نۆۋەتتىكى تېما : پالۋان رېھىم  شاھ ھەققىدە  قىسسئە تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 805ـ كۆرۈرمىنى
koktugh

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 94
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-03-02
ئاخىرقى : 1970-01-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 پالۋان رېھىم  شاھ ھەققىدە  قىسسئە

          پالۋان رېھىم  شاھ ھەققىدە  قىسسئە

                                        مۇقەددىمە

بۆكە—ئەينى ۋاقىتتا ئىلى ۋادىسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كەڭ تارقالغان باتۇر، پالۋان كىشىلەرگە (قاراتىل بويىچە ئېيتقاندا كۈچتۈڭگۈر كىشىلەرگە) بېرىلگەن، شۇنداقلا ئۇلارنى ئاتاشتا ئىشلىتىپ كەلگەن بىر خىل پالۋانلىق نامى.

ئەينى ۋاقىتتا يايىلىق پالۋان (بۆكە) دەپ ئالاھىدە نامغا مۇيەسسەر بولغان رېھىمشاھ توققۇزتارا ناھىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇب تاغ باغرىغا جايلاشقان قەدىمىي شارغوجا مەھەللىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئاشۇ يۈكسەك نامى بىلەن توققۇزتارا ناھىيىسى، جۈملىدىن ئىلى ۋادىسى ۋە چېلەك رايونىدىكى ھەرمىللەت خەلقى تا ھازىرغىچە ئۇنى ھۆرمەتلەپ، ئېغىزدىن–ئېغىزغا كۆچۈرۈپ، ئەۋلادتىن–ئەۋلاد ياد ئېتىپ كەلمەكتە.

پالۋان رېھىمشاھنىڭ ئىش–ئىزلىرىنى ئاڭلىغان ھەرقانداق بىر كىشىدە تۇيۇقسىز پەيدا بولغان غەلىتە تۇيغۇ، ئۆزىنى ناھايىتى جەسۈرلەشتۈرۈپ، غايىبانە پالۋانلار روھىدا سۇغىرىلغىنىدەك ئاجايىپ قىزغىنلىق بىلەن جانلىقلاشتۇرىدۇ–دە، بەدەن–بەدىنىگە بىر خىل سېھرىي كۈچنىڭ رېتىمسىز تاراملاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ پالۋانلىقىغا بارىكاللا ئېيتماي تۇرالمايدۇ.

مەن كىچىكىمدىن تارتىپلا پالۋان رېھىمشاھنىڭ ئىش–ئىزلىرىمنى بوۋىلىرىمدىن ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا تولىمۇ ئىشتىياق باغلاپ كەلگەن ئىدىم. شۇڭا مەتبۇئات يۈزىدە تونۇلمىغان بۇ يايىلىق پالۋاننى كىتابخانلارغا تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە بىر نەچچە يىل ئىزلەنگەن بولساممۇ، بىراق بۇ ھەقتە ئەتراپلىق ماتېرىيالغا ئىگە بولالمىدىم. شۇنداقتىمۇ بۇ ھەقتە ماڭا پالۋان رېھىمشاھ توغرىسىدا ئىزدىنىپ ياردەم بەرگەن ئىزگۈ نىيەتلىك كىشىلەرگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيىمەن!

پالۋان رېھىمشاھنىڭ ئاتا–بوۋىسى ئۆز زامانىسىدا خېلى شۆھرەت قازانغان سېخىي بايلاردىن بولۇپ، ئاتىسى ھەسەننىڭ ئاكىسى ھېدىلشاھنىڭ «ھېدىلباي» دېگەن نامى پۈتكۈل ئىلى ۋادىسىدا مەشھۇر ئىدى. ئاتىسى ھەسەن ئەينى ۋاقىتتا چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئورناتقان ئونلۇق، يۈزلۈك تۈزۈملىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، بايىنتوقاي (جېلىليۈزى ناھىيىسىنىڭ بايتوقاي يېزىسى) ئەتراپىدا «ھەسەن يۈزبېگى» نامى بىلەن ئاتاق–ئابرويى كەڭ تارقالغان. ھەسەن يۈزبېگى ئۆز ئۆمرىدە بىر نەچچە پەرزەنت كۆرگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا كاج تەقدىر تۈپەيلىدىن ئانا ئەمچىكىدىن ئايرىلمايلا ئالەمدىن ئۆتكەنىكەن. تەكرارلانغان تەقدىر قىسمىتى ھەسەن يۈز بېشىغا قاتتىق ئازاب ئېلىپ كەلگەن. پەرزەنت يۈزى كۆرۈش ئۈچۈن ئىبادەت قىلىش ۋە خەيرى–ساخاۋەت يولىنى تۇتۇپ، يېتىم–يىسىر ۋە ئەل ئۈچۈن جىق ئەجىر قىلغان. مىلادى 1851–يىلى 9–ئايغا كەلگەندە ھەسەن يۈز بېشى (يۈزبېگى)نىڭ ئايالى بىر ئوغۇل پەرزەنت يەڭگىگەن. يېڭى تۇغۇلغان پەرزەنتنى كۆرگەن ئاتا شادلىق ئىچىدە نۇرغۇنلىغان يېتىم–يېسىرلارغا ساخاۋەتلىك قولىنى سۇندى. بۇ ئوماق پەرزەنتىنى شاھلاردەك قۇدرەتلىك، ئاتاق–ئابرويلۇق، بەخت–سائادەتلىك بولسۇن دەپ، ئاتا–بوۋىسىغا ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن «رېھىمشاھ» دەپ ئىسىم قويدى.

رېھىمشاھ يېڭى تۇغۇلغاندا، خۇددى سەككىز ئايلىق بوۋاقتەك بۇدرۇق ئىدى. تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى شۇكى، رېھىمشاھنىڭ تۇغۇلۇشىدىنلا گەجگىسىدىن تارتىپ ساغرىسىغىچە قاپقارا تۈك بارئىكەن. كېيىنكى كۈنلەرگە كەلگەندە رېھىمشاھنىڭ «يايلىق بۆكە» نامى بويىچە ئاتالغانلىقى ئەنە شۇ سەۋەبتىن ئىدى. بۇ، بىر خىل غەلىتە تەسۋىرلەش ۋە ئاشۇرۇپ مۇبالىغەلەشتۇرۇشتەك، ئەپسانە رىۋايەتتەك تۇيغۇ بېرىشى مۈمكىن. (بەزى كىشىلەر ھازىرمۇ ئەپسانە–رىۋايەت دەپ قارىماقتا). لېكىن بۇ بىر ئەمەلىيەتتە بولغان ھەقىقىي ۋەقە ئىدى. بۇ ۋەقە بىزگە قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي داستانى «ئوغۇزنامە»دىكى تۇغۇلۇپ قىرىق كۈندىن كېيىنلا چوڭ بولۇپ ماڭغان، پۇتى بۇقا پۇتىدەك، بېلى بۆرە بېلىدەك، مۈرىسى قارا يۇلغۇن مۈرىسىدەك، كۆكسى ئېيىق كۆكسىدەك، پۈتۈن بەدىنى قويۇق تۈك باسقان ئوغۇزخاننىڭ كۆك تۈكلۈك، كۆك يايىلىق ئەركەك بۆرىگە ئەگىشىپ، ھەيۋەت بىلەن يۈرۈش قىلىپ كېتىپ بارغان كۆرۈنۈشلىرىنى خىيالەن ئەسلىتىدۇ.


                         رېھىمشاھ پالۋاننىڭ نەسەبنامىسى

رېھىمشاھنىڭ ئاتا تەرەپ بوۋىسىنىڭ ئەسلى يۇرتى ئالماتا چېلەك رايونىنىڭ غالجات دېگەن يېرىدىن ئىدى. بىزنىڭ ھازىرغىچە ئىزلىنىش جەريانىدا توپلىغان تارىخىي ماتېرىياللىرىمىزغا قارىغاندا، پالۋان رېھىمشاھنىڭ شۇ يەردە ياشاپ ئۆتكەن ئاتا–بوۋىسىنىڭ سەككىزىنچى ئەۋلادى بولۇپ، ئۇنىڭ سەككىزىنچى ئەۋلاد بوۋىسى مۇھەممەت غوجىشاھ دېگەن كىشى دىنغا ئىخلاسمەن، تولىمۇ تەقۋادار كىشى بولۇپ، ئۆز ئۆمرىدە بىر نەچچە قېتىم ھەج قىلغانلىقى ئۈچۈن يۇرتىدىكىلەر «غوجام ھاجىم» دەپ ئاتىشاتتى. ئۇنىڭ مۇھەممەت بىزەرشاھ ئىسىملىك يالغۇز ئوغۇل پەرزەنتى، مۇھەممەت ئاقشاھ ئىسىملىك نەۋرىسى، مۇھەممەت كېرەمشاھ ئىسىملىك چەۋرىسى، مۇھەممەت روزىشاھ ئىسىملىك ئەۋرىسى بولغان. مۇھەممەت كېرەمشاھ 23 ياشقا كەلگەندە ئۆيلەنگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ ئايالى ئالتە يىلدىن كېيىن ئاندىن قوساق كۆتۈرۈپ بىر ئوغۇل پەرزەنت يەڭگىيدۇ. بالىنىڭ ئىسمىنى روزىشاھ دەپ قويىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا مۇھەممەت غوجىشاھ بوۋىسى، ئەۋرىسى روزىشاھ يېشىغا يەتمىگەن مەزگىل بولۇپ، ئۇلۇغ بوۋىسى مۇھەممەت غوجىشاھ 118 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ. مۇردىنى قەۋرىستانلىققا ئېلىپ بارغۇچە تاۋۇتقا ياپقان رەختنى كىشىلەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئىستىكىدە بۆلۈشۈپ كەتكەن.

مۇھەممەت روزىشاھنى ئاتىسى مۇھەممەت كېرەمشاھ ئەتىۋارلاپ چوڭ قىلىپ، 24 ياشقا كىرگەندە ئۆيلەپ قويىدۇ. ئارىدىن 13يىل ئۆتكەندە مۇھەممەت روزىشاھ بىر ئوغۇل پەرزەنت يۈزى كۆرىدۇ ۋە ئىسمىنى مۇھەممەت توختىشاھ دەپ قويىدۇ. مۇھەممەت توختىشاھ كىچىكىدىن ساغلام چوڭ بولۇپ يېتىلىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ ئۆيگە كىرگەندە سەل يېنىچىلاپ كىرەتتىكەن. ئۇ 22 ياشقا كىرگەندە ئۆيلەنگەن بولۇپ، ئىككىنچى يىلى بىر ئوغۇل پەرزەنت يۈزى كۆرگەن. ئۇنىڭغا مۇھەممەت ھېدىلشاھ دەپ ئىسىم قويغان. ئالتە يىلدىن كېيىن مۇھەممەت توختىشاھنىڭ ئايالى ئىككىنچى قېتىم قوشكېزەك ئوغۇل يەڭگىيدۇ. بۇ چاغدا مۇھەممەت توختىشاھ 29 ياشتا ئىدى. ئالتە ئەۋلادقىچە گېزەك پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەن ئۇرۇق–تۇغقانلىرى چەكسىز شادلىققا چۆمىدۇ. خوشاللىقىنى ئىچىگە سىغدۇرالمىغان بوۋىسى مۇھەممەت ئاقشاھ 105 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ. يەتتە نەزىرىنى بېرىپ بولغۇچە گېزەك پەرزەنتنىڭ بىرى ھۈسەن تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىدۇ. يەنە بىرسى ھەسەن ساغلام چوڭ بولىدۇ. لېكىن ئەينى چاغدىكى دەۋرنىڭ قالايمىقان، خاتىرجەمسىز بولۇشى مۇھەممەد كېرەمشاھ ئائىلىسىنى بوۋىسى غوجا ھاجىمنىڭ ئېيتىپ بەرگىنى بويىچە شەرققە قاراپ يول ئېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئۇ خىلمۇخىل ئازاب–ئوقۇبەت تارتىپ ھازىرقى شارغوجا مەھەللىسىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىدۇ. بۇ چاغدا شارغوجا مەھەللىسى بۈك تاللىق، تېۋىلغىلىق ئەتراپى ئادەم بويى كۆرۈنمەس قورايلىق بىلەن قاپلانغان، تاغ ئىچىدىن ئېقىپ چۈشىدىغان سۈزۈك بۇلاق سۈيى، ساپ ھاۋاسى بىلەن ئۆزگىچە تىمتاس گۈزەل قەدىمىي مەھەللە ئىدى.

مۇھەممەد كېرەمشاھ پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن بۇ مەھەللىدە ئولتۇراقلىشىپ، دېھقانچلىق، چارۋىچىلىق قىلىپ تىنچ بىر نەچچە يىلنى ئۆتكۈزىدۇ. پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ جايدا ئولتۇراقلىشىپ قېلىشقا رازى بولغاچقا، يۇرتىنى سېغىنىش ئىستىكىدە مۇھەممەد كېرەمشاھ ئوغلى مۇھەممەد روزىشاھنى ئېلىپ غالجاتقا بېرىپ ئاتا–بوۋىلىرىنىڭ قەۋرىسىنى يوقلاپ زىيارەت قىلىدۇ. قايتار يولىدا ئاتا–بالا ئىككىسى قاراقچىلار تەرىپىدىن قەتلى قىلىنىدۇ. بۇ چاغدا مۇھەممەد كېرەمشاھ 93ياش، مۇھەممەد روزىشاھ 64 ياشتا ئىدى.

مۇھەممەد توختىشاھ چوڭ ئوغلى ھېدىلشاھنى 24 ياشقا كىرگەندە ئۆيلەپ قويغان. بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ھەسەنمۇ ئۆي–ئوچاقلىق بولىدۇ. مۇھەممەد ھېدىلشاھ بىر ئوغۇل پەرزەنت يۈزى كۆرىدۇ. ئۇنىڭغا بوۋىسى ئەزىنشاھ دەپ ئىسىم قويىدۇ. ھەسەننىڭ ئايالى ئالتە يىلدىن كېيىن قورساق كۆتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بالىلىرى يېشىغا يەتمەي ئۆلۈپ كېتىدۇ. مىلادى 1851–يىلى ھەسەننىڭ ئايالى يەنە قورساق كۆتۈرۈپ بىر ئوغۇل يەڭگىيدۇ. ئەنە شۇ ئوغۇل يايىلىق بۆكە دەپ تەرىپلىنىپ ئاتالغان رېھىمشاھ پالۋان ئىدى.

رېھىمشاھ پالۋاننىڭ نەسەبنامە تەرتىپى:

مۇھەممەد غوجىشاھ (118ياش، 1592–1700)نىڭ ئوغلى

مۇھەممەد نېزەرشاھ (112ياش، 1610–1722)نىڭ ئوغلى

مۇھەممەد ئاقشاھ (105ياش، 1651–1756)نىڭ ئوغلى

مۇھەممەد كېرەمشاھ (97ياش، 1679–1776)نىڭ ئوغلى

مۇھەممەد روزىشاھ (68ياش، 1708–1776)نىڭ ئوغلى

مۇھەممەد توختىشاھ (94ياش، 1792–1886)نىڭ ئوغلى

مۇھەممەد ھېدىلشاھ (؟ ياش، 1816–؟ )بىلەن

(ھېدىلشاھنىڭ ئوغلى ئەزىنشاھ؛ ئەزىنشاھنىڭ ئوغۇللىرى: خۇسۇرشاھ، نۇرشاھ، زوردۇن، زۇيۇرشاھ قاتارلىقلار)

ھەسەن (؟ ياش، 1822– ؟ )نىڭ ئوغلى 

رېھىمشاھ (69ياش، 1851–1920)نىڭ ئوغلى رۇسۇلشاھ (18 يېشىدا ئۆلۈپ كەتكەن)، بېقىۋالغان ئوغلى ئەرەبشاھ. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى تا بۈگۈنكى قەدەر تارىخنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە ھېلىمۇ شارغوجا كەنتىدە ياشاپ كەلمەكتە.

              رېھىمشاھنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرى

ئۆز ئۆمرىدە مۇنداق بۇدرۇق، قاپقارا يايلىسى بار بالىنى كۆرگەن ھەسەن يۈزبېگى (كېيىنكى كۈنلەردە ھەسەن چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئورناتقان تۈزۈمى بىلەن بايتوقاي ئەتراپىدا «يۈز بېگى»لىك مەنسىپىگە ئېرىشپ قالىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ھەسەن يۈزبېگىنىڭ ئۆزىمۇ ماھىر چېلىشچىلاردىن ئىكەن) ئالەمچە شادلىققا چۆمىدۇ. رېھىمشاھنىڭ گەجگىسىدىن ساغرىسىغىچە تۈكنىڭ بارلىقىنى پەقەت ھەسەن ۋە ئۇنىڭ ئايالى ھاۋاخان، كىندىك ئانىسى ھېۋىزخاندىن باشقا ھېچكىم بىلمەيتتى. ئۇلار بۇ ئىشنى باشقىلاردىن سىر تۇتۇپ، شارغوجا ۋە باشقا جايلاردىكى موللىلارغا ئۇلۇغ سۈرە–ئايەتلەرنى يازدۇرۇپ، رېھىمشاھنىڭ بوينىغا تۇمارچە ئاستى. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن رېھىمشاھ ئۆسمۈلۈك دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ. بولۇپمۇ 7–8ياش چاغلىرىدىلا 12–13 ياشلىق بالىلارنىڭ كۈچىدەك كۈچتۈڭگۈرلىشىپ، دائىم مال قوتىنىغا كىرىپ، قوي، موزايلارنى كۆتۈرۈپ ئوينايدىغان ھەتتا ئۆيىدە بورداپ بېقىۋاتقان ئالاچىپار تورپاقنى كۆتۈرۈپ ۋە يىقىتىپ ئوينايدىغان بولغان. ھەسەن يۈزبېگى ئۇنىڭ سۈننەت تويىنى قىلغان ۋاقتىدا رېھىمشاھنى چاپچىپ تۇرىدىغان ئۈچ ئاتلىق غونان ئاتقا مىندۇرۇپ، مەھەللىنى ئايلىنىپ كېلىشكە بۇيرۇيدۇ. رېھىمشاھ كىچىكىدىن ئات مىنىشكە ئالاھىدە ھەۋەس قىلغاچقا، ئات ئۈستىدە ئۆرە تۇرۇپ قامچا ئوينىتىشقا ئۇستا ئىدى. رېھىمشاھ مەھەللىنى بىر ئايلىنىپ كېلىشىدە غونان ئېتى چىلىق–چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ، ئاغزىدىن ئاپئاق كۆپۈكلەر پۇشقۇرۇلۇپ تۇراتتى. ئەسلىدە رېھىمشاھنىڭ تېنىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە ئات مىنىشكە ئۇستىلىقى غونان ئاتقا ئېغىر كەلگەن ئىدى.

رېھىمشاھ 14–15 ياشلارغا كەلگەندە كۈچ–قۇۋۋىتى تېخىمۇ ئېشىپ، دائىم ئېغىر ھەرىكەتلەرنى قىلمىسا تۇرالمايدىغان، ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ ھەرىكەتلىنىپ پۇخادىن چىقمىسا بەدىنى قىمشىيدىغان بولۇپ قالىدۇ. 17–18 ياشلارغا كەلگەندە بولجۇڭ گۆشلىرى ئالاھىدە تەرەققىي قىلىپ، ئۆز تەڭتۇشلىرى ئىچىدە قاۋۇل تېمەن بەستى بىلەن ئالاھىدە پەرقلىق ئىدى. ئۇ بۇ چاغدا تۆت ياشلىق ئۆكۈزنى كۆتۈرەلەيدىغان، ھەتتا تامدىن ئارتىلدۇرۇپ تاشلىيالايدىغان بولغان. ئۇنىڭ بۇنداق بىتىنىم ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەۋجىگە چىققىنىنى ھەسەن يۈزبېگى ئايالى ھاۋاخان ۋە كىندىك ئانىسى ھىۋىزخاندىن بىلگەن بولسىمۇ، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمىگەچكە ئانچە ئېتىبار بەرمىگەن. كېيىنكى كۈنلەردە رېھىمشاھنىڭ قورۇ تېمىدىن ئۈچ ياشلىق غونان ئاتنى ئارتىلدۇرۇپ تاشلىغىنىدا، ئاتنىڭ پۇتىنى زەخمىلەندۈرۈپ قويغان. بۇنى كۆرگەن ھەسەن يۈزبېگى ئوغلىنىڭ بۇندىن كېيىن بۇنداق ئىشلارنى قىلماسلىقىغا نەسىھەت قىلىدۇ ھەم باشقىلارنىڭ «يامان كۆز»، «تىل» تېگىشىدىن خالى بولسۇن دەپ، بۆرە ئوشۇقى بىلەن دولانا ياغاچ پارچىسىدىن تىلتۇمار ئېسىپ قويىدۇ. كۈچ–قۇۋۋىتىنى ئورۇنسىز ئىشلارغا سالماسلىقىنى ئېيتىپ، بۇ يولدىن قانچە توسقانسېرى رېھىمشاھنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى شۇنچە ئېشىپ بارىدۇ..... 


                  رېھىمشاھنىڭ پالۋانلىق پائالىيەتلىرى

                  1. «تونۇر ئىچىگە تىكلەنگەن قارىغاي كۆتىكى»

رېھىمشاھنىڭ كۈندىن–كۈنگە ئۆسۈپ يېتىلىشى بىلەن تولۇپ–تاشقان كۈچ–قۇۋۋىتى، قامەتلىك بەستى بىلەن تەڭتۇشلىرى ئىچىدە قىران يىگىتلىك جاسارىتى كىشىنى تولىمۇ مەپتۇن قىلاتتى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ تاغلارغا چىققاندا قورام تاشلارنى يۇمۇلۇتۇپ، ھەتتا خېلى يەرلەرگىچە كۆتۈرۈپ سىناپ بېقىشى دوستلىرى بىلەن دائىم چېلىشىپ كۈچ سىنىشى جەھەتتە تەڭداشسىزلىقى بىلەن دوستلىرى ئارىسىدا بارغانسېرى كۆزگە كۆرۈنۈپ، كىشىلەر ئارىسىدا «پاراڭ تېمىسى» بولۇپ قالىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ 25–26 ياشلاردا ئىدى. قىشنىڭ بىر كۈنى رېھىمشاھ ئۆزىنىڭ كۈچىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن، قوشنىسىنىڭ قورۇسى ئالدىدا تۇرغان بىر ئات ئاران سۆرىيەلىگۈدەك قارىغاي كۆتىكىنى كۆتۈرۈپ، قوشنىسىنىڭ تونۇرى ئىچىگە تىكلەپ قويىدۇ. ئەتىسى قوشنىسى چىقىپ قارىسا تونۇر ئىچىدە قارىغاي كۆتىكى تىكلەكلىك تۇرغۇدەك. قوشنىسى بۇ ئىشنى ھەسەن يۈزبېگىگە ئېيتقان ئىكەن. ھەسەن يۈزبېگى رېھىمشاھتىن گۇمانلىنىپ، رېھىمشاھنى تونۇر ئىچىدىكى قارىغاي كۆتىكىنى ئېلىۋېتىشكە بۇيرۇغان. رېھىمشاھ ئىككىلىنىپ تۇرمايلا تونۇرنىڭ ئاغزىنى بۇزماي ئەپچىللىك بىلەن قارىغاي كۆتىكىنى ئېلىپ تاشلايدۇ. بۇنى كۆرگەن ھەسەن يۈزبېگى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىرمۇنچە كىشىلەر ھەيران قېلىشىپ، ئۇنىڭ كۈچتۈڭگۈرلىكىگە بارىكاللا ئېيتىشىپ، ئۇنىڭدىن خۇدادىن بەخت ۋە ئاسايىشلىق تىلەشكەن. شۇنداق قىلىپ، رېھىمشاھنىڭ كۈچىنى سىناش قەدىمى ئەل ئىچىگە رەسمىي تارقىلىشقا باشلايدۇ.

                         2. «ئوغرىنى تۇتۇش»

مىلادى 1880–يىللىرى ئىلى رايونى جۈملىدىن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەرمىللەت خەلقى ئېغىر زۇلۇم ئاستىدا جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتاتتى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئىلى رايونىغا قاراتقان كۈچلۈك نازارىتى ئاستىدا، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن ناچارلىشىپ كەتكەنىدى. مۇشۇ مەزگىلدە ئىلى ۋادىسىدا ئوغرى–بۇلاڭچى ۋە قاراقچىلار كۆپىيىپ، نامرات خەلق زار قاقشىتىپ تۇراتتى. شۇ يىللارنىڭ بىرىدە شارغوجا مەھەللىسىدىكى خەلقنىڭ ئون نەچچە كالىسىنى كۈندۈزدىلا ئىككى ئاتلىق كىشى بۇلاپ كېتىدۇ. كالىلارنى بېقىۋاتقان بالا يىغلىغىنىچە مەھەللىگە كېلىپ ئەھۋالنى ئېيتىدۇ. رېھىمشاھ بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، دەرغەزەپ بىلەن ئوغرىلار كەتكەن تەرەپكە ئىز ئوغلاپ ئات سالىدۇ. خېلى ئۇزۇن ماڭغاندىن كېيىن ھېلىقى ئىككى ئوغرىغا يېتىشىدۇ. بۇ چاغدا ئوغرىلار ياماتۇغا قاراپ يول ئالغان ئىكەن. رېھىمشاھ ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ ئۆزى ئاتتىن چۈشىدۇ. ئوغرىلار بولسا ئۇنى ئۇرۇپ يىقىتىپ، ئاتقا باغلاپ سۆرىتىشنى ئويلاپ، ئۇلارمۇ ئاتتىن چۈشۈپتۈ–دە، رېھىمشاھقا شىردەك ئېتىلىپتۇ. پەيتنى كۈتۈپ تۇرغان رېھىمشاھ ئىككىسىنىڭ گەجگىسىدىن تۇتۇپ بىر–بىرىگە ئۇرغان ئىكەن، ئىككى باشنىڭ قاتتىق سوقۇلۇشىدىن ئۇ ئىككىسى قاتتىق چىرقىراپ ھوشىدىن كېتىپتۇ. رېھىمشاھ ئۇلارنى باغلاپ ئۆزلىرىنىڭ ئېتىغا تاغارچە ئارتىپ، ئوغرىلانغان كالىلارنى ھەيدىگىنىچە، مەھەللىسى شارغوجىغا قايتىپ كەپتۇ. مەھەللە ئىچىدە بۇ ئىككى ئوغرىنى سازايى قىپتۇ. شۇندىن تارتىپ شارغوجا، تەمىتە تەرەپلەردىكى كىشىلەر ئوغرى–بۇلاڭچىلاردىن خالىي بولغانىكەن.

                3. «تۈگمەن تېشىنى قول بىلەن توختىتىش»

ئەينى ۋاقىتتا توققۇزتارا ناھىيىسىنىڭ غەربىي تەرىپىدە تۈگمەن ئاساسەن شارغوجا مەھەللىسىدىلا بارئىدى. بۇ جايدا كىشىلەر ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تاغ سۈيىنىڭ كۈچلۈك ئېقىمىدىن پايدىلىنىپ، سۇ تۈگمىنى ياساپ، ئۇن تارتىپ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامدايتتى. ھەردائىم بۇ تاغ باغرىغا جايلاشقان مەھەللىدىكى تۈگمەندە ئۇن تارتقىلى كەلگۈچىلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۆچىرەتتە تۇرۇپ ئېلىپ كەلگەن ئارپا، بۇغداي، قوناقلىرىنى سۈگەنگە (ئۈگۈت ساندۇقى) تۆكۈشەتتى. يىراق–يېقىندىن قازاق چارۋىچىلارمۇ كېلىپ تۇراتتى. ھەركۈنى بەس–بەستە ئۆچىرەتتە تۇرۇش جەريانىدا ئۇرۇشۇپ قالىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس ئىدى.

روزى بوۋاي سۇ تۈگمىنى بىلەن كەسىپلەشكىنىگە ئۇزۇن بولغان ئادەم بولۇپ، بۇ كىشى رېھىمشاھنىڭ قېيىناتىسى ئىدى. ئۇ ئايالى ھاۋانىخاننىڭ تەلىپى بويىچە بىر تاغار بۇغداينى ئېلىپ ئۆچىرەتتە قويۇپ قويىدۇ–دە، قېيىناتىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۆيگە كىرىپ كېتىدۇ، بىر ئازدىن كېيىن رېھىمشاھ چىقىپ قارىسا، قورجۇنباي دېگەن قازاق يىگىت (شۇ چاغلاردا بۇ كىشىمۇ كۈچلۈكلىكى بىلەن نامى چىققان ئىكەن) سۈگەنگە بۇغداينى قۇيۇشقا تەمشىلىۋاتقانىكەن. رېھىمشاھ ئۆزىنىڭ ئۆچرىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئالىيىپ قارايدۇ–دە، «قولىڭدىن كەلگىنىنى قىل» دېگەندەك قىلىپ بۇغداينى شاررىدە قىلىپ تۆكۈۋېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۆز كۈچىنى كۆز–كۆز قىلىپ ئۆكتەملىك قىلىۋاتقانلىقىغا چىداپ تۇرالمىغان رېھىمشاھ يۈگۈرۈپ بېرىپ شىددەت بىلەن پىرقىراۋاتقان تۈگمەن تېشىنى ئوڭ قولى بىلەن كاپپىدە تۇتۇپ، تۈگمەننى ھەرىكەتتىن توختىتىدۇ. بۇ چاغدا چاق پالىقىغا ئۆرۈلۈپ چۈشۈۋاتقان ئېقىن سۇ ئۆركەشلەپ تۈگمەن ئىچىگە داۋالغۇپ چىقىدۇ. قۇرجۇنباي ئۇنىڭ بۇنچىلىك كۈچتۈڭگۈر ئادەم ئىكەنلىگىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتقان بولغاچقا، ئۇزۇندىن بېرى رېھىمشاھ بىلەن بىر مەيدان چېلىشىپ بېقىشنى كۆڭلىگە پۈككەن بولسىمۇ، ئېغىزدىن چىقىرىشقا جۈرئەت قىلالماي بوشۇشۇپ كېتىپ، ئۇنىڭدىن دەرھال ئەپۇ سورايدۇ. ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا دوستانە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، رېھىمشاھنىڭ قولىنى مىڭ تەسلىكتە تۈگمەن تېشىدىن ئاجرىتىپ، تۈگمەننى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. 

                  4. رېھىمشاھنىڭ بايۋەچچىنىڭ ئەدىپىنى بېرىشى

ئىلگىرى شارغوجا، جۈملىدىن ھەرقايسى جايلاردىكى خەلق دەن تۆكۈشتە غۇلجا شەھىرى سۈيدۈڭ كۈرەسىگە تۆكۈپ، ئۆزلىرىنىڭ يىللىق غەللە–پارىقىنى ئورۇنلايتتى. قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە رېھىمشاھ دەن ۋەزىپىسىنى تۆكۈپ، يايىلارنىڭ سەت تىل–ھاقارىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن چانا بىلەن غۇلجىغا قاراپ يول ئالىدۇ. ئۇ غۇلجا شەھىرىگە كېلىپ قورسىقىنى توقلاش ئۈچۈن ئاشخانىغا كىرمەكچى بولۇپ، ئاشخانىنىڭ ئالدىدا تۈۋرۈككە باغلاقلىق تۇرغان بىر ئاتنىڭ يېنىغا ئېتىنى باغلاپ قويۇپ، ئاشخانىغا كىرىپ كېتىدۇ. بىر ئازدىن كېيىن ئىككى ئات بىر–بىرى كىشنىشىپ تېپىشىپ كېتىدۇ. سىرتتىكى دۈپۈرلىگەن ئاۋازنى ئاڭلاپ يۈگۈرۈپ چىققان رېھىمشاھ ئۆزىنىڭ ئېتىنىڭ يېنىدىكى باغلاقلىق تۇرغان ئاتنىڭ تېپىشى بىلەن يېرىلىپ كەتكەن تاغارنى كۆرۈپ تۇرۇپلا قالىدۇ. ئۇ ئامالسىز يېرىلىپ كەتكەن تاغارنى يېنىچە قىلىپ، تۆكۈلۈپ چۈشكەن بۇغداينى ئېلىۋاتقاندا، بىراۋنىڭ تۇيۇقسىز ھاقارەتلىگەن ئاۋازنى ئۇنى چۆچۆتىۋېتىدۇ. رېھىمشاھ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا ئاشخانىدىن چىقىپ كېلىۋاتقان بىر ياش ئۇنىڭغا زەھەرخەندىلىك بىلەن ئالىيىپ تۇراتتى. بۇ ياش غۇلجا تەۋەسىدىكى بىر نامەلۇم بەگنىڭ بايۋەچچىسى بولۇپ، ئەتراپىدا بىرمۇنچە غالچىلىرىمۇ بارئىدى. رېھىمشاھنىڭ گەپ قىلماي شۈك تۇرغانلىقىنى كۆرگەن بايۋەچچە ئۇنىڭ ئەدىپىنى بېرىش ئۈچۈن «سەن قەلەندەر ئېتىڭنى نېرى باغلىساڭ بولمامدۇ، قارىغىنا، مېنىڭ ئېتىمنىڭ تۇيىقى يېرىلىپ كېتىپتۇ»دەپ، ئېتىلىپ كېلىدۇ–دە (ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ ئېتىنىڭ پۇتى تېپىشىش جەريانىدا ئات چانىسىنىڭ ياغىچىغا تېگىپ كېتىپ يېرىلىپ كەتكەن) رېھىمشاھنى ئۇرماقچى بولۇپ مۇشت ئاتىدۇ. رېھىمشاھ تېزلىكتە ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋالىدۇ–دە، بىر قولى بىلەن ئۇنىڭ گېلىنى سىققان پېتى ئېگىز كۆتۈرگەندە، پوچى بايۋەچچىنىڭ پۇتى يەرگە تەگمەي قالىدۇ. ئۇنى ئاشخانا تېمىغا يۆلەپ تۇرۇپ گېلىنى يەنە بىرئاز سىققاندا، بۇنىڭغا چىدىيالمىغان پوچى بايۋەچچە ئىشتىنىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ. ئەھۋالنىڭ يامانلىقىنى كۆرگەن ئۇنىڭ غالچىلىرى ياردەم قولىنى سۇنۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆزلىرىنىڭمۇ بۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىدىن قورقۇپ بەدەر قاچقانىكەن.

                     5. رېھىمشاھنىڭ «بۆكە» ئاتىلىشى

ئەينى ۋاقىتتا ئىلى رايونىدا خەلقلەر كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن، يەرلىك جايلار چېلىشىش سورۇنلىرىنى ئۇيۇشتۇراتتى. غۇلجا شەھىرى، قارادۆڭ، گۈلشەنباغ ئەتراپى خېلى نامى چىققان چېلىشىش سورۇنلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ چاغلاردا غۇلجا شەھىرىدە ھەمراھ بۆكە (پالۋان) دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىشى بۇ يەردىكى داڭلىق چېلىشىش چىمپىيونى ئىدى. ئۇنى ھېچكىم يېڭەلمەي كېلىۋاتاتتى. شۇ كۈنلەردە رېھىمشاھ غۇلجىغا بېرىپ قالىدۇ. شەھەر ئىچى خەلقىنىڭ گۈلشەنباغ تەرەپكە سەلدەك ئاققىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز ئۆزىمۇ قەدىمىنى شۇ تامان ئالىدۇ. چېلىشىش سورىنى ئاللىبۇرۇن ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغانىدى. ھەمراھ بۆكىنى يەڭمەكچى بولۇپ كەلگەنلەرنىڭ كەينى–كەينىدىن چېلىشىش مەيدانىدا قەددىنى كۆتۈرەلمەي، ھەمراھ بۆكىنىڭ كۈچلۈك ئىككى قولى ئارىلىقىدا قىينىلىپ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىۋاتاتتى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن رېھىمشاھ ئورنىدا ئولتۇرالماي غال–غال تىترەپ كېتىدۇ ( ئۇنىڭ تازا خۇرۇچى تۇتۇپ، كۈچى تولۇپ–تاشقاندا، ئەنە شۇنداق غال–غال تىترەپ كېتىدىغان ئادىتى بارئىدى). ئەتراپتا رېھىمشاھنىڭ بۇ ئەھۋالىنى كۈزىتىپ تۇرغان بىر بوۋاي ئۇنىڭغا ھەمراھ بۆكە بىلەن چېلىشىپ بېقىش تەكلىپىنى بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن رېھىمشاھ مەيدانغا چۈشىدۇ. ئۇنى كۆزگە ئىلمىغان ھەمراھ بۆكە ئۇياققا–بۇياققا ئايلىنىپ كۆرۈپ، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن بەل تۇتۇشىدۇ. رېھىمشاھ دەسلەپ ھۆرمەت بىلەن ھەمراھ بۆكىنىڭ بېلىنى بىر قوللاپ تۇتۇپ، ئاندىن ئىككىنچى قولىنى ئۇزىتىدۇ. ھەمراھ بۆكە ئۇنى ئاسانلا يىقىتىۋالىمەن دەپ بىرلا قاماللاپ، ئىككى بېقىنىنى چىڭ قىسىپ تولۇق نەپەس ئالدۇرماي، ئالدىنقى پالۋانلاردەك يەر بېغىرلىتىمەن دەپ، كۈچىنىپ رېھىمشاھنى قاتتىق سىلكىپ، دىققىتىنى چېچىپ، چۆرۈۋەتمەكچى بولىدۇ. لېكىن ئۇ ھەرقانچە كۈچەپمۇ، رېھىمشاھنى ئورنىدىن مىدىرلىتالمايدۇ. رېھىمشاھ بۇ چاغدا «ئەيىبكە بۇيرۇمىسىلا» دەيدۇ–دە، ھەمراھ بۆكىنى ئىككى قوللاپ، بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرۈپ، چېلىش مەيدانىنى بىر نۆۋەت ئايلاندۇرۇپ چىقىپ ئاستاغىنە يەرگە چۈشۈرگەن. بۇ چاغدا سورۇندىكى كىشىلەر چۇقان سېلىشىپ «بۆكە دېگەن مانا مۇشۇنداق بولىدۇ» دېيىشىپ كەتكەن. شۇندىن باشلاپ رېھىمشاھ «بۆكە(پالۋان)» دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان.

                       6. قالماق پالۋىنى بىلەن ئېلىشىش

رېھىمشاھنىڭ بۆكە نامى چىققان مەزگىللەرنىڭ بىرىدە نىلقا ناھىيىسىنىڭ جىرىنتاي دېگەن يېرىدىن بىر قالماق پالۋىنى باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئىلى رايونىدىكى ھەرقايسى مىللەت ئىچىدىن چىققان پالۋانلارنى يېڭىپ، ئىلى تەۋەسىدە داڭق قازىنىشقا باشلىغان. بۇنىڭ تەسىرى ئىلى رايونىدا يۇرت ئارىسىدا ئۆز ئابرويى بىلەن نامى چىققان ھېكىمبەگ غوجىنىڭ دادىسى بۆۋەك غوجىنىڭ يۇرت ئىچىدىكى ئابرويىغا قاتتىق تېگىپ قويىدۇ. ئۇ ئاشۇ قالماق پالۋىنىنى يېڭەلىگۈدەك بىر پالۋان چىقمىغانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىپ، ھەرقايسى يېزا–قىشلاقلارغا ئېلان چىقىرىش بىلەن بىرگە، قول ئاستىدىكىلەرنى ماڭدۇرۇپ، قالماق پالۋىنىنى يېڭىشكە ئىرادە باغلىيالايدىغان بىرەر پالۋاننى ئەكەلدۈرمەكچى بولىدۇ. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، شارغوجا مەھەللىسىگە ئات سېلىپ كەلگەن بۆۋەك غوجىنىڭ بىر نەچچە ئادىمى رېھىمشاھنى قالماق پالۋىنى بىلەن كۈچ سىنىشىپ بېقىشقا غوجىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن كەلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ ۋە قالماق پالۋىنىنىڭ ئىشلىرىنى رېھىمشاھ پالۋانغا سۆزلەپ بېرىدۇ. رېھىمشاھ بۆۋەك غوجىنىڭ ئىلى رايونىدىكى تەسىر كۈچى ۋە يۈز–ئابرويىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ تەكلىپكە قوشۇلىدۇ. غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئاقئۆستەڭ بېشىدىكى كۈچ سىنىشىش سورۇنىدا ئۇ قالماق پالۋىنى بىلەن كۈچ سىنىشىشقا چۈشىدۇ. قالماق پالۋىنى ئۆزى بىلەن قارىمۇ–قارشى ھالدا مەيدانغا چۈشكەن رەقىبى رېھىمشاھقا تۇيۇقسىز ئېتىلىپ كېلىدۇ. ئىككى پالۋان بىر–بىرى بىلەن گىرەلىشىپ، بىر–بىرىنى ئۇياق–بۇياققا سۆرەپ، يىقىتىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىر–بىرىنى زادىلا ئالالمايۋاتاتتى. شۇنداقتىمۇ قالماق پالۋىنى رېھىمشاھقا ھەيۋە قىلىپ، ئۇنى ئىككى يانغا كۈچەپ ئىرغىتىپ ئارام بەرمەي، يىقىتالمىغان بولسىمۇ، بىر قېتىم يەرگە تىزلاندۇرۇۋالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرىنچى قېتىملىق چېلىشىش مۇسابىقىسى ئاخىرلىشىپ، ئەتىسى ئىككىنچى قېتىملىق مەيداننىڭ باشلىدىغانلىقى جاكارلىنىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. شۇ كۈنى كەچتە بۆۋەك غوجا رېھىمشاھقا كايىپ، ئەگەر ئەتىكى سىنىشىشتا يەنە يېڭىلىپ قالسا، ئۇ چاغدا ئۆزى ئۈچۈن نومۇس ئىكەنلىكىنى، ئەتىكى چېلىشىشقا كېلىدىغانلارنىڭ بۈگۈنكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، رېھىمشاھنىڭ قەلبىدە قالماق پالۋىنىگە بولغان غەزەپ ئوتىنى يالقۇنجىتىۋېتىدۇ. ئەتىسى غەزەپكە تولغان رېھىمشاھ قالماق پالۋىنىنى قاماللاپ ئىككى بېقىنىدىن قىسىپ تولغايدۇ ۋە دىققىتىنىڭ چېچىلغانلىقىنى بىلگەن ھامان پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئۇنى يەرگە قاتتىق سىلكىپ ئۇرىدۇ، قالماق پالۋىنى بىر ھازا ھوشىنى يوقىتىپ قويىدۇ. بۇ چاغدا رېھىمشاھنىڭ كۆڭلىكى قايرىلىپ كەتكەچكە، ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ساغرىسىدىن يۇقىرى گەجكە تەرىپىگىچە تۈكنىڭ بارلىقىنى كۆرۈشۈپ ھەيران قېلىشقان. شۇندىن باشلاپ كىشىلەر ئۇنى «يايىلىق بۆكە» دەپ ئاتاشقا باشلىغان. بۆۋەك غوجا خوشاللىقىدا رېھىمشاھنى بىرنەچچە مېھمان قىلىپ، سوۋغا سالاملار بىلەن يولغا سېلىپ قويغان.

                         7. مەسچىت تۈۋرۈكىنى ئورنىتىش

رېھىمشاھ بۆكە بۆۋەك غوجا بەرگەن مۇكاپات–ئىنئاملارنى ئېلىپ، ئالمۇتا يەركەنتتىكى سىڭلىسى ئايخاننىڭ ئۆيىگە بېرىپ كېلىش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلىنىدۇ. ئۇ يەركەنتكە بېرىپ بىر نەچچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن، ئۇ يەردىن چېلەككە بېرىپ، ئۇرۇق–تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئاتا–بوۋىسىنىڭ تۇپرىقىغا چىقىپ خەتمە–قۇرئان قىلىدۇ. ئۇ چېلەككە كەلگەندىن كېيىن، تۇغقانلىرى ئۇنى بازار ئارىلىتىپ كەلمەكچى بولۇپ ئايلاندۇرۇپ كۆرسىتىدۇ. ئۇلار بازار ئايلىنىش جەريانىدا ھەشەمەتلىك ياسىلىۋاتقان بىر مەسچىت رېھىمشاھنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. رېھىمشاھنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇلار مەسچىت ئىچىگە كىرىدۇ. بۇ يەردە ئىشلەۋاتقان ئۇستا ۋە ئىشچى شاگىرتلار ئىچىدە ئالتە ئادەمنىڭ مەسچىتنىڭ ئوتتۇرىسىغا تىكلىنىدىغان بىر تۈۋرۈكنى تۇرغۇزالماي ھەپىلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال بېرىپ، تۈۋرۈكنى خۇددى كىچىك بالىنى كۆتۈرگەندەك لىككىدە قىلىپ كۆتۈرۈپ بەلگىلەنگەن جايغا تىكلەپ بېرىدۇ. ئەتراپتىكىلەر ئاغزىنى ئېچىپ قېلىپ، ئۇنىڭ كۈچتۇڭگۈرلىكىگە ھەيران قالىدۇ. بۇنى كۆرۈپ سۆيۈنگەن مەسچىت ئىمامى بۇ پالۋانغا ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۈستىدىكى پەرىجىسىنى سېلىپ رېھىمشاھ ئۈستىگە ئارتىپ قويىدۇ–دە، «تىل» ۋە «كۆز» تېگىپ قالمىسۇن دەپ ئۇنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ، «تىلتۇمار» سوۋغا قىلغان ھەم ئۇنى سەمىمىي نىيەت بىلەن كۈتۈپ ئۇنىڭغا ئىزگۈ تىلىكىنى بىلدۈرگەن.

               8. رېھىمشاھنىڭ روسيە تۈرمىسىدىن قۇتۇلىشى

رېھىمشاھ چېلەكتىكى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىدە بىر نەچچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن مالدىۋىردىكى بىر دوستىنى يوقلاپ كېلىش ئۈچۈن ئۇ يەرگە بارىدۇ. ئۇ دوستىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ تۇرمۇشىنىڭ بەكمۇ نامراتچىلىق ئىچىدە قالغانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق ئېچىنىدۇ. ئۇ دوستىغا شۇ كېچىسىلا بىر روسنىڭ كالسىنى قورا تېمىدىن ئارتىلدۇرۇپ، ئۆيىگە ئەكىلىپ بىرەر ئاي بولسىمۇ ئاچلىقتىن قۇتۇلۇڭلار دەپ سويۇپ بېرىدۇ. كىم بىلسۇن، ئەتىسى كالىنىڭ ئىگىسى بىر نەچچە ساقچىلار بىلەن ئۇلار تۇرغان ئۆيگە كىرىپ ئاقتۇرۇپ كالىنىڭ تېرىسىنى تېپىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن رېھىمشاھ «مەن ئوغرىلىغان» دەپ ئۇلار بىلەن تۈرمىگە بارىدۇ. رېھىمشاھنى يالاپ ماڭغان ساقچىلار تۈرمە دەرۋازىسىغا كەلگەندە، يوغان، بەستلىك تۈرمە باشلىقى ئۇنىڭ گەجگىسىگە بىر مۇشت ئۇرىدۇ. بىراق رېھىمشاھ يەنىلا يىقىلمايدۇ. بۇ ئىشتىن دەرغەزەپكە كەلگەن رېھىمشاھ تۈرمە باشلىقىنى بىرنى ئۇرۇپ تىك چۈشۈرۈۋېتىدۇ. نەچچە يىللاردىن بېرى ئۆزىنى تەڭداشسىز پالۋان دەپ كېرىلىپ كەتكەن تۈرمە باشلىقى يەرگە قوللىرىنى تىرەپ تۇرۇپ ئاران دېگەندە ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن باشقا ساقچىلار ساقچى باشلىقىغا خەۋەر قىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن رېھىمشاھ ساقچى باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا چاقىرتىلىپتۇ. ساقچى باشلىقى ئۇنى سوراق قىلىپ، ئەمىلىي ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن ئۇنىڭغا: «سەن ئۈچ كۈندىن كېيىن، ئۆزۈڭ ئۇرۇپ يىقىتقان مېنىڭ پالۋىنىم بىلەن كۈچ سىنىشىسەن، ئەگەر سەن يەڭسەڭ سېنى شۇ كۈنىلا تۈرمىدىن بوشىتىمەن، بولمىسا ئۆمۈر بويى تۈرمىدە ياتىسەن» دەپ رېھىمشاھنى تۈرمە كامىرىغا سولىۋېتىدۇ. ئۈچىنچى كۈنى ئىككى پالۋان چېلىشىش سورۇنىدا بىر–بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەسكىن ئېلىشىدۇ. ئۇلار خېلى تىركەشكەندىن كېيىن، رېھىمشاھ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بىرلا ئىرغىتىش بىلەن روس پالۋىنىنى يەر بېغىرلىتىپ يىقىتىدۇ. رېھىمشاھنىڭ باتۇرلىقىغا كۆزى يەتكەن ساقچى باشلىقى ۋەدىسىدە تۇرۇپ، ئۇنى تۈرمىدىن بوشىتىدۇ.

                     9. موڭغۇلىيە پالۋىنىنى يېڭىش

رېھىمشاھ مالدىۋىردىن چېلەككە قايتىپ كېلىپ، بىر نەچچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن، ئالمۇتا شەھىرىدە شۇ دەۋردىكى بەگ–غوجىلار ئارا ئېلىپ بېرىلىدىغان چېلىشىش مۇسابىقىسىنى ئاڭلاپ، شۇ مۇسابىقىنى كۆرۈپ كېلىش ئۈچۈن تۇغقانلىرى بىلەن ئالمۇتىغا بارىدۇ. ئەتىسى چېلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، بىر نەچچە مەيدان ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن موڭغۇلىيەنىڭ بىر پالۋىنى بىر نەچچە ئادەمنىڭ تۇتۇپ تۇرۇشى بىلەن مەيدانغا ئېلىپ چىقىلىدۇ. ئۇ دەسلەپتە روس پالۋىنى بىلەن چېلىشىپ، ئۇنى يەرگە قاتتىق ئۇرۇپ يېرىم جان قىلىپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى بەگ–غوجىلارنىڭ پالۋانلىرى ئارقا–ئارقىدىن مەيدانغا چۈشسىمۇ، ھەممىسى دېگۈدەك مەغلۇپ بولىدۇ. ھېچقايسىسى بۇ موڭغۇلىيە پالۋىنىغا تەڭ كېلەلمەي تۇرغاندا، رېھىمشاھ بۆكە ئۆز جايىدا تۇرالماي، غالىلداپ تىترەپ كېتىدۇ. شۇ چاغدا ئالمۇتىدا ئۆتكەن خەلەك ئاقساقالنىڭ مەسلىھەتچىلىرىدىن بىرى بولغان ياندىكى بوۋاي ئۇنىڭدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سېزىپ، ئەھۋالنى خەلەك ئاقساقالغا ئېيتىدۇ. ئاقساقال بۇ قېتىمقى چېلىشقا چۈشكەن پالۋانلارنىڭ تىزىملىكى ئىچىدە رېھىمشاھنىڭ يوقلۇقىنى بىلسىمۇ، مۇسابىقە تەشكىللىگۈچىلەرگە موڭغۇلىيە پالۋىنى بىلەن رېھىمشاھنى سىنىشىپ بېقىش ئۈچۈن مەيدانغا چۈشۈرۈش تەكلىپىنى بېرىدۇ. تەكلىپ ماقۇللىنىشى بىلەن رېھىمشاھ كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چۈشىدۇ. رەقىبىنى كۆرگەن موڭغۇلىيە پالۋىنى بارلىق كۈچىنى ئىككى قولىغا يىغىپ، رىھىمشاھقا شىردەك ئېتىلىپ بېرىپ، يىقىتماقچى بولىدۇ. رېھىمشاھنىڭ خېلىدىن بېرى كۈزۈتۈپ، ئاجىزلىق يېرىنى تۇتۇۋېلىشىنى سەزمىگەن موڭغۇل پالۋىنى رېھىمشاھنىڭ شىددەت بىلەن پىرقىرىتىشى جەريانىدا ئۆزىنى كونترول قىلالماي يەرگە دۈم چۈشىدۇ. بۇ چاغدا ئەتراپتىكىلەر قىقاس سېلىشىپ رېھىمشاھنى تەبرىكلىشىدۇ. لېكىن موڭغۇل پالۋىنى ئورنىدىن تۇرۇپ، مەيداندىن چىقماي رېھىمشاھ پالۋان بىلەن يەنە بىر قېتىم ئېلىشىمەن دەپ تۇرۇۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىنچى قېتىملىق چېلىشىشىنى باشلايدۇ. موڭغۇل پالۋىنى ھەرقانچە كۈچەپمۇ رېھىمشاھنى يىقىتالماي، ئۇنى ئىشتىنىنىڭ ئوڭ پۇچقىقىنى كۈچەپ تارتىپ يىرتىۋېتىدۇ. بۇ چاغدا رېھىمشاھنىڭ يوتىسى بىراقلا ئوچۇق قالىدۇ. ئارنومۇسنىڭ غەزەپ بىلەن بىرلىشىپ كېلىشى رېھىمشاھنى ئەسەبىيلەشتۈرۈۋېتىدۇ–دە، موڭغۇل پالۋىنىنىڭ ئىككى بېقىنىدىن قاماللاپ پۈتۈن كۈچى بىلەن كۆتۈرۈپ يەرگە ئۇرۇپ، ئىككى تال قوۋۇرغىسىنى سۇندۇرۇۋېتىدۇ. موڭغۇل پالۋىنى يىقىلغان ھامان ئۆلىدۇ. دەل شۇ چاغدا ئەتراپتىكى تاماشىبىنلار چۇقان سېلىشىپ يۈگۈرۈپ كەلگىنىچە رېھىمشاھنى بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرۈشۈپ «پالۋان، ھەقىقىي پالۋان» دەپ قىقاس چۇقان سېلىشىپ كەتكەنىكەن.

                           10. باي قىرغىز بىلەن دوست بولۇش

رېھىمشاھ چېلەكتىن غالجاتقا كېلىپ، غالجات يايلىقىغا ئارام ئېلىش ئۈچۈن بارىدۇ. ئۇ ئىككى يىلىقچىنىڭ بىر نەچچە يۈز يىلقىغا قاراپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن بىر نەچچە يىلقىنى يىلقىلار توپىدىن ئايرىپ ھەيدەپ ماڭىدۇ. «ئوغرى»نى كۆرگەن يىلقىچىلار ئات چاپتۇرۇپ بېرىپ ئۇنىڭ ئالدىنى توسىدۇ. ئۇزۇن تاسما قامچىلار بىلەن رېھىمشاھنى ئۇرۇپ (بۇ چاغدا رېھىمشاھ قارشلىق كۆرسەتمىگەن) ئارقان بىلەن چەمبەرچەس باغلاپ، بىر قارىغايغا تېڭىپ قويىدۇ–دە، بۇ «ئوغرى»نى باي ئاكىسىغا مەلۇم قىلغىلى كېتىدۇ. بۇ چاغدا رېھىمشاھ بىرلا كۈچىنىپ، ئارقانلارنى ئۈزۈپ تاشلاپ، يەنە شۇ يەردە ئۇلارنى كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ. بۇ ئىككى يىلقىچى ئەسلىدە غالجات يايلىقىدىكى بىر باي قىرغىزنىڭ چاكارلىرى ئىدى. ئىككى يىلقىچى قايتىپ كېلىپ رېھىمشاھنىڭ بىخارامان ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالىدۇ–دە، ئامالسىزلىقتىن ئۆزلىرى بىلەن بىللە باي ئاكىسىنىڭ يېنىغا بېرىشنى ئۆتىنىدۇ. رېھىمشاھ باي قىرغىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ جىم تۇرىدۇ. بايىقى ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان قىرغىز باي ئىككى چاكىرىغا بىلەك توملۇقىدا بىر نەچچە تالنى ئەكەلدۈرۈپ، رېھىمشاھنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويىدۇ. ئۆزىنى سىنىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى پەملىگەن رېھىمشاھ تال ياغىچىنى بىر–بىرلەپ تولغاپ، خۇددى ئارغامچا ئەشكەندەك پەرۋاسىز ھالدا ياغاچ غولىنى تۇتۇرۇق قىلىپ قويىدۇ. باي قىرغىز ھەيران بولغان ھالدا ئۇنىڭ ئىسىمنى سورايدۇ. رېھىمشاھ ئىسمىنى ئېيتىپ بېرىشى بىلەن قىرغىز ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ، ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئۇنى بىر كۆرۈش ئارزۇسى بارلىقىنى ۋە بۇ ئارزۇسىنىڭ بۈگۈن ئەمەلگە ئاشقانلىقىدىن چەكسىز خۇرسەن بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ، ئۇنىڭغا مەخسۇس داستىخان سېلىپ بىر نەچچە كۈن كاتتا مېھمان قىلىپ كۈتۈۋالغانىكەن.

                    11. ئات كۆتۈرۈپ مېڭىش

رېھىمشاھ بىر كۈنى شارغوجىنىڭ شەرقىدىكى تاغ باغرىغا جايلاشقان تەمىتە مەھەللىسىنىڭ توقۇمتا دېگەن يېرىگە بېرىپ، ئەينى چاغدا تۇرمۇشى خېلى ھاللانغان، باشقىلارغا سېلىشتۇرغاندا بايراق بولغان توختىياباي ئىسىملىك بىر دوستى (شۇ چاغلاردا توختىياباي رېھىمشاھتىن بىر نەچچە ياش چوڭ ئىدى)نىڭ ئۆيىگە بېرىپ مېھمان بولىدۇ. شۇ چاغدا توخىياباينىڭ كۆك بىيىسىنى ئوغرىلىقچە ئېلىپ كېتىپ ئۇنى تازا بىر ئىزلەتمەكچى بولۇپتۇ. بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن بىر كېچىدىلا توختىياباينىڭ قورۇسىغا كىرىپ، تۆت ياشلىق بىيىنى كەينىگە چاپلاپ كۆتۈرۈپ، توقۇمىتىدىن شارغۇجىغىچە بولغان ئون كىلومېتىرغا يېقىن ئەگرى–بۈگرى يوللارنى بېسىپ، بىرقېتىم دەم ئېلىش بىلەنلا ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كۆتۈرۈپ ئېلىپ كەلگەن. بۇ كۈنى قار ياغقان بولغاچقا، يېڭى قارنىڭ ئۈستىدە رېھىمشاھنىڭ ئىزى چۈشكەن بولۇپ، دەم ئالغان چاغدىلا ئاتنى يەرگە قويغان. ئۇنىڭ ئۆيى دۆڭدىن ئارتىلىپ چۈشكەنلا يەردە بولغاچقا بىيىنىڭ قۇيرۇقى دۆڭدىن پەسلەپ چۈشۈۋاتقاندا قاردا سىيرىلىپ ئىز قالدۇرغان ئىكەن. ئەتىسى توختىياباي ئالاقزادە بولۇپ، رېھىمشاھنىڭ قەدىمىنى بېسىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلگەن. رېھىمشاھ ئۇنى مېھمان قىلغاندىن كېيىن، توختىيابايغا بىيىنى قايتۇرۇپ بەرگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شۇ قېتىمقى زور كۈچىنىشتە رېھىمشاھنىڭ سول كۆزى تېشىغا ئۆرۈلۈپ قالغانىكەن.


                رېھىمشاھنىڭ ئائىلىسى ۋە ئاخىرقى ئۆمرى

رېھىمشاھنىڭ ئايالى ھاۋانىخان بىر نەچچە يىل پەرزەنت يۈزى كۆرەلمەي، كېيىنچىرەك بىر پەرزەنت كۆرگەن. بۇ پەرزەنت تۇغۇلۇشىدىنلا ئاتىسىغا ئوخشاش تۈكلۈك بولۇپ، گەجگىسىدىن ساغرىسىغىچە قاپقارا تۈك بىلەن قاپلانغانىكەن. ئۇلار پەرزەنتىنىڭ ئىسمىنى رۇسۇلشاھ قويغان. رۇسۇلشاھ چوڭ بولغاندا ئۆزى بىلەن تەڭ دېمەتلىك يىگىتلەرنى چالما تاشلىغاندەك چۆرۈپ تاشلىيالايتتى. بىراق، ئۇ 17–18ياشلارغا كەلگەندە موڭغۇلكۈرە ناھىيىسىدىن چىققان بىر قالماق پالۋىنى بىلەن كۈچ سىنىشىشقا چۈشكەندە ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ بولغان پالۋاننى يەڭگەن بولسىمۇ، قاتتىق كۈچىنىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، ئۇزۇنغا بارماي ئۆلۈپ كېتىدۇ. رۇسۇلشاھ ئۆلۈپ كېتىپ تۆت يىل ئۆتكەندە ئانىسى ھاۋانىخانمۇ قازا قىلىپ كېتىدۇ. رېھىمشاھ مەھەللە ئاقساقاللىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن بىر مەھەللىلىك توختاخۇن دېگەن كىشىنىڭ سىڭلىسى گۈلئەۋزە بىلەن توي قىلىدۇ. رېھىمشاھ بۇ ئايالىدىن پەرزەنت يۈزى كۆرەلمىگەچكە، ئەرەبشاھ ئىسىملىك بىر ئوغۇل پەرزەنت بېقىۋالىدۇ. كېيىن ئۇ ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كېتىدۇ. ئۇرۇق–تۇغقانلىرىنىڭ سالا–سۈلھى قىلشى بىلەن قاشتىن سائادەتخان ئىسىملىك بىر ئايالنى ئەمرىگە ئالىدۇ. لېكىن بۇ ئايالدىنمۇ پەرزەنتلىك بولالمايدۇ. بۇ چاغلاردا ئۇ 60 ياشتىن ھالقىپ كەتكەن بولغاچقا، قېرىلىق يېتىپ، كېيىنچە كېسەلچان بولۇپ قالىدۇ.

مىلادى 1920–يىلى 8–ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا رېھىمشاھ كېسەل سەۋەبى بىلەن 69 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ قەبرىسى ئوغلى رۇسۇلشاھنىڭ قەبرىسى يېنىغا قويۇلغان بولۇپ، تا ھازىرغىچە شارغوجا قەبرىستانلىقىدا «رېھىمشاھ بۆكە قەبرىسى» نامىدا ئاتىلىپ ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرماقتا.

رېھىمشاھنىڭ بېقىۋالغان پەرزەنتى ئەرەبشاھنىڭ كېرەمشاھ، ئاقشاھ، گۈلۋان ۋە رەخىمخان قاتارلىق پەرزەنتلىرى بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە گۈلۋان ھېلىمۇ ھايات.

رېھىمشاھنىڭ ئاكىسى ھېدىلشاھنىڭ خۇسۇرشاھ، نۇرشاھ، زوردۇن، زويۇرشاھ قاتارلىق پەرزەنتلىرى بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى تاھازىرغىچە مۇھەممەد غوجىشاھتىن باشلانغان 12 ئەۋلادنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە ياشاپ كەلمەكتە.


                                                 خاتىمە

رېھىمشاھنى ئەينى ۋاقىتتىكى نامى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىدىن چىققان باتۇر پالۋان دەپ ئاتىساق ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى ئەينى ۋاقىتتىكى ھەقىقىي بولغان ۋەقەلەردۇر. بەزىلەر رېھىمشانىڭ پائالىيەتلىرىنى ئەپسانىۋى رىۋايەت دەپ قارىدى ۋە شۇنداق قىلىشقا ئۇرۇندى، بۇ تولىمۇ بىمەنىلىك، تارىخنى بۇرمىلىغانلىق. بىز رېھىمشاھ پالۋاننى ئەينى ۋاقىتتىكى رولى بىلەن يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا ئۆتكەن پالۋان نامى بىلەن ئاتاشقا ھەقلىقمىز، ئەلۋەتتە.

مەن پالۋان رېھىمشاھنىڭ پائالىيەتلىرىنى رەتلەش جەريانىدا ئۇنىڭ يەنە بىر نەچچە پائالىيىتىنى سەھىپە چەكلىكلىكى تۈپەيلى قىسقارتىپ ئالدىم؛ ئۇ ئۆزىنى يەڭمەكچى بولۇپ كەلگەنلەرگە تۇلۇق تېشى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۆيىنى كۆرسىتىپ قويغانلىقى، بۇرغا تۆگىنى بىر قامچا بىلەن ئۇرۇپ يىقىتقانلىقى، شىددەت بىلەن ئېتىلىپ كەلگەن ياۋا چوشقىنى ئۇرۇپ ھالەك قىلغانلىقى.... ۋەھاكازالار.

رېھىمشاھ ھەققىدە توپلىغانلىرىمىز تېخى تولۇق ئەمەس، يەنىلا چوڭقۇر چۆكۈپ ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ. مەن بۇ ھەقتە كەڭ كىتابخانلارنىڭ يېقىندىن ياردەمدە بولۇشىنى سورايمەن. سەۋىيەم چەكلىك، قەلىمىم ئاجىز بولغاچقا، رەتلەش جەريانىدا بەزى نۇقسان–سەۋەنلىكلەردىن خالى ئەمەسمەن. كىتابخانلارنىڭ قىممەتلىك تەنقىد–پىكىرلەرنى بېرىشىنى سورايمەن.

نەشرگە تەييارلىغۇچى: قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى؛ ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگۈچى: توققۇزتارا ناھىيە تىكئېرىق يېزا شارغوجا كەنتىدىن ئابدۇرېشىت توختى؛ مەنبە: «توققۇزتارا تارىخ ماتېرىياللىرى (1)»، 131–بەت


[ بۇ يازما udun تەرىپىدىن 2008-12-14 02:22 دە قايتا ]
yol
| ۋاقتى : 2008-12-05 14:04 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 805ـ كۆرۈرمىنى
tohmak

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 2182
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 113
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە113دانە
شۆھرىتى: 112 نومۇر
پۇلى: 1130 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :231(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-05-17
ئاخىرقى : 2009-01-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

رېھىم شاھ پالۋان ھەقىقەتەن كۇچتۇڭگۇر ئەزىمەتكەن تىما ئىگىسىگە كۇپ رەھمەت
تېخى 60- يىللىرى خۇتەن ناھىيسىنىڭ خان ئېرىق يېزىسىدا تارەك (تاھىر)ئىسىملىك بىرپالۋان نام چىقار غان ئىكەن پىشىقەدەم چېلىشچىلارنىڭ دەپ بىرىشىچە تارەكمۇ كۇچتۇنگۇر پالۋان بۇلۇپ ئومرىدە بىركىمگە يىقىلىپ باقمىغان ئىكەن ئۇچاغلاردا ئاچارچىلىق ھۇكۇم سۇرگەن ۋاقىتلار بۇلۇپ تارەكنىڭ ئۇيىدە يەي دىغىنى تۇگەپكىتىپ ئاشلىقنىڭ ئامالىنى قىلالماي بۇمداتتىن ئىلگىرى بېرىپ بىريېقىنىنىڭ چۇڭ بىرئىشىگىنى ئوگزىسىگە ئاچىقىپ قۇيۇپ يېنىپ كىتىپتۇ ھېلىقى ئادەم ئىشەككە قۇناق بىرىدىغان چاغدا قۇناقنى ئېلىپ قۇتانغا كىرسە ئىشەك يوق دەرھال يېنىپ چىقىپ ئۇياق بۇياققا قاراۋاتسا ئىشەكنىڭ ھاڭرىغان ئاۋازى ئوگزىسىدىن ئاڭلىنىپتۇ قارىسا ئىشەك ئۇزىگە قاراپ ھاڭراۋاتقىدەك ھېلىقى ئادەم داڭقېتىپ تۇرۇپ قاپتۇ بىردەمدىن كىيىن بۇئىشنى تارەكنىڭ قىلغانلىقىنى پەملەپتۇ بۇئادەم تارەككە بىر خالتا ئۇن بەر گەن دىن كىيىن تارەك ئىشەكنى ئۇگزىدىن چۇشۇرۇپ بەرگەن ئىكەن.
مىللىچە چېلىشىشنى خۇتەن ، قەشقەر ، ئاقسۇ لاردا داۋاملىق ئوزئارا چېلىشىش پائالىيىتى ئۇتكۇزۇپ داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ .
شىمال تەرەپلەردە ئۇزۇلۇپ قالدىمۇ نىمە ؟
yol
| ۋاقتى : 2008-12-06 20:46 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 805ـ كۆرۈرمىنى
toghlan

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 7232
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە2دانە
شۆھرىتى: 3 نومۇر
پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :3(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-12-05
ئاخىرقى : 2008-12-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

پالۋان رېھىم  شاھنىڭ قىسسىسى گۇچۇڭلۇق توختى جانبازنىڭ قىسسىسىگە ئوخشايدىكەن. پەلەك پالۋانلىرىمىزدىن ئايرىمىغاي ئىلاھىم.مۇشۇ <<بۆكە>>لەرنىڭ قىسسىلىرىنى <<خويۇەنجىيا>>دەك كىنو قىلىپ ئىشلەيدىغان رېژىسورلىرىمىز يوقمىدۇ؟
yol
| ۋاقتى : 2008-12-08 20:17 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 805ـ كۆرۈرمىنى
kukyal

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 1925
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە9دانە
شۆھرىتى: 10 نومۇر
پۇلى: 90 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :2(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-04-27
ئاخىرقى : 2008-12-28

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئۇنداقتا < رېھىمشاھ  پالۋان >  دىگەن  كىتاپتا  بىرىلگەن  بەزى  بايانلار  توغرا  ئەمەسكەندە ئۇلارنى (رېھىمشاھ پالۋان )  خوتەندىن  ئىلىغا  مەجبۇرى  كۆچۈرۈلگەنلەرنىڭ ئەۋلادى  دىگەن  قاراشنى  دىمەكچىمەن .
ھە  راس  مىنبەردە  توختى  چامباش  ھەققىدە  بىلىدىغانلار  بارمۇ ؟ ھازىرمۇ  شۇ  پالۋانلارنىڭ  ۋارىسلىرى  بولغان  بولسىچۇ  ،كاشكى .
| ۋاقتى : 2008-12-13 14:02 3 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.134201(s) query 4, Time now is:01-11 18:01, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation