نۆۋەتتىكى تېما : ئاتاقلىق تۈركولوگ، مەشھۇر ئۇيغۇرشۇناس، تۇرپانشۇناس ئا. ۋون گابائىن تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 446ـ كۆرۈرمىنى
kariz

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 327
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-05-22
ئاخىرقى : 1970-01-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ئاتاقلىق تۈركولوگ، مەشھۇر ئۇيغۇرشۇناس، تۇرپانشۇناس ئا. ۋون گابائىن

ئاتاقلىق تۈركولوگ، مەشھۇر ئۇيغۇرشۇناس، تۇرپانشۇناس ئا. ۋون گابائىن

ئەركىن ئېمىننىياز قۇتلۇق
 
  (مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەرنى  http://www.karizim.cn/html/2008-10/134.html  دىن كۆرۈڭ.)

    ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ئىلمىي تەتقىقاتى ۋە پارلاق نەتىجىلىرى بىلەن يۈكسەك شۆھرەت قازانغان گابائىن خانىم، يالغۇز تۈركىي تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان ھەرقايسى خەلقلەر ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭمۇ مەڭگۈلۈك ئىززەت- ھۆرمىتىگە سازاۋەردۇر. ئۆزبېك خەلقىنىڭ ئۇنى «مەريەم ئاپا» دەپ ئاتىشى، تۇرپان بۇيۇلۇقتىكى بىر قەدىمىي غارنىڭ «گابائىن خانىم غارى» دېگەن نام بىلەن ئاتىلىشى، ئوتتۇرا ئاسىيادا تۈركىي خەلقلەرنىڭ جۈملىدىن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ بۈيۈك ئالىمغا بولغان چەكسىز مۇھەببىتىنىڭ ئىپادىسى بولسا كېرەك.
    ئۇلۇغ ئالىم ئاننېمارىيە ۋون گابائىن (Annemarie von Gabain، ئۇيغۇرچە ئىسمى مەريەم ئاپا) خانىم 1901- يىلى 7-ئاينىڭ 4- كۈنى گېرمانىيىنىڭ مورچېنگېن (Morchengen- ھازىرقى فرانسىيە تەۋەسىدە) دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1920-يىلى بېرلىن ئۇنۋېرىستېتىنگە كىرىپ، ئاتاقلىق تۈركولوگ ۋە خەنزۇشۇناس، ئالىم ئۇ. فرانكې (O. Franke) ۋە ۋىلھېلىم باڭ (Wilhelhm Bang) قاتارلىق پروفېسسورلاردىن تۈركىي تىللار بويىچە سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق، خەنزۇشۇناسلىق ۋە بۇددىزمشۇناسلىق ئۆگەنگەن. ئۇ 1926-يىلى خەنزۇ تىلى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، گېرمانىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە كىرىپ، پروسىيە خان جەمەتى تەشكىللىگەن گرۈنۋېدېل (Grunwedel) ۋە لېكوك (A.A.won Lekoq) باشچىلىقىدىكى گېرمانىيە «تۇرپان ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتى»نىڭ تۇرپاندىن قېزىپ ئېلىپ كەتكەن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى يازما يادىكارلىقلىرىنى ئوقۇش-تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان، 1928-يىلى گابائىن خانىمنىڭ تۈركولوگىيە، جۈملىدىن ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى تۇنجى ئەسىرى «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان مانى دىنىنىڭ شامال ئىلاھى ھەققىدىكى رىۋايەتتىن پارچە» ئېلان قىلىنىشى بىلەن ئۇنىڭ تەتقىقاتى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغان. ئۇ 1929-يىلىدىن 1934-يىلىغىچە ئۇستازى ۋ. باڭ بىلەن بىرلىكتە ئالتە توملۇق «قەدىمكى تۈركىي تىلدىكى تۇرپان تېكىستلىرى» نى ئېلان قىلغان. «قەدىمكى تۈركىي تىلدىكى تۇرپان تېكىستلىرى»نىڭ 7-تومى ئالدىنقى ئالتە تومنىڭ كاتالوگى بولۇپ، 1934-يىلى نەشرىدىن چىققان. بۇ ئۇنىڭ ئۇستازى ۋ. باڭ بىلەن ئېلان قىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان بۇددا دىنى ۋە مانى دىنىغا ئائىت يازما يادىكارلىقلاردۇر. 1934-يىلى ۋ. باڭ ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن گابائىن خانىم تەتقىقاتنى ئۆزى مۇستەقىل داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ 1937-يىلى ئەنقەرەدىن گېرمانىيىگە كېلىپ بېرلىن ئۇنۋېرستېتىدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقۇچە بولغان ئارىلىقتا تۈرك تىلى بويىچە ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇرۇشتىن كېيىن ھامبورگ ئۇنىۋېرستىنىڭ تۈرك تىلى پروفېسسورى بولۇپ تەيىنلىنىپ، 1976-يىلى پېنسىيىگە چىققانغا قەدەر تۈركىي تىللار بويىچە دەرس ئۆتىدۇ.
گابائىن خانىم 1950-يىللاردىن باشلاپ، كەسىپداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ «قەدىمكى تۈركىي تىلىدىكى تۇرپان تېكىستلىرى» نىڭ 8-،9-،10- توملىرىنى ئېلان قىلىدۇ.
1957-يىلىدىن 1961-يىلىغىچە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇددا دىنى ئەسىرى ھەم ئىپتىدائىي دراما «‹مايترى سېمىت› نىڭ بۇددىزمنىڭ ۋاسباسكا مەزھىپىگە ئائىت قەدىمكى تۈركىي تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان تەقلىدىي نۇسخا»نى ئېلان قىلدى.
گابائىن خانىم تۈركىي تىللار بويچىلا ئەمەس، بەلكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخ، مەدەنىيىتى، دىنى، ئەدەبىيات-سەنئىتى ۋە ئىجتىمائىي فولكلورى بۇيىچىمۇ مۇتەخەسسىس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 1960- يىللاردىن كېيىن مەخسۇس تۇرپان رايونىنىڭ ماددىي، مەنىۋى، قەدىمكى دىنىي ئېتىقادى ۋە سەنئەت بۇيۇملىرىنى تەتقىق قىلىش بىلەن پائال شۇغۇللىنىدۇ. تۇرپانشۇناسلىق جەھەتتە ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، «قەدىمكى تۈركىي تىلدىكى تۇرپان تېكىستلىرى» نىڭ ئون تومىدىن باشقا، «ئىدىقۇت خانلىقى» (950-1250)، «ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى كىشىلەرنىڭ كىيىم-كېچەك ۋە يۈرۈش-تۇرۇش ئادەتلىرى توغرىسىدا تەتقىقات»، «تۇرپاندىن قېزىۋېلىنغان يازما يادىكارلىقلارنىڭ مەنبەسى»، «قەدىمكى تۇرپان رايونىنىڭ مەتبەچىلىك سەنئىتى»، «تۇرپاندىن تېپىلغان قوليازمىلارنىڭ تارىخىي دەۋرى»، «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بۇددا نومى- ئابىداما كۇشاۋاردى شاستىر»، «تۇرپاندىن تېپىلغان قىستۇرما سۈرەتلىك كىتاب- ئوتتۇرا ئاسىيا كىشتىگاربھا (بۇت ساتۋا) ئېتىقادى». «ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي ھايات» (1973-يىلى)، «تۇرپاندىن قېزىۋېلىنغان ئاخرات تىپىدىكى تۇتاش تام رەسىملىرى» (1975-يىل)، «بايانىي ئۇسۇلدا تەسۋىرلەنگەن تۇرپان سەنئىتى- سۆز ۋە ئوبراز» (1977-يىلى)، «كۇچاردىن بامىيانغىچە بولغان رايونلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخى ھەققىدە تەتقىقات» (1977-يىلى)،«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»(1980-يىلى)، «قەدىمكى تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئۆتۈكەن شەھرىدىن قوچۇ شەھىرىگە يۆتكىلىشى» (1982-يىلى)، «تارىم ۋادىسىدىن قېزىۋېلىنغان ئوتتۇرا ئەسىر تام رەسىملىرىدىكى ئورتاقلىق ۋە خاسلىق» (1983-يىلى)، «يىپەك يولى بويىغا جايلاشقان تارىم ۋادىسىدىكى خەلقلەرنىڭ ئېتنىك تەركىبىي ۋە ئۇلارنىڭ تىللىرى» (1986-يىلى)، «قەدىمكى ئۇيغۇر گۈزەل سەنئىتىدىكى ھەيكەلتاراشلىق» (1987-يىل)، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ئۇيغۇرلار تەتقىقاتى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلغان.
    گابائىن خانىم ئوتتۇرا ئاسىياشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەنمۇ ئاكتىپ شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى نەتىجىلىرىدىن، «ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئات مەدەنىيىتى ۋە چەۋەندازلىق» (1965-يىل)، «ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىدا ئىران دىنلىرىنىڭ تەسىرى»(1977-يىل)، «ئوتتۇرا ئاسىياشۇناسلىق تەتقىقاتىغا مۇقەددىمە»... قاتارلىق ئىلمىي ئەمگەكلەرنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. گابائىن خانىم تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تارىخ جەھەتتە خېلى چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان مەشھۇر تۈركولوگ. ئۇ 1940-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن 1970-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىغىچە «يىراق قەدىمكى تۈركلەرنىڭ دالا ۋە شەھەر ھاياتى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى تارىخى» (607-745)، «1000يىل ئاۋۋالقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوردا- قەسىرلىرى»، «تارىختىكى ھايۋانلارنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن قىياتاش سۈرەتلىرىنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى»، «دىن تارقاتقۇچى بۇددىست تۈركلەر»، «قەدىمكى تۈركلەرنىڭ ۋاقىت ھېسابلاش ۋە خاتىرىلەش سىستېمىسى»، «ھون ۋە تۈركىي خەلقلەرنىڭ تۇغقانچىلىقى»، «قەدىمكى تۈركىي خەلقلەر»، «ئۇيغۇر قاغانلىرىنىڭ ھەيۋەتلىك قىياپىتى»، «تۈركىي خەلقلەردە رەڭ ئاتالغۇلىرىنىڭ سىمۋوللۇق مەنىسى»، «قەدىمكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ يازما مەدەنىيىتى ۋە مەتبەچىلىك تېخنىكىسى»، «قەدىمكى ئۇيغۇر ئېسىلزادەىلىرىنىڭ ئۈچ قىرلىق ياش كىيىملىرى»، «مەدەنىيەت ئۇقۇمى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە»، «تۈركىي خەلقلەردە رەڭلەرنىڭ سىمۋوللۇق مەنىلىرى»، «قەدىمكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ پوتا تۈرلىرى توغرىسىدا»، «قاتلىما شەكىللىك يۇمىلاق كىگىز چېدىرلار توغرىسىدا دەسلەپكى تەكشۈرۈش»، «سوغدى يېزىقىدىكى قەدىمكى تۈركىي تېكىستلىرى»... قاتارلىق مەخسۇس ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان. ئۇ 1971-يىلى خەلقئارا ئورال-ئالتايشۇناسلىق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ پەخرىي ئەزاسى بولغان.
    گابائىن خانىم ئۇزاق مۇددەتلىك ئوقۇتۇش پائالىيىتىدە بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر تۈركولكلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن. مەسىلەن، پاپۇنيىلىك مورى ماساۋ (خۇيافۇ)، دانىيىلىك ئاسمۇمس، تۈركىيىلىك سىناشى تېكىن، ئامېرىكىلىق ئىلسىي لاۋدىي سىرتاۋتاس، گېرمانىيىلىك ك. رۆھربۆرىن قاتارلىق پروفېسسورلارنىڭ ھەممىسى گابائىن خانىمدىن تەلىم ئالغان.
پروفېسسور گابائىن خانىم جۇڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى، مەرھۇم بۇرھان شەھىدىنىڭ تەكلىپى بىلەن 1982-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇپ، «ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىن بۇيانقى تۈركىي تىللاردىكى يازما يادىكارلىقلىرى»، «قەدىمكى ئۇيغۇرلار رەسساملىقى» دېگەن تېمىلاردا ئىلمىي ئىلمىي دوكلات بەرگەن، ئالاقىدار ئورۇنلاردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى ۋە شىنجاڭ تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئالىملار، مەسىلەن: ئېلىمىزنىڭ ئاتاقلىق تۈركولوگى گېڭ شىمىن، مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى ئىبراھىم مۇتىئى قاتارلىقلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولغان. ئۇ زىيارەت جەريانىدا، بېيجىڭ، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا بىر قاتار ئىلمىي دوكلاتلارنى بەرگەن. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى كۆزدىن كەچۈرگەن، تۇرپان، دۇنخۇاڭ قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە ۋە ساياھەت قىلغان.
قىسقىسى، گابائىن خانىمنىڭ ھاياتى ھارماي-تالماي تەتقىقات بىلەن ئۆتكەن، مەڭگۈ خاتىرىلەشكە ئەرزىيدىغان شەرەپلىك ھايات، ئۇ ئۆزىنىڭ تارلىقىنى تۈركولوگىيە تەتقىقاتىغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، دىنى، ئەدەبىيات-سەنئىتىنى تەتقىق قىلىشقا بېغىشلىغان، ئۆزنىڭ نىكاھ ئىشلىرىنى ئويلاشمىغان بۈيۈك شەخستۇر.
    گابائىن خانىمنىڭ تۈركى خەلقلەر، بولۇپمۇ تۇرپانشۇناسلىققا- ئۇيغۇرشۇناسلىققا بېغىشلىغان مەخسۇس تېمىدىكى تەتقىقات ئەسەرلىرى ئون نەچچە تومدىن، ئىلمىي ماقالىلىرى (جۈملىدىن مۇھىم تەقرىزلىرى) 200پارچىدىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق ئۇلۇغ نەتىجىلىرى ئارقىلىق قەدىمكى تۈرك تىلى، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى، سوغدى تىلى، توخرى تىلى، بولۇپمۇ شىنجاڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، دىنى ۋە ئەدەبىيات- سەنئىتى جەھەتتىكى تەتقىقاتلارغا غايەت زور تۆھپە قوشتى. شۇڭا ئۇ يالغۇز تۈركىي تىللىرىدىلا سۆزلىشىدىغان ھەر قايسى خەلقلەر ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ مەڭگۈ ئىززەت، ھۆرمىتىگە سازاۋەردۇر.
    ئاتاقلىق تۈركولوگ جۈملىدىن مەشھۇر تۇرپانشۇناس- ئۇيغۇرشۇناس، بۈيۈك بىلىم ئىگىسى گابائىن خانىم 1993-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى 92يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىشى دۇنيا تۈركولوگىيە ساھەسى، جۈملىدىن تۇرپانشۇناسلىق- ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىدىكى غايەت زور يوقىتىش بولدى.
گابائىن خانىمنىڭ تۈركولوگىيە بولۇپمۇ تۇرپانشۇناسلىق- ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىغا قوشقان ئۆچمەس تۆھپىلىرى باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ تۆھپىسى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايتتى. ئۇنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ئىلمىي ئىزدىنىشى تۈركولوگىيە، تۇرپانشۇناسلىق- ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىدىكى چوڭ بوشلۇقنى تولدۇرۇپلا قالماي، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تارىم مەدەنىيىتى تەتقىقاتىدا مۇئەييەن بىر سىستېما ياراتتى.
ئۇنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتى تۈركولوگىيە ساھەسىدە ماكرولۇق تەتقىقاتىدىن مىكرولۇق تەتقىقاتلارغىچە، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتىدىن ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىگىچە، ئارخېلۇگىيىلىك تېپىندىلار ۋە يازما ۋەسىقىلەردىن تارتىپ نازۇك تىل تاۋۇش ئېلېمېنتلىرىنىڭ يەكۈنىگىچە بولغان ناھايىتى كەڭ ساھەگە چېتىلىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ ھاياتى پائالىيىتىدىن خەۋەردار بولۇش ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا جۈملىدىن تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتىدا زور رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.
ــــ «تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ 2001-يىلى 1-سانىدىن ئېلىندى.

مەنبە: http://www.karizim.cn/
| ۋاقتى : 2008-10-23 10:44 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 446ـ كۆرۈرمىنى
ATTILA

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 37
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-02-02
ئاخىرقى : 1970-01-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مۇشۇ ئايال شۇ
1som
| ۋاقتى : 2008-10-23 17:24 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 446ـ كۆرۈرمىنى
armani

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 4608
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 11
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە11دانە
شۆھرىتى: 12 نومۇر
پۇلى: 110 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :21(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-09-26
ئاخىرقى : 2008-10-26

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

گابائىن خانىم ، سىز  ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يىقىن دۇستى ،ئۇيغۇر خەلقى سىزنى مەڭگۇ ئۇنـتمايدۇ !!!!!!!!!!!!!!!
| ۋاقتى : 2008-10-23 22:37 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 446ـ كۆرۈرمىنى
samran

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 4783
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 21
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە21دانە
شۆھرىتى: 25 نومۇر
پۇلى: 240 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :12(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-10-04
ئاخىرقى : 2008-10-26

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

گابائىن خانىم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدە مەڭگۇ ھايات !!!
yol
| ۋاقتى : 2008-10-23 23:42 3 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 446ـ كۆرۈرمىنى
MARSHALL

دەرىجىسى :ياساۋۇل


UID نۇمۇرى : 3241
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 39
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە39دانە
شۆھرىتى: 40 نومۇر
پۇلى: 390 سوم
تۆھپىسى: 4 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :21(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-07-09
ئاخىرقى : 2008-10-24

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بىزنى دۇنياغا تۇنۇشتۇرغان مۇشۇنداق ئالىملار كۆپرەك بولسىدى...................
1som
| ۋاقتى : 2008-10-24 23:40 4 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.055651(s) query 4, Time now is:10-26 08:16, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation