مۇشائىرە ھوزۇرى:
كەلدى
ئايا قۇدرەت كامالىڭدىن نۇرى-نۇسرەت ئىمان كەلدى،
سۇتۇق ئەلباش جىمى تۈركىي سادا<<ئويخور>>پىغان كەلدى.
<< بىلاساكھون>> بېغى مەھكەم تۇران پۇشتى دىلى تىل بىر،
ئەبۇل مۇقتەد بىئەمرىللا قوبۇل لەۋھە <<دىۋان>>كەلدى.
تۇرار بىر ئاق ساقال بۇزرۇك ئىگىز كۇرسىدا ھەيۋەتتە،
تىلى يىلتىز- تۇران- تۈركىي پاساھەتلىك زۇۋان كەلدى.
كۆچۈرمەن، رەڭ،دۈۋەت راسلاپ تەئىلىق- پەي قەلەملەردىن،
ئەتىر فۇرقى، زىبا خۇلقى، ھۆسىندار مېھرىبان كەلدى.
ئەلف لەبزىڭ مۇقەددە تىل، ياراشقاي ياخشىلىق قۇتتىن،
ئوغۇزچە ھەمنەپەس-ھەمدەم جىمى تۈركى قىيان كەلدى.
تىلى گەر بولسا بىر خەزنە، جاۋاھىر قەۋمىنىڭ مېھرى،
ئۇدۇمغا رەھناما بىرچال<< ژىلى مەھمۇد>> زامان كەلدى.
كىسىپ ئېيتىش كېرەك مەغرۇر: سۈرى<<بېيدىڭ>>دا ھون ئاتلىق،
يەنە ئۈچ رەڭ: قارا، بوز، ئاق، تىلى<<ئىم>>دىن راۋان كەلدى.
كۆڭۈل ئاقلىق،دىلى ئاقلىق تەڭرتاغنىڭ پايانىغا،
تىلى ئۆزگە،زىمىن ھالقىپ، سېلىپ نەشتەر چايان كەلدى.
خوتەن مۈلكىگە جەننەتتۇر<<غەزەلىم>>چەبىيات، ئۆزھال،
تىلى<<چاغتاي>>زەبۇنلەردىن<<قىتان>>،<< قالماق>>- قاۋان كەلدى.
[ بۇ يازما barhan تەرىپىدىن 2008-11-30 18:55 دە قايت ]