Quote:
2 - قەۋەتتىكى KURT777 2008-12-06 18:13 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش :
ئوقۇشىڭىز ئۇتۇغلۇق بولغاي.
فنىلاندىيەدە ئوقۇش ئۈچۈن قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك، بۇ دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسىدە قانداق ئارتۇقچىلىقلىرى بار؟
ئېتنىك تارىخى جەھەتتىن ئۇلار تۈركلەرگە يېقىن كېلىدۇ، دەپ ئاڭلىغان ئىدىم، ئۇلار بۇ مەسىلىگە قانداق قارايدىكەن؟
مۈمكىن بولسا بۇ ھەقتىمۇ چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز.
بۇ يازما مېنىڭ كۈندىلىك خاتىرەمدىن ئېلىنىپتۇ. ئەسلىي ئورخۇن مۇنبىرىدە مەنمۇ بار ئىدىم. لېكىن بۇنىڭ باشقىلارغا پايدىسى بار دەپ قارىمىغانلىقىم ئۈچۈن بۇ مۇنبەرگە يوللىمىغان. يوللىغۇچى باشقىلارمۇ كۆرۈپ باقسۇن دەپ يوللىغان ئوخشايدۇ. يوللىغۇچىغا رەھمەت. ئۈستىدىكى ماڭا ياخشى تىلەكلەرنى تىلىگەنلەرگىمۇ رەھمەت.
فىنلاندىيەدە ئوقۇش ئۈچۈن ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلەر بۇ مۇنبەرنىڭ خاراكتىرىگە ماس كەلمىگەنلىگى ئۈچۈن بۇ يەردە جاۋاب بەرمەي، ناۋادا قىزىقدىغانلار بولسا ئانا تىل بلوگىنىڭ ئۈزىدە ياكى بىلىك كۇلۇبىدا جاۋاب بەرسەم. ئۇلارنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسىنىڭ ئارتۇقچىلىق توغرىسىدا ھىس قىلغانلىرىممۇ ھەم شۇنداق بولسا. (بلوگنىڭ ئادىرىسى
http://anatil.blogbus.com/ )
ئەمدى، ئەڭ ئاخىرىقى سوئالغا قۇربىمنىڭ يېتىشىچە جاۋاب بېرەي:
ئۇلارنىڭ تۈركلەر بىلەن يېقىن كېلدىغانلىقى توغرىسىدىكى پەرەزلەر فىنلاندىيەلىك تىلشۇناس رەسەنىن "ئۇرال-ئالتاي تىللىرى" نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن پەيدا بولغان، كېيىن يەنە بىر فىنلاندىيەلىك تىلشۇناس، يەنى ئالتايشۇناسلىق نەزەرىيىسىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى رامىستىىت بۇنداق ئاتاشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بۇ ئىككىنى ئايرىۋەتكەن، يەنى ئۇرال تىللىرى بىلەن ئالتاي تىللىرى دەپ ئاتىغان.
ھازىر فىن تىلىنىڭ بەكرەك قوبۇل قىلىنغان تىل تەۋەلىكى ئۇرال تىللىرى سىستىمىسى، فىن-ئۇگىر تىللىرى گورۇپپىسى بولسا كېرەك.
ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان قارىشىمۇ يۇقىرقىغا ئوخشاش. ئەلۋەتتە ئادەتتىكى خەلىق ئۆزىنى تۈركلەر بىلەن تۇققان دەپ قارىمايدۇ. تەتقىقاتچىلارمۇ فىن-ئۇگىر تىللىرى نەزەرىيىسىنى قوبۇل قىلىدىكەن.
مېنىڭ كەسپىم ئالتايشۇناسلىق بولغاچقا بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئوقۇتقۇچۇمنىڭ كۆز قارىشىنى سورىسام، ئۇ ئادەمنىڭ كۆز قارىشىمۇ شۇنداقكەن. ئالتايشۇناسلىق مەسىلىسىدە بولسا، ئالتاي تىللىرىنىڭ تۇققان تىل ئىكەنلىكىدىنمۇ گۇمانلىنىدىكەن. ئۇقۇتقۇچۇمنىڭ ئېنىق دىمەي پەرەز ھالىتىدە ئېيتقىنى بويىچە، تۈركىي تىللارنىڭ تۇققان تىل ئىكەنلىكى، ھەتتا بىر تىلنىڭ يەرلىك ۋارىيانتلىرى بولۇش ئىھتىماللىقى ئېنىق، لېكىن تۈركىي تىللار بىلەن موڭغۇل، مانجۇ تىللىرىنىڭ توققانلىقى بەكلا گۇمانلىق ئىكەن. بۇ ئىككى تىلدىكى ئوخشاشلىق تىل تەسىرىدىن بولغان بولسا كېرەك دەپ قارايدىكەن، بۇ تىل تەسىرىدە ئۇيغۇر تىلى ئىنتايىن موھىم رول ئوينىغان، بۇ خىل تەسىر كۆپىنچە ئىككى تەرەپلىك تەسىر بولماستىن، بەلكى تۈركى تىللارنىڭ موڭغۇل تىللىرىغا تەسىر كۆرسىتىشى بولغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدىكەن.
تۈركىي تىللار بىلەن فىن تىلىدىكى ئوخشاشلىقلار توغرىسىدا مەن تېخى تەپسىلى بىر نەرسە بىلگۈدەك بولمۇدۇم. چۈنكى مەن كەلگىلى تېخى 4 ئاي بولمىدى. فىن تىلى ئۆگەنگۈدەك ۋاقتىممۇ يوق. لېكىن مېنىڭ ھازىر ھىس قىلغىنىم:
1. فىن تىلىمۇ بىزنىڭ تىلىمىزدەك چاپلىشاڭغۇ تىلغا كىرىدىكەن.
2. فىن تىلىدىمۇ ئىسىملارنىڭ كېلىش كاتىگورىيىسى بىزنىڭكىدەك كۆپكەن.
3. "مەن" دېگەننى بۇلار "مېنە" دەيدىكەن. "سەن" دېگەننى "سېنە" دەيدىكەن. لېكىن ئۈچىنچى شەخىس ئوخشىمايدىكەن.
بۇ ھازىرچە ھىس قىلغانلىرىم. بىرەر يىلدىن كېيىن فىن تىلى ئۆگۈنۈپ قالسام تەپسىلىرەك يازما يوللاپ قويارمەن.