Erdewil
ئورخۇن نازارەتچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-23
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلار( كۆچۈرۈلمە)

ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلار( كۆچۈرۈلمە)
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە خېلى كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار ياشايدۇ. گەرچە، ئوتتۇرا ئاسىيا ھۆكۈمەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھەققىدە تۈرلۈك كېمەيتىلگەن رەسمىي مەلۇماتلارنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇلارنى قوبۇل قىلغىنى يوق.

ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ھەر تۈرلۈك بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە پەقەت قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدىلا ئۇيغۇرلار رەسمىي بىر مىللىي مەدەنىيەت توپلۇقى سۈپىتىدە ئۆز باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى، تىياتىر سەنئىتى، نەشىرىيات-ئاخباراتچىلىق ئەنئەنىسى ھەم باشقىلارنى ساقلىغان ۋە راۋاجلاندۇرغان ھالدا مەۋجۇد بولۇپ تۇرماقتا. ئۇنىڭدىن قالسا قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى خېلى ياخشى ساقلىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ جۇمھۇرىيەتتە ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەر بولماسلىقى تۈپەيلىدىن مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ تەربىيىسىنى رۇس تىلىدا، قىسمەنلىرى قىرغىز تىلىدا ئېلىشقا مەجبۇر بولغان.

تۈركمەنىستان بىلەن تاجىكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى باشقىچە بولۇپ، بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتتىكى ئۇيغۇرلار سان جەھەتتىن ئەڭ ئاز ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى قانداق؟ ئۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق مەسىلىلىرى مەۋجۇد؟

بۇ سوئاللارغا تاشكەنتلىك ئانالىزچى ئەزىز كامىلوپنىڭ "uazis" ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان "ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى مەۋجۇدمۇ ؟" ماۋزۇلۇق ماقالىسى جاۋاب بېرىدۇ.

ئەزىز كامىلوپ ئالدى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا دۆلەت چېگرىلىرى شەكىللەنگەندىن كېيىن، ئۆزلىرى جايلاشقان دۆلەت تەۋەلىكى بويىچە بىر-بىرىدىن پەرقلىق تەرەپلەرنىڭ شەكىللىنىشكە باشلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئۆزبېكىستاندا زادى قانچىلىك ئۇيغۇر بار؟

ئەزىز كامىلوپنىڭ پىكىرلىرىگە تايانغاندا، ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى مەسىلىسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن ئېتىبارەن مۇرەككەپ مەسىلە بولۇپ، ئەزەلدىنلا ھۆكۈمەت ئېنىق سانلىق مەلۇمات بەرمىگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى 19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا قەشقەر بىلەن تۇتىشىدىغان پەرغانە ۋادىسىغا كېلىپ يەرلەشكەن بولۇپ، 30-يىللاردا ئەنجاندا ئۇيغۇر تىياتىرى بولغان، تاشكەنتتە قەرەللىك ژۇرناللار، كۆپ مىقداردا كىتابلار ۋە دەرسلىك ماتېرىياللىرى نەشىر قىلىنغان ھەمدە ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن مەكتەپلەر تەسىس قىلىنغان، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى مۇتەخەسسىسلىرىنى تەربىيىلىگەن.

ئاپتورنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 –يىللىرىدا ئۆزبېكىستاندا 500 مىڭ ئۇيغۇر ياشىغان بولۇپ، ئۆزبېكىستان دەسلەپتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى بولغان بولسا، كېيىنچە بۇ مەركەز ئالمۇتىغا كۆچۈرۈلگەن. بىراق، سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدا ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلار 1959-يىلى ئاران 19 مىڭ دەپ ئېلان قىلىنغان بولسا، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى يېقىنقى ۋاقىتلاردا بۇ جۇمھۇرىيەتتە 35 مىڭ ئۇيغۇر بارلىقىدىن مەلۇمات بەردى.

شۇنچىۋالا كۆپ ئۇيغۇر نەگە كەتتى؟

ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىش تەس. بىراق، قازاق ئالىمى چوقان ۋەلىخانوپ، 19-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا پەرغانە ۋادىسىدا 300 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر (قەشقەرىيىلىك) بارلىقىدىن مەلۇمات بەرگەن بولسا، بۇ ساننىڭ داۋاملىق كۆپىيىشى تەبىئىي، ئۇيغۇر سىياسىيونى ئابدۇللا روزىباقىيېۋ 20-ئەسرىنىڭ 20-يىللىرىدا تۈركىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە 700 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر بارلىقىدىن مەلۇمات بەرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆزبېكىستاندا ئىدى. ئۇنداقتا شۇنچىۋالا كۆپ ئۇيغۇر بۈگۈنكى كۈندە نەگە كەتتى؟

ئۆزبېكىستان مۇتەخەسسىسى ئەزىز كامىلوپ بۇنى ئىككى سەۋەبتىن چۈشەندۈرىدۇ. بىرىنچى سەۋەب ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبېكلەرگە ئۆزلىكىدىن ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبېكلەرنىڭ مەدەنىيەت، تىل جەھەتتىكى ئالاھىدە يېقىنلىقى مۇھىم رول ئوينىغان. ئىككىنچىدىن بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئاھالىلەرنى بىرلەشتۈرۈش سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەسىلەن، ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقىلارنىڭ كۆپلىگەن ۋەكىللىرى مەجبۇرى تۈردە ئۆزبېك دەپ يېزىلىپ كەتكەن.

ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى نېمە قىلىدۇ؟

ئەزىز كامىلوپنىڭ يېزىشىچە، ئۆزبېكىستاندا ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا، بۇ جەمئىيەت ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىك خەلقئارالىق مەدەنىيەت مەركىزى دەپ ئاتالغان ئورگانغا تەۋە بولۇپ، مەزكۇر ئورگاننىڭ تەۋەلىكىدە باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرىمۇ ئىش ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ئورگاننىڭ رازىلىقى بىلەن ئۇيغۇرلار پەقەت مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىلا ئېلىپ بارالايدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى تاشكەنت، ئەنجان شەھەرلىرىدە ئۆز تارماقلىرىنى قۇرغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇيغۇر سەنئەت پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇش، ئۇيغۇر تىلى سىنىپلىرى ئېچىپ، بالىلارغا ئۆز ئانا تىلى ئۆگىتىش، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئەدىبلىرى ۋە سەنئەتكارلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ھەم باشقىلاردىن ئىبارەت.

ئۇيغۇرلار قانداق تەقدىرگە دۇچ كەلمەكتە؟

ئاپتور ئەزىز كامىلوپ ئۆز ماقالىسىدە كەسكىن ھالدا "نۆۋەتتىكى مەزگىلدە ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ جىددىي مەسىلە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىشتىن ئىبارەت، ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبېكلەر ئارىسىدا تىل، مەدەنىيەت ئالاقىلىرى، ئومۇمەن ئورتاق تارىخىي مەنبەداشلىق مۇناسىۋىتى بار، 35 مىڭ نوپۇسلۇق بۇ خەلقنىڭ 25 مىليونلۇق خەلق ئىچىدە ئۆز تىلى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە باشقىلىرىنى ساقلاپ قېلىشى تولىمۇ مۇرەككەپ" دەپ يېزىش بىلەن ئۆزبېكىستاندىكى بۇ خىل مۇرەككەپ ۋەزىيەت تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ بەلكى، يەنە 20-30 يىللار ئىچىدە مەۋجۇد بولماي قېلىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىدۇ.
شەبنەم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلدى.
http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-4715-fpage--toread--page-1.html
1som
مەن ئۇيغۇر مەڭگۈ سۆيىمەن ئۇيغۇرنى!
Posted: 2007-11-24 21:43 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » دۇنيادىكى ئۇيغۇرشۇناسلار ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىق

Total 0.060169(s) query 3, Time now is:02-15 08:10, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation