نۆۋەتتىكى تېما : تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 712ـ كۆرۈرمىنى
Yawuz

دەرىجىسى :كۇلۇب باشلىقى


UID نۇمۇرى : 1787
نادىر تېما : 10
يازما سانى : 367
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە367دانە
شۆھرىتى: 398 نومۇر
پۇلى: 3980 سوم
تۆھپىسى: 100 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :610(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-01-21
ئاخىرقى : 2009-01-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى

تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى
تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشىغا ئىزاھات :

بۇ مەڭگۈ تاش 1897-يىلى ھازىرقى مۇڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ئۇلانباتۇرشەھرىدىن 60 كېلومېتىر يىراقلىقتىكى بايىن-چوقتۇ دىگەن جايدىن تېپىلغان .ھازىر ئوز ئورنىدا. مەڭگۈ تاش تېكىستى ئىككى پارچە تاش مۇنارىغا ئويۇلغان بولۇپ،جەمى 62 قۇر، مىلادىنىڭ 712--716-يىللىرى ئارىلىقىدا ئورنىتىلغان .

تۇنيۇقۇق-كوك تۈرك خانلىقىنىڭ خاقانلىرى ئىلتەرىش خاقان(682--691-يىللار)،قاپاغان خاقان (716-يىلى)ۋە بىلگە خاقان (734-يىلى ۋاپات بولغان)قاتارلىقلارغا باش مەسلىھەتچى بولغان .تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى تۇنيۇقۇق ھايات ۋاقتىدائۇنىڭ ئوزى تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ ،ئۇنى تۇنيۇقۇقنىڭ تەرجىمىھالى دىيىشكە بولىدۇ .




تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشىنىڭ غەربىي يۈزى

تېكست تەرجىمىسى :
 
1)بىلگە*تۇنيۇقۇق مەن ئوزۈم تابغاچ *ئېلىدە ئوستۈم .(ئۇ زامانلاردا)تۈرك خەلقى تابغاچقا قارايتتى .
2)تۈرك خەلقىنىڭ خانى بولمىغانلىقى ئۈچۈن تابغاچتىن ئايرىلدى ۋە (ئوزلىرىگە)خان تىكلىدى .(كېيىن)خاقانىنى تاشلاپ يەنە تابغاچقا تەۋە بولۇپ قالدى .تەڭرى مۇنداق دىگەن ئىكەن :سىلەرگە خان بەردىم ،
3)خانىڭلارنى تاشلاپ ،تابغاچقا يەنە تەۋە بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن تەڭرى سىلەرگە ئولۈم بەردى .(شۇڭا)تۈرك خەلقى ئولدى ، ھالاك بولدى ، يوقالدى .تۈرك سىر *خەلقى يېرىدە
4)بوي ئادەم قالمىدى ،ئورمانلىق ۋە تاغ-دالىلارداقالغانلىرى يىغىلىپ يەتتە يۈز بولدى .بۇلارنىڭ ئىككى ئۈلۈشى ئاتلىق ،بىر ئۈلۈشى پىيادە ئىدى .بۇ يەتتە يۈز كىشىنى باشلاپ يۈرگۈچى
5)قوشۇن ئۇلۇغى شاد * ئىدى . ئۇ ماڭا (قوشۇنىمىزغا )قوشۇلغىن ، دىدى. قوشۇلغان كىشى مەنكى بىلگە تۇنيۇقۇق ئىدىم. مەن ئۇنى خاقان قىلاي دىدىم. مەن مۇنداق ئويلىدىم :ئورۇق بۇقا بىلەن سېمىز بۇقا يىراقتا
6)ئۇسۈشسە، ئورۇق بۇقا بىلەن سېمىز بۇقىنى ئايرىۋالغىلى بولمايدۇ .مەن ئاشۇنداق ئويلىدىم .شۇندىن كېيىن تەڭرى ماڭائەقىل بەرگەنلىكى ئۈچۈن مەن ئۇنى خاقان بولۇشقا دەۋەت قىلدىم .بىلگە تونيۇقۇق بويلاباغاتارقان
7)ئىلتەرىس قاغان بىلەن بىرلىكتە ،جەنۇپتا...............شەرقتەقىتانلار*،شىمالدائوغۇزلاردىن كوپ ئولتۈردۇق. بىلگەسى لەشكەر باشلىقى مەنلا ئىدىم .بىز چوغاي قوزى ۋە قارا قۇمدا ئولتۇراقلاشقان ئىدۇق
8)كىيىك يەپ ،توشقان يەپ كۈن كەچۈرەتتۇق. خەلقنىڭ قارنى توق ئىدى . دۈشمەنلىرىمىز ئەتراپىمىزدا قۇشلاردەك كوپ ئىدى . بىز جانسىز ھايۋاندەك ئىدۇق .شۇنداق ئولتۇرغىنىمزدا ، ئوغۇزلاردىن چارلىغۇچى كەلدى.
9)چارلىغۇچىنىڭ سوزى مۇنداق ئىدى:توققۇز ئوغۇز (خەلقى)ئۇستىدە خاقان ئولتۇرۇپتۇ ، ئۇ تابغاچقا قۇنى سەنگۈنىنى*قىتانغا،تۇڭرا سەمنى(ئەلچىلىككە)ئەۋەتىپتۇ . ئۇلار مۇنداق سوزنى ئېلىپ بېرىپتۇ :ئازغىنە تۈرك خەلقى
10)ھەرىكەتلىنىپ يۈرۈۋېتىپتۇ ، ئۇلارنىڭ خاقانى باتۇر ئىكەن، مەسلىھەتچىسى دانىشمەن ئىكەن .ئۇ ئىككىسىلا بولىدىكەن سەن تابغاچلارنى قىرىپ تاشلايدۇ ،شەرقتە قىتانلارنى قىرىپ تاشلايدۇ ، بىز ئوغۇزلارنى
11) قىرىپ تاشلايدۇ، تابغاچلار،سىلەر جەنۇپتىن تېگىڭلار !قىتانلار، سىلەر شەرقتىن تېگىڭلار!مەن شىمالدىن تېگەي!تۈرك سىر خەلقى يېرىگەخان يولاتمايلى ، مۇمكىن بولسا ،ئۇلارنى يوقىتايلى !
12)ئۇ سوزنى ئشتىپ تۈنى ئۇيقۇم كەلمىدى ، كۈندۈزى ئولتۇرغۇم كەلمىدى .ئاندىن كېيىن خاقانىمدىن ئوتۈندۈم:تابغاچ،ئوغۇز،قىتان بۇ ئۈچى بىرلىشىۋالسا،
13)بىز تايانچىسىز قالىمىز ، ئىچكى تاشقى جەھەتتىن دۈشمەنگە تۇتۇلىمىز .يۇققا نەرسىنى ئېگىش ئاسان، ئىنچىكە نەرسىنى سۇندۇرۇشمۇ ئوڭاي .يۇققا قېلىن بولۇپ كەتسە، ئۇنى ئېگىش تەسكە چۇشىدۇ ،ئىنچىكە
14)توم بولۇپ كەتسە ئۇنى سۇندۇرۇش تەسكە چۇشىدۇ . شەرقتە قىتانلاردىن ، جەنۇپتا تابغاچتىن ، غەرپتەقۇرداندىن ،شىمالدىن ئوغۇزلاردىن بولۇپ ئىككى -ئۈچ مىڭ كىشىلىكقوشۇن كېلىشى مۇمكىن . مەن (خاقانىمغا )شۇنداق دىدىم .
15) خاقانىم مەن ئوزەم- بىلگەتونيۇقۇقنىڭ ئوتۈنگەن ئوتۈنچۇمگە قوشۇلدى ."ئوز كوڭلۈڭچەئىش قىلىۋەر" دىدى. كوك ئوڭدىن يۇقىرىلاپ قوشۇننى ئوتۇكەن تاغقا باشلىدىم . ئوغۇزلار ئىنەك كۇلۇكلىرى بىلەن توغلا دەرياسىدىن كەلدى .
16)ئۇلارنىڭ ئەسكىرى ئۈچ مىڭ ئىكەن ، بىز ئىككى مىڭ ئىدۇق . سوقۇشتۇق ، تەڭرى ساقلىدى ..............تارمار قىلدۇق . ئۇلار دەرياغا چۈشتى . قايتىش يولىدا يەنە ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى ئولدى . شۇنداق كېيىن ئوغۇزلارنىڭ ھەممىسى كەلدى .
17)تۇرك خاقانىنىڭ، تۇرك خەلقىنىڭ ئوتۇكەندە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ، مەنكى بىلگە تونيۇقۇقنىڭ ئوتۇكەندە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ، جەنۇپتىكى خەلقلەر ۋە غەرپتىكى ، شىمالدىكى ، شەرقتىكى خەلقلەرنىڭ بارلىغى كېلىشتى.
18)بىز ئىككى مىڭ ئىدۇق ، ئىككى قوشۇن بولدى . تۇرك خەلقى خەلق بولغاندىن ، تۇرك خاقانى تەخىتكە ئولتۇرغاندىن بۇيان سەندۇڭ شەھەرلىرىگە دەريا - دېڭىزلارغا تېگىپ باقمىغان ئىدى. خاقانىمغا ئوتۇنۈپ قوشۇن تارتتىم .
19)لەشكەرلىرىمنى سەندۇڭ شەھەرلىرىگە ۋە دەريا -دېڭىزلارغا ھۇجۇم قىلدۇردۇم ئۇلار يىگىرمە ئۈچ شەھەرنى ۋەيران قىلدى . بۇيۇرتلار خارابىلارغا ئايلاندى . تابغاچ خانى دۇشمىنىمىز ئىدى . ئون ئوق خاقانى دۇشمىنىمىز ئىدى .
20)بۇنىڭدىن باشقا قىرغىز كۇچلۇك............خاقانىمۇ دۇشمىنىمىز بولدى .بۇ ئۇچ خاقان مەسلىھەتلىشىپ ، ئلتۇن (ئالتاي)تېغىدا ئۇچراشماقچى بوپتۇ . ئۇلار مۇنداق مەسلىھەتلىشىپتۇ :بىز شەرقتىن تۇرك خاقانىغا قوشۇن چىقىرايلى، ئۇنىڭغا ئەسكەر چىقارمىساق ،
21)ئۇلارنىڭ خاقانى باتۇر ، ئەقىلدارى دانىشمەن ئىكەن ، ئاخىرى بىر كۈنى بىزنى بەرىبىر يوقىتىدۇ . ئۇچەيلەن قوشۇن چىقىرايلى ، ئۇنى يوقىتايلى ، دىيىشىپتۇ . تۇركەش خاقانى مۇنداق دەپتۇ : مېنىڭ خەلقىم ئۇيەرگە بارىدۇ .
22)تۇرك خەلقى ھەقىقەتەن بۇلغىنىپ( قالايمىقانلىشىپ )كەتتى .ئۇنىڭ ئۇستىگە ئوغۇزلارمۇ تارقىلىپ كەتتى . بۇگەپنى ئاڭلاپ تۇنى ئۇيقۇم كەلمىدى ، كۈندۇزى ئولتۇرغۇم كەلمىدى . شۇچاغدا، مەن :
23)...........ئالدى بىلەن قىرغىزلارغا ئۇرۇش قىلساق ياخشىراق بولىدىغان ئوخشايدۇ ، دەپ ئويلىدىم . كوگمەن (تېغى) غا بارىدىغان يول بىرلا ئىكەن . ئۇنى قار قاپلىۋاپتۇ دەپ ئاڭلاپ ، بۇ يولدا ماڭساق بولماسمىكىن دىدىم . يولچى ئىزدىدىم . چولگىدىكى ئاز پۇقراسىدىن بىرنى تاپتىم .
24)ئاز يېرىگە بارىدىغان يولنىڭ ئانى * دەرياسىغا يېقىن ئىكەنلىگىنى ، پەقەت بىرلا ئات بىلەن مېڭىشقا بولىدىغان تار يول ئىكەنلىگىنى ئاڭلاپ ،مەن ئۇنىڭدىن يەنە سورىسام ، ئۇ بۇرۇن بىر ئاتلىق كىشىنىڭ بۇيول بىلەن ماڭغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يول بىلەن ماڭساق بولىدىكەن دىدىم . ئويلاندىم ، خاقانىمدىم
25) ئوتۇندۇم . قوشۇن چىقارتتىم . ئات بىلەن دەريادىن ئوتۇڭلار ، دىدىم . ئاق تەرمەل دەرياسىغىچە يۇرۇش قىلدۇردۇم. ئاتلارغا مىنىپ ، ، قارلارنى بوسۇپ ماڭدۇق . ئاتلارنى يېتىلەتكۈزۈپ ، تاياققا تايانغۇزۇپ پىيادە تاققا چىقارغۇزدۇم . سەركەرلەر
26)قار-مۇزلارنى ئاچتى ، بىز ئورمانلىق چوققىلاردىن ئاشتۇق . ناچايىتى مۇشكۈلدە تاغدىن چۈشتۇق . ئون كېچە - كۈندۇز تاغ يېنىدىكى توسالغۇلارنى ئەگىپ يۇرۇپ ماڭدۇق . يولچى ئاداشقاچقا بوغۇزلاندى . خاقانىمىز ئەنسىرەپ تېز مېڭىڭلار دىدى .
27)بىز ئانى دەرياسىغا يېتىپ باردۇق . ئۇ دەريانى بويلاپ توۋەنگە ماڭدۇق . يولدا قوشۇننى ساناش ئۈچۈن ئاتتىن چۈشۈردۇق ، ئاتلارنى دەرەخلەرگەباغلاپ قويدۇق ..........تۈننى تۈن دىمەي ، كۈندۈزنى كۈندۈز دىمەي شامالدەك تېز يۇردۇق . قىرغىزلارنى ئۇيقۇدا بېسىۋالدۇق.
28)بىز نەيزە بىلەن .........نى ئاچتۇق .ئۇچاغدا ئۇلارنىڭ خاقانى ۋە لەشكەرلىرى توپلىنىپ بوپتىكەن . ئۇرۇشتۇق ،سانچىشتۇق ،خاقانىنى ئولتۇردۇق . قىرغىز خەلقى خاقانىمىزغا بوي سۇندى ، يۇكۇندى . بىز ياندۇق . كوگمەن تېغىنى ئەگىپ ،
29)قىرغىزلارنىڭكىدىن ياندۇق . تۇركەش خاقانىدىن چارلىغۇچى كەلدى . ئۇنىڭ سوزى مۇنداق ئىدى ::بىز شەرقتىن تۇرك خاقانىغا لەشكەر چىقارمىساق ، ئۇلارغا يۇرۇش قىلمىساق ، ئۇلار بىزنى ئولتۇرىدۇ ، ئۇلارنىڭ خاقانى باتۇر ،ئەقىلدارى دانىشمەن ئىكەن . ئاخىرى بىركۈنى
30)بىزنى ئولتۇرىدۇ دەپتۇ .تۇركەش خاقانى يولغا چىقىپ بوپتۇ ،بۇلارنىڭ ئىچىدە تابغاچ ئەسكەرلىرىمۇ بار ئىكەن . بۇگەپلەرنى ئىشتىپ ، خاقانىم : مەن ئويگە بېرىپ كېلەي ،
31)خوتۇنۇم قازا قىپتۇ، ئۇنى دەپنە قىلىۋېتەي ، سىلەر قوشۇننى باشلاپ ئىلگىرلەۋېرىڭلار ، ئالتاي تېغىغا ئورۇنلىشىڭلار ،ئىنەل خقان بىلەن تاردۇش شاد لەشكەر بېشى بولۇپ ئىلگىرلىسۇن . دىدى. ئۇ مەنكى بىلگە تونيۇقۇققا مۇنداق دىدى:
32) "سەن بۇ قوشۇنغا يېتەكچىلىك قىل . قىيىن ئشلاردا ئوز كوڭلۇڭچە قارار چىقىرىۋەرگىن ! مەن ساڭا يەنە نىمە دەي ؟ ئەگەر ئۇلار كېلىپ قالسا ، خەۋەرچىلەرنى كوپەيتكىن ، كەلمىسە تىل (ئەسىر)تۇتۇپ سوزىنى توپلاپ تۇرغىن "دىدى . بىز ئالتۇن تېغىدا ئولتۇراقلاشتۇق.
33)ئۈچ پايلاقچى قايتىپ كەلدى ،ئۇلارنىڭ سوزلىرى ئوخشاش ئىدى : ئون ئوق خاقانى قوشۇن چىقىرىپتۇ ، ئون ئوق قوشۇنلىرى پۇتۇنلەي قوزغىلىپتۇ . ئۇلار بىز يارىس تۇزلەڭلىكىدە توپلىنايلى دىيىشىپتۇ . بۇسوزلەرنى ئىشتىپ خاقانغا مەلۇم قىلدىم . قانداق قىلسام بولار ؟دەپ تۇرغىنىمدا يەنە جاۋاپ كەلدى :
34)ئورنىڭلاردا تۇرۇۋېرىڭلار ، ئاتلىق قاراۋۇللارنى ياخشى ئۇيۇشتۇرۇڭلار دىگەن گەپلەرنى بوگۇ خاقان ماڭا ئەۋەتىپتۇ . لېكىن ئۇ ئاپاتارقانغا يەنە :"بىلگە تونيۇقۇق يامان ئادەم ، قارا نىيىتى بار
35)ئەگەر ئۇ قوشۇن چىقىرىمەن دىسە ئۇنىماڭلار "دەپ مەخپى گەپ ئەۋەتىپتۇ . بۇسوزلەرنى ئىشتىپ قوشۇن چىقاردىم .بىز ئالتۇن تاغنىڭ يولسىز جايلىرىدىن ئاشتۇق ، ئېرىتىش دەرياسىنىڭ كېچىكسىز جايلىرىدىن كېچىپ ئوتتۇق . بىز تۇن بويى ئىلگىرلىدۇق . بولچۇ غا تاڭ يورۇغاندا تەگدۇق .
36)"تىل "كەلتۇرۇلدى ، ئۇ يارىس تۇزلەڭلىگىدە ئون تۇمەن ئەسكەر توپلاندى دىدى . بۇ سوزلەرنى ئىشتكەندىن كېيىن بەگلەرنىڭ ھەممىسى :
37) يانايلى ! ساپ نومۇس ئەلا ( شەرەپلىك مەغلۇپ بولغان ياخشى)!دىدى. مەنكى بىلگە تونيۇقۇق ئۇلارغا :"بىز ئاتۇن تېغىنى ئېشىپ ، ئېرتىش دەرياسىدىن
38)ئوتۇپ كەلدۇق . كەلمىگىمىز قىيىنغا چۇشتى . كەلگىنىمىزنى ئۇلار تۇيمىدى . تەڭرى ، ئۇماي ، مۇقەددەس يەر -سۇ بىزگە مەدەت بېرىدۇ . بىز يەنە نىمىشقا تېزىپ كېتىمىز ؟!
39)ئۇلارنىڭ ئادىمىنىڭ كوپلىگىدىن نىمە ئۇچۇن قورقۇپ كېتىمىز ؟ ئادىمىمىزنىڭ ئازلىقى تۇپەيلى ئۇلاردىن يېڭىلىپ قالاتتۇقمۇ ؟ تېگەيلى!" دىدىم . تەگدۇق . يېڭىپ چىقتۇق . ئىككىنچى كۈنى ئۇلار يەنە كەلدى .
40) ئۇلار ئوتتەك قىزىپ كەلدى . سوقۇشتۇق ، ئۇلارنىڭ ئىككى قاناتتىكىلىرى بىزنىڭكىلەردىن سىڭارچە(يېرىم ھەسسە) كوپ ئىدى . تەڭرى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇلارنىڭ كوپلىگىدىن
41) قورقۇپ كەتمىدۇق . سوقۇشتۇق. تاردۇش شاد جەڭگە قاتناشتى . بىز يەڭدۇق . خاقانىنى تۇتتۇق . يابغۇسى ۋە شادى
42) شۇيەردە ئولتۇرۇلدى .ئەللىكچە ئادىمىنى تۇتتۇق .شۇكېچىسى ھەرقايسى قەبىلىلەرگە ئەلچى ئەۋەتتۇق . بۇخەۋەرنى ئىشتىپ ئون ئوق بەگلىرى ۋە خەلقى پۇتۇنلەي
43) كەلدى ، يۇكۇندى ئەل بولغان بەگلەر ۋە خەلقلەرنى تەشكىللەۋاتقىنىمدا، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى قېچىپ كەتتى . ئۇلارنى قوغلاشقا ئون ئوق ئەسكەرلىرىنى چىقارتتىم .
44) بىزمۇ ئەسكەر چىقاردۇق .ئۇلارنىڭ كەينىدىن تاپ بېسىپ ماڭدۇق . يىنچۇ(ئۈنچە)دەرياسىدىن ئوتۇپ ، "تىنسى ئوغلى* " دەپ ئاتىلىدىغان مۇقەددەس ئاق تاغدىن ئاشتۇق .
45) تاكى تومور قاپقىغىچە * باردۇق . قوشۇننى شۇيەردىن ياندۇردۇق . ئىنەل خاقان ..............ساقا *تەزىك * توقرى *
46) ۋە شۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان ئاسۇق باشچىلىقىدىكى سوغداق خەلقلىرىنىڭ ھەممىسى ئەل بولدى، يۇكۇندى .........تۈرك خەلقى تومۇر قاپقىغا
47) ۋە "تەڭرى ئوغلى "دەپ ئاتىلىدىغان تاققا ئەزەلدىن تېگىپ باقمىغان ئىدى . مەنكى بىلگە تويۇقۇق ئۇ يەرگە يۈرۈش قىلدۇرغانلىقىم ئۈچۈن
48) ئۇلار (سوغداقلار)سانسىزلىغان سېرىق ئالتۇن ، ئاق كومۈش ، قىز ئاياللارنى ،ئېسىل ئېگەر- جابدۇق ۋە ئۈنچە - مەرۋايىتلارنى كەلتۈردى . ئىلتەرىس خاقان دانا بولغانلىقى ئۈچۈن ،
49) باتۇر بولغانلىقى ئۈچۈن تابغاچ بىلەن ئون يەتتە قېتىم سوقۇش قىلدى ، قىتانلار بىلەن يەتتە قېتىم سوقۇشتى . ئوغۇزلار بىلەن بەش قېتىم ئۇرۇش قىلدى . شۇ چاغدىمۇ ئەقىلدارى
50) يەنىلا مەن ئىدىم ، ياغىچىسى(تەشكىللىگۈچىسى)يەنىلا مەن ئىدىم . ئىلتەرىس خاقانغا ، تۈرك بوگۇ خاقانغا ، تۈرك بىلگە خاقانغا .........
51) قاپاغان قاغان يىگىرمە يەتتە ياش ۋاقتىدا، مەن قاپاغان قاغانغاياردەملىشىپ ئۇنى تەخىتكە ئولتۇرغۇزدۇم . تۈنلىرى خاتىرجەم ئۇخلىيالمىدىم ،
52) كۈندۇزى خاتىرجەم ئولتۇرالمىدىم . قىزىل قانلىرىمنى توكتۇم ، قارا تەرلىرىمنى ئاقتۇردۇم . مەن (دولەت)ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچۈمنى قوشتۇم . مەن ئوزەم يەنە ئاتلىق قوشۇن چىقاردىم .
53) مەن ئوردا قاراۋۇللىرىنى () كېڭەيتتىم .يېنىپ - يېنىپ تۇرغان دۇشمەنلەرنى بوي سۇندۇردۇم . خاقانىم بىلەن بىرگە (كۆپ قېتىم)جەڭگە قاتناشتىم . تەڭرى ساقلىدى .
54)مەن تۈرك خەلقى زىمىنىدە تولۇق قوراللانغان دۈشمەنلەرنى ماڭدۇرمىدىم . بەلگىسى بار ئاتلارنىڭ ھەممىلا يەردە چېپىپ يۈرۈشىگە يول قويمىدىم . ئىلتەرىس خاقان تىرىشمىغان بولسا ،
55) ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ، مەن تىرىشمىغان بولسام ، دولەت ۋە خەلق يوق بولغان بولاتتى . ئۇ تىرىشقانلىقى ئۈچۈن ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ، مەن تىرىشقانلىقىم ئۈچۈن ،
56) دۆلەت يەنىلا دۆلەت بولدى ،خەلق يەنىلا خەلق بولدى . ئۆزەم قېرىدىم . ئۇلۇغ بولدۇم . ھەر قانداق يەردىكى خاقانلىق خەلقلەردە
57) مەندەك ئادەم بولىدىكەن ، ئۇلاردا نىمە غەم بولسۇن .
58) تۈرك بىلگە خاقان ئېلىگە ، مەنكى بىلگە تونيۇقۇق (بۇ مەڭگۈ تاشتىكى سۆزلەرنى ) يازدۇردۇم .
59) ئىلتەرىس خاقان تىرىشمىغان بولسا ، مەن ئۆزەم - بىلگە تونيۇقۇق تىرىشمىغان بولسام ، مەن بولمىغان بولسام ،
60) قاپاغان قاغان ۋە تۈرك سىر خەلقى تۇپرىقىدا خەلق ئادەم - ئىنسان بولمىغان بولاتتى .
61) ئىلتەرىس خاقان ۋە مەنكى بىلگە تونيۇقۇق تىرىشقانلىقىمىز ئۈچۈن قاپاغان قاغان ۋە تۈرك سىر خەلقى مۇشۇنداق ياشاپ قالالىدى .
62) تۈرك بىلگە خاقان تۈرك سىر خەلقىنى ، ئوغۇزلارنى باقماقتا .

مەڭگۈ تاشتىكى سۆزلەرگە ئىزاھات :

تابغاچ --مەڭگۈ تاش تېكىستلىرىدە خاس تاڭ سۇلالىسىنى كۆرسىتىدۇ .

سىر --تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ بىرىنىڭ نامى .

شاد -- مەنسەپ ، ئەمەل نامى .

سەنگۈن -- قەدىمقى تۈرك تىلىدا جىياڭجۈننى شۇنداق ئاتىغان .

ئوتۇكەن تاغ -- تۈرك خەلقى ئەزەلدىن چوقۇنۇپ كەلگەن مۇقەددەس تاغلارنىڭ بىرى . ئورخۇن دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىمىغا توغرا كېلىدۇ .

ئون ئوق خاقانى -- غەربىي تۈرك خاقانىنى كۆرسىتىدۇ .

تۇركەش -- تۇرك قەبىلىلىرىنىڭ بىرىنىڭ نامى .

ئاز -- يەتتە سۇ ئەتراپىدا ياشىغان تۈركەشلەرنىڭ بىر قەۋمى .

تىنسى -- خەنزۇچە تىيەن زى (تەڭرى ئوغلى ) دىن كەلگەن .

تومۇر قاپىغ -- سەمەرقەند بىلەن بەلخ ئارىسىدىكى بوز قالا تېغىنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىم ئوتكەل .



ئەسكەرتىش : ئەسلى تېكىست ۋە تەرجىمىلەردە ئۇچرايدىغان "..............." چېكىتلەر مەڭگۈ تاشتا ئۇپراپ بۇزۇلغان جاينى كۆرسىتىدۇ .
تەرجىمىدە ( ) ئىچىگە ئېلىنغان سوزلەرنى ئۆزىمىز قوشتۇق .
بۇ مەڭگۈ تاش تېكىستىنى ئەسلى كونا مۇنبەرگە kamiran ئىسىملىك توردىشىمىز يوللىغان بولۇپ، يېڭى مۇنبەرگە كۆچۈرۈلدى.
كونا مۇنبەر ئادرېسى: http://tarih.orkhun.com/munber
yol
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
| ۋاقتى : 2008-11-26 13:45 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 712ـ كۆرۈرمىنى
zirek

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 1895
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 167
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە167دانە
شۆھرىتى: 177 نومۇر
پۇلى: 1790 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :80(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-04-24
ئاخىرقى : 2009-01-07

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مەندە قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما دېگەن كىتاب بار بولۇپ، شۇ كىتابتىمۇ بار بۇ تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشىنىڭ مەزمۇنى. يەنە بىر مۇنچە مەڭگۈ تاشلارنىڭ مەزمۇنلىرى بار ..
| ۋاقتى : 2008-11-28 01:41 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 712ـ كۆرۈرمىنى
torkun

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 6840
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە7دانە
شۆھرىتى: 9 نومۇر
پۇلى: 80 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :6(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-11-26
ئاخىرقى : 2009-01-04

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

سىزگە چىن كۆڭلۇمدىن رەھمەت قىرىندىشىم ، مەن يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسىنى چۈشۇرۋالماقچى ئىدىم ، قانداق مەشغۇلات قىلىمەن .
بۇتور بىكەن ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن ،
| ۋاقتى : 2008-11-29 00:16 2 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.091477(s) query 4, Time now is:01-11 07:50, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation