نۆۋەتتىكى تېما : ياشلار ئۈچۈن زۆرۈر تېما. ترامادول ھىدروخلورىد . ئىبرەت ئېلىڭ تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 799ـ كۆرۈرمىنى
erdewil

دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1774
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 217
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە217دانە
شۆھرىتى: 898 نومۇر
پۇلى: 2470 سوم
تۆھپىسى: 25 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :97(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-01-21
ئاخىرقى : 2009-01-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ياشلار ئۈچۈن زۆرۈر تېما. ترامادول ھىدروخلورىد . ئىبرەت ئېلىڭ

    بۇ ھازىر كۆپ يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر مەسىلە بولغاچقا كۆپچىلىكنى بىلىپ قالسۇن دەپ مەزكۇر مۇنبەرگىمۇ يوللاپ قويدۇم،بىلىپ قالساڭلارلا بولدى،2-3 كۈندىن كېيىن ئۆچۈرۈۋېتىمەن.
دىيارىم تورى مەنبەسى

بىر قىسىم تورداشلار نۆۋەتتە ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرى ئارىسىدا ، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ترامادول ھىدروخلورىد نى قالايمىقان ئىستېمال قىلىشتەك ناچار خاھىشنىڭ ئەدەپ قالغانلىقىنى تىلغا ئېلىشىپ، نەزىرىمىزنى ئۇشبۇ ئىشقا ئاغدۇرۇشقا چاقىرماقتا.
خوش، ئۇنداقتا ، بىر قىسىم ياش - ئۆسمۈر قېرىنداشلىرىمىز نېمە ۋەجىدىن مەزكۇر دورىنى ئىستېمال قىلىشىدۇ ؟
ئالدى بىلەن بىز ترامادول ھىدروخلورىد ناملىق بۇ دور بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ چىقايلى:
Tramadol Hydrochloride ( خەنزۇچى پېنيىن بويىچە ئوقۇلۇشى :يەنسۈەن چۈمادو 盐酸曲马多 ؛دۇنياۋى ئورتاق خېمىيىۋى نامى :ترامادول ھىدروخلورىد ) نىڭ تەسىرى بىرقەدەر كەڭ بولۇپ، كلىنىكىدا ئاساسلىقى يامان سۈپەتلىك ئاغرىقلارنى توختىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى ئاغرىق، راك كېسەللىكىدىكى ئاغرىق، تۇغۇت جەريانىدىكى ئاغرىق قاتارلىق. بۇ دورا مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسەتكۈچى دور ھېسابلىنىدۇ. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر دورىنى نورمال ئادەم كۈنىگە 200 مىللىگىرامدىن ئۇدا 6 ئاي ئىستېمال قىلسا، بو دورىغا قارىتا ئورگانىزمدا دورىغا تاينىشچانلىق ( 药物依赖 ) پەيدا بولۇپ، دورىغا خۇمار بولۇپ قېلىش كېلىپ چىقىدىكەن. ئەگەر كۈنىگە 300 - 400 مىللىگىرام ( 6 - 8 تال ) دىن ئۇدا 2 ئاي ياكى ئۇنىڭدىنمۇ قىسقا ۋاقىت ئىستېمال قىلسا، ئېىغر دەرىجىدە خۇمار بولۇپ قېلىش كېلىپ چىقىدىكەن. ئۇزاق مەزگىل ئىستېمال قىلغاندا، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى غىدىقلاپ، نەپەس يولى سىستېمىسى فۇنكىسىيىسىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، ئورگانىزىمدا دورىغا قارىتا بەرداشچانلىق ۋە تاينىشچانلىق شەكىللىنىپ ھەمدە باشقا قوشۇمچە ناچار تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىكەن. مەزكۇر دورىنىڭ خۇمارلىقى ( كىشىنى ئۆزىگە خۇمار قىلىپ قويۇش دەرىجىسى ) باشقا زەھەرلىك بويۇملارغا قارىغاندا ئاجىزراق ۋە بۇ خىل تەسىرى ئاستراق بولسىمۇ، مەلۇم مەزگىل ئۇدا ئىستېمال قىلغاندا خىروئىنغا خۇمار بولۇپ قالغاندىكىگە ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن. خۇمار بولۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىرىپ، ئۇرۇشقاق، يالغانچى، چېچىلاڭغۇ، لايغەزەل بولۇپ قالىدىكەن.
ترامادول ھىدروخلورىد غا خۇمار بولۇپ قېلىش ھادىسىسىگە يېقىنقى يىللاردىن بېرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا خېلى ئېتىبار بېرىلگەن بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ دورىنى قالايمىقان ئىشلىتىشكە بولمايدىغان 5 چوڭ دورىنىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزگەن. دۆلەت ئىچىدىمۇ بۇ دورىنى دورىخانىلاردا قالايمىقان سېتىشنى، بولۇپمۇ رىتسىپسىز سېتىش ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە سېتىشنى قاتتىق چەكلىگەن.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇ جايدىكى، بۇ دورىنىڭ ئاغرىق توختىتىش تەسىرىدىن باشقا مەلۇم دەرىجىدە روھلاندۇرۇش ئۈنۈمىمۇ بار بولۇپ، بۇ دورىنى ئىستېمال قىلغاندا، كىشى مۇئەييەن دەرىجىدە روھلىنىپ، ئۇيقۇسى قېچىپ، كىشى قورساق ئاچقاننى، ھارغان - تالغاننى تۇيماي قالىدىكەن. شۇڭا، ئىرادىسى ئاجىز ياش - ئۆسمۈرلەر بۇ دورىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تونۇپ يەتمەستىن قالايمىقان ئىشلەتكەن. بولۇپمۇ تورخانىدىن كۈنبۇيى چىقالمايدىغان ياش - ئۆسمۈرلەر، شەھۋانىي ئىشلارغا بېرىلىدىغان ياش يىگىت - قىزلار خاتا ھالدا بۇ دورىنى ئىستېمال قىلساق << روھلاندۇرۇش، ئۇيقۇنى قاچۇرۇش، ھارغاننى تۇيماسلىق تەسىرىنى بېرىدىكەن >> دەپ قاراپ، قالايمىقان ئىستېمال قىلغان. بىر قسىم گۈزەللىككە ئىنتىلىدىغان قىزلار << قورساقنى ئاچۇرمىسا ، ئۇرۇقلايدىكەنمىز >> دەپ بولۇشىغا ئىستېمال قىلغان. ھەتتا ، ئۆزلىرى ئىستېمال قىلىش بىلەن كۇپايە قىلماستىن ئەتراپىدىكى دوست - ساۋاقداشلىرىغىمۇ ئىستېمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلىشقان. خۇسۇسەن پېقىرمۇ بۇندىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىدا ساۋاقداشلىرىم ئارىسىدا بۇ دورىنى ئىستېمال قىلىدىغانلارنىڭ ( بۇلارنىڭ ئارىسىدا قىزلارمۇ بار ) بارلىقىنى بايقىغان ئىدىم ( ئۇ چاغلاردا بۇ مەسىلىگە ئاددىي قاراپ، بەلكىم بىرەر جايلىرى ئاغرىق بولسا كېرەك، دەپ قارىغان ئىكەنمەن. ). يېقىندا ، ئۇزۇندىن بېرى كشىلىرىمىزنىڭ ساقلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنى بۈگۈنىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، ئۇنىڭ ھېكمەتلىرنى يەنىمۇ جۇلالاندۇرۇش ئۈچۈن مننەتسىز تەر تۆكۈۋاتقان يېقىن بۇرادىرىم بىرزاتنىڭ بلوگى ( 80 خالتا تور بېتى ، www.80halta.com ) دا ەدەل مۇشۇ ھەقتە مەسلىھەت سوراپ قالغان بىر توردىشىمىزنىڭ ياردەم تەلەپ قىلىپ يازغان ئىنكاسىنى كۆرۈپ مەسىلىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مەن ئويلغاندەك يېنىك دەرىجىدە ئەمەسلىكىنى، نەزىرىمىزنى جىددىي ئاغدۇرمىساق بولمايدىغان تەخىرسىز مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ھەمدە بۇرادىرىم بىر زاتنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن مۇشۇنداقراق بىر تېمىنى يېزىپ چىقىش ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ دىققەت - نەزىرىنى ئۇشبۇ مەسىلىگە بۇراش، قېرىنداشلىرىمىزنى ترامادول ھىدروخلورىد نى قالايمىقان ئىستېمال قىلماسلىققا چاقىرىش ، ئاللىقاچان خۇمار بولۇپ قالغان قېرىنداشلىرىمىزنى قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، بۇ خىل ناچار ئادەتنى تاشلاشقا دەۋەت قىلىش نىيىتىگە كەلدىم.
