ئورخۇننى قوللامسىز؟ | مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر | مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى | Munber hetni Nurmal Korelmigenler |
سىز بۇ تېمىنىڭ 1984ـ كۆرۈرمىنى
iwirgul
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
---|
ئىسلام تارىخىىدىكى ئىككى ۋەقە ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ! قېرىنداشلار!. قۇرئان كەرىمدىكى «سۈرە بەقەر» دە شۇنداق بىر ۋەقەلىك بايان قىلىنىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا پەيغەمبەر موساغا ئەگەشكەن ئىسرائىل ئەۋلادى(بەنى ئىسرائىل) غا ياراتقان پەرۋاردىگار بىر كالىنى قۇربانلىق قىلىش توغرىسىدا ھوكۈم قىلىدۇ ،موسا بۇ بۇيرۇقنى ئوز قەۋمىگە يەتكۈزگەندە ئۇلار شۇ ۋاقىتنىڭ ئوزىدە قايسىلا بولمىسۇن بىر كالىنى قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئورنىغا موساغا « پەرۋاردىگارىڭدىن سوراپ باق ، ئۇنىڭ قانداق كالا ئىكەنلىگىنى بىزگە دەپ بەرسۇن » دەيدۇ .پەيغەمبەر موسا ئۇلارغا « بۇ كالا قېرىمۇ ئەمەس ، ياشمۇ ئەمەس ،ئوتتۇرا ياشلىق بولسۇن . سىلەر بۇيرۇلغاننى قىلىڭلار » دەيدۇ .ئۇلار يەنە «بىزگە ئۇ كالىنىڭ رەڭگىنىمۇ بايان قىلسۇن ؟»دىيىشىدۇ. موسا ئېيتتىدۇكى « ئاللا سىلەرگە ئۇ كالىنىڭ كوزلەرنى زوقلاندۇرىدىغان دەرىجىدە سېرىق بولىشىنى بۇيرۇيدۇ »دەپ يەتكۈزىدۇ. بەنى ئىسرائىل تېخىمۇ ئېنىقلاش ئۈچۈن « بىزگە ئۇ كالىنىڭ تېخىمۇ تەپسىلى ئەھۋالىنى يەتكۈزگىن ،بىز ئۇنى چوقۇم تاپىمىز » دەپ سورايدۇ .موسا يەنە ئېيتتىدۇركى « ئۇ كالا دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلگەن بولمىسۇن، بېجىرىم بەدىنىدە ئازرامۇ ئالىسى بولمىسۇن ». شۇ ۋاقىتتا ئىسرائىل قەۋمى ناھايىتى تەستە بۇ كالىنى تېپىپ كېلىپ بوغىزلاپ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىدۇ . ئۇلار دەسلەپ بۇيرۇلغاندىلا خالىغان بىر كالىنى قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئورنىغا ،توختىماي سوراۋەرگەنلىكتىن بۇيرۇلغان بۇ قۇربانلىقنى تېپىلمايدىغان نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويغىلى تاس قالىدۇ . دىمەك بۇيرۇق ئاددى ھالەتتە بولسىمۇ ،لېكىن بىزنىڭ زىغىرلاشقا كونۈپ قالغان تەپەككۇرىمىز شۇ ئاددى نەرسىنىمۇ ئومومى مەنپەئەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ، ئۇ ھوكۈمنى ئوز خاھىشىمىزدىكى شەخسى ئارزۇيىمىزغا بېقىندۇرۇشقا تىرىشىمىز . بۇنى تەقۋادارلىق دەپ ئاتاشقا كۈچەيمىز . مىلادى 630-يىلى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنىدىن قوشۇن باشلاپ مەككىنى مۇشرىكلاردىن ئازات قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقىدۇ ، بۇ رامىزان ئايلىرى بولۇپ ،قوشۇن مەككىگە يېقىن كۈدەيد دىگەن جايغا كەلگەندە ،پەيغەمبىرىمىز قوشۇننىڭ جاپالىق جەڭگە كىرىدىغانلىقى ۋە روزا تۇتۇش سەۋەبى بىلەن ئۇزۇن يولنى بېسىپ كېلىش تۈپەيلى چارچاپ كەتكەنلىگىنى نەزەردە تۇتۇپ ، بارلىق مۇسۇلمانلاردىن ئېغىز ئېچىپ تاماق يىيىشىنى بۇيرۇيدۇ ۋە ئوزىمۇ ئېغىز ئاچىدۇ . بۇ بۇيرۇققا كوپ سانلىق مۇسۇلمانلار قوشۇلۇپ ئېغىز ئاچىدۇ ،ئەمما ئاز سانلىق بىر قىسىم مۇسۇلمانلار روزىسىنى ئاچمايدۇ . بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان پەيغەمبىرىمىز ئېغىزىنى ئاچمىغان مۇسۇلمانلارغا لەنەت ئوقۇيدۇ . ئېنىقكى پەيغەمبىرىمىز ئېغىز ئاچقانلارنىڭ ، روزىسىنى بۇزمىغانلارنى« رەسۇلىللانىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلمىدى » دەپ ئەيىپلىشىدىن ۋە ئېغىز ئاچمىغانلارنىڭ ئېغىز ئاچقانلارنى « ئىپتار ۋاقتىغىچە چىدىماي ،ئازراق جاپادىن قورقۇپ ئېغىز ئاچتى » دەپ مەسخىرە قىلىشى بىلەن مۇسۇلمان قوشۇنىنىڭ ئىتىپاقلىقىغا زىيان كەلتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە ئاتالمىش« تەقۋادارلىق» قىلغانلارغا لەنەت بىلدۈرىدۇ . ئىسلام دىنىدا ئەڭ ياخشى ئىبادەت ناماز ئوتەش ۋە روزا تۇتۇش ئىكەنلىگىنى ياخشى بىلىمىز ،ئەمما ئۇلاردىنمۇ ياخشى بىر ئىبادەتنىڭ بارلىقىنى بىلمەسلىكىمىز مۇمكىن . يەنى رەسولىمىزنىڭ «ناماز ۋە روزىدىنمۇ يۇقۇرى ئىبادەت ،ئىتىپاقلىقتۇر »دىگەن ھەدىسىنى كورۈپ ئىسلام دىنىمىزنىڭ نىمە مەخسەتتىكى ۋە نىشاندىكى دىن ئىكەنلىگىنى ھېس قىلالامدۇق !؟ بىزنىڭ ئوز-ئارا پەتىۋا بېرىشكە ئالدىراپ تۇرىدىغان شەرىئەتسىراپ كەتكەن كاللىمىزنىڭ كەلتۇرگەن زىيانلىرىنى ھېس قىلىشقا مەرتلىك قىلالمايمىز .جەننەتكە يالغۇزلا كىرگۈمىز باردەك ،باشقا مۇسۇلمانلار بىلەن بولغان ئورتاقلىقنى تېپىشنىڭ ئورنىغا ، ئۇلارنىڭ بىز بىلەن بولغان پەرقىنى ،كەمچىلىكىنى ئىزدەشكە تىرىشىمىز ، بىر مۇستەھەپ ئەمەل توغرىسىدىكى ئوخشىمايدىغان تالاش-تارتىشلار ،ناماز ھەركىتىدىكى ئوز-ئارا پەرىقلەرنى سېلىشتۇرۇشلار ، توقسەن توققۇز ئسىم -سۈپىتى بار «ئاللا »نى قانداق ئاتاش توغرىسىدىكى دەتالاشلار...ۋاھاكازالار ، خوش،ئىسلام دىنى بۇ دۇنيادا ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ مۇكەممەل بولغان دىندۇر .ئەگەر بۇ دىندىنمۇ توغرا بولغان ئېتىقاد نەزىريىسى بولغان بولسا بىز ئىككىلەنمەي شۇنىڭغا ئەگەشكەن بولاتتۇق . دىمەك بىزنى ئىسلامدىن باشقا دىن قايىل قىلالمايدۇ .كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق ، مەڭگۈ شۇنداق ! تارىختا ئىسلام دىنىنىڭ نۇرغۇن دۈشمەنلىرى بولغان بولسىمۇ ئۇ ھەممە دۈشمەنلىرىدىن غالىپ كەلگەن . بىراق ئەڭ يامان دۈشمىنى بولغان ئوزىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن ئىبارەت بۇ دۈشمەننىڭ زىدىيىتى ،تەپرىقچىلىغى ،نادانلىقى ،مەزھەپبازلىقى ،پېتىشماسلىقى قاتارلىقلار ئىسلام دىنىغا دىن دۈشمەنلىرىمۇ كەلتۈرەلمىگەن زور زىيانلارنى ۋە ئاپەت خاراكتىرلىق توقۇنۇشلارنى كەلتۈرگەن . دىمەك دىنىمىزنىڭ دۈشمىنى باشقىلارلا ئەمەس بەلكى بەزىدە ئوزىمىزمۇ بولۇپ قالىمىز . بۇنىڭ سەۋەبى ھەر بىرىمىزدە، مەسئۇلىيىتى ھەممىمىزنىڭ يەلكىسىدە . ئېنىقكى بىزنىڭ ئولىمالىرىمىز ، دىنى ئالىملىرىمىز ۋە تەقۋادار سانىلىدىغان بۇرادەرلىرىمىز شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ .بىراق ئوز دىنىنىڭ تارىخىنى ،تەرەقىيات مۇساپىسىنى ،گۈللۈنىش ۋە خاراپلىشىش جەريانىنى بىلمەيدۇ ، ھەتتاكى بەزىلىرى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتىنىمۇ بىلمەيدۇ . سەۋەپ، ئۇلار ئوزىگە تونۇش بولغان كوز ئالدىدىكى مۇھىتنىلا ئەۋزال سانايدۇ .ئادەتلەنمىگەن ، تونۇش بولمىغان مۇھىتقا قەدەم بېسىشقا جۈرئەت قىلىشنى خالىمايدۇ . شەرىئەت بىزنى بۇيرىغان ھەركەتلىرى بىلەن باشقىلاردىن پەرىقلەندۈرسە ، ئوز تارىخىمىزنى ئوگۈنۈش ،نەزەر دائىرىمىزنى ، بىلىم قۇرۇلمىمىزنى كېڭەيتىدۇ ،ساھابىلىرىمىزنىڭ بىۋاستە سەرگۈزەشتىلىرى ئارقىلىق نىمىنىڭ بىزگە ھەقىقى مەنپەئەتلىك ، نىمىنىڭ كورۈنۈشكە چىرايلىق بولسىمۇ بىز ئۈچۈن زىيانلىق ھەركەتلىكىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق ئوگۈتىدۇ . ، ئاللا بۇيرىغان ئىلىم دىنىمىزدا بۈگىنىمىزدىلا ئەمەس ،تارىخىمىزدا ، ۋە باشقا دىنلاردا ،زىمىندا ،كائىناتتا....ئىكەنلىگىنى ھېس قىلدۇرىدۇ ،«ئاللا بىزگە ئىككى كىتاب ئېۋەتكەن ،بىرى قۇئان ،يەنە بىرى بولسا تەبىئەت .بۇ ئىككى ئىلىم بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ،» ، بارلىق مەخلۇقلارنىڭ ئىگىسى ،« قۇرئان كەرىم» دە شەرىئەت بىلىملىرى توغرىلىق توختالغانلىرىغا ماس ھالدا كوپ قىسىم جايلىرىدا دۇنيانى ئۈگىنىش ،دۇنيانى چۈشىنىش ۋە تەتقىق قىلىش توغرىلىق شەرىئەت بىلىملىرىگە قارىغاندا كوپرەك توختالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ،مۇھىمى ئوزىڭىز ئۈچۈن ،ياخشى كورگەن دىنىڭىز ئۈچۈن ،ئوزىڭىز بىلگەننىلا ئىلىم سانىۋالماي ،ئاللا بۇيرىغان ئىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى ئىلىم ئىكەنلىگىنى ئېتىراپ قىلىڭ . مانا بۇ ئوز دىنىغا ھەقىقى كوڭۈل بولىدىغان مەسئۇلىيەتچان مۇسۇلماننىڭ ئىپادىسى. ياراتقان قۇدرەت ئىگىسى بىزنى جاھىللاردىن بولۇپ قېلىشتىن ساقلىسۇن . $$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$ كىتاپخانىمىز توۋەندىكى تۈرلەر بويىچە تىجارەت قىلىدۇ . 1-. باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغىچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ،خەنزۇچە ،ئېنگىلىزچە ، ئىمتىھان بېرىش تەكرار ماتىرياللىرىنى توپ ساتىدۇ . 2- . ھەرخىل ئەدەبىي كىتاپلارنى 20%دىن 50 % گىچە بولغان ئېتىۋار باھادا پارچە ۋە توپ تارقىتىدۇ . 3-. ئۇيغۇرچە ، خەنزۇچە ، ئېنگىلىزچە ، قىشلىق ،يازلىق تەتىللىك تاپشۇرۇقلارنى توپ ساتىدۇ . تەييارلىق، باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالى مەكتەپلەرنىڭ ھەر خىل تىلدىكى دەرسلىك ماتىرياللىرىنى توپ تارقىتىدۇ . 4-.ھەر خىل تىلدىكى كۇرىسلارنى دەرسلىك ماتىرياللىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ 5-. «قەھرىمان» « 英 雄 » ماركىلىق قەلەمنى مەخسۇس تارقىتىدۇ ، ۋە باشقا ئوقۇغۇچىلار بۇيۇملىرىنى ۋاكالەتەن ساتىدۇ . ھورمەت بىلەن : ئوتۈكەن (كىتاب)مەدەنىيەت ،تەنتەربىيە بۇيۇملىرى مال سەپلەش مەركىزى . تور ئادىرسى : www.otuken.cn ئورۇن ئادىرسى : ئۈرۈمچى شەھرى غالىبىيەت يولى 193- قورا . تېلىفۇن : 0991-8556070 فاكىس : 0991-6284377 QQ: 240186636 ، otuken@qq .com www.choghlan.comدىن ئېلىندى [ بۇ يازما udun تەرىپىدىن 2008-12-14 01:58 دە قايتا ] |
||
![]() |
سىز بۇ تېمىنىڭ 1984ـ كۆرۈرمىنى
osal
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 1984ـ كۆرۈرمىنى
mavlan
دەرىجىسى :پانسات |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 1984ـ كۆرۈرمىنى
Qutghur
دەرىجىسى :پانسات |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 1984ـ كۆرۈرمىنى
palwan
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 1984ـ كۆرۈرمىنى
Awral
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 1984ـ كۆرۈرمىنى
udun
دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
![]() |