تۆۋەندىكى بايانلارنى <<ئۈرۈمچى>>نىڭ ئاتالغۇ يېشىمى ئۈچۈن پايدىلىنىش ماتىريالى قىلارسىز.
<< ئوغۇزنامە >>14-بۆلەك 7-8-9-مىسرالىرىدا :
.........................................................
سول تەرەپتە ئۇرۇم
دىگەن بىر خاقان بار ئىدى. بۇ خاقاننىڭ
ئەسكەرلىرى كۆپ ئىدى، نۇرغۇن شەھەرلىرى بار ئىدى.
........................................................
دېگەن بايان ئۇچرايدۇ . <<ئۇرۇم>> مۇئەمماسىنىڭ ئېنىق ئىزاھى خەنزۇچە مەنبەلەردىكى، غەرىپنىڭ تارىخى كىتاپلىرىدىكى ۋە بۈگۈنكى تارىخ تەتقىقات نەتىجىللىرىدىكى ئېغىر بوشلۇق بولۇپ، كىتاپخانلارنى تەقەززا قىلىۋاتقان قىزىق نوقتىلارنىڭ بىرى. بۇ ئوغۇزخان يۈرۈشلىرىدىكى ئېنىق لىنىيە، قايسى تارىخى شەخىس ۋە ماكان - زامان ھالقىللىرىنى بېكىتىش مۈشكىلچىلىكى بىلەن قەدىمكى زامان تارىخىمىزنى يورۇتىشتا يىتەرلىك قايمۇقىش.
پېقىرنىڭ << ئۇرۇم>>ھەققىدىكى ئىزدىنىشى تولىمۇ يۈزە، ئەمما، تاقەتسىزلەنگەن تورداشلارنىڭ ئۈمۈدىنى << ئۇرخۇن>>دىكى قابىللارنىڭ تەپەككۇر چۇڭقۇرلىقى يەردە قويمايدىغۇ دېگەن ئۈمۈتتە ...
غەلىتە تەپەككۇرۇم، << قاراقۇرۇم تاغلىرى>> بىلەن << ئۈرۈمچى>>ئىككى يەر - جاي نامىنىڭ بىرى جۇڭغار(چوڭئار)نىڭ شەرقىگە، يەنە بىرى تارىمنىڭ شەرقىگە توغرا كىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە<<قاراقۇرۇم>>تەكرارىدىكى << قۇرۇم>>نىڭ ئىختىيارسىز قوشۇلغۇچىسى( ق )نى ۋە << ئۈرۈمچى>>دىكى ( چى )نى نەزەردىن ساقىت قىلغىنىمىزدا ھەر ئىككىلىسى << ئۇرۇم>> بىر جۇپ ئوخشاش ئاتالغۇنى ئويدۇرۇپ چىقاردى.
سەۋدايىلارچە << دىۋان>>غا تەشنالىقىم : << ئۇر>> - ئۇرۇش، سۇنىڭ تۆۋەنگە ئۇرىلىشى. << ئۇم - ئىم>> - تۈركىي مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئالاقە خاسلىقىنى تېپىپ چىقتى.
بۇنىڭدىن ئالتە، يەتتە مىڭ يىللار ئىلگىرىكى << تارىم>> سۇلۇق ، سازلىق ( ئەجداتلىرىمىز سۇلۇق، سازلىق يەرنى << قارا يەر>> دەپ ئاتايدۇ) ۋە شەرقى پەس بولغاچقا ھەيۋەتلىك كۆل بولىشى بىلەن << قارا ئۇرۇم>>بولىشى، << جۇڭغار>>(چوڭئار)مۇ شەرقى پەس، ئۇلۇغ سۇ ئۇرۇلۇپ كۆل ھالىتىدە << ئۇرۇم چىن>>ئاتالغانلىقى ئىھتىمالىغا يېقىن بولۇپ، ماھىيەتلىك يىشىمى تۈرىكلەر تەۋەلىكىدىكى << شەرقى كۆل>>مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە .
بۇ بەلكىم تۇركىي مىللەتلىرىنىڭ جايلىشىش ئورنىغا قاراپ يۇقۇرى چىن ، ئوتتۇراچىن ۋە تۆۋەن چىن ئايرىلىش مەزگىلىگە توغرا كەلسە كېرەك.
ئومۇمەن <<ئۈرۈمچى>> - ئۇرۇمچىن بولۇپ، <<ئۇرۇم>> ئوخشاشلا تارىم ۋە جۇڭغارنىڭ شەرقىگە توغرا كېلىدۇ. <<چىن>>نى قەدىمكى يەنى مىلادىنىڭ ئالدى -كەينىدىكى تۇرانلار زىمىنىنى يۇقۇرچىن، ئوتتۇرچىن ۋە تۆۋەنچىن دەپ ئايرىش مەزگىلىگە توغرا كېلىشى ئىھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن.
[ بۇ يازما barhan تەرىپىدىن 2008-12-03 15:54 دە قايت ]