مەن ئۇنداق قارىمايمەن، گازىبەگ قارىنداشىم!
بىز ئۇيغۇرلار چىچالمىساقمۇ باشقىلاردىن كۆرۈپ ئۆگىنىپ قالغان، بەزەنلەر غوجىنىياز ھاجىنىڭ مەغلۇبىيەتلىرىنى تۇڭگانلاردىن كۆرىدۇ. لېكىن، ئاخىرقى نەتىجىدە، غوجىنىياز ھاجى شىنجاڭغا مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ پايدا ئالغان بولدى، ماجۇڭيىڭ شۇنچە تالانتى ۋە ئىگىلمەس- سۇنماس جاسارىتى بىلەن يىراق ئەللەرگە سەرگەردان بولدى. ئاخىرى كىم نەپكە ئېرىشتى، كىم زىيان تارتتى؟ ھەقىقىي مەرد كىشىلەرلا كۆزى كىچىكلىك قىلماي، كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىراۋنىڭ ھەقىقىي تالانتىغا توغرا باھا بېرەلەيدۇ. ناۋادا، ماجۇڭيىڭ ئۇيغۇر بولغان بولسا، سىز ھەرگىزمۇ "رەزىل نىيىتى" دېگەندەك گەپلەرنى دېمەي، ئەكسىچە ئۇنى بىرەر قۇر مەدىھيلىگەن بولاتتىڭىز. ئۇنداق ئەمەسمۇ يە؟
ناۋادا، ماجۇڭيىڭ غوجىنىياز ھاجىنى "ئاتا" دېمىگەن تەغدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئاشۇ ئىسلام ئىمپىرىيىسى قۇرۇشتەك "رەزىل" نىيىتى يەنىلا بولىۋېرەتتى. ئۇ نىيەتنىڭ بولۇش -بولماسلىقى"ئاتا" دېيىش بىلەن ھېچقانداق بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق. غوجىنىياز ھاجىدەك، ئۇرۇش تاكتىكىسىدا كامالەتكە يەتكەن، ئۆزى ئاقكۆڭۈل، سەمىمىي، كەمتەر ۋە دىندارلىقى كۈچلۈك ئادەملەر ئەلۋەتتە ماجۇڭيىڭدە جاسارەتلىك يىگىتلەرنىڭ قەلەبىنى قايىل قىلالايدۇ. ئاساسلىقى، ماجۇڭيىڭنىڭ "ئاتا" دېيىشى، ئۇنىڭ غوجىنىيازغا بولغان ھۆرمىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، 5 ۋاق نامازنى تەرك ئەتمەيدىغان، ئىسلام دىنىغا چىن سادىق، جاسارەتلىك بىر يىگىتنىڭ خالىغان بىرسىنى "ئاتا" دېيىشى سەل مۇمكىن بولمىغان بىر ئىش. ئۇ چوقۇم چىن دىلىدىن دېدى. چىن دىلىدىن بولمىغان تەغدىردىمۇ، ھەرگىز يالغان دېمىدى.
"ئويغانغان زېمىن" رومانىدا، يولۋاس ماجۇڭيىڭنى ئۆيلەپ قويۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەندە، ماجۇڭيىڭنىڭ "مۇشۇ ساقىلىڭىز بولمىغان بولسا، يۈزىڭىزگە تۈكۈرۈپ قوياتتىم، مەن ئۆزەمنىڭ مۇقەددەس ئىشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرماي تۇرۇپ، توي قىلىشقا ئالدىرىمايمەن" دېگەنلىرى ھېلىمۇ يادىمدا. ئاشۇنداق بىر ئادەمنىڭ يات بىرەيلەننى ئاغىزنىڭ ئۇچىدىلا "ئاتا" دېيىشى مۇمكىنچىلىككە يېقىنمۇ؟
مەسىلىنى ئۇيغۇرلار تەرىپىدە تۇرىۋېلىپ، ھېسىيات بىلەنلا ئويلاشماي، بىتەرەپ ھالەتتە تۇرۇپمۇ ئويلاپ بېقىش كېرەك!
[ بۇ يازما koktash تەرىپىدىن 2008-10-20 13:29 دە قاي ]