Erdewil
ئورخۇن نازارەتچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-23
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 مىرسۇلتان ئوسمانوف

        مىرسۇلتان ئوسمانوف 1929-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى قازاقىستاننىڭ ياركەنت شەھىرىگە قاراشلىق ئاقكەنت يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1932-يىلى ئاتان-ئانىسى بىلەن غۇلجا ناھىيىسىگە كۆچۈپ كەلگەن. 1935-يىلدىن 1940-يىلغىچە غۇلجا شەھەر «ئايدىڭ» باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1943-يىلى غۇلجا گىمنازىيىسىنى پۈتتۈرگەن. 1945-يىلىدىن 1951-يىلىغىچە ئىلى گېزىتخانىسىدا ھەرپ تىزغۇچى ۋە كوررېكتور بولۇپ ئىشلىگەن.

1951-يىلىدىن 1957-يىلىغىچە سابىق مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان، بىر يىلدىن كېيىن شۇ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا تەيىنلىنىپ، تىل فاكۇلتېتىدىكى ئىككى قارار خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس بەرگەن.
مىرسۇلتان ئوسمانوف 1957-يىلى شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ، 1965-يىلىغىچە سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيەت فاكۇلتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە ئومۇمىي تىلشۇناسلىق دەرسلىرىنى ئۆتكەن.
1965-يىلىدىن 1978-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ تەتقىقات بۆلۈمىدە ئۇيغۇر تىل-يېزىقى تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ ئوقۇتقۇچىلىق، تەتقىقات خىزمىتىنى ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىلگىرى-كېيىن لوپنۇر، قەشقەر، خوتەن، يەكەن، قاغىلىق، مارالبېشى، مەكىت، كەلپىن، ئاقسۇ، كۇچا، تۇرپان، قۇمۇل، پىچان قاتارلىق جايلاردا ئۇيغۇر تىلى بويىچە، ئۈرۈمچىنىڭ نەنسەن رايونى، ئالتاي، كۈنەس يايلاقلىرىدا قازاق تىلى بويىچە تىل تەكشۈرۈشلىرىدە بولغان.
مىرسۇلتان ئەپەندى «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە خەنزۇ تىلىدىكى تەرجىمىسىنى ئىشلەش مۇناسىۋىتى بىلەن 1979-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە يۆتكىلىپ، «دىۋان»نىڭ 1-، 2-توملىرىنىڭ مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىگەن.
1980-يىلى «دىۋان»نىڭ 3-تومىنى تەھرىرلەش جەريانىدا، تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتىئى بىلەن قەشقەرگە تەكشۈرۈشكە بېرىپ، مەھمۇت قەشقەرىينىڭ قەبرىگاھىغا مۇناسىۋەتلىك كاتتا ئەسەر «مەسنەۋىي شېرىپ»نى بايقىغان. شۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتىئى بىلەن بىرلىكتە «مەھمۇت قەشقەرىينىڭ يۇرتى، ھاياتى ۋە مازىرى توغرىسىدا» دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلغان. بۇ ماقالە دەسلەپتە «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 1984-يىللىق 3-سانىدا، كېيىن ئەينى يىللاردا باكۇ شەھىرىدە رۇس تىلىدا نەشر قىلىنىدىغان «سوۋېت تۈركولوگىيىسى» ژۇرنىلىنىڭ 1987-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان. ئالمۇتادا قەرەلسىز نەشر قىلىنىدىغان «ئۇيغۇر تىلى بويىچە تەكشۈرۈشلەر» ناملىق مەجمۇئەمۇ بۇ ماقالىنى كۆچۈرۈپ بېسىپ تەھرىر ئىلاۋىسى قوشۇپ ئەسەرنىڭ ئىلمىي قىممىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
مىرسۇلتان ئوسمانوف يەنە «مەملىكىتىمىزنىڭ 11-ئەسىردىكى مەشھۇر تۈركولوگى مەھمۇت قەشقەرى ۋە ئۇنىڭ "دىۋان"ئىدا بايان قىلىنغان ئەدەبىي تىل ھەققىدە دەسلەپكى مۇلاھىزە» (1982-يىلى)، «11-ئەسردىكى تۈركىي تىل يادىكارلىقلىرىدىكى "ز" ھەرپى ۋە ئۇ ئىپادە قىلغان تاۋۇش توغرىسىدا» (1984-يىلى) قاتارلىق ماقالىلەرنى يېزىپ، دىۋانشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ قانات يېيىشىغا تېگىشلىك ھەسسە قوشقان.
مىرسۇلتان ئەپەندىنىڭ خىزمىتى 1989-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتىغا يۆتكەلگەن.
مىرسۇلتان ئوسمانوف خىزمەت جەريانىدا «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەقلىد سۆزلەر توغرىسىدا»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى رەۋىشلەر توغرىسىدا»، «چاغاتاي تىلى توغرىسىدا قاراشلىرىمىز» (تىلشۇناس خەمىت تۆمۈر بىلەن بىرلىكتە)، « "قۇتادغۇ بىلىك"تە ئىپادە قىلىنغان ئەدەبىي تىل توغرىسىدا» (خەمىت تۆمۈر ئەپەندى، ئامىنە غاپپار خامىنللار بىلەن بىرلىكتە) قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلەرنى، «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت» (كوللېكتىپ)، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى» (مەسئۇل مۇھەررىر)، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەلەپپۇز لۇغىتى» (كوللېكتىپ)، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرى» قاتارلىق نۇرغۇن يىرىك ئەسەرلەرنى ئىشلەشكە قاتناشتى ياكى ئۆزى ئىشلەپ چىقتى، مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىدى. ئاسپىرانتلارغا ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس بەرگەندىن باشقا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاسپىرانتلارنىڭ ماگىستېرلىق دىسسېرتاتسىيەسىنى ياقلاش يىغىئىنلىرىغا باھالىغۇچى بولۇپ قاتناشتى.
ئىلمىي زىيارەتلىرى جەريانىدا ئۇ يەنە قازاقىستان، ياپونىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۇيغۇر تىلى مەسىلىلىرى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەپ ئالقىشقا ئېرىشتى.
تىلشۇناس ئۇستاز مىرسۇلتان ئوسمانوف 1992-يىلى رەسمىي دەم ئېلىشقا چىققان بولسىمۇ، تىلشۇناسلىق ساھەسىدىكى ئەمگەكلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
===========

menbesi:Biliwal

bilqut
مەن ئۇيغۇر مەڭگۈ سۆيىمەن ئۇيغۇرنى!
Posted: 2007-11-24 21:57 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۇيغۇرلاردىكى مەشھۇر شەخسلەر

Total 0.058116(s) query 3, Time now is:02-15 08:19, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation