تۆۋەندىكى يازمىدىكى Quote:
كەشمىردىكى قەشقەرلىكلەر قاندا پەيدا بۇلۇپ قالغان، قاچانلاردا قەشقەرلىك دەپ ئاتىلىپ قالغان بۇنى بىزنىڭ تارىخچىلىرىمىز بىر تورنى ئىزدەپ بېقىپ ئىشەنچلىك ماتىرىياللار بىلەن تەمىن ئەتسە دېگەن ئۈمىتتىمەن.
قۇرلار بۇ ماقالىنى http://www.uighurbiz.cn/forum/viewthread.php?tid=68&extra=page%3D1 دىن ئەكىلىشكە ھەيدەكچى بولدى، ئىشىنىمەنكى ئورخۇندا بۇ مەسىلىگە توغرا يېشىم چىقىرالايدىغانلار تېپىلىدۇ.
ئامېرىكا يۇقىرى ۋە تۆۋەن ۋەكىللەر كىڭىشى 700 مىليارد ئامرىكا دوللىرىلىق بازار قۇتقۇزۇش پىلانى [باىلوۇت پلان] نى تەستىقلىغاندىن كىيىن ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى خەنك پالسون [ترەاسۇري سەچرەتاري ھانك پاۇلسون] بۇ 700 مىليارد دوللارلىق پۇلغا ئىگە بولۇپ باشقۇرىدىغان بىر دىرىكتور تەيىنلىدى. مۇشۇنداق بىر پەيتتە بۇ ئىنتايىن بىر مۇھىم ئورۇن بولۇپ 700 مىليارد دوللارلىق پۇلنىڭ ئەمەلى ئىشلىتىلىش جەريانىغا بۇندىن كىيىن مۇشۇ ئادەم رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، ئامرىكا ئىقتىسادىنىڭ قۇتقۇزۇش پىلانىنى بىۋاسىتە مۇشۇ ئادەم قول تۇتۇپ ئىشلەيدۇ. نەچچە سوقۇشۇپ يۈرۈپ، كىچە كىچە خىزمەت ئىشلەپ يۈرۈپ، ئەسلى ئۈچ بەت يوللانغان پىلاننى 400 بەتكە يەتكۈزۈپ ئاران ئۆتكۈزگەن بۇ پۇلنى كىمنىڭ باشقۇرۇشى ئەلۋەتتە مېدىيا ۋە خەۋەرلەرنىڭ قىزىق نۇقتىسى. بىزلەرغۇ ئادەتتە بۇ ئورۇنغا كىم چىقسا ھە شۇ بۇلىدىكەن دەپ بەك ئىنچىكىلەپ سۈرۈشتۈرۈپمۇ كەتمەيمىز . لېكىن بۇ يىڭى تەيىنلەنگەن ئاداش ( ئۆزى ياشلا گۇيكەن، شۇڭا ئاداش دەۋىرەيلى) نىڭ ئىسمى نەەل كاشكارى ئىكەن.ياخشىراق ئوقۇڭ. بۇ 700 مىليارد پۇلنىڭ غەزىنە باشقۇرغۇچىسنىڭ ئىسمى نىل قەشقىرى، يەنى يەنى مەھمۇت قەشقىرى دېگەنگە ئوخشاش قەشقەرى دېگەن بىر تەگئاتى باركەن.
تۇنجى قېتىم ئامېرىكا تېلىۋىزورلىرىدا ۋە چوڭ گىزىتنىڭ باش بېتىدە قەشقەرى دەپ بىر ئىسمنى ئاڭلاپ كۈزۈم كاماردەك ئېچىلىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتى. ئاپتوماتىك ھالدا بۇ ئۇيغۇر دەپ ئويلىدىم. لېكىن كەينىدىنلا يەنە بۇ مۇمكىن ئەمەس ئەپ ئويلىدىم. بۇ مۇمكىن ئەمەس دېگەنلىكىم ئۇيغۇرلار بۇندىن ئورۇنغا چىقسا بولمايدۇ ياكى چىقالمايدۇ دىگەنلىكىم ئەمەس بەلكى ئامېرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى تەرەققى قىلىپ تېخى ئامېرىكا مالىيەسىنىڭ بۇنداق مۇھىم ئۇرۇندا ھۇقۇق تۇتالىغۇدەك دەرىجىگە بارمىدى ھەم ئۇندا ئادەم بولغان بولسا بۇرۇنلا خېلى داڭقى چىقىپ پاراڭلىرىنى ئاڭلىغان بۇلاتتۇق.
شۇنىڭ بىلەن دەرھال گۇگۇللاشقا كىرىشتىم. ئىسمىنى كىرگۈزۈپ بولغۇچە «نىيۇيورك ۋاقتى»، «ۋاشىڭتون پوچتىسى» دېگەندەك گېزىتلەرنى تىزىۋەتتى. خۇددى ماڭا ئوخشاشلا تۇيۇقسىز چوڭ ھوقۇققا ئىگە بولۇپ قالغان بۇ ئادەمنى كىم بولىدۇ سۈرۈشتۈرگەنلەر جىقكەن. تەرجىمھالىنى جىق يېزىپ قويۇپتۇ، لېكىن ئۇلار ئەلۋەتتە قەشقەرى دېگەن ئىسىم بىلەن كارى بولمايدۇ.
ئىزدەپ بېقىشىمدا بۇ قەشقەرىلەر ئاىلىسى كەشمىرنىڭ ھىندىستانغا قاراشلىق رايونىدىن كەن. نىلنىڭ ئاتا ئانىسى كەشمىردىن ئامرىكىغا كۈچمەن بولۇپ كىلىپ 73-يىلى نىلنى ئامېرىكىدا تۇغقانكەن. نىل ئامرىكىدا تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ چوڭ بۇلۇپتۇ. ياتاقدىشىمدىن سوراپ باقسام نىل دېگەن ھىندىستاندىكى كۆپ قوللىنىلىدىغان ئىسملارنىڭ بىرسىكەن. يەنى ھىندۇلار كۆپ قوللنىدىكەن. ئاندىن قەشقەرى دىگەن تەگئات كەشمىرنىڭ بىر رايونىدا ناھايتى كەڭ قوللىنىلغان تەگئات ئىكەن. شۇ رايوندىكىلەر ئۆزىنى قەشقەرىلەر دەپ ئاتايدىكەن. يەنە ئىزدەپ باقسام ئامېرىكىدا قەشقەرى، كاشكارى ياكى قەشقەرىيان، كاشكارىان تەگئاتىدىكىلەردىن ئانچە مۇنچە باركەن. ئەنگىلىيەدە سەل جىقراقكەن. ئاندىن پاكىستان ۋە ھىندىستانلاردىمۇ ئازراق باركەن. لېكىن بۇ «قەشقەرلىكلەر» ھەممىسى كەشمىردىكى قەشقەرلىقلەر مەھەللىسىدىن چىققان قەشقەرلىكلەركەن. كۈڭلۈم يېرىم بولغىنى شۇكى توردا قەشقەرى دىگەن بۇ ئىسىمنى باشقىلار مۇلاھىزە قىلىشقىنىدا بىزنىڭ قەشقەر توغرىلىق ھىچكىم بىلمەيدىكەن. ھەممىسى بۇلارنىڭ تېگىنى كەشمىردىن كەلگەن قەشقەرلىقلەر دەپتۇ. ئەمدى بۇ كەشمىردىكى قەشقەرلىكلەر قاندا پەيدا بۇلۇپ قالغان، قاچانلاردا قەشقەرلىك دەپ ئاتىلىپ قالغان بۇنى بىزنىڭ تارىخچىلىرىمىز بىر تورنى ئىزدەپ بېقىپ ئىشەنچلىك ماتىرىياللار بىلەن تەمىن ئەتسە دېگەن ئۈمىتتىمەن. ماڭىغۇ قەشقەرى دېگەن ئىسىمنى ئاڭلاپلا قەشقەردىن بىللە چىققان ئۇيغۇردەكلا بىلىنىپ كەتتى. لېكىن نىل توغرىلىق ماتىرىياللار تالاش تارتىشلاردا بىرەر قېتىممۇ بىرەرسى شىنجاڭ، ئۇيغۇر قەشقەر توغرىلىق گەپ سۈزلەر بولۇنمىغان. يەنى ھىچكىم بىلمەيدۇ. نىلمۇ ئۆزىنىڭ قەشقەرى دېگەن ئىسمىنىڭ بىزنىڭ قەشقەر بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىغىنى بىلەمدۇ بىلمەمدۇ بۇنى ئۇقمىدىم.
ئۇندىن باشقا ئامېرىكىدا يەنە چەنك ئۇيغۇر [ چەنك ئۇيگۇر] دەپ ئۇيغۇر ئاتىلىق يەنە بىر داڭلىق گۇي بار.تېلىۋىزوردا پات پات چىقىدۇ، ئۇ پروگرامما رىياسەتچىسى، كومىدىيەلىك چاخچاقلىرى جىق، ئاندىن يەنە كىلىپ سىياسى پىكىرچى [پولىتىچال چوممەنتاتور]، ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى تۈ ركىيەدىن كەلگەنكەن. ئۇنى ئادەتتە ئۇيغۇر ئەپەندى [ مر. ئۇيگۇر ] دەپ چاقىرىدۇ. مېنىڭچە ئۇنىڭ ئاتا-بۇۋىلىرى بىز تەرەپلەردىن كۆچۈپ بارغانلار بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئۇمۇ بەلكىم ئامېرىكىنىڭ ئاساسى ئېقىمدىكى يۇقىرى قاتلاملاردا ياشايدۇ. ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىدە بولۇپ باققاننى ياكى ئۇيغۇر سۆزىنى بىرەر قېتىم تىلغا ئېلىپ باققىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. ئەلۋەتتە بىز ئۇلارغا تىلغا ئالساڭ دېمەيمىز.
ئىشقلىپ ئامرىكىنىڭ ئاساسلىق ئېقىملىرىدا ئۇيغۇر، قەشقەرى دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلىساق ياكى كۆرسەك بىر خىل يېقىنچىلىق تۇيغۇسى برىدىكەن.
http://jeck.blogbus.com/logs/30273025.htmlناۋادا بۇ تېما ئىلگىرى يوللىنىپ بولۇنغان بولسا ئۆچۈرلىۋەتكەي.
[ بۇ يازما Bidar-Qutlan تەرىپىدىن 2008-10-20 04:14 د ]