نۆۋەتتىكى تېما : ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭدا ئومۇملىشىشى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 1369ـ كۆرۈرمىنى
erdewil

دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1774
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 217
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە217دانە
شۆھرىتى: 898 نومۇر
پۇلى: 2470 سوم
تۆھپىسى: 25 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :97(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-01-21
ئاخىرقى : 2009-01-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭدا ئومۇملىشىشى

    مۇختار قادىر ھونزادە
      ئەرەبچىدە "ئەقىدە،ئىتائەت قىلىش،بويسۇنۇش"دېگەندەك مەنىلەرنى بېرىدىغان "ئىسلام" سۆزىنىڭ بارلىق مۇسۇلمان(ئىتىقاد قىلغۇچى) خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا مۇھىم ئورۇندا تۇتىدىغانلىقى كۆپ سانلىق كىشىلەرگە ئايان بولغېنى بىلەن،يەنە بىر قىسىم مۇسۇلمان قىرىنداشلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ دىنغا قانداق قىلىپ ئىتىقاد قىلغانلىقىنى بىلمەسلىكى مۆمكىن.شۇڭا مەن بۇ ماقالەمدە ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭدا ئومۇملىشىش تارىخ ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەرمەكچىمەن.
  مىلادى 600-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئەرەپ يېرىم ئارىلىدا مۇھەممەت پەيغەمبەر تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەن ئىسلام دىنى ئىككى ئەسىرگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئاسىيا،ئافرىقا،ياۋروپادىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قىتئەدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئومۇملاشتۇرۇلدى.ئەرەپ ئىسلام قوشۇنى پارس زېمىنىدىن ھالقىپ،ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرگەن ۋاقىتلاردا،شىنجاڭدا قاراخانىلار سۇلالىسى ۋە ئىدۇقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ھاكىمىيەت مەۋجۇت ئىدى.ئاھالىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى بۇددا دىنىغا،ئاز بىر قىسمى زەردۇش،مانى،شامان دىنلىرىغا ئىتىقاد قىلاتتى.قەشقەر،خوتەن،كۇچا،تۇرپان قاتارلىق جايلاردا نۇرغۇنلىغان بۇددا ئىبادەتخانىلىرى ۋە بىلىم يۇرتلىرى بار بولۇپ،مىڭ نەچچە يىللىق بۇددا مەدەنىيەت-سەنئىتىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.
  مىلادى 930-يىلى قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ 25ياشلىق شاھزادىسى سۇتۇق تېكىن بۇتپەرس تاغىسى،قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ ئۈچۈنچى خانى ئوغۇلچاقنى ئۆلتۈرۈپ،پادىشاھ بولدى.ئەسلىدە سامانىلار خانلىقىدىن كېلىپ،ئاتۇش ۋە قەشقەردە ئىسلام دىنىنى مەخپىي تارقىتىۋاتقان ئەبۇ ناسىر سامانى تاسادىبىي پۇرسەتتە 12 ياشلىق سۇتۇق تېكىننى ئۇچرىتىپ قېلىپ،ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشنى ئۆگەتكەن ئىدى.①  سۇتۇق تېكىن بۇ خىل يىڭىلىقنى تېزلا قوبۇل قىلدى ۋە مۇسۇلمان بولۇپ،جاھىل بۇددىستلارغا قارشى ئاتلانغان.ئۇ تەختكە چىققاندىن كىيىن، "سۇتۇق بۇغراخان"(ئەرەپچە ئىسمى ئابدۇلكېرىم) نامى بىلەن مەمۇرىي ۋاستىلەرنى قوللىنىپ،قەشقەر،يەكەن،ئاتۇش،ئاقسۇلاردا ئىسلام دىنىنى ئومۇملاشتۇردى.مىلادى 942-943-يىللىرى بالاساغۇن،سۇياپ،ئىسسىقكۆل رايۇنلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان غازات ئۇرۇشى مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇپ،ئەرەبيىستاندىن ئاقسۇغىچە بولغان ئارىلىقتىكى جايلارنىڭ ئىسلاملىشىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشتى.بۇ جايلاردا بۇتلار ۋە ئىبادەتخانىلار ناھايىتى تېزلا چېقىپ تاشلانغاچقا،ئەرەپ ئىسلام مىمارچىلىقىنى ئاساس قىلغان مەسجىدلەر خۇددىي يامغۇردىن كىيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولدى.ھالبۇكى،كۆپ قىسىم ئۆمرىنى "جىھاد" شۇئارى ئاستىدا ئۆتكۈزگەن سۇتۇق بۇغراخان خوتەن بۇددىستلىرىنى مەغلۇپ قىلىشقا مۇۋەپپەق بولالماي،مىلادى 955-يىلى قەششقەردە ئالەمدى ئۆتتى ۋە ئۆزىدىن ئىككى يىل بۇرۇن ۋاپات بولغان ئۇستازى ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ ئاتۇشتىكى قەبرىسى يېنىغا دەپىن قىلىندى.
  سۇتۇق بۇغراخاندىن كېيىن،ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى مۇسا ئىبىن ئابدۇلكېرىم (تۇڭا ئىلىگ) ئۈچ يىل،كىچىك ئوغلى سۇلايمان ئىبىن ئابدۇلكېرىم (بايتاش) 20 يىل،نەۋرىسى ئوبۇلھەسەن ئەلى ئىبىن سۇلايمان (ئارسلان تېكىن،ئەلى ئارسلانخان) 20 يىل خاقان بولدى.مىلادى 960-961-يىللىرى ئىسلام دىنى قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىلگەندىن كېيىن،خوتەن بۇددىستلىرى بىلەن بولغان جەڭ يەنە داۋاملىشىپ،998-يىلى ئەلى ئارسلانخاننىڭ ئۆلىمى بىلەن كۇپايىلەندى.بۇ ھەقتە "ئەلى ئارسلانخان تەزكىرىسى"دە مۇنداق دېيىلگەن:"ئەلى ئارسلانخان قوشۇنى نوقتى رەشىد،چوقتى رەشىدلەر باشچىلىقىدىكى 140 مىڭ كىشىلىك خوتەن بۇددىست قوشۇنى بىلەن قەشقەر،يەكەن ئارىلىقىدا قاتتىق جەڭ قىلدىلەر.ئىسلام قوشۇنىنى يىڭەلمىگەن بۇددىستلار چۇك-چۇك خوتۇن ھېلىسى (چۈجە ھېلىسى)نى ئىشلىتىپ،ئەلى ئارسلانخان خوجامنىڭ مۇبارەك تېنىنىڭ نامازغا ئولتۇرغاندا يۇمشايدىغانلىقىنى بىلىۋالدىلەر.بىر كۈنى قاراخانىلار قوشۇنى ناماز ئوقۇۋاتاتتى،خوتەن بۇددىستلىرى باستۇرۇپ كېلىپ،قىرغىن قىلدىلەر.ئەلى ئارسسلانخان خوجامنىڭ بېشى تېنىدىن جۇدا قىلىنغاندىن بولسىمۇ،قىلىچنى چىشلىگەن پېتى ئۇچۇپ يۈرۈپ جەڭ قىلدى،ئاخىرى دۆلەتباغقا قوندىلەر.شۇنداق قىلىپ،سەئىد ئەلى ئارسلانخان تېكىننىڭ تېنى ئۆتەڭ قارىغا، بېشى دۆلەتباغقا دەپىن قىلىندىلەر."② بۇ تەزكىرىدە قەيت قىلىنغان "ئۆتەڭ قارا" بۈگۈنكى "ئوردام(ئوردا خېنىم)" بولۇپ،قەششقەر يىڭىشەئەھەر ناھيىسى تەۋەسىدە ھېلىمۇ كۆپلىگەن ساياھەتچى،تاۋاپچىلارنى جەلپ قىلماقتا.
  مىلادى 999-يىلى بۇخارادا تۇرىۋاتقان يۈسۈپ قادىرخان قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ تەختكە ئولتۇردى ۋە ئىراقلىق تۆت ئىمام (ئىمام نەسرىدىن،ئىمام مۇئىنىدىن،ئىمام زوھۇرىدىن،ئىمام قەۋمىدىن)نىڭ تۆت تۈمەن لەشكىرىنى ياردەملەشتۈرۈپ،دەرغەزەپ بىلەن خوتەنگە يۈرۈش قىلدى.قوشۇن قاغىلىق تەۋەسىگە ئۆتكەندە ئىمام مۇئىنىدىن شېھىت بولدى.خوتەننىڭ چىرا ناھيىسىنىڭ جەنۇبىدىكى يېرىم ئايلىق تىركىشىشتە،قالغان ئۈچ ئىمام يەنە ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئۆلتۈرۈلگەن (ھازىرقى نىيە ناھيىسىدىكى"ئىماملىرىم" دەل ئەشۇ ئىسلام ئاچقۇچىلارنىڭ زارەتگاھىدۇر) بولسىمۇ،سۇسىز،تاماقسىز قالغان ئاكا-ئۇكا بۇددىستلار (نوقتى رەشىد،چوقتى رەشىدلەر) كۇئېنلۇن تاغلىرىغا چىكىنىپ،ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرىۋالدى.شۇنىڭ بىلەن 23 يىل داۋاملاشقان خوتەننى ئىسلاملاشتۇرۇش ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى.مىلادى 1006-يىلى قاراخانىلار خانلىقى قەشقەر،خوتەن،ئاقسۇلارنى ئىسلاملاشتۇرغاندىن كېيىن،نەزىرىنى كۇچا(كۈسەن)،تۇرپان(ئىدىقۇت)لارغا تىككەن ئىدى،ئەمما،چىڭگىزخاننىڭ موڭغۇل قوشۇنى غەرپكە بېسىپ كېلىپ،مىلادى 1214-يىلىغىچە تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىنى ئۆزلىرىگە قاتىپ بولدى.موڭغۇللار باشقا مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا باشتىن-ئاياق ئارىلاشمىغاچقا،كۇچا،قاراشەھەر خەلقى 1225-يىلدىن 1264-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ،بۇددا ئەقىدىسىدىن ئۈزىل-كېسىل ۋاز كەچتى.ئىلى رايۇنىدا چىڭگىزخاننىڭ 7-نەۋرىسى تۇغلۇق تۆمۈرخان 60 مىڭ ھەر مىللەت پۇخراسىنى باشلاپ،ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىن،مىلادى 1391-يىلى ئۇنىڭ كىچىك ئوغلى قېدىر خوجا تۇرپان خەلقىنى بۇ دىنغا بەيئەت قىلدۇردى.نەتىجىدە،قۇمۇلدىن باشقا بارلىق جايلاردا ئىسلام دىنى ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىدى(قۇمۇل-لوپنۇر رايۇنىنىڭ ئېتىقاد ئۆزگەرتىشى 17-ئەسىردىن كېيىن بولدى).③
  سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى ۋە دەسلەپكى قەدەمدە ئومۇملاشتۇرۇشى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىلا ئەمەس،بەلكى پۈتكۈل ئىسلام تارىخدا،جۈملىدىن دۇنيا ئىدېئولوگىيە تارىخدا مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ.ئۇنىڭ ئىسلام ئاچقان ۋاقتىدىن تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىغىچە جەمئىي 470 يىل ۋاقىت كەتكەن بولۇپ،شىنجاڭ تارىخىدا كەسكىن بۇرۇلۇش ھاسىل بولغان دەۋىر ھېساپلىنىدۇ.بۇ دەۋىردە ئەرەپ ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە پەلسەپىسى بۇددا مەدەنىيىتى ۋە پەلسەپىسىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ (توغرىسىنى ئېيتقاندا ئون نەچچە ئەسىرلىك بۇددا سەنئىتىنى ۋەيران قىلىپ)،شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئىدېئولوگىيەسىگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتتى.ناماز ۋە "قۇرئان"نى ئەرەپچە ئوقۇش تەلەپ قىلىنغاچقا،ئەرەپ يېزىقى ۋە تىلى شۇ دەۋىر مەدەنىيىتىنىڭ روشەن ئىپادىسى بولۇپ قالدى."قۇتادقۇ بىلىگ"،"تۈركىي تىللار دىۋانى" قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ ئەرەپ يېزىقىدا (تىلى ئەلۋەتتە ئۇيغۇرچە) يېزىلىشى ئۇنىڭ پولاتتەك پاكىتىدۇر.④
  شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنى يۇقۇرىقى ئۇزاق تارىخي جەرياننىڭ مەھسۇلى بولغاچقا،بۈگۈنكى كۈندە پەيدا بولغان مەنبەسىگە (سەئۇدى ئەرەبىستاندىكىگە) سېلىشتۇرغاندا، تولىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىۋېتىلگەنلىكىنى ھېس قىلىش مۆمكىن.نۆۋەتتە ساقلىنىپ تۇرىۋاتقان بىر قاتار نامۇۋاپىق ئادەتلەر ۋە ئەبجەش كۆزقاراشلار جەمئىيەت تەرەققىيتىغا بەلگىلىك تۇسالغۇ بولماقتا.بۇ جەھەتتىن ئالغاندا،تارىخقا ئىلمىي قاراپ،توغرا بولغان تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئىگە بولۇش ھەقىقەتەن مۇھىم.ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغاندا چوقۇم پارتيىنىڭ دىنىي سىياسىتىنى توغرا ئىجرا قىلىپ،دىننى سوتسىيالىستېك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىشىمىز لازىم.

ئىزاھلار:①----ليۇ زىشياۋ:"ئۇيغۇر تارىخى".ئۇيغۇرچە 1-قىسىم،360-بەت
        ②----ئابدۇلئەھەت ئابباس:"ئوردام تارىخىدىن ئومۇمىي بايان"،"قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژورنىلى" 1994-يىللىق 1-سان.
        ③----ئابدۇللا ئەخمىدى:"قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشى"،"شىنجاڭ ئۇنېۋېرسىتۇتى ئىلمىي ژورنىلى" 1985-يىللىق 4-سان.
        ④----يۈيتيەنخېڭ(ياپونىيە):"غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تارىخى" ئۇيغۇرچە 168-بەت.

بۇ ماقالە "جەنۇبىي شىنجاڭ نېفىت گېزىتى"نىڭ 1994-يىل 22-ئىيۇندىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان
========================
تورداشلار ئىنكاسى:
ئەرەپلەر ئوتتورا ئاسىياغا كىرگەندە قاراخانىلار ۋە ئىدىقۇت خانلىقى تېخى قورۇلمىغان،  ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋر سۇرۇۋاتقان ۋاقىتقا توغرا كىلەمدىكىن.  ئۇ چاغدا ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يېڭى قۇرۇلغاچقا تىخى تارىم ۋە پامىرنىڭ غەربى قىسمىغا  تەسىر كۆرسەتمىگەن. غەرپ تەرەپتە بولسا كۆك تۇركلەرنىڭ يەنە بىر ۋارىسى بولغان تۇركمەن قەبىلىلىرىنىڭ پارچە پۇرات ھاكىمىيەتلىرى بولغان. ئەرەپلەر مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوتتورا ئاسىياغا باستۇرۇپ كىرگەن.ئەرەپ ئىستىلاچىسى قۇتەيبا تاشكەنت، سەمەرقەنتلەردە قانلىق قىرغىنچىلىق قىلىش ئارقىلىق ئۇيەردىكى تۇركى خەلىقلەرنى ئىسلام دىنىغا كىرگۇزگەن. قۇتەيبانىڭ تارىمغا كىرگەن كىرمىگەنلىكى تىخى ئېنىق ئەمەسكەن. بەزىلەر كىرگەن دەيدىكەن. قەھ قەھ جادۇ بىلەن بولغان جەڭ توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر ئۇچتۇرپان رايونىدا بولغان دىيىلىكەن(تارىخى ئەمىنىيەدە شۇنداق كۆردۇمغۇ دەيمەن).

ئىسلام دىنىدا نۇرغۇن ئىلغار تەرەپلەر بار ، ئەمما ئۇنىڭ سىياسىغا ئارلىشىۋالىدىغان تەرىپى ئانچە توغرا ئەمەس دەپ قارايمەن. چۇنكى خىرىستىيان دىنىمۇ دەسلەپ سىياسى،ئىقتىسادى ۋە قانۇن ئىشلىرىغا ئارلىشىۋالغاچقا ياۋروپا مەدىنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلغان. ئوتتورا ئەسىرلەردىكى ياۋروپادا ناھايىتى كۇچلۇك سىياسى تۇس ئالغان. ئەمما كىيىن بورژوئازىيەنىڭ تەرەققىياتى ۋە كىشىلەرنىڭ دىمۇكىراتىيە ئىېڭىنىڭ كۇچىيىشى بىلەن ئالدى بىلەن گىرمانىيەدە ئاغدۇرۋىتىلگەن. ۋە پۇتۇن ياۋروپاغا كىڭەيگەن. ھازىر خىرىستىيان دىنى قارىغاندا پەقەت كىشىلەرنىڭ ئەخلاق پەزىلىتى ۋە قانداق ئادەم بولۇشقا دائىر مەسىلىلەردە كۆپرەك تەتبىقلىنىدىغان ئوخشايدۇ. ئىسلام دىنىمۇ شۇنداقراق بولغان بولسا دەپ ئويلايمەن. شۇنداق بولغان بولسا ھەرخىل قالايمىقان مەزھەپلەر ۋە ئۇرۇش جىدەللەر ئازراق بولۇپ ، ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىشقا پايدىسىى تىگەتتى.
1som
سۆيىمەن ئۇيغۇرنى مەڭگۈ!
| ۋاقتى : 2007-11-26 20:31 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 1369ـ كۆرۈرمىنى
osal

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 5395
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 13
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە13دانە
شۆھرىتى: 14 نومۇر
پۇلى: 130 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :7(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-10-21
ئاخىرقى : 2008-12-09

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئىسلام دىنىدا نۇرغۇن ئىلغار تەرەپلەر بار ، ئەمما ئۇنىڭ سىياسىغا ئارلىشىۋالىدىغان تەرىپى ئانچە توغرا ئەمەس دەپ قارايمەن. چۇنكى خىرىستىيان دىنىمۇ دەسلەپ سىياسى،ئىقتىسادى ۋە قانۇن ئىشلىرىغا ئارلىشىۋالغاچقا ياۋروپا مەدىنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلغان. ئوتتورا ئەسىرلەردىكى ياۋروپادا ناھايىتى كۇچلۇك سىياسى تۇس ئالغان. ئەمما كىيىن بورژوئازىيەنىڭ تەرەققىياتى ۋە كىشىلەرنىڭ دىمۇكىراتىيە ئىېڭىنىڭ كۇچىيىشى بىلەن ئالدى بىلەن گىرمانىيەدە ئاغدۇرۋىتىلگەن. ۋە پۇتۇن ياۋروپاغا كىڭەيگەن. ھازىر خىرىستىيان دىنى قارىغاندا پەقەت كىشىلەرنىڭ ئەخلاق پەزىلىتى ۋە قانداق ئادەم بولۇشقا دائىر مەسىلىلەردە كۆپرەك تەتبىقلىنىدىغان ئوخشايدۇ. ئىسلام دىنىمۇ شۇنداقراق بولغان بولسا دەپ ئويلايمەن. شۇنداق بولغان بولسا ھەرخىل قالايمىقان مەزھەپلەر ۋە ئۇرۇش جىدەللەر ئازراق بولۇپ ، ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىشقا پايدىسىى تىگەتتى.>>

مۇشۇ گەپنى كىم دىگەن بولسا پوق يەپتۇ. ياۋروپا خرىستىيان دىنىدىن ئايرىلىپ تەرەققى قىلغان بولسا.
مۇسۇلمانلار ئىسلامدىن ئايرىلىپ زاۋال تاپتى. ئەينى دەۋىردە ئىسلام بىلەن باشقۇرغان ئەرەپ ھاكىمىيىتى قىسغىغىنە 80
يىلدا قانچىلىك شان شەرەپ قۇچقان بۇنى دىمىسەممۇ بىلەرسىلە~!~
| ۋاقتى : 2008-11-01 03:29 1 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.049644(s) query 4, Time now is:01-11 09:04, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation