Quote:
12 - قەۋەتتىكى kokjal 2008-10-24 12:13 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش :
سەلىم:
قازاق دەگەن اتاۋدى سىزدەر وسىغان قاراپ قاچاق دەپ تۇسىنىپ كەلدىڭىزدەر، سوغان بولا ايتىپ وتىرمىن.
قاچاق دېگەن گەپنى قازاقچىدە قاشاق دەيدىكەندە . ئۇيغۇرچىدە قاشاق دېگەننىڭ باشقا مەنىسى بار .
ئەينى ۋاقىتنىڭ ئادىتىدە ئۆي ئوتاقسىز سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن ئاەملەرگە قازاق دەپ لەقەم قوياتتىكەن . بابۇرنامەدىمۇ قازاقلىقتا يۈرگەن كۈنلەر دېگەن گەپلەر بار .
جانىبېكخان بىلەن كىرەيخان ئىككىسى بىر مەزگىل ئەل جامائەتتىن ئايرىلىپ ئۆي ئوتاقسىز يۈرگەچكە ئۇلارغىمۇ قازاق دەپ لەقەم سىڭىپ قاپتۇ .
شۇ زاماننىڭ ئادىتىدە پادىشالىقنىڭ ئىسمى پادىشانىڭ ئىسمىدىن كېلىدۇ . مەسىلەن چىغاتاي خانلىقى ، جۇجى ئۇلۇسى ، ئۆزبېك خانلىقى دېگەندەك .
جانىبېكخان بىلەن كىرەيخان كېيىن موغۇلىستانغا كېلىپ خانلىق قۇرغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ لەقىمى خانلىقنىڭ نامى بولۇپ قاپتۇ( ئەگەر ئۇلارنىڭ لەقىمى ئۇنداق بولمىغان بولسا بۇ خانلىقنىڭ نامى باشقىچە ئاتىلىشى مۇقەررەر ) . بۇ دېگەنلىك بۇ خانلىقنىڭ ئاھالىسى قېچىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن قازاق دەپ ئاتىلىپ قالغان دېگەن مەنە چىقمايدۇ . يايلاقتا كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلىدىغان مىللەتلەر ياشاش جەريانىدا ئۇ ياقتىن بۇ ياققا كۆچىدىغان ئىش تولا . بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسى قازاق دەپ ئاتىلىپ كەتمىگەن . دېمەك شۇ زاماننىڭ ئادىتىدە ئۆي ئوتاقلىرى بىلەن كۆچكەنلەرنى قاچسىمۇ ھېچنېمە دەپ ئاتىمايدىكەن ، ئۆي ئوتاقسىز قالغانلارنى قازاق دەپ ئاتايدىكەن . بۇ مېنىڭ بابۇرنامە بىلەن تارىخى رەشىدىنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىم .
بابۇرنامە بىلەن تارىخى رەشىدىدىكى يازمىلارغا قارىغاندا قازاق دېگەن گەپ شۇ چاغدا بارلىققا كەلمىگەن ، بەلكى ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بار قەدىمىي سۆز دېگەن گەپ .
سەن مۇشۇ يازمىنى سەل خاتا چۈشىنىۋالغاندەك قىلىسەن .