بۇ بەتتىكى يازما : تارىخ بېتىنى ۋاراقلىغاندا--مۇھەممەد ئىمىن قۇربانى (1914-1990) بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

Erdewil
ئورخۇن نازارەتچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-23
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 تارىخ بېتىنى ۋاراقلىغاندا--مۇھەممەد ئىمىن قۇربانى (1914-1990)

تارىخ بېتىنى ۋاراقلىغاندا

( تارىخى خاتىرە) 
مۇھەممەد ئىمىن قۇربانى (1914-1990)


            1935-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا قەشقەر خەلقىگە غەيرى بىر خەۋەر يىتىپ كەلدى، ئۇ بولسىمۇ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقى ئىدى ، بۇيرۇقتا مۇنداق دېيىلگەنىدى:
"بۇرۇن قەشقەردە ئافاق خوجىنىڭ خىلى كۆپ يەر زېمىنلىرى بار بولۇپ ، ئۇنىڭ ھەر يىللىق ھوسۇللىرىدىن ئەۋلاتلىرى بەھرىمان بولۇپ كەلگەن ،لېكىن كىيىنكى كۈنلەردە شىئەندە ياشاپ كەلگەن بىر قىسىم ئەۋلادلىرى شىنخەي ئىنقىلابى مەزگىلىدە يول توسۇلۇپ قىلىش سەۋەبىدىن 20 نەچچە يىللىق ئاشلىقتىن بەھرىمان بولالمىغان ، ئۇلار ھازىر تېگىشلىك ھەققىنى تەلەپ قىلىپ مەھكىمىمىزگە ئەرز قىلدى . تەپتىش قىلىشىمىزچە ئافاق خوجىنىڭ زېمىنلىرى قەشقەردە بولۇپ ، يىللاردىن بىرى ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى قەشقەر ۋىلايتلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى تەسەررۇپ قىلىپ كەلگەن ، شۇنىڭ ئۈچۈن قەشقەردىكى ئۇيۇشما مەزكۇر كىشىلەرنىڭ ئالالمىغان ھەققىلىرىنى بېرىشى لازىم".... بۇيرۇققا ئۆلكە رەئىسى لى يۇڭ تەستىق سالغانىدى .
  بۇ بۇيرۇق قەشقەر جەمئىيىتىدە زور غۇلغۇلا پەيدا قىلدى ، چۈنكى ، ئۇلارنىڭ ئالىدىغىنى يىلىغا نەچچە ئون چارەك ئاش بولۇپ ، ئون نەچچە كىشىنىڭ يىگىرمە نەچچە يىلدا ئالىدىغىنى بىر قانچە مىڭ چارەك ئاشلىقتىن ئىبارەت ئىدى .
بۇ ئاشلىقلارنى ھازىر بېرىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى ، چۈنكى، بۇنچە كۆپ ئاشلىق ئۇيۇشمىنىڭ ئامبىرىدا مەۋجۇت ئەمەس ئىدى . يىللاردىن بىرى ئافاق خوجىنىڭ نامىدىكى ۋەخپە زېمىنلار ھەر كىم- ھەر كىملەرنىڭ ئىلكىدە بولۇپ چىققان ھوسۇلنى ئەنە شۇلار ئىشلىتىپ كەلگەن ، ھازىر ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يوق ، بار بولغاندىمۇ ئۇلار ئۆز ۋاختىدا ئېشلىتىپ كەتكەن ، كشىلەر يەپ‏-ئېچىپ تۈگەتكەن بۇنچە كۆپ ئاشلىقنى ئۇيۇشمىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى . بۇ ۋەخپە زېمىننى يىقىندىن بىرى ئۇيۇشما ئىگىلىگەن بولسىمۇ ، ئۇيۇشما تەمىنلەپ كىلىۋاتقان مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ، دارىلئاجىز ، دارىلئېتام ، قېرى-چۆرى ، مېيىپ ، يىتىملارنىڭ خىراجەتلىرى ئەنە شۇ يەرلەرنىڭ كىرىمىدن بېرىلىپ كېلىۋاتاتتى ۋە بۇندىن كېيىنمۇ يىتىم-يېسىرلارغا ئەنە شۇ كىرىمدىن تەمىنلەشكە توغرا كېلەتتى .مانا شۇ سەۋەپتىن قەشقەر جەمىيىتى بۇ ھەق تەلەپ داۋاسىنى رەت قىلدى .
بۇ رەت قىلىش ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى ،"قايتۇرۇش كېرەك"دېگەن بىسىم كۈچەيگەنىدى . "ئۇيغۇر ئىلىدە زادى ئافاق خوجىنىڭ نېمىسى بار  ئىدى"! دېگەن سۇئال قەشقەر خەلقىنىڭ يۈرەك ساداسى ئىدى .
ئافاق خوجىنىڭ ھەق تەلەپ داۋاسى رەت قىلىنغاندىن كىيىن بۇ ھەقتە قەشقەردە چىقىدىغان "يېڭى ھايات" گېزىتى ئافاق خوجىنىڭ تەرجىمىھالى ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە كۆرسەتكەن "خىزمەتلىرى" كەلتۈرۈپ بەرگەن قىرغىنچىلىقلىرى، خەلقنى ئۇزۇن يىللاپ نادانلىقتا ، خۇراپاتلىققا باشلىغان بىر "زات" ئىكەنلىكىنى ئاممىغا كەڭ تۈردە تونۇشتۇردى .
زېمىن مەسىلىسىدە: ئافاق خوجىنىڭ زېمىنى ئەينى زاماندا زالىم ھۆكۈمەت بىلەن تىل بېرىكتۈرۈپ ، خەلققە ئالۋاڭ-ياساق سىلىپ توپلىغان زېمىن ئىكەنلىكىنى ، ھەرخىل ئالۋاڭ-ياساققا چىدىمىغان خەلق يەرلىرىنى تاشلاپ كەتكەنلىكىنى ، ھەتتا بەزىلەر ئافاق خوجىغا يەرلىرىنى سېلىق ھېسابىغا بىكارغا بىرىش بىلەن ئالۋاڭدىن قۇتۇلغانلىقىنى ، شۇ سەۋەپتىن نۇرغۇن يەرلەرنىڭ ئافاق خوجىغا مەنسۇپ بولۇپ كەتكەنلىكىنى ، ئافاق خوجىنىڭ مال-مۈلۈكى جۈملىدىن يەر-زېمىنلىرى خەلقتىن تارتىۋېلىش بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى ، ئۇنىڭ بۇ زېمىندا مىراسى يوقلۇقىنى بىر-بىرلەپ تونۇشتۇردى، بۇنى چۈشەنگەن خەلق:يەر-يەرلىكنىڭ ، نېمە ھەققى بار ياقا يۇرتلۇقنىڭ ، دېگەن "پەتىۋا"نى چىقىرىپ ئافاق خوجىنىڭ ئەۋلادىغا ھېچنىمە بەرمەيمىز ، دىيىشتى .
بۇ ئىش ئافاق خوجا تەرەپدارلىرى بولغان بىر تۈكۈم ھوقوقدارلارنىڭ ئوغىسىنى قايناتماي تۇرالمىدى . قەشقەردىكى ئافاق خوجىنى "پەيغەمبەر ئەۋلادى" دەيدىغان شۇم ئىغىزلار "غوجامنىڭ زېمىنىنى قايتۇرۇش كېرەك " دەپ جار سىلىپ ، مەخپى ھالدا ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىگە ئەرز سۇنۇپ قەشقەردىكى -ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنى تاقىۋىتىشنى ياكى ئۇنىڭ ھېساۋاتىنى تەكشۈرۈشنى ، ئۈرۈمچىنىڭ ئۆتكۈزىۋىلىپ باشقۇرىشىنى تەلەپ قىلىشىپ ، ھەق تەلەپ داۋاسىنى ئاشكارا قوللىدى .
قەشقەردىكى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى بۇ مىراس ئېتىراپ قىلىنغاندا ، ئۇيۇشما تەمىنلەيدىغان يىتىم-يىسىرلەر ،ئىگە-چاقىسىز قالىدىغانلىقى توغرىلىق قايتا-قايتا ھۆكۈمەتكە ئىلتىماس سۇنغان بولسىمۇ ، مىراسخورلارنى يۆلەشنى ئاساس قىلغان ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتى ئۇيۇشمىنىڭ مالىيىسىنى تەكشۈرۈپ كۆرىمىز ياكى ئۆتكۈزۈپ ئالىمىز ، دەپ بىسىم قىلغان بولسمۇ بۇ داۋا بىر يىلغىچە سۆرۈلۈپ كەتتى .
ئاخىرى ئۈرۈمچى "شىنجاڭ گىزىتى" باش مۇھەررىرى مەنسۇر ئەپەندى )ۋەتەن ئوغلى( باشچىلىقىدىكى ھېساب تەكشۈرۈش كومىسسىيىسى قەشقەرگە ئەۋەتىلدى . لېكىن .ئۇلار قارشىلىققا ئۇچرىدى زورلۇق كۈچ قوللىنىش خەۋپى تۇغۇلغاندا ، بىر نەچچە قېتىم ئېچىلغان مەجلىسلەردە قەشقەرنىڭ قازىسى ، ئۆلىما ئابدۇغوپۇر داموللىنىڭ پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈۋالغانلىقى ھەممىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغانىدى .
ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى ئۈرۈمچىدىن كەلگەن تەكشۈرۈش كومىسسىيىسى تەرىپىدىن تەقىب ئاستىغا ئېلىنغانلىقتىن ، ئەمدى قەشقەر خەلقى ئالدىدا بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش كېرەكمۇ قانداق؟-دېگەن سۇئال تۇغۇلدى . خەلقنىڭ قان تەرىگە كەلگەن بۇ مەبلەغلەرنى ئۇلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ھېچكىم خالىمايتتى . بۇ ھەقتە ھەيئەت تەشكىل قىلىندى ، بىر قانچە قېتىملاپ يىغىنلار ئېچىلدى ، كومىسسىيىگە ئەھۋال چۈشەندۈرۈلگەن بولسىمۇ ئۇلار ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرىۋەردى ، سۈركۈلۈش كۈچەيدى ، تالاش-تارتىشلار كۆپەيدى ، ئاخىرى ئىش خەتەرلىك باسقۇچقا كىلىپ قالدى .
قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن گارنىزون قوماندانى ، ئۇيغۇر ئاتلىق -6دېۋىزىيىنىڭ قوماندانى مەھمۇت موھىتى بىر ئۇيغۇرلۇق سالاھىيىتى بىلەن يىغىنغا قاتنىشىپ خەلق تەرەپتە تۇرۇپ پىكىر قىلىش قارارىغا كەلدى:
-ئەپەندىلەر- دېدى ئۇ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ -سىلەر ئۇيۇشمىمىزدىن راستىنلا ھېساب ئالامسىلەر؟ ئۇيۇشمىمىز مالىيىسىدىكى توپلانغان بارلىق مەبلەغ پۈتۈنلەي خەلقنىڭ كىشىلەر تەرىپىدىن بىرىلگەن ئۆشرە-زاكات ، ئىئانە ، مازار ۋە ۋەخپە كىرىمى قاتارلىقلاردىن كەلگەن . ئۇيۇشمىمىز بۇ كىرىم بىلەن نەچچە يۈزلىگەن قىرى ، مېيىپ ، ئىگە-چاقىسىز كىشىلەرنى ئاساس قىلغان دارىلئاجىزنى ، نەچچە يۈزلىگەن يېتىمنى ئاساس قىلغان دارىلېتاملارنى باقىدۇ ، ئۇلارنى ئوقۇتىدۇ ، تەربىيلەيدۇ ، شەھەر ئەتراپىدىكى نەچچە يۈزلىگەن مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار بۇ كىرىملەر بىلەن تەمىنلىنىدۇ ، بۇ ھەقتە نەچچە قىتىملاپ چۈشۈندۈرسەك قۇلاق سالمىدىڭلار ،سىلەرنىڭ كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ، جەمىيەتنىڭ ئۈمىدى ، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ئۈمىدى بولغان ياش غۇنچىلارغا ،ئاجىزلارغا سەرپ قىلىنىدىغان بۇ مەبلەغنى ئاشۇ مىراسخورلارغا ئەپ بېرىشىڭلارغا قەتئىي قارشى تۇرىمەن " ،قەتئىي قارشى تۇرىمەن .
ئۇ يىغىندا سۈكۈت قىلىپ ئولتۇرۇۋالغان قازى رەئىس كاتتا ئۆلىما ئابدۇغوپۇر داموللىغا نەپرەت كۆزى بىلەن قارىدى-دە پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتتى -: سىلەر يەنە ھېساب ئالامسىلەر ،ئەگەر يەنە شۇنداق قىلىدىغان بولساڭلار ھىسابنى مانا مۇشۇ بىرىدۇ !!!....
مەھمۇت موھىتى بەتلەنگەن تاپانجىنى غەزەپ بىلەن شىرە ئۈستىگە تاشلىدى ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرى چاقناپ كەتتى . ئۇ ئۆز ئىرادىسىدىن ۋاز كېچىپ مەجلىس زالىدىن چىقىپ كېتىۋاتقان "ھېسابچىلارغا" مەغرۇرلۇق بىلەن قاراپ تۇراتتى .
مەھمۇت سىجاڭىنىڭ بىۋاستە ئوتتۇرىغا چىقىپ ئارلىشىشى ۋە خەلق تەرەپتە تۇرۇپ ھەققانىيەتنى ياقىلىشى ،كەڭ خەلقنىڭ قاتتىق نارازىلىقى ، ئۇرۇش ۋە مالىمانچىلىقى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر ئۇيۇشما مالىيىسىدە ۋەقپىنى تۆلىگۈدەك ئىقتىساد بولمىغانلىقتىن تەپتىش كومىسسىيىسى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەتتى. كىيىنكى ۋەقەلەرنىڭ تەرەققىياتى داۋامىدا بۇ داۋامۇ بىسىلىپ قالدى .
مەنبە: شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى 1998-يىل -4سان
bilqut
مەن ئۇيغۇر مەڭگۈ سۆيىمەن ئۇيغۇرنى!
Posted: 2007-11-24 21:58 | [ئاپتور]
udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 185
شۆھرىتى: 188 نومۇر
پۇلى: 1870 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 140(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-02-15

 

ئەسلىدە ئافاق غوجىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسى شۇ زامانلاردىلا ئېچىلىپ بوپتىكەندە؟ توۋا، مەن بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىزدە ئېچىلدى دەپ يۈرۈپتىمەن دېسە.
ھەي نادان......
                                                 
  "مەمتىلى تەۋپىق" دېگەن كىتاپنى ئوقۇپ مەخمۇت مۇھىدىغا بولغان ھۆرمىتىم  قوزغالغان ئىدى، بۇ يازمىنى ئوقۇپ بۇ كىشىدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم.
1som
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-01-08 02:38 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۇيغۇرلاردىكى مەشھۇر شەخسلەر

Total 0.068898(s) query 4, Time now is:02-15 08:19, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation