نۆۋەتتىكى تېما : سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 1657ـ كۆرۈرمىنى
erdewil

دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1774
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 218
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە218دانە
شۆھرىتى: 899 نومۇر
پۇلى: 2480 سوم
تۆھپىسى: 25 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :98(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-01-21
ئاخىرقى : 2009-01-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

سوۋېت سوتسىيالىسيىك رىسپوپلىكىلار ئىتتىپاقى __ قىسقارتىلىپ سوۋېت ئىتتىپاقى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ ( روسچە قىسقارتىلمىى : cccp، ئېنگىلىسچە قىسقارتىلمىسى : USSR دىيىلىدۇ )، ھازىر بۇ دۆلەت مەۋجۇت ئەمەس 1922 - يىلى 12-ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن 1991 - يىلى 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنىگىچە بولغان بولۇپ فىدىراتسىيە شەكلىدىكى دۆلەت قۇرۇلما شەكلىنى يولغا قويغان كۆپ مىللەتلىك دۆلەت . ياۋروپانىڭ شەرقىي ۋە ئاسىيانىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان . يەر كۆلىمى 22 مىليون 400 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتېر بولۇپ دۇنيا بويىچە زىمىنى ئەڭ چوڭ دۆلەت . نوپوسى 290 مىليون 100 مىڭ ( 1990 - يىل ) . 100 دىن كۆپەرەك مىللەت بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە روسلار %51 نى، ئوكرائىنلار %15 نى، ئۆزبېكلەر %6 نى، بىلىروسلار %4 نى، باشقا قازاقلار ، تاتارلار ، ئەزەربەيجانلار ، ئەرمىنىيەلىكلەر ، گىروزىنلار، موردوۋالار ، تاجىكلار ، لىتۋالىقلار ، تۈركمەنلەر ، گىرمانلار ، قىرغىزلار ، يەھۇدىيلار ، لاتۋىيىلىكلەر ، ئىستونىيەلىكلەر بولۇپ %24 نى تەشكىل قىلىدۇ . دۆلەت تىلى روس تىلى . 200 دىن كۆپەرەك تىل ۋە يەرلىك دىئالىكىت ( يەرلىك شىۋە ) بار بولۇپ ، سىلاۋىيان تىل سېستىمىسىدىكىلەر %75 نى ، ھىندى - ياۋروپا تىل سېستىمىسىدىكىلەر %8 نى ، ئالتاي تىل سېستىمىسىدىكىلەر %12 نى ، ئورال تىل سېستىمىسىدىكىلەر %3 نى ، كاپكاز تىل سېستىمىسىدىكىلەر %2 نى تەشكىل قىلىدۇ . ئاساسلىق دىن روسلارنىڭ پىراۋىسلاۋىيە دىنى ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خىرستىيان دىنى ، يەھۇدىي دىنى ۋە ئىسلام دىنى مەۋجۇت بولغان . پايتەخت موسكىۋا . سوۋېت ئىتتىپاقى روسىيە ، ئوكرائىنا ، بىلىروسىيە ، ئۆزبېكىستان ، قازاقىستان ، گىروزىيە ، ئەزەربەيجان ، تاجىكىستان ، قىرغىزىستان ، تۈركمەنىستان ، ئەرمىنىيە ، موردۇۋا ، لاتۋىيە ، لىتۋا ، ئىستونىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداش رىسپوپلىكىلارنى ۋە باشقىرت ، بوريات ، داغىستان ، قارا قالپاق ( ھازىرقى ئۆزبېكىستاندا ) ، كارا بالدا - بايقال ، قىرمىز ، كارىرىيە ، كېمى ، مالى ، شىمالىي ئوسىتىي ، تاتارىستان ، توۋا ، ۋودمۇرت ، چېچىن - ئىنگۇش ، چۇۋاشىيە ، ياقۇت ، ئابغازىيە ، ئازار ، ناشچىفان قاتارلىق 20 ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەت ، 8 ئاپتونۇم ئوبلاست 10 ئاپتونۇم رايون ۋە 129 چېگرا رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

سوۋېت ئىتتىپاقى ئاساسى قانۇنىدا ، سوۋېت ئىتتىپاقى فىداراتسىيە تۈزۈمىدىكى دۆلەت بولۇپ 15 ئىتتىپاقتا سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ، ئۆزلىكىدىن قوشۇلۇش پىرىنسىپى بويىچە تەشكىللەنگەن دەپ بەلگىلەنگەن . پايتەخت موسكىۋا . دۆلەت باشلىقى سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوۋېتى رەئىسلەر ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى دەپ ئاتالغان بولۇپ ، كېيىن ھوۋېت ئىتتىپاقى زۇڭتۇڭى دەپ ئاتالغان . ھۆكۈمەت باشلىقى مىنىستېرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى دەپ ئاتىلىدۇ . ھەربىي كۈچ سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ .

دۆلەت شوئارى : پۈتۈن دۇنيا پۇرۇلتارلىرى بىرلىشىڭلار ! دۆلەت تىلى : روس تىلى . پايتەخت : موسكىۋا ، يەر كۆلىمى : دۇنيا بويىچە 1 - ئورۇندا بولۇپ ، 22 مىليون 402 مىڭ 200 كۇۋادىرات كىلومېتېر ، نوپوسى : 293 مىليون 47 مىڭ 571 ( 1991 - يىل 7 - ئاي ) . دۆلەت قۇرۇلغان كۈن : 1917 - يىلى 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ، پارچىلانغان ۋاقتى : 1991 - يىلى 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ، پۇلى : روپىيە ، ۋاقىت رايون پەرقى : 3+ دىن 11 + غىچە ، دۆلەت شېئىرى : ئىنتېرناتسىيىۇنال شېئىرى ( 1917 - 1991 ) ، خەلقئارالىق رايون قىسقارتما نامى : SU ( ھازىرمۇ ئىشلىتىلمەكتە ) .



قىسقىچە تارىخى


1917 - يىلى 11- ئاينىڭ 7 - كۈنى كەچ سائەت 9 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ، تۇنجى پاي زەمبىرەك ئوقۇنىڭ ئاۋازىغا ئەگىشىپ ، ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى پۇرۇلتارىيات ھاكىميەت تۇتقان تۇنجى ھۆكىمەت __ سوۋېت ھۆكىمىتى قۇرۇلدى . ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن بولشىۋىكلار پارتىيىسى ھوقۇقنى ئىگەللەپ ، گىرمانىيە بىلەن < بېريوسېل شەرتنامىسى > نى ئىمزالاپ ، 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن چېكىنىپ چىقتى . ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە يىلدا ، تىروتىسكىي رەھبەرلىك قىلغان قىزىل ئارمىيە قانلىق جاپالىق ئىچكى ئۇرۇش قىلىپ ئاقلار ۋە شەرتنامىلەشكەن دۆلەتلەرنى يېڭىپ جاپالىق ئىلگىرلەش ئېلىپ باردى . 1921 - يىلى 3 - ئايدا ، سوۋېت ھۆكىمىتى بىر قاتار يېڭى ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلارنى يولغا قويۇپ ، ئالدى بىلەن دىخانلارنىڭ كىرىم مەسىلىنى ھەل قىلىشتىن باشلاپ ، ئارتۇق ئاشلىقنى بازار ئېلىپ - سېتىشنى چەكلەپ يىغىۋېلىش ئېلىپ باردى . 1922 - يىلى 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى روسىيە ، بىلىروسىيە ، ئوكرائىنا ۋە تاشقى كاپكاز فىدىراتسىيەلىرى ئورتاق سوۋېت ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ چىقتى . 1924 - يىلى 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قۇرغۇچىسى لېنىن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن يۇسېف سىتالىن ھاكىميەتنى قولغا ئېلىپ ، جاپالىق بىر قاتار ۋاستىلەر ئارقىلىپ ، سىياسى رەقىپلىرىنى تازىلاپ ، يېزا ئىگىلىكىنى كوللىكتىپلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئىلگىرى سۈردى ، شۇنداقلا كەسكىن ۋاستىلەر ئارقىلىق ، پارتىيە ، دۆلەت ۋە ئارمىيە رەھبەرلىرىگە نىسبەتەن چوڭ تازىلاش ئېلىپ باردى . 1927 - يىلى ئەنگىلىيە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلاپ ، 1921 - يىلى ئىمزالانغان ئەنگىلىيە سوۋېت سودا شەرتنامىسىنى يىرتىپ تاشلىدى . ئەنگلىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى چامبېرلىن 6 دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىرى يىغىنىدا < خەلقارا ئىنتېرناتسىيىۇنال بىلەن كۆرەش قىلىش > ئوتتۇرىغا قويدى .

گەرچە غەرپ ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر سىتالىننى ھەر قايسى مىللەتلەرگە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان جاللات دەپ ئاتىغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنى غەلبىلىك ھالدا سانائەت ۋە ھەربىي جەھەتتىكى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندۇردى . سىتالىننىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا ، سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى سوۋېت ئىتتىپاقى ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش تۈزۈلمىسى ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتە چوڭ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ ، بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلەندۈردى . 1929 - يىلى 10 - ئاينىڭ24 - كۈنى نىيو - يورك پاي چېكى بازىرىدا پاي چېكىنىڭ چۈشۈشىدىن باشلانغان كىرىزىس ، تېز سۈرئەتتە پۈتۈن دۇنيانى قاپلاشقا باشلاپ ، كاپىتالىستىك دۆلەتلەر ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە بەردى . مۇشۇ 1929 - يىلى كىرزىس پۈتۈن دۇنيادا ئەڭ يۇقۇرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن چاغدا ، سىتالىنگىرادتا كۆلىمى غايەت چوڭ بولغان بىر تىراكتۇر زاۋۇدى ئىش باشلاپ 10 ئايدىن كېيىن مەھسۇلات چىقىرىشقا باشلىدى . 1932 - يىلى يۇنجى 5 يىللىق پىلان تاماملىنىپ ، سوۋېت ئىتتىپاقى يېزا ئىگىلىك دۆلىتىدىن سانائەت دۆلىتىگە ئايلاندى . 1937 - يىلى 2 - بەش يىللىق پىلان تاماملىنىپ ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى تېز ئۆرلەپ ياۋروپادا 1 - ئورۇنغا ، دۇنيادا 2 - ئورۇنغا ئۆتتى .

1939 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ناتسېست گىرمانىيەسى < ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلماسلىق شەرتنامىسى > ئىمزالاپ ، ئۆزئارا شۈبھىلىنىش قاپلىغان سىرلىق مۇناسىۋەت ئورناتتى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئىككى تەرەپ مەخپى يوسۇندا پولشا ، بالتىق دېڭىزى رايونىدىكى دۆلەتلەر ۋە فىنلاندىيەنى ئۆزىنىڭ كۈچ دائىرىسىگە كىرگۈزدى .1939 - يىلى 2 - دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىدى .

1941 - يىلى 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى سەھەر سائەت 3 دە گىرمانىيە تۇيۇقسىز سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلدى . بىر ھەپتە ۋاقىت ئىچىدە سوۋېت قىزىل ئارمىسىدىن بىر مىليوندىن كۆپرەك ئادەم چىقىم بولۇپ ، غەرپتىكى سانائەت رايونلىرى پۈتۈنلەي گىرمانىيە ئارمىسىنىڭ كونتىرول دائىرىسىگە كىرىپ قالدى . ئادولوف گىتلېر سوۋېت ئىتتىپاقىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ . 1945 - يىلى سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى ۋە ئىتتىپاقداش ئارمىيە ناتسېس گىرمانىيەسىنى ئۆز چېگرىسى ئىچىدە مەغلۇپ قىلىپ ، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى . 1945 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى دۇنيا فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇش ئەڭ ئاخىرقى غەلبىنى قولغا كەلتۈردى .

سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى بېرلىنغا قايتارما ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ ، قىزىل بايراقنى گىرمانىيە پارلامېنت بىناسىنىڭ ئۆگزىسىگە قادىدى . گىرمانىيە ئارمىيىسىدىن گىرمان - سوۋېت جەڭ مەيدانىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 10 مىليوندىن ئېشىپ ، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا ، گىرمانىيە تەرەپتىن ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلار نىسپىتىنىڭ %73 نى ئىگەللىدى . سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپتىن 20 مىليون ئادەم قۇربان بولغان بولۇپ ، ھەققانىيەت ۋە تېنچلىقنى قوغداش جەھەتتە بەلگىلىك قىممەت ياراتتتى . ئۇرۇشتىن كېيىن سىتالىن ۋە باشقا سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر ئىتتىپاقى < ۋارشاۋا شەرتنامىسىگە ئەزا دۆلەتلەر ئىتتىپاقى > نى قۇرۇپ ئامېرىكا ۋە < شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىي تەشكىلاتى > بىلەن تىركەشتى . 20 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدىكى دۇنيانىڭ نىسپىي مۇقىم بولغان شارائىتىدا ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت ، ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىككى قىرغىقىدا بىر بىرىگە خىرىس قىلىپ ، دۇنيانىڭ نەچچە ئون يىللىق يۈزلىنىنىشە رەھبەرلىق قىلدى .

1957 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى دۇنيا تارىخىدىكى تۇنجى سۈنئى ھەمرانى ئالەم بوشلىقىغا قويۇپ بەردى . 1961 - يىلى 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى ئالەم ئۇچقۇچىسى گاگارېن < شەرق > ناملىق ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلىقىغا چىقىش ئارزۇسۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى .

1953 - يىلى سىتالىن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسىنىڭ يۇقۇرى رەھبەرلىك قاتلىمىدا بىر قانچە يىلغا سوزۇلغان ھوقۇق تالىشىش كۆرىشى ئېلىپ بېرىلىپ ئاخرىدا خىروششىف ھوقۇقنى ئىگەللىدى . خىروششىف 1956 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسىنىڭ 20 - قېتىملىق قۇرۇلتىيىدىكى مەخپىي دوكلاتتا ، سىتالىن ۋە شەخسكە چۇقۇنۇشنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلىرىنى تەنقىد قىلدى ، شۇنىڭ بىلەن سىياسى كۆرەش ئىنسانپەرلىك ئۇسۇلىغا قاراپ تەرەقىي قىلدى . ئاڭ فورماتسىيەسى جەھەتتىكى ئىختىلاپ سەۋەبىدىن ، 1959 - يىلىدىن باشلاپ ، سوۋېت كومپارتىيەسى بىلەن جوڭگو كومپارتىيەسى ئوتتۇرسىدا بىر قاتار تەنقىد قىلىش ۋە ئىختىلاپلار ئېلىپ بېرىلدى . 1964 - يىلى خىروشىف تەختىن چۈشۈپ ھوقۇقنى بېرژىنېف ئىگەللىدى . مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە جوڭگو - سوۋېت مۇناسىۋىتى سۇسلىشىپ ئىنتايىن تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈپ قېلىپ پەقەت نامدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ھالىتىلا   قالدى ، ھەتتا ئىككى تەرەپتە < گۆھەر ئارال ھەقەسى > ۋە < تېلىكېت ۋەقەسى > دىن ئىبارەت چېگرا تۇقۇنۇشى يۈز بەردى . 1968 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى چېخسىلاۋاكىيەگە تاجاۋۇز قىلدى . 1969 - يىلى < گۆھەر ئارال مەسىلىسىدە > قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ ، جۇڭگو خگلقىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىنى قوزغىدى . 1979 - يىلى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلدى . بۇ ئىككى ھەركەت خەلقارا جەمىيەتنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى .

بېرژىنېف دەۋرىدە سوۋېت ئىتتىپاقى سىرقا نىسبەتەن كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇپ ، شەرقىي ياۋروپادىكى سابىق سوتسىيالىزىم لاگىرىدىكى دۆلەتلەر ۋە موڭغۇلىيەدە ئەسكەر تۇرغۇزغاندىن سىرت ، يەنە ۋېتنام ، كۇبا ، جەنۇبىي يەمەن ، ئانگۇلا ، ئىفئوپىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ھەربىي لاگىر ھەتتا ھەربىي بازىلارنى قۇردى . بېرژىنېف < چەكلىك ئىگىلىك ھوقۇق نەزىريىسى > ئوتتۇرىغا قويۇپ ، باشقا سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقوقى چەكلىمىلككە ئىگە دەپ قارىدى . بېرژىنېف ئوتتۇرىغا قويغان بۇ نەزىريە ئەمەلىيەتتە باشقا سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقوقىنى ئېكىسپالاتاتسىيە قىلىدىغان ، ئۇلارنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھامىيسىغا ئايلاندۇرۇدىغان نەزىريەدىن ئىبارەت ئىدى . 1980 - يىلى موسكىۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىش جەھەتتىكى پەردىسىنى قايرىدى . ئەمما ئافغانىستاغا تاجاۋۇز قىلىش سەۋەبىدىن بۇ قېتىمقى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى دۇنيادىكى تۈزۈم جەھەتتە كەمسىتىش نەزىريىسى بىلەن قارىغۇچىلار ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىملىق مۇسابىقە بولۇپ قالدى .

1985 - يىلى كومپارتىيە ئىچىدىكى ئىسلاھاتپەر شەخس گورباچېف ھوقوقنى قولغا ئېلېپ ، نۇرغۇنلىغان كونا ، چىرىك قاراشلارغا نىسبەتەن ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردى . گورباچېف سىياسى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە دۆلەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىلىرىگە قارىتا ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى تۈزۈپ ، دۆلەت ئىچىدە ئىسلاھات ۋە ئوچۇق سىياسەتنى يولغا قويۇپ ، تارىخىي خاتالىقلانى ئاشكارىلاش ۋە ھىساب ئېلىش ئېلىپ باردى . گورباچېف يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىدا < دىمۇكراتىك ، ئىنسانپەرلىك سوتسىيالىزىمى > قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلىدى . ئەمما يەنە بىر تەرەپتە ئۇنىڭ ئىسلاھاتى ئويلاپ باقمىغان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلدى . مەركىزى ھۆكىمەتنىڭ ھوقوقىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە ئەگىشىپ ، ھەر قايسى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەر رەھبەرلىرى تېخىمۇ كۆپ ئاپتونومىيە ھوقوقى بېرىشنى تەلەپ قىلدى . < ئاشكارىلىق > تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ، سوۋېت كومپارتىيەسىنىڭ تارىخى مەسىلىلىرى ۋە خاتالىقلىرى ئاشكارىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، خەلقنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قالدى ، ھەتتا 1989 - يىلى كومۇنىزىمنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تارىخى خاتالىقلىرى يىغىلىپ ، ئومۇمىي پارتلاش يۈز بېرىپ ، خەلق قايىل بولماسلىق، نەزىرىنى كومۇنىستىك پارتىيە ۋە شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى نىشانلارغا قاراتتى . شەرقىي ياۋروپادىكى كومۇنىستىك پارتىيەلەر ئارقا - ئارقىدىن تەختتىن چۈشۈشكە باشلىدى ، ھەر قايسى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەرمۇ ، شەرقىي ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇش غەرىزىدە بولدى .

1991 - يىلى 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سوۋېت كومپارتىيەسى ئىچىدىكى بىر قىسىم كانسېرۋاتىپلار ، ھەر قايسى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەرگە چۈشۈرۈپ بېرىلگەن ھوقۇقلارنى تارتىۋېلىش ۋە غەلبىسىز ئىسلاھاتنى دەرھال توختىتىش مەقسىدىدە بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەتلىك سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىدى . ئەمما خەلق ، ئارمىيە ، ۋە كۆپ قىسىم كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ بىرلىشىپ قارشى تۇرۇشى نەتىجىسىدە ، سىياسىي ئۆزگىرىش پەقەت 3 كۈن تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ مەغلۇپ بولدى . روسىيە زۇڭتۇڭى يىلىتسېن سوۋېت كوپپارتىيەسىنى قانۇنسىز پارتىيە دەپ ئېلان قىلىپ ، سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرىسى ئىچىدىكى پائالىيەتلىرىنى چەكلىدى . 1991 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا يىلىتسېن بىلىروسىيە ، ئوكرائىنا زۇڭتۇڭلىرى بىلەن مىنىسكىدا شەرتنامە ئىمزالاپ ، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ ، ئەنگىلىيە ئىتتىپاقىغا ئوخشايدىغان بىر خىل دۆلەت قۇرۇلما شەكلىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈرۈپ ئېلىپ كەلدى . روسىيە ۋە باشقا ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەر بۇنىڭغا كەينى كەينىدىن ئىنكاس قايتۇرۇپ ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغانلىقىنى جاكارلىدى . سوۋېت ئىتتىپاقى مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مەۋجۇتلۇقتىن قالدى . 19991 - يىلى 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى زۇڭتۇڭى گورباچىف خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ دۆلەتنىڭ ھوقوقىنى روسىيە زۇڭتۇڭىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى . 1991 - يىلى قىزىل بايراق كېرىمىل سارىيىدىن ئاستا چۈشۈرۈۋېلىندى . قىزىل يىللار ۋە گۈللەنگەن چوڭ دۆلەت سۈپىتىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى مەۋجۇتلۇقتىن توختىدى .



سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى



1 . ۋىلادىمىر . ئېلئېچ لېنىن ( 1917 . 10 . 17 ___ 1922 . 4 . 3 . )

2 . سىتالىن ( 1922 . 4. 3 __ 1953 . 3 . 5 )

3 . خىروششىف ( 1953 . 9 . 7 __ 1964 . 10 . 14 )

4 . بېرژىنېف ( 1964 . 10 . 14 __ 1982 . 11 . 10 )

5 . ئاندىرىيپوف ( 1982 . 11 . 12 __ 1984 . 2 . 9 . )

6 . چېئېرنېنكو ( 1984 . 2 . 13. __ 1985 . 3 . 10 )

7 . گورباچېف ( 1985 . 3 . 11 __ 1991 . 12 . 25 )





سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى 15 ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتنىڭ نامى



1 . روسىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك فىدىراتسىيە جۇمھۇرىيىتى

2 . بىلىروسىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى

3 . ئوكرائىنا سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى

4 . ئىستونىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى

5 . لىتۋا سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى

6 . لاتۋىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى

7 . موردوۋا سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى

8 . گىروزىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى

9 . ئەرمىنىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى

10 . ئۆزبېكىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى

11 . قازاقىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى

12 . قىزغىزىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى

13 . تاجىكىستان سوۋېتر سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى

14 . ئەزەربەيجان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى

15 . تۈركمەنىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى




سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى 20 ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتنىڭ ناملىرى



1 . باشقىرت سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى .

2 . بۇريات سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

3 . داغىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

4 . كارىبالدا - بايقال سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

5 . كارمىك سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

6 . كارىرىيا سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

7 . كېمى سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

8 . مالى سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

9 . موردۇۋا سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

10 . شىمالىي ئوسىتىي سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

11 . تاتارىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

12 . توۋا سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

13 . ۋودمورت سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

14 . چېچىن سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

15 . چۇۋاش سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

16 . ياقۇت سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

17 . ئابغاز سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

18 . ئازار سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

19 . ناشىچېر سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

20 . قارا قالپاق سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى


مەنبە: ئىزدىنىش مۇنبىىرى
==========================================
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى 15 ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتنىڭ نامى

1 . روسىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك فىدىراتسىيە جۇمھۇرىيىتى

2 . بىلىروسىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى

3 . ئوكرائىنا سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى

4 . ئىستونىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى

5 . لىتۋا سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى

6 . لاتۋىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى

7 . موردوۋا سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى

8 . گىروزىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى

9 . ئەرمىنىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى

10 . ئۆزبېكىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى

11 . قازاقىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى

12 . قىزغىزىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى

13 . تاجىكىستان سوۋېتر سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى

14 . ئەزەربەيجان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى

15 . تۈركمەنىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى

  سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى 20 ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتنىڭ ناملىرى

1 . باشقىرت سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى .

2 . بۇريات سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

3 . داغىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

4 . كارىبالدا - بايقال سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

5 . كارمىك سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

6 . كارىرىيا سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

7 . كېمى سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

8 . مالى سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

9 . موردۇۋا سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

10 . شىمالىي ئوسىتىي سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

11 . تاتارىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

12 . توۋا سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

13 . ۋودمورت سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

14 . چېچىن سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

15 . چۇۋاش سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

16 . ياقۇت سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

17 . ئابغاز سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

18 . ئازار سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

19 . ناشىچېر سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

20 . قارا قالپاق سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى





كونا مۇنبەردىكى توردىشىمىز Nazimi ئەپەندىنىڭ تۈزەتمىسى

ئاساسىي گەپكە كەلسەم، پەرىزىمچە يۇقۇرقى مەزمۇنلار خەنزۇ تىلىدىكى مەنبەلەردىن تەرجىمە قىلىنغان بولغانلىقتىن، بەزى مىللەت ناملىرى توغرا ئۆرۈلمىگەن شۇنىڭغا قارىتا تۈزىتىش پىكرىمنى يازىمەن.

ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەردىكى:

(2) "بىلىروسىيە"  ئەمەس، "بېلوروسسىيە" (БЕЛОРУССИЯ)

(4) "ئىستونىيە" ئەمەس، "ئېستونىيە" (ЭСТОНИЯ)

(7)"موردوۋا" ئەمەس، "مولداۋىيە" (МОЛДАВИЯ)

ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتلەردىكى:

(4) "كارىبالدا - بايقال" ئەمەس، "كاباردىن-بالقار" (Кабардино-Балкарская)

(5) "كارمىك" ئەمەس، "قالمىق" (Калмыцкая)

(6) "كارىرىيا" ئەمەس، "كارىل" (Карельская)

(7) "كېمى" ئەمەس، "كومى" (Коми)

(10) "شىمالىي ئوسىتىي" ئەمەس، "شىمالىي ئوسېتىن" (Северо-Осетинская)

(12) "توۋا" ئەمەس، "تۇۋا" (Тувинская)

(13) "ۋودمورت" ئەمەس، "ئۇدمۇرت" (Удмуртская)

(14) "چېچىن سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى" ئەمەس، "چېچېن-ئىنگۇش سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى" (Чечено-Ингушская)

(19) "ناشىچېر" ئەمەس، "ناخىچىۋان" (Нахичеванская) - بۇ ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت ئەزەربەيجانغا قاراشلىق.
yol
سۆيىمەن ئۇيغۇرنى مەڭگۈ!
| ۋاقتى : 2007-11-24 22:07 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 1657ـ كۆرۈرمىنى
artunga

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 5332
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە14دانە
شۆھرىتى: 15 نومۇر
پۇلى: 140 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :8(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-10-20
ئاخىرقى : 2008-12-18

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

رەھمەت جاپا چېكىپسىز!!!!!~~~~~~~~~~~~~~~~~
yol
| ۋاقتى : 2008-10-26 18:18 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1657ـ كۆرۈرمىنى
yyygogogo

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 8049
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە8دانە
شۆھرىتى: 11 نومۇر
پۇلى: 100 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
تىزىملاتقان : 2009-01-07
ئاخىرقى : 2009-01-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

رەخمەت                قولىڭىىزغا    دەت  بەرمىسۇن.                           
             


                             
1som
| ۋاقتى : 2009-01-07 23:32 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1657ـ كۆرۈرمىنى
erkhon

دەرىجىسى :ياساۋۇل


UID نۇمۇرى : 1066
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 41
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە41دانە
شۆھرىتى: 42 نومۇر
پۇلى: 410 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :30(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-11-30
ئاخىرقى : 2009-01-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئەجرىڭىزگە كوپتىن-كوپ رەخمەت.
| ۋاقتى : 2009-01-08 01:30 3 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.102675(s) query 4, Time now is:01-12 00:57, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation