3
خاقانى چىننىڭ قەدىم زاماندا مۇسۇلمان بولغانلىقى؛ تۇڭگانلارنىڭ خاقانى چىن مەملىكىتىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغانلىقى؛ خىتايلار بىلەن تۇڭگانلار ئوتتۇرىسىدا جېدەل-ماجىرا يۈز بېرىپ خاقانى چىن دۆلىتىگە زىيان-زەخمەت يەتكەنلىكى
ھىجرىيىنىڭ 1281- يىلى (يىلان يىلى) مۇھەررەم ئېيىنىڭ بىرى، شەنبە كۈنى كېچىسى، كۇچادا ئولتۇراقلىشىپ قالغان يەرلىك تۇڭگانلاردىن ماشۇر ئاخۇن، مالۇڭ، شەمسىدىن خەلىپىلەر باشلىق بىر مۇنچە تۇڭگانلار كۈجە-شاڭ كۆيدۈرۈپ، ئىسرىق يېقىپ ئىسيان كۆتۈردى. ئۇلار كۇچادا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ تۇرغان خىتاي ئەمەلدارلار ۋە چېرىكلەرنى ئۆلتۈرۈپ خاقانى چىنغا بويسۇنۇشتىن باش تارتتى. ئالدى بىلەن تۇڭگانلارنىڭ چىنغا بويسۇنۇشتىن باش تارتقانلىقىغا باھانە بولغان بىرەر سەۋەب، بىرەر ئىشنى نەقىل قىلغۇچى ۋە رىۋايەت قىلغۇچىلارنىڭ سۆزى بويىچە بۇ قەغەزگە يېزىشنى زۆرۈر تاپتىم. چۈنكى ھەر بىر ئادەم ھەر خىل ھېكايە ۋە رىۋايەت قىلىدۇ. بۇ رىۋايەتلەرنىڭ ئىچىدە مەزمۇنى بىر-بىرىگە قارىمۇقارشى كېلىدىغانلىرىمۇ بار. شۇنىڭ ئىچىدىن ئىشەنچلىك، ئەقىلگە مۇۋاپىق، توغرىراقلىرىنى تاللاپ ئېلىپ تۆۋەندە بايان قىلدىم.
بۇرۇنقى زاماندا خاقانى چىندە ئادالەتلىك، پۇقراپەرۋەر «تاڭ ۋاڭ خان» دېگەن خان بولۇپ، بىر كېچىسى چۈشىدە، خاننىڭ ئوردىسىدا بىر ئەجدىھا پەيدا بولۇپ، ئوردىنىڭ تۈۋرۈكىگە يۆگىشىۋاپتۇ ۋە خاننى دەم تارتقىلى تۇرۇپتۇ. شۇ چاغدا ئۈستىگە يېشىل چاپان كىيگەن، بېشىغا ئاق سەللە يۆگىگەن ھەيۋەتلىك بىر كىشى پەيدا بولۇپ، قولىدىكى ھاسا بىلەن ئەجدىھانى بىرنى ئۇرغانىكەن، ئەجدىھا ئىككى پارچە بولۇپ ئۆلۈپتۇ. خان چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىپتۇ. ئەتىسى ۋەزىر ۋە ئوردا ئەمەلدارلىرىنى چاقىرىپ، كېچىسى كۆرگەن چۈشىنى بىر-بىرلەپ بايان قىلىپ تەبىرىنى سوراپتۇ. ۋەزىرلەردىن داناراق بىرى: «مۇشۇ كۈنلەردە قىبلە تەرەپتە خۇددى سىلى چۈشلىرىدە كۆرگەندەك بىر كىشى پەيدا بولۇپ، پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلىۋاتقانمىش، چۈشلىرىدە كۆرگەنلىرى شۇ كىشى بولغايمىكىن، تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كېلىشكە كىشى ئەۋەتسەك» دەپتۇ. خان قوشۇلۇپ نۇرغۇن تاۋار-دۇردۇن، چاي، سوۋغا-سالاملارنى تەييارلاپ، ئەمەلدارلار ئىچىدىن قابىلىيەتلىك، ئىشەنچلىك بىر ئادەمنى باشلىق قىلىپ، نۇرغۇن ئالتۇن-كۈمۈش، يول راسخوتى بېرىپ، تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتىپتۇ. بۇلار يۇرتمۇ يۇرت، شەھەرمۇ شەھەر ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ، ئاخىر خان چۈشىدە كۆرگەن سۈپەتتىكى كىشىگە، يەنى ئاخىر زاماننىڭ پەيغەمبىرىگە (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئۇچرىشىپ ۋەقەنى بىر-بىرلەپ بايان قىلىپ، بۇ يەرگە كېلىشتىكى سەۋەب، مەقسەتلىرىنى ئېيتىپتۇ. بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئاخىر زامان پەيغەمبىرى بىر پارچە خەت يېزىپ خاقانى چىندىن كەلگەن كىشىگە بېرىپ: «سىزگە رۇخسەت، ئەمدى قايتىپ كېتىڭ» دەپتۇ. بۇ كىشى: «مەن ئۆزلىرىنى تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كېتىشكە كەلگەنىدىم» دەپتۇ. ئاخىر زامان پەيغەمبىرى جاۋاب بېرىپ: «سىز مۇشۇ خەتنى ئېلىپ كېتىۋېرىڭ، يولدا ئاچماڭ. پادىشاھىڭىز ئۆز قولى بىلەن ئاچسۇن. شۇ چاغدا مەن ھازىر بولىمەن» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن خاقانى چىندىن كەلگەن كىشىلەر قايتىپ بىر مۇنچە ۋاقىت يول يۈرۈپ بىر يەرگە كەلگەندە، شەيتان ئازدۇرۇپ خەتنى ئېچىپ كۆرۈشكە قىزىقتۇرۇپتۇ. ئاقىۋەت شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ خەتنى شۇنداق ئېچىشىغىلا خەتنىڭ ئىچىدىن ئاخىر زامان پەيغەمبىرى چىقىپ غايىپ بولۇپ كەتكەنلىكى شۇنداق روشەن كۆرۈنۈپتۇ. ئۇلار بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ناھايىتى پۇشايمان قىلىپتۇ، ئەمما ئورنىغا كەلمەپتۇ. خەتنى ئەسلىدىكىدەك يەملەپ، خاننىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ كۆرگەن-بىلگەن ۋەقەلىرىنى بىر-بىرلەپ بايان قىلىپتۇ. خان خەتنى ئېچىپ كۆرسە بۇ خەت چىنچە (خەنزۇچە) يېزىلغانىكەن. خان ھەيران قېلىپ: «بۇ خەتنى كىم يازدى؟» دەپ سوراپتۇ.
خەتنى ئېلىپ كەلگەن كىشى: «بىلمەيمەن» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. دەرۋەقە بۇلار خەتنى كىمنىڭ يازغانلىقىنى كۆرمىگەنىدى. خان: «خەتنى كىم ئاچتى؟ راستىنى دېسەڭ، گۇناھىڭدىن ئۆتىمەن، يالغان ئېيتساڭ، ھەرگىز تىرىك قويمايمەن» دەپتۇ. خەتنى ئېلىپ كەلگەن كىشى ئىلاجسىزلىقتىن راستىنى ئېيتىشقا مەجبۇر بولۇپتۇ. ئادالەتلىك پادىشاھ: «گۇناھىڭدىن ئۆتتۈم، ئەمما قىلغان گۇناھىڭ ئۈچۈن يەنە بېرىپ، يا ئۆزىنى تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كەل، يا باشقىدىن خەت ئېلىپ كەل» دەپ ئەمر قىلىپ قايتا يولغا سېلىپتۇ. بۇلار يەنە بىر مۇنچە ۋاقىت يول مېڭىپ، مىڭبىر مۇشەققەتلەرنى تارتىپ يېتىپ بېرىپتۇ ۋە ئاخىر زامان پەيغەمبىرى بىلەن كۆرۈشۈپتۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى كۆرۈپلا: «شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ خەتنى ئېچىپ، ئۆزۈڭگىمۇ قىلدىڭ، پادىشاھىڭغىمۇ قىلدىڭ» دەپتۇ ھەم «قاس»، «ۋەققاس»، «ئاس» ناملىق ئۈچ نەپەر ئۇلۇغ كىشىنى بەلگىلەپ، يەنە يەتتە كىشىنى ئۇلارغا ھەمراھ قىلىپ جەمئىي ئون كىشىنى خاقانى چىننىڭ ئەلچىلىرىگە قوشۇپ يولغا ساپتۇ. بۇلار يۇرتمۇ يۇرت، شەھەرمۇ شەھەر يول يۈرۈپ، دەشت-باياۋانلارنى كېزىپ، «جايۈگۇەن»گە يېتىپ كەلگەندە ئۈچ كىشىدىن بىرى ۋاپات بولۇپ، شۇ يەرگە دەپنە قىلىنىپتۇ، مازىرى ھېلىمۇ بار. جايۈگۇەندىن ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر كىشى ۋاپات بولۇپ، شۇ يەرگە دەپنە قىلىنىپتۇ. مازىرى ھېلىمۇ مەشھۇر.
خاقانى چىننىڭ ئەلچىلىرى «ۋەققاس» دېگەن كىشى بىلەن قوشۇلۇپ قالغان سەككىز كىشىنى ئېلىپ خاننىڭ پايتەختىگە يېقىن بارغاندا، خان ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئادەم ئەۋەتىپ ئىززەت-ھۆرمەت بىلەن شەھەرگە ئېلىپ كېلىپ كۆرۈشۈپتۇ، ئەمما «مەن تەكلىپ قىلغان كىشىنىڭ ئۆزى كەلمەپتۇ» دەپ خاننىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپتۇ. ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولۇش-بولماسلىق ئۈستىدە ۋەزىرلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپتۇ. خاننىڭ ئون ئىككى ۋەزىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى مۇسۇلمان بولۇشقا قوشۇلۇپتۇ، بەزىلىرى قوشۇلماپتۇ، ئەمما خاننىڭ ئۆزى ۋەزىرلىرىدىن يوشۇرۇن ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمانلىق شەرىپىگە ئىگە بولۇپتۇ.
كەلگەن سەككىز كىشىنىڭ تىلىنى چىن خەلقى بىلمەي، چىن خەلقىنىڭ تىلىنى بۇ سەككىز كىشى بىلمەي ناھايىتى تەڭلىكتە قاپتۇ. بۇ بىر نەچچە ئادەم بۇ يەردە غېرىبسىنىپ قاپتۇ. خان: «قەيەردىن بولمىسۇن، بۇلارنىڭ تىلىنى بىلىپ ئۈلپەت بولىدىغان ئادەم تېپىپ كېلىڭلار» دەپ پەرمان چۈشۈرۈپتۇ. خاننىڭ ئىشەنچلىك بىر ئادىمى خىتاي خەلقىدىن 80 ئۆيلۈك كىشىنى ئېلىپ سەمەرقەنت دۆلىتىگە بېرىپتۇ. ئۇ يەردىن بۇ 80 ئۆيلۈك ئادەمگە 40 نەپەر مۇسۇلماننى تېگىشىپ ئېلىپ قايتىپ كەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى سەككىز كىشى قوشۇلۇپ 48 نەپەر كىشى بولۇپتۇ.
سەمەرقەنت پادىشاھى ھېلىقى 80 ئۆيلۈك ئادەمگە كەڭرى بىر يايلاقنى كۆرسىتىپ بېرىپتۇ. بۇلار شۇ يەرلەردە ئولتۇراقلىشىپ كۈندىن كۈنگە ئەۋلادى كۆپىيىپتۇ. خىياي قىپچاقلىرى (تۇڭگانلار) شۇلارنىڭ ئەۋلادى، دەپ رىۋايەت قىلىشىدۇ.
يەنە بىر رىۋايەتتە، ئاخىر زامان پەيغەمبىرى مۇھەممەد مۇستەفا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاقتىدا سەمەرقەنت دۆلىتى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلمىغان، ئەمما شۇ چاغدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ ئاخىر زامان پەيغەمبىرىنىڭ شەرىئەتلىرىنى تەلتۆكۈس ئىجرا قىلىۋاتقان بىر ئۇلۇغ كىشى بار ئىكەن. تۇڭگانلار شۇ كىشىنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئاخىر زامان پەيغەمبىرىنىڭ ۋاقتىدىن تارتىپ بارلىققا كەلگەن، دېيىشىدۇ.
يەنە بىر رىۋايەتتە، پۈتۈن تۇڭگانلار يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتۈلگەن 48 نەپەر كىشىنىڭ ئەۋلادىدىن تارالغان، يۇرت-يۇرت، شەھەر-شەھەرلەردىكى خىتاي خەلقى يوشۇرۇن ھالدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، مۇسۇلمان بولغان. تۇڭگانلار ئىسلام دىنىنى تاشلاپ بالدۇرقى خىتاي دىنىغا قايتمىغان. شۇڭا تۇڭگانلارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ، دېيىلىدۇ. ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلگۈچى خۇدانىڭ ئۆزىدۇر.
بەخت-دۆلەتلىك خاقانى چىن مۇسۇلمانلىق شەرىپىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، «ھەر كىشى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولسىمۇ ئىختىيارى، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ دىن-يوسۇنلىرىدىن چىقمايمىز دەپ مۇسۇلمان بولمىسىمۇ ئىختىيارى» دەپ، يۇرت-يۇرتقا، شەھەر-شەھەرگە يارلىق چۈشۈرۈپتۇ.
خاقانى چىننىڭ بۇرۇندىن تارتىپ ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان قائىدە-قانۇنى شۇنداق ئىدىكى، ئۆزىگە تەۋە پۇقرالىرى قايسى دىندا بولسا، ئۇنىڭ بىلەن كارى يوق بولۇپ، ئۇلارنى ئۇ ياكى بۇ دىنغا تەكلىپ ۋە دەۋەت قىلمايتتى. ھەر كىم ئۆز دىن ۋە ئۆز مىللىتىدە مەھكەم تۇرۇپ يۈرۈۋەرسە بولاتتى.
خاقانى چىن ئۆز دۆلىتىگە كەلگەن مۇسۇلمان مۇساپىرلارنى رام قىلىش ئۈچۈن، بېيجىڭدا تۇرۇپ قېلىشقا كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپتۇ. نۇرغۇن يەرلىك ئەر-ئايال، ياش-قېرىلارنى يىغىپ ئۆز رەسىم-قائىدىسى بويىچە چوڭ ئويۇن-تاماشا ئۆتكۈزۈشكە يارلىق چۈشۈرۈپتۇ. مۇسۇلمانلارغا بولسا: «مۇشۇ ئويۇن-تاماشىغا كەلگەن چوڭ-كىچىك خوتۇن-قىزلاردىن قايسىسى سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارغا يارىسا، شۇنى سىلەرگە بۇيرۇپ بېرىمىز. سىلەرگە يارىغاننىڭ ئېرى ياكى بالىسى بولسىمۇ مەيلى» دەپتۇ.
مۇسۇلمانلار خاننىڭ ئەمرى بويىچە كۆڭلىگە يارىغاننى ۋە ئۆزى خالىغاننى تۇتۇپتۇ. ئىسلام شەرىئىتى بويىچە ئەمرىگە ئېلىپ ئۆي تۇتۇپ ئولتۇراقلىشىپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇلار «تۇڭگان» دەپ ئاتىلىپتۇ. لېكىن ئېرى بار ئايال، يېشى كىچىك قىزلارنى ئۆز ئەمرىگە ئالغانلىقىغا خىتاي پۇقرالار نارازى بولۇپ، «بۇلار ‹سۇ خۇي خۇي› ئىكەن» دەپتۇ. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «يۈزى يوق» (يۈزسىز» دېگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن تارتىپ خىتايلار بىلەن تۇڭگانلار جېدەل-ماجىرا قىلشىپ قالسا «سۇ خۇي خۇي» دەپ دەشنام-ھاقارەت قىلىدىغان بولۇپتۇ. 50 خىتاي پۇقرانى بىر تۇڭگان بىلەن تەڭ كۆرۈپتۇ، بىر تۇڭگان 50 تۈرلۈك گۇناھ بىلەن جاۋابكارلىققا تارتماپتۇ. تۇڭگانلارنىڭ چوڭچىلىق قىلىپ، خىتايلارنى كۆزىگە ئىلمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى تۇڭگانلارغا ئاشۇنداق يۈز-خاتىرە قىلغانلىقتىن بولغانىكەن.
خان بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىپتۇ. ئوغلى ئۇنىڭ ئورنىدا خانلىق تەختىدە ئولتۇرۇپتۇ. بىر نەچچە ئەۋلادقىچە ئىسلام دىنىنىڭ راۋاجى بىلەن ئۆتۈپتۇ. ئەمما ئاخىرىغا كېلىپ خان توغرا يولدىن ئېزىپ ئەسلىدىكى دىنىغا يېنىپ كېتىپتۇ. ۋەققاسمۇ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ (مازىرى مەشھۇر). شۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە يۈز يىل ئۆتكۈچە تۇڭگانلار ئەركىن ئۆتۈپتۇ. كېيىنكى چاغلاردا «شىنفۇ» دېگەن ۋىلايەتنىڭ كىچىكرەك شەھىرىدىكى تۇڭگانلار مەدرىسىگە ئوخشاش خانىقا بىنا قىلىپتۇ. بىر مۇنچە بىنام زېمىننى خاندىن سوراپ ئېلىپ، سۇ چىقىرىپ، تېرىلغۇ يەرلەرگە ئايلاندۇرۇپ خانىقاغا ۋەخپە قىلىپتۇ. ھوسۇلىنى شۇ مەدرىسىدە ئوقۇغان تالىپلارغا بېرىپتۇ. بۇ ۋەخپە يەرگە تېرىغان زىرائەتلەرگە خىتايلارنىڭ توڭگۇزلىرى كىرىپ چەيلەپ بۇزۇپتۇ. بىر نەچچە قېتىم ھەيدەپ چىقىرىپتۇ. جېدەل-ماجىرالارمۇ بولۇپتۇ. ئاخىر بۇغداينى خامان قىلىپ تېپىپ چەش قىلغاندا، يەنە توڭگۇزلار كىرىپ چەشنى يەپتۇ. توڭگۇزلارنىڭ ئىگىلىرى بىلەن تۇڭگانلار ماجىرا قىلىشىپ بىر-بىرىنى ئۇرۇپ يىقىتىپ قويۇپتۇ. توڭگۇز ئىگىلىرىگە يەنە بىر مۇنچە خىتايلار يار-يۆلەك بولۇپتۇ. تۇڭگانلارغا مەدرىسىدە ئوقۇۋاتقان تالىپ تۇڭگانلار يار-يۆلەك بولۇپ جېدەل چوڭىيىپتۇ. ۋەقەنى شەھەر باشلىقى ئاڭلاپ، جېدەلنى پەسەيتىپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ كاتتىسىغا: «بۇ ۋەخپە يەرنى نەچچە يىلدىن بېرىپ تېرىپ ھوسۇلىنى ئالدى ئەمدى يەرنى خېنى-باجغا ھېسابلاپ ئېلىپ، سېتىپ پۇلىنى خەزىنىگە ئالساق» دەپ خەت يېزىپتۇ. ئادەم چىقىپ ئۆلچەپ نەرخ توختىتىۋاتقاندا مەدرىسىدىكى موللىلار ۋە تۇڭگانلار قوزغىلىپ چىقىپ، يەر ساتقىلى چىققان مەنسەپدار ۋە خىزمەتچىلەرنى قوغلاپ چىقىرىپتۇ. شەھەرگە يېتىپ كەلگەن ھامان شەھەرنىڭ دەرۋازىسىنى ئېتىۋېلىپ، ئىككى ئوتتۇرىدا ئۇرۇش-جەڭ بولۇپتۇ. تۇڭگانلار گۇرۇھى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئىچىدە «ما فۇلۇڭ» دېگەن ئاتلىق بىر ئۆلىماسى بار ئىكەن. ئۇنى «خان»لىققا تەيىن قىلىشىپتۇ. تۇڭگانلار «چىڭ جۇفۇ» (كىنجاپ) دېگەن كاتتا بىر شەھەرنى بىنا قىلىپ، خاننى شۇ شەھەردە پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرغۇزۇپ، ھەر تەرەپكە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈپتۇ.
بۇ چاغ خاقانى چىننىڭ مەملىكىتىگە ئىنگلىز ناسارالار تاجاۋۇز قىلىپ كېلىپ، بېرما ۋىلايىتى ۋە 72 شەھەرنى بېسىۋېلىپ ۋەيران قىلغان، بىر تەرەپتە «ۋۇ سۇڭگۇي چىن موزا» خانلىق تالىشىۋاتقان، بىر تەرەپتە تۇڭگانلار جېدەل چىقىرىۋاتقان ۋاقىت ئىكەن.
ئاقىۋەت تۇڭگانلار چىڭ جۇفۇدا تۇرالماي چەت ياقا يۇرتلارغا كېتىشنى مەسلىھەت قىلىشىپ، غەرب تەرەپكە يۈزلىنىپتۇ. بۇ ئىش خانغا مەلۇم بولغاندىن كېيىن خان غەرب تەرەپتىكى ۋىلايەتلەرنىڭ باشلىقلىرىغا: «نۇرغۇن تۇڭگانلار نەسىھەت قىلساقمۇ ئۇنىماي، ئىتائىتىمدىن چىقىپ، ئۆزىنىڭ ئەيىبى ۋە بىئەدەبلىكىدىن قورقۇپ تۇرالماي غەرب تەرەپكە ماڭدى. ئۇ تەرەپكە بارسا، شۇ ۋىلايەتلەردىكى تۇڭگانلارمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ، پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بار. مۇشۇ يارلىقنى كۆرگەندىن كېيىن، شەھەر-شەھەرلەردىكى تۇڭگانلارنى ئۆلتۈرۈپ ماڭا ئۇچۇرىنى بېرىڭلار»، دەپ يارلىق چۈشۈرۈپتۇ. ئىلىنىڭ جاڭجۈنى (گېنېرالى) بۇ يارلىقنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ھەيران بولۇپ: «تۇڭگانلار نۇرغۇن خەلق، ئۇلارنىڭ خۇي-پەيلىمۇ باشقىچە بولۇپ قالدى. خاننىڭ يارلىقىنىڭ ئازراقلا پۇرىقىنى ئالسا، بىز ئاخشامدا يوقىتىمىز دېگۈچە، ئۇلار ئەتىگىنى قوزغىلىشى مۇمكىن. ئىچكىرىدىن كېلىدىغان تۇڭگانلارنىڭ مەنزىلى ئۇزۇن، ئۇنىڭغىچە تۇڭگانلارنى قىچقىرىپ كېلىپ، مۇلايىم سۆزلەر بىلەن پەند-نەسىھەت قىلىپ توختام تۈزۈشسەك، ئۇلارنىڭمۇ كۆڭلى خاتىرجەم بولۇپ پۇقرادارچىلىقىنى قىلىدۇ» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تۇڭگانلارنىڭ چوڭلىرىدىن بىر نەچچە كىشىنى قىچقىرىپ پەيمان، ۋەدە-توختاملار تۈزۈشۈپتۇ. لېكىن تۇڭگانلار خاتىرجەم بولالماي كېچىلىرى ئۇخلىماپتۇ. مازارلاردا تۈنەپ، نەزىر قىلىشىپتۇ. بىر ئايدا بىر قېتىم غۇسۇل-تەرەت قىلمايدىغانلىرىمۇ ھەر كۈنى نەچچە قېتىم غۇسۇل تەرەت قىلىپ كۈندىن كۈنگە غەم-ئەندىشىسى كۆپىيىپ كېتىپتۇ.
جاڭجۈن تۇڭگانلارنىڭ خۇي-پەيلىگە قاراپ خاننىڭ يارلىقىنى ئىجرا قىلماقچى بولۇپ، شەھەر-شەھەرنىڭ ئامباللىرىغا: «پالانى كۈنى پالانى سائەتتە تۇڭگان تائىپىسىنى قەتلىئام قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار» دەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ.
ئۈرۈمچىدە سۇ دالويە دېگەن تۇڭگان خىتايلار ئىچىدە مەنسەپدار بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى ئۆتەڭدە كاتىپ ئىكەن. بۇ كاتىپ قەتلىئام قىلىش بۇيرۇقىنىڭ مەزمۇنىدىن ۋاقىپ بولۇپ دادىسىغا خەۋەر بېرىپتۇ. دادىسى شەھەر-شەھەرلەردىكى تۇڭگانلارنىڭ چوڭلىرىغا جاڭجۈننىڭ بۇيرۇقىنىڭ مەزمۇنىنى مەلۇم قىلىپ خەت ئەۋەتىپ، جاڭجۈننىڭ بۇيرۇقىنى بېسىپ قويۇپتۇ. سۇ دالويىنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇۋېلىش بىلەن تەڭ كۇچادىكى تۇڭگانلار بۇزۇلۇپ، خىتايلار ئولتۇراقلاشقان جايغا ئوت قويۇپ خىتايلارنى ئۆلتۈرۈپتۇ.
خاقانى چىننىڭ دۆلىتىگە زىيان-زەخمەت يەتكەنلىكىنىڭ يەنە بىر سەۋەبلىرى ھەققىدە مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:
داۋگۇاڭ خاننىڭ خانلىق زامانىدا خاقانى چىن مەملىكىتى ناھايىتى تىنچ، ئاۋات، مەمۇرچىلىق بولغانىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن شەنفېڭ خان تەختكە چىققاندىن كېيىن زاۋاللىققا يۈز تۇتۇپتۇ. پەرەڭلەر نۇرغۇن شەھەرلەرنى ئېلىپ، تاراچ-پاراچ قىلىپ خوجايىن بولۇۋاپتۇ. يەنە بىز تەرەپتىن، قارا خىتايلار خانلىق تالىشىپ خاقاندىن يۈز ئۆرۈپ، جەڭ-جېدەل توختىماپتۇ. تۇڭگانلار ئۆز ئىچىدىن خان تەيىنلەپ خاقانى چىنغا بويسۇنماپتۇ. ئەتراپتىكى قوشنا پادىشاھلارمۇ ھەر بىرى بىر تۈرلۈك سۆز پەيدا قىلىپ خاقانى چىننى ئارامىدا قويماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن خاقانى چىن مەملىكىتى ۋە ئۇنىڭ پۇقرا-خەلقلىرىنىڭ بېشى تىنچ ۋە خاتىرجەم بولماپتۇ.
خاقانى چىن بۇ تەرەپتىكى شەھەرلەرنى كۇۋەي (قاپقىنىڭ سىرتى) دەپ ئاتايدىكەن. يۇقىرىقىدەك پاراكەندىچىلىك بىلەن كۇۋەيدىن خەۋەر ئالالماپتۇ، بەلكى كۇۋەيگە تەۋە يۇرتلاردىكى مەنسەپدار-چېرىكلەرگە: «بۇندىن كېيىن ‹كۇلياڭ› يەنى تەمىنات ئەۋەتمەيمەن. نەچچە يىللاردىن بېرى خەزىنىدىن تەمىنات ئەۋەتىپ بېرىپ، نۇرغۇن خەزىنىلەرنى سەرپ ئېتىپ كۇۋەيدىكى مەنسەپدار-چېرىكلەرنى باقتىم. ئەمما خەزىنىگە ھېچقانداق مەنپەئەت-پايدا يەتمىدى. كۇۋەينى تاشلاپ قايتىپ كېلىڭلار» دەپ يارلىق چۈشۈرۈپتۇ. ئەمما بۇ تەرەپتىكى خىتايلارنىڭ چوڭى جاڭجۈن، مۇسۇلمانلارنىڭ چوڭى قۇمۇل ۋاڭى ئەھمەت ۋاڭ بەگ قاتارلىق كاتتا مەنسەپدارلار مەسلىھەت قىلىشىپ خانغا: «بۇ تەرەپتىكى شەھەرلەرگە ئۇلۇغ خاننىڭ خەزىنىسىدىن تەمىنات كەلمىسىمۇ، كان تېپىپ ئۆز كۈچىمىز بىلەن ئالتۇن، كۈمۈش، مىس كولاپ چېرىكلەرنى باقىمىز. بىز ئاتا-بوۋا ئەجدادلىرىمىزدىن تارتىپ ئۇلۇغ خاننىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، دۆلىتىنى كۆرگەن. يارلىققا ئەمەل قىلىپ كۇۋەينى تاشلاپ كەتسەك، ئۇلۇغ خاقانى چىننىڭ شەنىگە ئوبدان بولماسمىكىن» دەپ خەت يېزىپتۇ. خەتكە يەنە خاننى ماقۇل دېگۈزىدىغان بىر مۇنچە سۆزلەر كىرگۈزۈلۈپتۇ. ئەرزنى خاقانى چىن كۆرۈپ: «جۇنلى (تەستىقلىدىم) ئۇنداق بولسا، ئۆزۈڭلار كان تېپىپ چېرىكلەرنى بېقىڭلار. ئۇششاق پۇقرالارغا جەبىر-زۇلۇم بولىدىغان ئىشنى زادى قىلماڭلار»، دەپ يارلىق چۈشۈرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن شەھەر-شەھەرلەردىكى مەنسەپدارلار پۇقرالارنى ھاشاركەشلىككە ئېلىپ بېرىپ تاغمۇتاغ، دەشتمۇدەشت كان ئىزدەپ، تاغ باغرىلىرىنى چاشقان تەشكەندەك ئۆتمىتۆشۈك قىلىۋەتتى. ئەمما كان تاپالمىدى. تاپسىمۇ پۇقرالارغا ناھايىتى جەبىر-جاپا بولۇپ كەتتى، ئىشلىگەنلەرگە ھەق بېرىلمىدى. ئېچىلغان كانلارمۇ كېيىن تاشلىنىپ كەتتى. نەچچە تۈرلۈك باج پەيدا بولدى، پۇقرالاردىن «تۇز پۇلى» دەپ پۇل ئېلىندى. ھەر ئايدا يەنە ئادەم بېشىغا «چوقا پۇلى» دەپ پۇل ئېلىندى.
گەپنىڭ قىسقىسى، ئالۋان-ياساق كۆپىيىپ تىنچلىق ۋە ئاراملىق يوقالدى. پۇلى بار كىشىلەر خىتايلارغا ۋە كاتتا بەگلەرگە پارا بېرىپ ئۇلارنىڭ ھىمايىسىگە كىردى. پۈتۈن ئالۋان-ياساق پۇلى يوق، غېرىب-بىچارىلەرنىڭ ئۈستىگە چۈشتى. ئۇلار كۆتۈرەلمەي يەر-سۇ، ئۆي-سەرەمجان، ئات-ئۇلاغلىرىنى خىتايلارغا گۆرۈ قويۇپ، كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈپ تەڭرىنىڭ دەرگاھىغا سېغىنىپ يىغا-زارە قىلىشتى.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە شەھەردىكى چېرىكلەر داقا-دۇمباقلىرىنى چېلىشىپ مەنسەپدارلارنىڭ ئىشىكىگە كېلىپ: «بىزلەرنىڭ مائاش تەمىناتلىرىمىزنى بەرسۇن! بولمىسا يۇرتىمىزغا قايتىپ كېتىمىز ياكى مەنسەپدارلارنىڭ ئۆيلىرىنى بۇلاپ-تالايمىز» دەپ غەلۋە قىلدى. مەنسەپدارلار غەمگە چۈشۈپ ئۆزىدىن قورقۇپ «ھەر قانداق پۇلى بار ئادەم كۈمۈش پۇل سوۋغات قىلسا مەنسەپ بېرىمىز» دەپ بازار-گۈزەرلەرگە ئېلان چاپلىدى. بۇنى كۆرۈپ بەزى بېخىل، تۇراقسىز ئادەملەر مەنسەپ تەمە قىلىپ پۇل بېرىپ ئەمەل تاپتى. پۇقرالار زۇلۇم-جاپا تارتتى. ھەر قانداق نامى-نىشانى يوق، ئوغرى-قىمارۋاز، سەرگەردانلار بولسىمۇ پۇل بەرسە ئۇنىڭغا مەنسەپ بېرىلدى. پۇقراغا ۋابال بولىدىغانلىقى مەنسەپدارلارنىڭ خىيالىغىمۇ كەلمىدى. جەبىر-زۇلۇم كۈندىن-كۈنگە زىيادە بولدى. خىتاي مەنسەپدارلارغا ئەرز بېرىلسە: «چەنتۇ (يەرلىق خەلق ― ئۇيغۇر) نىڭ ئىشىنى ھاكىمبەگ بىلىدۇ» دەپ سورىمىدى ۋە ئۆز مەقسەتلىرى بويىچە ئۆزى خالىغاننى قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ھېچكىم قورقۇپ ئەرز بەرمىدى. تۇڭچى-تىلماچلار دەللالغا ئوخشاش، مەنسەپنى سودىلىشىپ باھا قويۇپ، كۈمۈش پۇلغا ئاشكارا ساتىدىغان بولدى. بۇرۇندىن تارتىپ خاقاننىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ئاتا-بوۋا ئەجدادلىرىدىن تارتىپ يۇرت سوراپ ئابرۇي تاپقان بەگ ۋە بەگزادىلەر خار بولۇپ ئېتىبارسىز قالدى.
يەنە مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: يەكەنگە ئەپرىدۇن ۋاڭ بەگ ھاكىم، بېلى مۇھەممەد ئىمىن ۋاڭ بەگ ئىشىكئاغا ئىدى. بىر گۇناھ قويۇپ ئەپرىدۇن ۋاڭنى يەكەننىڭ ھاكىملىقىدىن ئېلىۋېتىپ، خوتەنلىك رۇستەمبەگدىن 2000 يامبۇ ئېلىپ يەكەنگە ھاكىم قىلدى. رۇستەمبەگ دېگەن مۇھەممەد ئىمىن ۋاڭنىڭ ئالدىدا قول قوشتۇرۇپ، يۈگۈرۈپ يۈرۈپ خىزمەت قىلىدىغان خىزمەتچى ئورنىدىكى ئادەم ئىدى. ئۇنى پۇل بەردى دەپ ۋاڭنىڭ ئۈستىگە ھاكىم قىلىپ، ۋاڭنى ئىشىكئاغىلىق مەنسەپكە چۈشۈرۈپ قويغانلىقىغا مۇھەممەد ئىمىن ۋاڭ نومۇس قىلىپ: «مۇنداق تىرىكلىكتىن ئۆلگىنىم مىڭ ياخشى» دەپ ئۆزىنى ھالاك قىلدى.
كۇچالىق ئازاقبەگ ۋە ئەھمەت ۋاڭ بەگلەرنىڭ ئالدىدا خىزمەتكار بولۇپ كەلگەن كۇچالىق قۇتلۇقبەگ قەشقەرگە ھاكىم بولدى. ئىنىسى سايىتبەگ 1500 يامبۇ بېرىپ ئاقسۇغا ھاكىم بولدى. بۇرۇنقى بەگلەر بىكار بولدى. بىكار پۇقرالار بەگ بولۇپ يۇرت سورىدى، ياخشى پەزىلەتلىك كىشىلەرنى كۆزىگە ئىلمىدى، پۇقرالارنىڭ كۆز يېشىدىن ئېھتىيات قىلماي، «ئۇۋال بولار» دېگەننى يادىغا كەلتۈرمىدى، مەنسەپ ئارزۇ-ھەۋىسى ۋە بەرگەن پۇل-كۈمۈشلىرىنى ئۈندۈرۈۋېلىشنىڭ غېمىدىن باشقىسىنى خىيالىغا كەلتۈرمىدى. كۆرۈنۈشتە ئۇلۇغ خانغا خىزمەت قىلىپ، چېرىكلىرىنى بېقىپ يۇرتقا ئىگىدارچىلىق قىلغاندەك بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە دۆلەتنىڭ بىخ-يىلتىزىنى كېسىپ قۇرۇتۇشقا سەۋەب بولدى. پەزىلەتلىك ياخشى كىشىلەر، بەگزادە، ئېسىل ئادەملەر چەتكە چىقىپ بۇلۇڭ-پۇچقاقتا قالدى. ئاجىز پۇقرالارنى ئاتىنى بالىغا، بالىنى ئاتىغا قوشماي ئالۋان-ياساق، ھاشارغا ھەيدىدى. ئاجىز پۇقرالارنىڭ چىدىغۇچىلىكى قالماي، پۇلنىڭ ۋە جاننىڭ ئاچچىقىدىن تەڭرىنىڭ دەرگاھىغا سېغىنىپ كۆزلىرىدىن قەترە-قەترە، بەلكى دەريا-دەريا ياش ئاققۇزدى. بۇنداق ئاچچىق ياش دۆلەت دەرىخىنىڭ يىلتىزىغا تەسىر قىلىپ، بۇ دەرەخنىڭ قۇرۇشىغا سەۋەب بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇنغا بارماي خىتاي مەنسەپدارلىرى ۋە يۇرتنىڭ ھاكىملىرى زاۋال تېپىپ يەر بىلەن يەكسان بولدى. مەۋلانا جالالىددىن رۇمىنىڭ ئېيتقانلىرى يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ راستلىقىغا گۇۋاھ بولالايدۇ.
مەسنەۋى
تا دىلى مەردى خۇدا نايەد بەدەرد،
ھېچ مەردىرا خۇدا رەسۋانىكەرد*.
دېگەندەك، دىلى ئاگاھ، غەپلەتتە ئەمەس بىرەر كىشىنىڭ سەھەر قوپۇپ قىلغان نالە-پەريادى، ئاھۇ زارى ھەممىگە كۈچى يەتكۈچى، رەھىم-شەپقەتلىك ئۇلۇغ تەڭرىنىڭ دەرگاھىدا ئىجابەت بولغان بولۇشى مۇمكىن. پۈتۈن ئالەمنىڭ تەڭرىسى ئۆز كۈچ-قۇدرىتى بىلەن «پادىشاھلىقنىڭ تاجىنى خالىسا بىراۋغا بېرىدۇ، خالىسا بىراۋدىن ئالىدۇ» دېگەن ئايەتنىڭ مەزمۇنى بويىچە، ئۆزىگە خاس سۈپىتىنى ئاشكارا قىلغانلىقتىن، بۇ موغۇلىستان شەھەرلىرى نام-نىشانسىز مۇسۇلمان ۋە تۇڭگانلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىن.
توختالغۇسى يوق، ۋاپاسىز پەلەك ئۆزىنىڭ رەڭۋازلىقىنى ئىشقا سېلىپ، ھەمىشە بىر گۇرۇھ كىشىلەرنى پەس ۋە خار قىلسا، يەنە بىر گۇرۇھ كىشىلەرنى ئۈستۈن ۋە ئەزىز قىلىدۇ. ئاقىل ۋە دانا كىشىلەر بۇنداق ئاجايىپ ئىشلاردىن تەجرىبە ھاسىل قىلىپ، چوڭقۇر نەزەرلىرى بىلەن قاراپ، ئىبرەت ئېلىپ، ئېزىلگۈچىلەرنىڭ كۆز يېشىدىن ئېھتىيات قىلىپ، ئاجىز بىچارىلەرنىڭ ھال-ئەھۋالىغا يېتىپ، ئادالەت بىلەن ئىش قىلسا، ئۇلۇغ تەڭرى ئۇنداق كىشىلەرگە كاتتا ئەجىر بېرىدۇ، كىشىلەرمۇ ئۇلارنى چىرايلىق نام، ياخشى سۈپەت بىلەن ماختايدۇ. «ئادىللىق بىلەن قىلىنغان بىر سائەتلىك ئىش پۈتۈن ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ ئىبادىتىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ دېگەن ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا مۇۋاپىق، ئىبادەتنىڭ مۇشۇنداق ئۇلۇغ، كاتتا ساۋابىغا پەقەت پادىشاھ، ھاكىم، يۇرت چوڭلىرىلا مۇيەسسەر بولالايدۇ؛ باشقىلارنىڭ مۇيەسسەر بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇلۇغ تەڭرىم! ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن پادىشاھ، ھاكىم، يۇرت چوڭلىرىغا ئىنساپ ئاتا قىلىپ، ئۇلارنىڭ يۈزىگە ئادالەتنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، زۇلۇمنىڭ دەرۋازىسىنى ياپقىن. ئىككى ئالەم پەيغەمبىرىنىڭ ھەققى- ھۆرمىتى ئۈچۈن، ئامىن!