خېشېنننىڭ خىيانەت قىلىپ غايەت زور مال-مۈلۈك توپلاش جەريانىنى مۇلاھىزە قىلغاندا، سەۋەبنى خېشېننىڭ ئۆزىدىن سەۋەب ئىزدىگەندىن باشقا، فېئودالىزىملىق پادىشاھلىق تۈزۈمىدىن ۋە چىئەنلۇڭخاندىنمۇ سەۋەب ئىزدەش كېرەك. پادىشاھلىق تۈزۈمدە، خان بولغۇچى تەڭرىنىڭ ئوغلى، بارلىق زېمىن خانغا تەۋە، بارلىق چىڭ پۇقرالىرى پادىشاھنىڭ پەرزەنتلىرى دەپ قارىلىدۇ. گەرچە خان بولغۇچىنىڭ ھەرىكىتى ئائىلە نەسەبنامىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغان بولسىمۇ، ۋاقتى-قەرەلى كەلگەندە رىئايە قىلمىسا ھېچكىمنىڭ ئامالى يوق بولۇپ، ھەرقانداق ئادەم زۇۋان سۈرەلمەيدۇ. ھوقۇق نازارەتسىز قالغاندا، ئۈنۈملۈك چەكلىمىگە ئۇچرىمىغاندا، ئەڭ چوڭ ھوقۇقدار بولغان كىشى ئۆزىنىڭ سۇبيېكتىپ ئارزۇسى بويىچە مەلۇم بىر پەرماننى چۈشۈرگەندە، بۇ پەرمان ئىجرا بولۇش جەريانىدا غايەت زور ئادالەتسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن ئالساق: چىئەنلۇڭخانغا خېشېن شۇنداق ياراپ كەتكەن بولغاچقا ئۆزىنىڭ سۇبيېكتىپ ئارزۇسى بويىچە، خېشېننى قىسقىغىنا ۋاقىتتا نەچچە دەرىجە ئاتلاپ ئۆستۈرگەن. ھەمدە بىر ئادەمگە مالىيە ھوقۇقى، ھەربىي ھوقۇق، ئەمەلدارلارنى ئۆستۈرۈش قالدۇرۇش ھوقۇقى قاتارلىق ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى نازارەت قىلىپ تۇرمىسا ئوڭاي چاتاق چىقىدىغان ھوقۇقنى بىر ئادەمگە بېرىپ، غايەت زور خىيانەتكە شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن.
چىئەنلۇڭخان ئۇ بىر ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن ئادەتتىكى ئادەملەردە بولىدىغان خۇسۇسىيەتلەر مەۋجۇد بولغاچقا، ئاچچىقى كەلگەندە ياكى خوش بولغاندا، سۇبيېكتىپ ئارزۇسى بويىچە ئىش كۆرۈشتىن خالى بولغىلى بولمايدۇ، ھەمدە ئۇ ئالاھىدە بىر ئورۇندا ئولتۇرغاچقا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر كۈندە دېگۈدەك ماختاپ، يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى قىلىپ، بىر ئادەمنى نۇقسانسىز ئەۋلىيا قىلىۋېتىدۇ. شۇنداقلا تارىختا ئۆتكەن ھەرقانداق پادىشاھلار ئىچىدىكى ئەڭ داناسى قىلىپ تەرىپلەنگەچكە ماختىنىش سۆزلىرىدىن مەستخۇش بولۇپ، ئۆزى ئۆتكۈزۈپ قويغان خاتالىقنى كىيىن بايقىسىمۇ ئېتىراپ قىلماي ۋە تۈزەتمەي شۆھرەتپەرەس، ياسالما بولۇپ قېلىشقا ئۇرۇن بېرىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى تۈزۈلمە ۋە خان بولغۇچىنىڭ ئادەمىيلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، پادىشاھنىڭ ھوقۇقى چەكسىزلىككە ئىگە قىلغان تۈزۈلمىدىن ئىبارەتتۇر.
خېشېن پارىخورلۇق، خىيانەت قىلىپ شۇنچە كۆپ مال-دۇنيا توپلىغان بولسا، مال-دۇنيا توپلاشنىڭ ئارقىسىغا قانداق ئادالەتسىزلىك يوشۇرۇنىدۇ؟ دېگەن سوئالنى كېلىدىغىنى تەبىئىي.
مىسالىنى ئالساق: پارا ئېلىش يولى بىلەن بىر ھاكىمنى ئۆستۈرۈش جەريانىدا، ئۇنىڭدىن يۈزمىڭ سەر كۈمۈش پارا ئالغان بولسا، ئۇ ھاكىم ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كىيىن، ئۆزى خەجلىگەن يۈز مىڭ سەر كۈمۈشنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن خەلقنى شىلىشقا باشلايدۇ ۋە ئوردىنىڭ پۇلىغا خىيانەت قىلىدۇ. سالغان دەسمايىسىنى قايتۇرۇپ كەلگەندىن كىيىن ئۆزى ئۈچۈن بايلىق توپلايدۇ، شۇنداقلا يۇقىرىدىكىلەرگە پار بېرىدۇ. مۇشۇنداق نورمال بولمىغان يول بىلەن ئەمەلدار ئۆستۈرۈش جەرياندا شۇ ناھىيىدە، جاھانغا پاتقۇسىز ئادالەتسىزلىك يۈز بېرىدىغان بولۇپ، ناھەقچىلىككە چىدىمىغان كىشىلەر ناھىيە ھاكىمىنى ئەرز قىلغاندىن كىيىن، مەنپەئەتى بىر-بىرى بىلەن جىپسىلىشىپ كەتكەن يۇقىرى تۆۋەن ئەمەلدارلار بىر-بىرىگە چاپان يېپىشىپ ئادالەتسىزلىككە، ناھەقچىلىككە يول قويىدۇ. مۇشۇ يول بىلەن تەرەققىي قىلغاندا، بىر خانىدانلىقتا ئەمەل سېتىش، سېتىۋېلىش ئومۇمى يۈزلۈك ئەھۋالغا ئايلىنىپ قالىدۇ-دە، ۋەتەنپەرۋەر، خەلقپەرۋەر، بىلىملىك بىراق پۇلى يوق كىشىلەر چەتكە قېقىلىدۇ. ھاكىمىيەت سىستېمىسىدىكى چىرىكلىك، پۈتۈن خانىدانلىقتا ئالدى بىلەن ئادالەتسىزلىككە يول قۇيغان بولسا، ئارقىدىن بۇ ئادالەتسىزلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان قارشىلىق كۈندىن كۈنگە كۈچىيىپ ئەڭ ئاخىرىدا ھالاكەت گىردابىغا ئاپىرىپ قويىدۇ.
خېشېن، سۇ ئىنشائات قۇرلىشى قاتارلىق چوڭ قۇرۇلۇشلارغا ئاجرىتىلغان كۈمۈشلەر خىيانەت قىلىنغاندىن كىيىن، بىۋاسىتە ھالدا قۇرۇلۇشنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىپ، خەلقنىڭ مال-مۈلكى ۋە بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يېتىدۇ، ئىشلەپ چىقىرىشقا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، ئوردا مالىيە كىرىمى كاپالەتكە ئىگە بولمايدۇ.
خېشېن، چوڭ سودىنى كونترول قىلىۋالغان بولۇپ باشقا سودىگەرلەرنىڭ تىجارىتىگە بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك تەسىر يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى ۋەيران بولۇش گىردابىغا ئاپىرىپ قويغان بولۇپ، خېشېن ھوقۇقنىڭ چوڭىنى تۇتقاچقا ئۆزى قاتناشقان سودا ساھەسىدىن باج تۆلىمىگەن، تۆلىگەن بولسىمۇ ئىنتايىن ئاز تۆلىگەن. باشقا سودىگەرلەرنىڭ سودىسى ناچارلاشقان ۋە ۋەيران بولغاندىن كىيىن، ئوردا مالىيىسىنىڭ سودىدىن كىرىدىغان باج كىرىمىگە تەسىر يەتكەن. غوللۇق سودا كونترول قىلىنغاندىن كىيىن باھانى ئۆز ئالدىغا چىقارغان بولغاچقا، مال باھاسى تۇراقسىزلىشىپ خەلقنىڭ ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋەتكەن. ھوقۇق بىلەن سودا بىرلەشكەندە كېلىدىغان غايەت زور پايدا، خانىدانلىقنىڭ پۈتۈن ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، ئىستېمالدىن ئىبارەت ھەر بىر ھالقىسىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، پۈتۈن ئىگىلىكنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
خېشېننىڭ ئەمەل سېتىش جەريانىدىكى پارىخورلۇق قىلمىشى، پۈتۈن خانىدانلىقتا ھوقۇق سودىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ناھەقچىلىك كۈچىيىپ كەتكەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقنىڭ بېسىمى كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ چىڭ خانىدانلىقىغا بولغان نارازىلىق كەيپىيات كۈندىن -كۈنگە كۈچىيىپ كېتىشكە سەۋەبكار بولغان.
1796-يىلى چىئەنلۇڭخان پادىشاھلىق ئورنىنى ئوغلى جىئاچىڭ خانغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كىيىن، بىر خانىدانلىقتا ئىككى پادىشاھ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشتەك ھالەت شەكىللەنگەن. پادىشاھلىق ئۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىلەن ئەمىلى ھوقۇق ئۆتكۈزۈلمىگەندىن كىيىن جىئاچىڭخان بىلەن خېشېننىڭ ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت كەسكىنلىشىشىگە باشلىغان. زىددىيەت قانداق كەسكىنلىشىپ كەتكەندۇ؟ دەيدىغان سوئالنىڭ كېلىشى تەبىئىي.
چىئەنلۇڭخان بوۋىسى كاڭشى 60يىل سەلتەنەت سۈرگەن بولغاچقا، چىئەنلۇڭ تەختتە ئولتۇرغان ۋاقتىم 60يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىك ھەمدە تارىختا ياخشى نام قالدۇرۇشۇم كېرەك دېگەنلەرنى مەقسەت قىلىپ، ئۆز رازىلىقى بىلەن پادىشاھلىق ئورنىنى 15-ئوغلى يىنيەنگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. بىراق ئۆزىنى شاھىنشاھ يەنى پادىشاھنىڭ پادىشاھى دەپ ئاتاپ ئۆلۈپ كەتكۈچە بولغان تۆت يىل جەريانىدا ھاكىمىيەتنى پەردە ئارقىسىدا باشقۇرۇپ كېلىدۇ. شاھىنشاھ ھايات بولۇپ تۇرغان مۇشۇ تۆت يىل جەريانىدا، جىئاچىڭخاننىڭ ئاساسى جەھەتتىن ھېچقانداق رولى بولمىغان، يەنىلا بۇرۇنقى چىئەنلۇڭ-خېشېن ئاساسى ھوقۇقنى تۇتۇپ تۇرغان بولۇپ، جىئاچىڭخاننىڭ ھوقۇقى بىلەن خېشېننىڭ مەنپەئەتى توقۇنۇشۇپ قالىدۇ.
ناۋادا شاھىنشاھ قازا قىلغاندىن كىيىن، پۈتۈن خانىدانلىقتا ھوقۇق ۋە مەنپەئەت تۇرى شەكىللىنىپ كەتكەن تورنى توقۇغۇچى خېشېننى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىسا، جىئاچىڭنىڭ ھوقۇقى ۋە ئىمتىيازىغا بىۋاسىتە تەھدىت چۈشەتتى. چۈنكى جىئاچىڭخان ياش ھەم دۆلەت باشقۇرۇش تەجرىبىسى يوق، بىراق خېشېننىڭ ھوقۇق تەسىر كۈچى ۋە ئىنتايىن زور مال-دۇنياسى بار ئەھۋال ئاستىدا، جىئاچىڭخان مۇرەككەپ ھوقۇق- مەنپەئەت مەسىلىسىنى توغرا بىر تەرەپ قىلمىغاندا، پۈتۈن خانىدانلىق تەۋرىنىش ئىچىدە قېلىشى ھەتتاكى جىئاچىڭخان پادىشاھلىق ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. بۇ ۋاقىتلاردا خېشېننىڭ ھوقۇقى ۋە ئوردىدىكى تەسىرى كۈچى ئاللا بۇرۇن بىر باش ۋەزىردە بولۇشقا تېگىشلىك چەكتىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى.
دەل مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە خېشېن ئەجەللىك خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ، يەنى ئۇ قولىدىكى ھوقۇقىغا، ئوردىدىكى كۈچلۈك تەسىرىگە، توپلىغان مال-دۇنياسىغا ۋە پۈتۈن چىڭ خانىدانلىقىدىكى ئۆزى بىر قوللۇق ئۆستۈرگەن كىشىلەرگە ئىشىنىپ كېتىپ، جائاچىڭخاننىڭ ياش، تەجرىبىسى يوق دەپ قاراپ، ئۇ ھاكىمىيەتنى رەسمىي قولغا ئالسىمۇ مەندىن ئايرىلالمايدۇ. مېنى ھېچنېمە قىلالمايدۇ دەپ ھېسابنىڭ خاتاسىنى سوقىدۇ. ھەمدە، خېشېن چىئەنلۇڭ خان بىلەن بولغان ئالاھىدە مۇناسىۋىتىنى چىقىش قىلىپ، چىئەنلۇڭخان ئۈلۈشتىن بۇرۇن چوقۇم ماڭا"ئۆلۈمدىن كەچۈرۈم قىلىش تاختىسى"بېرىدۇ دەپ پەرزنىڭ خاتاسىنى قىلىدۇ. خېشېن شۇنى ھېس قىلمىدىكى نېمىلا بولمىسۇن، جىئاچىڭ چىئەنلۇڭنىڭ ئوغلى ئەيسېنگىرو جەمەتىنىڭ پۇشتى بولۇپ، چوڭ ھوقۇقنى تۇتقان خېشېنغا ئالاھىدە كەچۈرۈم ھوقۇقىنى بېرىپ كەلگۈسىگە چوڭ ئاپەت قالدۇرۇپ كەتمەيدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. چىئەنلۇڭخان چىڭ خانىدانلىقى جىئاچىڭنىڭ قولىدا ۋەيران بولسا رازىكى، ھەرگىزمۇ خېشېنغا بۇنداق ئىمتىياز بەرمەيتتى. بۇ چىئەنلۇڭنىڭ دانالىقى ھېسابلىنىدۇ.
خېشېن سوققان ھېساب خاتا بولغاچقا جىئاچىڭخان تەختكە چىققاندىن كىيىن، بىر نەچچە رەت خېشېن بىلەن تۇتۇشۇپ خېشېننىڭ تەسىر كۈچى ۋە ھوقۇقىنىڭ ناھايىتىمۇ زورىيىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھوقۇقىغا ۋە ئورنىغا خىرىس دەپ بىلگەنلىكى ئۈچۈن بىرىنچى قىلىدىغان ئىشى خېشېننى يوقىتىش بولدى. جىئاچىڭخان خېشېن بىلەن بىۋاسىتە قارشىلىشىشتىن، يوشۇرۇن ھەرىكەت قىلىشقا قاراپ ئۆتۈپ پۇرسەت كۈتۈپ ياتتى ۋە خېشېننى غەپلەتتە قالدۇردى1799-يىلى 8-ئاينىڭ13-كۈنى89ياشقا كىرگەن، تارىختا ئەڭ ئۇزۇن پادىشاھلىق ئورۇندا ئولتۇرغان چىنئەنلۇڭخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن، جىئاچىڭخان ئۇزۇندىن بۇيان خېشېننى يوقىتىش پىلانىنى تۈزۈپ قويغان بولغاچقا بىرىنچى بولۇپ پەرمان چۈشۈرۈپ، خېشېن چىئەنلۇڭ خاننىڭ ئەڭ سادىق ئەڭ يېقىن ۋەزىرى بولغانلىقى ئۈچۈن چىئەنلۇڭخاننىڭ مېيىتىنى ساقلاپ دۇئا تىلاۋەت قىلىشقا قويۇپ، خېشېننىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلايدۇ ۋە ھەرىكەت قىلىشقا پۇرسەت بەرمەيدۇ. ئەتىسى يەنە پەرمان چۈشۈرۈپ خېشېننىڭ بارلىق ئەمىلىنى ئېلىپ تاشلايدۇ. ئۈچىنچى كۈنى تۈرمىگە قاماپ، ئۆيىنى ئاختۇرۇپ پۈتۈن مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ۋە 20تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا بۇيرۇيدۇ. جىئاچىڭخان 25 يىل ھاكىمىيەت سۈرۈش جەريانىدا، قىلغان ئەڭ چوڭ ئىشى ۋە ئەڭ دانىلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلغان ئىشى خېشېننى ئەپچىللىك بىلەن جازالىغانلىقى ھېسابلانسا كېرەك.
شۇنىڭ بىلەن 49ياشقا كىرگەن، ھوقۇقى ناھايىتى تېز ئۆسۈپ چېكىگە يەتكەن، ھەددى- ھېسابسىز مال-دۇنيا توپلىغان خېشېن، تۇتۇلۇپ 10-كۈنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش جازاسى بېرىپ ھاياتىغا چېكىت ئۇرۇلدى.
جىئاچىڭخان نېمە ئۈچۈن خېشېننلا ئۆلتۈرۈپ قالغانلىرىنى سۈرۈشتە قىلمايدۇ؟ دېگەن سوئال كېلىدىغىنى تەبىئىي.
جىئاچىڭخان تۆت يىل سىمۋوللۇق پادىشاھ بولۇش جەريانىدا شۇنى تونۇپ يېتىدۇكى، خېشېننىڭ چىڭ خانىدانلىقىدىكى تەسىرىنى تازىلاشقا ئۇرۇنسا چىڭ خانىدانلىقىنىڭ ئۇلى مىدىرلايدىغانلىقى، پارا ئېلىش ۋە پارا بېرىش ئارقىلىق تەشكىللەنگەن بۇ ھاكىمىيەت سىستېمىسىنى تۈزەشكە قۇربى يەتمەيدىغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا خىيانەتچىنىڭ بېشى بولغان ئۆزىنىڭ ھوقۇقىغا بىۋاسىتە تەھدىت سالغان خېشېننى يوقىتىش ئارقىلىقلا ھاكىمىيەتنى داۋام ئېتىش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ. خېشېننى جازالاش ئارقىلىق، جاھاننىڭ خوجىسى خېشېن ئەمەس جىئاچىڭخان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قۇيۇش مەقسىتىدە خېشېننىلا جازالاپ قالغىنى سۈرۈشتە قىلمايدۇ.
خېشېننىلا جازالاپ باشقىلارنى جازالىمىغاندا، تۆۋەندىكىدەك ئۈنۈمگە يەتكىلى بولىدۇ.
بىرىنچىدىن، جىئاچىڭخان خېشېن توپلىغان مال-دۇنيانى مۇسادىرە قىلىش يولى بىلەن قۇرۇقدىلىپ قالغان ئوردا خەزىنىسىنى تۇلۇقلىۋالغىلى بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، خېشېن تۇتۇلغاندىن كىيىن خېشېننىلا جازالاپ خېشېن يېتىشتۈرگەن كىشىلەرنى جازالىماي ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئەمىن تاپقۇزۇپ، ئوردا ھاكىمىيىتىنىڭ خېشېن سەۋەبلىك داۋالغۇش بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
خېشېن شۇنچە چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، خېشېن ئائىلە تاۋاباتلىرىنى ئۆلتۈرمەسلىكتىكى مۇھىم سەۋەب، خېشېننىڭ چوڭ ئوغلى فېڭشەن يىڭدې چىئەنلوڭنىڭ 10-مەلىكىسى خېشو مەلىكە بىلەن توي قىلغان بولۇپ، خېشو مەلىكىنىڭ سالاھىيىتى خېشېن ئائىلىسىنى قىرىپ تاشلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ قالغان.
ناۋادا خېشېن جىئاچىڭخان بىلەن تىركەشمەي، ئۆزىنىڭ كۈچىنى بەك چوڭ مۆلچەرلىمەي، جاھاننىڭ خوجىسى ئالمىشىۋاتقان مەزگىلدە، ئۆزىنىڭ ھوقۇقىدىن قەدەممۇ -قەدەم ۋاز كەچكەن بولسا ئامان قېلىشى مۇمكىن ئىدى. بىراق ھەرقانداق ئادەم شۇنداق بىر ئورۇنغا چىققاندىن كىيىن ۋاز كېچەلمەسلىك ئادەم تەبىئىتىدىكى شەخسىيەتچىلىك، ئابرۇيپەرەسلىك بولۇشى مۇمكىن.
گۇمان قىلىنغان يەنە بىر تەرىپى بولسا، جىئاچىڭخان خېشېننىڭ ھوقۇق تەسىرىنىڭ ناھايىتىمۇ كۈچىيىپ كەتكەنلىكى، توپلىغان مال-مۈلكىنى ھەددى- ھېسابسىز ئىكەنلىكىنى دادىسى چىئەنلوڭخانغا مەخپىي مەلۇمات بەرگەندىن كىيىن، خېشېننى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا مەخپىي كېلىشكەن بۇلىشى مۇمكىن. گۇمان قىلىشنىڭ سەۋەبى بولسا، بۇ ئىككىسى ئاتا-بال. ئەيسېنگىرو جەمەتىنىڭ ئەۋلادلىرى.
تۈگىدى.