ترامادول ھىدروخلورىد نڭ ناچار تەسىرلىرى :
1. ئۇزاق مەزگىل ئىشلەتكەندە، دورىغا قارىتا تاينىشچانلىق شەكىللىنىپ، كىشىنى خۇمار قىلىپ قويىدۇ.
2. ئۇزاق مەزگىل ئىشلەتكەندە، يۈرەك، جىگەر، بۆرەك قاتارلىق رەئىس ئەزالارنى زور دەرىجىدە زەخىملەندۈرۈپ، ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
3. ئۇزاق مەزگىل ئىشلەتكەندە، بۆرەك ۋە كۆپىيىش سىستېمىسىغا زور دەرىجىدە ناچار تەسىر كۆرىستىپ، كۈتمىگەن ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. ئۇزاق مەزگىل ئىشلەتكەندە، نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇنتۇغاق، لەقۋا، قەۋزىيەت قىلىپ قويىدۇ.
ترامادول ھىدروخلورىد غا خۇمار بولۇپ قېلىشنىڭ ئالامەتلىرى :
بۇ دورىغا خۇمار بولۇشنىڭ ئالامەتلىرى خىروئىنغا خۇمار بولۇپ قېلىشقا قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، توختىماي تىت - تىت بولۇش، يۈرۈكىدە چۈمۈلە ماڭغاندەك بىئارام بولۇش، سۆڭەك - بوغۇملىرى ئاغرىش، دەككە - دۈككۈدىلا يۈرۈشكە ئوخشاش ئېغىر ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ترامادول ھىدروخلورىد نىڭ خۇمارىدىن قۇتۇلۇش بەك تەس بولۇپ، ئادەتتە خىرۇئىن خۇمارىدىنى تاشلاشقا قارىغاندا تەس دەپ قارىلىدىكەن.
يامان يېرى، بۇ خىل دورىغا خۇمار بولۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ خاراكتېرىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، دائىم باشقىلار بىلەن ئۇرۇشقىسى، ئۇرغاندىمۇ قەبىھ ۋاسىتىلەر بىلەن ئۇرۇپ، خۇماردىن چىققۇسى كېلىدىغان ( زوراۋانلىق خاراكتېرى )، بىرنەرسىلەرنى كۆيدۈرۈپ ۋەيران قىلىدىغان، ئۇرۇپ - چاقىدىغان، يالغان سۆزلەيدىغان، دائىم چېچىلاڭغۇ يۈرىدىغان لايغەزەل بولۇپ قالىدىكەن. بۇندىن باشقا، بۇ دورىغا خۇمار بولۇپ قالغان ئىقتىسادىي ئەھۋالى دېگەندەك بولمىغان ياش - ئۆسمۈرلەر ئوغرىلىق ياكى بۇلاڭچىلىق شەكلى بىلەن دورا پۇلىنى تېپىشقا ئورنىدىكەن. شۇنىسى رۇشەنكى، بۇ بىر ئېغىر ئىجتىمائىي ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دورا ئىكەن.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتا شۇكى، مەزكۇر ترامادول ھىدروخلورىد ئاللىقچان دۆلەت تەرىپىدىن رىتسىپسىز سېتىشقا بولمايدىغان، رىتسىپىسىز ئىشلىتىشكە بولمايدىغان، بولۇپمۇ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە سېتىشقا بولمايدىغان دورىلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن تۇرسىمۇ، ياش - ئۆسمۈر قېرىنداشلىرىمىز بۇ دورىنى نەدىن تېپىپ ئىستېمال قىلىدىغاندۇ ؟! ... شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ( دورىخانا خۇجايىنلىرى، دورا ساتقۇچى ) كۆڭلى زەھەردىن قارا ، مانا بۇ كىشىلەر جەمئىيەت ئۈچۈن زەھەردىنمۇ ئېغىر ئاپەت !
بولدى بەس ! قېرىندىشىم، ئېنىم ، سىڭلىم ، ئەمدى بۇ ترامادول ھىدروخلورىد نى قالايمىقان يېمەڭ ! خۇمار بولۇپ قالغان بولسىڭىز، قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، بۇ زەھەرسىمان دورىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇشقا ھەرىكەتكە كېلىڭ ! قاراپ تۇرۇپ ئۆزىڭىزنى نابۇد قىلماڭ ! كەلگۈسىڭىزنى ھە دېگەندە قاراڭغۇ - زۇلمەت ئىچىگە ئىتتىرمەڭ ! ....


بۇدورىنى ئىستىمال قىلىۋاتقان بىرياشنىڭ  بىرزات شىپاخانىسىغا يازغان خېتى


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىر زات ئەپەندى ..مەن سىزنىڭ بىلوگىڭىزنى ئىزچىل كۆرۈپ كېلىۋاتقانلاردىن بىرى ...(ئۇلۇغ خۇدا ئۆمرىڭىزنى ئۇزۇن قىلسۇن ) ...ھەممە تېمىڭىزنى ئاساسەن كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن ...ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك ،مەن بۇ يىل 18 ياش ،ئۆزۈم ئۈرۈمچىدىن ،ئوقۇغۇچى ..سىز تېۋىپ بولغاچقا چوقۇم بىلىسىز ،يەنسۇەن چۈمادو دەپ بىر دورا بار ..جىددى ئاغرىقلارغا ،ئوپىراتسىيەدىن يېڭى چىققانلارغا ئىشلىتىدىغان ...دىسەم دېمىسەم بۇ دورىنى مەن دېمەتلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ ..مەن مۇشۇ دورىغا ئۆگىنىپ قالغان .يەۋاتقىلى 2 يىل بولدى ..دەسلەپتىكى يېرىن يىلدا كۈندە بىر قاپ (10تال)يەيتىم .بارا -بارا ئۆزۈمنى تىزگىنلەپ ئارلىقتا يېرىم يىلدەك يىمىدىم ....يېقىندىن بۇيان يەنە يەۋاتىمەن ..لېكىن ھازىر كۈنىگە 2تال يەۋاتىمەن ..بۇ دورىنى يىسە كەيىپ قىلىدۇ ..مەن ئەزەلدىن كەيىپ_ساپاغا يېقىن يولىمايتىم ..لېكىن بىر دوستۇم يەپ باق دەپ بىر قېتىن يەپلا داۋاملىق يەيدىغان بۇلۇپ قالدىم ..ئارلىقتا جىق يەۋىلىپ ئاق چېكىۋالغان ئادەمدەك قېتىپ قېلىش ئالامەتلىرىمۇ كۆرۈلدى ..يىمەي دەپ ئۆزۈمنى شۇنچە چەكلەپ باقمىدىم ..لېكىن يىمىسەم ئىچىم پۇشۇپ ،نىمىلا ئىش قىلسام زېرىكىشلىك ھېس قىلىپ ،پۈتۈن بە ئاغرىغاندەك ھېس قىلىدىغان بولغاچقا مۇشۇ 2ئاينىڭ ياقى يەنە يەۋاتىمەن ...مەندىكى ھازىرقى ئالامەتلەر  ئويلايدىغان نەرسە بەك كۆپ ..ھەمىشە پۇشايمان ۋە تۆۋەن كەيپىياتتىلا يۈرىمەن ..يەپ بۇلۇپلا بەك پۇشايمان قىلىمەن ..ئەتىدىن باشلاپ يىمەيمەن دەيمەنيۇ ،ئەتىسى چۈشلۈك تاماقتىن كېيىنلا يىگىم كىلىپ ،ئۆزۈمنى پەقەت
تۇتىۋالالمايمەن ..ئاخشىمى ئۇيقۇم كەلمەيدۇ ..خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە خىيال سۈرۈپ ياتىمەن ..ئەتىگىنى پەقەت تۇرغۇم كەلمەيدۇ ..كاللام ئېغىرلىشىپ ،ئۇنتۇغاقلىشىپ كەتتىم ..يىمىسەم پۈتۈن بەدىنىم ئاغرىيدۇ ..يەۋالسام ئۇنداق ئەمەس ...بۇ دورا بۆرەك ۋە نېرۋىغا بەكلا زىيانلىق دەپ ئاڭلىغانىدىم ..يېرىم يىل بولدى بېلىم ئاغرىيدۇ..ھەپتىدە بىر قېتىم ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللىنىپمۇ قالىمەن ....سۈيدۈكنىڭ پەقەت بېسىمى يوق ،خېلى ۋاقىت تۇرغاندىن كېيىن ئاندىن سىيىدىغان بۇلۇپ قالدىم ..ئۆزۈمدىن تولا گۇمان قىلىدىغان ،سەپرا مىجەز بۇلۇپ قالدىم ..بەدىنىم بەك ئورۇق ..ئۇخلاپ قوپسام قۇلىقىم چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئاغرىيدۇ ...كەيپىياتىمنىڭ بىر كۈن تولۇق ياخشى بۇلۇپ باققىنىنى بىلمەيمەن ...كاللامدا يۈزمىڭ خىيال ...بەل چارچاش ھېس قىلىمەن ..بۇ دورىنى يەيدىغانلار بەك كۆپ ..بۇلۇپمۇ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ...بەزىدە جېنىمدىنمۇ تويۇپ قالىمەن ..ئېنىقكى ،بۇ شۇ دورىنىڭ تەسىرى ...بىر ئاينىڭ ياقى تولا سىيىدىغان بۇلۇپ قالدىم ..بىر سائەتتە  قېتىم سىيىمەن ...لېكىن پەقەت بېسىم يوق ..سۈيدۈك خېلى ئۇزۇندا ئاندىن چىقىدۇ ...تاماق يېيىشىم نورمال ..تەكشۈرتسەم بۆرەككە سوغۇق ئۆتۈپتۇ ..ئازىراق ياللۇغلىنىش بار ئىكەن دەپ دورا بەردى ،،،لېكىن دورىلارنىڭ پەقەت ئۈنىمى بولمىدى ...مۇشۇ دورىنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلىدىغان ،كەيپىياتنى تەڭشەيدىغان ،بەدەننى كۈچلەندۈرىدىغان ،مېنىڭ يۇقارقى
كېسەللىك ئالامەتلىرىمدىن قۇتۇلۇشقا چارە بارمىدۇ ؟؟بۇنىڭ ئۈچۈن مەندىن نىمە كەتسە مەيلى ...ياردەم قىلسىڭىز ...ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا بۇخىل دورىلار ئومۇميۈزلۈك ئەۋج ئالدى ...بۇنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىمىزغا ،بالىلىق بۇلۇشىمىزغا ،بەدەن سۈپىتىمىزگە چوقۇم قاتتىق زىيىنى بار ..لېكىن بىلىپ تۇرۇپ قول ئۈزەلمەيۋاتىمىز ..بۇ مېنىڭلا ئەمەس ،مۇشۇ خىل دورلارنى ئىستىمال قىلىۋاتقان بارلىق ياشلارنىڭ ئىلـىجاسى ...يول كۆرسەتسىڭىز ..دورا بېرەمسىز ياكى باشقا خىل ئۇسۇل بولامدۇ قايسى بولسا مەيلى ...مۇشۇ دورىنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇپ ،بەدەننى ئەسلىدىكى ياخشى ھالەتكە ئەكەلگىلى بولىدىغانلا ئىش بولسا ،مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن دىگىنىڭىزنى قىلىمەن ۋە ئەتراپىمدىكى بۇ دورىنى ئىستىمال قىلىدىغانلارغا تەۋسىيە قىلىمەن ..ئېنىقكى بۇنى يەۋاتقان ھەر قانداق ئادەم زىيىنىنى بىلىدۇ ..بىلىپ تۇرۇپ يەيدۇ .يەپ بۇلۇپلا قاتتىق پۇشايمان ئىچىدە قالىدۇ ...مېنىڭ ۋە بىزنىڭ بۇنداقلا تۈگەشكىمىز يوق ...ياردەم قىلسىز!!!!
[ بۇ يازما udun تەرىپىدىن 2008-12-13 23:56 دە قايتا ]
سۆيىمەن ئۇيغۇرنى مەڭگۈ!
| ۋاقتى : 2008-11-13 22:18 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 799ـ كۆرۈرمىنى
erdewil

دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1774
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 217
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە217دانە
شۆھرىتى: 898 نومۇر
پۇلى: 2470 سوم
تۆھپىسى: 25 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :97(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-01-21
ئاخىرقى : 2009-01-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇ دورا يەنە ترامال دەپمۇ ئاتىلىدۇ
بۇ دورىنىڭ خەنزۇچە ماترېيالىنى بۇ يەردىن كۆرۈپ بېقىڭلار:http://baike.baidu.com/view/460441.htm
بۇ دورىنى يېقىندا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قارا تېزىملىككە كىرگۈزى ھەم نېمە ئۈچۈن كىشىنى خۇمار قىلىدىغانلىق توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.چوقۇم دوختۇر كۆرسەتمىسى ئاستىدا ئىشلىتىش كېرەك.
سۆيىمەن ئۇيغۇرنى مەڭگۈ!
| ۋاقتى : 2008-11-14 10:36 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 799ـ كۆرۈرمىنى
artunga

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 5332
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە14دانە
شۆھرىتى: 15 نومۇر
پۇلى: 140 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :8(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-10-20
ئاخىرقى : 2008-12-18

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇ بىر دېققەت قىلىشقا تىگىشلىك مەسلىكەن جۇمۇ... قارىغاندا بۇ دورىنىڭ زەھەردىن پەرقى يوقكەن...
| ۋاقتى : 2008-11-14 10:52 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 799ـ كۆرۈرمىنى
ALDIRAX

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 6341
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە1دانە
شۆھرىتى: 2 نومۇر
پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-11-14
ئاخىرقى : 2008-12-02

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ھەي قېرىنداشلار بۇ نىجىز دۇرىنى ھەرگىز يەپ سالماڭلار ، يۇقارقى تېممادىكىدەك مەنمۇ شۇنداق تەستە تاشلىغان بۇ نىجىزنى ،  مەندىمۇ خىروئىنغا خۇمار بولۇپ قالغاندىكىگە ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلىگەن. دوسلۇرۇم ، ۋە قىز دوستۇمنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئاخىرى تاشلىدىم ، تاشلاش ئۈچۈن ئادەم شۇنچىلك قىينلدۇكى ھازىر ئويلىساممۇ بەدەنلىرىم شۈركىنىپ كىتىدۇ ، بىزنىڭ بۇ كىچىككىنە ناھيىدە ئۇ دۇرىنى چەكلىگەندىن كىيىن ئاران تاشلىدىم ، پۈتۈن بەدەننىڭ ئۇستىخانلىرى قاتتىق كىيىشىپ ئاغرىيدۇ ،بىر مەزگىل قاتـىتـق ھاراق ئىچىپ يۈرۈپ ئاران تاشلىدىم ، ھازىر بەدەن سالامەتلىكىم شۇنداق ياخشى ، ئەزىز قېرىنداشلىرىم مەندىىن ساۋاق بولسۇن بۇ نىجىز دۇرىنى ھەرگىز يىمەڭلار !!!!!!
yol
| ۋاقتى : 2008-11-14 21:14 3 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 799ـ كۆرۈرمىنى
toghraq

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 6612
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە4دانە
شۆھرىتى: 5 نومۇر
پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-11-19
ئاخىرقى : 2008-11-20

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

  ھاراقنى تۈگىتەلمەي تۇرۇپ خىروئىن چىققان ئىدى . ئەمدى بۇ نىجىس چىقسا ........بىز ئۆزىمىزنى ئەزرائىلنىڭ ئالقىنىغا تاشلاپلا "ئالە ! سەن ئالىدىغان جان مۇشۇمىدى . ئالساڭمۇ ئالىسەن بۈگۈن ، ئالمىساڭمۇ ئالىسەن " دەپ ئۇششۇقلۇق قىلغىلى قوپتۇقمۇ نېمە؟
| ۋاقتى : 2008-11-20 00:12 4 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 799ـ كۆرۈرمىنى
udun

دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1168
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 494
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە494دانە
شۆھرىتى: 503 نومۇر
پۇلى: 5020 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :260(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-12-27
ئاخىرقى : 2008-12-14

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇ تېمىنى ئۆچۈرىۋەتمەڭ، ماڭا ئوخشاش ئورخۇندىن باشقا مۇنبەرنى كۆرمەيدىغانلارغا بەك ئوبدان بولغىدەك. بۇ تېما تۇرىۋەرسۇن، مەن رەڭلەپ قويدۇم، بۇ مەلۇماتىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت.
yol
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
| ۋاقتى : 2008-12-14 00:05 5 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.178734(s) query 4, Time now is:01-11 12:18, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation