ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئۇلۇغبېك
قەدىمى شەھەر ئوترار ( Otrar )نىڭ ئاھالىلەر رايونى خارابىسى تۇنجى قېتىم 1969-يىلى توپىدىن قېزىۋېلىنغان. ئوردا، مەسچىت، سەراپ (مۇنچا) ۋە ئوچاقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن قىش قۇرۇلمىلىق خارابىلەر بايقالغان. بۇ ئاھالىلەر رايونىنىڭ تارىخىنى مىلادى 1ئەسىرگىچە ئاپىرىش مۇمكىن. ئىشەنچلىك مەلۇماتلارغا قاراغاندا، بىر مەزگىل بۇ رايون كەڭيۇي (the Kangyui state)
دۆلىتىنىڭ بىر قىسمى بولغان. ئۇ ۋاقىتلاردا تاربان (Tarban) ياكى تۇراباند (Turaband) دەپ ئاتالغان. ئوترار ياكى فاراب (بۇ نام ئەرەب تىلىدىن كەلگەن) تۇنجى بولۇپ 9 -ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، سامانىيلار دۆلىتى (the Samanid state) نىڭ ئىسفىجاپ (Ispijab) شەھىرىگە قاراشلىق ئىدى. ئۇ يەردە بىر سەرراپخانا ( پۇل قۇيۇش زاۋۇتى) بولغان.
پەيلاسوپ ئەبۇ نەسر ئەل فارابى شۇ دەۋرلەردە ئوتراردا ياشاپ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ قىزىقىشى كۆپ ئىلىملارغا، كۆپ دائىرىلەرگە چېتىلغان. ئۇ --پەيلاسوپ، شائىر، مۇزىكانت، تىلشۇناس، ماتېماتىك، تېۋىپ، دېھقانچىلىق ئۇستىسى ۋە ئۆسۈملۈكشۇناس بولۇپ، شاگىرتلىرى تەرىپىدىن،( بىرىنچى ئۇستاز ئارستوتىلدىنلا كېيىن قۇيۇلۇپ) "ئىككىنچى ئۇستاز"دەپ تەرىپلەنگەن.
10-ئەسىردىن 12-ئەسىرگىچە ئوترار 170 گېكتارچە كېلىدىغان زېمىننى ئۆزىگە قوشۇۋالغان بولۇپ ئاساسلىقى راباتلارنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشى، سودا ۋە قول-ھۆنەرۋەنچىلىك مەۋسۈملىرىنى كۆپەيتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ شەھەردە تىك-تۆتبۇلۇڭ شەكىللىك پىششىق قىشتىن قوپۇرۇلغان ئىمارەتلەر ناھايىتى زىچ ئورۇنلاشقان بولۇپ، ئۆي-ئۆيلەرگە تۇتاشقان يۇندا بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى بار بولغان.
قازاقىستان مەكتەپلىرىدىكى ھەر بىر ئوغۇل ۋە قىز ئوقۇغۇچىغا چىڭگىزخان قوشۇنلىرىغا قارشى مەردانە كۈرەش قىلغان (گەرچە مەغلۇبىيەتلىك بولسىمۇ) ئوترار قەھرىمانلىرى دەرس قىلىپ ئۆگىتىلىدۇ.
ئوترارغا ھۇجۇم باشلاشتىن بۇرۇن، يەنى 1218-يىلى چىڭگىزخان بىر ئەلچىلەر ئۆمىكى (كارۋان) نى خارەزمشاھى (khorezm-shah Mohammed) مۇھەممەد ھۇزۇرىغا ئەۋەتكەن بولۇپ ئوترار ھاكىمى ئىنالچىق قاھىرخان (Kair Khan Yinalchuk)
بۇ كارۋان ئىچىدە سودىگەرلەردىن سىپاھلار (جاسۇسلار) كۆپ ئىكەن، دەپ گۇمانلانغاچقا، بۇ ئۆمەك يېتىپ بېرىشى بىلەن بۇلاڭ تالاڭغا ئۇچرىغان ۋە قىرىلغان. ھەممىگە تونۇشلۇق بۇ مەشھۇر ۋاقىئە ئوترارغا ئاپەت ئېلىپ كەلگەن. ئەمەلىيەتتە بۇ موڭغۇللارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىستىلا يۈرگۈزۈشىگە بىر باھانە خالاس.
1219-يىلى كۈزدە، بىر كۈچلۈك موڭغۇل قوشۇنى ئوترارنىڭ شەھەر سېپىلىنى قورشىۋالغان بولۇپ، چىڭگىزخان ( Genghis Khan)
شەھەرنى مۇھاسىرىگە ئېلىشنى ئوغۇللىرى چاغاتاي (Chagatai)
بىلەن ئۇگىداي (Ugedei) غا تاپشۇرغان. قاھىرخاننىڭ 20000كىشىلىك كۈچلۈك قوشۇنى، خارەزمشاھى مۇھەممەدنىڭ 50000كىشىلىك چېگرا قوغدىغۇچى قوشۇنى بولۇپ، كەرەجە ھاجىب (Karaja Khojib) يەنە 10000كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ ياردەمگە كەلگەن. ئەگەر كەرەجە ھاجىب ۋە ئۇنىڭ 10000 ئەسكىرى 5 ئايلىق قورشاۋدىن كېيىن تەسلىم بولۇپ شەھەرنى موڭغۇللارغا تاشلاپ بەرمىگەن بولسا، مۇشۇنداق خىل قوراللانغان زور قوشۇن بىلەن، ئوترار بەلكى يەنىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت قارشىلىق كۆرسەتكەن ۋە تىركەشكەن بۇلار ئىدى.
بىر كېچىسى، كەرەجە ھاجىب شەھەر دەرۋازىسىدىن بىرنى ئېچىۋېتىشى بىلەن، موڭغۇل قوشۇنى شىددەت بىلەن بۈسۈپ كىرگەن. شۇنىڭ بىلەن دەھشەتلىك قىرغىنچىلىق باشلانغان. شۇنداقتىمۇ قاھىرخان ئۆزىنىڭ 20000 كىشىلىك قوشۇنى بىلەن بىر قۇرغانغا بېكىنىۋېلىپ، ئۆزىنى مۇستەھكەملەپ، كەسكىن تىركەشكەچكە، قارشىلىق يەنە بىر ئاي داۋاملاشقان. نەيزە ئوقلىرى قالمىغاندا قاھىرخان لەشكەرلىرى تاشنى قورال قىلىپ، قۇرغان ئۆگزىسىدىن پەسكە تاشلاپ، ئاخىرىغىچە ئېلىشقان. قاھىرخان ئۆزى تىرىك قولغا چۈشكەن.
چىڭگىزخان بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئاق كۈمۈشنى ئېرىتىپ ئۇنىڭ كۆز ۋە قۇلاقلىرىغا قۇيدۇرغان. شەھەر مىسلىسىز ۋەيران قىلىنغان. قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغان شەھەر پۇقرالىرى قۇل قىلىنغان.
ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئوترارغا ئائىت مەدەنىي يادىكارلىقلار ئاساسلىقى كۇتۇپخانىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، تەخمىنەن 33000 خىل بۇيۇم ساقلانغان. ئۇنىڭدىن باشقا فارابىي يازمىلىرى، بابىلۇننىڭ لاي تاختا پۈتۈكلىرى ۋە مىسىرنىڭ پاپرۇس قەغەزلىرىدە پۈتۈلگەن ھۆججەت، خاتىرىلەر بار بولۇپ، ئۆز نۆۋىتىدە ئالېكساندىرىيە ۋە كارتىج كۇتۇپخانىلىرى بىلەن تەڭلىشەلەيتتى. گەرچە بۇ شەھەرنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىغا ئائىت تەپسىلىي تەسۋىرلەنگەن خاتىرىلەر قالغان بولسىمۇ، ئەپسۇسكى كۇتۇپخانىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ھېچنېمە قالدۇرۇلمىغان. بىر رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە كۇتۇپخانا قوغدىلىپ قالغانمىش، يەنى كۇتۇپخانا ئىچىدىكى بۇيۇملار شەھەر ئاستىدىكى تونىللار ئارقىلىق باشقا ياغقا يۆتكەپ كېتىلگەنمىش. يەنە بىر رىۋايەتتە دېيىلىشىچە، بۇ بۇيۇملار شەھەر ئىچكىرىسىدىكى كوچىلارغا جايلاشقان مەخپىي سارايلارغا يوشۇرۇپ قويۇلغانمىش. لېكىن بۇنىڭ راست-يالغانلىقى تېخى ئىسپاتلانغىنى يوق. چىڭگىزخان ئۆلگەندىن
كېيىن، ئوترار ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان ھەم بارا-بارا راۋاجلىنىپ، مۇھىم سىياسىي ھەم ئىقتىسادىي شەھەرگە ئايلانغان. سودا تەرەققىي تاپقان، ئاقچا-يامبۇلار قۇيۇلغان، نۇرغۇن تەسىرى كۈچى زور بولغان ئىمارەتلەر، يەنى خانىقا ۋە مەدرىسىلەر ئارقا-ئارقىدىن قەد كۆتۈرگەن.
14-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىغا كەلگەندە، ئوترار تېمۇرىيلەر (تېمۇرلەڭ) سۇلالىسىنىڭ دائىرىسىگە قېتىلغان. تېمۇرلەڭ ئۆز قوشۇنىغا قايتىش يولىدا ئوتراردىكى ئوردىسىدا تۇرغان مەزگىللەردە قاتتىق زۇكام تېگىپ، 1405-يىلى 2-ئايدا ئۆلۈپ كەتكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، تېمۇر ئەھمەد يەسسەۋىي (Ahmed Yasavi) نىڭ ئۇستازى ئەريستان باب (Arystan Bab) نىڭ ئوتراردىكى قەبرىسى ئۈستىگە كاتتا بىر مازار سالدۇرماقچى بولغانمىش.15-ئەسىردىن 17-ئەسىرگىچە، ئوترار دەسلەپتە چارۋىچى ئۆزبېك گۇرۇھى ئۇبۇلخەيرىخاننىڭ كونتروللىقىدا بولغان. كېيىن يېڭىدىن كۈچىيىۋاتقان قازاق خانلىقىنىڭ قولىغا ئۆتكەن.
17-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، جۇڭغارلار قازاق خانلىقى زېمىنلىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، بۇلاڭ -تالاڭ قىلىشقا باشلىغان. سايرام، تۈركىستان ۋە باشقا شەھەرلەر ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىنغان.
بۇلارغا يەنە ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىچكى ماجىرالار قوشۇلۇپ، ئىلگىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان سىر دەريا بويلىرىدىكى شەھەرلەرنىڭ ئىقتىسادى زور دەرىجىدە چېكىنگەن ۋە زاۋاللىققا قاراپ ماڭغان.19-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئوترار تاشلاندۇق خارابىلىككە ئايلانغان.
ئەسكەرتىش: مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر ئورخۇندىكى باشقا يازمىلاردا كۆرسىتىلگەن بولغاچقا، بۇ يەرگە قايتا كۆچۈرۈلمىدى.
ئىنگلىزچە ئەسلىي نۇسخىسى:
THE HISTORY OF ANCIENT OTRAR
Text by Vitaliy Shuptar
The ancient settlement at Otrar was first excavated in 1969. Remains were found of a number of brick structures, including a palace, mosques, a bath-house and ovens.
The settlement dates back to the first century AD. It is believed that for a while it formed part of the Kangyui state, when it was called Tarban, or Turaband. First mention of Otrar or Farab (the latter name etymologically Arabic) occurs at the beginning of the ninth century, when the settlement belonged to the town of Ispijab and the Samanid state. There was a mint there.
One of the residents of Otrar at that time was the philosopher Abu Nasr al Farabi. A man of encyclopaedic breadth of interest - he was a philosopher, poet, composer, linguist, mathematician, doctor, agronomist and botanist - he was referred to by his students as ’the second teacher’ - meaning second only to Aristotle.
From the tenth to the twelfth centuries Otrar occupied an area of something like 170 hectares, its growth owing much to the expansion of the rabad, the trading and craft quarter. The town was quite densely built up with rectangular blocks of houses. There was a functioning sewage system which served every house.
Every Kazakhstani schoolboy and schoolgirl is taught about the heroic but ultimately unsuccessful defence of Otrar against Genghis Khan’s forces. Before the attack on the town, a caravan sent there by Genghis Khan in 1218 to the court of the khorezm-shah Mohammed had been plundered and then annihilated on arrival, apparently because the governor, Kair Khan Yinalchuk, suspected that among the people travelling with the caravan there were too many spies and not enough traders. This well-known incident has come to be known as the Otrar catastrophe; it was the pretext by which the Mongols began their conquest of Central Asia.
By the autumn of 1219 a powerful Mongol army was at the walls of the town. Genghis Khan entrusted the siege to his sons Chagatai and Ugedei.
Kair Khan’s army was 20,000 strong; in addition, khorezm-shah Mohammad sent him 50,000 border troops, and Karaja Khojib was also sent to help, bringing a further 10,000. With these reinforcements and a good quantity of supplies and arms, Otrar was able to hold out for a long time - and would have held rather longer had Karaja Khojib and his 10,000 men not abandoned the town five months into the seige and surrendered to the Mongols. At night, Karaja Khojib opened one of the town gates, the Mongols rushed in, and a terrible slaughter began. Resistance nevertheless continued for a further month, Kair Khan having managed to fortify his position in the citadel with 20,000 troops. Kair Khan fought to the end from the roof of the citadel, using stones as weapons when there were no more arrows; but he was taken alive. Genghis Khan ordered that molten silver be poured into his eyes and ears. The town suffered tremendous destruction; of the inhabitants that survived the town’s seige and fall, those not massacred were enslaved.
A principal focus of interest in medieval Otrar is the library, which housed a collection of some 33,000 items, including, in addition to texts by al Farabi, Babylonian clay tablets and Egyptian papyrus scrolls - sufficient to rival the libraries of Alexandria and Carthage. Although the destruction of Otrar has been well described, there is almost nothing on the fate of the library. Legend says it was saved - that, according to one version, its contents
were evacuated from the town through a tunnel; another that the collection was hidden in the labyrinth of passages inside the town. Neither of these stories has been confirmed.
After the death of Genghis Khan Otrar was slowly restored and eventually became an important political and economic town. Trade grew; coins were minted; a number of impressive buildings including a madrasah and a khanaka were erected.
In the second half of the fourteenth century Otrar became a part of Timur’s, or Temirlan’s, state. While staying there in a palace of his in February 1405 on his way to his army, he died after falling ill with a cold. Timur is said, in legend, to have given orders for a mausoleum to be built in Otrar over the grave of Ahmed Yasavi’s teacher Arystan Bab.
From the fifteenth to the seventeenth centuries Otrar came first under the control of the Abulkhair khanate, a nomadic Uzbek power, and then passed to the young Kazakh khanate.
In the mid-seventeenth century Jungar tribes began their plundering raids on Kazakhstan, destroying Sairam, Tur-kestan and other towns. All this, combined with continuous internal strife, gradually led to economic decline and the downfall of the Syr-Darya towns that had earlier been so prosperous. By the early nine-teenth century Ostrar was deserted, a ruin