«ئۇرۇمچى» نامىنىڭ كىلىپ چىقىشى
«ئۇرۇمچى» دىگەن نامنىڭ كىلىپ چىقىشى توغرۇلۇق تۇرلۇك كۆزقاراشلار مەۋجۇد. ھازىر تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا ئوموميۇزلۇك ھالدا ئۇرۇمچىنى موڭغۇل تىلىدىن كىلىپ چىققان، مەنىسى گۇزەل يايلاق دەپ چۇشەندۇرىدۇ. ئەمما بۇ توغرۇلۇق يەنىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىپ بېقىشقا توغرا كىلىدۇ. تارىخچى قۇربان ۋەلى «بىزنىڭ تارىخى يېزىقلىرىمىز» دىگەن كىتابىدا تۇرپان دىن تېپىلغان مىلادى 9-ئەسىرلەرگە ئائىت تارىخى يازما ماتىرىياللاردا ھازىرقى ئۇرۇمچى رايونىدا «ئېرۇمچىنا» دىگەن بىر يۇرتنىڭ نامى تىلغا ئېلىنغانلىقىنى دەلل كەلتۇرىدۇ. ۋە ئۇنى قەدىمقى ساك تىلىدا تاللىق دىگەن مەنىسى بارلىقىنى چۇشەندۇرىدۇ. ھالبۇكى مۇڭغۇللار بولسا 13-ئەسىردىن كىيىن ئاندىن تەڭرىتاغ رايونىغا يىتىپ كەلگەن. دىمەك مۇڭغۇللا يىتىپ كىلىشتىن بۇرۇنلا ئۇرۇمچى دىگەن نام مەۋجۇد ئىدى.
مىلادى 648-يىلى تاڭ سولالىسى تۇركلەرنى مەغلۇپ قىلىپ غەربى دىيارنى بىر مەزگىل كونترول قىلىۋالغاندا ھازىرقى ئۇرۇمچى رايونىدا «لۇنتەي» تۇتۇق مەھكىمىسى دىگەن بىر ئورۇننى تەسىس قىلىدۇ. بەزى تەتقىقاتچىلار بۇ نامنى ئۇرۇمچىنىڭ قەدىمقى نامى «رومچە»(موللا موسا سايرامىنىڭ «تارىخى ئەمىنىيە» دىگەن كىتابىدا شۇنداق كۆرسىتىلگەن)نىڭ خەنزوچە تەلەپپۇز قىلىنىشى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ.
ھازىر يەنە بىر خىل كۆز قاراشمۇ مەۋجۇد. ئوغۇزخاننىڭ رىۋايىتىدە ئۇلارنىڭ ئىلىگە خوشنا ئىككى ئەلنىڭ نامى تىلغا ئېلىنىدۇ بىرسى ئالتان خانلىقى يەنە بىر سى ئورۇم خانلىقى، ئالتان خانلىلىقىنى تارىخچىلار ھازىرقى ئالتاي رايونىدىكى قەبىلىلەر بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ(ئالتاينىڭ قەدىمقى تۇركچە ئاتىلىشى ئالتان)،ئەمما ئورۇم خانلىقى توغرىلىق خىلمۇ-خىل قاراشلار مەۋجۇد. بەزىلەر ئۇنى ياۋروپادىكى رىم ئىمپىرىيىسى دەپ قارايدۇ، ئەمما يەنە بىر خىل قاراشمۇ مەۋجۇد.يەنى مىلادىدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردە ھازىرقى تەڭرىتاغ رايونلىرىدا ئۇرۇم دەيدىغان بىر خەلق ھەقىقەتەن مەۋجۇد بولغان. جوڭگو تارىخنامىلىرىدا غەرپتە روڭ دەيدىغان خەلقنىڭ ياشايدىغانلىقى، شۇنىڭدەك تەڭرىتاغدىكى بىر قىسىم ساكلارنىڭ ئەسلى روڭ فامىلىلىك ساكلار ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ. ئۇغۇزخانغا خوشنا ئىككى ئەلنىڭ بىرسى ئالتايدا بولسا يەنە بىرسىنىڭ يىراق ياۋروپادىكى رىم ئىمپىرىيىسى بولۇشى ئەقىلگە تازا سېغمايدۇ. شۇنىڭدەڭ ئۇغۇزخان رىۋايىتىدىن(قەدىمقى نوسخىس) ئۇرۇملارنىڭ ئۇغۇز-ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ۋە ساكلار بىلەن خوشنا ياشىغان قەبىلىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرۇۋالغىلى بولۇدۇ. ساكلار بولسا ھازىرقى تەڭرىتاغ،ئىلى،يەتتە سۇ رايونىدا ياشىغان. بۇ جوڭگو تارىخ مەنبەلىرىگىمۇ ئويغۇن كىلىدۇ. شۇڭا بەزى تارىخچىلار ئۇرۇمچى دىگەن نامنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردە تەڭرىتاغ رايونىدا ياشىغان قەدىمقى ئۇرۇم دىگەن خەلق بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى دەللىللەيدۇ.
ئۇرۇمچى دىگەنلىك ئۇرۇملارنىڭ زىمىنى دىگەن مەنىدە بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىر مەسىلە ئۇرۇم+چى(ئەسلى چىن بولۇشى مۇمكىن،يەنى ئۇرۇمچىن، تۇرپاندىن تېپىلغان قەدىمقى يازما يادىكارلىقلار بۇنى دەلىللەيدۇ) دىكى «چىن» دىگەن سۆز. ئوتتۇرا ئاسىيادا ئاخىرى چىن بىلەن ئاخىرلاشقان نۇرغۇن جاي ناملىرى ئۇچرايدۇ. مەسىلەن داۋانچىن، ئاقسايچىن، ئانىماچىن، چىنماچىن، شۇنىڭدەك ئۇرۇمچىن قاتارلىقلار. «چىن» دىگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ۋە كىلىپ چىقىشى توغرىسدا يەنىمۇ تەتقىق قىلىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ. جوڭگو تارىخنامىلىرىدا جوڭگونى بىرلىككە كەلتۇرگەن چىن ئىلىدىكىلەرنىڭ ئەسلى مىلادىدىن بۇرۇنقى 8-ئەسىرلەردە غەربى شىمالدىن كەلگەن كۆچمەن چارۋىچى خەلق ئىكەنلىكىنى كىيىن ئوتتورا تۇزلەكلىكنىڭ مەدىنىيىتىنى قوبول قىلىپ چىنشىخۇاڭنىڭ ۋاقتىغا كەلگەندە(م ب 3-ئەسىر) پۇتۇنلەي ئوتتورا تۇزلەڭلىكتىكىلەر بىلەن ئوخشاش ھالغا كىلىپ قالغىنىنى(مانجۇلارنى سېلىشتۇرۇش مۇمكىن) ،شۇنداقتىمۇ قالغان 6بەگلىكنىڭ ئۇلارنى يەنىلا ياۋايىلار دەپ كەمسىتىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىدۇ. چىن دىگەن نامنىڭ ئاشۇ چىنلار بىلەر مۇناسىۋىتى بارمۇ قانداق. چۇنكى بۇنداق ئىككى قەبىلىنىڭ نامىنى قوشۇپ ئاتاش تارىختا كۆپ بولغان. ئەلۋەتتە چىن ئاتالغۇسى توغرۇلۇق باشقا چۇشەندۇرۇشلەرمۇ بار.
ئۇرۇمچى نامىنىڭ كىلىپ چىقىشى توغرىسىدا شەخسەن ئۆزەم كىيىنكى قاراشقا بەكرەك ئېتىۋار بېرىمەن. ھەم بۇنىڭ تەتقىقات قىممىتىنىڭ يوقۇرلىقىغا ئىشىنىمەن. ئۇرۇمچى ئانا دىيارىمىزدىكى تارىخى ئۇزۇن،گۇزەل يۇرتلارنىڭ بىرى . ئۇنىڭ تارىخىمۇ پۇتۇن ئۇيغۇر تارىخنىڭ بىر قىسمى.