بۇ بەتتىكى يازما : دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ئاخبارات قانداق بارلىققا كەلگەن؟ بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

UyghurQizi
تۈنۈگۈن- تارىخ، ئەتە-كەلگۈسى، بۈگۈننى قەدىرلە.
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-05
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ئاخبارات قانداق بارلىققا كەلگەن؟

دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ئاخبارات قانداق بارلىققا كەلگەن؟

        1969 – يىلى نىكسون ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئۇتقاندىن كېيىن، كۆڭلىگە مۇنداق ئىككى ئىشنى پۈكتى: بىرى، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغىدەك بىرەر ئىش قىلىپ، تارىختا نام قالدۇرۇش؛ يەنە بىرى، ئۇدا زۇڭتۇڭ بولۇشنىڭ ئامالىنى قىلىش. دىپلوماتىيە سىياسىتىدە بولسا، جۇڭگو بىلەن يارىشىش نىيىتىگە كەلدى. شۇڭ دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ئاخبارات قانداق بارلىققا كەلگەن؟


بۇ بەتتىكى يازما : دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ئاخبارات قانداق بارلىققا كەلگەن؟ بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

UyghurQizi
تۈنۈگۈن- تارىخ، ئەتە-كەلگۈسى، بۈگۈننى قەدىرلە.
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-05
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ئاخبارات قانداق بارلىققا كەلگەن؟

دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ئاخبارات قانداق بارلىققا كەلگەن؟

        1969 – يىلى نىكسون ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئۇتقاندىن كېيىن، كۆڭلىگە مۇنداق ئىككى ئىشنى پۈكتى: بىرى، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغىدەك بىرەر ئىش قىلىپ، تارىختا نام قالدۇرۇش؛ يەنە بىرى، ئۇدا زۇڭتۇڭ بولۇشنىڭ ئامالىنى قىلىش. دىپلوماتىيە سىياسىتىدە بولسا، جۇڭگو بىلەن يارىشىش نىيىتىگە كەلدى. شۇڭا ئۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن، دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى دوكتۇر كىسىنگىرگە «جۇڭگولۇقلار بىلەن قايتا ئۇچرىشىش ئىمكانىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش» بۇيرۇقى چۈشۈردى.
        1970 – يىلى ئۆكتەبىرنىڭ بېشىدا نىكسون جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى قاتمال ۋەزىيەتنى بۇزۇپ ئاشكارا سورۇندا مۇنداق دېدى: «ئەگەر مېنىڭ ئۆلۈشتىن ئىلگىرى قىلىشقا تېگىشلىك بىرەر ئىشىم بار دېيىلسە، ئۇ چوقۇم جۇڭگوغا بېرىشتىن ئىبارەت. ئەگەر مەن بارالمىسام، بالىلىرىمغا ۋەسىيەت قالدۇرىمەن». شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئامېرىكىغا ب د ت نىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلىگىلى بارغان يەھياخان ۋە چىئوسېسكولارغا بۇ مەقسىدىنى جۇڭگو رەھبەرلىرىگە يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئۆتۈندى.
        ئامېرىكىنىڭ ئۇچۇرىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، رەئىس ماۋزېدۇڭ «جۇڭگو – ئامېرىكا ئىككى دۆلەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ھوقوقدارلىرى بىلەن سۆزلىشىش كېرەك» دەپ قارىدى ھەمدە 1970 – يىلى ئاۋغۇستتا ئامېرىكىلىق دوست سىنو ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسىنى جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلىپ، جۇئېنلەيگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى تاپىلىدى. ئۇ 1- ئۆكتەبىر تيەنئەنمېندە سىنو بىلەن قول تۇتۇشقان ھالدا يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 21 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى. يەنە 18 – دېكابىر سىنونى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ئەگەر نىكسون خالىسا، مەن ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشنى خالايمەن، ئۇ ساياھەتچى سۈپىتى بىلەن كەلسىمۇ ياكى زۇڭتۇڭلۇق سۈپىتى بىلەن كەلسىمۇ بولىۋېرىدۇ. قىسقىسى، ئۇ قانداق سالاھىيەت بىلەن كەلسۇن، مەن ئۇنىڭ بىلەن جېدەللەشمەيمەن، ئەمما تەنقىد قىلىش توغرا كەلسە ئاياپ قويمايمەن!»
        جۇئېنلەي زۇڭلى 1971 – يىلى 21 – ئاپرېل پاكىستاننىڭ زۇڭتۇڭى ئارقىلىق ئامېرىكىغا مۇنداق تەكلىپ بەردى: «جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئامېرىكا جۇڭگونىڭ تەيۋەن ۋە تەيۋەن بوغۇزى رايونىدىكى بارلىق قوراللىق كۈچلىرىنى چېكىندۈرۈشى كېرەك. بۇ ئاچقۇچلۇق مەسىلىنى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىۋاستە مەسلەھەتلەشكەندىلا، ئاندىن ھەل قىلغىلى بولىدۇ. شۇڭا جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى دوكتۇر كىسىنگىرنى ئاشكارا قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ.
        نىكسون بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، 29 – ئاپرېل قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «دوكتۇر كىسىنگىر جۇئېنلەي زۇڭلى ياكى جۇڭگونىڭ باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بىلەن مەخپىي تەييارلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزسە بولىدۇ، جۇڭگو تەرەپ قوشۇلسا كىسىنگىر 15 – ئىيۇندىن كېيىن جۇڭگوغا بارىدۇ» دېدى.
جۇڭگو كىسىنگىرنى ئاشكارا قوبۇل قىلىشنى خالىدى. رەئىس ماۋزېدۇڭ: «كېلىدىغان بولغاندىكىن ئاشكارا كەلسۇن، يوشۇرۇن كېلىشنىڭ نېمە ھاجىتى!» دېدى. جۇئېنلەي زۇڭلى 31 – ماي يەھياخان ئارقىلىق نىكسونغا مۇنۇلارنى يەتكۈزدى: نىڭسون زۇڭتۇڭنىڭ 1971 – يىلى 29 – ئاپرېل، 17 – ماي ۋە 22 – ماي بەرگەن ئاغزاكى ئۇچۇرىنى ئەستايىدىل ئويلاشتۇق ھەمدە رەئىس ماۋزېدۇڭغا نىكسون زۇڭتۇڭنىڭ بېيجىڭدا زىيارەتتە بولۇش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشقا تەيييارلىنىۋاتقانلىقىنى، جۇڭگو رەھبەرلىرى بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىدىغانلىقىنى دوكلات قىلدۇق. رەئىس ماۋزېدۇڭ مىكسون زۇڭتۇڭنىڭ زىيارەتكە كېلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، دوكتۇر كىسىنگىر مەخپىي تەييارلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن 15 – ئىيۇندىن 20 – ئىيۇنغىچە بولغان مەزگىلدە جۇڭگوغا كەلسە بولىدۇ.
        2 – ئىيۇن كەچتە، كىسىنگىر بۇ ئۇچۇرنى نىكسونغا يەتكۈزگەندە، ئۇ ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ كەتتى ۋە «بۇ 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تاپشۇرۇپ ئالغان ئەڭ مۇھىم ئۇچۇر» دېدى.
        پاكىستان زۇڭتۇڭى يەھياخاننىڭ ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىسىدا كىسىنگىر 1971 – يىلى 9 – ئىيۇل سائەت 12:00 دە بېيجىڭغا كېلىپ، 11 – ئىيۇل سائەت 13:00 تە بېيجىڭدىن ئايرىلدى، بېيجىڭدا پەقەت 48 سائەتلا تۇرۇپ، جۇئېنلەي زۇڭلى بىلەن 17 سائەتتىن كۆپرەك سۆھبەتلەشتى ۋە گۇگۇڭ سارىيىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى، بىرلەشمە ئاخباراتنى مۇزاكىرە قىلدى. جۇئېنلەي زۇڭلى سۆھبەت ئەھۋالىنى رەئىس ماۋزېدۇڭغا دوكلات قىلغاندا، ماۋزېدۇڭ بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى:
        1. زۇڭلى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەندە يەنىلا بىر ئاز قوشۇننى ساقلاپ قالماقچى بولغانلىقىنى ئېيتقاندا، ماۋزېدۇڭ مۇنداق دېدى: مايمۇن ئادەمگە ئۆزگىرىشكە تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن تېخىچە ئۆزگىرىپ بولالمىدى، يەنىلا قۇيرۇقى قېپقالدى، تەيۋەن مەسىلىسىدىمۇ قۇيرۇق قالدى. ئۇ مايمۇن ئەمەس، ئادەمسىمان مايمۇن، قۇيرۇقى ئۇزۇن ئەمەس.
        2. ئامېرىكىنىڭ ھىندىچىندىن قوشۇن چېكىندۈرمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتقاندا، رەئىس ماۋزېدۇڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا قايتا ئادەم بولۇشى كېرەك. دومىنو قارتىنىڭ نېمە مەنىسى بار؟ كىسىنگىرنىڭ ئىنگلىزچە سەۋىيىسى بىزنىڭكىدىن كۆپ ياخشى، ئاشۇنداق قارتا ئويۇنىنى يىغىشتۇرۇۋالسا بولىدۇ، ئۇ تەدرىجىي تەرەققىيات ئەمەسمۇ! ئەلۋەتتە، ئۇنى ئۇرمىساڭ يىقىلمايدۇ، بىز ئۇرمىساق، باشقىلار ئۇرىدۇ. ئامېرىكا ۋېتنامدىن ئەسكەر چېكىندۈرمەكچى بولغاندا، تەيۋەن ھودۇقمىدى. تەيۋەن ئۇرۇش قىلمىدى، ۋېتنام ئۇرۇش قىلدى، ئادەم ئۆلۈۋاتمامدۇ؟ بىز نىكسوننىڭ ئۆزى ئۈچۈنلا كەلمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز.
        3. ياپونىيە مەسىلىسىنى دوكلات قىلغاندا، رەئىس ماۋزېدۇڭ مۇنداق دېدى: كىسىنگىرگە دۇنيا قالايمىقان، ۋەزىيەت چوڭ ياخشى دېيىش كېرەك، كونكرېت مەسىلىلەرنى سۆزلەشمەيلى. ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى، ياپونىيە بىرلىشىپ جۇڭگونى بۆلۈۋەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ، بىز بۇنىڭغا تەييارلىق قىلىپ قويدۇق، بىز مۇشۇ ئاساستا ئۇنى كېلىشكە تەكلىپ قىلىمىز.
      ئەتىسى كىسىنگىر جۇزۇڭلى بىلەن نىكسوننىڭ جۇڭگوغا قىلىدىغان زىيارىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئاخباراتنى كەچتە مەسلەھەتلىشىشكە كېلىشكەنىدى.
        يې جيەنيىڭ، خۇاڭ خۇا، شيۇڭ شياڭخۇي قاتارلىقلار رەئىس ماۋزېدۇڭغا دوكلات قىلغاندا، ماۋزېدۇڭ ئىككى تۈرلۈك پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى:
        1. كىسىنگىرنىڭ: «ئامېرىكا جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلمايدۇ، جۇڭگو ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرىدىغان قوشۇنىنى شىمالغا يۆتكەپ كەتسۇن» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغاندا، رەئىس ماۋزېدۇڭ مۇنداق دېدى: ئۇلار بىزدىن قوشۇننى شىمالغا يۆتكەپ كېتىشىمىزنى تەلەپ قىلىپتۇ – دە! ئىلگىرى بىز شىمالغا يۈرۈش قىلغان، كېيىن جەنەپقا يۈرۈش قىلدۇق، ھازىر شىمالدىن كېلىپ شىمالغا، جەنۇپتىن كېلىپ جەنۇپقا يۈرۈش قىلىۋاتىمىز.
        2. ئىككى تەرەپ پارىژنى ئالاقىلىشىش يولى قىلىشنى مەسلەھەتلىشىپ بېكىتكەنلىكى دوكلات قىلىنغاندا، رەئىس ماۋزېدۇڭ مۇنداق دېدى: سىز كىسىنگىرگە بيۇروكرات ئاپپاراتتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ ھاجىتى يوق دەڭ، ۋارشاۋا بيۇروكرات ئاپپارات، بىزنىڭ پارىژدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىمىز بيۇروكرات ئاپپاراتمۇ – ئەمەسمۇ؟ سىلەر دائىملىق ياكى ۋاقىتلىق تۇرىدىغان ئالاقىچى ئەۋەتىشنى ئويلاشماڭلار، كىسىنگىرگىلا تايىنىڭلار. ھازىر ئۇنىىڭ دېگىنى بويىچە ئىش قىلىڭلار، بىز باغقىلارنى زورلىمايمىز، پارىژنى ئالاقە يولى قىلىڭلار!
        ئاخبارات مەسىلىسىنى سۆزلىشىدىغان چاغدا جۇزۇڭلى يېتىپ كەلدى. كىسىنگىر سۆھبەت جەريانىدا بۇ قېتىمقى زىيارىتىنى ئۇزاققىچە مەخپىي تۇتۇشنىڭ تەسلىكىنى، ئاخباراتنى ۋاختىدا ئېلان قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. شۇڭا ئورتاك پىكىرگە كېلىنگەن ئاخباراتنى تەييارلاش ۋە نىكسون زۇڭتۇڭنىڭ جۇڭگونى زىيارەت قىلىش ئىشىنى بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلىشنى مەسلەھەتلىشىپ بېكىتىش زۆرۈر بولۇپ قالغانىدى. ماۋزېدۇڭ ئاخباراتنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: نىكسوننىڭ زىيارەتكە كېلىشىدە ھېچكىم پاسسىپلىق قىلمىدى، ھەر ئىككى تەرەپ تەشەببۇسكار بولدى. ئاخباراتقا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغانلىقىمنى يازماسلىق كېرەك، جۇگېلياڭنىڭ ھۈنىرىنىڭ بىرەرىنى ئېلىپ قېلىش تاكتىكىسىنى ئۆگىنىش لازىم.
        دوكلات قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كەچ سائەت 10:15 ئۆتكەندە جۇزۇڭلى كىسىنگىر بىلەن كۆرۈشۈپ مۇنداق دېدى: «بەك كەچ بولۇپ كەتكەچكە كەلمەي دېگەنىدىم، كېيىن سىزنىڭ ھېلىمۇ ساقلاۋاتقانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ كەلدىم. بۇ قېتىم ئۇ ئۈچلا ئىشنى سۆزلىدى». بىرى، خۇاڭ خۇا، جاڭ ۋېنجىننىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئاخباراتنىڭ نۇسخىسى ئۈستىدە سۆزلىشىدىغانلىقى؛ ئىككىنچىسى، ماڭىدىغان ۋاقىتنى بېكىتىش؛ ئۈچىنچىسى، ئامېرىكىغا ئۈنئالغۇغا ئالماسلىقنى ئۇقتۇرۇش. خۇاڭ خۇا ئاخباراتنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ئۈستىدە كىسىنگىر بىلەن سۆزلەشتى، لېكىن نەتىجىسى بولمىدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئىختىلاپى مۇنداق ئۈچۈ تەرەپتە ئەپادىلەندى: بىرىنچى، نىكسوننىڭ جۇڭگونى زىيارەت قىلىشىنى كىمنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغانلىقى؛ ئىككىنچىسى، سۆھبەتتە قايسى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش؛ ئۈچىنچىسى، زىيارەتكە كېلىدىغان مۇۋاپىق ۋاقىت.
        ئەسلىدىكى نۇسخىدا، بىرىنچى نۇقتا «نىكسون جۇڭگنى زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، بىز ئۇنى تەكلىپ قىلدۇق» دېيىلگەنىدى. كىسىنگىر بۇنىڭغا قوشۇلمىدى. ئۇ بۇنداق يازساق «كىشىلەرگە ساياھەتچىدەك كۆرۈنۈپ قالىدۇ» دېدى. جۇزۇڭلىمۇ: «ئەگەر نىكسون تەلەپ قىلغاچقا بىز تەكلىپ قىلدۇق دېسەك، ئۇلارنىڭ يۈزىگە سەت بولىدۇ» دەپ ئويلىدى، شۇڭا ئۇنىڭ زىيارەت قىلىش ئويى بارلىقىدىن «خەۋەر تېپىپ»، بىز تەكلىپ قىلدۇق دەپ ئۆزگەرتىپ، كىمنىڭ تەشەببۇسكار بولغانلىق مەسىلىسىنى سۇسلاشتۇردى.
        ئەتىسى ماۋزېدۇڭ ئاخبارات نۇسخىسىنى كۆرۈپ رازى بولدى ۋە: «ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرۇش» دەپ ياخشى يېزىلىپتۇ، چۈنكى بىز ئۆزىمىزنىڭ مەسىلىسىگىلا كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرالمايمىز. ئاخبارات ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا، دۇنيا زىلزىلىگە كېلىدۇ، نىكسون ماينىڭ كېلىشىنى ساقلاپ تۇرمايلا كېلىشى مۈمكىن، بالدۇر كەلسە تېخى ياخشى! دېدى. ئاخباراتقا رەئىس ماۋزېدۇڭ قوشۇلغاندىن كېيىن، جۇزۇڭلى سائەت 9:40 تا، خۇاڭ خۇانى كىسىنگىر بىلەن داۋاملىق مەسلەھەتلىشىشكە ئەۋەتتى. كىسىنگىر ئاخباراتنىڭ نۇسخىسىنى كۆرگەندىن كېيىن: جۇڭگو باشقىلارنىڭ ھالىغا يېتىدىكەن، ئامېرىكىنىڭ پىكرىنى نەزەردە تۇتۇپ يېزىپتۇ، بىزنىڭ تەلىپىمىزگە يېقىنلىشىپتۇ، دەپ دەرھال قوشۇلدى، لېكىن تەكلىپنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئالدىغا «خۇشاللىق بىلەن» دېگەن سۆزنى قوشۇشنى تەكلىپ قىلدى. ئاخباراتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق بولدى: «جۇئېنلەي زۇڭلى بىلەن مىكسون زۇڭتۇڭنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى دوكتۇر كىسىنگىر 1971 – يىلى 9 – مايدىن 11 – مايغىچە بېيجىڭدا سۆھبەتلەشتى، نىكسون زۇڭتۇڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى زىيارەت قىلىش ئارزۇسى بارلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، جۇئېنلەي زۇڭلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن نىكسون زۇڭتۇڭنى 1972 – يىلى مايدىن بۇرۇن مۇۋاپىق ۋاقىتتا جۇڭگوغا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلدى، نىكسون زۇڭتۇڭ بۇ تەكلىپنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى.
        جۇڭگو – ئامېرىكا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى ئىككى دۆلەت كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئىككى تەرەپ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ».
        بۇ ئاخبارات گەرچە 200 خەتكە يەتمىسىمۇ، لېكىن ئۇنى تەييارلاشتىن تارتىپ كېلىشىم ھاسىل قىلىنغىچە ناھايىتى تەسكە توختىدى. ئىككى تەرەپ 15 – ماي بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلىشنى مەسلەھەتلىشىپ بېكىتتى. 11 – ماي چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن كىسىنگىر ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ پاكىستانغا قايتتى، ئۇنى «ئۈمى ئېلىپ كېلىپ، دوستلۇقىنى ئېلىپ قايتتى» دېيىشكە بولاتتى. 15 – ماي بۇ ئاخبارات ئېلان قىلىنىش بىلەن پۈتۈن دۇنيا ھەقىقەتەن زىلزىلىگە كەلدى.

                                   مۆمىن روزى تەرجىمىسى.
                «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» 2007 – يىل 7 – نويابىر سانى.

bilqut
Posted: 2007-11-25 12:14 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » جۇڭگو تارىخى

Total 0.067921(s) query 3, Time now is:02-15 08:24, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation