نۆۋەتتىكى تېما : ئىسلام ئالىمى ئىبنى تەيمىيەنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 99ـ كۆرۈرمىنى
CUTUK

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 2469
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 38
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە38دانە
شۆھرىتى: 62 نومۇر
پۇلى: 620 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :5(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-06-05
ئاخىرقى : 2008-10-24

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ئىسلام ئالىمى ئىبنى تەيمىيەنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

(ھىجىرىيە 661-يىلىدىن 728-يىلىغىچە، مىلادى 1263-يىلىدىن 1328-يىلىىغىچە ياشىغان)

                                                                               


  رەببانى ئىمام  ئۆزىىدىكى بىباھا بىلم دۇردانىلرى، تەقۋالىقى ۋە دىيانىتى بىلەن، ئۈممەت ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى سەۋەبلىك ‹‹ئۈممەتنىڭ مۇفتىسى، ئىلىم دېڭىزى، قارىلارنىڭ شەيخى››  قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا مۇيەسسەر بولغان. ئۆز دەۋرىدىكى تەڭداشسىز بىر ئالىم ئىدى. شەيخۇل ئىسلام قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمانى، زاھىدلارنىڭ يىتەكچىسى، ئابىدلار قاتارىدا مىسلىسىز، بىدئەتچلەرنىڭ دۈشمىنى ۋە مۇجتەھىد ئىماملارنىڭ ئىدى.

ئىمامنىڭ تولۇق نەسەب بويىچە ئاتىلدىغان ئىسمى تەقىييۇددىن ئەبۇل ئابباس ئىبنى ئابدۇلھەلىم ئىبنى تەيمىيە بۇلۇپ، ھىجىرىيەنىڭ 661-يىلى، رەبىيئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 10-كۈنى (مىلادى1263-يىلى، ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ 22-كۈنى)، ھەرراندا، ئىلمپەرۋەرلىكى، دىندارلىقى بىلەن مەشھۇر بولغان، ھەنبەلى  مەرھىبىگە مەنسۇب بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. بۇ ئائىلە زېرەكلىك، ئەستە تۇتۇش ۋە ئىنكاسىنىڭ تىزلىكى بىلەن تەڭداشسىز بىر ئائىلە بۇلۇش سۈپىتى بىلەن شۆھرەت قازانغان بۇلۇپ، ئىبنى تەيمىيە يۇقىرىدىكى بۇ ئالاھىدىلىكلەردە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئۇرۇن ئالغان ئىدى. ئۆز دەۋرىنىڭ ئالىم-ئۇستازلىرى ئۇنىڭ بۇ دەرىجىدىكى ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتگە ھەيران قالغان. ئۇ بۇخىل خۇسۇسىيتى بىلەن دەمەشىق ۋە خوشنا شەھەرلەردە شۆھرەتكە ئىگە بۇلىدۇ. ھەلەب شەھرىدىن بىر ئۆلىما كىشى ئۇنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئۇنى كۈرۈش ئۈچۈن شامغا كېلىدۇ ۋە تېخى بالىلىق يېشىدىكى ئىبنى تەيمىيەگە 13 ھەدىسنى ئىملا قىلىپ تاختا ئۈستىگە يازغۇزىدۇ. ھەلەبلىك ئالىم ئۇنىڭ يازغان ھەدىسلىرىنى تەكرار ئۇقۇۋېلىشىغا پۇرسەت بەرمەستىن ئۆزىگە ئۇ ھەدىسلەرنى ياد ئۇقۇپ بىرىشنى سورايدۇ. ئىبنى تەيمىيە ھەدىسلەرنى يازغان تاختىنى بۇ كىشىگە بىرىدۇ ۋە تىڭشا، دىگەن ھالدا ھەدىسلەرنى ئاڭلىغىنىدىنمۇ چىرايلىق ھالدا يادقا ئۇقۇپ بىرىدۇ.  ھەلەبلىك ئالىم ئوخشاش ئۇسۇلدا ھەدىس راۋىيلىرىنى يازدۇرۇپ سىناب باقىدۇ. ئىبنى تەيمىيە ئوخشاشلا يادقا ئۇقۇپ بىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەلەبلىك بۇ ئالىم ‹‹ ئەگەر بۇ بالا ياشاپ قالسا ئۇ ناھايىتى زور شۆھرەتكە ئىگە بۇلىدۇ، بۇنىڭغا ئوخشاش زېرەك بىر ئىنسان كۆرۈلۈپ باقمىغان›› دەيدۇ. ئىبنى تەيمىيەنىڭ چوڭ دادىسى مەجدۇددىن بىلەن ئەسىرداش ياشىغان بەزى ئۆلىمالار ئۇنىڭ ئۈچۈن( ئىبنى تەيمىيە ئۈچۈن) مۇتلەق (شەرتسىز) مۇجتەھىد ئىپادىسىنى قوللانغان. ئاتىسمۇ  چوڭ ئالىم ئىدى. دەمەشىقتىكى سىقەرىيە مەدرىسىنىڭ مۇدەررىسلىكى ئىبنى تەيمىيەگە ئاتىسىدىن قالغان ئىدى. ئاتىسى ھىجىرىيە 682-(مىلادى1283-يىلى)يىلى ۋاپات قىلغان.  مۇڭغۇللار ھەرراننى ئىستىلا قىلغاندىن كىيىن ئائىلىسى بىلەن دەمەشققە ( شامغا ) ھىجرەت قىلغان.

ئىبنى تەيمىيە دەمەشىق شەھرىدە نۇرغۇن چوڭ ئۆلىمالاردىن دەرس ئالغان، ئۇقۇغۇچىسى ئابدۇلھادىي ئۇنىڭ دەرىس ئالغان كىشىلىرىنىڭ سانىنىڭ ئىككى يۈزدىن ئاشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئىبنى تەيمىيە قۇرئان كەرىمنى يادلىغان، ئەرەب تىلىنى تەتقىقى قىلشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن زەھەبى ئىبنى تەيمىيە ھەققىدە ‹‹ ئىبنى تەيمىيەنىڭ ئەرەب تىلى ھەققىدىكى مەلۇماتى ھەقىقەتەنمۇ كۈچلۈك ئىدى›› دەپ باھا بەرگەن.

ئىبنى تەيمىيە قۇرئان كەرىم تەپسىرىگىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن. ھافىز ئەززەھەبى ‹‹ ئىبنى تەيمىيە ئۇزۇن يىللار جۈمە كۈنلىرى قۇرئان كەرىمنى يادقا تەپسىر قىلدى، ئۇ تۇلىمۇ زىرەك ئىدى.تەپسىر ئىلمىدىكى مەلۇماتى يۇقىرى نوقتىغا يەتكەن ئىدى.  ئىبنى تەيمىيەنىڭ  ‹‹ مەن بىر يۈز يىگىرمىچە تەپسىرگە قاراپ چىقىپ، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ساغلام، دەپ قارالغان قاراشنى تاللايتتىم ›› دىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ تەتقىقات مىتودى سەلەپ ئالىملىرىنىڭ قاراشلىرى دائىرىسدە قۇرئان كەرىمنى تەپسىر قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ سىرتىغا چىقماسلىقتىن ئىبارەت ئىدى.

ئىبنى تەيمىيە ھەدىس ئىلمى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان.  شاگىرتىنىڭ دىيىشىچە ئىبنى تەيمىيە ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ ‹‹ مۇسنەد ›› ناملىق كىتابىنى ۋە ئالتە  ھەدىس كىتابىنى ئۇستازلاردىن ئۆگەنگەن. ئۇ ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچىلارنىڭ قاتلىمى ۋە ھەدىس مىتودىدا ۋايىغا يەتكەن. سەھىھ ۋە سەھىھ بولمىغان ھەدىسلەرنى ئايرىشتا ئۆز زامانىسدا ئۇنىڭ ئىلمىغا يېقىنلاشقان بىرەر ئالم يوق ئىدى. يادلىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتىكى ماھارىتى ۋە ھەدىسنى دەلىل قىلىشتىىكى كۈچى  ئادەمنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇراتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ‹‹ ئىبنى تەيمىيە بىلمىگەن ھەدىس، ھەدىس ئەمەس ›› دېگەن سۆز لەرمۇ مەيدانغا كەلگەن. ئىبنى تەيمىيە يەنە پەلسەپە، مەنتىق( لوگىكا ) كالام ئىلىملىرىنى ئىگەللىگەن. بۇ ئېقىملارنىڭ قاراشلىرىنى بىر ئوبزورچىنىڭ ئۇسلۇبىدا تەنقىد قىلغان. بۇ ئىلملەرنى تەنقىدلەش يۇلىدا بىر قاتار قائىدە- پىرىنسىپلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.  بۇ توغرىسدا ‹‹ مەنتىقچىلەرگە ( لوگىكىچىلارغا) رەددىيە ›› ‹‹ مەنتىقنىڭ ئاجىزلىقى ››، ‹‹ ئەقىل بىلەن شەرئى دەلىللەرنىڭ زىت ئىكەنلىك قارىشىنى يوققا چىقىرىش توغرىسدا ›› قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ تەۋھىدنى قوغدىغان، بىدئەتكە ۋە نادانلىققا، جاھالەتكە قارشى تۇرغان. دەھرىيلەر، قەدەرىيلەر، جەھمىيلەر، مۇئتەزىللەر، ۋەھدەتۇل ۋۇجۇدچىلار ۋە پەلسەپىچىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك رەددىيە خاراكتىرلىك ئەسەرلەرنى يازغان. ئىبنى تەيمىيە بۇنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ. ‹‹ ئەھلى بىدئەت ۋە دالالەت ھەققىدە كۆپلەپ ئەسەر يېزىشىمنىڭ سەۋەبى بۇلارنىڭ دالالەت تىزمىسىنى بويلاپ دىن سىرتىغا چىققانلىقلىرىنى، پاك-پاكىز ئىسلام دىنىنى ھەرقانداق شەكىلدىكى بىر دىن ۋە بىر قاراش بىلەن يوققا چىقىرىشنى قەستلىگەنلىكلىرىنى ۋە كىشلەرنى دىننىڭ ئاساسى مەسىللىرىدە شۈبھىلەندۇرۈشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكىمدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن كىتاب ۋە سۈننەتتىن يۈز ئۆرۈپ بۇنىڭغا ئوخشىغان كىشىلەرنىڭ قاراشلىرىغا ئەھمىيەت بەرگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ دىنسىزلاشقانلىقىنى ئىسپاتلىدىم. دىنسىزلاشمىغان تەقدىردىمۇ دىنىي خۇسۇسلاردا ئىشەنىچ ۋە ئىتقادلىرىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم. مانا بۇ سەۋەبلەر مىنىڭ غەيرىتىمنىڭ كۆپ قىسمىنى دىننىڭ ئاساسى پىرىنسىپلىرىنى چۈشەندۈرۈشكە ۋە بىدئەتچىلەرنىڭ قاراشلىرىنى ئاللاھ تەئالانىڭ مەرھەمىتى بىلەن ئەقلى ۋە قايىل قىلارلىق جاۋابلار بىلەن جاۋابلاندۇرۇشقا سەرپ قىلدىم.  .....››

ئىبنى تەيمىيەنىڭ فىقھىدىكى ئورنى يۇقىرى بۇلۇپ، ئاللاھ تەئالانىڭ ئاتا قىلغان قابىليەتلەر بىلەن مۇتلەق مۇجتەھىد ( دىنى مەسىللەر ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىش سالاھىيتىگە ئىگە كىشى ) سەۋىيسىگە يەتكەن. دەۋرداش ئالىملارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇنىڭ مۇجتەھىدلىكى ھەققىدە بىرلىككە كەلگەن.  ھافىز ئەززەھەبى  :‹‹ ئۇ ( ئىبنى تەيمىيە ) ھازىر مۇئەييەن ياشقا كىلىپ قالدى. مۇئەييەن مەزھەبنىڭ قارىشىغا ئەمەس، دەلىللەر نېمگە ئىشارە قىلسا شۇ بۇيىچە پەتىۋا بىرىدۇ. ئۇنىڭ سۈننەتكە ۋە سەلەپىيلەرچە مىتودقا ناھايىتى چوڭ پايدىسى بار. ئۇ مۇشۇ يول بۇيىچە دەلىللەر ۋە مۇقەددىملەر بىلەن بۇرۇن ھېچكىم ئېلىپ بارمىغان شەكىلدە ھۆكۈملەرنى بەردى ›› دەيدۇ. ئۇندىن باشقا ئىبنى تەيمىيە ئەھلى سۈننەت تەرىپىدىن شەكىللەندۇرۈلگەن تۆت مەزھەب ئىماملىرىنى قاتتىق ھۆرمەت قىلغان. ئىلىم، پەزىلەت، زاھىدلىق ۋە ئىبادەتتە بۇ ئىماملارنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى ئىگەللىكەنلىكىنى قۇبۇل قىلغان ھالدا ‹‹ مەشھۇر ئۆلىمالارنى ئەيىبلىمەسلىك ›› دىگەن ئەسەرنى يېزىپ چىققان. بۇنى تۆت مەزھەب ئىمامىنى، ئۇلارنىڭ سادىر قىلغان خاتالىقلىرىنىڭ سەۋەب ۋە ئۆزرىلىرى( ئۇرۇنلۇق باھانىلىرىنى) چۈشەندۈرۈش ۋە ئۇلارنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن يازغان.

ئىبنى تەيمىيە تارىخ ئىلمىگە مەخسۇس دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرمىگەن. شۇنداق بۇلىشىغا قارىماي مەشھۇر ئىسلام تارىخچىسى ئەززەھەبىي : ‹‹ ئۇنىڭ تارىخ ۋە سىيرەت ( پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمھالى) ئىلىملىرىدىكى مەلۇماتى ئىنسانلارنى ھەيران قالدۇرىدۇ ›› دەيدۇ.

خۇلاسە كالام ئىبنى تەيمىيە  ‹‹ بارلىق ئىلىملەردە ئۆز دەۋرىدىكى كىشىلەردىن يۇقىرى ئۇرۇندا تۇراتتى، ھېچقانداق كۆز ئۇنىڭغا ئوخشاش بىرىنى، ئۇمۇ ئۆزىگە ئوخشاش بىرىنى كۆرمىگەن ئىدى.......››

ئىبنى تەيمىيە يەنە كىشلەرنىڭ ھەققىدىن بەك قورقىدىغان ، تەقۋا، قانائەتچان ۋە زاھىد كىشى ئدى.  شاگىرتلىرى ‹‹بىز ئۇنىڭ دۇنيانىڭ ھۇزۇر-ھالاۋەتلىرى ۋە نىئمەتلىرى ھەققىدە ئېغىز ئاچقانلىقىنى  كۆرۈپ باقمىدۇق ›› دىگەن.  پۈتۈن زىھنىنى ۋە قىزغىنلىقىنى ئاخىرەت ئۈچۈن ۋە ئاللاھ تەئالاغا يېقىنلاشتۇرغۇچى نەرسىلەر ئۈچۈن بېغىشلىدى. تاتار قۇماندانى گازان خان مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەتەن تۇپراقلىرىنى ئىستىلا قىلغان چاغدا ئۇنىڭ مۇسۇلمانلارنى ۋە سۇلتاننى  گازان خانغا قارشى ئاللاھ تەئالا يۇلىدا جىھا قىلىشقا رىغبەتلەندۇرۇشى ئۇنىڭ قەھرىمانلىقىنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ئىپادىلەپ بىرىدۇ. ئۇ گازان خان بىلەن ئۇچىراشقان، ئۇنى ئاشكارا ئەيىپلىگەن ۋە قارشى چىققان.

ئۇ ياخشىلققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسقان. شەھەرلەردىكى ۋالىيلار ۋە سۇلتانلارغا خەت يېزىپ ئۇلارنىڭ ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكلىرىنى ئىپادىلىگەن ۋە نەسىھەت قىلغان. شۇ سەۋەبلىك قانچە قېتىملاپ تۈرمىلەرگە تاشلانغان. ئۇ قىلچىلىكمۇ پۇشايمان قىلمىغان. بەلكى مەھبۇسلۇق جەريانىدىكى ئەھۋالىدىن رازى بولغان ۋە خەيىرلىكنى يالغۇز ئاللاھ تەئالا دىن تىلىگەن.  ئۆزىگە سەبىر ئارقىلق تەسەللى بىرىپ مۇنداق دىگەن:‹‹ دۈشمەنلىرىم ماڭا نىمە قىلالايدۇ؟ مېنىڭ جەننىتىم قەلبىمدە، باغچام كۆكسۈمدىدۇر. مېنى قايەرگىلا ئېلىپ بارمسىۇن ئۇلار مىنىڭ بىلەن بىرگىدۇر. مەھبۇسلۇقۇم ھالاۋەت، ئۆلتۈرلۈشۈم شاھادەت، يۇرتۇمدىن سۈرگۈن قىلنىشىم ساياھەتتۇر. ››  ئۇ مەھبۇسلۇق مەزگىللىرىدە دۈشمەنلىرىگە : ‹‹ مۇنۇ قەلئەنى ئالتۇن بىلەن توشقۇزغان تەقدىردىمۇ، قاماققا ئېلىش ئارقىلق سىز سەۋەب بولغان ياخشىلقنى ماڭا بېرەلمىگەن بۇلار ئىدىڭىز ›› ( يەنى سىلەرنىڭ ئەزىيتىڭلار  سەۋەبلىك مەن ئاللاھ تەئالانىڭ رازىلقعا ئىرىشتىم دىمەكچى)

تۅرمىگە تاشلىنىشىنىڭ سەۋەبى بەزى ئۆكتىچىلەرنىڭ ھەسەت قىلپ، ئۇنىڭغا قارشى يالغان-ياۋىداقلارنى ئويدۇرۇش ئارقىلق مەسئۇللارغا شىكايەت قىلىشلىرى ۋە نادان كىشىلەر قاتلىمىنى ئۇنىڭغا قارشى كۈشكۈرتىشىدىن ئىبارەت ئىدى. ئىبنى تەيمىييەنىڭ ئاللاھ تەئالانىڭ سۈپەتلرىنى مۇناسىپ شەكىلدە مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ئالدىدا ئاجىز ئۇرۇنغا چۈشۈپ قالغانلار ئۇنىڭ ئاللاھ تەئالانى جىسملاشتۇرغۇچى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان. ( شۇنى ئىنىق ھىس  قىلىش كىرەككى، تارىختىن بۇيان بارلىق ھەققە تەۋسىيە قىلغۇچىلار ئەزىيەت چىكىپ، نادانلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە ۋە ئەيىبلەشلىرىگە، قارا سۇۋاشلىرىغا ئوخشايدۇ. مىسالەن ئەرەب مۇشرىكلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا شائىر، مەجنۇن، دەپ بەت لەقەملەرنى چاپلاپ گۇناھ پاتقىقىغا چوڭقۇر پاتقىنىغا ئوخشايدۇ. شۇڭلاشقا ئاللاھ تەئالا قۇرئان كەرىمدە كۆپلىگەن ئايەتلەردە ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلق ئاشۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ  دىن دۈشمەنلىرىنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەۋىر قىلغانلىقىنى ماختىغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ دىن دۈشمەنلىرىنىڭ بوھتانلىرىغا ئىلگىرىكى ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەر سەۋىر قىلغاندەك سەۋىر قىلىشنى تەلەپ قىلغان.)

