نۆۋەتتىكى تېما : " تۈركى تىللار دىۋانى " يېڭى نەشرى ئېلان قىلىندى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 1240ـ كۆرۈرمىنى
ertoghrul

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 1757
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 94
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە94دانە
شۆھرىتى: 147 نومۇر
پۇلى: 1450 سوم
تۆھپىسى: 5 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :15(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-04-15
ئاخىرقى : 2009-01-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 " تۈركى تىللار دىۋانى " يېڭى نەشرى ئېلان قىلىندى


«تۈركىي تىللار دىۋانى» (دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك) – ئۇيغۇر خەلقنىڭ 11 – ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن بۈيۈك ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىي تەرىپىدىن مىلادىيە 1072 – 1077 – يىللىرى يېزىپ تاماملانغان. «دىۋان» دا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ تىل بايلىقى، تارىخ، جۇغراپىيە، ئەدەبىيات – سەنئەت، ئىقتىساد، ئاسترونومىيە، كالىندارچىلىق جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ئىلمىي چۈشەنچىلىرى خاتىرىلەنگەن. بۇلار ئەينى دەۋردىكى جەمئىيەت تارىخىنى، ئېلىمىزدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا قىمممەتلىك مەنبەدۇر.
«تۈركىي تىللار دىۋانى» نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئاغدۇرۇش ئىشى ئېلىمىزدە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40 – يىللىرىدىلا قولغان ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يورۇقلۇققا چىقالمىغان.
پارتىيىمىزنىڭ 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىنكى توغرا سىياسەت ۋە ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار بۇرۇلۇشنىڭ خاسىيىتى بىلەن «دىۋان»نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىش خىزمىتى رەسمىي قولغا ئېلىندى. ھۆكۈمىتىمىز بۇ ئىشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، غەمخورلۇق قىلدى ۋە يېتەرلىك ئىقتىساد ئاجراتتى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئەۋزەل شارائىت يارىتىپ بېرىشى، ئالىملىرىمىزنىڭ زور ئىجتىھات بىلەن بېرىلىپ ئىشلىشى ۋە ھەر ساھەنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى نەتىجىسىدە «دىۋان» نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نۇسخىسى 1980 – 1984 – يىللىرى شىنجاڭ خەلق نەشرىيات تەرىپىدىن ئۈچ توم قىلىنىپ، 10 مىڭ نۇسخا نەشر قىلىپ تارقىتىلغانىدى. «دىۋان»نىڭ بۇ ئۇيغۇرچە تۇنجى نەشرى خەلقىمىزنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. 10 مىڭ نۇسخا كىتاب خەلقىمىزنىڭ كىتاب جاھازلىرىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالدى.
«دىۋان» نىڭ ئۇيغۇرچە تۇنجى نەشرى تارقىتىلىپ، 25 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى بۇ ئەسەرنىڭ يېڭى نەشرىنى ئىشلەشنى پىلانغا ئالدى، «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ 11-بەش يىللىق نۇقتىلىق كىتابى قىلىپ پىلانغا كىرگۈزۈلدى. «دىۋان» نىڭ بۇ قېتىمقى نەشرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي ۋە مەمۇرىي ئورۇنلارنىڭ ۋە ئىلمىي خادىملارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشتى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى «دىۋان» نى نەشر قىلىش ھەققىدىكى دوكلاتىمىزنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى ۋە بۇ كىتابنى ھەم تېز ھەم سۈپەتلىك نەشر قىلىش ھەققىدە مۇھىم يوليۇرۇق بەردى. نەشرىياتىمىز «دىۋان» نىڭ ئۇيغۇرچە تۇنجى نەشرىنى ئىشلەشكە قاتناشقان پىشقەدەم ئالىملاردىن ئىمىن تۇرسۇن، مىرسۇلتان ئوسمانوف ۋە سابىت روزى قاتارلىق ئۈچ نەپەر مۇتەخەسسىسنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭغا يەنە زۆرۈر بولغان ياش ئالىملارنى قوشۇپ بىر گۇرۇپپا تەشكىللىدى. بۇ گۇرۇپپا ئۈچ يىل جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق «دىۋان» نىڭ ئۇيغۇرچە يېڭى نەشرىنى تەييارلاپ چىقتى.
«دىۋان»نىڭ ئۇيغۇرچە يېڭى نەشرى تېكست، ئىندېكس ۋە فاكسىمىل بىرلىكتە نەشر قىلىنغان مۇكەممەل نۇسخا بولدى. «دىۋان» تەتقىقاتىدا 25 يىلدىن بېرى قولغا كەلگەن نەتىجىلەر «دىۋان» نىڭ بۇ يېڭى نەشرىدە ئەكس ئەتتۈرۈلدى. تۇنجى نەشرىدە كېتىپ قالغان بەزى ئايرىم خاتالىقلار تۈزىتىلدى. «دىۋان» تېكستىنىڭ يازما نۇسخىسىدىكى ئورۇن كۆرسەتكۈچلىرى بەتمۇبەت كۆرسىتىپ ئۆتۈلدى. ئىندېكس قىسمىدا سۆزلەرنىڭ «دىۋان»نىڭ ئۇيغۇرچە تۇنجى نەشرىدىكى ۋە يېڭى نەشرىدىكى كۆرۈلگەن ئورۇن كۆرسەتكۈچلىرى بەتمۇبەت ۋە قۇرمۇ قۇر ئېنىق كۆرسىتىپ ئۆتۈلدى. «دىۋان» تېكىستىنىڭ ئاخىرىدا مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھاياتى يۇرتى ۋە مازىرىغا دائىر مۇھىم تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە بۇ ھەقتىكى ھۆججەت ماتېرىياللار قوشۇمچە قىلىپ بېرىلدى.
«دىۋان» نىڭ بۇ قېتىمقى نەشرى ئۇلۇغ ئالىمىمىزنىڭ مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن – مەدەنىيەت كومىتېتى تەرىپىدىن بۇ يىلنى خەلقئارا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى قىلىپ ئېلان قىلغان خاسىيەتلىك پەيتكە توغرا كەلدى. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى بۇ كىتابنى مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىغا بېغىشلاپ، ئىلغار باسما تېخنىكىسى بىلەن دۇنياۋى سەۋىيىدە ئەڭ سۈپەتلىك قىلىپ نەشر قىلدى ۋە مىراس سۈپىتىدە پەقەت 1000 يۈرۈشلا بېسىپ تارقاتتى.

ئىدارە - جەمئىيەت ياكى شەخسلەردىن توپ سېتىۋالغۇچىلار بولسا باھادا مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىلىدۇ.
كىتاب باھاسى: 2000 يۈەن

نەشر قىلغان ئورۇن: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئاقىلاشقۇچى: ئادىلجان ئابدۇسالام
ئالاقىلىشىش تېلېفونى: (0991) 2827472 ، 13899977787
نەشرىيات ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي ئازادلىق يولى 348 - نومۇر
1som
| ۋاقتى : 2008-12-07 02:28 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 1240ـ كۆرۈرمىنى
palwan

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 1287
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 148
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە148دانە
شۆھرىتى: 156 نومۇر
پۇلى: 1530 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :82(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-01-21
ئاخىرقى : 2009-01-09

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

يولداشلارنىڭ كۆڭلىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. ھەقىقەتەن بۇ كىتاپنىڭ ھازىرقى باھاسى<<قىممەت>>بولۇپ كەتكەندەك. لېكىن بۇ كىتاپنىڭ قوللىنىشچانلىقى تۈركى مىللەتلەر ۋە دۇنيا مەدىنيىتىنى تەتقىق قىلىشتىكى ئورنىنى ئويلىغىنىمىزدا قىممەت ئەمەس.
مېنىڭ ئاڭلىغىنىمدا بۇ كىتاپنى خەلىق نەشىرياتى بۇ قېتىم <<ئاز ھەم ساز>> باسقانمىش. كىتاپقا ئالتۇن يالىتىلىپ بەتلىرى ئالاھىدە ئىشلەنگەنمىش. بۇ 2000.00يۇەنلىك نۇسقىسى ساقلاش ۋە كۆرگەزمىگە خاس بولىشى مۇمكىن، بەلكىم كەڭ ئاۋامنى ئويلاپ يەنە ئادەتتىكى نۇسقىلىرى چىقىشى ئېھتىمالغا يېقىن. ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدىبىياتىنىڭ قامۇسلىرىمۇ شۇنداق بولدۇغۇ. ئالدى بىلەن بازارغا سېلىنسۇن كۆرۇپ بېقىپ بىر نەرسە دىسەك قانداق. ھەقىقەتەن تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ ئەجرى سىڭگەندەك، خەلق نەشىرياتىنىڭ تۈنۇشتۇرغىنىدەكلا بولسا 2000.00يۇەن ھىچ گەپ ئەمەس. چۇنكى بۇ نەشرىنىڭ تىراجى ئاران 1000.00كەن، مىڭ بولىشىمۇ بۇ يىل مەخمۇت بوۋىمىز تەۋەللۇتىنىڭ شەرىپىگە قارىتىلغاندەك قىلىدۇ. بۇ مىڭ ئادەمنىڭ بىرسى بولدۇم دىگىنىڭىز. نەچچە يۇز مىڭ ئادەمنىڭ بىرسى بولدىڭىز دىگەن گەپ. بۇ كىتاپ ئەگەر سىز ۋە سىزنىڭ ئەۋلاتلىرىڭىزنىڭ قولىدا بىرەر يۇز يىل ساقلانسا ئۇ چاغدا ئۈنىڭ قىممىتىنى تەسەۋۇر قىلىپ باقايلى. بۇ مېنىڭ تەسەۋۇرۇم خالاس، يولداشلار بىلەن ئورتاقلىشاي دەپلا ئاتىكاچىلىق قىلىپ قويدۇم كەچۇرەرسىلەر، رەخمەت.
| ۋاقتى : 2008-12-07 16:48 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1240ـ كۆرۈرمىنى
TuranTekin
ئۆزىنى بىلمەسلىك - ئەڭ چوڭ نادانلىقتۇر!

دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1797
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 322
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە322دانە
شۆھرىتى: 334 نومۇر
پۇلى: 3350 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :467(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-04-14
ئاخىرقى : 2009-01-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

palwan ئەپەندىنىڭ تەھلىلىنى توغرا دىيىشكە بۇلىدۇ. شۇڭا مەن يۇقىرىدىكى بىر قانچە تورداشلارنىڭ ئىنكاسىنى ئۆچۈرۋەتتىم.
ئويلۇنىپ بېقىڭلار! كىتابنىڭ باھاسى قىممەتمۇ _ ئەرزانمۇ دەپ كىم سورىدى؟ ! قىممەت بولسا ئالمىسىڭىزلا بولمىدىمۇ، بىرسى زورلىدىمۇ يا؟! بۇ گەپ ھېچكىمدىن چىقماي يەنە بىزدىن چىقىپتىغۇ؟
palwan ئەپەندىدەك ھەم palwan ئەپەندىنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئۇسۇل بىلەن قاتتىق ئويلۇنۇپ بېقىڭلار! چۇڭقۇر تەھلىل قىلىپ بېقىڭلار!!!!!! شۇندىلا بۇ ئىشنىڭ تېگىگە يىتەلەيسىلەر.
مىنىڭچە 2000 مىڭ يۇەن ئەرزان بۇلۇپ قاپتۇ، 10000 (ئون مىڭ) يۇەن بولغان بولسا بەك ياخشى بولغان بۇلاتتى.
yol
نادانلىق - زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى !!!
| ۋاقتى : 2008-12-07 23:00 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1240ـ كۆرۈرمىنى
Qutghur

دەرىجىسى :پانسات


UID نۇمۇرى : 2090
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 292
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە292دانە
شۆھرىتى: 290 نومۇر
پۇلى: 2800 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :100(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-05-29
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

  بۇرادەرنىڭ سۆزىنى قاتتىق ئويلاندىم .راس كارامەت "ئەرزان"بولۇپ قاپتۇ
  بۇ <<دىۋان >>ئۇيغۇر پۇخرالارغا نىسبەتەن "ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسى" ،"تېپىلماسنىڭ دورىسى" بوپتۇ .ھەتتاڭەي ،كىتاپنى كىم ئۈچۈن نەشىر قىلدى ؟
yol
| ۋاقتى : 2008-12-08 10:36 3 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1240ـ كۆرۈرمىنى
TuranTekin
ئۆزىنى بىلمەسلىك - ئەڭ چوڭ نادانلىقتۇر!

دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1797
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 322
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە322دانە
شۆھرىتى: 334 نومۇر
پۇلى: 3350 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :467(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-04-14
ئاخىرقى : 2009-01-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

"ئارتۇق گەپ ........ كە يۈك" دىگەن راس ئىكەن ئەمەسمۇ؟!
yol
نادانلىق - زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى !!!
| ۋاقتى : 2008-12-08 20:14 4 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1240ـ كۆرۈرمىنى
nawebar873

دەرىجىسى :ياساۋۇل


UID نۇمۇرى : 1289
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 25
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە25دانە
شۆھرىتى: 28 نومۇر
پۇلى: 250 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :62(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-01-21
ئاخىرقى : 2009-01-06

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

1000يىللىقىغا ئاتاپ 1000نى باسقان بولغاندىكىن،تايىنلىق باھاسىنى 2008يۇەن قىلسىچۇ؟ئادەتتىكى نۇسخىسى چىقارمۇ؟
1som
| ۋاقتى : 2008-12-10 19:55 5 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1240ـ كۆرۈرمىنى
erdewil

دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1774
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 217
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە217دانە
شۆھرىتى: 898 نومۇر
پۇلى: 2470 سوم
تۆھپىسى: 25 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :97(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-01-21
ئاخىرقى : 2009-01-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

قېنى مۇشۇ كىتابنى ئورخۇن تورىدىكى قايسى تورداش  سېتىۋالدى، بىلگۈم كېلىۋاتىدۇ....
سۆيىمەن ئۇيغۇرنى مەڭگۈ!
| ۋاقتى : 2008-12-10 20:55 6 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1240ـ كۆرۈرمىنى
Qutghur

دەرىجىسى :پانسات


UID نۇمۇرى : 2090
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 292
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە292دانە
شۆھرىتى: 290 نومۇر
پۇلى: 2800 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :100(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-05-29
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

  ئەگەر باھاسى 100 ئەتراپىدا بولغاندا 50000مىڭ نۇسخا سېتىلىشى مۈكىن ئىدى ،
  ئەگەر 200 يۇئەن ئەتراپىدا بولغاندىمۇ 15000-20000 لارغىچە سېتىلىشى مۈمكىن ئىدى ،
    300يۇئەن بولغاندىمۇ 10000 ئەتراپىدا سېتىلىشى مۈمكىن ئىدى ،ئادەتتە ئېسىل رومانلاردىن خېلىلا كۆپ سېتىلاتتى .مەنمۇ سېتىۋالاتتىم ،ساقلاپ باقارمىز .
  دىمەكچى ،نەشىريات زىيان تارتمايتتى .
yol
| ۋاقتى : 2008-12-12 12:16 7 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1240ـ كۆرۈرمىنى
TuranTekin
ئۆزىنى بىلمەسلىك - ئەڭ چوڭ نادانلىقتۇر!

دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1797
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 322
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە322دانە
شۆھرىتى: 334 نومۇر
پۇلى: 3350 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :467(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-04-14
ئاخىرقى : 2009-01-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

Qutghur ئەپەندى، دىگەنلىرىڭىز ئورۇنلۇق. لىكىن بۇ يەردىكى مەسىلە بازاردىكى ئوبورت مەسىلىسى بىلەن ئىتىقادتىكى قىممەت مەسىلىسى. ئەگەر سىز دىگەندەك بولسا بەرھەق، ھەممە كىشى سېتىۋالالايتى. ھازىرقى باھا بۇيىچە بولغاندا بۇ مۈمكىن ئەمەس. شۇنداقتىمۇ مەن بۇنى قوللايمەن. بۇ يەردىكى مەقسەد قانداقتۇر پۇل تېپىۋېلىش، ياكى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ كۈچىنى چەكلەپ قۇيۇش ئەمەس ، بەلكى بىزدىن ئەشۇنداق بىر ئەجدادنىڭ ئۆتكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئەسىرىنىڭ بۇگۈنكى كۈندە شۇنداق ئالاھىيدە نەشىر قىلىنىشى ئارقىلىك ..... دىن ئورۇن ئېلىش. سىزمۇ بىلىشىڭىز مۈمكىن، مەھمۇد بوۋىمىزنىڭ ئىلگىرىكى قوليازمىلىرى ۋە كېيىنكى نەشىرلىرىدىكى كىتابلار تۈرلۈك سورۇنلاردا كۆزگە چېلىقىدىغان جايدىن ئورۇن ئالغان. ئالاھىيدە نەشىردىكى بۇ كىتاب ئارقىلىق بۇ بوشلۇقلار تولدۇرۇلىشى مۈمكىن.
جۇڭگۇنى ئىسلاھات يولىغا باشلىغۇچى دىڭ شياۋپېڭ ئەپەندى (بەلكىم 1992- يىلى جەنۇبنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن بۇلىشى مۈمكىن) نىڭ 90- يىللاردا ھەر خىل شەكىلدە، قىممىتى ئوخشاش بولمىغان بىر يۈرۈش ئالتۇندىن ھەل بىرىلگەن (بەزىلەر ئالتۇن دىگەن، ئېنىق ئېسىمدە قالماپتۇ) خاتىرە بۇيۇملىرى تارقىتىلغان. ھەر بىرىنىڭ باھاسى 1000 يۇەنگىمۇ يەتمەيتتى. شۇ چاغدا بىز بۇنى بەك قىممەت ئىكەن، ئەرزانراق بولغان بولسا بىرەردىن خاتىرە ئۈچۈن ئېلىپ قويغان بولساق بولاتتى دىيىشكەن. ھازىر قارايدىغان بولسىڭىز ئەللىك مىڭ يۇەنگىمۇ تاپقىلى بولمايدىكەن. 
دېمەكچى بولغۇنىم، ئالاھىيدە نەشىردىكى بۇ كىتابنىڭ باھاسى قانچە يۇقىرى، سانى قانچە ئاز بولسا شۇنچە ياخشى. (يەنىلا كاللامدىكىنى ئېنىق ئىزاھلاپ بىرەلمىدىم)
نادانلىق - زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى !!!
| ۋاقتى : 2008-12-12 18:12 8 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1240ـ كۆرۈرمىنى
TuranTekin
ئۆزىنى بىلمەسلىك - ئەڭ چوڭ نادانلىقتۇر!

دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1797
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 322
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە322دانە
شۆھرىتى: 334 نومۇر
پۇلى: 3350 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :467(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-04-14
ئاخىرقى : 2009-01-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

Quote:
6 - قەۋەتتىكى erdewil 2008-12-10 20:55 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
قېنى مۇشۇ كىتابنى ئورخۇن تورىدىكى قايسى تورداش  سېتىۋالدى، بىلگۈم كېلىۋاتىدۇ....

سېتىۋالغانلار چىقىپ قالارمىكىن دەيمەن............. مۇكاپات بارمۇ؟!
نادانلىق - زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى !!!
| ۋاقتى : 2008-12-14 18:59 9 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1240ـ كۆرۈرمىنى
timanbol

دەرىجىسى :ياساۋۇل


UID نۇمۇرى : 1064
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 41
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە41دانە
شۆھرىتى: 42 نومۇر
پۇلى: 410 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :120(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-11-27
ئاخىرقى : 2009-01-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

  ئالدى بىلەن كونا بويۇملارنى يىغىپ ساقلىغۇچىلار سېتىۋېلىشى مۈمكىن ( مۇشۇنداق بىر ياخشى ئىشنىڭ بارلىقىنى ئۇققان بولسا ) ، ئاندىن قالسا بۇ كىتاپنىڭ قەدرىگە يېتىدىغان ھەمدە قولىد ئېشىنچا پۇلى بار  كىشىلەر . . .
  راستىنى ئېيتسام  (مىراس سۈپىتىدە پەقەت 1000 يۈرۈشلا ) ھەقىقەتەن ساقلاش قىممىتى زوركەن ، بولسا ئىككىنى سېتىۋېلىپ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن بىرنى يۇقۇرى باھادا ساتسا يەنە بىرىنى مەڭگۈ ساقلىسا بولغىدەك . بىلىم ئېلىش نوقتىسىدىن ئالغاندىمۇ ھەم شۇنداق ، بۇنىسى ھەممىمىزگە ئايان . 
yol
| ۋاقتى : 2008-12-15 22:00 10 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1240ـ كۆرۈرمىنى
Qutghur

دەرىجىسى :پانسات


UID نۇمۇرى : 2090
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 292
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە292دانە
شۆھرىتى: 290 نومۇر
پۇلى: 2800 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :100(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-05-29
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

Quote:
8 - قەۋەتتىكى TuranTekin 2008-12-12 18:12 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
Qutghur ئەپەندى، دىگەنلىرىڭىز ئورۇنلۇق. لىكىن بۇ يەردىكى مەسىلە بازاردىكى ئوبورت مەسىلىسى بىلەن ئىتىقادتىكى قىممەت مەسىلىسى. ئەگەر سىز دىگەندەك بولسا بەرھەق، ھەممە كىشى سېتىۋالالايتى. ھازىرقى باھا بۇيىچە بولغاندا بۇ مۈمكىن ئەمەس. شۇنداقتىمۇ مەن بۇنى قوللايمەن. بۇ يەردىكى مەقسەد قانداقتۇر پۇل تېپىۋېلىش، ياكى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ كۈچىنى چەكلەپ قۇيۇش ئەمەس ، بەلكى بىزدىن ئەشۇنداق بىر ئەجدادنىڭ ئۆتكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئەسىرىنىڭ بۇگۈنكى كۈندە شۇنداق ئالاھىيدە نەشىر قىلىنىشى ئارقىلىك ...
دېمەكچى بولغۇنىم، ئالاھىيدە نەشىردىكى بۇ كىتابنىڭ باھاسى قانچە يۇقىرى، سانى قانچە ئاز بولسا شۇنچە ياخشى. (يەنىلا كاللامدىكىنى ئېنىق ئىزاھلاپ بىرەلمىدىم)

  سۆزلىرىڭىزنى چۈشەندىم ،كىتاپنىڭ بەتلىرىنىڭ سۈرىتىنىمۇ كۆردۈم .ھەقىقەتەن كۆركەم بېسىلىپتۇ .ساقلاپ قويۇشقا ئەرزىيدىكەن .لىكىن 1-نەشىرىدە ھەر-بىرى7-8 يۇئەنلىك 3 تومىنىڭ باھاسى بازارلاردا 150-250 يۇئەنلىك باھادا سېتىلىۋاتقانلىغىنى ،بۇ قىممەتلىك مىراسقا ھۆكىمەت ئورگانلىرىنىڭلا ئەمەس بەلكى ئادەتتىكى ئاۋامنىڭمۇ سېتىۋېلىش ئارزۇسى بارلىغىنى ئويلىشىش كېرەك ئىدى .نىمىلا دىگەن بىلەن كەتاپ بىر خىل ئالاھىدە توۋار ،ئادەمگە بىلىم بىرىدىغان تاۋار .ئۇنى قانچە كۆپ ئادەم ئۈگۈنۈپ نەپ ئالسا ،ئالىم ،مۇتەخەسىسلەر يېتىشىپ چىقسا كىتاپنىڭ قىممىتى ئاندىن نامايەن بولاتتىمىكى دەپ ئويلاۋاتىمەن . كىتاپنىڭ ياراتقان ئىختىزادى قىممىتى بىلەن بىزنىڭ پۇخرالارنىڭ ھەقىقەتەن مۇناسىۋىتى يوق .
  ئاچچىغىم كەلگىنى ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا بىر كىتاپپۇرۇش  بىرىنچى تومىنى(2-3- تومىنى 98-ئالغانىدىم) 150 يۇئەنگە بېرىشكە قوشۇلغاندا پات-ئارىدا نەشىر قىلىنىدىغان يېڭىسىنى ئالىمەن دەپ ئالمىغانىدىم .مانا ئەمدى 500 يۇئەنگە چىقىدىغان بولدى .
| ۋاقتى : 2008-12-16 16:48 11 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1240ـ كۆرۈرمىنى
artur2007

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 7195
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە1دانە
شۆھرىتى: 2 نومۇر
پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-12-04
ئاخىرقى : 2008-12-18

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مەنمۇ بۇ كىتاپنىڭ ئىلگىرى نەشىر قىلنغانلىرىنى سېتۋالاي دەپ شۇنچە سۈرۈشتۇرگەن بولساممۇ تاپالمىغان ئىدىم، بۇ قېتىم نەشىر قىنغىنى ياخشى بوپتۇ ، ئەمما تەننەرقى بىزە....؟
yol
| ۋاقتى : 2008-12-18 13:05 12 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1240ـ كۆرۈرمىنى
niyazdixan

دەرىجىسى :كۇلۇب باشلىقى


UID نۇمۇرى : 1760
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 297
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە297دانە
شۆھرىتى: 1170 نومۇر
پۇلى: 2940 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :199(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-01-21
ئاخىرقى : 2009-01-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

Qutghur ئەپەندىنىڭ دېگەنلىرى توغرا بۇنداق قىممەتلىك مىراسلارنى كۆرۈلمىلىك قىلىپ ساقلاپ قويۇشقا ئەمەس ، ئاۋامنىڭ بىلىم ئېلىشىنى مەقسەت قىلىپ چىقارغان بولسا بەكمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بولاتتى . سانىنى مىڭ ئەمەس ئون مىڭ قىلىپ باھاسىنى مۇۋاپىق قىلىپ چىقارغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى . كىتاپنىڭ باھاسى بەزىلەرگە ئەرزان بولغان بىلەن كۆپ سانلىق ئادەملەرگە نىسبەتەن يەنىلا قىممەت .
| ۋاقتى : 2008-12-18 23:12 13 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.095451(s) query 4, Time now is:01-11 17:46, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation