار
شېرزىمان دۇنيادىن ئۆتتى . لېكىن ئۇنىڭ بالا – چاقىلىرى شېرزىمانغا چېتىلىپ « ئەكسىلئىنقىلابچىنىڭ ئائىلىسى » دېگەن قارا تىزىمغا ئېلىندى . بىر كۈنى دۆڭمەھەللە ئاساسىي قاتلام كومىتېتىدىن بىر ئەر ، بىر ئايال خادىم سىياسىي مەكتەپكە كېلىپ بىزنىڭ « ھوقۇق تارتىۋېلىش كومىتېتى » مەسئۇللىرىدىن شېرزىمان ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى . بۇ كىشىلەرنىڭ « ئاھالىلەرنى يېزىغا كۆچۈرۈش » مۇناسىۋىتى بىلەن كەلگەنلىكىنى دەرھال بايقىدىم . چۈنكى ، ئىدارىمىزدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر بۇ توغرۇلۇق ئاشكارە سۆزلىشىپ يۈرەتتى . باشلىقلارمۇ يېزىغا چۈشۈشكە تېگىشلىك كىشىلەرنىڭ ئىسىملىكىنى ئاللىقاچان تەييارلاپ قويغانىدى . بۇ تىزىمدا مەنمۇ بار ئىدىم .
بۇ ئىككى كىشىگە شامەشرەپ ، ئوسمانجانلار : « شېرزىمان ئائىلىسى ئەكسىلئىنقىلابچى ئائىلە ھېسابلىنىدۇ . مۇنداق ئەكسىيەتچى ئائىلە تەۋەلەر شەھەر نوپۇسىدىن تازىلاپ چىقىرىلىشى كېرەك » دەپ تونۇشتۇرغاندى .
شۇنداق قىلىپ شېرزىمان ئائىلىسى ئەشۇ « ئەكسىلئىنقىلابچى ئائىلە ئائىلە تەۋە » دېگەن قالپاق بىلەن 1970 – يىلى 11 – ئايدا ، مەجبۇرى يوسۇندا يۈك تاقىنى يۈدۈپ توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ موخۇر 1 – گوڭشې 4 – دادۈي 3 – شاۋدۈيگە سۈرگۈن قىلىندى . شېرزىماننىڭ ئايالى ماپاش ، 70 ياشلىق ئۆگەي ئانىسى دەمىلە ، چوڭ قىزى مۇبىنا ، ئوغلى نۇسرەت ، ئاقات ، سامەت ، كەنجە قىزى قارپىيا قاتارلىق ئالدى 14 ياش كەنجىسى تۆت ياشلىق نارسىدە بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ، يېزىدىكى دېھقان چارۋىچىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئون يىل جان بېقىپ ئۆتتى .
پارتىيە 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىننىڭ توغرا لۇشيەن ، فاڭجېن ، سىياسەتلىرى پۈتۈن ئېلىمىزگە باھار قۇياشىنى ئېلىپ كەلدى . بۇ قۇياش نۇرى مەرھۇم شېرزىماننىڭ بالا چاقىلىرىغىمۇ ياشاش ئۈمىد ئۇچقۇنى ئاتا قىلدى .
« مەدەنىيەت ئىنقىلابى » دا قارلىلانغانلارنىڭ ناھەق ئەنزىلىرىنى تەكشۈرۈش ، سىياسەتنى ئەمىلىلەشتۈرۈش ئىشى پەيدىن – پەي ئىشلىنىشكە باشلىدى . شۇ قاتاردا 1979 – يىلى 11 – ئاينىڭ 20 – كۈنى شېرزىمان ئەنزىسىگە سىياسەتنى ئەمىلىلەشتۈرۈش توغرىسىدا تەستىقىي ھۆججەت چۈشۈرۈلدى . بۇ ھۆججەتنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە :
« ج ك پ ئىلى ئوبلاستلىق كومىتېتى بىرلىكسەپ خىزمەت بۆلۈمىنىڭ ھۆججىتى .
ئى ، ئو . پ بىرلىكسەپ (79)  No20 
شېرزىمانغا سىياسەتنى ئەمىلىلەشتۈرۈش توغرىسىدا تەستىقىي جاۋاب
ئىلى ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش – سىياسىي مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىغا :
ياچېيكىڭىزلار 7 – ئاينىڭ 26 – كۈنى يوللىغان « شېرزىمانغا سىياسەتنى ئەمىلىلەشتۈرۈش مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات » كۇيتۇڭدىن ئەۋەتىپ بېرىلدى . ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ تەستىقى بويىچە تۆۋەندىكىچە جاۋاب بېرىمىز :
1 . شېرزىمان تەسلىم بولۇپ ئۆتكەن خادىم ، ئىلىغا كەلگەندىن كېيىنكى ئىپادىسى ئىزچىل تۈردە بىر قەدەر ياخشى بولۇپ كەلگەن . پارتىيىنىڭ سىياسىتى بويىچە ، ئۇنىڭ ئۆتمۈش تارىخى سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ ، لېكىن مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇپ ، ئاقىۋەت كېسەل بولۇپ تۈرمىدە ئۆلگەن . ئۇ ، لىنبياۋ ، « تۆت كىشىلىك گۇرۇھ » نىڭ ئەشەددىي سول لۇشيەنىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراش سەۋەبىدىن ئۆلگەن ھېسابلىنىدۇ .
2 . سىياسىي كېڭەش نامىدا تەزىيە يىغىنى ئۆتكۈزۈپ ئاقلاپ – ئېلان قىلىنىشى كېرەك .
3 . شېرزىمان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، ئۇنىڭ ئائىلىسى « ئەكسىلئىنقىلابچى ئائىلە » دەپ قارىلىنىپ ، توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ 1 – گوڭشې 4 – دادۈيىگە چۈشۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان . بۇ ، شېرزىمانغا چېتىپ قارىغانلىقتىن بولغان ئىش . شۇڭلاشقا ، ئۇنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى غۇلجا شەھىرىگە قايتۇرۇپ كېلىشنى ۋە بالا – چاقىلىرىنىڭ شەھەر نوپۇسى ، ئاشلىق تەمىنلەش مۇناسىۋەتلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىشنى بەلگىلىدۇق .
4 . مۇستەقىل تۇرمۇش كۆچۈرۈش ئىقتدارى بولمىغان ئايالى ۋە ياش پەرزەنتلىرىنىڭ ھەر بىرسىگە ئايدا 15 يۈەندىن نەپەقە پۇلى بېرىپ تۇرۇش ، شۇنىڭدەك پەرزەنتلىرىدىن بىرسىنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك .
5 . مەدەنىيەت ئىنقىلابى ھەرىكىتى داۋامىدا شېرزىماننىڭ ئائىلىسى ئاختۇرۇلغانكەن . ئاختۇرۇپ ئېلىپ كەتكەن مال – مۈلۈكلىرىنىڭ ھەممىسى ئائىلىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلىشى كېرەك . يوقۇلۇپ كەتكەنلىرى بولسا مۇمكىن قەدەر ئىزدەپ تېپىش ، ئىزدەپ تېپىلماي قالسا ئائىلىسىگە ئوچۇق ئېيتىپ چۈشەندۈرۈپ قويۇش لازىم .
شېرزىمان ۋە ئۇنىڭ بالا – چاقىلىرى مەدەنىيەت ئىنقىلابى ھەرىكىتى جەريانىدا ، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن تارتقان زىيان ئاز ئەمەس . ئۇلارنى غۇلجا شەھىرىگە كۆچۈرۈپ كەلگەن ۋاقتىدا ئائىلىسىنى ياخشىراق ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن 300 يۈەن ياردەم بېرىش كېرەك .
ج ك پ ئىلى ئوبكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمى
1979 – يىلى 11 – ئاينىڭ 20 – كۈنى »
مۇشۇ ھۆججەت بويىچە ئون يىلدىن ئارتۇق سۆرەلگەن شېرزىمان ئەنزىسى ، پارتىيىنىڭ قارارى بويىچە ئاقلاندى . لىن بياۋ ، « تۆت كىشىلىك گۇرۇھ » نىڭ ئەشەددى سول لۇشيەنىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ، « ئېسيانچىلارنىڭ » زوراۋانلىقى بىلەن بىگۇناھ تۈرمىگە تاشلانغان ۋە شۇ تۈرمىدە ئۈچ يىلدىن ئارتۇق يېتىپ ئالەمدىن ئۆتكەن شېرزىماننىڭ پارتىيىدىن كۈتكەن ئۈمىدى ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى . 18 يىل پارتىيە سۆزىنى ئاڭلاپ ، پارتىيىگە ئەگىشىپ ، بىرلىكسەپ قوشۇنىنىڭ لاياقەتلىك ئەزاسى بولۇپ كەلگەن شېرزىمانغا پارتىيە توغرا باھا بەردى . شېرزىمانغا – شېرزىمان بىلەن ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى بولغان نۇرغۇن كىشىلەر ئارىسىدا زور ئىجابىي تەسىر قوزغىدى ، پارتىيىنىڭ ئىناۋىتى كۆتۈرۈلدى .
ئەشۇ ھۆججەت بويىچە شېرزىماننىڭ ئائىلىسى 1980 – يىلى كۈزدە غۇلجا شەھىرىگە ساق – سالامەت كۆچۈپ كەلدى ( ئۆگەي ئانىسى دەمىلە 1975 – يىلى توققۇزتارادا ۋاپات بولدى ) ۋە ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش ئائىلىكلەر قورۇسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى . ئاز كۈنلەردىن كېيىن مەخسۇس شتات بېرىلىپ ، ئوغلى نۇسرەت ئوبلاستلىق ئاشلىق ساڭغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى ( كېيىن مالىيە مەكتەپ تەرجىمە سىنىپىدا بىلىم ئاشۇرۇپ ئوقۇپ ھازىر ئوبلاستلىق ئاشلىق ئىدارىسىگە تەرجىمان بولدى . . پارتىيىنىڭ بۇ غەمخورلىقىدىن شېرزىماننىڭ بالا – چاقىلىرى چەكسىز مىننەتدار بولدى . تىرىشىپ جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇشقا بەل باغلىدى . شېرزىماننىڭ ئايالى ماپاش شېرزىماننىڭ يوقلۇقىنى بىلىندۈرمەي ئائىلە باشلىق سۈپىتىدە جان پىدا تۇتۇپ بالىلىرىغا باش پاناھ بولدى . بالىلىرىنى تەربىيىلەپ جەمئىيەتكە قوشتى .
ھازىر شېرزىماننىڭ چوڭ قىزى مۇبىنا ئۈرۈمچى نەسىللىك مال فېرمىسىدا خىزمەتچى .
ئوغلى نۇسرەت ئوبلاستلىق ئاشلىق ئىدارىسىدە تەرجىمان .
ئوغلى ئاقات ئىلى 1 – يۇڭ توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدا ئىشچى .
كەنجە ئوغلى سامەت شاڭخەي سىفەن داشۆ تارىخ فاكولتېتىنى پۈتتۈرۈپ كەلدى . ھازىر ئوبلاستلىق تېلېۋىزىيە داشۆسىدە ئوقۇتقۇچى .
كەنجە قىزى قاربىيا ئىلى گېزىتى ئىدارىسىدە ئىشچى بولۇپ ئىشلەيدۇ .
1992 – يىلى ، فېۋرال ، غۇلجا
مەنبە : ئىلى تارىخ ماتىرىياللىرى ، 6 – سان ،
bilqut
Posted: 2007-11-24 20:44 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » شانلىق دەۋر

Total 0.080353(s) query 4, Time now is:02-15 08:10, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation