ئۇيغۇر دېڭىزچى __ ئەل ئۇقمىش
لى جىنفۇ
غەربىي رايۇندا تۇغۇلغان ئۇيغۇر دېڭىزچى __ ئەل ئۇقمىش يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئەللەرگە بىر نەچچە قېتىم سەپەر قىلغان. ئۇنىڭ دېڭىز سەپىرى جېڭ خېنىڭ "غەربىي ئوكيان" غا ئەلچىلىككە بېرىشىدىن 100 نەچچە يىل ئىلگىرى بولۇپ ، ئېلىمىزنىڭ دېڭىز سەپىرى تارىخخدا بەلگىلىك ئورۇن تۇتىدۇ.
ئەل ئۇقمىش مىلدى 1272-يىلدىن مىلادى 1301- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا يۇەن شىزۇ - قۇبلايخاننىڭ يارلىقى بىلەن بارۇپ، زىڭگار (بۇگۇنكى سىرلانكا) ، مابار ( بۇگۇنكى ھىندىستاننىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى) ، نانۋارا ( سۇماترانىڭ غەربى) ، سۇماترا قاتارلىق جايلارنى توپ- توغرا 20 يىلدا ئايلىنىپ بولغان. ئۇ يىتىپ بارغانلىكى ئارال دۆلەتلىرىدە قىزغىن كۇتېۋىلىنغان ھەمدە دوستلۇق يۇزسىدىن سوغات قىلىنغان ئۇنچە- مەرۋايىتلاتنى ئوردىغا ئېلىپ كەلگەن.
ئۇ 1287-يىلى مابار دۆلىتىگە ئەلچىلىككە بىرېرىش سەپىرىدە، بوران - چاپقۇىنغا ئۇچراپ كۆپ رىيازەت چەككەن، شۇنداق بولسىمۇ بىر يىلدىن كېيىن مابارغا يىتىپ بارغان. ئۇ " شۇ يەرنىڭ ياخشى داۋالاش ئۇسۇلى ، دورىسىدىن بەھرىمان بولغان يەرلىك خەلق تارتۇق قىلغان سوۋغا- سالاملارنى قوبۇل قىلغان. ئۆز پۇلىغا ئوردىغا كىرەكلىك ئېسىل ياغاچ ماتىرىياللىرى سېتىۋالغان " ( يۇەن سۇلالىسى تارىخى ، 131- جىلىد) . قۇبلايخان ئەل ئۇقمىشنىڭ كۆپ قېتىم دېڭىز سەپىرى قىلىپ كۆپ رىيازەت چەككەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ، ئۇنىڭغا مەرۋايىت كۆزلۇك كەمەر ئىنئام قىلغان ھەمدە دىيانەتلىك بەگ ، جاڭخۇي دىۋان ۋازارىتىنىڭ سولىول ۋەزىرى ، خىڭچۇن مەھكىمىسىنىڭ تۆرىسى قاتارلىق مەنسەپلەرنى بەرگەن. 1292-يىلى قۇبلايخان ئۇنى يەنە ئوردىغا چاقىرىتقاندا، ئەل ئۇقمىش ئۆزىدىكى بارلىق قىممەت باھالىق بۇيۇملارنى پادىشاھقا تەقدىم قىلغان. ئۇزاق ئۆتمەي ، ئەل ئۇقمىش شىبى، گاۋشىنلار بىلەن بىللە دىۋان مۇئەككەللىكىگە تەيىنلەنگگن. ئۇلار قوشۇن باشلاپ جەنچىڭ شەھرى (بۇگۇنكى ۋېيىتنامنىڭ جەنۇبىي قىسمى) نى ئىشغال قىلغان. پادىشاھ شىبىنى ئومومى ھەربىي ئىشلارغا ، ئەل ئۇقمىشنى دېڭىز يولى ئىشلىرىغا سەردار قىلىپ تەيىنلىگەن. بۇنىڭدىن ئەينى چاغدا ئەل ئۇقمىشنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانىڭ دېڭىز يوللىرىنى پىششىق بىلىدىغان دېڭىزچى ئىكەنلىكىنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ. كىيىن ئۇ يەنە سورىنچىن ئامبال ، دىۋان مۇئەككىلى ، ئاقىل ئۆلىمالار مەھكىمىسىنىڭ ئەلچى بېگى قاتارلىق مەنسەپلەردە بولغان. يۇەن سۇلالىسىنىڭ رېنزوڭ خانى " ئۇنىڭ يىراق جايلارغا كۆپ قېتىم ئەلچىلىككە بېرىپ رىيازەت چەككەنلىكىنى نەزەرگە ئېلىپ ، ئۇنىڭغا ۋۇ گۇگۇڭ دېگەن ئۇنۋاننى بەرگەن" . بۇ ئەل ئۇقمىشنىڭ ئەينى چاغدا يۇقۇرى ئوبروي ۋە ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسۇتۇپ بىرىدۇ.
مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى، 1988-يىللىق(؟) سانى.