جانابى Piyaz بۇرادەر سىزنىڭ ئىزدىنىش روھىڭىزغا ئاپىرىن! مەنمۇ دەل سىز يولۇققان مەسىلىگە يولۇققانىدىم، ئەپسۇس، مەندە سىزدە بولغان ئىزدىنىش روھى يېتەرسىز بولغانلىق سەۋەب، تازا ياخشى ئىزدىنىش ئېلىپ بارماي، بىزنىڭ روھىيىتىمزگە سىڭىپ كەتكەن تايىنىۋېلىش ۋە باشقىلارنىڭ ئېيتقانلىرىنى مۇقەددەس بىلىش خاراكتېرىمىزنىڭ باشقۇرۇشىدا بىر قىسىم ماتېرىياللارنى ۋارقلاپ چىقىپ، بۇ مەسىلىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئومۇملاشتۇرۇش ئەنئەنىسى بويىچە يەتكۈزدىم. مالال كۆرمىسىڭىز تۆۋەندىكى يازمىنى ئوقۇپ كۆرۈڭ، بەلكىم پايدىلنىش قىممىتى بوپقالار.
قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى
قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى: بۇ يېزىق خەلقئارا تىلشۇناسلىقتا "ئۇيغۇر يېزىقى" دېگەن نام بىلەن ئاتىلىدۇ، (خەنزۇچىدا "خۇيگۇۋېن" دەپ ئاتايدۇ) ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى سوغدى يېزىقىنى ئىسلاھ قىلىش نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن، ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپ قوللىنىلغان ۋاقتىنى ئالىملار ھازىر بىزگە مەلۇم بولغان پاكىتلار ئاساسىدا مىلادىيە 5 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى دەپ قارايدۇ، شۇنىڭغا قارىغاندا بۇ يېزىق تۇرپان ۋە يەتتە سۇ رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ۋە قىسمەن مۇڭغۇلىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئورخۇن - يېنىسەي يېزىقى بىلەن پاراللېل ھالدا ئىشلىتىلگەن دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قوللىنىلىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، ۋاقتى ئۇزۇن بولغان، ئىجتىئائىي تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگىچە سىڭگەن يېزىق سۈپىتىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان. بۇ يېزىق قوچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلى دائىرىسىدە مىلادىيە 5 - ئەسىردىن 13 - ئەسىرگىچە مۇقىم دۆلەت يېزىقى ئورنىدا ئىشلىتىلگەن. قىسمەن ھالدا، مىلادىيە 17 - ئەسىرگىچە تۇرپان، قۇمۇل دائىرىسىدە داۋاملىق قوللىنىلغان.
( بۇ يازما شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونو رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئورنىنىڭ مەسئۇللۇقىدا
تۈزۈلگەن " ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى" ناملىق كىتابنىڭ بىرىنچى توم 24 - بەتتىن ئېلىندى)
[ بۇ يازما ablatsattar تەرىپىدىن 2008-12-06 19:48 دە ]