Boran
دەرىجىسى : شەرەپلىك ئەزا


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-05
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 گومىنداڭنىڭ شىنجاڭغا كىرىشى ھەققىدە

  گومىنداڭنىڭ شىنجاڭغا كىرىشى ھەققىدە

        ① مەبلەغ مەسىلىسى توغرىسىدا. سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ جۇڭگو-سوۋېت ئىككى تەرەپ تەڭ ئۈستىگە ئېلىپ، %50تىن چىقىرىش كېرەك. ② شىركەتنى باشقۇرۇش مەسىلىسى توغرىسىدا، مۇدىرىيەتكە ئىككى تەرەپ ئۈچتىن ئادەم ئەۋەتىدۇ، يىغىن ئاچقاندا، رەئىسلىكىنى نۆۋەتلىشىپ ئۈستىگە ئالىدۇ، رەسمىي دېرىكتور سوۋېت ئىتتىپاقىدىن تەيىنلىنىدۇ. ③ قانۇن مەسىلىسى، سوۋېت تەرەپ ھەرقانداق قانۇن كىلىشىمىنىڭ پىرىنسىپىي ياكى بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، قوللىنىشقا بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. ④ يەر بۆلىكى مەسىلىسى توغرىسىدا«شىركەتكە كېرەكلىك بولغانلىكى يەر بۆلىكىنى پۇل ئالماي شىركەتكە ئاجرىتىپ بىرىش كېرەك» سوۋېت تەرەپ ۋەكىللىرى: «ئەگەر جۇڭگو تەرەپ يۇقىرىقى تۆت نوقتىنى قوبۇل قىلمىسا، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى، بۇ دىلونى ھەل قىلىشنىڭ باشقا ئۇسۇلى يوق دەپ قارايدۇ» دېدى. جۇڭگو تەرەپ سوۋېت تەرەپكە ئەسكەرتىپ: «بۇ كان جۇڭگو زىمىنىدا، نىفتىمۇ جۇڭگونىڭ ئىگىدارچىلىقىدا» دەپ، سوۋېت تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان تۆت تۈرلۈك تەلەپنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى[41]. 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقى شىڭ شىسەيگە ئۈرۈمچى ئايرۇپىلان ياساش زاۋۇتى ئىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرىغانلىقىنى ئۇختۇرغاندا، مايتاغ نىفتىلىكى توغرىسىدا بىر نېمە دىمىگەن ئىدى. ئەمما جىياڭ جېشى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن كۆرۈشۈشكە ئەۋەتكەن ھەم سوۋېت ئىتتىپاقى ئايرۇپىلان زاۋۇتى ۋە نىفىتلىك ئۈسكىنىلىرىنى سېتىپ بىرىشنى ئۈمىت قىلىدىغانلىقىنى، جۇڭگو تەرەپنىڭ سوۋېت تەرەپ بىلەن ئۈسكىنە ۋە تېخنىكا جەھەتتە ھەمكارلىشىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن[42]. سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ جۇڭگو تەرەپنىڭ مايتاغ نىفىتلىكىگە بولغان پوزىتسىيىسىگە دىققەت قىلغان. 5-ئاينىڭ 17-كۈنى، فەن يۇشىن جۇڭگو تەرەپكە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مايتاغ نىفىتلىكىدىكى ئۈسكىنىلەرنى چۇۋۇپ سوۋېتقا يۆتكەپ چىقىپ كىتىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئۇختۇرغان. جۇڭگو تەرەپ سوۋېت تەرەپنىڭ نېفىت قۇدىقىدىن يۈرۈشلەشكەن تۇربىلارنى ئالغاندا، ئۇ يەرگە سىمونت تولدۇرىۋەتمەي، يەر ئاستى سۈيىنىڭ نېفىت قاتلىمىغا ئۆرلەپ، نىفىتلىكىنى بۇزىۋىتىشتىن ئەنسىرىگەن. ئەمەلىيەتتە بۇ ئوشۇقچە ئەندىشە بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى نېفىت قۇدىقىدىكى يۈرۈشلەشكەن تۇربىلارنى قالدۇرۇپلا قويماستىن، بەلكى نېفىت قۇدىقىنى تۆمۈر قاپقاق بىلەن ئىتىپ، ئەتراپنى بۇرما مىخ بىلەن مۇستەھكەملىۋەتكەن. شۇندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى نېفىت قۇدىقى ئۈسكىنىلىرى، ئۆيلەرنى ئۆتۈنۈپ بىرىشتە، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەمكارلاشقان ھەم دەسلەپكى 2مىليون 510 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ باھاسىنى 1مىليون 700مىڭ يۈەنگە تۆۋەنلەتكەن، جۇڭگو تەرەپ «سوۋېت تەرەپ يول قويغان باھا بەك چوڭ بولدى[43]» دەپ قارىغان. جۇڭگو تەرەپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نىفىتلىك ئۈسكۈنىلىرىنى تۆۋەن باھادا ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىكىنى «چىكىنىپ چىقىپ كىتىشكە ئالدىراشچىلىق كەلتۈرۈپ چىقاردى»[44] دەپ ھۆكۈم قىلغان. تاكى 1945- يىلى 9-ئايغىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىلىنىڭ مايتاغ نىفىتلىكىنى ئىگەللىۋىلىشنى قوللىغاندىن كىيىنلا، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئاندىن ھوشۇنى تىپىپ، سوۋېت تەرەپنى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ 1مىليون 700مىڭ ئامېرىكا دوللىرىنى ئالداپ ئېلىۋالدى ھەم جۇڭگونىڭ نىفىتىنى قانۇنسىز قازدى دەپ تىللىغان[45].
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قۇمۇلدا تۇرۇشلۇق قىزىل 8-تۈەنى، 1937- يىلى 1-ئايدا سوۋېت ئارمىيىسى شىڭ شىسەيگە ياردەم بىرىپ ماخۇشەن توپىلىڭىنى تىنجىتقاندىن كېيىن قۇمۇلدا تۇرۇپ قالغان. ئۇ نامىدا بىر تۈەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بىر ئاتلىق قوشۇن ۋە ھاۋا ئارمىيە تارماق ئەترىتى ئىدى[46]. 1942- يىلى 10-ئايدا، شىڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى پوشىگىنغا سوۋېت ھۆكۈمىتىگە بىرىدىغان بىر ئەسلەتمە تاپشۇرۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئۈچ ئاي ئىچىدە شىنجاڭدىكى بارلىق ئارمىيە، تېخنىكا خادىملىرىنى چىكىندۈرۈپ چىقىپ كىتىشنى تەلەپ قىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ بۇنى كەسكىن رەت قىلدى. 1943- يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى، جېياڭ جېشى شىڭ شىسەيگە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئارمىيىسىنىڭ چىكىنىشىنى پىلان بويىچە بىجىرىش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى[47].
ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى ۋاسىيلىقىغا پىلان بويىچە ئىش كۆرۈشنى ئېيتتى. 4-ئاينىڭ 15-كۈنى پوشىگىن شىڭ شىسەي بىلەن جىددىي كۆرۈشۈپ، سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ قۇمۇلدىكى 8-تۈەن ۋە ئۇچقۇچىلار ئەترىتىنى سوۋېتكە قايتۇرۇپ كىتىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئۇختۇردى. 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، سوۋېت ئارمىيىسى تۈر كۈچلەر بويىچە چىكىنىشكە باشلاپ، 11-ئاينىڭ 4-كۈنى تولۇق چىكىنىپ بولدى. جۇڭگو تەرەپ ئىككى مىليون شىنجاڭ پۇلىغا سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ لاگىرىنى سېتىۋالدى. جىياڭ جېشى يەنە سوۋېت ھاۋا ئارمىيىسى ئەترىتىنىڭ قۇمۇلدىن چىكىنىشىدىن ئىبارەت پايدىلىق پۇرسەتنى تۇتۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىلى، ئۈرۈمچى، گۇچۇڭ ۋە قۇمۇلدىكى رادىئو ئىستانىسلىرى ۋە ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ھەم سوۋېت ئايروپىلانلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرىش ھوقۇقىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى[48].
1942- يىلى 10-ئايدا، شىڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىدىن شىنجاڭ قەلەي كېنىدىكى خادىملار ۋە گېئولوگىيە تەكشۈرگۈچىلىرىنى ئۈچ ئاي ئىچىدە چىكىندۈرۈپ چىقىپ كىتىشنى تەلەپ قىلدى. 1943- يىلى 4- ئاينىڭ 10- كۈنى، پوشىگىن شىڭ شىسەيگە شىنجاڭدىكى بارلىق گېئولوگىيە تەكشۈرۈش ئەترەتلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي توختىغانلىقىنى ھەم بارلىق تەكشۈرۈش ئۆمىكى ۋە ئۈسكۈنىلەرنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىكىندۈرۈپ چىقىپ كىتىدىغانلىقىنى ئۇختۇردى. [49] جىياڭ جېىشى سوۋېت تەرەپنىڭ ۋەدىسىدىن يەنىلا خاتىرجەم بولالماي، 5-ئاينىڭ 7-كۈنى شىڭ شىسەيگە ئالاھىتەن يوليورۇق بىرىپ: «ئۇلار  ماشىنلىرىنى چىكىندۈرۈپ چىقىپ كىتىشنى خالىماسلىقى مۇمكىن؛ مېنىڭچە قەلەي كېنىغا ئالاقىدار ئىشتا، ئۇنى تۈپتىن ئەمەلدىن قالدۇرۇش لازىم ھەممە يەردە ماشىنلىرىنى قالدۇرۇپ قويۇپ ئۇنىڭ دۆلەت ھوقۇقىنى زىيانغا ئۇچۇرتىدىغان مەنبەگە ئايلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش لازىم»[50]دېگەن. شىڭ شىسەي جىياڭ جېشىنىڭ يوليورىقىغا ئاساسەن، كىلىشىمدىكى قەلەي كېنىغا ئالاقىدار ھېچقانداق ماشىنا ئۈسكىنىلەرنى سېتىۋالمىدى. سوۋېت گېئولوگىيە تەكشۈرۈش ئۆمىكى ۋە قەلەي كېنى خادىملىرى 6-ئايدىن بۇرۇن دۆلەت ئىچىدىن ئارقا-ئارقىدىن چىكىندى.
سوۋېت ئىتتىپاقى كۈچلىرىنىڭ شىنجاڭدىن چىكىنىشى ئامالسىزلىقتىن بولغان ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى گەرچە 1943- يىلى 2-ئايدا سىتالىگراد ئۇرىشىدا غەلبە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن گېرمانىيە ئارمىيىسى يەنىلا كۈچلۈك قورال كۈچىگە ئىگە بولغاچقا، ياپونىيە گۈەنداڭ ئارمىيىسىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەھدىت سىلىۋاتقاچقا، بۇ چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقى شىنجاڭ مەسىلىسىدە جۇڭگو بىلەن تىركىشەلمەيتتى. ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چىكىنىپ چىقىپ كىتىشى شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ زىمىندىن ۋاز كەچكەنلىكتىن دېرەك بەرمەيتتى، بەلكى يىڭى ئۇسۇل بىلەن شىنجاڭنى تىزگىنلەش ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىۋاتاتتى.

4§. گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشى
جىياڭ جېشى شىڭ شىسەي بىلەن تۈزگەن كىلىشىمگە ئاساسەن، 1943- يىلى 1- ئايدا شىنجاڭدا ئۆلكە پارتىيە بۆلىمى، 3-ئايدا شىنجاڭ ئۆلكىلىك مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىنى تەسىس قىلدى. ئەمما بۇ ئاپپاراتلار پەقەت گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقىغىلا ۋەكىللىك قىلاتتى، شىنجاڭنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى ئۇيان-بۇيان قىلىش ئۈچۈن پەقەت شىنجاڭغا ھەربىي جەھەتتىن سىڭىپ كىرىشكە توغرا كىلەتتى.
«شىنجاڭنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتۇرىۋىلىش ئىستىراتىگىيىسى» دە پىلانلانغان ئۇسۇل بويىچە گومىنداڭ ئارمىيىسى ھەربىي كۈچلىرىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشتىكى قەدەم-باسقۇچلىرى مۇنداق ئىدى: جەنۇبىي شىنجاڭ ئايرودورومى ياساپ، ئايرىدورىمنى قوغداش نامى بىلەن مۇۋاپىق پەيتتە مەركەز ئارمىيىنىڭ 1-قىسمى (بىرىشىدىن ئاز) نى شىنجاڭغا ئورۇنلاشتۇرۇش؛ كىيىن يەنە مۇۋاپىق پەيتتە جەنۇبىي شىنجاڭنى بىرىش باشقرۇش رايونى قىلىپ ئايرىپ ھەربىي تەييارلىق كۆرۈشتىن ئىبارەت[51] ئەمما، سوۋېت ئىتتىپاقى ئالتايدىكى قازاقلارنىڭ توپىلىڭىنى مەخپىي قوللىغاچقا، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ناھايىتى ئاسانلا پاناغا ئىرىشىپ، شىنجاڭغا نۇرغۇن ھەربىي كۈچ يۆتكەشكە باشلىدى.
ئالتاي قازاقلىرى 1940- يىللاردىن باشلاپلا ھۆكۈمەتكە قارشى توپىلاڭ كۆتۈرگەن بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى، تاشقى مۇڭغۇلىيە شىڭ شىسەيگە ياردەم بىرىپ توپىلاڭلارنى قوراللىق باستۇرغان ئىدى. 1942- يىلىنىڭ كىيىنكى يىرىمىدا شىڭ شىسەي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى بۇزۇلغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى، تاشقى مۇڭغۇلىيە ئىلگىركى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپلا قازاقلارنىڭ قوراللىق توپىلاڭ كۆتىرىشىنى قوللىغان ئىدى. ئۇلار قوزغىلاڭچىلارنىڭ كاتتىۋېشى ئوسماننى قورال-ياراق، ئوق-دورا بىلەن تەمىنلىگەن، ھەربىي مەسلىھەتچىسى ئەۋەتكەن. ئوسمان ناھايىتى تىزلا ئۆلكە ئارمىيىسى بىلەن تەڭ ئۇرۇش قىلالايدىغان ئىقتىدارغا ئىرىشكەن. شىڭ شىسەينىڭ جەمئىي 20مىڭ ئەسكىرى بولۇپم ئەسكىرى كۈچىنى زور تۈركۈمدە ئالدىنقى سەپكە يۆتكەپ ئۇرۇش قىلغاندىن كېيىن، ئارقا سەپ بولۇپمۇ ئۈرۈمچى ئەسكەرسىز قالغان، شىڭ شىسەي تۈركۈمگە بۆلىنىپ چىكىنگەن قىزىل سەككىزىنچى تۈەننىڭ قالدۇق قىسمىنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشىدىن قورقۇپ، گومىنداڭ قىسمىنىڭ شىنجاڭغا كىرىپ ئورۇلىشىشىغا رۇخسەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان[52].
1943- يىلى 4-ئايدا، جۇشاۋلىياڭ چىن جۇننى ئالتە يىڭى ئەسكەرلەر تۈۋەنىنى باشلاپ شىنجاڭغا چىقىشقا بۇيرىغان، ئۇلارنى مەشىققە سېلىشنى شىڭ شىسەيگە تاپشۇرغان. شىڭ شىسەي بۇ يىڭى ئەسكەرلەردىن خاتىرجەم بولالماي، ئۇلارنى بىر قانچە رايونغا بۆلۈپ مەشىققە سالغان، ھەربىي ئەمەلدارلارنى مەھكىمە ياكى باشقا ھەربىي ئىشلار تارماقلىرىغا يېزىقچىلىق خىزمىتىگە تۆتكىگەن. بۇ قىسىم پارچە-پارچە بۆلىۋىتىلىپ، ھېچقانداق رولى بولمىغان. 9-ئايدا، شىڭ شىسەي شۇ شۇچىڭنىڭ 18-لۇيىنىڭ قۇمۇلغا كىرىپ، سوۋېت قىزىل 8-تۈەنىنىڭ قالدۇق قىسمى بىلەن قارشىلىشىپ، ئۇلارنىڭ تىزدىن چىكىنىشكە مەجبۇرلاشقا قوشۇلغان. شۇلۇينىڭ ئىكى تۈەنى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر يىڭى ئەسكەر ئىدى. جۇشىياۋلىياڭ يىڭى قىسىمغا قوماندانلىق قىلىشقا ئاسانلىق يارىتىش ئۈچۈن، ۋۇۋيىرالى تېيجۈن باش قوماندانلىقىدا 29-تۈەن قوماندانلىق شىتابىنى قوماندانلىق شىتابىنى قۇردى. 1994- يىلى 3-ئايدا، شىڭ شىسەي يەنە شې يىغنىڭ 45- شى (ئۈچ تۈەن بار) سىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىگە قوشۇلدى. سوۋېت تەرەپنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بۇشى شىنجاڭغا كىرگەندە، قاتناش ساقچى باش ئەترىتى بىرىنچى ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى سۈپىتىدە، قۇمۇل، جىنشى، تۇرپان رايونىغا كىرىپ ئورۇنلاشتى.
1943- يىلىنىڭ كىيىنكى يىرىم يىلدا، شىڭ شىسەي ئۆلكە ئارمىيىسى، ئامانلىقىنى ساقلاش ئەترىتى قاتارلىق قوراللىق 4000 دىن كۆپرەك ئادەم بىلەن ئوسمان قىسىمىنى قورشىۋالدى. ئوسمان ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ تاشقى مۇڭغۇلىيىگە چىكىندى. ئىككىنچى يىلى ئوسمان يەنە قايتا باش كۆتەرگەن بولسىمۇ، يەنىلا شىڭ شىسەي مەغلۇپ قىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى بۇنىڭدىن غەزەپلىنىپ، 1943- يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگو-مۇڭغۇلىيە چىگرىسىدىكى توقۇنىشىنى بانا قىلىپ، ئايروپىلان چىقىرىپ جۇڭگو ئارمىيىسىنى بومباردىمان قىلدى. جىياڭ جېىشى سوۋېت ئىتتىپاقى تۈزگەن «سۈيقەستلىك قىلتاق» نى «ئىش قىلىش پورسىتى دەپ قاراپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شىنجاڭغا تىخىمۇ كۆپ قىسىم كىرگۈزدى. ئۇ روسىيەنىڭ بىزنىڭ شىنجاڭنى بومباردىمان قىلىش، ئارمىيىمىزنىڭ شىنجاڭغا رەسىمىي كىرىپ، ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتۇرىۋىلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى ئەمەسمۇ؟» [53] دېدى.
3-ئاينىڭ 15-كۈنى، جىياڭ جىشى شىڭ شىسەيگە تەسەللىي بىرىپ، ۋەزىيەتتە مەيلى قانداق ئۆزگىرىش بولسۇن، «مەركەزنىڭ چوقۇم مەسئۇل بولىدىغان» [54] لىقىنى ئىپادىلىدى. 19-كۈنى، جۇشاۋلىياڭغا زەمبىرەكلىك 2-تۈەن ۋە زەمبىرەك مۇداپىئە قىسمىدىن بىر لىيەن ئادەم ئاجرىتىپ «چىتەينى مۇداپىيە قىلىشقا ئەۋەتتى» جوشىياۋلىياڭنى «ئايروپىلان بېرىپ ئۆزى پىلانلاش» نى بۇيرىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە باشقا ھەربىي قىسىملارنى شىنجاڭ مۇداپىيەسىگە ئەۋەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە 7-شىنىڭ ئىككى تۈەنىنى ئۈرۈمچىنى قوغداشقا ئورۇنلاشتۇردى، لى تېيجۈننىڭ 29-تۈەن قوماندانلىق شىتابىنىمۇ غەرىپتىن قۇمۇلغا يۆتكىدى. شۇنىڭ بىلەن، گومىنداڭ ئارمىيىسى شىنجاڭنىڭ جەنۇپ شىمالىدىكى ئىستىراتىگىيىلىك مۇھىم جايلارنى كونترول قىلىشىنى تاماملىدى.

5§. »خۇاڭ لىن دىلوسى« گومىنداڭ شىنجاڭنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى بىۋاستە تىزگىنلىشىنى ئىلگىرى سۈردى
1944- يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىڭ شىسەي ئېچىش نامى بىلەن شىنجاڭدىكى گومىنداڭ ئەزالىرىنى كەلسە-كەلمەس قولغا ئالدى. شىنجاڭ ئۆلكىسى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ رۇجىن، ئۆلكىلىك قۇرۇلۇش نازارىتىنىڭ باشلىقى لىن جىيۇڭ، ئۆلكىلىك قۇرۇلۇش نازارىتىنىڭ باشلىقى لىن جىيۇڭ، ئۆلكىلىك گومىنداڭ پارتىيىسى ھەيئەتلىرىدىن تۇڭ شىشۈەن، جاڭ جىجى، لىن بويا ۋە قاتناش مىنىستىرلىكى شىنجاڭ تىرانسىپورت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گۇلىنيې قاتارلىقلارغا ئىلگىرى- كىيىن بولۇپ قولغا ئېلىنغان بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئۇقوغۇچىلىرى ۋە يۇقىرى قاتلامدىكى مىللىي زاتلار بولۇپ، قولغا ئېلىنغان ئادەم نەچچە يۈزگە يەتتى. بۇ دىلو «خۇاڭ لىن دىلوسى» ياكى 11-ئاۋغۇست خۇاڭ لىن دىلوسى» دەپ ئاتالدى. شىڭ شىسەي ئۇلارغا ئوخشىمىغان گۇناھلارنى توقۇغان بولۇپ، خۇاڭ رۇجىن، لىن جىيۇڭ قاتارلىقلار گومىنداڭ پارتىيىسى ئىچىگە سوقۇنۇپ كىرىۋالغان كوممونىستلار بولۇپ، ئۇلار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن، گومىنداڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىدىكى غوللۇق خادىمى بولۇشتىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەرساھە زاتلارنى قۇترىتىپ، شىڭ شىسەي ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۋەتمەكچى بولغان دىيىلگەن.
شىڭ شىسەي گومىنداڭ قىسمى شىنجاڭنى كونترول قىلىپ بولغان ئەھۋالدىمۇ يەنە نېمە ئۈچۈن شىنجاڭدىكى گومىنداڭ كۈچلىرىگە زەربە بىرىشنى مەقسەت قىلغان سىياسىي ئۆزگىرىشنى قىلالايدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى:
شىڭ شىسەينىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى تەھدىتىگە ئۇچرىغان، مىللىتارست بولۇش ئۈچۈن زىمىن كېرەك، زىمىن بولمىسا مىللىتارستمۇ بولمايدۇ. شىڭ شىسەي باش قاتۇرۇپ باشقۇرىۋاتقان شىنجاڭغا گومىنداڭ ئارمىيە كىرگۈزگەندە، شىڭ شىسەي گومىنداڭدىن شىنجاڭغا كىرگەن قىسىمغا قوماندانلىق قىلىش ھوقۇقىنى بىرىشنى تەلەپ قىلغاندا، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ تەلىۋىنى قوبۇل كۆرمىگەن؛ ئامانىق ساقلاش پولىكى تەشكىللەپ، شىنجاڭدىكى ئەسلىدىكى قىسىملاردىن كىڭەيتىش تەلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بۇنىڭغىمۇ رۇخسەت قىلمىغان[55]. شىڭ شىسەينىڭ يېنىدا ياتلار بەخىرامان يۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى شىنجاڭدىكى گومىنداڭ ئەزالىرىنىڭ خورىكى ئۆسۈپ كېتىپ، ئۇنى دىموكراتىكڭ بولمىدى، «ساقچى دۆلەتلىك» ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇردى دەپ ئەيىپلىگەن[56]. ئىزچىل شىنجاڭدا ئۆزىگە خان، ئۆزىگە بەگ بولۇپ كەلگەن بۇ شىنجاڭ خاقانى، قانداقمۇ باشقىلارنىڭ ئۆزىنى باشقۇرۇشقا قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرسۇن؟
2. شىڭ شىسەي گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى شىنجاڭدىن يۆتكىۋەتمەكچى بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. شىڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇپ سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق ئۆچمەنلىكىنى قوزغاپ قويغاچقا، ئۇنىڭ شىنجاڭدىن قوغلىشىمۇ مۇقەررەرلىشىپ قالغان ئىدى. 1944- يىلى 3-ئايدا ئارمىيە سىياسىي بۆلىمى، شىنجاڭ مەسىلىسى سەۋەبلىك جۇڭگو- سوۋېت مۇناسىۋەتنى مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتمەسلىك، جۇڭگو – سوۋېتىنىڭ دوستلىقىدىن ئىبارەت ئومۇمىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ، شىڭ شىسەينى شىنجاڭدىن يۆتكىۋىتىش تەكلىپىنى بەرگەن، تاڭزۇڭمۇ ئوخشاش قاراشتا بولغان[57] 5-ئايدا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىزچىل جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ئۆزلىرىنىڭ شىڭ شىسەينىڭ شىنجاڭدىكى سوۋېتقا قارشى پائالىيەتلىرىگە ئىنتايىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن[58]. 6-ئاينىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، سىتالىن ئامېرىكىنىڭ سوۋېتقا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى فاررىمخان ۋە ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زوڭتۇڭى ھىندى ۋاللاتىسى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشكەندە، شىڭ شىسەينى يۆتكىۋىتىشنىڭ جۇڭگو-سوۋېت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئېيتقان[59]. كىيىن ۋاللاتىس جىياڭ جېشىغا سىتالىننىڭ پەقەت شىڭ شىسەينى شىنجاڭدىن يۆتكىۋەتسەكلا ئالتاي «توپىلاڭ» نى ئۆزلىكىدىن تىنچىيدۇدىگەنلىكىنى ئېيتقان[60]. بىر مەزگىل چۇڭچىڭدا مەركەز شىڭ شىسەينى شىنجاڭدىن يۆتكىۋىتىدىكەن دېگەن گەپ-سۆزلەر تارقىلىپ يۈرگەن، شىڭ شىسەيمۇ كۆپ قېتىم شىنجاڭنىڭ تەپتىشى لو جالۇندىن بۇ تەكلىپنى كىمنىڭ بەرگەنلىكىنى سۈرۈشتۈرگەن[61]. ئىنىقكى، ئۇ ئۆزىنىڭ جۇڭگو-سوۋېت دوستلىقىنىڭ قۇربانلىقى بولۇپ كىتىدىغانلىقى، ھەرۋاقىت شىنجاڭدىن يۆتكىلىپ كىتىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلغان. مۇبادا ئۇ چۇڭچىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ئادا-جۇدا بولۇپ سوۋېت بىلەن قايتا يارىشىۋالسا، ئۆزىنىڭ شىنجاڭنىڭ خاقانلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. «زىمىن مىللىتارستلارنىڭ ھوقۇق ئاساسى ۋە مەۋجۇتلۇق ئاساسى، مىللىتارستلار ئىستىراتىگىيىلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگەندە، زىمىننىڭ قولىدىن چىقىپ كىتىشى، ئامانلىقنى مۇھىم ئاساس قىلىشى زۆرۈر»[62].
3. شىڭ شىسەي گومىنداڭنىڭ كۈچىنى تايىنىشقا يېتەرسىز دەپ قارىغان. 1943- يىلى 9-ئايدا شىڭ شىسەي چۇڭچىڭغا گومىنداڭنىڭ 5-نۆۋەتلىك 11- ئومۇمىي يىغىنىغا بارغاندا، گومىنداڭنىڭ سىياسىي جەھەتتە پىكىرلىشىپ، گۇرۇھۋازلىشىپ كەتكەنلىكىنى، ھۆكۈمرانلىق ئاساسىنىڭ ئىنتايىن تۇراقسىزلىقىنى ھېس قىلغان. ياپونىيە يۈشىياڭگۈي ئۇرىشىنى قوزغىغاندىن كىيىن، گومىنداڭ ھۇجۇمغا بەرداشلىق بېرەلمەي، نۇرغۇن زىمىننى قولدىن بىرىپ قويۇپ ھەرۋاقىت تىرى-پەرەن بولۇپ كىتىشى مۇمكىنچىلىكى بولغان قۇمدىن قوپۇرۇلغان ئىمارەتكە ئوخشاپ قالغان. سوۋېت ئىتتىپاقى گىرمانىيەنى يەڭگەندىن كېيىن، دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ قالغان. ئۇ گومىنداڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى يىڭى تاللاشتا، «سوۋېت ئىتتىپاقى گەرچە ئۈزلىكسىز چىگرىدا چاتاق چىقىرىپ، شىنجاڭنى خاتىرجەم قويمىغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا تايانغىلى بولىدىغان ئىشەنچىلىك كۈچ[63]» دەپ قارىغان.
شۇڭلاشقا، شىڭ شىسەي شىنجاڭدىكى گومىنداڭ ئەزالىرىنى قورقماي قولغا ئېلىپ «سوۋېت ئىتتىپاقىغا باش ئۇرغان»[64] 8- ئاينىڭ 12-كۈنى، شىڭ شىسەي جىياڭ جېىشىغا بۇ قېتىم قولغا ئالغانلىرىنىڭ ياپونىيە جاسۇسلىرى ياكى كۆك كىيىملىكلەر (يەنى جىياڭ جېشى جاسۇسلىرى) ئىكەنلىكىنى دوكلات قىلغان؛
ھەم ئۆزىنىڭ ئىشەنچىلىك يېقىنى ۋاو خۇاڭزاۋنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىغا مەخپىي ئەۋەتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئەسكەر چىقىرىپ مەركەز ئارمىيىسىنى بىر تەرەپ قىلىپ بىرىشنى ئۆتۈنگەن ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن شىنجاڭنىڭ ئالتاي تېغى، ئالتۇن كېنى، مايتاغ نىفىتلىكى ۋە 450 مىڭ قوي بىرىشنى ۋەدە قىلغان[65]. سوۋېت ئىتتىپاقى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلىشىشنى بىئەپلىكىنى بانا قىلىپ، شىڭ شىسەينىڭ تەلىۋىنى رەت قىلغان. شىڭ شىسەي لىيۇجىڭشىننىڭ 128- شىسىنى ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق گومىنداڭ ئارمىيىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا بۇيرىغان، لىيۇ جىڭشىن «تەڭ كىلەلمەيدىغانلىقى» ۋە «ئەسكىرىي كۈچىنىڭ يىتىشمەيدىغانلىقى» نى بانا قىلىپ، ئۇنىڭ بۇيرىقىنى ئىجرا قىلمىغان[66]. شۇنىڭ بىلەن، شىڭ شىسەي كۆڭۈل قويۇپ ئوينىغان بۇ ئويۇننى باشلاپ بولۇپ، يىغىشتۇرۇشقا ئامالسىز قالغان.
بۇ ۋاقىتتا، گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قسىمى ئۈرۈمچىنى قورشىۋالغان ھالەتتە بولۇپ، جىيۇچۈەن ئايرودورىمىدا بىر قانچە ئايروپىلان ھەرۋاقىت ھۇجۇمغا ئۆتۈش تەييارلىق ھالىتىدە تۇرغان، جىياڭ جېشى شىڭ شىسەينىڭ ھېچنىمە قىلالمايدىغانلىقنى پەملىگەندىن كېيىن، 8-ئاينىڭ 12-كۈنى، جىياڭ جېشى ۋۇجۇڭشىن بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭغا شىڭ شىسەينىڭ پات يېقىندا ئىستىپا بىرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ئېيتقان. 13- كۈنى، جىياڭ جىشى جۇشىياۋلىياڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنى ئۈرۈمچىگە بىرىپ شىڭ شىسەي بىلەن سۆھبەتلىشىشكە بۇيرىغان. 16- كۈنى، جۇشىياۋلىياڭ بۇيرۇق بويىچە ئۈرۈمچىگە بېرىپ، شىڭ شىسەيگە مەركەزنىڭ ئۇنى چۇڭچىڭغا بېرىپ يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق مىنىستىرى بولىشىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئېيتتى. شىڭ شىسەي ۋەزىيەتنىڭ پايدىسىزلىقىنى ھس قىلىپ، قارشىلىقسىز ھالدا 8-ئاينىڭ 19-كۈنى جىياڭ جېشىغا ئىستىپانامە تاپشۇردى.
جىياڭ جېشى شىڭ شىسەيگە تەسەللىي خېتى يېزىپ: «ئىنىم ئون يىل جاپا تارتىپ، دۆلەت ئۈچۈن چېگرا رايونىنى مۇكەممەل ساقلاپ بەردىڭىز، تارتقان جاپايىڭىزنى تىل بىلەن دەپ بولغىلى بولمايدۇ، مىگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، چىگرىنى ساقلاپ تۆھپە يارىتىشتا ھېچكىم ئىنىمىزچىلىك قىلالىغان ئەمەس. دۆلەتكە تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن ئىنمىز ئىستىپا بىرىش نىيىتىگە كەلگەن بولسا، تۇرۇپ قېلىشقا مەجبۇرلىمايمەن، ئىنىمىز يېزا-ئىگىلىك، ئورمانچىلىق مىنىسىتىر بولۇپ، ئىقتىدارنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي قۇرىلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقاي. . . بۇندىن كېيىنكى بارلىق ھۆكۈمەت ۋە خۇسۇسىي ئىشلاردا پېقىر ئىنىمىزگە تولۇق مەسئۇل بولىمەن، غەم يىمىگەيسىز»[67] دېدى. 8-ئاينىڭ 29-كۈنى چۇڭچىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەيئىتى ھەم رەئىسى شىنجاڭ چېگرا مۇداپىئە دۇبەنى شىڭ شىسەينىڭ ئىسىتىپا سورىغاچقا، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقى؛ شىنجاڭ ئۆلكىلىك چېگرا مۇداپىئە دوبەن مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى؛ شىڭ شىسەينىڭ يېزا-ئىگىلىك ئورمانچىلىك مىنىستىرلىكىگە تەيىنلەنگەنلىكى؛ ۋۇجۇڭشىنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەيئىتى ۋە شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەنلىكى، ۋۇجۇڭشىن ۋەزىپىگە ئولتۇرىشتىن بۇرۇن، ئۆلكە رەئىسلىكىنى جۇشاۋلىياڭنىڭ ۋاقىتلىق ئۆتەپ تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. «مىنگو ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيان مىنگونىڭ شىنجاڭغا رەسمىي ئەمەلدار تەيىنلەش تۇنجى قېتىم ئىدى»[68]، 9-ئاينىڭ 11-كۈنى شىڭ شىسەي ئۈرۈمچىدىن چۇڭچىڭغا كەلدى. شۇندىن باشلاپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى كۆڭۈل قويۇپ 16 يىل پىلانلاش ئارقىلىق، ئاخىرقى ھىسابتا شىنجاڭنىڭ يىرىم بۆلىنىپ باشقۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئاخىرلىشىپ، چۇڭچىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاستە ھۆكۈمرانلىقىغا كىرگۈزۈلدى.
ئىزاھات:
(1) «زوڭتۇڭ جىياڭ جېشىنىڭ ئىدىيە-كۆز قاراشلىرى توپلىمى» 37-توپلام، 105- 107- بەتلەر.
(2)، (8) جۇڭگو 2-تارىخىي ئارخىپخانىسى تۈزگەن: «جۇڭخۇا مىنگونىڭ تارىخى ئارخىپ ماتىرىياللىرى توپلىمى» 5-توپلام 2-قىسىم، «سىياسىي» (4)، جىياڭسۇ قەدىمىي ئەسەرلەر نەشرىياتى 1998- يىلى نەشرى، 784- بەت.
(3) جىياڭ جۇڭجېڭ: «سوۋېت رۇسىيىنى جۇڭگودا – جۇڭگو بىلەن رۇسىيىنىڭ 30 يىللىق تارىخىي خاتىرىسى» تەيبىي، لى مىىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى شىركىتى 1982- يىلى نەشرى، 82-بەت.
(4) (5) تەيبېي، «جۇڭخۇا مىنگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى» تۈزگەن «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭغا يۈرگۈزگەن ئىقتىسادىي تاجاۋۇزچىلىقى»، 1950- يىلى نەشرى، 32-بەت.
(6)، (7) «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭغا يۈرگۈزگەن ئىقتىسادىي تاجاۋۇزى»، 34-، 36-بەت.
(9) چىن شىياۋىي تۈزگەن: «جۇڭخۇا مىنگونىڭ مۇھىم تارىخىي ماتېرىياللىرى- ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلى» 4- قىسىم، ئۇرۇش مەزگىلىدىكى قۇرۇلۇش (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇرۇش مەزگىلىدىكى قۇرۇلۇش» دىيىلىدۇ). (4)، تەيبىي، «گومىنداڭ مەركىزىي كومېتىتى پارتىيە تارىخى ھەيئىتى» 1988- يىلى نەشرى، 174-بەت.
(10) مەسئۇد (1888-1952)، شىنجاڭنىڭ غۇلجىدىن، ئۇيغۇر، باي سودىگەر ۋە چوڭ پومېشچىك ئائىلىسىدىن كىلىپ چىققان. تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل ئونۋىرستنى پۈتتۈرگەن بولۇپ شۇ يەردە فانتۇركىزىم ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلغان. 1915- يىلى ئىلىغا قايتىپ كىلىپ، يىڭى تىپتىكى مەكتەپ ئېچىش نامى بىلەن فانتۇركىزىم بىلەن شۇغۇللىنىپ، شىنجاڭ ھۆكۈمرانى ياڭ زىڭشىننىڭ چەكلىشى ۋە قولغا ئېلىشىغا ئۇچرىغان. شىڭ شىسەي شىنجاڭدا «ئالتە بۈيۈك سىياسەت» نى يولغا قويغاندىن كېيىن، مەسئۇد ئۆزىنى قويغىلى يەر تاپالماي ھىندىستانغا قاچقان. ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىچكىرگە قايتىپ كەلگەندە، گومىنداڭ تۇتۇپ قىلىپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەيئىتى ۋە گومىنداڭ مەركىزى ئىجرائىيە ھەيئىتىگە تەيىنلگەن. ئۇ ئەيسا بىلەن بىرلىشىپ «تىيانشان» قاتارلىق ژورنالنى تەسىس قىلىپ، فانتۇركىزىم ئىدىيىسىنى كەڭ تەشۋىقات قىلغان. 1945- يىلى شىنجاڭغا قايتىپ، ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ شىنجاڭ تەپتىشى، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن. 1989- يىلىنىڭ بېشىدا ۋەزىپىدىن قالدۇرۇغان. كىيىن جاھانگىرلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تىنچلىق قوزغىلىڭىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولغان. شىنجاڭ تىنىچ يول بىلەن ئازاد بولغاندا شىنجاڭدا قىلىپ قالغان. 1951- يىلى 4-ئايدا قولغا ئېلىنىپ، كىيىن تۈرمىدە كىسەل سەۋەبى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن.
(11) مۇھەممەت ئىمىن (1901-1965) تولۇق ئىسمى مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا، شىنجاڭنىڭ قارقاش ناھيىسىدىن، ئۇيغۇر فانتۇركىزىمچى، 1933- يىلى 2-ئايدا، قارقاش ناھيىسىدە شىرىكلىرى بىلەن بىرلىشىپ توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، خوتەننى ئىگىلەپ ئۆزىنى خوتەن خانى دەپ ئاتىغان. ئارقىدىنلا گۇما، قاغىلىق، پوسكام، كۇچا، يوپۇرغا قاتارلىقلارنى ئىگىلىگەن. ئەنگىلىيىنىڭ قوللىشى بىلەن شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۈمھۇرىيىتى» قۇرغانلىقىنى جاكارلاپ، سابىت داموللىنى زوڭلى قىلغان، ئەمىلى ھوقۇقىنى بولسا ئۆزى تۇتقان. ئىككىنچى يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، جەنۇبىي شىنجاڭغا چىكىنگەن مىللىتارست مابۇڭىڭنىڭ قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۈمھۇرىيىتى» تۈگەشكەن. كىيىن يەنە خوتەنگە چىكىنىپ خوتەندە «خوتەن ئىسلام جۈمھۇرىيتى» نى قۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىنىسى مەنسۇرنى پاشا قىلغان. كۆپ ئۆتمەي، يەنە ماجۇڭيىڭ ماخۇشەن قىسمى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. ھىندىستانغا قچىپ كېتىپ، فانتۇركىزىم ئىدىيىسىنى تەشۋىقات قىلغان. ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىچكىرگە قايتىپ، مەسئۇد، ئەيسا قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ فانتۇركىزىم بىلەن شۇغۇللانغان. 1945- يىلى شىنجاڭغا قايتىپ كىلىپ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەيئىتى ۋە قۇرۇلۇش نازارىتىنىڭ نازىرى بولدى. كىيىن يەنە شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قۇرۇلۇش نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان. 1949- يىلى شىنجاڭ تىنىچ يول بىلەن بىرلىشىپ قارشىلىق توپىلىڭى پىلانلاپ، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ھىندىستانغا قېچىپ كەتكەن، كىيىن تۈركىيىدە ئولتۇراقلىشىپ، يۈرەك كىسىلى بىلەن كەتكەن.
(12) ئەيسا، يەنە بىر ئىسمى ئەيسا بەگ، شىنجاڭنىڭ يىڭىساردىن، ئۇيغۇر، بالىلىق مەزگىلىدە خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇپ، چوڭ بولغاندىن كېيىن ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتە تەرجىمان بولغان. كىيىن جۇڭگونىڭ تاشكەنتتە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىدا كاتىپ ۋە تەرجىمان بولغان. شۇ يەردە فانتۇركىزىم ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلغان. ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقاندىن كىيىن، نەنجىڭغا بىرىپ گومىنداڭنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئىتىپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەيئىتى بولغان. 1945- يىلى شىنجاڭغا قايتىپ كىلىپ، ئىلگىرى- كىيىن بولۇپ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەيئىتى، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپى بولغان. شۇ مەزگىلدە فانتوركىزىم ئىدىيىسىنى تارقىتىپ، فانتۇركىزىم بىلەن شۇغۇللانغان ھەم ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى تۇن كۆپرەك «ئۈچ ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ شۆبىسى» ئەزالىرىغا ھەربىي تەربىيە ئىېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئەۋەتىپ خەلق ئازادلىق نامىدىكى شىنجاڭ ئازاتلىقى ھەركىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەييارلىك كۆرگەن. ئۇ يەنە چىڭخەي مىللىتارىسى مابۇفاڭنىڭ شىنجاڭغا قايتىپ، غەربىي شىمالدا ئاتالمىش «ئىسلام دۆلىتى» قۇرۇشنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلغان. شىنجاڭ تىنچى ئازاد بولۇش ھارپىسىدا تۈركىيىگە قېچىپ كەتكەن. كىيىن ئىزچىل شىنجاڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان.
(13) [ئامېرىكا] چى شىشىڭ يازغان، يڭا يۈنرۇ تەرجىمە قىلغان :«جۇڭگونىڭ مىللىتارستلار سىياسىي (1916-1928)» 178-بەت.
(14) لى يىڭچى: «شىڭ شىسەينىڭ جىنايىتى» (1951- يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى) جۇپىي مىنىڭ «شىنجاڭ ئىنقىلابى تارىخىي (1933- 1957) دە نەقىل ئىلىنغان. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1993- يىلى نەشرى، 189- بەت.
(15) گۇدېچۈەن ئۈرۈمچىدىن ئۆتۈپ موسكىۋاغا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشقا ماڭغاندا، شىڭ شىسەي ئۇنى ئىنتايىن قىزغىن كۈتىۋالىدۇ ھەم جىياڭ جىشىنى ھۆرمەتلەيدىغان تۈرلۈك قىلىقلارنى قىلىدۇ. گۇدېچۈەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا يىتىپ بارغاندىن كېيىن، جىياڭ جېىشىغا شىڭ شىسەينىڭ سىياسىي مەيدانىنى ئۆزگەرتكەنلىكى، چۇڭچىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىغۇسى بارلىقى توغرىسىدا تىلىگرامما يوللايدۇ.
(16) ج خ مىنىستىرلىكى ئارخىپخانىسى تۈزگەن: «جىياڭ جېشىنىڭ يىنىدا ئۆتكەن سەككىز يىل-يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى تاڭ زۇڭنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى»، ئاممىۋى نەشرىيات 1991- يىل نەشرى 279-بەت.
(17) جىياڭ جېشى شىڭ شىسەي بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، سوۋېت ئىتتىپاقى، شىنجاڭ ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا بىرىدىغان ياردەم بويوملىرىنى توشۇش مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەن. شۇ سۆھبەتكە قاتناشقان جاڭ يۈەنخۇ جاۋاب بىرىپ: «شىنجاڭنىڭ ئاۋىئاتسىيە، ھاۋا يولىدىن پايدىلىنىشتا قەتئىي مەسىلە يوق، مەسىلە يەنىلا روسىيەدە» دېگەن. بۇ شىنجاڭ تەرەپنىڭ شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى جايلار ئوتتۇرىسىدىكى قاتناش لىنىيىسىنى ئىچىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ئىدى. شىنجاڭ بىلەن ئىچكى جايلار ئوتتۇرىسىدىكى قاتناش ئالاقىسىنى ئېچىش ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم قەدەم باسقۇچ ئىدى. چۈنكى، ئالاقىسىنى ئۈزۈش، مۇقەررەركى ئالدى بىلەن ئوتتۇرىدىكى قاتناش ئالاقىسىنى ئۈزۈشتىن باشلىناتتى؛ مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىمۇ، مۇقەررەركى ئالدى بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ قاتناش ئالاقىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە توغرا كىلەتتى. ئەينى يىلى شىڭ شىسەي نەنجىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىنى ئۈزگەندە، گومىنداڭنىڭ شىنجاڭغا سىڭىپ كىرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، 1933- يىلى 12- ئايدا ياۋرۇپا-ئاسىيا شىركىتىنىڭ شىنجاڭدىن ئۇچۇپ ئۆتىدىغان ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىنى توختاتقان، ھەم بارلىق ئىچكىردىن شىنجاڭغا چىقىرىدىغان ۋە شىنجاڭدىن ئىچكىرگە كىرىدىغان خادىملارنىڭ ھەممىسىنى شىڭ شىسەي ئۆزى تەستىقلىغان. 1938- يىلىنىڭ بېشىدا شىڭ شىسەي ئىچكىر بىلەن شىنجاڭنىڭ قاتناش ئالاقىسىنى ئۈزۈل- كېسىل ئۈزۈش ئۈچۈن، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قىزىل 8-تۈەنىنى شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان ئىغىز قۇمۇلغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، شەرقتە شىڭ شىڭشىيا، يىۋۇ، شىمالدا جىنشى (بۈگۈنكى بالكون)، جەنۇبپتا لوپنوردىن ئىبارەت بۇ بەلباغنى قاتتىق قامال قىلغان. ج خ مىنىستىرلىكى ئارخىپخانىسى تۈزگەن «جىياڭ جېشىنىڭ يىنىدا ئۆتكەن سەككىز يىل - يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچى تاڭ زۇڭنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى»، 279-بەتكە قاراڭ. مافىيشۇڭ «ئازاتلىقتىن ئىلگىركى شىنجاڭ پومپىتىسى توغرىسىدىكى ئەسلىمە» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سىياسىي كىڭەش تارىخى ماتىرىياللىرى تەتقىقات ھەيئىتى تۈزگەن «شىنجاڭ تارىخىي ماتىرىياللىرى تەتقىقات ھەيئىتى تۈزگەن» «شىنجاڭ تارىخىي ماتىرىياللىرىدىن تاللانما» 1- قىسىم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1979- يىل نەشرى، 141-بەت.
(18)، (19)، (20)، (24) «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭغا يۈرگۈزگەن ئىقتىسادىي تاجاۋۇزى» 56-، 70-بەت.
(21) «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭغا يۈرگۈزگەن ئىقتىسادىي تاجاۋۇزى» 55- 59- بەت. ئەمەلىيەتتە شىئەن ۋەقەسى توغرىسىدا، شىڭ شىسەينىڭ مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولغان بولۇپ، شى ئەن ۋەقەسىدىن بۇرۇن جاڭ شۆلىياڭ شىڭ شىسەي بىلەن كۆرىشىشكە مەخپىي ئەلچى ئەۋەتكەن بولۇپ، غەربىي شىمالدا شەرق شىمال ئارمىيىسى كونتروللىقىنى مەركەز قىلغان سوۋېتپەرەس ھاكىمىيەت قۇرماقچى بولغان. شىئەن ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كىيىن «شىنجاڭ گىزىتى» دەرھال «ئۇچۇر» بىرىپ، كىچىلەپ ئوبزور ماقالىسى تەييارلاپ، جاڭ شۆلياڭ، ياڭ خۇچىڭلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شىڭ شىسەي يەنە شىئەن ۋەقەسىنى قوللىمايدىغان ھەربىيلەرگە: «سىلەر قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئۆز باشلىقلىرىنى مەپىسىگە ئېلىشىنى، تۆۋەندىكىلەرنىڭ يۇقىدىكىلەرنى خاپا قىلغانلىقىنى دەپ قارىماڭلار. بۇ خاتا كونا قاراش. ؛ مەن مۇبادا بۇندىن كىيىن ئەكسىلئىنقىلابچى بولۇپ قالسا، سىلەرمۇ مىنى شۇنداق قىلساڭلار بولىدۇ» دېگەن. جاڭ شۆلياڭ، ياڭخۇچىڭلار ئوتتۇرىغا قويغان ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ دۆلەتنى قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدىكى سەككىز تەشەببۇسنى شىڭ شىسەي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تىلىگرامما ئەۋەتكەن ھەم ئۈرۈمچىدە جىياڭ جېشىنى تۇتقانلىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى چاقىرىغان، ئادەم ئەۋەتىپ جاھانگىرلىككە قارشى ئۇيۇشما ئەزالىرى ۋە ئوقۇغىچىلارنى كوچىلارغا لوزىنكا چاپلاشقا قۇتراتقان. ئەمما «شىنجاڭ گىزىتى» ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سوۋېت ئىتتىپاقى تاس گىزىتىنىڭ قارشى مەيدانىدا ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر ئارگىنالىنى تاپشۇرىۋالغاندىن كىيىن، شىڭ شىسەي يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىغا بىرىپ، سوۋېت تەرەپنىڭ پوزىتىسىيىسىنى ئىگىلىگەن. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىئەن ۋەقەسىنى قوللايدىغانلىقى توغرىسىدىكى مەيدانىنى مۇقەررەرلەشتۈرگەندىن كىيىن، شىڭ شىسەي يەنە دەرھال«شىنجاڭ گىزىتى» ئىدارىسىغا، جاڭ شۆلياڭ، ياڭ خوچىڭنى قوللايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ماقالىسىنى بىكار قىىشنى ئۇختۇرغان. شۇ ئىشتىن كىيىن، شىڭ شىسەي دوستلىرى بىلەن موشۇ ئىش توغرىلىق سۆھبەتلەشكەندە، شىئەن ۋەقەسىدە ئۆزىنىڭ ئالدىنىپ كەتكىلى تاس قالغانلىقىنى، سىياسىي رەھبەرلەرنىڭ بولۇپمۇ ھەربىي ھوقۇقى تۇتقانلارنىڭ «ھاياجانلىنىپ كەتمەسلىك» كىرەكلىكىنى تىلغا ئالغان.
جۇ چىڭخۈينىڭ «شىئەن ۋەقەسىدىن كىيىن شىڭ شىسەينىڭ جىددىي ئۆزگىرىشى» گە قاراڭ، ۋۇخۇجاڭ تۈزگەن «شىئەن ۋەقەسى خاتىرىسى» گە بىسىلغان. جۇڭگو مەدەنىيەت –تارىخ نەشرىياتى 1996- يىلى نەشرى، 323-325-بەتلەر. ئەن جېجى «قېرنەشىم ئىنقىلابى قۇربان يۈشىيۇسۇڭنى ئەسلەيمەن» «شىنجاڭ قەھرىمانلىرى توغرىسىدا» 1993- يىى، 3-4-سان، 64-بەت. سەي جىسۇڭ «شىڭ شىسەي شىنجاڭدا» 250-بەت.
(22) بۇ شەرتنامىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى، سوۋېت ئىتتىپاقىنى شىنجاڭدىكى تۆمۈر يول، تاش يول قۇرۇش ھوقۇقى ۋە كان قېزىش، ئولتۇراقلىشى ھەم قوراللىق زاپاس قوشۇن تۇرغۇزۇش قاتارلىق ھوقۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.
(23) گۇۋۇكۈيئىر : «جىياڭ جېشىنىڭ مەخپىي خاتىرىسى: جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ 80يىللىق ئىسپاتى» 13- قىسىم، تەيبىي، «مەركىزىي گېزىت باسمىسى» 1976- يىى نەشرى، 61-بەت.
(25) چىن شىياۋيى تۈزگەن: «جۇڭخۇا مىنگونىڭ مۇھىم تارىخىي ماتىرىياللىرى- ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلى» 3- قىسىم، «ئۇرۇش مەزگىلىدىكى دىپلوماتىيە»، تەيبىي، «گومىنداڭ مەركىزىي كومىتىتى پارتىيە تارىخى ھەيئىتى» 1981- يىلى نەشرى، 438-440-بەت.
(26) ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەقەسى» 1942- يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى شىنجاڭ شىڭ شىسەينىڭ بىر تۇغقان ئىنىسى شىڭ شىچىنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنى كۆرسىتىدۇ. شىڭ شىسەي كىيىن شىنجاڭغا ماڭغان جۇ شىياۋلىياڭغا: شىڭ شىچىنىڭ ئايالى چىن شىيۇيىىڭ شىنجاڭنىڭ سوۋېتىلىك مەسلىھەتچىسى رادوف بىلەن زىنا قىلىپ، رادوف چىن شىيۇيىڭنى يولدىشى شىڭ شىچىڭنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرىغان ھەم شىڭ شىچىنىڭ ئاخىرەتلىكىنى قىلغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شىڭ شىسەينى ئۆلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ھاكىمىيەت ھوقۇقىنى تارتىۋىلىشنى پىلانلىغان دېگەن. جۇشىياۋلىياڭ موشۇنىڭغا ئاساسەن جىياڭ جېشىغا دوكلات قىلغان. شىڭ شىچىنى زادى كىم ئۆلتۈرگەن، مەيلى ئەينى چاغدا بولسۇن ياكى ھازىر بولسۇن، شىڭ شىسەي ئۆلتۈرۈلگەن، شىڭ شىچى ئۆزى ئۆلىۋالغان، سوۋېت مەسلىھەتچىسى شىڭ شىچىنى ئايالىنىڭ قۇلى ئارقىلىق ئۆلتۈرۈلگەن دىگەندەك كۆپ خىل قاراشلار مەۋجۇت. مەيلى قايسى خىل قاراش بولسۇن، ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك ئىسپات يوق. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، شىڭ شىچىنىڭ ئۆلۈمى ئانچە مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى شىڭ شىسەي موشۇ ۋەقەدىن پايدىلىنىپ سىياسىي بۇرۇلۇش ياسىغان يەنى، سوۋېت ئىتتىپاقى جۇڭگو كومپارتىيىسىدىن يۈز ئۆرۈپ، گومىنداڭ تەرەپكە يان باسقان.
(27)، (28)، (29) ج خ مىنىستىرلىكى ئارخىپخانىسى تۈزگەن: «جىياڭ جېشىنىڭ يېنىدا ئۆتكەن سەككىز يىل- يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچى تاڭ زۇڭنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى»، 291-، 294-، 295-، 300- بەتلەر.
(30) [ئامېرىكا] خۇاڭ رېنيۈ: «تارىخىي نوقتىئينەزەردىن جىياڭ جېشىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى ئوقۇش» جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى 1998- يىلى نەشرى، 297-بەت.
(31) ۋۇجۇڭشىن: «شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە» 1945- يىلى 10-ئاينىڭ 20- كۈنى، نەشىر قىلىنمىغان، كۆپەيتىلگەن نوسخىسى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيسى تارىخ پەنلىرى ئونى كۈتۈپخانىسىدا ساقلانغان.
(32) گۇۋۇكۇيئېر: «جىياڭ جېشىنىڭ مەخپىي خاتىرىسى: جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ 80 يىللىق ئىسپاتى» 13- قىسىم، 62-بەت، جاڭ داجۈن: «شىنجاڭدىكى بوران-چاپقۇنلۇق 70يىلى»، 4907-بەت.
(33) گۇۋۇكۇيئىر: «جىياڭ جېشىنىڭ مەخپىي خاتىرىسى: جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ 80 يىللىق ئىسپاتى» 13- قىسىم، 64-بەت.
(34) «شىنجاڭ ھاكىمىيىتىنى قايتۇرىۋىلىش ئىستىراتىگىيىسى» دە: ياپۇن باسقۇنچىلىرىنىڭ شىمالدىن سوۋېتقا ھۇجۇم قىلىش ياكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گىرمانىيىگە يىڭىلىشى، ياكى خەلقئارادىكى باشقا پايدىلىق پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن «شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىزىل ئارمىيىتنىڭ 8-تۈەنى ۋە ھاۋا، قۇرۇقلۇق ئارمىيە قىسمىنى چىكىندۈرۈش» توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن.
(35) «زۇڭتۇڭنىڭ چوڭ ئىشلىرى» 4-توپلام، 1987- بەت، [ئامېرىكا] يوھان. جافو «شىنجاڭ جەڭ مەيدانى» دىن نەقىل ئېلىنغان. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى يېقىنقى زامان تارىخىي ئورنى «چەتئەلنىڭ يىقىنقى زامان تارىخى تەتقىقاتى» نى تۈزۈش ئورنى تۈزگەن «چەتئەلنىڭ جۇڭگو يىقىنقى زامان تارىخى تەتقىقاتى» 20- قىسىم، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى 1992- يىلى نەشرى.
(36) جۇڭگو تەرەپ سوۋېت ئىتتىپاقى ئىشلىمەكچى بولغان ئايرۇپىلاننىڭ تىپىدىن رازى بولماي، 16F تىپلىق ئايروپىلاننىڭ ئىقتىدارى ياخشى ئەمەس، B8 تىپلىق ئايروپىلان يېقىن مۇساپىگە ئۇچالايدۇ ھەممىسى مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىغان. ئەگەر زاۋۇت قۇرۇلسا ئەڭ يىڭى تىپتىكى ئايروپىلانلارنى ياساش كېرەك، بولمىسا كونا تىپتىكى ئايروپىلان ياساش زاۋۇت قۇرمىغان بىلەن باراۋەت دىيىلگەن.
«ئۇرۇش مەزگىلىدىكى دىپلوماتىيە» (2) 522-بەتكە قاراڭ.
[37] «جۇڭخۇا مىنگو تارىخىي ئارخىپ ماتىرىياللىرى توپلىمى» 5- قىسىم 2- نەشرى، «سىياسىي» (4)، 803- بەت.
(38) «ئۇرۇش مەزگىلىدىكى تاشقى ئىشلار» (2)، 536- بەت.
(39) [51] [53] «ئۇرۇش مەزگىلىدىكى تاشقى ئىشلار» (2) 447- بەت.
(40) (45) (54) «ئۇرۇش مەزگىلىدىكى تاشقى ئىشلار» (2) 451- 452-بەت.
(42) «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭ ئىقتىسادىغا تاجاۋۇز قىلىشى» 80-81-بەت.
(43) (44) «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭ ئىقتىسادىغا تاجاۋۇز قىلىشى» 118-119-بەت.
(46) (47) «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭ ئىقتىسادىغا تاجاۋۇز قىلىشى» 123-بەت.
(48) «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭ ئىقتىسادىغا تاجاۋۇز قىلىشى» 126-بەت.
(49) «ئۇرۇش مەزگىلىدىكى تاشقى ئىشلار» (2) 448-بەت.
(50) جاڭ داجۈن: «شىنجاڭدىكى بوران- چاپقۇنلۇق 70 يىل»، 5106-بەت تۈزۈلگەن پىلانى 8- ئۇرۇش رايونى قوماندانلىق شىتابى شىنجاڭدىن بارلىق قسىملارنىڭ نۇمۇرى، شىتاتى قاتارلىق جەھەتتىكى ماتىرىياللارنى يوللاپ بىرىشنى تەلەپ قىلغان. شىڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قۇمۇلدا تۇرۇشلۇق قىزىل ئارمىيە 8- تۈەنىدىن قانداق قىلىشنى سورىغان. ئەگەر يوللاپ بېرىلسە، پۈتۈن جۇڭگونىڭ ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئالدىنقى سىپىگە يۆتكەپ ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇلىشى مۇمكىن. يوللاپ بىرىلمىسە يوشۇرۇش تەس ئىدى.
(52) [ئامېرىكا] گاۋۋۇلۇڭ تۈزگەن لىيۇ سۇفىڭ قاتارلىقلار تەرجىمە قىلغان «رىقابەتچى ۋە ئىتتىاقداش» ئىجتىمائىي پەنلەر ماتىرىياللىرى نەشرىياتى 1992- يىلى نەشرى، 211-بەت.
[53] «ئۇرۇش مەزگىلىدىكى تاشقى ئىشلار» (2)، 439-440-بەت.
[54] جاڭ داجۈن «شىنجاڭدىكى بوران- چاپقۇنلۇق 70 يىل» 5120-بەت.
[55] جىياڭ جېشىنىڭ 1944- يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى كۈندىلىك خاتىرىسى جىياڭ جىڭگونىڭ «بوران-چاپقۇن ئىچىدىكى جىمجتىلىق» دېگەن ئەسىرىگە قاراڭ. تەيبېي، سۈبھى مەدەنىيەت ئىشلىرى شىركىتى 1977- يىلى نەشرى، 40- بەت.
(56) (57) (58) «ئۇرۇش مەزگىلىدىكى دىپلوماتىيە» (2) 460-بەت.
(59) (60) جاڭ داجۈن :«شىنجاڭنىڭ بوران-چاپقۇنلۇق 70يىلى» 5955- 5954- بەتلەر.
(61) چىن شاۋشىيەن «گومىنداڭ ئەكسىيەتچىل كۈچلىرىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشى ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلىشى» «شىنجاڭ مەدەنىيەت- تارىخ ماتىرىياللىرىدىن تاللانما» نىڭ 2- قىسمى
(62) ج خ مىنىستىرلىكىنىڭ ئارخىپخانىسى تۈزگەن «جىياڭ جېشىنىڭ يىنىدا ئۆتكەن سەككىز يىل- » 419-بەت.
[63] شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخىنى يېزىش ھەيئىتى تۈزگەن: «شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىدىكى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1994- يىلى نەشرى، 10- بەت.
(64) (65) «شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىدىكى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى» 13-12-بەتلەر.
(66) گاۋچى: «جىياڭ جېشى ۋە غەربىي شىمالدىكى تۆت تۇلپار»، ساقچى ئوفتىسىرلار مائارىپ نەشرىياتى 1993- يىلى نەشرى، 78- بەت.
(67) چەي جىنسۇڭ : «شېڭ شسەي شىنجاڭدا» 390-بەت.
(68) ج خ مىنىستىرلىكى ئارخىپخانىسى تۈزگەن «جىياڭ جېشىنىڭ يېنىدا ئۆتكەن سەككىز يىل- » 452-بەت.
(69) جاڭ داجۈن: «شىنجاڭنىڭ بوران-چاپقۇنلۇق 70 يىلى» 5960-بەت.
(70) «شېڭ شىسەينىڭ شىنجاڭدىكى بالاي-ئاپاتلىرى» 1945- يىلى قوغۇشۇن باسمىسى.
(71) لىن جېڭيەن: «شېڭ شىسەينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى» تەيبېي، «تەرجىمھال ئەدەبىياتى»، 55-توم 22-سان.
(72) ج خ مىنىستىرلىكى كۈتۈپخانىسى تۈزگەن «جىياڭ جېشىنىڭ يېنىدا ئۆتكەن سەككىز يىل » 460-بەت.




ئىككىنچى قىسىم



گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسەتلىرى


بىرىنچى باب شىنجاڭغا بىۋاستە
ھۆكۈمرانلىق قىلىشنىڭ دەسلىپىدە:
مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنى ئورنىتىش

1§. خەلقنى ئىدىيە جەھەتتىن كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش
1. جىياڭ جېشىنىڭ شىنجاڭغا بارىدىغان پارتىيە خىزمەتچىلىرىگە بەرگەن يوليورىقى
جىياڭ جېشى غەربىي شىمالنىڭ پارتىيە خىزمىتىگە خېلىلا ئەھمىيەت بەردى. 1942- يىلى غەربىي شىمالنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ئالاھىدە قىلىپ مونۇلارنى كۆرسەتتىق: «تەشۋىقات قىلىش، ئاممىنى ئويغىتىش، ئاممىنى مەشق قىلدۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش كېرەك»، «پارتىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملەش- ‹ئۈچ مەسلەك› نى يولغا قويۇپ، يېڭىچە غەربىي شىمال قۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم» 1943- يىلى 1-ئايدا، شىنجاڭ ئۆلكىلىك پارتىيە بۆلۈمى شىنجاڭدا قۇرۇلدى. جىياڭ جېشى بۇنى شىنجاڭغا سىڭىپ كىرىشنىڭ تېپىلغۇسىز پۇرسىتى دەپ قاراپ، پات ئارىدا شىنجاڭغا بېرىپ پارتىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارغا مۇنداق دەپ مەخسۇس يوليورۇق بەردى: «يولداشلار سىلەر بۇيرۇققا بىنائەن شىنجاڭغا بېرىپ خىزمەت قىلىش ئالدىاد تۇرىۋاتىسىلەر. ئۈستۈڭلەرگە ئالغان مەسئۇلىيەتنىڭ ناھايىتى زورلىقىنى بېلىشىڭلار، بولۇپمۇ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىلەردىن كۈتكەن چوڭقۇر ئۈمىدىنى ھەرۋاقىت ئېسىڭلاردا ساقلىشىڭلار، قېتىرقىنىپ ئىشلەپ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىلەردىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلىشىڭلا كېرەك. بۇ قېتىم ئەۋەتىلگەن پارتىيە خىزمەتچىلىرى ھەرقايسى تارماقلارنىڭ بېسىشى بولىدۇ. شۇنداق پارتىيىمىز چېگرا رايونغا تۇنجى قېتىم رەسمىي يوسۇندا كادىر ئەۋەتىش ھىسابلىنىدۇ. بۇ ئىشنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇش ياكى مەغلۇپ بولۇشى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ئۆ ئەقىل-پاراسىتىڭلارنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، ساداقەتمەنلىق كۆرسىتىشىڭلار كېرەك. شۇنى ئېنىق تونۇشۇڭلار كېرەككى، شىنجاڭنىڭ مۇھىتى ئىچكىرى ئۆلكە بىلەن ئوخشىمايدۇ. ئىچكى-تاشقى ۋەزىيىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ، ھەربىر خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، چوقۇم شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ۋە زامانغا قاراپ ئىش كۆرۈش، ۋاقتىدا ئۈنۈم قازىنىش كېرەك. ئۆزىنىڭ گەپ-سۆز، ئىش-ھەركەتلىرىگە چەك قويۇپ، خىزمەتلەرنى قىزغىن، باش چۆكۈرۈپ ئىشلەش، ئاز سۆزلەپ كۆپ ئىشلەش، ھەر ۋاقىت شۇ جايدىكى كىشىلەرگە ئۈلگە بولۇش، ئىلگىركى ئۆچ-ئاداۋەتلەرنى تۈگىتىش كېرەك. بۇندىن باشقا ھەر بىر يولداش پارتىيىنىڭ تەشكىلىي ۋە ئىنتىزامغا بىردەك دىققەت قىلىش كېرەك. يولداشلار بارىدىغان رايونلارنىڭ ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ. ئىشلەيدىغان خىزمىتىمۇ پەرىقلىنىدۇ. لېكىن بارلىق گەپ-سۆز، ھەرىكەت، تەشەببۇس، مۇئامىلە قاتارلىق جەھەتلەرېدە پارتىيە بىردەكلىكىنى ساقلاش، پارتىيىنىڭ قارارىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش، پارتىيە رەھبەرلكىگە بويسۇنۇش، ھەرگىزمۇ قالايمىقان ئىش قىلماسلىق، گەپ- سۆزلەردە ئىنقىلاپ پەيدا قىلماسلىق، كىشىلەر ئارىسىدا يامان تەسىر پەيدا قىلماسلىق كېرەك. شىنجاڭغا بارغاندىن كېيىن، تەشكىلگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەربىر كىشىنى گۇرۇپپىغا كىرگۈزۈش، ھەر ھەپتىدە گۇرۇپپا يىغىنى ئېچىپ، خىزمەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىش كېرەك. يولداشلار گۇرۇپپا يىغىنىڭ قارارى ۋە گۇرۇپپا باشلىقنىڭ يىتەكچىلىكىگە بىردەك بويسۇنۇش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى قائىدىسى ۋە پارتىيە ئەزالىرى بىلىۋىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار پۈتۈن پارتىيىدىكى يولداشلار ئادا قىلىشقا تېگىشلىك قىبلىنامە. شۇڭا ئۇنى پىششىق بىلىش ۋە ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. . . شىنجاڭدا پارتىيە خىزمىتى سەل كېچىكىپ قالدى. «ئۈچ مەسلەك» تېخى ئومۇملاشمىدى. سىلەر شىنجاڭغا بارغاندىن كېيىن، مەركىزى كومىتىتنىڭ ساپ، پاك نىيىتىنى، «ئۈچ مەسلەك» نى تەشۋىقات قىلىش ۋە يولغا قويۇشنى ئۆز مەسئۇلىيىتىمىز دەپ بىلىشىڭلار قالايمىقان خىياللاردا بولماسلىقىڭلار، شۇ جايدىكى قېرىنداشلارنى تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇلارنى پارتىيىمىزگە كىرگۈزۈپ، «ئۈچ مەسلەك» نى يولغا قويۇش ۋە شىنجاڭنى قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشىڭلار كېرەك. قىسقىسى، شىنجاڭدىكى ئاممىنىڭ ئىدىيىسىنى «ئۈچ مەسلەك» ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش، شىنجاڭدىكى ئاممىنىڭ ھەركىتىدە پارتىيىمىزنىڭ سىياسىتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، پۈتۈن كۈچى ۋە ھاياتىنى ئايىماي مەركەزنىڭ سىلەردىن كۈتكەن ئەڭ زور ئۈمىدىنى ئاقىلىشىڭلار كېرەك. ئايال يولداشلار شىجاڭغا بارغاندىن كېيىن، مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شۇ جايدىكى ئاياللار بىلەن بولغان ئالاقىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭدىكى ئاياللارغا تەسىر كۆرسىتشىڭلار كېرەك».
گومىنداڭنىڭ شىنجاڭغا ئەۋەتكەن پارتىيە خىزمەتچىلىرى كۆڭۈل قويۇپ تاللانغان. شىنجاڭنىڭ پارتىيە ئىشلىرىغا پارتىيە مەركىزىي كومېتىتىنىڭ ھەيئىتى لىياڭ خەنساۋ يىتەكچىلىىك قىلغان. جىياڭ جېشى شىنجاڭغا بارىدىغان پارتىيە خىزمەتچىلىرىدىن ئىدىيە جەھەتتە قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە شىنجاڭغا بارىدىغان بارلىق خادىملارنى ئالدى بىلەن مەركەزنىڭ تەربىيىلەش ئۆمىكىدە تەربىيلەشنى بەلگىلىگەن.
2. «شىنجاڭنى پارتىيەلەشتۈرۈش» خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش
شىڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن يىقىنلاشقاندىن كېيىن، گومىناڭنىڭ شىنجاڭغا ئەۋەتكەن پارتىيە خىزمەتچىلىرى قوغلاپ چىقىرىلدى. ئۇنىڭ «ئالتە بۈيۈك» سىياسىتى بىلەن تىركەشكەن ھەم گومىنداڭنىڭ يۇقىرى قاتلىمى بىلەن مۇناسىۋىتى بار ئەمەلدارلار قوغلاپ چىقىرىلدى ياكى تۇتقۇن قىلىنىدى ھەتتا ئولتۇرۇلدى. مەكتەپلەردە پارتىيە دەرسلىكى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. «ئۈچ مەسلەك» كە ئالاقىدار كىتابلار بىردەك سېتىشتىن توختىتىلدى. كۈتۈپخانىلاردىكى «ئۈچ مەسلەك» كىتابلىرى كۆيدۈرۋىتىلدى ياكى پىچەتلەندى. شىنجاڭ ئاممىسىنىڭ «ئۈچ مەسلەك» نى بىلىدىغانلىرى ناھايىتى ئاز ئىدى. شۇڭا، گومىنداڭ «شىنجاڭ- پارتىيەلەشمىگەن، ئىدىيە ئىنقىلابى بار جاي» دەپ قارايتتى.
جىياڭ جېشى شىنجاڭغا بارىدىغان پارتىيە خىزمەتچىلىرىگە زور ئۈمىت باغلاپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتى ئارقىلىق، شىنجاڭدا «ئۈچ مەسلەك» نى كەڭ تەشۋىقات قىلىپ، ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئىديىۋى ئاساسىنى تۇرغۇزماقچى بولدى. شىنجاڭ ئۆلكىلىك پارتىيە بۆلۈمى جىياڭ جېىشنىڭ زور ئۈمىدىنى يەردە قويماي، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىلەن بىرگە زىچ ماسلىشىپ، «شىنجاڭنى پارتىيەلەشتۈرۈش» خىزمەتلىرىنى تىز قانات يايدۇرۇپ، جىياڭ جېشىنىڭ يوليورىقىنى دەل جايىغا ئەمەلىلەشتۈردى.
تەشكىلىي جەھەتتە (1) يېڭى پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش: 1943- يىلى 1-ئايدىن 1945- يىلى 3- ئايغىچە، شىنجاڭدا 21مىڭ 696 پارتىيە ئەزاسى تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدېە ئۇيغۇر پارتىيە ئەزاسى %44. 4 نى، خەنزۇچە پارتىيە ئەزالىرى %35. 3 نى، خۇيزۇ ۋە قازاق پارتىيە ئەزالىرى %5. 7 تىن، باشقا مىللەتتىن بولغان پارتىيە ئەزالىرى %8. 9 نى ئىگىلىدى. (2) ناھىيە، رايون ۋە شۆبە رايونلۇق پارتىيە بۆلۈمى تەسىس قىلىندى. شىنجاڭ ئۆلكىلىك پارتىيە بۆلۈمى قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ناھىيىلىك پارتىيە بۆلۈمى تەسىس قىلىش باشلاندى. 1943- يىلى ئۈرۈمچى قاتارلىق 31 ناھيىدە ناھىيىلىك پارتىيە بۆلۈمى تەسىس قىلىنىدى. كىيىنكى يىل يەنە پىچان قاتارلىق 23 ناھيىدە ناھىيىلىك پارتىيە بۆلۈمى تەسىس قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە رايونلۇق ۋە شۆبە رايونلۇق پارتىيە بۆلۈمى تەسىس قىلىندى. پارتىيە ئەزالىرىمى گۇرۇپىلارغا ئايرىلىپ قەرەللىك پائالىيەت ئېلىپ باردى. 1945- يىلى 3- ئايغىچە 147 رايونلۇق پارتىيە بۆلۈمى، 844 شۆبە رايونلۇق پارتىيە بۆلۈمى، 2258 گۇرۇپپا قۇرۇلدى. (3) ھەر قايسى مەمۇرىي تەپتىش رايونلىرىدا پارتىيە ئىشلىرى يىتەكچىسى قويولدى.
شىنجاڭنىڭ زىمىنى كەڭ، ئۆلكىلىك پارتىيە بۆلۈمىنىڭ ناھيىلىرىنىڭ پارتىيە ئىشلىرى خىزمىتىنى تەپتىش قىلىش قىيىن بولغاچقا، ھەرقايسى مەمۇرىي تەپتىش رايونلىرىدا پارتىيە ئىلشىرى يىتكەكچىسى قويولۇپ، ۋالىيلار قوشۇمچە ئۈستىگە ئالدى. تەربىيىلەش جەھەتتە: (1) پارتىيە ئىشلىرى كادىرلىرى. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە يېڭى پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيىلەش، ئۆلكىلىك پارتىيە بۆلۈمى ئىشلىرى كادىرلىرىنى تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بەردى. ئىككى قارار پارتىيە ئىشلىرى كۇرىسى ئاچقاندىن سىرت، يەنە مەركىزىي تەربىيىلەش ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، 1945- يىلى 3-ئايغىچە ناھىيىلىك پارتىيە بۆلۈملىرىگە كىتەرلىك 385 كىشىنى تەربىيلىدى. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا يىتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇلارنى تەربىيلەشنى كۈچەيتىپ، دائىم بىۋاستە قاراشلىق رايونلۇق پارتىيە بۆلۈملىرىنىڭ ھەيئەتلىر، شۇجىلىرى، گۇرۇپپا باشلىقلىرىنى يىغىپ خىزمەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىش يىغىنى ئېچىپ يىتەكچىلىك قىلدى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتا، مەشق پىلانى ۋە يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تۈركۈمگە بۆلۈپ تەربىيلدى. 1945- يىلى 3-ئايغىچە جەمئىي 403 نەپەر ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تەربىيلىدى. يېڭى پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيىلەش- ئۆلكىلىك پارتىيە بۆلۈمىنىڭ بوشاشماي چىڭ تۇتىدىغان خىزمىتى بولۇپ، 1943- يىلى پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنى بىرلىك قىلىپ يېڭى پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيلىدى. 1944- يىلدىن باشلاپ يېڭى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئاساسەن A. B. C دەپ ئۈچ خىلغا ئايرىپ تەربىيىلەش پىلانى بويىچە تەربىيلىدى. 1945- يىلى 3-ئايغىچە جەمئىي 16مىڭ يېڭى پارتىيە ئەزاسى تەربىيلەندى. (2) تەربىيىلەش ماتىرىياللىرى تەرجىمە قىلىپ تارقىتىلدى. ئۆلكىلىك پارتىيە بۆلۈمى باسقان «پارتىيە ئەزالىرى بىلىۋىلىشقا تىگىشلىىك ئىشلار» «يېڭى پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيىلەش پىروگراممىسى»، «يغىۋىلىش ساۋاتلىرى» قاتارلىق ماتىرىياللارنى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۈگىنىشىگە تارقاتتى. مەركىزىي پارتىيە بۆلۈمى مۇزاكىرە پروگراممىسى ۋە ئۆلكىلىك پارتىيە بۆلۈمى تۈزگەن مۇزاكىرە پروگراممىسى كۆچۈرۈپ تارقىتىلدى ياكى بىۋاستە تارقىتىلدى. بۇلار پارتىيە گۇرۇپپىلىرى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىشنىڭ ئاساسىي قىلىنىدى. ھەر خىل سىياسىي ئاخباراتلار بېسىپ تارقىتىلدى ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىنىپ، ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرىغا تارقىتىپ بېرىلدى.
پارتىيە ئۆمىكىنىڭ يىتەكچىلىك قىلىشى جەھەتتە: پارتىيە ئەزالىرى خەلق تەشكىلاتى سەپەرۋەر قىلىندى. 1944- يىلى سەپەرۋەر قىلىش ئارقىلىق، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۈگمەنچىلىك ئويۇشمىسى، سەنئەت تەتقىقات ئۇيۇشمىسى چېگرا ساداسى كوپراتىۋى. ناھىيىلىك دېھقانلار ئۇيۇشمىسى ناھىيىلىك مائارىپ ئۇيۇشمىسى، كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئاممىسى تەشكىلاتلار قۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شىنجاڭدا ئەسلىدىن بار مەدەنىيەت ئاقارتىش ئۇيۇشمىلىرى، رايونلۇق شۆبە ئۇيۇشمىلار، ئۆلكىلىك مائارىپ ئۇيۇشمىسىنى كونترول قىلىش كۈچەيتىلدى ھەمدە ئۆلكىلىك سودا-سانائەت ئىشلەپچىقىرىش باش ئۇيۇشمىسى ئۆلكىلىك سانائەتچىلەر ئۇيۇشمىسى ۋە سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىغا ئۆزگەرتىلدى. ناھىيىلىك سودا-سانائەتچىلەر ئۇيۇشمىسى، سانائەتچىلەر ئۇيۇشمىسى ۋە سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىغا ئۆزگەرتىلدى. (2) پارتىيەى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋىتى كۈچەيتىلدى. 1942- يىلى جىياڭ جېشى غەربىي شىمالنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، «يەرلىك پارتىيە- ھۆكۈمەت بىردەكلىكىنى ساقلىشى» «بىر ناھيىنىڭ ھاكىمى خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغان ھەمدە پارتىيە ئەزاسى بولسا، ناھىيىلىك پارتىيە بۆلىمىنى شۇجىلىقنى قوشۇمچە ئۆتىسە بولىدۇ» دەپ تەكىتلىدى. شىنجاڭ ئۆلكىلىك پارتىيە بۆلۈمى جىياڭ جېىشىنىڭ يوليورىقىغا ئاساسەن، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىلەن كېڭىشىپ، بىر قىسىم ناھيىلەردە پارتىيە بۆلۈمىنىڭ شۇجىسى ھاكىملىقنى ياكى ھاكىم پارتىيە بۆلۈمىنى شۇ جىلىقىنى قوشۇمچە ئۆتەشنى قارار قىلدى. 1943- يىلى 5-ئايدىن باشلاپ، شىنجاڭدا ئۆلكىلىك پارتىيە ھۆكۈمەت بىرلەشمە يىغىنى ۋە ئۆلكىلىك ئالاھىدە گۇرۇپپا يىغىنى ئېچىش شەكلى ئارقىلىق، پارتىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋىتى كۈچەيتىلدى. ئۆلكىلىك پارتىيە بۆلۈمىنىڭ شۇجىسى ۋە ناھىيىلىك پارتىيە بۆلۈمىنىڭ شۇ جىسى قانۇن بويىچە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەيئەتلەر يىغىنى ۋە ناھىيىلىك ھۆكۈمەت يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىدىغان بولدى.
تەشۋىقات جەھەتتە: رادىئو تەشۋىقاتى: ئۆلكىلىك پارتىيە بۆلۈمى شىنجاڭ تىلىگراف باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۈرۈمچىدە قۇرغان سىملىق رادىئو ئىستانىسىدىن پايدىلىنىپ، م 1943- يىلى 5-ئايدىن باشلاپ، ھەر كۈنى ئىككى ئالاھىدە پروگرامما يوليورىقىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىپ ئاڭلاتتى. بەزى پروگراممىلارنى يەنە ئۇيغۇرچە، مۇڭغۇلچە، قازاقچە ئاڭلاتتى. (2) كىتاب-ژۇرناللارنى تەرجىمە قىلىپ بېسىپ تارقاتتى. ئۆلكىلىك پارتىيە بۆلۈمى پارتىيىنىڭ ئادىللىقى توغرىسىدىكى كىتاب-ژۇرناللارنى تەرجىمە قىلىش ۋە بېسىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بىرىپ، 12 خىل 83 مىڭ 500 پارچە كىتابنى كۆپەيتىپ باستى. 11 خىل 63 مىڭ پارچە كىتابنى تۈزۈپ تارقاتتى. 11 خىل، 89 مىڭ پارچە كىتابنى تەرجىمە قىلدى. ئۇندىن باشقا «يىڭى شىنجاڭ» دېگەن ئايلىق ژورنالنى خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە نەشىر قىلدى. «چېگرا شامىلى» ۋاقىتلىق گىزىتىنى قەرەلسىز نەشىر قىلدى. (3) خاتىرىلەش يىغىلىشى، مۇسابىقە، كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇردى. ھەر قېتىم خاتىرە كۈنى يېتىپ كەلگەندە، ئۆلكىلىك پارتىيە بۆلۈمى ھەر قايسى ساھەدىكى زاتلار قاتناشقان يىغىن ئېچىپ، تەشۋىقات دوكلاتى بەردى ياكى نوتۇق سۆزلىدى. ئوتتۇرا مەكتەپتىن يۇقىرى مەكتەپ ئوقۇغىچىلىرى ئارىسىدا «ئۈچ مەسلەك» بويىچە ئىلمىي ماقالەت يېزىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. يەنە جىياڭ جېشىنىڭ ھەر خىل چوڭ سورۇنلاردا چۈشكەن سۈرەتلىرىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان كۆرگەزمىلەرنى ئاچتى.
1944- يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى بولغان ۋۇجۇڭشىن جىياڭ جىشىنىڭ ئىرادىسىگە تېخىمۇ ۋارسلىق قىلىپ، شىنجاڭدا رەئىس بولۇشنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى شىنجاڭدىكى «ئالتە بۈيۈك سىياسەت» سىياسىتىنى «ئۈچ مەسلەك» سىياسىيسىغا ئۆزگەرتىش دەپ قارىدى. شۇڭا، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل ئۇقۇشماسلىق، ساۋاتسىزلار كۆپ بولۇش ئەھۋالىغا قارىتا، «كىنو –تەشۋىقاتتىكى ئەڭ ياخشى قورال» دەپ قاراپ جىياڭ جېىشىغا تەشۋىقات بۆلۈمىدىن خادىم ئەۋەتىپ «قىممىتى بار» فىلىملەرنى شىنجاڭدا كۆپرەك قويۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. جىياڭ جېشى بۇنىڭغا قوشۇلدى. ئەينى ۋاقىتتا دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن فىلىم ۋە ھۈججەتلىك فىلىملارنىڭ شىنجاڭدا قويولۇشى موشۇ سىياسىي مەقسەتنى چىقىش قىلغان ئىدى. ۋۇجۇڭشىن شىنجاڭدىكى ئىلغار كۈچلەرنى چەكلەش ئۈچۈن، فېئودال دىننىي كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈردى. ئۇ ئىسلام دىنىي ساھەسىدىكى يۇقىرى قاتلام زاتلارغا مۇنداق دېدى« شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن قارىغاندا، دىننيي كۈچلەرگە تايىنىپ ماركىزىم، لىنىزىمنىڭ «يامان ئىقىمىنى» توسقىلى بولمايدۇ. چوقۇم «ئۈچ مەسلەك» بىلەن ماسلىشىشى كېرەك. شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىدىيىسى ۋە ھەركىتىنى باشقىلار قايمۇقتۇرسا بولمايدۇ» ئۇ يۇقىرى قاتلام فېئودال كۈچلەرگە مۇنداق دېدى. «كوممۇنىزىم خەلقىنى ئېزىدۇ» «داھىلارنى يوقىتىدۇ» ئۇ پۈتۈن شىنجاڭ خەلقىگە نىسبەتەن چوڭ ئاپەت. ئىسلام دىنىغا تايىنىپ كوممۇنىزىمنىڭ ئەدەپ كېتىشىنى توسقىلى بولمايدۇ. «ئۈچ مەسلەك» ياردەم قىلغاندىلا ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولىدۇ. «ۋۇجۇڭشىن خۇيزۇ پارتىيە خىزمەتچىلىرىگە تېخىمۇ زور ئۈمىت باغلاپ، ئۇلاردىن خۇيزۇ ئىتقادچىلار بىلەن كۆپرەك ئالاقىلىشىپ، ئۇلارغا گومىنداڭ ئىدىيىسىنى ھەر ۋاقىت سىڭدۈرۈپ، «ئۈچ مەسلەك» كە بولغان ئىتقادىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى كۆككە كۆتەرگەن «ئۈچ مەسلەك» نىڭ شىنجاڭدا فېئودال دىننىي كۈچلەرنىڭ ياردىمى بىلەن كېڭەيتىلىشى ئاتالمىس «ئۈچ مەسلەك» نىڭ «ئىنقىلابى» لىقىغا قىلىنغان ئەپچىل مەسخىرە ۋە تەنقىد ئىدى.
3. مائارىپ ئاپپاراتلىرىنى ئۆزگەرتىپ، كوممۇنستلارنى يوقىتىش
شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن يىقىنلاشقاندا، خەلقنىڭ ماركىسىزىم. لىنىزىمنى ئۈگىنىشكە يولغا قويغان. شىنجاڭدىكى كومپارتىيە ئەزالىرىمۇ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ، ياش زىيالىلار ئارىسىدا ماركىسىزم لىنىنىزىم ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىكى پارتىيىنىڭ ياپۇنغا قارشى تۇرۇش فاڭجېىن- سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلغان ئىدى. شۇڭ، جىياڭ جېىشى شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى خىزمەتچىلەر كومپارتىيىنىڭ مالىمانچىلىقى ۋە تەھدىتكە ئۇچرىغان. ئاياللارمۇ كومپارتىيىنىڭ قايمۇقتۇرىشىغا ئۇچرىغان دەپ قارايتتى. گومىنداڭنىڭ باشقا زاتلىرىمۇ شۇنىڭدىن ھەيران قالغانكى، سوۋېتتە ئوقۇغانلار ئىنىستۇتى، شىنجاڭ ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى. شىنجاڭ ھەربىي مەكتىپى سىياسىي تەربىيىلەش سىنىپىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ماركىزىم لىنىزىمنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. ناھيىدىكى ئادەتتىكى دارىلمۇئەللىمىنلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارمۇ ماركىزىم لىنىزىمنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان ئىدى. جىياڭ جېىشى بۇنىڭدىن قاتتىق نەپرەتلىنىپ، «بۇ پارتىيىمىز ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور توسالغۇ بولىۋاتىدۇ. بۇندىن كېيىن ئۇنى تىرىشىپ يوقىتىش، مەسلەكنى يولغا قويۇش مەقسىدىگە يېتىشىمىز كېرەك» دېدى. شىنجاڭ ئۆلكىلىك پارتىيە بۆلۈمى جىياڭ جېىشنىڭ يوليوروقىغا ئاساسەن، ئالدى بىلەن شىنقاڭنىڭ سىياسىي كەيپىياتىنى ئۆزگەرتىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئورگانلار، مەكتەپ ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ساقلىغان ئىلغار مەزمۇندىكى كىتاب-ژۇرناللارنىڭ ھەممىسىنى يغىىپ كۆيدۈرىۋەتتى. ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە جەمئىي 35 مىڭ پارچە كىتاب-ژۇرنالنى كۆيدۈردى. شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى كىتابخانلىرىدىكى كىتابلارنى ئۈزۈل- كېسىل تەكشۈرۈپ، ئىلغار مەزمۇندىكى 80 نەچچە خىل كىتاب ژۇرنالنى سېتىشنى مەنئىي قىلدى ۋە يىغىۋالدى. ئوپىرا ئۆمەكلىرى، مىللىي مەدەنىيەت ئۇيۇشمىلىرى، ئورگان، مەكتەپلەردە قويىلىدىغان نۇمۇرلارنى سىياسىي جەھەتتىن تەكشۈرۈپ، 15 نۇمۇرنى ئورۇنلاشنى مەنئىي قىلدى. شىنجاڭدا قويولىدىغان سوۋېت فىلىمىنى تاللاپ بەزى جايلىرىنى كېسىپ ئېلىۋەتتى. 22 فىلىمنى قويۇشنى مەنئىي قىلدى. 8 فىلىمنىڭ بەزى جايلىرىنى كېسىۋەتكەندىن كېيىن قويۇشقا رۇخسەت قىلدى.
گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن شېڭ شىسەي ھەر خىل مەقسەت بىلەن ئاچقان سىياسىي تەربىيىلەش كۇرسلىرىنى توختاتتى. مەكتەپ تەربىيىسىدىكى «ئۆلچەملىك» بىلەن چىقىشالمايدىغان دەرس ۋە مەزمۇنلارنى چىقىرىپ تاشلاپ، بىردەك مائارىپ مىنىستىرلىكى تەكشۈرۈپ بىكىتكەن ئوقۇشلۇقلارنى ئىشلەتتى. ئىچكىرى ئۆلكىلەردە سىياسىي جەھەتتىن تەربىيلەنگەن ئوقۇتقۇچىلارنى شىنجاڭغا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا ئەۋەتتى. گومىنداڭ مەركىزىي كومېتىتى تەشكىلات بۆلۈمى يەنە ياھيە، بازار، يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپلەردە رايونلۇق شۆبە بۆلۈم تەسىس قىلشنى تەكىتلىدى. ھەر بىر مەركىزىي مەكتەپتە مەخسۇس ئىلىشىدى. شىنجاڭ ئۆلكىلىك پارتىيە بۆلۈمى ئالىي ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلدى. بىۋاستە قاراشلىق رايونلۇق پارتىيە بۆلۈمى تەسىس قىلىشتىن سىرت، يەنە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا كۆپلەر گومىنداڭ پارتىيە ئەزاسى تەرەققىي قىلدۇردى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ھەر خىل سىياسىي كۇرسلارنى ئېچىپ «زەھەرلەنگۈچىلەر» نىڭ «مېڭىسى» نى يۇيۇپ، ئۇلارغا «ئۈچ مەسلەك» ئىدىيىسىنى مەجبۇرى سىڭدۈردى. گومىنداڭنىڭ بۇ خىزمەتلىرىدە مۇئەييەن ئۈنۈم قولغا كەلدى. ھەتتا ئىلگىركى جاھانگىرلىككە قارشى ئۇيۇشمىنىڭ كونا ئونسۇرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزگىرىپ، «ئالتە بۈيۈك سىياسەت» نەزەرىيىسىگە ئىسىلىۋالىدىغانلار كۆپ قالمىدى. جىياڭ جېشى شېڭ شىسەي شىنجاڭدا ئىشلەشكە تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەن كوممۇنستلارغا چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچ ئىدى. 1943- يىلى 3-ئايدا، ئۇ ھەربىي سوتىنىڭ باش ئىجرا تەپتىش بۆلۈمى ئەۋەتكەن «شىنجاڭ سوت ئۆمىكى» نىڭ مۇھىم ئەزالىرىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كومپارتىيىنىڭ مۇھىم ئادەملىرىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش باشقا مۇھىم خادىملىرىنىمۇ قاتتىق جازالاش كومپارتىيىنىڭ شىنجاڭدىكى كۈچلىرىنى تەلتۆكۈس تازىلاش كېرەك». 1943- يىلى 9- ئاينىڭ 27- كۈنى شېڭ شىسەي جىياڭ جىشىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق، كومپارتىيىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇھىم رەھبەرلىرىدىن چېن تەنچىيۇ، ماۋ زېمىن، لىن جىلۇلارنى مەخپىي ئۆلتۈرىۋەتتى.
گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى باشقا كوممۇنستلارنىمۇ ئۇزاققىچە تۇتقۇن قىلدى. 1945- يىلى «20 ماددىلىق كېلىشىم» ئىمزالانغاندىن كېيىن، گومىنداڭ سىياسىي جىنايەتچىلەرنى قويۇۋىتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلغىلى ئۇنىمىدى. گومىنداڭ جۇڭگو كومپارتىيىسى ۋە جامائەت پىكرىنىڭ كۈچلۈك بىسىمى ئاسىتىدا، «شىنجاڭدىكى كوممۇنىستلار دىلوسىنى رەئىس جاڭ جىجۇڭ بىجىرىۋاتىدۇ» دەپ ئاشكارلىماي تۇرالمىدى. ئەمەلىيەتتە جاڭ جىجۇقڭ شىنجاڭدىكى كوممۇنستلارنى قويۇۋىتىش توغرىسىدا يوليورۇق سورىسا، جىياڭ جېشى يەنىلا ئىككىلىنىپ تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. جاڭ جىجۇڭ قايتا-قايتا تىلىگرامما يوللاپ «كومپارتىينىڭ مۇھىم ئۇنسۇرلىرى ئۆلتۈرۈلۈپ بوپتۇ، قالغانلىرى ئادەتتىكى كىشىلەرئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە قېرى، ئاجىز، كىسەلچان، مېيىپلار ۋە ئاياللار كۆپكەن «20 ماددىلىق كېلىشىم» ۋە «سىياسىي كېڭەشنىڭ قارارى» دىمۇ سىياسىي جىنايەتچىلەرنى قويۇۋىتىش دەپ بەلگىلەنگەن. ئۈچ ۋىلاىيەت ۋەكىللىرىمۇ سۆھبەت ئۈستىدە ئۆلكە ئىچىدىكى سىياسىي جىنايەتچىلەرنى قويۇۋىتىشنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى. كوممۇنستلارنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرىۋەرمەسلىك، ئالدى بىلەن ئۈچ ۋىلايەت تەرەپنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشەلمەيمىز، مەنمۇ شىنجاڭدىكى ۋەزىپەمنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايمەن» دېدى. 1946- يىلى 5-ئايدا جىياڭ جېىشى تىلىگرامما ئەۋەتىپ ئۇلارنى قويۇۋىتىشكە مەجبۇرىي ماقۇل بولدى.

2§. خەلقنى تەشكىل جەھەتتىن كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش
گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئاساسىي قاتلامنى يەنىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش ئۈچۈن، 1931- يىلى قىزىل ئارمىيەگە ھۇجۇم قىلغان «باندىتلارنى قورشاپ يوقىتىش» باش قوماندانلىق شىتابى پارتىيە ھۆكۈمەت كومېتىتىغا قاراشلىق جايلاردىكى ئۆزىنى قوغداش باشقارمىسى باۋجىيا تۈزۈمى ۋە قائىدە-بەلگىلىمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈرۈپ چىقتى ھەمدە شۇ يىل 6-ئايدا جىياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شىيۇشۈي قاتارلىق 43 نەپەر ناھيىسىدە سىناق تەرىققىسىدە يولغا قويدى. 1932- يىلى 8-ئايدا، «خېنەن، خۇبىي، ئەنخۇي ئۆلكىلىك «باندىتلارنى قورشاپ يوقىتىش» باش قوماندانلىق شىتابىنىڭ باۋجىيا تۈزۈمىنى يولغا قويۇش بۇيرۇقى ۋە «باندىتلارنى قورشاپ يوقىتىش» رايونىدىكى ناھيىلەردە باۋجىيا تۈزۈمىگە كىرگۈزىلىدىغان نوپۇسلارنى ئىنىقلاش نىزامى» رەسمىي ئېلان قىلىندى ھەمدە ئىنقىلابى بازا بىلەن تۇتىشىدىغان رايونلاردا يولغا قويۇلدى. 1934- يىلى گومىنداڭ مەركىزىي كومېتىتى سىياسىي يىغىنى قارار چىقىرىپ جايلارنىڭ باۋجىيا تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا مەمۇرىي پالاتانى مەسئۇل قىلدى. باۋجىيا تۈزۈمىدە گومىنداڭ پارتىيىسى ۋە ھۆكۈمەتنى شەھەر يېزا خەلقىنى كونترول قىلىشى كۈچەيتىلگەن بولۇپ، گومىنداڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە مۇستەبىت ھۆكۈمرانىق ئورنىتىشى ئۈچۈن پۇختا تەشكىلىي ئاساس سىلىنغان.
جىياڭ جېىشى غەربىي شىمالدا باۋجىيا تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن. 1942- يىلى 8-ئايدا لەنجۇدا ھەر ساھە كېڭەيتىلگەن خاتىرىلەش ھەپتىلىكىدە نوتۇق سۆزلىگەندە مونۇلارنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان: «يېڭى ناھىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ۋە باۋجىيا تۈزۈمىنى تولۇقلاشتا، ھەرقايسىڭلارنىڭ نۇرغۇن پىلانى بولىشى، مۇھىم نوقتىنى ئىگىلەپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا ئىشلىشىڭلار كېرەك» شېڭ شىسەي گومىنداڭغا بويسۇنغاندىن كېيىن، چۇڭچىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا شىنجاڭدا باۋجىيا تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى. شىنجاڭ چېگرا رايونىغا جايلاشقا. ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، شارائىت ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى رايونلارغا ئوخشىمايتتى. باۋجىيا تۈزۈمىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭكىنى شۇ پىتى كۆچۈرۈپ كېلىپ يولغا قويغىلى بولمايتتى. شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان «ناھيىدىكى ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلار پروگراممىسى» ۋە مەمۇرىي پالاتا ماقوللىغان «ناھيىلەرنىڭ تۈزۈمى بويىچە رەتلەش چارىسى» گە ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ «شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ يېزا-بازارلىق باۋجىيا تۈزۈمىگە كىرگۈزۈلگەن نوپۇسلارنى رەتلەش چارىسى» تۈزۈپ چىقىلدى ھەمدە 1943- يىلى 7- ئايدا شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ھەيئەتلەر يىغىنىڭ ماقۇللىشى ئارقىلىق ئېلان قىلىنىپ يولغا قويولدى. «يولغا قويۇش چارىسى» دا، ناھىيە قارمىقىدا يېزا(بازار)، دىھقانچىلىق-چارۋىچىلىق رايونلىرىدا يېزا، نوپۇسى 3000 ئائىللىكتىن ئاشىدىغان كوچا، شەھەرلەردە بازار، يېزا (بازار) قارمىقىدا باۋ، جىيا تەسىس قىلىش بەلگىلەنگەن. يېزا (بازار) لاردا 10 باۋ بولۇشنى پرىنسىپ قىلىش، ئالتە باۋدىن ئاز، 15باۋدىن كۆپ بولماسلىق؛ باۋلاردا 10 جىيانى پىرىسىپ قىلىش، ئالتە جىيادىن ئاز، 15 جىيادىن كۆپ بولماسلىق؛ جىيادا 10 ئائىلىنى پىرىسىپ قىلىش، ئالتە ئائىلىدىن ئاز، 15 ئائىلىدىن كۆپ بولماسلىق بەلگىلەنگەن. يېزا(بازار) لاردا يېزا (بازارلىق) ھۆكۈمەت تەسىس قىلىنىدۇ، يېزىلاردا بىر يېزا باشلىقى، ئىككى مۇئاۋىن يېزا باشلىقى بولىدۇ؛ باۋلاردا باۋ ئىش بىجىرىش ئورنى تەسىس قىلىنىدۇ، بىردىن رەسمىي ۋە مۇئاۋىن باۋ باشلىقى بولىدۇ؛ جىيالاردا جىيا باشلىقى بولىدۇ، رەسمىي، مۇئاۋىن يېزا (بازار) باشلىقلىرىنى ناھىيىلىك ھۆكۈمەت خادىم ئەۋەتىپ ئۆز يېزا (بازار) لىرىدىكى بارلىق رەسمىي، مۇئاۋىن باۋ باشلىقلىرىنى يىغىپ شۇلارنىڭ ئىچىدىن سايلاپ، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىكىتىشىگە يوللايدۇ. جىيا باشلىقلىرى باۋ باشلىقىلىرىنى يغىپ جىيا تەۋەلىكىدىكى ئائىلە باشلىقلىرى ئىچىدىن سايلىنىدۇ، يېزا (بازار) لىق ھۆكۈمەت ناھىيىلىك ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرىدۇ. باۋ باشلىقلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇشتا، رەسمىي ۋە مۇئاۋىن باۋ باشلىقلىرىنى ناھىيىلىك ھۆكۈمەت خادىم ئەۋەتىپ، شۇ باۋدىكى ھەر قايسى جىيا باشلىقىرىنى يىغىپ شۇلار ئىچىدىن سايلىغاندىن كىيىن، ناھيلىك ھۆكۈمەت تاللاپ بىكىتىدۇ. رەسمىي، مۇئاۋىن يېزا (بازار) باشلىقى ۋە باۋ باشلىقىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىككى يىل، جىيا باشلىقلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلى بىر يىلى بولىدۇ، ئۇدا سايلىنىشقا ۋە تەيىنلەشكىمۇ بولىدۇ. «شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ بىرلەشمە باۋنى يولغا قويۇشنى بىجىرىش چارىسى» دا يەنە مۇنداق بەلگىلەنگەن: باۋ جىيالار بىكىتىلىپ، باۋ، جىيا باشلىقلىرى سايلاپ چىقىلغاندىن كېيىن، باۋ باشلىقى ھەر قايسى جىيا باشلىقلىرىغا نازارەت قىلىدۇ، ھەرقايسى ئائىلە باشلىقلىرىنى يىتەكلەپ، بىرلەشمە باۋنى يولغا قويىدۇ. 1945- يىلدىكى ئىستاستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئۆلكە بويىچە ئۈچ رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىسىنىڭ سىرتىدا، ئاساسەن باۋ، جىيا تەشكىللەش خىزمىتى تاماملانغان. ئەينى چاغدا شىنجاڭ بويىچە جەمئىي 284 يېزا، 185 بازار، 39995 باۋ، 39716 جىيا تەشكىللەنگەن.
باۋ، جىيا تۈزىمىنىڭ يولغا قويولۇشى، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ يېزا كەنت ھاكىمىيىتنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتكەنلىكىنىڭ، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە قارىتىلغان سىياسىي چەكلىمە ۋە بىسىم ئىقتىدارنىڭ كۈچەيگەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى. شىڭ شىيىنىڭ زوراۋان ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ھايات قالغان ھەر مىللەت خەلقى يەنە بىر قېتىم گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئاق تىرورلۇق ئىچىدە قالدى.


3§. مىللىي ئىزدىنىش سىياسىتىنىڭ يولغا قويولۇشى
1. مىللەت ئاسسىملاتسىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇش
گومىنداڭ مەركەز ھاكىمىيىتىنى قولغا ئالغاندىن كىيىن، تەدرىجىي ھالدا ئاتالمىش ئۈچ مەسلەك چېگرا رايون سىياسىتىنى يولغا قويدى، بۇ خىل چېگرا رايون سىياسىتىنىڭ ئىككى قۇتۇپلىشىش يۈزلىنىش ئۈزلىكىسىز تەرەققىي قىلدى: بىر تەرەپتىن گومىنداڭ ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ھەر قېتىملىق يىغىندىكى مۇھىم خىتاپنامە، قارار ۋە دوكلاتلارنىڭ ھەممىسىدە بىر قىسىم ئىشقا ئاشمايدىغان گەپلەرنى قىلدى، مەسىلەن، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىر دەك باراۋەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، چېگرا رايونىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىنى- ئۆزى باشقۇرۇشنى قوللاش، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ دىننىي ئىتقادى ۋە ئۆرپ- ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش دىگەندەك؛ يەنە بىر جەھەتتىن يەنە : «چېگرا رايونلارنى مەدەنىيەتلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىش ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ بىرلىكىنى مۇستەھكەملەش» نى تەشۋىق قىلىپ، چېگرا رايونلاردا مىللىي ئاسسىملاتسىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى خەنزۇلارغا قوشۇشنى كۆزلىدى. 1943- يىلى، جىياڭ جېشىنىڭ، «جۇڭگونىڭ تەقدىرى » ناملىق كىتابىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى گومىنداڭ چوڭ خەنزۇچىلىق ئىدىيىسىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. ئۇ كىتاۋىدا جۇڭگودا كۆپ مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئەسلا ئىتراپ قىلمىغان، بەلكى خەنزۇلاردىن باشقا مىللەتلەرنى ئۇرۇق دەپ ئاتاپ «جۇڭخۇا مىللىتى كۆپ ئۇرۇقلارنىڭ قوشۇلىشىدىن شەكىللەنگەن»[25] دېگەن. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىرلا مىللەت ئىكەنلىكىنى تەرغىپ قىلغان بولۇپ، «ئۇنىڭ مەقسىتى چوڭ خەنزۇچىلىقنى تەشەببۇس قىلىش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىش بولۇپ، مىللەت نامى بىلەن چوڭ پومېشچىك، چوڭ بۇرژىئازىيە سىنىپى ھاكىمىيىتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئىزىشنىڭ ماھىيىتىنى يوشۇرغان»[26]. ۋۇجۇڭشىن شىنجاڭدا رەئىس بولغاندىن كىيىن، جىياڭ جېشىنىڭ موش مىللىي ئاسسىملاتسىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى باشلىغان. 1944- يىلى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئۇ دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا ئېلان قىلغان «شىنجاڭ خەلقىگە مەكتۇپ» دا، جىياڭ جېشىنىڭ ئۇرۇق سەپسەتىنى كۆككە كۆتۈرۈپ «مىللەتچىلىك جەھەتتە ئۇرۇقلارنىڭ بىردە باراۋەرلىكىنى ئاساس قىلىنىدۇ» دېگەن. ئۇ تۈزگەن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىشىدىكى مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرىنچىسى «ئۇرۇقلارنىڭ ئۆز- ئارا ئىشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش»[27] دىيىلگەن. ئۇ شىنجاڭدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن 18 ئايدا، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرىقنى ئارىلاشتۇرۇش ۋە يوقۇتۇش بىلەن ئالدىراش ئۆتكەن. ئۇ خۇيزۇلارغا كۆپ قېتىم: ئىلگىرى نۇرغۇن كىشىلەر خەنزۇ، خۇيزۇنى ئىككى مىللەت دەپ قارايتتى، بۇ توغرا ئەمەس دىگەننى تەشۋىق قىلىپ «سىلەرگە ئېنىق ئىتىپ قويايكى، بىزنىڭ ئەجدادىمىز بىر مىللەت، بىر قان سىستىمىسىدىن ئىدى. ئويلاپ بىقىڭلار، خەنزۇلار بىلەن خۇيزۇلار چىراي، چاچ- تىرە، تىل يېزىق ۋە تۇرمۇش ئادىتى جەھەتتە بىر-بىرىمىزدىن قانچىلىك پەرىقلىنىمە؟ بۇ يەنىلا ئوخشاش گەپ ئەمەسمۇ، ئەستايىدىللىق بىلەن ئېيتقاندا، بىزدىكى بىردىن-بىر پەرق سىلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىسىلەر، چوشقا گۆشى يىمەيسىلەر شۇ» [28] دېگەن. ئۇ يەنە مۇڭغۇل، قازاق، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگىمۇ زىرىكمەي-تىرىكمەي، ھەر مىللەت خەلقى بىلەن خەنزۇلار ئوخشاش بىر ئەجداتتىن تەرەققىي قىلىپ كەلگەن، كۆپچىلىك «ئوخشاش مەنبەگە ئىگە»[29]دەپ يۈرگەن. ئۆزىنىڭ بۇ سەپسەتىسىنىڭ مۇۋاپىقلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ۋۇجۇڭشىن يەنە تارىختىن ئاتالمىش ئىلمىي «ئاساس» ئىزدىگەن.
«مىھىر-شەپقەت» مىللىي ئاسسىملاتسىيە سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ ۋۇجۇڭشىن شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يەنىلا جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ھۆكۈمرانلىق ئۇسۇلى بولغان- ئىسكەنجىسىگە ئىلىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، خۇيزۇ، مۇڭغۇللاردىن [30] پايدىلىنىپ شىنجاڭدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئىسكەنجىسىگە ئالدى، ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر[31] ئارقىلىق ئاۋام خەلققە تەسىر كۆرسىتىپ، قازاقلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى يىراقلاشتۇرۇپ[32]، قازاقلارنى تەنھا قالدۇردى(چۈنكى ئەينى چاغدا ئوسمان باشچىلىقىدىكى قازاق چارۋىچىلىرى ھۆكۈمەتكە قارشى توپىلاڭ كۆتۈرگەن ئىدى) ۋۇجۇڭشىن موشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق شىنجاڭنى موقۇملاشتۇردى. شۇنداقلا موشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق جېياڭ جېشىنىڭ مىللىي ئاسسىملاتسىيە سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا خىزمەت قىلدى.
2. خەلقنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇش
يىراقنى قويۇپ، گومىنداڭ دەۋرىدىن باشلاپ ھىساپلىغاندىمۇ، شىنجاڭدىكى مىللىتارست ھۆكۈمرانلار بىردەك مىللىي ئېكسپىلاتاتسىيە سىياسىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئىجتىمائىي زىددىيەت ۋە مىللىي زىددىيەتنى ئىنتايىن كەسكىنلەشتۈرىۋەتكەن. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى تۇرغۇزۇپ، ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت ئاپپاراتىنى كۈچەيتىپ، خەلق قارشىلىقىنى باستۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغان.
ئارمىيە ۋە ساقچى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىدا تايىنىدىغان تۈۋرۈك ئىدى. جىياڭ جېشى شىنجاڭغا كىرگۈزگەن تۆت دىۋىزىيە قىسىم ۋە شىڭ شىسەينى قالغان يەرلىك ئالتە دىۋىزىيىنى ئۆزگەرتىپ، بۇ قىسىملارنىڭ قوماندانى ئالماشتۇردى ھم ئۇلارنى «دۆلەت ئىشلىتىدىغان» قىلدى[33]. شىنجاڭنىڭ يەر مەيدانى كەڭ بولۇپم شىنجاڭدىكى قىسىملارنىڭ ماشىنلاشقان ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش مۇھىم بولغاچقا، جىياڭ جېىشى «مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئاتلىق ئەسكەرلىرىنى كۈپەيتىش، شىنجاڭدىكى قىسىملارنى بېقىشنى كىڭەيتىش» نى بۇيرىدى[34]. شىنجاڭ خەلقىنىڭ باشقا سىياسىي غەرىزىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن، 1944- يىلى 9- ئايدا، جىياڭ جېىشى دۆلەت ئەسكەرلىرى قوماندانلىق شىتابىغا «كۈچلۈك بىر تۈەن ياكى بىر يىڭ ئەسكەرنى تاللاپ» [35] شىنجاڭغا ئەۋەتىشنى بۇيرىدى. 8-ھەربىي رايون قوماندانلىق ئورنى لەنجۇغا تەسىس قىلىندى. «ئالتاي ۋەقەسى» يۈز بەرگەندە، جىياڭ جېشى جۇشىياۋلىياڭنى ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ شىنجاڭ قىسىملىرىغا قوماندانلىق بويرىدى، ئىش تۈگىگەندىن كىيىن، جۇشىياۋلىياڭنى يەنە ئۈرۈمچىدە شىنجاڭدىكى قازاق خەلقىنىڭ توپىلىڭىنى باستۇرۇشنى پىلانلاشقا بۇيرىدى. شىڭ شىسەي دەۋرىدە شىنجاڭدا ئەڭ تەرەققىي تاپقىنى ساقچى تەشكىلاتى بولۇپ، گومىنداڭ شىنجاڭغا ھۆكۈمرانىق قىلغاندىن كىيىن ئادەمنى ساراسىمىگە سالىدىغان بۇ قوراللىق ساقچىلارنى باستۇرۇشنى ئۆتكۈزىۋالدى ھەم بۇ قوراللىق تەشكىلات يەنىلا ئىلگىركىگە ئوخشاشلا خەلقنى باستۇرىدىغان رولىنى ئويناپ كەلدى.
گومىنداڭ مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتىتى تەكشۈرۈپ ستاتىستىكا قىلىش ئىدارىسى ۋە گومىنداڭ ھەربىي ئىشلىرى كومىتىتى تەكشۈرۈپ ئىستاستىكا قىلىش دائىرىسى گومىنداڭنىڭ ئىككى چوڭ ئىشپىيونلۇق تەشكىلاتى ئىدى. 1943- يىلى گومىنداڭ بىلەن شىڭ شىسەي تۈزگەن كىلىشىمگە ئاساسەن، شىنجاڭ ئۆلكىلىك پارتىيە ئورنىدا ئەڭ دەسلەپكى ئىشپىيونلۇق ئاپپاراتى مەركىزىي ئىستاستىكا ئىشخانىسى قۇرۇلغان ھەم ئۇنىڭغا مەخسۇس رادىئۇ ئىستانىسى قۇرۇپ بىرىلگەن ئىدى[36]. جىياڭ جېشى شىڭ شىسەينى يۆتكىۋەتكەندىن كىيىن، شىنجاڭدا دەرھال مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتىتى تەكشۈرۈپ ئىستاستىكا قىلىش ئىدارىسى ۋە گومىنداڭ ھەربىي ئىشلار كومىتىتى تەكشۈرۈپ ئىستاستىكا قىلىش ئىدارىسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشپىيونلۇق تەشكىلاتىنىڭ تور سىستىمىسىنى قۇردى. ۋۇجۇڭشىن بىر جەھەتتىن «شىنجاڭنىڭ ئەھۋالى ئۆزگىچە بولغاچقا ئىشپىيونلارغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ» دەپ قارىسا، يەنە بىر جەھەتتىن ئىشپىيونلارنىڭ ئۇنىڭغا چاتاق تىرىپ بىرىشىدىن ئەنسىرەيتتى. شۇڭا، ئۇ جىيڭا جېشىدىن :ئىشپىيۇنلۇق ئورگانلىرى شىنجاڭغا خادىم ئەۋەتىشتە «چوقۇم شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتىن ئۆتكۈزۋىتىشنى، ئۇلار ئىرىشكەن دوكلاتىنى يەنە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭمۇ پايدىلىنىشىغا بىرىشنى ھەم ھەرۋاقىت ئۆلكە رەئىسىىنىڭ نازارىتىنى ۋە قوماندانلىقىنى قوبۇل قىلىش»[37] نى تەلەپ قىلدى. جىياڭ جېىش گەرچە ئىغىزىدا قوشۇلغان[38] بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ۋۇجۇڭشىن ئىشپىيونلارغا قوماندانلىق قىلالمايلا قالماستىن، ھەتتا ئۇلار نېمە ئىشلارنى قىلدى شۇنىمۇ بىلمەيتتى[39]. گومىنداڭ مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتىتى تەكشۈرۈپ ئىستاستىكلاش ئىدارىسى، ھەربىي ئىشلار كومىتىتى تەكشۈرۈپ ئىستاستىكلاش ئىدارىسى شىنجاڭنىڭ ھەممە يىرىگە تارقالغان بولۇپ «قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىغان ئىدى»[40].
ئارمىيە، ساقچى، ئىشپىيونلار بىر گەۋدە بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى باستۇرغان ئىدى. شۇندىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى دەشنەم ۋە ئاھانەت ئىچىدە ياشىغان ئىدى. ئەينى چاغدا شىنجاڭدا : بىر شىڭ شىسەي كېتىپ، ئورنىغا ئىككىسى كەلدى دەيدىغان بىر ئوبرازلىق گەپ كەڭ تارقالغان ئىدى.
3. فېئودال دىننىي كۈچلەرنى قايتىدىن يۆلەپ تۇرغۇزۇش
جىياڭ جېىش ۋۇجۇڭشىنغا ئىشنەتتى ھەم ئۇنىڭدىن رازى ئىدى. ئۇ ۋۇجۇڭشىننى جۇڭگونىڭ چېگرا رايونلارنى تىزگىنلەشنىكى ئەنئەنىۋىي ئۇسۇللىرىغا پىششىق، چوقۇم ئۆزى ئۈچۈن شىنجاڭنى مۇقۇملاشتۇرالايدۇ دەپ قارىغاچقا، قايتا-قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق ۋۇجۇڭشىننى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىگەن ئىدى[41]. شۇڭلاشقا، ۋۇجۇڭشىننىڭ شىنجاڭدىكى بىر قىسىم چارىلىرى ۋاستىلىق ھالدا جىياڭ جېىشىنىڭ شىنجاڭنى تىزگىنلكەشتىكى دەسلەپكى ئويلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرەتتى.
«شىنجاڭدا فېئودال كۈچلەر ئىنتايىن كۆپ»، «دىننىي زاتلارنىڭ تەسىرى زور بولۇپ، خەلق دىننىي زاتلارغا قارغۇلارچە چوقۇناتتى ۋە ئىشىنەتتى»[42]. ۋۇجۇڭشىن، فېئودال دىننىي كۈچلەر ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان شىنجاڭدا، گومىنداڭ شىنجاڭدىكى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇقۇملاشتۇرماقچى بولىدىكەن، فېئودال دىننىي كۈچلەر بىلەن ھەمكارلىشىش كېرەك دەپ قارايتتى. شۇڭلاشقا، شىنجاڭدىكى فېئودال دىننىي كۈچلەرنى يېنىغا تارتىش، ۋۇجۇڭشىننىڭ شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەسلەپكى مەزگىلىدىكى خىزمەتلىرىنىڭ مەركىزى بولغان ئىدى.
(1) يۇقىرى قاتلامدىكى فېئودال دىننىي زاتلارنى قويىۋىتىش
شىڭ شىسەي شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى (بولۇپمۇ پومېشچىك، كىچىك ئەمەلدارلار ۋە موللىلار) قوغلا ئېلىپ تۈرمىگە سولىغان بولۇپ[43]، ئۇلارنىڭ مۈلىكىنى «ھۆكۈمەت تارتىۋالغان»[44]، 10 نەچچە يىل ئىچىدىلا غۇجام، ئاخۇن، كاتتىۋىشلارنى تەلتۆكۈس تۈگەتكەن[45]، ئەمما شىڭ شىسەي شىنجاڭدىكى فېئودال دىننىي كۈچلەرنى يوقوتۇشتا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ فېئودال دىننىي كۈچلەر ئۆسۈپ يىتىلىدىغان تۇپراقنى ئۈزىل- كېسىل يوقىتالمىغان ئىدى، شىنجاڭدا فېئودال دىننىي كۈچلەر يەنىلا ئىنتايىن زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىدى. شىڭ شىسەي قالدۇرۇپ كەتكەن شىنجاڭ ھۆكۈمىتى بىلەن فېئودال دىننىي كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھاڭنى جىددىي تولدۇرۇشقا توغرا كىلەتتى، بولمىسا بۇ ھۆكۈمەت بىلەن دىننىي كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا ئارازلىق ۋە گۇمان پەيدا قىلاتتى. ۋۇجۇڭشىن گومىنداڭ ھەربىي ئىشلىرى كومىتىتىدىن «ھەربىي ئىشلار كومىتىتى شىنجاڭدىكى بىسىلىپ قالغان ئالاھىدە جىنايى ئىشلار دىلولىرىنى سوتلاپ بىر تەرەپ قىلىش ئۆمىكى» تەشكىللەپ، ئۈرۈمچىگە كىلىپ بېسىلىپ قالغان دىلولارنى بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئىلگىرى، كىيىن بولۇپ ھەر مىللەت زاتلىرىدىن مىڭغا يېقىن ئادەمنى قويىۋەتمەكچى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 700دىن كۆپرەك ئادەم يۇرتىغا ئۆزى قايتتى، يۈزدىن ئارتۇق ئادەمگە ھۆكۈمەت پۇل بىرىپ قايتۇردى[46]. قويۇپ بىرىلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاخۇن، موللار ۋە يەرلىك رەھبەرلەر بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭلىق ئۇيغۇرلار كۆپ ئىدى[47]. قويۇپ بىرىلگەنلەر ئىچىدىكى ئابرويلۇق كىشىلەرگە ۋۇجۇڭشىن ئۆزى «زىياپەت بىرىپ» ئۇلاردىن «ھال سوراپ»، «يۇرتقا قايتىش راسخۇدى» نى بىرىپ يولغا سالدى[48] بەزىلىرىنى ھەتتا جايلارغا ۋەزىپىگە تەيىنلىدى. شىڭ شىسەينىڭ تۈرمىسىدىن چىقىپ، ۋۇجۇڭشىننىڭ مىھمىنى بولغان بۇ كىشىلەر ۋۇجۇڭشىننىڭ مىھىرى-شەپقىتىدىن خوشال بولۇپ، يول بويى ۋۇجۇڭشىننى ماختىشىپ يۇرتلىرىغا قايتىشتى. ۋۇجۇڭشىن ئىنتايىن رازى بولۇپ، «بۇ خىل تەشۋىقات خەلق ئارىسىغا يتىپ بارسا، خەلقنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالىدۇ»[49] دەپ قارىدى. سىياسىي جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىرىشكەن يۇقىرى قاتلامدىكى فېئودال دىننىي كۈچلەرمۇ گومىنداڭغا يېقىنلىشىشنى تىزلەتتى. ۋۇجۇڭشىننىڭ «شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرى» دە مۇنداق خاتىرىلەنگەن، قەشقەر ھېيكاھ مەسچىدى مىسلى كۆرۈلمىگەن تىنچلىق ئۈچۈن دۇئا قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. «مەدھىيە ساداسى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ناھىيە، كەنت، بازارلىرىغىچە يەتتى»[50]. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى جەنۇبىي شىنجاڭغا تەسىر كۆرسەتكەندە، شۇ يەردىكى يۇقىرى قاتلامدىكى فېئودال دىنىي زاتلار «جان تىكىپ ھۆكۈمەتنى قوغداش»[51] ئىرادىسىگە كەلدى ھەم شۇ يەرنىڭ ئامانلىقىغا پۈتۈنلەي مەسئۇل بولدىغانلىقنى ئىپادىلەپ «شۇ يەرنىڭ ئامانلىقنى بۇزىدىغان قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنى پاش قىلدى». [52].
(2) يۇقىرى قاتلامدىكى فېئودال دىننىي زاتلارنى خاتىرجەملەندۈرۈش
ۋۇجۇڭشىن چېگرا رايون ئەھۋالىنى پىششىق بىلگەچكە، فېئودال ۋە دىننىي كۈچلەرنىڭ گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداشتىكى ئىجتىمائىي ئاساس ئىكەنلىكىگە ئىشنەتتى. ئۇ ئىلگىرى جىياڭ جېىشىغا «غەربىي شىمالنى تىنچلاندۇرۇشتا، سىياسىي بىلەن دىندىن تەڭ پايدىلىنىش، بولۇپمۇ دىنغا ئەھمىيەت بىرىش كېرەك، غەربىي شىمال ئىسلام دىنىنى مەركەز قىلىدۇ، ئىسلام دىنىنى ئىگەللىسەكلا، غەبىي شىمالنى تىنچلاندۇرغىلى بولىدۇ»[53] دېگەن ئىدى. ئۇ شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، شىنجاڭدىكى فىئوداللار ۋە دىننىي كۈچلەرنى يېنىغا تارتىپ، «كۈندە دېگۈدەك ئاتالمىش [نام-ئابرويلۇق] ئاخۇنلار بىلكەن ھەمسۆھبەت بولۇپ كەلگەن»[54] ھەم : «مەن دىنغا ھۆرمەت قىلىمەن، ئۇنى پاسسىپ ھالدا چەكلەپ قويماستىن بەلكى ئۇنى ئاكتىپلىق بىلەن تەشەببۇس قىلىمەن ۋە قوغدايمەن»[55] دېگەن. بىر قىتىملىق ئاساسلىقى دىننىي زاتلارنى قاتناشقان بىر چوڭ زىياپەتتە، مۇسۇلمانلارنىڭ زامان ئوقويدىغان ۋاقتى بولۇپ قالغاندا، ۋۇجۇڭشىن «كۆپچىلىكنى ئورنىدىن تۇرۇپ دۇئا قىلىشقا» بۇيرىغان[56] ئۇ يەنە دىننىي ئۆلىمالارنى ئالاھىدە ھۆرمەتلەپ، ئۇلارنى دائىم يوقلاپ، ئۇلارغا سوۋغا بىرىپ تۇرغان. دىننىي ئۆلىمالار «خورلۇقتىن قۇتۇلۇپ باش كۆتۈرگۈدەك بولغان»[57]. ۋۇجۇڭشىننىڭ زور كۈچ بىلەن يۆلىنىش نەتجىسىدە: «شىنجاڭدىكى ئىلگىركى غۇجام، ئاخۇنلار، لامالارنىڭ دىنىي جەھەتتىكى ئورنى كاپالەتكە ئىرىشىپ، بۈگۈنگە كەلگەندە ھەممىسى كۆڭۈلدىكىدەك يۆلىنىشكە قاراپ ئىلگىرلىگەن[58].
گومىنداڭ بىلەن فېئودال دىننىي كۈچلەر بىرلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ جايلاردىكى ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەر، جەمئىيەتتىكى بارلىق ئىلغار كۈچلەرنى باستۇرغان. ئەمما، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، گومىنداڭمۇ ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداپ، ئۇلار ئىلگىرى قولدىن بىرىپ قويغان بارلىق ئىمتىيازلارنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. بۇ شىنجاڭدىكى سىنىپىي زىدىيەتنى تىخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىۋەتكەن.

4. خەلقنى شىلىشنى كۈچەيتىش
شىڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىغا يېقىنلاشقان مەزگىلدە، شىنجاڭ-سوۋېت سودىسى ئايلانما ھالەتتە بولۇپ، شىمالىي شىنجاڭ چارۋىچىلىق رايونىنىڭ چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قوشۇلغان، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۈندىلىك مەھسۇلاتلىرى جەنۇبىي شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك رايونىغا قوشۇلغان، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەنە شىمالىي شىنجاڭ چارۋىچىلىق رايونىغا قوشۇلغان. شىڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرغاندىن كىيىن، شىنجاڭ سوۋېت سودا ئەندىزىسى بۇزۇلۇپ شىنجاڭنىڭ چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى سېتىلالمىدى، كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرىنىىڭمۇ تەمىنلەش مەنبەسى ئۈزۈلۈپ قالدى.
شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى جايلار ئورناتقان سودا ئەندىزسى، يول يىراق، قاتناش قولايسىز بولغاچقا، ئىزچىل ناچار ھالەتتە تۇرۇپ كەلدى. بىر جەھەتتىن، شىنجاڭنىڭ چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى سىرتقا يۆتكىلەلمەي، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا «يۇڭلار قىرقىلمايدىغان، قوي ئۈچەيلىرى بىلەن ئىت بېقىلىدىغان»[59] ئەھۋاللار ھەممە يەردە ئۇچراپ تۇردى. يەنە بىر جەھەتتىن شىنجاڭغا كىرەكلىىك بولغان كۈندىلىك بويۇملار شىنجاڭغا كىرەلمەي «چاي، شىكەر، رەخت ۋە ئۇششاق-چۈشەك بويۇملار كەمچىل بولدى». ئەمما بۇ خىل سودا ئەندىزىسى گومىنداڭنىڭ بىيۇكرات كاپتالىسى ۋەشىڭ شىسەي ھۆكۈمرانلىق گۇرۇھىنى بېيىدىغان ئىنتايىن ياخشى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. 1942- يىلى 10- ئايدا مالىيە مىنىستىرى كۇڭ شىياڭشى جىياڭ جېىشىغا تەستىقلىتىش ئارقىلىق، مالىيە مىنىسىتىر سودا كومىتىتى، ئاشلىق-شىكەر مەخسۇس سېتىش ئىدارىسى شىنجاڭنى چاي، شىكەر قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرى بىلەن تەمىنلىدى[60]؛ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى ھېس قىلغان ھەم شىنجاڭدىن زور نەپكە ئىرىشىۋىلىش قارار قىلغان[61] شىڭ شىسەي، شىنجاڭ ئۆلكىسى يەرلىك مەھسۇلاتلار شىركىتىنى شىنجاڭدا مەخسۇس چاي، شىكەر قاتارلىق كۈندىلىك مەھسۇلاتلارنى سېتىشقا بۇيرىدى[62]. تەمىنلەش بىلەن سېتىشنى مەخسۇس تىزگىنلەشتىن كىلىدىغان زور مەنپەئەت ئۆزىدىنلا مەلۇم. شىڭ شىسەي شىنجاڭدىن ئايرىلغاندىن كىيىن، شىنجاڭ ئۆلكىلىك يەرلىك مەھسۇلاتلارشىركىتىنىڭ خۇجايىنى ئالمىشىپ، ئۇنى ۋۇجۇڭشىن تىزگىنلەيدىغان بولدى.
گومىنداڭنىڭ پارتىيە- ھۆكۈمەت، ئارمىيە خادىملىرى شىنجاڭغا كىرگەندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ ئىستىمالىغا كېرەكلىك مەبلەغ شىنجاڭ باسما زاۋۇتىدىن نۇرغۇن شىنجاڭ پۇلىسىق بېسىپ چىقىش ئارقىلىق ھەل قىلىندى. «شىجاڭ پۇلى قانچە كۆپەيگەنسىرى، مال باھاسى شۇنچە ئۆرلىدى» 1944- يىلى شىنجاڭدىكى مال باھاسى 1943- يىلدىكىدىن ئون ھەسسىدىن كۆپرەك ئىشىپ كەتكەن[63]. گەرچە جىياڭ جېشى تەدبىر قوللىنىپ شىنجاڭنىڭ سىلىقىنى يەڭگىللەتكەن مەسىلەن، شىنجاڭ مالىيەسى 1944- يىلى ھەر بىيلەرنىڭ «باندىتلارنى قورشاپ يوقىتىش» ھەربىي چىقىمى ئۈچۈن 4 مىليارد يۈەن فابى تۆلىگەن، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى 1 مىليارد 200 مىليون يۈەن فابى تولۇقلاپ بەرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە يېرىمى ماددىي ئەشيالاردىن تۆلەنگەن[64] يەنە 1945- يىلدىن باشلاپ شىنجاڭنىڭ ھەربىي چىقىمىنى پۈتۈنلەي مەركىزىي ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئالغان[65]. ئەمما، تېگى-تەكتىدىن ئىلىپ ئىيتقاندا، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش يارىمىنىڭ كۆپ قىسىمى» قەغەز پۇلىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق ئۇنى مەبلەغ ئورنىدا ئىشلىتىپ» غەملىگەن بولۇپ، «ئۆزىدە مۈلۈك يوق ئىدى»[66]. مۇنداقچە ئېيتقاندا، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئايروپىلان ئارقىلىق يوق پۇللارنى يۆتكەپ كىلىپ، شىنجاڭدا ھەر مىللەت خەلقنىڭ قان- تەدبىرى بەدىلىگە ئەمگەك مىۋىلىرىنى سېتىۋالغان.
گومىنداڭ ھۆكۈمىتى پۇل پاخاللىقىدىن پايدىلىنىپ شىنجاڭ خەلقنىڭ بايلىقنى ۋاستىلىك بۇلاڭ-تالاڭ قىلغاندىن باشقا، باج-سىلىقنى ئاشۇرۇش ئارقىلىقمۇ خەلقنى شىلىشنى كۈيتىۋەتتى. باۋ، جىيا باشلىقلىرى باج- سىلىق يىغىش جەريانىدا، سىلىقنى قاتمۇ-قات ئاشۇرۇپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆز يېنىنى توملىدى. ھەر مىللەت خەلقى يەتكۈچە ئازاب چەكتى. ئەنگىلىيىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلى ۋەجۇڭشىغا يۈز تۇرانە تۇرۇپ: «باج- سىلىق ئىشىپ كەتتى، خەلقنىڭ سىلىقىنى ئىغىرلىىشپ كەتتى. باج- سىلىق رەسمىيەتلىرى قانۇنسىز بولۇپ، ھېچقانداق ئاساسىي يوق، باۋ، جىيا ئەمەلدارلىرى خالىغانچە سىلىق يىغىپ، ھەددىن ئىشىپ كەتتى»[67] دېگەن. 1945- يىلى 10- ئاينىڭ 11- كۈنى، تاڭ زۇڭمۇ كۈندىلىك خاتىرىسىگە گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ «ئىنتىزامنىڭ بۇزۇلۇپ» كەتكەنلىكىنى «ئارمىيە تەمىناتىنىڭ يىتىشمەيدىغانلىقى، ھەممىسى سودا قىلىپ، بىرسەر ئالتۇنغا بىر لىياڭ يەر ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى» «خەلقنىڭ ئازابىنىڭ بەك كۈچىيىپ كەتكەنلىكى»[68] نى يازىدۇ. ئەمەلدارلار خەلقىنى بۇلاپ- تالاپ، ھەربىيلەر ھەممە يەرنى قالايمىقانلاشتۇرىۋەتكەن بولۇپ، بۇنىڭدىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھايات ئەھۋالىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس ئەمەس.



4§. شىنجاڭ خەلقىنى خاتىرجەملەندۈرۈش تەدبىرلىرى
گومىندا ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا بىۋاستە ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، باش سىياسەت خەلققە بولغان سىياسىي بېسىم ھالىتىنى ساقلاشتىن ئىبارەت بولدى. ئەمما شىمالىي شىنجاڭدىكى بىر قىسىم قازاقلار قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقى گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئىنتايىن نەپرەتلىنىپ تۇرغان مەزگىلدە، ۋۇجۇڭشىن يادرولىقىدىكى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت يەنە شىنجاڭدىكى جىددىي سىياسىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىۋىتىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولدى.
1. قازاق خەلقىنى خاتىرجەملەندۈرۈش ۋە تەسلىم بولۇشقا دەۋەت قىلىش
شىنجاڭ قازاق چارۋىچىلار قوزغىلىڭى 20- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا باشلانغان. شېڭ شىسەي شىنجاڭدىن كېتىشتىن بۇرۇن. گومىنداڭ قوشۇنى شېڭ شىسەينىڭ ئۆلكە قوشۇنىغا ماسلىشىپ، ئوسمان قەۋمىنى قوراللىق باستۇرغان ئىدى. لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئالتاي چارۋىچىلار قوزغىلىڭىنى تىنجىتقىلى بولمايلا قالماستىن، بەلكى پۈتكۈل شىمالىي شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى تىخىمۇ يامانلىشى كەتتى. ۋۇجۇڭشىن، جۇشىياۋلىياڭلار قورال كۈچىگە تايىنىپلا شىمالىي شىنجاڭنى تىنجىتقىلى بولمايدىغانلىقىنى سىزىپ يىتىپ، زور ھەربىي بېسىمنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قازاق قاتارلىق مىللەتلەر خەلقنى خاتىرجەملەندۈرۈش، تەسلىم بولۇشقا دەۋەت قىلىش سىياسىتىنى قوللاندى.
1) قازاق قاتارلىق مىللەتلەر خەلقىنى خاتىرجەملەندۈرۈش
قازاق، مۇڭغۇل مىللەتلىرى چارۋىچى مىللەتلەر بولۇپ، توختىماي بولىۋاتقان ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىدا نۇرغۇن چارۋىچىلار خانىۋەيران- سەرسان بولۇ، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ۋەزىيىتى داۋالغۇپ كەتتى. ۋۇجۇڭشىن قېچىپ كەتكەنلەرنى خاتىرجەملەندۈرۈشنى قارار قىلدى. 1944- يىلى 11- ئاينىڭ 17- كۈنى، ۋۇجۇڭشىننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا خاتىرجەملەندۈرۈش ھەيئىتى قۇرۇش قارار قىلىندى. خاتىرجەملەندۈرۈش ھەيئىتىگە دېڭ شىياڭخەي مۇدىر، ئەلەن، نەزەر، لۇلېيپۇ مۇئاۋىن مۇدىر، مانخۇقزاپ، ۋۇجىڭبىن، مالىياڭجۈن چاۋجاپ، خادىۋاڭ قاتارلىقلار ھەيئەت بولدى. ئۇنىڭ قارمىقىدا ئالتە يول خاتىرجەملەندۈارۈش ئەتىرىتى تەسىس قىلىندى. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەر قايسى مىللەتلەر ئىچىدىكى يۇقىرى قاتلام زاتلار، قەبىللەرنىڭ كاتتىباشلىرى ياكى ئابرويلۇق زاتلار بولۇپ، ۋۇجۇڭشىن ئۇلارنى ئۆز مىللىتى ياكى قەۋمى ئىچىدە ھۆكۈمەتنىڭ ئاقىلانە نىيەت-ئىقبالىنى تەرغىپ قىلىپ، پۇقرالارنى خاتىرجەم قىلىپ، ئىلى ئىنقىلاۋىنىڭ كېڭىيىشىنى توساشقا سالماقچى بولدى. ئالتە يىل خاتىرجەملەندۈرۈش ئەترىتى- شەرق يول خاتىرجەملەندۈرۈش ئەترىتى، غەربىي يول خاتىرجەملەندۈرۈش ئەترىتى، ئىلى خاتىرجەملەندۈرۈش ئەترىتى، ئالتاي خاتىرجەملەندۈرۈش ئەترىتى، تارباغاتاي خاتىرجەملەندۈرۈش ئەتىرىتى، قارا شەھەر خاتىرجەملەندۈرۈش ئەترىتىدىن ئىبارەت ئىدى.
شەرقىي يول خاتىرجەملەندۈرۈش ئەترىتىگە خەن لۇجۇڭ. زارىپلار باشچىلىق قىلدى. ئۇلار ئاساسلىقى مىچۈەن، مىمسار، فۇكاڭ، گۇچۇڭ، مورىلاردىكى قازاقلارنى خاتىرجەملەندۈرەتتى. خاتىرجەملەندۈرۈش ئەترىتى ھەرقايسى چارۋىچىلىق رايونلىرىغا بېرىپ، چارۋىچىلارنى يىغىپ يىغىن ئېچىپ، ھۆكۈمەتنىڭ دىننى، خەلق ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلىكىنى ھۆرمەتلەش، شېڭ شىسەينىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى تۈگىتىپ، ئامما بىلەن بىرلىكتە ئىش كۆرۈش قاتارلىق سىياسىي تەشەببۇسلىرىنى تەشۋىقات قىلدى. نۇرغۇن چارۋىچىلار بەيتىڭ تېغى تەرەپكە قېچىلىپ كەتكەن بولۇپ، خاتىرجەملەندۈرۈش ئەترىتى شۇ جايغا ئادەم ئەۋەتتى. ھۆكۈمەت قېچىپ كەتكەنلەرنىڭ سەۋەنلىكىنى سۈرۈشتۈرمىدى. قايتىپ كەلگەن ھەربىر ئۆيلۈك چارۋىچىلىقىغا مىڭ يۈەن شىنجاڭ پۇلى، بىر تاختا چاي قۇتقۇزۇش بەردى. قېچىپ كەتكەن چارۋىچىلار ئارقا-ئارقىدىن قايتىپ كېلىشتى.
ئىلى خاتىرجەملەندۈرۈش ئەترىتىگە لاما لۇلېپۇ ۋە ئىككى مىڭبىگى- ئەلەنمىقان بىلەن جاھانگىر باشچىلىق قىلدى. بۇ چاغدا ئىلى رايونىنىڭ كۆپ قىسمى پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ ئىلكىدە بولغاچقا، خاتىرجەملەندۈرۈش ئەترىتىكىدىلەر پەقەت جىڭ بۆرتالا ئارشاڭلاردىكى مۇڭغۇل چارۋىچىلارنى خاتىرجەملەندۈرەتتى. چۈنكى بۇ جايلار ئىلى ئىنقىلابىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ جايلاردىكى چارۋىچىلار ئىلى بىلەن گومىنداڭ تەرەپ بىر-بىرىدىن تالىشىدىغان ئوبىكىتقا ئايلىنىپ قالغانىدى. گومىنداڭ تەرەپ بۇ جايدىكى خاتىرجەملەندۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، يەنە تەشۋىقات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جاۋجىيەنخىڭ قاتارلىق كىشىلەرنى گومىنداڭ ئارمىيىنىڭ قورشاپ يوقىتىشقا ياردەملىشىشكە ئەۋەتتى. داشى جۇنۋاڭ شۇ جايدىكى مۇڭغۇل چارۋىچىلارغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتەلىگەچكە، ئۇ ئىلى بىلەن گومىنداڭ بىر-بىرىدىن تالىشىدىغان شەخسكە ئايلىنىپ قالغانىدى. داشى جۇنۋاڭ قايسى تەرەپتە تۇرۇشنى بىلەلمەي قاراپ باقماقچى بولدى. 1945- يىلى يىلنىڭ بېشىدا، گومىناڭ تەرەپ كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، بىر ئاماللارنى قىلىپ، داشى جۇنۋاڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كىلىپ نەزەربەنت ئاستىغا ئىلىپ، ئىلى تەرەپنىڭ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كىتىشىدىن ساقلانماقچى بولدى. ئۇندىن باشقا، خاتىرجەملەندۈرۈش ئەترىتى يەنە مۇڭغۇل زەربىدارلار ئەترىتى تەشكىللەپ، ئىلى تەرەپنىڭ ھەربىي جەھەتتىن سىڭىپ كىرىشىگە قوراللىق تاقابىل تۇرماقچى بولدى. ئالتاي خاتىرجەملەندۈرۈش ئەترىتىگە قازاق مىللىتىدىن بولغان ئەلدىن جۈەنخاڭ باشچىلىق قىلدى. ئاساسلىقى ئوسمان قاتارلىقلار ھەركەت قىلىدىغان چىڭگىل، كۆكتوقاي ۋە بۇرۇلتوقاي ئەتراپلىرىنى خاتىرجەملەندۈردى. ئەلدىن جۈەنخاڭ شۇ چاغدا يەنە گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ نازارەتچى تەپتىش مۇئاۋىن ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەنىدى. ئۇ ھەرقايسى جايلاردا سەرسان بولۇپ يۈرگەن قازاق چارۋىچىلىرىنى ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىشىگە دەۋەت قىلىپ، زور ئۈنۈمگە ئېرىشتى. ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 4 مىڭدىن كۆپرەك چارۋىچى سارسۇمبە (ھازىرقى ئالتاي شەھرى) قايتىپ كەلدى. ئوسماننىڭ قول ئاستىدىكى مۇھىم قوماندانلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن تەسلىم بولدى. قايتىپ كەلگەن چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشى قىيىن، روھى كەيپىياتى مۇقىم بولمىغاچقا، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قىممىتى 2 مىليون يۈەندىن كۆپرەك چاي ۋە گەزلىمە يۆتكەپ كېلىپ قۇتقۇزۇش قىلدى.
تارباغاتاي خاتىرجەملەندۈرۈش ئەترىتىگە مۇڭغۇللارنىڭ جىنۋاڭى چاۋجان (ئايال) باشچىلىق قىلدى. ئاساسلىقى چۆچەك، قوبۇقسار، دۆر بىلجىن قاتارلىق ناھيىلەردىكى مۇڭغۇل چارۋىچىلارنى خاتىرجەملەندۈردى. خاتىرجەملەندۈرۈش ئەترىتى بۇ جايلاردىن قېچىپ كەتكەن چارۋىچىلارغا چاي، شىكەر، رەخت ئاشلىق قاتارلىقلارنى خەير- ئېھسان قىلغاندىن كېيىن، قېچىپ كەتكەن چارۋىچىلار ئارقا-ئارقىدىن قايتىپ كەلدى. قوبۇقساردا قايتىپ كەلگەن مۇڭغۇل چارۋىچىلار 7 مىڭدىن كۆپرەك ئۆيلۈككە يەتتى. غەربىي يول خاتىرجەملەندۈرۈش ئەترىتىگە ئەلەن جۇنۋاڭنىڭ فۇجۇڭ خادىۋاڭى ۋە زاكىل باشچىلىق قىلدى. ئاساسلىقى مىچۈەن، سانجى، قۇتۇبى، ماناس، ساۋەن قاتارلىق جايلارنى خاتىرجەملەندۈردى. ئۇلار بارغانلا جايدا يىغىن ئىچىپ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، خەلقنى خاتىرجەم بولۇشقا ئۈندى نۇرغۇن مۇساپىر چارۋىچىلار كەينى- كەينىدىن قايتىپ كەلدى.
قارا شەھەر خاتىرجەملەندۈرۈش ئەترىتىگە مەن خەنۋاڭنىڭ فۇجۇڭى ۋۇ جىڭبىن باشچىلىق قىلدى. ئاساسلىقى قاراشەھەر، خاجىڭ، خوشۇتلارنى خاتىرجەملەندۈردى. قارا شەھەر ئەتراپىدىكى يايلاقلار ئەسلى مەن خەنۋاڭنىڭ سۇيۇرغال يېرى بولسىمۇ، لېكىن ئىلى ئىنقىلاۋىنىڭ تەسىرىدە ۋۇجىڭبىن بۇ يەردىكى ئاھالىلەرنى كونترۇل قىلالماي قالغانىدى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ۋۇجۇڭبىننىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۇنىڭغا 150 كىشىلىك قوغدىنىش ئەترىتى تەشكىللەپ بېرىپ، ئىلى ئىنقىلابنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا سىڭىپ كىرىشىنى قوراللىق توسماقچى بولدى.
ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئىيتقاندا، خاتىرجەملەندۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى زور بولدى. سەرسان بولۇپ يۈرگەن نۇرغۇن قازاق، مۇڭغۇل چارۋىچىلار ئارقا-ئارقىدىن ئۆز يايلىقىغا قايتىپ كەلدى. «ناھيىلەر تەدرىجىي ھالدا تىنچلاندى» شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قىسمەن مۇساپىر چارۋىچىلارنىڭ قايتىپ كېلىشى ئوسمان قاتارلىق قازاق توپىلاڭچىلىرىنى تەسلىم بولۇشقا ئۈندەشنى شەرت-شارائىت بىلەن تەمىنلىدى.
2) ئوسمان قاتارلىق توپىلاڭچىلارنى تەسلىم بولۇشقا ئۈندەش
ئادەتتە بىر ھۆكۈمەت ئاسىيلارنى باستۇرالايمىز دەپ قارىسا ئالدى بىلەن ھەربىي جەھەتتىن باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللىنىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئاپەتنى يىلتىزدىن يوقىتىپ، غەمدىن خالاس بولغىلى بولىدۇ؛ ھەربىي جەھەتتىن قورشاپ يوقىتىش ئۈنۈم بەرمىگەندە ياكى ئۇىڭ ئۈچۈن زور بەدەل تۆلەپ بەرداشلىق بېرىش قىيىنلاشقاندا، ئاسىيلارنى تەسلىم بولۇشقا ئۈندەيدۇ. گومىنداڭنىڭ ئامال قىلىپ ئوسمان قاتارلىق توپىلاڭچىلارنى تەسلىم بولۇشقا ئۈندىشىمۇ ئامالسىزلىقتىن بولىۋاتقان ئىش ئىدى.
(1) ئوسماننى تەسلىم بولۇشقا ئۈندەشنىڭ سەۋەبى
① ئوسماننى قورال كۈچىگە تايىنىپلا يوقاتقىلى بولمايتتى
ئوسمان قازاق چارۋىچىلار توپىلىڭنىڭ مۇھىم كاتتىبېشى. شېڭ شىسەي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يامانلاشقاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى، تاشقى مۇڭغۇل تەرەپ ئوسماننىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى توپىلىڭىنى قوللاپ، ئۇنىڭ قېشىغا ھەربىي مەسلىھەتچى (مۇشاۋۇر) ئەۋەتكەن. نۇرغۇن قورال-ياراق، ئوق- دورا ياردەم قىلغان. قازاق مىللىتى ئات مىنشكە ماھىر، يەر شەكىلگە پىششىق، ئاتلىق يۈرۈپ ئوق ئېتىشقا ئۇستا بولۇپ، ھۇجۇم قىلىشقا پايدىلىق چاغدا ھۇجۇمغا ئۆتۈپ پايدىسىز چاغدا تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىۋىلىپ چىققىلى ئۇنىمايتتى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىر نەچچە قېتىم قورشاپ ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ غەلبە قىلالمىغان ئىدى. ئەگەر گومىنداڭ ھەدەپ ئوسماننى قورشاپ يوقىتىمەن دىسە، مەقسىتىگە يىتەلمەيلا قالماستىن، بەلكى يەنە ھەربىي كۈچ جەھەتتىن تالاپەت يەپ- توپىلاڭچىلارنىڭ جاسارىتىنى ئاشۇرۇپ قوياتتى. توپىلاڭچىلارمۇ بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتەتتى. ئەگەر قازاق چارۋىچىلار توپىلىڭى ۋاقتىدا تىنچىتىلمىسا، ھەممە يەردە كىرزىس بولىۋاتقان شىنجاڭدا تىخىمۇ زور قالايمىقانچىلىق چىقاتتى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باپلاش تەجرىبىسى مو ۋۇجۇڭشىننى قورشاپ يوقىتىش بىلەن خاتىرجەم قىلىش ئىچىدە خاتىرجەملەندۈرۈشنى تاللايتتى ئەلۋەتتە.
② ئوسماننىڭ تەسلىم بولىشى
بىرىنچىدىن، ئوسمان ئەسلىدىنلا قارام. دىنىي ئېڭى ۋە فىئوداللىق ئېڭى كۈچلۈك ئادەم بولۇپ، قىلچە سىياسىي ئىقتىسادىي يوق ئىدى. ۋۇجۇڭشىنمۇ ئۇنىڭ بۇ تەرەپلىرىنى كۆرۈپ يەتكەنىدى. ۋۇجۇڭشىن ئوسماننى شېڭ شىسەينىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان، شېڭ شىسەينىڭ قالايمىقان ئادەم تۇتۇپ، زوراۋانلىق قىلغانلىقىدىن خەلقنى سەپەرۋەر قىلغان. ھازىر شېڭ شىسەي ۋەزىپىسىدىن قالدى. ئەمدى باج سېىلىقلارنى كېمەيتسەك، ئوسماننىڭ ھۇجۇم نىشانى ۋە چاقىرىقى مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ دەپ قارىدى. شۇڭ گومىنداڭ قورال كۈچى ئىشلىتىشتىن باشقا، يەنە تەسلىم بولۇشقا ئۈندەش ئارقىلىق ئوسماننى قولغا كەلتۈرمەكچى بولدى.
ئىككىنچىدىن، ئوسمان بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە تاشقى مۇڭغۇلىيە ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت بار ئىدى. ئەسلى بۇ ئىككى تەرەپ ئامالسىزلىقتىن بىرلەشكەنىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى شېڭ شىسەينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى چىققانلىقىنى جازالاپ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشنى ئويلايتتى. ئەينى چاغدا پەقەت ئوسمانىلار قولغا قورال ئېلىپ شېڭ شىسەي بىلەن كۈچ ئىلىشالايتتى. شۇڭا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئوسماننىڭ قولىدىن پايدىىنىپ شېڭ شىسەينى ئەدەپلەشتە بۇنىڭدىن باشقا تاللىشى يوق ئىدى. ئوسماننىڭ ئۆزىنى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە تاشقى مۇڭغۇلىيەنىڭ قوينىغا ئېتىشىنى پەقەت سىرتىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ ئىدىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمى ۋە ئىدولوگىيىسى بىلەن زادىلا چىقىشالمايتتى. ئىككى تەرەپ بۇ خىل ئىدىيىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئۇزاق بىرلىشەلمەيتتى. 1943- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىنقىلابى تەربىيە ئالغان دەلىلقاننى ئوسماننىڭ قېشىغا ئەۋەتتى. قارىماققا ئوسماننىڭ ئىشقا ياردەملەشكەندەك قىلغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ئوسماننىڭ ئورنىنى ئىگىلىگمەكچى ئىدى. ئوسمان ناھايىتى تىزلا قەپەسكە سولىنىپ، ھەممە ئىشتا دەلىلقاننىڭ پىكرى بويىچە ئىش كۆرىدىغان بولدى. ئوسماننىڭ يېنىدا يەنە تاشقى مۇڭغۇلىيە ئەۋەتكەن نازارەتچىلەر بولۇپ، ئوسماننىڭ گەپ-سۆز، ئىش ھەركىتىدە كۆپ ئەركىنلىك يوق ئىدى. نەگە بېرىش نەدە تۇرۇشنى تاشقى مۇڭغۇلىيە كۆرسىتىپ بىرەتتى ۋە نازارەت قىلاتتى. ئىككى تەرەپ بىر-بىرىدىن بارغانسېرى ھەرزەر ئەيلەپ تۇراتتى. ئوسمان «تاشقى مۇڭغۇلىيەنىڭ ماڭا تۇتقان پوزىتسىيىسىدىن قارىغاندا، كەلگۈسىدە مېنى يوقاتقۇدەك؛ دەپ قورقۇپ قالدى. ۋۇجۇڭشىن بۇ ئاخباراتلارنى ئوبدان ئىگەللىگەچكە، ئوسماننى تەسلىم بولۇشقا ئۈندەش نىيىتنى تېخىمۇ چىڭىدى. ئۇ موشۇنداق قىلغادنا 1944- يىلى 11- ئاينىڭ 7-كۈنى پارتىلىغان ئىلى ئىنقىلاۋىنىڭ ھەيۋىسىنى ئاجىزلاتقىلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پەردە ئارقىسىدىكى ئىش پىلانلىغۇچى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقىغىمۇ قاتتىق زەربە بەرگىلى بولىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنەتتى.
ئۈچىنچىدىن، ئوسمان ئەسلى چارۋىچى بولغاچقا، قەۋمىگە ئوبدان باشچىلىق قىلالمايتتى. قازاقلار دىننىي فىئوداللىق جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان چارۋىچى مىللەت بولغاچقا، چارۋىچىلار قەبىلە باشلىقىنىڭ ئەمرىگە بوي سۇناتتى. شېڭ شىسەي قازاقلارنىڭ قەبىلە باشلىقى ۋە ئابرۇيلۇق زاتلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك تۈرمىگە قامىۋەتكەچكە، ئوسمان ھۆكۈمەتكە قارشى چىققان. شۇ سەۋەبلىك باشقىلار ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئىدى. ۋۇجۇڭشىن قازاق خەلقىنىڭ ئەلەن جۇنۋاڭ قاتارلىق بىر تۈركۈم داھىلىرىنى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، بۇ كىشىلەرن ناھايىتى تىزلا ئالتايغا قايتىپ كەلدى ھەمدە يەرلىك ھۆكۈمەتتە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالدى. بۇ چاغدا ئادەتتىكى چارۋىچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان ئوسماننىڭ ئابرويى چۈشۈپ، «مېنىڭ ئورنۇم ئەسلىدىنلا تۆۋەن ئىدى. بۇرۇن قازاق كاتتىباشلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى ھۆكۈمەت تۇتۇپ كەتكەچكە، خەلقىنى قوزغىغانىدىم. شۇڭا خەلق مېنى ھىمايە قىلغانىدى. ھازى شېڭ شىسەي كەتتى. ھۆكۈمەتمۇ ئۆزگەرتىپ تەشكىللەندى. ھازىر ئەلەن جۈنۋاڭ قاتارلىقلار ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ ئازاتلىققا ئېرىشتى. ھازىر مېنىڭ رولۇم قالمىدى. ئەل رايىنى مايىل قىلشقا ئىشەنچىم يوق» دەپ ئىقرار قىلماي تۇرالمىدى. ۋۇجۇڭشىن ئوسماننىڭ ئوسال ئەھۋالىغا چۈشۈپ قالغانلىقى، تاشقى جەھەتتىن تاشقى مۇڭغۇلىيەنىڭ ئىتبارسى قارىغانلىقى ئىچكى جەھەتتىن ئەل رايىغا ئىرىشەلمىگەنلىكى، ھەتتا ئاممىنىڭ ئۇنىڭغا قارشى چىقىۋاتقانلىقىغا، شۇڭ ئوسماننىڭ ئەل بولۇش نىيىتى بارلىقىغا ھۆكۈم قىلدى.
2. ئوسماننى تەسلىم بولۇشقا دەۋەت قىلىش جەريانى
ئوسمان ھۆكۈمەتكە كۆپ يىل قارشى تۇرغاچقا، ھۆكۈمەتتىن بەكمۇ ھەزەر ئەيلەيتتى. شۇڭا ئاسانلىقىچە تەسلىم بولغىلى ئۇنىمىدى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئوسماننى تەسلىم بولۇشقا دەۋەت قىلىش جەريانى ئۇزۇن، ھەمدە ئەگرى-توقايلىققا تولغان ئىدى.
1) ئوسماننىڭ قول ئاستىدىكى كوماندىرلارنى تەسلىم بولۇشقا دەۋەت قىلىش
ئوسماننى تەسلىم بولۇشقا دەۋەت قىلىش ئالدى بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنى تەسلىم بولۇشقا ئۈندەشتىن باشلانغانىدى. ئوسماننىڭ قول ئاستىدا مانات، كامىس، سۇلايمان، خاباس ۋە كامىل قاتارلىق بەش نەپەر كوماندىرى بار ئىدى. مانات قەۋمىدىكىلەرنىڭ كۈچى ئەڭ زور بولۇپ، كۆكتوقاي ۋە بورۇلتوقاي ئەتراپىغا جايلاشقا ئىدى. كامىس بىر قەدەر جاھىل بولۇپ، مانات قەۋمىگە يېقىن جايلاشقان. ئۇ ھەرۋاقىت ماناتنى نازارەت قىلىپ تۇراتتى. سۇلايمان بىلەن خاباس سۇلى، شىخۇنىڭ شىمالىدىكى شاۋوزى ئەتراپىغا جايلاشقان ئىدى. كامىل ئوسماننىڭ ئىنىسى بولۇپ، بەيتىڭ تىغىدا ھەركەت قىلاتتى. ئۇندى باشقا شىمالدىكى شاۋوزى ئەتراپىدا ھەركەت قىلىدىغان نۇرخجايمۇ ئوسماننىڭ قول ئاستىدىكى مۇھىم كاتتىباش ئىدى. ۋۇجۇڭشىننىڭ كۈچلۈك تەشۋىقات ھۇجۇمى ئالدىدا ئوسماننىڭ قول ئاستىدىكى قوماندانلار قارىماققا ئوسمانغا بويسۇنسىمۇ، لېكىن كۆڭلىدە تەۋرىنىپ قالغانىدى. ۋۇجۇڭشىن بۇ پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشنى ئالدى بىلەن ئوسماننىڭ قول ئاستىدىكى قوماندانلاردىن باشلىدى.
ماناتنى ئەل قىلىش: مانات ئوسماننىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى بولۇپ، ماناتنى ئەل قىلىش ئوسماننى تەۋرىتىشكە بىر قەدەر زور تەسىر كۆرسىتەتتى. 1945- يىلىنىڭ بېشىدا، بۇرۇلتوقايدا تۇرۇشلۇق قوشۇن ئادەم ئەۋەتىپ مانات بىلەن كۆرۈشۈپ، مان تىلىنىڭ ئەل بولۇش نىيىتى بارلىقىنى سەزدى. ئالتاينى خاتىرجەملەندۈرۈش ئەترىتى مانات بىلەن كۆرۈشۈشكە يەنە ئادەم ئەۋەتتى. مانات ئەلچى بەلگىلەپ، ئۇچ ئاتنى سوۋغا سۈپىتىدە بۇرۇلتوقايغا ئەۋەتتى ھەمدە بۇرۇلتوقايدا تۇرۇشلۇق قوشۇنغا ئىككى تۈرلۈك ئەل بولۇش شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرسى. ئۆزىنىڭ قەۋمىدىكىلەرنى بىر ئامانلىق ساقلاش چوڭ ئەترىتى قىلىپ تەشكىللەش؛ يەنە بىرسى. ھۆكۈمەتنىڭ سەمىمىيىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ماناسنىڭ بۇرۇلتوقايدىكى ئائىلە-تاۋاباتلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشتىن ئىبارەت ئىدى. مانات ئەگەر ھۆكۈمەت سەمىمىي بولسىلا، بۇرۇلتوقايغا بىرىپ ئەل بولىمەن دەپ ۋەدە بەردى. بۇرۇلتوقايدا تۇرۇشلۇق قوشۇن شىنجاڭنىڭ ئالىي ئارمىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن يوليورۇق سورىدى. جۇشىياۋلىياڭ بىلەن ۋۇجۇڭشىن بىرلىكتە تىلىگرامما يوللاپ، ماناتنىڭ شەرتىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇرۇلتوقاي تەرەپ دەرھال ئەلچى ئەۋەتىپ، ماتنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى. ماناتمۇ ۋەدىسىدە تۇرۇپ بۇرۇلتوقايغا كەلدى. شىنجاڭ دائىرىلىرى ماناسنىڭ قەۋمىدىكىلەردىن بىر ئامانلىق ساقلاش چوڭ ئەترىتى تەشكىللەپ، ماتنى ئەترەت باشلىقى قىلىپ تەيىنلىدى. مانات ئاشكارە خىتاپنامە چىقىرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە سادىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سۇلايمان بىلەن نۇرخىجاينى ئەل قىلىش: ھەر يىلى 10-ئايدا قار ياققاندىن كېيىن ۋە كېيىنكى يىل 4-ئايدا قار ئېرىتىشتىن ئىلگىرى يېرىم چۆللۈك يايلىقى بولغان شىمالىي شارۇمىدا ئادەم ۋە چارۋىلار قارنى ئۇسسۇزلۇق قىلاتتى. شۇڭا، بۇ يەر دائىم قازاق توپىلاڭچى قوشۇننىڭ مۇھىم ھەركەت سورىنىغا ئايلىنىپ قالاتتى. سۇلايمان بىلەن نۇرىخىجايمۇ موشۇيەردە ھەركەت قىلاتتى. سۇلايمان ئەسلى ئوسماننىڭ ياردەمچىسى بولۇپ، دەلىلقان ئوسماننىڭ ئورنىغا كاتتىباش بولغاندىن كېيىن، سۇلايمان بۇنىڭدىن نارازى بولۇپ، ئوسمانغا : «ئۆزىمىزنىڭ ئىشىغا ئۆزىمىز ئىگە بولساق، باشقىلارنىڭ ئاغزىغا قارىمىساق بولاتتى» دىگەنىدى. بۇ گەپ دەلىلقاننىڭ قۇلىقىغا يەتكەندىن كېيىن، ئوسماننىڭ قېشىدىكى تاشقى مۇڭغۇلىيە ئوفېتسىرلىرى سۇلايماننى ئەيىپلەپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئىتبارسىز قالدى. سۇلايمان بۇنىڭدىن ئىچى پۇشۇپ، 1944- يىلى كۈزدە ئوسماندىن ئايرىلىپ شىمال تاۋزۇلغا كىلىپ ئولتۇراقلاشتى. 1944- يىلى ئاخىرى، 1945- يىلىنىڭ بېىشىدا ۋۇجۇڭشىننى بىر پارچە خەت يېزىپ فۇكاڭ ناھيىسىدىكى بىر قازاق كەنت باشلىقى ئارقىلىق شىمالىي شاۋوزىغا ئەۋەتىپ سۇلايماننى ئەل بولۇشقا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، پايدىسى بولمىدى. دەل شۇ چاغدا، فوكاڭ ناھيىسىدە مۇڭغۇل بىلەن خەنزۇلار قازاقلارنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەردى. شىمالىي شاۋۇردىكى توپىلاڭچى ئامما بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن فوكاڭ ناھىيە بازىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، قازاق قېرىنداشلىرى ئۈچۈن ئىنتىقام ئالماقچى بولدى. ۋۇجۇڭشىن خەلق ئىشلىرى نازىرى دىڭ شىياڭخەينى قوشۇمچە ھەربىي سودىيەلىك سالاھىيىتى بىلەن بۇ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئەۋەتتى. دېڭ شىياڭخەي فۇكاڭغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ۋەقە سادىر قىلغان جىنايەتچىلەرگە ئۆلۈم جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەردى. فۇكاڭدىكى قازاقلار بىردەك: «ئىلگىرى خەنزۇلار قازاقلارنى ئۆلتۈرىۋەتسە ھېچكىم سۈرۈشتۈرمەيتتى. بۇ قېتىم بىر تەرەپ قىلدى ھەتتا ئۆلۈم جازاسى بەردى. بۇ شىنجاڭ تارىخىدا كەم ئۇچرايدۇ» دىيىشتى. كېچە-كۈندۈز جەنۇپقا يۈرۈش قىلىپ دېڭ شىياڭخەيگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان شىمالىي شاۋوزدىكى توپىلاڭچى ئامما ئەمەلىي ئەھۋالىدىن خەۋەر تىپىپ ئىنتايىن تەسىرلەندى ھەمدە فوكاڭغا ئەلچى ئەۋەتىپ ھۆكۈمەتتىن كەچۈرۈم سوراپ، بۇندىن كېيى، ۋۇجۇڭشىن بىلەن سۇلايمان ۋە نورىخىجاي ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ئۈزۈلمىدى. 1945- يىلى 4-ئاينىڭ بېشىدا، سۇلايمان بىلەن نۇرىخىجاي ۋۇجۇڭشىنغا مەخپىي مەكتۇپ يوللاپ، بۇندىن كېيىن ھۆكۈمەت ئالتاي شەھرىدىن ئادەم ئەۋەتىپ ئالاقىلىشىشنى، ھەمما ئىشتا ماناتىن ۋەكىل بولۇپ كېڭەشسە بولىدىغانلىقىنى كېلىشتى. ۋۇجۇڭشىن چوڭ ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى پەملەپ، ئۇلارغا 8توم گۈللۈك رەخت، 10 خىش چاي، 2قۇر تاۋار، 20 مىلتىق ۋە 200پاي ئوق ئەۋەتتى. ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭدا ماددىي ئەشيا ئىنتايىن قىس بولۇپ، بۇ نەرسىلەر كاتتا سوۋغا ھىسابلىنىاتتى. شىمالىي شاۋوزىدا قار ئېرىگەندىن كېيىن، سۇلايمان بىلەن نورىخىجاي كۆكتوقاي تەرەپلەرگە يۆتكەلدى. 5-ئايدا سۇلايمان ئالتاي شەھرىگە ئادەم ئەۋەتىپ، ئەلدىن جۇنۋاڭ بىلەن ئەل بولۇش توغرىسىدا كېڭەشتى. بۇ چاغدا دەلىلقان قەۋمىدىكىلەرنى باشلاپ ئالتاي شەھرىگە ھۇجۇم قىلىۋاتاتتى. ئۇ سۇلايمان ۋە نۇرىخىجاي بىلەن بىللە شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالاقىلەشتى. شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشتا يېڭىلىپ قالغاندىن كېيىن نۇرىخىجاي ئون نەچچە ئادىمىنى باشلاپ ئالتاي شەھرىگە بېرىپ تەسلىم بولدى. سۇلايمانمۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ ئالتاي شەھرىگە يالغۇز قېچىپ بېرىپ، گومىنداڭغا ئەل بولدى. گۇچۇڭ، مورى دەرياسى قاتارلىق جايلاردىكى نۇرغۇن قازاق چارۋىچىلار كامىلغا مەجبۇرىي ئەگەشكەن بولۇپ، بويتىڭ تېغىنى بازار قىلىپ تۇرۇپ ئەتراپتا پاراكەندىچىلىك سالاتتى. ۋۇجۇڭشىننىڭ شەرقىي يول خاتىرجەملەندۈرۈش ئەترىتى بەيتىىڭ تېغىدا سىياسىي ھۇجۇم قوزغىغاندىن كېيىن، گۇچۇڭدىن مىڭ نەچچە ئۆيلۈك، مورىدىن 700 نەچچە ئۆيلۈك، فوكاڭ ۋە فۇيۈەندىن 400نەچچە ئۆيلۈك چارۋىچى ئارقا-ئارقىدىن ئەسلى يۇرتىغا قايتتى. قالغانلىرى يۇرتىغا قايتىش سەپىرىدە بولۇپ، ياشانغانلارنى يۆلەپ، كىچىكلەرنى يىتىلەپ، قايتىپ كېلىۋاتاتتى» كامىل چارۋىچىلارنىڭ يۇرتىغا قايتقانلىقىدىن بەكمۇ قورقۇپ، ئادەم باشلاپ ئۇلارنى توسىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا كەسكىن ئۇرۇش بولۇپ، كامىل ئۇرۇشتا ئۆلدى. ۋۇجۇڭشىن ئۆز قەلىمى بىلەن ئەلنامە يېزىپ بەيتىڭ تىغىغا ئەۋەتتى. ئۇ يەردىكى كىچىك كاتتىباشلار ئارقا-ئارقىدىن بۇلاڭچىلىقنى توختىتىپ، ئەل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
ئوسماننىڭ قول ئاستىدىكى قوماندانلارنىڭ تەسلىم بولىدىغانلىرى تەسلىم بولدى. ئۆلىدىغانلىرى ئۆلدى. شۇنىڭ بىلەن ئوسماننىڭ كۈچى زور دەرىجىدە خوراپ، ئۇرۇش ياكى ئەل بولۇش مەسىلىسىدە بىر قارارغا كېلىشكە مەجبۇر بولدى.
2) ۋۇجۇڭشىن ئوسماننىڭ كۆپ يىل يايلاقلاردا تۇرغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ قورشاپ ھۇجۇم قىلىش ۋە ئەل قىلىش سۈيقەستىلىرىنى چۈشىندىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنى ئەل قىلىشنىڭ ئاسان ئىش ئەمەستىلىكىنى ئوبدان بىلەتتى. شۇڭا، ۋۇجۇڭشىن ئىنتايىن سەۋرچان بولۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنى ئەل قىلىشنىڭ پۇرسىتىنى كۈتەتتى. ۋۇجۇڭشىن ئوسماننىڭ تاشقى جەھەتتە تاشقى مۇڭغۇلىيەنىڭ ئىشەنچىسىدىن، ئىچكى جەھەتتە چارۋىچىلارنىڭ ھىمايىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى بىلىپ، ئۇنى ئەل قىلىشنىڭ پۇرسىتى پىشىپ يېتىلدى. دەپ قارىدى. 1945- يىلى 1-ئايدا، ۋۇجۇڭشىن ئالتاي ناھيىسى، چىڭگىل، جىمنەي، قاباھىيلىرىگە ھاكىم، مۇئاۋىن ھاكىم بولۇپ بارىدىغان مۇخاش قاتارلىق كىشىلەرگە ئوسماننىڭ قېشىغا ئادەم ئەۋەتىپ، مەخپىي ھالدا ئايرىم-ئايرىم تەسلىم بولۇشقا دەۋەت قىلىشنى، ئوسمان ناۋادا ئۈرۈمچىگە كىلىپ ئۆزى بىلەن كۆرۈشسە قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى، پۇرسەت بولۇپ قالسا، يەنە ئوسماننى مۇدىر جىياڭ جېشى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتىشنى تاپىلىدى. لېكىن ئوسمان ئەل بولۇش مەسىلىسدە ئىنتايىن ئىككىلەندى. 1945- يىلى 2- ئايدا، ئۇ ۋۇجۇكىشىننىڭ ئەل قىلىشقا ئەۋەتكەن ئەلچىسى ئوبرازى ئەلى بىلەن كۆرۈشتى. ئوسمان ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: مەن رەئىس ۋۇجۇشىننىڭ شىنجاڭدىكى ھەممە ئىشلىرىغا ئىشەنمەيمەن. ئۇنىڭ يەنىلا شېڭ دۇبەننىڭ سۈيقەستى بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن. شېڭ دوبەن شىنجاڭدا تۇرۇپ ياشىنىپ قالغان ۋۇجۇڭشىن رەئىسنىڭ نامىدىن پايدىلىنىپ مېنى تاماققا ئېلىنىدۇرامدىكىن دەپ ئويلايمەن. ئەگەر شېڭ شىسەي ھەقىقەتەن كېتىپ، ۋۇجۇڭشىن كەلگەن بولسا، ۋۇجۇڭشىن مەن بىلەن كۆرۈشكىلى رەسمىي ۋەكىل ئەۋەتسۇن. ئۇنداق بولمايدىكەن، ھازىرقى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى شېڭ شىسەينىڭ قىلغانلىقى ئېنىق. ئۇنىڭ مەقسىدى شىمال شاۋۇردىكى پۇقرالارنى قايتۇرۇپ كېتىش. شۇڭا، ھازىر ھۆكۈمەت بىلەن يارىشىپ ئۆتۈش قارارىغا كەلمىدىم. «ئوسماننىڭ بۇ گەپلىرىنى تاشقى مۇڭغۇلىيەنىڭ ئوفىتسېرلىرىدىن نازارەت قىلىپ تۇرغاچقا، ئۇنىڭ گەپلىرىمۇ تازاراستىدەك قىلمايتتى. ئۇنىڭ شېڭ شىسەينىڭ شىنجاڭدىن ئايرىلدىغانلىقىغا ئىشەنمىگەنلىكى ئېنىقلا بىر باھانە-سەۋەب ئىدى. ئۇنىڭ ۋۇجۇڭشىن «رەسمىي ۋەكىل» ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلشىدىكى سەۋەب، ئىراز ئەلى ئەسلى بۇرھاننىڭ پارسچىسى بولۇپ، ئونى بەك تۆۋەن بولۇپ، ۋۇجۇڭشىنغا چوڭراق ئەرباب ئەۋەتىپ يەنىمۇ كېڭىشىشنى بىشارەت بەرگەنىدى. بۇنداق قىلغاندا، ئوسمان ھەم ئەينى ۋاقىتتىكى ئەل بولۇشنى سىپايىلىك بىلەن رەت قىلالايتتى. ھەم كىيىنكى ئەل بولۇشنى كېڭىشىش ئىشىغا چېكىنىش قويۇپ قويالايتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ۋاقىتتا سورۇندىكى تاشقى مۇڭغۇلىيە ئوفېتسىرلىرىنىڭ كۆزىنى بوياپ ئۆتۈپ كېتەتتى.
بۇچاغدا ئوسمان ھەم تاشقى مۇڭغۇلىيە بىلەن زىچ ھەمكارلىشىشنى خالىمايتتى. ھەم گومىنداڭغا دەرھال تەسلىم بولۇشنى خالىمايتتى. ئۇ يەنىلا ۋەزىيەتنى كۈزىتىۋاتاتتى. ئوسمان كۆكتوقايلىق بولۇپ، تاشقى مۇڭغۇلىيە ئوسماننىڭ كۆكتوقاينى ئىشغال قىلىشىغا ياردەم بەرمەكچى بولدى. ئوسمان ئوزۇق-تۆلۈك يېتىشمەيدۇ. ئاتلار ئورۇقلاپ كەتتى. ھازىر ھۇجۇم قىلغىلى بولمايدۇ دەپ رەت قىلدى. ئوسمان كۆكتوقايغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، تاشقى مۇڭغۇلىيە ئۇنىڭغا قوشۇلمىدى. ئالتايدىكى گومىنداڭ ۋەزەربىدارلارنىڭ ئەترىتى كۈچىنىڭ نىسبىتىدە كۆرىنەرلىك ئۆزگىرىش بولىشىغا ئەگىشىپ، ئوسمان يەنە يىڭىۋاشتىن ئىلى تەرەپتە تۇرىۋالدى. 1945- يىلى 5- ئاينىڭ 20 – كۈنى ئوسمان دەلىلقان بىلەن بىرگە مىڭ نەچچە ئادەمنى باشلاپ ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ ئالتاي ناھيىسىگە ھۇجۇم قىلدى. بۇ ئۇرۇشتا ئوسمان ئىنتايىن كۈچ چىقاردى. ئۇ ئالتاي ناھيىسىنى ئىگىلەپ، كەلگۈسىدە ھەرقايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەئەت توقۇنۇشى ئۈچۈن سىياسىي كاپىتال كۆپەيمەكچى ئىدى. لېكىن گومىنداڭ قوشۇن شەھەرنى جاھىللىق بىلەن قوغداپ قارشىلىق كۆرسەتكەچكە، ئوسمان مەقسىدىگە يىتەلمىدى.
7-8 ئايلارا ئىلىنىڭ شىمالغا يۈرۈش قىلغۇچى مىللىي ئارمىيىسى بىلەن ئالتاي زەربىدار ئەترىتىنىڭ توختىماي غەلبە قازىنىشىغا ئەگىشىپ، ئوسمان ئىتبارسىز قالدى. ئۇ دەلىلقان ۋە ئىلى تەرەپتىن نارازى بولدى. مىللىي ئارمىيە ئالتاي ناھيىسى ئەتراپىدا قوشۇن ئىشلىتىدىغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، ئوسمان قەۋمىدىكىلەرنى باشلاپ، بورگېن، چىڭگىل دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنى ۋە بەيتىڭ تېغىنىڭ شىمالغا چېكىندۈرۈپ كەتتى. ئۇقېيدىغان ھالدا قەۋمىدىكىلەرگە مۇنداق دېدى: «چارۋىچىلاردىن نۇرغۇن كىشى ئاچلىقتىن ۋە ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتتى. يەنە نۇرغۇن چارۋا زىيان بولدى. بۇ يىل ئالتاي ئۇرۇشىدا يەنە 300 دىن ئارتۇق پالۋان قازا قىلدى. . . . . چارۋىچىلار خالىسا تەسلىم بولسا بولىدۇ. مەن توسىمايمەن. ھازىر باشقا بىرەر ئىشنى تەشەببۇس قىلمايمەن. مەنمۇ ئاۋامغا ئەگىشىپ ھۆكۈمەتكە ئەل بولىمەن» 9-ئاينىڭ بېشىدا، ئىلى مىللىي ئارمىيىسى ئالتاي قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلدى. ئوسماننىڭ ئالتايدىكى قازاقلار ئارىسىدا مەلۇم تەسىرى بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىسمەن ئەمەلىي كۈچى بولغاچقا، ئىلى تەرەپ ئالتاينى مۇستەھكەملەشتە تەبئىي ھالدىلا ئوسمان بىلەن ھەمكارلىشىشقا توغرا كىلەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئالتاينىڭ ۋالىيلىقىغا كۆرسەتتى. ئوسمان بۇ ئەمەلنى بەك كىچىك كۆرۈپ، ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشنى خالىمىدى ھەمدە ئالتايدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋالىي مەھكىمىسنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىنىغىمۇ قاتناشمايمەن دەپ تۇرىۋالدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي ئىشلار قوماندانى لاتوف ۋە دەلىلقان ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ تەكلىپ قىلىپ تۇرىۋالغاچقا، ئوسمان ئۆزى خالىمىغان ھالدا ئالتايغا كېلىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئالتاي ۋالىي مەھكىمىسىدىن ئايرىلىپ، كۆكتوقايغا كەتتى. ئۇ مۇنداق دەپ قارايتتى: ئالتاي ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇشتا ئالدىدا، ئىلى ئىنقىلابى كەينىدە تۇرىدۇ. ئىلى ئىنقىلابى ئالتاينىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. شۇڭا ئالتاي توپىلىڭى ئىلى ئىنقىلابىنىڭ باشلامچىسى. ئەمدى كېلىپ ئىلى تەرەپ ئالتاينىڭ ئىشلىرىغا ئارلىشىۋالدى» ئوسمان ئالتاينى ئۆزىنىڭ زىمىنى، ئىلى تەرەپ قول تىقاسلىقى كېرەك دەپ قارىغاچقا، ئۇنىڭ ئېلى تەرەپ بىلەن ئايرىلىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولمايتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوسمان يەنە گومىنداڭ تەرەپنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلگەنىدى. ئەينى ۋاقىتتا گۇچۇڭ، فۇكاڭ تەرەپلەردە تۇرۇشلۇق چىڭخەي- 5-ئاتلىق كورپۇسىنىڭ ئەسكەرلىرى ئات مىنىشكە ماھىر بولۇپ، ئىنتايىن مەرگەن ئىدى. شىمال شاۋۇردىكى توپىلاڭچىلار پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرغاندا، ئۇلارنىڭ قاتتىق زەربىسىگە ئۇچراپ، قىلچىلىك ھەركەت قىلىش ئىماكانىيىتى بەرمىگەنىدى. ئوسمان گومىنداڭ قوشۇنىنىڭ ئالتايغا ھۇجۇم قىلى كىرسە ئۆزىنىڭ تۈگىشىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. شۇڭا، ئۇ قورقۇپ گومىنداڭ تەرەپ بىلەن ئۇچرىشىشقا ئالدىرىدى. 1945- يىلىنىڭ ئاخىرى، ئۇ جۇنۇس قاتارلىق كىشىلەرنى ھۆكۈمەتنىڭ ئادەتتىكى ئەھۋالىنى تىڭ- تىڭلاپ كېلىشكە ئەۋەتتى. جۇنۇس قاتارلىق كىشىلەر فوكاڭغا بېرىشىغىلا 5- ئاتلىق كورپۇسقا تۇتۇلۇپ قالدى. ۋۇجۇڭشىن ئوسماننى بالدۇرراق ئەل قىلىش ئۈچۈن، جۇنۇس بىلەن بىۋاستە كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇردى. خوشلىشىدىغان چاغدا ئۇنىڭغا پاختىلىق كىيىم-كىچەك، تەلپەك قاتارلىقلارنى سوۋغا قىلدى. ئوسماننىڭ شىمالىي شاۋۇردا تۇرۇشلۇق سەركەردىسى خاباس ۋۇجۇڭشىغا ئەل بولغان سۇلايمان بىلەن نۇرىخىجايغا خەت يېزىپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى سۈرۈشتۈرۈپ، گەپ – سۆزلىرىدە ئۆزىنىڭمۇ ئەل بولغۇسى بارلىقىنى بىلدۈردى. ۋۇجۇڭشىن دەرھال ئۆزى خەت يېزىپ نورىخىجاينى شىمالىي شاۋوزغا بېرىپ خاباس بىلەن كۆرۈشۈشكە ئەۋەتتى. ئوسمان بىلەن خاباس ۋۇجۇڭشىننىڭ خېتىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇ خەتنى ئاممىغا ئاشكارىلىدى.
1946- يىلى 2- ئاينىڭ 11- كۈنى. نورىخىجاي بىلەن خاباسنىڭ ۋەكىلى كې نىڭ بىلەن يرىدىخان قاتارلىق كىشىلەر ئۈرۈمچىگە كەلدى. كې فىڭ قاتارلىق خاباسنىڭ خېتىنى ئېلىپ، ھۆكۈمەتتىن ئاشلىق، چاي، شىكەر قاتارلىق بويۇملارنى ياردەم بېرىشنى ھەمدە ئوسماننى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىس بولۇشنى، ئالتايدا مىللىي قىسىم تەشكىللەشكە رۇخسەت قىلىشنى ئۆتۈندى. بۇ چاغدا ۋۇجۇڭشىن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ، كەلگۈسىدىكى ئۆلكە رەئىسلىكىنى جاڭ جىجۇڭ قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان بولغاچقا، ئوسماننىڭ مۇئاۋىن رەئىس بولۇش شەرتىگە ماقۇل بولۇشقا ھوقۇقى يەتمەيتتى. ۋۇجۇڭشىن بۇ مەسىلىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇڭپ، كېنىڭ قاتارلىق ۋەكىللەرگە ئاشلىق قاتارلىق نەرسىلەرنى ياردەم قىلىدىغانلىقىى بىلدۈردى. ۋۇجۇڭشىن ئوسماننى ئەل قىلىش ئىشىنىڭ پۈتۈش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئەل قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. 8-ئۇرۇش رايونىنىڭ باش شتاب باشلىقى قوشۇمچە مۇئاۋىن قوماندانى گوجىچىياۋ بىلەن كېڭەشكەندىن كېيىن، نورىخىجاي ۋە ھۈسەيىن قاتارلىق كىشىلەرنى ئەل بولۇشقا دەۋەت قىلىشقا ئەۋەتىنى قارار قىلدى. نورىخىجاي شىمالىي ساۋوزغا بېرىپ خاباسنى قايىل قىلدى. ھۈسەيىن ساقچى باشقارمىسىدىكى بىر ئالاھىدە خادىمنىڭ ياردىمىدە ئالتايغا بېرىپ، ئوسمان بىلەن سۆھبەتلەشتى. ۋۇجۇڭشىن ئەل قىلىش ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى ساقلىمايلا 1946- يىلى 3- ئاينىڭ 1- كۈنى ئايرۇپىلان بىلەن چۇڭچىڭغا قايتىپ، شىنجاڭدىكى سىياسىي ھاتنى ئاياقلاشتۇردى. لېكىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ بىلەن ئوسمانى ئەل قىلىش ئىشىنى توختىتىپ قويمىدى. بەش ئايدىن كېيىن، ئوسماننىڭ ۋەكىلى جاڭ جىجۇڭنى تېپىپ، ئالتايغا ماددىي بويۇم ياردەم بېرىشنى گومىنداڭ قوشۇنىنىڭ ئالتاي چىگرىسىدا قوشۇن تۇرغۇزۇش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېلى تەرەپ بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ ئۆزىنى گومىنداڭ قوينىغا ئاتتى.
شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى: ۋۇجۇڭشىننىڭ قازاق خەلقىنى خاتىرجەملەندۈرۈش، قازاق توپىلاڭچىلىرىنى ئەل قىلىش سىياسىتى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى مۇقىملاشتۇرشتا مۇھىم رول ئوينىدى. ئەگەر خېلى كۆپ قازاق، مۇڭغۇل چارۋىچىلىرى ئەسلى يۇرتىغا ۋاقتىدا قايتىپ كەلمىگەن، ئوسماننىڭ قىسمەن قەۋمى ئارقا-ئارقىدىن تەسلىم بولمىغا بولسا، ئىلى ئىنقىلابىنىڭ چۆچەك، ئالتاي رايونىدىكى تەسىرى تېخىمۇ زور بولغان بولاتتى. مىللىي ئارمىيە شىمالغا ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، گومىنداڭنىڭ بۇ يەرلەردە تۇرۇشلۇق قوشۇنى خەلق كۆرىشىنىڭ دولقۇنىغا غەرىق بولغان بولاتتى.
2. جەنۇبىي شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قوشۇن، ئەمەلدار ۋە ئاممىنى خاتىرجەملەندۈرۈش
شېڭ شىسەي شىنجاڭدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن قوشۇن ۋە ئەمەلدارلار كەلگۈسى تەقدىرنىڭ قانداق بولىشىنى بىلەلمەي تىپىرلاپ قېلىشتى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاممىمۇ ئىلى ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدە ھەركەت ئويلىشىۋاتاتتى. شۇڭا، جەنۇبىي شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قوشۇن، ئەمەلدار ۋە ئاممىنى خاتىرجەملەندۈرۈش شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ تەققەزاسى بولۇپ قالغانىدى. 1945- يىلى 2- ئايدا، ۋۇجۇڭشىن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت، كومېتىتى، باشقارما باشلىقلىرى سۆھبەت يىغىنىدا جەنۇبىي شىنجاڭنى خاتىرجەملەندۈرۈش ئۆمىكى تەشكىللەپ، خەنۇبىي شىنجاڭدىكى قوشۇن، ئەمەلدار ۋە ئاممىنى خاتىرجەملەندۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. خاتىرجەملەندۈرۈش ئەترىتىگە قۇرۇلۇش نازارىتىنىڭ نازىرى شې لىڭيۈن ئۆمەك باشلىقى، ئامانلاش قوغداش قوماندانلىق شىتابىنىڭ مۇۋەققەت شتاب باشلىقى لوكەنفېن مۇئاۋىن ئەمەك باشلىقى بولۇپ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خاتىرجەملەندۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.
1) جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قوشۇن ۋە ئەمەلدارلارنى خاتىرجەملەندۈرۈش.
ئىلى ئىنقىلابى پارتىلغاندىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭ قارىماققا تېنىچتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە يوشۇرۇن خەۋپ ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئەڭ خەتەرلىكى ئەسكىرى كۈچ يىتىشمەيتتى. ۋەزىيەتنى ئوڭشاشنىڭ يولى سىياسىدىن پايدىلىنىش بىلەن پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ ھەمكارلىقى، بولۇپمۇ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىشى ئىدى. ئۇنداق بولمىغاندا، ھەرقايسى رايون ۋە ناھيىلەردىكى قوشۇن. ساقچى ۋە ھۆكۈمەت بىر-بىرى بىلەن چىقىشالمايتتى. بىرەر ئىشقا دۇچ كەلسە پىكرى بىر يەردىن چىقمايتتى. سوۋېت ئىتتىپاقى قۇتراتقۇلۇق قىلمىغان تەقدىردىمۇ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ خىيالىي باشقا-باشقا ئىدى. بۇ ئەھۋالدا شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىق پارچىلانماي قالمايتتى. جەنۇبىي شىنجاڭدا كۇچادىن ئۇدۇنغىچە بولغان بىپايان زىمىندا گومىنداڭنىڭ ئالتە ئاتلىق تۈەنى ۋە بىر تولۇقلىما تۈەنى بولۇپ، شېڭ سىسەي قالدۇرۇپ كەتكەن يەرلىك قوشۇنلار ئىدى. ئۇلارنىڭ قورال-ياراقلىرى كونا، جەڭگىۋارلىقى تۆۋەن بولۇپ، يېڭى ھۆكۈمەتتىن ھەزەر ئەيلەيتتى. جەنۇبىي شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ۋۇجۇڭشىن جەنۇبىي شىنجاڭنى خاتىرجەملەندۈرۈش ئەترىتىنىڭ خاتىرجەملەندۈرۈش نامى ئارقىلىق قىسىملارنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ۋە ئىدىيىۋى ھالىتىنى ئىگىلەپ يىڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنى ئەتىۋارلايدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئۇلارغا «ئۈچ مەسلەك» ئىدىيىسىنى سىڭدۈرۈپ، قىسىملارنىڭ ئىنتىزامىنى تەرتىپكە سېلىپ، قوشۇن بىلەن يەرلىك خەلقنىڭ قارشىلىقىنى پەسەيتمەكچى بولدى. لو كەنفېننىڭ خاتىرجەملەندۈرۈش ئارقىلىق، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كونا قىسىملار مەركەزگە بويسۇنۇشنى. قىلچە دەرگۇمان بولماسلىقنى قارار قىلدى.
جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مەمۇرىي ئەمەلدارلارنىڭ كۆپىنچىسىمۇ شېڭ شىسەينىڭ قول چوماقلىرى بولۇپ، كونا-يېڭى رەئىس ئالماشقان موشۇنداق پەيتتە ئۇلار كىيىنچە نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى بىلەلمەي. تەۋرىنىپلا تۇراتتى. ئۇلارنى خاتىرجەملەندۈرۈشمۇ ئىنتايىن زۆرۈر ئىدى. خاتىرجەملەندۈرۈش ئەترىتى ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ئۇلارغا ئىشىنىدىغانلىقنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ يەرلىكتىكى قوشۇن ۋە ساقچىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيىنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا سېڭىپ كىرىشىگە ئورتاق تاقابىل تۇرماقچى بولدى.
2) جەنۇبىي شىنجاڭ خەلقىنى خاتىرجەملەندۈرۈش
لوكەنخېن 20- ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭ جەمئىيتنى فېئودال دىننىي كۈچلەر تولۇق كونترۇل قىلالمايدۇ. ئىلغار ئىدىيىلىك ياش زىيالىلار باش كۆتىرىپ چىقتى. ئۇلار يىڭى بارلىق ئىشلىرىنى ئۇياق-بۇياق قىلىشقا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ دەپ قارىدى. شۇڭا ئۇ جەنۇبىي شىنجاڭدا خاتىرجەملەندۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، كونا كۈچلەر بىلە ئالاقە باغلىغاندىن سىرت، يەنە ياش ئوقۇغۇچىلارنى پارچىلاپ، ئۆز يېنىغا تارتىپ، ئىلغار ئىدىيىلىك ياش زىيالىلار كۈچىنى پارچىلىماقچى بولدى. ئۇندىن باشقا، ئۇ يەنە ئەل رايىنى مايىل قىلىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن چارۋا بېجىنى تۆۋەنلىتىپ، ھەر بىر قويدىن ئېلىنىدىغان چارۋا بېجىنى 50يۈەندىن 35 يۈەنگە چۈشۈردى. خاتىرجەملەندۈرۈشنىڭ مۇئەييەن ئۈنۈمى بولدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ۋىلايەت ۋە ناھيىلەردە ئاتالمىش «لەۋھە تەقدىم قىلىپ ھۆرمەت بىلدۈرۈش ۋەكىللەر ئۆمىكى» تەشكىللەپ ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە سادىق بولدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىگە ئەڭ يىراق بولغان قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق 9ناھيىدىكى 160 مىڭ خەلقنىڭ ئۆلكىگە لەۋھە تەقدىم قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈرۈش ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، ۋۇجۇڭشىننىڭ ئەڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا سازاۋەر بولدى.
ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئىيتقاندا، جەنۇبىي شىنجاڭنى خاتىرجەملەندۈرۈش ئەترىتى كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتتى. 1945- يىلى 10- ئاينىڭ 14- كۈنى، ۋۇجۇڭشىننى ئىلى ئىنقىلابىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا تەرەققىي قىلىشنى توشۇش تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلىگەندە، جەنۇبىي شىنجاڭنى خاتىرجەملەندۈرۈش ئەترىتىنىڭ رولىغا يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلى ئىنقىلابىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا تەرەققىي قىلالماسلىقىدىكى سەۋەپ- ئالدى بىلەن جىنايەتچىلەرنى قويوۋىتىش ئارقىلىق تەشۋىقات قىلىش بولدى. بۇ ئورۇق سېلىشقا ئوخشايدۇ. ئاندىن قالسا، لوكەنجېنىىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ خاتىرجەملەندۈرۈشى بولدى. بۇ سۇغۇرۇپ ئوغۇتلاشقا ئوخشايدۇ. ئاخىرىدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەزىمەتلەرنىڭ جان-پىدالىق بىلەن شەھەرلەرنى قوغدىغانلىقىدىن بولدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش چىچەكلەپ مېۋە بەردى.
ئىزاھات:
[1] «زۇڭتۇڭ جىياڭ جېشىنىڭ ئىدىيە-كۆز قاراشلىرى توپلىمى» 19- لېكسىيە. تەيبېي. «گومىنداڭ مەركىزىي كومېىتىتى پارتىيە تارىخى ھەيئىتى» 1984- يىلى نەشرى. 176- بەت.
[2] «زۇڭتۇڭ جىياڭ جېىشىنىڭ ئىدىيە-كۆز قاراشلىرى توپلىمى» 19- لېكسىيە. تەيبېي، «گومىنداڭ مەركىزىي كومېىتىت پارتىيە تارىخى ھەيئىتى» 1984- يىلى نەشرى. 404- 403- بەت.
[3] «جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيىسى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئىجرا كومېىتىنىڭ 22-قېتىملىق ھەيئەتلەر يىغىنىڭ مۇھىم خاتىرىسى» (1944- يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى)، جاڭ داجۈن «شىنجاڭدىكى بوراپ-چاپقۇنلۇق 70 يىل» 5891- 5890- بەتكە قاراڭ.
[4] جوۋ چۈنخۈي: «شېڭ شىسەينىڭ شىئەن ئۆزگىرىشىدىن كېيىنكى جىددىي ئۆزگىرىشى»، ۋۇفۇجاڭ تۈزگەن «شىئەن ئۆزگىرىشىدىكى سەرگۈزەشتىلىرىم» دىن ئېلىندى. 323-بەت.
[5] بۇ بۆلەكتە ئىزاھلانمىغان ماتىرىياللارنىڭ ھەممىسى «جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيىسى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئىجرا كومېتىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى» (1943- يىلى 1-ئايدىن 1945- يىلى 3-ئايغىچە). «جۇڭخۇا مىنگو تارىخى ئارخىپ ماتىرىياللىرى توپلىمى» نىڭ 5-قىسىم 2-بۆلەك. «سىياسىي» (4) نىڭ 831- 813-بېتىدىن ئېلىندى.
[6] «زوڭتۇڭ جىياڭ جېىشىنىڭ ئىدىيە-كۆز قاراشلىرى توپلىمى» 19-لېكسىيە. تەيبېي، «گومىنداڭ مەركىزىي كومېتىتى پارتىيە تارىخى ھەيئىتى» 1984- يىلى نەشرى، 320- 319- بەتلەر.
[7] دىياۋ باۋشى تۈزگەن: «مىنگودىككى ۋۇلىچىن ئەپەندىسىنىڭ ۋۇجۇڭشىن تەزكىرىسى» تەيبېي، سودا نەشرىياتى 1988- يىلى نەشرى. 125- بەت.
[8] ۋۇجۇڭشىن: «زوڭتۇڭغا يوللانغان مەكتۇپ» (1944- يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى). ۋۇجۇڭشىننىڭ «شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە. شىنجاڭدا رەئىس بولۇشتىن ئىلگىركى جەريانلار» غا قاراڭ. ۋۇجۇڭشىننىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدە نۇرغۇن مەكتۇپ تىلىگرامما ۋە تۈرلۈك دوكلاتلار كۆچۈرۈلگەن. ئەسلى ئىسمى – نامى بارلىرى شۇ بويىچە خاتىرىلەنگەن. ئىسىم-نامى يوقلىرىغا ۋۇجۇڭشىن ئالاقە-مەكتۇپىنى تارقىتىش- تاپشۇرۋېلىش مۇناسىۋىتى ياكى مەزمۇنىغا ئاساسەن نام قويغان.
[9] « » ۋۇجۇڭشىننىڭ «شىنجاڭدا رەئىسلىك قىلغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە. شىنجاڭدا رەئىس بولۇشتىن ئىلگىركى جەريانلار» غا قاراڭ.
[10] ۋۇجۇڭشىن: «شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە» 1945- يىلى 1- ئاينىڭ 9- كۈنى.
[11] [12] ۋۇجۇڭشىن: «شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە» 1944- يىلى 11- ئاينىڭ 28- كۈنى.
[13] خۇاڭ خوچىڭ : «شىنجاڭدىكى خىزمەتلەردىن ئەسلىمە» ج ك پ مەركىزى كومېتىتى پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى تۈزگەن « ج ك پ پارتىيە تارىخىي ماتىرىياللىرى» نىڭ 39 – قىسمىدىن ئېلىندى. ج ك پ پارتىيە تارىخى نەشرىياتى 1991- يىلى نەشرى، 49- 51- بەتلەر.
[14] [16] «زوڭتۇڭ جىياڭ جېشىنىڭ ئىدىيە-كۆزقاراشلىرى توپلىمى» 19- لېكسىيە، تەيبېي «گومىنداڭ پارتىيىسى مەركىزىي كومېتىتى پارتىيە تارىخى ھەيئىتى» 1984- يىلى نەشرى، 405- 4-4- بەتلەر.
[15] «مۇۋەققەت باش شتاب باشلىقى لوكەنخېننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىنكى دوكلاتى» (1945- يىلى 7-ئاينىڭ 3- كۈنى) ۋۇجۇڭشىننىڭ «شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە» سىگە قاراڭ. 1945- يىلى 7- ئاينىڭ 3- كۈنى.
[17] «جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيىسى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئىجرا كومېتىتىنىڭ 24- قېتىملىق ھەيئەتلەر يىغىنىڭ مۇھىم خاتىرىسى» (1944- يىلى 2- ئاينىڭ 24- كۈنى) جاڭ داجۈن: «شىنجاڭنىڭ بوران-چاپقۇنلۇق 70 يىلى» 5898- بەت.
[18] جاڭ داجۈن: «شىنجاڭنىڭ بوران-چاپقۇنلۇق 70 يىلى» 5933- بەت.
[19] ج خ مىنىستىرلىكى چېڭ دالۈن تاپشۇرغان ماتىرىياللارنى ساقلىغان. «شىنجاڭدىكى ناھەق دىلولارنىڭ باش- ئاخىرى» نى قۇرۇش گۇرۇپپىسى يازغان «شىنجاڭدىكى ناھەق، دىلولارنىڭ باش-ئاخىرى» دىن ئېلىندى. جۇڭگو ياشلار نەشرىياتى 1990- يىلى نەشرى. 195- بەت.
[20] چىن شىياۋشى باش بولۇپ تۈزگەن: «جۇڭخۇا مىنگونىڭ مۇھىم تارىخىي ماتىرىياللىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە تۈزۈش- ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلى» نىڭ 7 –قىسمى. «ئۇرۇشتىن كېيىنكى جۇڭگو» (3)، تەيبېي. «گومىنداڭ مەركىزىي كومېتىتى پارتىيە تارىخى ھەيئىتى» 1981- يىلى نەشرى، 117- بەت.
[21] جاڭ جىجۇقڭ: «جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى» 2- قىسمى، 457- بەت.
[22] [23] يۈ شېنباڭ : «جاڭ جىجۇڭ بىلەن جۇڭگو كومپارتىيىسى- جاڭ جىجۇڭنىڭ مەخپىي ئىشلار كاتىپىنىڭ ئەسلىمىسى» ج ك پ مەركىزىي كومېتىتى پارتىيە مەكتىپى نەشرىياتى 1991- يىلى نەشرى، 133- 132- بەتلەر.
[24] «زوڭتۇڭ جىياڭ جېشىنىڭ ئىدىيە- كۆز قاراشلىرى توپلىمى» 19 – لېكسىيە تەيبېي. «گومىنداڭ مەركىزىي كومېتىتى پارتىيە تارىخى ھەيئىتى» 1984- يىلى نەشرى. 180- بەت.
[25] «زۇڭتۇڭ جىياڭ جېشىنىڭ ئىدىيە، كۆز قاراشلىرى توپلىمى» نىڭ 4- سى «جۇڭگونىڭ تەقدىرى»، تەيبېي. «گومىنداڭ مەركىزىي كومېتىتى پارتىيە تارىخى ھەيئىتى» 1984- يىل نەشرى، 1- بەت.
[26] جاڭ شىيەنۋېن باش بولۇپ تۈزگەن: «جۇڭخۇا مىنگونىڭ تارىخ پروگراممىسى» خېنەن خەلق نەشرىياتى 1985- يىلى نەشرى، 596- بەت.
[27] ۋۇجۇڭشىن: «شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە» 1944- يىلى 11- ئاينىڭ 4- كۈنى.
[29] ۋۇجۇڭشىن : «شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە» 1944- يىلى 12- ئاينىڭ 2- كۈنى. 12- ئاينىڭ 9- كۈنى.
[30] [31] [65] ۋۇجۇڭشىن : «شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە» 1945- يىلى 3- ئاينىڭ 9- كۈنى. 1- ئاينىڭ 9- كۈنى.
[32] ۋۇجۇڭشىن : «شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە» 1944- يىلى 11-ئاينىڭ 28- كۈنى.
[33] [34] [35] [37] [38] «زوڭتۇڭغا يوللانغان مەكتۇپ» (1944- يىلى 9- ئاينىڭ 24- كۈنى) ۋۇجۇڭشىننىڭ «شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە. شىنجاڭدا رەئىس بولۇشتىن ئىلگىركى جەريانلار»
[36] جىن شاۋشىيەن : «گومىنداڭ ئەكسىيەتچىل كۈچلىرىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشى ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلىشى»
[39] جاڭ جىجۇڭ: «جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى» 2- قىسمى 420- بەت.
[40] تاۋسىيۆ: «تاۋسىيۆنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئېيتقانلىرى» خۇنەن خەلق نەشرىياتى. 1985- يىلى نەشرى. 84- بەت.
[41] 1944- يىلى 8- ئاينىڭ 12- كۈنى جىيا جېشى ۋۇجۇڭشىننىڭ شىنجاڭ مەسىلىسى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا شىنجاڭغا بېرىپ رەئىس بولۇشقا تەييارلىق قىلىشنى ئېيتىدۇ. ۋۇجۇڭشىن «ياشىنىپ قالدىم، زېھنى- قۇۋۋىتىم يەتمەيدۇ» دەپ رەت قىلىدۇ. جىياڭ جېشى: «ھازىر سىزدىن باشقا تېخىمۇ مۇۋاپىق ئادەم يوق. شۇڭا بېرىپ كەلسىڭىز، بەش يىلدا قايتىپ كېلىسىز» دەيدۇ. ۋۇجۇڭشىن گەرچە ماقۇل دىمىگەن بولسىمۇ لېكىن شىنجاڭ مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارىشىنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ. مەسىلەن: جۇڭگونىڭ چېگرا رايونلىرىنىڭ ئەھۋالى ئۆزگىچە، ئۇنى ئىدارە قىلىشنىڭ يولى – شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىش قىلىشتىن ئىبارەت. ۋۇجۇڭشىن شاۋلىزى تەشەببۇس قىلغان «جۇڭگونىڭ چېگرا رايونلىرىدىكى مىللەتلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنى دوراپ، ئۆزىنى ئۆزى ئىدار قىلىش كېرەك» دېگەن قاراشقا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كېلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا جىياڭ جېشى گەرچە ۋۇجۇڭشىننىڭ قارىشىنى ئىنكار قىلمىسىمۇ، لېكىن 8- ئاينىڭ 22- كۈنى جىياڭ جېىشى ۋۇجۇڭشىننى قايتا چاقىرتقاندا، يەنىلا ۋۇجۇڭشىننىڭ شىنجاڭغا رەئىس بولۇشىدا چىڭ تۇرىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جىياڭ جېشى ۋۇجۇڭشىننىڭ قارىشىغا ئاساسىي جەھەتتىن قوشۇلۇشقا توغرا كېلىدۇ. جىياڭ جېىشنىڭ «يەنىلا بېرىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن»، «يەنىلا سىنىڭز بارغىنىڭى تۈزۈك» دېگەن سۆزلىرى جىياڭ جېشىنىڭ ۋۇجۇڭشىننىڭ شىنجاڭنى ناھايىتى ياخشى ئىدارە قىلىش ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقنى ئىپادىلەيدۇ. ۋۇجۇڭشىن : «زوڭتۇڭ بىلەن كۆرۈشۈش» (1944- يىلى 8- ئاينىڭ 12-كۈنى) «زوڭتۇڭ بىلەن كۆرۈشۈش» (1944- يىلى 8- ئاينىڭ 22- كۈنى). ۋۇجۇڭشىنىڭ :شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە. شىنجاڭدا رەئىس بولۇشتىن ئىلگىركى جەريانلار» دىن ئېلىندى.
[42] «شىنجاڭ ئالاھىدە رايونىنىڭ ئەھۋالىدىن پارتىيە مەركىزىي كومېتىتىغا دوكلات» (1949- يىلى 8- ئاينىڭ 21- كۈنى) شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخىنى يېزىش ھەيئىتى تۈزگەن «شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى رەھبەرلىرىنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومېتىتىغا يوللىغان دوكلاتلىرى ۋە تاللانما ئەسەرلەر» گە قاراڭ. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1995- يىلى نەشرى.
[43] ھىندىستان ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ ئارخىپخانىسى (لوندون) ئارخىپى 2358\12\A. D. W; L\P8. S فۇبۇس: «شىجاڭدىكى مىللىتارستلار ۋە مۇسۇلمانلار (1949-1919- يىللىرىدىكى مىنگو شىنجاڭ سىياسىي تارىخى)»
(Forbes. AndrewD. W, Warlords and Muslimsin Chinese GnrnaL Asia: political Historgof Republican sinkiang 1911-1949)
[44] چېن لى: «ئىلى ئۆزگىرىش خاتىرىسى» جېڭجۇڭ كىتاب ئىدارىسى 1948- يىلى نەشرى، 9- بەت.
[45] جاڭ داجۈن: «شىنجاڭنىڭ بوران-چاپقۇنلۇق 70 يىلى» 11- قىسىم 6171-بەت.
[46] [47] [50] [87] [88] ۋۇجۇڭشىن: «شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە» 1945- يىلى 4- ئاينىڭ 4- كۈنى.
[48] [9] ۋۇجۇڭشىن: «شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە» 1945- يىلى 2-ئاينىڭ 28- كۈنى
[51] [55] ۋۇجۇڭشىن: «شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە» 1945- يىلى 9- ئاينىڭ 29 –كۈنى
[52] [56] [58] ۋۇجۇڭشىن: «شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە» 1947- يىى 7- ئاينىڭ 30 –كۈنى.
[53] ۋۇجۇڭشىن: «شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە» 1945- يىى 5- ئاينىڭ 3- كۈنى
[54] چېن لى: «ئىلى ئۆزگىرىش خاتىرلىرى» جېڭجۇڭ كىتاب ئىدارىسى 1948- يىلى نەشرى. 10- بەت.
[57] ۋۇجۇڭشىن: «شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە» 1945- يىلى 6- ئاينىڭ 25- كۈنى
[59] «جۇڭخۈا مىنگونىڭ تارىخىي ئارخىپ ماتىرىياللىرى توپلىمى» نىڭ 5- توپلام 2- قىسمى «سىياسىي» (4) 806- بەت.
[60] . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . 811- 810- بەتلەر.
[61] [ئەنگلىيە] A. D. W فوبوس: «شىنجاڭدىكى مىللىتارستلار ۋە مۇسۇلمانلار» 1911- 1949- يىلغىچە بولغان شىنجاڭنىڭ سىياسىي تارىخىي» 166-بەت.
[62] «جۇڭخۇا مىنگونىڭ تارىخىي ئارخىپ ماتىرىياللىرى توپلىمى» نىڭ 5- توپلام 2- قىسمى «سىياسىي» (4) 812-بەت.
[63] «جۇشىياۋلىياڭ. ۋۇجۇڭشىننىڭ جىياڭ جىشىغا يوللىغان تىلىگراممىسى» (1944- يىلى 12- ئاينىڭ 15- كۈنى) ۋۇجۇڭشىننىڭ «شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە» 1944- يىلى 12- ئاينىڭ 6- كۈنى
[64] «زوڭتوڭنىڭ مەخپىي تلىگراممىسى» ۋۇجۇڭشىننىڭ «شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە» 1944- يىلى 12- ئاينىڭ 25- كۈنى
[66] ۋۇجۇڭشىن: «شىنجاڭدا رەسئى بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە» 1945- يىلى 4- ئاينىڭ 10- كۈنى.
[67] . ...... 1944- يىلى 11- ئاينىڭ 22- كۈنى.
[68] جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرلىكى ئارخىپخانىسى تۈزگەن: «جىياڭ جېشىنىڭ يېنىدا ئۆتكەن سەككىز يىل » 546- بەت.
[69] شېڭ شسەي شىنجاڭدا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئارىسىدا ئابرويى بار زاتلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىنتايىن ئالاقزادە قىلىۋەتتى. شېڭ شىسەي قازاق چارۋىچىلارنىڭ قوراللىق توپىلاڭ كۆتىرىشىدىن قورقۇپ، زور كۆلەمدە قورال تازىلاش ھەركىتى ئېلىپ باردى. قورال- چارۋىچىلارنىڭ ئوۋ ئوۋلايدىغان ۋە ياۋايى ھايۋانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىدىغان مۇھىم نەرسە بولۇپ، قورال تازىلاش چارۋىچىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىغا تەھدىت سېلىپ، تەدرىجىي ھالدا ھۆكۈمەتكە قارشى توپىلاڭنىڭ ئوت پىلىتىسىگە ئايلىنىپ قالدى. 20- ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىنىڭ بېشىدا ئالتاي ۋىلاىيىتىنىڭ كۆكتوقاي دېگەن يېرىدە ئىككى قېتىم بىر قەدەر چوڭ كۆلەمدە چارۋىچىلار توپىلىڭى يۈز بەردى. شېڭ شىسەي سەر خىل قورال- ياراقلارغا تايىنىپ توپىلاڭچى چارۋىچىلارنى رەھمىسىزلەرچە قورشاپ يوقاتماقچى بولدى. لېكىن شېڭ شىسەينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىشىغا ئەگىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى دەسلەپتە شېڭ شىسەينىڭ قورشاپ يوقىتىشىغا ياردەم بەرگەن بولسا، ئەمدى قازاق چارۋىچىلار توپىلىڭىى يوشۇرۇن قوللىدى. ئوسمان ھۆكۈمەتكە قارشى توپىلاڭدا تەدرىجىي ھالدا توپىلاڭچى چارۋىچىلارنىڭ كاتتىبىشىغا ئايلاندى. ئوسماننىڭ كۈچى بىردە كۈچيىىپ، بىردەم ئاجىزلاپ تۇرسىمۇ، لېكىن كەڭ چارۋىچىلار شىنجاڭ دائىرلىرىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىدىن نارازى بولغاچقا ئۇنىڭغا ھىسداشلىق قىلاتتى ۋە قوللايتتى. ئەلۋەتتە توپىلاڭچى قوشۇن ئىچىدە خېلى بىر قىسىم چارۋىچىلار مەجبۇرىي قوشۇۋىلىنغان ئىدى. ئوسمان چارۋىچىلارنىڭ چارۋىسى بۇلاپ تۈگىتىلسە، يەيدىغىنى، كىيىدىغىنى قالمىسا، تەبئىي ھالدا ئىنىقلاپ قىلىدۇ دەپ قارايتتى. لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قازاق ئاممىسىنىڭ شېڭ شىسەينىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا زادى چىدىغۇچىلىكى قالمىغان ئىدى. شېڭ شىسەي كۆپ قېتىم پۈتۈن ئۆلكىدىكى ئەسكىرىي كۈچىنى يىغىپ ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، لېكىن قازاق چارۋىچىلارنىڭ قوراللىق قارشىلىقىنى باشتىن ئاخىر تىنچىتالمىدى.
[70] ئۈچ ۋىلايەت (ئىلى، چۆچەك، ئالتاي) ئىنقىلابى ئەڭ بالدۇر ئىلى ۋىلايىتىدە پارتىلىغان، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ئىلى ئىنقىلابى دەپمۇ ئاتىلاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلى ۋىلايىتىنىڭ غۇلجا شەھرى ئۈچ ۋىلايەتنىڭ سىياسىي مەركىزى بولغاچقا، ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى ئىلى ھۆكۈمىتى ياكى غۇلجا ھۆكۈمىتى دەپمۇ ئاتىلاتتى. بۇ كىتابتا گەپ- سۆزلەرنىڭ ئارتۇقچە تەكرارلىنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن مەنىسى ئاساسىي جەھەتىن ئوخشاش ئەھۋالدا بۇ ئىككى سۆز ئالماشتۇرۇپ ئىلشىتىلگەن.
[71] ۋۇجۇڭشىن: «شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە» 1945- يىلى 1-ئاينىڭ 16- كۈنى.
[72] [74] باي جېنشىڭ [ياپونىيە] لى يۈەن شىنيى باش بولۇپ تۈزگەن: «شىنجاڭدا ھازىرقى زامان سىياسىي، ئىجتىمائىي تارىخىي» جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى 1992- يىل نەشرى. 448- بەت.
[73] ۋۇجۇڭشىن: «شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە» 1944- يىلى 10- ئاينىڭ 30- كۈنى
[75] دەلىلقان (1949- 1906)، تولۇق ئىسمى دەلىلقان سۇڭۇربايۇف، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. شىنجاڭنىڭ ئالتاي ۋىلايىتىدىن، قازاق، قەبىلە باشلىقى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. سوۋېتىنىڭ تەسىرلىرىگە خىلى ئۇچرىغان. 1937- يىلى ئالتايدىكى قازاق، قىرغىز مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1940- يىلى 10- ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئالمۇتۇغا بېرىپ ئوقۇغان. ئىككى يىلدىن كېيىن ئالتايغا قايتىپ كېلىپ، قازاق خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ قوراللىق كۈرەش قىلغان. دەسلەپتە ئالتاي قازاق ئازادلىق كومېتىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قوشۇمچە ھەربىي باش قوماندان بولغان. كېيىن ئالتاي ۋاقىتلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1945- يىلى 9- ئايدا، ئىلى مىللىي ئارمىيىگە ماسلىشىپ ئالتاي چىگرىسىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت سەھىيە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بولغان. ئوسمان ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىدىن يۈز ئۆرگەندىن كېيىن، ئۇ ئالتاينىڭ ۋالىي بولۇپ، قەۋمىنى باشلاپ ئوسماننى ئالتايدىن قوغلاپ چىقارغان. 1949- يىلى 9 – ئايدا ج ك پ مەركىزىي كومېتىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئىلىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارقىلىق بېيجىڭغا بېرىپ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە قاتنىشىش ئۈچۈن مېڭىپ، ئايرۇپىلان چۈشۈپ كېتىپ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى بىجار كۆلى رايونىدا قازا قىلغان.
[76] [78] [85] ۋۇجۇڭشىن: «شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە» 1945- يىلى 7- ئاينىڭ 28- كۈنى
[77] ۋۇجۇڭشىن: «شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە» 1945- يىلى 2- ئاينىڭ 10-كۈنى.
[79] [81] [82] [83] [92] ۋۇجۇڭشىن: «شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە» 1945- يىلى 3- ئاينىڭ 20- كۈنى
[80] ۋۇجۇڭشىن: «شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە» 1946- يىلى 1- ئاينىڭ 4-كۈنى.
[84] . . . . . . . . . . . . .  . . . . . 1945- يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
[86] . . . . . . . . . . . . .  . . . . . 1945- يىلى 2-ئاينىڭ 2- كۈنى
[89] . . . . . . . . . . . . . . . . .. . 1945- يىلى 1- ئاينىڭ 11-كۈنى
[90] . . . . . . . . . . . . . . .. . . . 1945- يىلى 3- ئاينىڭ 10- كۈنى
[91] ۋۇجۇڭشىن 1945- يىلى 3- ئاينىڭ 20- كۈنىدىكى «شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە» دە مۇنداق خاتىرىلەنگەن: ئوسمان ئىراز ئېلىغا مەخپىي يوسۇندا ۋۇجۇڭشىن ئەلەن جۇنۋاڭنى قويىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ چاقىرىق كۈچۈم قالمىدى. بۇنىڭدىن ۋۇجۇڭشىننىڭ شىنجاڭغا كەلگەنلىكى راست دېگەن.
[93] 1945- يىلى 4- ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئىلىنىڭ پات ئارىدا باشلاش ئالدىدا تۇرغان زور كۆلەملىك ھەربىي ھۇجۇمىغا ماسلىشىش ئۈچۈن ئالتايدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەرنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇردى. گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسمىنىڭ تەمىناتى يېتىشمىگەچكە، مۇداپىئە لىنىيىسىنى قىسقارتىپ كۆكتوقاي، ئۇرۇنگۇ دەرياسى، قاراچۇنكې قاتارلىق جايلاردىكى قوشۇننى گۇجۇڭغا قايتۇرۇپ كېلىپ، ئالتاي ناھيىسىنى ساقلاۋاتقان قىسىمغا بىرىدىغان ياردەمنى توختاتتى. شۇنىڭ بىلەن غۇلجا ناھيىسى قوغدىغىلى بولمايدىغان شەھەرگە ئايلىنىپ قالدى. بۇنداق ئەھۋالدا، ئالتايدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق كۈچكە قارىغاندا كۆرىنەرلىك پاسسىپ ھالغا چۈشۈپ قالغانىدى. باي جېنشىڭ، [ياپونىيە] لى يۈەن شىنيى باش بولۇپ تۈزگەن «شىنجاڭنىڭ ھازىرقى زامان سىياسىي، ئىجتىمائىي تارىخى» 403- 402- بەتلەر.
[94] ۋۇجۇڭشىن: «شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە» 1945- يىلى 8- ئاينىڭ 30- كۈنى
[95] . . . . . . . . . . . . . . . . . . 1945- يىلى 1- ئاينىڭ 17- كۈنى
[96] ئاتلىق 5- كۇرپۇس- خۇيزۇ ۋە سالا مىللىتىنى تايانچ كۈچ قىلغان قوشۇن بولۇپ چىڭخەيدىكى مىللىتارست مابۇفاڭنىڭ قوماندانلىقىغا قارايتتى. كۇرپۇس قوماندانى ماچېڭشىياڭ بولۇپ، قارمىقدا ئىككى بىرىڭىدا، ھەربى بىرىڭىدا ئۈچ تۈەن، جەمئىي ئالتا تۈەن، ھەربىر تۈەندە مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بار ئىدى. ئىلى ئىنقىلابى پارتىلىغاندىن كېيىن، گومىنداڭ بۇ كورپۇسنى شىنجاڭغا يۆتكەپ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ تەرەققىياتىنى توسقان. شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاتلىق 1- دېۋزىيە قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. سانجى، قۇتۇبى، گۇجۇڭ، فۇيۈەن، مورى، ئۈرۈمچى تەرەپلەردە تۇرۇپ، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسى بىلەن قوراللىق تىركەشكەن. شىنجاڭ تىنىچ ئازات بولۇشنىڭ ھارپىسىدا، ماچېڭشىياڭ قوشۇنىدىن ئايرىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئارقىلىق چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن. دىۋىزىيىنىڭ باشلىقلىقىنى خەن يۇۋۋېن ئۈستىگە ئېلىپ، تاۋسىيۆگە ئەگىشىپ شىنجاڭ تىنچلىق قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. ئازاتلىقتىن كېيىن جۇڭگو ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 22- بىڭتۈەنى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.
[97] ۋۇجۇڭشىن: «شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە» 1946- يىلكى 1- ئاينىڭ 15- كۈنى.
[98] [99] ۋۇجۇڭشىن: «شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە» 1945- يىلى 12- ئاينىڭ 25- كۈنى
[100] 1945- يىلى 10- ئايدا، ھەربىي كومىتېت سىياسىي بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاڭ جىجۇڭ بۇيرۇققا بىنائەن ئىلى تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە باشلاپ، 1946- يىلكى 1- ئاينىڭ 2- كۈنى ئىككى تەرەپ «مەركىزى ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى بىلەن شىنجاڭنىڭ توپىلاڭ رايونىدىكى خەلق ۋەكىل ئوتتۇرىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇشنى تىنىچ ھەل قىلىش بېتىمى» نى ئمزالىدى. بۇ بېتىمدە شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىككى مۇئاۋىن رەئىسىنى ھەر قايسى رايونلار كۆرسىتىدۇ. مەركەز ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ. ئىلى تەرەپ مىللىي قوشۇن تەشكىللىسە بولىدۇ دىگەنلەر بىرلەشتۈرۈلگە ن ئىدى. ئوسمان ئوتتۇرىغا قويغان شەرتلەر ئەلۋەتتە بۇ بەلگىلىمىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىىك ئىدى.
[101] [102] ۋۇجۇڭشىن: «شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە» 1946- يىلى 2- ئاينىڭ 12- كۈنى.
[103] ئەلۋەتتە. ئوسماننىڭ گومىنداڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىشىدا ۋۇجۇڭشىننىڭ ئۇنى ئۆز يېنىغا تارتىشىدىن باشقا، يەنە ئۇنىڭ ئىلى تەرەپ بىلەن بولغان زىددىيەتنىڭ ئۆتكۈرلىشىشىمۇ بار ئىدى. ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىس ئېلىغان تۆرىسىنىڭ قوشۇنىدىن چىقىرۋىتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىمڭمۇ كېيىنچە شۇنداق تەقدىرگە يولۇقىشىدىن تىخىمۇ ئەنسىرىدى.
[104] گەرچە ئوسمان گومىنداڭغا سەل كېيىنرەك ئەل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ۋۇجۇڭشىن باشتىن ئاخىر ئامال قىلىپ ئوسماننى ئەل بولۇشقا ئۈندەپ، ئۇنىڭغا ھۆكۈمەتكە بويسۇنۇش جەھەتتە بىر چېكىنىش يولى قالدۇردى. بۇ ئوسمان بىلەن دەلىلقاننىڭ مۇناسىۋىتىنى يىرىكلەشتۈرۈشتە ناھايىتى زور رول ئوينىدى. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئىيتقاندا، ئىلى مىللىي ئارمىيىسى ئالتاي ناھيىسى قاتارلىق جايلارغا ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىدا ئوسمان قەۋمىدىكىلەر ئۇرۇش مەيدانىدىن ئۆزىنى چەتكە ئالدى. بۇنىڭ ئوسماننىڭ گومىنداڭغا تەسلىم بولۇش يولىنى ساقلاپ قىلىشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ناھايىتى زور.
[105] ئەمەلىيەتتە خاتىرجەملەندۈرۈشكە ۋۇلىكيۈن بارمىغان. لوكەنخېن ئۆمەك باشلاپ جەنۇبىي شىنجاڭنى خاتىرجەملەندۈرگەن.
[106] [110] ۋۇجۇڭشىن: «شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە» 1945- يىلى 7 –ئاينىڭ 3- كۈنى.
[108] ۋۇجۇڭشىن: «شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە» 1945- يىلى 6- ئاينىڭ 25- كۈنى.
[109] «مۇۋەققەت باش شتاب باشلىقى لوكەنفېننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىنكى دوكلاتى» ۋۇجۇڭشىننىڭ «شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە» گە قاراڭ. 1945- يىلى 7- ئاينىڭ 3- كۈنى، ئەمەلىيەتتە جەنۇبىي شىنجاڭدا ياش زىيالىلىار ئانچە كۆپ ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇئەييەن ئىجتىمائىي ئاساسىي يوق ئىدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كونا فېئودال دىننىي كۈچلەرگە تەڭ كىلەلمەيتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ شىنجاڭدا مۇئەييەن چاقىرىق كۈچى ۋە تەسىرى بار ئىدى.
[111] ۋۇجۇڭشىن: «شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە» 1945- يىلى 7- ئاينىڭ 24- كۈنى
[112] . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . 1945- يىلى 10- ئاينىڭ 14- كۈنى.
bilqut
Posted: 2007-11-25 14:24 | [ئاپتور]
Boran
دەرىجىسى : شەرەپلىك ئەزا


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-05
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

  داۋامى:

ئىككىنچى باب ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ
بېسىمغا يۈزلىنىش: شىنجاڭدىكى ئىجتىمائىي
زىدىيەتلەرنى پەسەيتىش

1§. ئاز سانلىق مىللەت ئەربابلىرىنى ھاكىمىيەتكە قاتناشتۇرۇش
جىياڭ جېشىي ئەسلىدە ۋۇجۇڭشندەك ئىدىيىسى كونا ئادەمنى جوڭگونىڭ چېگرا رايوننى تىزگىنلەشتىكى ئەنئەنىۋى ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈسۇلى ئارقىلىق شىنجاڭنى تىنجىتىش، ئۇلارنى غەمدىن خالاس قىلىدۇ دەپ قارايتتى. ئەمما شىنجاڭ ئىلى ئىنقىلابىنىڭ تۈز بېرىشى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى، ئۇنى چۆچىيىپ، ۋۇجۇڭشىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئۇسۇلىغا باشقىچە نەزەر بىلەن قاراشقا، شىنجاڭنىڭ مەسلىسگە ئەھمىيەت بېرىشكە مەجبۇرلىدى. جىياڭ جېيشى ھەقىقەتەن ۋۇجۇڭشىندىن دانا كىلىپ، شىنجاڭ مەسىلىسنىڭ مۇھىم تۈگىنىڭ بىرى مىللىي مەسلە دەپ قارىدى. (1) ئۇ شىنجاڭ مەسىلىسىدە سوۋىت ئىتتىپاقىغا قارىتا دېلوماتىيە تەدىبىرى قوللانغانىدىن باشقا، شىنجاڭدىكى مىللىي مەسلىنى تەتقىت قىلىشقا باشلىدى.
1945-نىڭ بېشىدا، جىياڭ جېىيشى مەسئۈد، مۇھەممەد ئىمىن، ئەيسا قاتارلىق ئۈچ ئادەم بىلەن ئىككى قېتىم كۆرۇشۇپ، ئۇلارنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسى ھەققىدىكى پىكرىنى ئاڭلىدى ھەم ئۇلاردىن ئۆزلىرنىڭ ئېغىزاكى بايانلىرىنى رەتلەپ يازما دوكلات تەييارلاپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدا سىياسەت تۈزگەندە پايدىلىنىش ئۈچۈن بىرىشنى تەلەپ قىلىدى. مەسئۈد قاتارلىق كىشىلەر شىنجاڭ مەسىلىسى توغرىسىدا جىياڭ جېيشىغا: شىنجاڭدىكى بارلىق «پارتىيە-ھۆكۈمەتتىكى چوڭ-كىچىك خادىملار» نىڭ نوپۇس نىسپىتېى بويىچە بۆلشى، «كۆپ ساندىكى گوروھلارغا يەرلىك خەلقتىن ئادەم تەيىلەش»،
«بارلىق ھۆكۈمەت كېڭشى ئەزالىرى، مەركەزنىڭ ئومۇمى يىغىنى ۋە گومىنداڭ قورۇلتىيى قاتارلىق يىغىنلاردا شىنجاڭ ۋەكىلى بولۈش»، «ھەممسى شىنجاڭدىكى يەرلىك خەلقتىن بولۈش» توغرىسىدا تەكلىپ بەردى ھەم جىياڭ جېيشىدىن ئۆزلىرنى شىنجاڭغا «شىنجاڭ خەلىقنى خاتىرجەم قىلىش ھەم يىڭى ئۆلكە ۋە قەسنى تىنجىتش» قا ئەۋەرتىشنى تەلەپ قىلىدى. (2) بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئېتقاندا، جىياڭ جېيشدىن ئەمەل تەلەپ قىلىدى. «مىللەتىچلىقتىن پايدىلىنىپ ئىجتىمائىي بايلىققا ئېرىشىش تېخىمۇ ئوڭاي ھەم ئۇ نام جەھەتتىن تېخىمۇ لايىقدا» (3) بولغاچقا، جىياڭ جېيشى ئۇلارنىڭ تەلۋىنى قاندۇرماقچى بولىدى، چۈنكى بونداق قىلغاندا، بىرىنچىدىن ئۇلارنىڭ سوۋىت ئىتتىپاقغا قارشى ئۆچمەنلىگىدىن پاتدىلىنىپ، سوۋىت ئىتتپاقىنىڭ شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرگە كۆرسىتىدىغان سىياسى تەسىرنى چەكلىگىلى بۇلاتتى، . ئىككىنچىدىن، ئۇلارنىڭ مىللىي سالاھىتىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مىللىي زولۈمغا قارشى كۈرەش سېپىنى ئاجىزلاشتۇرغىلى بولاتتى
ئەمما، ۋۇجۈڭشىن جىياڭ جېيشىنىڭ تەكرا نەسھەت قىلىشى بىلەن تەسلىكتە شىنجاڭ ئۆلكىسگە رەئىس بولغاچقا، شىنجاڭدا ئادەم ئالماشتۈرۇشتىن ئىبارەت بۇ زور ئىشنى ۋوجۈڭشىن بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كىلەتتى. جىياڭ جېيشى ئوغلى جىياڭ جىنگونى «ھەممىگە ۋەكىل قىلىپ» ئۈرۇمچىگە ئەۋەرتىپ ھەم ۋۇجوڭشندىن «شىجاڭدا مەسلھەتلىشنى» سوردى. (4) جىياڭ جىنگو ۋۇجۇڭشنگە: شىنجاڭدا ئامال قىلىپ ھەر مىللەت كىشىلىرنى ھۆكۈمەت خىزمىتىگە قاتناشتۈرۇش، يەنى، ئۆلكىلىك پىرقىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرنىڭ ئاساسلىق باشقۇرغۇچىلىرنى تەيىنلىگەندە، باشقا مىللەتلەردىن رەسمىي، خەنزۇلارنى مۇئاۋىغا قۇيۇش، ھەم « ئۆلكىلىك پىرقىگە مۇئاۋىن رەئىسلىك ئورنى تەس قىلىپ، باشقا مىللەر ئىچىدىكى «ئابىرويلۈق كىشلەرنى» قۈيۇش تەكلىۋنى بەردى. (5) ۋۇجۇڭشن جىياڭ جېيشنىڭ سياسى غەرزىنى بىلمىگەچكە، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش تەكلىۋىنى سىپايىلىق بىلەن رەت قىلىپ: «ئۆلكىلىك پىرقىگە قاراشلىق ئورگانلار ھەم ھەر قايسى ۋىلايەت، ناھىيىلەرنىڭ خىزمەتچىلىرى قابىلىيىتىگە قاراپ تەيىنلىنىدۇ، مىللەت پەرقى بولمايدۇ دېدى. ئۇ ئۆلكىلىك پىرقىگە مۇئاۋىن رەئىسلىك ئورنى تەسىس قىلىشقا قوشۈلغان بولسىمۇ، لېكىن«ئۆلكىلىك پىرقىنىڭ نازارەتتە، باشقارمىدىكى بىللە ئىشلىگەن كەسىپ داشلىرنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشپ»، كادرلارنى تەڭشەشكە مايىل بولغان بولسمۇ «ئىلى تىنىچلانغادىن كېيىن يولغا قۇيۇشنى بانا قىلىپ، ھازىرىقى ھالەتنى ۋاقتىنچە ساقلاشنى» ئېتتى. (6)
6- ئايىدا، جىياڭ جېيشى چۇڭچىڭدا ۋۈجۈڭشندىن مەسئۇت قاتارلىق كىشلەرنىڭ شىنجاڭغا قايتسا بولىدىغان –بولمايدىغانلىقىنى يۈز تۇرانە سورىغان. ۋۈجۇڭشىن يەنىلا قارشى تۈرىدىغانلىغىنى ئىپاسىلەپ: مەسئۇد قاتارلىقلار «قاچانلا قايتسا بولىدۇ» ئەمما، ئۇلارنىڭ پانتۈركىزىملىق «خاتا ئىدىيىسى» نى تۈزتىشى كېرەك دېدى. ئارقىدىنلا ۋۇجۈڭشىن ئۆزىگە ئەگىشىپ كەلگەن موڭغۈل مىللىتىدىن بولغان جۇنۋاڭنىڭ ئايالى ۋۇجڭشەن، پىچان ناھىسىدىكى خۇيزۇ پومىشچىك ماتىڭشاڭنى ماختاپ، «شىنجاڭغا رىشتى باغلانغان نام- ئابرويى بار، دۆلەتكە سادىق كىشلەر » شنجاڭدا ۋو، مالارغا ئوخشاش كىشىلەر «ھەممە يەردە تېپىلىدۇ»(7) دېدى. ۋۈجوڭشننىڭ گىپىدىن شىنجاڭنىڭ مەسۇدقا ئوخشاش پانتۈركىزىمچىلارنىڭ كېرەك ئەمەسلىگى چىقىپ تۈراتتى، ۋۇجۈڭشىن ئىزچىل قارشى تۇرغاچقا، جىياڭ جېيشى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىلەش پىلانىنى ۋاقتىنچە قويۇپ قويدى.
7- ئايدىن كېيىن، ئىلى مىللىي ئارمىيىسى تەدرىجى چۆچەك، ئالتاي قاتارلىق رايونلارغا ھۇجۇم قىلىدى. ئۆلكە مەركىزى ئۇرۇمچىمۇ خەۋپ ئىچىدە قالدى. ئىلى مىللي ئارمىيىسى بارغانلار جايلاردا ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ كەڭ ھىسداشلىغى ۋە قوللىشىغا ئىرىشتى. جىياڭ جېيشى ئازسانلىق مىللەت ئەربابلىرنى ۋەزىپىگە قويۇپ، شنجاڭنىڭ سىياسىغا قاتناشتۇرۇشنى كىچىكتۈر مەسلىكنىڭ مۈھىملىغىنى ھېس قلىدى. 1945- يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى، جياڭ جېشى«قەتئى پوزۇسسىيەبىلەن » شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرۇشكە ماڭغان سىياسى ئىشلار مىنىستىرى جاڭ جىجۇڭغا:«شنجاڭنىڭ ۋەزىيتىدە ئۆزگىرىش بولشى كېرەك» دېدى، ئۇ يەنە:«چىگىرا رايۈن ئىچكى ئۆلكە بىلەن ئوخشمايدۇ، رەئىسلىك ۋە نازارەتلەرگە مۇئاۋىنلىق ئورۇن تەسىس قىلش لازىم» دېدى. (8) جىياڭ جېيشىنىڭ يوقىرى دەرىجىلىك مەسلھەتچىسى تاڭ زۇڭمۇ 1945- يىلى 10- ئاينىڭ 2-كۈندىكى كۈنىلىك خاتىرسىدە ئانالىز قىلىپ:« شىنجاڭدا مىللەتلەر مۇرەككەپ، دىنىي جەھەتتە شەرىققىە مايىل، ئىچكى قىسمىدا مەركەزنىڭ ھۇكۈمرانلىقدىن ئايرىلىپ چىقىپ ئۆزنى ئىدارە قىلشنى ئويلايدۇ» (9) دەپ يازىدۇ. شۇڭلاشقا، ئىككىنچى كۈنى تاڭ زۇڭ جىياڭ جېشى قاتارلىقلارغا يازما يوللىغان شىنجاڭ مەسلىسنى ھەل قىلىش توغرىسدىكى پىكر يولىدا:«شىنجاڭنىڭ مەركەزگە بولغان مايىللىغنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ رايونىدا يەرلىك خەلق بىلەن خەنزۇ خەلقنى ئوخشاش ئاپتونومىيىلىك ئورۇنغان ئىگە قىلىپ، شۇ ئارقىلىق كۈچلۈك قوشنا رايونلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقدىن ساقلىنىپ، دۆلەت مۇداپىيىسنىڭ ئاساسنى مۇستەمكەملەش لازىم» ئۇنىڭ كونكىرىت ئۈسۇلى«ئۆلكىلەرنىڭ ھۆكۈمەت رەئىسى، نازى ۋە ھاكىملرىغا بىردەك مۇئاۋىن ۋەزىپە تەسىس قلىش، رەئىس خەنزۇلاردىن بولسا، مۇئاۋىن رەئىس شىنجاڭلقلاردىن بولۇش لازىم، نازى، ھاكملارنى يەرلىكتىن ئابروللوق كىشلەرنى قويۇش، مۇئاۋىن ۋەزىپگە خەنزۇ ياكى باشقا مىللەتلەردىن قويۇش لازىم» دېگەن. (10)
گومىنداڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئەرباپلىرنى شىنجاڭ ھاكمىيتگە قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق مىللىي زىدىيەتىنى پەسەيتىش تەساۋۇرى، جىياڭ جېيشى تەستىقلاپ (11) گومىنداڭنىڭ 6-قېتىملىق 2-ئومۇمى يىغىندا بىكىتلگن(12) «مەركىزى ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى بىلەن شىنجاڭ توپلاڭ رايونىدىكى خەلق ۋەكللىرى ئوتتۇرىسدىكى قوراللىق توقونوشنى ھەل قىلش شەرتنامىسى» دە تولۇق گەۋدىلەندۇرۇلىدۇ. «تىنچلىق شەتنامىسى» دە: شىنجاڭدا بىرلەشمە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قورۇش، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتە، جىياڭ جىجۇڭ ئۆلكە رەئىسىلىكنى ئۆتىگەندىن باشقا، قالغان ئىككى مۇئاۋىن شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتتىن بولغان ئەخمەتجان(13) ۋە بۇرھان (14) ئۈستىگە ئېلىش: ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتكى 25 ھەيئەت ئەزا ئىچىدە، ئازسانلىق مىللەتتىنن بولغان ھەتئەت ئەزا 15نەپەر بولۈش: نازارەت، باشقارما، جەمئىيەت، ئىدارىلەرنىڭ رەسمىي ۋە مۇئاۋىن ئەمەلدارلىرى خەنزۇ ۋە ئازسانلىق مىللەتتىن بولۈش: ئۆلكىلىك پىرقىنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىمۇ كۆپلەپ ئازسانلىق مىللەت كادىرلىرىنى ئىشلىتىش بەلگۈلەنگەن. (15)شىنجاڭ بىرلەشمە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قورولوشتىن ئىلگىرىلا، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى مەسئۈدنى شىنجاڭنىڭ تەپتىش ۋەزىرلىكىگە تەيقىنلىگەن بۈلۈپ، نەزەرىيە جەھەتتىن ئېلىپ ئېتيقاندا بۇ ئۆلگە رەئىسىدىن يوقىرى ۋەزىپە ئىدى. (16) شۇنىڭ بىلەن بىرگە، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى يەنە شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەردىن مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلاردا ئىشلەيدىغانلارنى كۆپەيتىشنى تەستىقلىدى. مەسىلەن : گومىنداڭ ئالتىنچى نۆۋەتلىك ئىككىنچى ئومۇمى يىغىنىدا ماقۇللانغان «چېگرا رايونلار مەسلىسى توغرىسىدىكى دوكىلاتنىڭ قارار لايھسى» دە: «ئۆزگەرتىپ تەشكلەنگەندىن كېيىنكى دۆلەتلىك پىرقىنىڭ ھەيئەتلىرى، مەمۇرى كومىتتىنىڭ سىياسى ئىشلار ھەيئەتلىرى ئىچىدە موڭغۈل، زاڭزۇ، ئۈيغۇرلاردىن ساداقەتمەن، قابىل يولداشلار بولىشى كېرەك« مۇڭغۇل، زاڭزۇ، ئۈيغۇرلاردىن بولغان قابىل زاتلارغا مىنىستىرلىك، كومتتىلاردىن ئەمىلى خىزمەتكە قاتنىشش پورسىتى يارىتىش بولىشى كېرەك، «يېڭىدىن كۈپەيتىلگەن خەلق قورۇلتىيى خەلق قورۇلتىيى ۋەكىللىرى سانى ئىچدە، مۇڭغۇل، زاڭزۇ، ئۈيغۇردىن ئىبارەت ئۈچ مىللەت ۋەكىللىرنىڭ ساننى كۈپەيتىش لازىم»، «مۇڭغۇل، زاڭزۇ، ھەيئەتلىرىنى چېگرا سياسى بۆلىمى قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش، مۇڭغۇل، زاڭزۇ، ئۈيغۇرلاردىن بولغان قابىل كىشلەرنى ئەمىلى خىزمەتكە قاتناشتۈرۇپ، ئەمىلى مەسئۇلىيەت يۈكلەش لازىم» (17) ئەينى چاغدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى خويزۇلارنى خەنزۇلارنىڭ بىر تارمىقى دەپ قاراپ ئۇلارنى مۇستەقىل مىللەت سۇپىدە تۈنىمىغاچقا، بۇ يەردە دىيلۋاتقان «ئۈيغۇر»لار ئاساسلىقى شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان ئازسانلىق مىللەتنى كۆرسىتدۇ.

2§. ئاز سانلىق مىللەت خەلقلىرىگە بەلگىلىك دىمۇكراتىيە سىياسىي ھوقۇقىنى بېرىش
توسوپ قالغىلى بولمايدىغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قارىتا، جىياڭ جېيشى باشچىلىغىدىكى گومىداڭ ھۆكۈمىتى تەدرىجىي ھالدا مىللىي زۇلۈمنى ئۈچۈق- ئاشكارە يولغا قويۇش دەۋرنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى، چۈقۈم بورژئازىيە سىنىپنىڭ دىمىگىراتىيە سياسى بايرىقىنى كۆتۈرۇپ، ئۆزلىرنىڭ شىنجاڭدا يورگۈزگەن مۇستەبىت ھۆمرنلىقىنى يوشۇرۇش كېرەكلىگىنى تۈنۇپ يەتتى. شۇڭىلاشقا، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى مەسئۇد، مۇھەممەت ئىمىن، ئەيسالارنىڭ«شىنجاڭدىكى توپىلاڭنىڭ سەۋەبى ۋە شىنجاڭ خەلقنىڭ ئارزۇسى توغرىسدىكى جىياڭ جېيشغا يېزىغان خەت»كە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرگە داۋاملىق يېڭى سىياسى ۋەدىلەرنى بەردى. (18) 1945- يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى جىياڭ جېيشى شىنجاڭغا قارىتا«سىياسى، دىنى» ئىىسلاھات ئېلىپ بېرىش قارارنى ئېنىق بلىدۇردى. مۈنداقچە ئېيتقاندا، شىنجاڭدىكى ئازسانىلىق مىللەرگە سىياسى جەھەتتە يول قويوشقا باشلىدى.
جىياڭ جېشنىڭ شىنجاڭ خەلقىگە سىياسى جەھەتتە يول قۇيىشى، دۆلەت ئىچى-سرتىدىن كەلگەن قوش بېسىم تۈپەيلى بولغان ئىدى. دۆلەت ئىچدە: ئىلى مىللىي ئارمىيىسى گومىنداڭ كۆڭۈل قۈيۈپ ئورۇنلاشتۇرغام جىڭفې، شىغو مۇداپىيە سېپىغا ھۈجۇم قىلىپ، ئۈرۇمچىمۇ خەتەر ئىچىدە قالغان ئىدى، مۇبادا تىزدىن ھەر مىللەت خەلقگە سىياسى جەھەتتە يول قويۈپ مىللىي زىدىيەتنى پەسەيتمىگەندە، پوتۈن شىنجاڭ قولدىن كىتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئىدى، بۇ جاڭ جەمەتى ھۆكۈمرانلىقنىڭ جوڭگودىكى ھۆكۈمرانلىق ئاساسىنى تەۋرىتىۋتتى، چەتئەلدە بولسا: سوۋىت ئىتتپاقى گەرچە «جۇڭگو سوۋىت ئىتىپاقى دوسلوق ھەمكارلىق شەرتنامىسى»دە شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىغا ئارلاشمايدىغان توغررۇلۈق ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ شەرتنامە ئۈستدە سۆھبەتلىشىشدىن ئىلگىرى ۋە سۆھبەت داۋاامىدا، كۆپ قېتىم جوڭگونىڭ شنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرگە سىياسى جەھەتتە يول قويۇش توغرىسدىكى تەلۋىنى ئىپادىلىگەن ئىدى، مەسىلەن: جۇڭگو سۆھبەت ۋەكىللىرى موسكىۋاغا يېتىپ كىلىشى بىلەنلا سىتالىن باشقلار ئارقىلىق شنجاڭدا خەنزۇلارنىڭ ئازسانلىق ئىكەنلىكى، «جوڭگونىڭ باشقا مىللەتلەرنى بالدۇراق قۈيىۋەتكەندە، خاتىرجەم بولالايدىغانلىقى» (19) نى ئېيتقان، جۇڭگو سوۋىت ئىتتپاقى دوسلوق ئىتتپاقداشلىق شەرتنامسى ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەندە سىتالىن شنجاڭدىكى مىللىي مەسلىسنى ھەل قىلشنىڭ «ئەڭ ياخشى ئۇسۈلى ھوقۇق بېرىش»، «شىنجاڭدا ئوخشىمىغان مىللەتلەر بار، ئۇلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلمىغاندا، ماجىرانىڭ جوڭگودا تۈگىمەيدىغانلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەينى چاغدىكى جۇڭگو سۆھبەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، مەمۇرىي كومىتنىڭ باشلىق، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۈڭزىۋىن سوۋىت ئىتتىپاقى تەرەپكە:« ئۆزلىرىنىڭ يول قويشنى خالايدىغانلىقى» ھەم« ئامال قىلىپ تىنچلىق يولى بىلەن قالايمىقانچىلىقنى ھەل قىلش» توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. (20) ئۇنىڭدىن باشقا سوۋىت ئىتتپىاقى يەنە باشقا دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق جۇڭگو تەرەپكە: ھۆكۈمەت خەلىققە يول قويسا، شىنجاڭ مەسلىسنى ھەل قىلغلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۆچۈر يەتكۈزگەن. (21) جىياڭ جېشىنىڭ شىنجاڭ خەلقگە سىياسى جەھەتتە يول قويىشى، ئاساسەن«ھۆكۈمەت شىنجاڭ خەلقىگە ئۈزلىرى ئىشنىدىغان يەرلىك زاتلارنى مەمۇرىي ئەمەلدار قىلىپ سايلاش ھوقۇقى بېرىدۇ» سايلام تەرتىپى «ھەرقايسى ناھىيە كېڭەش ھەيئەتلىرنى سايلايدۇ، ناھىيەلىك كېڭەش قورلۈپ، كېڭەش ھاكىملارنى سايلايدۇ» ۋىلايەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىش ۋالىيسى ۋە مۇئاۋىن ۋالىيسنى يەرلىك خەلق تونۇشتۇرۇپ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بېكىتاىدۇ»، «ناھىيىلىك كېڭەش قورۇلغاندىن كېيىن، قانۈن بويىچە ئۆلكلىك كېڭەش ھەيئەتلىرى سايلنىدۇ، ئۆلكلىك كېڭەش قورۇلغاندىن كېيىن، خەلقنىڭ ئارزۇسغا ۋەكىل بولۈپ، ئۆلكلىك ھۆكۈمەتكە نازارەت قىلىدۇ ۋە ياردەملشىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. شۈنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ھۆكۈمەت دىننى كەمسىتىش سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، خەلققە دىنغا ئىتىقاد قىلىش ئەركىلىگىنى تولۇق بولىدۇ، دۆلەت مەمۈرى ئورگانلىرى ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرنىڭ يازما ھۆججەتلىرى ئۈيغۇرچە خەنزۇچە بولىدۇ، خەلقنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغايولايدىغان خەت-چەكلىرى بىردەك ئۆز يېزىقدا بولىدۇ، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۆز مىللتىنىڭ تىل-يېزىقى بۇيىچە ئوقوتۇش ئېلىپ بېرىشقا يول قۇيۇلىدۇ، ھۆكۈمەت مىللىي مەدەنىيەت ۋە سەنئەتنى ئەركىن تەرەققى قىلدۇرىدۇ، خەلق نەشىر قىلىش، توپلام چىقىرىش، پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىگىدىن بەھرىمان بولىدۇ(22) دەپ بەلگىلەنگەن.
ئېتىراپ قىلشمقا تىگىشلىكى جيىا جېيشى «تىنچلىق تېمىسى» دەپ ھەقىقەتەن شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللە خەلقگە بەلگىلىك بورژئازىيە سىنىپنىڭ دىمىگىراتىك سياسى ھوقۇقىنى بەرگەن ئىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە جىياڭ جېيشى يەنە ۋۇجۇڭشنىڭ ئىستىپاسىنى تەستىقلاپ، جاڭجىجۇڭدەك بىر قەدەر دىمىگىراتىيە ئېڭغا ئىگە ئادەمنى ھەربىي ئىشلار كومىتتىنىڭ باشلىقى غەربى شىمال گارنىزوننىڭ مۇدىرى ۋە شىنجاڭ ئۆلكىسنىڭ رەئىسلىكگە قويدى. جىياجېيشىنىڭ بۇ تەدبىرلىرى ئۇنىڭ شىنجاڭنى جوڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسۈلى ئارقىلىق تىزگىنلەشتىن، بورژئازىيە سىنپىنىڭ دىمىگىراتىك سىياسىدىن ئىىبارەت ئالدامچىلىق ۋاستىسى ئارقىلىق شىنجاڭنى تىزگنلەشكە ئۆزگەرگەنلىكنىڭ ئىپادىسىى، يەنى شىنجاڭنى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل ئۆرنەك ئېلىپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش ئۈچ مەسلەك سياسىتى ئارقىلىق تىزگىنلەشنى باشلىغانلىقنىڭ ئىپادىسى ئىدى.

3§. ئىجتىمائىي زىدىيەتنى پەسەيتىشنىڭ بىر قانچە
تۈرلۈك تەدبىرى
ئەينى چاغدىكى شىنجاڭ سىنىپى زىددىيەت ۋە مىللىي زىددىيەت گىرەلىشىپ كەتكەن رايون بولۇپ، ھەر قانداق مىللىي زىددىيەت تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېتقاندا سىنىپى زىددىيەت ئىدى، ئەمما شىنجاڭدىن ئىبارەت فېئودال دىنى كەيپىىات قويۇق مۇھىتتا، سىنپىي زىددىيەت دائىم مىللىي زىددىيەت سۈپىتدە ئەكىس ئىتەتتى. شيىنجاڭدىكى ئىجتىمائىي زىدىيەتنىڭ كەسكىنلشىپ كېتىشى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ تەرەققىياتىنى پوختا ئاممىۋى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ يالقۇننى ئۈچۈرمەكچى بولسا پەقەت تۈرلۈك كونكىرىتنىڭ تەدبىرلەرنى قوللىنىپ شىنجاڭدىكى ئىجتىمائىي زىدىيەتلەرنى پەسەيتىشى كېرەك ئىدى.
1- باج، ئالۋاڭنى يەڭگىللىتىش
باج-ئالۋاڭنىڭ ئېغىر بۇلىشى، خەلقنىڭ ھاياتلىقغا تەھدىت شەكىللەندۇرۇپ، ئاسانلا خەلقنى خەتەرگە كۆرەك كىرىپ چىقىشقا قىستايتتى. 1945- يىلى 4-ئايىدا، مەسئۇد قاتارلىقلار جىياڭ جېيشىگە خەت يېزىپ تۈنجى قېتىم «خەلقنىڭ باج، ئالۋاڭ-ياسىقىنى يەڭگىللىتىش» (23) مەسلىسنى ئوتتۇرغا قويدى. 7-ئاينىڭ 20-كۈنى، 4-نۆۋەتلىك گومىنداڭ كېڭېشى بىرىنچى قېتىملىق قورۇلتيى توققىزىنچى قېتىملىق يىغىنىدا، شىنجاڭ كېڭەش ھەيئىتى قادىر قاتارلىقلار تاپشۇرغان «شىنجاڭ خەلقنىڭ ئالۋىڭنى يەڭگىللىتىش ۋە ھەل بولغان دىلولارنى بىر تەرەپ قىلىش» توغرىسىدىكى تەكلىكپ لايھىسى ماقۇلاندى(24) بىراق، بۇلارنىڭ ھەممىسى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەققى تەدبىر قوللنىپ شىنجاڭ خەلقنىڭ ئالۋىڭنى يەڭگىللىتىش مەسلىسنى ھەل قىلشنى ئىلگىرى سۈرەلمەتتى.
1945- يىل 10-ئايىدا، جاڭ جىجۇڭ ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىشتىن ئىلگىرى، ئۈچ ۋىلايەت تەرەپنىڭ شىنجاڭدا باج-ئالۋاڭنى يەڭگىللىتىش مەسلىسنى ئوتتۇرغا قويىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن«بۇنڭدىن كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ باج-ئالۋاڭنى يەڭگىللىتىشنى ھەققى ئويلايدىغانلىقى، سېلقنى قاتتىق چەكلەيدىغانلىقى»نى بىلدۈردى. (25) سۆھبەت داۋامىدا، ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرى خەلقنىڭ ئەمىلى ئەكۋالىغا ئاساسەن باج نىسپىتنى بېكىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرنىڭ بۇ تەلۋىنى ئاساسەن قاندۇرۇپ، «تنىچلىق بېتىمى» نىڭ 7- ماددىسدا: «ھۆكۈمەت خەلقنىڭ ئەمىلى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىغا قاراپ باخ نىسپىتىنى بەلگىلەيدۇ. خەلق ھۆكۈمەتنىڭ زىممىسگە ئالىدىغان مەجبۇرىتىينى ئۇققاندىن كېيىن، ئۆزى سېلقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئەمما بۇ خىل سېلقنىڭ مىقدارى، خەلق تۈرمىشى ۋە ئىقتىسادى تەرققىيات نىشاننى ئۆلچمىگە توسالغۇ بولماسلىقى لازىم»(26)
جىياڭ جىجۇڭ«تىنچلىق بستىمى» نى ئىجىرا قىلىش داۋامىدا ئۆز سەممىيلگنى ئىپادىلەپ، ۋۈجۇڭشىن كەچۈرۈم قىلىشنى ئويلاشقان بىر قانچە باجنى كەچۈرۈم قىلىش ئاساسىدا، (27) 1946- يىلى 6- ئاينىڭ 1- كۈنى شنجاڭنىڭ ھەرقايسى ۋالي مەھكىسى، ناھيلىك ھۆكۈمەت ۋە باج ئىدارىلىرىغا تېلېگراف يوللاپ، 7-ئاينىڭ 1-كۈندىن باشلاپ ئۆلكە بويىچە بارلىق باجنى بىردەك يېرىم يىل، دىھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بېجىنى بىر يىل كەچۇرۇم قىلىدى، بۇ جوڭگودىكى باج يېرىم يىلدىن بىر يىلغىچە كەچۇرۇم قىلىنغان بىردىن-بىر يىل بولۈپ قالدى. (28) ئەمما كۆرسىتىپ ئۆتىشكە تىگىشلىكى، گومىنداڭ ھۆكۈمتىنىڭ«تىنچلىق بېتىمى»نى ئىجرا قىلىش داۋامىدا باج- سېلىقنى كەچۈرۈم قىلشتىكى مەقستى، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ كېڭيىپ كىتىشىنى چەكلەش ھەم سىياسى ئۈسۈل ئارقىلىق ئۈچ ۋىلايەتنى قولدىن بىرىپ قويماسلىقتىن ئىبارەت ئىدى. ئۇ بۇ مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۈرغلى بولغايدىغانلىقى ھەم خەلقنىڭ قارشىلىقنى باستۇرۇشقا يېتەرلىك كۈچى بارلقنى بايىقغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە شىنجاڭ خەلقىنى بۇلا-تالاڭ قىلشنى كۈچەيتىش.
2. شىنجاڭ پۇلى بىلەن فابىنى تىگىشىش سىياستىنى داۋاملاشتۇرۇش
شىڭ شىسەي شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قلغان مەزگلىدە، شىنجاڭدا ئۆز ئالدىغا شىنجاڭ پۇلى تارقاتقان ئىدى. گومىنداڭغا قايتىقاندىن كېيىن كېيىن، ئۇ يەنىلا ئەسلدىكى پۈل تۈزىمىنى داۋاملاشتۈرىشنى ئويلاپ جۇشياۋلياڭ ۋە ۋىڭ ۋىنماۋغا كۆپ قېتىم: شىنجاڭ پۈلىنى تەرتپكە سېلىش ئارقىلىق ھەر 3. 2 يۆەننى بىر ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرغلى بولىدىغان بولدى، بۇنداق قىلىش ئاسانغا توختمىدى، « مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئويلشىپ كۈرۇپ»، بونى مۇۋاپىق داۋاملاشتۈرغىلى بولىدۇ» دېدى. 1942- يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى، شىڭ شىسەي جۈشياۋلىياڭ بىلەن جىياڭ جېيشىغا خەت يېزىپ، شىنجاڭ پۈلى بىلەن فابنىڭ قىممىتى مەسلىسنى ئوتتورىغا قويۇپ، مەركەزدىن مۇۋاپىق ئۈسۇلى بىلەن ھەل قىلىپ قويۇشنى سوردى. (29)
جىياڭ جېيشى: شىڭ شىسەينىڭ بۇ تەلىۋىنى ئانچە مۈۋاپىق ئەمەس، ئەمما«شنجاڭنى ھەقىقى ئىگىلەش»، «شىنجاڭدىكى خەلقنىڭ رايىنى قولغا كەلتۇرۇش» نوقتىسدىن قارىغاندا، يىراقنى نەزەردە تۇتماي بولمايدۇدەپ قارىدى. «مۇبادا مەركىزى ھۆكۈمەت شىنجاڭ ئۆلكسىدە ھازىر يولغا قويىۋاتقان پۇلى تۈزۇمىنى قوللىمسا، شۈنداقلا فابىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تورسا، ئۇنىداقىتا شنجاڭدا مال باھاسى ئۆلرلەپ كېتىپ، خەلق تۇرمۇشى بېسىيمغا ئۈچىراپ، شىنجاڭ ئۆلكىسدىكى خەلقلەرنىڭ مەركەزگە بولغان نارازىلىقىنى قوزغاپ، ئىچكى-تاشقى كۈچلەرگە قوتراتقولۈق قىلىش پورسەت بولۇپ بېرىدۇ» (30) مالىيە مىنىستىرلىكى جىياڭ جېشنىڭ يوليورىقىغا ئاساسەن مەركىزى بانكىنىڭ شىنجاڭدا تارماق بانكا تەسىس قىلىپ ئالتۇن چېكى تارقىتىىپ، شىنجاڭ پۇلى بىلەن تەڭ ئوبروت قىلىشنى بىكىتى، ئالتۇن چېكىنىڭ ھەر 2. 5سىنىتى بىر يۆەن شىنجاڭ پولىغا تەڭ كىلەتتى. (31) جىياڭ جېيشى، شىڭ شىسەي ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ تۈزۈپ چىققان چارىسگە قوشۇلدى. شىڭ شىسەي يەنە شىنجاڭ ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتى ۋە سودا بانكىسغا، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن شىنجاڭغا كەلگەن كىشلەرنىڭ پۇلىنى ئالماشتۈرۇپ بەرگەنىدە، بىردەك بىر يۆەنلىك ئالتۇن چېكىنى تۆت يۆەن شىنجاڭ پولىغا ئالماشتۇرۇپ بېرىش، ھەر بەش يۆەنلىك فابىنى بىر يۆەنلىك شىنجاڭ پولغا ئالماشتۇرۇپ بېرىش بەلگۈلىمىسى بويىچە بېجىرىشنى بويرىدى. (32) شۈنداق قىلىپ، شىنجاڭ پۈلى بىلەن فابى ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۈرۇش نىسپىتى بىكىتىلدى،
گومىنداڭ شىنجاڭغا بىۋاستە ھۆكۈمرانلىق قلغاندىن كىيىن، شنجاڭنىڭ مالىيسدىكى قىزىل رەقەمنىڭ پول بېسىپ تارقىتىش ئارقىلىق تۈلۈقلانغانلىقنى، مۈبادا شىنجاڭنىڭ پولىنى شىنجاڭ پولنى تارقىتىشنى توختاتسا، شىنجاڭ ماليىسنىڭ ئۆزىنى قامدىيالمايدىغانلىقىنى بايقالدى، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقنى قوغداش ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى خەلقلەرنىڭ تۇرمۇش مەسلىسى بىلەن كارى بولماي تورالمايتتى. ئەمما، ئەينى چاغدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى پوتۈن مالىيە ۋە ماددى كۈچىنى ئىشلىتىپ ئىچكى ئۈرۇش قىلغاچقا، شىنجاڭغا ھەققى تۈردە ئىقتىسادى يارىدەم بېرەلمەي، شىنجاڭنىڭ ئۆز پۇلىسنى داۋاملىق تارقاتقان، فابى بىلەن شىنجاڭ پولسنىڭ ئالماشتۈرۇش نىسپىتېنىڭ 5:1بولىشغا، شىنجاڭ پۇلى بىلەن ئىچكىرى جايلاردىمۇ مال سېتىۋېلىشغا روخسەت قىلغان ئىدى. (33)
فابى گومىنداڭ ھۆكۈمتىنىڭ پولى پاخاللىقى سىياسىتىگە ئەگشىپ قىممىتى ئۆزلۈكسىز تۈۋەنلىگەچكە، شىنجاڭ پۈلنىڭ كورسنىڭ چوشۈپ كىتىشنى كەلتۈرۇپ چىقاردى. ئەمما، مۈبادا فابى بىلەن شىنجاڭ پۇلنى ئالماشتۈرۇشقا روخسەت قىلمىسا، شىنجاڭ رايونىدىكى خەلق شۇشچە كۆپ ئارمىيە-ھۆكۈمەت راسخودىنى ئۈستىگە ئالغاچقا، شىنجاڭ پۇلنىڭ كۈرسىنىڭ تۆۋەنلەش سۈرئىتى فابىنڭكىدىن كۆپ دەرىجىدە ئىېشىپ چۈشكەچكە، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئاۋازى تېخىمۇ چوڭقۈرلىشىپ كەتتى. (34)
3. غەربىي شىمال سودا كەسىپىي شىركىتى قۇرۇشى
شىڭ شىسەي شىنجاڭدا قورغان يەرلىك مەھسۇلاتلار شىركىتى، خەلقنى ئىكسپولاتاسىيە قىلدىغان ۋە خەلقنىڭ مال-مۇلىكىنى ئالداپ ئېلىۋالىدىغان ئاپپارات بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۇنىڭ نۇرغۈن زىينىغا ئۈچۈرغان ئىدى. ۋۇجوڭشىن شنجاڭغا كەلگەندىن كىينمۇ بۇ سودا ئاپپاراتى ئاۋالقىدەكلا مەۋجۇت بولۈپ تۇرىۋەردى. ئۇ پەقەت ۋۇجۇڭشننىڭ بويرىغىنى ئاڭلايدىغان بولدى. 1945- يىلىنىڭ بېشىدا، مەسئۈد قاتارلقلار جىياڭ جېيشنى«شىڭ شىسەي قۇرغان مەخسۇس سېتىش سودىسنى بىكار قىلىش»نى (35) تەلەپ قىلدى. ئەمما، ئۇ ھەقتە ھۆججەت چۈشۇرۇلمىدى. گومىنداڭنىڭ ئىچكى قىسمدىكى كۆپ قسىم كىشلەر: شىنجاڭ كىرزىسنىڭ، مال باھاسنىڭ يوقىرى، ئىقتسادنىڭ كاسات، خەلق تورمۇشنىڭ تەس بولۇپ كىتشنىڭ سەۋەبى ئىكەنلگنى» (36) تۈنۇپ يەتكەن ئىدى. ئۈنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىككى تۈرلۈك بولۈپ: «بىرنچدىن، شڭ شىسەي شىنجاڭدىكى ۋاقتىدا قاتتىق باشقۇرغاچقا، خەلق ماددى ئەشىيالىرنى يىغىپ ئولتۇرۇپ، سېتشنى خالىغان. شىڭ شىسەي شىنجاڭدىن كىدىغان ۋاقتىدا، ئۆزى ساقلىغان زور توركۈمدىكى مۈلكىنى يوقىرى باھادا سېتىۋەتكەن، نەتىجىدە مال باھاسى ئۆرلەپ كېتىپ، تىزگىنلىگىلى بولمغان. ئىككىنچىدىن، قاتناش ۋاستىلىرى ھەربىي ئىشلارغا ئشلتىلگەچكە، جايلار ماددى ئەشىيالىرنى ئوبىروت قىلالمىغان، قاتناش قورللىرنىڭ كەم بۇلشى، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپلەرنىڭ بىرى»(37). جاڭ جىجۇڭ شىنجاڭدا ھاكىمىيەت يۈرگۇزگەندە، ئالىدى بىلەن خەلق نەپىرەتلىندىغان شىنجاڭ يەرلىك مەھسۇلاتلار شىركىتنى تارقىتىۋېتىپ، مەركىزى ھۆكۈمەتكە 5مىليون يۆەن فابى ئاجىرىتىپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلىپ، غەربى شمال سودا شىركىتىنى قۇرغان. بۇشىركەت غەربى شمالنى تىجارەت دائىرسىگە كىرگۈزگەن بولسمۇ، لېكىن شىنجاڭ نوقتىلىق تىجارەت قىلدىغان ئاپپارات بولۇپ، باش شىتابى لەنجۇغا تەسىس قىلنغان، شاڭخەي، نەنجڭ، ئۈرۇمچىلەردە تارماق ئىش بىجىرىش ئورنى تەسس قىلغان. بۇشىركەت ئىچكىرىدىن كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرى(مەسىلەن: چاي، كەمپۈت، رەخت قاتارلىق) سېتىۋېلىپ، شىنجاڭغا يۆتكەپ تەننەرىق باھاسى بويىچە ساتقان. «ماددى ئەشيالارگەرچە ئانچە كۆپ بولمىسمۇ، لېكىن ئۈزۇلۈپ قالمىغاچقا، شىنجاڭ خەلقنىڭ جىددى ئىھتىياجنى قامداشقا ھەرھالدا يارىدىمى بولغان» (38). ئەمما بۇ شىركەت مەبلەغ ئايلاندۇرۇش، يۆتكەش جەھەتتە قىينچىلىققا دۇچ كەلگەچكە، يەنە كىلىپ مال مەنبەسى يېتەرلىك بولمغاچقا، كىيىنچە پات-پات ئۈزۈلۈپ قېلىش ھالىتىگە كىرىپ قېلىپ، شىنجاڭنى ماددى ئەشيالار بىلەن تەمىنلەش قىيىن بولۇش مەسلىسنى تۈپتىن ھەل قىلالمىغان.
4. سولاقتىكى كىشلەرنى قويىۋېتىش
شىڭ شىسەي شىنجاڭنى باشقۇرۇشتا رەھمسىزلىك بىلەن مەشھۇر بۇلۇپ، ھۈكۈمرانلىق قىلۋاتقان مەزگىلدە شىنجاڭدىكى تۈرمىلەر ئادەم بىلەن تۈلۈپ كەتكەن بولۇپ، شىنجاڭ خەلقنىڭ نەپىرتىنى قوزغىۋەتكەن. ۋۇجۇڭشىن شىنجاڭغا كەلگەندىن كىيىن، جىياڭ جېشىغا مەركىزى ھەربىي كومىتېت ۋە ئەدەلىيە ئورگىندىن ئادەم ئەۋەتىپ، شىنجاڭ تۈرمىسدىكى سۇلاقتىكى كىشلەرنى بىرتەرەپ قىلش تەكلىۋىنى بەرگەن. (39) جىياڭ جېشى ئۇنىڭ تەكلىۋىنى قۇبۇل قىلىپ، باش تەپتىش مىنستىرلىكى بىلەن مەركىزى ئىستاستىكا ئىدارىسدىن شىنجاڭغا ئادەم ئەۋەرتىپ، سۇلاقتىكى نۇرغۇن ئادەملەرنى قۈيىۋەتتى، ئەمما، جاڭجىجۇڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەۋردىمۇ«پۈتۈن ئۆلكە تۈرمىسدە سۇلاقتىكى كىشلەر يەنىلار نۈرغۇن ئىدى»(40)جاڭ جىجۇڭ« تىنچلىق بتېمى»دىكى «سىياسى ئۆزگىرىش»دىن بۇيان قولغا ئىېلنغان كىشلەرنى قويۇۋېتىش ھەققىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، 1946- يىلى7-ئاينىڭ 19-كۈنى ئاشكارە بۇيرۇق چوشۈرۇپ: «بارلىق سىياسى مەھبۇسلارنى بىردەك قۇيۇۋېتىش»نى جاكارلاپ، ھەرقايسى ۋالىيلار مەھكىمىسى، ناھىيە، شەھەرلەردىن شۇ بۇيىچە بېجىرىشنى تەلەپ قىلىدى. «ئىشتىن كىيىكى تەرەپلەرنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ھەممىسى ئاساسەن شۇ بۇيىچە بېجىرلگەن»(41)
5. مۇسادىر قىلنغان خەلق مۈلكىنى قايتۇرۇش
شىڭ شىسەي شىنجاڭدا نۇرغۇن ناھەق دىلولارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇلۇپ، ئازراق ئورنى ۋە مال-دۇنىياسى بار كىشلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ زەھەرلىك ئالقىندىن قېچىپ قوتۈلالمىغان. شىڭ شىسەي شىنجاڭدىنى كەتكەندىن كىيىن، ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇسادىر قىلىنغام مۇلكىنى قايتۈرۇپ بىرىش توغرىسدىكى ساداسى كۈنسرى يوقىرى كۆتۇرلدى. 1945- يىلى 4-ئايىدا، مەسئۇد قاتارلىقلار جىياڭ جېيشغا شىڭ شىسە مۇسادىر قىلغان مۈلكنى قايتۈرۇپ بېرىش توغرىسىدا تۈنجى قېتىم تەكلىپ بەردى. (42) 7-ئايىدا جۇشياۋلياڭ بىلەن ۋۇجۇڭشنى جىياڭ جېشىغا بىرلەشمە ئىمزالىق تىلگىرامما يوللاپ، مەكىزى ھۆكۈمەتتىن خەلقنىڭ مۈلكىنى ئىېنىقلاپ قايتۇرۇشقا مەسئۇل بولىشنى تەلەپ قىلدى، تىلگىراممىدا:«سۇلاقتىكى جىناتەتچىلەر گوناھسىز دەپ قۇيۇپ بېرىلدى، ئۇلاردىن مۇسادىر قىلىنغان مۈلۈكلەر قانۇن بويىچە ئىېنىقلانمىسا، ئەدلىيە جەھەتتىكى رەسمىيەتلەرنى تۇگىدى دىگىلى بولمايدۇ، خەلقنىڭ دەرد-ئەلىمىمۇ تۈگىمەيدۇ. تۈرمىدىن چىققانلار مۇسادىر قىلىنغان مۈلىكىنى قايتۈرۇپ بېرىشنى بەس-بەستە تەلەپ قىلىۋرتىدۇ، ئەھۋال ناھايىتى جىدى. . . ھەربىي قانۇن ئىجرا قىلىش باش تەپتىش مىنىستىرلىكى ياكى ئەدلىيە مىنىستىرلىقىدىن شىنجاڭغا ئادەم ئەۋەتىپ، مۇشۇ يەردە ئىېنىقلاشنى سۈرايمىز. جۇشاۋلىياڭ قاتارلىقلار تىرىشىپ تۆتىنچى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى كېڭشى 1-قېتىملىق يىغىنىڭ 19-قېتىملىق يىغىنمۇ قادىر قاتارلىقلارنىڭ شىنجاڭ خەلقىنىڭ موسادىرە قىلىنغان مۈلكىنى قايتۇرۇپ بېرىش توغرىسدىكى تەكلىپ لايھسىنى ماقۇللىدى. (43) ئەمما، جىياڭ جېيشى بۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدى. 10-ئايىدا جۇشاۋلىياڭ، ۋۇجۇڭشىن يەنە بىر قېتىم بۇ ئىشنى تىلغا ئىېلىپ، «بۇ دىلونىڭ مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى نۈپۇزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، خەلقنىڭ يېقىدىن دىققەت قىلۋاتقانلىقى»نى تەكتىلىدى. جىياڭ جېشى يەنىلا ئاڭلىماسقا سالدى. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ مەركەزى ھۆكۈمەتنىڭ مۈلۈكنى قايتۇرۇش يۈكىنى ئۈسىتىگە ئېلىشنى خالىمىغانلىقى ئىدى. موشۈنداق ئەھۋالدا، جاڭ جىجۇڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت نامىدا بىر ئىېنىقلاش ھەيئى تەشكىلەپ، «مۇسادىرە قىلنغان مۇلۈك ۋە قايتۇرۇشقا تىگىشلىك مۈلۈكنىڭ قانچىلىكلىگىنى ئىېنىقلاپ» شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۈلكنى قايتۇرۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلىش تەك غەزەپلىك كەيپىياتنى بەلگىلىك دەرىجىدە تىنچلاندۇردى.
6. مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى ماسلاشتۇرۇش
جاڭجىجۇڭ شىنجاڭ مەسلىسنى ھەل قىلشتا، مىللەتلەر مۈناسىۋىتىنى ياخشىلاش كېرەك دەپ قاراپ، تەدرىجىي ھالدا مىللەتلەر ئوتتورىسدىكى تارىختىن قېلىپ قالغان نىزا ۋە ئارازلىقلارنى تۇگەتمەكچى بولدى. (44) ئەمما، ھەربىيلەر سىياسى بىلەن شۇغۇللانسا، ئاسانلا مىللەر ئارازلىقى ۋە زىدىينى قوزغاپ قويىدۇ، جاڭ جىجۇڭ مىللەتلەر ئوتتۇرىسدىكى جىددى مۈناسۋەتنى پەسيتىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ بۇ مەقستىنى چۇشىنىدىغان تاۋسيۆنى شىنجاڭ گارنىروننىڭ قۇماندانلىقغا تەيىنلەپ، ئۇنىڭغا يەرلىكنىڭ تەرتىپنى قوغداش بىلەن بىرگە، ھەربىيلەرنىڭ يەرلىكنىڭ ئىشغا ئارلاشماسلققا دىققەت قلىشنى بۇيرۇدى. تاۋسيۆ جاڭ جىجۈڭنىڭ كۆرسەتمىسنى ئالغاندىن كېيىن، قىسىملارنىڭ يەرلكنىڭ ئىشلىرىغا ئارلىشىشغا يول قويماي، قىسملاردىن تەلەپ بويىچە ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ تەدبىرنىڭ يولغا قويولىشى، شىنجاڭنىڭ جىددى ۋەزىيىتىنى ھەقىقەتەن پەسەيتتى. (45)
ئۇنىڭدىن باشقا، جاڭ جىجۇڭ يەنە شىنجاڭدىكى ھەردەرىجلىك ساقچى ئورگانلىرنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنى يەرلىكتىكى مەمۈرى ئورگانلارغا تەۋە قىلىپ، يەرلىك مەمۈرى ئەمەلدارلارنىڭ باشقۇرىشنى قۇبۇل قىلدىغان قىلدى. (46) جەمىيەتتە داۋالغۇچ پەيدا قىلش مۇمكىنچلىگى بولغان بىر قىسىم تاسادىپىي ۋەىەلەرگە قارىتا، جاڭ جىجۇڭ«چوڭنى كىچىكلىتىش، كىچكىنى يوق قىلىش» پىرىنسپى بويىچە مەسلىھەتلىشىش ۋاستىسى ئارقىلىق ھەل قىلىدى. مەسلەن، قومۇلدىكى مىللەتلەر ئوتتورىسدىكى تويلىشىش دىن مەسلىسگە چېتىلغان، ئۈيغۇرلار توپىلاڭ كۆتۈرگەندە، جاڭ جىجۇڭ دەل ۋاقتىدا مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، ئىشنىڭ چوڭيىپ كىتشنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگەن. شۇندىن كىيىن، جاڭ جىجۇڭ مىللەتلەر ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش ئۈچۈن(ئىسلام دىنغا ئىتىقاد قىلىدىغان ئايالارنى بىلەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئەرلەر توي قىلشقا بولمايدۇ، توي قىلىغۇچىلار ئۆزى تەلەپ قىلغاندىن باشقا)، خەنزۇلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان ئايالار بىلەن توي قىلشغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. (56) جاڭ جىجۇڭ يەنە قول ئاستىدىكلەرگە داۋاملىق مىللەتلەر مۇناسۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقنى ئاگاھلاندۇردى. (47)

4§. ئىقتىسادنى تەرەققى قىلىدۇرۇش شەكلى ئارقىلىق شىنجاڭ مەسلىسنى توپ جەھەتتىن ھەل قىلىش
1942- يىلى جىياڭ جېشى غەربى شىىمالنى كۆزدىن كەچۈرگەندە دۆلەت قورۇش ئاساسنىڭ غەربى شىمالدىكى ئىستىراتىگىيلىك فاڭجىننى بىكىتتى. ئۇ «جۇڭگو گومىنداڭى ئالتىنچى قېتىملىق مەمىلىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى جىتاپنامىسى»دە: «پۈتۈن كۈچ بىلەن چېگرا رايونىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادى مەدەنىيەت تەرەققىياتغا ياردەم بېرىش كېرەك» دەپ جاكالىدى. (48) 1946يىلى 3-. ئايدا گومىنداڭ ئالتىنچى نۆۋەتلىك 2- ئومۇمىي يىغىنى«چېگرا رايۈن مەسلىسى دوكىلاتى توغرىسدىكى قارار لايھسى»نى ماقۇللاپ، يوقۇرقى خىتاپنامىنى كونكىرتلاشتۇرۇپ: چېگرا رايونلارنىڭ ئىقتىساد، قاتناش ئىشلىرىغا« مەخسۇس مەبلەغ ئاجىرىتىشنى كۈچەيتىپ، شۈنىڭغا مەسئۈل ئورگانلار يولغا قويۇش لايىھسنى تۈرۇپ، تىزدىن ئېلىپ بىرىش كېرەك(49) «دىيلگەنلىرى مەيلى خىتابنامە ياكى قارار بولسۇن، ئاتالمش غەربى شمالى تەرەققى قىلىدۇرۇپ ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىقسادى تەرىققىياتغا ياردەم بىرىش، باشتىن- ئاخىرى ئەمەلگە ئاشمايدىغان قۇرۇق ۋەدە بولۇپ قالغان ئىدى.
گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا چېگرا رايوندىكى مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۈرۈش سىياسىتىنى ھەقىقىي يولغا قويۇشقا ھەقىقىي ھەيدەكچىلىك قىلىغىنى جاڭ جىجۇڭ ئىدى. ئۇ گومىنداڭ 6- نۆۋەتلىك 2- ئومۇمىي يىغىنىدا :‹‹شىنجاڭ مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭدا قۇرۇلۇش قىلىش، يېتەرلىك كۈچ بىلەن شىنجاڭنى قۇرۇش كېرەك. مەن ھۆكۈمەتنىڭ مسئۇل تارماقلىرىدىن مالىيە جەھەتتە بىخىللىق قىلماسلىقنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى شىنجاڭ دۆلەتنىڭ ئامان- ئىسەنلىگى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەقىقەتەن چوڭ. ئەگەر مالىيە جەھەتتە بىخىللىق قىلىنسا، شىنجاڭنى قورۇشنىڭ ئىستىقبالى بولمايدۇ، شىنجاڭدا قۇرۇلۇش قىلغىلى بولمايدۇ، بۇ شىنجاڭنى مۇقۇملاشتۇرۇش، شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىگە كاپەلەتلىك قىلشقا زور دەرىجىدە توسالغۇ بولىدۇ. . .
بىز شىنجاڭ خەلقىنىڭ مەركەزگە ئىنتىلىشچانلىقىنى، ۋەتەننى ھىمايە قىلىشنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، ئۇلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشىمىز، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئىھتىياجىنى قاندۇرۇشىمىز، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيسىنى ئۆستۈرۈشىمىز لازىم. شۇنداقلا، ئۇلار ۋەتەندىن ئايرىلالمايدۇ. ئەمما مەركەز پۈتۈن كۈچ بىلەن شىنجاڭنى قوللاپ، شىنجاڭغا ياردەم بىرىپ، شىنجاڭنى قۇرغاندىلا ئاندىن بۇ مەقسىتىگە يەتكەن بولىدۇ. : (50) دەپ چاقىرىق قىلغان. شىنجاڭ بىرلەشمە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كىيىن جاڭ جىجۇڭ كۆپ قېتىم جىياڭ جېشىغا: ‹‹شىنجاڭنى قۇرۇشنىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئەھمىيىتى ئىقتىسادى ئەھمىيەتتىن ئېشىپ چۈشىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ئارقىدا قالغاچقا، مەركەز شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سانائەت ئاساسىنى تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقاندىلا، شىنجاڭنىڭ ۋەتەنگە تايىنىپ مەۋجۇت بولۇش مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ، شىنجاڭ خەلقى بىلەن ۋەتەن ئوتتۇرىسىدا ئايرىلماسلىق مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. بۇ شىنجاڭنىڭ ئىستىقبالىدا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە: (51) دەپ تەكلىپ بەرگەن. شىنجاڭنى قۇرۇشقا يېتەرلىك راسخۇد توغرىسىدا، جاڭ جىىخۇڭ جىياڭ جېشىغا پۈتۈن مەبلەغنى مەركەز ئارجتىىپ بىرىش، يەرلىكنىڭ غەملىشىگە تايىنۋالماسلىق ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن. ‹‹شىجاڭ بۇرۇندىن باشلاپ نامرات بولغاچقا، بۇ يۈكنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ. خەلقنىڭ رايىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، زور كۈچ بىلەن قوللاش كېرەك››. ‹‹مەركەز مالىيىسىدە قىيىنچىلىق ئېغىر بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭنى قولغا كەلتۈرۈشنى نەزەردە تۇتقاندا، ئۇ ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالدى، ئەگەر مەركەز قەتئىي ئىرادىگە كىلىپ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇش مەسىلىسىنى ئەڭ زور كۈچ بىلەن ھەل قىلمىسا، كەلگۈسىدە پۈتۈنلەي پاسىپ سالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىغىلى بولمايدۇ. (52). جاڭ جىجۇڭ گومىنداڭ ئىچىدىكى ئۇقۇمۇشلۇق زات بولۇپ، مول سىياسىي يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە ئىدى، شىنجاڭ مەسىلىسىنىڭ تۈپ تۈگىنىنىڭ قەيەردىلىكىنى ھەقىقىي كۆرۈپ يىتىپ، شىجاڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شەكلى ئارقىلىق شىنجاڭ مەسىلىسىنى تۈپ جەھەتتىن ھەل قىلىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان.
جاڭ جىجۇڭ جىياڭ جېشىغا: مەمۇرىي پالاتانىڭ شىنجاڭغا قۇرۇلۇش تېخنىكىسىغا يىتەكچى ئۆمىكى ئەۋەتىپ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇش پىلانى تۈزۈشىگە ياردەم بىرىشنى، تۈرلۈك قۇرۇلۇش ئىختىساس ئىگىلىرىنى يىتىشتۈرۈپ، تۈرلۈك قۇرۇلۇش خىزمىتىنى ئېلىپ بىرىش؛ بۇ ئۆمەك كەسپى جەھەتتە دىھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق، چارۋىچىلىق، قاتناش، كانچىلىق، مالىيە، سەھىيە قاتارلىق جەھەتلەردە يىتەكچىلىك قىلىش؛ شىنجاڭدا قۇرۇلۇش قىلىشقا يېتەرلىك راسخۇد ۋە بۇ ئۆمەكنىڭ راسخۇدىنى مەركەز ئۈستىگە ئېلىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن. جىياڭ جېشى بۇ تەكلىپنى ناھايىتى تىزلا تەستىقلاپ، مەمۇرىي پالاتانىڭ ئەمەللەشتۈرىشىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. (53) مەمۇرىي پالاتا شىنجاڭ قۇرۇلۇش تېخنىكا يىتەكچى ئۆمىكى تەشكىللەپ، ھەر تەرەپلىمە تەكشۈرۈپ تەتقىقى قىلىش ئاساسىدا، ‹‹مەمۇرىي پالاتانىڭ شىنجاڭغا ئەۋەتكەن قۇرۇلۇش تېخنىكا يىتەكچى ئۆمىكىنىڭ بىرىنچى قارارلىق (1948- يىلىنىڭ كىيىنكى يېرىمىدىن 1951- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە) ‹‹قۇرۇلۇش پىروگراممىسى›› نى تۈزۈپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش، چېگرا رايوندىكى خەلقنىڭ مەركەزگە ئىنتىلىش مۇستەھكەملەش، چېگرا رايونىنى مۇستەھكەملەش ئۈنۇمىنى تۈپ مەقسەت قىلىپ، دىھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق، چارۋىچىلىق، سانائەت، كانچىلىق، قاتناش تىرانسىپرت، سەھىيە، ئۈرۈمچى شەھەر قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلەرنى تۈزدى. (54) بىراق بۇ چاغدا گومىنداڭ ئۆزىنى ئۆزى قوزغىغان ئىچىكى ئۇرۇشتا يىڭىلىپ، شىنجاڭ مەسىلىسىگە ھەرگىز قارىيالمىدى، بۇ پىلانمۇ تۇرۇپ قېلىپ، يولغا قويۇلمىدى. جاڭ جىجۇڭنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، ‹‹پىلان تۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەسلا ئىشقا ئاشمىدى›› .
ئىزاھات:
(1) ۋۇجۇڭشىن باشتىن- ئاخىرى شىنجاڭدا مىللىي مەسىلىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىتراپ قىلمىغان، ئۇ شىنجاڭ مەسىلىسى نوقۇل ھالدا سوۋىت ئىتتىپاقى تاشقى كۈچلىرىنىڭ رولىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارىغان. ۋۇجۇڭشىن‹‹ شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە›› 1946- يىلى 1- ئاينىڭ 2- كۈنى.
(2) ‹‹جۇڭخۇا مىنگۇ تارىخى ئارخىپ ماتىرياللىرى توپلىمى›› 5-توپلام 2- قىسىم، ‹‹ سىياسى›› (4) 835- 837- بەتلەر.
(3) شۇ شۈن: ل‹‹ مىللەتچىلىك››، جوڭگۇ ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى 1998- يىللىق نەشرى، 89- بەت.
(4) ‹‹جىياڭ جېشىنىڭ ۋۇجۇڭشىنگە يازغان خېتى››، ۋۇجۇڭشىننىڭ خەت- چەكلىرى ل‹‹ شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە›› 1945- يىلى 4- ئاينىڭ-13- كۈنى.
(5) (6) ۋۇجۇڭشىن: ‹‹ شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە›› 1945- يىلى 4- ئاينىڭ 13- كۈنى.
(7) فانتۇركىزىم، يەنە فانتۇركىزىم دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. 20 – ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە تۈركىيە مەيدانغا كەلگەن. بارلىق تۈركى تىلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر، ئوخشاش مىللەت بولۇپ، ‹‹ تۈركىيە ئىمپېرىيىسى›› قۇرۇش كېرەك دىگەننى تەرغىپ قىلىدۇ. فانتۇركىزىم ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى تىللىق خەلقلەرگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن.
(8) دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدە فانتۇركىزىم شىنجاڭغا تارقىلىپ كىرگەن بولۇپ، مەسئۇد، مەھممەت ئىمىن قاتارلىقلار فانتۇركىزىمنىڭ شىنجاڭدىكى ۋەكىللىرى ھىساپلىنىدۇ. ئۇلار يوق يەردىن پەيدا قىلغان ئاتالمىش فانتۇركىزم شىنجاڭدىكى تۈركى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن باشقا، ھەتتا يەنە ھىندى- ياۋرۇپا تىل سىستىمىسىدىكى تاجىكلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىرمۇ يەنە ئاز ساندىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەر فانتۇركىزىمدىن پايدىلىنىپ شىنجاڭنى جوڭگۇدىن پارچىلاپ چىقىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.
(9) ماتىڭشىياڭ، شىنجاڭ پىچان ناھيسىدىن، خۇيزۇ، يەرلىك پومىشچىك. ۋۇجۇڭشىن شىنجاڭدا رەئىس بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە ۋۇجۇڭشىننىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشكەن. شىنجاڭ بىرلەشمە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كىيىن، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ۋە مالىيە نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان. ئازادلىقتىن كىيىن باستۇرۇلغان.
(10) ۋۇجۇڭشىن: ‹‹شىنجادا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە›› 1945 – يىلى 6- ئاينىڭ 15- كۈنى.
(11) ‹‹ چۇڭچىڭدىكى جاڭ بۇجاڭغا يوللانغان تىلىگرامما ›› ۋۇجۇڭشىن: ‹‹شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە›› 1945- يىلى 9- ئاينىڭ 1- كۈنى.
(12) ج خ مىنىستىرلىكى ئارخىپخانىسىنىڭ ئىزاھاتى: ‹‹جىياڭ جېشىنىڭ يېنىدا ئۆتكەن سەككىز يىل يۇقىرى دەرىجىلىك پەردە ئارقىسىدىكى مەسلىھەتچى تاڭ زۇڭنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى›› 544- بەت.
(13) ج خ مىنىستىرلىكى ئارخىپىخانىسىنىڭ ئىزاھاتى:‹‹ جىياڭ جېشىنىڭ يىنىدا ئۆتكەن سەككىز يىل- پەردە ئارقىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچى تاڭ زۇڭنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى›› 683-684- بەت.
(14) گومىنداڭ 6- نۆۋەتلىك 2- ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان ‹‹چېگرا رايون مەسىلىسى توغرىسىدىكى دوكلاتنىڭ قارار لايھىسى›› ‹‹ تىنچلىق تېمىسى›› نىڭ مەزمۇنىغا بىكىتتى. جۇكۇنىتىيەننىڭ ‹‹ ئۈچ مەسلەكنىڭ چېگرا رايون سىياسىتى›› 55- بەت.
(15) ئەخمەتجان (1914- 1949 )، تولۇق ئسمى ئەخمەتجان قاسىم، شىنجاڭنىڭ ئىلىدىن، ئۇيغۇر. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى. ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە تاغىسىغا ئەگىشىپ سوۋىت ئىتتىپاقىغا بارغان. ئىلگىرى موسكىۋا شەرىق سوتسىيالىزىم ئەمگەكچىلەر ئونۋىرسىتى قاتارلىق مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1942- يىلى دۆلەتكە قايتىپ غۇلجىدا ئىنقىلابى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1943- يىلى 12- ئايدا شىڭ شىسەي قولغا ئېلىپ تۇرمىگە سولىغان، 1944- يىلى ۋۇجېڭشىن قويۇپ بەرگەن. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتىلىغاندىن كىيىن غۇلجا ( ئىرنباك) ئايرودورىمىغا ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. كىيىن ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئىشخانىسى، ھەربىي ئىشلار ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلاردا ئىشلىگەن ھەم ناھايىتى تىزلا ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم رەھبەرلىك ئورنىغا چىققان. 1945- يىلى 10 – ئايدا، ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە جاڭ جىجۇڭ بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بارغان. 1946- يىلى 6- ئايدا شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەيئىتى ۋە مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. شىنجاڭ بىرلەشمە ھۆكۈمىتى بۇزۇلغاندىن كىيىن، ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا چىكىنىپ، ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم رەھبىرى بولغان. 1949- يىلى 8- ئايدا بېيجىڭغا جوڭگۇ خەلق سىيساسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىشقا ماڭغاندا، يولدا ئايرۇپىلاندىن كاشىلا چىقىپ ئالەمدىن ئۆتكەن.
(16) بۇرھان (1894- 1989 )، تولۇق ئىسىمى بۇرھان شەھىدى. شىنجاڭ ئاقسۇدىن، روسىيەنىڭ قازاندا تۇغۇلغان. ئىلگىرى- كىيىن بولۇپ، تامۇژنا تەكشۈرگۈچىسى، ئۈرۈمچى ماشىنا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1929 – يىلى جىن شۇرىن گىرمانىيىگە كۆزدىن كەچۈرۈشكە ئەۋەتكەن مەزگىلدە، بېرلىن ئونۋىرستىنىڭ سىياسى ئىقتىساد فاكۇلتىتىغا كىرىپ ئوقۇغان. 1935- يىلى شىنجاڭ خەلقىنىڭ جاھانگىرلىكىگە قارشى بىرلەشمە ئۇيۇشمىسىغا قاتناشقان، خەلق مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بولغان. 1937- يىلى جوڭگۇنىڭ زايىسانىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلى بولغان. كىيىن بىرلەشمە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ھەم مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1949 –يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بولغان، شۇ يىلى 9- ئاينىڭ 28- كۈنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تىنچلىق قوزغىلىڭى تىلىگراممىسى ئېلان قىلىنىپ، گومىنداڭ گۇڭجۇ ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆزگەرگەنلىكىنى جاكارلىغان. ئازاتلىقتىن كىيىن جوڭگۇ كومپارتىيىسىگە كىرىپ، شىنجاڭ ئۆلكىسى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1953- يىلدىن كىيىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيىسى، شىنجاڭ ئاكادىمىيىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
(17) جاڭ جىجۇڭ:‹‹ جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى›› ئىككىنچى قتىم 751- بەت.
(18) WDA فوربىسى:‹‹ شىنجاڭ مىللىتارىسلىرى ۋە مۇسۇلمانلار ( 1919-1949 – يىلدىكى مىنگۇنىڭ شىنجاڭ سىياسىي تارىخى›› كامپېرىژ ئونۋىرستىتى نەشرىياتى 1986- يىلى نەشرى. 240- بەت.
(19) جۇكۇنتىيەن: ‹‹ ئۈچ مەسلەكنىڭ چېگرا رايون سىياسىتى›› 54- بەت.
(20) بۇ ھۆججەتنىڭ ئاساسى مەزمۇنى مۇنداق: شىنجاڭ خەلقى تارختىن بۇيانقى ھۆكۈمرانلارنىڭ زۇلىمىغا ئۇچراپ كەلگەچكە روسىيە تەۋەلىكىدىكى تۈركىستان خەلقى بەھرىمان بولۇپ كىلىۋاتقان دىموگراتىيە ئەركىنلىكى بىلەن ئاسمان- زىمىن پەرقلىنەتتى. شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرۇش كېرەك ئىدى. ‹‹ گومىنداڭ دۆلەت قۇرۇش پىراگراممىسىنى يولغا قويۇپ ۋە 1- قېتىملىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا چېگرا رايون ئاپتومويىسىنى يولغا قويۇشنى جاكارلىغان. ‹‹ مەركەز شىنجاڭ مائارىپىدا ئۆزىنىڭ مىللىي تىل- يېزىقىنى ئىشلتىش، شىنجاڭ خەلقنىڭ ئالۋىڭىنى يەڭگىللىتىش، شىنجاڭنىڭ چارۋىچىلىق، دىھقانچىلىق ۋە سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ياردەم بىرىش تەكلىپى بىرىلگەن ئىدى. جاڭ جىجۇڭ بۇ ھۆججەتنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلدى. ئۇ شىنجاڭغا بېرىپ ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرى بىلەن تىنچلىق مەسلىھەت سوراش ئۈچۈن ئېلىۋالغان ئىدى. سۆھبەتتە ئوتتۇرىغا قويولغان ‹‹ مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى قىسمەن ئۆزگىرشىلەر توغرىسىدىكى ئىلاۋە›› سى ۋە كۆپ قىسىم جايلاردا شۇ ھۆججەتتىكى تەكلىپتىن پايدىلانغان ئىدى. ‹‹جۇڭخۇا مىنگۇنىڭ تارىخى ئارخىپ ماتىرياللىرى توپلىمى ›› بەشىنچى توم 2- قىسىم ‹‹سىياسى›› (4) 832- 838- بەتلەر :‹‹ جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى›› 2- قىسىم، 426-427- بەت.
(21) 1945- يىلى 5- ئاينىڭ 18- كۈنىدىكى ‹‹ 6- قېتىملىق مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى ماقۇللىغان پارتىيە سىياسى پىروگراممىسى سىياسەت لايھىيسى›› دە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىقتىسادى- مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەرەققىياتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇرشقا ياردەم بىرىش توغرىسىدا ماددا بار ئىدى. 5- ئاينىڭ 21- كۈنى ئېلان قىلىنغان. ‹‹ جۇڭگۇ گومىنداڭى 6- قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى خىتابنامىسى››دە، چېگرا رايوندىكى مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىقى، دىنى ۋە ئۆرپ- ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش توغرىسىدا بەلگىلىمە بار ئىدى. 8- ئاينىڭ 24- كۈنى، جىياڭ جېشى مەركەزنىڭ دائىمى ئىشلار يىغىنى، دۆلەت مۇداپىيىسى ئەڭ ئالىي ھەيئەتلەر بىرلەشمە يىغىندا يەنە:‹‹ ھەرقايسى ئۆلكە، ۋىلايەتلەردىكى چوڭ- كىچىك مىللەتلەر سىياسىي، قانۇن، جەھەتتە بىردەك باراۋەر، ئېتىقاد، ئىقتىسات جەھەتتە ئۇلارغا تولۇق ئەركىنلىك بىرىش كىرەككى ئارلىشىۋالماسلىق، شۇ ئارقىلىق مىللەتلەر ئىناق- ئىتتىپاق، ئۆز ئارا ياردەم بېرىدىغان مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم›، دېگەن ئىدى. ‹‹ ئىنقىلابى تارىخى ئەسەرلەر›› 70- توپلام، تەيبىي، گومىنداڭ مەركەزلىك كومىتىتى پارتىيە تارىخى ماتىرياللىرىنى تۈزۈش ھەيئىتى 1976- يىل نەشرى. 395- بەت: ‹‹زۇڭتۇڭنىڭ جىياڭ جېشىنىڭ ئىدىيە، كۆز قاراشلىرى ئومۇمىي توپلىمى›› 21- لىكسىيىسى، تەيبىي، گومىنداڭ مەركىزى كومىتىتى پارتىيە تارىخى تۈزۈش ھەيئىتى 1984- يىل نەشرى، 173- بەت.
(22) ‹‹ئۇرۇشتىن كىيىنكى جۇڭگۇ›› (1) 764- بەت.
(23) ‹‹ئۇرۇش دەۋرىدىكى دىپلوماتىيە›› (2) 575- بەت.
(24) ‹‹ئۇرۇش دەۋرىدىكى دىپلوماتىيە ›› (2) 618- 619- بەت.
(25) ‹‹يىغىندا سوۋىت ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ھەرقايسى مىللەتلەرنى قاتناشتۇرۇش، ئىشپىيونلۇق خىزمىتىنى قويۇش ئارقىلىق شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى››. ج خ مىنىستىرلىكى ئارخىپخانىسى ئىزاھاتى‹‹جىياڭ جېشىنىڭ يىنىدا ئۆتكەن سەككىز يىل پەردە ئارقىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچى تاڭ زۇڭنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى››، 537-538- بەتلەر.
(26) ‹‹ئۇرۇشتىن كىيىنكى جۇڭگۇ›› (1)، 770- بەت؛ ‹‹جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى›› 2- قىسىم، 437- 438- بەت.
(27) ‹‹جۇڭخۇا مىنگۇنىڭ تارىخى ئارخىپ ماتىرياللىرى توپلىمى›› 5- توپلام 2- قىسىم، ‹‹سىياسى›› (4)، 837- بەت.
(28)، (50) ۋۇجۇڭشىن:‹‹ شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىدىمدىن خاتىرە›› 1945- يىلى 7- ئاينىڭ 22- كۈنى.
(29) جاڭ جىجۇڭ: ‹‹ جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى ›› 2- قىسىم 427- بەت.
(30) جاڭ جىجۇڭ: ‹‹ جاڭ جىجڭنىڭ ئەسلىمىسى›› 2- قىسىم، 431- بەت.
(31- بەت) ‹‹ ئۇرۇشتىن كىيىنكى جوڭگۇ›› (1) 771- بەت.
(32) ۋۇجۇڭشىن 1945- يىلى 3- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، ئاشلىق تىجارىتى كىنىشكە بېجى، پوچتا بېجى ئىچىدىكى ئىچىلغاندىن %10 ئىستىمال بېجىنىم قول سانائىتى كىنىشكە بېجى، يول ئاسراش ئىئانىسىنى كەچۈرۈم قىلدى. 6- ئايدا يەنە چارۋىچىلىق بېجىنى %30 يەڭگىللەتتى. ۋۇجۇڭشىن : ‹‹شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىدىمدىن خاتىرە›› 1945- يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى، 1945- يىلى 7- ئاينىڭ 22- كۈنى .
(33) جاڭ جىجۇڭ:‹‹ جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى›› 2- قىسىم، 459 – بەت.
(34) (35) ‹‹جۇڭگۇ مىنگو تارىخى ئارخىپ ماتىرياللىرى توپلىمى›› 5- توم، 2- قىسىم، ‹‹سىياسى›› (4)، 805- بەت. (36) (37) (38) يۇقىرىقى كىتاب، 804-، 809-811، 812-، 813- بەتلەر.
(39) جاڭ جىجۇڭ: ‹‹ مىنىڭ ھەقىقىي جاۋابىم ۋە سەمىمىي نەسىھىتىم›› (1946 يىلى 10- ئاينىڭ 26- كۈنى)، جاڭ جىجۇڭ ‹‹70 يىلىمدىن ئەسلىمە›› (قوشۇمچە ئارگىنالى)، ماي باسمىسى.
(40) شىنجاڭ پۇلىسى بىلەن فابنىڭ 5:1 نىسبەتەن بويىچە ئالماشتۇرۇشتىن قوغداش فابى قىممىتىنىڭ ‹‹نىسبەتەن مۇقىملىقى››نى ساقلاشقا پايدىلىق ئىدى. ئەمما كىيىن فابى قىممىتى ناھايىتى تىز تۆۋەنلەپ قىممىتى يوق قەغەزگە ئايلىنىپ كەتتى، شىنجاڭ پۇلىسىنىڭمۇ شۇنىڭ بىلەن قىممىتى تۆۋەنلەپ شىنجاڭ خەلقىگە بالايى- ئاپەت ئېلىپ كەلدى. 1948- يىلى 8- ئايدا گومىنداڭ پۇل تۈزىمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، ئالتۇن چېكىنى فابى ئورنىدا ئوبروت قىلدى. ئەمما، ئەمەلىيەتتە بىر خىل قەغەز پۇلىنىڭ ئورنىغا باشقا بىر خىل قەغەز پۇل ئىشلىتىلگەچكە، ئالتۇن چېكىنىڭمۇ قىممىتى ناھايىتى تىز تۆۋەنلەپ فابىدىنمۇ قىممەتسىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى. بۇرھان شىنجاڭ مالىيەسىدىكى كىرزىستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، جاڭ جىجۇڭغا قوشۇلغاندىن كىيىن 1949- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭنىڭ ئۆزىدىلا ئوبروت قىلىندىغان يەرلىك پۇل- كۆمۈش چېكىنى يولغا قويۇپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن قايتا ئالتۇن پۇل چېكىنى شىنجاڭنىڭ ھەربىي- سىياسى راسخۇتىدىن ئىشلىتەلمىدى. 8- ئايدا بۇرھان، ئۈرۈمچى سودا ساھەسىدىكىلەرگە سودا ئۇيۇشمىسى نامىدىن ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئالتۇن پۇل چېكىنى ئۈرۈمچى شەھەردە ئوبرۇت قىلىشنى رەت قىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئالتۇن چېكىنى شىنجاڭنىڭ ئوبرۇت ساھەسىدىن ئاساسەن چىكىنىپ چىقتى.
(41) ‹‹جۇڭخۇا مىنگو تارىخى ئارخىپ ماتىرياللىرى توپلىمى›› 5- توپلام 2- قىسىم، ‹. سىياسى›› (4)، 837- بەت.
(42) (43) ج خ مىنىستىرلىكى ئارخىپىخانا ئىزاھاتى: ‹‹ جىياڭ جېشىنىڭ يىنىدا ئۆتكەن سەككىز يىل- پەردە ئارقىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچى تاڭ زۇڭنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى›› 517- بەت.
(44) جاڭ جىجۇڭ : ‹‹ جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى›› 2- قىسىم 510-511- بەتلەر.
(45) ۋۇجۇڭشىن:‹‹ زۇڭسەيدىكى يىزىلغان خەتلەر›› (1944 –يىلى 9- ئاينىڭ 29 – كۈنى)
(46)، (47) جاڭ جىجۇڭ :‹‹ جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى›، 2- قىسىم. 458- بەت.
(48) ‹‹ جۇڭخۇا مىنگو تارىخى ئارخىپ ماتىرياللىرى توپلىمى ›› 5- توپلام 2- قىسىم، ‹‹سىياسى›› (4)، 836- بەت.
(49) ‹‹زۇڭسەيدىكى يوللانغان تىلىگراممىلار››، ۋۇجۇڭشىن ‹‹شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلرىمدىن خاتىرە››، 1945- يىلى 7- ئاينىڭ 7- كۈنى.
(50) ۋۇجۇڭشىن ‹‹ شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلرىمدىن خاتىرە›› 1945 يىلى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى.
(12) جاڭ جىجۇڭ: ‹‹ جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى›› 2- قىسىم، 459 –بەت.
(52) تاۋسىيۈ : ‹‹ تاۋسىيۈنىڭ ئۆزى توغرىسىدىكى بايانلار ›› 76- بەت.
(53)، (54) تاۋسىيۈ : ‹‹ تاۋسىيۈنىڭ ئۈزى ھەقىدىكى بايانلار ›› 77- بەت.
(55) جاڭ جىجۇڭنىڭ 1947- يىلى 12- ئاينىڭ 9- كۈنى ئەخمەتجان، رىھىمجانغا يازغان خېتى، جاڭ جىجۇڭ ‹‹70 يىلىمدىن ئەسلىمە›› (قوشۇمچە خاتىرىس) .
(56) جاڭ جىجۇڭ : ‹‹ جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى ›› 2- قىسىم 463- بەت.
(57) ‹‹ ئىنقىلابى ھۆججەتلەر ›› 69-توپلام، 385-بەت.
(58) جۇۋكۈنتىيەن :‹‹3 مەسلەكنىڭ چېگرا رايون سىياسىتى ››55-بەت.
(59) جاڭ جىجۇڭ: ‹‹ جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى›› 2- قىسىم 445- بەت.
(60)، (61)، (62)، (63) يۇقىرىقى كىتاب، 509-، 510-، 514-، 522- بەتلەر.
(64) جاڭ جىجۇڭ: ‹‹ جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى›› 2- قىسىم 659- بەت. گومىنداڭ شىنجاڭغا بىۋاستە ھۆكۈمرانلىق قىلغان بەش يىل ئىچىدە، تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان ئىقتىسادى قۇرۇلۇش ئىككى تۈرلۈك بولۇپ: بىرىنچىسى، ئۈرۈمچى شەھەر ئەتراپىغا خۇڭ يەنچى ئامبىرىنى سېلىپ، ئۈرۈمچى ئەتراپى چىڭ گېدا كۆك بەلبىغىدىكى 100 مىڭ مو تىرىلغۇنى سۇغۇرۇش، ئىككىنچىسى، ئاقسۇ ۋىلايىتى كۈنئېىن دەرياسىغا كەلكۈندىن مۇداپىيەلىنىش قۇرۇلۇشى سىلىپ، ئاقسۇ، ئونسۇ، ناھيىلىرىنىڭ سۇ ئاپىتى مەسلىسى ۋە ئاۋاتنىڭ تېرىلغۇ سۈيى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن ئېبارەت


ئۈچىنچى باب شىنجاڭغا قارىتىلغان
سىياسەتنىڭ قايتا چىڭىشى

1§. شىنجاڭغا قارىتىلغان سىياسەتنىڭ قايتا
چىڭىشىنىڭ سەۋەبلىرى
گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ چىڭىشى بىر تەدرىجىي تەرەققىيات شەكلىدىكى جەريان بولۇپ، 1946- يىلى 11- ئايدا سۇڭ شىلىيەن تاۋسىيۆنىڭ ئورنىغا شىنجاڭ ئارنىزوت قوماندانى بولغاندىن باشلاپ، 1947- يىلى 5- ئايدا مەسئۇدنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى قىلىپ تەيىنلىگەنگە قەدەر بولغان مەزگىلدە شەكىللەنگەن. ئۇنىڭ ئاخىرلىشىشىمۇ تەدرىجى تەرەققىيات شەكىلدە بولۇپ، 1948- يىل 8- ئايدا تاۋسىيۇ سۇڭ شىلىيەننىڭ ئورنىغا شىنجاڭ گارنىزول قوماندانى بولغاندىن باشلاپ، 1949- يىلى 1- ئايدا بورھان شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەندە ئاخىرلاشقان. گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا قارىتىلغان سىياسىتىنىڭ چېڭىشىدىكى سەۋەپ بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، ئومۇملاشتۇرۇپ ئىېيتقاندا، جوڭگۇ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئۆزگىىرىشى، شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى، شىنجاڭغا قارىتىلغان سىياسەتلەرنى تۈزۈشتىكى ئاچقۇچلۇق زاتلارنىڭ بېرى بولغان جاڭ جىجوڭ بىلەن مەلۇم دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك.
1. جۇڭگۇ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى جەھەتتىكى سەۋەپ
1945- يىلى 8- ئاينىڭ 14- كۈنى جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئىمزالىغان‹‹جۇڭگو- سوۋېت ئىتتىپاقى دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى›› ئۇرۇشتىن كىيىنكى جوڭگۇ- سوۋېىت ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي رامكىسىنى شەكىللەندۈردى. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، سىتالىن جىياڭ جىشىنىڭ جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرىشىگە ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتۇپ ‹‹روسىيە كومپارتىيسى مەركىزى كومېىتىتىنىڭ نامىدا ماۋزېدۇڭغا تىلىگرامما يوللاپ، ماۋزېدۇڭنىڭ جىياڭ جېشىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، چوڭچىڭغا بېرىپ تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمەن. ماۋزېدۇڭ سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقى شىمالىنى ئىگەللىۋالغان پايدىلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قوشۇننى شەرقى شىمالغا كىرگۈزدى. دەسلەپتە سوۋېت ئارمىيىسى دىپلوماتىيە شەرتنامىسىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن كومپيارتىيە قوشۇنىغا تازا دوستانە بولمىدى. لېكىن كېيىنچە سوۋېتى ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو كومپارتىيىسىگە تۇتقان پوزىتىسىيسى تەدرىجىي ئۆزگىرىشكە باشلاپ، جۇڭگو كومپارتىيسى كۈچلىرىنىڭ شەرقى شىمال رايونلىرىدىكى تەرەققىياتىنى پەيدىنپەي ئاشكارە قوللاشقا باشلىدى. بۇ ئۆزگىرىشنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئامېرىكا ئارمىيىسى 9- ئايدىن بۇيان جۇڭگونىڭ شىمالىدا قۇرۇقلۇققا چىققان ئىدى. چۈنكى بۇ مۇسكىۋاغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتپقىنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقى شىمالىدىكى ھوقۇق ۋە مەنپەئەت توقۇنىشى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقى شىمالىدا جۇڭگو كومپارتىيىسى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشىگە تۈرتكە بولدى. شۇڭا سوۋېت ئىتتىپاقى شەرقى شىمالغا كىرگەن جۇڭگو كومپارتىيسى قوشۇنىنى بارغانسېرى قوللايدىغان بولدى.
جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقى شىمال مەسىلىسىدىكى ئۆتكۈر توقۇنۇشى ياكى جۇڭگو – سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمرلىشى شىنجاڭ مەسىلىسىگە تەسىر كۆرسەتمەي قالمىدى. شىنجاڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نەزىرىدە ئامرىكىلىقلا قول تىقسا بولمايدىغان يەنە بىر تەسىر دائىرىسى ئىدى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئامرىكىنىڭ شەرقى شىمالىغا قول سۇنۇشنى توسىيالمغان يەردە، شىنجاڭغا قول تېقىشىنى توسۇشقا كاپالەتلىك قىلالمايتتى. ئەمەلىيەتتە گومىنداڭ شىنجاڭدا ئامرىكىلىقلار بىلەن بىرلىشىۋالغان ئىدى. ‹‹ بۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا شەرىپىگە پىچاق ئۇرغانغا باراۋەر ئىدى››. سوۋېت ئىتتىپاقى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈچ رايوننى ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈشنى خالىمايتتى، ئەلۋەتتە. ئەسلىدە شىنجاڭ تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى شىنجاڭ بىرلەشمە ئۆلىكىلىك ھۆكۈمەت ۋە شىنجاڭنىڭ تىنچ ۋەزىيىتىنى ساقلاش ئارقىلىق شىنجاڭدىكى پۈتكۈل تەسىرىگە كاپەلەتلىك قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ‹‹جۇڭگو سوۋېت دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى ››دا غايەت زور زىيانغا ئۇچرىغانلىق بەدىلىگە شىنجاڭ قاتارلىق جايلارنىڭ زىمىن ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ پۈتۈنلىكىنى ساقلاپ قېلىلپ، ‹‹تېنىچلىق كېلىشىمى›› دە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە سىياسى جەھەتتىن زور دەرىجىدە يولغا قويۇش ئارقىلىق‹‹ ئۈچ ۋىلايەت››نى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرىشىغا بويسۇندۇرماقچى بولدى. ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھىچقايسىسى ئەمەلگە ئاشمىدى. بۇنداق ئەھۋالدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭ مەسىلىسىدە قايتا يول قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى ھەمدە ئىلگىرى شىنجاڭغا قاراتقان سىياسەتلرى ئۈستىدە ئويلىنىپ سىياسەتلەرنى تەڭشەشكە باشلىدى.
2. كومپارتىيە بىلەن گومىنداڭ مۇناسىۋىتى جەھەتتىكى سەۋەپ
ياپونغا قارىش ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا جىياڭ جىشىنىڭ سەرخىل قىسمىنىڭ كۆپىنچىسى غەربى جەنۇپتا بولۇپ، ئامرىكىنىڭ ياردىمى بولغان تەقرىدىمۇ ئۇلارنى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئۇرۇنلاشتۇرۇشقىمۇ ۋاقىت كېتەتتى. شۇنىڭ بىلەن جىياڭ جىشى سىياسىشۇناسلىق فاكولتىتىنىڭ تەدبىرىنى قوبۇل قىلىپ، تىنچلىق بايرىقىنى كۆتۈرىۋىلىپ، كومپارتىيە بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلىپ، ئىچكى ئۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولدى. 1945- يىلى 8- ئاينىڭ 28- كۈنى ماۋزېدۇڭ، جوئىنلەي قاتارلىقلار گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ھەربى ئىشلار كومېتىتى سىياسى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاڭ جىجۇڭ ۋە ئامرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق كونسۇلى ھېرلىنىڭ ھەمراھلىقىدا چوڭچىڭغا بىرىپ جىياڭ جېشى بىلەن تېنىچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. جىياڭ جىشى ئەسلىدە ماۋزېدۇڭنى چوڭچىڭغا سۆھبەت ئۆتكۈزگىلى كەلمەيدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى. لېكىن ئۇ ماۋزېدۇڭنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ يالغاننى راست قىلىپ كۆرسىتىشكە مەجبۇر بولدى. ئۇ سۆھبەت ئۈستىلىدە ھەربى بۇيرۇق ۋە مەمۇرىي بۇيرۇقنىڭ چوقۇم بىردەك بولۇشىنى تەكىتلەپ كومپارتىيدىن ‹‹تۇرىۋاتقان جايىدىن ۋاز كېچىش›› ۋە ‹‹ئارميىنى تاپشۇرۇپ بېرىش›› نى تەلەپ قىلغاندىن باشقا، ھەربىي ئىشلار كومپارتىيىسىگە بېسىم ئىشلىتىشكە ئۇرۇنۇپ سۆھبەت ئۈستىلىدە ئىرىشكىلى بولمايدىغان نەرسىلەرگە ئېرىشىشنى خىيال قىلدى. چوڭچىڭ سۆھبىتى باشلىنىپ ئەتىسى (1945- يىلى 8- ئاينىڭ 29 كۈنى) جىياڭ جىشى ھەرقايسى ئۇرۇش رايونلىرىغا ‹‹باندىتلارنى قورشاپ يوقىتىش قوللانمىسى›› نى تارقىتىش توغرىسىدا مەخپىي بۇيرۇق چۈشۈردى ھەمدە نۇرغۇن ئۇرۇش رايونىدا ئازات رايونغا قارىتىپ ھەربى ھۇجۇم قوزغىدى. جۇڭگو كومپارتىيسى ئۇنىڭغا تىغمۇ – تىغ قارشى تۇرۇپ كۈرەش قىلىپ، گومىنداڭغا ‹‹سۆھبەت›› ۋە ‹‹ئۇرۇش›› نىڭ ھەر ئىككىلىسىدە نەپ بەرمەي ئاخىرى كومپارتىيە ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹تىنىچ دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئاساسى فاڭجىنى ›› ۋە سىياسى مەسلىھەت كېڭىش ئىچىش توغرىسىدىكى تەكلىپكە قوشۇلۇشقا مەجبۇر قىلدى. 10- ئاينىڭ 10- كۈنى كومپارتىيە بىلەن گومىنداڭ ‹‹ھۆكۈمەت بىلەن كومپارتىيە ۋەكىللىرىنىڭ سۆھبەت مۇھىم خاتىرىسى›› (‹‹قوش ئون بېتىم›› ئىمزا قويدى.
‹‹قوش ئون بېتىم ›› ئىمزالىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي جىياڭ جىشى 1945- يىلى 10- ئاينىڭ 13- كۈنى گومىنداڭ ھەرقايسى ئۇرۇش رايونلىرىغا ‹‹قورشاپ يوقىتىش›› مەخپىي بۇيرىقى چۈشۈردى. شۇنىڭ بىلەن كومپارتىيە بىلەن گومىنداڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى ئۇرۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدىغان ۋەىزىيەت شەكىللەندى. 1946- يىلى 6- ئايغا كەلگەندە، جىياڭ جىشى 2 مىليون كىشىلىك مۇنتىزىم ئارمىيىسىنىڭ %80 نى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۆتكەپ ئىچكى ئۇرۇشنىڭ بارلىق ئۇرۇنلاشتۇرۇشلىرىنى تاماملدى. 6- ئاينىڭ ئاخىرى گومىنداڭ قوشۇنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ئازات رايونغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىپ، ئارقىدىنلا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئازات رايوندا ئومۇميۈزۈلۈك ئىچكى ئۇرۇش قوزغىدى. 1947 – يىلى 6- ئاينىڭ 30- كۈنى گومىنداڭ مەركىزى دائىمى كومىتېت ۋە مەركىزى سىياسى كومىتېت بىرلەشمە يىغىنى چاقىردى. جىياڭ جىشى يىغىنىدا ‹‹نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىن ئۆزىنى تەكشۈرۈش ۋە پارتىيىمىزنىڭ مۇھىم تەدبىرى›› دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، ‹‹قالايمىقانچىلىقنى تۈگىتىشكە ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلىش ›› تىن ئىبارەت سىياسى تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. 7- ئاينىڭ 4- كۈنى نەنجىىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ 6- قېتىملىق دۆلەت ئىشلىرى يىغىنىدا جىياڭ جىشى يوللىغان ‹‹مەملىكەت بويىچە دەرھال سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، كومپارتىيە باندىتلىرىنىڭ توپىلىڭىنى تىنچىتىپ، دېموكراتىيە جەھەتتىكى توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، دۆلەت قانۇنىنى ۋاقىتىدا يولغا قويۇپ، تىنىچ دۆلەت قۇرۇش فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش لايھىيسى›› ماقۇللاندى. ئەتىسى‹‹مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىككە كېلىش بۇيرۇقى›› ئېلان قىلىنىپ ‹‹پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئارمىيە ۋە خەلق بىردەك ئىرادىگە كىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۈچلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ›› ‹‹توپىلاڭنى تىنچىتىشنى تېزلىتىپ›› قورال كۈچى ئارقىلىق كومپارتىيىنى يوقاتماقچى بولدى.
جىياڭ جىشى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ‹‹توپىلاڭنى تىنچىتىپ دۆلەت قۇرۇش››تىن ئىبارەت كومپارتىيىگە قارشى سىياسەتنى يولغا قويدى. شىنجاڭ مەسىلىسىدىمۇ تەبىئىي ھالدا قاتتىق پوزىتسىيە تۇتتى. چۈنكى گومىنداڭنىڭ يۇقىرى قاتلام زاتلىرى‹‹شىنجاڭ مەسىلىسى بىلەم دۆلەت ئىچىنىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتىنى زىچ مۇناسىۋەتلىك ›› شىنجاڭ مەسىلىسى دۆلەت ئىچكى ئەھۋالىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئەگەر پۈتۈن مەملىكەت خارەكتىرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىغىلى بولمىسا شىنجاڭ مەسىلىسىنىمۇ ھەل قىلىغىلى بولمايدۇ››. ئۇنداقتا پۈتۈن مەملىكەت خارەكتىرلىك مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيە تىنچ ئۆتەلمىسە ئۇرۇش قىلماقتىن باشقا چارەيوق. كومپارتىيىنى يوقىتىش ئارقىلىقلا پۈتۈن مەملىكەت خارەكتىرلىك مەسىلىسىنى ئۈزۈل- كېسىل ھەل قىلىش كېرەك. پۈتۈن مەملىكەت خارەكتىرلىك مەسىلىنى ھەل قىلغاندىلا شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىغىلى بولىدى. چۈنكى مەملىكەت بويىچە ‹‹ئىچكى قالايمىقانچىلىق›› نى تىنچىتقاندىن كېيىنلا ئاندىن پۈتۈن دۆلەتنىڭ كۈچىنى يىغىپ شىنجاڭ مەسىلىسىنى قورال كۈچ ئارقىلىق ھەل قىلىغىلى بولىدۇ. شىنجاڭ مەسىلىسىنى پۈتۈن مەملىكەت خارەكتىرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلشىتىن بۇرۇن ھەل قىلغىلى بولمىغانىكەن ئۇنداقتا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ۋە ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىگە سىياسى جەھەتتىن يول قويۇشنىڭ ھېچقانداق رېئال ئەھمىيىتى قالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا يېتەرلىك، قۇدرەتلىك قوراللىق كۈچ توپلىدى. ئىلگىركىدەك ئۈچ ۋىلايىتىنىڭ ھەربى ھوجۇمىدىن قورقۇپ قالمايدۇ. شىنجاڭ خەلقى ۋە ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىگە قاتتىق سىياسەت قوللىنىش ئەقىلگە مۇۋاپىق ›› دەپ قارايتتى.
3. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ سەۋەبى
شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيسىنىڭ تەسىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىدە پارتىلىغان گومىنداڭغا قارشى ئۇرۇشتىن ئىبارەت. 1945- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى ‹‹غۇلجا ئازادلىق تەشكىلاتى›› غۇلجىدا ‹‹شەرقى تۈركىستان جۇمھۇريىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. دەسلەپتە بىر ئوچۇم ئەكسىيەتچى ئۇنسۇرلار ئىنقىلاب ھەركىتىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇندى. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئەخمەتجان، ئابباسوب قاتارلىقلار دەسلەپكى قەدەمدە كوممىنىزىم ئىدىيىسى سىڭگەن بىر قىسىم ئىنقىلاپچىلارنىڭ تىرىشىشى ۋە كۈرەش قىلىش ئارقىسىدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى توغرا يۆنۈلۈنشى بويلاپ ئالغا ئىلگىرلىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىدىكى نىشانى شىنجاڭنى مۇستەقىل قىلىش، ھەتتا جوڭگۇ- سوۋېت دوستلۇق ھەمكارلىق كېلىشىمى سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش جەريانىدىكى جاپا- مۇشەققەتلىك مەزگىلدە شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىلىنى بازا قىلىپ گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلارغا كەڭ كۆلەمدە ھەربى ھۇجۇم قىلىشقا ياردەم بىرىش بولماستىن بەلكى ئىنتايىن كەسكىن بولغان شىنجاڭ ۋەزىيىتىدىن پايدىلىنىپ جىياڭ جىشىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقى ۋە ئوتتۇرا قىسمىدىكى سىتىراتىگىيىلىك مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان‹‹جۇڭگو- سوۋېت ئىتتىپاقى دوستلۇق – ھەمكارلىق شەرتنامىسى›› نى بالدۇرراق ئىمزالاشقا مەجبۇرلاشتىن ئىبارەت ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ‹‹جۇڭگو- سوۋېت ئىتتىپاقى دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى ›› ئارقىلىق ئۆزىنىڭ شەرق ۋە ئوتتۇرا قىسىمدىكى سىتىراتىگىيىلىك نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلاشتۇرغۇچلقۇ رولىنى ئويناشقا باشلىدى. مەسىلەن: سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جوڭگۇدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى پېتىروفىننىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىگە يوللىغان بىر پارچە ئەسلەتمىسىدە مۇنداق دىيىلگەن: شىنجاڭدىكى توپىلاڭچى خەلق ۋەكىللىرىنىڭ دىيىشىچە: توپىلاڭچى خەلقىنىڭ جۇڭگودىن ئايرىلغۇسى يوق ئىكەن. پەقەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ شىنجاڭدا كۆپرەك يەرگە ئىگە بولىشىنى مەسىلەن: غۇلجا، تارباغاتاي، ئالتاي، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا ئاپتونومىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىكەن ھەمدە روسىيىلىكلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇلار بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى توختىتىپ قويۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن. ئەگەر جۇڭگو ھۆكۈمىتى قوشۇلسا، سوۋېت ئىتتىپاقى غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلىنى جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىپ، شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىدۇ›› شۇندىن كېيىن مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن 3 ۋىلايەت ۋەكىللىرى سۆھبەتلىشىش جەريانىدا، سوۋېت ئىتتىپاقى باشتىن ئاخىر ئارىغا چۈشۈپ، سۆھبەت قاتماللشىىپ قالغاندا سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلى مۇرەسسە قىلدى. ھەتتا سىتالىنمۇ بىۋاستە ئوتتۇرىغا چىقىپ شىنجاڭنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈردى. مەسىلەن، 1945- يىلى 12- ئاينىڭ 30- كۈنى جىياڭ جىڭگو موسكوۋادا سىتالىن بىلەن كۆرۈشكەندە شىنجاڭ مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئالغان. جىياڭ جىڭگو ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرىنىڭ ‹‹مەركىزى ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ بىر ئاي ئىچىدە شىنجاڭدىن چېكىنىپ كىتىش›› نى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، جىياڭ جېشىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇرەسسە قىلىپ ياراشتۇرۇپ قويىشىنى ئۈمىت قىلىدىغانلىقىنى دېگەن. سىتالىن دەرھال ‹‹سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىنىڭ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشىدىغانللىقنى›› ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ناھايىتى ئىشەنچىلىك ھالدا‹‹توپىلاڭچىلار سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇرەسسەسىنى رەت قىلمايدۇ››دېگەن. دەرۋەقە شۇنىڭدىن كىيىنكى مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت جەريانىدا، ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرى ئالدىنقى قېتىملىق كۈرۈشۈشتە ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلىرىنى قايتۇرىۋالغان.
‹‹موسكىۋا شىنجاڭنىڭ مۇستەقىل دۆلەت بولۇشىنى قوللىمايدۇ›› بۇ پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە جوڭگۇ- سوۋېت ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىدە ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن يېڭى ۋەزىيەتتە قىلغان سىتىراتىگىيىلىك تەڭشەش بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭغا بولغان تەسىرىنى بوشاشتۇرغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرىنىڭ شىنجاڭ بىرلەشمە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتىكى ئورنىدىن پايدىلىنىپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىنى گومىنداڭ كونتىروللىقىدىكى باشقا يەتتە ۋىلايەتكە كېڭەيتىشنى ئۈمىت قىلاتتى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ نىيىتىنى سىزىپ قېلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنى ‹‹جۇڭگو- سوۋېت ئىتتىپاقى دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى ››دىكى ‹‹شىنجاڭدا ئەڭ يىقىندا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىش›› ئارىلاشماسلىق›› توغرىسىدىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلالمىدى. ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرى بىلەن مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ سۆھبىتىىگە پەردە ئارقىسىدا قوماندانلىق قىلىپلا قالماستىن بەلكى‹‹شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيتى››نى ‹‹كاپىتال›› قىلىپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە ‹‹بىرلەشمە ھۆكۈەمەت تەشكىللەش›› ئارقىلىق ‹‹غۇلجا ۋەقەسىنى ھەل قىلىش››تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ خىل كوممۇنىزىم تىپىدىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەت شەرقى ياۋرۇپادا ھاكىمىيەتنى تارتىۋىلىشىنىڭ ياخشى قورال قىلىنغان. ئەمدى كېلىپ بۇ ھۈنىرىنى شىنجاڭدا ئىشقا ئىشقا سېلىپ، پۈتكۈل شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەتنى تارتىۋالماقچى بولدى. ‹‹شۇڭا تىنچلىق بىرلەشمە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، ‹‹ھەرقايسى نازارەت، باشقارمىلار›› ‹‹ئۈچ ۋىلايەت››نىڭ ‹‹تەشۋىقات ئاپپاراتى››غا ئايلىنىپ قالدى. ‹‹ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت يەنىلا توپىلاڭ پەيدا قىلىدىغان چوڭ لاگىر. ‹‹خەلقنى ئىنقىلاپ قىلىپ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇۋىتىشكە قۇتىراتتى›› بۇنىڭداىن باشقا، سوۋېت ئىتتىپاقى غۇلجا تەرەپ خادىملىرىنىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ئاشكارا قاتنىشىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ‹‹شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى سىياسى ئىشلارغا نېسبەت بويىچە قاتنىشىش ››تىن ئىبارەت شۇئارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، سىڭىپ كىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق كۆپلىگەن يوشۇرۇن ئۇنسۇرلارنى ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ھالدا پۈتۈن ئۆلكىدىكى ئورگان ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا كىرگۈزۈپ مەركەزگە قارشى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى›› دەپ ئاغرىندى. غۇلجا تەرەپنىڭ ھەرىكەتلىرى گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدىكى يەتتە ۋىلايەتتە يۈرگىزىۋاتقان ھۆكۈمرانلىقىغا تەھدىت سالغاندا، ئاندىن ئىلگىرى شىنجاڭغا قارىتىلغان نىسبىتى ‹‹يۇمشاق››سىياسەتلەر ئۈستىدە ئويلىنىپ، موشۇنداق بولىۋەرسە شىنجاڭنى ساقلاپ قالالمايلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن شىنجاڭنى قولدىن بېرىپ قويۇش خەۋپىنىڭ بارلىقىنى ئەگەر داۋاملىق يول قويىۋەرسە ئاقىۋىتىنىڭ تىخىمۇ يامان بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن گومىنداڭ شىنجاڭغا قارىتىلغان نېسپى ‹‹يۇمشاق›› سىياسەتنكىڭ ئورنىغا قاتتىقراق سىياسەت قوللانماقچى بولدى.
4. شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى سەۋەب
شىنجاڭ تېنىچلىق بېتىمنىڭ ئىمزالىنىشى – گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ئۈچ ۋىلايەت تەرەپنىڭ ئۆز- ئارا مۇرەسسە قىلغانلىقىنىڭ مەھسۇلى: بىرلەشمە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلىشىمۇ ئەمەلىيەتتە ئىككى تەرەپنىڭ كىيىنكى قەدەمدىكى ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرىشىدىن ئىبارەت ئىدى.
1946- يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۆلكىلىك كومىتىتنىڭ 2-قېتىملىق يېغىنىدا ماقۇللانغان «شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ پىروگراممىسى» دا «ناھىيە ۋە ئۆلكىنىڭ كېڭەش ئەزالىرى ۋە ھاكىملارنى خەلق سايلايدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. گومىنداڭ تەرەپ سايلام ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، گومىنداڭنى قوللايدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدىكى مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنى ئۈچ ۋىلايەتكە كىرگۈزۈشنى، ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ قانۇنلۇق كۈرەش ۋاستىسى ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ كۈچىنى يەتتە ۋىلايەتكە كىرگۈزۈپ، ئىچكى ئىشلىرىغا گومىنداڭنى قول تىققۇزماسلىقنى ئويلايتتى. شۇڭا سايلام مەسىلىسى ئەينى ۋاقىتتا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنىڭ بىر مۇھىم قىزىق نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالغانىدى. گومىنداڭ تەرەپ تەشۋىقات قورالىدىن پايدىلىنىپ داغدۇغا پەيدا قىلدى. 1946- يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى» دە «سايلامنىڭ ۋاقتىدا تاماملىنىشىغا تىلەكداشمىز» دېگەن تېمىدا باش ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇ سايلام ئۇسۇلىنى «شىنجاڭ دىموكراتىك سىياسىيسىنىڭ ئانىسى» ھەر مىللەت، ھەر ساھە قېرىنداشلار ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى مۇنەۋۋەر، ئۆزلىرىگە ئەڭ ۋەكىللىك قىلالايدىغان زاتلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە سايلاپ، سىياسىيغا قاتناشتۇرۇپ، خەلق مۇھتاج بولغان سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلدۇرالايدۇ» دىيىشتى.
ئەمەلىيەتتە، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ھىمايە قىلىدىغان فېئودال ۋە دىنىي كۈچلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى سىياسىي سەھنىگە چىقارماقچى ئىدى. نەتىجىدە يەرلىك فېئودال دىنىي كۈچلەر بىلەن يەرلىك ئەمەلدارلار ئۆز ئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، سايلام ئىشلىرىنى ئۆز چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋالدى. شۇ يەردە تۇرۇشلۇق قىسىملارمۇ مەمۇرىيەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، ئۈچ ۋىلايەت كۈچلىرىنىڭ گومىنداڭ كونتىروللىقىدىكى يەتتە ۋىلايەتنىڭ ھاكىمىيەت ھوقوقىنى ئىگەللىۋېلىشىغا كۈچىنىڭ بېرىچە توسقۇنلۇق قىلدى. ئۈچ ۋىلايەت تەرەپمۇ گومىنداڭ كۈچلىرىنىڭ ئۈچ ۋىلايەتكە سىڭىپ كىرىشىگە كۈچىنىڭ بېرىچە توسقۇنلۇق قىلدى. دۆربىلجىن ۋەقەسى دەل ئىككى تەرەپ كۈرىشىنىڭ مۇھىم دەلىلى. ئەخمەتجان قاتارلىقلار ئېلىپ بارغان ئىنقىلاب ھەركىتىنىڭ ئاخىرقى مەقسىدى ــ «شىنجاڭنى گومىنداڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلدۇرۇش، ئەلۋەتتە ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى قوزغىلاڭنىڭ غەلىبىسى بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماسلىق، ئىنقىلاب ھەركىتىنى مۇقەررەر ھالدا ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر قايسى جايلارنى قوزغاپ، تەشكىللەپ، تەشۋىق قىلىپ، ھەربىي، سىياسىي، مەدەنىيەت كۈرىشى ئارقىلىق ئۆز مەقسىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت» ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەخمەتجان شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك سالاھىيىتى بىلەن، ۋالى ۋە ھاكىملارنى كۆرسىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، شىنجاڭدا مۇھىم سىتراتىگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جاي بولغان قەشقەر بىلەن تۇرپاننى كونترول قىلىشقا تۇتۇندى. ئۇ ئابدىكىرىم مەخسۇمنى قەشقەرنىڭ ۋالىيلىقىغا، ئابدۇراخماننى تۇرپاننىڭ ھاكىملىقىغا كۆرسەتتى. ئابدىكىرىم مەخسۇم ۋالىي بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئۈچ ۋىلايەتتىكى ئىنقىلابى ياشلار تەشكىلاتىنىڭ قەشقەردىكى ئەزالىرى نەچچە مىڭ ئادەمگە يەتتى. ئۇلار نامايىش قىلىپ، «مەركەز ئارمىيىسى شىنجاڭدىن چىكىنىپ چىقىپ كەتسۇن» دىگەنگە ئوخشاش شۇئارلارنى توۋلاپ، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە قەشقەردە تۇرۇشلۇق قوشىن بىلەن تىركەشتى. ئابدىراخمان تۇرپانغا ھاكىم بولغاندىن كىيىن، ناھىيىلىك ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمىيىتىنى مەركەز قىلىپ، ئاممىنى قوزغاپ شۇ يەردە تۇرۇشلۇق قوشۇننىڭ چىكىنىپ چىقىپ كىتىشىنى تەلەپ قىلدى ھەمدە 2-، 3- قورغاندا يوشۇرۇن قوراللىق كۈچلەرنى مەخپى تەشكىللەپ، ئۈ چ ۋىلايەتتىن يوشۇرۇن قورال يۆتكەپ، پۇرسەت پىشىپ يىتىلگەندە قوراللىق قوزغىلاڭ قىلىشقا تەييارلىق قىلدى. ئىلى تەرەپ خادىملىرى يەنە « ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتلىرىگە قاتنىشىش قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ»، «گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى يەتتە مەمۇرىي رايون ئىچىدە » تەشكىلاتنى زور دەرىجىدە تەرەققى قىلدۇردى ۋە تەشۋىقات خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ئۇلار ئۈرۈمچىدە ئىنقىلابى ياشلار ئىتىپاقى تەشكىلاتىنى تېز تەرەققى قىلدۇردى ھەمدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمىيىتىگە رەھبەرلىك ھوقوقىنى تۇتقۇزۇپ، ئۇنى گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرىدىغان قانۇنلۇق ئورگانغا ئايلاندۇردى. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمىيىتى دائىم مىڭلىغان ئۇيغۇر، قازاق ياشلىرىنى تەشكىللەپ نامايىش قىلىپ، گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭدىن چىكىنىپ چىقىپ كىتىش، قەشقەر، ئاقسۇدا مىللى قىسىم قۇرۇش قاتارلىق كۆپ تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ھەمكارلاشقان ئىككى تەرەپنىڭ مەقسىدى تۈپتىن قارىمۇ قارىشى بولغاچقا، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشمۇ بارغانسېرى كەسكىنلىشىپ، ھېچقانداق يارىشىش ئىمكانىيىتى قالمىدى. گومىنداڭ «تىنچلىق بېتىمى» دىكى دىموكراتىك سىياسىنى يولغا قويۇش بەلگىلىمىسىنى ھەقىقى ئىجرا قىلمىدى. بەلكى «ئۈچ ۋىلايەت قوشۇنىنى ئۆزگەرتىش ۋە تولۇقلىما بىرىش مەسىلىسى»، «دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ ئۈچ ۋىلايەتكە كىرىپ چېگرا ساقلاش مەسىلىسى»، «ئۈچ ۋىلايەتتىكى مەمۇرى ئورگانلارنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش مەسىلىسى»، «مەركەزنىڭ ئۈچ ۋىلايەتتىكى ئورگانلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە پەرمان، پۇل تۈزۈمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مەسىلىسى»، «ئۈچ ۋىلايەتنىڭ قاتنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسى» قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈچ ۋىلايەت تەرەپكە ئۈزلۈكسىز بېسىم ئىشلەتتى. ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى مۇستەبىتلىكىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىۋاتقان شارائىتتا قىلچە يول قويماي، ئۈچ ۋىلايەتنى مەھكەم كونترول قىلىپ تۇردى. ئۈچ ۋىلايەت قارمىقىدىكى ناھىيىلەرمۇ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىلەن ئالاقە قىلمىدى. ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ پەرمانلىرى ئۈچ ۋىلايەتتە ئاقمىدى. تاموژنا، ئەدلىيە، پوچتا تېلېگراف قاتارلىق تارماقلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش تېخىمۇ مۇمكىن بولمىدى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ «تىنچلىق بېتىمى» نى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق ئۈچ ۋىلايەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مەقسىدى ئىشقا ئاشمىدى.
گومىنداڭ تەرەپ شىنجاڭ مەسىلىسىنى تىنچلىق يولى بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، 1945- يىلى 9-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ تېنچ ۋەزىيىتىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەربى كۈچىنى تولۇقلاپ، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قوشۇندىكى ئەسكەر سانىنى 100مىڭغا يېقىن كىشىگە يەتكۈزدى. 1946- يىلى 10-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا، گومىنداڭ سىياسىي پوزىتسىيىسى كۈچلۈك سۇڭ شىلىيەننى شىنجاڭ گارنىزونىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلىدى. سۇڭ شىلىيەن بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كىيىن، ئىلگىرىكى ھەربى مەغلۇبىيەتلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، شىنجاڭدىكى 100مىڭ كىشىلىككە يېقىن قوشۇنىنى تەڭشەپ، ئۈچ ۋىلايەتنىڭ يېڭى ھەربى سىتراتىگىيىسىنى تاماملىدى. بۇ چاغدا گومىنداڭ تەرەپ ھەربى كۈچ جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە بولغاچقا، ئۈچ ۋىلايەت تەرەپكە قاراتقان رەھىمسىز سىياسىي ھۇجۇم جەھەتتە تەبىئىلا ماداردىن قېلىشنى خالىمايتتى. شۇڭا قاتتىق سىياسەت ئارقىلىق ئىلى تەتەپنىڭ سىياسىي ھۇجۇمىنى ئومۇميۈزلۈك بېسىقتۇرماقچى بولدى.

5. جاڭ جىجۇڭنىڭ ئاغرىنىشىنىڭ سەۋەبى
جاڭ جىجۇڭ گومىنداڭدىكى ئۇقۇمۇشلۇق زات ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتى بىلەن گومىنداڭنىڭ ئەنئەنىۋى سىياسەتلىرى پەرىقلىنەتتى. مەسىلەن: ئۇ ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلارنى «چىرايلىق، سۇمباتلىق، جاپاغا چىداملىق، ساغلام، تېتىك» دەپ قارايتتى. شىنجاڭ خەلقى تارىختىن بۇيان ھۆكۈمرانلارنىڭ ئېزىشىگە ئۇچراپ كەلگەچكە، ئۇلارغا چەكسىز ھېسداشلىق قىلىشقا تىگىشلىك» دەپ بىلەتتى. ئۇ گومىنداڭ ئەمەلدارلىرىغا شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلىرىنىڭ چېكىدىن ئاشقان ھەركەتلىرىگە قارىتا سەۋرى قىلىپ يول قويۇش، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆچمەنلىكىنى مېھرى- مۇھەببەت ئارقىلىق تۈگىتىش، ئۇلارغا مېھرى- شەپقەت يەتكۈزۈش توغرىسىدا نەسىھەت قىلاتتى. شۇڭا، جاڭ جىجۇڭ دىپلوماتىيە جەھەتتە : سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادى ئالاقىسىنى كۈچەيتىشن، ئىچكى ئىشلار جەھەتتە«سىياسىينى تۈزەپ كىشىلەرنىڭ قەلبىنى مايىل قىلىشنى، ئىقتىسادى جەھەتتە مەركەز شىنجاڭنىڭ قاتنىشىنى، مال بىلەن تەمىنلەشنى، شىنجاڭغا مالىيە جەھەتتىن ياردەم بىرىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، قەلبىنى مايىل قىلىش لازىملىقىنى تەشەببۇس قىلاتتى.
جاڭ جىجۇڭ شىنجاڭدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەسلەپكى مەزگىلدە شىنجاڭ خەلقىگە قارىتا ھەقىقەتەن نىسبى يۇمشاق سىياسەت قوللاندى. لېكىن شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسايىن داۋالغۇشىغا ئەگىشىپ، بەزى خەنزۇلار، ئۇيغۇرلار ۋە ئاز ساندىكى مانجۇلار، شىبەلەر بۇنىڭدىن قورقۇپ قالدى. شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ھەربى مەمۇرى ئەمەلدارلار جاڭ جىجۇڭنىڭ شىنجاڭنى تۈزەش فاڭجېن – سىياسەتلىرىدىن كۈنسايىن گۇمانلىنىشقا باشلىدى. «ئۇنى بەك يۇمشاقلىق قىلدى، ھەددىدىن زىيادە يول قويىۋەتتى، ھەتتا شىنجاڭ ئۇنىڭ قولىدا بەربات بولىدىغان بولدى» دىيىشتى. ئەزەلدىن تەمكىن، ئېغىر بېسىق دەپ نام ئالغان تاۋسىيۆمۇ بىر قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار سۆھبەت يېغىنىدا جاڭ جىجۇڭغا ئوچۇق-ئاشكارە قىلىپ، «ئەگەر مۇشۇنداق قىلىپ شىنجاڭنى قولدىن بېرىپ قويساق، كەلگۈسىدە تارىخ ئالدىدا جاۋاپكار بولۇپ قالىمىز» دېگەن. جامائەت پىكرى ساھەسىدىكىلەرمۇ غۇلغۇلا قوزغىدى. ئەينى ۋاقىتتا «ۋەتەننى قۇتقۇزۇش گېزىتى» «شىنجاڭ كىرزىسى» دېگەن تىمىدا باش ماقالە ئېلان قىلىپ جاڭ جىجۇڭ قوللانغان سىياسەتنىڭ يۇمشاق بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئەيىبلىدى. تىيەنجىندە چىقىدىغان «دەۋر گېزىتى» نىڭ مۇخبىرىمۇ« بىزگە شىنجاڭ كېرەك ئەمەسمۇ؟» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، جاڭ جىجۇڭ قوللانغان تىنچلىق سىياسىتىنى «لەگلەك قويۇپ بېرىش» شەكلىدىكى خەتەرلىك ئۇسۇل، لەگلەكنىڭ يىپى پەۋقۇلئاددە ئۈزۈلۈپ كەتسە، لەگلەكنىڭ نەگە كىتىشىنى بىلگىلى بولمايدۇ. جۇڭگۇ چوڭ بىر بۆلۈك گۈزەل زېمىندىن ئايرىلىپ قالىدۇ» دەپ يازغان. ماقالىدە يەنە ئەينى ۋاقىتتىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئەيىبلىنىپ، « بىزگە شىنجاڭ كېرەك ئەمەسمۇ؟» دەپ سوئال قويغان. ۋۇخەن، گۇاڭجۇ، شىياڭگاڭ قاتارلىق جايلارنىڭ گېزىتلىرىمۇ بۇ ماقالىنى كۆچۈرۈپ باسقان.
گەرچە جاڭ جىجۇنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى جىياڭ جېشىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنە ھۆكۈمەت، ئامما ۋە جامائەت پىكرى ساھەسىدىكىلەرنىڭ غايەت زور بېسىمىغا دۇچ كەلگەن ئىدى.
مانا مۇشۇنداق شارائىتتا، جاڭ جىجۇڭ 1947- يىلى 4- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 5-ئاينىڭ بېشىغىچە جەنۇبى شىنجاڭ سەپىرىنى باشلىدى. 4- ئاينىڭ 22-كۈنى جاڭ جىجۇڭ قەشقەردە قەشقەر تەۋەلىكىدىكى ئۆلكىلىك كېڭەش ئەزالىرى سۆھبەت يېغىنىغا قاتناشتى. يېغىندا جاڭ جىجۇڭ، ئەخمەتجان قاتارلىقلار سۆز قىلدى. ئارقىدىنلا بىر نەچچە ئۇيغۇر ياش سەھنىگە چىقىپ، نۇتۇق سۆزلەپ، گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭدىن چىكىنىپ چىقىپ كىتىشىنى تەلەپ قىلدى. بەزىلەر يەنە جاڭ جىجۇڭنىڭ ئىسمىنى بىۋاستە ئاتاپ، ئۇنىڭ جاۋاپ بىرىشىنى تەلەپ قىلدى. جاڭ جىجۇڭ ئۆزىنىڭ ئىسمىنى بىۋاستە چاقىرغانلىق ئۆزىگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك دەپ ئەيىبلىدى. ھەمدە تەلەپلەرنى نامۇۋاپىق تەلەپ دەپ رەددىيە بەردى. بۇنىڭدىن ئامما ناھايىتى نارازى بولدى.
5-ئاينىڭ 5-كۈنى جاڭ جىجۇڭ يەكەن بىلەن خوتەننى كۆزدىن كەچۈرۈپ قەشقەرگە قايتتى. قەشقەر ۋالى مەھكىمىسىدە ئۆلكىلىك، ناھىيىلىك كېڭەش ئەزالىرى ۋە ھەر ساھە ۋەكىللىرى سۆھبەت يېغىنى چاقىرىپ، «ھەممەيلەن تۈرلۈك زىددىيەتلەرنى تۈگەتكەندىلا تېنچلىقنى مۇستەھكەملەپ، قۇرۇلۇشنى باشلىغىلى بولىدۇ» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە جۇڭخۇا مىنگو پۇقرالىرىنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ھىمايە قىلىش كىرەكلىكىنى، شىنجاڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تارىخ، جۇغراپىيە ۋە ئىقتىساد جەھەتتە زىچ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش كىرەكلىكىنى، بۇ ئىككىسىنىڭ بىر-بىرىگە زىت ئەمەسلىكىنى، جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشتە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداشتا جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ئەركىنلىككە ئېرىشىشتە باشقىلارنىڭ ئەركىنلىكىگە زىيان سېلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، مەسىلەن: گېزىتتە باشقىلارنى ئۇنى، بۇنى دەپ تىللاش، كوچىلاردا ھە دىسە ئادەم توپلاپ ئۇنى، بۇنى ئۇرۇش-باشقىلارنىڭ ئەركىنلىكىگە دەخلى تەرۇز يەتكۈزۈش بولىدۇ. ۋاھاكازالار» دېدى. لېكىن بۇ سۆزنىڭ تۈپ مەيدانى ۋە ئاساسى يۆنىلىشى خاتا بولغاچقا، ئەينى ۋاقىتتىكى ئىككى تەرەپنىڭ قاتمال كەيپىياتىنى سۇسلاشتۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى ئاممىنىڭ تېخىمۇ نارازىلىقىنى قوزغىدى.
شۇ كۈنى كەچتە جاڭ جىجۇڭ ۋالى مەھكىمىسىدە قونۇپ قالدى. كەچ سائەت 10 دىن ئاشقاندا 7~6 مىڭ ئۇيغۇر ئاممىسى ۋالى مەھكىمىسىنى قورشىۋېلىپ، جاڭ جىجۇڭدىن ئۆزلىرى يېقىندا ئوتتۇرىغا قويغان بىر نەچچە تەلەپكە جاۋاپ بىرىشنى تەلەپ قىلدى. ھەمدە «جاڭ جىجۇڭنى يوقىتايلى» دەپ شوئار تپۋلىدى. بۇ خىل ھالەت كېچە سائەت بىردىن ئاشقان بولسىمۇ ئامما تارقالمىدى. بەلكى داغدۇغىسى بارغانسېرى كۈچەيدى. جاڭ جىجۇڭ ئامالسىزلىقتىن، مۇئاۋىن رەئىس ئەخمەتجاننى تېپىپ مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىپ كېتىشكە ئادەم ئەۋەتتى. لېكىن ئۇنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلەلمىدى. جاڭ جىجۇڭنىڭ ھەمرالىرى بىرەر كېلىشمەسلىكنىڭ يۈز بىرىشىدىن ئەنسىرەپ، يان ئىشىكتىن چىقىپ تېلېفون ئىدارىسىگە بېرىپ شۇ جايدا تۇرۇشلۇق قوشۇنىغا تېلېفون بىرىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى. شۇ جايدا تۇرۇشلۇق قوشۇننىڭ كورپۇس كوماندىرى جاۋ شىگۇڭ بىۋاستە ئەسكەر يۆتكەپ باستۇرسا ئېغىر ئاقىۋەت كىلىپ چىقىشىدىن ئەنسىرەپ، ۋالى مەھكىمىسىنىڭ ئارقا يان ئىشىكىدىن جاڭ جىجۇڭنى يوشۇرۇن ئېلىپ چىقىپ كەتتى. جاڭ جىجۇڭ بۇ ئىشتا ئەخمەتجان ۋە قەشقەر ۋالىسى ئابدىكىرىم مەخسۇت پەردە ئارقىسىدا قوماندانلىق قىلىۋاتىدۇ دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىدىن ئىنتايىن غەزەپلەندى. ئەتىسى ئەتىگەن جاڭ جىجۇڭ ئاغرىنغان ھالدا قەشقەردىن ئايرىلدى. يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ بىرەرسى ئايرودرومغا چىقىپ ئۇنى ئۇزىتىپ قويۇشقىمۇ ئۈلگۈرەلمىدى.
جاڭ جىجۇڭ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، پوزىتسىيىسى زور دەرىجىدە ئۆزگەردى. «بۇ ئەبلەخلەرنى زادى چۈشەنگىلى بولمايدىكەن» «مىنىڭ شۇنچە باش قاتۇرۇپ شىنجاڭنىڭ تېنچلىقىنى كۆزلىشىمنى قورقۇمچاقلىق دەپ ئويلاپ، مىنى بارغانسېرى قىستاۋاتىدۇ. گومىنداڭ شىنجاڭدىن تولۇق چېكىنىپ چىقىپ كەتمىسىلا، ئۇلارنى مۇرادىغا ھەرگىز يەتكۈزمەيمەن» دەپ قارىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئۇلارغا قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇشنى، قىلچە يول قويماسلىقنى قارار قىلدى.

2§. شىنجاڭغا قارىتىلغان قاتتىق سىياسەتنىڭ
كونكرېت ئىپادىسى
1. تەشۋىقاتقا تەشۋىقات، تەشكىلاتقا تەشكىلات، نامايىشقا نامايىش ئارقىلىق قارشى تۇرۇش
شىنجاڭ بىرلەشمە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كىيىن، ئەخمەتجان شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك سالاھىيىتى بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى يەتتە مەمۇرى رايوندا تەشكىلات ۋە تەشۋىقات خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى. ئۇندىن باشقا ئۇ يەنە ئۈرۈمچى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمىيىتىنى مەركەز قىلىپ، دائىم يۈزلىگەن مىڭلىغان ئۇيغۇر ياش ۋە قازاق ياشلارنى تەشكىللەپ يېغىن ئېچىپ، تارىختىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ شىنجاڭدىكى رەھىمسىز ھۆكۈمرانلىقى ئۈستىدە شىكايەت قىلىپ، گومىنداڭنىڭ شىنجاڭ خەلقىگە قىلغان شەپقەتسىز ھۆكۈمرانلىقىغا زەربە بەردى. جاڭ جىجۇڭ ئىلى تەرەپنىڭ ئۆزىگە بولغان بېسىمىنىڭ ناھايىتى زورلىقىنى ھېس قىلىپ، ئەخمەتجان قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرىنىڭ جىياڭ جېشى نەنجىڭدا چاقىرغان خەلق مەجلىسىگە قاتنىشىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، جاسۇس قاتارلىق تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىنى تەكلىپ قىلىپ، «تەشۋىقاتقا تەشۋىقات، تەشكىلاتقا تەشكىلات، نامايىشقا نامايىش ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش؛ تىن ئىبارەت يېڭى تاكتىكىنى تۈزۈپ چىقتى. بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپى لىيۇ مېڭچۈن، شىنجاڭ گانىزونى سىياشى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لىياڭ كېشۈن قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن مەخسۇس گۇرۇپپا قۇرۇپ چىقىپ « تەشۋىقاتقا تەشۋىقات، تەشكىلاتقا تەشكىلات، نامايىشقا نامايىش ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش»نىڭ كونكىرىت چارىلىرىنى تەتقىق قىلىشقا مەسئۇل قىلدى. ھەمدە لىيۇ مېڭچۈننى گۇرۇپپىنىڭ پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىگۈچى قىلىپ بىكىتتى.
گومىنداڭنىڭ«تەشۋىقاتقا تەشۋىقات ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش» تىن ئىبارەت تاكتىكىسىغا شىنجاڭ ئۆلكىلىك پارتىيە بۆلۈمى، شىنجاڭ گرزنىزونى سىياسى بۆلۈمى ۋە شىنجاڭ گېزىتى مەسئۇل بولۇپ، سىياسى تەشۋىقات ھۇجۇمى قوزغاپ، شىنجاڭ جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، ئاتالمىش شەرقى تۈركىستان ھەركىتىگە قارشى تۇرۇش، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ يېغىنىدا ماقۇللانغان مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش پىروگراممىسىنى تەشۋىق قىلىش، يەنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئىمتىيازىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىقلارنى تەكىتلىدى. تەشكىلى جەھەتتە، ئەخمەتجان قاتارلىقلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمىيىتىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ كونترول قىلدى. بۇ جەمىيەتنى گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرىدىغان قانۇنلۇق تەشكىلاتقا ئۆزگەرتىپ، بۇ تەشكىلاتتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر، قازاق ياشلىرىنى يىغىپ نامايىش قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. گومىنداڭ تەرەپ ئۆزى ئىگەللىۋالغان ياكى قىسىمدىن ئىگەللىۋالغان شىنجاڭ خەنزۇ مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمىيىتىنى، خۇيزۇ مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمىيىتى، قازاق مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمىيىتى، موڭغۇل مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمىيىتى، مانجۇ مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلاردىن پايدىلىنىپ، خەنزۇ، خۇيزۇ، قازاق، موڭغۇل، مانجۇ ئاممىسىنى ئايرىم-ئايرىم يىغىپ، «ئەگەر ئىلى تەرەپ شىنجاڭدا ھوقۇق تۇتۇپ قالسا، باشقا ئازسانلىق مىللەتلەرگە كۈن بەرمەيدۇ» دەپ قۇتراتقۇلۇق قىلدى. ئۇندىن باشقا ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىدە ئىنقىلابى ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتى بولۇپ شىنجاڭ بىرلەشمە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كىيىن، بۇ تەشكىلاتنىڭ پائالىيەت دائىرىسى ئۈچ ۋىلايەتتىن گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى يەتتە ۋىلايەتكىچە تەرەققى قىلدى. بولۇپمۇ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردە ئەڭ كۆپ بولۇپ، گومىنداڭغا قارشى كۈرەش قىلىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى. گومىنداڭ تەرەپ ئۇلارنىڭ پائالىيىتى ۋە تەسىرىنى چەكلەش ئۈچۈن، 1947- يىلى 4-ئايدا «ئۈچ مەسلەك» ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ شوبە ئىتتىپاقى تەييارلىق ئورنى قۇردى. شىنجاڭ شوبە ئىتتىپاقى تەييارلىق ئورنى «ياشلار مۇلازىمەت كوپىراتىۋى» قۇرۇلۇپ، ئاھالىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بىرىمىز دېگەن نام بىلەن ياشلارنى قاتنىشىشقا جەلىپ قىلدى. «ياشلار ناخشا ئۇسۇل ئۆمىكى» قۇرۇپ، ياش ئارتىسلارنى ئويۇن قويۇشقا تەشكىللەش ئارقىلىق، بۇ تەشكىلاتنىڭ جەمىيەتتىكى تەسىرىنى كېڭەيتتى. ئۇندىن باشقا بۇ تەشكىلات يەنە بىر تۈركۈم لۈكچەكلەرنى يوشۇرۇن توپلاپ، ئۈچ ۋىلايەت تەرەپنىڭ كۈ چىگە زەربە بىرىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھرىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا چاتاق چىقىرىپ تۇردى.
1946- يىلنىڭ ئاخىرى، گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلاردا ئىچكى ئۇرۇش ۋە ئامېرىكا زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەركىتى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىدى. بۇ ئۈچ ۋىلايەتنىڭ كۈرەش ئىرادىسىگە زور دەرىجىدە ئىلھام بەردى. ئۇلار نامايىش قىلىش قاتارلىق قانۇنلۇق كۈرەش ۋاستىسى ئارقىلىق بىرلەشمە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىشلىتىشنى، ئۆزلىرىنىڭ بىرلەشمە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەيئىتىلىك سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدىكى كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان تۈرلۈك قارارلارنى ماقۇللاشقا مەجبۇر قىلىشنى پىلانلاشتى. 1947- يىلى 2- ئاينىڭ 20-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمىيىتى ئۇيغۇر ياشلار يىغىلىشى ئۆتكۈزدى. يىغىلىشتىن كىيىن نامايىش قىلىپ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت دەرۋازىسى ئالدىغا كىلىپ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە 30 نەچچە تۈرلۈك تەلەپ قويۇپ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ جاۋاپ بىرىشىنى تەلەپ قىلدى. 21-كۈنى نامايىشچىلار 5مىڭ كىشىگە كۆپىيىپ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە قويغان تەلەپ 55 كە يەتتى. ئۇلارنىڭ تەلىپىنىڭ يادروسى ــ مەركەز ئارمىيىسى شىنجاڭدىن چىكىنىپ چىقىپ كىتىش، ئاقسۇ، قەشقەردە مىللى ئارمىيە قۇرۇش، جايلارنىڭ ۋالىلىرىنى شۇ جايدىكى سايلام ئارقىلىق تولۇقلاش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 22-كۈنى ئەخمەتجان جاڭ جىجۇڭنىڭ شىنجاڭدا يوقلۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسلىك سالاھىيىتى بىلەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ جىددى يېغىنىنى چاقىرىپ، گومىنداڭ تەيىنلىگەن يەكەننىڭ ۋالىسى جوۋفاڭگاڭ، خوتەننىڭ ۋالىسى خاۋ دېڭباڭ(ئۇيغۇر)نى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش تەكلىپ لايىھىسىنى ماقۇللىدى. گومىنداڭ تەرەپ بۇنىڭدىن چۆچۈپ، نامايىشقا نامايىش، مۇراجىئەتكە مۇراجىئەت ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئۈچ ۋىلايەت تەرەپكە قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشنى قارار قىلدى. 2-ئاينىڭ 24-كۈنى گومىنداڭ تەرەپ ئۈرۈمچى شەھەر رايونى ۋە شەھەر ئەتراپ رايونىدىكى خۇيزۇ، قازاق ئاممىسىنى بىرلىشىپ نامايىش قىلىشقا كۈشكۈرتتى. ئەتىسى يەنە شىنجاڭ خەنزۇ مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 10 نەچچە مىڭ خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ ئاممىسى بىرلىشىپ نامايىش قىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە پۇخراچە كىيىنگەن ئاتلىق 5-كورپۇسنىڭ ئەسكەرلىرىمۇ بار ئىدى. نامايىشچىلار ئەخمەتجانغا 16 تۈرلۈك تەلەپ ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىنچاقلىغاندا، ئاساسلىقى ئۈچ ۋىلايەتتىكى جايلارنىڭ ئىمتىيازىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئۈچ ۋىلايەت تەرەپتىكى دۆلەت چىگرىسىنى دۆلەت ئارمىيىسى ساقلاش، ئۈچ ۋىلايەت تەرەپنىڭ قوراللىق كۈچىنى شىنجاڭ «تىنچلىق بىتىمى» بويىچە ئۆزگەرتىش .
غۇلجا ۋەقەسىدە بىگۇنا پۇقرالارنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنى قاتتىق جازالاش، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، مىللى كەمسىتىش ۋە ئۆچمەنلىكنى قۇترىتىشقا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. ئەخمەتجان سەھنىگە چىقىپ ئاممىغا سۆز قىلىۋاتقاندا، ئامما ئارىسىغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان بۇزۇق ئۇنسۇرلار ئالا تاغىل توۋلاپ، كاشىلا تۇغدۇرغاچقا، ئەخمەتجان ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ قىسمەن ھەيئەتلىرى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قورۇسىغا چېكىنىپ كىتىشكە مەجبۇر بولدى. بۇ چاغدا نامايىشچىلار قوشۇنى قالايمىقانلىشىپ، ئىككى تەرەپتىن بىر قانچە ئادەم يارىلاندى ۋە ئۆلۈپ كەتتى. سۇڭ شىلىيەن ۋەقەنىڭ يوغىناپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلغىلى بولماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لىيۇ يا جېنى نامايىشچىلارغا نەسىھەت قىلىپ تارقىتىۋېتىشكە ئەۋەتتى. ئۈرۈمچى گازنىزونىنىڭ قوماندانى لوشۇرېننى قوشۇن چىقىرىپ ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشكە بۇيرۇق قىلدى. 2-ئاينىڭ 26-كۈنى گومىنداڭ تەرەپ ژاندارما، ساقچى، بىرلەشمە ئامانلىق قوغدىغۇچى ۋە ئونبېشىلارنى چىقىرىپ ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدا نوپۇس ئىنىقلاپ، ئاق تىرورلۇقنى يولغا قويدى. 3-ئاينىڭ 5- كۈنى يەنە نوپۇس ئىنىقلسش نەمى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان نەنلىياڭدا خالىغانچە ئادەم تۇتقۇن قىلدى ۋە پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلدى. «25-فېۋرال ۋەقەسى» يۈز بەرگەن ئاخشىمى، سۇڭ شىلىيەن ئۈرۈمچىنىڭ ئەھۋالىنى جىياڭ جېشىغا دوكلات قىلدى ھەمدە ئۈرۈمچىدە ۋاقىتلىق ھەربى ھالەت يۈرگۈزۈش تەدبىرى قوللىنىشنى تەستىقلاپ بىرىشنى تەلەپ قىلدى. ئىككى كۈندىن كىيىن جىياڭ جېشى ئۈرۈمچىدە ھەربى ھالەت يۈرگۈزۈشنى تەستىقلاپ تېلىگرامما ئەۋەتتى. ھەربى ھالەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە ھەرقانداق ئادەمنىڭ نامايىش قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. يىغىلىش قىلماقچى بولسا ئالدى بىلەن شىنجاڭ گارنىزونىغا تەستىقلىتىش كېرەك دەپ بەلگىلەندى.
ئۈرۈمچىدە ھەربى ھالەت يۈرگۈزۈش بۇيرۇقى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى بىكار قىلىنغان بولسىمۇ، جەمئىيەت تەرتىۋىنىڭ تىنچلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن «توپلىشىپ نامايىش قىلىش يەنىلا ۋاقىتلىق مەنئى قىلىنىدۇ» دەپ بەلگىلەندى.
ئەمەلىيەتتە «تەشكىلاتقا تەشكىلات، تەشۋىقاتقا تەشۋىقات ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش» سىياسىتى گونىمداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئىجادىيىتى ئەمەس، بەلكى ئىچكىرىدە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىچكى ئۇرۇشقا قارشى ھەركىتىنى باستۇرۇشتىكى ئۇسۇلىنى شىنجاڭغا كۆچۈرۈپ كەلگەنلىكى ئىدى.
2. «دىموكراتىك سىياسى»نى چەكلەيدىغان ھۆججەت ۋە قانۇن لايىھىسىنى ئېلان قىلىش
ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «25-فېۋرال ۋەقەسى» نىڭ يۈز بېرىشى شىنجاڭغا قارىتىلغان سىياسەتنىڭ يۆنىلىشىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتتى.
ئالدى بىلەن جاڭ جىجۇڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتى ئۈستىدە قايتا ئويلاندى. جاڭ جىجۇڭ ئەسلىدە شىنجاڭدا ئاتالمىش «ئۈچ مەسلەك» بويىچە يېڭى شىنجاڭ قۇرۇش سىنىقى ئېلىپ بارماقچى ئىدى ھەمدە بۇنى نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان ئاقىلانە سىياسەت دەپ قارايتتى. لېكىن «25-فېۋرال ۋەقەسى» دىكى ساۋاق ئۇنىڭغا ئىلگىرى شىنجاڭدا قوللانغان سىياسەتنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى تونۇتتى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكىلەرمۇ ئىلگىرىكى نىسبى يۇمشاق سىياسەت ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشقا باشلىدى. ئاخىرى «يۇمشاق، كەڭ» سىياسەتنى قوللىنىپ «ئۈچ ۋىلايەت» تەرەپنىڭ سىياسى ھۇجۇمىنى توسىغىلى بولمايلا قالماستىن، بەلكى شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئارازلىقلارنى تۈگەتكىلى بولماي، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنىڭ بارغانسېرى كەسكىنلىشىپ كىتىدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتتى. گەرچە بۇ خىل قاراش خاتا بولسىمۇ، لېكىن جاڭ جىجۇڭنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسى قارىشىنى تەۋرىتىپ قويدى. شۇڭا، «25-فېۋرال» ۋەقەسىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تەسىرى ناھايىتى زور بولدى. 3-ئاينىڭ 16-كۈنى جاڭ جىجۇڭ ئىچكىرىدىن ئۈرۈمچىدىكى «غەربى بىنا» غا قايتىپ كىلىپلا ئاچچىقلاپ كەتتى. قوغدىغۇچىلارنى تىللاپ ئارقىدىنلا باش كاتىپ لىيۇ جىڭچۈننى ئارقىدىن يەنە سۇڭ شىلىيەن ۋە ئۈرۈمچى گارنىزونىغا مەسئۇل 46-دىۋىزىيىنىڭ باشلىقى لو شۇرېننى تىللاپ كەتتى. كۆپچىلىك بۇنىڭدىن شىنجاڭ ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشتى.
«25-فېۋرال» ۋەقەسى جاڭ جىجۇڭنى بىئارام قىلىۋەتكەچكە، ئۇنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان «دىموكراتىك سىياسى» سىياسىتىنىڭ بىۋاستە ئارقىسىغا يېنىپ كىتىشىگە سەۋەپچى بولدى. بۇ خىل چېكىنىش بىر ھۆججەت ۋە بىر قانۇن لايىھىسىدە ئەكىس ئەتتى. بىر ھۆججەت ــ «ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسى پوزىتسىيىسى ۋە مۇستەھكەم مەيدانى» نى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھۆججەتتە جاڭ جىجۇڭ غەربى شىمال ھەربى، مەمۇرى مەھكىمىسىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق ھەيئەتلىرىنىڭ نامىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى «تىنچلىق بىتىمى» ۋە «شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ پىروگراممىسى» شىنجاڭنىڭ تىنىچلىقىغا، قۇرۇلۇشقا يۈزلىنىشىگە كاپالەتلىك ئىككى گۆھەر، ئۇنى مەركىزى ھۆكۈمەت ۋە جىياڭ جېشى تەستىقلىغان. بۇ ئىككى ھۆججەت بىر تەرەپتن مەركەزنىڭ سىياسىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، يەنە بىر جەھەتتىن پۈتۈن ئۆلكىدىكى خەلقنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەگر بىرەرسى «تىنچلىق بېتىمى» ۋە « مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش پىروگراممىسى»غا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنسا، ئۇ مەركىزى ھۆكۈمەت ۋە پۈتۈن ئۆلكە خەلقىنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىدۇ. نۆۋەتتە شىنجاڭدا ئەڭ جىددى ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە تىنچلىق، تىنچلىق بولغاندىلا خاتىرجەم بولغىلى، خاتىرجەم بولغاندىلا قۇرۇلۇش قىلغىلى، قۇرۇلۇش قىلغاندىلا پۈتۈن ئۆلكە خەلقىگە بەخت ئېلىپ كەلگىلى بولىدۇ. شۇڭا، بىرەرسى تىنىچلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلسا ئۇ خەلىقنىڭ بەختىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان بولىدۇ. شىنجاڭنىڭ تىنىچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چوقۇم رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك پرىنسىپ ــ جۇڭگو سوۋېت ئىتتىپاقى دوسلۇقىنى كۈچەيتىپ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ھىمايە قىلىش، دىموكراتىك سىياسەتنى يولغا قويۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە جەمىيەتتىكى بىر تۈركۈم كىشىلەر دېموكراتىيە بىلەن چىقىشالمايدۇ. شۇنى بىلىش كىرەككى، « دىموكراتىيەنى بۇرمىلاشقا بولمايدۇ. ئەركىنلىكنىڭمۇ چېكى بولىدۇ. خەلىقنىڭ ئىرادىسىنى ئىپادىلەشتە قانۇندا بەلگىلەنگەن ھەر دەرىجىلىك خەلق رايى ئورگانلىرى بار. كىشىلەر ئۆزى تاللىغان ۋەكىلنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرالايدۇ. لېكىن خەلق رايى ئورگانلىرىنى ئىنكار قىلىپ، مەن خەلق ۋەكىلى دەپ خالىغانچە ئىش تۇتۇشقا بولمايدۇ خەلقنىڭ دۆلەتكە قارشى تۇرۇش ئەركىنلىكى ۋە باشقىلارنىڭ ئەركىنلىكىگە دەخلى تەزۇر يەتكۈزۈش ئەركىنلىكى يوق، مەسىلەن:2-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئاممىنىڭ نامايىش ئۆتكۈزۈپ مۇراجىئەت قىلىپ ھۆكۈمەتكە تەھدىت سېلىش، ھۆكۈمەتكە دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قاراش قىلمىشى؛ 2-ئاينىڭ 25-كۈنى نامايىش ئۆتكۈزۈپ مۇراجىئەت قىلىپ ئېچىنىشلىق دىلو يۈز بەردى. تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، تىنىچلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قۇتراتقۇلۇق قىلمىشلارنى قەتئى تۈزىتىش كېرەك. بىزنىڭ قەتئى پوزىتسىيىمىز شۇكى، ئىجابى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بىز «تىنچلىق بېتىمى» ۋە « مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش پىروگراممىسى» نى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئىزچىللاشتۇرىمىز. سەلبى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىز ئەڭ قاتتىق ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىلەرنى قوللىنىپ، «تىنچلىق بېتىمى» ۋە « مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش پىروگراممىسى» غا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئۇنسۇرلار ۋە ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سالغۇچىلارنى جازالايمىز» جاڭ داجۈن مۇنداق دېدى « بۇ ھۆججەتنى ئېلان قىلىشنىڭ مەقسىدى خەلققە ‹ئىبرەت› قىلىشتىن ئىبارەت » .
ئارقىدىنلا ھۆكۈمەت يەنە «تىنىچلىققا خەۋپ يەتكۈزۈش دىلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى »نى ئېلان قىلدى. بۇ «چارە» جەمئى يەتتە ماددا بولۇپ، ئاساسى مەزمۇنى مۇنداق :« تېنىچلىققا جەستەن خەۋپ سېلىپ، تىرورلۇق ھەركىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلار ئىچكى قالايمىقانچىلىق جىنايىتى بىلەن قاتتىق جازالىنىدۇ». تىنىچلىققا خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى تۆۋەندىكلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. « ئەمەلدار ۋە خەلقنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرگەنلەر ؛ ئاشكارا توپلىشىپ زوراۋانلىق قىلىپ، باشقىلار ياكى ئەمەلدارلار مەھكىمىسىگە دەخلى تەرۇز يەتكۈزۈپ، ئاممىۋى تەرتىپكە زىيان يەتكۈزگەنلەر؛ جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ تىرورلۇق ۋاستىسى ئىشلەتكەنلەر؛ پىتنە ئىغۋا تارقىتىپ، مىللەتچىلىك قىلىش توغرىسىدا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ، باشقىلارنى جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشقا قۇتراتقانلار؛ توپلىشىپ قوراللىق بۇلاڭچىلىق قىلغانلار ياكى باشقىلارنىڭ مال مۈلكى، ھاياتى ۋە ئەركىنلىكىگە دەخلى تەرۇز يەتكۈزگەنلەردىن ئىبارەت ». جاڭ دا جۈن مۇنداق دېدى:«بۇ چارىنى ئېلان قىلىشنىڭ مەقسىدى خەلقنى قانۇن جەھەتتىن جازالاش؛ بۇ چارە بويىچە چۈشەنگەندە ھەر قانداق گەپ سۆز، نەشرىياتچىلىق، توپلىشىش ياكى يىغىلىشنىڭ ھەممىسى« باشقىلارنى جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشقا قۇتراتقۇچىلار ياكى جامائەت تەرتىپىگە زىيان سالغۇچىلار » بولۇپ قېلىشى، يەنى تىنچلىققا خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ قەتئى باستۇرۇش قاتارىغا كىرگۈزۈلىشى مۇمكىن ئىدى. بۇ چارىنىڭ يول قويۇلىشى بىلەن ئەمەلىيەتتە «تىنچلىق بېتىمى» نىڭ 7-ماددىسى يەنى«زۆكۈمەت نەشرىيات، يىغىلىش، گەپ سۆز ئەركىنلىكىنى بېكىتىدۇ» ئەمەلدىن قالغان، شۇنداقلا يەنە « مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش پىروگراممىسى» دا بەلگىلەنگەن قانۇن خەلقنىڭ ئىدىيە، گەپ سۆز، نەشرىيات، ئۇيۇشما قۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەركىنلىكى ۋە ھوقوقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. » دېگەن ماددىسىمۇ ئەمەلدىن قالغان ئىدى. شىنجاڭ بىرلەشمە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت پارچىلانغاندىن كىيىن بۇ چارە « ئەمەلىيەتتە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ئاق تىرورلۇق يۈرگۈزىشىدىكى مۇھىم قانۇن ئاساسىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.
3. ئوسماننى ئاشكارە ۋە يوشۇرۇن قوللاش
ئوسمان ئالتاي قازاق چارۋىچىلىرى قوزغىلىڭىنىڭ ئەڭ مۇھىم رەھبىرى بولۇپ ۋو جۇڭشىن ئۇنى كۆپ قېتىم تەسلىم بولۇشقا ئۈندىگەن ئىدى. شۇڭا، جاڭ جىجۇڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسلىكىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغاندىن كىيىن، ئوسمان ئالتاي تېغىدىن ۋەكىل ئەۋەتىپ جاڭ جىجۇڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدى. جاڭ جىجۇڭ « مەن ئەينى ۋاقىتتا بەكمۇ تەڭلىكتە قېلىپ، نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئۇقمايلا قالدىم. مېنىڭچە ئوسمان ئالتاينىڭ ۋالىسى، ئىلى تەرەپنىڭ بىر قىسىمى شۇڭا مەن ئەخمەتجان، بورھان قاتارلىق ئىككى مۇئاۋىن رەئىسنى ئوسماننىڭ ۋەكىلىنى قوبۇل قىلىشقا تەكلىپ قىلدىم»دېدى. ئوسماننىڭ ۋەكىلى تىنچلىق بېتىمى ئىمزالانغاندىن كىيىن، ئالتاينىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىلەن ئالاقىلاشمىغانلىقىنى، شۇڭا سالامغا ئادەم كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئوسماننىڭ ۋەكىلى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالتاينىڭ يەرلىك قىيىنچىلىقىغا ياردەم بىرىشنى تەلەپ قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە قازاقلارنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرىۋاتقان ئابرويلۇق زاتلىرىدىن ئەلدىنۋاڭ، جانىمقان، سۇلايمان قاتارلىقلارنىڭ ئالتايغا قايتىپ كىلىپ خىزمەت قىلىشىنى، ئالتاي چىگرىسىدا تۇرۇشقا دۆلەت ئارمىيىسىدىن ئەسكەر ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى. كۆرۈشۈشتىن كىيىن بۇ ۋەكىل يەنە جاڭ جىجۇڭغا ۋاستىلىق ھالدا :«سوۋېت ئىتتىپاقى كۆكتوقاي ناھىيىسىگە ئادەم ئەۋەتىپ ۋولفىرام كانى قېزىۋاتقانلىقىنى، ئوسماننىڭ . ۇنىڭغا قارشى ئىكەنلىكىنى، قورال كۈچى ئارقىلىق ئۇلارنى قوغلاپ چىقارماقچى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا، چېگرا قاراۋۇل قىسىملىرى نامىدا قوشۇن ئەۋەتىپ ئوسمانغا ياردەم بىرىشنى ھەمدە قورال ياراق، ئوق دورا بىرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى مەخپى بىلدۈردى.
جاڭ جىجۇڭنىڭ نىمىلەرنى ئويلاپ، ئەخمەتجان بىلەن بۇرھاندىن ئىبارەت ئىككى مۇئاۋىن رەئىسنى ئوسماننىڭ ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلىشىدىن قەتئى نەزەر بۇ ئوبىكتىپ جەھەتتىن، ئوسماننىڭ ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنى قايرىپ قويۇپ، گومىنداڭ بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلىش مۇناسىۋىتىنىڭ ئاشكارىلىنىشى ئىدى. بولۇپمۇ ئوسماننىڭ دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ ئالتاي چىگرىسىغا كىرىشىنى تەلەپ قىلىشىغا ئىلى تەرەپ ھەرگىز سۈكۈت قىلالمايتتى. شۇڭا، ئوسمان بىلەن ئىلى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ياراشتۇرۇشنىڭ ھېچقانداق ئىمكانىيىتى يوق ئىدى. گومىنداڭ تەرەپ ئوسماننىڭ ۋەكىل ئەۋەتكەنلىكىگە كۆپ خىل خىياللاردا بولدى. بىر تەرەپتىن ئوسمانغا قورال ياراق، ئوق دورا ۋە باشقا ماددى بۇيۇم جەھەتتىن ياردەم بىرىپ «ئۇلارنىڭ زىددىيىتىدىن پايدىلىنىپ پارچىلاش» نى ئويلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىلى تەرەپنىڭ سىزىپ قېلىپ ئارىدا سۈركىلىش پەيدا بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئاسانلا ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتتى. شۇڭا، جاڭ جىجۇڭ قايتا قايتا ئويلىنىپ مۇنۇلارنى قارار قىلدى. «ئالدى بىلەن ئوسمانغا بەزى ئوق دورا ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىرىش، ئۇنى ئوسماننىڭ ۋەكىلى ئېلىپ كىتىش، سوۋېتنىڭ كۆكتوقاي ناھىيىسىدە ۋولفىرام كېنى ئېچىش مەسىلىسىدە كۈتۈلمىگەن ماجرا كىلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئوسمان قوراللىق ھەركەت قوللانماسلىق، چىگرىغا قوشۇن ئەۋەتىش مەسىلىسىدە «تىنچلىق بېتىمى» دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئۈچ ۋىلايەتكە تەۋە بىر قىسىمنى ئۈچ ۋىلايەت قوشۇنىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش مەسىلىسى بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەل قىلىش كېرەك، شۇڭا، ھازىرچە چىگرىغا قوشۇن ئەۋەتىشكە بولمايدۇ»
شىنجاڭ بىرلەشمە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىككى تەرەپ كۈرىشى كۈنسايىن كەسكىنلەشكەچكە، شىنجاڭ ۋەزىيىتىمۇ بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتاتتى. جاڭ جىجۇڭ بۇ مەسىلىدىكى بۇرۇنقى ئىككىلىنىش پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ « ئوسماننى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە قوللاپ قۇۋۋەتلەپ، ئوسماندىن پايدىلىنىپ، ئىلى تەرەپنى پارچىلاپ، ئىلىنىڭ بېسىمىنى ئازايتىشنى قارار قىلدى. « شۇنىڭ بىلەن جاڭ جىجۇڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت يېنىدا ئالتاي ۋالى مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمەت راسخوتىنى ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى ئارقىلىق ئەۋەتىپ بەرمەي بىۋاستە ئەۋەتىپ بىرىشنى ھەمدە ئالتاي ۋالىسىنىڭ تامغىلىق خېتىنى ئېلىپ كەلگەن ۋەكىللەرنىڭ ئېلىپ كىتىشىگە بىرىشنى شۇنداقلا ئالتاي ۋالى مەھكىمىسىگە ئاشلىق، رەخت، چاي ۋە باشقا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى بىرىشنى ئاشكارە ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جاڭ جىجۇڭ ھەربى تەرەپكە ئوسمان قىسىملىرىغا 4~3 يۈز مىلتىق، ئون نەچچە يېنىك ئاپتومات ۋە بىر بۆلۈك ئوق دورىنى مەخپى بىرىشنى تاپىلىدى. ھەربى ئىشلار باشقارمىسىغا (ھەربىي قوماندانلىق ئىدارىسىنىڭ شىنجفڭدا تۇرۇشلۇق جاسۇسلۇق ئورگىنى ). ئوسمان بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرۇش ئۈچۈن بىر تېلېگراف ئاپپىرىپ بېرىشكە بۇيرۇق چۈشۈردى. ئالتيغا قوشۇن كىرگۈزۈشتە گومنىنداڭ تەرەپ بۇنى ئويلىماي ئەمەس، بەلكى شۇ چاغدىكى ھەربىي كۈچىنىڭ يېتشىمەسلىكى، بولۇپمۇ تەمىنات قوشۇش جەھەتتىكى قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن بولدى قىلىدى.
جاڭ جېجۇڭنىڭ ئالتايغا بىۋاستە ماددى بۇيم ۋە راسخوت بېرىشى ئىلى تەرەپنىڭ نارازىلىقىنى قوزىماي قالمىاتتى. ئوسمانغا مەخپىي ھالدا قۇرال-ياراغ ۋە ئوق دورا جەھەتتىن ياردەم بېرىش ۋە تېلېگراف ئىستانسىنى تەسىس قىلىشمۇ ئىلى تەرەپنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمقايتتى. ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ نەزەرىدە ئوسمان گومىنداڭغا ئۈزۈل، كېسىل تەسلىم بولغان ئىدى. 1947- يىلى 2- ئايدا ئىلى تەرەپ ئۈچ ئاتلىق تۈەن ۋە زەمبىرەكچىلەر قىسمى ئالتايغا ھۇجۇم قىلىدى. ئەينى ۋاقتىتا ئوسماننىڭ مىڭدەك ئەسكىرى بولۇپ، مىللىي ئارمىيىنىڭ كەسكىن ھۇجۇمىنى توسۇپ قالالمايتتى. شۇڭا، ھەدەپ شىنجاڭ ھەربىي تەرەپكە تىلىگرامما يوللاپ ياردەم تەلەپ قىلدى. گومىنداڭ تەرەپ ئازغىنە ئەسكەر ئەۋەتسە ھىچنىمىگە دال بولالمايدىغانلىقىنى، بەلكى نابۇت بولۇپ كېتىش خەۋپىنىڭ بارلىقىدىن بىر دىۋىزيە ئەسكەر ئەۋەتسە تەمىنات جەھەتتە قىينىلىدىغانلىقىدىن ئىلى تەرەپ داۋاملىق ئەسكەر كۆپەيتسە شىنجاڭنىڭ تېنىچلىق ۋەزىيىتىنىڭ ئۈزۈل- كېسىل بەربات بولىدىغانلىقىدىن ئەگەر ئوسمان قوغلاپ چىقىرىلسا ياكى يوقىتىلسا گۇچۇڭ تەرەپ ھەرۋاقىت ئىلى تەرەپنىڭ ئالتايدىن جەنۇپقا ھۇجۇم قىلىش خەۋىرىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىدىن ئەنسىرىدى. شۇڭا، شىنجاڭ ئارمىيە تەرەپ ماشجىن لىيەننى بەيتىڭ تېغىدا تۇرۇپ زۆرۈر تېپىلغاندا ئوسمان بىلەن ئالاقىلىشىشقا ئېرىتتى. ئوسمان قەۋمىدىكىلەر بەيتېڭ تېغى ئەتراپىغا چىكىنگەندىن كېيىن، شىنجاڭ گارنىزونى ئۇنىڭغا قورال-ياراق، ئوق دورا ۋە باشقا لازىمەتلىكلەرنى ياردەم قىلىپ، كۈچى ئۈزلۈكسىز زورايدى. 1947- يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرىلىرىدا، ئوسمان قوشۇنى ئالتايدىكى مىللىي قوشۇنغا ھۇجۇم قىلىپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ چىڭگىل ناھيىسى ۋە كۆكتوقاي ناھيىسىنى ئىگەللىۋالدى. ئالتاي مىللىي ئاتلىق تۈەنى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى مۇڭغۇل خەلق جۈمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىگە چېكىندى. 9-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئوسمان ئالتاينىڭ سىياسىي مەركىزى گە ھۇجۇم قىلدى. ئۈچ ۋىلايەت تەرەپنىڭ خېفىڭنى ساقلاۋاتقان چۆچەك 2- ئايلىق تۈەنى غا ياردەمگە كېتىۋىتىپ يول ئۈستىدە ئوسمان قوشۇنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. 9-ئاينىڭ 16-كۈنى ئوسمان قوشۇنى غا ھۇجۇم قىلىپ كىردى. دەلىلقان ئاز ساندىكى ئادەملىرىنى باشلاپ جېمىنەيدىن سوۋېت چېگرىسى ئىچىگە چىكىندى. ئوسمان دا ئالتاي ۋالى مەھكىمىسى قۇرۇپ، ۋالى، ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ئەمەلدارلارنى تەيىنلىدى. ئارقىدىنلا ئوسمان يەنە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بۈرچىن ۋە قابا دەرياسىنى ئىگىلەپ پۈتۈن ئالتاي رايونىنى دېگۈدەك كونترول قىلىۋالدى. ئوسماننىڭ ئالتاينى بىسىۋىلىشى ئۈچ ۋىلايەت تەرەپكە غايەت زور ھەربىي تەھدېت ئىلىپ كەلگەنىدى. ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ بۇنىڭغا ھەرگىز قاراپ تۇرالمايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسى ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ ئالتايغا قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتتى. بىر تەرەپتىن چۆچەك 3-ئاتلىق تۈەنى بۆرۈلتوقاي ناھيسى بازىرىغا ئۇدۇل ھۇجۇم قىلىپ، ئېرىتىش دەرياسىنى بويلاپ شەرىققە قاراپ ھۇجۇم قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئاپتوموبىل بىلەن بورچىن ناھيىسى ئارقىلىق تاشيولنى بويلاپ غا ھۇجۇم قىلدى. 10-ئاينىڭ 18-كۈنى دەلىلقان قوماندانلىقىدىكى مىللىي ئارمىيە نى ئىشغال قىلىپ، ئالتاي ۋالىي مەھكىمىسىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى. ئوسمان قوشۇنى يەنە گۇچۇڭ تەرەپكە قاراپ چېكىندى. گومىنداڭ ئۈچ ۋىلايەت تەرەپنىڭ ئالتاينى قاتتىق ساقلايدىغانلىقىنى، خاس ئوسماننىڭ كۈچىگە تايىنىپلا ئالتايدا پۇت تىرەپ تۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. لېكىن بىۋاستە قوشۇن ئەۋەتىپ ئوسماننىڭ ئۇرۇش قىلىشىغا ياردەم بەرسە، شىنجاڭنى قايتىدىن ئۇرۇش ئوتى قاپلايتتى. ئىچكى ئۇرۇش ۋەزىيىتى ئېنىق بولمىغان مۇشۇنداق ئەھۋالدا شىنجاڭدا يىڭىۋاشتىن ئۇرۇش قوزغاش ئاقىلانلىق ئەمەس ئىدى. شۇڭا ئوسماننىڭ ئالتايدىن شاپائىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگونى پارچىلاش سۈيقەستىنى ئاز-تولا يۆگەپلا، شىنجاڭدا ئاتالمىش ‹‹يۈكسەك ئاپتومومىيە›› نى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلدى. لېكىن ئۇلارنىڭ بىر ئورتاق ئالاھىدىلىكى بار ئىدى. يەنى ئۇلار سوۋېتقا ئۆچمەنلىك بىلەن قارايتتى. روسىيە شەكىلدىكى ئىنقىلابتىن قورقاتتى ھەمدە ئىلى تەرەپنىڭ سىياسىي مەيدانىغا تۈپتىن قارشى مەيداندا تۇراتتى. شىنجاڭ تىنچلىق سۆھبىتى بولغاندا، جاڭ جىجۇڭ ئۇلارنى شىنجاڭغا باشلاپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ مىللىي سالاھىتىدىن پايدىلىنىپ ئىلى تەرەپنىڭ سىياسىي تەسىرىنى توسماقچى بولدى. شىنجاڭ بىرلەشمە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قوغلاپ چېقىرىلىشقا قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرماي بولمىدى.

4. مەسئۇدنى رەئىس قىلىپ تەيىنلەش
مەسئۇد، ئەيسا، مۇھەممەد ئىمىن قاتارلىقلار داڭلىق پان ئسلامىزىمچى، پان تۈركىسىزىمچىلار بولۇپ، ئۇلار تۈرك تىل سىستىمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ بىرلىشىپ مۇستەقىل ئىسلام دۆلىتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلاتتى. ئەينى چاغدا شىنجاڭدا ھۆكۈم سۈرگەن ياڭ زېڭشىن، چېن شۇرېن، شېڭ شېسەيلەر ئۇلارنىڭ بۇ سايىسىنى تەشەببۇسقا يول قويماي ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ چەتئەللەرگە قېچىپ كەتكەن. كېيىن ئۇلار گومىنداڭ كۈچلىرىنىڭ قۇرۇلغاندىن كېيىن، گومىنداڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئىچىدە ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ بىلەن قارىمۇ- قارشى مەيداندا ئىدى. بۇ ئەلۋەتتە گومىنداڭنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىشقا پايدىسىز ئىدى. جاڭ جىجۇڭ بۇرۇنلا مەسئۇد قاتارلىق كىشىلەردىن پايدىلىنىپ سوۋېت ئىتتىپاقىنى تۇتۇپ تۇرۇشنى ئويلىغان ئىدى. شۇڭا مەسئۇدنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن قوللاپ، مەسئۇد كۈچلىرى بىلەن ئەخمەتجان كۈچلىرىنى توقونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئىلى تەرەپنىڭ سىياسىي كۈچى ۋە تەشۋىقات ھۇجۇمىنى ئاجىزلاتماقچى بولدى. مۇشۇنداق بولغاندا گومىنداڭ ئىككى تەرەپنىڭ كەسكىن سىياسىي كۈرىشىدە ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە بولىۋىلىپ، سىياسىي ھوقۇق تالىشىش ئويۇنىنى ئويناپ چىقاردى.
گومىنداڭنىڭ بۇ نەيرىڭى ئىلى تەرەپنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى. ئۇلار شىنجاڭ خەلقىنىڭ گومىنداڭغا قارشى داغدۇغىلىق ئۇرۇشنىڭ شىنجاڭدىكى ئاساسىي مىللەت بولغان ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئوخشاش بولمىغان ئىككى گۇرۇھنىڭ سىياسىي كۈچ سىنىشىشقا ئايلىنىپ قېلىشىنى خالىمايتتى. مۇشۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئىيتقاندا، ئىلى تەرەپ مەسئۇدنىڭ شىنجاڭنىڭ رەئىسى بولۇشقا قارشى ئىدى. گەرچە ئىلى تەرەپ گومىنداڭنىڭ بۇ قارارىغا قەتئىي قارشى تۇرسىمۇ، لېكىن گومىنداڭ تەرەپ قىلچە يول قويمىدى. ئىلگىركى ھەربىي تەھدىت بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، ئىلى تەرەپنىڭ شىنجاڭدىكى سىياسىي ھەرىكەتلىرىنى سىياسىي جەھەتتىن توسماقچى ئىدى.
5. تۇرپان، پىچان، توقسۇن دېھقانلار توپىلىڭىنى باستۇرۇش
ئەخمەتجان قاتارلىق كىشىلەر ئىنقىلاپ ئىشلىرىنى شىنجاڭدىكى باشقا يەتتە ۋىلايەتكىچە قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، ۋالىي ۋە ھاكىملارنى كۆرسىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئەمەلىي كونترۇللىقدىكى رايونلارنى سىياسىي جەھەتتىن كېڭەشتى. گومىنداڭ كونتروللىقىدىكى يەتتە ۋىلايەت ئىچىدە تۇرپان بىلەن قەشقەر ئەڭ مۇھىم سىتىراتىگىيىلىك ئورۇنغا ئىگە بولغاچقا، ئەخمەتجان، ئابدىكىرىم مەخسۇتنى قەشقەرنىڭ ۋالىلىيلىقىغا، ئابدۇراھماننى تۇرپاننىڭ ھاكىملىقىغا كۆرسەتكەن ئىدى. تۇرپان قۇمۇل ۋە ئىچكىرگە تۇتىشىدىغان قاتناش يولىنىڭ بوغۇزى، شۇنداقلا گومىنداڭ قوشۇنىنىڭ مۇھىم تەمىنات بازىسى ئىدى. نۇرغۇنلىغان كىشلەر ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ كۆرسەتكەن ئابدۇراھماننى تۇرپاننىڭ ھاكىمى قىلىشقا قارشى تۇردى. لېكىن جاڭ جىجۇڭ ئۇنىڭ ئەخمەتجان ھاكىملىققا كۆرسەتكەن تۇنجى كىشى ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، رەت قىلىشقا ئامال قىلالماي قوشۇلۇشقا مەجبۇر بولغان. ئابدۇراھمان ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن، تۇرپان ناھىيىلىك ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنى مەركەز قىلىپ، ئاممىنى ئارمىيىنىڭ چېكىنىپ چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلشقا ھۆكۈمەتكە ئاشلىق سېتىپ بېرىشكە قارشى تۇرۇشقا قوزغىدى ھەمدە 2-3-قورغاننى بازا قىلىپ، يوشۇرۇن قوراللىق كۈچلەرنى مەخپىي تەشكىللەپ، قوراللىق ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىق قىلدى. 1947- يىلى6-ئايدا بەيتىڭ ۋەقەسى يۈز بىرىپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئەتراپىدىكى قىسمەن ھەربىي كۈچ گۇچۇڭ تەرەپكە يۆتكەلگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ تۇرپان، پىچان، توقسۇن ناھيىلىرىدە قوراللىق توپىلاڭ كۆتەردى. ئۈچ ۋىلايەت تەرەپنىڭ تۇرپان، پىچان، توقسۇن ناھيىلىرىدە دېھقانلار توپىلىڭى قوزغاشنى پىلانلاشتىكى سەۋەپ مۇبادا بۇ يەردىكى توپىلاڭ غەلبە قازىنىپ قالسا، جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شەرقىي شىنجاڭدا توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەسىر كۆرسەتكىلى، شۇندىلا ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچىگە قورشاپ بىۋاستە تەھدىت سالغىلى ھەمدە گومىنداڭنىڭ شېنجاڭدىكى قوشۇنلىرىنى ئۈچ بۆلەككە ئايرىۋەتكىلى بولاتتى. 7-ئاينىڭ 8- كۈنى پىچان ناھيىدىن 600 دىن ئارتۇق قوراللىق دېھقان لەمشىن ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، بارلىق ساقچىلارنى يوقىتىپ، بارلىق قورال ياراق ۋە ئات ئۇلاغلىرىنى غەنىمەت ئالدى. 10-كۈنى توپىلاڭچى دېھقانلار ياڭخەي ساقچىخانىسىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، بىر نەچچە ساقچىنى ئۆلتۈرۈپ ئاشلىق ئىسكىلاتىدىكى ھامىڭ كۈرەدىن ئارتۇق ئاشلىقنى بولاپ كەتتى. موشۇ توپىلاڭ غەلبىنىڭ ئىلھامى بىلەن تۇرپان، پىچان، توقسۇن ناھيىلەردىكى توپىلاڭچى دىھقانلار كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شەرقىي شىمالنىڭ قاتناش تۈگۈنى بولغان كۆمۈش ۋە سىڭگىم ئېغىزىدىن ھۇجۇم قىلدى. 12-كۈنى توقسۇندىكى قوراللىق دېھقانلار كۈمۈشكە ھۇجۇم قىلىپ، شۇ جايدا تۇرۇشلۇق 128-دىۋىزىيىنىڭ ئىككى لىيەنى بىلەن قاتتىق تىركىشىپ قالدى. ئەتىسى ئەتىگەندە، ئابدۇرۇاھمان مىڭدىن ئارتۇق توپىلاڭچى قۇشۇننى باشلاپ، 20نەچچە ئېغىر-يېنىك پىلىمۇت، 6-5 يۈز مىلتىق بىلەن قوراللىنىپ، سىڭگىم ئېغىزىدا تۇرۇشلۇق قىسىمغا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى. سىڭگىم ئېغىزىدا 78-كۇرپۇسقا قاراشلىق 176-دېۋىزىيىسىنىڭ بىر يىڭ ئەسكىرى بولۇپ، مۇستەھكەم ئىستىھكامىغا تايىنىپ قارشلىق كۆرسەتتى. كۈمۈش، سىڭگىم ئېغىزىدىن جىددىي خەۋەر كەلگەندىن كېيىن جاڭ جىجۇڭ ھايات- مامات ئىچىدە تۇرىۋاتقان تۇرپان، پىچان ۋە توقسۇن ناھيىسىنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق ئۈچۈن شېنجاڭ گارنىزوننىڭ باش قوماندانى سوڭ شىليەنگە: ‹‹قەتئىي باستۇرۇپ، ئۈزۈل-كېسىل تازىلاشتا سىزگە تولۇق ھوقۇق بەردىم›› دەپ يوليۇرۇق بەردى. سۇڭ شىليەن جاڭ جىجۇڭنىڭ يوليۇرۇقىغا ئاساسەن، جىددىي ھەربىي كېڭەش ئۆتكۈزۈپ، كۆمۈش، سىڭگىم ئېغىزىدىكى قوشۇننىڭ قەتئىي قارشلىق كۆرسىتىشنى بازىسنى ساقلاپ ياردەم كۈتۈشنى ئاتلىق 5- كورپۇنىڭ باشلىقى ماچېڭشىياڭغا توقسۇندا تۇرۇشلۇق يې چاڭشوۋ ئاتلىق تۈەنگە تىلىگرامما يوللاپ بىرقىسىم كۈچنى توقسۇن ناھىيە نازىرىنى ساقلاشقا قويغاندىن باشقا ئۆزى بىۋاستە ئاساسىي قوشۇننى باشلاپ سىڭگىم ئېغىزىغا بېرىپ توپىلاڭچى دېھقانلارنى باستۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈشنى، 78 كورپۇسنىڭ باشلىقى يې چېڭغا قۇمۇلدىكى 178- دىۋىزىيىسىنىڭ باشلىقى موۋورغا تىلىگرامما يوللاپ، ئىككى يىڭ ئەسكەرنى ئاپتوموبىل بىلەن سىڭگىم ئېغىزىغا ئەۋەتىپ يې چاڭشوۋ قوشۇنى بىلەن بىرلىكتە توپىلاڭچىلارنى يوقىتىشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈشنى قارا شەھەردە تۇرۇشلۇق 128- دېۋىزىيىنىڭ باشلىقى جۇڭ زۇيىنغا بىر نەپەر تۈەن باشلىقىنى قوشۇن باشلاپ كۈمۈشكە كېلىپ كۈمۈشتە تۇرۇشلۇق قوشۇن بىلەن بىرلىكتە توپىلاڭچىلارنى يوقىتىشقا، ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق 46-دېۋىزىيسىدىن بىر يىڭ پىيادە ئەسكەر چىقىرىپ، ئاپتوموبىل بىلەن تۇرپان- ئۈرۈمچى قاتناش يولىدىكى بوغۇز ھىساپلىنىدىغان داۋانچىڭ ئەتراپىدىكى تاغلىق رايوندا كۆرۈپ تۇرۇپ قېچىپ كەلگەن‹‹توپىلاڭچى›› لارنى تۇتۇشقا بۇيرۇق چۈشۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سۇڭ شىليەن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىكى قوشۇنلارغا ھەربىي ھالەتتە تۇرۇپ، توپىلاڭ كۆتۈرۈش ئەھۋالى بايقالغان ھامان دەرھال ئەسكەر چىقىرىپ باستۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. شىنجاڭ ھەربى تەرەپنىڭ ئەتراپلىق ھەربى ئۇرنلاشتۇرۇش سەرخىل، قۇدرەتلىك قورال كۈچى ھېچقانداق ھەربىي تەلىم ئالمىغان قورال- ياراقنىڭ تاينى يوق توپىلاڭچى دېھقانلارغا بەكمۇ ئارتۇقلۇق قىلاتتى. كۈمۈش تەرەپتىكى توپىلاڭچى دېھقانلار ئېغىر تىپتىكى قوراللارنىڭ مۇھاپىزىتى يوق ئەھۋالدا ئۆزىنىڭ باتۇرلىقىغا تايىنىپ، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ كۈرەش قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆلۈش، يارىلىنىش ئېغىر بولدى. 14-كۈنى 128-دىۋىزىسىنىڭ ياردەمچى قوشۇنى يېتىپ كېلىپ شۇ جايدا تۇرۇشلۇق قوشۇن بىلەن بىرلىكتە توپىلاڭچى ئاممىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتتى. سىڭگىم ئىغىزىدىكى توپىلاڭچى قوشۇننىڭ ئېغىر- يېنىك قوراللىرى بار، ھەربىي مەشىق كۆرگەن بولغاچقا ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك بولسىمۇ لېكىن گومىنداڭ قوشۇنىنىڭ مۇداپىئەسى مۇستەھكەم، ئاشلىق ۋە ئوق دورىلارنى يېتەرلىك سەپ ئالدىدا كۈچلۈك ھۇجۇم تورى ھاسىل قىلالىغان ئىدى. پىدائىيلار گەرچە ئېغىر چىقىم تارتقان بولسىمۇ، گومىنداڭنىڭ ھەربىي بازىسىنى كۆپ قېتىم تەۋرەتكەن بولسىمۇ لېكىن يەنىلا ئاخىرقى غەلبىنى قولغا كەلتۈرەلمىدى. 14-كۈنى يې چاڭشوۋ تۈەنى بىلەن قۇمۇل ياردەمچى قوشۇنى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، پىدائىيلار قوشۇنىنى غەرب بىلەن شەرىق ۋە ئىچكى- تاشقى جەھەتتىن مۇھاسىرىگە ئىلىۋالدى. پىدائىيلار مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ئايرىم -ئايرىم ھالدا ياڭخەي، 2-قورغان. 3-قورغان، ياغاچ ئازگال، سۇ باش قاتارلىق تەرەپكە قاراپ چېكىندى. سىڭگىم ئېغىزىدا تۇرۇشلۇق قوشۇن بىلەن ياردەمچى قوشۇن ئىز بېسىپ قوغلاپ كەلدى. پىدائىيلار قوشۇنى گەرچە تەشكىللىنىپ كىچىك دائىرىدە قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن‹‹ھېرىپ قالغان ئوق شايىدىن ئۆتەلمەپتۇ›› دىگەندەك ئاخىرىدا ئاران يۈزگە يەتمىگەن پىدائىي ئىلىغا چېكنىپ كېلەلمىدى.
تۇرپان، پىچان، توقسۇن توپلىڭى باستۇرۇلغاندىن كېيىن، مەسئۇد ھەربىي سىستىسىدىكى كىشلەرنى ھاكىملىققا، ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى. بۇ ساقچى ئىدارە باشلىقلىرى جاڭ جىجۇڭ ۋە سۇڭ شىلىيەندىن يوشۇرۇنچە تۇرپاندا نۇرغۇن كىشلەرنى قولغا ئادى ۋە بىر قىسىم كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلدى. ئۇندىن باشقا تۇرپان، پىچان، توقسۇن ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن جاڭ جىجۇڭ جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شەرقىي شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارغا رادىكاللارنىڭ مۇھىم ئەزالىرىنى ئېنىق تەكشۈرگەندىن كېيىن قولغا ئېلىش توغرىسىدا مەخپىي بۇيرۇق چۈشۈردى. جايلاردىكى كورپۇس، دىۋىزىيە، تۈەن باشلىقلىرى جاڭ جىجۇڭنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شەرقىي شىمالدا ئادەم تۇتۇش ھەركىتى ئېلىپ بېرىپ، قەشقەردىلا 50-40ئادەم، باشقا جايلاردا 30-20دىن ئادەمنى قولغا ئالدى.
يۇقارقىلاردىن گومىنداڭنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىدە بىر قەدەر قاتتىق سىياسەت قوللانغانلىقىنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ. لېكىن ئۇنىڭمۇ مۇئەييەن چېكى بار ئىدى. مەسىلەن: گومىنداڭ تەرەپنىڭ ئاخباراتىغا ئاساسلانغاندا، تۇرپان، پىچان توقسۇن دېھقانلار توپىلىڭىنى ئىلى تەرەپ يوشۇرۇن قوللىغان. ئەسىرگە چۈشۈپ توپىلاڭغا قاتناشقان كوماندىرلارنىمۇ ئىلى تەرەپ ئەۋەتكەن دېيىلگەن. لېكىن جاڭ جىجۇڭ تۇرپان، پىچان توقسۇن ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئىلى تەرەپكە چېتىلىپ قىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىپ، ئۇنى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقە سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىپ، ۋەقەنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ساقلاندى. ئوسمان ئالتاينى قايتا بېسىۋالغاندىن كېيىن گومىنداڭمۇ قوشۇن ئەۋەتىپ ياردەم بېرىشكە جۈرئەت قىلالمىدى. بۇنىڭدىن گومىنداڭنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ قاتتىلىق دەرىجىسىنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ ھەبىي توقۇنۇشىنى بىۋاستە پەيدا قىلغانلىقى بىلەن چەكلىنىدىغانلىقىنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ.

3§. شىنجاڭ بىرلەشمە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ يىمىرلىشى
ئىلى تەرەپ تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ مەسئۇدنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى بولۇشنى توسۇپ كەلگەنىدى. مەسئۇدنىڭ رەئىس بولغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ كوچىلىرىدا مەسئۇدقا قارشى تۇرىدىغان تەشۋىقات ۋەرەقلىرى ۋە شوئارلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى. جاڭ جىجۇڭ مۇئاۋىن رەئىس ئەخمەتجاننى بۇ قارارىنى قوبۇل قىلىشقا قايىل قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ لېكىن ئەخمەتجان ئۆلكە باشلىقىنى خەلق سايلىغانغا قەدەر يەنىلا جاڭ جىجۇڭنىڭ داۋاملىق ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىس بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، مەسئۇدنىڭ رەئىس بولىشىغا قەتئىي ئۇنىمىدى. جاڭ جىجۇڭمۇ يول قويماي، مەسئۇدنى رەئىس قىلىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقنىڭ چۈشۈپ بولغانلىقىنى ئەمدى ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېتىپ تۇرىۋالدى.
1947- يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، مەسئۇدنىڭ ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى ۋە ئۆلكىلىك كېڭەشنىڭ قورۇلغانلىق يىغىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلدى. ئىلى تەرەپ كېڭەش ئەزالىرى يىغىنىغا قاتنىشىشنى رەت قىلىش ئارقىلىق ئىتىراز بىلدۈردى. مەسئۇدنىڭ ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى ۋە ئۆلكىلىك كېڭەشنىڭ قۇرۇلغانلىق يىغىنى گەرچە كونا قائىدە بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ لېكىن يىنغىندا يەنىلا ئۇنداق- مۇنداق گەپ-سۆزلەر بولدى. قەشقەردىن كەلگەن ئۆلكىلىك كېڭەشنىڭ ئەزاسى ئوسمان ۋەكىللىك سالاھىيىتى بىلەن سۆز قىلىپ، شىنجاڭدا ئىلگىرى ئۈچ مەسلەك ئىجرا قىلىنمىغاچقا كۆپ قېتىم ئىنقىلاپ يۈز بەردى. رەئىس جاڭ جىجۇڭ شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن مەركەزگە ۋاكالىتەن ئۈچ مەسلەكنى يولغا قويدى. شۇڭا ئۆلكە رەئىسىنىڭ ئالماشلىقىنى ئۈمىت قىلىمىز. مەركەزدىن رەئىس جاڭ جىجۇڭنى قالدۇرۇپ قويۇشنى تەلەپ قىلىپ، رەئىس جاڭ جىجۇڭ ئۆز قولى بىلەن ئىمزالىغان شىنجاڭ ‹‹تىنچلىق بېتىمى›› ۋە ‹‹شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ پىروگراممىسى›› نى تولۇق ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز›› دېدى. ئوسماننىڭ گېپىنىڭ تېكىسىدە گەپ بولۇپ، تېگىدىن ئالغاندا مەسئۇدنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى بولۇشنى قوللىماييتى.
يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كېڭەش ئەزاسى ئوسمان قاتارلىق 40نەچچە كىشى جاڭ جىجوڭغا بىرىپ بىر پارچە ئوچۇق خەت يېزىپ مۇنداق دېدى: ‹‹بۇلتۇر تىنچلىق بېتىمىگە ئاساسەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەشتە بىر يىلدىن بۇيان بەزى يېڭى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ خىزمەتلەر پىلان بويىچە ئىشلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن تاھازىرغىچە تىنچلىق بېتىمى ۋە سىياسىي پروگراممىسىنى يولغا قويۇش جەھەتتە ئەمەلىيەتتە كىشىنى رازى قىلغۇدەك خىزمەتلەر ئىشلەنمىدى. خەلقنىڭ ئارزۇ-ئۈمىتلىرى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى. بېزنىڭچە، تىنچلىق بېتىمىگە ئاساسەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەشتە ئالدىنقى مەزگىللىك ۋەزىپىلەر تاماملىنىشتىن بۇرۇن ئۆزگەرتمەي ئۆز پېتى ساقلاپ قېلىش كېرەك. بۇنىڭغا قارىماي، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەيئەتلىرىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەھبىرىنى ئالماشتۇرۇش مۇۋاپىق ئەمەس. بىز تېنىچلىق بېتىمىگە ئاساسەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەشتە خەلققە جاۋاپكار بولۇش بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى، ئاساسىي قانۇن بويىچە رەئىسنى خەلق سايلاشتىن ئىلگىرى رەئىسنى ئۆزگەرتمەسلىكنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز. ›› جاڭ جىجۇڭ ئوسماننىڭ تەلىپىنى ئېنىق رەت قىلىپ مۇنداق دېدى: ‹‹تېنىچلىق بېتىمىگە رەئىسنى ئالماشتۇرغانغا ئىجرا قىلىشتىن توختاپ قالمايدۇ. تىنچلىق بېتىمىغا ئاساسەن مەركەز ئۆزى تەينلىگەن ھەيئەتلەرنى ئالماشتۇرۇشقا ھوقۇقلۇق. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور شۆھرەتكە ئىگە مەسئۇد ئەپەندىنى رەئىس قىلىش دەل شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلغان مۇۋاپىق تەدبىر مەركەزدىن بۇيرۇقنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ›› گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا قارىتا قاتتىق سىياسەت قوللانغانلىقتىن، ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ مەيلى شىنجاڭ بىرلەشمە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئىچىدە بولسۇن ياكى گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى يەتتە ۋىلايەتتە بولسۇن كۆپ ھەرىكەت قىلالمايتتى. شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئىچىدە گومىنداڭ تەرەپ ئۆلكە ھەيئەتلىرى ئىچىدىكى كۆپ سانلىق ئاۋازدىن پايدىلىنىپ، ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ لايھىيىسىنى ماقۇللاشقا ئىماكنىيەت بەرمەيتتى. ئۇندىن باشقا، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت يەنە ھەيئەتلەر تەكلىپ لايھىيە سۇنۇشتا ئالدى بىلەن كاتىبان باشقارمىسىنىڭ تەرجىمە قىلىپ تۈپلىشىگە يوللىشىنى بەلگىلىگەن بولۇپ بۇ ئەمەلىيەتتە گومىنداڭ تەرەپكە ئالدىن تەدبىر كۆرىۋىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىك ئىدى. ئۈچ ۋىلايەت تەرەپنىڭ لايھىسى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتە ماقۇللانغان تەقدىردىمۇ يەنە غەربىي شىمال مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ ئاخىرقى تەكشۈرۈپ بىكىتىشدىن ئۆتەتتى. ئۇلار بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ‹‹كېچىكتۈرۈپ بېجىرىش›› نامى بىلەن بۇ قارارنى ئېسىپ قوياتتى. ئەگەر مەسئۇدنى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە مەسئۇل قىلىپ قويسا، ئىلى تەرەپ ھۆكۈمەتنىڭ ھېچقانداق ئىش قىلالمايتتى. گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى يەتتە ۋىلايەتتە ئىلى تەرەپ ئىلگىرى ئاساسلىق جاڭ جىجۇڭ يولغا قويغان ‹‹يۇمشاق سىياسەت›› تىن پايدىلىنىپ قانۇنلۇق كۈرەش قىلىش شەكلى ئارقىلىق خەلقنى گومىنداڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا چاقىراتتى. لېكىن گومىنداڭ شىنجاڭغا قارىتا قاتتىق سىياسەتنى يولغا قويغاندىن كېيىن ھۆكۈمەت خەلقنى كونترول قىلشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىنى ئاق تىرۇرلۇق قاپلىدى. مەركىزى ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيىنىڭ جاسۇسلىرى ھەممە جايلارغا تارىلىپ، ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىشتى. خەلق ئاممىسى ھەدىسە دەشنام يەپ دېمى ئىچكى چۈشۈپ كەتكەنىدى. ئەگەر ئىلى تەرەپ گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلاردا سىياسىي تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئىلى تەرەپ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتە داۋاملىق قىلىۋەرسە گومىنداڭ ئۇلارنى ‹‹دىموكراتىك سىياسىي›› نىڭ قالقىنى قىلىۋالاتتى. ئەمما ئۈچ ۋىلايەت تەرەپكە ھېچقانداق پايدىسى يوق بولۇپ، ئەكسىچە گومىنداڭ تەرەپنىڭ ‹‹تىنچلىق بېتىمى›› گە تايىنىپ ئۈچ ۋىلايەتنى گومىنداڭ كونتروللىقىغا كىرگۈزىۋىلىشتىن ئىبارەت غايەت زور بېسىمغا دۇچ كېلەتتى. بۇنىڭدىن شىنجاڭ بىرلەشمە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ يىمىرلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى كرىۋىلىشقا بولاتتى. 1947- يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەخمەتجان ئالدى بىلەن قايتىپ كەتتى. ئۆلكىنىڭ باشقا ھەيئەتلىرىمۇ خوشلاشمايلا كېتىپ قالدى. شىنجاڭ بىرلەشمە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلىيەتتە پارچىلىنىپ كەتكەنىدى.
ئىلى تەرەپنىڭ چېكىنىشىگە گومىنداڭ تەرەپ يول قويىدىغاندەك قىلالمايتتى. 11-ئاينىڭ 16-كۈنى جاڭ جىجۇڭ ئەخمەتجان ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەيئىتى قوشۇمچە خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى لەشمىخانغا خەت يېزىپ، خېتىدە ئۆزىنىڭ سەۋرقىلغانلىقى ۋە يول قويغانلىقىنى يازغاندىن باشقا يەنە مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ۋەكىلى›› سالاھىيىتى بىلەن ‹‹ئۈچ ۋىلايەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىككى ئەپەندى›› نى سوراق قىلغان: بىرىنچى: ئىلى تەرەپ ھەيئەتلىرىنىڭ ھەممىسى قايتىپ كېتىپ، ‹‹تېنىچلىق بېتىمى››نى ئۆز ئالدىغا بۇزماقچىمۇ قانداق؟ ئىككىنچى، ئىلى تەرەپ تېنىچلىق بېتىمىنى ئۆز ئالدىغا ئىناۋەتسىز دەپ ئېلان قىلسا يەنە بىر قېتىملىق قوراللىق توپىلاڭغا تەييارلىق قىلىپ، پۈتۈن ئۆلكىسىنىڭ تېنىچلىقىنى بۇزماقچىمۇ قانداق؟ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا بەرگەن‹‹پۈتۈن ئۆلكىنىڭ تېنىچلىقىغا كاپالەت قىلىش›› ھەسىمىگە خىلاپلىق قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى، ھەققانىيەت ۋە قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچراشنى خالامدۇ؟- قانداق؟ ئۈچېنچى، ئىلى تەرەپنىڭ يۇقارقىدەك خىيالى بولمىسا، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەممە ھەيئەتلىرى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ بارلىق مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى كىڭىشىشنى خالامسىلەر؟›› 10-ئاينىڭ 16-كۈنى. ئەخمەتجان ۋە لەشىمخان جاڭ جىجۇڭغا جاۋاپ خەت يېزىپ، گومىنداڭنىڭ تىنچلىق بېتىمىگە ئەمەل قىلىغانلىقىنى ئەيىبلىدى ھەمدە ئۈرۈمچىگە قايتىش شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ‹‹①شىنجاڭ خەلق ئىچىدىكى تەرەققىپەرۋەرلەرنى بېسىش ۋە خارلاشنى تېزدىن مەنئىي قىلىش؛ ②مۇسۇلمانلار تەشكىلاتىدىكى بارلىق خادىملارنى قويۇۋىتىش، ئۇلارنى تۇتقانلارنى جازالاش؛ ③مەسئۇدنىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ ④ 1946- يىلى 6-ئايدا ئىمزالانغان بېتىمنىڭ بارلىق ماددىلىرىغا تولۇق رىئايە قىلىش›› .
ئىككى تەرەپنىىڭ خەتلىرىدىن قارىغاندا، ئىككىلا تەرەپ قارىشى تەرەپنى ئەيىپلىگەن. ھەمدە قىلچە يول قويۇشنى ئويلىمىغان. گومىنداڭ تەرەپ ئىلى تەرەپنىڭ ئالاھىدە بولىلىۋالماسلىقىنى تەلەپ قىلسا، ئىلى تەرەپ گومىنداڭدىن مەسئۇدنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاپ، ھەربى، ساقچى ئورگانلارنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي ئىختىلاپىنى دەرھاللىقىچە تۈپتىن تۈگەتكىلى بولمايتتى. بىر- بىرىنىڭ قايتىدىن ھەمكارلىشىش شەرتىنى ئورۇنلىيالايتتى. ئىككىلا تەرەپ ئىلگىركى ھەمكارلىقتىن نارازى بولۇپ، ئىلگىركى ھەمكارلىقنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكىمۇ قىزىقمايتتى. ئەلۋەتتە ئىككى تەرەپ يەنە مەسىلىنى ئۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى خالىمايتتى. چۈنكى ئىككىلا تەرەپ گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە ئاساسەن كېيىنكى سىياسەتلىرىنى تۈزۈشمەكتە ئىدى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيە ئوتتۇرىسدىكى مەسىلىنى تولۇق ھەل قىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ مەسلىىسىنى ھەل قىلىقا تۇتۇنغىلى بولاتتى. ئۈچ ۋىلايەت تەرەپكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ سەۋەبىدىن تۈپەيلىدىن ئۇلارمۇ ئۇرۇش قىلالمايتتى. چۈنكى سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ‹‹ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە يىقىندىن دىققەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ پۈتكۈل شىنجاڭغا بولغان تەسىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ھەرۋاقىت تەييار ئىدى.
ئىككىلا تەرەپ ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۈتىۋاتقاچقا نامدىكى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، ئۈزۈل – كېسىل ئايرىلىپ كېتىشنى خالىمايتتى. گومىنداڭ تەرەپنى ئېلىپ ئېيتساق، جاڭ جىجۇڭ خەت يازسا ئەخمەتجاننى يەنىلا مۇئاۋىن رەئىس، لەشىمخاننى مۇئاۋىن نازىر دەپ ئاتايتتى ھەمدە خەت –ئالاقە ئارقىلىق ئالاقىنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاپ كېلىۋاتاتتى. ئۈچ ۋېلايەت تەرەپتىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئەخمەتجان بىلەن لەشىمخان 1947- يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى جاڭ جىجۇڭغا يازغان جاۋاپ خېتىگە‹‹شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەيئىتى›› دەپ ئىمزا قويغان. 1948- يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى ۋە 1948- يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى جاۋاپ خېتىدە گەرچە‹‹شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەيئىتى›› دەپ ئىمزا قويمىغان بولسىمۇ، لېكىن باشقا سالاھىيەت بىلەنمۇ ئوتتۇرىغا چىقمىغان ئىدى. بۇ مەزگىلدە شىنجاڭ بىرلەشمە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت گەرچە بىرلىككە كەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۈزۈل – كېسىل پارچىلىنىپ كەتمىگەن ئىدى.
ئىزاھات
1. چۈنكى شىمالىي جوڭگۇ شەرقى شىمال ۋە تاشقى مۇڭغۇلىيە يېقىن بولغاچقا، ‹‹يالتا كېلىشىمى›› ۋە ‹‹جۇڭگو سوۋېت دوسلۇق ھەمكارلىق كېلىشىمى›› پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقى شىمالىدىكى ئالاھىدە ھوقۇق مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلالمايتتى. ئامرىكىلىقلارنىڭ شەرقىي شىمالغا كىرىشنى چەكلەش توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمىمۇ يوق ئىدى. شۇڭا سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ ئاشكارە قارشى تورالمايتتى. ئەمما ئامرېكا شەرق شىمالغا كرىپ قالسا، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىراق شەرقىگە زور تەھدىت پەيدا قىلاتتى. شۇڭا، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ شىمالىي جوڭگۇدا قۇرۇقلۇققا چىقىشىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا بولغان تەسىرى ناھايىتى زور بولغان.
جۇڭگو – سوۋېت شەرقى شىمال ئىقتىسادى ھەمكارلىق سۆھبىتىمۇ شۇنداق بولغان. سوۋېت ئىتتىپاقى ئامېرىكا كۈچلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقى شىمالىغا كرىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، شەرقى شىمالدىكى مۇھىم سانائەت – كان كارخانلىرىنىڭ مونوپول خارەكتىرلىك تىجارەت ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك ئىدى. لېكىن جىياڭ جېىشى ئامېرىكا كۈچلىرىدىن پايدىلىنىپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىشنى ئويلايتتى. شۇڭا جۇڭگو سوۋېت شەرقى شىمال ئىقتىسادى ھەمكارلىق سۆھبىتىدە 1945- يىلى 10-ئايدىن 1946- يىلى 3-ئايغىچە سوۋېت ئارمىيىسى شەرقىي شىمالدىن چىكىنگە قەدەر كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىغان.
2. دېڭ لىچۈن:‹‹شىنجاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنشنىڭ ئالدى- كەينىدە – جۇڭگو- سوۋېت مۇناسىۋىتىدىن بىر بەت››، ‹‹يىقىنقى زامان تارىخى تەتقىقاتى›› 1989- يىلى 5-سان.
3. شۆشىيەنتىيەن ئەپەندى مۇنداق قارىغان: جىياڭ جېشىنىڭ ‹‹جۇڭگو- سوۋېت دوستلۇق ھەمكارلىق كېلىشىمى›› دە زور قۇربان بېرىشىمدىكى سەۋەپ- ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگونىڭ ‹‹ئۈچ شىمال›› رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن ئىدى. يەنى شەرقىي شىمالدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشىدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى پۈتكۈل شەرقىي شىمال چىگرىسىنى ئىگەللىۋالغان. غەربىي شىمالدا شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشى بىلەن شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلغان، شىمال تەرەپتىكى تاشقى مۇڭغۇلىيە مۇستەقىل بولغان ئىدى. مۇنداق ئەھۋالدا‹‹جىياڭ جېىشى تاشقى مۇڭغۇلىيىدىن ۋاز كېچىپ، غەربىي شىمال بىلەن شەرقىي شىمالنى ساقلاپ قېلىش فاڭجېنىنى قوللاندى. يەنە تاشقى مۇڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقى شىمالىدىكى ئالاھىدە ھوقۇق-مەنپەئەتنى ئېتىراپ قىلىش بەدىلىگە سوۋېت ئىتتىپاقىنى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شەرق شىمال ۋە شىنجاڭدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغۇزدى›› شۆشىيەنتەننىڭ ‹‹ئۇرۇشتىن كېيىنكى شەرق شىمال مەسىلىسى ۋە جۇڭگو –سوۋېت مۇناسىۋىتىنىڭ يۈزلىنىشى››، ‹‹يىقىنقى زامان تارىخى تەتقىقاتى›› 1996- يىل 1-سان.
4. ‹‹ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك توپىلاڭنى تىنچىتىپ دۆلەت قۇرۇش ھەرىكىتى›› دەۋر نەشرىياتى 1947- يىل نەشرى. 1-2-بەت.
5. شوڭ شىلىيەن:‹‹شۇڭقار گېنېرال- سۇڭ شىلىيەننىڭ ئۆزى ھەققىدىكى بايانلىرى›› 220-بەت.
6. جاڭ جىجۇڭ:‹‹جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى››، 2-قىسىم 540-بەت.
7. چىن شىياۋيى تۈزگەن:‹‹جۇڭخۇا مىنگونىڭ مۇھىم تارىخى ماتىرياللارنىڭ دەسلەپكى تەھرىراتى- ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلى››نىڭ 7-قىسىمى. ‹‹ئۇرۇشتىن كېيىنكى جۇڭگو›› (1) تەيبېىي، گومىنداڭ مەركىزى كومېتىتى تۈزگەن. 1981- يىل نەشرى، 768-767-بەت. جاڭ جېجۇڭ:‹‹جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى››، 2-قىسمى، 421-420-بەت.
8. چېن چۈنخۇانىڭ تەرجىمىسى:‹‹سىتالىن بىلەن جىياڭ جىڭگونىڭ سۆھبەت خاتىرىسى›› (1946. 1 – 1945. 12 ) ج ك پ مەركىزى كومېتىتى پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى، مەركىزى كومىتېت ئارخىپخانىسى مەركىزى كومىتېت پارتىيە تارىخى نەشرىياتى تۈزگەن‹‹ج ك پ پارتىيە تارىخى ماتىرياللىرى›› 61-جىلسە، 19970يىل 3-ئاي.
9. شېن جىخۇا:‹‹جۇڭگو- سوۋېت ئىتتىپاقى ھەمكارلىقى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشى(1950-1944)
10. ، 11 12، ‹‹ئۇرۇشتىن كېيىنكى جۇڭگو›› (1) 757-بەت.
13. ‹‹ئۇرۇشتىن كېيىنكى جۇڭگو›› 755-بەت.
14. باي جېنشىڭ: [ياپونىيە] لى يۈەن شىنيى تۈزگەن:‹‹شىنجاڭنىڭ ھازىرقى زامان سىياسىي، ئىجتىمائىي تارىخى ھەققىدە›› 445-بەت.
15. باي جېنشېڭ[ياپونىيە] لى يۈەن شىنيى تۈزگەن‹‹شېنجاڭنىڭ ھازىرقى زامان سىياسىي، ئىجتىمائىي تارىخى ھەققىدە›› 447-بەت.
16. ‹‹سايلامنىڭ ۋاقتىدا تاماملىنىشىغا تىلەكداشمىز›› 1946- يىل 9-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› نىڭ باش ماقالىسى. ‹‹شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى›› نىڭ 3-قىسمى. 457-بەت.
17. شىنجاڭ ھۆكۈمىتى ناھىيىلىك كېڭەش ئەزاسى ۋە ھاكىملارنى خەلق سايلاش ئىشىنى ئېلىپ بېرىش داۋامىدا، ئون مەمۇرىي رايونغا بىردىن سايلامغا نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىشنى قارار قىلغان. ئالتاي ۋىلايىتى 6-نازارەت رايونىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ ۋىلايەتنىڭ قازاق مۇئاۋىن ۋالىيسى تۇ يۈ سايلامغا نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1946- يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى تۇيۈ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ دۆربىلجىن ناھيىسىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، ئۇ بىرگە ماڭغان ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ كاتىپى كې بىنچۈەن(قازاق) ۋە شۇپۇرى بىلەن ئۆلتۈرۋىتىلگەن. بۇ ۋەقەدە گومىنداڭ تەرەپ بىلەن ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ بىر- بىرىنى ئۆزىگە ھۇجۇم قىلدى دەپ ئەيىپلەشكەن. ئەخمەتجان: بۇ دىلودا تۇيۈ دۆربىلجىن كۇلۇبىدا كىنو قويۇۋاتقاندا، ئۈرۈمچىدىن ئەكەلگەن ئەكسىيەتچىل تەشۋىقات بويۇملىرىنى تارقاتقاچقا، غەرەز بىلەن ئامما ئۇنىڭ تۇرالغۇسىغا بۆسۈپ كىرىپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتكەن دىسە جاڭ جىجۇڭ: تۇيۈ تېنىچلىق بېتىمى، سىياسىي پروگرامما، سايلام ھۆججىتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىمزا قويغان ھۆججەتلەرنى ئېلىپ بارغان. ئۇلار ئەكسىيەتچىل تەشۋىقات بويۇملىرى ئەمەس. ئۇنى ئامما ئارىسىدا تارقىتىش قانۇنلۇق ھەركەت دېدى. جاڭ جىجۇڭ:‹‹ جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى›› 2-قىسىم 539-538-بەت.
18. سۇڭ شىليەن:‹‹شۇڭقار گېنېرال- سۇڭ شىلىيەننىڭ ئۈزى ھەققىدىكى بايانلىرى›› 216-بەت.
19. ئابدىكىرىم مەخسۇم. ئۇيغۇر، شىنجاڭ قەشقەردىن، چوڭ پومېشچىك. باي سودىگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدا تىجارەت قىلغان. پەرزەتلىرىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ، ئىلغار ئىدىيىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان. شېڭ شېسەي ۋاقتىدا تۈرمىگە سولانغان. 1945- يىلى ۋۇجۇڭشېن تەرىپىدىن قويۇۋىتىلىپ قەشقەرگە قايتىپ ئولتۇراقلاشقان. 1946- يىلى ئۈچ ۋىلايەت تەرىپىدىن قەشقەرنىڭ ۋالىيلىقىغا كۆرسىتىلگەن. كىيىنكى يىلى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان.
20. ئابدۇراخمان(1957-1901)، تولۇق ئىسمى ئابدۇراخمان مۇھىتى، ئۇيغۇر، شىنجاڭنىڭ تۇرپاندىن. 1934- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ ئوقۇغان. 1946- يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئۆزگەرتىپ شەكىللەنگەندىن كېيىن، ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ تۇرپاننىڭ ھاكىملىقىغا كۆرسەتكەن. 1947- يىلى تۇرپان، پىچان توقسۇن دېھقانلار توپىلىڭىنى قوزغاپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، يۈز نەچچە ئادەمنى باشلاپ مۇھاسىرىنى بۆسۈپ تاشلاپ تەڭرىتىغىنى بويلاپ ئىلىغا چېكىنگەن. 1949- يىلى 12-ئايدا، كومپارتىيىگە كىرگەن.
شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەيئىتى، قوشۇمچە خەلق ئىشلىرى نازىرى بولغان. كېيىن ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومېتىتى بىرلىكسەپ بۆلۈمنىڭ باشلىقى بولغان.
21، 22. سۇڭ شىليەن:‹‹شۇڭقار گېنېرال- سۇڭ شېليەننىڭ ئۆزى ھەققىدىكى بايانلىرى›› 221-بەت.
23. جاڭ جىجۇڭ: ‹‹جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى›› 2-قىسىم 534-بەت.
24. باي جېنشىڭ (ياپونيە ) لى يۈەن شىنىي تۈزگەن: ‹‹شىنجاڭ ھازىرقى زامان سىياسىي، ئىجتىمائىي تارىخى ھەققىدە›› 447-445-بەت.
25. جاڭ جىجۇڭ سۇڭ شىلىيەنگە مۇنداق دېگەن: يېڭى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىلى تەرەپ نۇرغۇن نامۇۋاپىق تەلەپلەرنى توختىماي ئوتتۇرىغا قويىۋاتىدۇ ھەمدە ياشلارنى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە كېلىپ مۇراجەت قىلىشقا، كوچىلاردا نامايىش قىلىشقا قۇترىتىپ، توختىماي غەۋغا چىقىرۋاتىدۇ. قارىغاندا ئۇلار ( ئىلى تەرەپنى دېمەكچى) سەمىمىي ئەمەستەك قىلىدۇ. كەلگۈسىدىن ئۈمىت كۈتكىلى بولمىغۇدەك›› شۇڭا، جاڭ جىجۇڭ ‹‹شىنجاڭدا ھەربىي كۈچ تولۇقلاش ئىنتايىن زۆرۈر›› دەپ قارىغان. چېن چىڭمۇ ئوخشاش كۆز قارشتا بولۇپ، ‹‹شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەقىقىي تىنچ ھەل قىلغىلى بولمايدۇ›› دەپ قارىغان. سۇڭ شىليەن: ‹‹شۇڭقار گېنېرال- سۇڭ شىليەننىڭ ئۆزى ھەققىدىكى بايانلىرى›› 220-218-بەت.
26. بۇ يېڭى ھەربىي سىتىراتىگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئۈرۈمچى مەركەز قىلىنىپ، ماناس دەرياسىدا ئۈچ ۋىلايەتكە قارىتا كۈچلۈك ھەربىي بېسىم ساقلاش شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ھەربىي كۈچنى توپلاپ جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شەرق شىنجاڭدىكى بىر قانچە سىتىراتىگىيىلىك مۇھىم ئورۇننى كونترول قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى. بۇنىڭدىن مەقسەت جىددىي ئەھۋالدا بىر- بىرىگە ھەمنەپەس بولۇپ ياردەم بەرگەندىن باشقا، يەنە سىتىراتىگىيىلىك ئارقا سەپنىڭ مۇقىم بولىشى ۋە ھەربىي تەمىنات لىنىيىنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئىدى. زور ھەربىي كۈچنى ئارقا تېرەك قىلغان بۇ يىڭى ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشتا ھۇجۇم قىلغىلىمۇ، مۇداپىئە كۆرگىلى بولاتتى. ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ شەكىللەندۈرگەن ھەربىي تەھدىتنى تۈگەتكىلى ھەم جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شەرقى شىنجاڭنى سىتىراتىگىيىلىك كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ ئۈچ ۋىلايەتنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتى.
27. شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى تارىخ تەتقىقات ئورنى تۈزگەن: ‹‹شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى›› 3-قىسىم 464-463-بەت.
28. جاڭ جىجۇڭ: ‹‹جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى›› 2-قىسىم. 443-442. 454. 500-بەت.
29. جاڭ جىجۇڭ شىنجاڭدا نىسپى يۇمشاق سىياسەت يۈرگۈزگەندە، قول ئاستىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. جىياڭ جېشى جاڭ جىجۇڭغا ‹‹سىزنىڭ بۈگۈنكى شىنجاڭ توغرىسىدىكى تەشەببۇسىڭىزنىڭ مىنىڭ تەشەببۇسۇم ئىكەنلىكىنى كۆپچىلىكنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ بۇيرۇققا بويسۇنۇش لازىملىقى››نى قول ئاستىدىكىلەرگە ئېيتىشنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭ ئۈچۈن جىياڭ جېشى جاڭ جىجۇڭغا ئۆز قولى بىلەن بۇيرۇق يېزىپ بەرگەن. جاڭ جىجۇڭ: ‹‹نۆۋەتتە شىنجاڭ مەسىلىسى ۋە بىزنىڭ تۈپ قارىشىمىز ھەم پوزىتسىيىمىز›› (مىنگونىڭ 36- يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق پارتىيە ھۆكۈمەت، ئارمىيىنىڭ مەسئۇللىرىغا قىلىغان سۆز›› جاڭ جىجۇڭنىڭ ‹‹70يىللىق ئەسلىمە›› دىن ئېلىندى. (قوشۇمچە خاتىرىسى) .
30. 1947- يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى قەشقەر ۋىلايىتىدىن كەلگەن ناھىيىلىك كېڭەش ئەزالىرى ۋە ھەرساھە ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرگە بېرىلگەن جاۋاپ:‹‹كۆپچىلىك تۈرلۈك زىددىيەتنى تۈگەتكەندىلا تېنىچلىقنى مۇستەھكەملەپ، قۇرۇلۇشنى باشلىغىلى بولىدۇ›› تاق قۇرلۇق نۇسخا، 16-14- بەت. جاڭ داجۈننىڭ ‹‹شىنجاڭدىكى بوران-چاپقۇنلۇق 70يىل›› دىن ئېلىنغان. 7382-7378-بەت.
31. باي جېنشېڭ (ياپونىيە) لى يۈەن شىنيى تۈزگەن: ‹‹شىنجاڭنىڭ ھازىرقى زامان سىياسىي، ئىجتىمائىي تارىخى ھەققىدە›› جۇڭگو ئىجتمائىي پەنلەر نەشرىياتى، 1992- يىلى نەشرى، 460-بەت.
32. ۋالىي مەھكىمىنىڭ تېلېفۇنىنى مۇراجىئەت قىلغۇچى ئامما كونترول قىلىۋالغاچقا، جاڭ جىجۇڭ سىرت بىلەن ئالاقىلىشالمىغان.
33، 35. سۇڭ شىليەن:‹‹شۇڭقار گېنېرال- سۇڭ شىليەننىڭ ئۆزى ھەققىدىكى بايانلىرى›› 256-بەت.
34. 225-224-بەت.
35. ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ يىغىلىش، نامايىش قىلىش، مۇراجىئەت قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل قانۇنلۇق كۈرەش ۋاستىلىرى ۋە ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەتنى گومىنداڭ كۈچلىرى كونتروللىقىدىكى خوتەن، يەكەن، قۇمۇل، ئۈرۈمچى قاتارلىق رايونلارنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى تاپشۇرۇپ، ئۈچ ۋىلايەت تەرەپدارلارنى ۋالى قىلىشقا مەجبۇرلىغان. بۇنداقتا، گومىنداڭ بىلەن ئۈچ ۋىلايەت تەرەپنىڭ شىنجاڭدىكى كۈچ نىسبىتىدە تۈپ ئۆزگىرىش بولۇپ، ئۈچ ۋىلايەت كونتروللىقىدىكى نوپۇس ۋە كۆلەم گومىنداڭنىكىدىن كۆپ ئېشىپ كېتەتتى. ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ يەنە ھەرقايسى رايونلاردىكى خەلقنى گومىنداڭ قوشۇنى بىلەن تىركىشىپ، ئۇلارنى شىنجاڭدىن چىكىنىپ چىقىشقا مەجبۇرلاشقا سەپەرۋەر قىلدى. شۇندىلا ئۈچ ۋىلايەت شىنجاڭدا ئىنقىلاپ قىلىپ غەلبە قازىنىش مەقسىدىگە يىتەلەيتتى. شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى تارىخ تەتقىقات ئورنى تۈزگەن‹‹شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى››نىڭ 3-قىسمى. 467-466-بەت.
36. ‹‹ئۇرۇشتىن كىيىنكى جۇڭگو›› (1)، 758-بەت.
37. سۇڭ شىليەن : ‹‹شۇڭقار گېنېرال- سۇڭ شېليەننىڭ ئۆزى ھەققىدىكى بايانلار››، 229-بەت.
38. . . . . . . . . . 232-بەت.
39، 40. جاڭ داجۈن:‹‹ شىنجاڭدىكى بوران – چاپقۇنلۇق 70يىل›› 7335-7334-بەت.
41. جۇڭگو خەلقى 8يىللىق ياپۇنغا قارشى ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، تىنچ مۇقىم سىياسىي مۇھىتقا ئىرىشىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى. لېكىن گومىنداڭ تەرەپ بىر پارتىيە مۇستەبىتلىكدە چىڭ تۇرۇپ ئامېرىكا جاھانگىرلىرىنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئىچكى ئۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويدى. بۇ مۇقەررەر ھالدا پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ تىنچلىق ۋە دىموكراتىيىنى تەلەپ قىلىپ، ئىچكى ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ھەركىتى تېز قانات يايدى. گومىنداڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىچكى ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ھەركىتى باشلىنىش ئالدىدا تەشۋىقاتقا تەشۋىقات، تەشكىلاتقا تەشكىلات، ھەركەتكە ھەركەت ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش تاكتىكىسنى قوللىنىپ بۇزغۇنچىلىق قىلدى ۋە باستۇردى. 1946- يىلى 2-ئايدا، چوڭچىڭ ۋە باشقا جايلاردا گومىنداڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئالداپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە كومپارتىيىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى. گومىنداڭ ئىشپىيونلۇق ئورگانلىرى بىر قاتار زوراۋانلىقلارنى پەيدا قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىچكى ئۇرۇشقا قارشى ھەركىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى.
42. جاڭ داجۈن: ‹‹شىنجاڭدىكى بوران- چاپقۇنلۇق 70يىل›› 7345-بەت.
43. . . . . . . . . 7336-بەت.
44. شۇنداق دەپ كۆرسىتىش كېرەككى، جاڭ جىجۇڭنىڭ گومىنداڭ ئىچىدىكى بىر قەدەر تەرەققىيپەرۋەر زات بولۇپ، ئۇنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتى تارىختا شىنجاڭدا ئۆتكەن باشقا ھۆكۈمرانلارنىڭ سىياسىتىگە ھەقىقەتەن ئوخشىمايتتى. جاڭ جىجۇڭنىڭ تەرەققىيپەرۋەرلىكى پۈتكۈل گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيپەرۋەر ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيتتى. چۈنكى ئۇنىڭ بەزى بىر ئىرادىسىنى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى چۈشەنمەيتتى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشمايتتى. يەنە بىر جەھەتتىن جاڭ جىجۇڭنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتى تېگى- تەكتىدىن ئېلىپ ئىېيتقاندا، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خېلى كۆپلىرى ئۇنىڭ ئىرادىسىگە بقىنمايتتى. جاڭ جىجوڭنىڭ ئىدىيسى، بۇرژىئازىيە سىنىپىنىڭ دېموكراتىيە ئىدىيىسى ۋە گومىنداڭ ھاكىمىيىتىنىڭ چەكلىمىسىدىن ھالقىپ كىتەلمەيتتى. شۇڭا، جاڭ جىجۇڭنىڭ ئاتالمىش‹‹دېموكراتىيە›› سى ھەققىدىكى مەنىدىكى دېموكراتىيە، ئاتالمىش‹‹مىللىي باراۋەرلىك›› ى ھەقىقىي مەنىدىكى مىللىي باراۋرلىك ئەمەس ئىدى. ‹‹25-فىئوۋرال ۋەقەسى›› پەقەت گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا قارىتىلغان ئاتالمىش‹‹دانا›› سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولۇشنى قانداقتۇر شىنجاڭدا ‹‹دېموكراتىيە›› ۋە ‹‹مىللىي باراۋەرلىك›› نى يولغا قويۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇنى بېلىش كېرەككى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن ئەھۋالدا، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭ خەلقىگە قانداقمۇ ھەقىقىي دېموكراتىيە ۋە مىللىي باراۋەرلىك ئاتا قىلالىسۇن؟
45. جاڭ جىجۇڭ يولغا قويغان بۇرژىئازىيە سىنىپىنىڭ ‹‹دېموكراتىك سىياسىي›› شىنجاڭ سىياسىتىنىڭ مۇقىم بولىشىنى ئىشقا ئاشۇرماستىن بەلكى، تەشكىلاتقا تەشكىلات، تەشۋىقاتقا تەشۋىقات ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش تاكتىكىسى ئارقىلىق قارشى تۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى. بۇ چارىنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ ئىدارىسىگە بېقىنمايدىغان، ئامالسىزلىقتىن چىقىرىلغان تاللاش بولۇپ، بۇ چارە شىنجاڭ جەمئىيىتىنىڭ داۋالغۇنىشىنى توسۇپ قالالماستىن، ئەكسىچە شىنجاڭدىكى مىللىي زىددىيەتنى تېگىپ كەتسىلا پارتىلايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويدى. ‹‹ 25-فىئوۋرال›› ۋەقەسىدىن كېيىن، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى دىنىي قائىدە بويىچە ئۈچ كۈن ئىچىدە مىيتنى ئۇزىتىشقا ئۇنىماي ئامما ناھايىتى غەزەپلىنىپ كەتتى. ئىلى تەرەپ ھۆكۈمەتنىڭ ‹‹ساختا تىنچلىق›› نى ئەيىپلەپ، خەلقنى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شەپقەتسىز ھۆكۈمرانلىقىغا داۋاملىق قارشى تۇرۇشقا چاقىردى. ئاز ساندىكى ياشلار ھەتتا سۈيى مۇزلىغان دەرياغا ئۆزىنى ئېتىپ يۇيۇنۇپ، گومىنداڭغا قارشى جان تىكىپ كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى. (جاڭ داجۈن ‹‹شىنجاڭدىكى بوران- چاپقۇنلۇق 70يىل ›› 7344-7343-بەتلەر) بۇ ئاقىۋەت جاڭ جىجۇڭنىڭ شىنجاڭنى تۈزەش جەھەتتىكى دەسلەپكى ئارزۇسىغا تۈپتىن زىت بولۇپ، ئۇنىڭ شىنجاڭنى تۈزەش جەھەتتىكى سىياسىي قارىشىنى تۈپتىن ئۆزگەرتمەي قالمايتتى.
46، 47، 48. جاڭ داجۈن:‹‹شىنجاڭدىكى بوران- چاپقۇنلۇق 70يىل›› 7337-بەت.
49. ‹‹شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ پىروگراممىسى›› 1946- يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ كومېتىتىنىڭ 2-يىغىنىدا ماقۇللانغان. بەزىدە‹‹سىياسىي پروگرامما›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
50. ‹‹ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىي پوزىتسىيىسى ۋە مۇستەھكەم مەيدانى›› (مىنگونىڭ 36- يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى) جاڭ جىجۇڭنىڭ ‹‹70يىللىق ئەسلىمىسى›› (قوشۇمچە خاتىرىسى)
51. جاڭ داجۈن:‹‹شىنجاڭدىكى بوران- چاپقۇنلۇق 70يىل›› 7344-بەت.
52. ‹‹شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ پىروگراممىسى›› نىڭ 2-ماددىسىدا مۇنداق بەلگېلەنگەن:‹‹ قانۇن خەلقنىڭ ئىدىيە، گەپ- سۆز، نەشىريات، يىغىلىش، ئۇيۇشما قۇرۇش، ئولتۇراق، كۆچۈش، سالامەتلىك، مال – مۈلۈك جەھەتتىكى تولۇق ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ›› جاڭ جىجۇڭ: ‹‹4جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى›› 2-قىسىم. 471-بەت.
53، 54. جاڭ جىجۇڭ: ‹‹ جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى›› 2-قىسىم. 536-535بەتلەر.
55. سۇڭ شىليەن: ‹‹شۇڭقار گېنېرال- سۇڭ شىليەننىڭ ئۆزى ھەققىدىكى بايانلار›› 241-بەت.
56. . . . . . . . . 243-241-بەت. 60. 1946- يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى ۋۇجۇڭشىن‹‹شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە›› دە جاڭ جىجۇڭ ئۇنىڭغا:‹‹مەن مەسئۇدتىن پايدىلىنىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرىمەن›› دىگەنلىكى خاتىرىلەنگەن.
57. سۇڭ شىليەن: ‹‹ شۇڭقار گېنېرال- سۇڭ شىليەننىڭ ئۆزى ھەققىدىكى بايانلىرى›› 220-219-بەتلەر. جاڭ داجۈن: ‹‹ شىنجاڭدىكى بوران – چاپقۇنلۇق 70يىل›› 7336-بەت : جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى›› 2-قىسىم. 659-658-بەتلەر. ئەمەلىيەتتە جاڭ جىجۇڭنىڭ مەسئۇت كۈچلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللاش خىيالىي بولۇپلا قالماستىن، بەلكى جاڭ جېشىنىڭمۇ شۇنداق خىيالى بار ئىدى. مەسىلەن: 1947- يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى. جاڭ جىجۇڭ مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق پارتىيە ھۆكۈمەت، ئارمىيە مەسئۇللىرىغا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن:‹‹ مەن كۆپچىلىككە بىر خەۋەرنى ئۇقتۇرۇپ قوياي، بۇ ئىشنى مەركەزدىمۇ ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەرلا بىلىدۇ. بۇ قېتىم مەن نەنجېڭغا قايتقاندا نۇرغۇن يولداشلار ئايرۇدۇرۇمغا چىقىپ مىنى كۈتىۋالدى ھەمدا كومىتېت باشلىقىنىڭ ماڭا مۇھىم بىر ئىشنى دەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەتىسى ئۆزۈم يالغۇز كومىتېت باشلىقىنىڭ تۇرالغۇسىدا غىزالاندىم. مەن كومىتېت باشلىقىنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىنى ئومۇمىي جەھەتتىن دوكلات قىلدىم. كومىتېت باشلىقى مەندىن: ‹‹شىنجاڭنىڭ رەئىسلىكىنى كىم قىلسا ياخشى بولار؟›› دەپ سورىدى. مەن جاۋاپ بەرمىدىم. كومىتېت باشلىقى يەنە: ‹‹ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە بىر رەئىس تاپقىلى بولامدۇ؟›› پالانى قانداقراق؟ دەپ سورىدى. بۇ ئىشنى باي مىنىستىر قاتارلىق بىر نەچچە كىشىلا بىلىدۇ›› دېدى. لېكىن ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى پالاننىڭ كىملىكىنى ئوچۇق ئىيتمىدى. لېكىن‹‹ جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى›› دىكى خاتىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئادەم مەسئۇدكەن، جاڭ جىجۇڭ مۇنداق دەيدۇ:›› ‹‹يىل بېشىدا (1947- يىلى بېشىنى كۆرسىتىدۇ) مەن نەنجىڭدا كومىتېت باشلىقى جىياڭ جېشىغا شىنجاڭ مەسىلىسىنى دوكلات قىلغاندا، ئۇنى تىلغا ئالدى. (مەسئۇدنى دېمەكچى) ھەمدە ‹‹شىنجاڭ ئۆلكىسىگە ئۇنى رەئىس قىلساق قانداق بولار؟ ›› دەپ سورىدى. جاڭ جىجۇڭ‹‹ نۆۋەتتىكى شىنجاڭ مەسىلىسى ۋە بىزنىڭ تۈپ قارىشىمىز ھەم پوزىتسىيىمىز›› (مىگونىڭ 36- يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە مەسئۇللىرىغا قىلىنغان سۆز›› ؛‹‹جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى›› 2-قىسىم 542-بەت.
58. جىياڭ جېشىنىڭ ئۆزى ھوقۇق توغرىسىدا مەخسۇس توختالغان بولۇپ، ئۇ سىياسىي تۇرمۇش پۈتۈنلەي ھوقۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان. ھوقۇقپەرەسلىك داۋامىدا‹‹ بۇنىڭ بىلەن بىرلىشىپ ئۇنى تىزگىنلەش›› ياكى ‹‹ ئۇنىڭ بىلەن بىرلىشىپ بۇنى تىزگىنلەش›› نىڭ ھىچقايسىسى كەم بولسا بولمايدۇ. ئەمما، مەيلى ئۇ ياكى بۇنىڭ بىلەن بىرلىشىپ، جاھان سورىغاندىن كۆرە، ئۇلارنى بىر- بىرى بىلەن ئۇرۇشقا سېلىپ، پايدا ئالغان تۈزۈك. [ياپونىيە] گۇۋۇكۈيئە . . جىياڭ زوڭتۇڭنىڭ مەخپىي خاتىرىسى›› 7-قىسىم 154-155-بەتلەر.
59. سۇڭ شىليەن: ‹‹ بۈركۈت گېنىرالى – سۇڭ شىليەننىڭ ئۆزى ھەققىدىكى بايانلار›› 262-بەت.
60. سۇڭ شىليەن:‹‹ بۈركۈت گىنىرالى- سۇڭ شىليەننىڭ ئۆزى ھەققىدىكى بايانلار›› 262-بەت. جاڭ جىجۇڭ تىلغا ئالغان سانلىق مەلۇماتلار بۇنىڭدىن كۆپ ئاز بولۇپ، جەمئىي 10نەچچە ئادەم، جاڭ جىجۇڭ :‹‹ جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى›› 2-قىسىم. 548-بەت.
61، 62. جاڭ جىجۇڭ :‹‹ جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى›› 2-قىسىم، 542-بەت.
63. ‹‹ئۆلكىلىك كېڭەش ھەيئىتى ئوسمان موللا قاتارلىقلارنىڭ جاڭ جىجۇڭغا يازغان خېتى ››، جاڭ جىجۇڭ :‹‹ جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى›› 2-قىسىم، 543-بەت.
64، 65. يۇقىرى كىتاب، 543-، 547-بەت.
66. تاسىيۆ : ‹‹ تاۋسىيۆنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى بايانلار››، خوتەن خەلق نەشرىياتى 1985- يىلى نەشىىرى، 84-بەت.
67. ‹‹جاڭ جىجۇڭنىڭ 1947- يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەخمەتجان، رېھىمجانغا يازغان خېتى››، جاڭ جىجۇڭ ‹‹ 70يىلىمدىن ئەسلىمە›› (قوشۇمچە خاتىرىسى).
68. ‹‹1947- يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەخمەتجان، رېھىمجانلارنىڭ جاڭ جىجۇڭغا يازغان جاۋاپ خېتى››، جاڭ جىجۇڭ : ‹‹70يىلىمدىن ئەسلىمە›› (قوشۇمچە خاتىرىسى)
69. جاڭ جىجۇڭ :‹‹ جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى›› 2-قىسىم 544-بەت.
70. ئەمەلىيەتتە گومىنداڭ ئۆزى قوزغىغان ئىچكى ئۇرۇشتا قەدەمدە بىر مەغلۇپ بولغان، شۇڭا ئۇلارنىڭ شىنجاڭدا چوڭ ئىش قىلالىغۇدەك قۇدرىتىمۇ يوق ئىدى. 1946- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، چىن چېڭ، سۇڭ شىلىيەنگە: كومپارتىيە ئارمىيىسى چاڭجىياڭنىڭ بۇ يىنىغا قىستاپ كەلدى، نەنجىڭمۇ تەھدىت ئىچىدە قېلىۋاتىدۇ، شۇڭا دەرھال قوشۇننى توپلاپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈش كېرەك. ‹‹شۇڭلاشقا دەرھال قوشۇننى توپلاپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈش كېرەك. ، ‹‹شۇڭلاشقا مەركەز ھازىر شىنجاڭغا ياردەم بىرەلمەيدۇ›› دېگەن (سۇڭ شىليەن :‹‹بۈركۈت گىنىرال- سۇڭ شىليەننىڭ ئۆزى ھەققىدىكى بايانلار›› 220-بەت. ) گومىنداڭ ئىچكى ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئۈستۈنلۈككە ئىرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئىچكى ئۇرۇشتا گومىنداڭنىڭ ئۈستۈنلىكىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ، تەبئىي ھالدا شىنجاڭدا باشقا جەڭ مەيدانى ئىچىشنى خالىغان. ئۇلار پەقەت ئۈمىتنى ئىچكى ئۇرۇشتا ئۈستۈنلىكنى ئىگەللەشكە باغلاپ، ئىچكى ئۇرۇشتا ئۈستۈنلۈك ئىگەللەشتىن بۇرۇن ئۈچ ۋىلايەتكە قوراللىق سىياسەت قوللىنىشقا مەجبۇر بولغان.
71. مۇشۇ مەزگىلدە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈچ ۋىلايەتكە بولغان تەسىرى يەنىلا زور بولغان. مەسىلەن شىنجاڭ تىنچلىق بېتىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن، ‹‹ غۇلجىدىكى بىرىنچى نۇمۇرلۇق ئۆي، ئىككىنچى نۇمۇرلۇق ئۆي دەپ نام بىرىلگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى، ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ نازارەت، ئىدارىلىرىدىكى مەسلىھەتچىلەر ۋە ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى ئىۋان ياكنىۋىچ پىرونوف قاتارلىقلار بۇيرۇق بويىچە دۆلىتىگە قايتقان. : بىراق، 1947- يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا،
‹‹ئۈچ ۋىلايەت تەرەپنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن، سوۋېت ئىتتىپاقى يەنە غۇلجىغا مەخپىي ھالدا ئەخمەتجان قاسىمنىڭ 2-ئىشخانىسى نامىدا مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى ئەۋەتكەن. بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ئۈچ ۋىلايەتكە بولغان تەسىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇندىن باشقا، شىن جىخۇا ئەپەندىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولغان، يەنى ئۇلار بىرلەشمە ھۆكۈمەت ۋە تىنىچ ۋەزىيەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭنى تىزگىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىگە يىتەلمىگەن ئەھۋالدا، ئۇلار ‹‹ نىشانىنى ۋاقتىنچە ئۈچ ۋىلايەتنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىشنى ئاساس قىلىش، ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىشقا قاراتقان. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، بۇ چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئۇرۇش قوزغىشىنى قوللىمايتتى. مۇبادا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۈچلۈك قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالسا، ئۈچ ۋىلايەتتىكى 30مىڭغا يېقىن قورال كۈچ، گومىنداڭنىڭ 100مىڭغا يېقىن ئارمىيىسىگە تاقابىل تۇرالمايتتى. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى›› گە قاراڭ. شىن جىخۇا‹. جۇڭگو سوۋېت ئىتتىپاقى ھەمكارلىقى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر( 1944- 1950) ؛ سوڭ شىليەن: ‹‹بۈركۈت گىنىرال- سۇڭ شىليەننىڭ ئۆزى ھەققىدىكى بايانلار›› 206-بەت.
72. شىن جىخۇا:‹‹ جۇڭگو – سوۋېت ئىتتىپاقى ھەمكارلىقى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسەتلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر ( 1944- 1950).
73. ‹‹1947- يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى رەھبەرلىرىنىڭ جاڭ جىجۇڭغا يازغان جاۋاپ خېتى›› ‹‹1948- يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى، رىھىمجانلارنىڭ جاڭ جىجۇڭغا يازغان جاۋاپ خېتى›› ‹‹1948- يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى، رىھىمجانلارنىڭ جاڭ جىجۇڭغا يازغان جاۋاپ خېتى›› جاڭ جىجۇڭنىڭ ‹‹70يىللىق ھايات ئەسلىمىسى›› گە قارالسۇن.
1som
Posted: 2007-11-25 14:26 | 1 -قەۋەت
Boran
دەرىجىسى : شەرەپلىك ئەزا


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-05
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

داۋامى:
تۆتىنجى باب شىنجاڭنىڭ كۈچلۈك
سىياسىتىنىڭ يىڭىباشتىن
ئاجىزلىشىشى

1-بۆلۈم شەرقىي تۈركىستان مەزھىپى ۋە ئۇنىڭ شىنجاڭنىڭ
سىياسىي سەھنىسىدىكى ئىپادىسى
ئۇيغۇرلار- شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە مۇتلەق كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدۇ. ھەمدە شىنجاڭنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدا ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. لېكىن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۈچ ۋىلايەت مەزھىپى، شەرقىي تۈركىستان مەزھىپى ۋە كونسېرۋاتىۋلار مەزھىپى قاتارلىق مەزھەپلەر بولۇپ، [1] ھەممىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئىجتىمائىي ئاساسىي بار ئىدى. ئۈچ ۋىلايەت مەزھىپى- ئەخمەتجان قاسىمى، ئابباسوۋ [2] قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە سوۋېتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇلار سوۋېت بىلەن يېقىن ئۆتۈپ، سوۋېتقا تايىنىپ، گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى قەتئىي تەشەببۇس قىلاتتى. ئۈچ ۋىلايەت مەزھىپىنىڭ داھىسى ئەخمەتجان قاسىمى ‹‹كۈچلۈك چاقىرىق كۈچى ۋە ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە ئىدى›› [3] گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىدىن نارازى بولغان ئامما، سوۋېت سوتسىيالىزىم ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ياشلار، بولۇپمۇ سوۋېتتا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار شۇنداقلا شېڭ شىسەي سوۋېت بىلەن يېقىن ئۆتكەن مەزگىلدە ‹‹ئالتە چىڭ سىياسەت›› تەرىپىدىن تاۋلاپ چىقىلغان شىنجاڭ شۆيۈەن قاتارلىق مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇنى ھىمايە قىلاتتى. [4] شەرقى تۈركىستان مەزھىپى مەسۇد، مۇھەممەت ئىمىن، ئەيسا قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى پان تەركىسىزىمچىلار مەزھىپىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار شۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا زەربە بەرگەن بولسىمۇ، سوۋېتچە ئىنقىلابتىن قورقۇپ، سوۋېتتىن ئېھتىيات قىلاتتى. شۇڭلاشقا باشتىلا شىنجاڭنى جۇڭگودىن ئايرىپ مۇستەقىل قىلىشنى تەشەببۇس قىلماي، مىللىي ئاپتونومىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. لېكىن ئۇلار شىنجاڭدا مەلۇم تەسىرگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، تەدرىجىي خەنزۇلارغا ۋە مەركەزگە قارشى چىقىپ ‹‹يۈكسەك ئاپتونومىيەنى تەشەببۇس قىلدى›› [5]. گەرچە شەرقىي تۈركىستان مەزھىپىنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىي ئاجىز بولسىمۇ، لېكىن مەسۇد قاتارلىقلار قولىدىكى ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ، بىر تۈركۈم مۇرتنى تەربىيلەپ چىقتى. كونسېرۋاتىۋلار مەزھىپى-ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى فىئۇداللاردىن ساھەسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ۋەكىللىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كىشىلەر مەنپەئەتلەنگۈچىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىزىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، گومىنداڭ ھۈكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىش كويىدا بولغان. بۇ مەزھەپتە ۋەكىللىك خارەكتىرگە ئىگە شەخسلەر بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىن قۇمۇلنىڭ ۋالىيسى يولۋاس، خوتەننىڭ ۋالىسى خې دىڭباڭ قاتارلىقلار بار ئىدى. كونىسېرۋاتىۋلار مەزھىپى شىنجاڭدا مەلۇم ئىجتىمائىي ئاساسقا ئىگە ئىدى. چۈنكى شىنجاڭدىكى فېئودال ئالاھىدە كۈچلۈك بولۇپ ‹‹ئادەمنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنى ئۇلارنىڭ ئىختىسادىي مۇناسىۋىتى ئارقىلىق بەلگىلىنەتتى. پۇلى بارلار كۈچلۈك ئىدى. كىم باي بولسا شۇنىڭ جەمىئيەتتىكى ئورنى-يۇقىرى ئىدى›› دىن زاتلارنىڭ كۈچىمۇ ئىنتايىن زور ئىدى[6]. شىنجاڭدىكى باشقا مىللەتلەر ئىچىدە ئومۇمەن ئالغاندا ئۈچ ۋىلايەت مەزھىپى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەزھىپىدىكىلەرنىڭ كۈچى نىسبەتەن ئاجىز ئىدى. كونېسرۋاتىۋلار مەزھىپىنىڭ كۈچى ئەڭ زور ئىدى. كونسېرۋاتېۋلار مەزھىپىدە يەنە ۋەكىللىك خاراكىتىرىگە ئىگە كىشىلەردىن قازاق مىللىتىدىن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە مۇئاۋىن باش كاتىپ سالىش [7] قاتارلىقلار. خۇيزۇ مىللىتىدىن شىنجاڭ ئۆلىكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى قوشۇمچە خەلق ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى ۋاڭ زېڭشەن قاتارلىقلار، مۇڭغۇل مىللىتىدىن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى قوشۇمچە ئىجتىمائىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋېىن باشلىقى ئېردبىر قاتارلىقلار بارئىدى. دىخۇادىكى ‹‹25-فېۋرال ۋەقەسى›› قازاق، خۇيزۇ، خەنزۇ كونسېرۋاتېۋ كۈچلىرىنىڭ چوڭ بىرلىشىشى ھېسابلىنىدۇ [8].
جاڭ جىجۇڭ بىلەن ۋۇجۇڭشىننىڭ ئېلى سىياسىتىدىكى مۇھىم پەرق. ۋۇجۇڭشىن شەرقىي تۈركىستان مەزھىپىدىكىلەرنى ئىشلىتىشكە قەتئىي قارشى ئىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە بۇ مەزھەپتىكىلەر مەركەزدىكىلەرگە ياخشى بولۇش ئۈچۈن كۆپ يىللاردىن بىرى سوۋغا-سالام يوللاپ تۇرسىمۇ، ئەكسىچە شىنجاڭدا بۆلگۈنچىلىكنى قۇتراتقان[9] بولغاچقا ئىشىنىشكە بولمايتتى. ۋۇجۇڭشىن كونسېرۋاتىۋلارنى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلاتتى. چۈنكى ئۇلار گومىنداڭغا چەكسىز سادىقلىق بىلەن تايىناتتى. ئالا كۆڭۈللۈك قىلمايتتى. جاڭ جىجۇڭ مەسئۇد قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان مەزھىپىدىكىلەرنى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلاتتى. ئۇ شەرقىي تۈركىستان مەزھىپىدىكىلەرنى شىنجاڭنىڭ سىياسىي سەھنىسىگە چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ ھەدىسىلا ‹‹دىموگراتىيە›› دىن ئېغىز ئېچىشى ۋە سوۋېتقا ئۆچمەنلىك بىلەن قارايدىغان سىياسىي مەيدانىدىن پايدىلىنىپ [10]. شىنجاڭنى شىنجاڭلىقلار ئىدارە قىلىش بايرىقى ئاستىدا شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى پارچىلاش مەخسىتىگە يەتمەكچى بولغان[11]. ئەلۋەتتە گومىنداڭمۇ ئۆزى بىلەن بۇ مەزھەپ ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ئىختىلاپدىن كۆرۈپ يىتىپ، ئۇلار بىلەن مەلۇم سىياسىي رامكا ئىچىدە ھەمكارلاشقان[12]. بىراق جاڭ جىجۇڭ شەرقىي تۈركىستان مەزھىپىنى قوللاش بىلەن بىرگە، كونسېرۋاتىۋلارنى گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ مۇھىم ئىجتىمائىي ئاساسىي قىلغان. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى- جەمئىيەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئاساسىنى كېڭەيتىشتىن سىرت، سىياسىي مەقسەتنى چىقىش قىلغان. يەنى ‹‹دىموكراتىك سىياسەتنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى›› ‹‹ئۆكتىچىلەر پارتىيىسىنى ۋە ياتلارنىمۇ سىغدۇرۇش›› نى ئويلاشقان. شۇڭلاشقا ئۇ ‹‹شىنجاڭنى بىر مەزھەپتىكىلەرلا كونترۇل قىلماسلىقى كېرەك، بەلكى دىمۇكراتىك ئۇسۇلدا رەھبەرلىك قىلىش لازىم›› دەپ قارىغان[13].
مەسئۇد سەھنىگە چىققاندىن كېيىن، ئاساسىي جەھەتتىن گومىنداڭنىڭ ۋەكىلىگە ئايلاندى. ئۇ قولىدىكى ھوقۇق ۋە تەشۋىقات قورالىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ھەممىلا جايدا ئۈچ ۋىلايەت تەرەپتىكىلەر بىلەن قارشىلىشىپ كەلدى. ئۇلار ئۈچ ۋىلايەت مەزھىپىدىكى زاتلارنى ‹‹قىزىللار، ئادايلار›› ‹‹دائىم رەستىدە ھاراق ئېچىپ چاتاق چىقىرىدۇ›› سوۋېتلىق مۇھاجىرلار ۋە ئىللىقلارنى قامىدى، ئۇردى دەپ تىللايتتى[14]. گەرچە مەسۇد قاتارلىقلار شىنجاڭدىن ئايرىلغىلى كۆپ يىللار بولغان. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەگەشتۈرگۈچىلەر ئاز. شىنجاڭدىكى كۈچى زور بولمىسىمۇ [15] ئۇ، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. بۇنىڭ بىلەن گومىنداڭ مەلۇم جەھەتتىن مەقسىتىگە يەتتى. مەسۇد ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللەردە شىنجاڭ گېزىتلىرىنىڭ ماھىيىتى ئۆزگۈرۈپ، قانخۇرلۇق ۋەھشىيلىك تېمىسىدىكى نەرسىلەر كۆپىيىپ كەتى. ھەتتا ‹‹ ›› دېگەن تېمىدا باش ماقالە ئېلان قىلىنىپ، خەلقنىڭ قارشىلىقىنى قوراللىق باستۇرۇش تەشەببۇس قىلىندى. [7] گومىنداڭ ئۇنىڭ بۇ خىل ئىپادىسىدىن ھەر ھالدا رازى ئىدى. بىراق رازى بولمايدىغان تەرەپلەرمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. مەسىلەن، مەسئۇد شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتكەن مەزگىلىدە، ‹‹جاھىل، ئىقتىدارسىز›› بولۇپلا قالماي، ‹‹پۈتۈنلەي ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭلا ھىمايىسىگە تايىناتتى›› [18]، ئۇنىڭ ئۈستىگە پان تۈركىسىزىم ئىدىيىسى ھەددىن ئېشىپ، شىنجاڭدا ئاشكارە ھالدا جۇڭگوغا بۆلگۈنچىلىك قىلىش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللاندى.
1948- يىلى 10-ئايدا جاڭ جىجۇڭ ئۆزىنىڭ نامىدا مەسۇد ۋە ئەيساغا بىر پارچە خەت يېزىپ، خېتىدە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەزھىپىدىن نارازى بولغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان. جاڭ جىجۇڭ خېتىدە تون مەسىلە ئۈستىدە توختالغان بولۇپ، بىرىنچىسى ‹‹خەنزۇلارغا قارشى تۇرۇش مەسىلىسى›› ئىككىنچىسى ‹‹مەركىزى ھۆكۈمەتتىن نارازى بولغانلىق مەسىلىسى››، ئۈچىنچىسى ‹‹يۆكەك ئاپتونومىيە مەسىلىسى››، تۆتىنچىسى، ‹‹دىمۇكراتىك سىياسىي ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى››، ‹‹خەنزۇلارغا قارشى تۇرۇش مەسىلىسى›› ئۈستىدە جاڭ جىجۇڭ مونۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹ئەيسا رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرچە گېزىتتە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتى ئىسكەنجىسىگە ئېلىنىپ قالدى دەپ نۇرغۇن پاكىتلارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، خەلقنىڭ دۆلەت ئارمىيىسىگە بولغان مۇھاببىتىگە ئارازلىق سالدى›› ئەگەر خەنزۇلارغا قارشى تۇرۇش ئېڭى داۋاملىق راۋاجلانسا، ئۇنىڭ شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن خەتىرى زور، مەسئۇد قاتارلىقلار رەھبەرلىكىدىكى ھاكىمىيەتمۇ چوڭ تەسىر قىلىدۇ›› ‹‹مەركىزى ھۆكۈمەتتىن نارازى بولۇش مەسىلىسى›› دە جاڭ جىجۇڭ مونۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹مەركىزى ھۆكۈمەت ھازىر ئىنتايىن قىيىنچىلىق مەزگىلىدە تۇرىۋاتىدۇ. سىلەر توغرا چۈشۈنىشىڭلار كېرەك. ئەگەر ئادەتتىكى نورمال ئەھۋالدا بولغان بولسا مەركەز زور كۈچ چىقىرىپ شىنجاڭغا ياردەم بىرىش، شىنجاڭنى قۇرۇشىدا مەسىلە يوق ئىدى›› ‹‹يۈكسەك ئاپتونومىيە مەسىلىسى›› ئۈستىدە جاڭ جىجۇقڭ مونۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹ئاتالمىش يۈكسەك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش ئۈچۈن شارائىت بولۇشى كېرەك، شىنجاڭ ھەربىي ئىشلار، ئىقتىساد، قۇرۇلۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ‹‹مۇستەقىل بولۇش›› ياكى ‹‹يۈكسەك ئاپتونومىيە›› نى يولغا قويۇش شارائىتى ھازىرلاندىمۇ؟ جۇڭخۇا مىنگونىڭ رەھبەرلىكىدە بىرلىككە كېلىش- شىنجاڭغا پايدىلىق. ‹‹دىموكراتىك سىياسىي ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى›› ئۈستىدە توختۇلۇپ. جاڭ جىجۇڭ مونۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان:‹‹دىموكراتىك سىياسىغا رەھبەرلىك قىلىدىغان ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت دىموكراتىك تۈزۈمگە سەمىمىيلىك بىلەن ھۆرمەت قىلىش كېرەك، دىموكراتىك سىياسىتىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ››. مەسىلەن ھاكىمنى كېڭەش ھەيئىتى سايلاش ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ خادىملىرىنى ھاكىم كۆرسىتىپ، كېڭەش ھەيئىتى قوشۇلغاندىن كېيىن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە يوللاپ ئەنگە ئالدۇرۇش بىر تۈرلۈك قانۇن لايھىيەسى قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بەزىلەر ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋە ناھيىسىنىڭ باشقا باشلىقلىرى خالىغانچە ئالماشتۇرۋاتىدۇ. جاڭ جىجۇڭ مۇنداق دېگەن ‹‹خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، دىموكراتىك سىياسىتىنى يولغا قويۇشتا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىدىغان، ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كىتىدىغان، دىموكراتىيىنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان تەدبىرلەرمۇ قوللىنىلغان بولۇشى مۇمكىن›› [19].
مەسۇد قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان مەزھىپىدىكىلەر شىنجاڭنىڭ سىياسىي سەھنىسىگە كەلتۈرگەن ئىككى چوڭ مەسىلە: بىرىنچىسىدىن ئۇلار شىنجاڭنى پارچىلايدىغان قانۇن تۈركىسىزىملىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، ئەسلىدىنلا كىرزىسقا پاتقان شىنجاڭنى ئەنسىزلىككە دۇچار قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئەزەلدىن ئۇلارغا يول قويۇپ كېلىۋاتقان جاڭ جىجۇڭمۇ سەۋرى –تاقەت قىلالمىدى. ئىككىچىدىن مەسۇد باشچىلىقىدىكى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان ‹‹دىموكراتىك سىياسى›› نى قېلىپلاشتۇرۇش بەلگىلىمىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ناھايىتى نوپۇزلۇق شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئۆزى بىكىتكەن بەلگىلىمىلەرنى ئويۇن قاتارىدا كۆرۈپ- كۆزىگە ئىلمايلا قالماي، مەسۇدنىڭ ئوغلى مەي خۇەنشىن ‹‹جەنۇبىي شىنجاڭدا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش، ھال سوراش، كۆزدىن كەچۈرۈش ئۆمىكى›› نامىدا جەنۇبىي شىنجاڭدا يەرلىك ئەمەلدارلارنى خالىغانچە ئالماشتۇرۇش، يەرلىك ئاپاراتلارنى كەمسىتىش، كۆزگە ئىلماسلىق، يەرلىكتىكى ئۇقۇمۇشلۇق زاتلارنى ھاقارەتلەش، يەرلىكنىڭ ئەدىلىيە، مەمۇرىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان قانۇنسىز، ھوقۇقتىن ھالقىغان ئىشلارنى قىلىپ [20] شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ قالايمىقانلاشتۇرىۋەتتى. قاراڭغۇ زۇلۇمەتكە باشلىدى. سىنىپىي زىددىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىۋەتتى.


2- بۆلۈم ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ۋەزىيىتىنى ئوڭشاش
مەسۇدنى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسلىكىگە قويۇش ئۈچ ۋىلايەت مەزھىپىدىكىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايتتى. بۇ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگىمۇ ئايان ئىدى. شۇڭا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بۇ قارارنى چىقارغاندا ئىلى تەرەپ بىلەن مەسلەھەتلەشمىدى. چۈنكى ‹‹ئىلى تەرەپ قوشۇلماي قالسا ياخشى بولمايتتى›› بىراق گومىنداڭ ئىلى تەرەپ قارشى چىقىپ قالسا ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتۈپ كىتىشنىڭ تەييارلىقىنى ئالدىن قىلىپ قويغان ئىدى. ‹‹تىنچلىق ماددىلىرى›› دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، رەئىسنى مەركەز تەيىنلەپ ئەۋەتكەچكە ئىلى تەرەپ بىلەن كېڭىشىش ھاجەتىسىز ئىدى. ئىلى تەرەپ قارشى چىقسىمۇ قانۇنى ئاساسىي يوق ئىدى. [21]. بىراق بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىكى ئىلى تەرەپتىكىلەر نارازى بولۇپ غۇلجىغا قايتىپ كېتىپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ يىمىرىلىشىگە سەۋەب بولدى. بۇنداق ئېغىر ئاقىۋەتنىڭ كىلىپ چىقىشىنى گومىنداڭ تەرەپ ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.
گەرچە ئىش ‹‹ئويلىمىغا يەردىن›› چىققان بولسىمۇ، گومىنداڭ تەرەپ يول قويمىدى. ئىلى تەرەپ ‹‹قانۇنلۇق›› شەكىللەر ئارقىلىك قارشى تۇردى. گومىنداڭمۇ ئۇلارغا پىسەنت قىلمىدى. ئىلى تەرەپ تۇرپان، پىچان، توخسۇن دېھقانلىرىنى تەشكىللەپ قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتەردى[23]. گومىنداڭ ئۇلارنى قوراللىق باستۇردى. جۇڭگو- مۇڭغۇلىيە چىگرىسىدا قوراللىق توپىلاڭ شەكىلدە پارتىلىغان شىمالىي تاباغاتاي ۋەقەسىگە گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ناھايىتى قاتتىق پوزىتسىيە تۇتتى. سوۋېت ھۆكۈمىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى [24]. تەشۋىقات ئۈسكۈنلىرىنى ئىشقا سېلىپ، سوۋېتقا قارشى تەشۋىقات ئېلىپ باردى ھەمدە شىمالىي تارباغاتايدىكى قىسمغا بازىنى مەھكەم ساقلاش ‹‹ئاسانلىقچە چىكىنمەسلىك›› [25] توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. گومىنداڭ تەرەپنىڭ بۇنداق قاتتىق پوزىتسىيىدە بولۇشىدا 1945- يىلى 9-ئايدىكى شىنجاڭ كىرزىسىدىن بۇيان، گومىنداڭ شىنجاڭدىكى ئەسكىرىي كۈچىنى ئاشۇرغاچقا، ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ ماناس دەرياسى بويىدىكى قوراللىق قارشىلىغىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. يەنە كىلىپ، نەنجىڭ ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە كومپارتىيىگە داۋاملىق قارشى تۇرسا، گومىداڭ بىلەن كومپپارتىيىنىڭ مۇناسىۋىتى داۋاملىق جىددىيلەشسە ‹‹شىنجاڭ مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىش مۇمكىن بولمايتتى››. شىنجاڭنىڭ مەسلىسى ھەل بولمىسا، گومىنداڭ تەرەپمۇ شىنجاڭنىڭ ‹‹ھەم قاتمال ھەم نىسپىي تىنىچ ۋەزىيىتىدىن›› رازى بولاتتى.
1948- يىلى 6-ئايغا بارغاندا، گومىنداڭ ئارمىيىسى ئىچكى ئۇرۇشتا ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراپ، ئومۇمىي ئەسكەر سانى 3مىليوندىن 600نەچچە مىڭغا، ئالدىنقى سەپتە ئۇرۇش قىلالايدىغان قىسمى ئارانلا 1مىليوندىن 700مىڭغا چۈشۈپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئىسكەنجىگە ئېلىنىپ، شەرقىي شىمال، شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي جۇڭگو-ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋە غەربىي شىمالدىن ئىبارەت بەش جەڭ مەيدانىغا قاپسىلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ كۈچى بارغانسېرى زورىيىپ 2مىليون 800مىڭ كىشىگە يەتتى. شۇ يىلى 7-ئاينىڭ ئاخىرى 8-ئاينىڭ بېشىدا گومىنداڭ نەنجىڭدا ھەربىي ئىشلار يىغىنى ئېچىپ، ئۇرۇش لىنىيىسىنى قىسقارتىپ لەنجۇ-لىئەنيۇنگاڭ، تىئەنجىن-پۇچىڭ، بېيجىڭ-ۋۇخەن تۆمۈر يولى ۋە باۋجى-چېڭدۇ تاش يولىنى نوختىلىق مۇداپىئە قىلىشنى قارار قىلدى. گومىنداڭنىڭ مۇداپىئە لىنىيەسىنى قىسقارتىش توغرىسىدىكى ئىستىراتىگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى دەرۋەقە گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدىكى سىياسىتىنىڭ يۈزلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتەتتى.
1948- يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى جاڭ جىجۇڭ ئەخمەتجان قاسىمى، رىھىمجانلارنىڭ 2-پارچە جاۋاپ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، مەسئۇدىنىڭ كىتىش ياكى قېلىش مەسلىسى ۋە شىنجاڭدىكى ئارمىيە، ساقچى ئورگانلىرىنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرى [27] شىنجاڭنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتىشتىكى مۇھىم نۇقتا ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن ئىدى. گومىنداڭنىڭ ئىچكى ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ بولۇش ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىشىشغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ تىنىچ ۋەزىيىتىنى ساقلاش تېخىمۇ تەخىرسىز ئىش بولۇپ قالدى. ئۇنداق بولمىغاندا ئىلى قوشۇنلىرى ھۇجۇم قوزغىسا پۈتۈن شىنجاڭ قولدىن كىتەتتى. بىراق گومىنداڭ شىنجاڭنىڭ تىنىچ ۋەزىيىتىنى ساقلاش ئۈچۈن، ئىلى تەرەپنىڭ قايتىدىن ھەمكارلىشىش شەرتىنى ئويلىشىشقا توغرا كەلدى. بۇنىڭ بىلەن گومىنداڭ شىنجاڭدىكى مەيدانى قاتتىق ھەربىي، مەمۇرىي ئەمەلدارلارنى ئالماشتۇرۇپ، ئىلى تەرەپتىكى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەزالىرىنى دىخۇاغا قايتۇرۇپ كىلىپ، ئىلگىركى بىرلەشمە ھۆكۈمەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ تەييارلىقىغا كىرىشتى.
سۇڭ شىلئەن- شىنجاڭ گارنىزومىنىڭ باش قوماندانى، شۇنداقلا شىنجاڭدا قاتتىق قوللۇق سىياسىتىنى يولغا قويۇشتىكى مۇھىم شەخسلەرنىڭ بىرى بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئارمىيە ۋە ساقچىلارنىڭ تىزىلغان قانۇنسىز قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشىدا باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار. ئەڭ دەسلىپىدە ئۈچ ۋىلايەت تەرەپتىكىلەر سۇڭ شىلئەنگە ئاشكارە قارشى چىقالمىغان ئىدى. بىرلەشمە ھۆكۈمەت پارچىلانغاندىن كېيىن ئۇنى ئاشكارە ئەيىبلىدى. ئۈچ ۋىلايەت تەرەپتىكىلەرنىڭ قارىشىچە، دىخۇادىكى ‹‹25-فېۋرال ۋەقەسىنى›› سۇڭ شىلئەن مەخپىي پىلانلىغان ۋە تەشكىللىگەن، ئوسماننى ئۈچ ۋىلايەتكە ھۇجۇم قىلىشقا ئاستىرىتتىن كۈشكۈرتكەن، تۇرپان، پىچان، توخسۇندىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنى بىۋاستە ئەسكەر چىقىرىپ باستۇرغان. جاڭ جىجۇڭ ئۈچ ۋىلايەتتىكىلەرنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ئادەمنى شىنجاڭدا قالدۇرسا، ئىلى تەرەپتىكىلەر بىلەن قايتىدىن ھەمكارلىشىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلگەچكە، جىياڭ جېشىغا يوللاپ ئۇنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كېيىن 1948- يىلى 8-ئايدا سۇڭ شىلئەننى غەربىي خۇبىيغا يۆتكەپ، ئوتتۇرا جۇڭگو ‹‹باندىتلارنى يوقۇتۇش›› قوماندانلىق شىتابىنىڭ مۇئاۋېن باش قوماندانلىقىغا يۆتكىدى. شىنجاڭ گارنىزوننىڭ باش قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى سىياسىي پوزىتسىيىسى نىسبەتەن مۇلايىم بولغان تاۋسىيۆ ئۆتكۈزىۋالدى.
جاڭ جىجۇڭ تاۋسىيۆگە ئۆزىنىڭ شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرى توغرىسىدىكى مۇددىئاسىنى توغرا چۈشەندۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن تاۋسىيۆ شىنجاڭغا بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرىنى ئۇنى لەنجۇدىكى شەخسىي قورۇسىغا تەكلىپ قىلىپ، جىياڭ جېىشىغا دۆلەتنىڭ تىنىچلىقىنى ساقلاش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىپ يازغان خېتى ۋە جىياڭ جېشى بىلەن بولغان سۆھبەت خاتىرىسىنى ئۇنىڭغا كۆرسەتتى. جاڭ جىجۇڭ تاۋسىيۆگە: شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە سوۋېتنىڭ ئەپۇ قىلىش ۋە ھەمكارلىشىشنى قولغا كەلتۈرۈش، سوۋېتنىڭ دىخۇادىكى باش كونسۇلى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىلى تەرەپتىكى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەزالىرىنى دىخۇاغا قايتۇرۇپ كېلىش ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ خاس سىياسىي جەھەتتىكى ئېھتىياج بولۇپلا قالماستىن، ئىقتىسادىي جەھەتتە سوۋېت بىلەن سودا دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭدا مال باھاسىنىڭ ئۈسۈشىنى تىزگىنلەشنىڭ ئىھتىياجى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇڭ شىلئەن شىنجاڭدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ ھەربىي ئىشلىرىغا تاۋسىيۆ رىياسەتچىلىك قىلدى. لىيۇمېڭچۈن غەربىي شىمال ئارمىيە ۋە ھۆكۈمەت قوماندانلىق مەھكىمىسىنىڭ دىخۇادا تۇرۇشلۇق بەنگوڭتىڭنىڭ باش كاتىپى، قوشۇمچە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلدى. چويۇۋ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە دىخۇا شەھرىنىڭ باشلىقتىن سالاھىيىتى بىلەن دىخۇا شەھرىنىڭ خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلدى. لىيۇ زىدۇڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن شىنجاڭنىڭ سوۋېت بىلەن بولغان دىپلوماتىيە ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇلار ئىزچىل تۈردە جاڭ جىجۇڭنىڭ تىنچلىق تەشەببۇسىنى بويىچە ئىش كۆرۈپ، تۇرپان، پىچان، توخسۇن ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغان ئاز سانلىق مىللەتىن بولغان 10نەچچە كىشىنى قويۇپ بەردى. شىنجاڭدىكى قىسىملارنى چەكلەش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى. ئارمىيە بىلەن يەرلىك ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ بىۋاستە توقونۇشۇپ قېلىشىدىن ساقلاندى [29] لىيۇ مېڭچۈن يەنە شىنجاڭ گارنىزونى باش شىتاۋى سىياسىي خىزمەت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لىياڭ كېشۈن، شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تەن ۋېيشۈلەرگە سوۋېتنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرى، ئازات رايونلاردىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى مۇۋاپىق تەشۋىق قىلىش توغرىسىدا كۆرسەتمە بەردى.
جاڭ جىجۇڭ مەسئۇدىنى رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۋېتىشى بىر قەدەر قىيىن ئىدى. چۈنكى مەسئۇد ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئوزۇن بولمايلا، نەنجىڭ ھۆكۈمىتىدىكى خېلى كۆپ كىشىنىڭ قوللىشىغا ئىرىشكەن ئىدى. ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنى تەرتىپ بويىچە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى ماقۇللاش ۋاقىتقىچە قىيىن ئىدى. شۇڭا مەسئۇدنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۋېتىش مەسىلىسىدە جاڭ جىجۇڭ ئىزچىل ئىككىلىنىپ بىر قارارغا كىلەلمىدى. بىراق ئەخمەتجان قاسىمى، رىھىمجانلارنىڭ 1948- يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى يازغان جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، جاڭ جىجۇڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ جىددىي ئىكەنلىكنى بايقاپ [30]، دىخۇادىكى لىيومېڭچۈن، چويۇۋ، لىيوزېدوڭلارنى دەرھال لەنجۇغا چاقىرتىپ مەسلەھەتلىشىپ، مەسئۇدىنى دەرھال ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۋېتىشنى قارار قىلدى. تىلگىرامما يوللاپ جاۋابىنى كۈتۈشنىڭ ئورنىغا، ئۆزى نەنجىڭغا بېرىپ، شىنجاڭنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەسئۇدىنى چوقۇم ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇرۋېتىشنىڭ سەۋەبىنى جىياڭ جېشى ۋە ئالاقىدار تارماقلارغا چۈشەندۈردى31. بۇنىڭ بىلەن نەنجىڭ ھۆكۈمىتى مەمۇرىي پالاتاسى 1948- يىلىنىڭ ئاخىرى مەسۇدىنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىدىن قالدۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا قارار چىقاردى. جاڭ جىجۇڭ يەنە مەسئۇدقا تىلىگرامما يوللاپ ‹‹يېرىم يولدا ۋەزىپىڭىزدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىڭىزدىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم››، ‹‹مەركەز ئەمەلىي ئىھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، زۆرۈر تەدبىر قوللىنىشقا مەجبۇر بولدى›› دېگەن. جاڭ جىجۇڭنىڭ ‹‹ئەمەلىي ئېھتىياج›› دىيىشىدە ‹‹ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ بۆلۈنۈپ كىتىش ۋەزىيىتىنى ئوڭشاش ئۈچۈن يول ئېچىش›› كۆزدە تۇتۇلدى[32].
مەسۇدتىن كېيىن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىنى بۇرھان ئۆتكۈزۈۋالدى. بۇرھان نەنجىڭدىن دىخۇاغا قايتىپ كىلىپ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىك ئورنىغا ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى لىيوزىدوڭ، چويۇۋ، لىيومېڭچۈن قاتارلىقلار بۇرھاننى ئىزدەپ ئۇزۇن سۆھبەتلىشىپ، گومىنداڭ تەرەپنىڭ ئۈچ ۋىلايەت بىلەن قايتىدىن ھەمكارلىشىش ئارزۇسىنى بىلدۈرگەن. بۇرھان ئەخمەتجان قاسىمىغا خەت يېزىپ، گەرچە جاڭ جىجۇڭنىڭ ‹‹ئاچچىقىنى تولۇق بېسىقمىغان بولسىمۇ››، ‹‹لېكىن ئۇنىڭ مەخسىتىدە ئۆزگۈرۈش بولدى. ئۇ ناھايىتى چوڭ ئۈمىت كۈتۈپ كۆرسەتكەن مەسئۇدتىن ھازىر خاتىرجەم بولالمىدى›› ئۇ ھازىر شىنجاڭ مەسىلىسى ئۈستىدە ئويلىنىۋاتىدۇ›› ‹‹ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ سىزنىڭ خەۋىرىڭىزنى كۈتۈۋاتىدۇ››[33] دېگەن. ئەخمەتجان قاتارلىقلار گەرچە دىخۇاغا قايتىپ كىلىپ، گومىنداڭ بىلەن ھەمكارلاشمىغان بولسىمۇ، لېكىن گومىنداڭ تەرەپنىڭ سەمىمىيىتىنى قوبۇل قىلدى. ئىككى تەرەپنىڭ جىددىي مۇناسىۋىتى مەلۇم دەرىجىدە پەسەيدى.
بۇرھان ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ‹‹شىنجاڭ خەلقىگە مەكتۇپ›› نى ئېلان قىلدى. ‹‹مەكتۇپ›› تا ‹‹جاڭ قوماندان بىزگە مەڭگۈلۈك تىنىچلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن جۇڭگو سوۋېت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، دىموكراتىك سىياسىينى يولغا قويۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك دېگەن تۆت جۈملە سۆزنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان. شۇڭا جۇڭگو بىلەن سوۋېتنىڭ يېقىن مۇناسىۋىتىگە قارشى چىقىش تىنىچلىقىنى بۇزغانلىق، تىنىچلىقنى بۇزغانلار ئەكسىيەتچى؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقىغا قارشى چىقىش تىنىچلىقنى بۇزغانلىق، تىنىچلىقنى بۇزغانلار ئەكسىيەتچى؛ شۇڭا پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت قېرىنداشلارنى بىرلىككە كېلىش، ئىتتىپاقلىشىش، ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش، ئەكسىيەتچىل تەشۋىقات ۋە ھەرىكەتلەرگە قەتئىي يول قويماسلىققا چاقىرىق قىلىمىز›› [34] دىيىلگەن. بۇرھاننىڭ ‹‹پۈتۈن شىنجاڭ خەلقىگە يازغان مەكتۇپ›› سىپىدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى بۇرھان بىر قولدا جۇڭگو سوۋېىت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش بايرىقىنى، بىر قولدا ‹‹دىموكراتىك سىياسىي›› بارلىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، موشۇ ئىككى بايراق ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ بارلىق ئىچكى-تاشقى سىياسىتىگە قوماندانلىق قىلدى. بۇرھاننىڭ ھاكىمەت يۈرگۈزۈش ئەھۋالىدىن گومىنداڭنىڭ شىنجاڭنىڭ سىياسىتى قايتا تەڭشىمىگەنلكىنى، شىنجاڭنىڭ كۈچلۈك سىياسىتىنىڭ پۈتۈنلەي ئاجىزلىشۋاتقانلىقىنى، ئۈچ ۋىلايەتتىكىلەرگە مۇرەسسە قىلغانلىقىنى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە يەنە بىر قېتىم سىياسىي جەھەتتىن يول قويغانلىقىنى چۈشۈنىۋېلىشقا بولىدۇ.
بۇرھان ئىلگىرى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋېن رەئىسى بولغان مەزگىلدە، پوزىتسىيىسى نىسبەتەن مۆتىدىل ئىدى. گومىنداڭ بىلەن ئۈچ ۋىلايەتتىكىلەر ئوتتۇرىسىدا سىياسىي توقۇنۇش بولغاندا، ئۇ دائىم ئۈچ ۋىلايەت تەرەپتە تۇرغان، سوۋېت بىلەن ئىنتايىن قويۇق مۇناسىۋەتنى ساقلىغاچقا، سوۋېتلىقلار ئۇنىڭغا ئىنتايىن ياخشى قارايتتى. بۇرھاننى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىگە تاللاشتا، ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ۋەزىيىتىنى ئوڭشاش، سوۋېت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش مەقسەت قىلىنغانلىقىنى ئىنتايىن ئېنىق. بىراق شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گومىنداڭ ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئۆز ئارا ئىسكەنجىسىگە ئالدۇرۇش سىياسىي مەسىلىنى ئىشقا سېلىشنى ئۇنۇتمىدى. شەرقىي تۈركىستان مەزھىپىدىن بولغان مەھەممەت ئىمىننى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىككىنچى مۇئاۋىن رەئىسلىكى قوشۇمچە قۇرۇلۇش نازىرلىقىغا ئۆستۈرۈشمۇ [35] مەھەممەت ئىمىن ئارقىلىق بۇرھانغا توساق قۇرۇپ، ئىسكەنجىگە ئىلىش مەخسىتىنى ئېنىق چۈشەندۈرىدۇ.

3-بۆلۈم گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىق گۇرۇھىنىڭ پارچىلىنىشى، شىنجاڭنىڭ تىنىچ ئازات بولىشى
گومىنداڭ ھۆكۈمىتى سۇڭ شىلئەن بىلەن مەسۇدنى ھەربىي، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇۋاتقاندىن كېيىن، شىنجاڭ بىرلەشمە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىلى تەرەپتىن بولغان ئەزالىرىنى گومىنداڭ بىلەن قايتىدىن ھەمكارلىشىش ئۈچۈن دىخۇاغا قايتۇرۇپ كەلمىدى. كىيىنچە گومىنداڭ تەرەپ ئۇلارنىڭ قايتىدىن كىلىشىنى بەك ئارزۇ قىلىپ كەتمىدى. چۈنكى كومپارتىيە بىلەن گومىنداڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ۋەزىيىتى ئاللىقاچان ئايدىڭلاشقاچقا، ئىلى تەرەپتىكىلەرنىڭ بىرلەشمە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە قايتىپ كىلىپ گومىنداڭ بىلەن شەكىل جەھەتتىن ھەمكارلىشىشى ئەمدى مۇھىم ئەمەس ئىدى. مۇھىم بولغىنى گومىنداڭنىڭ جۇڭگو قۇرۇقلىقىدىكى پۈتكۈل ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇراتتى. ئۇنداقتا شىنجاڭ ھەتتا پۈتكۈل غەربىي شىمالنىڭ تەقدىرى قانداق بولىدۇ؟
ھەرقانداق بىر ھۆكۈمران گۇرۇھ تەختتىن چۈشۈشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بۆلۈنۈشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئەسلىدىنلا مۇرەككەپ سىياسىي مەزھەپتىن تەشكىللەنگەن گومىنداڭ ھۆكۈمران گۇرۇھى گومران بولۇشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ ئەسلىدىنلا چېچىلاڭغۇ تەركىپلىرى پارچىلىنىپلا قالماي، مەركىزى ئورگانلىرىمۇ پارچىلىنىشى ئېنىق ئىدى. شۇڭلاشقا گومىنداڭنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۇيىش گۇرۇھى، مابۇفاڭ گۇرۇھى ئالدىن تەييارلىق كۆرۈپ قويۇپلا قالماي، گومىنداڭ ھۆكۈمران گۇرۇھىدىكى مۇھىم شەخس بولغان جاڭ جىجۇڭغا دۆلەت، مىللەتنىڭ ھەققانىيەت ئىشى بىلەن پارتىيە گۇرۇھلارنىڭ شەخسىي مەنپەئىتى ئوتتۇرىسىدا قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلدى. كونكرت قەلب شىنجاڭ مەسىلىسىگە كەلسەك، جىياڭ جىشى ئۆزىنىڭ ھالىدىنمۇ چىقالمايۋاتقاچقا، گومىنداڭنىڭ ھەرقايسى مەزھەپلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇسى بويىچە شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى ۋە ئىرنىنى بېكىتىشنىڭ كويىغا چۈشتى.
گويىشى گۇرۇھنىڭ شىنجاڭ بىلەن ئەسلى ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ئىدى[37] 1949- يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى گويىشى گۇرۇھىنىڭ كاتتىۋىشى لى زوڭرېن پۈتۈن مەملىكەتكە ‹‹خان›› بولغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇنىڭ نەزىرىدە ئانچە مۇھىم بولمىغان بىر ئورۇنغا ئايلاندى. ئۇ چاڭجىياڭ دەرياسى مۇداپىئە لىنىيەسىنى ساقلاپ قېلىپ، چاڭجىياڭ دەرياسى تەبئىي تۇسىقى ئارقىلىق چاڭجىياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىنى ساقلاپ قالماقچى بولدى. ئۇ شىنجاڭ گارنىزوننىڭ باش قوماندانىغا تىلىگرامما يوللاپ، چېگرا رايونىنى قوغداش ئۈچۈن بىر بېرگان ئەسكەر قالدۇرۇپ، قالغان ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىچكىرىگە يۆتكەپ، چاڭجىياڭنىڭ مۇداپىئە سېپىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرماقچى بولدى[38].
مابۇخاڭ گۇرۇھى دىن مۇناسىۋىتى بىلەن شىنجاڭغا كۆز تىككەن. 1945- يىلى، مابۇخاڭ ئۆزىنىڭ 5-ئاتلىق قىسمىنى شىنجاڭغا يۆتكەشكە قوشۇلۇپ، كەلگۈسىدە شىنجاڭدا پۇت تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم ئوۇرنلاشتۇرۇش قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ شىنجاڭنى ئۆزىنىڭ زىمىنى ھىساپلاپ، ماختىنىپ ‹‹شىنجاڭ مىنىڭ قولۇمدا، شىنجاڭدا مىنىڭ ئەسكىرىم بار. شىنجاڭ خەلقى مىنىڭ گىپىمنى ئاڭلايدۇ. چۈنكى ئۇلار مۇسۇلمان›› دەپ يۈردى [39]. 1949- يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى مابۇفاڭ جاڭ جىجۇڭنىڭ غەربىي شىما ئارمىيە، مەمۇرىي قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزىۋالغاندىن كېيىن شىنجاڭنى باشقۇرۇش يامان نىيىتى تېخىمۇ كۈچەيدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھەربىي ئاساسىي يوق دىيەرلىك بولغان شىنجاڭ شەرقىي تۈركىستان مەزھىپىدىكىلەر مابوفاڭنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە ئورنىغا قېزىقىپ، مابۇفاڭ بىلەن تىل بىرىكتۈرۈشنى ھەمدە مابۇفاڭدىن جىيڭا جېشىغا دەپ غەربىي شىمالدا بىر ئىسلا دىنى ‹‹مۇستەقىل دۆلىتى›› قۇرۇشقا ئىجازەت ئىلىشنى ئۆتۈندى[40]. مابۇفاڭ سىرىتتىن ئامېرىكا قوللايدۇ، ئىچكى جەھەتتىن غەربىي شىمالدىكى مۇسۇلمانلار بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسكىرى كۈچۈم بار دەپ قاراپ، راستىنلا ‹‹ئىسلام دىنى دۆلىتى›› قۇرۇپ، خان بولۇش خام خىيالدا بولدى. كېيىن خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ زەربىسىدە ئۇۋىسى بېتچىت بولۇپ، خىيالىي پەربات بولۇپ، چەتئەلگە قاچتى.
جاڭ جىجۇڭ جىياڭ جېشى گۇرۇھىغا قاراشلىق بولۇپ، ئۇنىڭ ناھايىتى ئىشەنچىلىك ئادىمى ئىدى. گومىنداڭ گۇرۇھى گۇمران بولۇش ئالدىدا جاڭ جىجۇڭمۇ بۇ مەركىزى گۇرۇھتىن ئايرىلىپ چىقىپ كەتتى. لى زۇڭرېن تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئىچكى سىياسىي ئىشلاردا ئۆزگۈرۈش قىلىپ، كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلسۇن، تىنچلىق سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، جاڭ جىجۇڭنى كۆپ قېتىم مەمۇرىي پالاتا باشلىقىنى ئىشلەشكە تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، قوبۇل قىلمىدى. گومىنداڭنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىن پۈتۈنلەي ئۈمىت قالمىغان ئەھۋالدا، ئۇنىڭ غەربىي شىمالدا لىپللىكتىن چېكىنىش ئارزۇسى تېخىمۇ كۈچەيدى[41]. بىراق لى زۇڭرېن ‹‹تىنچلىق›› ئويۇنى ئوينىماقچى بولغاچقا، جاڭ جىجۇڭ بېيپىڭغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن تېنىچلىق سۆھبىتىگە رىياسەتچىلىك قىلدى.
جاڭ جىجۇڭ غەربىي شىمالنىڭ تىنىچ ۋەزىيىتىنى كونترۇل قىلىۋاتقان مەزگىلدە، شىنجاڭغا نىسبەتەن خېلىلا ئىشەنچىسى بولسىمۇ، چىڭخەي، نىڭشادىكى ما جەمەتىگە تاقابىل تۇرماق قىيىن ئىكەنلىكىنى، گەنسۇغىمۇ خېلى كۈچەشكە توغرا كىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ئىدى. 1949- يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى، گەنسۇ ئۆلكىلىك پىرقە بۆلۈمى يىغىندىن پايدىلىنىپ ‹‹ئۈچ يىللىق تىنچلىق ھەركىتىگە نەزەر›› دېگەن تېمىدا نوتۇق سۆزلەپ ‹‹غەربىي شىمال ھامان بىرلەشمە بولمايدۇ، كەلگۈسىدىكى تىنچلىق ئۆزگۈرۈش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈش كېرەك›› دەپ بېشارەت بەردى [42] كومپارتىيە بىلەن گومىنداڭنىڭ بېيپىڭدىكى تىنچلىق سۆھبىتى بۇزۇلغاندىن كېين، جاڭ جىجۇڭ كومپارتىيەنىڭ قېپ قېلىشىغا كۆندۈرۈش بىلەن بېيپىڭدا تۇرۇپ قالدى. غەربىي شىمال ئارمىيە، مەمۇرىي ئەمەلدارلىقنى مابۇفاڭ ئۆتكۈزىۋالدى. جاڭ جىجۇڭنىڭ شىنجاڭنىڭ تىنىچ ۋەزىيىتىنى كونترۇل قىلىشى قىيىنلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ شىنجاڭنىڭ ھەربىي، مەمۇرىي ساھەسىدىكى تەسىرى يەنىلا ئىنتايىن چوڭ ئىدى.
تاۋسىيۆ 1948- يىلى كۈزدە شىنجاڭغا بېرىپ، شىنجاڭ گارنىزوننىڭ باش قوماندانلىق ۋەزىپىسى تاپشۇرۇپ ئېلىشتىن ئىلگىرى، جاڭ جىجۇڭ، تاۋسىيۆ بىلەن شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، ئىككەيلەن بىردەك شىنجاڭدا قورال ئىشلىتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە قەتئىي بولمايدۇ. بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە شىنجاڭدا چوڭ قالايمىقانچىلىق چىقىدۇ دەپ قارىغان ھەمدە شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى چىقىش يولى مەسىلىسىدە ئورتاقلىققا كەلگەن[43]. لى زوڭرىن تاۋسىيۆنى شىنجاڭدىكى قسىمىنى ئىچكى جەھەتتىن تەڭشەشنى مەسلەھەتلىشىش ئۈچۈن نەنجىڭغا بېرىشنى دېگەن بولسىمۇ تاۋسىيۆ جاڭ جىجۇڭنىڭ پىكرىگە بىنائەن، نەنجىڭ، گۇاڭجۇغا يىغىنغا بېرىشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلدى. نامدا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسمىنى شەرىققە يۆتكەش بۇيرۇقىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن مەبلەغ ئاجرىتىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىپ باھانە كۆرسىتىپ ۋاقىتنى كەينىگە سۈردى[44]. 1949- يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى گومىنداڭ، كومپارتىيە ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەت ۋەكىللىرى ‹‹دۆلەت ئېچىنىڭ تىنچلىق كىلىشمىسى›› توغرىسىدا بىرلىككە كەلگەن بولسىمۇ، جاڭ جىجۇڭ نەنجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىمايدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ، خۇاڭ شاۋخۇڭ، چويۋۇ ‹‹دۆلەت ئىچى تىنچلىق كىلىشىمى›› نى ئېلىپ نەنجىڭغا يوليورۇق سوراش ئۈچۈن يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى، چويوۋغا ‹‹ئەگەر كېلىشىم رەت قىلىنسا سىز شىنجاڭغا قايتىپ كىتىڭ، تاۋسىيۆگە دەپ قويۇڭ، جىياڭ جېشى ئۇرۇش قىلسا قىلىۋەرسۇن، بىراق شىنجاڭغا تىنچلىق كېرەك، تىنچلىق يولىدا مېڭىش لازىم. شىنجاڭدا بىرەر پاي ئوقنىمۇ ئېتىشقا بولمايدۇ›› دېگەن[45]. چويۇۋ شىنجاڭغا قايتىپ قايتقاندىن كېيىن، جاڭ جىجۇڭنىڭ شىنجاڭغا تىنچلىق كېرەك دېگەن پىكرىنى يۈز تۇرانە يەتكۈزدى.
تاۋسىيۆ نامىدا شىنجاڭ گارنىزوننىڭ باش قوماندانى بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە تەخمىنەن شىنجاڭدىكى تۆتتىن بىر قىسىم قوشۇنغا قوماندانلىق قىلالايتتى.
قاغىلىقتىكى 87-دىۋىزىيە ۋە لوروننىڭ 179-بىرگادىسى خوزوڭنەنگە بويسۇناتتى، ماچېڭشىياڭنىڭ 5-ئاتلىق دىۋىزىيىسى مابۇفاڭغا بويسۇناتتى. شۇڭلاشقا تاۋسىيۆ شىنجاڭدا تىنچلىق قوزغىلىڭىنى تەشكىللەشتە قاتتىق دىققەت قىلمىسا بولمايتتى. لى زوڭرېن شىنجاڭدىكى قىسىمنى شەرققە يۆتكەشنى تەلەپ قىلدى. تاۋسىيۆ جاڭ جىجۇڭنىڭ پىكرىگە ئاساسەن ۋاقىتنى ھەدەپ كەينىگە سۈرگەندىن سىرت، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى مۇرەككەپ، ئارمىيەنى ياخشى ئىدارە قىلىش شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ تىنىچلىقىنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىشتىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل، ئەگەر ئارمىيە يۆتكەپ كىتىلسە بۇنداق كەڭرى زىمىن كونترۇللىغۇسىز قالىدۇ، تىنىچلىقنى ساقلاشمۇ قىيىن بولىدۇ›› دەپ قارىدى. دۆلەت مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلىسۇن ياكى شەخسىي ئارزۇسىنى چىقىش قىلسۇن، ئۇ قىسمنى شەرققە يۆتكەپ، ئىچكى ئۇرۇش قىلىشقا قارشى ئىدى[47]. لېكىن تاۋسىيۆ قىسىمنى شەرققە يۆتكەش پىلانىغا ئاشكارە قارشى چىقالمايتتى. ئەپچىل چارە تېپىپ تاقابىل تۇرمىسا بولمايتتى. شۇنىڭ بىلەن قۇمۇلدىن بىر پولك ئەسكەرنى شىئەن، جىچۇەن ئەتراپىغا يۆتكەپ، ئۇلارنى ئالدىن يولغا سالغان، پۈتكۈل قىسمىنى يۆتكىمەكچى بولغان قىياپىتىگە كىرىۋىلىپ، تەپسىلىي بولغان قىسىمنى يۆتكەش خىراجەت پىلانىنى تۈزۈپ، ناھايىتى كۆپ پۇل تەلەپ قىلدى[48]. بۇنداق كۆپ ھەربىي خىراجەتنى لى زۇڭرېن چىقىرالمايتتى. بۇنىڭ بىلەن قىسىمنى ئىچكىرگە يۆتكەش پىلانى يوققا چىقتى.
لىيۇمىڭچۈن غەربىي شىمال ھەربىي، مەمۇرىي قوماندانلىق مەھكىمىسىنىڭ باش كاتىپى قوشۇمچە شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپى ئىدى. 1949- يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى، جاڭ جىجۇڭ بېيجىڭغا بېرىپ تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى، لىيۇمىڭچۈننى نەنجىڭغا چاقىرىتىپ شىنجاڭنىڭ تىنچلىقىغا ئائىت مەخپىي پىلاننى ئاڭلىدى. مابۇفاڭ غەربىي شىملانىڭ ھەربىي، مەمۇرىي قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەندىن كېيىن، لىيۇمىڭچۈن مابۇفاڭغا جاڭجۈننىڭ سوۋېت بىلەن يېقىن ئۆتۈش سىياسىتى، تەشەببۇسىنى يولغا قويۇش پىروگراممىسىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىشنى، ئۇنداق قىلمىسا ئۆزىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىستىپا سوراپ ئىتىراز بىلدۈردىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. لىيۇمىڭچۈن ‹‹دائىم جاڭ جىجۇڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇردى›› ھەمدە سىرىتتىكى خەۋەرلەرنى ۋاقىتىدا تاۋسىيۆگە يەتكۈزۈپ تۇردى[49]. لىيۇمىڭچۈننىڭ پائالىيەتلىرى تىنىچلىققا پايدىلىق بولغاچقا، بەزى ئەكسىيەتچىلەر ئۇنى كوممۇنست دەپ قارىدى[50]. تاۋجىنچۇ تاۋسىيۆنىڭ نەۋرە ئىنىسى بولۇپ، شىنجاڭ گارنىزۇنى باش قوماندانلىق شىتابىنىڭ باشلىقى ئىدى. ئۇ شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن جۇڭگو كوممۇنىستلىرىدىن چىئاۋگۈەنخۇانىڭ قوللىشىغا ئىرىشتى. ئۇ شىنجاڭدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى تەشكىللەش خىزمىتىنى ئىشلىدى[51]. بۇ مەزگىللەردە ئۇ تاۋسىيۆ بىلەن ھەر قايسى دىۋىزىيە، بىرىگادا كوماندىرلىرى ئوتتۇرىسىدا قاتراپ يۈرۈپ [52]. شىنجاڭنى تىنىچ ئازات قىلىش ھەركىتى بىلەن شۇغۇللاندى. شىنجاڭ گارنىزونى باش قوماندانلىق شىتابى سىياسىي خىزمەت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لىياڭ گېشۈن، تىنچلىق تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ‹‹بۇتخانىنى تونۇپ، ئىلاھىنى تونۇماسلىق›› شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇرۇشتىن ساقلىنىش-ئاقىلانىلىق، كومپارتىيە بىلەن گومىنداڭنىڭ ئىچكى ئۇرۇشىغا قەتئىي ئارلىشىپ قېلىشقا بولمايدۇ دېدى. 1949- يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى جاڭ جىجۇڭ بېيجىڭدا ‹‹ۋەزىيەت توغرىسىدا بايانات›› ئېلان قىلىپ، گومىنداڭنىڭ بارلىق ھەربىي، مەمۇرىي خادىملىرىنى ‹‹ نەزىرىنى يىراققا قارىتىشقا كۆڭلى-كۆكسىنى كەڭرەك تۇتۇشقا، ھەممىدە دۆلەت، مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى، ئەۋلادلارنىڭ بەختىنى ئويلاش›› قا ‹‹قەتئىيلىك بىلەن كومپارتىيە بىلەن سەمىمىي ھەمكارلىشىش›› نى چاقىرىق قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:‹‹ھازىر يىڭى دۆلەت بارلىققا كىلەي دەۋاتىدۇ، ھەم بارلىققا كىلىۋاتىدۇ، بىز ۋە گومىنداڭ پارتىيىسى ئارقىدا قېلىشقا تەن بىرىپ، چۈشۈپ قالىمىز. يېڭىدىن بارلىققا كەلسەك بولمامدىكەن!››[53] جاڭ جىجۇڭنىڭ موشۇنداق مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ ھەققانىيىسىتىنى ئويلايدىغان بايانانى ۋە ھەركىتى تاۋسىيۆ قاتارلىقلارنىڭ تىنچلىق قوزغىلىڭى يولىغا مېڭىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى.
جەڭ مەركىزى كومېتىتى جاڭ جىجۇڭنى مەركەز سۆھبەت ئۆمىكى بىلەن دىخۇاغا بېرىپ تاۋسىيۆ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە ياردەملىشىش ھەمدە جەڭ مەكىرىز كومېتىتىنىڭ ئالاقىچىسىسى دېڭ لېچۈن ئارقىلىق، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دىخۇادا تۇرۇشلۇق مۇئاۋېن باش كونسۇلى بېشكوفنىڭ پىكرىنى ئېلىشقا ئەۋەتمەكچى بولغان. يېشكوف جاڭ جىجۇڭنىڭ شىنجاڭدىكى گومىنداڭ ئارمىيىسى ئارىسىدا تەسىرى چوڭ، ئەگەر جاڭ جىجۇڭ كەلسە ناھايىتى چوڭ رول ئوينايدۇ دېگەن. ھەمدە ئۇ دېڭ لىچۈنگە ئاپات بېرىپ، گومىداڭ تەرەپنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنى شەرتسىز قوبۇل قىلىشى، شىنجاڭدا قايتا قان تۆكۈلۈش ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشىنى خالىمايدىغانلىقى، ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ سەمىمىي نيىتىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ شەرت ھازىرلاندى. جاڭ جىجۇڭ شىنجاڭغا بارمىسىمۇ تامامەن مەسىلە يوق [55] دېدى. ماۋزېدۇڭ ۋە جەڭ مەركىزى كومېتىتى سوۋېت تەرەپنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، جاڭ جىجۇڭنى شىنجاڭغا ئىۋەتمىدى. 9-ئاينىڭ 8-كۈنى ماۋزېدۇڭ جڭنەنخەيدە جاڭ جىجقڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا ئازادلىق ئارمىيە لەنجۇ، چىڭخەي، ئىككى يول ئارقىلىق شىنجاڭغا يۈرۈش قىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى جاڭ جىجۇڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھەربىي. مەمۇرىي دائىرىلەرگە تىلىگرامما يوللۇپ، ئۇلارنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە چاقىرىق قىلىشنى ئۈمىت قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. جاڭ جىجۇڭ بۇرۇنلا شۇنداق نىيىتىنىڭ بارلىقىنى، بىراق 5-ئايدىن بۇيان، تاۋسىيۆ، بۇرھانلار بىلەن ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى دېدى. ماۋزېدۇقڭ ئۇنىڭغا مەركىزى كومىتېت دېڭ لىجۇنى غۇلجىغا ئەۋەتىپ ئىسانىسى قۇرغانلىقىنى، ېڭ لىچۈنگە تىلىگرامما سالسا يەتكۈزۈپ قويىدىغانلىقىنى دېدى. 9-ئاينىڭ 10-كۈنى جاڭ جىجۇڭ شىنجاڭ گارنىزوننىڭ باش قوماندانى تاۋسىيۆ ۋە شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بۇرھانغا تىلىگرامما يوللىدى. جاڭ جىجۇڭ تىلىگراممىدا مونۇلارنى يازغان ئىدى. ‹‹ھازىر ئومۇمىي ۋەزىيەت جىددىلىشىپ بۇ ئەھۋالغا كىلىپ قالدى. لەنجۇ ئازات يولى، شىنجاڭلار ئازات بول، ىدى. قېرىنداشلار ھەققانىي ئىنقىلاپ ئۈچۈن، شىنجاڭنىڭ تىنىچ ئازات بولۇشى ئۈچۈن، پۈتۈن ئۆلكە خەلقى ۋە بارلىق كوماندىر جەڭچىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ۋاختىدا مەيدانىنى ئىپادىلەپ، گۇاڭجۇ ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلاپ، خەلق لاگېرغا قايتىپ مەركىزى خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، خەلق ئىنقىلابى ھەربىي ئىشلار كومىتىتنېڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلمىغانلىقى زۆرۈر. ماۋجۇشىنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە، بارلىق كوماندىر جەڭچىلەرگە، ھەربىي، مەمۇرىي كادىلارغا دائىم كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ناھايىتى ئايان. يۇقىرىقى ئىشلارنى مۇۋاپىق ۋە رازى بولارلىق بىر تەرەپ قىلساڭلار. مەن تەكلىپكە بىنائەن يېغىننىڭ ئىچىلمىغان سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتناشماقچى ھەمدە ماۋجۇشى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ شىنجاڭغا بارمقاچى بولىۋاتىمەن. ئەگەر رەئىس قوشۇلسا، شۇنداق قىلىمەن ئۇنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئاڭلايمەن. قېرىنداشلارنىڭ دەرھال قەتئىي قارارغا كىلىپ، بارلىق قىيىنچىلىق ۋە ئەندىشىلەرنى تۈگۈتۈپ، قاتتىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەسكىن، دادىل ھەركەت قوللىنىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. ئەگەر قوشۇننىڭ كۈچىنى تىزرەك ساقلاپ قالالىساڭلار قىسمىنىڭ دېۋىزىيە كوماندىرلىرى ۋە باشقا ھەربىي مەمۇرىي كادىرلارغا مىىڭ نامىمدا تىلىگرامما يوللاپ ئۇرنىمۇ قوبۇل قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشىڭلارغا تىلەكداشمەن. جاۋاب تىلىگرامماڭلارنى كۈتۈمەن›› [56] ئەتىسى جاڭ جىجۇڭ تاۋسىيۆگە يەنە تىلىگرامما يوللاپ، شىنجاڭ تەرەپتىكى ئەھۋاللارنى سۈرۈشتۈرگەن ھەمدە تاۋسىيۆگە مۇناسىپ تەدبىرلەرنى قوللىنىش تەكلىپىنى بەرگەن. مەسىلەن ماچېڭشاڭنىڭ پوزىتسىيىسى قانداق؟ سۆز بىلەن قايىل قىلغىلى بولسا تېخىمۇ ياخشى، قايىل قىلىش كۈچى بولمىسا، بۇ قىسىمنى قارا شەھەر، بۈگۈرگە يۆتكەش، بۇيرۇققا قارشى چىقىشىغا يول قيماسلىكى كېرەكئ بىز خاتىرە خاتىرە قىلىش تۈپەيلىدىن، چاتاق چىقىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئچۈن شىجاڭدا تۇرۇشلۇق كوماندىلارر ئىچىدىكى جاھىللاردىن بىر ئىككىنى تەڭشىۋىتىش لازىم. شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ دېگەن. ئۇ يەنە ئىككىمىزنىڭ نامىدا باياناتنامە ئېلان قىلىپ، كومپارتىيەنىڭ ھازىرقى يولغا قويۇۋاتقىنى ئۈچ مەسلەك بىلەن ئاساسەن ئوخشايدىغان يېڭى دېموكراتىيە سىياسىتى ئىكەنلىكى، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئىتتىپاقلىق، باراۋەرلىك، دىننىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى يولغا قويىدىغانلىقى توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىشنى ئىيتقان [57].
شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى شىنجاڭنى تىنىچ ئازات قىلىشتا تاۋسىيۆ قالتىس رول ئوينىدى ۋە مۇۋاپىقىيەت قازاندى. ئۇ ماچېڭشىياڭ، يې چېڭ، لو شۇرىن قاتارلىق جاھىللار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئادەتتىكى جەريانىدا تۇرغۇزغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە ئالدىراپ ئۈزۈۋەتمىدى. 9-ئاينىڭ 19-كۈنى جاسۇس لوشۇرېن خۇزۇڭنەننىڭ جىددىي تىلىگراممىسىنى تاپشۇرۇۋېلىپ يې چېڭنى قوشۇنىنى جەنۇبىي شىنجاڭغا يۆتكەپ بەتدۇق. كۈتۈشكە، ئەگەر تاۋسىيۆ كەتمىسە ياكى چېكىنىشنى توسىسا كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ بىر تەرەپ قىلىشقا بۇيرىدى. يې چېڭ تىلىگراممىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ماچېڭشىياڭ، لوشۇرېن قاتارلىقلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، قوشۇننى 20-چىسلا كىچىدە يۆتكەشنى يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى لىيۇمېڭچۈن، چويۇۋ، تاۋجىنچۇ قاتارلىقلارنى قولغا ئېلىشنى، تاۋسىيۆنى قوشۇن بىلەن بىرگە يۆتكىلىشكە مەجبۇرلاشنى قارار قىلدى [58]. يې چېڭ تاۋسىيۆ بىلەن بولغان دوسلۇقنى كۆزدە تۇتۇپ، تاۋسىيۆنى ئالدىن خەۋەرلەندۈرۈش تەكلىپىنى بەردى. ماچېڭشىياڭ، لۇشۇرېن ئىلاجىسىز قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تاۋسىيۆ ئۇلارنىڭ ھەرىكەت پىلانىدىن ئالدىن خەۋەر تاپقانغا، ئۇلار بىلەن سەمىمىي پىكىرلىشىپ، ئۇلارغا پايدا-زىيان مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈردى ھەمدە ئۇلار ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ، ئەگەر ئۇلار قوشۇندىن چېكىنىپ چەتئەلگە چىقىپ كىتىشنى خالىسا، نۇرغۇن مال-دۇنيا بىلەن يولغا سالىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ماچېڭشىياڭ، يې چىڭ. لۇشۇرېنلار ۋەزىيەتنىڭ مۇقىمدىلىپ قالغانلىقىنى چۈشۈنۈپ، ئىلاجىسىز خۇزۇڭنەننىڭ يورۇقىنى ئاڭلىمايدىغانلىقىنى [59]. تاۋسىيۆنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشقا بويسۇنۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئارقىلىق چەتئەلگە چىقىپ كىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەگەر ماچېڭىشىياڭ، يې چېڭ، لوشۇرېن قاتارلىقلار لىيۇمىڭچۈن قاتارلىقلارنى تۇتۇۋالسا، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى قالايمىقانلىشىپ، يىغىشتۇرۋالغىلى بولمايدىغان ئاقىۋەت كىلىپ چىقاتتى. تاۋسىيۆ، ماچېڭشىياڭ، يې چېڭ، لوشۇرېن قاتارلىقلارنىڭ ئىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، بۇرھان بىلەن بىرگە جاڭ جىجۇڭغا تىلىگرامما يوللاپ، ماچېڭشىياڭ قاتارلىقلار دىخۇادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، تاۋسىيۆ باش بۇلاپ گۇاڭجۇ ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈشنى جاكارلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ماچېڭشىياڭ قاتارلىقلار ئارقا-ئارقىدىن دىخۇادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، 9-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەردە تاۋسىيۆ جىددىي يىغىن ئېچىپ، قىسمنىڭ كادىلار ئىشلىرىنى تەڭشىدى. چۈشتىن كېيىن سائەت 3تە گىنىرالدىن تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفىتسىرلاردىن 300دىن ئارتۇق ئادەم بىلەن يىغىن ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسىي، ھەربىي ئىشلار، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، تىنچلىق قوزغىلىڭىنى كۆتۈرۈپ، خەلق دېموكراتىيە لاگېرىغا قايتىشنىڭ بىردىن-بىر چىقىش يولى ئىكەنلىكنى كۆرسەتتى. يىغىندىن كېيىن، تاۋسىيۆ بىلەن لىيۇمېڭچۈن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشتىكى ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدىكى تىلىگراممىنىڭ ئارگىنالىنى بىكىتتى. تاۋسىيۆنىڭ باشچىلىقدا مۇئاۋېن باش قوماندان قوشۇچمە 42-دېۋىزىيەنىڭ كوماندىرى جاۋنىڭۇئاڭ قاتارلىقلار ئىمزا قويۇپ، تىلىگرامما تارقىتىلدى.
بۇرھاننى چاڭ جىجۇڭنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىگە بىر قوللۇق كۆرسەتكەن بولۇپ، جاڭ جىجۇڭنىڭ شىنجاڭدا يۈرگۈزگەن تىنچلىق سىياسىتى ئۇنىڭغا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. 1949- يىلى 2-ئايدا بۇرھان لەنجۇدا گەنسۇ، چىڭخەي. شىنجاڭ ئۆلكە باشلىقلىرى يىغىنغا قاتنىشۋاتقاندا جاڭ جىجۇڭ بۇرھانغا كۆرسەتمە بېرىپ ‹‹11تۈرلۈك تىنچلىق ماددىسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش پروگراممىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇش، سوېت بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى چوقۇم كۈچەيتىش، ئىلى تەرەپ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تىزدىن ياخشىلاش كېرەك. پۈتۈن غەربىي شىمال رايونىدا چوقۇم تىنىچ ۋەزىيەتتىن ساقلاش، ئۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك›› دېگەن. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي مەسلىسى توغرىسىدا جاڭ جىجۇڭ بۇرھانغا ئىختىسادىي خىزمەتتە سىلەر قانداق تەدبىر قوللانساڭلار مەن قوشۇلىمەن›› دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ئىككەيلەن مەسلەھەتلىشىش ئارقىلىق شىنجاڭدا مۇستەقىل شىنجاڭ پۇلى تارقىتىلدى[61]. جاڭ جىجۇڭ شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى ۋەزىيىتىگە ھۆكۈم قىلىپ بۇرھانغا ‹‹ھازىر ئىچكىردە يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلار شىنجاڭغا چوقۇم تەسىر كۆرسىتىدۇ دېگەن ھەمدە ئىچكىردە يۈز بىرىدىغان ئەھۋاللارنى مۇنداق ئىككى خىل تەھلىل قىلغان: بىرىنچى خىل ئىھتىماللىق گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيە ھەمكارلىشىپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش، ئەگەر بۇنداق بولسا، شىنجاڭغا تەسىرى چوڭ بولمايدۇ. دېگەن ھەمدە مەن غەربىي شىمالنىڭ تىنىچ ۋەزىيىتىنى ساقلاش. شىنجاڭ بىلەن قوشنا ئەللەرنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتىش، ئىقتىسادىي خىزمەتنى تەتىپكە سىلىش، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشىمەن. بۇلارنى ئىشقا ئاشۇرالىساق شىنجاڭدا چوڭ ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ دېگەن. ئۇ يەنە ئىككىنچى خىل ئىھتىماللىق كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇش، گومىنداڭنىڭ كۈچىنى تولۇق يوقۇتۇش مۇمكىن ئەمەس، ئۇلارنىڭ قالدۇق كۈچلىرى تەيۋەنگە قېچىشى مۇمكىن، كومپارتىيە ئۇلارغا ئاسانلىقچە تەدبىر قوللانمايدۇ. ئەگەر ئىككىنچى خىل ئەھۋال كۆرۈلسە، شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى قانداق بولىدۇ؟ شىنجاڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئوخشىمايدىغان نۇرغۇن ئالاھىدىلىككە ئىگەن. ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى. چەتئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت قاتارلىقلارنى كومپارتىيە نەزەرگە ئېلىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئوخشىمايدىغان سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش مۇمكىن، ھازىرقى ھۆكۈمەتنى قايتىدىن تەشكىللىشى ئىھتىمالغا تېخىمۇ يېقىن›› دېگەن. جاڭ جىجۇڭ بۇرھانغا يەنە ‹‹مەن غەربىي شىمالدا ئامال قىلىپ ئۇرۇشتىن ساقلىنىمەن. ‹‹شىنجاڭدا شېڭ شىسەي ئەينى ۋاقىتتا يولغا قويغان سىياسەت بويىچە ئىش كۆرۈلۈشى مۇمكىن (شېڭ شىسەينىڭ سوۋېت ۋە كومپارتىيە بىلەن ھەمكارلىشىش سىياسىتى كۆزدە تۇتىلىدۇ) دېگەن[63]. جاڭ جىجۇڭ بۇراننى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىگە تاللاشتا يىراقنى كۆزلىگەن. ئۇنىڭ ‹‹ۋەتەن قارشى كۈچلۈك›› سوۋېت بىلەن مۇناسىۋەتنى يېقىن [64]. شۇڭا شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق رەئىس نامزاتى دەپ قارىغان. شۇڭا، 1947- يىلى جاڭ جىجۇڭ جىياڭ جېشىغا بۇرھان تەربىيلىسەك بولىدىغان ئىختىساس ئىگىسى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ مەكەزدىكىلەر بىلەن تونۇشۇش، ئالاقىلىشىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلساق، شىنجاڭنىڭ رەھبىرى قاتارىدا تەربىيلىسەك، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى نەنجېڭغا يۆتكەپ، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلىسەك دەپ تەكلىپ بەرگەن[65]. بۇرھان شىنجاڭنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن، سوۋېت تەرەپنىڭ ئىتراپ قىلشىغا ئىرىشكەن. سوۋېتلىكلەر دېڭ لىچۈنگە: بۇرھان ھەقىقەتەن تەرەققىيپەرۋەر شەخس، ئۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ھەمكارلايمىز. شىنجاڭ خەلقى ئارىسىدا ئۇنىڭ ئىناۋىتى ناھايىتى يۇقىرى، ئۇ خەنزۇلارغا ياخشى تەسىر قالدۇرغان. مىللەتچى ئەمەس، ئىقتىدارلىق، رۇسچە، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچىنى ياخشى بىلىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئەڭ تالانتلىق كىشى، ئەگەر شىنجاڭدىن ئۆلكە مەسۇلىنى تاللاشقا توغرا كەلسە، ئۇ ئەڭ ياخشى نامزات[66] دېگەن. بۇرھاننىڭ سوۋېتنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ئىرىشىشى شىنجاڭنىڭ تىنىچ تاشقى مۇھىتىنى ياراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇرھان جاڭ جىجۇڭنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، ئۈچ ۋىلايەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بار كۈچى بىلەن ياخشىلىدى[67]. 1949- يىلى 8-ئايدا ماناس قۇتۇبى. سانجى قاتارلىق ئۈچ ناھىيە ئۈچ ۋىلايەتتىكىلەر دىخۇاغا ھۇجۇم قىلىدىكەن دېگەن گەپلەر تارقالدى. بۇرھان لىۇمىڭچۈن بىلەن مەسلەھەتلەشكەندىن كېيىن، ماناسقا ۋەكىل ئەۋەتىپ، ئۈچ ۋىلايەتتىكىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىشنى قارارق قىلدى.
ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى سۆھبەت جەريانىدا ئۆز ئارا ھۇجۇم قىلىشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئارىلىقتىكى ئۇقۇمماسلىقنى تۈگەتتى. بۇرھان ئەخمەتجان بىلەن ياخشى خرسوسى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، ئىككەيلەن دائىم خەن ئالاقىسى قىپ تۇراتتى. 1949-يىىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى بۇرھان، ئەخمەتجانغا يازغان خېتىدە: ‹‹دۆلەت ئىچىنىڭ مۇئاۋىن ۋەزىيىتى›› غەلبىگە بىزىلۋاتىدۇ. بىراق مەن ھىكمەتتە ئېتىلاندەك ‹‹كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋالىغچىە ئىت، ئېيىقك بولسىمۇ قېيىنئاكا دە›› دەيدىغان ھالەتتە تۇرىۋاتىمەن. گومىنداڭنىڭ ھەربى تەرەپتىن تېقىنلىشىپ ئۆز خىزمىتىنى ھالەتتە تۇرۇۋاتىمەن. گومىنداڭغا ھەر بەرپتىن يېقىنلىشىچە ھۆرمىتىنى قىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كىلىۋاتىدۇ. دەپ يازغان،
شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەنىڭ شىنجاڭ ھۆكۈمەتنىڭ قىزغىلىقى بىز بۇرھانمۇ كەڭ كۆلەمدە جامائەت پىكرى توپلاپ، تىنىلىق قىزغىلىڭىنىڭ تۈلۈك تەييارلىقىن قىلىشقا باشلىدى. ئۇ جاڭ جىجۇڭ بىلەن كېڭىشىپ بىكىتكەن پىرىنسىپاق ئاساسەن، 1945- يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ، شىجاڭنىڭ كۈمۈش تەڭگىسىنى تارقىتىپ، گومىنداڭنىڭ ‹‹ئالتۇن تەڭگىسى›› نى شىجاڭدا ئوبرۇت قىلىشنى توختاتتى. بۇنىڭ بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتە گومىنداڭ بىلەن بولغان ئالاقە ئۈزۈلدى. شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تىنچلىق قوزغىلىڭىغا قارشى كىشىلەرنى مال- چارۋىلار ئارقىلىق قولغا كەلتۈردى [69]. ‹‹تىنچلىقنى تىزراق ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن›› شەرقى تۈركىستان مەزھىپىدىكىلەردىن ئىمىن، ئەيسا قاتارلىقلار ئۆلۈمگە لايىق بولسىمۇ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ چەتئەلگە چىقىپ كىتىشىگە قوشۇلدى. [70] 9-ئاينىڭ 10-كۈنى جاڭ جىجۇڭ تاۋسىيۆ بىلەن بۇرھانغا تىلىگرامما يوللاپ، ئۇلارنىڭ گۇاڭجۇ ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈشكە چاقىرىق قىلدى. 9-ئاينىڭ 17-كۈنى بۇرھان بىلەن تاۋسىيۆ بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ، جاڭ جىجۇڭغا تۆۋەندىكىچە جاۋاب ‹‹ھۆكۈمەت تەرەپ، تاكىتىكىسىنى ئۆزگەرتىشتە، جاناپلىرى ئۈچ ۋىلايەتتىكىلەر بىلەن تۈزگەن تىنچلىق شەرتلىرىگە ئاساسەن، ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتىكى ئەزالىرىنى دىخۇاغا تەكلىپ بىلەن قايتۇرۇپ كىلىپ، ھەمكارلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تۈزۈپ چىققان تىنچلىق، بىرلىك، دېموكراتىيە ئىتتىپاقلىق سىياسىتى ۋە ئۆلكىمىزنىڭ مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش پروگراممىسىغا ئەمەل قىلىمىز، مەركىزى ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، ۋاختىنچە يەرلىك مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنىمىز. ئۆلكىلىك ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىللەيمىز›› [71] 9-ئاينىڭ 19-كۈنى بۇرھان دېڭ لىچۈن ئارقىلىق ماۋزېدوڭغا تىلىگرامما يوللاپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىەن مۇناسىۋەتنى ئۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 9-ئاينىڭ 26-كۈنى گومىنداڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بۇرھان قاتارلىقلار ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشتى.
ئىزاھات:
[1]. جاڭ جىجۇڭ دائىم ئۇلارنى ‹‹رادىكاللار›› دەيتتى. بەزىدە ‹‹پرورېسلار›› دەپمۇ ئاتايتتى. جاڭ جىجۇڭ: ‹‹جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى›› 2-قىسىم 541-658-بەتلەرگە قارالسۇن.
[2] ئابباسوف ( 1921-1949) تولۇق ئىسمى ئابدۇكىرىم ئابباسوف. شىنجاڭ ئاتۇشتىن، ئۇيغۇر، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. 1938- يىلى شىنجاڭ شۆيۈەندە ئوقۇغان، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىدىن لىن جىلۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئىنقىلابى ئىدىيىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان. 1940- يىلى شېڭ شېسەي تەرىپىدىن ‹‹ئاسىي›› ئاتىلىپ، ساۋەن ناھيىسىگە پالىنىپ، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1944- يىلى 4-ئايدا ‹‹ئازادلىق تەشكىلات›› قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، قۇرۇپ چىققان ھەمدە بۇ تەشكىلاتنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولغان. 11-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىغا قاتنىشىپ، پارتىزانلارنى باشلاپ، غۇلجا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىم بازىلارغا ھۇجۇم قىلغان. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىنىڭ ئىچكى ئىشلار بۆلۈمى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 1946- يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋېن باش كاتىپى بولغان. شۇ يىلى 12-ئايدا نەنجىڭدا ‹‹گومىنداڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى›› غا قاتنىشىش پۇرسىتىدن پايدىلىنىپ، مەركەزدىكى مۇھىم رەھبەرلەرنىڭ بىرى بولغان دوڭ بىۋۇ بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو كومپارتىيىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان. شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆزى مەخپىي قۇرغان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى بىلەن يەنە بىر ئىلغار تەشكىلات- كوممۇنىستلار ئىتتىپاقىنى بىرلەشتۈرۈپ، دىموكراتىك ئىنىقىلاب پارتىيىسىنى قۇرۇپ، رەئىس بولغان. سوۋىتلىقلار بۇنىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇنى بارلىق تەشكىلىي پائالىيەتلەرنى توختۇتۇشقا بويرۇغان ھەمدە بارلىق ھۈججەتلەرنى كۆيدۈرۈۋەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن سوۋىتلىقلارنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغان. 1949- يىلى 8-ئايدا ئايروپىلان ھادىسىسگە ئۇچراپ قازا قىلغان. شېىن جىخۇا ‹‹جۇڭگو-سوۋېتنىڭ ئىتتىپاق تۈزۈشى ۋە سوۋېتنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئۆزگۈرۈشى (1944-1950) گە قارالسۇن. ‹‹يېقىنقى زامان تارىخ تەتقىقاتى›› 1999- يىلى 3-سان.
[3] جاڭ جىجۇڭ ‹‹جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى›› 2-قىسىم 541-بەتكە قارالسۇن.
[4] ‹‹مۇئەققەت قوماندان لوشۇرىننىڭ جەنۈبىي شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە بەرگەن دوكلاتى››، ۋۇجۇڭشىن ‹‹ۋۇجۇڭشىننىڭ شىنجاڭنى باشقۇرۇش خاتىرىسى›› 1945- يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى.
[5] سۇڭ شىلئەن :‹‹بۈركۈت گىنىرال- سۇڭ شىلئەننىڭ بايانى›› 219-بەت: جاڭ جىجۇڭ:‹‹جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى›› 2-قسىم 571-بەت. ئەمەلىيەتتە مەسۇد قاتارلىقلار باشتىلا شىنجاڭدا ‹‹يۈكسەك ئاپتونومىيە›› نى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى ئارىغا ئېلىشىنى كۆزلەپ، بەزى ھەرىكەتلىرىنى يوشۇردى. كېيىن سىياسىي سەھنىگە قەدەم قويغان ۋاقىتتىكىدەك ئاشكارلىمىدى.
سۇڭ شىلئەن ئۇلار شىنجاڭنى جۇڭگودىن ئايرىپ مۇستەقىل قىلىشنى تەشەببۇس قىلمايدۇ. پەقەت مىللىي ئاپتونومىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىش ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى چۈشەنمىگەنلىكىدىن دەيدۇ. 1945- يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋۇجۇڭشىن ‹‹شىنجاڭنى باشقۇرۇش خاتىرىسى›› خۇاڭ جەنخۇا ‹‹ۋۇجۇڭشىن ۋە مەسۇد›› ‹‹شىنجاڭنىڭ يەرلىك تەزكىرىسى›› نىڭ 1994- يىلى 3-سانىغا بېسىلغان.
[6] ‹‹پارتىيە مەركىزى كومېتىتىغا شىنجاڭ ئالاھىدە رايوننىڭ خىزمىتىدىن دوكلات›› (1949- يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى) شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تەزكىرىسىنى تۈزۈش كومېتىتى تۈزگەن ‹‹شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى رەھبەرلىرىنىڭ مەركەزگە يوللىغان دوكلاتى ۋە ھۆججەتلەر››، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1995- يىلى نەشرى.
[7] سالىش (1919-1950) ئەسلى ئىسمى ‹‹خالىياس داكار ئامىر›› شىنجاڭ دىنخۇالىق، قازاق، ئىلگىرى –كېيىن دىخۇادىكى مۇڭغۇل –قازاق مەكتىپى، تولۇقسىز پىداگوگىكا مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان. خەنزۇچىغا پىششىق. 1942-يىى شىنجاڭ قازاق، قىرغىز مەدەنى ئاقارتىش جەمىيتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1944- يىلى شېڭ شېسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. ۋۇجۇڭشىن شىنجاڭنىڭ خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا قويۇپ بېرىلىپ، داۋاملىق قازاق. قىرغىز مەدەنىي ئاقارتىش جەمئىتىنىڭ باشلىقى بولغان. شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى قوشۇمچە مۇئاۋېىن باش كاتىپ بولغان. شىجاڭ تىنىچ ئازات بولۇش ھارپىسىدا ئوسمان بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ شىنجاڭنىڭ تىنىچ ئازات بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلغان. ئازاتلىقتىن كېيىن، باندىتلارنى باشلاپ شىنجاڭدىن چىقىپ كېتىپ 1950- يىلى چىڭخەيدە ئۆلگەن.
[8]. جاڭ داجۈن ‹‹شىنجاڭنىڭ بوران-چاپقۇنلۇق 70يىلى) نىڭ 7336-بەت.
[9] ۋۇجۇڭشىن ‹‹شىنجاڭنى باشقۇرۇش خاتىرىسى››، 1945- يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى .
[10] ۋۇجۇڭشىن ‹‹شىنجاڭنى باشقۇرۇش خاتىرىسى›› 1946- يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى.
[11] خۇاڭ جەنخۇا ‹‹گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسەتلىرى توغرىسىدا بايان››، ‹‹غەربىي شىمال تەزكىرىسى›› 1994- يىلى 4-سان.
[12] گومىنداڭ مەسۇد قاتارلىقلار تەشەببۇس قىلغان ‹‹تۈرك مىللەتلىرى تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش نەزىرىيىسىنى چۈشىنەتتى. ئۇلارنى شىنجاڭغا قايتۇرۇپ كىلشتە ئۇلار بىلەن مەلۇم سىياسىي رامكا ئىچىدە ھەمكارلاشماقچى بولدى. خۇددى تاڭ زۇڭنىڭ جىياڭ جېىشىغا تەكلىپ بەرگىنىدەك، ‹‹مەركەز ئالاھىدە خادىم ئەۋەتىپ (يېقىندا شىنجاڭغا كىلىپ خىزمەت قىلىدىغان خادىم ) مەسۇد بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلىشىپ، مۇۋاپىق ھەمكارلىق لايھىەيسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھەممىسى ئۆز مۇقامىغا توۋلاپ چوڭ ئىشقا كاشىلا قىلىشتىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلدى›، جاڭ جىجۇڭ كېيىن ئەسلەپ مەسئۇدنىڭ پان تۈركىسىزىمچى ۋە سوۋېتقا قارشى تۇرىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىدىن ‹‹ئىلگىرى مەن قىلچە خەۋەرسىز›› ئىكەنمەن دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خاتالىق. ۋۇجۇڭشىن بىلەن جاڭ جىجۇڭ مەسئۇد قاتارلىقلارنى ئىشلىتىش مەسلىسىدە پىكىردە بىرلىككە كىلەلمىدى. ۋۇجۇڭشىن مەسئۇد قاتارلىقلار بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىپ قىلىدۇ دەيدۇل.
جاڭ جىجۇڭ مەسۇد قاتارلىقلارنىڭ ‹‹سوۋېتقا قارشى تۇرۇش›› سىياسىي مەيدانىدىن پايدىلىنىش كېرەك دەيدۇ. ۋۇجۇڭشىن كۆپ قېتىم جىياڭ جىشىغا مەسۇد قاتارلىقلارنىڭ شىنجاڭنى پارچىلاش ھەركەتلىرىنى دوكلات قىلغان. جىياڭ جېشىمۇ ھېس قىلغان، بىراق ئۇ ئىزچىل يول قويغان.
ج خ مىنىستىرلىكىي ئارخىپخانىسى تۈزگەن ‹‹جىياڭ جېشىنىڭ يېنىدىكى 8يىل- ئابدۇتانت ئىشخانىسىنىڭ ئالى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى تاڭ زۇڭنىڭ خاتىرىسى›› 683-684-بەتكە قارالسۇن. ۋۇجۇڭشىن‹‹شىنجاڭنى باشقۇرۇش خاتىرىسى›› 1945- يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى، 1946- يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى: جاڭ جىجۇڭ ‹‹جاڭ جىجۇقڭنىڭ ئەسلىمىسى ›› 2-قىسىم 545-بەت خۇاڭ جەنخۇا ‹‹ۋۇجۇڭشىن ۋە مەسۇد››.
[13] ‹‹1948- يىلى جاڭ جىجۇڭنىڭ مەسۇد قاتارلىقلارغا يازغان خېتى›› جاڭ جىجۇڭنىڭ ‹‹جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى›› 2-قىسىم 575-بەت.
[14] ‹‹شىنجاڭدىكى پان تۈركىسىزىم ھەركىتىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىي›› ‹‹پان تۈركىسىزىم، پان ئىسلامىزىم›› تەتقىقات تېما گۇرۇپپىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا پايدىلىنىدىنغان ماتىرىيالى›› نىڭ بىرىنچىسى، 1992- يىلكى 1-ئاي ماي باسمىسى 56-بەت. [15]
سۇڭ شىلئەن: ‹‹بۈركۈت گىنىرال- سۇڭ شىلئەننىڭ بايانى›› 219-بەت. [16] ئەنگىلىيىلىك فوبېس A. D. W : ‹‹شىنجاڭدىكى مىللىتارسىتلار ۋە مۇسۇلمانلار: 1911-1949- يىللىرىدىكى مىنگو مەزگىلىدىكى شىنجاڭ سىياسىي تارىخى›› 233-بەت.
[17] شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيسى تارىخ تەتقىقات ئورنى تۈزگەن ‹‹شىنجاڭنى قىسقىچە تارىخى›› 3-سان 487-488-بەت.
[18] جاڭ جىجۇڭ: ‹‹جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى›› 2-قىسمى 571-بەت.
[19] ‹‹1948- يىلى 10-ئايدا جاڭ جىجۇڭنىڭ مەسۇد قاتارلىقلارغا يازغان خېتى›› جاڭ جىجۇڭ ‹‹جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلمىسى›› 2-قىسمى 572-576-بىتىگە قارالسۇن.
[20] جاڭ جىجۇڭ ‹‹جاڭجىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى›› 2-قىسمى 577-بەت.
[12]، [22] جاڭ جىجۇڭ: ‹‹ جاڭجىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى›› 2-قىسىم 541-542-بەت.
[23] ئىلى تەرەپتىكىلەر تۇرپانغا ئەۋەتكەن پارتىزانلارغا تايىنىپ، يەرلىىك دېھقانلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، قوزغىلاڭ كۆتۈردى. گومىنداڭنىڭ كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان تۇرپان، پىچان، توخسۇندا غەلبە قىلىشتىن ئۈمىت ناھايىتى ئاز ئىدى. ئىلى تەرەپ بۇنى مۆلچەرلەپ يىتىشى كېرەك ئىدى. دىخۇادا تۇرۇشلۇق گومىنداڭ ئارمىيىسى تۇرپانغا ئەسكەر كۈپەيتكەندە بۇرھان جاڭ جىجۇڭ بىلەن سۇڭ شىلئەننى ئىزدەپ، قورال كۈچى ئىشلىتىپ باستۇرماي، تىنىچ ھەل قىلىشنى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىلەن گارنىزون قوماندانلىق شىتابى ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرۈشنى، ئاندىن ھەل قىلىش چارىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. (سۇڭ شىلئەن: ‹‹بۈركۈت گىنىرال- سۇڭ شىلئەننىڭ بايانى›› 263-264-بەت) بۇنىڭدىن ئىلى تەرەپتىكىلەرنىڭ ئالدىراپ-تىنەپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشتىكى مەقسىتى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى مەسۇدنى ۋەزىپىگە قويۇپ ئىشلەش مەسىلىسىدە يول قويۇشقا مەجبۇرلاش ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇ.
[24] ‹‹ئۇرۇشتىن كېيىنكى جۇڭگو›› (1) 781-بەت.
[25] ‹‹ئۇرۇشتىن كىيىنكى جۇڭگو›› (1) 780- بەت.
[26] جاڭ جىجۇڭ: ‹‹جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى›› 2-قىسىم 558-بەت. گومىنداڭ تەرەپنىڭ ئاتالمىش ‹‹شىنجاڭ مەسىلىسى›› نى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىش ئىڭىنى ‹‹تىنچلىق شەرتلىرى›› نى ئىجرا قىلىش نامى بىلەن ئۇرۇشتا قولدىن كەتكەن ئۈچ ۋىلايەتنى قايتىدىن تىنىچ بىرلىككە كەلتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.
[27] [31] جاڭ جىجۇڭ: ‹‹جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى›› 2-قىسىم 570-بەت.
[28] [43] ‹‹ئومۇمىي بايان. جەڭ مەركىزى كومېتىتىنىڭ شىنجاڭنى تىنىچ ئازات قىلىشقا ئائىت ئورۇنلاشتۇرۇشى›› شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە تارىخى خىزمەت كومېتىتى قاتارلىق ئورۇنلار تۈزگەن ‹‹شىنجاڭنىڭ تىنىچ ئازات بولۇشى›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1990- يىلى نەشرى، 17-18-بەت.
[29] [47] تاۋسىيۆ: ‹‹تاۋسىينىڭ بايانى›› خۇنەن خەلق نەشرىياتى 1985- يىلى نەشرى، 86-87 بەت»
[30] ئەخمەتچان، رېھىمجانلارنىڭ جاڭ جىجۇڭغا يازغان بۇ خېتىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولۇدىكى، ئېلى تەرەپ گومىنداڭ پارتېيىسى بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشتىن يالتايغان، گەپ-سۆزىنى جايىدا ئىشلەتمەي، قاتتىق-قوپال سۆزلەرنى ئىشلەتكەن، مەسىلەن خەتتە جاڭ جېجۇڭنى «ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارنى ئەپەۇ قىلىپ ھەل قىلىش» سەمىمىيىتى يوق، جاڭ جېجۇڭنىڭ ئالدىنقى قېتىم بىزگە يازغان خېتى «خەلقنىڭ قانۇنلۇق تەلىپىنى ھاقارەتلىگەنلىك» دەپ ئەيىبلىگەن. («ئەخمەتچان، رېھىمجانلارنىڭ 1948- يىلى 10- ئاينىڭ 3- كۈنى جاڭ جېجۇڭغا يازغان خېتى»، جاڭ جىجۇڭ» 70 يىللىق ھايات ئەسلىمەم» ئىلاۋە). ئىلى تەرەپتىكىلەرنىڭ پوزىتىسىيىسى كۆرىنەرلىك ئۆزگەرگەچكە، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى مەسئۇدنىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى قالدۇرۇۋېتىشنى تىزلەتكەن.
[32] جاڭ جىجۇڭ؛« جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى» 2- قىسىم 378- بەت.
[33] بۇرھان؛ « شىنجاڭنىڭ 50 يىلى» 329- بەت.
[34] بۇرھان، « شىنجاڭنىڭ 50 يىلى» 336- بەت.
[35] شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى مۇئاۋېن رەئىسى يەنىلا ئەخمەتچان ئىدى. (ۋەزىپىگە ئولتۇرمىغان)
[36] بۇرھان گەرچە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىغا بىۋاستە قاتناشمىغان بولىسمۇ لېكىن سوۋېت بىلەن يېقىن ئۆتۈش قارشى ئۈچ ۋىلايەتتىكىلەر بىلەن تامامەن ئوخشاش ئىدى. شۇڭا سوۋىتقا قارشى تۇرۇپ ئامىرىكىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان مۇھەممەت ئىمىن بىلەن ئوت بىلەن سۇدەك چىقىشالمايتتى. 1942- يىلى 2- ئايدا شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى توغرىسىدا ئىككەيلەن ئوتتۇرىسىدا سىياسى ئىختىلاپ كۆرۈلدى. ئىمىن گومىنداڭ تەخىتتىن چۈشۈشتىن ئىلگىرى، شىنجاڭ گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئايرىلىپ چىقىش، سوۋىتلىقلارنى ئارىلاشتۇرماسلىق، ئامىرىكىلىقلارنىڭ قولىشىغا تايىنىپ، كومپارتىيەنىڭ شىنجاڭغا كىرىشكە تاقابىل تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلاتتى. بۇ شىنجاڭدا تىنچلىق قوزغىلىڭىنى پىلانلىغان بۇرھاننىڭ سىياسىي قارىشى بىلەن تۈپتىن قارىشى ئىدى. ئىمن بۇرھانغا ئاشكارە قارشى تۇراتتى. بۇرھان ئاچقان ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىشنى رەت قىلاتتى. ئىككەيلەن بېرىش-كېلىش قىلمايتتى. ھەتتا ئۇچرىشىپ قالسىمۇ گەپلەشمەيتتى. ئىمىن ئامېرىكىنىڭ قوللىشىدا خوتەندە «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇشقا تەييارلانغان بۇلۇپ، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى شىنجاڭغا ناھايىتى تىز يىتىپ كىرگەچكە ئۇنىڭ خيالى بەربات بولدى. بۇرھان، «شىنجاڭنىڭ 50 يىلى» 332-333- بەتكە قارالسۇن، «دىخۇدادىكى ھەربىي، مەمۇرىي ئەمەلدارلارنىڭ يېقىندىن بۇيانقى سىياسىي خائىشى» 1949- يىلى 9- ئاينىڭ 4- كۈنى شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە تارىخى خىزمەت كومتېتى قاتارلىق ئورۇنلادىن تۈزگەن. «شىنجاڭ تىنچ ئازاد بولۇشى»غا بېسىلغان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1990- يىلى نەشرى 196- بەت؛ يۈەن شۇ «20- ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىدىكى شىنجاڭنىڭ سىياسى ۋەزىيىتىدىكى بوران-چاپقۇن ۋە ئامېرىكا كونسۇلخانىسى»، «شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۈنۋېرىسىستىتى ئىلمىي ژۇرنىلى» نىڭ 2002- يىل 1- سانىغا بېسىلغان.
[37] 20- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرى گويىشى گوروھىدىن خۇاڭ شاۋخۇڭ شىنجاڭنى كونتېرول قىلىشىنى پىلانلىغان. گەرچە پىلاننى باشلىغان بولسىمۇ ھېچقانداق نەتىجىسى چىقىمىغان. گەرچە گويىشى ھېچقاچان شىنجاڭنى كونترول قىلىپ باقىمىغان بولسىمۇ، شىنجاڭنى نەزەرىدىن ساقىت قىلمىغان.
1949- يىلى 1- ئاينىڭ 21- كۈنى گويىشىڭ مۇئاۋېن زوڭتوڭى لى زوڭېرىن مۇئەققەت زوڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى يۈرگۈزگەندىن كېيىن، شىنجاڭدىن كېچىش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىدى.
[38] تاۋسىيۆ؛ « تاۋ سىيۆنىڭ بايانى» خۇنەن خەلق نەشرىياتى 1985- يىلى نەشرى 86- بەت؛ جاڭ شىيەنۋىن تۈزگەن «جۇڭخۇا مىنگونىڭ تارىخى پروگراممىسى» خېنەن خەلق نەشرىياتى 1985- يىلى نەشرى 72- بەت.
بۇ قارارنىڭ بەلگىلىنىش جەريانى مۇنداق: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى تەكلىپ بىرىپ، جەڭ لىنىيەسى بەك ئۇزاق، ئەسكەرلەرنى تەخسىم قىلىش قولايسىز، شىنجاڭدا 100مىڭدەك ئەسكەر تۇرۇۋاتىدۇ. بۇنداق كۆپ ئەسكەرنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشىنىڭ زۆرۈريىتى يوق دەپ قاراپ، شىنجاڭدىكى قىسىمنىڭ كۆپ قىسمىنى شەرققە يۆتكەش تەكلىپىنى بەرگەن. لى زوڭرېن، فې يىڭچىنلار بۇنىڭغا قوشۇلغان ھەمدە غەربىي شىمالنىڭ ھەربىي، مەمۇرىي قوماندانى جاڭ جىجوڭنىڭ پىكرىنى ئالغان، جاڭ جىجۇڭ ‹‹شىنجاڭدىكى قىسىمنى شەرققە يۆتكەشكە مەن قارشى ئەمەس، لېكىن يول يىراق. مەيلى پىيادە ياكى پويىز بىلەن يۆتكەش قولايسىز، ئەڭ ياخشىسى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى شىنجاڭ گارنىزوننىڭ باش قوماندانى تاۋسىيۆگە تىلىگرامما يوللاپ، ئۇنى نەنجىڭغا چاقىرتىپ مەسلەھەتلەشكەندىن كېيىن قارار قىلساق›› دىگەچكە، لى زۇڭرىن ئۇنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىگە شۇ بويىچە بىجىرىشنى تاپىلغان. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مەدەنىيەت، تارىخىي ماترىياللار كومېتىتى تۈزگەن ‹‹جۇاڭخۇا مەدەنىيەت، تارىخ ماتىرىياللىرى توپلىمى›› نىڭ 6-تومى، جۇڭگو مەدەنىيەت، تارىخ نەشرىياتى 1996- يىل نەشرى، 218-219-بەت.
[39] بۇرھان: ‹‹شىنجاڭنىڭ 50يىلى›› 339-بەت.
[40] شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى تۈزگەن ‹‹شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى›› 3-توم، 509-بەت.
[41] جاڭ جىجۇڭ: ‹‹جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى›› 2-قىسىم 784-بەت.
[42] جاڭ جىجۇڭ: ‹‹جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى›› 2-قىسىم 785-بەت.
[44] مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مەدەنىيەت، تارىخ ماتىرىياللىرى كومېتىتى تۈزگەن: ‹‹جۇڭخۇا مەدەنىيەت، تارىخ ماتىرىياللىرى توپلىمى›› 6-توم جۇڭگو مەدەنىيە، تارىخ نەشرىياتى 1996- يىلى نەشرى، 218-بەت.
[45] چويۇۋنىڭ ئەسلىشىچە، ئۇ يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى جاڭ جىجۇڭ بەزى ئىشلارنى تاپشۇرغاندىن سىرت، جۇئىنلەيمۇ ئۇنىڭغا ‹‹دۆلەت ئىچىدە تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئۈمىت ناھايىتى ئاز، ئەگەر ئىش بۇزۇلسا سىز دەرھال شىنجاڭغا قايتىپ، ئۇ تەرەپتىكى قوشۇننىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ئىشىنىڭ كويىغا چۈشۈڭلار، ئىمكان بار خەلق زىيانغا ئۇچرىمىسۇن ياكى زىيان ئەڭ ئاز بولسۇن›› دەپ تاپىلغان. چۇيۇۋنىڭ ‹‹شىنجاڭ 26-سىنتەبېر قوزغىلىڭى توغرىسىدا ئەسلىمە›› شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە تارىخى خىزمەت كومېتىتى قاتارلىق ئورۇنلار تۈزگەن ‹‹شىنجاڭنىڭ تىنىچ ئازات بولۇشى›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1990- يىلى نەشرى 393-394-بەتكە قارالسۇن.
[46] شىنجاڭ تەرەپ قالغان قىسىم كېيىن ئارمىيەنىڭ تۈزۈلمە ۋە شىتاتلىرىنى تەرتىپكە سىلىپ، ئەسلىدىكى كورپۇسنى دىۋىزىيىگە، دىۋىزىيەنى پولكقا ئۆزگەرتتى.
[48] [49] تاۋسىيۆ :‹‹ تاۋسىيۆنىڭ بايانى›› 88-بەت.
[50] دېڭ لىچۈن :‹‹دىخۇادىكى ھەربىي، مەمۇرىي ئەمەلدارلارنىڭ يېقىندىن بۇيانقى سىياسىي خائىشى›› (1949- يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى ) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە تارىخى خىزمەت كومېتىتى قاتارلىق ئورۇنلار تۈزگەن ‹‹شىنجاڭنىڭ تىنچ ئازات بولۇشى›› 197-بەت.
[51] تاۋجىنچۇ ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە چۇڭچىڭدا جۇئىنلەينىڭ يېنىدا خىزمەت قىلىۋاتقان چىساۋ گۈەنخۇا بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. جۇئىنلەي چىساۋ گۈەنخۇاغا تاۋچىنچوغا خىزمەت ئىشلەش توغرىسىدا كۆرسەتمە بىرىدۇ. تاۋچىنچۇ 1948- يىلى 7-ئايدا شىنجاڭغا كىلىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى مەخسۇس شىياڭگاڭغا بېرىپ، بارتىيىنىڭ مەخپىي خىزمىتىنى ئىشلەۋەتقان چىساۋ گۈەنخۇا بىلەن كۆرۈشۈپ، مەخپىي ئالاقە ئورنىتىدۇ. ‹‹ئومۇمىي بايان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ شىنجاڭنى تىنىچ ئازات قلىشقا ئائىت ئورۇنلاشتۇرۇشى›› شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە تارىخى خىزمىتى كومېتىتى قاتارلىق ئورۇنلار تۈزگەن ‹‹شىجاڭنىڭ تىنىچ ئازات بولۇشى›› 5-بەت.
[52] تاۋسىيۆ: ‹‹تاۋسىيۆنىڭ بايانى›› 92-بەت.
[53] جاڭ جىجۇڭ: ‹‹جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى›› 2-قىسىم 851-بەت.
[54] ‹‹ئومۇمىي بايان. ج. ك. پ مەركىزى كومېتىتىنىڭ شىنجاڭنى تىنىچ ئازات قىلىشقا ئائىت ئورۇنلاشتۇرۇشى›› شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە تارىخى خىزمىتى كومېتىتى قاتارلىق ئورۇنلار تۈزگەن ‹‹شىنجاڭنىڭ تىنىچ ئازات بولۇشى›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1990- يىلى نەشرى 6-بەت.
[55] دېڭ لىچۈن :‹‹شىنجاڭدىكى گومىنداڭ ھەربى، مەمۇرىي دائىرلىرىنىڭ يىغىن ئېچىپ، تىنچلىق قوزغىلىڭىغا ئائىت ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىش ئەھۋالى›› (1949- يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە تارىخى خىزمىتى كومېتىتى قاتارلىق ئورۇنلار تۈزگەن ‹‹شىنجاڭنىڭ تىنىچ ئازات بولۇشى›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1990- يىلى نەشرى 179-بەت.
[56] جاڭ جىجۇڭ:‹‹جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى›› 2-قىسىم 581-582-بەت؛ ‹‹گىنىرال جاڭ جىجۇڭنىڭ تىلىگراممىسىنىڭ تولۇق تىكىستى›› 1949- يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› گە بېسىلغان.
[57] جاڭ جىجۇڭ: ‹‹جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى›› 2-قىسىم 582-583-بەت.
[58] ‹‹ئومۇمىي بايان. شىنجاڭدىكى گومىنداڭ ھەربى، مەمۇرىي دائىرلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كۈرەش›› شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە تارىخى خىزمەت كومېتىتى قاتارلىق ئورۇنلار تۈزگەن ‹‹شىنجاڭنىڭ تىنىچ ئازات بولۇشى›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1990- يىلى نەشرى 24-بەت.
[59] 9-ئاينىڭ 22-كۈنى، خۇزوڭنەنە يې چېڭغا يەنە تىلىگرامما يوللاپ: ‹‹دىخۇادىكى ئىسيانچىلارنى تازىلاپ قوشۇننى جەنۇبىي شىنجاڭغا يۆتكەڭلار، سىلەرگە كېرەكلىك لازىمەتلىكلەرنى ئايروپىلاندا يۆتكەپ بىرىمىز›› دەيدۇ. ‹‹ئومۇمىي بايان. شىنجاڭدىكى گومىنداڭ ھەربى، مەمۇرىي دائىرلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كۈرەش›› شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە تارىخى خىزمىتى كومېتىتى قاتارلىق ئورۇنلار تۈزگەن‹‹شىنجاڭنىڭ تىنچ ئازات بولۇشى›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1990- يىلى نەشرى 25-بەت.
[60] تاۋسىيۆ: ‹‹تاۋسىيۆنىڭ بايانى›› 108-بەت.
[61] بۇرھاننىڭ 1949- يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى كۈندىلىك خاتىرىسى بۇرھان ‹‹شىنجاڭنىڭ 50يىلى›› 340-بەتكە قارالسۇن. مۇستەقىل يىڭى يول تارقىتىش شىنجاڭدا يېڭىدىن شىنجاڭ پۇلى تارقىتىپ، ئەسلىدىكى شىنجاڭ يولى بىلەن گومىنداڭنىڭ پۇلىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ ئوبرۇت قىلىش ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.
[62] بۇرھاننىڭ 1949- يىلى 2-ئاينىيڭ 10-كۈنىدىكى كۈندىلىك خاتىرىسى بۇرھان ‹‹شىنجاڭنىڭ 50يىلى›› 342-343-بەتكە قارالسۇن.
[63] بۇرھاننىڭ 1949- يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى كۈندىلىك خاتىرىسى بۇرھان ‹‹شىنجاڭنىڭ 50يىلى›› 343-بەتكە قارالسۇن.
[64] جاڭ جىجۇڭ:‹‹جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى›› 2-قىسىم 541-بەت.
[65] جاڭ جىجۇڭ: ‹‹جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى›› 2-قىسىم 542-بەت.
[66] دېڭ لىچۈن:‹‹دىخۇا تېنىچلىق ھەركىتىنىڭ ئەھۋالى›› (1949- يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە تارىخى خىزمىتى كومېتىتى قاتارلىق ئورۇنلار تۈزگەن ‹‹شىنجاڭنىڭ تىنىچ ئازات بولۇشى›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1990- يىلى نەشرى 186-بەت.
[67] 1949- يىلى 10-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا تاۋسىيۆ جاڭ جىجۇڭغا تىلىگرامما يوللاپ ‹‹ئىلى تەرەپ بىلەن بۇرھان ئالاقىلاشتى، ھەمكارلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرىمىز›› دەيدۇ. تاۋسىيۆ:‹‹تاۋسىيۆنىڭ بايانى›› 110-بەتكە قارالسۇن.
[68] دېڭ لېچۈن : ‹‹بۇرھاننىڭ ئەخمەتجانغا تازغان خېتىنى يەتكۈزۈپ بىرىش›› (1949- يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە تارىخى خىزمەت كومېتىتى قاتارلىق ئورۇنلار ‹‹شىنجاڭنىڭ تىنچى ئازات بولۇشى›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1990- يىلى نەشرى 212-بەت.
[69] شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە نازىرى جانىمخان، قازاق قەبىلىسىنىڭ كاتتىۋىشى بولۇپ، ئوسمان بىلەن بىرلىشىۋالغان ئىدى. ئامېرىكىنىڭ دىخۇادا تۇرۇشلۇق مۇئاۋېن باش كونسۇلى ماركمەننىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن ئىسيان كۆتۈرمەكچى بولغان. بۇرھان ئىزچىل تۈردە ئۇنى بىرلىكتە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە ماقۇل كەلتۈرۈشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ئۈنۈمى بولمىغان. بۇرھان ‹‹شىنجاڭنىڭ 50يىلى›› 349-350-بەتكە قارالسۇن.
[70] بۇرھان: ‹‹ شىنجاڭنىڭ 50يىلى›› 353-بەت.
[71] جاڭ جىجۇڭ:‹‹جاڭ جىجۇڭنكىڭ ئەسلىمىسى›› 2-قىسىم 584-بەت.
[72] 1949- يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى بۇرھاننىڭ ماۋزىدۇڭغا يوللىغان تىلىگراممىسى، بۇرھان ‹‹شىنجاڭنىڭ 50يىلى›› 359-بەتكە قارالسۇن.




بەشىنچى باب ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىغا ۋە
شىنجاڭ مەسىلىسىدە سوۋېتقا
قارىتىلغان سىياسەتلەر

1-بۆلۈم ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىغا قارىتىلغان سىياسەتلەر
1944- يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ئالدى بىلەن ئىلى ۋىلايىتىدە پارتلاپ ئىككىنچى يىلى 9-ئايدا تارباغاتاي، ئالتاي ۋىلايەتلىرىگە كېڭەيدى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەزگىلدە ئوخشىمىغانسىياسەت قوللاندى. تۆۋەندە ئايرىم بايان قىلىمىز.
1. ھەربىي ۋاستە ئارقىلىق ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىنىڭ تەرەققىياتىنى تونۇش (11. 1944—9. 1945)
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى- سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ ياردىمىدە قۇرۇلغان ‹‹غۇلجا ئازادلىق تەشكىلاتى›› نىڭ كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىشى ۋە تەشكىللىشىدكى ئىنقىلاپ، بۇ تەشكىلات ئالدى بىلەن گوڭغا (بۈگۈنكى تىلغا) پارتىزانلىرىنى تەشكىللەپ غۇلجىدىن 100 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى گوڭغا ناھيىسىدە چارۋىچىلار قوزغىلىڭى كۆتۈردى. غۇلجىدىكى گومىنداڭ قوشۇنى 1600دىن ئارتۇق ئەسكىرىنى بۇ قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا ئەۋەتىپ، غۇلجىنىڭ شەھەر مۇداپىئەسى بولۇپ قالدى. 1500 دىن ئارتۇق قېپقالغان قىسىم ھەرقايسى ئىستھكاملارغا تارقاقلاشتۇرۇلدى. ‹‹غۇلجا ئازادلىق تەشكىلاتى›› سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ مەسلەھەتى بىلەن موشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، غۇلجىدە قوزغىلاڭ كۆتۈردى. قوزغىلاڭغا سوۋېت ئىتتىپاقىدا تەربىيلەنگەن پارتىزانلار ھەم يەرلىك ئامما قاتناشتى. سوۋېت ئارمىيىسىمۇ چىگرىدىن كىرىپ ئۇرۇشقا قانتاشتى [1] 11-ئاينىڭ 14-كۈنى قوزغىلاڭچىلار غۇلجا شەھرىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى ئىگىلىدى. گومىنداڭ ئارمىيىسى شەھەرنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئىرەمباغقا چىكىنىپ، ئورۇنلاشتى. جىياڭ جىشىنىڭ ئىلى ئىنقىلابىغا بولغا بىرىنچى ئىنكاسى قوراللىق باستۇرۇش بولدى. ئۇ دىخۇانى ئىدارە قىلىۋاتقان خۇشىياۋلىياڭغا ‹‹بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىپ›› ئىلى تەرەپكە ‹‹ئەسكىرىي كۈچىنى توپلاپ ‹‹ۋەزىيەتنى بالدۇرراق تىنجىتىش›› توغرىسىدا يوليورۇق بەردى[2].
جۇشىياۋلىياڭ جىياڭ جېشىنىڭ يوليۇرۇقىغا ئاساسەن، 5-يول ياردەمچى قىسىمىنى ئىلىغا ياردەمگە تەشكىللىدى. ئەمما موشۇ پەيتتە جىياڭ جېشى ئىلى ئىنقىلاۋىغا سوۋېتنىڭ ئارقا تىرەك بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ[3] شىنجاڭ مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى تونۇشقا باشلىدى. ئۇ جۇشىياۋ لىياڭغا ئىلى ئەتراپىغا توپلىغان ئەسكىرىي كۈچ بىلەن پائال ھۇجۇم قوزغاپ، مۇددەت ئىچىدە ئىلى، سۈيدىڭ (بۈگۈنكى قۇرغاس ناھىيىسىنىڭ بىر قىسمى- نەقىل كەلتۈرگۈچىدىن) لارنى قايتۇرىۋېلىش بولمىغاندا، ئىلىدا بارلىق كۈچ بىلەن تىركىشىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك جەڭ جىلىش ھەم قىسىم يۆتكەپ دىخۇادىن يۈمىنگىچە بولغان تاش يولنىڭ مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەپ جەنۇبىي –شىمالىي شىنجاڭدىكى مۇھىم نوقتىلارغا كاپالەتلىك قىلىپ، ‹‹ۋەقە›› نىڭ رايونلارغا كېڭىيىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دىخۇا شەھرى ۋە شىنجاڭدىكى ئايرىپورتلارنىڭ مۇداپىئە سېپىنى تىزدىن قۇرۇش، ‹‹قولدىن بېرىپ قويماسلىق›› توغرىسىدا يوليورۇق بەدى [4].
ئىرەمباغقا ياردەمگە ماڭغان 5-يول ئارمىيىسىنىڭ 3-يۈرۈش قىسمى تەڭرى تېغىنىڭ داۋانچىڭ دېگەن جايىدا قارمۇزغا قاپسىلىپ قېلىپ ئالغا ئىلگىرلىيەلمىدى. باشقا 2يۈرۈشتىكى قىسىممۇ قوزغىلاڭچى ئامما بىلەن سوۋېت ئارمىيسىنىڭ قارشىلىقى تۈپەيلىدىن مەغلۇپ بولدى. جىياڭ جېشىنىڭ ئىلىنى تىنجىتىش خىيالى يوققا چىقتى. ئۇ ئىلىدا بارلىق كۈچى بىلەن تىركىشىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك جەڭ قىلىش پىلانىنى يولغا قويماقچى بولدى. 12-ئاينىڭ 31-كۈنى جۈشىياۋلىيڭا ھاۋا ئارمىيسىنىڭ تىرانسىپورت ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ ئىلىغا بىرىپ، جىياڭ جېىشىغا ۋاكالىتەن ئىلىنى ساقلاپ تۇرغان قىسىمدىن ھال سورىدى. 1945- يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى، جىياڭ جېشى ئىرەن باغدىكى ئوففىسىر ئەسكەرلىرىگە بىۋاستە ‹‹سىتالىنگرات روھىدىنمۇ قەتئىي ئىرادە بىلەن ئاخىرىغىچە چىڭ ساقلاش لازىم ›› دەپ كۆرسەتمە بەردى[6]. قوزغىلاڭچى ئامما زېنىت پىلىمۇت بىلەن ئىلى ئاسمىنىنى قامال قىلىپ، گومىنداڭنىڭ ھاۋادىن تەمىنات يەتكۈزۈش لىنىيىسىنى ئۈزۈپ تاشلىدى؛ كۈچلۈك ئوت كۈچى ئارقىلىق ئىرەن باغ بازىسىنى بومباردىمان قىلىدى [7]. ئىلىنى ساقلاۋاتقان قىسىمنىڭ ئوق-دورا، ئوزۇق-تۈلىكى تۈگەپ، ‹‹ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇرۇش پىلانى›› ئۇزاققا بارمىدى، 1-ئاينىڭ 29-كۈنى جىياڭ جېشى مۇھاسىرىنى بۇزۇپ چىقىشنى تەستىق قىلدى[8]. قالدۇق قىسىم مۇھاسىرىنى بۇزۇپ چىقىش جەريانىدا بىتچىت قىلىندى. جىياڭ جېشى ياردەمچى قىسىمنىڭ ‹‹ئاجىزلىقى›› دىن قاتتىق غەزەپلەندى. ھەم جۇشىياۋلىياڭغا ‹‹تىزدىن ياردەمچى قىسىمنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى ئوفىتسىرلىرى ۋە ئۇنىڭ كورپۇس كاماندىلىرىدىن پولك، باتالىيون كاماندرىلىرىغىچە قاتتىق جازالاش، بولۇپمۇ دىۋىزىيە كاماندارلىرى بىلەن پولك كاماندىرلىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، ھەربىي سوتنىڭ سوتلىشىغا تاپشۇرۇش لازىم›› دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى.
ئىلى قولىدىن كەتكەندىن كېيىن، جىياڭ جېشى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پىلانلىشىدىكى شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئىنقىلابى ئىلى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، پۈتۈن شىنجاڭغا كېڭىيىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. ئۇ ئىرەن باغنى، ساقلاۋاتقان قىسىمنىڭ مۇھاسىرىنى بۇزۇپ چىقىشىنى تەستىقلىغان كۈنى خاتىرىسىگە مۇنداق دەپ يازغان :‹‹ئەگەر روسىيە شىنجاڭ مەسىلىسىگە قول تىقىش سىياسىتىدىن ۋازكەچمىسە مەن ئۇنداقتا ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاندىن ئىشنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلمەن. بىراق دىخۇا، تۇرپان، قارا شەھەر، قومۇللارنى چوقۇم قاتتىق ساقلاش كېرەك. ۋاز كىچىشكە بولمايدۇ. بۇ جايلار كەلگۈسىدە پۈتۈن شىنجاڭنى قايتۇرىۋېلىشتا ئاساس بولۇدۇ›› [10] 2-ئاينىڭ 11-كۈنى جىياڭ جېشى جو شىياۋلىياڭغا خەت ئارقىلىق بۇ سىتىراتىگىيىنى كونكرېت ئىزچىللاشتۇرۇش مۇددىئاسىنى بىلدۈردى. يەنى موشۇ پەيتتىكى شىنجاڭغا قارىتىلغان پىلان پەقەت مۇھىم نوقتىلارنىڭ چىڭ ساقلاپ قولدىن بىرىپ قويماسلىق، بۇ نوقتىلارنى شىنجاڭنى قايتۇرۋىلىشتىكى بازا قىلىش كېرەك. ئەگەر زورمۇ-زو ئومۇملۇقنى ساقلايمىز دېسەك. پۈتۈن شىنجاڭ قولدىن كېتىپ، يىغىشتۇرۋالغىلى بولمايدىغان ئاقىۋەت يۈز بىرىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭغا باشقا دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇز قىلىشىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت بولمىغاندا شىمالىي شىنجاڭ تەرەپتىن بىر نەچچە مۇھىم نوقتىنى قاتتىق ساقلاش، ئىستىھكامىنى ساقلاش ئىرادىسى كۈچلۈك تاللانغان قوشۇنلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇلارنى ياخشى تەممىناتتىن بەھرىمان قىلىش، ئەسكەر سانىنى ھاۋادىن ئوق-دورا، ئوزۇق-تۈلۈك يەتكۈزۈپ بىرىش مۆلچەرىگە ئاساسەن بېكىتىش، باشقا ئارتۇق ئەسكەر كۈچىنى ئارقا سەپكە يۆتكەپ، ئارقا سەپنى مۇستەھكەملەش لازىم. جىڭنىڭ غەربىدىكى قىسىملارنى تىزىدىن جىڭ، شىخۇ ئەتراپىغا چىكىندۈرۈپ مۇداپىئەگە قويۇش لازىم. بۇ مەزگىلدە ئەتىياز پەسلىدە جەنۇبىي-شىمالىي شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك ئسيان كۆتۈرۈلۈشى ئەندىشە پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن پائال تەييارلىق كۆرۈش كېرەك. بىراق بۇنىڭدىن ئارتۇقچە ئەنسىرەپ كەتمەي، تەدبىر ۋە كۈچنى بېكىتىپ، قۇربى يىتىدىغان ئىشلارنى قىلىشنى پىلانلىغاندىلا كۆزلىگەن نىشانغا يەتكىلى بولىدۇ. بەزى جايلاردىن ۋاز كەچكەندىلا ئاندىن غەنىمەتكە ئىرىشكىلى بولىدۇ. بولمىسا، كۈچ بۆلۈنۈپ، ھېچقانداق ئىشنى پۈتتۈرگىلى بولمايدۇ[11].
جۇشىياۋلىياڭ جىياڭ جېشىنىڭ ھەربىي ئىشلار مۇداپىئە پىلانىغا ئاساسەن، تىزدىن شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا يېڭىدىن مۇداپىئە ئورۇنلاشتۇرۇشى قىلدى ؛ يەنى جىڭنىڭ غەربىدىكى ھەرقايسى تاغ ئېغىزلىرىدىن ۋاز كىچىش، قىسىمنى جىڭغا چىكىندۈرۈپ، مۇداپىئە سېپى ھاسىل قىلىپ [12]. بۇ مۇداپىئە سېپىنى دىخۇانى قوغداشنىڭ سىرتقى مۇداپىئە توسۇقى قىلىش؛ ئالتاي رايونىدىكى كۆكتوقاي، ئارشاڭ، شىخۇ دەرياسى ئەتراپىدىكى قىسمىنى چىكىندۈرۈپ، دىخۇانىڭ سىرتقى مۇداپىئە سىپىدىكى گۇچۇڭ، قۇتۇبى، سۈي لەي (بۈگۈنكى ماناس)، شىخۇانىڭ كۈچىنى تولۇقلاش[13]؛ ئالتايدا ئاز بىرقىسىم ئەسكىرىي كۈچىنى چېڭخۇا (بۈگۈنكى ئالتاي شەھرى) بۇرۇلتوقاينى قوغداشقا قالدۇرۇش، كەلگۈسىدە ئاۋىئاتسىيە تىرانسىپورتى ئارقىلىق بۇ ئىككى جايغا ھەربى تەمىنات تولۇقلاپ بىرىش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەسكىرىي كۈچنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشىنى ئاساسەن ئۆزگەرتمەسلىك، شىڭ شىسەينىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ساقلاپ قىلىش، قورال-جابدۇقلىرى كونا بولسىمۇ، ئەمما بۇ قىسىملار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جەڭ سىتىراتىگىيىسىنى ۋە جەڭ تىخنىكىسىنى بىلىدۇ. ‹‹ھەرىكەتچان سىتىراتىگىيىسىنى ۋە جەڭ تېخنىكىسىنى بىلىدۇ. ‹‹ھەرىكەتچان جەڭ قىلىشقا ماھىر›› [14] ھەم گومىنداڭنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدۇ[15].
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جىيڭا جېشى شىنجاڭدا ئۇرۇشقا پائال تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى. ئەينى ۋاقىتتا گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدا 10دىۋىزىيىسى بولۇپ، [16] قىسىمنىڭ شىتاتى يىتىشمىگەچكە[17] ئومۇمىي ئەسكىرىي 40 مىڭغا يەتمەيتتى. [18] شۇڭا جىياڭ جېشى چىڭخەيدىن مابۇفاڭنىڭ ئاتلىق ئىككى دىۋىزىيىسىنى شىنجاڭغا يۆتكەپ، [19] شىنجاڭنىڭ زاپاس جەڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى. شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرىنى قۇملۇق ئايرىپ تۇرغاچقا، ھەربىي تەممىنات تولۇقلاش، ئۇرۇشنىڭ غەلبە قىلىش ياكى مەغلۇپ بولۇشىنى بەلگىلىيەلەيدىغان ئاساسىي ئامىل ئىدى. جىياڭ جېشى قاتناش مىنىستىرى يۇفېيپېڭنى ئىككى قېتىم ئايروپىلان بىلەن دىخۇاغا ئەۋەتىپ، شىنجاڭنىڭ قاتناش، ھەربىي تەممىنات يەتكۈزۈش ئىشلىرىنى تەكشۈردى. يۈفېيپىڭ شىنجاڭغا 255 ئاپتۇمۇبىل ئاجرىتىپ بەردى ھەم جىياڭ قېشىغا شىنجاڭدا تەممىنات باشقارمىسى تەسىس قىلىش [20] شىنجاڭدىكى ئوخشىمىغان سېستىمىلاردىكى قىسىملارنىڭ تەمىنات يەتكۈزۈش ئىشلىرىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇندى. شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرنى تۇتاشتۇرىدىغان پەقەت بىرلا لەنجۇ-دىخۇا تاشيولى بولۇپ، ئەگەر بۇ يول قولدىن كېتىپ قالسا، شىنجاڭ ئىچكىردىكى يۆلەنچۈكىدىن ئايرىلىپ قېلىپ ھالاكەت يولىغا كىرىپ قالاتتى. جىياڭ جېشى جەنۇبىي شىنجاڭ تاشيولىنى ياساشقا، بۇنىڭدا ئەنشىدىن چاقىلىق ئارقىلىق قاراشەھەرگە بارىدىغان بىر تاشيول. ئەنشىدىن يۈمىڭ ئارقىلىق تۇرپانغا بارىدىغان يەنە بىر يول ئىشلەش، بۇ يوللارنى 1945- يىلى 8-ئايدا تاماملاشقا بۇيرۇق چۈشۈردى[21]. شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەربىي ۋەزىپىسىنى كەسكىن ئىدى، دىخۇا قولدىن كەتسە ياكى قورشاۋدا قالسا، شىنجاڭنىڭ سىياسىي مەركىزىنى دىخۇادىن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قارمىقىدا جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىي مەھكىمىسىنى قۇرۇش، دىخۇانىڭ سىياسىىي ئورنى پالەچ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالسا، جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىي مەھكىمىسىنى تەبئىي ھالدا شىنجاڭنىڭ سىياسىي مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى. جىياڭ جېشى يەنە كەلگۈسىدىكى ئۇرۇش ؛ئىھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن شىنجاڭدا ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنى بىر گەۋدە قىلىشنى كۆزدە تۇتۇپ، ۋۇجۇڭشىننى شىنجاڭدىكى ئارمىيە- ھۆكۈمەت قوش ۋەزىپىسىگە تەيىنلدى. [23]
ئىلى زور كۆلەملىىك ھەربىي ھەركىتىنىڭ ۋاقتى جىياڭ جېشىنىڭ مۆلچەرىدىن كىچىكتى، 1945- يىلى 7-ئايدىن باشلاپ، جەنۇبىي شىمالىي شىنجاڭدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلارغا ئومۇمىي لىنىيە بويىچە ھۇجۇم باشلاندى. ھۇجۇمنىڭ مۇھىم نوقتىسى شىمالىي شىنجاڭ بولدى. جىياڭ جېشىنىڭ شىمالىي شىنجاڭدىكى مۇداپىئە شەھرى چۆچەك ئالدى بىلەن قولدىن كەتتى، تارباغاتاي ۋالىسى پىڭ روڭ ئۇرۇشمايلا ئەسكەرلەرنى باشلاپ قاچتى. چۆچەك قولدىن كەتكەندىن كېيىن، گومىنداڭ ئارمىيىسىدە تەۋرىنىش بولدى، شىنجاڭدىكى ھەربىي قوماندانلىق قاتلىمىدىكىلەرنىڭ پىكرىدە ئىختىلاپ يۈز بەردى. بەزىلىرى جىڭدىكى قىسىمنى شىخۇغا يۆتكەپ شىخونى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلدى. بەزىلىرى ئالتايدىكى قىسىمنى چىكىندۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى. يەنە بەزىلىرى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن چىكىندۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى. جىياڭ جېىشى جۇشىياۋلىياڭغا:‹‹مەيلى جىڭ بولسۇن، مەيلى ئالتاي بولسۇن چوقۇم قاتتىق قوغداش كېرەك، چىكىنىشكە بولمايدۇ، مەركەز تىزدىن ياردەم بىرىدۇ›› [24] دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ۋۇجۇڭشىنگە ‹‹يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك قەلەمدار-ئەلەمدارلارنىڭ زىمىننى قوغداش مەسئۇلىيىتى بار، ئەگەر ئەمەلدارلار ئۆز مەيلى بويىچە چىكىنىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىسا ئۇلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك›› دەپ يازما بۇيرۇق چۈشۈردى ھەم ھەردەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا ھايات-ماماتىم شەھەرنىڭ تەقدىرىگە باغلىق دەيدىغان ئىرادە بىلەن، دۆلەت زىمىننى قوغداشنى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپەم دەپ بىلىش لازىم›› دەپ كەسكىن بۇيرۇق قىلدى[25].
چۆچەكنىڭ قولدىن كىتىشى بىلەن گومىنداڭ قۇرغان باشقا سىرتقى مۇداپىئە شەھەرلىرى بولغان ھەربىي بازىلىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇشىمۇ جىڭ، شىخۇ قاتارلىق جايلارغا مەركەزلەشتى. جىڭ، شىخۇلاردىن- جىياڭ جېشى كۆڭۈل قويۇپ قۇرغان دىخۇانى قوغداشتىكى توساق بولۇپ 12 مىڭ دىن ئارتۇق ئەسكىرىي كۈچى بار مۇھىم قوشۇنغا ئىگە مۇستەھكەم ئىستىھكام بولۇپ، چوقۇم قاتتىق ساقلاش زۆرۈر. ئىلى تەرەپ زىھنىنى ھۇجۇمغا قويۇپ، ئاساسىي قوشۇننى موشۇ رايوندىكى ئۇرۇشقا قاتناشتۇردى، ‹‹زەمبىرەك ۋە يىڭى تىپتىكى قورال-ياراق سانىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى›› ‹‹قوماندانلارنى ۋە مەرگەنلەرنىڭ ھەممىسى روسىيىلىك›› [26] ئىدى، روسىيە يەنە بىۋاستە ئايروپىلان چىقىرىپ (ئېغىر تىپتىكى بومباردىمانچى ئايروپىلان)، جىڭ، شىخۇلارنى قوغداۋاتقان قىسىملارنى بومباردىمان قىلدى [27]. گومىنداڭنىڭ بۇ جايلاردىكى ئارمىيىسىدىن ‹‹ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغانلار ناھايىتى كۆپ بولدى›› [28]. بەزى بازىدىكى ئىستىھكاملار بومباردىماندا ‹‹ۋەيران بولدى›› [29].
جىياڭ جېشى تۇنجى نۆۋەت سوۋېت ئايروپىلانلىرىنىڭ شىخۇنى بومباردىمان قىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندا، ‹‹ناھايىتى ئالاقزادە بولغان ۋە غەزەپلەنگەن›› [30]. داۋاملىق ‹‹ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ تەھلىل قىلغاندىن ›› كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىتتىپاق ئەھدىنامىسىنى بۇزدى. شەرقىي شىمالدا روسىيە ئارمىيىسى ئىگەللىۋالغان جاڭ جىياكۇ، شەن خەيگۇن، چىڭ خۇاڭداۋلارنى كوممۇنىستلارغا ئۆتكۈزۈپ بەردى، شىنجاڭدا يەنە شىخۇ، جىڭلارنى بومباردىمان قىلدى، ‹‹ئۇلار مەن بىلەن دۈشمەنلىشىۋاتىدۇ›› دەپ قارىدى. شۇڭا ‹‹شەرقتىكى ئۈچ ئۆلكە بىلەن شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمنى سەپلەش ۋە تىرانسىپورت ئىشلىرىنى تىزىدىن پۈتتۈرۈپ، كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم›› لىقىنى ئوۇرنلاشتۇردى[31]. بىراق ئۇ ئارقىدىنلا يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭدا ئۇرشىنى كېڭەيتىشنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا يېڭى يەكۈن چىقاردى. سوۋېتنىڭ مەقسىدى: بىرىنچىدىن، گومىنداڭنىڭ شەرقىي شىمالغا قاراتقان دىققىتىنى بۇراش ئۈچۈن، دەخلىسىز ھالدا شەرقىي –شىمالنىڭ ۋەزىيىتىنى قوبۇل قىلدى. ئىككىنچىدىن شىنجاڭ مەسىلىسىنى باھانە قىىپ، شەرقىي-شىمالغا قايتۇتۇپ بېرىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىدى. ئۈچۈنچىدىن، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە تەھدىت سېلىپ، ئاستىرتتىن ماۋزېدۇڭنىڭ چوڭچىڭ سۆھبىتىنى ئۆتكۈزۈشكە ياردەم بەردى؛ تۆتىنچىدىن، ئىلىنىڭ كۆپرەك جايلارنى ئىگەللىۋىلىشىغا مەدەت بىرىپ، ئەمەلىيەتتە شىنجاڭغا تاجاۋۇز قىلىش قارا نىسبىتىنى قاندۇرماقچى بولدى. سوۋېتقا قارىتىلغان بۇ سىتىراتىگىيىلىك مۇددىئانى ئانالىز قىلىپ، جىياڭ جېشى بارلىق نىيەت بىلەن شەرقىي شىمالىي مەسىلىسىنى قوبۇل قىلىش، ‹‹شىنجاڭ قولدىن كەتمىسىمۇ. ۋاقتىنچە بولدى قىلىش، دەرھال ئاكتىپ قارشلىق كۆرسەتمەسلىك›› نى قارار قىلدى [32].
شۇڭا، جىياڭ جېشى 9-ئاينىڭ 7-8-كۈنلىرى، شىخۇ، جىڭلارغا ئارقا-ئارقىدىن قولدىن كەتكەندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ سىياسىي مەركىزى- دىخۇانى قاتتىق قوغداش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. ئۇ شىنجاڭغا يۈرۇش قىلىشىۋاقتان چىڭخەينىڭ ئاتلىق ئىككى دىۋىزىيىنى سۈرئەتنى تىزلىتىشكە ئالدىراتتى. بەشىنچى ئۇرۇش رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى گوجىچىياۋنى سەككىزىنچى ئۇرۇش رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانلىق نامى بىلەن ئايروپىلان بىلەن ئەۋەتىپ دىخۇاغا ‹‹ھەمدەم ›› گە يۆتكىدى. گوجىيچاۋ دىخۇانى قوغداش ئۇرۇشنى تەشكىللەپ، بۇ ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلدى؛ جاڭ جىژجۇڭنى شىنجاڭغا بېرىپ ‹‹ئەسكەرلەر روھىنى ئۇرغۇتۇپ، كىشىلەر قەلبىنى خاتىرجەم قىلىش›› [33] پاراكەندىچىلىك ئىچىدە شىنجاڭنىڭ ‹‹ئارمىيە-خەلق ئىشلىرىنى باشقۇرۇۋاتقان›› جۇشىياۋلىياڭ ۋۇجۇڭشىنلارغا ‹‹چىداملىق بىلەن بەرداشلىق بەرسىلا چوڭ خەتەر چىقمايدىغانلىقىنى›› توغرىسىدا تەسەللىي بىرىشكە ئەۋەتتى. ئۇ يەنە ۋۇجۇڭشىنغا ‹‹ۋاقتىنچە چۇڭچىىڭغا كەلمەي›› [35] ئەھۋاللارنى دوكلات قىلغاندا كىشلەر قەلبىنى ساراسىمىگە سالماسلىق توغرىسىدا يوليورۇق بەردى؛ شىنجاڭدىكى قىسىملارغا ئۆز ئورنىنى چىڭ ساقلاش، ‹‹ئۆز خاھىشى بويىچە يۆتكەلمەسلىك›› [36] توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. جۇشىياۋلىياڭ، ۋۇجۇڭشىنلارنى بۇيرۇقىنى ھەر دەرىجىلىىك ئارمىيە ۋە يەرلىكتىكى ئەمەلدارلارغا يەتكۈزۈشنى، قانداق ئادەم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇيرۇقسىز ئۆز مەيلىچە چىكىنسەم جىددىي پەيتتە جەڭدىن قاچقانلىق جىنايىتى بويىچە جازالاشنى قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇردى[37]. ھەم جاڭ جژجۇڭغا ئۇرۇشتا كۈچلۈك بولالمىغان 29-ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى لى تېجۈندىن ئۆزىنىڭ كۈتىدىغان ‹‹ئۈمۈدى›› نى ھەمدە ‹‹ھەققانىيەت ئۈچۈن قۇربان بولۇش روھى بىلەن ئىستىھكامىنى قوغداش ھايات- ماماتلىقنى بەلگىلەيدۇ دەيدىغان ئىرادە بىلەن دىخۇانى قوغداش توغرىسىدىكى بۇيرۇق) نى يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى[38].
جىياڭ جېشىنىڭ دىخۇانى جان تىكىپ قوغدىشى، بىرىنچىدىن، دىخۇانىڭ شىنجاڭنىڭ سىياسىي مەركىزىلىك سىتىراتىگىيىلىك ئورنىنى نەزەردە تۇتقان، دىخۇا قولدىن كەتسە، پۈتكۈل شىنجاڭدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، تاكتىكا جەھەتتىن ئويلاشقان، يەنى شىنجاڭنى ساقلاۋاتقان ئارمىيەنىڭ كۆپ قىسمى قۇرۇقلۇق قىسىم، قۇملۇق-چۆللەردە ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى ناچار، ئەگەر مۇداپىئە سېپى قۇرغان ھەربى ئىستىھكاملاردىن ئايرىلسا، قارشى تەرەپنىڭ ئاتلىق قىسىملىرىنىڭ قوغلاپ زەربە بىرىشىگە ئاسانلا ئۇچرايدۇ، ئىستىھكامدىن چىكىنسە پۈتۈن ئارمىيە گۇمران بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە ئىستىھكامىنى قاتتىق ساقلاپ ۋەزىيەتنىڭ ياخشىلىنىشنى كۈتكەن ياخشى[39]. بىراق شۇ چاغدا دىخۇادا پەقەت 6 باتاليۇنلار، ياردەمچى قىسىم ئەڭ تىز بولغاندىمۇ 10كۈندە ئاندىن يىتىپ كىلەلمەيتتى، ‹‹ناۋادا ئىلى ئارمىيىسى ئىلگىرلەشنى توختاتمىسا ئۇنداقتا ‹‹دىخۇانى تۇتۇپ تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىغىلى بولمايتتى. [40]. ئىلى تەرەپ دىخۇاغا ھۇجۇم قىلمىدى. جىايڭ جېشىنىڭ بارلىق قاتتىق قوغداش سىتىراتىگىيىسى خەيىم-خەتەرگە ئۇچرىمىدى.
2. تىنچلىق ماددىلىرى بىلەن ئۈچ ۋىلايەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش(1945. 9-1947. 8)
1944- يىلىنىڭ ئاخىرىدىلا، جىياڭ جېشى دىپلوماتىيە يولى بىلەن شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدەنگەن[41] بىراق 1945- يىلى 6-7-ئايلارغا كەلگەندىلا ئاندىن، سىتالىننىڭ شىنجاڭغا قارىتا زىمىن تەلىپى يوقلىقى ۋە جۇڭگونىڭ ئىلى تەرەپتىن قولدىن كەتكەن جايلارنى قايتۇرۋىلىشنىڭ ‹‹قانۇنلۇق تىلەك›› ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئىنكاسىغا ئىرىشتى [42]. جىياڭ جېشى ئىلىز قايتۇرۋېلىشتىن ئۈمىت بارلىقىنى ھېس قىلدى، 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ شىنجاڭدىكى ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەڭشەشكە باشلىدى، جۇشىياۋلىياڭغا ئالتايردىكى ‹‹ئىستىھكاملارنى مۇستەھكەملەش، ھەم ئېد تەينى قايتۇرىۋېلىشنىڭ پىلانىنى تۈزۈش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى. [43]. ئارقىدىنلا جىياڭ جېشى جۇشىياۋلىياڭغا: ‹‹ئادەتتىكىچە كۆزەتكەندە بۇ يىل 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىلىنى قايتۇرىۋېلىش مۇمكىن، ئۇنداق بولمىسا، چىڭخەينىڭ ئاتلىق 5-كورپۇس قىسمىنى شىنجاڭغا كىرگۈزۈپ، ئىلىنى قائىدە بويىچە قايتۇرۋىلىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىمىز كېرەك›› دەپ تاپىلىدى.
جىياڭ جېشىنىڭ ئويلىغىنىچە بولغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىلى ئىنقىلابىنى قوللىماسلىقنى بىلدۈردى. ئۇنداقتا ئۇ قورال كۈچى ئارقىلىق ئىلىنى قايتۇرۋېلىش ئاسانغا چۈشەتتى. بىراق، ئەمەلىيەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى ئىلى ئىنقىلابىنى داۋاملىق قوللاپ قالماي بەلكى ئىلى ئىنقىلابىنى چۆچەك ئالتاي تەرەپلەرگە كېڭەيتىۋاتاتتى. بۇ ئەھۋاللار جىياڭ جېشىغا قولدىن كەتكەن جايلارنى قورال كۈچى بىلەن قايتۇرۋېلىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇردى. دەل موشۇ دەپيتتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پىدروف جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىگە تاپشۇرغان ئالاقىسە ئىلىدىكى قوزغىلاڭچى خەلق ‹‹جۇڭگودىن ئايرىلىپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلمايدۇ›› بىراق ئىلى، تارباغاتايم ئالتاي قەشقەر قاتارلىق ۋىلايەتلەردە ‹‹ئاپتونومىيە›› نى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلىدۇ دىگەننى ئەكس ئەتتۈردى [45]. جىياڭ جېشى ئاتالمىش ‹‹ئاپتونومىيە›› سوۋېت ئىتتىپاقى ياساپ چىققان قورچاق دەپ قارىدى. ئۇ تاشقى مۇڭغۇلىيەنى مۇستەقىل قىلىش ھېسابىغا شىنجاڭ قاتارلىق جايلارنىڭ زىمىن پۈتۈنلىكىگە ئىرىشكەن[46]. ئەلۋەتتە شىنجاڭنىڭ يەنە بۆلۈنۈپ ‹‹ئاپتونومىيە›› گە ئىگە بولۇشىغا يول قويمايدۇ. ئۇ ۋەكىل ئەۋەتىپ، ئۈچ ۋىلايەتتىكىلەر بىلەن سۆھبەتلەشتى. بۇنىڭدىكى مەقسىتى سۆھبەت شىرەسى ئارقىلىق ئۈچ ۋىلايەتتىكى ‹‹قولدىن كەتكەن يەرلەر›› نى قايتۇرىۋىلىش ئىدى.
‹‹تىنچلىق ماددىلىرى›› - ئىككى تەرەپ 30نەچچە قېتىم تەكرار-تەكرار كېڭىشش، مۇھاكىمە قىلىش، مۇرەسسە قىلىش ۋە رەسمىي سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق بىكىتىلدى. ئىككى تەرەپ ئىزاھلىغان ‹‹تىنچلىق ماددىلىرى›› دا مۇنداق دەپ بەلگىلەندى. ئۈچ ۋىلايەت پۈتۈنلەي شىنجاڭ ئۆلكىلىىك ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە ئۆتىدۇ. بىردىن-بىر ئالاھىدە تەرىپى ئۈچ ۋىلايەت 6پوللىك ھەربىي قالدۇرسا بولىدۇ. دۆلەت ئارمىيىسى ۋە ئامانلىق ساقلاش قىسمى تەڭ نىسبەتتە). بىراق بۇ 6پوللىك قىسىم مۇستەقىل بولماستىن گومىنداڭ ئارمىيىسى سېستىمىسىدا بولۇپ، ئۈچ ۋىلايەت قىسمىنىڭ قوماندانلىرى ‹‹شىنجاڭ ئۆلكىلىك گارنىزون باش قوماندانى ۋە ئۆلكىلىك ئامانلىق ساقلاش قىسمى قوماندانىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنىدۇ›› قىسمنىڭ تەممىناتى ۋە قورال-ياراغ سەپلىنىشى مەركەز شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق دۆلەت ئارمىيىسى ۋە ئۆلكىلىك ئامانلىق ساقلاش قىسمنىڭ قائىدىسى ۋە ئۆلچىمى بويىچە تەمىنلەپ بىرىلىدۇ، قىسىمنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئوففىتسىرلىرى ‹‹قەرەلگە بۆلۈنۈپ، ئوففىتسىرلار مەكتىپىگە ئەۋەتىلىپ تەربىيلىنىدۇ›› قىسمنى مەشىقلەندۈرۈشتە ‹‹ھۆكۈمەت مەشقاۋۇللارنى ئەۋەتىپ، ھەمكارلىشىپ مەشىقلەندۈرىدۇ›› ئۈچ ۋىلايەت تەۋەسىدە ‹‹دۆلەت چىگرىسىنى قوغداشنى مەركەز چېگرا مۇداپىئە قىسمنىڭ قوغدىشىغا تاپشۇرىدۇ››[47].
بىراق شىنجاڭ بىرلەشمە ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتى گومىنداڭ كومپارتىيىنىڭ ئىچكى ئۇرۇش ئىس –تۈتەكلىرى ئىچىدە دۇنياغا كەلدى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تىنچلىق ۋەزىيىتى تېخى كاپالەتكە ئىگە بولماي تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئايرىم مۇقىملىق ۋەزىيىتى قانداقمۇ كاپالەتكە ئىگە بولسۇن. شۇڭا. ئىلى تەرەپمۇ ‹‹ئەندىشە›› ‹‹گۇمان›› دىن خالى ئەمەس ئىدى، ئەمەلىيەتتىمۇ ‹‹ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئالاھىدە ئورنىدىن ۋاز كىچىشكە، ھەربى قىسىمنى ئۆزگەرتىشكە، دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ ئۈچ ۋىلايەتكە كىرىشىگە، مەركەز ئورگانلىرىنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈشىگە قوشۇلمايۋاتاتتى [48]. نەتىجىدە شىنجاڭ بىرلەشمە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت شەكىل جەھەتتىن قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىككى تەرەپ بىرلەشمەي، بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلىۋاتاتتى. ئىلى تەرەپ گومىنداڭ ‹‹تىنچلىق ماددىلىرى›› دىكى دېمۇكراتىك سىياسىينى يولغا قويۇش قاتارلىق ماددىلارنى ھەقىقىي ئادا قىلمىدى. دەپ ئەيىبلىدى. گومىنداڭ تەرەپ بولسا ئۈچ ۋىلايەت ئالاھىدە بولىۋالدى، دىيىشتى. 1947- يىلى 8-ئايدا، ئىلى تەرەپ، مەسئۇدىنىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بولغانلىقىغا ئىتىراز بىلدۈردى، دىخۇادا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەزالىرى ۋە باشقا خادىملارنىڭ ھەممىسىنى چىكىندۈرۈپ كەتتى. شىنجاڭ بىرلەشمە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت پارچىلاندى، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ‹‹تىنچلىق ماددىلىرى›› ئارقىلىق ئۈچ ۋىلايەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش خىيالى بەربات بولدى.

3. ئۈچ ۋىلايەت بىلەن قوراللىق تىركىشىش ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى( 1947. 8- 1948. 12 )
گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ‹‹تىنچلىق ماددىلىرى›› بىلەن ئۈچ ۋىلايەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ تەسلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن [49] شىنجاڭدىكى ھەربى كۈچىنى كۈچەيتىشكە باشلىدى[50] ئىلى تەرەپكە تۇتقان پوزىتسىيىسىدىن چىڭىدى. 1947- يىلى 5-ئايدا، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى مەسئۇدىنى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىدى[51] ھەم گومىنداڭغا تەسلىم بولغان ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ۋالىسى ئوسماننى ئوچۇق- ئاشكارە قوللىدى [52] ئىلى تەرەپ رەھبەرلىرى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت يىغىنىغا قاتنىىشىنى رەت قىلىپ قارشىلىق كۆرسەتتى، شۇنىڭدىن كېيىن شىملاىي چۆچەك توقۇنۇشى يۈز بەرىدى.
شىنجاڭ بىرلەشمە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت پارچىلانغاندىن كېيىن، گومىنداڭ بىلەن ئۈچ ۋىلايەت تەرەپنىڭ ھەربى قارشىلىش ھالىتى باشلاندى. شىنجاڭدىكى ھەربى تەرەپ جىياڭ جېشىنىڭ ئوسماننى قوللاش پەرمانىغا ئاساسەن [53] ئوسمانغا زور مىقداردىكى قورال-ياراغ، ئوق-دورا ۋە باشقا ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ياردەم قىلىپ، ئوسماننىڭ شىمالىي چۆچەكنى بازار قىلىپ ئالتايغا قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىشىنى قوللىدى [54] ئوسمان تىز سۈرئەتتە ئالتايغا قاراپ يۈرۈش قىلدى. 8-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ ئالتاينىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم رايونلىرىنى ئىگەللىۋالدى. سوۋېت ئىلى تەرەپنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمىنى قوللىدى، ئوسمان يەنە بىر قېتىم ئالتايدىن تەدرىجىي چىكىندى.
گومىنداڭ ئوسمان قەبىلىسى بىلەن ئۈچ ۋىلايەتنىڭ قوراللىك توقۇنىشى ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىدىكى ئىلىنىڭ قۇدرەتلىك ھەربى كۈچىنى سىناب باقتى. گومىنداڭنىڭ ئىچكى قىسمىدا بەزىلەر ئىزچىل ئۈچ ۋىلايەتنى قورال كۈچى بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما جاڭ جىجۇڭ بىرىنچى بولۇپ قەتئىي قارشى تۇردى. جاڭ جىجۇڭ ئۇرۇش تەرەپدارلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: سوۋېت ئىتتىپاقى شىنجاڭدا بىر قېتىملىق ئۇرۇش قوزغاشنى خالىمايدۇ، ياكى ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئۇرۇش قوزغىشىنى قوللاشنى خالىمايدۇ، بىراق ئۇرۇشنى گومىنداڭ تەرەپ ئالدى بىلەن قوزغىسا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك غۇلاپ چۈشىشىنى خالامدۇ؟ ئەخمەتجان مۇنداق دەيدۇ: سىلەر ئۇرۇش قوزغىساڭلار پەقەت شىخونىلا ئىلىشىڭلار مۇمكىن؛ ئۈچ ۋىلايەتنى ئالدى دىگەندىمۇ، ئەمما بىز پۈتۈن شىنجاڭدا بىر قېتىملىق قوزغىلاڭ قوزغىيالمايمىز. پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىمىز [55] قارشىلىشىۋاتقان ھەر ئىككى تەرەپ بىر قەدەر كۈچلۈك ھەربى كۈچكە ئىگە بولغاچقا، ھەرقانداق بىر تەرەپ يىنىكلىك بىلەن ئۇرۇش قوزغىمىدى، بۇ ئارقىلىق ۋاقتىنچە ئۇرۇش بولۇشتىن ساقلىنىلدى [56].
4. ئۈچ ۋىلايەتكە يول قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاش
1948- يىلىنىڭ كېيىنكى، گومىنداڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئەدىبىنى يەپ پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. گومىنداڭنىڭ مەغلۇپ بولۇشى مۇقىمدىلىپ قالغاندەكلا تۇراتتى. موشۇنداق ۋەزىيەتتە، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ھەربىي ھۇجۇم قوزغىشىدىن ئەنسىرەپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ، ھەربىي قوشۇننى تىزدىن ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئويلايتتى.
ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشتا ئىككى توسالغۇ بار: بىرىنچىسى، شىنجاڭ ئارمىيە ساقچى ئورگانلىرىنىڭ قانۇنسىز ھەرىكەت ئېلىپ بىرىش مەسىلىسى[57]. ئىككىنچىسى، مەسئۇدىنىڭ ۋەزىپىگە قويولۇش مەسىلىسى. سۇڭ شىلئەن- شىنجاڭ گارنىزوننىڭ قوماندانى بولۇپ، ئۇنىڭ شىنجاڭ ئارمىيە ساقچى ئورگانلىرىنىڭ قانۇنسىز ھەرىكەت ئېلىپ بىرىشىدا ئاساسلىق مەسئۇلىيتى بار ئىدى، ئۇ يەنە كىلىپ ئۈچ ۋىلايەت تەرەپنىڭ ھۇجۇم نىشانى ئىدى. جاڭ جىجۇڭ ئالدى بىلەن جىياڭ جېشىغا سوڭ شىلئەننى ئىچكىرىگە يۆتكەپ، ئەسكىرى ئىشلارغا قويۇش، غەربىي شىمال بارگاھىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تاۋسىيۆنى سۇڭ شىلئەننىڭ ئورنىغا قويۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. ئىككىنچى قەدەمدە جاڭ جىجۇڭ ئامال قىلىپ مەسئۇدىنى ئۆلكە رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئالماشتۇرماقچى بولدى، بۇ مەقسەتكە يىتىش ئۈچۈن ئۆزى بىۋاستە نەنجىڭغا بېرىپ جىياڭ جېشى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرگە مەسئۇدىنى ئالماشتۇرۇش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن مەلۇم مۇناسىۋىتى بار بۇرھاننى شىنجاڭنىڭ ئۆلكە رەئىسلىكىگە كۆرسەتتى. جىياڭ جېىشى جاڭ جىجۇڭنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، 1948- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى مەسئۇدىنى ئالماشتۇرۇش پەرمانىنى ئېلان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇرھاننى شىنجاڭنىڭ ئۆلكە رەئىسلىكىگە تەيىنلىرىدى.
1949- يىلى 1-ئايدا، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ لى زوڭرىن زوڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ۋەكالىتەن يۈرگۈزگەندىن كېيىن، ئۈچ ۋىلايەت بىلەن قوراللىق قارشىلىش سىياسىتىدىن ۋاز كىچىپ، شىنجاڭدا پەقەت بىرلا بىرىگادا قالدۇرۇپ چېگرا مۇداپىئەسىگە قويۇشم قالغان قىسىمنى سانى بويىچە ئىچكىرگە يۆتكەپ ئىچكى ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ‹‹شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ تىنىچلىقىنى كۆزلەش، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش›› ئۈچۈن [58] گومىنداڭ ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو-سوۋېت ئىككى تەرەپنىڭ شىنجاڭدىكى سودا ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق سۆھبىتىنى ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى. غەربىي-شىمالىنىڭ ھەربىي-مەمۇرىي ئەمەلدارلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن مابۇفاڭ جۇڭگو-سوۋېت سۆھبىتى ئارقىلىق كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، ئۆزىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئاتلىق ئەسكەرلەر قىسمىنىڭ لەنجۇغا چىكىنىپ ئەسلى ئۇۋىسىنى ساقلاش مۇددىئاسىنى يۆتكىمەكچى بولىۋاتاتتى.
بىراق تاۋسىيۆ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئويلىمىغان يەردىن چىقىپ، شىنجاڭ ئەھۋالىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ‹‹ئەگەر قىسىم يۆتكەپ كىتىلسە، شۇنچە كەڭ زىمىن كونترولسىز قىلىپ، بۇنداق ۋەزىيەتتە ئامانلىقنى ساقلاش قېيىغان چۈشىدۇ›› ‹‹ ئۇنىڭ ئۈستىگە قىسىم ئىچكىرگە يۆتكەلسىمۇ بەرىبىر ئىچكى ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ›› دەپ قاراپ قىسىمنى چىكىندۈرۈشنى خالىمىدى، ھەم تۈرلۈك بانا كۆرسىتىپ ۋاقىتنى كەينىگە سۆرەپ، بۇ بۇيرۇقنى ئېجرا قىلمىدى. جۇڭگو-سوۋېت ئوتتۇرىسىدىكى شىنجاڭدىكى سودا ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق سۆھبىتى ئاللىقاچان باشلانغان. سۆھبەتكە ئەمەلىي رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بۇرھان شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى جۇڭگو-سوۋېت ئىككى تەرەپنىڭ سودا سۆھبىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغاچقا، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ لەنجۇدا دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ چېكىنىش يولى ئۈزۈلۈپ قىلىش ۋەزىيىتى سەۋەپلىك سۆھبەتنى توختىتىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقنى ئىجرا قىلماي، سوۋېت بىلەن ‹‹سوۋېت-شىنجاڭ سودا كىلىشىمى›› نى ئىمزالىدى، بۇ كىلىشىمنى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەستىقلمىدى.


2-بۆلۈم شىنجاڭ مەسىلسىدىكى سوۋېتقا قارىتىلغان سىياسەتلەر
1. باشتىن – ئاخىر سوۋېتقا قارىتىلغان مۇرەسسە سىياسەتلىرى
1943- يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭدىكى كۈچلىرىنى قوغلىدى، جۇڭگو-سوۋېت مۇناسىۋىتى سوغۇقلاشتى سوۋېت ئىتتىپاقى شىنجاڭدىكى كۈچلىرىدىن ئايرىلىپ قالغىنىغا تەن بەرمەي، شىنجاڭدىكى گومىنداڭغا داۋاملىق ئاۋارىچىلىق كەلتۈردى. گومىنداڭنىڭ ئىچكى قىسىملىرىدىمۇ بۇ مەسىلىنى ئاللى بۇرۇن تونۇپ يەتتى. يەنى شىنجاڭ مەسىلىسىنىڭ زور سوۋېت ئارقا كۆرۈنىشى بار، شىنجاڭ مەسىلىسى مەلۇم مەنىدىن ئېيتاقندا جۇڭگو-سوۋېت مەسىلىسى، بىراق سوۋېت ئىتتىپاقى ئورۇشىدىن كېيىنكى جۇڭگو-سوۋېت مۇناسىۋىتىدىن تازا رازى ئەمەس ئىدى، شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇرۇشتىن كېيىن جىياڭ جېىشىنىڭ چوقۇم سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرىدغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغان ئىدى. شۇڭا سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ شىنجاڭ مەسىلىسىدە ھەرگىز بوشاشمايتتى. گومىنداڭ تەرەپ گەرچەت شىنجاڭ مەسىلىسىنىڭ ئاساسىي تۈگىننىڭ قەيەردىلىكىنى تونۇپ يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئومۇمىي خەلقئارا ۋەزىيەتتە، جۇڭگو –سوۋېت ئوتتۇرىسىدا ئىدىلوگىيە چېكىدىن ھالقىغان ھالدا ئۇرۇشتىن كېيىنكى ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى جۇڭگو-سوۋېت ئەمەلىي كۈچى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقىنىڭ چوڭلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، شىنجاڭ مەسىلىسىدە بىر قاتار مۇرەسسە سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈشكە مەجبۇر بولدى.
(1) ئالتاي ۋەقەسى
1944- يىلى 3-ئايدا، گومىنداڭ ئارمىيىسى شىنجاڭ چېگرىسى ئىچىدە ئالتايدىكى قازاقلاردىن ھۆكۈمەتكە قارشى چىققان قوراللىق كۈچ-ئوسمان قەبىلىسىنى قورشاپ يوقاتتى. سوۋېت ئىتتىپاقى كۆپ قېتىم ئايروپىلان چىقىرىپ دۆلەت ئارمىيىسىنى بومباردىمان قىلدى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى موشۇ ئىش توغرىسىدا فەن يوۋشىن باش ئەلچىنى يۈز تۇرانە ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭغا سوۋېت ئىتتىاقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئايروپىلانىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ ئىنىقلاش، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ۋەقەنىڭ قايتا يۈز بىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى تەلەپنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى تاپىلىغان. سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى جۇڭگو قوشۇنى چېگرا ھالقىپ تاشقى مۇڭغۇلىيىگە قېچىۋاتقان شىنجاڭ قازاقلىرىنى قوغلاپ بومباردىمان قىلدى، تاشقى مۇڭغۇلىيە تەدبىر قوللىنىپ، تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن شىنجاڭ قوشۇنىنىڭ تاجاۋۇزلىقىنى توسىمىسا بولمايدۇ، ئەگەر شىنجاڭ قوشۇنى بۇنىڭدىن كېيىن يەنە موشۇنداق مۇڭغۇلىيە چىگرىسىغا بۇزغۇنچىلىق سالىدىغان ۋەقەنى سادىر قىلسا، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى 1936- يىلدىكى مۇڭغۇلىيە بىلەن ئىمزالىغان ئۆز –ئارا ياردەم بىرىش شەرتنامىسىگە ئاساسەن، مۇڭغۇلىيەگە زۆرۈر بولغان بارلىق ياردەم ۋە مەدەتنى بەرمەي تۇرالمايدۇ. دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. [60].
1924- يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقى جۇڭگو-سوۋېت ئوتتۇرىسىدىكى ھەل بولمىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش پىروگراممىسىدا، تاشقى مۇڭغۇلىيە جۇڭخۇا مىنگونىڭ بىر قىسمى دەپ ئىتراپ قىلغان، 1936- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن تاشقى مۇڭغۇلىيە بىلەن ئۆز-ئارا ياردەم بىرىش شەرتنامىسىنى ئىمزالىشى-جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق بولۇپ، بۇ شەرتنامە بويىچە جۇڭگوغا قوراللىق تەھدىت سېلىشى قىلچە ئورۇنسىز.
بىراق بۇ ۋاقىتتا، جىياڭ جېشى ياپونىيىنىڭ پىڭخەن يولى ئارقىلىق جېن جوۋ، لۇياڭ ۋىلايەتلىرىگە زور كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىق توغرىسىدىكى ئاخباراتنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ [61] شىنجاڭ ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇشقا ئامالسىز قالدى. ۋەقەنىڭ كېڭيىپ كىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، جىياڭ جېشى جۇڭگو قىسىملىرىنى جۇڭگو-مۇڭغۇلىيە چىگرىسىنىڭ 70كىلومىتىرلىق قاراۋۇلخانىدىن 120 كىلومىتىرلىق جايدىكى 2-ئىستىھكامىغا چىكىندۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈردى. [62] ئەمما سوۋېت ئايروپىلانلىرى داۋاملىق ئىلگىرىلەپ بومباردىمان قىلىۋەردى. 4-ئاينىڭ 3-كۈنى، جىياڭ جېشى خاتىرىسىدە مۇنداق بىر خىل ئۆز-ئۆزىنى ئاقلىغان ئەپسۇسلۇق ھېسىياتى ئىپادىلەنگەن: ‹‹روسىيەنىڭ زورلۇق-زومبۇللىقىغا چىداپ كەلدىم؛ شەكىل جەھەتتىن بۇ ئاجىزلىقىمىزنى كۆرسىتىۋاتىدۇ، شۇنداقتىمۇ دىپلوماتىيە يولى بىردىن-بىر يول. ئەگەر مەن قائىدە بويىچە سۆزلەشسە، روسىيە تەرەپكە تېخىمۇ يوچۇق تېپىلىدۇ؛ بىزگە سىرتتىن ياردەم بىرىدىغانلار يوق، بىز تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىمىز›› [63] شۇڭا جىياڭ جېىشى داۋاملىق ‹‹ئۆزىنى بېسىۋىلىپ›› جۇڭگو قىسىملىرىغا ۋەزىيەت تىنىچلانغۇچە توقونوشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى. كېيىن جىياڭ جىڭگو بۇ ئىشقا مۇنداق باھا بەرگەن: ‹‹ئاجىز دۆلەتتە دىپلوماتىيە يوق، ئادەملەر قىرىلىپ يەمچۈككە ئايلاندى، باش ئەگمەي ئامال يوق، ئومۇملۇق ئۈچۈن مادارە قىلماقتىن باشقا ئامال يوق دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۇۋالچىلىقلارغا چىدىماي بولمايدۇ›› [64]
(2) ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەسىلىسى
[65] گومىنداڭ ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يول كۆرسىتىشى ۋە قوللىشىدىكى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىنقىلابىنى ئېنىق چۈشەندى. ئىلى ئىنقىلابى باشلانغاندىن بىرى، جىياڭ جېشى جۇڭگو-سوۋېت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئېلى ئىنقىلابىنى قوللىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەندى.
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دىخۇادا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى يېشېيېف سوۋېت ئۇرۇشىدىن كېيىن جۇڭگو-سوۋېت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئىشلىرىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، دەپ كۆرسەتتى[66]. جىياڭ جېىشى مەسلىھەتچىلەر باشقارمىسىنىڭ باشلىقى پۇداۋمىىڭنى سوۋېت سودا ۋاكالەتچىسى سى گاۋسو بىلەن كېڭىشىشكە ئەۋەتتى. 1944- يىلى 12- ئاينىڭ بېشىدا بۇداۋمىڭنى ئايروپىلان بىلەن دىخۇاغا ئەۋەتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى باش كونسۇلى بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە چېگرا رايونىدا ئۆز ئارا ياردەملىشىپ ئامانلىقنى ساقلاش توغرىسىدا كېڭەشتى، سۆھبەتنىڭ ‹‹ئىلى قوزغىلىڭى›› غا ئۈنۈملۈك تەسىرى بولغان –بولمىغانلىقىنى كۆزەتتى. جىياڭ جېشى يەنە جۇشىياۋلىياڭ ۋۇجۇڭىشنلارغا : ‹‹روسىيەەە قارىتىلغان دىپلوماتىيەنى شۇجاينىڭ ئۆزىدە يولغا قويۇش، ئازراقلار ئۈمىت بولسىلا، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق جەھەتتە ئامالىنىڭ بارىچە يول قويۇش، بۇ ئارقىلىق زىمىن پۈتۈنلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك›› دەپ ئالاھىدە جىكىلىگەن [67].
يېشييېف ‹‹بۇ ئومۇمىي خەلق خاراكتىرلىك قوزغىلاڭ›› قوزغىلاڭنىڭ سوۋېت بىلەن ئالاقىسى يوق، دىگەچكە، پۇداۋمىڭ چېگرا رايونىنىڭ ئۆز –ئارا ھەمكارلىشىپ ئامانلىقنى ساقلاش توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئامالسىز قالدى. پۇداۋمنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان شىنجاڭ-سوۋېىت سودا لايھىيەسىگە قارىتا، يېشييېف شىنجاڭ ئۆلكىلىك سودا شىركىتى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى سودا خەلق كومېتىتىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورگىنى ئوتتۇرىسىدىكى سودا كۆزدە تۇتۇلسا ‹‹ھەمكارلىق دائىرىسى تار بولۇپ قالىدۇ›› دەپ قارىدى، ھەم سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ماڭا بۇ مەىسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى بەرمىدى، دەپ بايانت ئېلان قىلدى[68]. سوڭ زىۋىن پۇداۋمىڭنىڭ يېشىېيېف بىلەن سۆھبەتلەشكەن ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئالاقىدار تارماقلارنى چاقىرىپ كېڭىشىش ئارقىلىق ‹‹شىنجاڭ ئۆلكىسى تەۋەسىدىكى جۇڭگو-سوۋېت سودا ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ھەققىدىكى تەكلىپ›› نى تۈزەي سودا جەھەتتە شىنجاڭ ئۆلكىسىنى نۇقتا قىلىش پىرىنسىپى بويىچە سوۋېت تەرەپ بىلەن سودا قىلىشنى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق جەھەتتە بىرلىشىپ مەبلەغ سېلىپ كان ئېچىش، زاۋۇت قۇرۇش، مايتاغدىكى نىفتىتلىككە سوۋېت تەرەپنىڭ تېخنىكا جەھەتتىن ھەمكارلىشىشىنى قارشى ئېلىش، ھەم خام نىفىتنىڭ بىر قىسمىنى سوۋېت تەرەپكە سېتىپ بىرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى[69] 1945- يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى، سۇڭ زىۋىن بۇ تەكلىپنى سى گاۋسۇغا تاپشۇرۇپ، ‹‹خېبىي-سوۋېت تەرەپلەر شىنجاڭ ئۆلكىسى ئىچىدە ۋەقە پەيدا قىلماسلىقى كېرەك›› لىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىراق سوۋېت تەرەپ بۇنىڭغا قايىل بولماي [71] جۇڭگو –سوۋېتنىڭ شىنجاڭدىكى سودا ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىغا ئالاقىدار سۆھبەت ئىشىكىنى ئىتۋەتتى.
‹‹جۇڭگو-سوۋېت دوستلۇق بىرلەشمە شەرتنامىسى›› دا سوۋېت ئىتتىپاقى ئېغىزىدا شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشمايمىز دەپ ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە يەنىلا ئىلىنىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلارغا ھۇجۇم قوزغىشىغا ئاستىرتتىن ياردەم قىلۋەردى ھەم جىڭ، شىخۇ ئۇرۇشلىرىدا ھاۋا ئارمىيسىنى ئىشقا سېلىپ ئۇرۇشقا ياردەم بەردى. جىياڭ جېىشى گەرچە بۇ ئىشتىن ‹‹قاتتىق چۆچىگەن ۋە غەزەپلەنگەن›› بولسىمۇ بىراق شەرقىي شىمال مەسىلىسىنى نەزەردە تۇتۇپ، شىنجاڭنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويسىمۇ ‹‹ئاكتىپ قارشىلىق كۆرسەتمىدى›› دىخۇانىڭ شەھەر مۇداپىئەسى خەتەرلىىك ئەھۋالدىكى پەيتتە، جىياڭ جېشى جۇشىياۋلىياڭ، ۋۇجۇڭشىنلارغا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلىغا ‹‹ياردەم›› قىلغانلىق ئىسپاتىنى ‹‹ئامال قىلىپ توپلاش›› شنى بۇيرۇق قىلدى، ئەمما، جىياڭ جېشى ئىسپات›› نى قىتىنچە ئاشكارلىماسلىقنى تەشەببۇس قىلدى [74] سوۋېت دىپلوماتىيىسى تەشۋىقات ساھەسىگە قارىتا، ‹‹تىگىشلىك مۇۋاپىق پىكىرنى بىلدۈرۈش، چۆچۈتۈپ قويۇپ، ئۇلارغا باھانە تېپىپ بەرمەسلىك››نى يولغا قويدى.
(3) شىمالىي چۆچەك ۋەقەسى
شىمالىي چۆچەك- دىخۇا، ئالتاي، قۇمۇل ئۈچ رايوننىڭ تۇتىشىدىغان جايىدىكى مۇھىم ئۆتكەل، شۇنداقلا گۇچۇڭ، جېن شى (بۈگۈنكى بارىكۆل) نىڭ شىمالىدىكى توساق بولۇپ، سىتىراتىگىيىلىك ئورنى ناھايىتى مۇھىم. گومىنداڭ شىمالىي چۆچەكتە بىر دوتا تۇرغۇزغان. 1947- يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ، مۇڭغۇلىيە ئارمىيىسى شىمالىي چۆچەك مۇڭغۇلىيەنىڭ زىمىنى دېگەن باھانە بىلەن تولۇق قوراللانغان بىر باتالىيون ئەسكىرىنى ئىشقا سېلىپ سوۋېت ئايروپىلانلىرىنىڭ ھىمايسىدە دۆلەت ئارمىيىسى بازلىرىغا ھۇجۇم قىلدى. مانا بۇ شىمالىي چۆچەك ۋەقەسىدۇر. دەسلىپىدە گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شىمالىي چۆچەك ۋەقەسىگە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇپ، بىر تەرەپتىن تەشۋىقات ئۈسكۈنلىرى ئارقىلىق سوۋېتكە قارشى تەشۋىقات ئېلىپ باردى، يەنە بىر تەرەپتىن ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ سوۋېت ئىتتىپاقى، مۇڭغۇلىيىلەرگە قاتتىق ئىتىراز بىلدۈردى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ موشۇنداق ئىنكاس قايتۇرىشىدىكى سەۋەب، بىرىنچىدىن بۇ ۋەقە شەرقىي شىمال مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك سوۋېت ئىتىپاقى ئۇرۇشىدىن كېيىن شەرقىي شىمالنى مۇستەقىل كۈچكە ئايلاندۇرۇش ئويى بولغاچقا، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ‹‹ھەمداستۇخان›› بولۇۋېلىشىغا يول قويمايتتى. جىياڭ جېشى بولسا شەرقىي شىمالغا ئامېرىكا كۈچلىرىنى ئەكىرىپ سوۋېت بىلەن تەلىشىشنى ئويلايتتى. گومىنداڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى شەرقىي شىمالدا ھەمكارلىقنى ئىشقا ئاشۇرالمىغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى كەينىگە بۇرۇلۇپلا، كومپارتىيەنىڭ شەرقىي شىمالدا كۈچنى تەرەققىي قىلدۇرىشىنى قوللىدى، جىياڭ جېىش شىمالىي چۆچەك ۋەقەسىدىن پايدىلىنىپ سوۋېتكە قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، بۇ ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئالدىدا كومپارتىيە كۈچلىرىنى يوقاتتى. ئىككىنچىدىن، شىمالىي چۆچەك ۋەقەسى مەيلى ئوسمان ۋە مەسئۇد مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان-چىقارمىغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ جۇڭگو-مۇڭغۇلىيە زىمىن ماجىراسى شەكىلدە ئىپادىلەندى، ئەگر جۇڭگو ‹‹سوۋېت مۇڭغۇلىيلىكلەرگە ھەققانىي دىپلوماتىيە قەدەم باسقۇچىنى قوللۇنۇپ ئىتىراز بىلدۈرمىسە، ئەمەلىيەتتە ‹‹ھۆكۈمەت بۇ ئىشنى ئىنكار قىلغانلىق بىلەن باراۋەر بولاتتى. ياكى تاجاۋۇزچىلىققا ئاشكارە يول قويغانلىق بولاتتى›› شۇڭا [76] جىياڭ جېشى شىمالىي چۆچەك مەسىلىسىدە مەيدانى قاتتىق بولدى، شىمالىي چۆچەكتە تۇرۇشلۇق ئارمىيىگە بازىرىنى قاتتىق ساقلاش، ئۆزى تۇرۇشلۇق ۋىلايەتنى قەتئىي قولدىن بىرىپ قويماسلىق توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى[77].
تۈپ نىگىزىدىن ئېيتقاندا، جۇڭگو-بىر ئاجىز دۆلەت، شىمالىي چۆچەك مەسىلىسىدە سوۋېتكە كەسكىن قارشى تۇرۇش پەقەت شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈردى، شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇردى. شۇڭا، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى چىكىنش ئۈچۈن ھۇجۇم قىلىش ئويۇنى ئوينىغاندىن كېيىن، مەركىزى سىياسىي كومىتېت ئىچكى كابىنىت، دىپلوماتىيە ھەربىي ئىشلار قاتارلىق 3 مەخسۇس كومېتىتنىڭ بىرلەشمە يىغىنى ئارقىلىق تىزدىن بۇ مەسىلىنىڭ تەدبىرىنى بىكىتتى. بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم بىر ماددا ‹‹ۋەقەنى كېڭەيتىۋەتمەسلىك›› [78] تىن ئىبارەت بولدى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى يى گۇڭچاۋ تىلىگرامما يوللاپ شىنجاڭ ھەربىي ئىشلار ئەمەلدارى ئارقىلىق شىمالىي چۆچەكتە تۇرۇشلۇق ئارمىيگە ‹‹ۋەقەنى كېڭەيتىۋىتىدىغان ھەرىكەتلەردىن قاتتىق ساقلىنىش›› توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى[79] غەربىي شىمالنىڭ ئەڭ ئالىي ھەربى مەمۇرىي ئەمەلداردى جىياڭ جژجۇڭمۇ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي چۆچەك مەسىلىسىدە مۇرەسسەچىلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى قاتتىق تەشەببۇس قىلدى. ئۇ جىياڭ جېشى ۋە مەركەزدىكى باشقا مۇھىم خادىملارغا سوۋېتكە قارشى تەشۋىقاتنى توختۇتۇشنى تەلەپ قىلىپ، تىلىگرامما يوللىغان، ھەم ئىزچىل سوۋېتكە، كومپارتىيىگە قارشى مەيداندا تۇرۇپ كىلۋاتقان باي زۇڭشىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنى چۆچىتىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى باي زۇڭشىنىڭ شىمالىي چۆچەك مەسىلىسى ئۈچۈن شىنجاڭغا قىلىدىغان سەپىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا جىياڭ جېىشغا جىددىي تىلىگرامما يوللىدى. شىمالىي چۆچەك توقۇنۇشى ئەمەلىيەتتە 1948- يىلى 9-ئايغىچە داۋاملاشتى. [80] ئەمما گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئاساسەن شىمالىي چۆچەك ۋەقەسى ھەققىدە ھەقىقىي سىياسىي مۇبالىغە قىلىپ باقمىدى.
(4) 1949- يىلدىكى شىنجاڭ-سوۋېت سودا ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق سۆھبىتى
ئالدىنقى ماقالىسىدە بايان قىلىنغان سۇڭ زىۋىن سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپكە تاپشۇرغان ‹‹شىنجاڭ ئۆلكىسى تەۋەسىدىكى جۇڭگو-سوۋېت سودا ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ھەققىدىكى تەكلىپ›› كە سوۋېت ئىتتىپاقى جاۋاپ قايتۇرمىدق؛ 1946- يىل 11-ئايدا، جاڭ جژجوڭ ‹‹جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسى تەۋەسىدىكى جۇڭگو-سوۋېت سودا ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ھەققىدىكى تەكلىپ›› نى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دىخۇادا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ساۋىيلېفقا يۈز-تۇرانە تاپشۇردى. سوۋېت تەرەپ ئۇزۇنغىچە يەنە جاۋاب قايتۇرىدى. 1949- يىلىنىڭ بېشى، گومىنداڭنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ھۆكۈمرانلىقى ئۈزۈل-كېسىل گۇمران بولۇش ھارپىسىدا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دىخۇادا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى مۇسكۇۋانىڭ يوليۇرۇقىغا بىنائەن توساتتىن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ شىنجاڭدىكى خاس ۋەكىلى لىيۇزېدۇڭغا ئاغزاكى بايانت يەتكۈزۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان شەر ئاساسىدە شىنجاڭ-سوۋېت سودا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، سوۋېت ئىتتىپاقى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ موللاق ئىتىش ھارپىسى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاھىدە ئىمتىيازغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ماددىلارنى ئىمزالاپ، بۇ ماددىلارنى يىڭى جۇڭگو بىلەن سۆزلىشىشتىكى دەستەق قىلماقچى.
گومىنداڭ ھۆكۈمىتى غەربىي شىمال ۋەزىيتىنى تىنىچلاندۈرۇش، ئارقا تەرەپتىن كىلىدىغان تەھدىتىنى ئامال بار ئازايتىشقا كۆزدە تۇتۇپ [81] سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سۆھبەت تەلىپىگە قوشۇلىشىنى قارار قىلدى، ھەم مەمۇرىي پالاتا باشلىقى سۇنكى جاڭ جژجۇڭغا تولۇق ھوقۇق بىلەن سۆھبەت ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى[82] گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئالاھىدە سىياسىي مەقسەت ئىتقىساد سۆھبىتى ئۆتكۈزگەچكە سوۋېت ئوتتۇرىغا قويغان شەرتلەرگە زور دەرىجىدە يول قويدى. جىق تالاش-تارتىش قىلمايلا، سوۋېت تەرەپ بىلەن ناھايىتى تىزلا دەسلەپكى قەدەمدە تۆۋەندىكىدەك كېلىشىم ھاسىل قىلدى: سوۋېت سودا ئورگانلىرى جۇڭگو تەرەپنىڭ سودا ئورگانلىرى، شىرىكچىلىتكى گۇرۇھلار، سودا –ساھەسى ۋە سودىگەرلەر بىلەن سودا قىلسا بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ سوۋېت سودائورگانلىرىدىن ئالمىغان ئىمپىروت-ئىكسپروت باج سېلىقى جۇڭگو سودا ئورگانلىرى ياكى سودىگەرلەردىن ئالىدىغان باج-سېلىقتىن يۇقىرى بولماسلىق كېرەك؛ ئىككى تەرەپ شىنجاڭدا جۇڭگو-سوۋېت بىرلەشمە شىركىتى تەشكىل قىلىش بىر رەڭلىك مېتال ۋە كەم ئۇچرايدىغان مىتاللار (ئالتۇن، كۈمۈش، پىلاتنىا دىن باشقا ) نى قېزىش شىركىتى، يەنە بىرى نېفىت قېزىش ۋە ئايرىش شىركىتى، تەشكىل قىلىش چارىسى-ئىككى تەرەپ تەڭ مىقداردا پاي دەسمايىسى چىقىرىش، ئىشلەپچىقىرىلغان كان مەھسۇلاتلىرىنى تەڭ مىقداردا سېتىۋىلىش شىركەت مۇدىرىيىتىدىكى ئىككى تەرەپ خادىملىرى تەڭ نىسبەتتە بولۇش، مودىرىيەت باشلىقى جۇڭگو تەرەپتىن، مۇئاۋىن مۇدىرىيەت باشلىقى سوۋېتتىن، باش دېرىكتور سوۋېتتىن، مۇئاۋىن باش دىرىكتۇر جۇڭگودىن؛باش تەپتىش جۇڭگودىن؛ مۇئاۋىن باش تەپتىش سوېتتىن، شىركەت خادىملىرى ئىككى تەرەپتىن تەڭ نىسپەتتىن بولىدۇ. دېگەم مەسىلىلەر ئۈستىدە بىردە پىكىرگە كەلدى[83]. ئىككى تەرەپ رەسمىي كېلىشىم ھاسىل قىلىش ھارپىسىدا، سوۋېت تەرەپ تۇيۇقىسىز پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزىدىغان نۇرغۇن تەلەپلەرنى كۆپەيتتى. مەسىلەن، نېفىت ۋە مىتالوروگىيە شىركەتلىرىدە ئۆز ئالدىغا قوغدىغۇچى قويۇش، تۆمۈر يول ياساش، تاشيول لىنىيىسىدە تېلېفون سىمى تارتىش، سىمسىز ئالاقىنى يولغا قويۇش، سوۋېتلىقلار ئايرۇپىلان تىرانسىپۇرتىنى ئۆز ئالدىغا سەپلەش، سوۋېت تەرەپ سودىگەرلىرى ۋە كان خادىملىرى جۇڭگو چىگرىسىدىن ئەركىن كىرىپ-چىقىش قاتارلىق [84].
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى سوېت تەرەپنىڭ كىلىشىنامە مەزمۇمىنى ئۆزگەرتىش سەۋەبىنىڭ چېكىنىش ئۈچۈن ھۇجۇم قىلىش ۋاسىتى بىلەن جۇڭگو تەرەپنى كېلىشىم ئىمزالاشقا مەجبۇرىلاش ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلدى. [85]. غەربىي شىمالنىڭ ھەربى ۋەزىيىتى كۈندىن-كۈنگە كەسكىنلەشتى. بولۇپمۇ ئازادلىق ئارمىيە لونجۇنى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ چېكىنىش يولى ئۆرۈلۈپ قالدى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى سۆھبەتتە مەيلى قانداق يول قويۇلسۇن ياكى قانداق كېلىشىم ھاسىل قىلىنسۇن، ھەممىسى گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدىكى مەغلۇبىيەتلىك تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى، شۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ۋەكىللىرىگە ئامال قىلىپ سۆھبەتنى توختۇتۇش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى ھەم سۆھبەت ۋەكىللىرى تەييارلىغان ‹‹سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن شىنجاڭنىڭ سودا قىلىشىمى›› نىمۇ تەستىقلىدى. يۇقۇرىدىكى پاكىتلاردىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا سوۋېتكە قارىتا مۇرەسسە سىياسەتلىرىنى يولغا قويغانلىقنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ تەرەپنى گومىنداڭ ئۆزىمۇ ئىنكار قىلمايدۇ: ‹‹شىنجاڭ ۋەزىيىتى پەۋقۇلئاددە سوۋېت بىلەن بولغان مۇناسىۋەت مۇھىم بولغاچقا، يىللاردىن بىرى ھۆكۈمەت دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزمەسلىك پىرىنسىپى بىلەن سوۋېتكە يول قويۇپ، شىنجاڭنىڭ تىنىچلىقىنى كۆزلەندى›› [86]
2. ئەنگلىيە، ئامېرىكا كۈچلىرى ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەرىكەتلىرىنى توسۇش
1942- يىلى 7-ئايدا، خى يىڭچىدىن رىياسەتچىلىك قىلىپ تۈزگەن ‹‹شىنجاڭنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتۇرىۋىلىش ئومۇمىي پىلانى›› دا، بىرىنچى قېتىم ئامال قىلىپ ئەنگلىيە، ئامېرىكا خىرسىتىئان مۇرتلىرىنى شىنجاڭغا دىن تارقىتىشقا كىرگۈزۈش ‹‹سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەرىكەت قىلسا ئويلىنىپ قىلىدىغان، ئۆزىنى چەتكە ئالىدىغان قىلىش›› نى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى[87] 8-ئايدا، شېڭ شىسەي، جۇشىياۋلىياڭلار جىياڭ جېىشىغا يوللىغان خېتىدە: ‹‹سوۋېت ئىتتىپاقى ھازىر دەل ئەنگلىيە، ئامىركىلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج. بىز ئەنگلىيە، ئامېرىكا زاتلىرىنىڭ شىنجاڭغا دائىم كىلىشىنى قارشى ئېلىشىمىز كېرەك، ئەنگلىيە، ئامىرىكىلارنىڭ دىخۇدا كونسۇل تۇرغۇزۇشىنى تېخىمۇ قارشى ئالىمىز، زۆرۈر تېپىلغاندا ئەنگلىيە ئامېرىكا تېخنىكلىرىنى ۋە مەسلىھەتچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئەنگلىيە، ئامىرىكىنىڭ ئادەم ۋە مالىيە كۈچىدىن پايدىلىنىپ شىنجاڭنىڭ بايلىقىنى ئېچىشىمىز لازىم›› دەپ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكلىپ بەردى. [88]. جىياڭ جېشى بۇ تەكلىپىگە ‹‹موشۇ بويىچە ئىشلەنسۇن›› دەپ تەستىقلىغان[89]. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى جىياڭ جېىشىنىڭ ئۈمىدى بويىچە ئەنگىلىيىنىڭ دىخۇادا كونسۇلخانا قۇرۇشىغا يول قويمىدى ھەم شىنجاڭدا مۇھاجىر يوق ئامرىكىنىڭمۇ كونسۇلخانا قۇرۇشىغا تەكلىپ بەردى. ئامېرىكىنىڭ دىخۇادا كونسۇلخانا قۇرۇشى ‹‹سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆز قۇلاق بولۇش›› تىن ئىبارەت ئىدى[90].
سوۋېت ئىتتىپاقى كۈچلىرى شىنجاڭدىن چىكىنگەندىن كېيىن، جىياڭ جېىشى سوۋېت ئىتتىپاقىنڭ شىنجاڭغا قايتىدىن باستۇرۇپ كىرىشىنى چەكلەشتە ‹‹ئامېرىكا ئەنگىلىيىنىڭ پوزىتىسىيىسى-ئاچقۇچ›› دەپ ھېسابلىدۇ[91]. 1944- يىلى 3-ئايدا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئايرۇپىلانلىرى چىگرىدىن ئۆتۈپ جۇڭگو قىسىملىرىنى بومباردىمان قىلغاندا جىياڭ جېشى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى رۇزۋىلىتقا داۋاملىق يەتكۈزۈپ تۇرغان، ھەم رۇزۋىت ‹‹كۆرسەتكىلىك بولىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ›› ۋەقەنىڭ كېڭىيىپ كىتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك دېگەن[92] ئامېرىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغاش ئۈچۈن جىياڭ جېىشى يەنە :‹‹بۇ ئىشنى يەرلىكتىكى ۋەقە دەپ قارىماي، بەلكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھازىر ۋە كەلگۈسىدىكى يىراق شەرىققا قارىتىدىغان سىياسىتىنىڭ مۇھىم بىشارىتى›› سوۋېت ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا بەلكىم ‹‹مەلۇم مەسىلىلەر ئۈستىدە بىر-بىرىنى ئەپۇ قلىشى مۇمكىن›› دەپ تەكىتلىدى. گەرچە رۇزۋېلىت جىياڭ جېشىنىڭ قارىشىغا قوشۇلمىغان بولسىمۇ، سوۋېت بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا بولۇشىغا ‹‹تامامەن ئىشىنىپ كەتكلى بولمايدۇ) ‹‹كېلىشىم›› دەپ قارىدى[94] ئەمما ئۇ يەنىلا مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ خۇارىسنى مۇسكۇۋا، چۇڭچىڭلارغا جۇڭگو سوۋېت-مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيچىلىكنى ھەل قىلشقا ئەۋەتتى، بۇ ئالتاي ۋەقەسىنى تىنجىتىشتا بەلگىلىك رول ئوينىدى.
1945- يىلى 9-ئاينىڭ بېشى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئايروپىلانلىرى جىڭ، شىخۇلارنى بومباردىمان قىلدى. جىياڭ جېشى دەرھال ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خېررى ۋە جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئامىېرىكا ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى ۋىدىھىرنى قارشى تەدبىر ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىشكە تەكلىپ قىلدى ‹‹ئۇلارنىڭ ئادەم ئەۋەتىپ ھەقىقىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈشكە قاتناشتۇرۇش›› نى تەلەپ قىلدى[95]. ئۇندىن باشقا جىياڭ جېشى مۇشۇ ئىش توغرىسىدا سۇڭ زىۋىنغا ‹‹ئامېرىكا، ئەنگىلىيىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈش›› نى تاپىلىغان[96] سوۋېت ئىتتىپاقى ئىلىنىڭ جىڭ، شىخۇلارنىڭ مۇداپىئە سىپىگە ھۇجۇم قىلىشقا ياردەم بەرگەندىن كېيىن، ھەر جەھەتتە ئاجىز ھالەتتىكى دىخۇاغا ھۇجۇم قىلمىدى. بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋبنىڭ بىرى دىخۇدا ئەنگلىيە، ئامېرىكىلارنىڭ ئەلچىخانىسى بار، بۇنداق ئەھۋالدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئەلۋەتتە ئەنگلىيە، ئامېرىكا دىپلوماتىيە خادىملىرىغا ئۆزىنىڭ ئېلى ئىنقىلابىىنى قوللاۋاتقانلىقىنى بىۋاستە كۆرسىتىشنى خالىمايدۇ-دە.
شىمالىي چۆچەك توقۇنىشى باشلىنىش بىلەنلا، شىنجاڭ گارنىزوننىڭ قوماندانى سۇڭ شىليەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئايروپىلانلىرىنىڭ شۇ جايدا تۇرۇشلۇق جۇڭگو قىسىملىرىنى بومباردىمان قىلغانلىق خەۋىرىنى ئامېرىكىنىڭ دىخۇادا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىغا يەتكۈزدى. كېيىنمۇ دائىم شىمالىي چۆچەك ئۇرۇش توغرىسىدىكى ماتىرىياللارنىڭ نوسخىسىنى ئامېرىكا تەرەپكە بىرىپ تۇرغان [97] شۇنىڭ بىلەن بىرگە گومىنداڭ يەنە ئامېرىكا مۇخبىرلىرىنىڭ شىمالىي چۆچەك ئالدىنقى سېپىگە بىرىپ مۇخبىرلىق قىلىشقا يول قويۇپ ياردەملىشىپ ئامېرىكا ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا جامائەت پىكرى بېسىمى پەيدا قىلدى.
شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، گومىنداڭ ئەنگلىيە، ئامېرىكىدىن پايدىلىنىپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەركىتىنى چەكلەش ھەركىتى مەلۇم ئۈنۈمگە ئىرىشتى. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە ‹‹گومىنداڭ بىلەن ئامىېرىكىلىقلارنىڭ بىرلىشىۋالغانلىقى –سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئارقا سېپىگە، تىغ ئۇرغانلىق بولۇپ ئەكسىچە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەرىكەتلىرىنى تىزلىتىشكە سەۋەب بولدى. ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشى، ئامېرىاك-سوۋېت كۈچ سېلىشتۇرمىسى دۇنيانىڭ سىتىراتىگىيىلىك ئىھتىياجى بولۇشتىن سىرىت، شىنجاڭنىڭ مول بايلىقىنىڭ تارتىش كۈچىدىن ئىدى[99] .
3. شىنجاڭنىڭ سوۋېتكە قارىتا ئىناق قوشنىدارچىلىق سىياسىتىنى يولغا قويۇشقا رۇخسەت قىلىش
شىنجاڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوۋېتكە قارشى تۇرۇپ كەلگەن جىياڭ جېشى شىڭ شىسەيگە :شىنجاڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن يېقىن قوشنا، سوۋېتكە قارىتا ‹‹يېقىنچىلىق مۇناسىۋەتتە بولۇش زۆرۈر›› دېگەن[100] ئۇنىڭ ۋۇجۇڭشىننى شىنجاڭنىڭ ئۆلكە رەئىسلىكىگە تاللىشىدىكى سەۋەبنىڭ بىرىمۇ ‹‹ئۇنىڭغا دۆلەت ئىچىدىكىلەرمۇ سىرىتتىكىلەرمۇ ئىشنەتتى››[101]. ‹‹باشقىلارمۇ ئۇنىڭدىن ئەنسىرمەيتتى [102] بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ‹‹سىرىتتىكىلەر ›› بىلەن ‹‹باشقىلار›› سوۋېت ئىتتىپاقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى سوۋېت ھۆكۈمىتىمۇ ۋۇجۇڭشىننىڭ شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئەمەلدارلىقىنى قوبۇل قىلاتتى. ۋۇجۇڭشىن ئىچىدە سوۋېتقا قارشى تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇ شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مۇھىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، ‹‹سىرت بىلەن دوستانە ئۆتۈش، ئىچكى جەھەتتە تىنىچ ئۆتۈش›› شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش فاڭجىنىنى ئوتتۇرىغا قويدى [103] شىنجاڭ گېزىتىگە مەركىزى ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ سوۋېتقا، كومپارتىيىگە قارشى بولغان خەۋەرلىرىنى باسماسلىق بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن. قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئوچۇق-ئاشكارە ھالدا سوۋېتقا قارشى پائالىيەت قىلىشنى چەكلىگەن ۋە موشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار.
جاڭ جىجۇڭ- گومىنداڭنىڭ ئىچكى قىسىمىدا يىللاردىن بىرى سوۋېت بىلەن ئىناق ئۆتۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى تەكىتلەپ كىلىۋاتقان ئادەم جىياڭ جېشى ئۇنى شىنجاڭدىكى سۆھبەتكە رىياسەتچىلىك قىلىشقا ئەۋەتىشتىمۇ موشۇ بىر نوقتىنى نەزەردە تۇتقان [104] جاڭ جژجۇڭ شىنجاڭنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭدا سوۋېتكە قارشى سىياسەتنى يۈرگۈزۈشكە قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە چوقۇم سوۋېت بىلەن ئىناق ئۆتۈش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش لازىملىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتى. موشۇنداق قىلغاندىلا شىنجاڭ مەسىلىسىنى تىنىچ يول بىلەن ھەل قىلىغىلى، شىنجاڭنىڭ ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىغىلى بولاتتى. شۇڭا شىنجاڭدا سوۋېت بىلەن ئىناق ئۆتۈش مەسىلىسىدە جىياڭ جېشى ئۇنىڭغا يول قويدى، يەنى جىياڭ جېشى ئۇنىڭ شىنجاڭدا سوۋېت بىلەن ئىناق ئۆتۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇشقا قوشۇلدى[105] جاڭ جژجۇڭ ۋۇجۇڭشىنغا ئوخشىمايتتى. جاڭ جژجۇڭ ئېغىزىدا سوۋېت بىلەن ئىناق ئۆتۈپلا قالماي، سوۋېت بىلەن ئىناق ئۆتۈش سىياسىتىنى كونكىرىت ئەمەلىيىتىدىمۇ ئەمەلىيلەشتۈردى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 3مىڭ توننىدىن كۆپرەك مىلى قۇمۇل، شىڭشىڭشا قاتارلىق جايلاردا توختۇتۇپ قويۇلغان. جاڭ جژجۇڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ماللىرىنى ئىچكىرگە يۆتكىشىگە ياردەملەشتى. 1948- يىلى 9-ئايدا، جۇڭگو سوۋېت ئاۋىئاتىسىيە كىلىشىمى (ئالمۇتادىن غۇلجا، دىخۇا ئارقىلىق قۇمۇلغا بارىدىغان ھاۋا يولى نىڭ مۇددىتى توشتى. نەنجىڭ ھۆكۈمىتى كىلىشىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ تەرەپدارىدا ئىدى، جاڭ جژجۇڭ جۇڭگو –سوۋېت مۇناسىۋىتى ۋە شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى نەزەردە تۇتۇشنى قايتا-قايتا تەشكىللەپ، نەنجىڭ ھۆكۈمىتىنى جۇڭگو-سوۋېت ئاۋىئاتىسيە كىلىشىمىنى 5يىل ئۇزارتىشقا قايىل قىلدى. جاڭ جژجۇڭ يەنە دىخۇا جۇڭگو –سوۋېت مەدەنىيەت جەمئىىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. ھەم ئۆزى جەمئىيەت باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، بۇ جەمئىيەنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئىككى دۆلەت خەلقنىڭ دوستلىقىنى كۈچەيتىش جەھەتتىكى رولىنى ناھايىتى ئوبدان جارى قىلدۇردى.
گومىداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ يەرلىك دائىرلىرىنىڭ سوۋېت بىلەن ئىنقا ئۆتۈش سىيساسىتىنى يۈرگۈزشكە يول قويۇشى- ئامالسىزلىقىنى ئىدى، چۈنكى ‹‹ ›› نىڭ باشقۇرىشىدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قارىشىچە چەت ئەللىكلەرنىڭ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن يېقىن ئۆتۈشى ھەم دوستانە باردى-كەلدى قىلىشى ئەخمەقلكىق ئىدى. بۇنداق قىلىشى ناھايىتى خەتەرلىك بولۇپ، بۇ چەت ئۆلكىلەرنى كۈچلۈك قوشنا دۆلەتنىڭ بېقىندىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن ئىدى›› [106] مۇنداقچە ئېيتاقاندا گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى سوۋېتكە قارشى تۇرىۋاتسا، ئەكسىچە شىنجاڭ يەرلىك ھۆكۈمىتى سوۋېت بىلەن ئىناق ئۆتۈشنى كۆككە كۆتۈرىۋاتسا، بۇ ئەمەلىيەتتە بىر-بىرىگە زىت ئىشى ئىدى. مەسىلەن : جاڭ جژجۇڭ مۇنداق دەيتتى- گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئىزچىل سوۋېتكە قارشى تۇرۇپ كەلدى. زور كۆپ ساندىكى كىشىلەر مىنىڭ سوۋېت بىلەن دوستانە ئۆتۈش تەشەببۇسىدىن گۇمانلىنىپلا قالماي ھەتتا قاتتىق قارشى تۇردى. دىپلوماتىيۇە مىنىستىرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ئۈچۈن سوۋېت بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشىم مىنىڭ سىرىتقا قاراتقان فاڭجىنىم نەنجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن بىردەك ئەمەس ئىدى. بۇ جەھەتتە ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارمقانىڭ قوللىشىغا ئىرىشەلمىدىم. ‹‹بۇ ھەل قىلىش ئەڭ قېيىن بولغان زىددىيەت›› ئۇنىڭدىن باشقا شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا ۋە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئارمىيە ئىچىدە بەزىلەر ‹‹ماجرا تېرىپ›› ‹‹سوۋېتكە قارشى دولقۇن قوزغاپ تۇراتتى›› شۇڭا ئۆلكىدە بولسۇن، سوۋېت بىلەن ئۆتۈنۈش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشتا زىددىيەت چوڭ›› [107] ئامېرىكىنىڭ شۇ چاغدىكى دىخۇادا تۇرۇشلۇق كونسۇلى باۋماۋسىن تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتكەن: ‹‹مىنىڭ ئىگىلىشىمچە، ھۆكۈمىتىڭلار 20يىلدىن بىرى روسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە دوستانە بولالمىدى، بىر يەرلىك ھۆكۈمەت مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ تۈپ سىياسىتىدىن ئايرىلالامدۇ؟ ئەگەر مەركەزنىڭ يولغا قويغىنى بىرخىل، يەرلىكىنىڭ يولغا قويغىنى بىر خىل بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەرلىك ھاكىمىيەتنىڭ مەركەز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قويۇق بولسا، قارشى تەرەپ قانداقمۇ ئىشەنسۇن؟. . . شۇڭا مېنىڭچە بۇ خىل سىياسەتنى يولغا قويۇش قېيىن›› [108]
ئىزاھات :
[1] سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىسىم ئەۋەتىپ ئۇرۇشقا قاتناشقانلىق پاكىتىنى نۇرغۇن ماتىرىياللار ئىسپاتلايدۇ. شۇڭ ۋاقىتتا ئىرەنباغنى قوغداپ ئۇرۇش قىلغان 29-ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى لى تېجۈن مۇنداق دەيدۇ ‹‹باندىتلارنى تازىلاش ھەركىتىدە باندىت يۇقىرى ئوفىتسىرلار ۋە ئالاھىدە قىسىمنىڭ تېخنىكىلىرىنى سوۋېت ئىتتىپاقى ئەۋەتكەن بولۇپ، دۈشمەنگە قارشى ئاساسىي ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ھەر دائىم سوۋېت ئارمىيىسى ۋە رەتلىك فورما كىيگەن ئاتلىق ئەسكەرلەرنىڭ ئۇرۇشقا قانتاشقانلىقىنى بايقايتتۇق›› (‹‹لى تېجۈننىڭ 1945- يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى ۋۇجۇڭشىنغا يازغان خېتى›› ۋۇجۇڭشىننىڭ ‹‹شىنجاڭنى باشقۇرۇش خاتىرىسى›› نىڭ 1945- يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنىگە قارالسۇن. 1949- يىلى 8-ئايدا ئېلىغا كىرگەن ج ك پ مەركىزى كومېتىتىنىڭ ئالاقىچىسى دىڭ لىچۈن مۇنداق دەيدۇ: ‹‹1944- يىلدىكى بېر قىتىملىق ھەل قىلغۇچ ئۇرۇشتا، گومىنداڭنىڭ بىر ئاساسىي دىۋىزىيىسى ئىلى ئەتراپىدا يوقۇتۇلدى، بۇنى ئەمەلىيەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ قوللىشى ياردىمىدە، قوزغىلاڭ كۆتەرگەن ئامما قىلغان، ئولجا ئېلىنغان قورال-ياراغلاردا مىللىي ئارمىيە ئومۇميۈزلۈك قوراللاندۇرۇلغان›› (دىڭ لىچۈننىڭ ‹‹شىنجاڭنىڭ تىنىچ ئازات بولۇشىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى جۇڭگو-سوۋېت مۇناسىۋىتىنىڭ يىڭى سەھىپىسى››، ‹‹يېقىنقى زامان تارىخى تەتقىقاتى›› نىڭ 1980- يىلى 5-سانىغا قارالسۇن). 1947- يىلدىن 1949- يىلغىچە ج ك پ نىڭ ئىلىدا تۇرۇشلۇق كۆپ تەرجىمە قىلغۇچىسى پىڭ گوئەنمۇ مۇنداق دەيدۇ:‹‹ئىلىنىڭ ۋەزىيىتى ھەقىقەتەن سوۋېت قوشۇنىغا تايىنىپ بارلىققا كەلگەن›› [‹‹يولداش پىڭ گوئەننىڭ 1979- يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى سۆھبىتى›› شىنجاڭ مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى يېقىنقى زامان تارىخى ئىشخانىسى تۈزگەن ‹‹شىنجاڭ ئىنقىلابى تارىخىي ماتىرىياللىرى زىيارەت ماتىرىياللار توپلىمى›› (2) گە قارالسۇن. 1981- يىلدىكى باسمىسى] ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى ئەسكەر ئەۋەتىپ ئۇرۇشقا قاتناشتۇرغان ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دىخۇادا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى 1944- يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى، رادىئۇ ئارقىلىق: 10-ئايدا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 5مىڭ ئەسكىرى ئاسىيلىق قىلدى، خەۋەرگە قارىغاندا، ئۇلار شىنجاڭغا قاچقان دەپ خەۋەر قىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دىخۇادا تۇرۇشلۇق سودا ئىش بىجىرىش باشقارمىسىنىڭ باش كاتىپى لېكودىلياسەن دېسۇنمۇ سىرتقا قارىتا، سوۋېت دائىرىلىرى 200مىىڭ روبلى مۇكاپات پۇلى چىقىرىپ ئاسىي قوشۇنىنىڭ مىرىكىنى قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئېلان قىلدى (زۇڭسەينىڭ 1944- يىلى شەنشىگە يوللىغان تىلىگراممىسى››، ۋۇجۇڭشىننىڭ ‹‹شىنجاڭنى باشقۇرۇش خاتىرىسى›› نىڭ 1944- يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنىگە قارالسۇن) سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىپ ئۇرۇشقا قاتناشقانلىق تەپسىلاتى. ‹‹شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى›› ۋە شېن جژخۇانىڭ ‹‹جۇڭگو-سوۋېتنىڭ ئىتتىپاق تۈزۈشى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى (1944-1950) گە قارالسۇن.
[2] ۋۇجۇڭشىننىڭ ‹‹شىنجاڭنى باشقۇرۇش خاتىرىسى›› نىڭ 1944- يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنىگە قارالسۇن.
[3] 1944- يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى جىياڭ جېشى جۇشىياۋلىياڭنىڭ ‹‹ئىلىدىكى باندىت ئاپىتى بارغانسېرى ئېغىرلاشتى›› بۇلارغا قوماندانلىق قىلغۇچى ئىلگىركى شىڭ شېسەي باش مەھكىمىسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقلىق مەسلىھەتچىسى پولىنوف ئىكەن، دېگەن مەزمۇندىكى دوكلاتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق كونسۇلىمۇ مەستلىكتە باشقىلارغا :‹‹جۇڭگو قوشۇنىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنىڭ نىمىگە لازىمى بار؟ ئەسكەر كۆپەيگەنسىرى باندىتلارمۇ ئاۋۇيدۇ›› دېگەن. ج خ مىنىستىرلىكى ئارخىپخانىسى تۈزگەن ‹‹جىياڭ جېشى يېنىدىكى 8يىل- ئالى مەسلىھەتچى ئادبۇتانت تاڭ زۇڭ خاتىرىسىگە قارالسۇن، 473-بەت.
[4] ‹‹جىياڭ جېشىنىڭ جۇشىياۋلىياڭ، ۋۇجۇڭشىنلارغا يازغان خېتى›› (1944- يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى) ۋۇجۇڭشىننىڭ ‹‹شىنجاڭنى باشقۇرۇش خاتىرىسى›› نىڭ 1944- يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنىگە قارالسۇن.
[5] ۋاڭ يۈن ۋۇ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىدىكى ‹‹مىنگونىڭ گېنىرالى جۇشىياۋلىياڭنىڭ ئۆمىد شەجەرىسى›› ناملىق كىتاپنىڭ تەيېبىي سودا نەشىرىياتىنىڭ 1981- يىلىدىكى نەشىر نوسخىسىنىڭ 36-بېتى
[6] [7]، ‹‹قۇرۇقلۇق ئارمىيىنىڭ يېڭىدىن تەشكىل قىلغان 2-گارنىزونى قوماندانلىق شىتابى ۋاكالىتەن يوللىغان تىلىگرامما›› (ئۇرۇش 514-نۇمۇرلۇق ) ۋۇجۇڭشىننىڭ ‹‹شىنجاڭنى باشقۇرۇش خاتىرىسى›› نىڭ 1945- يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنىگە قارالسۇن.
[8] ۋۇجۇڭشىننىڭ ‹‹شىنجاڭنى باشقۇرۇش خاتىرىسى›› نىڭ 1945- يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنىگە قارالسۇن؛ خۇۋشىڭنىڭ: ‹‹غۇلجا مۇھاسىرىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈش جەريانى›› (1945- يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى)، ۋۇجۇڭشىننىڭ ‹‹شىنجاڭنى باشقۇرۇش خاتىرىسى›› نىڭ 1945- يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنىگە قارالسۇن. خوۋ شىڭنىڭ : ‹‹غۇلجا مۇھاسىرىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈش جەريانى›› (1945- يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى) ۋۇجۇڭشىننىڭ ‹‹شىنجاڭنى باشقۇرۇش خاتىرىسى›› نىڭ 1945- يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنىگە قارالسۇن.
[9] جىياڭ جېشىنىڭ جۇشىياۋلىياڭغا يازغان خېتى›› (1945- يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى)، ۋۇجۇڭشىننىڭ ‹‹شىنجاڭنى باشقۇرۇش خاتىرىسى›› نىڭ 1945- يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنىگە قارالسۇن.
[10] جىياڭ جېشىنىڭ 1945- يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى خاتىرىسى. خۇاڭ رىنيۈ (ئامېرىكا) نىڭ ‹‹چوڭ تارىخىي نوقتىدا تۇرۇپ جىياڭ جېشىنىڭ خاتىرىسىنى ئوقايلى›› دېگەن كىتابتىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشىرىياتىنىڭ 1998- يىلىدىكى نەشىرىنىڭ 400-بېتى.
[11] ‹‹جىياڭ جېشىنىڭ جۇشىياۋلىياڭغا يازغان خېتى›› (1945- يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى)
[12] ۋۇجۇڭشىننىڭ: ‹‹شىنجاڭنى باشقۇرۇش خاتىرىسى›› 1945- يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنىگە قارالسۇن.
[13] ۋۇجۇڭشىننىڭ: ‹‹شىنجاڭنى باشقۇرۇش خاتىرىسى›› نىڭ 1945- يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى قارالسۇن.
[14] جاڭ داجۈن: ‹‹شىنجاڭنىڭ بوران چاپقۇنلۇق 70يىلى››
[15] ۋۇجۇڭشىننىڭ :‹‹شىنجاڭنى باشقۇرۇش خاتىرىسى›› نىڭ 1945- يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى قارالسۇن.
[16]، يۈفېيپېڭ قاتارلىقلارنىڭ ‹‹ھەربىي ئىشلار ئىھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن دىخۇادا تىرانسپورو باش بىكىتى قۇرۇش تەكلىپى›› (1945- يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى) ۋوجۇڭشىننىڭ ‹‹شىنجاڭنى باشقۇرۇش خاتىرىسى›› نىڭ 1945- يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنىگە قارالسۇن.
[17] ۋۇجۇڭشىننىڭ ‹‹شىنجاڭنى باشقۇرۇش خاتىرىسى›› نىڭ 1945- يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنىگە قارالسۇن.
[18] ۋۇجۇڭشىننىڭ ‹‹شىنجاڭنى باشقۇرۇش خاتىرىسى›› نىڭ 1945- يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىگە قارالسۇن.
[19] ۋۇجۇڭشىننىڭ ‹‹شىنجاڭنى باشقۇرۇش خاتىرىسى›› نىڭ 1945- يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنىگە قارالسۇن. جىياڭ جېىش 1945- يىلى – ئايدا، مابۇفاڭنىڭ ئاتلىق ئىككى دىۋىزىيىسىنى شىنجاڭغا يۆتكەشنى قارار قىلدى، بىراق مابۇفاڭ موشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قورال ياراغ، خىراجەت تەلەپ قىلىپ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلماي، 9-ئايدىن كېيىن ئاندىن ما قوشۇنى شىنجاڭغا كىردى.
[20] يۇفېيپېىڭ قاتارلىقلارنىڭ ‹‹ھەربىي ئىشلار ئىھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن، دىخۇادا تىرانسپورت باش بىكىتى قۇرۇش تەكلىپى›› (1945- يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى) 1945- يىلى 1-ئايدا، يۈفېيپېڭ، جۇشىياۋلىياڭ، ۋۇجۇڭشىنلار بىرلەشمە ئىمزا قويۇپ شىنجاڭدا تەمىنات باشقارمىسى قۇرۇش توغرىسىدا جىياڭ جېىشىغا ئىلتىماس سۇنغان. جىياڭ جېىشى تەستىقلىغان. ئەمدى ئالاقىدار تارمقالار تەمىنات باشقارمىسى ئۇرۇش تىرانسپورت ئىدارىسىغا قارامدۇ ياكى ئارقا سەپ بۆلۈمىگە تەۋە بولامدۇ دەپ بىرى-بىرىگ ئىتتىرىپ تۇرىۋالدى. كېيىن جىياڭ جىشى ئارقا سەپ بۇسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ دەپ بەلگىلەپ بەردى. 6-ئايدا شىنجاڭ تەمىنات باشقارمىسى قۇرۇلدى.
[21] ۋۇجۇڭشىننىڭ ‹‹شىنجاڭنى باشقۇرۇش خاتىرىسى›› نىڭ 1945- يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنىگە قارالسۇن. شىنجاڭ تاشيولىدىن كېيىن، شىئەندىن چاقىلىق ئارقىلىق قارا شەھەرگە باردىغان يول بۆلىكى ياسالدى. 1946- يىلى 1-ئايدا پۈتۈن لىنىيە تۇتاشتۇرۇلۇپ قاتناش باشلاندى.
[22] ‹‹جىياڭ جېشىنىڭ ۋۇ جىڭشىنغا يوللىغان تىلىگراممىسى›› (1945- يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى) ۋۇجۇڭشىننىڭ ‹‹شىنجاڭنى باشقۇرۇش خاتىرىسى›› نىڭ 1945- يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنىگە قارالسۇن. 1945- يىلى 4-ئايدا، جىياڭ جېىشى جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىي مەھكىمىسىنى قۇرۇشنى قارار قىلدى، ھەم ئورنى ۋە باشلىق نامزاتىنىمۇ ئىلگىرى –كېيىن بىكىتتى. بىراق كونكرېت يولغا قويۇش پەيتىدە ۋۇجۇڭشىن جىياڭ جېىشىغا شىنجاڭنى تۆت ئۆلكىگە بۆلۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۆلكىگە بۆلۈش تەكلىپى گەرچە گومىنداڭنىڭ مەركىزى كومىتىتى تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنغان بولسىمۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىي مەھكىمىسى قۇرۇش ۋاقتى كىچىكتۈرۈلدى. كېيىن، مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرى سۆھبەت ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تىنچلىق ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلغاچقا، ۋىلايەتلەردىكى ۋالى مەھكىمىلىرى ئۈستىگە جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىي مەھكىمىسى تەسىس قىلىشنىڭ ھاجىتى قالمىغان ئىدى. جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىي مەھكىمىسى قۇرۇشمۇ تاشلىنىپ قالدى.
[23] جىياڭ جېشىنىڭ ۋۇجۇڭشىننى شىنجاڭنىڭ ھەربى مەمۇرىي ئەمەلدارلىق ۋەزىپىگە قويۇشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. ۋۇجۇڭشىن قوشۇنغا يىتەكچىلىك قىلىشنى خالىمىدى. ۋۇجۇڭشىننىڭ ‹‹شىنجاڭنى باشقۇرۇش خاتىرىسى›› نىڭ 1945- يىلكى 5-ئاينىڭ 30-كۈنىگە قارالسۇن.
[24] ۋۇجۇڭشىننىڭ ‹‹شىنجاڭنى باشقۇرۇش خاتىرىسى›› نىڭ 1945- يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنىگە قارالسۇن.
[25] ‹‹زۇڭسەينىڭ 8-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى بۇيرۇقى›› ۋۇجۇڭشىننىڭ ‹‹شىنجاڭنى باشقۇرۇش خاتىرىسى›› نىڭ 1945- يىلكى 8-ئاينىڭ 5-كۈنىگە قارالسۇن.
[26] ‹‹ئۇرۇشتىن كېيىنكى جۇڭگو›› (1) نىڭ 764-بەت.
[27] تۆۋەندىكى پاكىتلار ئارقىلىق ئايروپىلاننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىغىلى بولىدۇ: (1) ئايرۇپىلاندا ‹‹ئىككى بېغىررەڭ يۇلتۇز بار›› ؛ (2) گومىنداڭ ئەسىرگە ئالغان ئېلى تەرەپنىڭ ئادەملىرى: سوۋېت ئىتتىپاقىينىڭ 48 ئايرۇپىلانى تۈركۈملەپ دەريا ساھىلىدىكى بازىغا قوندى. دېگەن. (3) سوۋېت ئىتتىپاقى ‹‹رادىئودا ئاتلىق ئەسكەرلەر ئىككى پولىككى، 20 ئايرۇپىلان ئاسىيلوىق قىلدى دەپ خەۋەر قىلغان›› ‹‹ئۇرۇشتىن كېيىنكى جۇڭگو›› (1) 762-بەتكە ۋۇجۇڭشىننىڭ ‹‹شىنجاڭنى باشقۇرۇش خاتىرىسى›› نىڭ 1945- يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنىگە قارالسۇن. [28] [29] [30] [31] ‹‹ئۇرۇشتىن كېيىنكى جۇڭگو›› (1) 762-763-بەتلەر
[32] ‹‹ئۇرۇشتىن كېيىنكى جۇڭگۇ›› (1) 764-بەت.
[33] جاڭ جژجۇڭنىڭ ‹. جاڭ جژجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى›› ئىككىنىچى قىسىم 418-بەت.
[34] ‹‹ئۇرۇشتىن كېيىنكى جۇڭگو›› (1) 763-بەت.
‹‹زۇڭتۇڭ جىياڭ جېشىنىڭ ئىدىيىۋى بايانلىرى توپلىمى›› 37-تومىنىڭ ئۆزگىچە خاتىرىسى، يەتپىي ‹‹گومىداڭنىڭ مەركىزى كومېتىتى پارتىيە تارىخىي ھەيئىتى›› 1984- يىلى نەشرى 319-بەت.
[35] ۋۇجۇڭشىننىڭ ‹‹شىنجاڭنى باشقۇرۇش خاتىرىسى›› نىڭ 1945- يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنىگە قارالسۇن.
[36] ۋۇجۇڭشىننىڭ ‹‹شىنجاڭنى باشقۇرۇش خاتىرىسى›› نىڭ 1945- يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنىگە قارالسۇن.
[37] ‹‹ئۇرۇشتىن كېيىنكى جۇڭگو›› (1) 763-بەت. ‹‹زوڭتۇڭ جىياڭ جېشىنىڭ ئىدىيۋى بايانلىرى توپلىمى›› 37-تومىنىڭ ئۆزگىچە خاتىرىسى، تەيپېي ‹‹گومىنداڭ مەركىزى كومېتىتى پارتىيە تارىخىي ھەيئىتى›› 1984- يىلى نەشرى 319-بەت.
[38] ‹‹جىياڭ جژجۇڭنىڭ جىياڭ جېشىغا يوللىغان تىلىگراممىسى›› (1945- يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى) ۋۇجۇڭشىننىڭ ‹‹شىنجاڭنى باشقۇرۇش خاتىرىسى›› نىڭ 1945- يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنىگە قارالسۇن.
[39] بۇ مەنزىرىنى جىياڭ جېشى شەرق-غەرب تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ ھالاكەت گىرابىغا بىرىپ قالغان جىڭنى ساقلاۋاتقان ئارمىيىگە ئەۋەتكەن تىلىگراممىسىدا ئېنىق قىلىپ: ‹‹موشۇنداق پەيتتە جىڭنى قاتتىق قوغداش لازىم. چىكىنىشكە بولمايدۇ. ئۇنداق قىلمىغاندا، ئىلى تەرەپ مۇھاسىرىنى بۇزۇپ تاشلىسا، يەنىلا مەغلۇبىيەت يولىغا دۇچار بولىمىز. شۇڭا تۈرلۈك قيېىنچىلىقلارنى تۈگىتىپ، ئەڭ ئاخىرقى بەش مىنۇتنىمۇ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك›› دەپ ئوتتۇرغا قويغان جۇشىياۋلىياڭ، ۋۇجۇڭشىنلارنى دىخۇانى چىڭ ساقلاش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپمۇ :‹‹جىڭدىكى قوشۇن مۇداپىئەدىن ئۆز ئالدىغا چىكىنشكە بولمايدۇ، بىلىشىڭلار كېرەككى ئەگەر چىكىنىدىغانلار بولساڭلار پۈتۈن ئارمىيە سەپەر جەريانىدا يوقىلىدۇ. ھايات قىلىشتىن ھېچقانداق ئۈمىت يوق›› دېگەن. گوجىنىڭ ‹‹شىنجاڭدىكى ھەققانىيەت ئۈچۈن ئاققان قان››، تەيبىي شىڭۋىن كىتاب ئىدارىسى 1986- يىلى نەشرى 96-بەتكە قارالسۇن؛ ‹‹ئۇرۇشتىن كېيىنكى جۇڭگو›› (1). 763-بەت؛ ‹‹زۇڭتۇڭ جىياڭ جېشىنىڭ ئىدىيىۋى بايانلىرى توپلىمى›› 37-تومىنىڭ ئۆزگىچە خاتىرىسى، تەيبىي ‹‹گومىنداڭ مەركىزى كومېتىتى پارتىيە تارىخىي ھەيئىتى›› 1984- يىلى نەشرى. 319-بەت.
[40] جاڭ جژجۇڭنىڭ ‹‹جاڭ جژجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى›› ئىككىنچى قىسىم، 419-بەتكە قارالسۇن.
[41] خۇاڭ جىئەنخۇانىڭ ‹‹دىخۇا تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئالدىدىكى شىنجاڭ مەسىلىسى توغرىسىدا سوۋېت بىلەن ئېلىپ بارغان مەسلىھەت›› ‹‹غەربىي شىمال تارىخ مۇنبىرى›› نىڭ 1996- يىللىق 1-سان.
[42] GoF. جىڭىس يازغان، فۇدەن ئۇنۋىرىستېتىنى چەتئەل تىلى فاكۇلتىېتى تەرجىمە قىلغان. ‹‹1942-1946- يىللىرىدىكى يىراق شەرىق›› نىڭ بىرىنچى قىسمى. شاڭخەي تەرجىمىلەر نەشىرىياتىنىڭ 1978- يىلى نەشرى 269-بەت؛ ‹‹ئۇرۇش يىللىرىدىكى دىپلۇماتىيە›› (2) 618-بەت.
[43] [44] ۋۇجۇڭشىننىڭ ‹‹شىنجاڭنى باشقۇرۇش خاتىرىسى›› نىڭ 1945- يىلى 7- ئاينىڭ 17- كۈنىگە قارالسۇن. ئېرتەي- چىتەي ئارقىلىق ئالتايغا بارىدىغان مۇھىم قاتناش بوغىزى ئىرتەينى قايتۇرۋېلىشتىكى مەقسەت- چىتەي ئارقىلىق ئالتايغا قۇرۇقلۇقتىن ھەربى تەممىنات يەتكۈزۈش لىنىيىسىنى ئېچىپ، ئالتاينى تۇتۇپ تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.
[45] ‹‹ئۇرۇشتىن كېيىنكى جۇڭگو›› (1) 765-766-بەتلەر.
[46] ‹‹ئۇرۇش يىللىرىدىكى دىپلوماتىيە›› (2) 593-594-بەتلەرگە قارالسۇن. ئەمەلىيەتتە ‹‹ئاپتونومىيە›› نىڭ ئۆزى بىر خىل تۇتۇق ئۇقۇم، ئەمما، جىياڭ جېىشىنىڭ قارىشىچە، بۇ يەردە دىيىلگەن ‹‹ئاپتونومىيە›› -ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ جۇڭگودىن ئايرىلىپ چىقىپ ئەمىلىيەتتىكى ‹‹مۇستەققىلىقى›› نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىدى. ۋۇجۇڭشىننىڭ ئاپتونومىيەنى چۈشىنىشى مۇنداق. مەسىلەن 1945- يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى تاڭ زۇڭ ۋۇجۇڭشىننى زىيارەت قىلغاندا، ۋۇجۇڭشىن ئىلى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، ئۇلارنىڭ ئاپتونومىيە يۈرگۈزۈشكە يول قويماسلىقىنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنداق قىلمىغاندا، باشقا مىللەتلەرمۇ بەس-بەستە ئۇلارنى دورايدۇ. پۈتۈن شىنجاڭ ئومۇميۈزلۈك قولدىن كېتىپ قالىدۇ دەپ قارايدۇ. ج خ مىنىستىرلىكىنىڭ ئارخىپخانىسى تۈزگەن ‹‹جىياڭ جېشى يېنىدىكى 8يىل- ئالى مەسلىھەتچى ئادبۇتانت تاڭ زۇڭ خاتىرىسى›› گە قارالسۇن، 512-بەت.
[47] ‹‹ئۇرۇشتىن كېيىنكى جۇڭگو›› (1) 771-773-بەتلەرگە قارالسۇن.
[48] جاڭ جژجۇڭنىڭ ‹‹جاڭ جژجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى›› نىڭ ئىككىنچى قىسمى، 535-بەتكە قارالسۇن.
[49] جاڭ جژجۇڭ ئىلى تەرەپنىڭ تىنچلىق سەمىمىيتى يوق دەپ قاراپ، 1946- يىلى 9-10-ئايلاردا غەربىي شىمال بارىگاھىنىڭ شتاب باشلىقى سۇڭ شىليەننى ئۆزلىرى بىكىتكەن شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمنى قوراللاندۇرۇشقا يېتەرلىك ئەسكەر قورال-ياراغ، ئۈسكىنە، تىزىملىك جەدۋىلىنى ئېلىپ جىياڭ جېىشى ۋە چېن چېڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە ئەۋەتتى. جىياڭ جېشى شىنجاڭنىڭ ھەربى كۈچىنى كۈچەيتىش پىلانىنى باش شتاب باشلىقى چېن چېڭغا ‹‹ئەھۋالغا قاراپ بېجىرىلسۇن›› دەپ تەستىقلاپ چۈشۈردى. چېن چېڭ ‹‹شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەقىقىي تىنىچلىققا تايىنىپ ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس›› دەپ قاراپ، ‹‹دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئىمكانىيەت بار دائىرىدە›› شىنجاڭغا كېرەكلىك ئەسكەر، قورال-ياراغ، ئۈسكىنە قاتارلىقلارنى تولۇقلاپ بىرىشكە قوشۇلدى. بۇ – گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەدبىر بەلگىلىگۈچى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى چۈشەندۈردى. سۇڭ شىليەننىڭ بۈركۈت گىنىرال›› نىڭ جۇڭگو ئەدەبىيات تارىخ نەشىرىياتىنىڭ 1986- يىلى نەشرى. 218-220-بەتلىرىگە قارالسۇن.
[50] 1946- يىلى 10-ئايدا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى شىنجاڭدا تۆت چېگرا قاراۋۇلخانا چوڭ ئەترىتى قۇرۇشقا قوشۇلدى. ھەر بىر چوڭ ئەترەتتە تەخمىنەن 500 ئادەم بولۇپ، چىگرىنى ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، مۇنتىزىم قوشۇننىڭ مەركەزلىك رەتكە سېلىش ۋە تەلىم تەربىيە ئېللىپ بېرىپ، تاساددىپى ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بىرىش بولۇپ، 15مىڭ ئەسكەر، بىر ئاپتوموبىل 3000 ھەربى ئات ۋە ئۇنىڭدىن باشقا، بىر تۈركۈم قورال-ياراغ، ئۈسكىنە، ئوق-دورا قاتارلىقلارنى تولۇقلاپ بەردى. سۇڭ شىليەننىڭ ‹‹بۈركۈت گىنىرال›› نىڭ 218-220-بەتلەرگە قارالسۇن.
[51] مەسئۇد قاتارلىقلار سوۋېت ئىتتىپاقىغا، ئىلى ئىنىقىلابىغا قارشى تۇرۇپ، ئۈچ ۋىلايەت تەرەپنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن قارىمۇ-قارشى تۇرۇپ، ئۈچ ۋىلايەت تەرەپنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن قارىمۇ-قارشى ئورۇندا تۇردى. گومىنداڭ دەل ‹‹ئۇلارنىڭ سىياسىي مەيدانى ۋە ئىلى تەرەپ بىلەن قارىمۇ-قارشىلىق زىددىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ تەسىرى ئارقىلىق ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ›› ئۇيغۇرلارنى پارچىلاش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان. سۇڭ شىليەننىڭ ‹‹بۈركۈت گىنىرال›› نىڭ 220-بىتىگە؛ خۇاڭ جىئەنخۇانىڭ ‹‹گومىنداڭ ھۆكۈمىتىىنىڭ شىنجاڭ سىياسەتلىرى توغرىسىدا بايان›› ‹‹غەربىي شىمال تارىخ مۇنبىرى›› 1994- يىلى 4-سانىغا قارالسۇن.
[52] ئوسمان ئەسلى ئىلى ۋەزىپىگە قويغان ۋالى ئىدى، ئىلىنىڭ سىياسىتىدىن ئەنسىرەپ گومىنداڭغا تەسلىم بولغانئ دەسلىپىدە گومىنداڭ ئىلى تەرەپتىن يوشۇرۇن ئوسمانغا ياردەم بىرىپ تۇردى، كېيىن، ئوسمانغا ئاشكارە ھالدا ئالتايدىن بىۋاستە راسخۇد چۈشۈرۈپ بەردى. ھەم ئۇنىڭغا نۇرغۇن تۇرمۇش بويۇملىرىنى بەردى.
[53] ‹‹ئۇرۇشتىن كېيىنكى جۇڭگو›› (1) 781-بەت.
[54] ئوسماننى ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيسى شىمالىي چۆچەككە قوغلىۋەتكەن.
[55] جاڭ جژجۇڭ: ‹‹نۆۋەتتىكى شىنجاڭ مەسىلىرى ۋە بىزنىڭ تۈپ قارىشىمىز ھەم پوزىتسىيىمىز›› (مىنگونىڭ 36- يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى بارىگاھنىڭ دىخۇادا تۇرۇشلۇق پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيىسىنىڭ مەسئۇل كادىرلىرىغا سۆزلىگەن سۆز)، جاڭ جژجۇڭنىڭ ‹‹70يىللىق ئەسلىمىسى›› نىڭ قوشۇمچە خاتىرىسىگە قارالسۇن.
[56] كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى، ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قوراللىق توقۇنىشىدا، گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدىكى 100مىڭغا يېقىن ئەسكىرى ئىسكەنجىسىگە ئېلىندى. بۇ مەلۇم دەرىجىدە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ چاڭ جىياڭغا مۇداپىئە سېپى ۋە غەربىي شىمال ئۇرۇش مەيدانىدىكى ھەر بېشىمىنى يېنىكلىتىپ، ئازادلىق ئۇرۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا ئۈنۈملۈك ياردەم بەردى. شىنجاڭ تىنچ ئازات بولغاندىن كېيىن، ماۋزېدۇڭ ۋە ج ك پ مەركىزى كومېتىتى ئىلى مىللىي ئارمىيىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى تولقۇق قوغداش ئۈچۈن، پېڭدېخۇايغا :‹‹ ئىلى مىللى ئارمىيسىدىن چوقۇم بىر ئادەم شىنجاڭ ئۆلكىلىىك ھەربىي رايوننىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولۇشى›› ‹‹مىللىي ئارمىيىنىڭ نامىنى خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى دەپ ئۆزگەرتىش›› ‹‹مىللىي ئارمىيىنىڭ بىر قىسمى دىخۇاغا كىرىشى، بىر قىسمى شىخۇادا تۇرۇش›› كېرەك دەپ يوليورۇق بەردى، كېيىن يەنە ماۋزېدۇڭ پېڭدېخۇايغا ‹‹خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ئۇيغۇر مىللىتى (ۋە باشقا مىللەتلەر) بىلەن قىرىنداشلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىلا، خەلق دىېمۇكراتىيىسىدىكى شىنجاڭ قوزغىلىڭى بولىدۇ، شۇڭا 14 مىڭ مىللىي ئارمىيە خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى بىلەن بىرگە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ جاي-جايلىرىغا تارقىلىپ خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر، قىرغىز، مۇڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن ئالاقە باغلايدىغان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاممىۋى خىزمەت ئىشلىشى، خەلق ھاكىمىيتىنى قۇرۇش، يەرلىك قوراللىق كۈچلەرنى تەشكىللىشى ۋە پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى قۇرۇش لازىم›› دەپ كۆرسەتمە بەردى. ماۋزېدۇڭنىڭ سەمىمىي غەمخۇرلىقىدا، مىللىي ئارمىيە تىزدىن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىنىڭ 5-ئارمىيىسى بولۇپ ئۆزگەردى. بۇ ئارمىيىنىڭ كورپۇس، دېۋىزىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئاساسلىق رەھبەرلىرىنى ئاز سانلى مىللەتلەردىن بولدى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، قەشقەر ھەربى رايونى، ئىلى ھەربى رايونى، دىخۇا ھەربى رايونى قاتارلىقلارغىمۇ نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى. شىنجاڭدا يەنە مىللىي تەركىبىدىن نۇرغۇن كادىرلارنى يەرلىككە يۆتكىدى، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان بىر تۈركۈم ئاكتىپلارمۇ تىزدىن جۇڭگۇ كومپارتىيىسىگە ئەزا بولدى، ھەم ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بولۇپ قالدى. بۇ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى باندىت تازىلاش، زومىگەرلەرگە قارشى تۇرۇش، دېمۇكراتىك ئىسلاھات، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر داۋامىدا مۇھىم روللارنى ئوينىدى. ‹‹ماۋزېدۇڭنىڭ دۆلەت قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ماقاللىرى›› نىڭ بىرىنچى قىسمى، مەركىزى ھۈججەتلەر نەشىرىياتىنىڭ 1987- يىلى نەشرى 49-88-بەتلىرىگە، شۈيوچىنىڭ ‹‹ماۋزېدۇڭ ۋە شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى›› شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈمى تۈزگەن ‹‹ماۋزېدۇڭ ۋە شىنجاڭ- ماۋزېدۇڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100يىللىقىنى خاتىرىلەش ماقالىلەر توپلىمى›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1994- يىلى نەشرى، 93-بەتكە قارالسۇن.
[57] جاڭ جىجۇڭ :‹‹جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى›› نىڭ ئىككىنچى قىسمى 570-بەت.
[58] ‹‹سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭغا قىلغان ئىقتىسادىي تاجاۋۇزچىلىقى›› 159-بەت.
[59] مابۇفاڭ 1049- يىلى 5-ئايدا، غەربىي شىمالنىڭ مۇئەققەت ھەربى مەمۇرىي ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەندى. 7-ئايدا غەربىي شىمالنىڭ ھەربى مەمۇرىي ئەمەلدارلىقىغا ئۆستۈرۈلدى.
[60] ‹‹ئۇرۇش يىللىرىدىكى دىپلوماتىيە›› (1) 166-بەت.
[61] ‹‹ئۇرۇش يىللىرىدىكى دىپلوماتىيە›› (1)، 164-بەت.
[62] ‹‹ئۇرۇش يىللىرىدىكى، دىپلوماتىيە›› (1) 164-166-بەتلەرگە قارالسۇن.
[63] جىياڭ جېشىنىڭ 1944- يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى خاتىرىسى. جىياڭ جىجىڭگونىڭ ‹‹بوران چاپقۇندىكى جىمجىتلىق›› نىڭ 41-بەتكە قارالسۇن.
[64] جاڭ جىڭگو: ‹‹بوران چاپقۇندىكى جىجىتلىق›› 40-41-بەتلەر.
[65] شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى گەرچە ۋەتىنىمىزنىڭ ئەڭ چېتىدىكى غەربى-شىمال رايونىدا يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ماۋزېدۇڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرىلىشتىن باشلاپ يېقىندىن دىققەت قىلغان. 1945- يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى ماۋزېدۇڭ جۇڭگو كومپارتىيىسى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا بەرگەن سىياسىي دوكلاتىدا: ‹‹ 1944- يىلدىن ھازىرغىچە بولغان شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوراللىق باشقۇرۇش ۋەقەسى›› ‹‹گومىنداڭنىڭ خەلق گۇرۇھىغا قارشى تۇرۇشى›› ‹‹چىڭ ھۆكۈمىتى ۋە شىمالىي مىللىتارستلىرىدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئەكسىيەتچىل سىياسىتىگە تامامەن ۋارسلىق قىلغانلىقى›› ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ‹‹ئىزىپ، ئىكىسپىلاتاتسىيە قىلغانلىقى›› ‹‹قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىغانلىقى›› ‹‹چوڭ خەنزۇچىلىق خاتا مىللەت ئىدىيىسى ۋە خاتا مىللەت سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقى›› نىڭ ‹‹ئىسپاتى دەپ كۆرسەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىمۇ جۇڭگو كومپارتىيىسى بىلەن ئالاقىلىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتاتتى. 1946- يىلى 12-ئايدىلا، ئابباسۇف نەنجىڭدا گومىنداڭ قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ نەنجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بىجىرىش ئورنىنىڭ مەسئۇلى دوڭ بىۋۇ بىلەن ئالاقىلاشقان. ئابباسۇف دىخۇاغا قايتقاندىن كېينن دوڭ بىۋۇنىڭ پىكرى بويىچە ‹‹ شىنجاڭ كوممۇنىزىمچىلار ئىتتىپاقى›› ۋە ‹‹خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى›› نى بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹دىموكراتىك ئىنقىلاب پارتىيىسى›› قۇرغان. گەرچە دوڭ بىۋۇ شىنجاڭغا ئەۋەتكەن راتسىيىنىڭ قۇۋىتى كىچىك بولغاچقا يەنئەن پارتىيە مەركىزى كومېتىتى بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ‹‹دېمۇكراتىك ئىنقىلاب پارتىيىسى›› نىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتا بۇ راتسىيە مۇھىم رول ئوينىدى. 1949- يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى، ج ك پ مەركىزى كومېتىتىنىڭ ئالاقىچىسى دىڭ لىچۈن غۇلجىغا كىلىپ، ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ بىلەن ج ك پ مەركىزى كومېتىتىنىڭ بىۋاستە ئالاقىسىنى تۇتاشتۇردى. بۇ ئۈچ ۋىلايەت تەرەپنىڭ جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى بىۋاستە قوبۇل قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 1949- يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى ماۋزېدۇڭ يىڭى سىياسىي كېڭەش يىغىنى تەييارلىق ھەيئىتىنىڭ مودىرلىق نامى بىلەن ئەخمەتجانغا تەكلىپنامە ئەۋەتىپ، ئۈچ ۋىلايەت تەرەپنىڭ ۋەكىل ئەۋەتىپ يىڭى سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى. تەكلىپنامىدا مۇنداق دېيىلگەن : ‹‹سىلەرنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى كۆرەشلىرىڭلار- جۇڭگو خەلقنىڭ دېموكراتىك ئىنقىلابى ھەركىتىنىڭ بىر قىسمى، غەربى شىمال خەلق ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ غەلبە تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئازات بولۇشىغىمۇ ئۇزاق قالمىدى. سىلەرنىڭ كۆرۈشۈڭلار پات ئارىدا ئەڭ ئاخىرقى غەلبىگە ئىرىشكۈسى ‹‹شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى، ماۋزېدۇڭ يەنە تىنىچلىقىنى قوغداش دېمۇكراتىك ئىتتىپاقى مەركىزى تەشكىلاتىنىڭ ۋاقىتلىق مۇۋەققەت رەئىسى ئەسقەت ئىسقاقوفقا تىلىگرامما يوللاپ، مۇنداق دېگەن: ‹‹ ئىلى، ئالتاي، تارباغاتاي ئۈچ ۋىلايەت خەلقىنىڭ كۆرۈشى- پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئازاتلىقى ۋە پۈتۈن جۇڭگونىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپە ››. شىنجاڭ تىنىچ ئازات بولغاندىن كېيىن، ئۈچ ۋىلايەت خەلقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، دېمۇكراتىك ئىنقىلاب ۋە سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، ئۆز مىللىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئېكسپىلاتاتسىيە سىنىپى ۋە ئېكسپىلاتاتسىيە تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، دۆلەتنىڭ ھەقىقىي خوجايىنلىرىغا ئايلاندى. ‹‹ماۋزېدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرى›› 3-توم. خەلق نەشىرىياتىنىڭ 1991- يىلى نەشرى، 1083-1084-بەتلىرى: ‹‹ماۋزېدۇڭ دۆلەت قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ماقالىلىرى›› 1-قىسمى مەركىزى ھۈججەتلەر نەشىرىياتىنىڭ 1987- يىلى نەشرى. 82-بەت: شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت تارېخىنى تۈزۈش ھەيئىتى تۈزگەن‹‹شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ چوڭ ئىشلار خاتىرىسى›› شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتىنىڭ 1994- يىلى نەشرى. 308-339-بەتلەر، شۈيۈچىنىڭ ‹‹ماۋزېدۇڭ ۋە شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى›› شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈمى تۈزگەن ‹‹ماۋزېدۇڭ ۋە شىنجاڭ –ماۋزېدۇڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100يىللىقىنى خاتىرىلەش ماقالىلەر توپلىمى›› شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتىنىڭ 1994- يىلى نەشرى، 93-بەتكە قارالسۇن.
[66] ‹‹ۋۇجۇڭشىن بىلەن يېشكوفنىڭ سۆھبىتى›› (1944- يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى) ۋۇجۇڭشىننىڭ ‹‹شىنجاڭنى باشقۇرۇش خاتىرىسى›› نىڭ 1944- يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنىگە قارالسۇن.
[67] جىياڭ جېشىنىڭ ۋۇجۇڭشىن، جۇشىياۋلىياڭلارغا يازغان خېتى›› (1944- يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى) ۋۇجۇڭشىننىڭ ‹‹شىنجاڭنى باشقۇرۇش خاتىرىسى›› نىڭ 1944- يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنىگە قارالسۇن.
[68] ‹‹پۇدامىڭ بىلەن يېشىكوفىنىڭ سۆھبەت خاتىرىسى›› (1944- يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى)، ‹‹پۇداۋمىڭ بىلەن يېشىكوفنىڭ سۆھبەت خاتىرىسى›› (1944- يىلكى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى) ۋۇجۇڭشىننىڭ ‹‹شىنجاڭنى باشقۇرۇش خاتىرىسى›› نىڭ 1944- يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋە 1944- يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنىگە قارالسۇن.
[69] ‹‹زۇڭسەينىڭ مەخپىي تىلىگراممىسى›› ۋۇجۇڭشىننىڭ ‹‹شىنجاڭنى باشقۇرۇش خاتىرىسى›› نىڭ 1945- يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىگە قارالسۇن.
[70] ‹‹ئۇرۇشتىن كېينكى جۇڭگو›› (1) 805-بەت.
[71] ‹‹ئۇرۇشتىن كېيىنكى جۇڭگو›› (1) 805-بەت: ‹‹سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭغا قىلغان ئىقتىسادىي تاجاۋۇزچىلىقى›› 140-بەت.
[72] ‹‹ئۇرۇش يىللىرىدىكى دىپلوماتىيە›› (2) 655-بەت.
[73] ۋۇجۇڭشىننىڭ ‹‹شىنجاڭنى باشقۇرۇش خاتىرىسى›› نىڭ 1945- يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنىگە قارالسۇن.
[74] [75] ‹‹ئۇرۇشتىن كېيىنكى جۇڭگو›› (1) 764-بەت.
[76] [77] ‹‹ئۇرۇشتىن كېيىنكى جۇڭگو›› (1) 781-بەت.
[78] ‹‹ئۇرۇشتىن كېيىنكى جۇڭگو›› (1) 789-بەت.
[79] ‹‹ئۇرۇشتىن كېينكى جۇڭگو›› (1) 780-بەت.
[80] سۇڭ شىليەن: ‹‹بۈركۈت گېنېرال- سۇڭ شىليەننىڭ بايانى›› 253-بەت.
[81] ‹‹سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭغا قىلغان ئىقتىسادىي تاجاۋۇزچىلىقى›› 145-بەت.
[82] ‹‹سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭغا قىلغان ئىقتىسادىي تاجاۋۇزچىلىقى›› 142-بەت.
[83] ‹‹سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭغا قىلغان ئىقتىسادىي تاجاۋۇزچىلىقى›› 141-144-بەتلەر.
[84] ‹‹سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭغا قىلغان ئىقتىسادىي تاجاۋۇزچىلىقى›› 146-بەت.
[85] [86] ‹‹سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭغا قىلغان ئىقتىسادىي تاجاۋۇزچىلىقى›› 147-بەت.
[89] ‹‹ئۇرۇش يىللىرىدىكى دىپلوماتىيە›› (2) 439- بەت.
[88] ‹‹جوڭگۇا مىنگونىڭ تارىخىي ئارخىپ ماتىرىياللىرى توپلىمى›› 5-توپلام 2- قىسىم ‹‹سىياسىي›› (4) ۋە 80- بەت.
[89] ‹‹جۇڭخۇا مىنگونىڭ تارىخىي ئارخىپ ماتىرىياللىرى توپلىمى›› 5-توپلام 2- قىسىم ‹‹سىياسىي›› (4) ۋە 80-بىەت.
[89] ‹‹جۇاڭخۇ مىنگونىڭ تارىخىي ئارخىپ ماتىرىياللىرى توپلىمى›› 5-توپلام 2-قىسىم، ‹‹سىياسىي›› (4)، 802-بەت.
[90] سۇڭ شىليەن : ‹‹بۈركۈت گېنېرال- سو شىليەننىڭ بايانى›› 199-بەت.
[91] (ئامېرىكا) گاۋۋولوڭ يازغان، لىۇجىدو قاتارلىقلار تەرجىمە قىلغان : ‹‹رەقىپلەر ۋە ئىتتىپاقداشلار›› ئىجتىمائىي پەنلەر ھۈججەت نەشرىياتى 1992- يىلى نەشرى 209-بەت.
[92] چېن جىچى مۇھەررىرلىكىدىكى : ‹‹جۇڭخۇا مىنگونىڭ دىپلوماتىيە تارىخى ماتىرىياللىرى توپلىمى›› (13) تەيبىي، بوخەي تاڭ مەدەنىيەت شىركىتى 1996- يىلى نەشرى، 6203-بەت.
[93] ‹‹ئۇرۇش مەزگىلىدىكى دىپلوماتىيە›› (1) 164-بەت.
[94] ‹‹ئۇرۇش مەزگىلىدىكى دىپلوماتىيە›› (1) 165-بەت.
[95] ‹‹ئۇرۇشتىن كېيىنكى جۇڭگو›› (1) 762-بەت.
[97] [108] سۇڭ شىليەن: ‹‹بۈركۈت گېنېرال- سۇڭ شىليەننىڭ بايان قىلغانلىرى›› 204-205-بەتكىچە.
[98] دىڭ لىچۈن ‹‹شىنجاڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد بولۇشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىنكى جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىك (1-بەت)››
[199 ئامېرىكا ئۇرۇشىدىن كېيىن شىنجاڭنى ئىچىشنى پىلانلىغان. ئۇلار مۇنداق قارىغان: ‹‹شىنجاڭ دۇنيا بويىچە بايلىقى ئەڭ مول بولغان جاي، ئالتۇن، بىنزىن، كاۋىچۇك (ئەسلى تىكىستىدە شۇنداق دىيىلگەن) قاتارلىق سانائەت ئاساسىي خام ماتىرىياللىرى تولۇق. ئالتۇن بەلبىغىنىڭ كۆپلىكىنى باشقىلار تەسەۋۋۇر قىلىش تەس‹‹ئامېرىكا تەخمىنەن چۇت قىلىپ، جۇڭگوغا ‹‹ھەمكارلىشىپ›› شىنجاڭنى ئىچىشقا 600مىليون دوللار، 150مىڭ ئامېرىكىلىق مەخسۇس ئىختىساسلىقلارنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. ‹‹گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ھەربىي مىنىستىرلىكىنىڭ ئۇرۇشىدىن كېيىن‹‹ ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭنى ئىچىش توغرىسىدىكى مۆلچەر ئاخباراتى›› نى ئىقتىسادىي مىنىستىرلىككە ۋاكالىتەن ئەۋەتكەن تىلىگراممىسى››دىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيسىدىن تارىخ تەتقىقات ئورنىنىڭ 3-ئىدارىسى نەنجىڭ تارىخىنى رەتلەش باشقارمىسى تەھرىرلىگەن ‹‹جۇڭگو ھازىرقى زامان سىياسىي تارىخى ماتىرىياللىرى توپلىمى›› نىڭ 4-قىسمى (1945- يىلىدىن 1949- يىلىغىچە) 1961- يىلى 6- ئايدىكى باسمىسى.
[100] ‹‹زوڭتۇن جاڭ جىيشىنىڭ ئىدىيە-ئېقىن توپلىمى›› 37- توم، تەيبىي، ‹‹گومىنداڭ مەركىزى كومېتىتى پارتىيە تارىخىي كومېتىتى›› نىڭ 1984- يىللىق نەشرى، 106-بەت.
[101] [103] ‹‹زوڭتۇڭ بىلەن كۆرۈشۈش›› (1944- يىلى 8-ئاينىڭ 12- كۈنى) ۋۇجۇڭشىن، ‹‹شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە›› [102] ‹‹زوڭتۇڭ بىلەن كۆرۈشۈش›› (1944- يىلى 8- ئاينىڭ 22- كۈنى) ۋۇجۇڭشىن ‹‹شىنجاڭدا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە››
[104] جاڭ جىجۇڭ: ‹‹جاڭ جىجۇڭ ئەسلىمىسى›› نىڭ 3- قىسمى، 422- بەت.
[105] جاڭ جىجۇڭ :‹‹جاڭ جىجۇڭ ئەسلىمىسى›› 525-بەت. يۇجەنباڭ : ‹‹جاڭ جىجۇڭ بىلەن جۇڭگو كومىنىستىك پارتىيىسى- جاڭ جىجۇڭنىڭ مەخپىيەت ئارخىپىنىڭ ئەسلىمىسى›› 132- بەتتىن 133- بەتكىچە.
[106] جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ھازرىقى زامان تارىخىي تەتقىقات ئورنى تۈزگەن ‹‹جۇشى خەت – چەكلىرى تاللانمىسى›› نىڭ 2- قىسمى، 1979- يىللىقى نەشرى 245- بەتتىن 246- بەتكىچە يۇخەن، جاۋنىڭ ‹‹شىنجاڭ ئورۇشى مەيدانى›› دىن ئېلىندى. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلار ئاكادېمىيىسى يىقىنقى زامان تارىخىي تەتقىقات ئورنى ‹‹چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگو يىقىنقى زامان تارىخىي تەتقىقاتى›› تەھرىر بۆلۈمى تۈزگەن ‹‹چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگو يىقىنقى زامان تارىخىي تەتقىقاتى›› نىڭ 22- قىسمى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى 1992- يىللىق نەشرى، 74- بەت.
[107] جاڭ جىجۇڭ : ‹‹جاڭ جىجۇڭ ئەسلىمىسى›› 525-بەتتىن 526-بەتكىچە.
1som
Posted: 2007-11-25 14:27 | 2 -قەۋەت
Boran
دەرىجىسى : شەرەپلىك ئەزا


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-05
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

داۋامى:

ئالتىنچى باب شىنجاڭغا قارىتىلغان
سىياسەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە يولغا
قويۇش نەتىجىسى

1§. شىنجاڭغا قارىتىلغان سىياسەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى
(1) شىنجاڭغا قارىتىلغان سىياسەتلەردە روشەن باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكى كۆرۈلدى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا بىۋاستە ھۆكۈمرانلىق قىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭغا قاراتقان سىياسەتلىرىدە ئوخشاش بولمىغان باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكى ئىپادىلەندى. بىرىچى باسقۇچ 1944- يىلى 8-ئايدىن 1946- يىلى 3-ئايغىچە، يەنى ۋۇجۇڭشەن شىنجاڭ ئۆلكىسىگە رەئىس بولغان مەزگىلدە (جۇشياۋلىياڭ) ۋاقىتلىق مۇۋاققەت رەئىسلىكىنى بىر ئايدىن كۆپرەك ئۆتىگەن ۋاقىتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). ئىككىنچى باسقۇچ 1946- يىلى 4-ئايدىن 1949- يىلى 9-ئايغىچە، يەنى جاڭ جىجۇڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسلىكىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن ۋاقىتتىن شىنجاڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد بولغانلىقىغا قەدەر. ئىككىنچى باسقۇچ يەنە 1947- يىلى 5-ئايدا مەسۋۇد شىنجاڭغا رەئىس بولغان ۋەقىتتىن بەلگە قىلىنىپ، ئىلگىرى- كېيىن ئىككى باسقۇچقا بۆلىنىدۇ. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىرىنچى باسقۇچىدا، شىنجاڭنى جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مۇستەبىتلىك ھۆكۈمرانلىق ۋاستىسى ئارقىلىق ئىدارە قىلدى. ھەممەيلەنگە مەلۇم. 1943- يىلى جاڭ جىيشىنى ‹‹جۇڭگونىڭ تەقدىرى›› دىكەن كىتابنى مەيدانغا چىقىرىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ چوڭ خەنزۇچىلىق ئىدىيىسىنىڭ يامان سۈپەتلىك كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن. شۇڭا 1944- يىلى 8- ئايدا شىنجاڭ ئۆلكىسىگە رەئىس تەيىنلەشتە ئۇنىڭ مۇڭغۇل، شىزاڭ كومېتىتىنىڭ باشلىقى ۋۇجۇڭشىنغا ئالاھىدە زوقى كەلدى. چۈنكى ۋۇجۇڭشىن ئۇنىڭ ئاسسىملاتسىيە قىلىش سىياسىتىنىڭ ئاكتىپ تەرغىپچىسى ۋە يولغا قويغۇچسىسى بولۇپلا قالماسدىن، بەلكى جۇڭگونىڭ چېگرا رايونىنى ئەنئەنىۋى ئۇسۇل ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا ماھىر. يەنى ئاز سانلىق مىللەتنىڭ يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكلىرىنى تەشكىللەپ ئاممىنى كونترۇل قىلىشىغا ئۇستا ئىدى. جاڭ جېشى بىر تەرەپتىن ۋۇجۇڭشەن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باشقۇرۇشتىكى ئەنئەنىۋى ئۇسۇلى ئارقىلىق شىنجاڭنى ئىدەرە قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىگە مۇستەھكەم بولغان ئىدىيە ۋە تەشكىلىي تىزگىنلەش سىستېمىسى ئورنۇتۇپ، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى مۇسەبىت ھۆكۈمرانلىقى ئۆ پىتىدە شىنجاڭغا كىرگۈزدى. مەسىلەن، كەڭ دائىرىدە ‹‹شىنجاڭنى پارتىيەلەشتۈرۈش›› تەشۋىقاتىنى ئىلىپ بىرىپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئىدىيىۋى ئاساسىنى سالماقچى بولدى. ۋەھاكازالار. 1944- يىلى 11- ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىنقىلابىنى پىلانلىغان ۋە قوللىغاندا، شىمالىي شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت خەلقى ئۇنىڭغا ھىسداشلىق قىلدى ۋە ئۇنى قوللىدى. ياكى قوراللىق قارشى تۇردى. كۆرىشىگە بىۋاستە ئاتلاندى. بۇ جىددىي ۋەزىيەت گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى ئويغا سىلىپ ئىلگىركى سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرسا پۈتۈن شىنجاڭدىن قۇرۇق قالىدىغانلىقىنى سىزىپ، ھۆكۈمرانلىق ۋاسىتىسىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرى بولدى. جاڭ جېيشىنىڭ گىپى بويىچە ئالغاندا، شىنجاڭدا ‹‹سىياسىي ۋە دىنىي›› ئىسلاھات ئېلىپ بىرىشقا پائال تەييارلىق كۈرىشى كېرەك. باشقىچە ئېيتقاندا شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە سىياسىي جەھەتتىن يول قويۇش دىگەننى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتى بىرىنچى باسقۇچتىن، ئىككىنچى باسقۇچقا يۆتكەلدى.
جاڭ جېشى ۋەكىللىغىدىكى بىر تۈركۈم گومىنداڭنىڭ ھەربى ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى كاپىتالىستىك سىياسىشۇناسلىقىدىن مۇئەييەن خەۋەردار بولۇپ، بۇ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان ئىككىنچى باسقۇچىدىن ئىلگىركى سىياسىتىدە نامايەن بولدى. يەنى مۇستەبىتلىك قىلىش تەركىبىنى كۆرىنەرلىك ئازايتىپ، كاپىتالىستىك دىمۇكراتىيە سىياسىتىنىڭ مەزمۇنىنى كۆپەيتتى. مەسىلەن ئاز سانلىق مىللەت زاكلىرىنى ھاكىمىيەت تەشكىلاتىغا كەڭ دائىرىدە قاتناشتۇرۇش، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەلقىگە دىمۇكراتىيە سىياسىي ھوقۇقىنى بىرىش كۆپ خىل تەدبىر قوللۇنۇپ شىنجاڭدىكى مىللىي زىدىيەتنى ھەل قىلىش ھەمدە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت. بىراق گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بۇنداق ئۇسۇلنى قوللۇنىشتىكى مەقسەت بۇ ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىزىشىگە قارشى تۇرۇش نەپرىتىنى تۈگۈتۈش ھەمدە ‹‹مەركىزى ھۆكۈمەت ۋەكىللەر شىنجاڭدىكى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن رايونلاردىكى خەلقنىڭ ۋەكىلى بىلەن تۈزگەن تىنچلىق يولى بىلەن قوراللىق توقۇنۇشنى ھەل قىلىش ماددىلىرى›› نى نەقلەشتۈرۈپ جەڭ مەيدانىدا قولدىن كەتكەن ئۈچ ۋىلايەتنى يىڭۋاشتىن چاڭگاللاشتىن ئىبارەت. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بۇ غەرىزىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغانلىقىنى ھەمدە ئۆز خەلقىنىڭ قارشىلىقىنى قوراللىق باشقۇرۇشقا يېتەرلىك كۈچى بارلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتىنى قايتا تەڭشەپ، ‹‹كومپارتىيەگە قارشى مۇتەخەسسىسى›› دېگەن نامى بار مەستۋۇتنى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسلىكىگە ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىگە قاتتىق زومىگەرلىك ۋە يۇقىرى بىسىملىق سىياسەتنى قايتا يۈرگۈزۈپ، بۇرژىئازىيەنىڭ دىمۇكراتىيە سىياسىتىنىڭ چومبىلىنىڭ قالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان ئىككىنچى باسقۇچلۇق سىياسىتى ئالدىنقى مەزگىلدىن كېيىنكى مەزگىلگە ئۆتۈشنى تاماملىدى.
(2) شىنجاڭغا قارىتىلغان سىياسەت دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزدى سىياسەت تۈزۈش بىر س قۇرۇش، سىياسەتنىڭ ئۆزگىرىشىمۇ كۆپ خىل ئامىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى گومىنداڭنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ.
سوۋېت ئىتتىپاقى 20- ئەسىر 30- يىللارنىڭ 40- يىلىنىڭ بېىشىدا شىنجاڭنى سىياسىي ئىقتىساد ۋە ھەربى ئىشلار قاتارلىق جەھەتلەردىن تىزگىنلەپ كەلدى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارىتا ئۆزىنىڭ ئەمىلى كۈچىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن ئۆز مەيلىگە قويۇپ بىرىپ، شىنقاڭنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا خىرىش كەلتۈرمىگەنلىكىدىن قانائەتلىنىپ كەلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى گېرمانىيە ئۇرۇشى پارتىلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا، جاڭ جېشى شىنجاڭغا قاراتقان ئىلگىركى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، جېبىي يىڭچىڭ قاتارلىقلار ‹‹شىنجاڭنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تاكتىكىسى›› نى پىلانلاش ۋە تۈزۈشكە پەرمان چۈشۈردى. ھەمدە موشۇ تاكتىكا بويىچە مۇۋاپىق پەيتتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭدىكى كۈچىنى تەدرىجىي قوغلاپ، شىنجاڭغا سىياسىي ۋە ھەربى كۈچىنى تەدرىجىي سىڭدۈرۈپ، نەتىجىدە شىڭ شىسەينىڭ ئورنىنى دەسسەپ، شىنجاڭنى پۈتۈنلەي قامال قىلماقچى بولدى. سوۋېت ئىتتىپاقى سوۋېت- گېرمانىيە ئۇرۇشىدا پاسىقلىقدىن تەشەببۇرسكارلىققا ئۆتۈپ، ئۇرشدا غەلبە قىلىش ئىشەنچىسىگە ئىرىشكەندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى قوللىدى ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بەردى. جاڭ جېشى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى پۈتۈن شىنجاڭغىچە كىڭىيىپ كىتىشىدىن قورقۇپ، شىنجاڭدا ئاتالمىش ‹‹سىياسىي ۋە دىننىي ئىسلاھات ›› ئىلىپ بىرىشنى تىزلىتىپ، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى خاتىرجەم قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىنى تۇراقلاشتۇرماقچى بولدى. دۆلەت ئىچىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىمۇ ئوخشاشلا گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتتى. 1946- يىلى 6-ئايدا گومىنداڭ سەرخىل ئەسكەر كۈچىگە تايىنىپ ئومۇميۈزلۈك ئىچكى ئۇرۇشنى قوزغاپ، جۇڭگو كومىنستىك پارتىيىسىنىڭ قوشۇنىنى بىراقلا يوقۇتۇشقا ئۇرۇندى. بۇ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئۈچ ۋىلاىيەت ئىنقىلابىغا قارىتا قاتتىق تەدبىر قوللۇنىشىغا بىۋاستە تەسىر يەتكۈزدى. بىر تەرەپتىن شىنجاڭدا قوشۇن كۆپەيتىپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىپ، ئۈچ ۋىلايەتكە قوراللىق ھەرىكەت قوللانمقاچى بولدى. يەنە بىر تەرەپتىن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە كومپارتىيىگە قارشى ئۇرۇشىدا نام ئالغان مەستۋوتنى ئۆلكىنىڭ رەئىسلىك سەھنىسىگە چىقىرىپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ كۈچىنى باستۇرماقچى بولدى. گومىنداڭ ھاكىمىيتى خەلق ئازادلىق ئارمىيىنىڭ زەربىسىدىن خەۋەپ ئاستىدا قالغاندا، شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەستىۋىتنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنى ياخشى كۆرىدىغان بۇرھاننى رەئىسلىككە تەيىنلەپ ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى بىلەن ياراشماقچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن تەڭ غەربىي شىمالنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ تىنىچلاندۇرۇپ، ئارقا سىپىدىن كىلىدىغان تەھدىتىنى ئىمكان قەدەر ئازايتىش يۈزىسىدىن، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن شىنجاڭ سوۋېت ئىتتىپاقى سۇدا ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق سۆھبىتىنى باشلىدى. ھەمدە سۆھبەتتە زور دەرىجىدە يول قويدى. لىيەنجۇ قولدىن كېتىپ، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قوشۇننىڭ چېكىنىش يولى ئۈزۈلگەن ئەھۋالدا، گومىنداڭ دائىرىلىرى سۆھبەتتە ھەرقانچە يول قويسىمۇ، گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدىكى مەغلۇپ بولۇش تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، سۆھبەتلىشىش ۋەكىللىرىگە سۆھبەتنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا يوليورۇق بىرىپ، سۆھبەتلىشىشى ۋەكىللىرى تۈزگەن ‹‹سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن شىنجاڭنىڭ سودا كىلىشىمى›› نى تەستىقلىمىدى.
(3) شىنجاڭغا قارىتىلغان سىياسىي نەزەرىيە جەھەتتىن بۇرژىئازىيەنىڭ دىمۇكراتىيە سىياسىتىنىڭ تەركىۈى ئارلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ ماھىيىتى مۇستەبىتچىلىك جاڭ جېشى ۋەكىللىكىدىكى يېڭى سىتىراتىگىيىسىىڭ باش كۆتۈرلۈشى يېڭى ۋە كونا سىياسىي كۈچ ئارىلاشقان ئىجتىمائىي غەلىتە تۈزۈلمە بولۇپ، ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى پومۇچۇك ۋە بۇرژىئازىيە سىنىپى بىرلەشكەن دىكتاتور ھىسابلىنىدۇ. گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خۇسۇسىيىتى ئۇنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ نەزەرىيە جەھەتتە بۇرژىئازىيە دىمۇكراتىيە سىياسىتىنىڭ مەلۇم تەركىبى قىسمى ئارلاشقانلىقىنى بەلگىلەيدۇ. بىراق ئۇنىڭ ماھىيىتى مۇستەبىتچىلىكىدىن ئىبارەت. خۇددىي بەزىلەر دىگەندەك : جاڭ جېشى ‹‹فىئوداللىق مۇستەبىت تۈزۈمىنى ئىنتايىن ئىنچىكە، ئەپچىل ئانالىز قىلىپ، ئۇنىڭ مۇستەبىتلىكىنى ساقلاپ، ئوتتۇرا ئەسىردىن قىپ قالغان زوراۋانلىقىنى ئايرىۋىتىش ئارقىلىق بۇرژىئازىيە سىنىپىنىڭ ساختا سىياسىي تۈزۈمىگە ئايلاندۇردى. ‹‹شۇنىڭ بىلەن›› ‹‹دىمۇكراتىيە›› دىن ئىبارەت بۇ مۇستەبىتلىككە قارشى قورال جاڭ جىيشىنىڭ قولىدا مۇستەبىتلىك قورال بولۇپ قالغان.
ئەمىليەتتىمۇ شۇنداق. گومىنداڭ ھەر قېتىملىق قۇرۇلتىيىنىڭ قارار خىتاپنامىسىدا جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ سىياسىي جەھەتتىە باب پارگىرافلىرىنى، چېگرا رايونىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىنى يۆلەيدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئاز سانىق مىللەتلەرنى سىياسىي جەھەتتە رەھىمسىزلەرچە ئەزدى. ئىقتىسادىي جەھەتتە غالجىرلىق بىلەن بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى. مەسىلەن شىنجاڭغا نىسبەتەن ‹‹مەركىزى ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى شىنجاڭ قوزغىلاڭ رايونىدىكى خەلق ۋەكىللىرى بىلەن تۈزگەن تىنچلىق يولى بىلەن قوراللىق توقۇنۇشنى ھەل قىلىش ماددىلىرى›› دا، شىنجاڭدىكى خەلق ئۆزى ئىشنىدىغان يەرلەردىكى زاتلارنى مەمۇرىي ئەمەلدارلىققا سايلاش ھوقۇقىغا ئىگە دەپ ۋەدە بىرىلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە گومىنداڭنىڭ ھەربى ۋە ساقچىلىرىدىن نەيزە، قامچا، بىلەن خەلققە تەھدىت سېلىپ، ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئاۋاز بىرىشكە مەجبۇرلىدى. بۇ ماددىلاردا خەلقىنىڭ گەپ-سۆز ۋە يىغىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەركىنلىكى بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە گومىنداڭنىڭ ھەربى، ساقچى ۋە ئىشپىيۇنلۇق ئاپاراتلىرىنى قولغا ئېلىش ۋە يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش بىلەن شۇغۇللاندى. گومىنداڭنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتىدىكى بۇخىل نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ قىلىش خۇسۇسىيەتلىرىگە قارىتا، 1947- يىلى 3- ئايدا جاڭ جىجۇڭ ئۈرۈمچىدىكى پارتىيە ئارمىيە مەسئۇللىرىغا قىلغان سۆزىدە: بىز كۈندە ئۈچ مەسلەكنى تەكىتلەۋاتىمىز. بىراق ئەمەلىيەتتە ھىچقايسىسى نەقلەشمەي، قۇرۇق گەپكە ئايلىنىۋاتىدۇ›› دەپ ئوچۇق كۆرسەتكەن ئىدى.
(4) شىنجاڭغا قارىتىلغان سىياسىتىدە ئاساسىي جەھەتتىن جاڭ جېشىنىڭ مەقسىتى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. 1932- يىلىنىڭ بېىشىدا، گومىنداڭ پارتىيىنىڭ ئىچىدە جاڭ جېشى ئارمىيەگە قوماندانلىق قىلىش، ۋاڭ جىجۇڭ مەمۇرىي ئىشلارنى باشقۇرۇش، جاڭ جېشى بىلەن ۋاڭ جىڭدى ۋە ئورتاق باشقۇرىشىدەك ۋەزىيەت شەكىللىنىپ، گومىنداڭ پارتىيىنىڭ رەئىس لىنيىسىدىن قۇرۇق ھەيكەلگە ئايلىنىپ قىلىپ، ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى گۇمىنەن ھۆكۈمىتى كومېتىتى ‹‹ھېچقانداق ئەمەلىي ئىشلارنى ھەل قىلالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسىمدىىكى بۇ خىل ھوقۇق تەخسىملەش ۋەزىيىتىنى 20- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىنىڭ ئالدىنقى يىرىم مەزگىللىرىدە جاڭ جېشى بىلەن ۋاڭ جىڭۋىننىڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسەتنى تۈزۈشىنى تەدبىر بەلگىلەش ئەندىزىسىنى بەلگىلىگەن. ئادەتتە شىنجاڭنىڭ چوڭ- چوڭ مەسىللىرىدە جاڭ جېشى بىلەن ۋاڭ جىجۇڭ ئۆز- ئارا مەسلىھەتلىشىپ، ئۆز ئارا قوبۇل قىلالمايدىغان 2 سەھىيە شەكىللەندۈرگەن. مەسىلەن خۇاڭ مۇسۇڭنى شىنجاڭغا ئايغاقچى قىلىپ تەيىنلەش ئۇنىڭغا مىسال بولىدۇ. خۇاڭ مۇسۇڭنىڭ شىنجاڭدا ئايغاقچى بولۇش جەريانىدىكى كونكىرىت تاكتىكىلرىنى قوللىنىشىدا، جاڭ جېشى ۋاڭ جىڭۋىي ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىن ئىش تەخسىملەپ بەرگەن.
ھەربى ئىشلاردا جاڭ جېشىنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، سىياسىي يىتەكچىلىكتە ۋاڭ جىڭۋىينىڭ بۇيرۇقىنى ئۆلچەم قىلغان.
جاڭ جېشىنىڭ گومىنداڭ پارتىيىسى ئىچىدىكى مۇستەبىتلىك ئورنىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، مەيلى مەمۇرىي پالاتانىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆزى قوشۇمچە ئۆتىسۇن ياكى كۇڭ شىڭشى ۋە سۇڭ زىدۋىندىار ئۆتىسۇن، شۇنداق گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالسۇن جاڭ جېىشى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە ھەربى ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئىلىۋالغان. مانا بۇ جاڭ جېىشىنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىيتىنى تۈزۈش جەريانىدا مۇتلەق يىتەكچى ئورنىدا تۇرىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. بۇ نوقتىنى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتىدىكى ئۈچ خىل تەدبىر بەلگىلەش ئەندىزىسىدە ئېنىق ئىپادىلىنىدۇ.
شۇنىڭغا قارىتىلغان سىياسەتتە تەدبىر بەلگىلەش ئەندىزىسىدە جاڭ جېشى ئۆزىنىڭ تەھلىل قىلىپ چىقارغان يەكۈنى ياكى قول ئاستىكىلەرنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن سىياسەت تۈزگەن. مەسىلەن، ۋۇجۇڭشىننى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەپ، شىنجاڭدا تايانچى پۇنكىتلارنى مۇستەھكەم قوغداش شەكلى ئارقىلىق ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ تەرەققىياتىغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق قارارلارنى جاڭ جېشى ئۆزىنىڭ تەھلىللەر ئارقىلىق چىقارغان يەكۈن. مەسئۇدىغا شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسلىكىگە، سۇڭ شىليەننى شىنجاڭغا گارنىزۇن قوماندانلىقىغا تەيىنلەشتە جاڭ جىجۇڭنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن قارار قىلغان. شىنجاڭغا قارىتىلغان سىياسىتىدە ئىككىنچى خىل تەدبىر بەلگىلەش ئەندىزىسىدە جاڭ جېشىنى ئالاقىدار ئاپپارات ۋە مەسلىھەتچىلەرگە سىياسەت تۇرغۇزۇپ ئۇنىڭدىن پايدىلانغان. مەسىلەن فابىي بىلەن شىنجاڭ پۇلىنىڭ 5:1 بويىچە ئالماشتۇرۇ نىسبىتىنى جاڭ جېشى مالىيە مىنىستىرلىكىگە بۇيرۇق قىلىپ، ئۆزى تەييارلىغان پىرىنسىپكە ئاساسەن تۈزگەن ھەمدە يولغاق قويۇشقا تەستىقلىغان. ‹‹شىجاڭنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتۇرىۋىلىش تاكتىكىسى›› نى جاڭ جېشى تەدبرى بەلگىلەشتە پايدىلىنىش ئۈچۈن، خېبىي بىگەچىڭغا بويرۇپ، ئالاقىدار خادىملىرىنى يىغىپ تۈزۈپ چىققان. مۈلتوفنىڭ شىڭ شىسەيگە ئەۋەتكەن خېشى ۋە شىڭ شېسەينىڭ ‹‹ئاۋغۇست خۇاڭلىن دىلۇسى›› نى پەيدا قىىشىدا، ئادىينوكانىت ئىشخانىسى 2-باشقارمىسىنىڭ 5-گۇرۇپپىسى (تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل) 6-گۇرۇپپىسى (ئىشپىيۇن ئاپاراتلىرىنىڭ ئاخباراتچىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا مەسئۇل) نىڭ باشلىقى چىڭ بۇلېيى ۋە تاڭزۇڭغا مۇناسىپ تەدبىر تۈزۈشكە بۇيرۇپ، ئۆزى تاللاپ يولغا قويغان. مەسىلەن 1947- يىلى بېي تاشىيە ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسىنى مەركىزى سىياسىي كومېتىتى ئىچكى ئىشلار، تاشقى ئىشلار ۋە ھەربىي ئىشلار كومېتىتىنىڭ بىرلەشمە يىغىنىدا تۈزگەن. 1945-يىى ۋۇجۇڭشەننىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىنى ئايرىش تەكلىپىنى مەركىزى پارتىيە ئىشلىرى كومېتىتى ئارقىلىق ئىنكار قىلىنغان. شىنجاڭغا قارىتىلغان سىياسەتتە موشۇنداق تەدبىر بەلگىلەش قوللۇنۇلغان بولسىمۇ. جاڭ جېشىنىڭ شەخسىي ئىرادىسى سىياسەت تۈزۈش جەريانىدا يىتەكچى ئورنىدا تۇردى. چۈنكى مەركىزى سىياسىي يىغىنىڭ رەئىسى ۋە گومىنداڭ پارتىيىنىڭ باشلىقى (مەركىزى دائىمي كومېتىتى 1926- يىلدىن كېيىن رەئىس تەسىس قىلمىغان) مەسىلەن دۆلەت مۇداپىئە ئالى كومېتىتى ياپۇن جاھانگىرلىكىگە قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ‹‹گومىنداڭ پارتىيىسى مەركىزىنىڭ بىۋاستە رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەت بېشىدىكى دۆلەت مۇداپىئە تەدبىر بەلگىلەش ئاپاراتى بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتى ئاساسىي جەھەتتە جاڭ جېشىنىڭ شەخسىي مۇددىئاسى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
2. شىنجاڭغا قارىتىلغان سىياسەت ئالاھىدىلىكىنىڭ شەكىللىنىش سەۋبلىرى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتىدە نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئالاھىدىلىك كۆرىلىدۇ؟
بىرىنچىدىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن شىنجاڭنىڭ بولغان ئالاقىسى چوڭقرۇ ئەمەسمىدى. گەرچە گومىنداڭ دائىرلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى پائالىيەتلەرنى شىڭخەي ئىنقىلابى مەزگىلگىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولسىمۇ، بىراق، گومىنداڭ شىنجاڭنى ئەمەلىي كونترۇل قىلغان ۋاقتىنى 1944- يىلى 8- ئايدا شىڭ شىسەي قوغلاندى بولغا چاغدىن ھىسابلاشقا بولىدۇ. شىنجاڭ ئەزەلدىن مىللەتلەر، دىن ئەھۋالى بىر قەدەر مۇرەككەپ رايون. 20- ئەسرىنىڭ 40- يىللىرىدا جۇڭگو- سوۋېت ئىتتىپاقىنى مۇناسىۋىتى شىنجاڭ مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئالاھىدە سەزگۈرلىشىپ كەتتى. شىنجاڭنىڭ مەسىلىسىنى چوڭقۇر چۈشەنمىگەن ۋە بېشىدىن كەچۈرمىگەن گومىنداڭ دائىرلىرى بۇنداق مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى ئىگىلەشتە ئارمان دارمان يوق بولۇپ قالدى. شۇڭا ئۇنىڭ تۈزگەن شىنجاڭغا قاراتقان سىياسەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيلا قالماستىن، بەلكى خەلق رايىغا خىلاپ، مەسىلەن ،جاڭ جېشى ۋۇجۇڭشىننى شىنجاڭنىڭ رەئىسلىك سەھنىسىگە چىقىرىشدا شىنجاڭدىكى خەلق ئاممىسى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنى ياراشتۇرغىلى بولىدۇ دەپ قارىغان. ئەمما ئەمەلىيەتتە، ۋۇجۇڭشىن شىنجاڭدىكى خەلقنى نارازىلىق قىلىپلا قالماستىن بەلكى سوۋېت ئىتتىپاقىنى ۋۇجۇڭشىننىڭ باشچىلىقىدىكى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتىنى ‹‹سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى گۇرۇھ›› دەپ قاراپ ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ كەتكەن شىنجاڭنىڭ ئىچىدىكى تاشقى زىدىيەتنى تىخىمۇ جىددىيلەشتۈرىۋەتتى. ئۇندىن باشقا يەنە، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى مەسۋىتنى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسلىك سەھنىگە چىقىرىشىدا بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىكى غۇلجا تەرەپنىڭ كۈچىنى بىسىىپ، ئىككى تەرەپ تونۇشۇپ قالسا، ئۈچىنچى تەرەپ پەيدا كۆرۈشتەك ئۈنۈم قازانغىلى بولىدۇ دەپ قارىغان. ئەمەلىيەتتە مەۋسۇد تەختكە چىققاندىن كېيىن، شىنجاڭ بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ نابۇت بولۇشىنى كەلتۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى بۇ ئوچچىغا چىققان تۈركىزىمچى ئونسۇر يەنە غالجىرلىق بىلەن شىنجاڭنى پارچىلاشتىن ئىبارەت تۇيۇق يولغا مىڭىپ، ئۇنى بىر قانچە قېتىم قانات ئاستىغا ئالغان. گومىنداڭ ھۆكۈمىتىمۇ ئۇنىڭ قىلغان- ئەتكەنلىرىگە چىدىيالماي، ئۇنى ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.
ئىككىنچىدىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ماھىيەت جەھەتتىكى ئەكسىيەتچىلىكى گەرچە گومىنداڭ ھۈكۈمىتى بۇرژىئازىيە دىمۇكراتىيە سىياسىتىنىڭ بەزى نەرسىلىرى بىلەن ئۆزىنى نىقاپلىغان بولسىمۇ، ئەمما تېگى- تەكتىدىن ئالغاندا مەيلى جاڭ جېشى بولسۇن ياكى شىنجاڭغا ئەۋەتىلگەن ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ تومۇرىدا بۇرژىئازىيە دىمۇكراتىيىسىنىڭ قېنى ئانچە كۆپ ئەمەس. بەلكى ئەڭ ئاساسلىقى ئەنئەنىۋى ئىدىلوگىيەنىڭ قالدۇقلىرى ئىدى. ئۇلار قوشۇنىنى قورال قىلىپ، خەلقنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇپ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق سىياسىتىنىڭ ئىنتىلىش فىئوداللىق جەمئىيەت بىلەن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ. فىئوداللىق مۇستەبىت دەۋرىدە خەلققە نىسبەتەن دىمۇكراتىيەدىن سۆز ئاچقىلى بولمايتتى. مىللەتاراسلىق سىياسىتىنىڭ يۇقىرى بىسىمىدە، خەلقنىڭ مىللەتارسلارنىڭ ئىستىبدانىق ھوقۇقىغا ئارلىشىشى ھوقۇقىنىڭ يوقلىقى فىئوداللىق مۇستەبىت دەۋرى بىلەن ئوخشاش ئىدى. گومىنداڭ مىللەتدارسلىرى ھاكىميىتىنىڭ بۇ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتى ئۇنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتىنى تۇزۈش ۋە تەڭشەشتە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى نەزەردە تۇتماستىن، بەلكى پۈتۈنلەي شىنجاڭدىكى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان. شۇڭا گومىنداڭ پارتىيىسى شىنجاڭدىكى ئىلغار كۈچلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن، فىئوداللىق دىننىي كۈچلەر بىلەن ئىچ قۇيۇن، تاش قۇيۇن بولۇپ، شىڭ شىسەي دەۋرىدىكى قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان كونا كوچىلار قايتىدىن تىزىلىپ شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ھاكىمىيەت تەشكىلاتلىرىنى چاڭگىلىغا ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ سىياسىتىنى ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ قاراڭغۇلاشتۇرىۋەتتى. گەرچە گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئوزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، سىياسەتنى ئۈزلۈكسىز تەڭشىگەن بولسىمۇ، خەلقمى ئىزىش ۋە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشتەك سىنىپىي ماھىيىتىنى ئۆزگەرتەلمىدى. شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قارشى تۇرىشىنى توسۇپ قالالمىدى. بەلكى سىياسەتنى كۆپ تەڭشەش تۈپەيلىدىن شىنجاڭدا ئىجتىمائىي داۋالغۇشىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈردى. ئۈچۈنچىدىن شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مۇھىتى شىنجاڭغا قارىتىلغان سىياسەت، تېگى- تەكتىدىن ئالغان. گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەچ ئىچىگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ كېڭىيىشىغا ھىسابلىنىدۇ. بىراق شىنجاڭ جۇڭگونىڭ چەت – يىراققا جايلاشقان ئۆلكىسى بولغاچقا مىللەت ۋە دىن ئەھۋالى مۇرەككەپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سوۋېت ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چىگرىلىنىدۇ. سىياسىي ۋەزىيەتنى تۇراقلاشتۇرۇش گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشىدا ئەمەل قىلىدىغان ئاساسىي پىرىنسىپى بولۇپ قالدى. شۇڭا، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتىنى يۈرگۈزىشىدە شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مۇھىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، تىخىۇم جانلىق ئۇسۇلىنى قوللۇنۇشقا مەجبۇر بولدى. مەسىلەن شىجاڭنىڭ ھەربى خىراجەتلىرىنى 1945- يىلىدىن باشلاپ پۈتۈنلەي مەركەز مالىيەسى ئۈستىگە ئالغان ھەمدەشىنجاڭدا ئۆز ئالدىغا پۇل تارقىتىشقا يول قويغان. فابىي پۇلى بىلەن شىنجاڭ پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش نىسبىتىنى 5:1 نىسبەت قىلى بېكىتىپ، شىنجاڭ پۇلىنى ئىچكى ئۆلكىلەرگە پىروۋۇت قىلىپ مال سىتىۋىلىشقا يول قويغان. 1947- يىلى 7- ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۆلكىسى بويىچە بارلىق باجنى يىرىم يىل، دىھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بېجىنى بىر يىل كەچۈرۈم قىلدى. شۇ چاغدا جۇڭگودا باجنى يىرىم يىلدىن بىر يىلغىچە كەچۈرۈم قىلغان بىردىن بىر ئۆلكە ھىسابلىنىدۇ. ئەمما بۇ سىياسەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى مەملىكەت خارەكتىرلىك سىياسەت بولۇپ، شىنجاڭدا ئاخماي ئۆزگەرتىپ يولغا قويۇشقا توغرا كەلدى. ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى سىياسەتلەردىن شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنى ئانچە كۆپ ئەيىپلىمىدى. پەقەت شىنجاڭغا قارىتىلغان سىياسەتنىڭ ساختىلىقىنى كۆپەيتىش يەنى شىنجاڭنىڭ ھەربى خىراجەتلىرىنى مەركەز مالىيەسى ئۈستىگە ئالغان بولسىمۇ، مەركىزى ھۆكۈمەت ئاساسىي جەھەتتىن قەغەز پۇل چىقىم قىلىپ بىرىپ نەتىجىدە ‹‹قەغەرز پۇلنى كۆپەيتىپ، ماددىي ئەشيا ئورنىدا ئىشلىنىپ ‹‹ئەمەلىيەتتە قىممىتى يوق›› ھالەتتە ئىدى. باجنى يىرىم يىل ياكى بىر يىل كەچۈرۈم قىلىشىدا، پۇل پاخاللىقىنى پەيدا قىلىشقا تايىنىپ شىنجاڭنىڭ ھەربى ۋە ھۆكۈمەت چىقىمىنى قامداپ كەلدى. شىنجاڭغا قارىتىلغان سىياسەت نەزەرىيە جەھەتتىن بۇرژىئازىيە دىمۇكراتىيە سىياسىتىنىڭ تەركىبى كۆپۈيۈش، پەقەت بۇرژىئازىيە دىمۇكراتىيە سىياسىتىنىڭ نامى بىلەن ھاكىم مۇتلەق مۇستەبىت تۈزۈمىنى يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت. تۆتىنچىدىن جاڭ جېىشىنىڭ ئۆز كۈچى چەكلىك. جاڭ جېشىنىڭ بىر پارتىيە مۇستەبىتلىك سىستىمىسىنىڭ شەكىللىنىش پۈتۈن مەملىكەتتىكى جايلارنى كونترۇل قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ياپۇن تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش پارتىلغاندىمۇ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى پەقەت جۇڭگودىكى 18 ئۆلكە ئىچىدە 11 ئۆلكىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇپ كەلدى. (ئەنخۇي، جېجاڭ، فۇجىيەن، خېنەن، خۇنەن، خۇبېي، جاڭشى، جىياڭسۇ، گۇاڭدۇڭ، گۇيجۇ، شەندۇڭ) مەملىكەت بويىچە 3 تە 2 پىرسەنت نوپۇسىنى ۋە جۇڭگونىڭ 4 نەپەر 1 پىرسەنت زىمىنىنى كونترۇل قىلغان. جاڭ جېشى ئۆز كۈچىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەر خىل كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا قاتراپ يۈرۈپ، پايدىلىق پۇرسەت ۋە ئۇسۇللارنى ئىزدىنىش ئارقىلىق گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى كونترۇل قىلىش ياكى شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقىدىن تۇراقلاشتۇرماقچى بولدى. مەسىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭغا كۆرسەتكەن تەسىرىگە تاقابىل تۇرالماي ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيىنىڭ شىنجاڭدىكى كۈچىدىن پايدىلىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنى تىزگىنلەشكە مەجبۇر بولدى. شىنجاڭ بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئەخمەتجان ۋەكىللىكىدىكى ئۈچ ۋىلايەتنىڭ سىياسىي ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالماي، ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويىلمايلا، مەسئود ۋەكىللىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئونسۇرلىرىنى يۆلەپ، ئۇلارغا تاقابىل تۇرماقچى بولدى. شىنجاڭغا ھەربى كۈچى سەپلەشتە گومىنداڭ قوشۇنلىرى ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ھەربى ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بىرەلمىگەندە، غەربى شىمالدىكى مىللىتارىس مابۇفاڭنىڭ 5- ئاتلىق جۈەنىنى شىنجاڭغا يۆتكىدى. بۇنداق ھەر خىل كۈچنى پايدىلىنىپ تەڭپۇڭلۇق نوختىسىغا يىتىشىتىن ئىبارەت شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تاكتىكىسىدا، كۆپۈنچە چاغلاردا تاشقى ۋەزىيەتنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچراپ، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بىرلىشىپ پەرمانلارنى كىچىكىپ ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ، سىياسەتنى يۈرگۈزۈش جەريانىدا سىياسەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىزچىللىقىنى ئوبدان ساقلىغىلى بولمايدۇ.
بەشىنچىدىن گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى سىياسەتنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان ئاساسىي قاتلارم تەشكىلاتى يوق. بەزىلەر جاڭ جېشىگە ‹‹جاڭ جېشى ئۆزىنىڭ نوقسانلىرىنى تۈگىتىش شەكلى بىلەن تەسلىكتە بىر يۇقىرى قاتلام ئاپپاراتى قۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۆز ئىتىقادىنى تۆۋەنگە يەتكۈزىدىغان تەشكىلات يوق. شۇڭا، ئۇ كونازاماننىڭ دۇنيا قارىشىدىن قاتتىق نەپرەتلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، كىلەچەككە بولغان غايىسى توغرىسىدا ھېچقانداق بىر كونكرېت لاھىيەسى يوق ئىدى. دەپ باھا بەرگەن. شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، بۇ باھا جاڭ جيېشىگە بەكمۇ باب كىلەتتى. جاڭ جيېشى يېڭى مىللىتارىست بولۇپ، تارىختىن بۇيانقى شىنجاڭنى ئىدارە قىلغۇچىلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن رازى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ شىنجاڭنىڭ سىياسىتىنى ياخشىلاش لاھىيەسى يوق. دەسلەپتىلا ۋۇجۇڭشىننى تەختكە چىقىرىپ، ئەنئەنىۋى ئۇسۇل ئارقىلىق شىنجاڭنى ئىدارە قىلماقچى بولدى. بۇ ئاقمىغاندىن كېيىن يەنە جاڭ جىجۇڭنى شىنجاڭغا يۆتكەپ، ئاتالمىش بۇرژىئازىيە ‹‹دىمۇكراتىيە سىياسىي›› نى يولغا قويماقچى بولدى. بىراق شىنجاڭدا بۇرژىئازىيە ‹‹دىمۇكراتىيە سىياسى›› نى قانداق يولغا قويۇش ھەققىدە جاڭ جېشىنىڭ كۆڭلىدە سان يوق ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى تۇراقلاشتۇرسىلا، ھەرقانداق ۋاستىلەرنى قوللۇنۇشقا بولاتتى. بىراق. جاڭ جېشىنىڭ بىر يۈرۈش شىنجاڭنىڭ سىياسىنى ئۆزگەرتىش لاھىيەسى بولسىمۇ. ئۇ لاھىيەسىنى شىنجاڭدا يولغا قويغان يەرلىك ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى يوق. خۇددى خۇاڭ رىنيۈ دىن كۆرسەتكەندەك ‹‹گەرچە ئۇ تەسلىكتە بىر يۇقىرى قاتلام ئاپپارات قۇرغان بولىسمۇ. ئەمما ئۆز غايىسى›› نى رىئاللىققا ئايلاندۇرغان ‹‹ئاساس قاتلام›› تەشكىلاتى يوق ئىدى. چۈنكى جىياڭ جېشى ئەتىۋارلارپ ئىشلەتكەن يەرلىك تەشكىلاتلار فىئوداللىق جەمئىيەتنىڭ قالدۇقلىرى بولۇپ، يەرلىكتە زومىگەرلىك قىلىۋاتقان فىئودالىزىمنىڭ ئىمتىيازىغا ئىگە بولغانلار ئارقىلىق، ئاتالمىش بۇرژىئازىيەنىڭ ‹‹دىمۇكراتىيە سىياسى›› نى يولغا قويۇشنىڭ ئۆزى بىھۇدا ئورنىغانلىق، ئۇنىدىن باشقا ھەربىيلەرنىڭ سىياسىيغا ئارلىشىش ‹‹دىمۇكراتىيە سىياسى›› ئېتىقادى بىلەن قارىمۇ قارشى بولۇپ، جاڭ جىجۇڭنىڭ گىپى بويىچە ئالغاندا، ‹‹ھەربىيلەرنىڭ سىياسىغا ئارلىشىشى›› ‹‹بىر خىل قالاقلىق ۋە دەۋرىگىمۇ خىلاپ›› بىراق ھەربىيلەرنىڭ سىياسىغا ئارلىشىشى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا ‹‹دىمۇكراتىيە سىياسىتى›› نى يۈرگۈزۈش بىلەن باشتىن- ئاخىر ھەمراھ بولۇپ كەلدى. شۇنداقلا ھەربىلەرنىڭ سىياسىغا ئارلىشىشى شىنجاڭدا ‹‹دىمۇكراتىيە سىياسىتى›› يولغا قويۇشنىڭ كاپالىتى قىلدى. مانا بۇنىڭ ئۆزىدىن ‹‹دىمۇكراتىيە سىياستى›› نىڭ ساختىلىقى ۋە ئالدامچىلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. دېمەك ساختا ‹‹دىمۇكراتىيە›› شىنجاڭدىكى خەلقنىڭ سىياسىي تەلىپىنى ھەرگىزمۇ قاندۇرالمايدۇ. شۇڭا، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ھۆكۈمرانلىق ۋاستىلىرىنى ئارقا- ئارقىدىن ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولۇپ، شىنجاڭغا قاراتقان سىياسەتنى تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى ئىختىيارىلىقنى ۋە ئۆزگىرىشچانلىقنى كەلتۈرگەن.



2§. شىنجاڭغا قارىتىلغان سىياسەتنى يولغا قويۇش نەتىجىسى
1. سىياسىي تېخىمۇ قاراڭغۇلاشتى
گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا بىۋاستە ھۆكۈمرانىق قىلغان دەسلەپكى مەزگىلدە شىڭ شىسەي دەۋرىدە قاخشاتقۇچ زەربە يڭىش فېئودال دىننىي كۈچلەرنى قايتا بۆلۈپ، گومىنداڭ پارتىيىسى بىلەن شىنجاڭدىكى فېئودال دىننىي كۈچلەرنىڭ بىرلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ھەمدە فېئودال دىننىي كۈچلەرنى ئۆزىنىڭ شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشدىكى ئىجتىمائىي ئاساس قىلدى.
شىنجاڭدا ‹‹تىنچلىق ماددىلار›› ئىمزالىنىپ يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شەكىل جەھەتتىن ھەر مىللەت خەلقىگە مەلۇم دىمۇكراتىيە ھوقۇقىنى بىرىشكە مەجبۇر بولغان بولسىمۇ، شىنجاڭ جەمئىتىدىكى تەرەققىيپەرۋەرلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن، يەنە كونا چىرىك، كۈچلەر بىلەن داۋاملىق تىل بىرىكتۈردى. شىنجاڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ ئىچىدە فېئودال يۇقىرى قاتلامدىكى خىلى زور نىسبەتنى ئىگىلەپ، جايلارنىڭ ۋالى ۋە ھاكىملىق ئورنىنىڭ كۆپۈنچىسىنى فېئودال يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ياكى ئۇلارنىڭ ۋەكىللىرى چاڭگىلىغا ئىلىۋالغان. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى جايلاردىكى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ سايلام ئىشلىرىنى كونترۇل قىلالمىغاندا، جايلاردا تۇرۇشلۇق ھەربى ۋە ساقچىلار يەردە ئاجىدىن سەھنىگە چىقىپ، ئاشكارە ھالدا ھەربىيلەر سىياسىغا ئالىشىشتەك كومۇدبىيەنى ئوينىدى. مەسىلەن: سايلىغۇچىلارغا تەھدىت سېلىپ ئۆز ئىرادىسى بويىچە ئاۋاز بىرىشكە مەجبۇرلاپ، ئەگەر مەخسىتىگە يىتەلمىسە يىغىن مەيدانىنى قوراللىق قورشاپ، ھەتتا قامچا، مىلتىقنىڭ پەينىكى بىلەن سايلىغۇچىلارنى ئۇردى. مەسئۇد ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندە ‹‹سايلام›› دېگەن بۇ دىمۇكراتىيىنىڭ پوستىنى تاشلاپ، يەرلىك ئەمەلدارلارنى خالىغانچە ئۆزگەرتتى.
گومىنداڭنىڭ ئارمىيە، ساقچى، ۋە ئىشپىيۇنلىرى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ، كونا-چىرىك كۈچلەرنىڭ ۋەكىللىرى خورىكىنى ئۆستۈرۈپ خالىغانچە ئەسكىلىك قىلدى. گومىنداڭ دائىرىلىرىمۇ باۋجاڭ، ۋە ئون بەگلەرنىڭ ئورنىنى يەرلىكتىكى بۇزۇق ئونسۇرلار ئىگىلەپ، خەلقنىڭ زور زىيانغا ئۇرچىرىغانلىقىنى ئىتراپ قىلغان. ‹‹بۇ يەرلىك زومىگەرلەر ۋە قەبىھ پومىچىكلار خەلقنى خالىغانچە بوزەك ئىتىپلا قالماستىن ھەتتا :‹‹بىگۇناھ ئادەملەرنى تۇتۇپ قالمىغان ياكى ئۆلتۈرىۋەتكەن›› ‹‹نۇرغۇن پومىچىكلارنىڭ ئۆيلىرىدە جازا قوراللىرى ۋە قاماقخانا تەسىس قىلغان. ‹‹قومۇلدىكى بىشىر ۋاڭ كۆرەڭلەپ: ‹‹بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈش بىر ئىتنى ئۆلتۈرۈشتىنمۇ ئاسان›› دېگەن. ھاياتلىق ھوقۇقىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولمىغان جەمئىيەتتە ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ باشقا ئىجتىمائىي ئەھۋالىدىن ئېغىز ئىچىش ھاجەتسىز.
2. خەلق تۇرمۇشى تىخىمۇ قىيىنلاشتى
گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدىكى زور مىقداردىكى ھەربى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلار چ ھەممىسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە يۈكلەندى. ھۆكۈمەت خەلقىگە تۈرلۈك باج- سىلىق سېلىپ، ئۇنىڭ تۈرى 10 تۈرىگە يەتتى. 1944- يىلى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئوتتۇرىچە باج تاپشۇرۇش نىسبىتى 1937- يىلدىكىدىن 7 ھەسسە ئىشىپ كەتتى. دىھقانلارنىڭ يەر بېجىدىنلا قىلىنغان چىقىم يېزا- ئىگىلىك كىرىمنىڭ %15 دىن كۆپرەكىنى ئىشلەتكەنىدى. دىھقانلار ئالغان ئۇسۇلىنىڭ 2 دە 1قىسمىنى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە باج قىلىپ تاپشۇردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭ مالىيەسىدىكى قىزىل رەقەمنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭدا پۇل باسقاندىن باشقا، يەنە ئايرۇپىلان ئارقىلىق نۇرغۇن فابىي پۇلى يۆتكەپ كىلىپ، شىنجاڭنىڭ قەغەز پۇلىنى تىزدىن قىممىتىنى يوقاتتى. ئۇلار قەغەز پۇلىغا مەجبۇرىي مال سىېىۋېلىپ، بىراق خەلقنى باج ئورنىغا ئەمەلىي بويۇم تاشوزىشقا مەجبۇر بولدى. شىنجاڭ خەلقى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاستە ۋە ۋاستىلىق بۇلاڭ- تالاڭ قىلىش بىلەن سودا – سانائەت ساھەلىرىدە ئىشسىزلىق يۈز بىرىپ خەلقنىڭ تىرىكچىلىك قىلىشى قىيىنلاشتى. دېھقان –چارۋىچىلار ھەدەپ باشقا جايلارغا قىچىپ كەتتى. قىپ قالغانلار كۈنىنى غۇربەتچىلىكتە ئۆتكۈزۈپ ئاچ- توق ئۆتتى.
گومىنداڭ شىنجاڭدىكى يەرلىك ھاكىمىيەتلەرنىڭ نورمال ئايلىنىشىنى ساقلاش ئۈچۈن، چوقۇم ئاز سانلىق مىللەتكە يۇقىرى قاتلامدىكى فېئودال ۋە دىننىي زاتلارغا تايىنىشقا توغرا كىلەتتى. ئەمما، بۇ يۇقىرى قاتلامدىكى فېئودال دىننىي زاتلار گومىنداڭ ئۇلارغا بەرگەن ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، خەلقكە زالىملىق قىلىپ، ئۆز كۈمۈچىگە چوغ تارتقان. يەكەن ناھيىدىكى بۇجاۋجاڭ قىسقىغىنغا بىر قانچە يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە ئىگە بولغان بىرى 30 مودىن تىزلا 1500 غا كۆپەيگەن. يىزىلاردىكى باجاۋلارنىڭ ھېچقانداق باج- سىلىقى كەلمەيتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئۇرۇق- تۇققانلىرى ۋە گوماشتىلىرىمۇ ئازلاسلىقىنى ئۈستىگە ئالاتتى ياكى ئالىمايتتى. يىزىلاردىكى پومىچىكلار يەنە ئەمەلدارلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ سىلىغىنى دىھقانلارغا يۈكلەيتتى.
ئۇلار ئۆزىنىڭ بىرىنچى خىلدىكى يەرلىرىنى ئاشلىق تاپشۇرۇش دەپتىرىگە ئوتتۇرا ئۇسۇللۇق ياكى تۆۋەن ئۇسۇللۇق پەرقلىنىپ تىزىملىتىپ، دىھقانلارنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئۇسۇللۇق يەرلىرىنى يۇقىرى ئۇسۇللۇق يەر قىلىپ تىزىمغا ئالدۇراتتى. پومىچىكلار يەر قىلىپ تىزىمغا ئالدۇراتتى. پومىچىكلار يەر ئۆلچەيدىغان ئەمەلدارلارغا پار بىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ يەرلىرىنى كۆپ ئۆلچىتىپ ئاز مەلۇم قىلىپ، دىھقانلارنىڭ يەرلىرىنى ئاز ئۆلچەپ كۆپ مەلۇم قىلىپ، ئالغان ئۇسۇل كۆپ. غەللە-پەرەق ئاز بولۇش ياكى ئالغان ئۇسۇل ئاز غەللە پەرەق كۆپ بولۇشتەك ھادىسىلەرنى پەيدا قىلغان. ھەتتا ئالقانچىلىك يېرى بولمىسىمۇ، تولۇق باج تاپشۇرۇشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەن. بۇنداق مۇۋاپىق ئەھۋاللارنى يىزىلاردا دائىم كۆرگىلى بولاتتى. نۇرغۇن دىھقانلار باج تاپشۇرالمىغاچقا ئېسىپ ئۇرۇلغان. بەزىلىرى ناھەق ئۆلتۈرۈلگەن. يەنە بەزىلىرى باج-سىلىقنى تاپشۇرۇش ئۇيغۇن، يەرلىرىنى ساتقان ياكى يەرنى تاشلىۋىتىپ باشقا جايلارغا قىچىپ كەتكەن. نۇرغۇن دىھقانلارنىڭ سىلىقى بەك ئېغىرى ۋە ئىكىسپۇلاتاتىسىيە قىلىنىشىغا ئۇچرىغانلىقىدىن قەرزنى ئېلىپ تىرىكچىلىك قىلغان.
1946- يىلى 7- ئايدا ئېلان قىلىنغان ‹‹شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش پىرۇگراممىسى›› دا مۇنداق ماددىلار بار: ‹‹تېرىقچىلىق قىلىدىغان دىھقانلارنى يۆلەپ، يەر ھوقۇقىنى قوغداپ يەرنىڭ مەركەزلىشىپ كىتىشىدىن ساقلىنىپ دىھقانلاردا يەر بولۇش مەخسىتىگە يىتىش ئەمەلىيەتتە، بۇ بىر قورۇق قەغەز گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ باج – سىلىقلىرىنىڭ كۈنسايىن كوپۇيۈشىگە ئەگىشىپ، يەر ئەكسىيەتچى دىھقانلارغا يۈك بولۇپ قېلىپ، ئۇلار باج تاپشۇرۇش ئۈچۈن يەرلەرنى ساتقان. ‹‹ھاللىق ئوتتۇرا دىھقانلارمۇ يەر ساتقان›› شىنجاڭدىكى ماددىي ئەشيا باھاسىنىڭ بىلەن زور پەرقىنى شەكىللەنگەنلىكىنى شۇكى ‹‹يەر باھاسى تىز چۈشۈپ كىتىش›› ئەسلىدىكى بىرمۇ يۇقىرى ئۇسۇللۇق يەرنىڭ باھاسى 10 دىن 15 چاررەك گۇرۇچەن ئىككى چارەك گۈرۈچكە چۇشۈپ قالغان. ئوتتۇرا ئۇسۇللۇق بىرمۇ يەرنىڭ باھاسى 10-8 چارەك گۈرۈچتىن بىر 15 چارەك گۈرۈچكە چۈشۈپ قالغان. تۆۋەن ئۇسۇللۇق بىرمۇ يەرنىڭ باھاسى 6-5 چارەك گۈرۈچدىن يېرىم چارەك گۇرۇچقا چۈشۈپ قالغان. ئىمتىياز سىنېپتىكىلەر يىغىۋالغان يولىرىغا يەر سىتىۋىلىپ ئاز بولغانلىرى 10 مودىن كۆپلىرى بىر قانچە يۈز مودىن يەر سېتىۋىلىپ يەرنىڭ مەركەزلىشىش كۆلۈمى ۋە سۈرئىتى مىسلىسىز دەرىجىگە يەتكەن. دىھقانلار تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن، يەردىن باشقا كىرىمىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، كەلگەن. يەنى قول ھۈنەرۋەنچىلىك ياكى باشقا تىخنىكىسىغا تايىنىپ، قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەھسۇلاتىنى ئىشلەپ، ئاز- پاز پۇلغا ئىشلەپ تۇرمۇشقا ئىشلەتكەن. مەخسۇس قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسىپلىرىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۆپۈنچە رايونلارنىڭ 3 تە 2 پىرسەنتتىن كۆپرەك كارخانلاردا ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرى تولۇق ئەمەس ئىدى. ھەتتا مەخسۇس سايمانلىرىمۇ يوق ئىدى. بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ھال ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقىنى بىلگىلى بولاتتى.
3. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى
گومىنداڭ شىنجاڭدا مۇستەبىت ھاكىم مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزۈش ۋە قوغداش ئۈچۈن- كونىلىققا ئىسىلىپ ھەرقانداق زور ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بىرىشنى رەت قىلدى. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ئېقىمىغا ئۇچراپ بەرپات بولۇش ئالدىدا تۇرىۋاتقاندىمۇ، بۇرژىئازىيەنىڭ ساختا دىمۇكراتىيە سىياسىتى بىلەن خەلقنى ئالداپ كەلدى. بۇلار ئۇنىڭ سىياسىي جەھەتتە خەلق ئاممىسىنى ئۈنۈملۈك تەشكىللەپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى يېڭى تەلەپلىرىنى سىياسىي تۈزۈمىنىڭ رامكىسىغا كىرگۈزەلمەيدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇنىڭ ئەكسىيەتچىل يول تۇتىدىغانلىقىنى ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلغان بارلىق كۈچلەرنى ئۆز ھاكىمىيىتىگە بولغان تەھدىت دەپ قاراپ قوراللىق كۈچنى ئىشقا سېلىپ يوقۇتىدىغانلىقىنى شۇنداقلا گومىنداڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا مۇكەممەل ۋە مۇستەككەپ بولغان قانۇنلۇق ئاساسىنىڭ كەمچىللىكىنى بەلگىلىگەن. گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىق ئاساسىنىڭ ئاجىزلىقى، شىنجاڭدىكى فېئودال دىننىي كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۋېتىشىنى تىزلەتتى. بىرقا 20- ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىدا شىنجاڭدىكى ئاز ساندىكى ئىمتىيازغا ئىگە بولغانلار پۈتۈنلەي كونترۇل قىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي تەسىرى بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللى ئېڭى تولۇق ئويغۇتۇلدى. ئۇلارنىڭ سىياسىي ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە قىلىچمۇ ئورنىنىڭ يوقلىقى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل- يېزىق ۋە مەدەنىيەت ئادىتىدە روسلارنىڭ ئەركىنلىكى بىلەن پەرقلىنىدۇ. ھەمدە ‹‹ھەربىي ئىشلار ۋە مەمۇرىي جەھەتتىن›› ‹‹سانائەت ۋە تېخنىكا تەرەققىياتى جەھەتتە›› ‹‹روسلار بىلەن ئوخشاش باراۋەر ئەركىنلىكىگە ئىگە›› دىگەنلەر بىلەن كۈچلۈك پەرقلەندى. ‹‹ئابىستىراكىتلىقىدىن كۆرگىلى بولمايدىغان ماركىسىنىڭ جەلىپ قىلىدىغانلارنى، كونكىرىت ھەم كۆرگىلى بولىدىغان ماركىسىزىمچىلار تەرىپىدىن جەلىپ قىلىندى. ‹‹شىنجاڭدىكى كونا كۈچ گۆرھىدىن خەلق ئاممىسىنى بۇرۇنقىدەك خالىغانچە كونترۇل قىلالمىغاندا، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى قوراللىق كۈچىگە تايىنىپ خەلق ئاممىسىنى باستۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. بۇمۇ ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلغان كۈچلەرنىڭ مۇقەررەر ھالدا ئىلگىرككى تۈزۈمدىن باشقا شەكىل ئارقىلىق ئۆز تەلىپىنى بىلدۈرۈش ۋە ئۆز مەخسىتىگە يىتىشكە قستىدى.
شۇنىڭ بىلەن تەڭ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى ۋە تەسىرى تۈپەيلىدىن، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ پارتىلىشى ۋە راۋاجلىىشى ئۈچۈن تولۇق شەرت ھازىرلاندى. بۇنىڭدىن كېيىن، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى كۈچلۈك ھەربى كۈچكە تايىنىپ، خەلقنىڭ قارشىلىق غەزىپىنى ۋاقتىنچە بىسىقتۇرۇپ تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما، بىخلىغان ئېنېرگىيە قانچە كۆپ بولسا، پارتلاش كۈچىمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدىكى 100 مىڭ قوشۇنى قارشىلىق كۆرىشىدىن ۋاز كىچىش ما چىڭشاڭ، يېچىڭ، لۇشۇرىن قاتارلىق جاھىل ئونسۇرلارمۇ قوشۇنلىرىنى تاشلاپ، ئۆزلىرى چەت ئەللەرگە قېچىپ كىتىشدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى شۇكى ئەگەر ئۇلار يەڭگىللىك قىلىپ، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭغا يۈرۈش قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلسىلا چوقۇم خەلق ئۇرىشىنىڭ دېڭىزدا غەرق بولۇپ كىتەتتى. مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا، گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدىكى يۇقىرى بېسىملىق ھاكىم مۇتلەق سىياسىتى. شىنجاڭنى تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىش ئۈچۈن مۇھىم شەرتلەرنى ھازىرلاپ بەردى.
ئىزاھات:
[1] چىڭ شاۋبى تۈزگەن::«جۇاڭخۇا مىنگۇنىڭ تارىخىي ماتىرىياللىرىنىڭ ئەسلىدىكى نەشرى- ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىللىرى»نىڭ 7- نەشرى. ئۇرۇشتىن كېيىنكى جۇڭگو (-)، تەيبېي، «گومىنداڭ مەركىزى كومېتىتى» تۈزگن 1981- يىلدىكى نەشرى. 764-بەت.
[2] خۇاڭ جىيەنخۇانىڭ «گومىنداڭنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسەتلىرى ھەققىدە بايان» «غەربىي شىمال تارىخ جۇغراپىيىسى» 1994- يىلى 4- سانىدىن پايدىلاندى.
[3] سۇڭ شىليەننىڭ : «بۈركۈت گىنىرال- سۇڭ شىليەننىڭ بايان قىلغانلىرى»، جۇڭگو مەدەنىيەت تارىخ نەشرىياتى 1994- يىلدىكى 4- سانىدىن پايدىلاندى. 218- بەتتىن 220- بەتكىچە.
[4] تەيبېي: «جۇڭخۇا مىنگۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى» تۈزگەن :«سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭ ئىقتىسادىغا تاجاۋۇز قىلىش» 1950- يىلقى نەشرى. 142- بەتتىن 146- بەتكىچە.
[5] شۇماۋنىڭ :«جۇڭخۇا مىنگونىڭ سىياسىي تۈزۈم تارىخى»، شاڭخەي خەلق نەشرىياتى 1992- يىلقى نەشرى، 3- بەت.
[6] جاڭ جىجۇڭنىڭ: «تۆۋەنكى شىنجاڭ مەسىلىسى ۋە بىزنىڭ قارىشىمىز ۋە پوزىتسىيىمىز» «مىنگۇنىڭ 36- يىلى 3- ئاينىڭ 30- كۈنى شىڭيۈەندە ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە مەسئۇلى كادىرلىرىغا قىلغان سۆزى) جاڭ جىجۇڭنىڭ «70 يېشىمدىكى ئەسلىمە» (قوشۇمچە) ماي باسمىسى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى تارىخ تەتقىقات ئورنى ماتىرىياللار ئىشخانىسىدا ساقلانغان.
[7] شۇماۋنىڭ «جۇڭخۇا مىنگونىڭ سىياسىي تۈزۈم تارىخ»، 243-بەت.
[8] جۇڭگو 2- تارىخ ئارخىپخان ئارخىپى. سەي جىڭسۇڭنىڭ «شىڭ شىسەينىڭ شىنجاڭدىكى ۋاقىتلىرى» دىن ئېلىندى. خېنەن خەلق نەشرىياتى 1998- يىلقى نەشرى 90- بەتتىن 100- بەتكىچە.
[9] خۇاڭ جىيەنخۇانىڭ :«جاڭ جېشى ۋە شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» «جۇڭخۇا چېگرا رايون تارىخ- جۇغراپىيەسى تەتقىقاتى»، 1999- يىلى 4- سان. جۇڭگو خەلق ئونۋىرېستىتى گېزىت- ژۇرنال ماتىرىياللىرى كۆپەيتىش مەركىزى: »جۇڭگو ھازىرقى زامان تارىخى» 2000- يىلى 7- سان.
[10] چىڭ شاۋيى تۈزگەن «جۇڭخۇا مىنگۇنىڭ تارىخىي ماتىرىياللىرىنىڭ دەسلەپكى نوسخىسى ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلى» 13- نەشرى.
ئۇرۇش مەزگىلىدىكى دىپلوماتىيە (2)، تەيبېي، «گومىنداڭنىڭ مەركىزى كومېتىتى پارتىيە تارىخى ھەيئىتى» تۈزگەن 1981- يىلقى نەشرى. 1438- بەتتىن 440- بەتكىچە.
[11] جاڭ مىڭنىڭ «شىڭ شىسەينىڭ جاڭ جىشىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىشىدىكى ئىچكى سىرى» ‹‹شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر» 1985- يىلى 3- سان.
[12] جاڭ لىيەنخۇڭ: «گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى دىپلوماتىيە تەدبىر بەلگىلەش مىخانىزىمىسى ئۈستىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش» «يېقىنقى زامان تارىخى تەتقىقاتى» 1997- يىلى 12- سان.
[13] ۋۇجۇڭشىننىڭ «شىنجاڭدا خىزمەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلىش خاتىرىسى» (ئاخىرقى سان كۆپەيتىلمىسى) 1944- يىلى 8- ئاينىڭ 14- كۈنى؛ خۇاڭ جىيەنخۇانىڭ «ۋۇجۇڭشىننىڭ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىشى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبى» «قەشقەر دارىلمۇئەللىم ئىنىستۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 1996- يىلى 1- سان.
[14] ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئۆتكۈر سىياسىي تەشۋىقات ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، گومىنداڭ شىنجاڭدىكى فېئودال دىننىي كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن. بۇ ھەققىدە جاڭ جىجۇڭ: «گومىنداڭنىڭ دائىرلىرى ئۆز مەخسىتىگە يىتىش ئۈچۈن، ھېچقانداق ۋاستە تاللىماي يەرلىكتىكى چىرىك، كوتا كۈچلەر «بىلەن بىرلەشكەن» دەپ ئېتىلغان. جاڭ جىجۇڭنىڭ «نۆۋەتتىكى شىنجاڭ مەسىلىسى ۋە بىزنىڭ تۈپ قارشىمىز ۋە پوزىتسىيىمىز» مىنگۇنىڭ 136- يىلى 3- ئاينىڭ 30- كۈنى شىڭيۈەندە ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە مەسئۇل كادىرلىرىغا قىلغان سۆز.
[16] ۋۇجۇڭشىننىڭ «شىنجاڭدا خىزمەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلىش خاتىرلىرى» 1945- يىل 3- ئاينىڭ 9- كۈنى.
[17] جۇڭگو 2- ئارخىپخانىسى تۈزگەن ‹‹جۇڭخۇا مىنگۇ تارىخىي ئارخىپ ماتىرىياللىرى توپلىمىسى» بەشىنچى قىسىم 2- نەشرى. «سىياسەت» (4) جاڭسۇ قەدىمكى ئەسەرلەر نەشرىياتى 1998- يىلقى نەشرى، 812- بەتتىن 813- بەتكىچە.
[18] جاڭ جىجۇڭنىڭ «مىنىڭ ھەقىقىي جاۋابىم ۋە كەسكىن نىيىتىم» (1946- يىلى 10- ئاينىڭ 26- كۈنى) جاڭ جىجۇڭنىڭ «70 يېشىمدىكى ئەسلىمە» (قوشۇمچە)
[19] جاڭ جىجۇڭنىڭ «جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسى» 2- قىسمى. مەدەنىيەت تارىخ ماتىرىياللىرى نەشرىياتى 1985- يىلقى نەشرى 459-بەت.
[20] ۋۇجۇڭشىننىڭ «شىنجاڭدا خىزمەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلىش خاتىرىسى» 1945- يىلى 4- ئاينىڭ 10- كۈنى.
[21] يوركىن. دۇلەسنىڭ «كىچىككەن ئىنقىلاب- 1925- يىلدىن 1937- يىلغىچە جۇڭگو گومىنداڭنىڭ سىياسىي» 1969- يىلى گېرمانىيە نەشرى. 108- بەت. گاۋىيىنىڭ «جاڭ جيشى ۋە غەربىي شىمالدىكى تۆت ما فامىلىكلەر» ساقچى ئوفىتسىرلىرى مائارىپ نەشرىياتى 1993- يىلقى نەشرى 74- بەت.
[22] جۇڭگو 2- ئارخىپخانىسى تۈزگەن «جۇڭخۇا مىنگۇ تارىخى ئارخىپ ماتىرىياللىرى توپلىمى» 2- قىسىم 2- نەشرى «سىياسىي» (4) 802-بەت. خۇاڭ جىيەنخۇانىڭ «1943- يىلدىن 1949- يىلغىچە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قاراتقان سىياسىتى» «شىنجاڭ ئونۋىرېستىتى ئىلمىي ژۇرنىلى » 2002- يىلى 1- سان.
[23] خۇاڭ رىنيۈنىڭ «چوڭ تارىخىنىڭ نوختانەزىرىدىن تۇرۇپ جاڭ جېىشىغا خاتىرىنى ئوقۇتۇشى» 298-بەت.
[24] جاڭ جېشى شىڭ شىسەينىڭ گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىشى» «تۆۋە قىلىپ ھەقىقەتكە قايتىشى» «ياخشىلىققا ئۆزگىرىشى» «شىنجاڭنىڭ ئۇنىڭ پەرمانىغا بويسۇنۇشى» «ۋەتەن زىمىنىنىڭ پۈتۈنلەنگەنلىكى» دەپ ئاتىغان. جاڭ جېشىنىڭ بۇنداق قارىشىدىكى سەۋەپ شۇكى «مىللىتارستلار ئەزەلدىن ئۆزىنى مىللىتارىس دەپ قارىمايدۇ. مەركەزنىڭ ھوقۇقىنى قولغا ئىلۋالغان جاڭ جېشى ئۆزىنى ‹‹قانۇنلۇق» «دوستلۇق» نىڭ سىموۋۇلى دەپ قارىغان. باشقا مىللىتارس كۈچلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى جاڭ جېشىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا تەھدىت ۋە ئاپەت بولۇپ قالغان. خۇاڭ رىنيۈنىڭ «چوڭ تارىخىي نوقتىنەزەردە تۇرۇپ جاڭ جېىشى خاتىرىسىنى ئوقۇشى» 298-بەت. گاۋىينىڭ «جاڭ جېىشى ۋە غەربىي شىمالدىكى تۆت ما فامىلىكلەر»، 74- بەت.
[25] جاڭ جىجۇڭنىڭ «تۆۋەندىكى شىنجاڭ مەسىلىسى ۋە بىزنىڭ تۈپ قارىشىمىز ۋە پوزىتسىيىمىز» (مىنگۇنىڭ 36- يىلى 3- ئاينىڭ 30- كۈنى شىڭيۈەندى ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، مەسئۇل كادىرلىرىغا قىلغان سۆز)
[26] شىنجاڭ تىنچلىق ماددىلىرىنى نەخلەشتۈرۈشتە :«ھۆكۈمەت شىنجاڭ خەلقىگە ئىشىنىپ، شۇ جايدىكى زاتلارنى مەمۇرىي ئەمەلدارلىققا سايلاش ھوقۇقى بىرىلىدۇ» دىيىلگەن. خەلق رايى ئارقىلىق سايلام ئېلىپ بىرىشنى كونترۇل قىلالمىغان ئەھۋالدا جايلاردا تۇرۇشلۇق قىسىملەر پەردە ئارقىسىدىن، پەردە ئالدىغا ئۆتۈپ، سايلامغا ئارلىشىپ، خەلق ئاممىسىنى ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە ئۆز رازى بولغۇدەك «مەمۇرىي ئەمەلدارلار» نى سايلاشقا مەجبۇر بولدى. جاڭ جىجۇڭ ھەربىيلەرنىڭ سىياسىغا ئارلىشىشىغا قايتا- قايتىلاپ قارشى چىقتى. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ قارشى تۇرغىنى ھەربىيلەرنىڭ سىياسىغا ئاشكارە ئارلىشىشى بولۇپ، ئەمما قىممىتىنىڭ «پەردە ئارقىسىدا تۇرۇش» «پەردە ئارقىسىدا پىلانلاش» ئارقىلىق ئەمەس ئىدى. پەقەتلا «ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئىش قىلىش تاكتىكىسىنى ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇشتىن» لا دېرەك بىرەتتى. جاڭ جىجۇڭنىڭ «نۆۋەتتىكى شىنجاڭ مەسىلى ۋە بىزنىڭ تۈپ قارىشىمىز ۋە پوزىتسىيىمىز» (مىنگۇنىڭ 36- يىلى 3- ئاينىڭ 30- كۈنى يىشڭيۈەندە ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە مەسئۇل كادىرلىرىغا قىلغان سۆز)
[27] جاڭ جىجۇڭنىڭ «نۆۋەتتىكى شىنجاڭ مەسىلىسى ۋە بىزنىڭ تۈپ قارىشىمىز ۋە پوزىتسىيىمىز» (مىنگۇنىڭ 36- يىلى 3- ئاينىڭ 30- كۈنى شىڭيۈەندى ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە مەسئۇل كادىرلىرىغا قىلغان سۆز)
[28] شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپخانا ئارخىپى:سىياسىي 1- 3- 9- [29] «شىنجاڭنىڭ يېزا جەمئىيتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980- يىلقى نەشرى. 50- بەت.
[30] . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . 112- بەت.
[31] «. . . . . . . . . . . » بىرىنچى قىسىم. 82- بەت.
[32] «شىنجاڭ يېزا جەمئىيتى»، 44- بەت.
[33] ئوۋىن لانمېرنىڭ «ئاسىيا تۈگۈنى: شىنجاڭ ۋە جۇڭگو ئىچكى ئاسىيا چېگرا رايونى» 85- 178- دىن 179- بەتكىچە.
[34] چىڭخى: «ئېلى ئۆزگۈرۈش خاتىرلىرى» 11- بەت.
[35] ج ك پ مەركىزى كومېتىتى شىنجاڭ بىرۇسى تەشۋىقات بۆلۈمى تۈزگەن «شىنجاڭ جەمئىيتى تەكشۈرۈش» 1951- يىلى قوشۇن باسمىسى، 39- بەت.
[36] [37] شىنجاڭ ئارخىپخانا ئارخىپى:
سىياسىي: 2- 415
[38] ‹‹جەنۇبىي شىنجاڭ يىز جەمئىيتى» 144- بەت.
[39] جاڭ جىجۇڭنىڭ «جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىلىرى» 2- قىسىم 473- بەت.
[40] «جەنۇبىي شىنجاڭ يېزا جەمئىيىتى» 44- بەت.
چارەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، جىن داچۈن ئەپەندىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغان. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى جايلارنىڭ چارەك ئۆلچىمى ئوخشاشمايدۇ. 1 چارەك 16 جىڭگە تەڭ ھىسابلانغان جايلاردىن خۇنەن، قاراقاش، گۇما قاتارلىق جايلار بار. 20 جىڭگە تەڭ ھىسابلايدىغان جاي كونا شەھەر. 24 ۋە 25 جىڭ ھىسابلايدىغان جاي ئاقسۇ، كۇچا: جىن داجۈنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ كونا ئۆلچەم تۈزۈمى ئۈستىدە ئىزدىنىش» يېڭىچە تۈزگەن «شىنجاڭ ئىقتىساد تەرەققىيات تارىخى تەتقىقاتى» 2- قىسىم. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1995- يىلى نەشرى.
[42] «جەنۇبىي شىنجاڭ يېزا جەمئىيتى»
45- بەت: «شىنجاڭ جەمئىيەت تەكشۈرۈشى» 27- بەت.
[43] «جەنۇبىي شىنجاڭ يېزا جەمئىيتى»
171- بەت.
[44] لاتمىر يېزىپ، ساۋگويخىڭ تەرجىمە قىلغان «ئاسىيانىڭ تەدبىر بەلگىلىشى» سۇدا باسمىخانىسى 1962- يىلى نەشرى 89- بەت.
ئاساسلىق پايدىلانغان ماتىرىياللار:
1. ئارخىپ
1) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپخانا سىياسىي تۈردىكى ئارخىپ.
2. شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تارىخ ئورنى ماتېرىيال ئىشخانىسىدا ساقلانغان ئارخىپلاردىن كۆچۈرۈلدى.
3. جۇڭگو 2- تارىخى ئارخىپخانىسى تۈزگەن «جۇڭخۇا مىنگو تارىخ ئارخىپخانىسى ماتىرىياللىرى توپلىمى»
5- قىسىم 1- نەشرى «سىياسىي» (5) جاڭسۇ قەدىمكى ئەسەرلەر نەشرىياتى 1944- يىلى نەشرى.
5- قىسىم 2- نەشرى «سىياسىي» (4) جىياڭسۇ قەدىمكى ئەسەرلەر نەشرىياتى 1998- يىلى نەشرى.
5- قىسىم 1- نەشرى «مەدەنىيەت» (2) جاڭسۇ قەدىمكى ئەسەرلەر نەشرىياتى. 1994- يىلى نەشرى.
4. چىڭ شاۋيى تۈزگەن «جۇڭخۇا مىنگونىڭ مۇھىم تارىخى ماتىرىياللىرى دەسلەپكى نەشرى- ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلى»
داۋامىنى تۈزگۈچى تەيبېي، «گومىنداڭنىڭ مەركىزى كومېتىتى» تۈزۈپ 1990- يىلى نەشرى. 2- قىسمى ئۇرۇش قىلىش جەرىيانى 1981- يىلى نەشرى. 3- قىسمى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى دىپلۇماتىيە، 1981- يىلى نەشرى.
4- قىسمى قورچاق تەشكىلات، 1981- يىلى نەشرى.
7- قىسمى ئۇرۇشتىن كېيىنكى جۇڭگو 1981- يىلى نەشرى.
5. جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى تارىخ تەتقىقات ئورنى 3- پونكىتى نەنجىڭ تارىخى ماتىرىياللىرىنى رەتلەپ بىر تەرەپ قىلىش نەشرى: «جۇڭگو ھازىرقى زامان سىياسىي تارىخى ماتىرىياللىرى توپلىمى» 4- قىسمى (1946- يىلدىن 1949- يىلغىچىە) 1961- يىلى ماي باسمىسى.
6. چىڭ جىچى تۈزگەن:«جۇڭخۇا مىنگۇ تاشقى ئىشلار تارىخى ماتىرىياللىرى توپلىمى» تەيبېي بۇ خەيتاڭ مەدەنىيەت شىركىتى 1996- يىلى نەشرى.
7. يەتبېي: «مەركىزى تەتقىقات ئاكادىمىيىسى» تۈزگەن «جۇڭگو –روسىيە مۇناسىۋىتى تارىخىي ماتىرىياللىرى- شىنجاڭ چېگرا مۇداپىيەسى، (جۇڭخۇا مىنگۇنىڭ 6- يىلىدىن 8- يىلىغىچە» 1961- يىلى نەشرى.
8. چىڭ چۈەنخۇا تەرجىمە تەرجىمە قىلغان ‹‹سىتالىق بىلەن جاڭ جىڭگۇنىڭ سۆھبەت خاتىرىسى (1945- يىلى 12- ئايدىن 1946- يىلى 11- ئايغىچە»
ج ك پ مەركىزى كومېتىتى پارتىيە تارىخىي تەتقىقات ئىشخانىسى، مەركىزى كومېتىتى پارتىيە تارىخىي تەتقىقات ئىشخانىسى، مەركىزى ئارخىپخانا، مەركىزى پارتىيە تارىخى نەشرىياتى تۈزگەن «ج ك پ تارىخى ماتىرىياللىرى» 61- نەشرى. 1997- يىلى 3- ئاي.
2. كىتاب ماتىرىياللىرى
خەنزۇچە(1)
1. چىڭگىزنىڭ ‹‹غۇلجا ۋەقەسى خاتىرىسى» جىڭجۇڭ كىتاب ئىدارىسى 1949- يىلى نەشرى.
چۈمىنيى: «شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەن دوكلاتى» ماي باسمىسى، گەنسۇ ئۆلكىلىك كۆتۈپخانىدا ساقلانغان.
3. ۋۇگېچىڭ: «شىنجاڭ ساياھەت خاتىرىسى» سودا باسمىخانىسى 1935- يىلى نەشرى.
4. جاڭ چۈەنجاڭ:«شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش نەزەرىيىسى» جىجۇڭ كىتاب ئىدارىسى 1937- يىلى نەشرى.
5. گۇاڭجۇ :«گومىنداڭ ئەسلىمىسى» تەيبېي، ۋىنشىڭ نەشرىياتى 1964- يىلى نەشرى.
6. ياڭ زىڭشىن: «ئىتىقپار ھۇجرىسىدا يېزىلغان مەكتۇپ».
7. ياڭ زىڭشىن: «ئىتىقپار ھۇجرىسىدا يېزىلغان مەكتۇپنىڭ داۋامى»
8. ياڭ زېڭشىن :«ئىتىقپارە ھۇجرىسىدا يېزىلغان خاتىرە» 9. ياڭ زېڭشىن: «ئىتىقپارە ھۇجرىسىدا يېزىلغان خاتىرە».
10. شىڭ ۋىنۋۇ: «جۇڭگونىڭ غەربىي يۇرتتىن ئىدارە قىلىش تارىخىي» شاڭخەي سۇدا باسمىخانىسى، 1936- يىلى نەشرى.
11. ۋاڭكې: «مىللەت ۋە دۆلەت- جۇڭگو كۆپ مىللەتلەر بىرلىككە كەلگەن دۆلەت ئىدىيىسى سىستېمىسى» جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى 2001- يىلى نەشرى.
12. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش تارىخىي تەزكىرىسى ھەيئىتى ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش تارىخىي تەزكىرىسى ھەيئىتى تۈزگەن «شىنجاڭنىڭ قاتناش يولى قاتناش تارىخىي» بىرىنچى قىسىم. خەلق نەشرىياتى 2001- يىلى نەشرى.
13. ۋاڭ تەييا تۈزگەن «جۇڭگو ۋە چەت ئەللەر كونا كىلىشىملەر توپلىمى» 3- قىسمى ئۈچ بىرلەشمە كىتابخانىسى 1962- يىلى نەشرى.
14. جاڭ داجۈن: «شىنجاڭنىڭ بوران-چاپقۇنلۇق 70 يىلى» تەيبېي لەنشى نەشرىياتى 1980- يىلى نەشرى.
15. شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيسى تارىخى ئورنى تۈزگەن «شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخىي» 3- قسىمى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1987- يىلى نەشرى.
16. بەيى چىنشىڭ. [ياپۇنىيە] لى يۈەنشىڭ مەسئۇل بولۇپ تۈزگەن «شىنجاڭنىڭ ھازىرقى زامان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تارىخى» جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى 1992- يىلى نەشرى.
17. سەي جىڭسۇڭ: «شىڭ شىسەينىڭ شىنجاڭدىكى ۋاقىتلىرى» خېنەن خەلق نەشرىياتى 1998- يىلى نەشرى.
18. جۈپېيمىن:«شىنجاڭنىڭ ئىنقىلابى تارىخى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1993- يىلى نەشرى.
19. لىشىڭ «شىنجاڭ سوۋېت ئىتتىپاقى (روسىيە) سودا تارىخى (1600- 1990)» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1993- يىلى نەشرى.
20. شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخى تەزكىرىسى ھەيئىتى تۈزگەن «شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخى» مىللەتلەر نەشرىياتى 1998- يىلى نەشرى.
21. شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخى تەزكىر ھەيئىتى تۈزگەن «شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى رەھبەرلىرىنىڭ پارتىيە مەركىزى كومېتىتىغا قىلغان دوكلاتى ۋە ھۈججەتلەر توپلىمى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1995- يىلى نەشرى.
22. ش ئۇ ئا ر پارتىيە تارىخى خىزمىتى كومېتىتى قاتارلىق تارماقلار تۈزگەن «شىنجاڭنىڭ تىنچلىق بىلەن ئازات بولۇشى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1990- يىلى نەشرى.
23. شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخىي تەزكىر ھەيئىتى تۈزگەن «شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى زور ئىشلار خاتىرىسى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1994- يىلى نەشرى.
24. گاۋيى: «جاڭ جېشى ۋە غەربى شىمالدىكى تۆت ما فامىلىلىك» ساقچى ئوفىتسېر مائارىپى نەشرىياتى 1993- يىلى نەشرى.
25. جاڭ جىجۇڭ: «جاڭ جىجۇڭ ئەسلىمىسى»
مەدەنىيەت تارىخىي ماتىرىياللىرى نەشرىياتى 1985- يىلى نەشرى.
26. يۈشىنباڭ :«جاڭ جىجۇڭ ۋە جۇڭگو كومىنىستىك پارتىيىسى- جاڭ جىجۇڭنىڭ مەخپىيەت كاتىپىنىڭ ئەسلىمىسى» جىلىن مەدەنىيەت تارىخ نەشرىياتى 1992- يىلى نەشرى.
27. يۈشىنباڭ :«جاڭ جىجۇڭ ۋە جۇڭگو كومىنستىك پارتىيىسى- جاڭ جىجۇڭنىڭ مەخپىيەت كاتىپىنىڭ ئەسلىمىسى» پارتىيە مەركىزى كومېتىتى پارتىيە مەكتىپى نەشرىياتى 1991- يىلى نەشرى.
28. جۇكۈنتىيەن : «ئۈچ مەسلىك چېگرا رايون سىياسىتى» تەيبېي «مەركىزى مەدەنىي يادىكارلىقلىرى تەمىنلەش ئورنى» 1984- يىلى نەشرى.
29. جۇكۇنتىيەن: «چېگرا رايونغا قارىتىلغان سىياسەت تەتقىقاتى»، تەيبېي، مۇڭغۇلىيە شىزاڭ ھەيئىتى تۈزگەن، 1962- يىلى نەشرى.
30. ۋۇشاۋلىڭ: «شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى».
31. بۇرھان: «شىنجاڭدىكى 50 يىل»
32. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كىڭەش مەدەنىيەت تارىخ ماتىرىياللىرى كومېتىتى تۈزگەن «شىنجاڭ مەدەنىيەت تارىخى» ماتىرىياللىرى تاللانمىسى».
2- قىسىم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1979- يىلى نەشرى.
5- قىسىم شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1979- يىلى نەشرى. 6- قسىم. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980- يىلى نەشرى.
33. زوڭتۇڭ جاڭ جېشىنىڭ ئىدىيە ئىشلىرى توپلىمى»، تەيبېي«گومىنداڭ مەركىزى كومىتىېتى پارتىيەى تارىخىي كومېتىتى» 1984- يىلى نەشرى.
94. [ئامېرىكا] چى شىتىشىڭ تۈزگەن، ياڭ يۈنزۇ، شايەنجۇڭ تەرجىمە قىلغان «جۇڭگونىڭ مىللىتارستلىق سىياسىي (1916- 1929)» جۇڭگو خەلق ئونۋېرىستىتى نەشرىياتى 1991- يىلى نەشرى.
5. خۇاڭ شاۋخۇڭ: «50 يىللىق ئەسلىمە». يولۇ نەشرىياتى 1999- يىلى نەشرى.
36. تەيبېي «جۇڭخۇا مىنگۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى» تۈزگەن«سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭ ئىقتىسادىغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق قىلىش؛ 1950- يىلى نەشرى.
37. [ياپۇنىيە] كۈفۈكويئېر : «زۇڭتۇڭ جاڭ جېيشىنىڭ مەخپىيەتلىكى- جۇڭگو ياپۇنىيەنىڭ 80 يىللىق مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى دەلىل ئىسپات» تەيبېي، مەركىزى گېزىت ئىدارىسى تەرجىمە قىلىپ باسقان 1976- يىلى نەشرى.
39. [ئامېرىكا] خۇاڭ رېىنيۇ: «چوڭ تارىخىي نوقتىئىينەزەردە تۇرۇپ جاڭ جېشى خاتىرىسىنى ئوقۇشى» جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيسى نەشرىياتى 1998- يىلى نەشرى.
39. جاڭ جىڭگۇ:«بوران- چاپقۇندىككى جىمجىتلىق» تەببېي. لىمىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى شىركىتى 1977- يىلى نەشرى.
40. شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تەزكىر ھەيئىتى تۈزگەن «شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى خاتىرىسى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1994- يىلى نەشرى.
41. شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخىي تەزكىر ھەيئىتى تۈزگەن «شىنجاڭ ئۈز ۋىلايەت ئىنىقىلابى رەھبەرلىرىنىڭ پارتىيە مەركىزى كومېتىتىغا قىلغان دوكلاتى ۋە ھۈججەتلەر تاللانمىسى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1995- يىلى نەشرى.
42. ج خ مىنىستىرلىكى ئارخىپخانىسى تۈزۈپ ئىزاھات بەرگەن «جاڭ جېىشنىڭ يىنىدا تۇرغان 8يىل – كوكوش ئىشخانىسىنىڭ ئالى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى تاڭزۇڭ خاتىرىسى؛ ئاممىۋى نەشرىياتى 1992- يىلى نەشرى.
43. «شىڭ شىسەينىڭ شىنجاڭغا ئاپەت كەلتۈرۈش خاتىرىسىنىڭ 2- قىسمى. 1945- يىلى ماي باسمىسى.
44. تاۋباۋشى تۈزگەن:«مىنگۇدىكى ۋۇجۇڭشىن ئەپەندىنىڭ تەرجىمالى» تەيبېي، سودا باسمىخانىسى 1998- يىلى نەشرى.
45. «شىنجاڭداتۈرمىگە ئۇۋاللىق بىلەن تاشلىنشنىڭ ئالدى كەينى» نى يېزىش گۇرۇپپىسى: «شىنجاڭدا تۈرمىگە تاشلىنشنىڭ ئالدى- كەينى» جۇڭگو ياشلار نەشرىياتى 1990- يىلى نەشرى. 46. جاڭ شەنۋىن تۈزگەن: «جۇڭخۇا مىنگو تارىخى پىرۇگراممىسى»، خېنەن خەلق نەشرىياتى 1985- يىلى نەشرى.
47. تاۋسىياۋ: «تاۋسىياۋنىڭ بايان قىلغانلىرى» خۇنەن خەلق نەشرىياتى 1985- يىلى نەشرى.
49. شۈشۈن:«مەنچىلىك» جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى 1998- يىلى نەشرى
49. «ئىنقىلابى ماتىرىياللار 69-، 70- نەشرى. تەيبېي «گومىنداڭ مەركىزى كومېتىتى پارتىيە تارىخى ماتىرىياللىرى تەزكىر ھەيئىتى» 1979- يىلى نەشرى.
50. جاڭ جىجۇڭ :«70 يىللىق ئەسلىمە» (قوشۇمچە) ماي باسمىسى.
51. شىنجاڭ مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى يىقىنقى زامان تارىخىي ئىشخانىسى تۈزگەن «شىنجاڭ ئىنقىلابى تارىخىي پايدىلىنىش زىيان ماتىرىياللىرى توپلىمى» (2) 1981- يىلى نەشرى.
52. ۋاڭ يۈنۋۇ مەسئۇل بولۇپ تۈزگەن « »
53. گۇجى:«شىنجاڭدىكى قانلىق جەڭ»
تەيبېي، شىنۋىن كىتاب ئىدارىسى 1986- يىلى نەشرى.
54. F. C چۇس يازغان. فودەن ئونۋېرىستىتى چەت ئەل تىلى فاكۇلتىېتى تەرجىمە قىلغان «1942- يىلى 1946- يىلغىچە بولغان يىراق شەرقىي» شاڭخەي تەرجىمە ئەسەرلەر نەشرىياتى 1979- يىلى نەشرى.
55. سۇڭشىليەن: «بۈركۈت گىنىرال- سۇڭشىليەننىڭ بايان قىلغانلىرى» جۇڭگو مەدەنىيەت تارىخى نەشرىياتى 1986- يىلى نەشرى.
56. [ئامېرىكا] گاۋ ۋۇلۇڭ يازغان لىيۇجىي قاتارلىقلار تەرجىمە قىلغان «رىقابەتچى ۋە ئىتتىپاقداش» ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى 1992- يىلى نەشرى.
57. لانمېر يازغان ساۋۋيخىڭ تەرجىمە قىلغان «ئاسىيانىڭ تەدبىر بەلگىلىشى» سودا باسمىخانىسى 1962- يىلى نەشرى.
58. شۇماۋ: «جۇڭخۇا مىنگۇڭنىڭ تۈزۈمى تارىخى».
شاڭخەي خەلق نەشرىياتى 1992- يىلى نەشرى.
59. چىڭلى:«غۇلجا ۋەقەسى خاتىرىسى» چىڭجۇڭ كىتاب ئىدارىسى 1949- يىل نەشرىياتى ياكى 60 ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومېتىتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار تۈزگەن. شىنجاڭنىڭ يېزا جەمئىيىتى» يېزا ئوقۇشلۇقلىرى نەشرىياتى 1989- يىلى نەشرى.
61. «جەنۇبىي شىنجاڭ يېزا جەمئىيىتى»
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980- يىلى نەشرى.
62. ج ك پ مەركىزى كومېتىتى شىنجاڭ بىرۇسى تەشۋىقات بولۈمى تۈزگەن ‹‹شىنجاڭ جەمئىيتىنى تەكشۈرۈش» 1951- يىلى ماي باسمىسى .
63. ش ئۇ ئا ر ژورنال تۈزۈش گۇرۇپپىسى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تارىخىنى تەكشۈرۈش» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1985- يىلى نەشرى.
64. «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى» نى يېزىش گۇرۇپپىسى: «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخىي» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1989- يىلى نەشرى.
65. يۇ چىنگۇي: «جۇڭگودىكى تارىخىدىن بۇيانقى ھاكىمىيەت ۋە ئىسلام دىنى» نىڭشىيا خەلق نەشرىياتى 1996- يىلى نەشرى.
66. جاڭ شىنڭزۇ مەسئۇل بولۇپ تۈزگەن «دىن ۋە مىللەت» جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيسى نەشرىياتى 1997- يىلى.
67. شاڭچىڭ : شى جىنخۇ مەسئۇل بولۇپ تۈزگەن «سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە جۇڭگو ئىنقىلابى» مەركىزى كو تەرجىمە قىلىش نەشرىياتى 1994- يىلى نەشرى.
69. شى بۇلىن :«غۇربەتچىلىكتىكى مىزان ئىتقتىسادىي» خېنەن خەلق نەشرىياتى 1993- يىلى نەشرى.
69. ۋۇجۇڭشىن :«شىنجاڭدا خىزمەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلىش خاتىرىسى» (ئاخىرقى ژۇرنال كۆپەيتىلمىسى) شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى تارىخى ئورنى ماتېرىيال ئىشخانىسىدا ساقلانغان.
70. جاڭ جۇڭجىڭجىن: «سوۋېت ئىتتىپاقى روسىيە جۇڭگۇدا- جۇڭگو ۋە روسىيە» نىڭ 30 يىللىق تارىخى خاتىرىسى.
تەيبېي، لىمىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى شىركىتى 1982- يىلى نەشرى.
71. مەملىكەتلىك سىياسىي كىڭەش مەدەنىيەت تارىخىي ماتىرىياللىرى كومېتىتى تۈزگەن «جۇڭخۇا مەدەنىيەت تارىخى ماتىرىياللىرى ئامبىرى» 6- قىسىم، جۇڭگو مەدەنىيەت تارىخى نەشرىياتى 1996- يىلى نەشرى. 72. گۇدېخۇڭ مەسئۇل بولۇپ تۈزگەن «كومىنىستىك ئېنتىرناتسىئۇل سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى تەتقىقات بايانلىرى» ج ك پ پارتىيە تارىخى نەشرىياتى 1996- يىلى نەشرى.
73. تەيبېي، تىيەنسى نەشرىياتى تۈزگەن «لۇجالۇننىڭ خاتىرە ماتىرىياللىرى» 1985- يىلى نەشرى.
74. تەيبېي، تىيەنسىي نەشرىياتى تۈزگەن «ۋاڭ شىجەينىڭ خاتىرە ماتىرىياللىرى» 1985- يىلى نەشرى.
75. تاۋۋىنجاڭ، ۇاڭ كۈيسۇڭ، ۋاڭ جىيەنمىڭ: «جۇڭگونىڭ تاشقى مۇناسىۋىتى»، ج ك پ پارتىيە تارىخىي نەشرىياتى 1995- يىلى نەشرى.
76. خېيۇەن :«ئۈچ مەسلىك ۋە جۇڭگونىڭ سىياسىي» ئىجتىمائىي پەنلەر ماتىرىياللىرى نەشرىياتى 1995- يىلى نەشرى.
77. ۋاڭ شىنزۇ مەسئۇل بولۇپ تۈزگەن «خەلقئارا مۇناسىۋىتى تارىخىي» دۇنيا بىلىملىرى نەشرىياتى 1995- يىلى نەشرى.
78. ۋۇفۇجاڭ تۈزگەن «شىئەن ۋەقەسىدە تۆت كۆزۈم بىلەن كۆرگەنلىرى» جۇڭگو مەدەنىيەت تارىخى نەشرىياتى 1996- يىلى نەشرى.
79. گۇيسەنيى «يىقىنقى زامان جۇڭگو تارىخىي پىرۇگراممىسى» شياڭگاڭ، جۇڭگو ئەدەبىياتى ئونۋېرىستىتىدكى نەشرىياتى 1980- يىلى نەشرى.
80. «ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك ۋە قالايمىقانچىلىقتا دۆلەت قۇرۇش ھەركىتى» دەۋرى نەشرىياتى 1947- يىلى نەشرى.
3. ماقالىلەر
1. يۈيسۈيې: «شىنجاڭ مەسىلىسىدىكى تۈگۈنلەر» «يېڭى ئاسىيا» 1994- يىلى 7- توم 5- سان.
2. سېڭ يىڭگىن: «ئەنگلىيە، روسىيە ۋە ياپۇنىيە تالاش- تاتىش ئاستىدىكى شىنجاڭ مەسىلىسى» «يېڭى ئاسىيا» 1935- يىلى 9- توم 2- سان.
3. زۇڭزېي : «جۇڭگولۇقلار شىنجاڭدىكى خىرىسقا سەل قارىماڭلار» (1) «غەربىي شىمال ئوبزور مۇنبىرى» 1935- يىلى 2- توم 2- سان.
4. گۇۋېيپىڭ:«جەنۇبى شىنجاڭ ۋەقەسى ۋە جاھانگىرلارنىڭ شىنجاڭغا تاجاۋۇز قىلىشىنى تەھلىل قىلىشى» «غەربىي شىمال مەسىلىسى تەتقىقات جەمئىيتى ژۇرنىلى» 1934- يىلى 1- توم 1- سان.
5. لىۇشىي «شىنجاڭنى قۇرۇشتا ئاۋال ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلىلەر»، «چېگرا رايون ئىشلىرى تەتقىقاتى» 1935- يىلى 1- توم 5- سان. 6. دىڭ زويشىن: «شىنجاڭنىڭ ھالىتىنى قانداق ئۆزگەرتىش كېرەك» «تۈركى» 1937- يىلى 4- توم 3- 4- سان.
7. يۇچۇجى: «شىنجاڭدا بوز يەر ئۆزلەشتۇردۇق ۋە بۇندىن كېيىنكى پىلان» «يىڭى ئاسىيا» 1931- يىلى 2- توم 1- سان.
8. چىڭ يەنجى: «ياڭ زىڭشىننىڭ شىنجاڭنىڭ مالىيە خىرىسىنى قانداق پەسەيتكەن».
«شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر» 1989- يىلى 1- سان.
9. راسىن تەرجىمە قىلغان «شىنجاڭ قىزىلىشىپ كىتىشنىڭ بىر تەرەپ» «غەربىي شىمال ئوبروز مۇنبىرى» 1995- يىلى 2- توم 2-سان.
10. تاڭ شۇ تاۋ: «شىنجاڭنى ئىچىشتىكى ئىككى تۈپ مەسىلە» «غەربىي شىمالنى ئىچىش» 1935- يىلى 3-توم 14- سان.
11. ياڭ زەنشۇ «شىنجاڭنىڭ ئوقەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولغان قاراشلىرىم» «غەربىي شىمالنى ئىچىش» 1934- يىلى 1- توم 1- سان.
12. جاڭ بىنلى: «ياپۇنىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە پىلانى ۋە جۇڭگونىڭ غەربى شىمال مەسىلىسى» «غەربىي شىمال مەسىلىسى» 1934- يىلى 1- توم 1- سان.
13- شۈبې شەنتىيەن : ئۇرۇشىدىن كېيىنكى شەرقىي شىمال مەسىلىسى ۋە جۇڭگو سوۋېت ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ يۈزلىنىشى «يىقىنقى زامان تارىخىي تەتقىقاتى» 1996- يىلى 1- سان.
14. گاۋسۇلەن: «شىڭ شىسەينىڭ شىنجاڭدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش جەريانى (مىنگۇنىڭ 19- يىلىدىن 23- يىلغىچە)»، تەيبېي، «دۆلەت تارىخى يۇرتى ژۇرنىلى» 1997- يىلى 6- ئاي نەشرى.
15. دىڭ لىچۈن: «شىنجاڭ تىنچلىقق بىلەن ئازات بولغاندىن كېيىن- جۇڭگو سوۋېت ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ بىر بېتى» «يىقىنقى زامان تارىخىي تەتقىقاتى» 1989- يىلى 5- سان 16- شىن جىخۇا: «جۇڭگو سوۋېت ئىتتىپاقداشلىقى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشى (1944- يىلدىن 1950- يىلغىچە» «يىقىنقى زامان تارىخى تەتقىقاتى» 1999- يىلى 3-سان.
17. جاۋمىڭ : «شىڭ شىسەينىڭ ئۆزىنى جاڭ جېشىنىڭ قوينىغا ئېتىش سىرى» «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر» 1985- يىلى 3- سان.
18. جاڭ لىيەنخۇڭ: «گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى تاشقى ئىشلار تەدبىر بەلگىسىدە مىخانىزىمى ئۈستىدە دەسلەپككى ئىزدىنىش»، «يىقىنقى زامان تارىخى تەتقىقاتى» 1997- يىى 2- سان.
19. جى داچۈن : «ئۇيغۇرلارنىڭ كونا ئۆلچەم تۈزۈمى ئۈستىدە ئىزدىنىشى» زەي يىڭچىڭ مەسئۇل بولۇپ تۈزگەن «شىنجاڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلىش تارىخى تەتقىقاتى» 2- قسىم شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1995- يىل نەشرى.
20. خۇاڭ جىيەنخۇا: «جاڭ جېىشى ۋە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» «جۇڭگو چېگرا رايون تارىخ جۇغراپىيىسى تەتقىقاتى» 1999- يىلى 4- سان، جۇڭگو خەلق ئونۋېرىستىتى گېزىت ماتىرىياللىرىنى كۆپەيتىش مەركىزى تۈزگەن «جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان تارىخى» 2000- يىل 7- سان.
21. جۇاڭ جىيەنخۇا : «ۋۇجۇڭشىن بىلەن جاڭ جېشىنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسى ئۈستىدىكى ئىنقىلابى» «شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 1999- يىلى 4- سان.
22. خۇڭ جىيەنخۇا :«ئۈرۈمچى تنچلىق سۆھبىتىدىن ئىلگىركىك سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان شىنجاڭ مەسىلىسىگە ئائىت سۆھبەت» «غەربىي شىمال تارىخى جۇغراپىيەسى» 1996- يىلى 1- سان.
23. خۇاڭ جىيەنخۇا : «گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسەتلىرى ھەققىدە بايان»، «غەربىي شىمال تارىخىي جۇغراپىيىسى» 1994- يىلى 4- سان.
24. خۇاڭ جىيەنخۇا :«ياڭ زىڭشىننىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سىياسىتى» «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئوبروز مۇنبىرى» 1999- يىلى 4- سان.
25. خۇاڭ جىيەنخۇا: «جىن شۇدىن دىلۇسىنى تەھلىل قىلىش» «قەشقەر دارىلمۇئەللىم ئىنىستۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 1994- يىلى 4- سان.
26. خۇاڭ جىيەنخۇا: «ۋۇجۇڭشىننىڭ خىزمىتىدىن ئىستىپا بىرىش ۋە ئۇنىڭ سەۋەبى» «قەشقەر دارىلمۇئەللىم ئېنىستۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 4- سان.
27. خۇاڭ جىيەنخۇا: «ۋۇجۇڭشىن ۋە مەسۋىت» «قەشقەر ئىنىستۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 1996- يىلى 3- سان.
29. خۇاڭ جىيەنخۇا : «1943- يىلدىن 1949- يىلغىچە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىدە سوۋېت ئىتتىاقىغا قاراتقان سىياسىتى» «شىنجاڭ ئونۋېرىستىتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 2000- يىلى 1- سان.
29. خۇاڭ جىيەنخۇا: «گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبى» «شىنجاڭ دارىلمۇئەللىم ئونۋېرىستتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 2002- يىلى 2- سان.
30. خۇاڭ جىيەنخۇا: «شىمال مىللىتارس ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قاراتقان سىياسىتى» «غەربىي شىمال تارىخ جۇغراپىيىسى» 1999- يىلى 4- سان جۇڭگۇ خەلق ئونۋىرىستىتى گېزىتى ماتىرىياللارنى كۆپەيتىش مەركىزى تۈزگەن «جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان تارىخى» 2000- يىلى 6-سان.
31. خۇاڭ جىيەنخۇا: «گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى شىڭ شىسەينىڭ قولىدىن تارتىۋېلىشىتىكى 2- قىتىملىق پىلانى ۋە ئۇنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى سەۋەبى ئۈستىدە ئىزدىنىش» «قەشقەر دارىلمۇئەللىم ئىنىستۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 2002- يىلى 2- سان.
32. خۇاڭ جىيەنخۇا: «ۋۇجۇڭشىننىڭ ئوسمانىنى تەسلىم قىلدۇرۇش ھەركىتى» «غەربىي شىمال مىللەتلەر تەتقىقاتى» 1999- يىلى 2- سان.
33. خۇاڭ جىيەنخۇا: «1944- يىلدىن 1949- يىلغىچە شىنجاڭنىڭ ئىتىز- ئېرىق سۇ ئنشائاتى» «شىنجاڭ ئونۋېرىستىتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 1997- يىلى 1- سان.
34. ۋاڭ شۇتىيەن: «يەرلىكچىلىكى ۋە مىنگۇ جەمئىيتى» «ئوقۇش تەتقىقاتى» 2000- يىلى 2- سان: جۇڭگو خەلق ئونۋىرىستىتى گېزىت ماتىرىياللىرى كۆپەيتىش مەركىزى تۈزگەن: «جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان تارىخى» 2000- يىلى 7- سان.
35. يۇخەن جاۋ: «شىنجاڭدىكى ئۇرۇش مەيدانى» جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيسى يىقىنقى زامان تارىخى تەتقىقات ئورنى «چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگو يىقىنقى زامان تارىخى تەتقىقاتى» تەھرىر بۆلۈمى تۈزگەن. «چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگو يىقىنقى زامان تارىخى تەتقىقاتى» 20- قىسىم، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى 1992- يىلى نەشرى.
36. چىڭ فۇسېن : «ھوقۇققا تۇتاشقان يول : شىڭ شىسەينىڭ شىنجاڭدىكى دەسلەپكى يىللىرى (1930- يىلدىن 1934- يىلغىچە»، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى يىقىنقى زامان تارىخىي تەتقىقات ئورنى «چەتئەللەرنىڭ جۇڭگو يىقىنقى زامان تارىخىي تەتقىقاتى» تەھرىر بۆلۈمى تۈزگەن «چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگو يىقىنقى زامان تارىخى تەتقىقاتى» 24- قىسىم. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى 1994- يىلى نەشرى.
37. لىن چىڭيەن: «شىڭ شىسەينىڭ قىسقىچە تەرجىمالى» تەيبېي، «تەرجىمال ئەدەبىياتى» 55- توم 2- سان.
38. گۇدنيەنجىڭ بايا قىلغان شۇڭ سۇنپۇ خاتىرلىگەن «مەن خۇاڭ مۇسۇڭ بىلەن شىنجاڭدا ئايماقچى بولغان جەرىياننىڭ ئەمەلىي خاتىرىسى» ژورنالغا بىرىلمىگەن ئورگىنال) مەملىكەتلىك سىياسىي كىڭەش مەدەنىيەت تارىخ ماتىرىياللىرى تەتقىقات كومېتىتىدا ساقلانغان ئورگىنال نۇمۇرى 976- 65.
39. شىن شېرۇڭ : «30- يىللاردىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ غەربىي شىمال سىتىراتىگىيە ئېلمى» «نىڭشىيا ئونۋىرىستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 1999- يىلى 3- سان.
40. يۈنشۇ : «20- ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىدىكى شىنجاڭنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدىكى بوران-چاپقۇنلار ۋە ئامېرىكا كونسۇلخانىسى» «شىنجاڭ دارىلمۇئەللىم ئۇنۋېرىستىتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 2002- يىلى 11- سان.
4. گېزىت
1. (نەنجىڭ) ‹‹مەركىزى گېزىتى» (1929- يىلدىن 1937- يىلغىچە) نەنجىڭ شەھەرلىك كۇتۈپخانىدا ساقلانغان.
2. ‹‹شىنجاڭ گېزىتى» (1944- يىلدىن 1949- يىلغىچە، شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسى ماتىرىياللار ئىشخانىسىدا ساقلانغان.

ئاخىرلاشقاندىكى سۆز
شىنجاڭ گەرچە جۇڭگونىڭ غەربى شىمالدىكى چېگرا رايونىغا جايلاشقان بولسىمۇ ئۆز ۋاختىدا قالايمىقانچىلىقتىكى خەلقئارا ئارقا كۆرىنىشى شۇ چاغدىكى بىر قانچە چوڭ دۆلەتنىڭ تالاش- تارتىش كۆرۈنۈشلەر مەركەزلەشكەن. نۇرغۇن تارىخى ۋەقەلەر تېخى گۇمانلىق ئىچىدە بولۇپ، يەنىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. مەن تۇنجى قېتىم مەركەزنىڭ سىياسەت قاتلىمىدىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى مەزگىلدىكى شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخىنى تەكشۈرۈپ- گومىنداڭ ھۆكۈمىتى مەزگىلىدىكى شىنجاڭ سىياسىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى سېستىملىق تەتقىق قىلدىم. نۇ تەتقىقات نوختىسى چوقۇم يېڭى تەتقىقات رامكىسى بولۇشنى، يېڭى تارىخىي ماتىرىياللارنى قېزىشنى بەلگىلەيدۇ. مەن گەرچە بار تىرىشچانلىقىم بىلەن شۇنداق قىلغان بولساممۇ، مۇكەممەل بولۇشى ناتايىن، مەسىلەن، يېڭى تارىخىي ماتىرىياللارنى قېزىش شارائىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ، جۇڭگو تەيۋەن رايونىدا ساقلانغان ئەسلى ماتىرىياللار يەنى جاڭ جېشىنىڭ خاتىرىسى قاتارلىقلارنى بىۋاستە كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىدىم. شۇڭا مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە تۈزۈش جەريانى دېگۈدەك ئېنىق بولالمىدى. بۇ بىر ئەپسۇسلىنارلىق ئىش.
بۇ كىتاب شۇ دوكتۇرلۇق ئىلمىي ماقالەمنى ئۆزگەرتىش ۋە كىڭەيتىش ئاساسىدا تۈزۈلدى. دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقىنىمدا، ئۇستازىم ۋېي لىياڭتاۋ ئەپەندى بۇ ماقالىنىڭ نىمىنى تاللاش، يىزىش ۋە تۈزۈش جەھەتتە باشتىن ئاخىر يىتەكچىلىك قىلدى. پىراففىسور يۇكۈنچى، تەتقىقاتچى شۇخۇي، پىراففىسور سۇي جىچىڭ، جۇجىيەنچۈەن، يەن شىئەن، لى جاڭشەن، يەنشاۋ، ياكى جىيەنشىن، ۋاڭ شلۇڭ، تەتقىقاتىچ رىن يىفېي، دوكېسىر خۇڭ شىلىڭ، بيشىغا لارمۇ ئالدىراشلىقىغا قارىماي ئىلمىي ماقالىنى كۆرۈپ چىقتى ھەمدە ناھايىتى ياخشى تۇرغۇزۇش پىكرىنى بەردى. بۇ ئىلمىي ماقالىلەر ئاخىرىدا كىتاب بولۇپ تۈزۈلىشىدە، ئالدى بىلەن بۇ ئۇستازلارنىڭ ئىلمىي ماقالىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىككى ۋە ئىلھام بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېتىمەن.
بۇ كىتابنى نەشىر قىلىش جەريانىدا يەنە مىللەتلەر نەشىرىياتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئىرىشتىم. بۇ مۇناسىۋەت بىلە ئۇلارغا چىن قەلبىمدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.

خۇاڭ جىيەنخۇا
2002- يىلى 12- ئاينىڭ 8- كۈن
بېيجىڭ ئالىم قاتنىشى ئاۋىئاتسىيە ئۇنۋىرىستىتىدىكى جامائەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىنىستۇتى
bilqut
Posted: 2007-11-25 14:29 | 3 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » جۇڭگو تارىخى

Total 0.167045(s) query 4, Time now is:02-15 08:10, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation