چەتنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى كۆرەش
مۇھەممەدئىمىن قۇربانى (1914-1990)
تارىختىن بۇيان چەت ئەل كۈچلىرى ساياھەت ، تىجارەت باھانىلىرى بىلەن ياكى ھەربى كۈچكە تايىنىپ يۇرتىمىزغا باستۇرۇپ كىرىپ ياكى سىڭىپ كىرىپ ، ئاتا - بوۋىلىرىمىز ياراتقان قىممەتلىك مەدىنىيەت مىراسلىرىمىزنى ۋە باشقا قىممەتلىك ماددى بايلىقلىرىمىزنى بۇلاپ - تالىدى . مۇقەددەس تۇپرىقىمىزنى ئاياغ ئاستى قىلدى .خەلقىمىزنىڭ ئۈستىدىن زورلۇق - زومبولۇق قىلدى . ئۇلار بۇنىڭ بىلەنلا قالماستىن ، مەنىۋى جەھەتتىنمۇ تۈرلۈك بۇزغۇنچىلىق ، سۈيقەسىتلەنى ئېلىپ باردى . شىۋىت دىن تارقاتقۇچىلىتىنىڭ قىلمىشلىرى بۇنىڭ بىر كۈچلۈك دەلىلى .
شىۋىت دىن تارقاتقۇچىلىرى شىنجاڭغا 1900-يىلى ئەتراپىدا كەلگەن . ئۇلار دەسلەپتە قەشقەر،يېڭىسار، يەكەن قاتارلىق جايلارغا تارقىلىپ ، ياۋروپا تىببى داۋالاش ئورۇنلىرىنى قۇرۇپ ، كىسەل داۋالاش بىلەن شۇغۇللاندى . بۇ ئۇلارنىڭ نىقابى ئىدى . ئۇلار ، ماھىيەتتە ، دىن تارقىتىش بىلەن شۇغۇللاندى .
شىۋىت دىن تارقاتقۇچىلىرى قەشقەرگە ئورۇنلاشقاندىن كىيىن ، شەھەرنىڭ غەربى شىمال ياقىسىدىكى ''گۈلباغ'' نىڭ جەنۇبىدىكى سىپىل يىنىغا بىنا سىلىپ ،دوختۇرخانا ئاچتى . مەلۇم مەزگىلدىن كىيىن
كېسەلخانا تەسىس قىلدى . بۇ جاي ''خەستەخانا'' دەپ ئاتالدى . كېيىنچە بۇ جايغا ''بەيتى خۇدا''،
(خۇدانىڭ ئۆيى) ۋىۋىسكىسى ئىسىلدى ، ئەمىلىيەتتە بۇ كىچىك ''كەلىسا'' (بۇتخانا) غا ئايلانغانىدى .ئۇلار بۇ ''كەلىسا'' دا ئوچۇقتىن ئوچۇق دىن تارقىتىپ ، مۇرد توپلاپ ، ئۇلارغا مەسىھ (ئېيسانىڭ يولى) ئەقىدىسىنى سېڭدۈردى .
20-ئەسىرنىڭ 1- چارىكى بولۇپ قالغان بولسىمۇ ، لىكىن ، يۇرتىمىزدا ئادەتتىكىچە بىرەر داۋالاش ئورنى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ، كىسەللەر چەتئەل دوختۇرخانىلىرىغا بىرىپ كىسەل كۆرسىتەتتى . بولۇپمۇ شىۋىت دوختۇرلىرىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى بولغاچقا ، كۆپلىگەن كىشىلەر ئۇلار تەرىپىدىن جەلىپ قىلىنغانىدى . ھەر كۈنى يۈزلىگەن كېسەل ئەتىگەندىلا ''بەيتى خۇدا'' نىڭ كىسەل كۆرۈش ئۆيى ئالدىدىكى ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرۇپ كىتەتتى . بۇ چاغدا ياندىكى ئۆيدىن ئىبادەت قىلىۋاتقان ، گارمون ۋە روياللارغا تەڭكەش قىلىپ ''مۇناجات'' ئوقۇۋاتقان ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى .
شىۋىتلەر يەنە ئۆز دۆلىتىدىن مىخ ئەتبەئە ئۈسكۈنلىرىنى كەلتۈرۈپ ،ئۇيغۇر تىلىدا كىتابچىلارنى باستۇرۇپ تارقىتاتتى .كېسەل كۆرسىتىشكە كىلىپ ،ساقلاپ ئولتۇرغا كىشىلەرگە كىتابچىلارنى تارقىتىپ بىرەتتى .
ھەقسىز تارقىتىلىدىغان بۇ كىتابچىلاردا قېزىق ھېكايىلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ دىنى ئەقىدىلىرى تەرغىپ قىلىنغانىدى . كىتابچىدا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىن ئىبارەت ئىككى ئالەمنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى ئېيسا دەپ مۇئەييەنلەشتۈرىلەتتى ، ھېكايە قەھرىمانلىرىنىڭ بىشىغا كەلگەن بالا - قازالارنىڭ ئېيسا مەسىىھۇللانىڭ باش پاناھلىقى بىلەن خالاس بولغانلىقى بايان قىلىناتتى . كىشىلەر بۇ كىتابچىلارنى كۆرگەندىن كىيىن ، ئۆز ئەقىدىسىگە خىلاپ بولغان بۇنداق نەرسىلەردىن يىرگىنىشەتتى . ئەمما ، بەزىلەر ياخشى داۋالىنالماي قىلىشتىن قورقۇپ ، كىتابچىنى يانچۇققا سالاتتى . بەزى ئەقىدىسى مەھكەم كىشىلەر شۇ يەردىلا يىرتىپ تاشلاپ نارازىلىق بىلدۇرەتتى . ئەمما ، شىۋىتلەر ۋە ئۇلارنىڭ مۇرتلىرى بۇنىڭدىن ئەجەپلەنمەيتتى ، ئۇلار بەزىلەرنىڭ كىشىلەر ئىشەنمەيدىغان مۇنداق كىتابنى تارقىتىشنىڭ نىمە ئەھمىيىتى بار دەپ سورىغان سۇئالىغا : ''كىشىلەرنىڭ بۇ كىتابلارنى ياقتۇرمايدىغانلىقى بىزگە مەلۇم . لېكىن ، بىز غايە ئۈچۈن سەبرى قىلىمىز . چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ تولىسى ساۋاتسىز بولغاچقا ، ئۇلارنىڭ كىتابنى ھۆرمەت قىلىش ، كىتابتىن ئاڭلىغانلىرىغا ئىشنىش پىسخىكىسى كۈچلۈك ، بولۇپمۇ ، يىزىلىقلار نادان قالغاچقا ، كىتابنى كۆيدۈرسە ، ئاياغ ئاستى قىلسا يامان بولىدۇ ، دەپ قاراپ ئېگىز جايغا ئىلىپ قويىدۇ . يىللار ئۆتىدۇ ، ھەتتا 40-50 يىللار ئۆتىدۇ . شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ باللىرى ،نەۋرىلىرى بۇكىتابلارنى ئوقۇيدۇ ۋە ئوقۇتۇپ ئاڭلايدۇ . نەتىجىدە ، ئۇلار تارىختا ئاتا - بوۋىمىز مانا مۇشۇنداق ئەقىدىدە بولغان ئىكەن ، دەپ قارايدۇ - دە ، بۇ ئەقىدە ئۇلارغا ئۆزلىشىدۇ . شۇ چاغدا بىز غەلبە قىلغان بولىمىز ،،،،،،'' ، دەپ جاۋاپ بەرگەن . چەتئەل دىن تارقاتقۇچىلىرى مانا مۇشۇنداق ۋاستىلەر بىلەن سىياسى ۋە مەنىۋى جەھەتتە سىڭىپ كىرىپ ، خەلىقنى مەنىۋى قۇللۇققا مەھكۇم قىلماقچى بولغان . شىۋىتلەر ئىگە - چاقىسىز ، يىتىم - يىسىر بالىلارنى يىغىپ تەربىيلەپ ، خىرىستىئان دىنى ئەقىدىلىرىنى ئۆگىتىپ ، ئۇلارنى يولدىن ئازدۇردى . ئۇلارنىڭ بىر قىسىمىنى سىستىرا ۋە كېسەل كۈتكۈچى قىلىپ تەربىيىلەپ ، ئامبۇلاتورىيە ۋە كېسەلخانىدا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇردى . يەنە بىر قىسىمىنى نابورچىك قىلىپ تەربىيىلەپ ، باسمىچىلىق ۋە نەشىرياتچىلىق ئىشلىرىغا ئىشلەتتى . شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئەرزان ئەمگەك كۈچىنى ئېشلىتىپ ، خەلقىمىزنى ئېكىسپىلاتسىيە قىلىپ نۇرغۇن بايلىق توپلىدى .
چەتئەل جاھانگىرلىرىنىڭ مۇشۇنداق سىياسىتى ۋە مەنىۋى تاجاۋۇزىغا يەرلىك ھۆكۈمەت ھېچقانداق قارشىلىق كۆرسەتمەيلا قالماستىن بەلكى ، ئۇلارغا يولنى كەڭ ئېچىپ بەردى . ئېتىبارسىز قارىدى . دۈشمەنلەر بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ، ئۆزلىرىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى . ئۇلار يېڭىسار ، يەكەن قاتارلىق جايلاردىمۇ ئۆز شۆبىلىرىنى قۇرۇپ ، نامرات كىشىلەرنىڭ باللىرىنى پۇلغا قىزىقتۇرۇپ ، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ مۇرد ۋە مەنىۋى قۇللىرى قىلىپ تەربىيلەشكە ئۇرۇندى .
مانا مۇشۇنداق قىلمىشلار يۇرتىمىز ئۈچۈن بىر پاجىئەگە ئايلاندى . بۇنى چەكلەش ، توساش يوقىتىش ۋەزىپىسى ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنىڭ زېممىسىگە چۈشتى ، ۋەتەنپەرۋەر زاتلاردىن ئابدۇقادىر داموللام بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىپ ، شىۋىتلەرنىڭ قىلىۋاتقان يامان ئېشلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلىرىنى يۇرت چوڭلىرىغا ، خەلق ئاممىسىغا چۈشەندۈردى ۋە ئۆزى بەل باغلاپ ئوتتۇرىغا چىقتى . شۇنىڭ شىۋىت باسقۇنچىلىرىغا قارشى ھەرىكەت شەكىللەندى .
ئابدۇقادىر داموللام باشچىلىقىدىكى چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ھەرىكەت قەشقەردە قوزغالغان 2-قىتىملىق ھەرىكەت بولدى 1-قىتىملىقى بۇنىڭدىن ئون يىللار ئىلگىرى چارروسسىيىنىڭ قەشقەرگە كىلىپ خەلقىمىزنى ئېكىسپىلاتسىيە قىلغان جازانىخورلىرىغا قارشى '' قازى كالان'' موللا ئاخۇن دارازا باشچىلىقىدا قوزغىلىپ ، چارروسسىيە كونسۇلخانىسىنى زىل - زىلىگە سالغان ھەرىكەت ئىدى ، بۇ ھەرىكەتتە قەشقەر خەلقى راپائىل شەمئۇن قاتارلىق نەچچە ئون جازانىخورنى يۇرتتىن قوغلاپ چىقارغانىدى .
بۇقىتىم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئىككى يۈزچە تالىپ ئاپئاق سەللە يۆگەپ ، شىۋىت باسقۇنچىلىرىنىڭ ''بەيتى خۇدا'' سىغا باستۇرۇپ باردى ، ئۇلاردىن ئۆز ھەرىكىتىنى توختۇتۇپ ، قەشقەردىن كېتىشىنى تەلەپ قىلدى ، ئەكبەر ، فەردا قاتارلىق كىشىلەر ۋە سادىق مۇرد ئايال دوختۇرلار قورقۇپ كىتىپ ، ئۆزلىرىنى چەتكە ئالدى . نامايىشچىلار شىۋىتلەر بىسىپ تەييارلىغان كىتاب ۋە باشقا نەرسىلىرىنى كۆيدۈرۈپ ، تەنتەنە بىلەن قايتتى . بۇ قارشىلىق ھەرىكىتى باشلانغۇچ غەلبىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ ، لىكىن ، كۆپ ئۆتمەي ، ئابدۇقادىر داموللام سۈيقەستكە ئۇچراپ ئالەمدىن ئۆتتى .
چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى بۇ ھەرىكەت شۇنىڭ بىلەن ۋاختىنچە توختاپ قالدى .
مەنبە:'' شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى'' ژورنىلى 1997-يىل 2-سان
كونا مۇنبەرگە توردىشىمىز kitabchi يوللىغان.