يولداش <<ئۇلۇكروخ>>نىڭ بۇ تېمىسى تولىمۇ ۋاقتىدا يوللانغان تېما بوپتۈ، چۇنكى مۇسۇلمانلانىڭ قۇربان ھېيتى كېلىش ھارپىسىدا مۇنداق تېمىنى يوللاشنىڭ ئۆزىمۇ بىر ساۋاپ ئىش. ماقالىدا كۆرسىتىگەندەك ئۇيغۇرلاردىكى ناماقۇللۇق(ھۆزىرە ئېيتىش) چېيى ھازىر شەكىل جەھەتتىن ئۆزگىرىپ ھاراق بىلەن ئېلىپ بىرىلىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن بىزدىكى بۇ ئېسىل ئەخلاقنىڭ يوقالماسلىقنىڭ ئۆزىلا بىزدىكى غەلبە.
يېزىلغىنىغا 30نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ ئۇيغۇرنى ئەسلى ماھىيىتىدىن ئەكىس ئەتتۇرىدىغان تۆۋەندىكى شېئىرنى يولداشلارنىڭ ھۈزۇرىغا سۇنۇشنى توغرا تاپتىم، يولداشلارنىڭ ناخشىلاردا تولا ئاڭلىغىنىنى بىلىپ تۇرساممۇ يەنە بىر ئوقۇشىنى مۇراجەت قىلىمەن. رەخمەت.
ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش
يازغۇچىسى : ئېليا بەختىيا ( قازاقىستان )
يىغىپ يۈرگەن دۇنياسىنى تويغا دەپ ،
تۆكۈۋېتىدۇ _" مېھمان كەلدى ئۆيگە " دەپ .
دېسەڭ ئەگەر چۈشەنمەستىن" بۇ قانداق ؟ "
بىلىپ قويغىن ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق .
ئۇيغۇرلارنىڭ قولى _ ئالتۇن ، كۆڭلى _ گۈل ،
باغ – باراقسان ئۇلار تۇرغان دەشتى - چۆل .
دوستقا دېگەن مېھرى ئوچۇق ،كۆڭلى ئاق ،
بىلىپ قويغىن ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق .
ئەتە - ئاخشام ئىشىكىنى ئىلمايدۇ ،
قۇلۇپ سالماس قىزغىنىشنى بىلمەيدۇ .
چۈشەنمەستىن دېسەڭ ئەگەر : " بۇ قانداق ؟ "
بىلىپ قويغىن ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق .
كۆچەت تىكىپ سايە بولسۇن دەيدۇ ئۇ ،
ئۇ سايىدا ئۆزى ئولتۇرسا مەيلىغۇ ؟
دوست - بۇرادەر كۆڭلى تۇيسا شۇ باغقا ،
" مەن قاتارغا قوشۇلدۇم "دەر شۇ ۋاقتا .
قايغۇ چۈشسە تەڭ بۆلۈشۈپ ئالىدۇ ،
بىرسى كۈلسە _ئۇنىڭ كۆڭلى قانىدۇ .
قېرىنداشتىن ئارتۇق كۆرۈپ قوشنىنى ،
ئاتىسىدەك تىڭشايدۇ يار - دوستىنى .
جاپارىڭمۇ ؟ ئۇ جاپادىن قورقمايدۇ ،
ئاغرىپ قالساڭ ئەڭ ئاۋۋال شۇ يوقلايدۇ .
دەردىڭ بولسا ئالىدۇ ئۇ بۆلۈشۈپ ،
شادلىق كۈنى _ئولتۇرىدۇ كۈلۈشۈپ .
ناخشا - سازسىز ، مەشرەپسىز ئۇ يۈرمەيدۇ ،
سەن كۈلمىسەڭ ،ئۇ ئېچىلىپ كۈلمەيدۇ .
سەن ئېگىلسەڭ ، ئۇ سۇنىدۇ سەن ئۈچۈن ،
ھە ، سەن سۇنساڭ _ئۇ ئۆلىدۇ سەن ئۈچۈن .
ئۇيغۇر دېگەن ياخشىلىققا يارالغان ،
بىلىم – ئىلمى جاھانغىمۇ تارالغان .
ئوق ئورنىدا ھېمىشەم گۈل ئۈنسۇن دەپ ،
ئەمگەك قىلار _" ئىنسان ئامان بولسۇن " دەپ .
1975 - يىلى
مانا بۇ ئۇيغۇر، ئەپۇچانلىق كەڭ قورساقلىق بىزنىڭ قېنىمىزدا مۇجەسسەم. ئاق كۆڭۇللۇك ياخشى پەزىلەت <<لېكىن دېھقان بىلەن يىلان>> ھىكايىسىنىمۇ ئۈنتىماسلىقىمىس لازىم. ئاق كۆڭۇللۇك لايىقىدا بولمىسا، ئادەمنى گالۋاڭ قىلىپ قويىدىغانلىقىدا گەپ يوق. بىز گالۋاڭ ئەمەستۈق باشقىلار بىزنىڭ ئاقكۆللىكىمىزنى بىزنىڭ گالۋاڭلىقىمىز دەپ بىلۋالدى. ئۇيغۇرلاردا <<ئۆلتۇرمەن دىسەك قويمۇ تىپىرلايدۇ>>دەيدىغان گەپ بار .ئىشقىلىپ ھەممە نەرسە چەكتىن ئاشسا زاۋاللىق ئۇنىڭ ئەتىراپىنى چۆگلەپ بولمايدۇ. يولداشلارنىڭ قۇربان ھېيىتتا ئىناق، تىنىچ، بىخەتەر جەمىيەت بەرپا قىلىشتا ئۆز-ئارا چاي تۈتۈشنى ئۈنتۈپ قالماسلىقىنى. بايرامنى ئىناقلىق تۈسى ئالغان بايرام تەنتەبىسىگە چۆمدۇرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۇت قىلىمەن. يولداشلارغا يېنە بىر قېتىم (ئالدىن)بايراملىق سالام يوللايمەن. رەخمەت.
[ بۇ يازما palwan تەرىپىدىن 2008-12-01 16:40 دە قايت ]