سەۋەنلىكمۇ ياكى قەستەنلىكمۇ ؟
(ئىزاھات ؛تور ئارىلاۋېتىپ تۈۋەندىكى ئۇلانمىدىن بۇ يازمىنى كۈرۈپ قالدىم ئەھۋال راس شۇنداقمۇ ئەمەسمۇ ...ئورتاقلىشىش يەنىمۇ تەتقىق قىلىش مەخسىدىدە ئايلاندۇرۇپ بۇيەرگە چاپلاپ قويسام بۇ يازمىنىڭ ئەسلى ئاپتۇرى مىنى ئەيىپ ئەتمەس دەپ قارىدىم ھەم تەكرار يوللۇنۇپ قالغان بولسا باشقۇرغۇچىلار سەۋەنلىگىمنى ئەپۇ قىلىپ ئۇچۇرۋەتكەن بولساڭلار. يوللانما مەنبىئى؛
http://groups.yahoo.com/group/uygurlar/message/4418)
ھەممىمىزگە مەلۇم ,قازاقلار تۇركىي قوۋمىدىكى ھازىرقى زامان مىللەتلەرنىڭ بىرى.بىز ۋە باشقا مىللەتلەر ئورتاق ھالدا <قازاق>نامىنى ئۇلارنىڭ ئوز ئاتىشى بىلەن ئوخشاشلا <قازاق>دەپ ئاتاپ كەلدۇق ھەم شۇنداق داۋام قىلىپ كەلىۋاتىمىز.
بىر مىللەت نامىنىڭ قەدىمىي بولۇشىدىن ھەم تارىختا قانداق ئۇتۇقلارنى قازىنىشىدىن قەتىئى نەزەر ئوخشاشلا ئىلىم ساھاسىدە قەدىمكى قول يازما ياكى داۋام ئېتىلىپ كەلىنىۋاتقان ئەپسانىلەردىكى نامى ئارقىلىق ئەسلىي مىلللەت نامى بىلەن ھازىرقى مىللەت نامى بىرىكتۇرۇلۇپ ئاتىلىدۇ ئوخشاش نامدا ياكى شۇ نام قەدىمدىن بۇيان ساقلىنىپ كەلىنىۋاتقان بولسا ,شۇ مىللەت نامىنى ئەلبەتتە تارىخ ئىلمى ئاساسىدا ئوز ئەينى ئاتاش خېلىلا ئومۇملىشىپ قالغانىدى .
بىراق خېلى يىللاردىن بۇيان ,مىنى ئىلمىيسىزلىق ياكى باشقا سەۋەبتىنمىكىن قىيناپ كەلگەن بىر ئۇلانما مەسىلە زادىلا ئارامىمدا قويمىدى .شۇڭا بىلمىگەنلەر بىلىپ قالسۇن ,بىلگەنلەرگە تەكرار بولۇپ قالسۇن ,دىگەن نىيەت بىلەن ,بۇ كوڭۇل ئاغرىقىمنى سۇندۇم .بەلكىم ,بۇمۇ بىزنىڭ باشقىلارغا قانداق قارىشىمىز ھەم ئوزگىلەرنىڭ بىزگە قانداق قارايدىغانلىقىغا دىققەت قىلىشىمىزدا,باشقىلارغا بولغان ئىچكى ھەسسىياتىمىزنى قانداق رەۋىشتە تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىزدا پايدىسى بولۇپ قالار.
خەلى ئۇزۇن يىللار بۇرۇن گىڭشىمىن نامىدىكى <ئوگۇزنامە>داستانى خەنزۇچە(1980-يىل),ئۇيغۇرچە(1981-يىل),قازاقچە(1986-يىل) نەشىر قىلىنغانىدى.قازاق تىلى نەشرىدىكى مەتىنىدە<ئۇيغۇر >نامى بولسىمۇ,تەرجىمىسىدە قەدىمكى خەنزۇ تىلىدىكى ئاتىلىشى بويىچە<خۇيگۇ>دەپ ئېلىنغان ھەم كىتابچىنىڭ ئىچ مۇقاۋىسىگە <تۇركىي خەلقلەرنىڭ تارىخى داستانى >دىگەن سوز بېرىلگەن.ھالبوكى شۇ داستاننى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىن تەييارلىغۇچى گىڭشىمىن ئاپتورلىقىدىكى خەنزۇچە نەشىرىدە<قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى داستانى>دىيىلگەنىدى .كىىشىنى تېخىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى گىڭشىىمىن تەييارلىغان سوز بېشى ئورنىدىكى ماقالىنىڭ قازاقچە تەرجىمىسىدە ئۇيغۇرلارغا ئاىت مەزمۇنلار پۇتۇنلەي دەگۇدەك قىسقارتىۋەتىلگەن ياكى <ئۇيغۇر >نامىنىڭ ئورنىغا <تۇركىي>نامى دەسسىتىلگەن ...شۇ ئىشلار ئوتكەن بۇ ئارىدىكى 20يىلدا يەنە قانداق ئويۇنلارنىڭ روياپقا چىققانلىقىنى بىلمەيمەن ئەمما 2003-يىل نەشرى قىلىنغان <جۇڭگو تارىخى ماتىرىياللىرىدىكى قازاقلارغا ئاىت بايانلار(2)>ناملىق جۇڭگونىڭ مەشھۇر 24تارىخىدىكى قازاقلارغا ئاىت مەلۇماتلارنى كورۇۋېتىپ ,ئىلگىرىكى ئۇنتۇشقا تىرىشقان كوڭۇل ئاگرىقىم باشقىدىنلا كۇۋەجەپ كەتكەندەك بولدى .بۇ توپلامدىكى شەرقشۇناسلار,تۇركلوگلار,ئۇيغۇرشۇناسلار <ئۇيغۇر>دەپ ئاتاپ كەلىۋاتقان<كونا تاڭنامە>,<يىڭى تاڭنامە>,<تاڭ سۇلالىسىگە ئاىت مۇھىم بايانلار>,<كانۇنلار توپلىمى>دىكى <迴鹘 >نى <ئۇيغۇر >دەپ تەرجىمە قىلماستىن <قۇيغۇر>دەپ تەرجىمە قىلغانىدى .
بۇ ھەققىدە كوپ سوزلىكىم يوق لىكىن بۇ ھەممىمىزنىڭ سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن . نۇرۇزى
مەن بۇ باياننى كورگەندىن كەيىن بەكمۇ خاپا بولدۇم ئەگەر قازاق تەرجىمان راستلا ئاشۇنداق دەپ كىتاپ مەزمۇنىنى خالىغانچە ئوزگەرتىپ تەشۋىق قىلغان بولسا ئۇ كىشى تۇركي قەرىنداشلىرىمىز ئىچىدىكى ئەڭ نادان ۋە ئۇيغۇر قازاق ئىتتىپاقلىغىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچى ئىپلاس چوشقا قەرىندىشىمىز بولۇپ قالىدۇ,(بۇنداق بولىشىغا تازا ئىشەنمەيمەن)ئەگەر سۇيقەست ئارلاشقان بولسا ئەينى چاغدىكى گومىنداڭچىلارنىڭ ئويۇنىدىن ئىبارەت ھالاس!