نۆۋەتتىكى تېما : {ئالاھىدە تېما}ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى دۇنيا ئەيدىز كۈنى، ئۇنتۇپ قالمايلى! تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 925ـ كۆرۈرمىنى
erdewil

دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1774
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 217
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە217دانە
شۆھرىتى: 898 نومۇر
پۇلى: 2470 سوم
تۆھپىسى: 25 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :97(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-01-21
ئاخىرقى : 2009-01-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 {ئالاھىدە تېما}ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى دۇنيا ئەيدىز كۈنى، ئۇنتۇپ قالمايلى!



ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى دۇنيا ئەيدىز كۈنى، ئۇنتۇپ قالمايلى!

ئەيدىز ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى مەلۇمات:
http://www.qingdaonews.com چىڭداۋ ئاخبارات تورىنىڭ30-نويابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،بۈگۈن ئەتىگەن سەھىيە مىنىستىرلىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان.
سەھىيە مىنىستىرلىكى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ۋاڭ ۋېيجىن جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى ئەيدىز ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ھەم مۇھىم سانلىق مەلۇماتلارنى دەپ ئۆتتى.يەنى ، دۆلىتىمىزنىڭ سىتاتىستىكا ئورۇنلىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا 2007-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مەمىلىكىتىمىزدە ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار تەخمىنەن700مىڭ بولۇپ، ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى 85مىڭ،كىشىلەر توپىنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى %0.05ئەتراپىدا.
كېسەللىنىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان رايونلار رەت تەرتىپى يۈننەن ، خېنەن ، گۇاڭشى ،يۇرتىمىز ، گۇڭدۇڭ ،سىچۇەن قاتارلىقلار بولۇپ ، دوكلات قىلىنغان ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ%80نى ئىگىلەيدۇ.
2008-يىلى 9-ئايغىچە ئومۇمى دوكلات قىلىنغان يۇقۇملانغۇچىلار سانى 264302نەپەر ، ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى 77753نەپەر،ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 34864نەپەر.
2008-يىلى 1-ئايدىن 9-ئايغىچە HIVدىن يوقۇملانغان ھەم كېسەللەنگەن كىشىلەر سانى 44839نەپەر بولۇپ بۇلاردىن ئۆلگىنى 6897نەپەر.
6چوڭ شەھەردىكى كىشىلەر ئارىسىدىكى راي سىناشتىن بىلىنىشچە ، %30كىشى HIV پاشا چېقىشتىنمۇ يۇقىدۇ دەپ قارايدىكەن.
83% كىشى ئەيدىز بىمارلىرى ياكى يۇقۇملانغۇچى بىلەن بىر ياتاقتا ياتقۇسى يوقكەن.%65 كىشى يۇقۇملانغۇچى بىلەن بىللە تاماق يېيىشكە قوشۇلمايدىكەن.
-------------------------


ئەيدىز ۋرۇسى   (مۇناسىۋەتلىك خەنزۇچى ماتېرىيال بۇ يەردە)


قوشۇمچە:
   پۈتۈن دۇنيادىكى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار سانى تەخمىنەن 40مىليوندىن ئارتۇق بولۇپ، ئافرىقىدىكى دۆلەت يەنى جەنۇبىي ئافرىقىدا ھەر 10 ئادەمنىڭ بىرى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان بولۇپ دۇنيادا 1-ئورۇندا تۇرىدىكەن،نوپۇسى كۆپ بولغان ھىندىستان 2-ئورۇندا تۇرىدىكەن.ياپونىيە ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 17000
بولۇپ دۆلەتلەرنى دەرىجىگە تۇرغۇزغاندا خېىلا  كەينىدە ئىكەن.
قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش يەنىلا ھازىرقى يۇقۇملىنىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تارقىلىش ھەم يۇقۇش يولى ئىكەن.يەنى جۇڭگودىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ %7.8ى مۇشۇ يولدىن يۇقۇملانغان. (قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشنى قەتئىي توسۇش زۆرۈر!!!!!!! ھېچ بولمىغاندا گاندون ئىشلىتىش بىردىنبىر ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئىكەن.)
بىز بۇ يەردە شۇنى قوشۇمچە قىلىپ قويىمىزكى ، ئۇيغۇرلاردا يۇقۇملىنىش نىسبىتىدىكى سانلىق مەلۇماتلار كىشىنى تېخىمۇ چۆچىتىدۇ،ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ %80دىن كۆپرەكى يەنىلا ئۇيغۇرلار.سىزنى نېمىلەرنى ئويلاۋاتىسىز؟ بۇنىسى پەقەت ئۆزىڭىزگە ئايان....
ئەڭ مۇھىمى كېسەل قورقۇنچلۇق ئەمەس بەلكى قورقۇنچلۇقى :سىزدە ئەخلاق ،ئاتا-ئانا، بالا-چاقىلىرىڭىز يەنە مىللەتكە ھەم ۋەتەنگە بولغان مەسئۇلىيەت قارىشىنىڭ تولۇق يوقالغانلىقىدا.ئەگەر سىز ئىمان-ئىتىقادىڭىزنى كۈچەيتىپ،يامان يولدىن يىراق بولۇپ ئەيدىز توغرىسىدكى ساۋاتلارنى تولۇق كۆرۈپ چىقسىڭىز ئىشىنىمىزكى بۇ كېسەل سىزگە باش ئەگسە ئىگىدۇكى ھەرگىز خرىس قىلالمايدۇ.بۇ جەرياندا بىز ئەلۋەتتە ئەتراپىمىزدىكى دوست -بۇرادەرلىمىز ، ئىنى-سىڭىللىرىمىزغا سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز بۇنى ئۆزىمىزنىڭ بۇرچى دەپ بىلىشىمىز شەرت.
2008 -يىلى 3-ئايغىچە ئانا يۇرتىمىزدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار سانى22756 بولۇپ ، مەملىكەت بويىچە 4-ئورۇندا تۇرىدۇ. مۆلچەرگە ئاسالانغاندا 60مىڭدىن ئاشىدىكەن. ئاساسلىقى تومۇردىن زەھەر چەككۈچىلەر كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.يۇقۇملانغۇچىلار سانى جەھەتتە غۇلجا،ئاقسۇ،ئۈرۈمچى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن.....

ھايات گۈزەل ، ھاياتىمىزنى قەدىرلەيلى!

توپلاپ رەتلىگۈچى: ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تورىدىن ئەردەۋىل
2008-يىلى 30-نويابىر سائەت22:00 ئۈرۈمچى

سۆيىمەن ئۇيغۇرنى مەڭگۈ!
| ۋاقتى : 2008-11-30 23:54 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 925ـ كۆرۈرمىنى
tonyukuk

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 7046
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە2دانە
شۆھرىتى: 3 نومۇر
پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-11-30
ئاخىرقى : 2008-12-02

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەھمەت،ئەيدىز ھەققىدە خىلى چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇق،مەن ئۇنىڭ رەسىمىنى كۆرۈپ باقماپتىمەن
1som
| ۋاقتى : 2008-12-01 08:22 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 925ـ كۆرۈرمىنى
palwan

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 1287
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 148
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە148دانە
شۆھرىتى: 156 نومۇر
پۇلى: 1530 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :82(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-01-21
ئاخىرقى : 2009-01-09

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

نەدىلا يامان ئىش بولسا بىز باردەكلا قىلىمىز، ئۆزىمىزنى قوغداش ئېڭىمىزنىڭ شۇنچىلىك تۆۋەنلىكىگە ئىشەنمەيمەن. ئۇيغۇرلار بىر ئازاپتىن قۇتۇلاي دىگەندىلا يېنە بىر يېڭى ئازاپقا ئېغىر ئاياق بولىدىكەنمىز. بىزنى تەقدىر پېلەك شۇنچىلىكمۇ بوزەك قىلامدۇ دەيمەن. ئۇيغۇرنى كىممۇ قۇتقۇزار؟ دەيدىكەن بەزىلەر. نىمانداق تېلەمچىلىككە ئۇگۇنۇپ كەتتۇق، باشقا نەرسىنىغۇ باشقىلاردىن تىلەپ ئالارمىز، روھنى باشقىلاردىن تېلىۋالغىلى بولمايدۇ، بەلكىم باشقىلارنىڭ(ئىلغار، ئىرادىلىك، جەسسۇر) لىقىنى ئۆرنەك قىلىش مۇمكىن لېكىن ئۇلانىڭ جىسمىدىكى بۇ ئارتۈقچىلىقلارنى <<تېلەپ>> ئۆزەمنىڭ دەۋەلىشقا قۇربىمىز يەتمىسە، ياكى باشقىلارنىڭ بىزگە ئىئانە قىلغىسى كەلمىسەكېرەك.
   ئەتىراپىمىزدا خىلى <<سەن ئەمەس مەن>> دەيدىغان نوچىلار نىمە قىلىدۇ ؟دىسەك قىممار ئوينايدۇ(ماجاڭ) قىممارخانا خوجايىنى چوقۇم باشقىلار، پاھىشە ئوينايدۇ، خوجايىنى باشقىلار(ھازىر بىزدىنمۇ يېتىلىپ چىقىشقا باشلىدى)، نەشە، ئاق تاماكا چېكىدۇ. چەكسە مەيلى يا ئۆزى بىلەنلا كەتمەيدۇ،پۇتۇن بىر ئائىلە ۋەيران بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە تەربىيە قىلىپ 3يىلغىچە ئۆزگەرمىگەنلەرگە شۇ جەمەت يىغىش قىلىپ بىر چەكسىلا ئۆلىدىغاندىن ئېلىپ بېرىپ شۇ جەمەتنىڭ كېيىنلىكىنى قوغداش كېرەكمۇ قانداق؟ نىمە قىلاي، قانداق قىلاي. نىمىمىز كام ؟دىسەك يولداشلار بىزدە ئۆزىمىزنى توغرا تۈنۇش كام. بىزدە يول بولمىسا دىت بولىشى. پۇل بولمىسا، ھوقۇق بولمىسا ۋىجدان بولىشى كېرەكتە.بەزى چاغلاردا مەجبۇرلىنىپ قىلىپ قالغان ئىشىڭدىن ،ئۆزۇڭ خالاپ قىلغان ئىشلىرىڭنىڭ بەدەللىرىگە قاراپ قوي! بىر كىم سىنى مەجبۇرلىغان يوق، بىر كىم سىنى شۇنداق قىلىسەن دىگەن يوق، يوقۇرنىڭ ئورۇنلاشتۈرىشى تېخىمۇ يوق شۇنداق تۈرۇپ سىز بىلەن ماڭا نىمە قويۇپتۈ،
   يولداش ئەردەۋىلنىڭ <<بۇگۇنكى كۇندە>> ناملىق ئۇلانما يوللانمىلىرىغا داۋاملىق نەزەر كۆزۇمنى سالىمەن، ھارمىغايسىز. رەخمەت.
yol
| ۋاقتى : 2008-12-01 17:27 2 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.058417(s) query 4, Time now is:01-11 07:47, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation