مەشھۇر ئىسلام سۇلالىلىرى يىلنامىسى
1. ئۇمەۋىيلەر سۇلالىسى (1) بۇ سۇلالىنى ئۇمەييە جەمەتىدىن مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سوفيان ( سەخىر ئىبنى ھەرپ ئىبنى ئۇمەييە) دەمەشقتە قۇرغان. ئۇلارنىڭ تەسىر دائىرىسى ئەرەب يېرىم ئارىلى، سۇرىيە، پەلەستىن، ئىراق، ئىران، ئافغانىستان، شىمالىي ھىندىستان، ماۋەراۇننەھر، فەرغانە، غەربىي شىمالىي ئافرىقا، ئەندەلۇس ( ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە) ئىتالىيىنىڭ سىلتسىيە ئارىلى قاتارلىق جايلارغىچە بولغان. ئۇلارنى ئابباسىيلار خەلىپىلىكى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. ئۇلار دەمەشقتىن ئىسپانىيىگە يۆتكىلىپ شۇ يەردە ئۇمەۋىيلەر سۇلالىسىنى قۇرغان.
شام ( سۇرىيە) دىكى ئۇمەۋىيلەر يىلنامىسى
1. مۇئاۋىيە (Ⅰ) ئىبنى ئەبۇ سوفيان 661 – 680
2. يەزىد (Ⅰ) ئىبنى مۇئاۋىيە 680 – 683
3. مۇئاۋىيە (Ⅱ) ئىبنى يەزىد 683 – 684
4. مەرۋان (Ⅰ) ئىبنى ھەكەم 684 – 685
5. ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋان 685 – 705
6. ۋەلىد (Ⅰ) ئىبنى ئابدۇلمەلىك 705 – 717
7. سۇلايمان ئىبنى ئابدۇلمەلىك 715 – 717
8. ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئىبنى مەرۋان 717 – 720
9. يەزىد (Ⅱ) ئىبنى ئابدۇلمەلىك 720 – 724
10. ھىشام ئىبنى ئابدۇلمەلىك 743 – 744
11. ۋەلىد (Ⅱ) ئىبنى يەزىد 724 – 743
12. يەزىد (Ⅲ) ئىبنى ۋەلىد 744
13. ئىبراھىم 744
14. مەرۋان () 744 – 750
2. ئۇمەۋىيلەر سۇلالىسى (Ⅱ). ئالتىنچى خەلىفە ۋەلد ئىبنى ئابدۇلمەلىك 705 – 715 – يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىم ماۋەرائۇننەھر، فەرغانە قاتارلىق جايلارنى، مۇھەممەد ئىبنى قاسىم ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى سىندنى، مۇسا ئىبنى نوسەيىر ئەلمەغرىبنىڭ ( شىمالىي ئافرىقا) نىڭ بىر قىسمىنى، مۇسا ئىبنى نۇسەيرنىڭ قول ئاستىدىكى تارىق ئىبنى زىياد مىلادىنىڭ 711 – يىلى ئەندەلۇس ( ئىسپانىيە، ۋە پورتۇگالىيە) نى فەتھى قىلغان. 750 – يىلى ئابباسىيلار خەلىپىلىكى قۇرۇلۇپ ئۇمەۋىيلەر سۇلالىسى ئاغدۇرۇلغاندا ئۇمەۋىيلەر جەمەتىدىن ئابدۇرەھمان ئىبنى مۇئاۋىيە ئىبنى ھىشام قېچىپ قۇتۇلۇپ مىلادىيە 756 – يىلى ئىسپانىيىدىكى قوللىغۇچىلىرى بىلەن ئۇمەۋىيلەر سۇلالىسىنى شۇ يەردە قۇرغان. مىسىر تەسىر دائىرىسى ھازىرقى ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ غەربىدىكى تاقىم ئاراللار ۋە ئىتالىيىنىڭ سىلتسىيە ئارىلى قاتارلىق جايلارغىچە بولغان.
ئەندەلۇس ( ئىسپانىيە، ۋە پورتۇگالىيە) دىكى ئۇمەۋىيلەر يىلنامىسى
1. ئابدۇرەھمان (Ⅰ) ( داخىل) ، 756 – 788
2. ھىشام (Ⅰ) ، 788 – 796
3. ھەكەم (Ⅰ) ، 796 – 822
4. ئابدۇرەھمان (Ⅱ) ، 852 – 822
5. مۇھەممەد (Ⅰ) ، 852 – 886
6. مۇنزەر ، 886 – 888
7. ئابدۇللاھ ، 888 – 912
8. ئابدۇرەھمان (Ⅲ) ، 912 - 961
9. ھەكەم (Ⅱ) ، 961 – 976
10. ھىشام(Ⅱ) ، 976 – 1009
11. مۇھەممەد (Ⅱ) ، 1009 – 1010
12. سۇلايمان ، 1009 – 1013
13. ئابدۇرەھمان (Ⅳ) ، 1018
14. ئابدۇرەھمان (Ⅴ) ، 1018
15. مۇھەممەد (Ⅲ) ، 1023 – 1025
16. ھىشام (Ⅲ) ، 1029 – 1031
مىلادىيە 1031 – يىلى تائىفىيلەر ( 1031 – 1091) خانلىقى ئۇمەۋىيلەر سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. تائىفىيلەر مىلادىيە 1091 – يىلىغىچە 11 بەگلىككە بۆلۈنۈپ ھۆكۈم سۈرگەن. ئۇلاردىن كېيىن شىئەلەر ئىچىدىن چىققان مۇۋەھھىدىيلەر (1121 – 1269) خانلىقى 1269 – يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگەن. ئۇلارنى مۇھەممەد ئىبنى يۈسۈپ قۇرغان ئەھمەرىيلەر ( 1235 – 1492) سۇلالىسى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. ئەھمەرىيلەر سۇلالىسى 1492 – يىلىغا كەلگەندە باشقا ياۋروپا ئەللىرىدىن مائارىپتا ئارقىدا قالغانلىقى، ئاسىيا ئافرىقا قۇرۇقلۇقىدىكى مۇسۇلمانلاردىن ياردەم كەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ياۋروپا خرىستىئانلىرىنىڭ بىرلەشمە ھۇجۇمىدا ئاغدۇرۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن مۇسۇلمانلار ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيەلەردىن كۆچۈپ كەتكەن. كۆچۈپ كېتەلمىگەنلەرنىڭ كۆپ قىسمى خرىستىئان بولۇپ كەتكەن.