بۇ ھەقتە ئەھلى سۈننەت ئالىم ۋە مۇجتەھىدلىرىنىڭ بىرى ئىبنى ھەجەر مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ ئۇنىڭ ھەققىدە ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان سۆزلەرنىڭ كۆپىنچىسى شەخسى مۇلاھىزىلەر ئاساسىدا سۆزلەنگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۇنى ئاللاھ تەئالانى جىسىملاشتۇرغۇچى ئىكەنلىكى بىلەن ئىپادىلىگەنلەرنى ھەقسىز ئۇرۇنغا چۈشۈرۈپ قۇيىدىغان سۆزلەر بىلەن تولغان. ››

ھالبۇكى ئىبنى تەيمىيە: ‹‹ كىمكى ئاللاھنى مەخلۇققا ئوخشىتىدىكەن كاپىر بۇلىدۇ. يەنە كىمكى ئاللاھ تەئالانىڭ ئۆزىنى سۈپەتلىگەن بىرەر سۈپەتنى ئىنكار قىلىدىكەن كاپىر بۇلىدۇ. ئاللاھ تەئالا ۋە پەيغەمبىرىنىڭ ئاللاھ تەئالانى سۈپەتلەش ئۈچۈن ئېيتقان بىر سۆزنى قۇبۈل قىلىش تەشبىھ ( ئوبرازلاشتۇرۇش) ئەمەس.

ئىبنى تەيمىيە بەزىدە بىلمەسلەر تەرىپىدىدن تەنقىد قىلىنغاندا ئىسلام ئۆلىمالىرى ئۇنى ھىمايە قىلىش ۋە ئۇنى تۇنۇتۇش ئۈچۈن ئەسەرلەرنى يېزىشقان. ئىبنى ناسىروددىن  ‹‹ تۇلۇپ تاشقان رەددىيەلەر ›› ناملىق كىتاۋىدا 87 دانە پەرقلىق مەزھەب ۋە چۈشەنچىدىكى ئالىمنىڭ ئىبنى تەيمىيەنى ھېچقانداق تەرەددۇتسىز ھالدا شەيخۇل ئىسلام دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بۇلارنى بىر يەرگە جەملىگەن.

ئىبنى تەيمىيەنىڭ ناھايىتى كۆپ ئەسەرلىرى بار بۇلۇپ ، ئەززەھەبى مىڭ پارچە ئەتىراپىدا كىتابى بار دەپ تىلغا ئالغان.  بۇ ھەقتە:‹‹ ئەسەرلىرىنى ساناشقا تىرىشسا ياكى باشقا بىرى ساناشنى كۆڭلىگە پۈككەن تەقدىردىمۇ سانىيالمايتتى.›› دىگەن.  بەش يۈز جىلد ھەجىمدە ئۈچ يۈز پارچە ئەسەر يازغانلىقى ھەققىدە رىۋايەت بار. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئىنتايىن ئاددى ئىنىق ۋە چۈشۈنۈشلۈك يېزىلغان بۇلۇپ ، بىر مەسىلىنى شۇنداق ئەتىراپلىق ( گويا بىر ئىنىسكىلوپىدىيەنىڭ ئۇسلۇبىدا ) يازغانكى، ئۇ ھەقتە باشقا كىتابقا قاراشقا ھېچقانداق ھاجەت قالمايدۇ.

ئىبنى تەيمىيە ھىجىرىيەنىڭ 726-يىلى، شەئىبان ئېيىنىڭ 6-كۈنى ( مىلادى 1326-يىلى ئىيۇل ئېيىنىڭ 8-كۈنى ) دەمەشىق قەلئەسىگە قامالغان. ھىجىرىيەنىڭ 728- يىلى  زۇلقەئدە ئېيىنىڭ 20-كۈنى( مىلادى 1328-يىلى ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ 26-كۈنى ) يەنى دۈشەنبە كۈنى ۋاپات بولغانغا قەدەر بۇ قەلئەدە ئۇرۇنسىز ، ھەقسىز ھالدا قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇلغان. زىنداندىكى مەزگىللەردە ئەسەر يېزىش،زىكىر ، قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش ۋە ئاللاھ تەئالاغا دۇئا قىلىش بىلەن مەشخۇل بۇلغان. ئۇنىڭ زىنداندىكى مەزگىللەردە يازغان بىر قىسم رىسالىلىرى بار. ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كىيىن كىشلەر قەلئەگە يۇپۇرۇلغان، ئىبنى تەيمىيەنىڭ  بىر قانچە قېتىم جىنازا نامىزى ئۇقۇلغان. ئۇ ۋاپات بولغان كۈنى بازارلاردىكى دۇككانلار ئېچىلمىغان. جىنازىسىدا ئەرلەردىن سىرت ئون بەش مىڭ ئەتىراپىدا ئايال بار ئىدى. دەمەشىق شەھرىدىكى بىر قانچە بىدئەتچىنى ھىسابقا ئالمىغاندا ئۇنىڭ جىنازىسىغا قاتناشمىغان كىشى قالمىغان. تارىخچىلار تارىختا ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ جىنازىسىدىن كېيىن ئۇنىڭ جىنازىسىغا ئەڭ كۆپ كىشى توپلانغانلىقى خاتىرىلەرگە ئالغان. يىراق- يېقىندىكى ئىسلام ئەللىرى ۋە يەمەندىن يىراق شەرققە قەدەر رايۇنلاردا ئۇنىڭغا ئاتاپ غائىبانە جىنازە نامزى ئۇقۇلغان.



خۇلاسە كالام شەيخۇل ئسلام ئىبنى تەيمىيە ئىسلام تارىخىدا چاقنىغان بىر نۇرانە يۇلتۇز. ئۇنىڭ ئىسلام ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىنڭ ھەققىنى پەقەت ئاللاھ تەئالالا  لايىقتۇر. ئى ئاللاھ  شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ پەقەتلا سىنىڭ ئۈچۈن قىلغان بىباھا خىزمەتلىرىگە بۈيۈك ئەجىر بەرگەيسەن. ئۇنىڭ جەننەتتىكى دەرىجىلىرىنى كاتتا قىلغايسەن. ئۇنىڭدىن رازى بولغايسەن ۋە ئۇنى رازى قىلغايسەن. ئىسلام ئۈممىتىنى ئۇنىڭ بىبىاھا بىلىم خەزىنىلىرىدىن نىسىۋىدار قىلغايسەن. (ئامىين)  . شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە ئىسلام دۇنياسى مۇڭغۇللارنىڭ رەھىمىسز، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدىكى بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچىرىغان ئاشۇ ئەنسىز يىللاردا ئۆزىنى دىن ئۈچۈن ئاتىغان. ئۇ ئەينى دەۋردىكى رىئاللىق بىلەن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى شەرىئەتنڭ پەرقىنڭ چوڭىيىپ كىتىۋاتقانلىقىنى سەگەكلىك بىلەن تۇنۇغان ھەمدە بۇنىڭدىن قاتتىق تەشۋىشلەنگەن. ئەينى دەۋىرىدىكى بىدىئەت، خۇراپىيلىق، شىرىك ئەمەللىرىنىڭ كۆپلكىدىن قاتتىق ساراسىمگە چۈشكەن. شۇڭلاشقا ئىسلام شەرئىتىنى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى پاك ھالەتكە قايتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ ھىسابلاپ، ئىسلام دۇنياسىدا تۇنجى قېتىم ‹‹ قۇرئان كەرىمگە قايتىش كىرەك ›› دىگەن مەشھۇر شۇئارنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇڭلاشقا ئالىملار ئۇنى ئىسلام ئەسلىيەتچىلىك ھەركىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاساسچىسى دەپ قارايدۇ.
| ۋاقتى : 2008-10-21 16:05 [باش يازما]

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.049563(s) query 3, Time now is:10-26 08:15, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation